ئۆزىنى تۇتۇۋېلىش — يەھۋا خۇدانى خۇرسەن قىلىش ئۈچۈن ئۆزىمىزنى تۇتۇۋېلىش لازىم
«نەۋرە ئاكام بىلەن ئۇرۇشۇپ قالغاندا، مەن ئۇنىڭ گېلىنى بوغۇشقا باشلىدىم. ئۇنى ئۆلتۈرۈۋەتمەكچى بولدۇم».—پائۇل.
«ئۆيدە مەن سەۋەبسىز ئاسانلا ئاچچىقلىناتتىم. مەن ئۆي-جاھازلىرى، ئويۇنچۇقلار، يەنى قولۇمغا چىققاننىڭ ھەممىسىنى چېقىپ سۇندۇراتتىم».—ماركو.
بەلكىم، ھەممىمىز مۇشۇ ئىككىسىگە ئوخشاش شۇنچىلىك زوراۋان ئەمەستۇرمىز. راستىنى ئېيتقاندا، بەزى ۋاقىتلاردا ھەممىمىز ئۈچۈن ئۆز-ئۆزىمىزنى تۇتۇۋېلىش قىيىن بولىدۇ. چۈنكى، بىز ئادەم-ئاتىدىن گۇناھ قىلىش خاھىشىنى مىراس ئالدۇق (رىملىقلار 5:12). پائۇل بىلەن ماركوغا ئوخشاش بەزىلەر ئۆز-ئۆزىنى تۇتۇۋېلىپ، ئاچچىقىنى باسالمايدۇ. باشقىلىرى بولسا، ئۆز ئوي-پىكىرلىرىنى تىزگىنلىيەلمەيدۇ. مەسىلەن، ئۇلار ئۆزلىرى قورقىدىغان ياكى ئەندىشە قىلىدىغان نەرسىلەر ھەققىدە ئويلاۋېرىدۇ. يەنە بەزىلەر ئۈچۈن جىنسىي ئەخلاقسىز، ھاراقكەشلىك ۋە زەھەر چېكىش خاھىشلىرىغا قارشى تۇرۇش قىيىن.
ئۆز ئوي-خىياللىرىنى، ئارزۇ-ھەۋەسلىرىنى ۋە ئىش-ھەرىكەتلىرىنى تىزگىنلىيەلمەيدىغان ئادەم ئۆز ھاياتىنى نابۇت قىلىدۇ. بىراق، بىز بۇنىڭ ئالدىنى قانداق ئېلىشىمىز كېرەك؟ ئۆز-ئۆزىنى تۇتۇۋېلىشنى يېتىلدۈرۈش ئارقىلىق. بۇنى قىلىشقا تۆۋەندىكى ئۈچ سوئال بىزگە ياردەم بېرىدۇ: (1) ئۆزىنى تۇتۇۋېلىش دېگەن نېمە؟ (2) ئۆزىنى تۇتۇۋېلىش نېمە ئۈچۈن مۇھىم؟(3) «مۇقەددەس روھنىڭ مېۋىسى» قاتارىغا كىرىدىغان بۇ پەزىلەتنى قانداق يېتىلدۈرەلەيمىز؟ (گالاتىيا. 5:22، 23) بەزىدە ئۆزىمىزنى تۇتۇۋالالمايدىغان ۋاقىتلاردا، نېمە قىلىش كېرەكلىكىنى كۆرۈپ چىقىمىز.
ئۆزىنى تۇتۇۋېلىش دېگەن نېمە؟
ئۆزىنى تۇتۇۋالالايدىغان ئادەم ھەرقانداق ۋەزىيەتلەردە چېچىلىپ ئاچچىقلانمايدۇ. شۇنىڭدەك، ئۇ خۇدانى خۇرسەن قىلمايدىغان گەپ-سۆزلەرنى ياكى ئىش-ھەرىكەتلەرنى قىلمايدۇ.
ئەيسا ئۆزىنى تۇتۇۋېلىش نېمىنى بىلدۈرىدىغانلىقىنى ئۆز ئۈلگىسى بىلەن كۆرسەتكەنىدى. مۇقەددەس كىتابتا: «ھاقارەتكە ئۇچرىغاندا، ھاقارەت بىلەن جاۋاب قايتۇرمىغان. ئازاب چەككەندە ھېچكىمگە تەھدىت سالمىغان، ئەكسىچە ئۆزىنى ئادىل ھۆكۈم قىلغۇچىنىڭ قولىغا تاپشۇرغان»،— دەپ يېزىلغان (1-پېتر. 2:23). ئەيسا تۈۋرۈككە مىخلاقلىق تۇرغاندا، دۈشمەنلىرى ئۇنى مەسخىرە قىلغان، شۇ پەيتتە ھەم ئۇ ئۆزىنى تۇتۇۋالغانىدى (مەتتا 27:39—44). دىن ئۇستازلىرى ئۇنى سۆزىدىن تۇتۇۋالماقچى بولغاندا، ئۇ ھەيران قالارلىق سەۋرچانلىقنى كۆرسەتكەن (مەتتا 22:15—22). يەھۇدىيلار تاشلارنى ئېلىپ، ئەيساغا ئاتماقچى بولغاندا، ئۇ ئاجايىپ ئۈلگە كۆرسەتكەنىدى. ئەيسا ئۆچ ئېلىشنىڭ ئورنىغا، «ئۆزىنى يوشۇرۇپ، ئىبادەتخانىدىن چىقىپ كەتتى».—يۇھاننا 8:57—59.
ئەيسانى ئۈلگە قىلالايمىزمۇ؟ بىز مەلۇم دەرىجىدە ئۇنىڭدىن ئۈلگە ئالالايمىز. ئەلچى پېترۇس: «مەسىھ ھەم سىلەر ئۈچۈن ئازاب چېكىپ، ئىزىدىن ئەگىشىپ مېڭىشىڭلار ئۈچۈن ئۈلگە قالدۇردى»،— دەپ يازغان (1-پېتر. 2:21). گەرچە بىز نامۇكەممەل بولساقمۇ، ئەيسانىڭ ئۆزىنى تۇتۇۋېلىش ئۈلگىسىگە ئەگىشىپ ياشاش ئۈچۈن قولىمىزدىن كەلگەننىڭ ھەممىنى قىلىمىز. بۇنى قىلىش نېمە ئۈچۈن شۇنچىلىك مۇھىم؟
ئۆزىنى تۇتۇۋېلىش نېمە ئۈچۈن مۇھىم؟
يەھۋانى خۇرسەن قىلىش ئۈچۈن ئۆز-ئۆزۈمىزنى تۇتۇۋېلىشىمىز لازىم. ھەتتا يەھۋا خۇداغا نۇرغۇن يىل سادىق خىزمەت قىلساقمۇ، ئەگەر گەپ-سۆز ۋە ئىش-ھەرىكەتلىرىمىزنى تىزگىنلىمىسەك، ئۇنىڭ بىلەن بولغان دوستلۇق مۇناسىۋىتىمىزدىن ئايرىلىپ قېلىشىمىز مۇمكىن.
ئېسىڭىزدىمۇ، مۇسا پەيغەمبەر «يەر يۈزىدىكى بارلىق ئىنسانلار ئارىسىدىكى ئەڭ مۇلايىم كىشى ئىدى» (سانلار 12:3). مۇسا نۇرغۇن يىل ئىسرائىللارنىڭ شىكايىتىنى سەۋر-تاقەت بىلەن تىڭشاپ كەلگەن. لېكىن، بىر كۈنى ئىسرائىللار سۇ يېتىشمەسلىك تۈپەيلى نارازىلىق بىلدۈرگەندە، مۇسا ئۆز-ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي قالغان. ئۇ ئادەملەرگە قوپاللىق بىلەن: «ئاڭلاڭلار، ئەي ئىسىيانچىلار، مانا بۇ قورام تاشتىن سىلەرگە سۇ چىقىرىپ بېرەيلىمۇ؟»— دېگەن.—سانلار 20:2—11.
مۇسا ئۆز-ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي قالغان. يەھۋا خۇدانىڭ خەلق ئۈچۈن قىلغان مۆجىزىسىگە، ئۇ مىننەتدارلىق ۋە ئىززەت-ھۆرمەت كۆرسەتمىگەن (زەبۇر 106:32، 33). شۇ سەۋەبتىن، يەھۋا مۇسانىڭ ۋەدە قىلىنغان زېمىنغا كىرىشىگە رۇخسەت قىلمىغان (سانلار 20:12). ئۇ ھاياتىنىڭ ئاخىرىغىچە ئۆزىنى تۇتۇۋالالمىغانلىقى ئۈچۈن ئۆكۈنگەن بولۇشى مۇمكىن.—تەكرار. قا 3:23—27.
بىز ئۈچۈن قانداق ساۋاق؟ ھەقىقەتتە مەيلى قانچە يىل بولساقمۇ، بىزنى تېرىكتۈرىدىغان ياكى تۈزىتىشكە مۇھتاج بولغانلارغا ھەرگىزمۇ قوپاللىق بىلەن سۆزلىمەسلىكىمىز كېرەك (ئەفەس. 4:32؛ كولوسى. 3:12). راستىنى ئېيتقاندا، ياشتا چوڭ بولغانسېرى ۋە سالامەتلىكىمىز ناچارلاشقانسېرى ئۆز-ئۆزىمىزنى تۇتۇۋېلىش قىيىن بولۇشى مۇمكىن. ئەمما، مۇسانىڭ مىسالىنى ئەستىن چىقارمايلى. بىر قېتىم ئۆزىمىزنى تۇتۇۋالالماي قىلىپ، شۇنچە ئۇزۇن يىل يەھۋا بىلەن ئورناتقان دوستلۇق مۇناسىۋەتنى ۋەيران قىلىشنى ھەرگىزمۇ خالىمايمىز، شۇنداق ئەمەسمۇ؟! بۇ مۇھىم پەزىلەتنى يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن نېمە قىلىشىمىز لازىم؟
ئۆزىنى تۇتۇۋېلىشنى قانداق يېتىلدۈرەلەيمىز؟
مۇقەددەس روھ سوراپ، دۇئا قىلىڭ. نېمە ئۈچۈن؟ چۈنكى، ئۆزىنى تۇتۇۋېلىش مۇقەددەس روھنىڭ مېۋىسى ۋە يەھۋا خۇدا مۇقەددەس روھنى سورىغانلارغا بېرىدۇ (لۇقا 11:13). ئاسماندىكى ئاتىمىز ئۆز روھى ئارقىلىق بىزگە كېرەكلىك كۈچ بېرىدۇ (فىلىپى. 4:13). يەھۋا يەنە بىزگە مۇقەددەس روھنىڭ مېۋىسى ئۆز ئىچىگە ئالغان باشقىمۇ پەزىلەتلەرنى يېتىلدۈرۈشكە ياردەم بېرەلەيدۇ. مەسىلەن، مۇھەببەتنى يېتىلدۈرسەك، ئۆزۈمىزنى تۇتۇۋېلىش ئاسانراق بولىدۇ.—1-كورىنت. 13:5.
ئەفەس. 5:3، 4). ئەسلىدە، بىزنى يامان ئىش-ھەرىكەتلەرگە ئېزىقتۇرىدىغان ھەرقانداق نەرسىلەردىن قېچىشىمىز لازىم (پەند. نە 22:3؛ 1-كورىنت. 6:12). مەسىلەن، جىنسىي ئەخلاقسىزلىقتىن نېرى بولۇشنى خالايدىغان ئادەم، رومانتىكىلىق كىتاب ۋە كىنولاردىن چوقۇم ئۆزىنى تارتىشى زۆرۈر.
ئۆزىنى تۇتۇۋېلىشنى ئاجىزلاشتۇرىدىغان نەرسىلەردىن نېرى بولۇڭ. مەسىلەن، يامان ئىشلارنى كۆرسىتىدىغان توربەتلەردىن ۋە ئويۇن-تاماشىلاردىن نېرى بولۇڭ (بۇ نەسىھەتنى قوبۇل قىلىش قىيىن بولۇشى مۇمكىن. بىراق، بىز تىرىشساق، تەڭرى يەھۋا ئۆزۈمىزنى تۇتۇۋېلىشقا كېرەكلىك كۈچنى بېرىدۇ (2-پېتر. 1:5—8). ئۇ بىزگە ئوي-پىكىرلىرىمىزنى، گەپ-سۆزلىرىمىزنى ۋە ئىش-ھەرىكەتلىرىمىزنى تىزگىنلەشكە ياردەم بېرىدۇ. يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان پائۇل بىلەن ماركو ئۆزلىرىنىڭ يامان مىجەز-خۇلقىنى تىزگىنلەشنى ئۆگەنگەن. بىر بۇرادەرنىڭ مىسالىنى كۆرۈپ چىقايلى. ئۇ ماشىنا ھەيدىگەندە تېرىكىپ، ھەتتا باشقىلار بىلەن تاكالىشاتتى. ئۇ ئۆزگىرىش ئۈچۈن نېمە قىلغان؟ ئۇ شۇنداق دەيدۇ: «ھەر كۈنى مەن يالۋۇرۇپ دۇئا قىلاتتىم. ئۆزىنى تۇتۇۋېلىش ھەققىدىكى ماقالىلەرنى تەتقىق قىلاتتىم ۋە ياردەم بېرىدىغان ئايەتلەرنى يادلىۋالاتتىم. ئۇزۇن يىل تىرىشقان بولساممۇ، ھەر كۈنى ئەتىگەنلىكى سەۋرچان بولۇشۇم كېرەكلىكىنى ئېسىمگە سېلىپ تۇرىمەن. يەنە بارىدىغان جايغا ئالدىراپ ماڭماسلىقىم ئۈچۈن، يولغا سەل بالدۇرراق چىقىمەن».
ئۆزىمىزنى تۇتۇۋالالمىساقچۇ؟
بىز ھەممىمىز بەزىدە ئۆزىمىزنى تۇتۇۋالالماسلىقىمىز مۇمكىن. بۇنداق ۋەزىيەتلەردە يەھۋا خۇداغا دۇئا قىلىشتىن خىجىل بولۇشىمىز مۇمكىن. بىراق، دەل شۇنداق ۋەزىيەتكە چۈشسەك، يەھۋاغا تېخىمۇ يالۋۇرۇپ دۇئا قىلىشىمىز كېرەك. شۇڭا، ئۇنىڭغا دەرھال دۇئا قىلىڭ. ئۇنىڭدىن كەچۈرۈم ۋە ياردەمنى سوراڭ ھەم بۇ خاتالىقنى قايتىلىماسلىققا بەل باغلاڭ (زەبۇر 51:9—11). سىزنىڭ سەمىمىي دۇئايىڭىزنى ياراتقۇچى تىڭشىمايدۇ، دەپ ئويلىماڭ (زەبۇر 102:17). ئەلچى يۇھاننا، خۇدا ئوغلىنىڭ قېنى «بارلىق گۇناھلىرىمىزدىن پاك قىلىدۇ»، دېگەن سۆزلەرنى ئېسىمىزگە سالىدۇ (1-يۇھاننا 1:7؛ 2:1؛ زەبۇر 86:5). ئېسىڭىزدە بولسۇن، يەھۋا ئۆز خىزمەتچىلىرىگە بىر-بىرىنى قايتا-قايتا كەچۈرۈش كېرەكلىكىنى ئېيتىدۇ. دېمەك، بىزمۇ ئۇ بىزنى قايتا-قايتا كەچۈرىدىغانلىقىغا ئىشەنچ قىلالايمىز.—مەتتا 18:21، 22؛ كولوسى. 3:13.
مۇسا چۆلدە بىرلا قېتىم ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي قالغاندا، يەھۋا خۇدانىڭ كۆڭلىنى رەنجىتكەن. بۇنىڭغا قارىماستىن، خۇدا ئۇنى كەچۈرگەن. ئۇنىڭدىن باشقا، مۇقەددەس كىتابتا مۇسا ئىمان-ئېتىقادنىڭ ئاجايىپ ئۈلگىسىنى كۆرسەتكەنلىكى يېزىلغان (تەكرار. قا 34:10؛ ئىبرانىي. 11:24—28). خۇدا مۇسانىڭ ۋەدە قىلىنغان زېمىنغا كىرىشىگە رۇخسەت قىلمىغان بولسىمۇ، ئەمما كەلگۈسى يەر يۈزى جەننەتتە مەڭگۈ ياشاش پۇرسىتىگە ئېرىشتۈرىدۇ. بىزمۇ شۇنداق مۇكاپاتقا ئىگە بولۇش ئۈچۈن، ھازىرنىڭ ئۆزىدە ئۆزىنى تۇتۇۋېلىشنى يېتىلدۈرۈشىمىز مۇھىم.—1-كورىنت. 9:25.