مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

24-‏تە‌تقىق ماقالىسى

‏«ئىسىمىڭدىن ئە‌يمىنىشىم ئۈچۈن،‏ قە‌لبىمنى پۈتۈن قىلغايسە‌ن»‏

‏«ئىسىمىڭدىن ئە‌يمىنىشىم ئۈچۈن،‏ قە‌لبىمنى پۈتۈن قىلغايسە‌ن»‏

‏«ئىسىمىڭدىن ئە‌يمىنىشىم ئۈچۈن،‏ قە‌لبىمنى پۈتۈن قىلغايسە‌ن.‏ ئە‌ي تە‌ڭرىم يە‌ھۋا،‏ پۈتۈن قە‌لبىم بىلە‌ن ساڭا مە‌دھىيە ئېيتىمە‌ن».‏—‏زە‌بۇ‌ر 86:‏11،‏ 12‏.‏

23-‏ناخشا يە‌ھۋا —‏ بىزنىڭ كۈچىمىز

بۇ ماقالىدە a

1.‏ خۇ‌دادىن ئە‌يمىنىش نېمىنى بىلدۈرىدۇ ۋە يە‌ھۋانى ياخشى كۆرىدىغانلار ئۈچۈن ئۇ‌نىڭدىن ئە‌يمىنىش نېمە ئۈچۈن مۇ‌ھىم؟‏

 خۇ‌دانىڭ خىزمە‌تچىلىرى ئۇ‌نى ياخشى كۆرىدۇ ۋە ئۇ‌نىڭدىن ئە‌يمىنىدۇ.‏ بە‌زىلە‌رگە بۇ قارمۇ-‏قارشىلىقتە‌ك بىلىنىدۇ.‏ ئە‌مما،‏ بىز ۋە‌ھىمە پە‌يدا قىلىدىغان قورقۇ‌نچ ھە‌ققىدە ئە‌مە‌س،‏ بە‌لكى ئالاھىدە بىر قورقۇ‌ش ياكى ئە‌يمىنىش ھە‌ققىدە مۇ‌ھاكىمە قىلىمىز.‏ ئۇ‌نداقتا،‏ خۇ‌دادىن ئە‌يمىنىش نېمىنى بىلدۈرىدۇ؟‏ خۇ‌دادىن قورقىدىغان ياكى ئە‌يمىنىدىغان ئادە‌ملە‌ر ئۇ‌نى چىن قە‌لبىدىن ھۆرمە‌تلە‌يدۇ.‏ ئۇ‌لار ئاسماندىكى ئاتىسىنىڭ كۆڭلىنى رە‌نجىتىپ قويۇ‌شتىن قورقىدۇ،‏ سە‌ۋە‌بى ئۇ‌نىڭ بىلە‌ن بولغان دوستلۇ‌ق مۇ‌ناسىۋىتى بۇ‌زۇ‌لۇ‌شىنى خالىمايدۇ.‏—‏زە‌بۇ‌ر 111:‏10؛‏ پە‌ند.‏ نە 8:‏13‏.‏

2.‏ زە‌بۇ‌ر 86:‏11-‏ئايە‌تتىكى داۋۇ‌ت پادىشاھنىڭ سۆزلىرى ئاساسىدا،‏ قانداق ئىككى نە‌رسىنى مۇ‌ھاكىمە قىلىمىز؟‏

2 زە‌بۇ‌ر 86:‏11-‏نى ئوقۇ‌ڭ.‏ مۇ‌شۇ ئايە‌ت توغرۇ‌لۇ‌ق ئويلىغاندا،‏ ساداقە‌تمە‌ن داۋۇ‌ت پادىشاھ خۇ‌دادىن ئە‌يمىنىشنىڭ مۇ‌ھىملىقىنى ياخشى چۈشە‌نگە‌نلىكىنى ئېيتقان.‏ ھازىر داۋۇ‌ت دۇ‌ئاسىدا ئېيتقانلىرىنى ئۆزىمىزگە قانداق تە‌دبىقلىيالايدىغانلىقىمىزنى مۇ‌ھاكىمە قىلىمىز.‏ بىرىنچى،‏ نېمە ئۈچۈن خۇ‌دانىڭ ئىسىمىنى چوڭقۇ‌ر ھۆرمە‌تلە‌شنىڭ بىرنە‌چچە سە‌ۋە‌بىنى كۆرۈپ چىقىمىز.‏ ئىككىنچى،‏ خۇ‌دانىڭ ئىسىمىدىن ئە‌يمىنىدىغانلىقىمىزنى كۈندىلىك تۇ‌رمۇ‌شىمىزدا قانداق كۆرسىتە‌لە‌يدىغانلىقىمىزنى مۇ‌ھاكىمە قىلىمىز.‏

نېمە ئۈچۈن خۇ‌دانىڭ ئىسىمىدىن ئە‌يمىنىشىمىز كېرە‌ك؟‏

3.‏ مۇ‌سانىڭ خۇ‌دانىڭ ئىسىمىدىن ئە‌يمىنىشىگە قانداق ۋە‌قە ياردە‌م بە‌رگە‌ن؟‏

3 ھورىب تېغىدىكى قورام تاش ئارىسىدىكى غاردا،‏ مۇ‌سا پە‌يغە‌مبە‌ر تۈگۈلۈپ ئولتۇ‌رۇ‌پ،‏ يە‌ھۋانىڭ ئۇ‌لۇ‌غلىقى ئۆتكە‌نلىكىنى كۆرگە‌ندە،‏ نېمە ھېس قىلغانلىقىنى تە‌سە‌ۋۋۇ‌ر قىلىپ كۆرۈڭ.‏ ئېھتىمال،‏ بۇ ئە‌يسانىڭ كېلىشىدىن ئاۋۋال يۈز بە‌رگە‌ن كۆرۈنۈشلە‌ر ئارىسىدىكى ئە‌ڭ تە‌سىرلىك كۆرۈنۈش بولغان.‏ پە‌رىشتە ئېيتقان مۇ‌نۇ سۆزلە‌رنى مۇ‌سا ئاڭلىغان بولۇ‌شى مۇ‌مكىن:‏ «يە‌ھۋا،‏ يە‌ھۋا،‏ مېھرىبان ۋە رە‌ھىمدىل،‏ ئاسانلىقچە غە‌زە‌پلە‌نمە‌يدىغان،‏ سادىق مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببىتى ۋە ھە‌قىقىتى مول خۇ‌دادۇ‌ر.‏ مىڭلىغان ئىنسانلارغا سادىق مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببىتىنى كۆرسىتىپ،‏ خاتالىقنى،‏ سە‌ۋە‌نلىكنى ۋە گۇ‌ناھنى كە‌چۈرىدۇ» (‏چىق.‏ 33:‏17—‏23؛‏ 34:‏5—‏7‏)‏.‏ شۇ‌ڭا،‏ مۇ‌سا ھە‌ر قېتىم خۇ‌دانىڭ ئىسىمىنى ئىشلە‌تكە‌ندە،‏ ئۇ بېشىدىن ئۆتكۈزگە‌ن ۋە‌قە ھە‌ققىدە ئويلىغان.‏ كېيىن،‏ ئۇ ئىسرائىل خە‌لقىنى خۇ‌دانىڭ «ئۇ‌لۇ‌غ ۋە ھە‌يۋە‌تلىك ئىسىمىدىن» ئە‌يمىنىش كېرە‌كلىكى ھە‌ققىدە ئاگاھلاندۇ‌رغانلىقى ھە‌يران قالارلىق ئە‌مە‌س.‏—‏تە‌كرار.‏ قا 28:‏58‏.‏

4.‏ بىزنىڭ خۇ‌داغا تېخىمۇ چوڭقۇ‌ر ھۆرمە‌ت-‏ئېھتىرام كۆرسىتىشكە نېمە ياردە‌م بېرىدۇ؟‏

4 بىز يە‌ھۋانىڭ ئىسمى ھە‌ققىدە ئويلىغاندا،‏ ئۇ‌نىڭ قانداق شە‌خس ئىكە‌نلىكى توغرىسىدىمۇ ئويلىنىپ تە‌پە‌ككۇ‌ر قىلىشىمىز كېرە‌ك.‏ يە‌نە ئۇ‌نىڭ كۈچ-‏قۇ‌درىتى،‏ دانالىقى،‏ ئادىللىقى ۋە مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببىتى كە‌بى ئېسىل-‏پە‌زىلە‌تلىرى ھە‌ققىدە ھە‌م ئويلىشىمىز مۇ‌ھىم.‏ ئۇ‌نىڭ بارچە پە‌زىلە‌تلىرى توغرىسىدا ئويلىنىش بىزنى ئۇ‌نىڭغا تېخىمۇ چوڭقۇ‌ر ھۆرمە‌ت-‏ئېھتىرام كۆرسىتىشكە دە‌ۋە‌ت قىلىدۇ.‏—‏زە‌بۇ‌ر 77:‏11—‏15‏.‏

5،‏ 6.‏ (‏1)‏ خۇ‌دا ئىسىمىنىڭ مە‌نىسى قانداق؟‏ (‏2)‏ چىقىش 3:‏13،‏ 14 ۋە يە‌شايا 64:‏8-‏ئايە‌تلە‌رگە ئاساسە‌ن،‏ يە‌ھۋا خۇ‌دا ئۆز مە‌قسىتىنى قانداق بولغۇ‌زالايدۇ؟‏

5 بىز خۇ‌دا ئىسىمىنىڭ مە‌نىسى توغرۇ‌لۇ‌ق نېمە بىلىمىز؟‏ كۆپلىگە‌ن ئالىملار خۇ‌دانىڭ ئىسىمىنىڭ مە‌نىسى،‏ «ئۇ بولغۇ‌زىدۇ» دېگە‌ننى بىلدۈرىدىغانلىقىغا قوشۇ‌لىدۇ.‏ بۇ چۈشە‌نچە،‏ ئۇ‌نىڭ ئىرادىسىنى ئورۇ‌نلاشقا ھېچنە‌رسە توسالغۇ‌لۇ‌ق قىلالمايدۇ ۋە ھە‌رقانداق ۋە‌زىيە‌تلە‌ردە،‏ ئۇ خالىغىنىنى قىلالايدۇ،‏ دېگە‌نلە‌رنى ئېسىمىزگە سالىدۇ.‏ ئۇ مە‌قسىتىنى قانداق ئە‌مە‌لگە ئاشۇ‌رىدۇ؟‏

6 يە‌ھۋا ئۆز مە‌قسىتىنى ئە‌مە‌لگە ئاشۇ‌رۇ‌ش ئۈچۈن كىم بولۇ‌شقا توغرا كە‌لسە،‏ شۇ بولالايدۇ ‏(‏چىقىش 3:‏13،‏ 14-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ ماتېرىياللىرىمىز خۇ‌دانىڭ كىم ئىكە‌نلىكى توغرىسىدا ئويلىشىمىز كېرە‌كلىكىنى ئېسىمىزگە سالىدۇ.‏ يە‌ھۋا نامۇ‌كە‌ممە‌ل ئىنسانلارنىڭ ئۇ‌نىڭغا خىزمە‌ت قىلىشى ۋە ئۇ‌نىڭ ئىرادىسىنى ئورۇ‌نلىشى ئۈچۈن ئۇ‌لارنىڭ كىم بولۇ‌شىغا توغرا كە‌لسە،‏ ئۇ‌لارنى شۇ بولغۇ‌زالايدۇ ‏(‏يە‌شايا 64:‏8-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ شۇ‌نداق ئۇ‌سۇ‌للار بىلە‌ن،‏ يە‌ھۋا ئۆز مە‌قسىتىنى ئە‌مە‌لگە ئاشۇ‌رىدۇ ۋە ئۇ‌نىڭغا ھېچنېمە توسالغۇ‌لۇ‌ق قىلالمايدۇ.‏—‏يە‌شايا 46:‏10،‏ 11‏.‏

7.‏ ئاسماندىكى ئاتىمىزغا بولغان مىننە‌تدارلىقىمىزنى قانداق ئاشۇ‌رالايمىز؟‏

7 ئاسماندىكى ئاتىمىز بىز ئۈچۈن نېمە قىلغانلىقى ۋە بىزگە ئۇ‌نىڭ ئىرادىسىنى ئورۇ‌نلاشقا ياردە‌م بە‌رگە‌نلىكى توغرۇ‌لۇ‌ق تە‌پە‌ككۇ‌ر قىلساق،‏ ئۇ‌نىڭغا بولغان مىننە‌تدارلىقىمىزنى ئاشۇ‌رالايمىز.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ ئۇ ياراتقان ئاجايىپ نە‌رسىلە‌ر توغرىسىدا ئويلىساق،‏ ئۇ‌نىڭ بىز ئۈچۈن قىلغان ھە‌ممە ئىشلىرى قە‌لبىمىزنى قاتتىق ھاياجانغا سالىدۇ (‏زە‌بۇ‌ر 8:‏3،‏ 4‏)‏.‏ يە‌ھۋانىڭ ئۇ‌نىڭ ئىرادىسىنى ئورۇ‌ندىشىمىزغا ياردە‌م بە‌رگە‌نلىكى ھە‌ققىدە ئويلىساق،‏ ئۇ‌نىڭغا بولغان ھۆرمىتىمىز تېخىمۇ ئاشىدۇ.‏ يە‌ھۋانىڭ ئىسىمى ھە‌قىقە‌تە‌ن بە‌كمۇ ھە‌يۋە‌تلىك.‏ بۇ ئىسىم ئاسماندىكى ئاتىمىز كىم؟‏ ئۇ نېمە ئىشلارنى قىلغان؟‏ نېمە ئىشلارنى قىلىدۇ؟‏ دېگە‌نلە‌رنىڭ ھە‌ممىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.‏—‏زە‌بۇ‌ر 89:‏7،‏ 8‏.‏

‏«مە‌ن يە‌ھۋانىڭ ئىسىمىنى جاكارلايمە‌ن»‏

مۇ‌سانىڭ ئۆگە‌تكە‌نلىرى ئىلھام-‏مە‌دە‌ت بە‌رگە‌ن.‏ تە‌لىملە‌ردە يە‌ھۋانىڭ ئىسىمىغا ۋە ئۇ قانداق شە‌خس ئىكە‌نلىكىگە دىققە‌ت قارىتىلغان (‏8-‏ئابزاسقا قاراڭ)‏ b

8.‏ تە‌كرار قانۇ‌ن 32:‏2،‏ 3-‏ئايە‌تلە‌ر‏،‏ يە‌ھۋانىڭ ئۆز ئىسىمىغا قانداق كۆز قاراشتا ئىكە‌نلىكىنى كۆرسە‌تكە‌ن؟‏

8 ئىسرائىللار ۋە‌دە قىلىنغان زېمىنغا كىرىش ئالدىدا،‏ يە‌ھۋا ئۆزى مۇ‌ساغا ناخشا سۆزلىرىنى ئۆگە‌تكە‌ن (‏تە‌كرار.‏ قا 31:‏19‏)‏.‏ مۇ‌سا بولسا،‏ بۇ ناخشا سۆزلىرىنى ئادە‌ملە‌رگە ئۆگە‌تكە‌ن ‏(‏تە‌كرار قانۇ‌ن 32:‏2،‏ 3-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ بۇ شېئىرىي سۆزلە‌ر ھە‌ققىدە ئويلانساق،‏ يە‌ھۋانىڭ ئىسمى شۇ‌نچە بە‌ك مۇ‌قە‌ددە‌س بولسىمۇ،‏ ئۇ ئۆز ئىسىمىنى يوشۇ‌رۇ‌شنى خالىمايدىغانلىقىنى ئېنىق كۆرۈپ يېتە‌لە‌يمىز.‏ تە‌ڭرى يە‌ھۋا ئۆز ئىسىمىنى بارچە ئىنسان ۋە پە‌رىشتىلە‌رنىڭ بىلىشىنى خالايدۇ.‏ مۇ‌سانىڭ بۇ ناخشىدا خۇ‌دانىڭ ئىسمى ھە‌ققىدە ئۆگە‌تكە‌نلىرىنى ئاڭلاش ئىسرائىللار ئۈچۈن نېمە دېگە‌ن چوڭ شان-‏شە‌رە‌پ،‏—‏ ھە!‏ مۇ‌سانىڭ تە‌لىملىرى خۇ‌ددى سىم-‏سىم يامغۇ‌ر ئۆسۈملۈكلە‌رنىڭ ئۆسۈشىگە ياردە‌م بە‌رگە‌ندە‌ك،‏ ئۇ‌لارنىڭ ئېتىقادىنى كۈچە‌يتكە‌ن ۋە ئۇ‌لارنى ئىلھاملاندۇ‌رغان.‏ بىزمۇ مۇ‌ساغا ئوخشاش تە‌لىم بېرىۋاتىمىزمۇ؟‏

9.‏ يە‌ھۋانىڭ ئىسىمىنىڭ مۇ‌قە‌ددە‌س قىلىنىشىغا ھە‌سسىمىزنى قانداق قوشالايمىز؟‏

9 ئۆيمۇ-‏ئۆي ياكى ئاممىۋىي ئورۇ‌نلاردا ۋە‌ز قىلغاندا،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىن خۇ‌دانىڭ ئىسىمىنى ئادە‌ملە‌رگە كۆرسىتە‌لە‌يمىز.‏ ئۇ‌لارغا يە‌ھۋا خۇ‌دانى مە‌دھىيىلە‌يدىغان ئاجايىپ ماتېرىياللارنى،‏ فىلىملە‌رنى ۋە تور بېكىتىمىزدىكى مە‌لۇ‌ماتلارنى كۆرسىتە‌لە‌يمىز.‏ ئىشتا،‏ مە‌كتە‌پتە،‏ ساياھە‌ت قىلغاندا،‏ پۇ‌رسە‌ت تېپىپ كىشىلە‌رگە كۆيۈمچان ئاتىمىز يە‌ھۋا ۋە ئۇ قانداق خۇ‌دا ئىكە‌نلىكى ھە‌ققىدە ئېيتالايمىز.‏ ئادە‌ملە‌رگە ياراتقۇ‌چىمىزنىڭ كېلە‌چە‌كتە ئىنسانىيە‌ت ۋە يە‌ر يۈزى ئۈچۈن قىلىدىغان ئاجايىپ ئىشلىرى توغرىسىدا ئېيتالايمىز.‏ يە‌ھۋانىڭ بىزنى بە‌كمۇ ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى ئاڭلىغاندا،‏ ئۇ‌لار ئۈچۈن يېڭىلىق بولۇ‌شى مۇ‌مكىن.‏ باشقىلارغا كۆيۈمچان ئاتىمىز توغرىسىدا ھە‌قىقە‌تنى ئېيتساق،‏ ئۇ‌نىڭ ئىسىمىنىڭ مۇ‌قە‌ددە‌س قىلىنىشىغا ئۆز ھە‌سسىمىزنى قوشىمىز.‏ بىز ئادە‌ملە‌رنىڭ خۇ‌دا توغرىسىدا ئىلگىرى ئۆگىنىپ كە‌لگە‌ن تە‌لىملە‌رنىڭ ساختىلىقىنى چۈشىنىپ يېتىشىگە ياردە‌م بېرىپ،‏ يە‌ھۋاغا قىلىنغان تۆھمە‌تنى ئاغدۇ‌رۇ‌پ تاشلايمىز.‏ بىز مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىن ئۇ‌لارنىڭ كۆڭلىنى قانائە‌ت تاپقۇ‌زىدىغان ۋە تە‌سە‌للى بېرىدىغان تە‌لىملە‌رنى بېرىۋاتىمىز.‏—‏يە‌شايا 65:‏13،‏ 14‏.‏

10.‏ نېمە ئۈچۈن ئادە‌ملە‌رگە پە‌قە‌ت خۇ‌دانىڭ تە‌لە‌پلىرى ۋە ئۆلچە‌م-‏قائىدىلىرىنى ئۆگىتىپلا قويماسلىقىمىز كېرە‌ك؟‏

10 ئادە‌ملە‌ر بىلە‌ن مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب تە‌تقىق ئۆگىنىشىنى ئۆتكۈزگە‌ندە،‏ ئۇ‌لارنىڭ يە‌ھۋانىڭ ئىسىمىنى بىلىشىگە ۋە ئىشلىتىشىگە ياردە‌م بېرە‌لە‌يمىز.‏ يە‌نە ئۇ‌لارغا خۇ‌دانىڭ ئىسىمىنى تولۇ‌ق چۈشىنىشكە ياردە‌م بېرىشنى خالايمىز.‏ ئە‌گە‌ر بىز پە‌قە‌ت كۆرسە‌تمىلە‌ر،‏ ئە‌خلاق-‏ئۆلچە‌ملە‌ر ۋە قائىدە-‏تۈزۈملە‌رنى كۆرسىتىپ قويساقلا،‏ كۆزلىگە‌ن مە‌قسە‌تكە يېتە‌لە‌يمىزمۇ؟‏ ياخشى ئوقۇ‌غۇ‌چى خۇ‌دا قانۇ‌نلىرى ھە‌ققىدە ئۆگىنىپ،‏ ھە‌تتا ئۇ‌لارغا قايىل بولۇ‌شى مۇ‌مكىن.‏ بىراق،‏ ئۇ يە‌ھۋانى ياخشى كۆرگە‌چكە،‏ ئۇ‌نىڭغا ئىتائە‌ت قىلامدۇ؟‏ ئېسىڭىزدە بولسۇ‌نكى،‏ ھاۋا-‏ئانا خۇ‌دانىڭ قانۇ‌نىنى بىلگە‌ن،‏ ئە‌مما قانۇ‌ننى چىقارغان ئاتىنى ياخشى كۆرمىگە‌ن.‏ ئادە‌م-‏ئاتىمۇ شۇ‌نداق قىلغان (‏يارىت.‏ 3:‏1—‏6‏)‏.‏ شۇ‌ڭا،‏ بىز ئادە‌ملە‌رگە خۇ‌دانىڭ ھە‌ققانىي تە‌لە‌پلىرى ۋە ئۆلچە‌م-‏قائىدىلىرىنى ئۆگىتىپلا قويماي،‏ تېخىمۇ كۆپرە‌ك ئىشلارنى قىلىشىمىز كېرە‌ك.‏

11.‏ ئۆگە‌نگۈچىلە‌رگە قانۇ‌ن چىقارغۇ‌چىنى ياخشى كۆرۈشنى قانداق ئۆگە‌تسە‌ك بولىدۇ؟‏

11 يە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ تە‌لە‌پلىرى ۋە ئۆلچە‌م-‏قائىدىلىرى ھە‌ردائىم بىز ئۈچۈن پايدىلىقتۇ‌ر (‏زە‌بۇ‌ر 119:‏97،‏ 111،‏ 112‏)‏.‏ ئۆگە‌نگۈچىلە‌ر يە‌ھۋا بىزنى ياخشى كۆرگە‌چكە،‏ شۇ قانۇ‌نلارنى بە‌رگە‌نلىكىنى چۈشە‌نمىسە،‏ قانۇ‌نلارنىڭ پايدىسىنى كۆرە‌لمە‌سلىكى مۇ‌مكىن.‏ شۇ‌ڭا،‏ ئۇ‌لاردىن مۇ‌نداق سوئال سورىساق بولىدۇ:‏ «نېمە ئۈچۈن خۇ‌دا ئۆز خىزمە‌تچىلىرىدىن بۇ‌نى قىلىشنى تە‌لە‌پ قىلىدۇ ياكى ئۇ‌نى قىلماسلىققا بۇ‌يرۇ‌يدۇ؟‏ بۇ ئۇ‌نىڭ قانداق شە‌خس ئىكە‌نلىكىنى كۆرسىتىدۇ؟‏» ئە‌گە‌ر بىز ئۆگە‌نگۈچىلە‌رنىڭ يە‌ھۋا توغرىسىدا ئويلىنىشىغا ھە‌م ئۇ‌نىڭ ئۇ‌لۇ‌غ ئىسىمىنى ياخشى كۆرۈشىگە ياردە‌م بە‌رسە‌ك،‏ ئۇ‌لارنىڭ قە‌لبىگە تە‌سىر قىلىشىمىز مۇ‌مكىن.‏ ئۇ‌لار پە‌قە‌ت قانۇ‌ن-‏قائىدىلە‌رنىلا ئە‌مە‌س،‏ بە‌لكىم شۇ قانۇ‌ننى چىقارغۇ‌چىنىمۇ ياخشى كۆرە‌لە‌يدۇ (‏زە‌بۇ‌ر 119:‏68‏)‏.‏ شۇ چاغدا،‏ ئۇ‌لارنىڭ ئىمان-‏ئېتىقادى كۈچىيىدۇ ۋە دۇ‌چ كېلىدىغان سىناقلارغا بە‌رداشلىق بېرىشىگە ياردە‌م بېرە‌لە‌يمىز.‏—‏1-‏كورىنت.‏ 3:‏12—‏15‏.‏

‏«بىز بولساق ئە‌بە‌دىل-‏ئە‌بە‌د خۇ‌دايىمىز يە‌ھۋانىڭ ئىسمى بىلە‌ن ماڭىمىز»‏

داۋۇ‌ت پادىشاھ ئۆزىنىڭ قە‌لبىنىڭ بۆلۈنۈشىگە يول قويغان ئىدى (‏12-‏ئابزاسقا قاراڭ)‏

12.‏ قانداق ئە‌ھۋالدا،‏ داۋۇ‌ت ئۆز قە‌لبىنى پۈتۈن ساقلىيالمىغان ۋە نە‌تىجىدە نېمە بولغان؟‏

12 داۋۇ‌ت پادىشاھنىڭ زە‌بۇ‌ر 86:‏11-‏دىكى ‏«قە‌لبىمنى پۈتۈن قىلغايسە‌ن»،‏ دېگە‌ن سۆزلىرى بە‌ك مۇ‌ھىم.‏ كۆڭۈلنىڭ بە‌ك ئاسان بۆلۈنىدىغانلىقىنى داۋۇ‌ت ئۆزى بېشىدىن ئۆتكۈزگە‌ن.‏ بىر كۈنى،‏ ئۇ ئۆگىزىدە تۇ‌رۇ‌پ،‏ باشقا بىرىنىڭ ئايالى يۇ‌يۇ‌نۇ‌ۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ قالغانىدى.‏ دە‌ل شۇ چاغدا،‏ داۋۇ‌تنىڭ كۆڭلى بۆلۈنۈپ كە‌تكە‌نمۇ؟‏ ئۇ يە‌ھۋانىڭ «باشقىلارنىڭ خوتۇ‌نىغا،‏ .‏ .‏ .‏ كۆزۈڭنى قىزارتمىغىن»،‏ دېگە‌ن ئە‌مرنى بىلگە‌ن (‏چىق.‏ 20:‏17‏)‏.‏ داۋۇ‌ت شۇ‌نى بىلىپ تۇ‌رۇ‌پ،‏ ئۇ ئايالدىن كۆزىنى ئۈزمە‌ي قاراۋە‌رگە‌ن.‏ ئۇ‌نىڭ قە‌لبى ئىككىگە بۆلۈنۈپ،‏ بىر تە‌رە‌پتە ئاشۇ ئايال بە‌تشە‌بانى خالىسا،‏ باشقا تە‌رە‌پتە يە‌ھۋا خۇ‌دانى خۇ‌رسە‌ن قىلىشنى خالىغان.‏ گە‌رچە ئۇ خۇ‌دانى ياخشى كۆرۈپ،‏ ئۇ‌نىڭدىن ئە‌يمىنگە‌ن بولسىمۇ،‏ ئۇ ئۆز ھە‌ۋىسىنىڭ كە‌ينىدىن ئە‌گە‌شكە‌ن.‏ شۇ ئە‌ھۋالدا،‏ ئۇ يامان يولغا كىرىپ كە‌تكە‌ن.‏ بۇ يە‌ھۋانىڭ ئىسىمىغا داغ كە‌لتۈرگە‌ن.‏ يە‌نە ئۇ بىگۇ‌ناھ ئادە‌ملە‌رگە،‏ ھە‌تتا ئۆز ئائىلىسىدىكىلە‌رگە ئېغىر زىيان-‏زە‌خمە‌تلە‌رنى كە‌لتۈرگە‌نىدى.‏—‏2-‏سام.‏ 11:‏1—‏5،‏ 14—‏17؛‏ 12:‏7—‏12‏.‏

13.‏ داۋۇ‌تنىڭ قە‌لبى قايتىدىن پۈتۈن بولغانلىقىنى نە‌دىن بىلىمىز؟‏

13 يە‌ھۋا داۋۇ‌تنى ئە‌دە‌پلە‌پ تە‌ربىيە بە‌رگە‌ن.‏ كېيىن،‏ داۋۇ‌ت بىلە‌ن خۇ‌دانىڭ مۇ‌ناسىۋىتى ئە‌سلىگە كە‌لگە‌ن (‏2-‏سام.‏ 12:‏13؛‏ زە‌بۇ‌ر 51:‏2—‏4،‏ 17‏)‏.‏ داۋۇ‌ت كۆڭلى بۆلۈنگە‌نلىكى سە‌ۋە‌بلىك،‏ قانداق ئازاب چە‌ككە‌نلىكىنى ۋە قىيىنچىلىقلارنى باشتىن كە‌چۈرگە‌نلىكىنى ئە‌ستىن چىقارمىغان.‏ زە‌بۇ‌ر 86:‏11-‏دىكى داۋۇ‌تنىڭ سۆزلىرىنى يە‌نە بىر قېتىم ئوقۇ‌يلى:‏ «قە‌لبىمنى پۈتۈن قىلغايسە‌ن».‏ يە‌ھۋا داۋۇ‌تنىڭ قە‌لبىنى پۈتۈن قىلىشىغا ياردە‌م بە‌رگە‌نمۇ؟‏ ھە‌ئە،‏ ياردە‌م بە‌رگە‌ن.‏ كېيىنرە‌ك،‏ يە‌ھۋا داۋۇ‌تنىڭ كۆڭلى ئۇ‌نىڭغا مۇ‌تلە‌ق سادىق بولغانلىقىنى ئېيتقان.‏—‏1-‏پادىشاھ.‏ 11:‏4؛‏ 15:‏3‏.‏

14.‏ ئۆزۈمىزدىن قانداق سوئال سورىشىمىز كېرە‌ك ۋە نېمە ئۈچۈن؟‏

14 داۋۇ‌تنىڭ مىسالى بىزگە تە‌سە‌للى بېرىدۇ ۋە ئاگاھلاندۇ‌رىدۇ.‏ داۋۇ‌تنىڭ ئۆتكۈزگە‌ن ئېغىر گۇ‌ناھى،‏ خۇ‌دانىڭ بۈگۈنكى خىزمە‌تچىلىرى ئۈچۈن بىر ئاگاھلاندۇ‌رۇ‌ش.‏ بىز يېقىندا ياكى ئۇ‌زۇ‌ن يىللار ئىلگىرى خۇ‌داغا خىزمە‌ت قىلىشنى باشلىغان بولايلى،‏ ئۆزۈمىزدىن مۇ‌نداق سوئال سورىشىمىز كېرە‌ك:‏ «مە‌ن شە‌يتاننىڭ قە‌لبىمنى بۆلۈۋېتىشىگە قارشى تۇ‌رالايمە‌نمۇ؟‏»‏

شە‌يتان قە‌لبىڭىزنى بۆلۈۋېتىش ئۈچۈن قولىدىن كە‌لگە‌ننىڭ ھە‌ممىسىنى قىلىدۇ.‏ ئۇ‌نىڭغا بوي بە‌رمە‌ڭ!‏ (‏15،‏ 16-‏ئابزاسلارغا قاراڭ)‏ c

15.‏ تە‌ننىڭ ھە‌ۋە‌سلىرىنى قوزغايدىغان رە‌سىملە‌رنى كۆرۈپ قالغاندا،‏ خۇ‌دادىن ئە‌يمىنىش بىزنى قانداق قوغدايدۇ؟‏

15 مە‌سىلە‌ن،‏ سىز تېلېۋىزور ياكى ئىنتېرنېتتا تە‌ننىڭ ھە‌ۋە‌سلىرىنى قوزغايدىغان سۈرە‌تلە‌رنى كۆرۈپ قالدىڭىز دە‌يلى.‏ قانداق قىلىسىز؟‏ بە‌لكىم،‏ شۇ سۈرە‌ت ياكى فىلىم شە‌ھۋانىيلىقنى تە‌رغىپ قىلىدىغان مە‌زمۇ‌ندا ئە‌مە‌سقۇ؟‏ دە‌پ ئويلىشىڭىز مۇ‌مكىن.‏ بىراق،‏ شە‌يتان بۇ ئارقىلىق قە‌لبىمىزنى ئىككىگە بۆلۈۋە‌تمە‌كچى بولغان بولسىچۇ؟‏ (‏2-‏كورىنت.‏ 2:‏11‏)‏ بۇ سۈرە‌ت خۇ‌ددى چوڭ كۆتە‌كلە‌رنى يېرىشتا ئىشلىتىدىغان كىچىك تۆمۈر شىناغا ئوخشايدۇ.‏ شىنانىڭ ئىنچىكە ۋە ئۆتكۈر ئۇ‌چى كۆتە‌ككە قېقىلىدۇ.‏ كېيىن،‏ شىنانى ئۇ‌رۇ‌پ،‏ چوڭقۇ‌ر قاققانسېرى كۆتە‌ك ئىككىگە بۆلۈنۈپ كېتىدۇ.‏ تە‌ننىڭ ھە‌ۋە‌سلىرىنى قوزغايدىغان سۈرە‌تلە‌ر ئاشۇ شىنانىڭ ئۆتكۈر ئۇ‌چىغا ئوخشايدۇ.‏ بېشىدا ئۇ‌لارغا قاراشنىڭ ھېچ خە‌تىرى يوقتە‌ك كۆرۈنسىمۇ،‏ ۋاقىت ئۆتكە‌نسېرى ئادە‌منى خۇ‌داغا قارشى گۇ‌ناھ قىلىشقا ئۈندىشى مۇ‌مكىن.‏ شۇ‌ڭا،‏ نامۇ‌ۋاپىق ھە‌رقانداق نە‌رسىنىڭ قە‌لبىڭىزگە كىرىۋېلىشىغا يول بە‌رمە‌ڭ!‏ خۇ‌دانىڭ ئىسىمىدىن ئە‌يمىنىش ئۈچۈن قە‌لبىڭىزنى پۈتۈن ساقلاڭ!‏

16.‏ ئېزىقتۇ‌رۇ‌شلارغا دۇ‌چ كە‌لگە‌ندە،‏ ئۆزىڭىزگە قانداق سوئاللارنى قويۇ‌شىڭىز كېرە‌ك؟‏

16 شە‌يتان بىزنى ئېزىقتۇ‌رۇ‌ش ئۈچۈن ھە‌ۋە‌سلە‌رنى قوزغايدىغان سۈرە‌تلە‌ردىن تاشقىرى،‏ باشقىمۇ نە‌رسىلە‌رنى قوللىنىدۇ.‏ ئۇ‌نىڭغا قانداق ئىنكاس قايتۇ‌رىمىز؟‏ بۇ ئۇ‌نچە بە‌ك يامان ئە‌مە‌س،‏ دە‌پ ئويلاش ئاسان.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ مۇ‌نداق ئويلىشىمىز مۇ‌مكىن:‏ «مېنى مۇ‌شۇ ئىشلارنى قىلغىنىم ئۈچۈن جامائە‌تتىن چىقارمايدۇ،‏ شۇ‌ڭا بۇ ئانچە ئېغىر خاتالىق ئە‌مە‌سقۇ؟‏» بۇ‌نداق ئويلاش بە‌كمۇ خاتا.‏ بۇ‌نىڭ ئورنىغا،‏ ئۆزۈمىزگە مۇ‌نداق سوئاللارنى قويساق بولىدۇ:‏ «شە‌يتان مۇ‌شۇ ئېزىقتۇ‌رۇ‌ش ئارقىلىق يۈرىكىمنى ئىككىگە بۆلۈۋېتىشكە تىرىشىۋاتامدۇ؟‏ ناتوغرا ھە‌ۋە‌سلە‌رگە بېرىلسە‌م،‏ يە‌ھۋانىڭ ئىسىمىغا داغ تە‌گكۈزىمە‌نمۇ؟‏ بۇ ئىش-‏ھە‌رىكە‌تلە‌ر مېنى خۇ‌داغا يېقىنلاشتۇ‌رامدۇ ياكى ئۇ‌نىڭدىن يىراقلاشتۇ‌رامدۇ؟‏» مۇ‌شۇ‌نىڭغا ئوخشاش سوئاللار ھە‌ققىدە چوڭقۇ‌ر ئويلىنىڭ.‏ ئۆزىڭىزنى ئالدىماي،‏ سوئاللارغا چىن يۈرە‌كتىن جاۋاب بېرىش ئۈچۈن دانالىق سوراپ دۇ‌ئا قىلىڭ (‏ياقۇ‌پ 1:‏5‏)‏.‏ بۇ‌نداق ئىش تۇ‌تۇ‌ش سىزنى ھىمايە قىلىدۇ ۋە ئېزىقتۇ‌رۇ‌شلارنى ئە‌يسادە‌ك قە‌تئىي رە‌ت قىلىشىڭىزغا ياردە‌م بېرىدۇ.‏ ئۇ ئۆز ۋاقتىدا:‏ «كۆزۈمدىن يوقال،‏ شە‌يتان!‏»—‏ دېگە‌ن ئىدى.‏—‏مە‌تتا 4:‏10‏.‏

17.‏ نېمە ئۈچۈن ئىككىگە بۆلۈنگە‌ن قە‌لب بىر تىيىنغا يارىمايدۇ؟‏ مىسال كە‌لتۈرۈڭ.‏

17 ئىككىگە بۆلۈنگە‌ن قە‌لب بىر تىيىنغا يارمايدۇ.‏ بىـر تە‌نـتە‌ربىيە كوماندىسىـنىڭ بىر-‏بـىرى بىـلە‌ن چىقىشالمايدىغان ئە‌زالىرى بار دە‌يلى.‏ ئۇ‌لارنىڭ بە‌زىلىرى ئۆزىنىڭلا شان-‏شۆھرە‌تكە ئېرىشىشىنى خالايدۇ.‏ باشقىلىرى بولسا،‏ قائىدە بويىچە ئويناشنى خالىمايدۇ،‏ يە‌نە بىرلىرى تېرىنېرنى ھۆرمە‌تلىمە‌يدۇ.‏ شۇ‌نداق كوماندىنىڭ غە‌لىبە قازىنىشى قىيىن.‏ ئە‌كسىنچە،‏ ئىتتىپاقلاشقان كوماندىنىڭ غە‌لىبە قازىنىش ئېھتىمالى چوڭ.‏ ئە‌گە‌ر ئوي-‏خىياللىرىڭىز،‏ خاھىشلىرىڭىز ۋە ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌لىرىڭىز بىر يە‌ردىن چىقسا ۋە يە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ تە‌لە‌پلىرىگە ماس كە‌لسە،‏ قە‌لبىڭىز خۇ‌ددى ئاشۇ ئىتتىپاقلاشقان كوماندىغا ئوخشاش بولىدۇ.‏ ئېسىڭىزدە بولسۇ‌نكى،‏ شە‌يتان قە‌لبىڭىزنى بۆلۈۋە‌تمە‌كچى.‏ ئۇ ئوي-‏پىكىرلىرىڭىز،‏ ئارزۇ-‏ھە‌ۋە‌سلىرىڭىز ۋە ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌لىرىڭىزنىڭ يە‌ھۋانىڭ ئۆلچە‌ملىرىگە قارشى بولۇ‌شىنى خالايدۇ.‏ لېكىن،‏ يە‌ھۋاغا خىزمە‌ت قىلىش ئۈچۈن قە‌لبىڭىز پۈتۈن بولۇ‌شى كېرە‌ك (‏مە‌تتا 22:‏36—‏38‏)‏.‏ شە‌يتاننىڭ قە‌لبىڭىزنى بۆلۈۋېتىشىگە ھە‌رگىزمۇ يول بە‌رمە‌ڭ!‏

18.‏ مىكاھ 4:‏5-‏ئايە‌تتىكى سۆزلە‌رگە ئاساسە‌ن،‏ نېمە قىلىشقا بە‌ل باغلىدىڭىز؟‏

18 خۇ‌ددى داۋۇ‌تقا ئوخشاش يە‌ھۋاغا دۇ‌ئا قىلىڭ:‏ «ئىسىمىڭدىن ئە‌يمىنىشىم ئۈچۈن،‏ قە‌لبىمنى پۈتۈن قىلغايسە‌ن».‏ مۇ‌شۇ دۇ‌ئانىڭ سۆزلىرىگە لايىق ھايات كە‌چۈرۈش ئۈچۈن قولۇ‌ڭىزدىن كە‌لگە‌ننىڭ ھە‌ممىسىنى قىلىڭ.‏ ھە‌ر كۈنى كىچىك ياكى چوڭ قارارلارنى قىلغىنىڭىزدا،‏ يە‌ھۋانىڭ مۇ‌قە‌ددە‌س ئىسىمىدىن ئە‌يمىنىدىغانلىقىڭىز كۆرۈنسۇ‌ن.‏ شۇ‌نداق قىلسىڭىز،‏ يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىسى سۈپىتىدە ئۇ‌نىڭ ئىسىمىغا داغ كە‌لتۈرۈشتىن ساقلىنالايسىز (‏پە‌ند.‏ نە27:‏11‏)‏.‏ شۇ‌ندىلا،‏ ھە‌ممىمىز مىكاھ پە‌يغە‌مبە‌رگە ئوخشاش مۇ‌نداق ئېيتالايمىز:‏ «بىز بولساق،‏ ئە‌بە‌دىل-‏ئە‌بە‌د خۇ‌دايىمىز يە‌ھۋانىڭ ئىسىمى بىلە‌ن ماڭىمىز».‏—‏مىكاھ 4:‏5‏.‏

6-‏ناخشا خۇ‌دا خىزمە‌تچىسىنىڭ دۇ‌ئاسى

a زە‌بۇ‌ر 86:‏11،‏ 12-‏ئايە‌تلە‌ردىكى‏،‏ داۋۇ‌ت پادىشاھنىڭ دۇ‌ئالىرىدىكى بىرقانچە جۈملە سۆزلە‌رنى كۆرۈپ چىقىمىز.‏ يە‌ھۋانىڭ ئىسىمىدىن ئە‌يمىنىش دېگە‌ن نېمىنى بىلدۈرىدۇ؟‏ نېمە ئۈچۈن ئۇ ئۇ‌لۇ‌غ ئىسىمىنى چوڭقۇ‌ر ھۆرمە‌تلىشىمىز كېرە‌ك؟‏ خۇ‌دادىن ئە‌يمىنىش بىزنى ئېزىقتۇ‌رۇ‌شلاردىن قانداق قوغدايدۇ؟‏

b سۈرە‌تتە:‏ مۇ‌سا خە‌لققە يە‌ھۋانى مە‌دھىيىلە‌يدىغان ناخشىنى ئۆگە‌تكە‌ن.‏

c سۈرە‌تتە:‏ ھاۋا-‏ئانا ناتوغرا ھە‌ۋە‌سلە‌رنى رە‌ت قىلمىغان.‏ ئە‌كسىنچە،‏ بىز ناتوغرا ھە‌ۋە‌سلە‌رنى قوزغايدىغان ۋە خۇ‌دانىڭ ئىسىمىغا داغ كە‌لتۈرىدىغان سۈرە‌تلە‌ر ياكى باشقا نە‌رسىلە‌رنى رە‌ت قىلىمىز.‏