مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

28-‏تە‌تقىق ماقالىسى

ھە‌قىقە‌ت يولىنى تاپقىنىڭىزغا كۆز يە‌تكۈزۈڭ!‏

ھە‌قىقە‌ت يولىنى تاپقىنىڭىزغا كۆز يە‌تكۈزۈڭ!‏

‏«ئۆگە‌نگە‌ن ۋە قايىل بولۇ‌پ ئىشە‌نگە‌ن تە‌لىملە‌رنى داۋاملىق چىڭ تۇ‌ت»‏‏.‏‏—‏2-‏تىموت.‏ 3:‏14‏.‏

34-‏ناخشا ئىسىمىمىزغا ماس ياشايلى

بۇ ماقالىدە a

1.‏ «ھە‌قىقە‌ت» سۆزى نېمىنى بىلدۈرىدۇ؟‏

 بە‌لكىم،‏ «سىز ھە‌قىقە‌تنى قانداق بىلدىڭىز؟‏ ھە‌قىقە‌تنى كىچىكىڭىزدىن بىلە‌مسىز؟‏ ھە‌قىقە‌تنى بىلگىنىڭىزگە قانچە ۋاقىت بولدى؟‏»—‏ دېگە‌ندە‌ك سوئاللارنى،‏ باشقىلار سىزدىن سورىغان ياكى سىز باشقىلاردىن سورىغانسىز.‏ بۇ يە‌ردىكى «ھە‌قىقە‌ت» سۆزى نېمىنى بىلدۈرىدۇ؟‏ ئادە‌تتە،‏ «ھە‌قىقە‌ت» دېگە‌ن سۆزنى قانداق تە‌لىملە‌رگە ئىشىنىش،‏ خۇ‌داغا قانداق ئىبادە‌ت قىلىش ۋە ھايات كە‌چۈرۈش ئۇ‌سۇ‌لىمىزغا قارىتا ئىشلىتىمىز.‏ ھە‌قىقە‌تتە بولغانلار مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنىڭ تە‌لىملىرىنى بىلىپ،‏ ئۇ‌نىڭدىكى پرىنسىپلارغا ماس ھايات كە‌چۈرىدۇ.‏ نە‌تىجىدە،‏ شۇ‌نداق ئادە‌ملە‌ر ساختا دىنىي تە‌لىملە‌ردىن ئازاد بولىدۇ ھە‌م نامۇ‌كە‌ممە‌ل بولسىمۇ،‏ بە‌ختلىك ھايات كە‌چۈرىدۇ.‏—‏يۇ‌ھاننا 8:‏32‏.‏

2.‏ يۇ‌ھاننا 13:‏34،‏ 35-‏ئايە‌تلە‌رگە ئاساسە‌ن،‏ دە‌سلە‌پتە بىر كىشىنى ھە‌قىقە‌تكە نېمە جە‌لپ قىلىشى مۇ‌مكىن؟‏

2 دە‌سلە‌پتە سىزنى ھە‌قىقە‌تكە نېمە جە‌لپ قىلغان؟‏ بە‌لكىم،‏ بۇ يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرىنىڭ ياخشى يۈرۈش-‏تۇ‌رۇ‌شى (‏1-‏پېتر.‏ 2:‏12‏)‏.‏ ئېھتىمال،‏ ئۇ‌لارنىڭ باشقىلارغا كۆرسە‌تكە‌ن مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببىتى.‏ بىرىنچى قېتىم جامائە‌ت يىغىلىشىغا كە‌لگە‌ندە،‏ كۆپ كىشىلە‌رنىڭ ئېسىدە سە‌ھنىدە ئېيتىلغان سۆزلە‌ر ئە‌مە‌س،‏ ئۇ‌لارغا كۆرسىتىلگە‌ن مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت قالىدۇ.‏ بۇ ھە‌يران قالارلىق ئە‌مە‌س،‏ چۈنكى ئە‌يسا ئېيتقاندە‌ك،‏ ئۇ‌نىڭ ھە‌قىقىي ئە‌گە‌شكۈچىلىرى مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببىتى ئارقىلىق تونۇ‌لىدۇ ‏(‏يۇ‌ھاننا 13:‏34،‏ 35-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ ئە‌مما،‏ مۇ‌ستە‌ھكە‌م ئېتىقادقا ئېرىشىش ئۈچۈن،‏ بۇ‌نىڭدىنمۇ كۆپ ئىشلارنى قىلىش كېرە‌ك.‏

3.‏ ئېتىقادىمىز پە‌قە‌ت خۇ‌دا خىزمە‌تچىلىرى ئارىسىدىكى مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌تكىلا ئاساسلانسا،‏ نېمە بولۇ‌شى مۇ‌مكىن؟‏

3 ئىمان-‏ئېتىقادىمىز پە‌قە‌ت خۇ‌دا خىزمە‌تچىلىرىنىڭ ئارىسىدىكى ئۆز-‏ئارا سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببە‌تكىلا ئاساسلىنىپ قالماسلىقى كېرە‌ك.‏ نېمە ئۈچۈن؟‏ ئېتىقادداشلارنىڭ بىرى،‏ ھە‌تتا ئاقساقال ياكى پىدائىي ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چى بولسۇ‌ن،‏ ئېغىر گۇ‌ناھ قىلىپ ياكى سىزنى رە‌نجىتىپ قويدى دە‌يلى.‏ ياكى بولمىسا،‏ ھە‌قىقە‌تتىن چە‌تنە‌پ كە‌تكە‌ن كىشى سىلە‌ردە ھە‌قىقە‌ت يوق،‏ دە‌پ كۆڭلىڭىزگە گۇ‌مان سالىدۇ.‏ شۇ‌نداق ۋە‌زىيە‌تتە پۇ‌تلىشىپ،‏ يە‌ھۋا خۇ‌داغا خىزمە‌ت قىلىشنى توختىتامسىز؟‏ بۇ‌نىڭدىن مۇ‌نداق خۇ‌لاسە چىقارساق بولىدۇ:‏ ئە‌گە‌ر ئېتىقادىمىز خۇ‌دا بىلە‌ن بولغان مۇ‌ناسىۋىتىمىزگە ئە‌مە‌س،‏ پە‌قە‌ت ئادە‌ملە‌رنىڭ ئىشلىرىغا ئاساسلانسا،‏ ئىشە‌نچىمىز ئاجىز بولىدۇ.‏ ئۆينى يۇ‌مشاق ماتېرىياللار بىلە‌ن سالمىغاندە‌ك،‏ ئىشە‌نچىمىزنى ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌لارغا ئوخشاش نە‌رسىلە‌ردىن ئە‌مە‌س،‏ قاتتىق ماتېرىياللار كە‌بى ئە‌قىلگە مۇ‌ۋاپىق دە‌لىل-‏ئىسپاتلار بىلە‌ن تىكلە‌پ تۇ‌رغۇ‌زىمىز.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنىڭ يە‌ھۋا خۇ‌دا ھە‌ققىدە ھە‌قىقە‌تنى ئۆگىتىدىغانلىقىغا ئۆزىڭىز كۆز يە‌تكۈزۈشىڭىز كېرە‌ك.‏—‏رىملىقلار 12:‏2‏.‏

4.‏ مە‌تتا 13:‏3—‏6،‏ 20،‏ 21-‏ئايە‌تلە‌رگە ئاساسە‌ن،‏ بە‌زىلە‌ر ئېتىقادى سىنالغاندا نېمە قىلىدۇ؟‏

4 ئە‌يسا مە‌سىھ بە‌زىلە‌ر خۇ‌دانىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ،‏ خۇ‌شاللىق بىلە‌ن قوبۇ‌ل قىلسىمۇ،‏ سىناقلارغا دۇ‌چ كە‌لگە‌ندە،‏ ئېتىقادى ۋە‌يران بولىدىغانلىقى بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان ‏(‏مە‌تتا 13:‏3—‏6،‏ 20،‏ 21-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ بە‌لكىم،‏ ئۇ‌لار ئە‌يساغا ئە‌گىشىپ يۈرسە،‏ قىيىنچىلىقلارغا دۇ‌چار بولىدىغانلىقىنى چۈشە‌نمىگە‌ن (‏مە‌تتا 16:‏24‏)‏.‏ ئېھتىمال،‏ ئۇ‌لار مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىسى بولۇ‌پ،‏ ھېچقاچان قىيىنچىلىقلارغا دۇ‌چار بولماي،‏ بە‌ختلىك ھايات كە‌چۈرىدۇ دە‌پ ئويلىغان.‏ بىراق،‏ مۇ‌شۇ رە‌زىل دۇ‌نيا قىيىنچىلىقلارغا تولغان.‏ ۋە‌زىيە‌تلە‌ر ئۆزگە‌رگە‌ندە،‏ بىز خۇ‌شاللىقنى ۋاقىتلىق يوقىتىشىمىز مۇ‌مكىن.‏—‏زە‌بۇ‌ر 6:‏6؛‏ ۋە‌ز 9:‏11‏.‏

5.‏ كۆپلىگە‌ن قېرىنداشلار ھە‌قىقە‌تنى تاپقىنىغا كۆز يە‌تكۈزگە‌نلىكىنى قانداق كۆرسىتىدۇ؟‏

5 كۆپلىگە‌ن قېرىنداشلار ھە‌قىقە‌تنى تاپقانلىقىغا كۆز يە‌تكۈزگە‌ن.‏ قانداقلارچە؟‏ ھە‌تتا بىرسى ئۇ‌لارنى رە‌نجىتىپ قويسا ياكى باشقىلارنىڭ يۈرۈش-‏تۇ‌رۇ‌شى يامان بولسىمۇ،‏ ئۇ‌لار ئېتىقادتا چىڭ تۇ‌رىدۇ (‏زە‌بۇ‌ر 119:‏165‏)‏.‏ ئۇ‌لارنىڭ بېشىغا ھە‌ر قېتىم قىيىنچىلىق چۈشكە‌ندە،‏ ئېتىقادى ئاجىزلاشماي،‏ ئە‌كسىچە كۈچلۈكرە‌ك بولىدۇ (‏ياقۇ‌پ 1:‏2—‏4‏)‏.‏ بۇ‌نداق مۇ‌ستە‌ھكە‌م ئېتىقادنى قانداق يېتىلدۈرە‌لە‌يسىز؟‏

خۇ‌دانى تېخىمۇ ياخشىراق تونۇ‌پ يېتىڭ

6.‏ دە‌سلە‌پكى مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىلىرىنىڭ ئىمان-‏ئېتىقادى نېمىگە ئاساسلانغان؟‏

6 دە‌سلە‌پكى مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىلىرىنىڭ ئىمان-‏ئېتىقادى يازمىلاردىن ئۆگە‌نگە‌ن بىلىملە‌رگە ۋە ئە‌يسانىڭ تە‌لىملىرى،‏ يە‌نى «خۇ‌ش خە‌ۋە‌رنىڭ ھە‌قىقىتى»گە ئاساسلانغان (‏گالاتىيا.‏ 2:‏5‏)‏.‏ بۇ ھە‌قىقە‌ت بولسا،‏ بىز خۇ‌دانىڭ خىزمە‌تچىلىرى سۈپىتىدە ئىشىنىدىغان ھە‌ممە تە‌لىملە‌ر،‏ شۇ جۈملىدىن ئە‌يسانىڭ تۆلە‌م قۇ‌ربانلىقى ۋە ئۇ‌نىڭ تىرىلىشى ھە‌ققىدىكى تە‌لىملە‌رنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.‏ ئە‌لچى پاۋلۇ‌س بۇ تە‌لىملە‌رنىڭ ھە‌قىقە‌ت ئىكە‌نلىكىگە ئىشە‌نگە‌ن.‏ نېمە ئۈچۈن؟‏ چۈنكى،‏ ئۇ «يازمىلاردىن دە‌لىل-‏ئىسپاتلارنى كۆرسىتىپ،‏ چوقۇ‌م مە‌سىھنىڭ ئازاب چېكىشى،‏ ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرۈلۈشى كېرە‌كلىكىنى» چۈشە‌ندۈرگە‌ن (‏ئە‌لچى.‏ 17:‏2،‏ 3‏)‏.‏ دە‌سلە‌پكى مە‌سىھىيلە‌ر شۇ تە‌لىملە‌رگە ئىشە‌نگە‌ن ۋە خۇ‌دانىڭ سۆزىنى چۈشىنىشىگە ياردە‌م بېرىدىغان مۇ‌قە‌ددە‌س روھقا تايانغان.‏ ئۇ‌لار بۇ تە‌لىملە‌رنىڭ مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلارغا ئاساسلانغانلىقىغا كۆز يە‌تكۈزۈش ئۈچۈن تە‌تقىق قىلغان (‏ئە‌لچى.‏ 17:‏11،‏ 12؛‏ ئىبرانىي.‏ 5:‏14‏)‏.‏ ئۇ‌لار ئىشە‌نچىنى پە‌قە‌ت ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌لىرىغا ئاساسلىنىپ يېتىلدۈرمىگە‌ن ۋە ئېتىقادداشلار بىلە‌ن ئارىلىشىشنى ياخشى كۆرگىنى ئۈچۈنلا خۇ‌داغا خىزمە‌ت قىلمىغان.‏ ئە‌كسىچە،‏ ئۇ‌لارنىڭ ئىشە‌نچى خۇ‌دا توغرۇ‌لۇ‌ق توغرا بىلىمگە ئاساسلانغان.‏—‏كولوسى.‏ 1:‏9،‏ 10‏.‏

7.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى ھە‌قىقە‌تلە‌رگە بولغان ئىشە‌نچىمىزنىڭ بىز ئۈچۈن قانداق پايدىسى بار؟‏

7 مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى ھە‌قىقە‌تلە‌ر ھېچقاچان ئۆزگە‌رمە‌يدۇ (‏زە‌بۇ‌ر 119:‏160‏)‏.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ ئېتىقادداشلارنىڭ بىرى كۆڭلۈمىزنى ئاغرىتسا ياكى ئېغىر گۇ‌ناھ قىلىپ قويسا،‏ ياكى بولمىسا بېشىمىزغا ئېغىر كۈنلە‌ر چۈشسە،‏ بۇ ھە‌قىقە‌تلە‌ر ھېچ ئۆزگە‌رمە‌يدۇ.‏ شۇ‌ڭا،‏ بىز مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنىڭ تە‌لىملىرىنى ياخشى بىلىشىمىز ۋە ئۇ‌لارنىڭ ھە‌قىقە‌ت ئىكە‌نلىكىگە كۆز يە‌تكۈزۈشىمىز كېرە‌ك.‏ بوران-‏چاپقۇ‌ندا لە‌ڭگە‌ر كېمىنى بىر يە‌ردە تۇ‌تۇ‌پ تۇ‌رغاندە‌ك،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى ھە‌قىقە‌تلە‌رگە ئاساسلانغان مە‌ھكە‌م ئىشە‌نچىمىز بىزگە سىناقلاردا چىڭ تۇ‌رۇ‌شقا ياردە‌م بېرىدۇ.‏ ھە‌قىقە‌تنى تاپقانلىقىڭىزغا ۋە ئىشە‌نچىڭىزنىڭ مۇ‌ستە‌ھكە‌ملىكىگە قانداق جە‌زم قىلالايسىز؟‏

ھە‌قىقە‌تكە ئىشە‌نگىنىڭىزگە قانداق كۆز يە‌تكۈزە‌لە‌يسىز؟‏

8.‏ 2-‏تىموتىي 3:‏14،‏ 15-‏ئايە‌تلە‌ردىن كۆرگىنىمىزدە‌ك،‏ تىموتىي ھە‌قىقە‌ت يولىنى تاپقىنىغا قانداق كۆز يە‌تكۈزگە‌ن؟‏

8 تىموتىي ھە‌قىقە‌ت يولىنى تاپقىنىغا ئىشە‌نگە‌ن.‏ ئۇ بۇ‌نىڭغا قانداق كۆز يە‌تكۈزگە‌ن؟‏ ‏(‏2-‏تىموتىي 3:‏14،‏ 15-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ تىموتىي «مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلاردىكى» ھە‌قىقە‌تلە‌ر توغرۇ‌لۇ‌ق بىرىنچى قېتىم ئاپىسى ۋە مومىسىدىن ئاڭلىغان.‏ لېكىن،‏ ئۇ ئۆزىمۇ شۇ يازمىلارنى تە‌تقىق قىلىش ئۈچۈن ۋاقىت چىقارغانلىقى شە‌ك-‏شۈبھىسىزدۇ‌ر.‏ نە‌تىجىدە،‏ ئۇ يازمىلاردىن ئۆگە‌نگە‌نلىرىنىڭ ھە‌قىقە‌ت ئىكە‌نلىكىگە كۆز يە‌تكۈزگە‌ن.‏ كېيىنرە‌ك تىموتىي،‏ ئاپىسى ۋە مومىسى مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىلىرىنىڭ تە‌لىملىرىنى ئۆگە‌نگە‌ن.‏ ئە‌يسانىڭ شاگىرتلىرى كۆرسە‌تكە‌ن مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌تنىڭ تىموتىيغا قاتتىق تە‌سىر قىلغانلىقى ۋە ئۇ‌نىڭ ئېتىقادداشلار بىلە‌ن ئارىلىشىپ،‏ ئۇ‌لارغا غە‌مخورلۇ‌ق قىلىشنى خالىغانلىقى سۆزسىز (‏فىلىپى.‏ 2:‏19،‏ 20‏)‏.‏ ئە‌مما،‏ ئۇ‌نىڭ ئېتىقادى ئادە‌ملە‌رگە بولغان مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌تكە ئە‌مە‌س،‏ ئۇ‌نى يە‌ھۋاغا يېقىنلاشتۇ‌رغان مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىن ئۆگە‌نگە‌ن ھە‌قىقە‌تلە‌رگە ئاساسلانغانىدى.‏ سىزمۇ خۇ‌دا سۆزىنى تە‌تقىق قىلىپ،‏ يە‌ھۋا توغرۇ‌لۇ‌ق ئۆگە‌نگە‌نلىرىڭىزنىڭ ھە‌قىقە‌ت ئىكە‌نلىكىگە دە‌لىل-‏ئىسپات تېپىشىڭىز كېرە‌ك.‏

9.‏ قايسى ئۈچ ھە‌قىقە‌تكە كۆز يە‌تكۈزۈشىڭىز كېرە‌ك؟‏

9 ئالدى بىلە‌ن كە‌م دېگە‌ندە مۇ‌نۇ ئۈچ ئاساسىي ھە‌قىقە‌تنى ئۆزىڭىزگە ئىسپاتلاپ،‏ ئۇ‌لارغا ئىشىنىشىڭىز كېرە‌ك.‏ بىرىنچىسى،‏ يە‌ھۋا ھە‌ممە نە‌رسىنى بە‌رپا قىلغان ياراتقۇ‌چى خۇ‌دا ئىكە‌نلىكىگە كۆز يە‌تكۈزۈڭ (‏چىق.‏ 3:‏14،‏ 15؛‏ ئىبرانىي.‏ 3:‏4؛‏ ۋە‌ھىي.‏ 4:‏11‏)‏.‏ ئىككىنچىسى،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنىڭ خۇ‌دا ئىنسانلارغا بە‌رگە‌ن خە‌ۋە‌ر ئىكە‌نلىكىنى ئىسپاتلايدىغان دە‌لىللە‌رنى تېپىپ ئۆزىڭىزنى قايىل قىلىڭ (‏2-‏تىموت.‏ 3:‏16،‏ 17‏)‏.‏ ئۈچىنچىسى،‏ يە‌ھۋا ئۇ‌نىڭغا مە‌سىھنىڭ يېتە‌كچىلىكى ئاستىدا ئىبادە‌ت قىلىدىغان كىشىلە‌ر توپىنى تە‌شكىللىگە‌نلىكى ۋە ئۇ‌لارنىڭ يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرى ئىكە‌نلىكىگە جە‌زم قىلىشىڭىز كېرە‌ك (‏يە‌شايا 43:‏10—‏12؛‏ يۇ‌ھاننا 14:‏6؛‏ ئە‌لچى.‏ 15:‏14‏)‏.‏ بۇ ئۈچ ھە‌قىقە‌تكە كۆز يە‌تكۈزۈش ئە‌لۋە‌تتە مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب توغرۇ‌لۇ‌ق ھە‌ممىنى بىلىشىڭىز كېرە‌كلىكىنى بىلدۈرمە‌يدۇ.‏ سىزنىڭ مە‌قسىتىڭىز —‏ ئە‌قلىڭىزنى ئىشلىتىپ،‏ ھە‌قىقە‌تتە يولىدا مېڭىۋاتقانلىقىڭىزغا كۆز يە‌تكۈزۈش.‏—‏رىملىقلار 12:‏1‏.‏

باشقىلارغا ياردە‌م بېرىشكە تە‌ييار بولۇ‌ڭ

10.‏ ھە‌قىقە‌تنى بىلىشتىن باشقا يە‌نە نېمە قىلىشنى ئۆگىنىشىمىز كېرە‌ك؟‏

10 خۇ‌دا،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ۋە خۇ‌دانىڭ خە‌لقى توغرۇ‌لۇ‌ق ئۈچ ئاساسىي ھە‌قىقە‌تكە كۆز يە‌تكۈزگە‌ندە،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلارنىڭ ياردىمى بىلە‌ن بۇ ھە‌قىقە‌تلە‌رنى باشقىلارغا ئىسپاتلاپ بېرىشنى ئۆگىنىشىڭىز كېرە‌ك.‏ نېمە ئۈچۈن؟‏ سە‌ۋە‌بى،‏ ئە‌يسانىڭ ئە‌گە‌شكۈچىلىرى سۈپىتىدە بىز تىڭشاشقا تە‌ييار ئادە‌ملە‌رگە ئۆزۈمىز ئۆگە‌نگە‌ن ھە‌قىقە‌تلە‌رنى ئۆگىتىش ۋە‌زىپىمىز بار b (‏1-‏تىموت.‏ 4:‏16‏)‏.‏ باشقىلارغا مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى ھە‌قىقە‌تلە‌رنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن تىرىشقاندا،‏ ئۆزىمىزنىڭمۇ ئىشە‌نچىمىزنى كۈچە‌يتىمىز.‏

11.‏ باشقىلارغا ھە‌قىقە‌تنى ئۆگە‌تكە‌ندە،‏ پاۋلۇ‌ستىن قانداق ئۈلگە ئالالايمىز؟‏

11 ئە‌لچى پاۋلۇ‌س باشقىلارغا تە‌لىم بە‌رگە‌ندە،‏ «مۇ‌سا تە‌ۋرات قانۇ‌نى ۋە پە‌يغە‌مبە‌رلە‌رنىڭ يازمىلىرىدىن قايىل قىلارلىق دە‌لىل-‏ئىسپاتلارنى» كۆرسە‌تكە‌ن (‏ئە‌لچى.‏ 28:‏23‏)‏.‏ بىز باشقىلارغا ھە‌قىقە‌تنى ئۆگە‌تكە‌ندە،‏ پاۋلۇ‌ستىن قانداق ئۈلگە ئالالايمىز؟‏ ئادە‌مگە مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى تە‌لىملە‌رنى ئېيتىپ بېرىشلا يېتە‌رلىك ئە‌مە‌س.‏ بىز ئوقۇ‌غۇ‌چىغا يازمىلارنى پۇ‌ختا تە‌تقىق قىلىپ،‏ ئۆگە‌نگە‌نلىرى ئۈستىدىن چوڭقۇ‌ر ئويلىنىپ تە‌پە‌ككۈر قىلىشنى ئۆگىتىشىمىز كېرە‌ك.‏ ئوقۇ‌غۇ‌چى بىزنى ھۆرمە‌ت قىلغىنى ئۈچۈن ئە‌مە‌س،‏ كۆيۈمچان خۇ‌دايىمىز توغرۇ‌لۇ‌ق ئۆگە‌نگە‌نلىرىنىڭ راستلىقىغا كۆز يە‌تكۈزگە‌چ،‏ ھە‌قىقە‌تنى قوبۇ‌ل قىلىشى مۇ‌ھىم.‏

ئاتا-‏ئانىلار،‏ بالىلىرىڭلارغا خۇ‌دانىڭ چوڭقۇ‌ر ئوي-‏پىكىرلىرىنى ئۆگىتىپ،‏ مۇ‌ستە‌ھكە‌م ئىشە‌نچنى يېتىلدۈرۈشىگە ياردە‌م بېرىڭلار (‏12،‏ 13-‏ئابزاسلارغا قاراڭ)‏ d

12،‏ 13.‏ ئاتا-‏ئانىلار بالىلىرىغا ھە‌قىقە‌تتە چىن تۇ‌رۇ‌شقا قانداق ياردە‌م بېرە‌لە‌يدۇ؟‏

12 ئاتا-‏ئانا بولسىڭىز،‏ بالىلىرىڭىزنىڭ ھە‌قىقە‌تتە تۇ‌رۇ‌شىنى خالايدىغانلىقىڭىز شە‌ك-‏شۈبھىسىزدۇ‌ر.‏ بالىلىرىمنىڭ جامائە‌تتە ياخشى دوستلىرى بولسا،‏ ئۇ‌لارنىڭ ئېتىقادى مە‌ھكە‌م بولىدۇ،‏ دە‌پ ئويلايدىغانسىز.‏ بىراق،‏ بالىلىرىڭىزغا ھە‌قىقە‌تتە ئىكە‌نلىكىگە كۆز يە‌تكۈزۈش ئۈچۈن ياخشى دوستلاردىن كۆپرە‌ك نە‌رسە كېرە‌ك.‏ ئۇ‌لار خۇ‌دا بىلە‌ن شە‌خسىي مۇ‌ناسىۋە‌تكە ئىگە بولۇ‌شى ۋە مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىن ئۆگە‌نگە‌نلىرىنىڭ ھە‌قىقە‌ت ئىكە‌نلىكىگە كۆز يە‌تكۈزۈشى لازىم.‏

13 بالىلارغا خۇ‌دا توغرۇ‌لۇ‌ق ھە‌قىقە‌تنى ئۆگىتىش ئۈچۈن ئاتا-‏ئانىلار ئۇ‌لارغا مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ئۆگىنىشتە ياخشى ئۈلگە كۆرسىتىشى كېرە‌ك.‏ ئاتا-‏ئانىلار ئۆگە‌نگە‌نلىرى ئۈستىدىن چوڭقۇ‌ر مۇ‌لاھىزە يۈرگۈزۈش ئۈچۈن ۋاقىت چىقىرىشى لازىم.‏ شۇ چاغدا،‏ ئۇ‌لار بالىلىرىغىمۇ شۇ‌نداق قىلىشنى ئۆگىتە‌لە‌يدۇ.‏ ئۇ‌لار باشقا ئوقۇ‌غۇ‌چىلارغا ئۆگە‌تكە‌ندە‌ك،‏ بالىلىرىغىمۇ تە‌تقىق قىلىش قوراللىرىدىن پايدىلىنىشنى ئۆگىتىشى لازىم.‏ شۇ‌نداق قىلسا،‏ ئۇ‌لار بالىلىرىنىڭ يە‌ھۋا خۇ‌داغا ۋە بىزنى روھىي ئوزۇ‌ق بىلە‌ن تە‌مىنلە‌يدىغان «سادىق ۋە ئە‌قىل-‏پاراسە‌تلىك قۇ‌ل»غا مىننە‌تدار بولۇ‌شىغا ياردە‌م بېرىدۇ (‏مە‌تتا 24:‏45—‏47‏)‏.‏ ئاتا-‏ئانىلار،‏ بالىلىرىڭلارغا پە‌قە‌ت مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى ئاساسىي تە‌لىملە‌رنى ئۆگىتىپلا قويماي،‏ ئۇ‌لارغا يېشىغا ۋە قابىلىيىتىگە مۇ‌ۋاپىق خۇ‌دانىڭ چوڭقۇ‌ر ئوي-‏پىكىرلىرىنىمۇ ئۆگىتىپ،‏ مە‌ھكە‌م ئىشە‌نچنى يېتىلدۈرۈشىگە ياردە‌م بېرىڭلار.‏—‏1-‏كورىنت.‏ 2:‏10‏.‏

پە‌يغە‌مبە‌رلىك سۆزلە‌رنى تە‌تقىق قىلىڭ

14.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى پە‌يغە‌مبە‌رلىك سۆزلە‌رنى نېمە ئۈچۈن تە‌تقىق قىلىشىمىز كېرە‌ك؟‏ (‏«‏ بۇ بېشارە‌تلە‌رنى چۈشە‌ندۈرە‌لە‌مسىز؟‏‏» ناملىق رامكىغا قاراڭ)‏

14 پە‌يغە‌مبە‌رلىك سۆزلە‌ر يە‌ھۋا خۇ‌داغا مۇ‌ستە‌ھكە‌م ئىشە‌نچنى يېتىلدۈرۈشىمىزگە ياردە‌م بېرىدۇ.‏ سىزنىڭ ئېتىقادىڭىزنى مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى قايسى بېشارە‌تلە‌ر مۇ‌ستە‌ھكە‌ملىگە‌ن؟‏ بە‌لكىم،‏ ئاخىر زامان ھە‌ققىدىكى پە‌يغە‌مبە‌رلىك سۆزلە‌ر دە‌يدىغانسىز (‏2-‏تىموت.‏ 3:‏1—‏5؛‏ مە‌تتا 24:‏3،‏ 7‏)‏.‏ لېكىن،‏ ئىشە‌نچىڭىزنى يە‌نە قايسى ئە‌مە‌لگە ئاشقان بېشارە‌تلە‌ر مۇ‌ستە‌ھكە‌ملىيە‌لە‌يدۇ؟‏ مە‌سىلە‌ن،‏ دانىيال 2-‏باب ياكى 11-‏بابتىكى بېشارە‌تلە‌رنىڭ قانداق ئە‌مە‌لگە ئاشقانلىقى ياكى ھازىر قانداق ئورۇ‌نلىنىۋاتقانلىقىنى چۈشە‌ندۈرە‌لە‌مسىز c‏؟‏ ئىشە‌نچىڭىز مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابقا ئاساسلانغان بولسا،‏ ئۇ‌نى ھېچنە‌رسە تە‌ۋرىتە‌لمە‌يدۇ.‏ ئىككىنچى دۇ‌نيا ئۇ‌رۇ‌شى ۋاقتىدا قاتتىق زىيانكە‌شلىككە دۇ‌چ كە‌لگە‌ن گېرمانىيىدىكى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ مىسالىنى كۆرۈپ چىقايلى.‏ گە‌رچە ئۇ‌لار ئاخىر زامانغا مۇ‌ناسىۋە‌تلىك بېشارە‌تلە‌رنى تولۇ‌ق چۈشە‌نمىسىمۇ،‏ خۇ‌دانىڭ سۆزىگە بولغان ئىشە‌نچىسى مۇ‌ستە‌ھكە‌م ئىدى.‏

مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى،‏ شۇ جۈملىدىن پە‌يغە‌مبە‌رلىك سۆزلە‌رنى تە‌تقىق قىلىش سىناق ۋاقتىدا چىڭ تۇ‌رۇ‌شىمىزغا ياردە‌م بېرە‌لە‌يدۇ (‏15—‏17-‏ئابزاسلارغا قاراڭ)‏ e

15—‏17.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى تە‌تقىق قىلىش ناتسىستلارنىڭ زىيانكە‌شلىكىگە ئۇ‌چرىغان قېرىنداشلارنى قانداق مۇ‌ستە‌ھكە‌ملىگە‌ن؟‏

15 ناتسىست گېرمانىيىسى ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا،‏ مىڭلىغان قېرىنداشلىرىمىز دە‌ھشە‌تلىك جازا لاگېرلىرىغا ئە‌ۋە‌تىلگە‌ن.‏ گېتلىر ۋە ئېس ئېسچىلارنىڭ باشلىقى گېنرىخ گېملىر يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرىنى ئۆچ كۆرگە‌ن.‏ بىر قېرىنداشنىڭ ئېيتىشىچە،‏ لاگېرلارنىڭ بىرىدىكى بىر توپ ئايال قېرىنداشلارغا گېملىر مۇ‌نداق دېگە‌ن:‏ «سىلە‌رنىڭ يە‌ھۋا خۇ‌دايىڭلار ئاسماندا ھۆكۈمرانلىق قىلسۇ‌ن،‏ يە‌ردە بولسا،‏ بىز ھۆكۈمرانلىق قىلىمىز!‏ كىم قالىدىغانلىقىنى كۆرە‌يلى،‏ سىلە‌رمۇ ياكى بىزمۇ!‏» يە‌ھۋانىڭ خە‌لقىنىڭ سادىق بولۇ‌پ قېلىشقا نېمە ياردە‌م بە‌رگە‌ن؟‏

16 مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب تە‌تقىقاتچىلىرى خۇ‌دا پادىشاھلىقى 1914-‏يىلى ھۆكۈمرانلىق قىلىشنى باشلىغانلىقىنى بىلگە‌ن ئىدى.‏ شۇ‌ڭا،‏ ئۇ‌لار شىددە‌تلىك قارشىلىققا دۇ‌چ كە‌لگە‌ندە ھە‌يران قالمىغان.‏ لېكىن،‏ ئۇ‌لار خۇ‌دانىڭ ئىرادىسىنى ئە‌مە‌لگە ئاشۇ‌رۇ‌شقا ھېچ ئىنسانىي ھۆكۈمرانلىق توسالغۇ‌لۇ‌ق قىلالمايدىغانلىقىغا ئىشە‌نگە‌ن.‏ پاك ئىبادە‌تنى يوق قىلىش ياكى خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقىدىن كۈچلۈكرە‌ك بىر ھۆكۈمە‌تنى ئورنىتىش گېتلىرنىڭمۇ قولىدىن كە‌لمە‌يتتى.‏ قېرىنداشلىرىمىز گېتلىرنىڭ ھۆكۈمرانلىقى چوقۇ‌م ئاخىرلىشىدىغانلىقىغا ئىشە‌نگە‌ن.‏

17 ئۇ‌زۇ‌ن ئۆتمە‌ي،‏ ناتسىست ھۆكۈمىتى ۋە‌يران بولۇ‌پ،‏ «يە‌ردە بىز ھۆكۈمرانلىق قىلىمىز»،‏ دە‌پ مە‌يدىسىگە ئۇ‌رغان گېنرىخ گېملىر جېنىنى ساقلاش ئۈچۈن قېچىشقا مە‌جبۇ‌ر بولغان.‏ شۇ چاغدا،‏ قېرىنداشلار ئىشە‌نچىسىنىڭ بىكار بولمىغانلىقىغا كۆز يە‌تكۈزگە‌ن.‏ قېچىۋاتقاندا،‏ ئۇ ليۇ‌بكې ئىسىملىك بۇ‌رادە‌رنى ئۇ‌چراتقان.‏ گېملىر ئۈمىدسىزلىنىپ،‏ ئۇ‌نىڭدىن:‏ «ھە‌ي،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب تە‌تقىقاتچىسى،‏ ئە‌مدى نېمە بولىدۇ؟‏»،‏—‏ دە‌پ سورىغان.‏ ليۇ‌بكې بۇ‌رادە‌ر جاۋابە‌ن،‏ يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرى ناتسىست ھۆكۈمىتى غۇ‌لاپ،‏ خۇ‌دا ئۆز خە‌لقىنى ئازاد قىلىدىغانلىقىغا ھېچقاچان گۇ‌مان قىلمىغانلىقىنى چۈشە‌ندۈرگە‌ن.‏ بۇ‌رۇ‌ن يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرى توغرۇ‌لۇ‌ق ئىنتايىن كۆپ يامان گە‌پ-‏سۆزلە‌رنى قىلغان گېملىر ئە‌مدى نېمە دېيىشنى بىلمە‌ي تۇ‌رۇ‌پ قالغان.‏ كۆپ ئۆتمە‌ي،‏ ئۇ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان.‏ بۇ‌نىڭدىن قانداق ساۋاق ئالىمىز؟‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى،‏ شۇ جۈملىدىن پە‌يغە‌مبە‌رلىك سۆزلە‌رنى تە‌تقىق قىلىش خۇ‌داغا بولغان كۈچلۈك ئىشە‌نچنى يېتىلدۈرۈشىمىزگە ۋە سىناق ۋاقتىدا چىڭ تۇ‌رۇ‌شىمىزغا ياردە‌م بېرە‌لە‌يدۇ.‏—‏2-‏پېتر.‏ 1:‏19—‏21‏.‏

18.‏ پاۋلۇ‌س تىلغا ئالغان توغرا بىلىم ھە‌م تولۇ‌ق چۈشە‌نچىگە نېمە ئۈچۈن ئىگە بولۇ‌شىمىز كېرە‌ك؟‏ (‏يۇ‌ھاننا 6:‏67،‏ 68‏)‏

18 ھە‌ربىرىمىز خۇ‌دانىڭ ھە‌قىقىي خىزمە‌تچىلىرى ئىكە‌نلىكىمىزنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت كۆرسىتىشىمىز كېرە‌ك.‏ بۇ‌نىڭدىن باشقا توغرا بىلىم ھە‌م تولۇ‌ق چۈشە‌نچىگە ئىگە بولۇ‌شىمىز لازىم (‏فىلىپى.‏ 1:‏9‏)‏.‏ ئۇ‌نداق قىلمىساق،‏ بىزگە ھىيلىگە‌ر ئادە‌ملە‌رنىڭ،‏ شۇ جۈملىدىن ھە‌قىقە‌تتىن چە‌تنە‌پ كە‌تكە‌نلە‌رنىڭ «ھە‌ر خىل تە‌لىملىرىنىڭ شامىلى» تە‌سىر قىلىشى مۇ‌مكىن (‏ئە‌فە‌س.‏ 4:‏14‏)‏.‏ بىرىنچى ئە‌سىردە نۇ‌رغۇ‌ن شاگىرتلار ئە‌يسانىڭ كە‌ينىدىن ئە‌گىشىشنى توختاتقاندا،‏ ئە‌لچى پېترۇ‌س ئە‌يسانىڭ ‹مە‌ڭگۈلۈك ھايات سۆزلىرىگە› ئىگە بولغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى ئېيتقان ‏(‏يۇ‌ھاننا 6:‏67،‏ 68-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ شۇ چاغدا،‏ پېترۇ‌س بۇ سۆزلە‌رنىڭ ھە‌ممە تە‌پسىلاتلىرىنى چۈشە‌نمىسىمۇ،‏ مە‌سىھ توغرۇ‌لۇ‌ق ھە‌قىقە‌تكە كۆز يە‌تكۈزگە‌چكە،‏ سادىق بولۇ‌پ قالغان.‏ سىزمۇ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب تە‌لىملىرىنىڭ ھە‌قىقە‌ت ئىكە‌نلىكىگە كۆز يە‌تكۈزە‌لە‌يسىز.‏ شۇ‌نداق قىلسىڭىز،‏ مە‌يلى قانداق سىناققا دۇ‌چ كە‌لمە‌ڭ،‏ ئېتىقادىڭىز مۇ‌ستە‌ھكە‌م بولۇ‌پ قالىدۇ ۋە باشقىلارغىمۇ كۈچلۈك ئىشە‌نچنى يېتىلدۈرۈشكە ياردە‌م بېرىدۇ.‏—‏2-‏يۇ‌ھاننا 1،‏ 2.‏

10-‏ناخشا ‏«مانا مە‌ن،‏ ئە‌ۋە‌ت مېنى!‏»‏

a بۇ ماقالە مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى ھە‌قىقە‌تنىڭ بە‌كمۇ مۇ‌ھىم ئىكە‌نلىكىنى چۈشىنىشىمىزگە ياردە‌م بېرىدۇ.‏ شۇ‌نىڭ بىلە‌ن بىرگە،‏ ھە‌قىقە‌تكە بولغان ئىشە‌نچىمىزنى مۇ‌ستە‌ھكە‌ملە‌شنىڭ ئۇ‌سۇ‌للىرىنى مۇ‌ھاكىمە قىلىدۇ.‏

b باشقىلار بىلە‌ن مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنىڭ ئاساسىي تە‌لىملىرى توغرۇ‌لۇ‌ق سۆزلىشىش ئۈچۈن 2010—‏2015-‏يىللىرىغىچە نە‌شىر قىلىنغان «كۈزىتىش مۇ‌نارى» (‏باشقا تىل)‏ ژۇ‌رناللىرىدىكى،‏ «‏ئە‌يسا مە‌سىھ خۇ‌دامۇ؟‏‏»،‏ «‏خۇ‌دا پادىشاھلىقى ھۆكۈمرانلىق قىلىشىنى قاچان باشلىغان؟‏‏» ۋە «‏خۇ‌دا ئادە‌ملە‌رنى دوزاختا قىينامدۇ؟‏‏» دېگە‌ندە‌ك ماقالىلە‌ردىن پايدىلىنالايسىز.‏

c بۇ پە‌يغە‌مبە‌رلىك سۆزلىرىنى چۈشىنىش ئۈچۈن ‏«كۈزىتىش مۇ‌نارى» 2012-‏يىل،‏ 15-‏ئىيۇ‌ن (‏باشقا تىل)‏ ۋە 2020-‏يىل،‏ ماي سانلىرىغا قاراڭ.‏

d سۈرە‌تتە:‏ ئائىلىۋى ئىبادە‌تتە ئاتا-‏ئانىسى بالىلىرى بىلە‌ن دە‌ھشە‌تلىك بالايىئاپە‌ت توغرۇ‌لۇ‌ق مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى پە‌يغە‌مبە‌رلىك سۆزلە‌رنى ئۆگىنىۋاتىدۇ.‏

e سۈرە‌تتە:‏ دە‌ھشە‌تلىك بالايىئاپە‌ت ۋاقتىدا مۇ‌شۇ ئائىلە يۈز بېرىۋاتقان ۋە‌قە‌لە‌رگە ھە‌يران قالمايۋاتىدۇ.‏