39-تەتقىق ماقالىسى
جامائەتتىكى ئايال قېرىنداشلارنى قوللاپ-قۇۋۋەتلەڭ
«خۇش خەۋەرنى جاكارلىغۇچى قىز-ئاياللار زور بىر قوشۇندۇر!»—زەبۇر 68:11.
3-ناخشا «خۇدا ئۆزى مېھىر-مۇھەببەتتۇر»
بۇ ماقالىدە a
1. ئايال قېرىنداشلار قانداق قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كېلىدۇ؟ (مۇقاۋىدىكى رەسىمگە قاراڭ)
بىز جامائىتىمىزدە شۇنچە كۆپ تىرىشچان قېرىنداشلارنىڭ بولغىنىدىن ئىنتايىن خۇشالمىز. مەسىلەن، ئۇلار جامائەت يىغىلىشلىرىغا قاتنىشىدۇ ۋە قىزغىنلىق بىلەن ۋەز قىلىدۇ. ئۇلار ئىبادەت زاللىرىنى ئاسراپ-ساقلاشقا قاتنىشىدۇ ۋە قېرىنداشلارغا غەمخورلۇق قىلىدۇ. ئەلۋەتتە، ئۇلارمۇ كۆپ قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كېلىدۇ. بەزىلەر ياشانغان ئاتا-ئانىلىرىدىن خەۋەر ئالىدۇ، يەنە بەزىلەر ئېتىقادى ئۈچۈن ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرايدۇ. يەنە باشقىلار بولسا ئۆزى يالغۇز بالىلارنى تەربىيىلەيدۇ ۋە ئۇلارغا غەمخورلۇق قىلىش ئۈچۈن كۆپ تەر تۆكۈپ ئىشلەيدۇ.
2. نېمە ئۈچۈن ئايال قېرىنداشلارنى قوللاپ-قۇۋۋەتلىشىمىز كېرەك؟
2 نېمە ئۈچۈن ئايال قېرىنداشلارنى قوللاپ-قۇۋۋەتلىشىمىز كېرەك؟ چۈنكى، ئادەتتە ئاياللار ھۆرمەتلىنىشى كېرەك بولسىمۇ، بۇ دۇنيادىكى ئادەملەر ھەمىشە ئاياللارغا تېگىشلىك ھۆرمەتنى كۆرسەتمەيدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، مۇقەددەس كىتاب بىزنى ئۇلارغا يار-يۆلەك بولۇشقا دەۋەت قىلىدۇ. مەسىلەن، ئەلچى پاۋلۇس رىمدىكى ئېتىقادداشلارنى فىبى ئىسىملىك قېرىنداشنى كۈتۈۋېلىشنى سوراپ، «قانداق ئېھتىياجى بولسا، ئۇنىڭغا ياردەم بېرىڭلار» دېگەنىدى (رىملىقلار 16:1، 2). پاۋلۇس ئىلگىرى پەرىسىي سۈپىتىدە، ئېھتىمال ئاياللارنى تۆۋەن كۆرىدىغان مەدەنىيەت ئىچىدە ياشىغان ئىدى. بىراق، ئەيسانىڭ شاگىرتى بولغاندىن كېيىن، ئۇ ئەيسادىن ئۈلگە ئېلىپ، ئاياللارغا ئىززەت-ھۆرمەت كۆرسەتكەن ۋە ئۇلارغا مېھرىبان بولغان.—1-كورىنت. 11:1.
3. ئەيسا ئاياللارغا قانداق مۇئامىلە قىلغان ۋە ئۇ ئاتىسىنىڭ ئىرادىسىنى ئورۇنلىغان ئاياللارغا قانداق قارىغان؟
3 ئەيسا بارلىق ئاياللارغا ھۆرمەت بىلەن مۇئامىلە قىلغان (يۇھاننا 4:27). ئۇ ئاياللارغا شۇ زاماندىكى يەھۇدىي دىنىي رەھبەرلەردەك كۆز قاراشتا بولمىغان. بىر كىتابتا يېزىلغاندەك، ئەيسا ئاياللارغا ھېچقاچان ھۆرمەتسىزلىك كۆرسىتىدىغان سۆزلەرنى ئېيتمىغان. لېكىن، ئەيسا ئاسماندىكى ئاتىسىنىڭ ئىرادىسىنى ئورۇنلىغان ئاياللارغا ئالاھىدە ھۆرمەت كۆرسەتكەن. قىزىقارلىق يېرى شۇكى، ئەيسا ئاياللارنى قېرىنداشلىرىم، دەپ ئاتىغان ۋە ئۇلارنى روھىي ئائىلىنىڭ ئەزاسى سانىلىدىغان ئەر كىشىلەر بىلەن بىر قاتاردا تىلغا ئالغان.—مەتتا 12:50.
4. بۇ ماقالىدە نېمىنى كۆرۈپ چىقىمىز؟
4 ئەيسا خۇداغا خىزمەت قىلىدىغان ئاياللارغا ياردەم بېرىشكە ھەر ۋاقىت تەييار بولغان. ئۇ ئاياللارنى قەدىرلىگەن ۋە قوغدىغان. ھازىر ئەيسادىن ئۈلگە ئېلىشنىڭ ئۈچ ئۇسۇلىنى كۆرۈپ باقايلى.
ئەزىز ئايال قېرىنداشلارغا ھۆرمەت كۆرسىتىڭ
5. نېمە ئۈچۈن بەزى قېرىنداشلارغا دوستلار بىلەن ئارىلىشىش قىيىن بولۇشى مۇمكىن؟
5 مەيلى ئايال ياكى ئەر كىشى بولايلى، ھەممىمىزگە ياخشى دوستلار كېرەك. بىراق، بەزىدە ئايال قېرىنداشلارغا ياخشى دوست تېپىش قىيىن. نېمە ئۈچۈن؟ تۆۋەندىكى مىساللارغا دىققەت ئاغدۇرايلى. مەسىلەن، جوردان b ئىسىملىك قېرىندىشىمىز مۇنداق دەيدۇ: «توي قىلمىغاچقا، مەن پات-پات جامائەتتە ئۆز ئورنۇمنى تاپالمايدىغاندەك ھېس قىلىمەن. ئۆزۈمنى جامائەتنىڭ بىر ئەزاسىدەك ھېس قىلمايمەن». كۆپرەك خىزمەت قىلىش ئۈچۈن باشقا جايغا كۆچۈپ بارغان كرىستېن ئىسىملىك پىدائىي ۋەز ئېيتقۇچى مۇنداق دەيدۇ: «يېڭى جامائەتتە ئۆزىڭىزنى يالغۇز ھېس قىلىشىڭىز مۇمكىن». بەزى بۇرادەرلەرمۇ شۇنداق ھېس-تۇيغۇدا بولىدۇ. ئۇرۇق-تۇغقانلىرى يەھۋا گۇۋاھچىسى ئەمەس قېرىنداشلار ھەم ئائىلە ئەزالىرى، ھەم ئېتىقادداشلار بىلەنمۇ يېقىن مۇناسىۋەتتە بولمىغاندەك ھېس قىلىشى مۇمكىن. بەزى قېرىنداشلار سالامەتلىكى ناچار بولغاچقا ياكى ئائىلە ئەزالىرىنىڭ بىرىدىن خەۋەر ئېلىش زۆرۈر بولغاچقا، ئۆيىدىن چىقالمايدۇ. ئاننېت مۇنداق دەيدۇ: «ئاپامغا ئاساسلىقى مەن قارىغاچقا، جامائەتتىكىلەر مېنى مېھمانغا چاقىرغاندا، تەكلىپلىرىنى قوبۇل قىلالمايتتىم».
6. لۇقا 10:38—42-ئايەتلەردىن كۆرگىنىمىزدەك، ئەيسا مارتا بىلەن مەريەمگە قانداق ياردەم بەرگەن؟
6 ئەيسا مەسىھ ۋاقىت چىقىرىپ ئېتىقادچى ئايال قېرىنداشلىرىغا كۆڭۈل بۆلگەن ۋە ئۇلارنىڭ ھەقىقىي دوستى بولغان. كېلىڭلار، ئۇلارنىڭ ئەيسا بىلەن بولغان دوستلۇقىنى كۆرۈپ باقايلى. قارىماققا، مارتا بىلەن مەريەم ھەر ئىككىلىسى توي قىلمىغان (لۇقا 10:38—42-نى ئوقۇڭ). ئەيسا سۆزلىرى ۋە ئىش-ھەرىكەتلىرى ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنى ئەركىن-ئازادە ھېس قىلىشىغا ياردەم بەرگەن. مەسىلەن، مەريەم ئەيسانىڭ شاگىرتى سۈپىتىدە ئۇنىڭ پۇتى تەرىپىدە ئولتۇرۇشتىن ئۇيالمىغان c. مارتانىڭ داستىخان راستلىشىغا مەريەم ياردەم بەرمىگەندە، ئۇ ئۆز ھېس-تۇيغۇلىرىنى ئەيساغا ئەركىن-ئازادە ئېيتقان. ئاشۇ ئولتۇرۇشتا، ئەيسا ھەر ئىككىلىسىگە روھىي جەھەتتىن ياردەم بېرەلىگەن. ئەيسا باشقىمۇ ۋەزىيەتلەردە مەريەم بىلەن مارتا ۋە ئۇلارنىڭ ئاكىسى لازارغا غەمخورلۇق قىلغان. مەسىلەن، ئۇلارنىڭ ئۆيىگە بارغان (يۇھاننا 12:1—3). شۇڭا، لازار ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار بولغاندا، مەريەم بىلەن مارتا ئەيسادىن ياردەم سوراشتىن تارتىنمىغانلىقى ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس.—يۇھاننا 11:3، 5.
7. ئايال قېرىنداشلارنى قانداق قوللاپ-قۇۋۋەتلىيەلەيمىز؟
7 بەزى قېرىنداشلار ئۈچۈن جامائەت يىغىلىشلىرى ئېتىقادداشلار بىلەن كۆرۈشۈشنىڭ ئەڭ ياخشى ئىمكانىيىتىدۇر. شۇڭا، شۇنداق پۇرسەتلەردىن پايدىلىنىپ، ئۇلارنى ئىللىق قارشى ئېلىپ، ئۇلار بىلەن پاراڭلىشىپ ۋە ئۇلارغا غەمخورلۇق قىلايلى. يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان جوردان مۇنداق دەيدۇ: «باشقىلار مېنى جاۋابلىرىم ئۈچۈن ماختىغاندا، مېنىڭ بىلەن ۋەز خىزمىتىگە يېزىلغاندا ياكى باشقا يوللار بىلەن ماڭا كۆڭۈل بۆلگەندە، بۇ مەن ئۈچۈن بەك چوڭ ئىلھام». ئايال قېرىنداشلىرىمىز بىز ئۈچۈن بەك قەدىرلىك ئىكەنلىكىنى ئۇلارغا بىلدۈرۈشىمىز لازىم. كىئا مۇنداق دەيدۇ: «يىغىلىشقا بىر قېتىم بارمىسام، قېرىنداشلار ماڭا چوقۇم قىسقا ئۇچۇر يازىدىغانلىقىنى بىلىمەن. بۇ ئۇلارنىڭ ماڭا غەمخورلۇق قىلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ».
8. ئەيسادىن ئۈلگە ئېلىشنىڭ يەنە قانداق ئۇسۇللىرى بار؟
8 ئەيسادىن ئۈلگە ئېلىپ، بىز ئايال قېرىنداشلارغا ۋاقىت بۆلۈش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىشىمىز كېرەك. ئۇلارنى مېھمانغا ياكى بىللە كۆڭۈل كۆتۈرۈشكە چاقىرساق بولىدۇ. شۇنداق چاغلاردا، ئۆزئارا ئىلھام بېرىدىغان سۆھبەتلەرنى قىلىشساق بولىدۇ (رىملىقلار 1:11، 12). ئاقساقاللار ئەيسادىن ئۈلگە ئېلىشى كېرەك. ئەيسا توي قىلمىغانلارنىڭ قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كېلىدىغانلىقىنى بىلگەن. ئەمما، ئۇ ھەقىقىي تۈگىمەس بەختنىڭ تۇرمۇش قۇرۇپ، بالىلىق بولۇشقا باغلىق ئەمەس ئىكەنلىكىنى ئېنىق كۆرسەتكەن (لۇقا 11:27، 28). ئەكسىچە، مەڭگۈلۈك بەخت يەھۋاغا خىزمەت قىلىشنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇشتىن كېلىدۇ.—مەتتا 19:12.
9. ئاقساقاللار ئايال قېرىنداشلارغا قانداق ياردەم بېرەلەيدۇ؟
9 ئاقساقاللار يىغىلىشتىن ئاۋۋال ۋە يىغىلىشتىن كېيىن ئايال قېرىنداشلار بىلەن سۆھبەتلىشىش ئۈچۈن ۋاقىت چىقىرالايدۇ (1-تىموت. 5:1، 2). كرىستېن ئىسىملىك قېرىنداش مۇنداق دەيدۇ: «بىر ئاقساقال بەك ئالدىراش ئىكەنلىكىمنى بايقاپ، كۈن تەرتىپىم توغرۇلۇق سورىدى. شۇنداق سەمىمىي قىزىقىش كۆرسەتكەنلىكى ئۈچۈن ئۇنىڭغا بەك مىننەتدار بولدۇم» d. يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ئاننېت ئاقساقاللار بىلەن پات-پات سۆزلىشىشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەيدۇ. ئۇ مۇنداق دېگەن: «مەن ئۇلارنى، ئۇلار بولسا، مېنى ياخشىراق بىلىدۇ. ئەگەر كېيىن مەن قانداقتۇ بىر قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلسەم، ئۇلاردىن ئەركىن-ئازادە ياردەم سورىيالايمەن».
ئايال قېرىنداشلارنى قەدىرلەڭ
10. ئايال قېرىنداشلار ئۆزلىرىنى بەختلىك ھېس قىلىشى ئۈچۈن نېمە قىلالايمىز؟
10 مەيلى ئەر كىشى ياكى ئايال كىشى بولايلى، باشقىلار قابىلىيەتلىرىمىزنى ياكى قىلغان ئىشلىرىمىزنى بايقىغاندا، بەكمۇ خۇشال بولىمىز. ئەمما، ئەگەر قابىلىيەتلىرىمىزنى ئىشلىتىپ قىلغان ئىشىمىزنى ھېچكىم كۆرمىسە ياكى مىننەتدارلىق بىلدۈرمىسە، ئۈمىدسىزلىنىپ قېلىشىمىز مۇمكىن. تېخى توي قىلمىغان ئابىگائىل ئىسىملىك پىدائىي ۋەز ئېيتقۇچى بەزىدە ئۆزىنى باشقىلار ئۇنى ئۇنتۇپ قالغاندەك ھېس قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «باشقىلار مېنى پەقەت پالانچىنىڭ قېرىندىشى ياكى پالانچىنىڭ قىزى دەپلا تونۇيدۇ. بەزىدە مېنى ھېچكىم بايقىمايدىغاندەك ھېس قىلىمەن». تېخى تۇرمۇشقا چىقمىغان پام ئىسىملىك قېرىنداشنىڭ سۆزلىرىگە دىققەت قىلىڭ. ئۇ نۇرغۇن يىللار ياتئەل خەلقى ئارىسىدا ۋەز ئېيتقۇچى [مىسسىئونېر] بولۇپ خىزمەت قىلغان. كېيىن، ئۇ ئاتا-ئانىسىدىن خەۋەر ئېلىش ئۈچۈن ئۆيىگە قايتتى. ھازىر ئۇ 70 ياشلاردا ۋە تېخىغىچە پىدائىي ۋەز ئېيتقۇچى بولۇپ خىزمەت قىلىۋاتىدۇ. پام مۇنداق دەيدۇ: «باشقىلارنىڭ قىلغان خىزمىتىم ئۈچۈن ئېيتقان رەھمىتى ماڭا زور ياردەم بەرگەن».
11. ئەيسا ئۇنىڭ خىزمىتىنى قوللاپ-قۇۋۋەتلىگەن ئاياللارنى قەدىرلەيدىغانلىقىنى قانداق كۆرسەتكەن؟
11 قولىدا بار مال-مۈلكىنى ئەيسا بىلەن ئورتاقلىشىپ، ئۇنىڭغا خىزمەت قىلغان خۇداغا سادىق ئاياللارنىڭ ياردىمىنى قەدىرلىگەن (لۇقا 8:1—3). ئەيسا ئۇلارغا شۇنداق شان-شەرەپكە ئىگە بولۇش مۇمكىنچىلىكىنى بېرىپلا قالماي، خۇدا ھەققىدىكى مۇھىم ھەقىقەتلەرنى چۈشەندۈرگەن. مەسىلەن، ئۇ ئۆزىنىڭ ئۆلۈمى ۋە تىرىلدۈرۈلگەنلىكى ھەققىدە ئاياللارغا ئېيتقان (لۇقا 24:5—8). ئۇ ئەلچىلىرىنى ئالدىدىكى قىيىنچىلىقلارغا تەييارلىغاندەك، ئاياللارنىمۇ تەييارلىغان (ماركۇس 9:30—32؛ 10:32—34). گەرچە ئەيسا قولغا ئېلىنغاندا ئەلچىلىرى قېچىپ كەتسىمۇ، بەزى ئاياللار ئۇنى تاشلىماي، ئازاب تۈۋرۈكىدە ئۆلگەندە ھەم ئۇنىڭغا يېقىن جايدا بولغان.—مەتتا 26:56؛ ماركۇس 15:40، 41.
12. ئەيسا ئاياللارغا قانداق ئىشلارنى تاپشۇرغان؟
12 ئەيسا ئاياللارغا مۇھىم ئىشلارنى تاپشۇرغان. مەسىلەن، ئۇنىڭ تىرىلىشىنى بىرىنچى بولۇپ ئاياللار كۆرگەن. ئەيسا شۇ ئاياللارنى ئۆزىنىڭ ئۆلۈمدىن تىرىلگەنلىكى ھەققىدىكى خەۋەرنى ئەلچىلىرىگە يەتكۈزۈشكە بۇيرۇغان (مەتتا 28:5، 9، 10). مىلادى 33-يىلنىڭ ئەللىكىنچى كۈن بايرىمىدا شاگىرتلار مۇقەددەس روھ بىلەن مەسىھ قىلىنغاندا، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئاياللارمۇ بولغان بولۇشى مۇمكىن. شۇنداق بولسا، يېڭىدىن مەسىھ قىلىنغان بۇ ئايال قېرىنداشلار باشقا خەلقلەرنىڭ تىللىرىدا سۆزلەش ۋە باشقىلارغا «خۇدانىڭ ئۇلۇغ ئىشلىرى» ھەققىدە سۆزلەش قابىلىيىتىگە ئېرىشكەن.—ئەلچى. 1:14؛ 2:2—4، 11.
13. بۈگۈنكى كۈندە ئايال قېرىنداشلار قانداق خىزمەتنى ئورۇنلاۋاتىدۇ ۋە ئۇلارغا مىننەتدارلىقىمىزنى قانداق كۆرسىتەلەيمىز؟
13 يەھۋاغا تىرىشچانلىق بىلەن خىزمەت قىلىۋاتقان ئايال قېرىنداشلىرىمىز ماختاشقا لايىق. مەسىلەن، ئۇلار ئىبادەت زاللىرىنى سېلىش ۋە ئاسراپ ساقلاش ئىشلىرىغا قاتنىشىدۇ، چەت تىللاردا سۆزلەيدىغان گۇرۇپپىلاردا خىزمەت قىلىدۇ ۋە بەيتەللەردە ياردەم بېرىدۇ. شۇنىڭدەك يەنە ئۇلار تەبىئىي ئاپەتكە ئۇچرىغانلارغا ياردەم بېرىشكە قاتنىشىدۇ، نەشىرى ماتېرىياللارنى تەرجىمە قىلىشقا ياردەم بېرىدۇ، پىدائىي ۋەز ئېيتقۇچى ياكى مىسسىئونېر بولۇپ خىزمەت قىلىدۇ. ئايال قېرىنداشلارمۇ بۇرادەرلەرگە ئوخشاش، ھەر تۈرلۈك مەكتەپلەردە، مەسىلەن پىدائىي ۋەز ئېيتقۇچىلارنى تەربىيىلەش مەكتىپى، پادىشاھلىق ۋەز ئېيتقۇچىلىرى مەكتىپى ۋە گىلىئاد مەكتىپىدە تەلىم ئالىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، تەشكىلاتىمىزدا تەر تۆكۈپ خىزمەت قىلىدىغان ئاقساقاللارنىڭ ئاياللىرى ئۆز ئەرلىرىنى قوللاپ-قۇۋۋەتلەيدۇ. بۇ مەسئۇلىيەتلىك بۇرادەرلەرگە ئاياللىرىنىڭ ياردىمىسىز ئۆز خىزمەتلىرىنى ئورۇنلاش ئاسانغا چۈشمەيدۇ (ئەفەس. 4:8). سىز بۇ ئايال قېرىنداشلارنى قانداق ئۇسۇللار بىلەن قوللاپ-قۇۋۋەتلىيەلەيسىز؟
14. زەبۇر 68:11-ئايەتلەردىكى سۆزلەرگە ماس، دانا ئاقساقاللار نېمە قىلىدۇ؟
14 دانا ئاقساقاللار ئايال قېرىنداشلارنىڭ «زور بىر قوشۇن» ئىكەنلىكىنى چۈشىنىدۇ ۋە ئۇلارنىڭ ۋەز ئىشىغا بەك ماھىر ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ (زەبۇر 68:11-نى ئوقۇڭ). شۇڭا، ئاقساقاللار ئۇلارنىڭ تەجرىبىسىدىن كۆپ نەرسىلەرنى ئۆگىنەلەيدۇ. يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ئابىگائىل قېرىندىشىمىز بۇرادەرلەر ئۇنىڭدىن ۋەز قىلىشنىڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇللىرىنى سورىغاندا بەك خۇشال بولىدۇ. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «يەھۋا ئۆز تەشكىلاتىدا مېنىڭ مۇھىم بىر ئورنۇمنىڭ بارلىقىنى ھېس قىلىمەن». ئاقساقاللار روھىي جەھەتتىن يېتىلگەن سادىق ئايال قېرىنداشلار قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كېلىۋاتقان ياش قېرىنداشلارغا ياردەم بېرەلەيدىغانلىقىنى چۈشىنىدۇ (تىتۇس 2:3—5). ئەلۋەتتە، ئەزىز ئايال قېرىنداشلىرىمىز غەمخورلۇق قىلىشىمىز ۋە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشكە لايىقتۇر!
ئايال قېرىنداشلارنى قوغداڭ ۋە ئۇلارغا ياردەم بېرىڭ
15. ئايال قېرىنداشلار قايسى ۋەزىيەتلەردە ھىمايىگە ۋە ياردەمگە مۇھتاج بولۇشى مۇمكىن؟
15 بەزىدە قېرىنداشلار قانداقتۇ بىر قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلگەندە، ئۇلار ئۈچۈن گەپ قىلىدىغان كىشىلەرگە مۇھتاج بولۇشى مۇمكىن (يەشايا 1:17). مەسىلەن، تۇل ئايال ياكى ئاجراشقان قېرىنداش ئۈچۈن ياردەم قىلىپ سۆزلەشكە ياكى بۇرۇن يولدىشى قىلىپ بېرىدىغان ئىشلارنى قىلىشتا بىرىنىڭ ياردىمىگە مۇھتاج بولار. ياشانغان قېرىنداشقا دوختۇرلار بىلەن سۆزلىشىش ئۈچۈن ياردەم كېرەك بولۇشى مۇمكىن. بەلكىم، يەھۋانىڭ تەشكىلاتىدا باشقا خىزمەت بىلەن مەشغۇل بولۇۋاتقان پىدائىي ۋەز ئېيتقۇچى قېرىنداشنى باشقا پىدائىي ۋەز ئېيتقۇچىلار بىلەن ئوخشاش خىزمەت قىلمايۋاتىدۇ، دەپ ئېتىقادداشلار تەنقىد قىلغاندا، ئۇلار ئۈچۈن گەپ قىلىپ قويىدىغانلارغا مۇھتاج بولىدىغاندۇ. ئايال قېرىنداشلىرىمىزغا يەنە قانداق ياردەم بېرەلەيمىز؟ ئەيسانىڭ ئۈلگىسىنى يەنە كۆرۈپ باقايلى.
16. ماركۇس 14:3—9-ئايەتلەردە يېزىلغاندەك، ئەيسا مەريەمنى قانداق قوغدىغان؟
16 باشقىلار ئەيساغا ئەگەشكەن ئاياللارنى توغرا چۈشەنمىگەندە، ئۇ دەرھال ئۇلارنى ھىمايە قىلىپ گەپ قىلغان. مەسىلەن، مارتا مەريەمنى تەنقىد قىلغاندا، ئەيسا مەريەمنى قوغداپ ئۇ ئۈچۈن سۆز قىلغان (لۇقا 10:38—42). يەنە بىر ۋەزىيەتتىمۇ باشقىلار مەريەمنىڭ قارارىغا نارازى بولغاندا، ئەيسا ئۇنى قوغدىغان (ماركۇس 14:3—9-نى ئوقۇڭ). ئەيسا مەريەمنىڭ نىيىتىنى چۈشىنىپ، ئۇنى مۇنداق ماختىغان: «ئۇ مېنىڭ ئۈچۈن ياخشى ئىش قىلدى . . . ئۇ قولىدىن كەلگىنىنى قىلدى». ئەيسا خۇش خەۋەر مەيلى قەيەردە ۋەز قىلىنمىسۇن، ئۇنىڭ ئاشۇ ھەرىكىتى كىشىلەر ئارىسىدا تىلغا ئېلىندىغانلىقىنى ئالدىن-ئالا ئېيتقان. مۇشۇ ماقالىمۇ مەريەمنىڭ ئىش-ھەرىكىتىنى ئېسىمىزگە سالىدۇ. قىزىقارلىق يېرى شۇكى، ئەيسا مەريەمنىڭ مۇشۇ ئىش-ھەرىكىتىنى ماختىغاندا، خۇش خەۋەرنىڭ پۈتكۈل يەر يۈزىگە تارقىتىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان. باشقىلارنىڭ نارازىلىقىنى ئاڭلىغان مەريەمگە ئەيسانىڭ بۇ سۆزلىرى قانداق ئىلھام بەرگەنلىكىنى تەسەۋۋۇر قىلىڭە!
17. قايسى ۋەزىيەتتە ئايال قېرىنداش قوغداشقا مۇھتاج بولۇشى مۇمكىن؟
17 سىزمۇ ياردەمگە مۇھتاج قېرىنداشلارنى قوغدامسىز؟ مۇنداق ۋەزىيەتنى تەسەۋۋۇر قىلىڭ: بەزى ئېتىقادداشلار، يولدىشى يەھۋا گۇۋاھچىسى ئەمەس قېرىنداشنىڭ پات-پات يىغىلىشلارغا كېچىكىپ كېلىدىغانلىقىنى ۋە چاپسان ئۆيگە قايتىدىغانلىقىنى كۆرىدۇ. ئۇلار يەنە ئارىلاپ-ئارىلاپ شۇ قېرىنداش يىغىلىشقا بالىلىرىنى ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى بايقايدۇ. شۇ سەۋەب، قېرىنداشلار ئۇنى نېمە ئۈچۈن ئۇ قېرىنداش غەيرەتكە كېلىپ، بالىلىرىنى جامائەت يىغىلىشلىرىغا ئېلىپ بېرىشقا يولدىشىدىن رۇخسەت بېرىشنى تەلەپ قىلمايدۇ، دەپ ئەيىبلىشى مۇمكىن. ئەمەلىيەت بولسا، ئاشۇلار قېرىنداشنىڭ قولدىن كەلگەننىڭ ھەممىسىنى قىلىۋاتقانلىقىنى بىلمەيدۇ. ئۆز ۋاقتىنى ئۆزى خالىغانچە ئورۇنلاشتۇرالمايدۇ؛ بالىلىرىنى يىغىلىشقا ئېلىپ بېرىشنىمۇ ئۆزى قارار قىلالمايدۇ. باشقىلارنىڭ تەنقىدىنى ئاڭلىغاندا، نېمە قىلالايسىز؟ ئۇنىڭ كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقلىرىنى ماختاپ ئۆتسىڭىز، بەلكىم باشقىلار ئۇ توغرۇلۇق تەنقىدى پىكىر قىلىشنى توختىتىدۇ.
18. ئايال قېرىنداشلارغا يەنە قانداق ئۇسۇللار بىلەن ياردەم بېرەلەيمىز؟
18 قېرىنداشلارغا ئەمەلىي ياردەم بېرىش ئارقىلىق ئۇلارغا غەمخورلۇق قىلىدىغانلىقىمىزنى كۆرسىتىمىز (1-يۇھاننا 3:18). ئاننېت مۇنداق دەيدۇ: «بەزى ئېتىقادداشلار مېنىڭ باشقا ئىشلارنى قىلىۋېلىشىم ئۈچۈن كېلىپ ئۈچۈن ئاپامغا قارىشىپ بېرەتتى ياكى ئوزۇق-تۈلۈك ئەكېلىپ بېرەتتى. شۇ چاغدا باشقىلارنىڭ مېھىر-مۇھەببىتىنى ۋە جامائەتنىڭ بىر ئەزاسى ئىكەنلىكىمنى ھېس قىلاتتىم». جوردانغىمۇ شۇنداق ياردەم كۆرسىتىلگەنىدى. بىر بۇرادەر ئۇنىڭغا ماشىنىسىنى رېمونت قىلىشنى ئۆگەتكەن. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «قېرىنداشلار بىخەتەرلىكىم ئۈچۈن غەم يېگەنلىكىنى بىلىش قەلبىمنى سۆيۈندۈرىدۇ».
19. ئاقساقاللار ئايال قېرىنداشلارغا يەنە قانداق ياردەم بېرەلەيدۇ؟
19 ئاقساقاللارمۇ ئايال قېرىنداشلارغا غەمخورلۇق قىلىدۇ. يەھۋا باشقىلارنىڭ ئاياللارغا ياخشى مۇئامىلە قىلىشىنى خالايدىغانلىقىنى ئۇلار بىلىدۇ (ياقۇپ 1:27). شۇڭا، ئاقساقاللار ئەيسانى ئۈلگە قىلىپ، غەرەز ئۇقىدىغان بولۇشقا تىرىشىپ، قائىدە-تۈزۈملەرنى ئورنىتىشنىڭ ئورنىغا، ئايال قېرىنداشلارنى چۈشىنىشكە ۋە مېھرىبانلىق كۆرسىتىشكە ھەرىكەت قىلىدۇ (مەتتا 15:22—28). ئاقساقاللار ئايال قېرىنداشلارغا ياردەم بەرگەندە، يەھۋا ۋە ئۇنىڭ تەشكىلاتى ئۇلارنى قەدىرلەيدىغانلىقىنى ھېس قىلدۇرىدۇ. گۇرۇپپىغا مەسئۇل ئاقساقال كىيانىڭ باشقا ئۆيگە كۆچىدىغانلىقىنى بىلگەندە، ئۇ دەرھال ياردەم بېرىشنى ئورۇنلاشتۇرغانىدى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «قېرىنداشلارنىڭ ياردىمى بىلەن يەلكەمدىن چوڭ بىر تاغنى ئېلىۋەتكەندەك بولدۇم. ئاقساقاللارنىڭ ئىلھام سۆزلىرى ۋە ئەمەلىي ياردىمى جامائەتنىڭ مۇھىم ئەزاسى ئىكەنلىكىمنى ۋە قىيىن ۋەزىيەتلەردە يالغۇز ئەمەس ئىكەنلىكىمنى كۆرسەتتى».
ھەممە ئايال قېرىنداشلار ياردىمىمىزگە مۇھتاج
20، 21. ئايال قېرىنداشلارنى قەدىرلەيدىغانلىقىمىزنى قانداق كۆرسىتەلەيمىز؟
20 جامائەتتە دىققەتچان بولساق، تىرىشچان ۋە قوللاپ-قۇۋۋەتلەشكە تېگىشلىك ئايال قېرىنداشلار نۇرغۇن. ئەيسانىڭ ئۈلگىسىدىن ئۆگەنگىنىمىزدەك، ئۇلارغا ۋاقىت بۆلۈش ۋە ئۇلار بىلەن يېقىن تونۇشۇش ئارقىلىق ياردەم بېرەلەيمىز. ئۇلارنىڭ خۇداغا قىلغان خىزمىتى ئۈچۈن مىننەتدارلىقىمىزنى بىلدۈرەلەيمىز. زۆرۈر بولغاندا ئايال قېرىنداشلىرىمىز ئۈچۈن گەپ قىلىپ ئۇلارنى قوغدىيالايمىز.
21 ئەلچى پاۋلۇس رىملىقلارغا يازغان خېتىنىڭ ئاخىرىدا توققۇز ئايال قېرىنداشنى ئالاھىدە تىلغا ئالغان (رىملىقلار 16:1، 3، 6، 12، 13، 15). ئەلچى پاۋلۇسنىڭ سالىمى ۋە ماختاش سۆزىنى ئاڭلاپ، شۇ قېرىنداشلارنىڭ ئىلھام ئالغانلىقى شەك-شۈبھىسزدۇر. شۇنىڭدەك، بىزمۇ جامائەتتە بارچە ئايال قېرىنداشلىرىمىزنى قوللاپ-قۇۋۋەتلەيلى. شۇنداق قىلساق، بىز ئۇلارنى روھىي ئائىلىمىزنىڭ بىر ئەزاسى سۈپىتىدە ياخشى كۆرىدىغانلىقىمىزنى كۆرسىتىمىز.
26-ناخشا خۇدا بىلەن يۈر!
a ئايال قېرىنداشلار كۆپ قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كېلىدۇ. كېلىڭلار، ئەيسادىن ئۈلگە ئېلىپ، ئۇلارنى قانداق قوللاپ-قۇۋۋەتلىيەلەيدىغانلىقىمىزنى كۆرۈپ چىقايلى. ئەيسا ئۇلارغا ۋاقىت بۆلگەن ۋە ھۆرمەت كۆرسەتكەن ۋە ئۇلار ئۈچۈن سۆزلەپ، ئۇلارنى قوغدىغان. بىز ئەيسادىن ئۈلگە ئالالايمىز.
b بەزى ئىسىملار ئۆزگەرتىلگەن.
c بىر كىتابتا مۇنداق يېزىلغان: «ئادەتتە شاگىرتلار ئۇستازلىرىنىڭ پۇتى تەرىپىدە ئولتۇراتتى. تىرىشچان شاگىرتلار ۋاقىت ئۆتۈپ، تەلىم بەرگۈچى بولۇشقا تەييارلىناتتى، لېكىن ئاياللارغا تەلىم بەرگۈچى بولۇشقا رۇخسەت قىلىنمايتتى. شۇ سەۋەبتىن، نۇرغۇن يەھۇدىي ئەر كىشىلەر مەريەمنى ئەيسانىڭ پۇتى تەرەپتە ئولتۇرۇپ، ئۇنىڭدىن تەلىم ئېلىشقا تەشنا ئىكەنلىكىنى كۆرگەندە، بەك ھاڭ-تاڭ بولۇپ چۆچىگەن بولۇشى مۇمكىن».
d ئاقساقاللار ئايال قېرىنداشلارغا ياردەم بەرگەندە، پەخەس بولۇشى كېرەك. مەسىلەن، ئۇلارنى يوقلاپ بارغاندا، يالغۇز بېرىشتىن ساقلىنىشى مۇھىم.
e سۈرەتتە: ئەيسادىن ئۈلگە ئېلىپ، بىر بۇرادەر ئىككى قېرىنداشقا ماشىنىسىنىڭ بالونىنى ئالماشتۇرۇشقا ياردەم بېرىۋاتىدۇ؛ بۇرادەر ياشانغان قېرىندىشىمىزنى يوقلاۋاتىدۇ؛ بۇرادەر ئۆز ئايالى، جامائەتتىكى بىر قېرىنداش ۋە ئۇنىڭ قىزى بىلەن ئائىلىۋى ئىبادەتنى ئۆتكۈزىۋاتىدۇ.