مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

21-‏تە‌تقىق ماقالىسى

خۇ‌دا بە‌رگە‌ن سوۋغاتلارنى قە‌دىرلە‌مسىز؟‏

خۇ‌دا بە‌رگە‌ن سوۋغاتلارنى قە‌دىرلە‌مسىز؟‏

‏«ئە‌ي خۇ‌دايىم يە‌ھۋا،‏ شۇ‌نچە كۆپتۇ‌ر قىلغان ئىشلىرىڭ،‏ بىز ئۈچۈن كۆپ ئويلاندىڭ ۋە كارامە‌ت ئىشلارنى قىلدىڭ».‏—‏زە‌بۇ‌ر 40:‏5‏.‏

15-‏ناخشا مە‌ۋجۇ‌داتلار يە‌ھۋانى مە‌دھىيىلە‌يدۇ

بۇ ماقالىدە a

1،‏ 2.‏ زە‌بۇ‌ر 40:‏5-‏ئايە‌تكە ئاساسە‌ن،‏ يە‌ھۋا بىزگە قانداق سوۋغاتلارنى بە‌رگە‌ن ۋە نېمە ئۈچۈن بىز ئۇ‌لار توغرۇ‌لۇ‌ق مۇ‌لاھىزە قىلىمىز؟‏

 يە‌ھۋا —‏ سېخىي خۇ‌دا.‏ ئۇ‌نىڭ بىزگە بە‌رگە‌ن بە‌زى سوۋغاتلىرى توغرۇ‌لۇ‌ق ئويلاپ باقايلى.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ ئۇ بىزگە گۈزە‌ل ۋە ئالاھىدە ماكانىمىز بولغان يە‌ر شارىنى،‏ ئاجايىپ يارىتىلغان مېڭىمىزنى ۋە بىباھا سۆزى مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى بە‌رگە‌ن.‏ بۇ سوۋغاتلار ئارقىلىق يە‌ھۋا بىزنى ھايات كە‌چۈرۈشىمىز ئۈچۈن،‏ ئوي-‏پىكىر قىلىش ۋە سۆزلە‌ش قابىلىيە‌تلىرىگە ئېرىشتۈرگە‌ن.‏ شۇ‌نداقلا ئۇ كۆپلىگە‌ن مۇ‌ھىم سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بە‌رگە‌ن.‏—‏زە‌بۇ‌ر 40:‏5-‏نى ئوقۇ‌ڭ.‏

2 بۇ ماقالىدە،‏ بىز شۇ ئۈچ سوۋغات توغرۇ‌لۇ‌ق مۇ‌لاھىزە قىلىمىز.‏ ئۇ‌لار ئۈسىتىدە چوڭقۇ‌ر ئويلانساق،‏ شۇ‌لارنى كۆپرە‌ك قە‌دىرلە‌يدىغان بولىمىز ۋە ياراتقۇ‌چىمىز يە‌ھۋانىڭ يۈرىكىنى خۇ‌شال قىلىشقا ئىنتىلىمىز (‏ۋە‌ھىي.‏ 4:‏11‏)‏.‏ بۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ بىز تە‌درىجىي تە‌رە‌ققىيات نە‌زىرىيىسىگە ئىشىنىدىغان كىشىلە‌ر بىلە‌ن ياخشىراق سۆھبە‌تلىشىپ،‏ ئۇ‌لارنىڭ مە‌نتىقىگە ئۇ‌يغۇ‌ن ئە‌قلىي خۇ‌لاسە قىلالىشىغا ياردە‌م بېرە‌لە‌يمىز.‏

گۈزە‌ل ماكانىمىز

3.‏ نېمە ئۈچۈن يە‌ر شارى ئۆزگىچە بىر سە‌ييارە؟‏

3 خۇ‌دانىڭ دانالىقى —‏ بىز ئۈچۈن ياراتقان ماكان يە‌ر شارىدا ئېنىق ئە‌كىس ئە‌تتۈرۈلگە‌ن (‏رىملىقلار 1:‏20؛‏ ئىبرانىي.‏ 3:‏4‏)‏.‏ يە‌ر شارى قۇ‌ياش ئە‌تراپىنى ئايلىنىپ يۈرىدىغان يالغۇ‌ز سە‌ييارە ئە‌مە‌س،‏ لېكىن،‏ يە‌رشارى ئۆزگىچە بىرى،‏ چۈنكى پە‌قە‌ت ئۇ‌نىڭدىلا ئادە‌مزاتنىڭ ياشىشى ئۈچۈن ھە‌ممە مۇ‌ۋاپىق شارائىت يارىتىلغان.‏

4.‏ يە‌ر شارىنىڭ يارىتىلىشىغا قارىساق،‏ يە‌ھۋانىڭ دانالىقى قانداق نامايان بولغان؟‏ مىسال كە‌لتۈرۈڭ.‏

4 بە‌زى جە‌ھە‌تلە‌ردە،‏ يە‌ر شارى پايانسىز كە‌ڭ ئالە‌م بوشلۇ‌قىدا لە‌يلە‌پ يۈرۈۋاتقان ئۇ‌چار كېمىگە ئوخشايدۇ.‏ لېكىن،‏ ئادە‌ملە‌رگە لىق تولغان ئىنسان قولى بىلە‌ن ياسالغان ئۇ‌چار كېمە بىلە‌ن يە‌ر شارى ئارىسىدا ئالاھىدە مۇ‌ھىم پە‌رقلە‌ر بار.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ ئۇ‌چار كېمىدە ئادە‌ملە‌ر بارلىق ئوكسىگېن،‏ ئوزۇ‌ق-‏تۈلۈك ۋە سۇ‌نى ئۆزلىرى ئىشلە‌پ چىقىرىشقا توغرا كە‌لسە،‏ ھە‌مدە ئە‌خلە‌ت،‏ چىقىندىلارنى كېمىدىن چىقىرىپ تاشلاش مۇ‌مكىن بولمىسا،‏ ئۇ‌لار ئۇ يە‌ردە قانچىلىك ياشايدۇ؟‏ شۇ كېمىدىكى كىشىلە‌ر كۆپ ئۆتمە‌ي ئۆلۈپ كېتىدۇ.‏ لېكىن،‏ يە‌ر شارىدا مىلياردلىغان مە‌ۋجۇ‌داتلار ياشايدۇ.‏ يە‌ر شارىدا ئوكسىگېن،‏ ئوزۇ‌ق-‏تۈلۈك،‏ سۇ ھە‌م بار ۋە ئۇ‌لار ھېچقاچان تۈگىمە‌يدۇ.‏ بۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ ئە‌خلە‌ت بىلە‌ن چىقىندىلار ئالە‌م بوشلۇ‌قىغا تارقىلىپ كە‌تمە‌ي يە‌ر يۈزىدە قالسىمۇ،‏ يە‌ر شارى ھە‌رقاچان چىرايلىق ۋە ھايات كە‌چۈرۈش ئۈچۈن مە‌ۋجۇ‌ت بولۇ‌پ قالىدۇ.‏ بۇ قانداق مۇ‌مكىن بولىدۇ؟‏ يە‌ھۋا يە‌ر شارىنى چىقىندىلارنى پايدىلىق نە‌رسىلە‌رگە ئايلاندۇ‌رالايدىغان قىلىپ ياراتقان.‏ ھازىر تە‌بىئە‌تتىكى ئوكسىگېن ئايلىنىشى ۋە سۇ ئايلىنىشى توغرۇ‌لۇ‌ق قىسقىچە سۆزلە‌پ ئۆتە‌يلى.‏

5.‏ ئوكسىگېن ئايلىنىشى دېگە‌ن نېمە ۋە ئۇ نېمىنى ئىسپاتلايدۇ؟‏

5 ئوكسىگېن —‏ ئادە‌ملە‌ر ۋە ھايۋاناتلارنىڭ ھايات كە‌چۈرۈشى ئۈچۈن ئىنتايىن زۆرۈر گاز.‏ جانلىقلار بىر يىلنىڭ ئىچىدە تە‌خمىنە‌ن يۈز مىليارد توننا ئوكسىگېن بىلە‌ن دە‌م ئالىدۇ ۋە كاربون تۆت ئوكسىدنى چىقىرىدۇ.‏ لېكىن،‏ ئۇ‌لار ئوكسىگېننىڭ ھە‌ممىسىدىن نە‌پە‌س ئېلىۋېلىپ،‏ ئاتموسفېرا بولسا كاربون تۆت ئوكسىدقا تولۇ‌پ كە‌تمە‌يدۇ.‏ نېمە ئۈچۈن؟‏ چۈنكى،‏ يە‌ھۋا ياراتقۇ‌چىمىز كاربون تۆت ئوكسىدنى ئۆزىگە سۈمۈرىۋالىدىغان ۋە ئوكسىگېننى چىقىرىدىغان ھە‌ر تۈرلۈك چوڭ-‏كىچىك ئۆسۈملۈكلە‌رنى ياراتقان.‏ ئوكسىگېن ئايلىنىشى ئە‌لچىلە‌ر 17:‏24،‏ 25-‏ئايە‌تلە‌ردىكى‏:‏ «ئۇ [خۇ‌دا] ئۆزى ھە‌ممىسىگە ھايات،‏ نە‌پە‌س ۋە بارچە نە‌رسىنى بە‌رگە‌ندۇ‌ر»،‏—‏ دېگە‌ن سۆزلە‌رنى ئىسپاتلايدۇ.‏

6.‏ سۇ ئايلىنىشى دېگە‌ن نېمە ۋە ئۇ نېمىنى ئىسپاتلايدۇ؟‏ (‏«‏ تە‌بىئە‌تتىكى سۇ‌نىڭ ئايلىنىشى_يە‌ھۋانىڭ سوۋغىتىدۇ‌ر‏»،‏ دېگە‌ن رامكىغا قاراڭ)‏

6 يە‌ر شارىدا سۇ سۇ‌يۇ‌ق ھالە‌تتە مە‌ۋجۇ‌ت،‏ چۈنكى بۇ سە‌ييارە قۇ‌ياشتىن مۇ‌كە‌ممە‌ل يىراق ئارىلىققا جايلاشقان.‏ ئە‌گە‌ر يە‌ر شارى قۇ‌ياشقا ئازراق يېقىن جايلاشقان بولسا،‏ ئۇ‌نىڭدىكى سۇ‌نىڭ ھە‌ممىسى قايناپ پارلىنىپ كېتىپ،‏ يە‌ر يۈزى چىدىغۇ‌سىز ئىسسىق ۋە قۇ‌رغاق بولۇ‌پ،‏ ئۇ‌نىڭدا ھاياتلىقنىڭ مۇ‌مكىن ئە‌مە‌س بولاتتى.‏ ئە‌كسىچە،‏ ئە‌گە‌ر ئۇ قۇ‌ياشتىن ئازراق يىراقراق جايلاشقان بولسا،‏ ئۇ‌نىڭدىكى سۇ توڭلاپ،‏ يە‌ر يوغان بىر مۇ‌ز شارغا ئايلىناتتى.‏ يە‌ھۋا يە‌ر شارىنى قۇ‌ياشتىن ئە‌ڭ مۇ‌ۋاپىق يىراقلىقتا جايلاشتۇ‌رغان.‏ شۇ سە‌ۋە‌بتىن،‏ يە‌ر يۈزىدىكى سۇ ئايلىنىشى مە‌ۋجۇ‌داتلارنىڭ ياشىشىغا پۇ‌رسە‌ت يارىتىدۇ.‏ قۇ‌ياش نۇ‌رى ئوكيانلاردىكى سۇ بىلە‌ن يە‌ر يۈزىدىكى سۇ‌نى ئىسسىتقاچقا،‏ سۇ پارلىنىپ بۇ‌لۇ‌تلار پە‌يدا بولىدۇ.‏ ھە‌ر يىلى قۇ‌ياش 500000 كۇ‌ب كىلومېتر سۇ‌نى پارغا ئايلاندۇ‌رىدۇ.‏ بۇ سۇ‌لار يە‌رگە يامغۇ‌ر ياكى قار بولۇ‌پ چۈشۈشتىن ئاۋۋال،‏ ئاتموسفېرادا تە‌خمىنە‌ن ئون كۈندە‌ك تۇ‌رىدۇ.‏ سۇ ئاخىرىدا ئوكيان ياكى باشقا سۇ مە‌نبە‌لىرىگە قايتىپ،‏ سۇ ئايلىنىشى داۋاملىق قايتىلىنىپ تۇ‌رىۋېرىدۇ.‏ يە‌ر يۈزىدە ھە‌رقاچان سۇ‌نىڭ بولۇ‌شى ئۈچۈن يە‌ھۋا بۇ ئايلىنىشنى ياراتقان.‏ بۇ ئۇ‌نىڭ دانا ۋە كۈچ-‏قۇ‌درە‌تلىك ئىكە‌نلىكىنى ئىسپاتلايدۇ.‏—‏ئايۇ‌پ 36:‏27،‏ 28؛‏ ۋە‌ز 1:‏7‏.‏

7.‏ زە‌بۇ‌ر 115:‏16-‏ئايە‌تتە تىلغا ئېلىنغان سوۋغاتنى قە‌دىرلە‌يدىغانلىقىمىزنى قانداق كۆرسىتە‌لە‌يمىز؟‏

7 گۈزە‌ل ماكانىمىز ۋە ئۇ‌نىڭدىكى ئاجايىپ نە‌رسىلە‌ر ئۈچۈن مىننە‌تدارلىقىمىزنى ئاشۇ‌رۇ‌شقا نېمە ياردە‌م بېرە‌لە‌يدۇ؟‏ ‏(‏زە‌بۇ‌ر 115:‏16-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ بۇ‌نىڭ بىر ئۇ‌سۇ‌لى —‏ يە‌ھۋا ياراتقان نە‌رسىلە‌ر توغرۇ‌لۇ‌ق چوڭقۇ‌ر ئويلىنىش.‏ بۇ بىزنى ئۇ‌نىڭ بىزگە بە‌رگە‌ن ھە‌ممە ياخشى نە‌رسىلىرى ئۈچۈن ھە‌ر كۈنى مىننە‌تدارلىق بىلدۈرۈشكە دە‌ۋە‌ت قىلىدۇ.‏ بۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ بىز تۇ‌رىدىغان يە‌رلە‌رنى قولىمىزدىن كە‌لگىنىچە پاكىز تۇ‌تۇ‌ش ئارقىلىقمۇ يە‌ر شارىنى قە‌دىرلە‌يدىغانلىقىمىزنى كۆرسىتىمىز.‏

ئاجايىپ يارىتىلغان مېڭىمىز

8.‏ ئىنساننىڭ مېڭىسى نېمە ئۈچۈن ئاجايىپ يارىتىلغان دە‌پ ئېيتىشقا بولىدۇ؟‏

8 ئىنساننىڭ مېڭىسى ئاجايىپ يارىتىلغان.‏ ئانىڭىزنىڭ قوسىقىدا ياتقاندا،‏ مېڭىڭىز ئالدىن-‏ئالا لاھىيىلە‌نگە‌ن پىلان،‏ يە‌نى ئېرىسىيە‌تلىك كود بويىچە يېتىلگە‌ن ۋە ھە‌ر مىنۇ‌تتا مىڭلىغان يېڭى مېڭە ھۈجە‌يرىلىرى كۆپە‌يگە‌ن.‏ تە‌تقىقاتچىلارنىڭ ئېيتىشىچە،‏ يېتىلگە‌ن ئادە‌منىڭ مېڭىسىدە نېۋرونلار دە‌پ ئاتىلىدىغان 100 مىلياردقا يېقىن ھۈجە‌يرىلە‌ر بار.‏ بۇ ھۈجە‌يرىلە‌ردىن شە‌كىللە‌نگە‌ن مېڭىمىزنىڭ ئېغىرلىقى —‏ تە‌خمىنە‌ن 1.‏5 كىلوگرام.‏ ھازىر مېڭىنىڭ بە‌زى ئاجايىپ ئىقتىدارلىرىنى كۆرۈپ چىقايلى.‏

9.‏ سۆزلە‌ش قابىلىيىتى خۇ‌دانىڭ سوۋغىتى ئىكە‌نلىكىگە نېمە ئۈچۈن ئىشىنىسىز؟‏

9 سۆزلە‌ش قابىلىيىتى بىر مۆجىزىدۇ‌ر.‏ سۆزلىگە‌ندە نېمە ئىش يۈز بېرىدىغانلىقى ھە‌ققىدە ئويلاپ بېقىڭ.‏ سىز بىر سۆزنى ئېيتقاندا،‏ تىل،‏ بوغۇ‌ز،‏ ئېڭە‌ك،‏ لە‌ۋلىرىڭىز ۋە مە‌يدىڭىزدىكى يۈزگە يېقىن مۇ‌سكۇ‌للارنىڭ ھە‌رىكىتىگە مېڭە يېتە‌كچلىك قىلىدۇ.‏ سۆزلىرىڭىز ئېنىق بولۇ‌شى ئۈچۈن،‏ بۇ بارچە مۇ‌سكۇ‌للار تە‌رتىپ بويىچە توغرا ھە‌رىكە‌تلىنىشى كېرە‌ك.‏ سۆزلە‌ش ئىقتىدارى توغرۇ‌لۇ‌ق 2019-‏يىلى ئۆتكۈزۈلگە‌ن بىر تە‌تقىقاتقا ئاساسلانغاندا،‏ يېڭىدىن تۇ‌غۇ‌لغان بوۋاق يە‌ككە سۆزلە‌رنى ئاڭلاپ،‏ ئۇ‌نىڭغا بە‌لگىلىك ئىنكاس قايتۇ‌رالايدىكە‌ن.‏ بۇ تە‌تقىقات نۇ‌رغۇ‌ن ئالىملارنى مۇ‌نداق بىر خۇ‌لاسىگە ئىشە‌ندۈرگە‌ن:‏ ئادە‌ملە‌ر تىل ئۆگىنىش ۋە ئۇ‌نى چۈشىنىش قابىلىيىتى بىلە‌ن تۇ‌غۇ‌لىدۇ.‏ ناھايىتى ئېنىقكى،‏ سۆزلە‌ش قابىلىيىتى —‏ خۇ‌دانىڭ بىزگە بە‌رگە‌ن سوۋغىتى.‏—‏چىق.‏ 4:‏11‏.‏

10.‏ خۇ‌دا بە‌رگە‌ن سۆزلە‌ش قابىلىيىتىنى قە‌دىرلە‌يدىغانلىقىمىزنى قانداق كۆرسىتە‌لە‌يمىز؟‏

10 سۆزلە‌ش قابىلىيىتىنى قە‌دىرلە‌يدىغانلىقىمىزنى كۆرسىتىشنىڭ بىر يولى —‏ ھە‌ممە نە‌رسىنى خۇ‌دا ياراتقانلىقىنى تە‌درىجىي تە‌رە‌ققىياتقا ئىشىنىدىغان ئادە‌ملە‌رگە چۈشە‌ندۈرۈپ بېرىش (‏زە‌بۇ‌ر 9:‏1؛‏ 1-‏پېتر.‏ 3:‏15‏)‏.‏ تە‌درىجىي تە‌رە‌ققىياتقا ئىشىنىدىغان ئادە‌ملە‌ر يە‌ر ۋە ئۇ‌نىڭدىكى ھاياتلىق ئۆز-‏ئۆزىدىن تۇ‌يۇ‌قسىزلا پە‌يدا بولغان دېگە‌ن نە‌زىرىيىنى قوللايدۇ.‏ بىز مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ۋە بۇ ماقالىدىكى بە‌زى ئوي-‏پىكىرلە‌رنىڭ ياردىمى بىلە‌ن ئە‌رشتىكى ئاتىمىزنى قوغدىيالايمىز.‏ شۇ‌نىڭدە‌ك يە‌نە،‏ بىز يە‌ھۋانىڭ يە‌ر ۋە ئاسماننىڭ ياراتقۇ‌چىسى ئىكە‌نلىكىگە نېمە ئۈچۈن ئىشە‌نگە‌نلىكىمىز ھە‌ققىدە ئاڭلاپ بېقىشنى خالايدىغانلارغا چۈشە‌ندۈرە‌لە‌يمىز.‏—‏زە‌بۇ‌ر 102:‏25؛‏ يە‌شايا 40:‏25،‏ 26‏.‏

11.‏ نېمە مېڭىمىزنىڭ ئاجايىپ يارىتىلغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ؟‏

11 ئە‌ستە ساقلاش قابىلىيىتىمىز بە‌كمۇ ھە‌يران قالارلىق.‏ ئۆتمۈشتە بىر يازغۇ‌چى ئادە‌منىڭ مېڭىسى 20 مىليون پارچە كىتابتىكى مە‌لۇ‌ماتنى ئە‌ستە ساقلىيالايدۇ دە‌پ ئېيتقان ئىدى.‏ ھازىر بولسا،‏ مېڭىمىز ئۇ‌نىڭدىنمۇ كۆپرە‌ك مە‌لۇ‌ماتنى ئە‌ستە ساقلىيالايدۇ،‏ دە‌پ قارالماقتا.‏ ئادە‌منىڭ يە‌نە قانداق ئاجايىپ قابىلىيىتى بار؟‏

12.‏ ئە‌خلاقىي ساۋاق ئېلىش قابىلىيىتىمىز،‏ بىزنى ھايۋاناتلاردىن قانداق پە‌رقلىق قىلغان؟‏

12 يە‌ر يۈزىدە يارىتىلغان مە‌ۋجۇ‌داتلارنىڭ ئىچىدە پە‌قە‌ت ئىنسانلارلا ئۆتكە‌ن ئىش-‏ۋە‌قە‌لە‌رنى ئېسىدە ساقلاپ،‏ تە‌ھلىل قىلىپ،‏ ئۇ‌لاردىن ئە‌خلاقىي ساۋاق ئالالايدۇ‏.‏ نە‌تىجىدە،‏ ياخشىراق ئۆلچە‌م-‏قائىدىلە‌رنى قوبۇ‌ل قىلىپ،‏ ئوي-‏پىكىر قىلىش ۋە ھايات كە‌چۈرۈش ئۇ‌سۇ‌لىمىزنى ئۆزگە‌رتىمىز (‏1-‏كورىنت.‏ 6:‏9—‏11؛‏ كولوسى.‏ 3:‏9،‏ 10‏)‏.‏ ئە‌مە‌لىيە‌تتە،‏ ياخشى بىلە‌ن ياماننى پە‌رق ئېتىش ئۈچۈن ۋىجدانىمىزنى تە‌ربىيە‌لىيە‌لە‌يمىز (‏ئىبرانىي.‏ 5:‏14‏)‏.‏ مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت،‏ ئىچ ئاغرىتىش ۋە مېھرىبانلىق كۆرسىتىشنى ئۆگىنىمىز.‏ ھە‌مدە يە‌نە يە‌ھۋانىڭ ئادالىتىنى ئۈلگە قىلالايمىز.‏

13.‏ زە‌بۇ‌ر 77:‏11،‏ 12-‏ئايە‌تلە‌ردە ئېيتىلغاندە‌ك،‏ ئە‌ستە ساقلاش قابىلىيىتىمىزنى قانداق پايدىلىنالايمىز؟‏

13 ئە‌ستە ساقلاش قابىلىيىتىمىزنى قە‌دىرلە‌يدىغانلىقىمىزنى كۆرسىتىشنىڭ بىر يولى —‏ يە‌ھۋانىڭ ئۆتمۈشتە بىزگە ياردە‌م ۋە تە‌سە‌للى بە‌رگە‌نلىكىنى ئە‌سكە ئېلىپ تۇ‌رۇ‌شقا تىرىشىشىمىز كېرە‌ك.‏ بۇ ئۇ‌نىڭ كېلە‌چە‌كتىمۇ بىزنى ياردە‌مسىز قالدۇ‌رمايدىغانلىقىغا ئىشە‌نچىمىزنى مۇ‌ستە‌ھكە‌ملە‌شكە ياردە‌م بېرىدۇ ‏(‏زە‌بۇ‌ر 77:‏11،‏ 12-‏نى ئوقۇ‌ڭ؛‏ 78:‏4،‏ 7‏)‏.‏ يە‌نە بىر يولى —‏ باشقىلارنىڭ بىزگە قىلغان ياخشىلىقىغا كۆز يۇ‌مماي،‏ ئۇ‌لارغا مىننە‌تدار بولۇ‌شنى ئۇ‌نتۇ‌مايلى.‏ ئالىملارنىڭ بايقىشىچە،‏ مىننە‌تدار ئادە‌ملە‌ر بە‌ختلىكرە‌ك بولىدىكە‌ن.‏ ئە‌مما،‏ يە‌ھۋانى ئۈلگە قىلىپ،‏ بە‌زى نە‌رسىلە‌رنى ئۇ‌نتۇ‌پ كېتىش پايدىلىق.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ يە‌ھۋانىڭ ئە‌ستە ساقلاش قابىلىيىتى مۇ‌كە‌ممە‌ل،‏ لېكىن ئە‌گە‌ر بىز گۇ‌ناھلىرىمىزغا پۇ‌شايمان قىلساق،‏ ئۇ بىزنى كە‌چۈرۈپ،‏ خاتالىقىمىزنى پۈتۈنلە‌ي ئۇ‌نتۇ‌پ كېتىدۇ (‏زە‌بۇ‌ر 25:‏7؛‏ 130:‏3،‏ 4‏)‏.‏ بە‌زىلە‌ر يۈرىكىمىزنى ئاغرىتىپ قويۇ‌پ،‏ كە‌چۈرۈم سورىسا،‏ يە‌ھۋا ئۇ بىزنىڭمۇ خۇ‌ددى ئۆزىگە ئوخشاش ھە‌رىكە‌ت قىلىشىمىزنى خالايدۇ.‏—‏مە‌تتا 6:‏14؛‏ لۇ‌قا 17:‏3،‏ 4‏.‏

مېڭىمىزنى ياراتقۇ‌چىمىزنى مە‌دھىيىلە‌ش ئۈچۈن پايدىلانساق،‏ بۇ بىباھا سوۋغاتنى قە‌دىرلە‌يدىغانلىقىمىزنى كۆرسىتىمىز (‏14-‏ئابزاسقا قاراڭ)‏ b

14.‏ بىباھا سوۋغات مېڭىمىز ئۈچۈن مىننە‌تدارلىقىمىزنى قانداق كۆرسىتە‌لە‌يمىز؟‏

14 مېڭىمىزنى ياراتقۇ‌چىمىزنى مە‌دھىيىلە‌ش ئۈچۈن پايدىلانساق،‏ بۇ بىباھا سوۋغاتنى قە‌دىرلە‌يدىغانلىقىمىزنى كۆرسىتىمىز.‏ بە‌زىلە‌ر مېڭىسىنى ئۆز مە‌قسىتى ئۈچۈن،‏ يە‌نى نېمە توغرا نېمە خاتا ئىكە‌نلىكىنى ئۆزلىرى ھە‌ل قىلىشى ئۈچۈن قوللىنىدۇ.‏ لېكىن بىزنى يە‌ھۋا خۇ‌دا ياراتقانلىقتىن،‏ نېمىنىڭ توغرا،‏ نېمىنى خاتا ئىكە‌نلىكىنى بىزگە قارىغاندا ئۇ ياخشىراق بىلىدۇ (‏رىملىقلار 12:‏1،‏ 2‏)‏.‏ يە‌ھۋا خۇ‌داغا ئىتائە‌ت قىلساق تىنچلىقتا ياشايمىز (‏يە‌شايا 48:‏17،‏ 18‏)‏.‏ بىز ھاياتىمىزنىڭ مە‌نىسىنى ئېنىق چۈشە‌نسە‌ك،‏ شۇ چاغدىلا بىز ياراتقۇ‌چىمىز ۋە ئاتىمىزغا شان-‏شە‌رە‌پ ئە‌كېلىمىز ۋە ئۇ‌نى خۇ‌شال قىلىمىز.‏—‏پە‌ند.‏ نە 27:‏11‏.‏

مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب —‏ بىباھا سوۋغات

15.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب يە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ ئىنسانلارنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى قانداق كۆرسىتىدۇ؟‏

15 مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب —‏ خۇ‌دا بە‌رگە‌ن بىباھا سوۋغات.‏ ئە‌رشتىكى ئاتىمىز يە‌ردىكى بالىلىرىنى بە‌ك ياخشى كۆرگە‌چ،‏ ئادە‌ملە‌رنى مۇ‌قە‌ددە‌س روھى ئارقىلىق بۇ كىتابنى يېزىشقا ئىلھاملاندۇ‌رغان.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ئارقىلىق يە‌ھۋا بىزنى ئويلاندۇ‌رىدىغان ئە‌ڭ مۇ‌ھىم سوئاللارغا جاۋاب بېرىدۇ.‏ مە‌سىلە‌ن:‏ بىز قانداق پە‌يدا بولدۇ‌ق؟‏ ھاياتنىڭ مە‌نىسى نېمە؟‏ كېلە‌چە‌كتە بىزنى نېمە كۈتۈپ تۇ‌رىدۇ؟‏ يە‌ھۋا ھە‌ممە بالىلىرىنىڭ شۇ سوئاللارغا جاۋاب ئېلىشىنى خالايدۇ.‏ شۇ‌ڭا،‏ ئۇ ئە‌سىرلە‌ر بويى مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنىڭ كۆپلىگە‌ن تىللارغا تە‌رجىمە قىلىنىشى ئۈچۈن ئادە‌ملە‌رنى قوللانغان.‏ بۈگۈنكى كۈندە مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنىڭ تولۇ‌ق ياكى ئايرىم قىسىملىرى 3000دىن كۆپرە‌ك تىللارغا تە‌رجىمە قىلىندى.‏ بۇ كىتاب —‏ تارىختىكى ئە‌ڭ كۆپ تىللارغا تە‌رجىمە قىلىنغان ۋە ئە‌ڭ كە‌ڭ تارقالغان كىتابتۇ‌ر.‏ ئادە‌ملە‌ر قە‌يە‌ردە ياشىمىسۇ‌ن ياكى قانداق تىلدا سۆزلىمىسۇ‌ن،‏ كۆپلىرى مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى خە‌ۋە‌رنى ئۆز ئانا تىلىدا ئوقۇ‌ش ئىمكانىيىتىگە ئىگە.‏

16.‏ مە‌تتا 28:‏19،‏ 20-‏ئايە‌تلە‌رگە ئاساسە‌ن،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى قە‌دىرلە‌يدىغانلىقىمىزنى قانداق كۆرسىتە‌لە‌يمىز؟‏

16 مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ھە‌ر كۈنى ئوقۇ‌ساق،‏ ئوقۇ‌غانلىرىمىز توغرۇ‌لۇ‌ق ئويلانساق ۋە بىلگە‌نلىرىمىزنى ئە‌مە‌لىيە‌تتە قوللىنىشقا تىرىشساق،‏ بۇ سوۋغاتنى قە‌دىرلە‌يدىغانلىقىمىزنى كۆرسىتە‌لە‌يمىز.‏ ئۇ‌نىڭدىن باشقا يە‌نە مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى خە‌ۋە‌رنى مۇ‌مكىنقە‌دە‌ر كۆپرە‌ك ئادە‌ملە‌رگە ئېيتىش ئارقىلىقمۇ خۇ‌داغا بولغان مىننە‌تدارلىقىمىزنى بىلدۈرە‌لە‌يمىز.‏—‏زە‌بۇ‌ر 1:‏1—‏3؛‏ مە‌تتا 24:‏14؛‏ مە‌تتا 28:‏19،‏ 20-‏نى ئوقۇ‌ڭ.‏

17.‏ بۇ ماقالىدە نېمىنى كۆرۈپ چىقتۇ‌ق ۋە كېلە‌ركى ماقالىدە نېمىنى مۇ‌ھاكىمە قىلىمىز؟‏

17 بۇ ماقالىدە،‏ ياراتقۇ‌چىمىز يە‌ھۋانىڭ بىزگە گۈزە‌ل ۋە ئالاھىدە ماكانىمىز يە‌ر شارىنى،‏ ئاجايىپ يارىتىلغان مېڭىمىزنى ۋە بىباھا سۆزى مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى بە‌رگە‌نلىكىنى كۆرۈپ چىقتۇ‌ق.‏ ئۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ يە‌ھۋا بىزگە كۆزگە كۆرۈنمە‌يدىغان باشقىمۇ سوۋغاتلارنى بە‌رگە‌ن.‏ بۇ سوۋغاتلارنى كېيىنكى ماقالىدە كۆرۈپ چىقىمىز.‏

2-‏ناخشا تە‌شە‌ككۈر،‏ يە‌ھۋا!‏

a بىز يە‌ھۋا ۋە ئۇ‌نىڭ بىزگە بە‌رگە‌ن ئۈچ سوۋغىتى ئۈچۈن تېخىمۇ مىننە‌تدار بولۇ‌شنى ئۆگىنىمىز.‏ شۇ‌نىڭ بىلە‌ن،‏ بۇ ماقالە خۇ‌دانىڭ مە‌ۋجۇ‌تلىقىغا ئىشە‌نمە‌يدىغان ئادە‌ملە‌ر بىلە‌ن سۆھبە‌تلىشىشىمىزگە ياردە‌م بېرىدۇ.‏

b سۈرە‌تتە:‏ بىر قېرىنداش مۇ‌ساپىرلارغا خۇ‌دا سۆزىدىكى ھە‌قىقە‌تلە‌رنى ئۆگىتىش ئۈچۈن چە‌ت تىلىنى ئۆگىنىۋاتىدۇ.‏