23-تەتقىق ماقالىسى
«ئىسىمىڭ مۇقەددەس بولسۇن»
«ئەي يەھۋا، سېنىڭ ئىسىمىڭ مەڭگۈ مەۋجۇت بولسۇن».—زەبۇر 134:13.
9-ناخشا ئالقىشلاڭ خۇدايىمىز يەھۋانى!
بۇ ماقالىدە a
1، 2. يەھۋا گۇۋاھچىلىرى ئۈچۈن قانداق مەسىلىلەر ئەڭ مۇھىم؟
بۈگۈنكى كۈندە، بىز مۇھىم ئىككى مەسىلىگە دۇچ كېلىمىز. ئۇلار — يەھۋانىڭ ھۆكۈمرانلىق ھوقۇقىنى قوللاش ۋە ئۇنىڭ ئىسىمىنى مۇقەددەس قىلىش. يەھۋا گۇۋاھچىلىرى سۈپىتىدە، بىز بۇ مەسىلىلەرنى مۇھاكىمە قىلىشنى ياخشى كۆرىمىز. بىراق، مۇشۇ ئىككى مەسىلە بىر-بىرىدىن ئايرىلماس، ئۆزئارا باغلىنىشلىق.
2 ھەممىمىز شۇنى چۈشۈنۈپ يەتتۇقكى، خۇدانىڭ ئىسىمى چوقۇم مۇقەددەس قىلىنىشى كېرەك. يەنە بىز يەھۋانىڭ ھۆكۈمرانلىق ھوقۇقى يەنى ھۆكۈمرانلىق قىلىش ئۇسۇلى ئەڭ ياخشى ئىكەنلىكى ئىسپاتلىنىشى كېرەكلىكىنى بىلىۋالدۇق. بۇ ئىككى مەسىلە بىز ئۈچۈن بەكمۇ مۇھىم.
3. يەھۋا دېگەن ئىسىم نېمىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؟
3 ئەمەلىيەتتە، يەھۋا دېگەن ئىسىم خۇدايىمىز توغرۇلۇق ھەممە نەرسىنى، يەنى ھۆكۈمرانلىق قىلىش ئۇسۇلىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. دېمەك، يەھۋانىڭ ئىسىمىغا داغ تەگكۈزمەي، ئۇنى مۇقەددەس قىلىش مۇھىم بىر مەسىلە دەپ ئېيتساق، ئۇنىڭ ھۆكۈمرانلىق قىلىش ئۇسۇلىمۇ ئەڭ ياخشى ئىكەنلىكى چوقۇم ئىسپاتلىنىشى كېرەك، دەيمىز. يەھۋانىڭ ئىسمى بىلەن ئۇنىڭ ھۆكۈمرانلىقى بىر-بىرىگە زىچ باغلىنىشلىق.—« مۇھىم بىر مەسىلە نېمىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ» ناملىق رامكىغا قاراڭ.
4. زەبۇر 134:13-ئايەتتە، خۇدانىڭ ئىسمى توغرۇلۇق نېمە ئېيتىلغان ۋە مۇشۇ ماقالىدە قانداق سوئاللارنى كۆرۈپ چىقىمىز؟
4 يەھۋانىڭ ئىسىمى بەكمۇ ئۆزگىچە (زەبۇر 135:13-نى ئوقۇڭ). نېمە ئۈچۈن خۇدانىڭ ئىسمى شۇنچىلىك مۇھىم؟ ئۇنىڭ ئىسىمىغا دەسلەپتە قانداق داغ تەگكۈزۈلگەن؟ خۇدا ئۆز ئىسىمىنى قانداق مۇقەددەس قىلىدۇ؟ بىز خۇدانىڭ ئىسىمىنى قوغداشقا ھەسسىمىزنى قانداق قوشالايمىز؟ بۇ سوئاللارنى كۆرۈپ چىقايلى.
ئىسىمىنىڭ مۇھىملىقى
5. بەزىلەر خۇدانىڭ ئىسىمى مۇقەددەس بولۇش كېرەكلىكىنى ئاڭلىغاندا قانداق سوئال قويۇشى مۇمكىن؟
5 «ئىسىمىڭ مۇقەددەس بولسۇن» (مەتتا 6:9). ئەيسا دۇئالىرىمىزدا خۇدانىڭ ئىسىمىنىڭ مۇقەددەس قىلىنىشىنى تىلغا ئېلىشنىڭ ئەڭ مۇھىملىقىنى ئېيتقان. بىراق، ئەيسانىڭ بۇ سۆزلىرى نېمىنى بىلدۈرىدۇ؟ بەزىلەر مۇنداق ئويلىشى مۇمكىن: «يەھۋانىڭ ئىسىمى ئاللىقاچان مۇقەددەس، داغسىز ۋە پاك ئەمەسمۇ؟» بۇنىڭغا جاۋاب تېپىش ئۈچۈن خۇدانىڭ ئىسىمى نېمىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى بىلىشىمىز كېرەك.
6. نېمە ئۈچۈن ئىسىم شۇنچە بەك مۇھىم؟
6 ئىسىم بۇ پەقەت قەغەز يۈزىگە يېزىپ قويۇلغان ھەرىپلەر ياكى ئۈنلۈك تەلەپپۇز قىلىنغان سۆزلا ئەمەس. مۇقەددەس كىتابتا مۇنداق دەپ يېزىلغان: «ياخشى نام زور بايلىقتىن ئەۋزەلدۇر» (پەند. نە 22:1؛ ۋەز 7:1). نېمە ئۈچۈن ئىسىم شۇنچە بەك مۇھىم؟ چۈنكى، ئادەمنىڭ ئىسىمى ئۇنىڭ شان-شۆھرەت ياكى ئىناۋىتىنى ۋە باشقىلار شۇ ئىسىم ھەققىدە نېمە ئويلايدىغانلىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. شۇڭا، ئادەمنىڭ ئىسىمىنىڭ قانداق ھەرىپلەر بىلەن يېزىلىشى ياكى قانداق تەلەپپۇز قىلىنىشى مۇھىم ئەمەس. بەلكى، باشقىلار بۇ ئىسىمنى ئاڭلىغاندا ياكى كۆرگەندە، ئۇلارنىڭ قەلبىدە ياكى مېڭىسىدە قانداق ئىزنا قالدۇرۇشى ئەڭ مۇھىم.
7. ئادەملەر خۇدانىڭ ئىسىمىغا قانداق داغ تەگكۈزگەن؟
7 ئادەملەر يەھۋا خۇدا توغرۇلۇق يالغان ئېيتسا، ئۇنىڭ شان-شۆھرىتىگە ھۇجۇم قىلىدۇ. ئۇلار خۇدانىڭ شان-شۆھرىتىگە ھۇجۇم قىلغاندا، ئۇنىڭ ئىسىمىغا داغ تەگكۈزىدۇ. ئېرەم بېغىدا بىرىنچى قېتىم خۇدا ئىسىمىغا شۇنداق ھۇجۇم قىلىنغان. ئاشۇ ئۆتمۈشتە بولغان ۋەقەدىن نېمىنى ئۆگىنەلەيدىغانلىقىمىزنى كۆرۈپ چىقايلى.
خۇدانىڭ ئىسىمىغا بىرىنچى قېتىم داغ تەگكۈزۈلۈشى
8. ئادەم-ئاتا بىلەن ھاۋا-ئانا نېمە قىلغان ۋە قانداق سوئاللار پەيدا بولغان؟
8 ئادەم-ئاتا بىلەن ھاۋا-ئانا خۇدانىڭ ئىسىمى يەھۋا ئىكەنلىكىنى ۋە ئۇ توغرۇلۇق كۆپ نەرسىلەرنى بىلگەن. مەسىلەن، ئۇلار يەھۋانىڭ ھاياتنى، ئاجايىپ جەننەت ماكان ۋە نىكاھلىق تۇرمۇشنى سوۋغات قىلغان ياراتقۇچى ئىكەنلىكىنى ياخشى بىلگەن (يارىت. 1:26—28؛ 2:18). لېكىن، يەھۋانىڭ ئۇلارغا قىلغان ئىشلىرى ھەققىدە تەپەككۈر قىلىپ ئويلىنىش ئۈچۈن مۇكەممەل مېڭىسى يەنى مۇلاھىزە قىلىش قابىلىيىتىنى داۋاملىق ئىشلەتكەنمۇ؟ يەھۋا دېگەن ئىسىم بىلەن ئاتالغان شەخسكە بولغان مېھىر-مۇھەببەت ۋە مىننەتدارلىقنى داۋاملىق ئاشۇردىمۇ؟ مۇشۇ سوئاللارنىڭ جاۋابلىرى خۇدانىڭ دۈشمىنى ئادەم-ئاتا بىلەن ھاۋا-ئانىنى سىنىغاندا روشەن بولغانىدى.
9. يارىتىلىش 2:16، 17؛ 3:1—5-ئايەتلەرگە ئاساسەن، يەھۋا تۇنجى ئەر-ئايالغا نېمە دېگەن، بىراق شەيتان ھەقىقەتنى قانداق بۇرمىلىغان؟
9 يارىتىلىش 2:16، 17؛ 3:1—5-نى ئوقۇڭ. شەيتان يىلاندىن پايدىلىنىپ، ھاۋا-ئانىدىن مۇنداق سوئال سورىغان: «خۇدا راستتىنلا باغدىكى بارلىق دەرەخلەرنىڭ مېۋىسىنى يېمەڭلار، دېدىمۇ؟» شەيتاننىڭ سورىغان سوئالىدا خۇدا توغرۇلۇق يوشۇرۇن سېلىنغان زەھەردەك بىر يالغان بار ئىدى. ئەمەلىيەتتە، خۇدا ئۇلارغا پەقەت بىر دەرەخنىڭ مېۋىسىدىن يېيىشنى مەنئىي قىلغان. بىراق، باشقا ھەرخىل دەرەخلەرنىڭ مېۋىسىنى يېيىشكە رۇخسەت بەرگەن (يارىت. 2:9). يەھۋا ھەقىقەتەن مەرد خۇدا. لېكىن، خۇدا بەلگىلىگەن بىر دەرەخنىڭ مېۋىسىدىن يېيىشىنى ئادەم-ئاتا بىلەن ھاۋا-ئانىغا رۇخسەت قىلمىغان. شۇڭا، شەيتان سوئال ئارقىلىق ھەقىقەتنى بۇرمىلىغان. شەيتان قارىماققا خۇدانى مەرد ئەمەس كۆرسەتمەكچى بولغان. شۇ سەۋەبتىن، ھاۋا-ئانا: «راستىنلا يەھۋا مېنىڭدىن ياخشى بىر نەرسىنى يوشۇرۇۋاتامدىغاندۇ؟»— دەپ گۇمان قىلغان بولۇشى مۇمكىن.
10. شەيتان خۇدانىڭ ئىسىمغا قانداق ئاشكارا تۆھمەت قىلغان ۋە ئۇنىڭ ئاقىۋىتى قانداق بولغان؟
10 شەيتان ئاشۇ سوئالنى قويغاندا، ھاۋا-ئانا يەنىلا خۇداغا ئىتائەتچان بولغان. ئۇ شەيتانغا خۇدانىڭ يېمەسلىك ھەققىدىكى بۇيرۇقىنى يادقا دەپ بەرگەن. ھاۋا-ئانا سۆزلەرگە سۆز قوشۇپ، ھەتتا دەرەخكە قول تەگكۈزمەسلىك كېرەك، دېگەن. ئۇ خۇدانىڭ ئاگاھلاندۇرۇشىغا قارشى چىقسا، چوقۇم ئۆلىدىغانلىقىنى ياخشى بىلگەن. لېكىن، شەيتان: « سىلەر ھەرگىز ئۆلمەيسىلەر»،— دېگەن (يارىت. 3:2—4). شەيتان پەقەت مۇنداقلا بىر يالغاننى ئېيتمىغان. ئۇ ھاۋا-ئانىغا يەھۋا يالغانچى، دەپ ئۇلدىن-ئۇدۇل خۇدانىڭ ئىسىمىغا تۆھمەت قىلىپ داغ كەلتۈرگەن. شۇنداق قىلىپ، شەيتان تۆھمەتخور ياكى ئىبلىسقا ئايلانغان. ھاۋا-ئانا پۈتۈنلەي ئالدىنىپ، شەيتانغا ئىشەنگەن (1-تىموت. 2:14). ئەمدى ھاۋا-ئانا يەھۋاغا قارىغاندا، شەيتانغا كۆپرەك ئىشىنىپ، نەتىجىدە ئېغىر خاتالىققا يېتەكلەيدىغان قارارنى چىقارغان. ئۇ يەھۋاغا ئىتائەتسىز قىلىپ، مەنئىي قىلىنغان مېۋىنى يېيىشكە باشلىغان. ئاندىن كېيىن، ئۇ ئادەم ئاتىغا بەرگەن.—يارىت. 3:6.
11. ئادەم-ئاتا بىلەن ھاۋا-ئانا نېمە قىلىشى كېرەك ئىدى؟
11 كېلىڭ، ھاۋا-ئانىنىڭ شەيتانغا قانداق جاۋاب بېرىش كېرەكلىكى توغرۇلۇق ئويلايلى. ئۇنىڭ مۇنداق جاۋاب بېرەلەيدىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلىڭ: «سەن كىم؟ سېنى تونۇمايمەن. مېنىڭ ئاتام يەھۋا، مەن ئاتامنى ياخشى كۆرىمەن ۋە ئۇنىڭغا ئىشىنىمەن. ئۇ ماڭا بارچە نەرسىلەرنى بەرگەن. سەن ئاتامنى يامان دەپ ئۇنىڭغا تىل تەگكۈزگۈدەك بولدۇڭما؟ كۆزۈمدىن تېز يوقال!» يەھۋا سۆيۈملۈك سادىق قىزىنىڭ شۇنداق سۆزلىرىنى ئاڭلىغان بولسا، قانچىلىك خۇشال بولۇپ كېتەر ئىدى-ھە؟! (پەند. نە 27:11). ئەمما، ھاۋا-ئانا يەھۋاغا سادىق سۆيگۈ-مۇھەببىتىنى كۆرسەتمىگەن. ھەتتا ئادەم-ئاتىمۇ شۇنداق قىلالمىغان ئىدى. ئادەم-ئاتا بىلەن ھاۋا-ئانىنىڭ خۇداغا سۆيگۈ-مۇھەببىتى يېتەرلىك بولمىغاچ، ئاتىسىنىڭ ئىسىمىغا تۆھمەت قىلىنغاندا، ئۇنى ھىمايە قىلالمىغان.
12. شەيتان ھاۋا-ئانىنىڭ مېڭىسىگە گۇمان ئۇرۇقىنى قانداق چاچقان ۋە ئادەم-ئاتا بىلەن ھاۋا-ئانا نېمە قىلمىغان؟
12 بىز كۆرگىنىمىزدەك، يەھۋا ئۇ ياخشى ئاتىمۇ، دېگەن گۇمان ئۇرۇقىنى شەيتان ھاۋا-ئانىنىڭ مېڭىسىگە چېچىش ئارقىلىق، يەھۋانىڭ شان-شۆھرىتىگە ھۇجۇم قىلغان. ئادەم-ئاتا بىلەن ھاۋا-ئانا بولسا يەھۋانىڭ ئىسىمى ۋە شان-شۆھرىتىنى شەيتاننىڭ ھۇجۇمىدىن قوغدىمىغان. ئۇلار شەيتاننىڭ ئۆزلىرىگە ئاسانلا تەسىر قىلىشىغا يول ئېچىپ بېرىپ، ئاتىسىغا قارشى چىققان. شەيتان بۈگۈنكى كۈندىمۇ ئوخشاش ھىيلە-مىكىرلىرىنى قوللىنىدۇ. ئۇ يەھۋاغا تۆھمەت قىلىپ، ئىسىمىغا ھۇجۇم قىلغان. شەيتاننىڭ يالغان سۆزلىرىگە ئىشەنگەن ئادەملەر، يەھۋانىڭ ھەققانىي ھۆكۈمرانلىقىنى ئاسان رەت قىلىدۇ.
يەھۋا ئۆز ئىسىمىنى مۇقەددەس قىلىدۇ
13. ھەزەكىيال 36:23-ئايەتتە، مۇقەددەس كىتابتىكى يادرولۇق مۇھىم خەۋەر قانداق ئىپادىلەنگەن؟
13 يەھۋا خۇدا ئۆزىگە قىلىنغان شۇ تۆھمەتتىن ئۆزىنى قوغدىماي، لىۋىنى چىشلەپ، سەۋر-تاقەت قىلىپ يۈرگەنمۇ؟ ياق! ئۇ ئۆزىنى قوغدىغان. مۇقەددەس كىتابنىڭ بېشىدىن ئاخىرغىچە، ئېرەم بېغىدا ھاقارەت قىلىنغان ئىسىمىنى داغدىن پاكلاش ئۈچۈن يەھۋانىڭ نېمە قىلغانلىقى توغرۇلۇق ئېيتىلىدۇ (يارىت. 3:15). مۇقەددەس كىتابتىكى يادرولۇق ئەڭ مۇھىم خەۋەرنى مۇنداق خۇلاسە قىلساق بولىدۇ: «يەھۋا خۇدا ئۆز ئوغلىنىڭ ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان پادىشاھلىقى ئارقىلىق ئۆز ئىسىمىنى مۇقەددەس قىلىدۇ ۋە يەر يۈزىدە تىنچلىق بىلەن ئادالەتنى ئورنىتىدۇ. شۇڭا، مۇقەددەس كىتابنى ئوقۇساق، يەھۋا ئۆز ئىسىمىنى قانداق مۇقەددەس قىلىدىغانلىقىنى چۈشىنىمىز.—ھەزەكىيال 36:23-نى ئوقۇڭ.
14. خۇدانىڭ ئېرەم بېغىدىكى ئىسيانغا بولغان ئىنكاسى ئۇنىڭ ئىسىمىنى قانداق مۇقەددەس قىلغان؟
14 يەھۋانىڭ ئۆز مەقسەتلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشىغا توسقۇنلۇق قىلىش ئۈچۈن شەيتان قولىدىن كەلگىنىنىڭ ھەممىسىنى قىلغان. لېكىن، ئۇ قايتا-قايتا مەغلۇپ بولغان. مۇقەددەس كىتابتا يەھۋا خۇدانىڭ قىلغان ئىشلىرى كۆرسىتىلگەن ۋە پەقەت ئۇ ھەقىقىي سۆيۈملۈك ئاتا ۋە ئەڭ ياخشى ھۆكۈمران ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىغان. راست شەيتان ۋە ئۇنىڭ تەرەپدارلىرىنىڭ ئىسيانى يەھۋانىڭ كۆڭلىنى بەكمۇ ئاغرىتقان (زەبۇر 78:40). ئەمما، يەھۋا بۇ مەسىلىنى دانالىق، سەۋرچانلىق ۋە ئادالەت بىلەن ھەل قىلغان. ئۇ يەنە ئۆزىنىڭ كۈچ-قۇدرىتىنى سان-ساناقسىز ئۇسۇللار بىلەن كۆرسەتكەن. ئەڭ مۇھىمى، ئۇ ھەربىر ئىشىدا ئۆز مېھىر-مۇھەببىتىنى كۆرسەتكەن (1-يۇھاننا 4:8). يەھۋا خۇدا ئۆز ئىسىمىنى مۇقەددەس قىلىشنى ھېچقاچان توختاتمايدۇ.
15. شەيتان خۇدانىڭ ئىسىمىغا قانداق تۆھمەت قىلىدۇ ۋە ئۇنىڭ نەتىجىسى قانداق بولۇۋاتىدۇ؟
15 شەيتان بىزنىڭ كۈنىمىزدە ھەم، خۇدانىڭ ئىسىمىغا تۆھمەت قىلماقتا. ئۇ ئادەملەرنىڭ قەلبىدە، خۇدا كۈچلۈك، ئادىل، دانا ۋە مېھىر-مۇھەببەتلىك ياراتقۇچى ئىكەنلىكىگە گۇمان پەيدا قىلىشقا ھەرىكەت قىلىدۇ. مەسىلەن، شەيتان ئادەملەرنى يەھۋا ياراتقۇچى ئەمەس، دەپ ئىشەندۈرۈشكە تىرىشىدۇ. ئەگەر ئادەملەر خۇدا بار دەپ ئىشەنسە، شەيتان ئۇلارنى خۇدا ۋە ئۇنىڭ ئۆلچەملىرى بىر چەكلىمە ۋە ئادىل ئەمەس، دەپ ئىشەندۈرمەكچى. ئۇ ھەتتا ئادەملەرگە يەھۋا ئىنسانلارنى دوزاخ ئوتىدا كۆيدۈرۈپ قىينايدىغان تاش يۈرەك ۋە زوراۋان خۇدا، دەپ ئۆگىتىدۇ. شۇ سەۋەبتىن، ئادەملەر شۇنداق تۆھمەتكە ئىشىنىپ، كېيىنكى قەدەمنى بېسىشى مۇمكىن. بۇ قەدەم — يەھۋانىڭ ئادىل ھۆكۈمرانلىقىنى رەت قىلىش. خۇدا شەيتاننى يوق قىلمىغىچە، ئۇ تۆھمەت قىلىشنى داۋاملاشتۇرىدۇ ۋە بىزگە ھەم ھۇجۇم قىلىپ، بىزنى يەھۋادىن يۈز ئۆرۈشكە ئازدۇرىدۇ. ئۇ غەلىبە قازىنالامدۇ؟
چوڭ مەسىلىدە سىزنىڭ رولىڭىز
16. ئادەم-ئاتا بىلەن ھاۋا-ئانا قىلالمىغان ئىشنى، سىز قانداق قىلالايسىز؟
16 يەھۋا نامۇكەممەل ئىنسانلارنىڭ ئۇنىڭ ئىسىمىنى مۇقەددەس قىلىشتا ئۆز ھەسسىسىنى قوشۇشقا روخسەت قىلىدۇ. شۇڭا، سىز ئادەم-ئاتا بىلەن ھاۋا-ئانا قىلالمىغان ئىشنى قىلالايسىز. ھەتتا خۇداغا تۆھمەت قىلىدىغان ۋە ئۇنىڭ ئىسىمىغا داغ كەلتۈرىدىغان ئادەملەرنىڭ ئارىسىدا ياشاۋاتقان بولسىڭىزمۇ، سىز يەھۋانىڭ مۇقەددەس، ئادىل، مېھرىبان ھەم رەھىم-شەپقەتلىك ئىكەنلىكىنى ئېيتالايسىز (يەشايا 29:23). ئۇنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى قوللاپ-قۇۋۋەتلىيەلەيسىز. پەقەت يەھۋانىڭ ھۆكۈمرانلىقى ھەقىقىي ئادىل ۋە ھەممە مەۋجۇداتلارغا بەخت-سائادەت ۋە تىنچلىق ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى باشقىلارنىڭ چۈشىنىشىگە ياردەم بېرەلەيسىز.—زەبۇر 37:9، 37؛ 146:5، 6، 10.
17. ئەيسا ئاتىسىنىڭ ئىسىمىنى باشقىلارغا قانداق تونۇتقان؟
17 بىز يەھۋانىڭ ئىسىمىنى قوغدىغاندا، ئەيسا مەسىھنى ئۈلگە قىلالايمىز (يۇھاننا 17:26). ئەيسا ئاتىسىنىڭ ئىسىمىنى تىلغا ئېلىپلا قويمىغان، بەلكى، ئۇنىڭ شان-شۆھرىتىنى قوغدىغان ئىدى. مەسىلەن، پەرىسىيلەر يەھۋانى قاتتىق قول، بۇيرۇقۋاز، رەھىمسىز ۋە ئادەملەرگە سوغۇق مۇئامىلە قىلىدىغان خۇدا قىلىپ كۆرسەتكەن، بىراق، ئەيسا بۇنىڭ ئەكسىچە سۈرەتلەپ بەرگەن. ئۇ خۇدانىڭ ئىنسانلارغا ھېسداشلىق قىلىدىغان، سەۋر-تاقەتلىك، سۆيگۈ-مۇھەببەتلىك ۋە كەچۈرۈشكە تەييار ئاتا ئىكەنلىكىنى، باشقىلارنىڭ كۆرۈپ يېتىشىگە ياردەم بەرگەن. ئەيسا كۈندىلىك تۇرمۇشىدا ئۆز ئاتىسىنىڭ پەزىلەتلىرىنى مۇكەممەل تۈردە ئەكىس ئەتتۈرۈپ، ئادەملەرنىڭ يەھۋانى تونۇشىغا ياردەم بەرگەن.—يۇھاننا 14:9.
18. يەھۋا توغرىسىدىكى يالغاننى ۋە تۆھمەتنى قانداق ئاغدۇرۇپ تاشلايمىز؟
18 ئەيساغا ئوخشاش، بىزمۇ يەھۋا توغرۇلۇق بىلگەنلىرىمىزنى باشقىلارغا ئېيتىپ، ئۇنىڭ سۆيگۈ مۇھەببەتلىك ۋە مېھرىبان خۇدا ئىكەنلىكىنى ئۇلارغا ئۆگىتەلەيمىز. شۇنداق قىلىپ، يەھۋا ھەققىدە قىلىنغان يالغانچىلىق ۋە چاپلانغان تۆھمەتنى ئاغدۇرۇپ تاشلايمىز. ئادەملەرنىڭ خۇدانىڭ ئىسىمىنى قەلبىدە ۋە مېڭىسىدە مۇقەددەس تۇتۇشىغا ياردەم بەرسەك، شۇ ئىسىمنىڭ مۇقەددەس بولۇشىغا ئۆز ھەسسىمىزنى قوشالايمىز. يەنە بىز نامۇكەممەل بولساقمۇ، يەھۋا خۇدادىن ئۈلگە ئالالايمىز (ئەفەس. 5:1، 2). گەپ-سۆز ۋە ئىش-ھەرىكەتلىرىمىز ئارقىلىق يەھۋانىڭ زادى قانداق خۇدا ئىكەنلىكىنى كۆرسەتسەك، ئۇنىڭ ئىسىمىنى مۇقەددەس بولۇشىغا ياردەم بېرەلەيمىز. ئادەملەرنى ناتوغرا ئوي-پىكىرلەردىن ئازاد قىلىپ، خۇدانىڭ ئىسىمىنى ئاقلاشقا ياردەم بېرەلەيمىز. شۇنىڭدىن باشقا، بىز نامۇكەممەل ئادەملەرنىڭ خۇداغا ساداقىتىنى ساقلىيالايدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ كۆرسىتىمىز.—ئايۇپ 27:5.
19. يەشايا 63:7-ئايەتكە ئاساسلانغاندا، بىزنىڭ تەلىم بېرىشىمىزنىڭ ئاساسىي مەقسىتى نېمە؟
19 بىز ئەمەلىيەتتە قوللىنىشقا بولىدىغان يەنە بىر مۇھىم ساۋاقنى كۆرۈپ چىقايلى. باشقا ئادەملەرگە مۇقەددەس كىتاب تەلىملىرىنى ئۆگەتكەندە، خۇدانىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى ۋە ئۇنىڭ كائىناتنى باشقۇرۇشقا ھوقۇقى بارلىقىنى پات-پات تەكىتلەيمىز. خۇدانىڭ قانۇنلىرى توغرۇلۇق ئېيتىش مۇھىم بولسىمۇ، بىزنىڭ ئەڭ ئاساسىي مەقسىتىمىز — باشقىلارنىڭ ئاسماندىكى ئاتىمىز يەھۋانى ياخشى كۆرۈشنى ئۆگىنىشىگە ۋە ئۇنىڭغا ساداقەتمەن بولۇپ قېلىشىغا ياردەم بېرىش. بىز خۇدانىڭ ئىسىمىنىڭ ئارقىسىدا قانداق شەخس تۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، ئۇنىڭ ئېسىل پەزىلەتلىرىگە كۆپرەك دىققەت ئاغدۇرىمىز (يەشايا 63:7-نى ئوقۇڭ). شۇنداق تەلىم بەرگىنىمىزدە، باشقىلارنىڭ يەھۋا خۇدانى ياخشى كۆرۈشىگە ياردەم بېرىمىز. يەنە ئۇلار يەھۋاغا سادىق بولۇشىنى خالىغاچقا، ئۇنىڭغا بويسۇنۇشنى ئۆگىتەلەيمىز.
20. كېلەركى ماقالىدە نېمە ھەققىدە مۇلاھىزە قىلىمىز؟
20 ئۇنداقتا، يۈرۈش-تۇرۇشۇم ۋە مەن تەلىم بېرىۋاتقان ئۇسۇل يەھۋانىڭ ئىسىمىنىڭ شان-شۆھرىتىنى ئاشۇرامدۇ ۋە باشقىلارنى ئۇنىڭغا جەلپ قىلامدۇ؟ مەن شۇنداق قىلىۋاتقانلىقىمغا قانداق جەزم قىلالايمەن؟ كېلەركى ماقالە، بۇ سوئاللارغا جاۋاب تېپىشقا ياردەم بېرىدۇ.
138-ناخشار يەھۋا — سېنىڭ ئىسىمىڭ
a ئىنسانلار ھەم پەرىشتىلەر قانداق مۇھىم بىر مەسىلىگە دۇچ كەلمەكتە؟ نېمە ئۈچۈن بۇ مەسىلە شۇنچە بەك مۇھىم ۋە ئۇنىڭ بىز بىلەن قانداق مۇناسىۋىتى بار؟ بۇ مەسىلىلەر ۋە ئۇنىڭ بىلەن باغلىنىشلىق سوئاللارنىڭ جاۋابلىرىنى بىلىش يەھۋا خۇدا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمىزنى مۇستەھكەملەشكە ياردەم بېرىدۇ.
b سۈرەتتە: ئىبلىس خۇداغا تۆھمەت قىلىپ، ھاۋا-ئانىغا خۇدانى يالغانچى، دەپ ئېيتقان. ئەسىرلەر ئۆتۈپ، شەيتان يەنىلا يەھۋانى تاش يۈرەك ۋە ئۇ بىزنى ياراتمىغان دېگەن يالغان تەلىملەرنى تارقاتماقتا.
c سۈرەتتە: بۇرادەر ئۆگىنىشنى ئۆتكۈزگەندە، خۇدا قانداق شەخس ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ.