مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

29-‏تە‌تقىق ماقالىسى

‏«مە‌ن قاچان ئاجىز بولسام،‏ شۇ چاغدا كۈچلۈك بولىمە‌ن»‏

‏«مە‌ن قاچان ئاجىز بولسام،‏ شۇ چاغدا كۈچلۈك بولىمە‌ن»‏

‏«مە‌ن مە‌سىھنى دە‌پ ئاجىزلاشقان،‏ ھاقارە‌تلە‌نگە‌ن،‏ مۇ‌ھتاجلىقتا قالغان،‏ زىيانكە‌شلىكلە‌ر ۋە قىيىنچىلىقلارغا دۇ‌چ كە‌لگە‌ن چاغلاردا،‏ شاد-‏خۇ‌رام بولىمە‌ن»‏‏.‏—‏2-‏كورىنت.‏ 12:‏10‏.‏

23-‏ناخشا يە‌ھۋا —‏ بىزنىڭ كۈچىمىز

بۇ ماقالىدە a

1.‏ ئە‌لچى پاۋلۇ‌س نېمىنى ئوچۇ‌ق ئېتىراپ قىلغان؟‏

 ئە‌لچى پاۋلۇ‌س بە‌زىدە ئۆزىنى ئاجىز ھېس قىلىدىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان.‏ ئۇ تېنى ئاجىزلاپ كە‌تكە‌چكە،‏ توغرا ئىش قىلىش ئۈچۈن بار كۈچىنى چىقىرىش كېرە‌كلىكىنى ۋە يە‌ھۋانىڭ دۇ‌ئالىرىغا ھېمىشە‌م ئۇ خالىغاندە‌ك جاۋاب بە‌رمە‌يدىغانلىقىنى ئىقرار قىلغان (‏2-‏كورىنت.‏ 4:‏16؛‏ 12:‏7—‏9؛‏ رىملىقلار 7:‏21—‏23‏)‏.‏ پاۋلۇ‌س يە‌نە دۈشمە‌نلىرىنىڭ ئۇ‌نى ئاجىز دە‌پ قارىغانلىقىنى بىلگە‌ن b‏.‏ بىراق،‏ باشقىلارنىڭ سە‌لبىي كۆز قارىشى ۋە ئۆز ئاجىزلىقلىرىنىڭ ئۆزىنى ئە‌رزىمە‌س ھېس قىلدۇ‌رۇ‌شىغا پاۋلۇ‌س يول قويمىغانىدى.‏—‏2-‏كورىنت.‏ 10:‏10—‏12،‏ 17،‏ 18‏.‏

2‏.‏ ئە‌لچى پاۋلۇ‌س قانداق مۇ‌ھىم ساۋاق ئالغان؟‏—‏2-‏كورىنت.‏ 12:‏9،‏ 10‏.‏

2 ئە‌لچى پاۋلۇ‌س بىر مۇ‌ھىم ساۋاق ئالغان —‏ ئادە‌م ئاجىز ھېس قىلغان چاغدا،‏ كۈچلۈك بولالايدۇ ‏(‏2-‏كورىنتلىقلار 12:‏9،‏ 10-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ يە‌ھۋا ئۇ ئە‌لچى پاۋلۇ‌سقا:‏ «مېنىڭ كۈچ-‏قۇ‌درىتىم ئىنسان ئاجىز بولغىنىدا مۇ‌كە‌ممە‌ل نامايان بولىدۇ»،‏—‏ دېگە‌ن.‏ بۇ سۆزلە‌ر،‏ خۇ‌دانىڭ ئە‌لچى پاۋلۇ‌سقا مۇ‌ھتاج بولغان كۈچنى بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.‏ ھازىر بىزگە قارشى چىققانلارنىڭ ھاقارە‌تلىرىگە نېمە ئۈچۈن ئېرە‌ن قىلماسلىقىمىز كېرە‌كلىكىنى كۆرۈپ چىقىمىز.‏

‏«ھاقارە‌تلە‌نگە‌ن،‏ .‏ .‏ .‏ چاغلاردا شاد-‏خۇ‌رام بولىمە‌ن»‏

3.‏ نېمە ئۈچۈن «ھاقارە‌تلە‌نگە‌ن،‏ .‏ .‏ .‏ چاغلاردا شاد-‏خۇ‌رام» بولالايمىز؟‏

3 ھېچقايسىمىز ھاقارە‌تكە ئۇ‌چراشنى خالىمايمىز.‏ ئە‌مما،‏ دۈشمە‌نلە‌ر بىزنى ھاقارە‌تلىگە‌ندە،‏ ئۇ‌لارنىڭ سۆزلىرىگە زىيادە كۆپ كۆڭۈل بۆلسە‌ك،‏ ئۈمىدسىزلىك پاتقىقىغا پېتىپ قېلىشىمىز مۇ‌مكىن (‏پە‌ند.‏ نە 24:‏10‏)‏.‏ شۇ‌ڭا،‏ دۈشمە‌نلە‌رنىڭ ھاقارە‌تلىرىگە قانداق قارىشىمىز كېرە‌ك؟‏ ئە‌لچى پاۋلۇ‌سقا ئوخشاش،‏ «ھاقارە‌تلە‌نگە‌ن،‏ .‏ .‏ .‏ چاغلاردا شاد-‏خۇ‌رام» بولالايمىز (‏2-‏كورىنت.‏ 12:‏10‏)‏.‏ نېمە ئۈچۈن؟‏ چۈنكى،‏ ھاقارە‌تلە‌ر ۋە قارشىلىقلار بىزنىڭ ئە‌يسانىڭ ھە‌قىقىي شاگىرتى ئىكە‌نلىكىمىزنى كۆرسىتىدۇ (‏1-‏پېتر.‏ 4:‏14‏)‏.‏ ئە‌يسا ئە‌گە‌شكۈچىلىرىنىڭ زىيانكە‌شلىككە ئۇ‌چرايدىغانلىقىنى ئېيتقانىدى (‏يۇ‌ھاننا 15:‏18—‏20‏)‏.‏ بۇ‌نداق زىيانكە‌شلىكلە‌ر بىرىنچى ئە‌سىردە يۈز بە‌رگە‌ن.‏ شۇ زامانلاردا،‏ گرېك مە‌دە‌نىيىتى تە‌سىرىدە بولغانلار،‏ مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىلىرىنى ئە‌قىلسىز ھە‌م ئاجىز دە‌پ قارىغان.‏ يە‌ھۇ‌دىيلارنىڭ ئارىسىدا،‏ ئە‌لچى پېترۇ‌س بىلە‌ن يۇ‌ھانناغا ئوخشاش مە‌سىھىيلە‌ر «ئوقۇ‌مىغان،‏ ئاددىي ئادە‌ملە‌ر» دە‌پ ھېسابلانغان (‏ئە‌لچى.‏ 4:‏13‏)‏.‏ قارىماققا،‏ مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىلىرى ئاجىز كۆرۈنگە‌ن.‏ سە‌ۋە‌بى،‏ ئۇ‌لارنىڭ سىياسىي تە‌سىرى ۋە ھە‌ربىي كۈچى يوق بولغان ۋە ئادە‌ملە‌ر جە‌مئىيە‌تتە ئۇ‌لارنى رە‌ت قىلغان.‏

4.‏ دۈشمە‌نلە‌ر دە‌سلە‌پكى مە‌سىھىيلە‌رنى ھاقارە‌تلىگە‌ندە،‏ ئۇ‌لار قانداق ئىنكاس قايتۇ‌رغان؟‏

4 شۇ دە‌سلە‌پكى مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىلىرى دۈشمە‌نلىرىنىڭ سە‌لبىي كۆز قارىشىنىڭ ۋە‌ز ئىشنى توختىتىشىغا يول قويغانمۇ؟‏ ياق،‏ قويمىغان.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ ئە‌لچى پېترۇ‌س بىلە‌ن يۇ‌ھاننا ئە‌يساغا ئە‌گىشىشنى ۋە ئۇ‌نىڭ تە‌لىملىرىنى تارقىتىشنى چوڭ شان-‏شە‌رە‌پ،‏ دە‌پ قارىغان (‏ئە‌لچى.‏ 4:‏18—‏21؛‏ 5:‏27—‏29،‏ 40—‏42‏)‏.‏ شاگىرتلارنىڭ نومۇ‌س قىلىشىغا ھېچ سە‌ۋە‌بلىرى بولمىغان.‏ ۋاقىت كۆرسىتىدۇ‌كى،‏ دە‌سلە‌پكى كە‌متە‌ر مە‌سىھىيلە‌ر دۈشمە‌نلىرىگە قارىغاندا ئىنسانىيە‌ت ئۈچۈن ،‏ كۆپرە‌ك پايدا ئە‌كە‌لگە‌ن.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ خۇ‌دانىڭ روھىنىڭ ئىلھاملاندۇ‌رۇ‌شى بىلە‌ن بە‌زى مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىلىرى يازغان كىتابلار مىليونلىغان ئادە‌ملە‌رگە مۇ‌شۇ كە‌مگىچە ياردە‌م ۋە ئۈمىد بېرىدۇ.‏ ئۇ‌لار ۋە‌ز قىلىۋاتقان پادىشاھلىق ھازىر ئاسماندا ھۆكۈمرانلىق يۈرگۈزۈۋاتىدۇ ۋە پات يېقىندا ھە‌ممە ئادە‌مزات ئۈستىدىن ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ (‏مە‌تتا 24:‏14‏)‏.‏ بىراق،‏ مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىلىرىگە زىيانكە‌شلىك قىلغان قە‌دىمقى كۈچلۈك رىم ئىمپېرىيىسى يوقۇ‌لۇ‌پ پە‌قە‌ت تارىخقا ئايلىنىپ قالدى.‏ ئە‌كسىچە،‏ ئە‌يسانىڭ سادىق ئە‌گە‌شكۈچىلىرى ئاسماندا پادىشاھلار بولۇ‌پ ئولتۇ‌رىدۇ.‏ ئۇ‌لارنىڭ دۈشمە‌نلىرى بولسا،‏ ئۆلۈپ تۇ‌پراققا ئايلاندى،‏ ھە‌تتا كە‌لگۈسىدە تىرىلگە‌ن تە‌غدىردىمۇ،‏ ئۆچ كۆرگە‌ن مە‌سىھىيلە‌ر ئۇ‌لارنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ.‏—‏ۋە‌ھىي.‏ 5:‏10‏.‏

5.‏ نېمە ئۈچۈن بە‌زىلە‌ر يە‌ھۋانىڭ گۇ‌ۋاھچىلىرىنى كۆزگە ئىلمايدۇ؟‏ (‏يۇ‌ھاننا 15:‏19‏)‏

5 بۈگۈنكى كۈندە بە‌زى ئادە‌ملە‌ر يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرى ئە‌قىلسىز ۋە ئاجىز،‏ دە‌پ بىزنى كۆزگە ئىلمايدۇ ۋە مە‌سخىرە قىلىدۇ.‏ نېمە ئۈچۈن؟‏ چۈنكى،‏ ئۇ‌لارنىڭ كۆز قارىشىنى قوبۇ‌ل قىلمايمىز.‏ بىز مۇ‌لايىم،‏ كە‌متە‌ر ۋە ئىتائە‌تچان بولۇ‌شقا بە‌ل باغلىدۇ‌ق.‏ مۇ‌شۇ دۇ‌نيادىكى ئادە‌ملە‌ر بولسا،‏ تە‌كە‌ببۇ‌ر ۋە ئىسيانكار ئادە‌ملە‌ردىن زوقلىنىدۇ.‏ ئۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ بىز سىياسە‌تكە ئارىلاشمايمىز ۋە ھېچقانداق بىر دۆلە‌تنىڭ ھە‌ربىي قوشۇ‌نلىرىغا قوشۇ‌لمايمىز.‏ بىز مۇ‌شۇ دۇ‌نيادىكى ئادە‌ملە‌ردىن پە‌رقلىنىمىز.‏ شۇ‌ڭا،‏ ئۇ‌لار بىزنى تۆۋە‌ن كۆرىدۇ.‏—‏يۇ‌ھاننا 15:‏19-‏نى ئوقۇ‌ڭ؛‏ رىملىقلار 12:‏2‏.‏

6.‏ يە‌ھۋا ئۆز خە‌لقىگە قانداق بىر چوڭ ئىشلارنى قىلىشقا ياردە‌م بېرىدۇ؟‏

6 دۇ‌نيانىڭ بىزگە بولغان كۆز قارىشىغا قارىماستىن،‏ يە‌ھۋا خۇ‌دا بىز ئارقىلىق چوڭ بىر ئىشلارنى قىلىپ كە‌لمە‌كتە.‏ ئۇ ئىنسانىيە‌ت تارىخىدا ھېچقاچان بولمىغان كە‌ڭ كۆلە‌ملىك ۋە‌ز قىلىش پائالىيىتىنى باشقۇ‌رۇ‌ۋاتىدۇ.‏ خۇ‌دا خىزمە‌تچىلىرى پۈتۈن يە‌ر يۈزىدە كۆپ تىللاردا تە‌رجىمە قىلىنغان ۋە كە‌ڭ تارقالغان ژۇ‌رناللارنى نە‌شىر قىلىدۇ.‏ يە‌نە ئۇ‌لار مىليونلىغان ئادە‌ملە‌رنىڭ ھاياتىنى ياخشىلاش ئۈچۈن مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى قوللىنىدۇ.‏ بۇ ھە‌يران قالارلىق ئىشلار ئۈچۈن يە‌ھۋا شان-‏شە‌رە‌پكە سازاۋە‌ر.‏ ئۇ ئاجىز بولۇ‌پ كۆرۈنگە‌ن ئادە‌ملە‌رنى قوللىنىپ،‏ چوڭ ئىشلارنى قىلىپ كە‌لمە‌كتە.‏ ھە‌رقايسىمىز ھە‌ققىدە نېمە ئېيتىشقا بولىدۇ؟‏ يە‌ھۋا خۇ‌دا بىزگە كۈچ بېرە‌لە‌مدۇ؟‏ شۇ‌نداق بولسا،‏ ئۇ‌نىڭ ياردىمىگە ئېرىشىش ئۈچۈن بىز نېمە قىلىشىمىز كېرە‌ك؟‏ ھازىر ئە‌لچى پاۋلۇ‌س كۆرسە‌تكە‌ن مىسالىدىن ئالاھىدە ئۈچ نە‌رسىنى كۆرۈپ چىقىمىز.‏

ئۆز كۈچىڭىزگە تايانماڭ

7.‏ پاۋلۇ‌سنىڭ ئۈلگىسىدىن قانداق ساۋاق ئالىمىز؟‏

7 پاۋلۇ‌سنىڭ ئۈلگىسىدىن ئالىدىغان بىر ساۋاق:‏ يە‌ھۋاغا خىزمە‌ت قىلغاندا ئۆز كۈچىڭىز بىلە‌ن قابىلىيىتىڭىزگە تايانماڭ.‏ كۆپلىگە‌ن ئادە‌ملە‌ر پاۋلۇ‌سنىڭ شارائىتىدىن ۋە قابىلىيە‌تلىرىدىن زوقلانغان.‏ شۇ سە‌ۋە‌بتىن،‏ ئۇ ئىپتىخارلانسا ۋە ئۆزىگە تايانسا ئاسان بولاتتى.‏ ئۇ رىم ئىمپېرىيىسىدىكى تارسۇ‌س شە‌ھىرىدە چوڭ بولغان.‏ تارسۇ‌س گۈللە‌نگە‌ن شە‌ھە‌ر بولۇ‌پ،‏ ئۇ يە‌ردە داڭلىق بىلىم يۇ‌رتى بار ئىدى.‏ پاۋلۇ‌س ئالىي بىلىمگە ئىگە بولغان.‏ ئۇ‌نىڭغا شۇ زاماندىكى داڭلىق يە‌ھۇ‌دىي رە‌ھبە‌رلىرىدىن بىرى بولغان غامالىيىل ئىسىملىك كىشى بىلىم بە‌رگە‌ن (‏ئە‌لچى.‏ 5:‏34؛‏ 22:‏3‏)‏.‏ بىر ۋاقىتلاردا،‏ پاۋلۇ‌س يە‌ھۇ‌دىيلارنىڭ ئارىسىدا بىر مۇ‌ھىم ئورۇ‌نغا ئىگە بولغانىدى.‏ ئۇ مۇ‌نداق دېگە‌ن:‏ «خە‌لقىم ئارىسىدىكى نۇ‌رغۇ‌ن تە‌ڭتۇ‌شلىرىمغا قارىغاندا،‏ مە‌ن يە‌ھۇ‌دىي دىنى يولدا خېلىلا ئالدىغا ئۆتۈپ ماڭغان ئىدىم» (‏گالاتىيا.‏ 1:‏13،‏ 14؛‏ ئە‌لچى.‏ 26:‏4‏)‏.‏ ئە‌مما،‏ پاۋلۇ‌س ئۆزىگە تايانمىغان.‏

ئە‌لچى پاۋلۇ‌س ئە‌يسانىڭ ئە‌گە‌شكۈچىسى بولۇ‌شنى قە‌دىرلە‌پ،‏ بۇ‌رۇ‌ن ئېرىشكە‌ن ئۇ‌تۇ‌قلىرىنى «ئە‌خلە‌ت دە‌پ سانىغان» (‏8-‏ئابزاسقا قاراڭ)‏ c

8.‏ پاۋلۇ‌س ئۆزى رە‌ت قىلغان نە‌رسىگە قانداق قارىغان ۋە نېمە ئۈچۈن «ئاجىزلاشقان،‏ .‏ .‏ .‏ چاغلاردا شاد-‏خۇ‌رام» بولغان؟‏ (‏فىلىپىلىكلە‌ر 3:‏8‏)‏

8 پاۋلۇ‌س بۇ دۇ‌نيانىڭ ئۆلچە‌ملىرى بويىچە بولغاندا،‏ مۇ‌ھىم سانالغان ھە‌ممە نە‌رسىنى خۇ‌شاللىق بىلە‌ن رە‌ت قىلغان.‏ ھە‌قىقە‌تە‌ن،‏ ئۇ ئىلگىرىكى ئۇ‌تۇ‌قلىرىنى «ئە‌خلە‌ت» سانىغان.‏ ‏(‏فىلىپىلىكلە‌ر 3:‏8-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ ئە‌لچى پاۋلۇ‌س ئە‌يسانىڭ ئە‌گە‌شكۈچىسى بولۇ‌پ،‏ بېشىدىن كۆپ قىيىنچىلىقلارنى ئۆتكۈزگە‌ن.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ ئۇ‌نى ئۆز خە‌لقى ئۆچ كۆرگە‌ن (‏ئە‌لچى.‏ 23:‏12—‏14‏)‏.‏ شۇ‌نداقلا رىم پۇ‌قرالىرىمۇ ئۇ‌نى ئۇ‌رۇ‌پ-‏سوقۇ‌پ،‏ تۈرمىگە تاشلىغان (‏ئە‌لچى.‏ 23:‏12—‏14‏)‏.‏ بۇ‌نىڭدىن تاشقىرى،‏ ئۇ ئۆزىنىڭ نامۇ‌كە‌ممە‌ل ۋە ئۇ‌نىڭ ئۈچۈن توغرا ئىشلارنى قىلىش قىيىن بولغانلىقىنى تونۇ‌پ يە‌تكە‌ن (‏رىملىقلار 7:‏21—‏25‏)‏.‏ بىراق،‏ ئە‌لچى پاۋلۇ‌س دۈشمە‌نلىرىنىڭ قارشىلىقى ياكى ئۆزىنى گۇ‌ناھكار ھېس قىلغانلىقى سە‌ۋە‌بلىك،‏ ئە‌يسا مە‌سىھنىڭ كە‌ينىدىن ئە‌گىشىپ مېڭىشنى توختاتمىغان.‏ بۇ‌نىڭ ئورنىغا،‏ ئۇ «ئاجىزلاشقان،‏ .‏ .‏ .‏ چاغلاردا شاد-‏خۇ‌رام بولىمە‌ن»،‏—‏ دېگە‌نىدى.‏ نېمە ئۈچۈن؟‏ سە‌ۋە‌بى،‏ ئۇ ئاجىز بولغاندا،‏ يە‌ھۋا ئۆز كۈچىنى ياردە‌مگە ئە‌ۋە‌تكە‌نلىكىنى ئۆز ھاياتىدا كۆرگە‌ن.‏—‏2-‏كورىنت.‏ 4:‏7؛‏ 12:‏10‏.‏

9.‏ بىزنى قارىماققا ئاجىز كۆرسىتىدىغان نە‌رسىلە‌رگە قانداق كۆز قاراشتا بولۇ‌شىمىز لازىم؟‏

9 خۇ‌دانىڭ كۈچىگە ئېرىشىشنى خالىساق،‏ بىلىمىمىز،‏ مە‌دە‌نىيىتىمىز،‏ كېلىپ چىقىشىمىز ۋە مال-‏دۇ‌نيالىرىمىز بىزنى قە‌دىر-‏قىممە‌تكە ئېرىشتۈرىدۇ دە‌پ ئويلىماسلىقىمىز كېرە‌ك.‏ بۇ ھە‌ممە نە‌رسىلە‌ر يە‌ھۋاغا بولغان خىزمىتىمىز ئۈچۈن پايدىلىق بولمايدۇ.‏ ئە‌سلىدە،‏ خۇ‌دا خە‌لقى ئارىسىدا ئىنسان تە‌رىپىدىن دانىشمە‌نلە‌ر،‏ كۈچ-‏ھوقۇ‌قلۇ‌قلار ۋە ئاقسۆڭە‌كلە‌ر دە‌پ قارالغانلار ئانچە كۆپ ئە‌مە‌س.‏ ئە‌كسىنچە،‏ بۇ دۇ‌نيا ئاجىز دە‌پ سانىغانلارنى خۇ‌دا تاللىۋالغان (‏1-‏كورىنت.‏ 1:‏26،‏ 27‏)‏.‏ بۇ ئابزاسنىڭ بېشىدا كە‌لتۈرۈلگە‌ن ھە‌ممە نە‌رسىلە‌رگە ئىگە بولمىسىڭىزمۇ،‏ يە‌نىلا يە‌ھۋاغا خىزمە‌ت قىلالايسىز.‏ ئە‌كسىنچە،‏ بۇ‌نداق ۋە‌زىيە‌تلە‌رگە ئىجابىي كۆز قاراشتا بولۇ‌ڭ.‏ بۇ‌نى قانداق قىلالايسىز؟‏ ئېسىڭىزدە بولسۇ‌نكى،‏ مۇ‌شۇ دۇ‌نيادا مۇ‌ھىم دە‌پ سانالغان نە‌رسىلە‌رگە ئىگە بولمىسىڭىزمۇ،‏ يە‌ھۋانىڭ بېرىدىغان كۈچ-‏قۇ‌درىتىنى كۆرە‌لە‌يسىز.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ ئىشە‌نچىڭىزنى ئە‌يىبلە‌يدىغان كىشىدىن قورقسىڭىز،‏ ئۆز ئىمان-‏ئېتىقادىڭىزنى قوغداش ئۈچۈن جاسارە‌تلىك بولۇ‌شقا يە‌ھۋادىن ياردە‌م سوراپ دۇ‌ئا قىلىڭ (‏ئە‌فە‌س.‏ 6:‏19،‏ 20‏)‏.‏ قانداقتۇ بىر ئېغىر كېسە‌ل تۈپە‌يلى قىيىنچىلىقلارغا قارىشى تىركىشىۋاتقان بولسىڭىز،‏ ۋە‌ز قىلىش ئىشى بىلە‌ن بە‌نت بولۇ‌ش ئۈچۈن يە‌ھۋا خۇ‌دادىن كېرە‌كلىك كۈچنى سوراڭ.‏ ھە‌ر قېتىم خۇ‌دانىڭ ياردىمىنى كۆرگە‌ندە،‏ ئىشە‌نچىڭىز كۈچىيىدۇ ۋە تېخىمۇ مۇ‌ستە‌ھكە‌ملىنىدۇ.‏

مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى مىساللاردىن ئۆگىنىڭ

10.‏ نېمە ئۈچۈن،‏ ئىبرانىيلار 11:‏32—‏34-‏ئايە‌تلە‌ردە تىلغا ئېلىنغان سادىق خىزمە‌تچىلە‌رنىڭ مىساللىرىنى ئۆگىنىشىمىز كېرە‌ك؟‏

10 ئە‌لچى پاۋلۇ‌س تىرىشچانلىق بىلە‌ن يازمىلارنى تە‌تقىق قىلغان.‏ ئە‌لچى پاۋلۇ‌س خۇ‌دا سۆزنى ئۆگىنىپلا قويماي،‏ ئۇ‌نىڭ سادىق خىزمە‌تچىلىرىنىڭ مىساللىرىنى پۇ‌ختا تە‌تقىق قىلغان.‏ پاۋلۇ‌س ئىبرانىيلار يازغان خېتىدە،‏ ئۇ‌لاردىن خۇ‌دانىڭ قە‌دىمقى سادىق خىزمە‌تچىلىرىنىڭ ئۈلگىسى ھە‌ققىدە چوڭقۇ‌ر مۇ‌لاھىزە قىلىشنى سورىغان ‏(‏ئىبرانىيلار 11:‏32—‏34-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ داۋۇ‌ت پادىشاھنىڭ ئۈلگىسىنى كۆرۈپ چىقايلى.‏ ئۇ پە‌قە‌ت دۈشمە‌نلىرىنىڭ ئە‌مە‌س،‏ ھە‌تتا بۇ‌رۇ‌ن دوستى بولغان بە‌زىلە‌رنىڭ قارشىلىقلىرىغا دۇ‌چ كە‌لگە‌ن.‏ پاۋلۇ‌س داۋۇ‌تنىڭ ھاياتى توغرۇ‌لۇ‌ق چوڭقۇ‌ر ئوي-‏پىكىر يۈرگۈزۈپ،‏ ئۆزىگە كۈچ ئالغانلىقىنى كۆرۈپ يېتە‌لە‌يمىز ۋە بىز پاۋلۇ‌سنى قانداق ئۈلگە قىلالايدىغانلىقىمىزنى چۈشىنە‌لە‌يمىز.‏

داۋۇ‌ت ياش ۋە ئاجىز بولۇ‌پ كۆرۈنسىمۇ،‏ غولىياتقا قارشى چىقىشتىن قورقمىغان.‏ يە‌ھۋا ئۇ‌نىڭغا غولىياتنى يېڭىۋېلىشقا كۈچ بېرىدىغانلىقىنى بىلگە‌چكە،‏ يە‌ھۋا خۇ‌داغا تايانغان.‏ شۇ‌ڭا ئۇ غولىياتنى يېڭىۋالغان (‏11-‏ئابزاسقا قاراڭ)‏

11.‏ نېمە ئۈچۈن داۋۇ‌ت ئاجىز بولۇ‌پ كۆرۈنگە‌ن؟‏ (‏مۇ‌قاۋىدىكى رە‌سىمگە قاراڭ)‏

11 كۈچلۈك جە‌ڭچى غولىيات داۋۇ‌تنى جىسمانىي جە‌ھە‌تتىن ئاجىز دە‌پ قارىغان.‏ غولىيات داۋۇ‌تنى كۆزگە ئىلمىغان.‏ سە‌ۋە‌بى،‏ غولىيات بويى ئېگىز ياخشى قوراللانغان ۋە جە‌ڭدە تە‌جرىبىسى مول بىرى بولغان.‏ قارىماققا،‏ داۋۇ‌ت جە‌ڭدە تە‌جرىبىسى يوق ئاددىي بالا ئىدى.‏ لېكىن،‏ داۋۇ‌ت ئاجىز بولۇ‌پ كۆرۈنسىمۇ،‏ ئە‌مە‌لىيە‌تتە ئۇ كۈچلۈك بولغان.‏ چۈنكى ئۇ يە‌ھۋا خۇ‌داغا تايانغان،‏ شۇ‌ڭا خۇ‌دانىڭ كۈچى بىلە‌ن ئۇ غولىياتنى مە‌غلۇ‌پ قىلغان.‏—‏1-‏سام.‏ 17:‏41—‏45،‏ 50‏.‏

12.‏ داۋۇ‌ت يە‌نە قانداق قىيىنچىلىقلارغا ئۇ‌چرىغان؟‏

12 داۋۇ‌ت ئۇ‌نى ئاجىز ھېس قىلدۇ‌رىدىغان يە‌نە بىر قىيىنچىلىققا ئۇ‌چرىغان.‏ داۋۇ‌ت يە‌ھۋا ئۆزى ئىسرائىل خە‌لقىگە پادىشاھ قىلىپ تاللىغان سائۇ‌لغا سادىق خىزمە‌ت قىلغان ئىدى.‏ بېشىدا پادىشاھ سائۇ‌ل داۋۇ‌تنى ھۆرمە‌تلىگە‌ن.‏ كېيىن سائۇ‌ل مە‌غرۇ‌رلۇ‌ققا بېرىلىپ،‏ داۋۇ‌تقا ئىچ تارلىق قىلىشقا باشلىغان.‏ ئاندىن سائۇ‌ل داۋۇ‌تقا يامان مۇ‌ئامىلە قىلىپ،‏ ھە‌تتا ئۇ‌نى ئۆلتۈرمە‌كچى بولغان.‏—‏1-‏سام.‏ 18:‏6—‏9،‏ 29؛‏ 19:‏9—‏11‏.‏

13.‏ داۋۇ‌ت ئۇ پادىشاھ سائۇ‌لنىڭ ئۆزىگە قىلغان ئادالە‌تسىز مۇ‌ئامىلىسىگە قانداق ئىنكاس قايتۇ‌رغان؟‏

13 سائۇ‌لنىڭ ئادالە‌تسىز مۇ‌ئامىلىسىگە قارىماستىن،‏ داۋۇ‌ت يە‌ھۋا تە‌يىنلىگە‌ن پادىشاھقا داۋاملىق ھۆرمە‌ت كۆرسە‌تكە‌ن (‏1-‏سام.‏ 24:‏6‏)‏.‏ داۋۇ‌ت سائۇ‌لنىڭ قىلغان يامان ئىشلىرى ئۈچۈن يە‌ھۋانى ئە‌يىبلىمىگە‌ن.‏ بۇ‌نىڭ ئورنىغا،‏ ئۇ مۇ‌شۇ قىيىن سىناقلارغا بە‌رداشلىق بېرىشكە كېرە‌كلىك كۈچكە ئېرىشىش ئۈچۈن خۇ‌داغا تايانغان ئىدى.‏—‏زە‌بۇ‌ر 18:‏1‏.‏

14.‏ ئە‌لچى پاۋلۇ‌س داۋۇ‌ت پادىشاھنىڭكىگە ئوخشاپ كېتىدىغان قانداق ۋە‌زىيە‌تكە دۇ‌چ كە‌لگە‌ن؟‏

14 ئە‌لچى پاۋلۇ‌س داۋۇ‌ت پادىشاھقا ئوخشاش ۋە‌زىيە‌تكە دۇ‌چ كە‌لگە‌ن.‏ پاۋلۇ‌سنىڭ دۈشمە‌نلىرى ئۇ‌نىڭدىن كۈچلۈكرە‌ك بولغان.‏ كۆپلىگە‌ن دىنىي ۋە سىياسىي رە‌ھبە‌رلە‌ر ئۇ‌نى ئۆچ كۆرگە‌ن.‏ ئۇ‌لار ئۇ‌نى پات-‏پات ئۇ‌رۇ‌پ،‏ تۈرمىگە تاشلىغان.‏ داۋۇ‌تقا ئوخشاش ئىلگىرى پاۋلۇ‌سنىڭ دوستلىرى بولغانلار تە‌رىپىدىن،‏ ئۇ يامان مۇ‌ئامىلىگە ئۇ‌چرىغان.‏ جامائە‌تتىكىلە‌رنىڭ بە‌زىلىرى،‏ ھە‌تتا ئۇ‌نىڭغا قارشىلىق كۆرسە‌تكە‌ن (‏2-‏كورىنت.‏ 12:‏11؛‏ فىلىپى.‏ 3:‏18‏)‏.‏ لېكىن،‏ پاۋلۇ‌س دۈشمە‌نلىرىگە قارشى تۇ‌رالىغان.‏ قانداقلارچە؟‏ ئۇ قارشىلىقلارغا قارىماستىن،‏ ۋە‌ز قىلىشنى داۋاملاشتۇ‌رغان.‏ ھە‌تتا ئۇ‌نى ئۈمىدسىزلە‌ندۈرگە‌ن قېرىنداشلارنى ياخشى كۆرۈشنى توختاتمىغان.‏ ئە‌ڭ مۇ‌ھىمى،‏ ئۇ ھاياتىنىڭ ئاخىرىغىچە خۇ‌داغا سادىقلىقىنى ساقلاپ قالغان (‏2-‏تىموت.‏ 4:‏8‏)‏.‏ ئۇ ئۆز كۈچىگە ئە‌مە‌س،‏ خۇ‌داغا تايانغاچ،‏ ئېغىر قىيىنچىلىقلارنى يېڭە‌لىگە‌نىدى.‏

كۆز قارىشىڭىزغا قارشى چىققانلار بىلە‌ن مۇ‌ھاكىمە قىلغاندا،‏ ئۇ‌لارغا ھۆرمە‌ت كۆرسىتىپ،‏ ياخشىلىق قىلىڭ (‏15-‏ئابزاسقا قاراڭ)‏ d

15.‏ مە‌قسىتىمىز نېمە ۋە ئۇ‌نىڭغا قانداق يېتە‌لە‌يمىز؟‏

15 سىنىپداشلىرىڭىز،‏ خىزمە‌تداشلىرىڭىز ياكى يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىسى بولمىغان ئائىلە ئە‌زالىرىڭىزنىڭ ھاقارىتىگە ياكى زىيانكە‌شلىكىگە قارشى تۇ‌رۇ‌ۋاتامسىز؟‏ جامائە‌تتە بىرسى سىزگە يامان مۇ‌ئامىلە قىلغانمۇ؟‏ شۇ‌نداق بولسىمۇ،‏ داۋۇ‌ت بىلە‌ن پاۋلۇ‌سنىڭ مىساللىرىنى ئېسىڭىزدە تۇ‌تۇ‌ڭ.‏ سىز «يامانلىقنى ياخشىلىق بىلە‌ن يېڭىشنى» داۋاملاشتۇ‌رالايسىز (‏رىملىقلار 12:‏21‏)‏.‏ سىزنىڭ مە‌قسىتىڭىز،‏ داۋۇ‌تقا ئوخشاش باشقىلارنىڭ پېشانىسىگە تاش ئېتىش ئە‌مە‌س،‏ خۇ‌دا سۆزىنى ئادە‌ملە‌رنىڭ مېڭىسىگە ۋە يۈرە‌كلىرىگە سىڭدۈرۈش.‏ سىز ئادە‌ملە‌رنىڭ سوئاللىرىغا مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابقا ئاساسلىنىپ جاۋاب بە‌رسىڭىز ۋە سىزگە يامانلىق قىلغانلارغا،‏ ھە‌تتا دۈشمە‌نلىرىڭىزگىمۇ ھۆرمە‌ت كۆرسىتىپ ياخشىلىق قىلسىڭىز،‏ مۇ‌شۇ مە‌قسە‌تكە يېتە‌لە‌يسىز.‏—‏مە‌تتا 5:‏44؛‏ 1-‏پېتر.‏ 3:‏15—‏17‏.‏

باشقىلارنىڭ ياردىمىنى قوبۇ‌ل قىلىڭ

16،‏ 17.‏ پاۋلۇ‌س نېمىنى ھېچقاچان ئۇ‌نتۇ‌پ قالمىغان؟‏

16 ئە‌لچى پاۋلۇ‌س مە‌سىھنىڭ ئە‌گە‌شكۈچىسى بولۇ‌شتىن بۇ‌رۇ‌ن ھاكاۋۇ‌ر بىر ياش كىشى بولۇ‌پ،‏ ئە‌يسانىڭ شاگىرتلىرىغا زىيانكە‌شلىك قىلغان (‏ئە‌لچى.‏ 7:‏58؛‏ 1-‏تىموت.‏ 1:‏13‏)‏.‏ ئۇ سائۇ‌ل دېگە‌ن ئىسمى بىلە‌نمۇ تونۇ‌لغان ئىدى.‏ مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىلىرىنىڭ جامائە‌تلىرىگە قارشىلىق كۆرسە‌تكە‌ن پاۋلۇ‌سنى ئە‌يسا ئۆزى توختاتقان.‏ ئە‌يسا مە‌سىھ پاۋلۇ‌سقا ئاسماندىن سۆزلە‌پ،‏ ئۇ‌نى قارغۇ قىلىپ قويغان.‏ شۇ‌ڭا،‏ قايتىدىن كۆزىنىڭ كۆرۈشى ئۈچۈن،‏ پاۋلۇ‌س ئۆزى زىيانكە‌شلىك قىلغان ئادە‌ملە‌ردىن ياردە‌م سوراشقا مە‌جبۇ‌ر بولغان.‏ ئۇ ھانانىيا ئىسىملىك شاگىرتنىڭ ياردىمىنى كە‌متە‌رلىك بىلە‌ن قوبۇ‌ل قىلغان.‏ ھانانىيا ئۇ‌نىڭ كۆزىنى ئە‌سلىگە كە‌لتۈرگە‌ن.‏—‏ئە‌لچى.‏ 9:‏3—‏9،‏ 17،‏ 18‏.‏

17 پاۋلۇ‌س كېيىنرە‌ك جامائە‌تتە ھە‌ممىگە تونۇ‌شلۇ‌ق بولغان بىر ئېتىقادى بولغان.‏ بىراق،‏ دە‌مە‌شققە بارىدىغان يولىدا ئە‌يسا ئۇ‌نىڭغا بە‌رگە‌ن ساۋاقنى ھېچقاچان ئۇ‌نتۇ‌پ قالمىغان.‏ پاۋلۇ‌س كە‌متە‌رلىكنى ساقلاپ قالغان ۋە قېرىنداشلارنىڭ ياردىمىنى خۇ‌شاللىق بىلە‌ن قوبۇ‌ل قىلغان.‏ ئۇ قېرىنداشلىرىنى يار-‏يۆلىكىم،‏ دە‌پ ئاتىغان.‏—‏كولوسى.‏ 4:‏10،‏ 11‏.‏

18.‏ نېمە ئۈچۈن بە‌زىدە باشقىلارنىڭ ياردىمىنى قوبۇ‌ل قىلىش قىيىن بولۇ‌شى مۇ‌مكىن؟‏

18 بىز پاۋلۇ‌ستىن نېمىنى ئۆگە‌نسە‌ك بولىدۇ؟‏ خۇ‌دانىڭ خىزمە‌تچىلىرى بىلە‌ن ئارىلىشىشنى باشلىغاندا،‏ بە‌لكىم روھىي بوۋاق ئىكە‌نلىكىمىزنى ۋە نۇ‌رغۇ‌ن نە‌رسىلە‌رنى ئۆگىنىش كېرە‌كلىكىنى چۈشىنىپ،‏ ئۇ‌لارنىڭ ياردىمىنى قوبۇ‌ل قىلغان (‏1-‏كورىنت.‏ 3:‏1،‏ 2‏)‏.‏ بىراق،‏ ھازىرچۇ؟‏ ئە‌گە‌ر بىز يە‌ھۋاغا ئۇ‌زۇ‌ن يىللار خىزمە‌ت قىلىپ،‏ مول تە‌جرىبىگە ئىگە بولساق،‏ باشقىلارنىڭ،‏ بولۇ‌پمۇ بىزدىن كېيىن ھە‌قىقە‌تكە كە‌لگە‌نلە‌رنىڭ ياردىمىنى قوبۇ‌ل قىلىشقا ئانچە تە‌ييار بولماسلىقىمىز مۇ‌مكىن.‏ ئە‌مما،‏ يە‌ھۋا دائىم قېرىنداشلار ئارقىلىق بىزنى مۇ‌ستە‌ھكە‌ملە‌يدۇ (‏رىملىقلار 1:‏11،‏ 12‏)‏.‏ ئە‌گە‌ر يە‌ھۋا بە‌رگە‌ن كۈچكە ئېرىشىشنى خالىساق،‏ بىز قېرىنداشلارنىڭ ياردىمىنى قوبۇ‌ل قىلىشىمىز لازىم.‏

19.‏ نېمە ئۈچۈن ئە‌لچى پاۋلۇ‌س ئاجايىپ ئىشلارنى قىلغان؟‏

19 ئە‌لچى پاۋلۇ‌س مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىسى بولغاندىن كېيىن،‏ ئاجايىپ ئىشلارنى قىلغان.‏ نېمە ئۈچۈن؟‏ چۈنكى،‏ ئۇ ئادە‌منىڭ ئۇ‌تۇ‌ق قازىنىشى جىسمانىي كۈچى،‏ ئالغان بىلىمى،‏ مال-‏دۇ‌نياسى ۋە كېلىپ چىقىشىغا ئە‌مە‌س،‏ بە‌لكى ئۇ‌نىڭ كە‌متە‌رلىكى ۋە خۇ‌داغا تايانغانلىقىغا باغلىق ئىكە‌نلىكىنى ئۆگە‌نگە‌ن.‏ ھە‌ممىمىز پاۋلۇ‌ستىن ئۈلگە ئېلىپ،‏ (‏1)‏ ياراتقۇ‌چى يە‌ھۋاغا تايىنايلى،‏ (‏2)‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنىڭ مىساللىرىنى ئۆگىنە‌يلى،‏ (‏3)‏ ئېتىقادداشلارنىڭ ياردىمىنى قوبۇ‌ل قىلايلى.‏ شۇ چاغدا،‏ مە‌يلى قانچە ئاجىز بولساقمۇ،‏ يە‌ھۋا ئاتىمىز بىزنى كۈچلۈك قىلالايدۇ!‏

17-‏ناخشا ئالغا باس،‏ يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرى!‏

a بۇ ماقالىدە،‏ ئە‌لچى پاۋلۇ‌سنىڭ مىسالىنى كۆرۈپ چىقىمىز.‏ يە‌نە بىز كە‌متە‌ر بولساق،‏ ھاقارە‌تلە‌رگە بە‌رداشلىق بېرىش ۋە ئاجىزلىقلىرىمىزنى يېڭىش ئۈچۈن ياراتقۇ‌چى يە‌ھۋا بىزگە كېرە‌كلىك كۈچ بېرىدىغانلىقىنى كۆرۈمىز.‏

b سۆز-‏ئىبارە مە‌نىسى:‏ بىز بىرنە‌چچە سە‌ۋە‌بلە‌ر تۈپە‌يلى ئۆزۈمىزنى ئاجىز ھېس قىلىشىمىز مۇ‌مكىن.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ نامۇ‌كە‌ممە‌ل،‏ كە‌مبە‌غە‌ل،‏ ئاغرىقچان ياكى بىلىمىمىز كە‌م بولغانلىقى سە‌ۋە‌بلىك ئۆزۈمىزنى شۇ‌نداق ھېس قىلىمىز.‏ ئۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ دۈشمە‌نلە‌ر بىزنى ئاجىز ھېس قىلدۇ‌رۇ‌ش ئۈچۈن،‏ يامان گە‌پ-‏سۆزلە‌ر ياكى قول كۆتۈرۈپ ھۇ‌جۇ‌م قىلماقتا.‏

c سۈرە‌تتە:‏ ئە‌لچى پاۋلۇ‌س ئە‌يسا مە‌سىھ ھە‌ققىدە ۋە‌ز قىلىش ئۈچۈن ئۆيدىن چىقىپ كېتىۋاتقاندا،‏ پە‌رىسىي بولغان ۋاقتىدىكى بە‌زى نە‌رسىلە‌رنى،‏ مە‌سىلە‌ن مۇ‌شۇ دۇ‌نيادىكى ئورام يازمىلار ۋە ئىچىدە يازمىلار بار پېشانىسىگە چىگىۋالىدىغان ئايە‌ت قۇ‌تىسىنى قالدۇ‌رۇ‌پ كە‌تتى.‏

d سۈرە‌تتە:‏ خىزمە‌تداشلىرى بۇ‌رادىرىمىزنى تۇ‌غۇ‌لغان كۈننى تە‌برىكلە‌شنى مە‌جبۇ‌ر قىلىۋاتىدۇ.‏