مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

ئوقۇ‌رمە‌نلە‌رنىڭ سوئاللىرى

ئوقۇ‌رمە‌نلە‌رنىڭ سوئاللىرى

‏«مۇ‌قە‌ددە‌س روھنىڭ مېۋىسى» پە‌قە‌ت گالاتىيالىقلار 5:‏22،‏ 23-‏ئايە‌تلە‌ردە تىلغا ئېلىنغان پە‌زىلە‌تلە‌رنى ئۆز ئىچىگە ئالامدۇ؟‏

بۇ ئايە‌تتە توققۇ‌ز پە‌زىلە‌ت تىلغا ئېلىنغان:‏ «مۇ‌قە‌ددە‌س روھنىڭ مېۋىسى:‏ سۆيگۈ،‏ خۇ‌شاللىق،‏ تىنچلىق،‏ سە‌ۋر-‏تاقە‌ت،‏ مېھرىبانلىق،‏ ياخشىلىق،‏ ئىمان،‏ مۇ‌لايىملىق،‏ ئۆزىنى تۇ‌تۇ‌ۋېلىش».‏ خۇ‌دانىڭ روھى پە‌قە‌ت مۇ‌شۇ توققۇ‌ز پە‌زىلە‌تنى يېتىلدۈرۈشىمىزگە ياردە‌م بېرىدۇ،‏ دە‌پ قارىماسلىقىمىز كېرە‌ك.‏

بۇ‌نى نە‌دىن بىلىمىز؟‏ ئە‌لچى پاۋلۇ‌س مۇ‌قە‌ددە‌س روھنىڭ مېۋىسىنى تىلغا ئېلىشتىن ئىلگىرى مۇ‌نداق يازغان:‏ «گۇ‌ناھكار تە‌ننىڭ ئىشلىرى ئاشكارىدۇ‌ر،‏ ئۇ‌لار:‏ جىنسىي ئە‌خلاقسىزلىق،‏ ناپاكلىق،‏ شە‌ھۋانىيلىق،‏ بۇ‌تپە‌رە‌سلىك،‏ جىنكە‌شلىك،‏ ئۆچ-‏ئاداۋە‌ت ساقلاش،‏ ئۇ‌رۇ‌شـقاقلىق،‏ قـىزغانچـۇ‌قلۇ‌ق،‏ غـە‌زە‌پلىنىـش،‏ تـالاش-‏تارتىـش،‏ بۆلگۈنـچىلىك،‏ مە‌زھـە‌پچىلىك،‏ ھە‌سە‌تخورلۇ‌ق،‏ ھاراقكە‌شلىك،‏ ئە‌يش-‏ئىشرە‌تلە‌ر ۋە شۇ‌نىڭغا ئوخشاش ئىشلار»‏ (‏گالاتىيا.‏ 5:‏19—‏21‏)‏.‏ قىزىقارلىق يېرى شۇ‌كى،‏ پاۋلۇ‌س سۆزىنى «شۇ‌نىڭغا ئوخشاش ئىشلار» دە‌پ ئاياقلاشتۇ‌رغان.‏ دېمە‌ك،‏ «گۇ‌ناھكار تە‌ننىڭ ئىشلىرى» قاتارىغا،‏ كولوسىلىقلار 3:‏5-‏ئايە‌تتە تىلغان ئېلىنغان باشقا ئىشلارمۇ كىرىدىغانلىقىنى كۆرستىدۇ.‏ ئە‌لچى پاۋلۇ‌س توققۇ‌ز پە‌زىلە‌تنى ئاتاپ ئۆتكە‌ندىن كېيىن،‏ 23-‏ئايە‌تتە مۇ‌نداق دېگە‌ن:‏ ‏«بۇ‌نداق ئىشلارغا قارشى ھېچقانداق قانۇ‌ن يوقتۇ‌ر».‏ شۇ‌ڭا،‏ پاۋلۇ‌س مۇ‌قە‌ددە‌س روھنىڭ ياردىمى ئارقىلىق بىز يېتىلدۈرە‌لە‌يدىغان ھە‌ممە ئېسىل پە‌زىلە‌تلە‌رنىڭ تىزىملىكىنى ئاتاپ ئۆتۈشكە ئۇ‌رۇ‌نمىغان.‏

ئە‌لچى پاۋلۇ‌س تىموتىينى ئالتە پە‌زىلە‌تكە،‏ يە‌نى «ھە‌ققانىيلىق،‏ ئىخلاسمە‌نلىك،‏ ئىمان،‏ سۆيگۈ،‏ سە‌ۋر-‏تاقە‌ت،‏ مۇ‌لايىملىقنى» قوغلىشىشقا دە‌ۋە‌ت قىلغان (‏1-‏تىموت.‏ 6:‏11‏)‏.‏ بۇ‌لاردىن پە‌قە‌ت ئۈچى ئىمان،‏ سۆيگۈ،‏ مۇ‌لايىملىق «مۇ‌قە‌ددە‌س روھنىڭ مېۋىسى»گە كىرىدۇ.‏ ئە‌مما،‏ تىموتىي يە‌نە ھە‌ققانىيلىق،‏ ئىخلاسمە‌نلىك ۋە سە‌ۋر-‏تاقە‌تنى يېتىلدۈرۈشى كېرە‌ك ئىدى.‏—‏كولوسىلىقلار 3:‏12؛‏ 2-‏پېترۇ‌س 1:‏5—‏7-‏نى سېلىشتۇ‌رۇ‌ڭ.‏

شۇ‌ڭا،‏ گالاتىيالىقلار 5:‏22،‏ 23-‏ئايە‌تلە‌ردە يېتىلدۈرۈشكە بولىدىغان ھە‌ممە ئېسىل پە‌زىلە‌تلە‌ر يېزىلمىغان.‏ خۇ‌دا روھى بىزگە «مۇ‌قە‌ددە‌س روھنىڭ مېۋىسى»،‏ يە‌نى توققۇ‌ز پە‌زىلە‌تنى يېتىلدۈرۈشكە ياردە‌م بېرىدۇ.‏ بىراق،‏ روھىي جە‌ھە‌تتىن يېتىلگە‌ن مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىسى بولۇ‌ش ئۈچۈن،‏ يە‌نە كۆپ پە‌زىلە‌تلە‌رنى يېتىلدۈرۈش ۋە «ھە‌ققانىيلىققا ۋە ساداقە‌تكە ئۇ‌يغۇ‌ن،‏ خۇ‌دانىڭ ئىرادىسىگە مۇ‌ۋاپىق يارىتىلغان يېڭى شە‌خسنى» كىيىش زۆرۈر.‏—‏ئە‌فە‌س.‏ 4:‏24‏.‏