مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

43-‏تە‌تقىق ماقالىسى

يە‌ھۋا ئۆز تە‌شكىلاتىنى يېتە‌كلە‌ۋاتىدۇ

يە‌ھۋا ئۆز تە‌شكىلاتىنى يېتە‌كلە‌ۋاتىدۇ

‏«‹ھە‌ربىي قوشۇ‌ن ياكى كۈچ-‏قۇ‌درە‌ت بىلە‌ن ئە‌مە‌س،‏ مېنىڭ روھۇ‌م بىلە‌ن بۇ ئىشلار بولىدۇ›،‏—‏ دە‌يدۇ ئاسماندىكى قوشۇ‌نلارنىڭ سە‌ردارى يە‌ھۋا».‏‏—‏زە‌كە‌رىيا 4:‏6‏.‏

31-‏ناخشا بىز —‏ يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرى

بۇ ماقالىدە a

1.‏ چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتكە‌ن مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىسى داۋاملىق نېمە قىلىشى كېرە‌ك؟‏

 سىز چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتتىڭىزمۇ؟‏ ئە‌گە‌ر شۇ‌نداق بولسا،‏ يە‌ھۋاغا بولغان ئىشە‌نچىڭىزنى ۋە ئۇ‌نىڭ تە‌شكىلاتى b بىلە‌ن بىرلىكتە خىزمە‌ت قىلىشنى خالايدىغانلىقىڭىزنى كۆرسە‌تتىڭىز.‏ ئە‌لۋە‌تتە،‏ يە‌ھۋاغا بولغان ئىشە‌نچىڭىز داۋاملىق مۇ‌ستە‌ھكە‌ملىنىشى كېرە‌ك.‏ بۈگۈنكى كۈندە،‏ يە‌ھۋا ئۆز تە‌شكىلاتىنى يېتە‌كلە‌ۋاتقانلىقىغا بولغان ئىشە‌نچىڭىزنى داۋاملىق كۈچە‌يتىشىڭىز كېرە‌ك.‏

2،‏ 3.‏ بۈگۈن يە‌ھۋا ئۆز تە‌شكىلاتىنى قانداق يېتە‌كلە‌ۋاتىدۇ؟‏ مىساللارنى كە‌لتۈرۈڭ.‏

2 يە‌ھۋا يېتە‌كلە‌ۋاتقان تە‌شكىلاتى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئېسىل پە‌زىلە‌تلىرى،‏ ئىرادىسى ۋە ئۆلچە‌ملىرىنى ئاشكارا قىلىدۇ.‏ ھازىر يە‌ھۋا ئۆز تە‌شكىلاتى ئارقىلىق ئە‌كس ئە‌تتۈرگە‌ن ئۈچ پە‌زىلىتىنى كۆرۈپ چىقىمىز.‏

3 بىرىنچىدىن،‏ خۇ‌دا ھە‌ممىسىگە تە‌ڭ قارايدۇ (‏ئە‌لچى.‏ 10:‏34‏)‏.‏ يە‌ھۋا بىزنى ياخشى كۆرگە‌چكە،‏ ئە‌يسا ئوغلىنى بىز ئۈچۈن تۆلە‌م قۇ‌ربانلىقىغا بە‌رگە‌ن (‏1-‏تىموت.‏ 2:‏6؛‏ يۇ‌ھاننا 3:‏16‏)‏.‏ يە‌ھۋا ئۆز خە‌لقى ئارقىلىق ھە‌ممە ئادە‌ملە‌رگە خۇ‌ش خە‌ۋە‌رنى يە‌تكۈزۈۋاتىدۇ.‏ شۇ‌نداق قىلىپ،‏ ئۇ خۇ‌ش خە‌ۋە‌رگە قۇ‌لاق سالىدىغان كۆپلىگە‌ن ئىنسانلارنىڭ تۆلە‌م قۇ‌ربانلىقىنىڭ پايدىسىنى كۆرۈشىگە،‏ يە‌نى قۇ‌تقۇ‌زۇ‌لۇ‌شقا ئېرىشىشىگە ياردە‌م بېرىدۇ.‏ ئىككىنچىدىن،‏ يە‌ھۋا تە‌رتىپنىڭ ۋە تىنچلىقنىڭ خۇ‌داسىدۇ‌ر (‏1-‏كورىنت.‏ 14:‏33،‏ 40‏)‏.‏ شۇ‌ڭا،‏ ئۇ‌نىڭ خىزمە‌تچىلىرىنىڭ تە‌رتىپلىك تە‌شكىللە‌نگە‌ن ۋە ئىناق-‏ئىتتىپاقلىقتا ياشايدىغان خە‌لق ئىكە‌نلىكىدىن ھە‌يران بولمايمىز.‏ ئۈچىنچىدىن،‏ يە‌ھۋا ئۇ‌لۇ‌غ ئۇ‌ستاز (‏يە‌شايا 30:‏20،‏ 21‏)‏.‏ دېمە‌ك،‏ ئۇ‌نىڭ تە‌شكىلاتى ۋە‌ز خىزمە‌تتە ۋە جامائە‌تتە ئادە‌ملە‌رگە خۇ‌دانىڭ سۆزىنى ئۆگىتىشكە دىققىتىنى مە‌ركە‌زلە‌شتۈرگە‌ن.‏ خۇ‌دانىڭ بۇ ئۈچ پە‌زىلىتى بىرىنچى ئە‌سىردىكى جامائە‌تتە ۋە بىزنىڭ زامانىمىزدا قانداق روشە‌ن بولغان؟‏ بۈگۈنكى كۈندە،‏ سىز خۇ‌دانىڭ تە‌شكىلاتى بىلە‌ن بىرلىكتە خىزمە‌ت قىلغاندا،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س روھ سىزگە قانداق ياردە‌م بېرە‌لە‌يدۇ؟‏

خۇ‌دا ھە‌ممىسىگە تە‌ڭ قارايدۇ

4.‏ ئە‌لچىلە‌ر 1:‏8-‏ئايە‌تتە ئېيتىلغاندە‌ك،‏ ئە‌يسا ئۆز شاگىرتلىرىغا نېمە قىلىشنى بۇ‌يرۇ‌غان ۋە ئۇ‌لار قانداق ياردە‌مگە ئېرىشكە‌ن؟‏

4 بىرىنچى ئە‌سىردە.‏ ئە‌يسانىڭ ئېيتقان خۇ‌ش خە‌ۋىرى پۈتكۈل ئىنسانىيە‌تكە ئۈمىد بېغىشلىغان (‏لۇ‌قا 4:‏43‏)‏.‏ ئۇ شاگىرتلىرىغا ئۆزى باشلىغان ئىشنى دۇ‌نيانىڭ بۇ‌لۇ‌ڭ-‏پۇ‌شقاقلىرىغىچە داۋاملاشتۇ‌رۇ‌شنى بۇ‌يرۇ‌غانىدى ‏(‏ئە‌لچىلە‌ر 1:‏8-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ ئە‌لۋە‌تتە،‏ ئۇ‌لار بۇ ئىشنى ئۆز كۈچى بىلە‌ن قىلالمايتتى.‏ ئۇ‌لارغا ئە‌يسا ۋە‌دە قىلغان مۇ‌قە‌ددە‌س روھ،‏ يە‌نى «ياردە‌مچى» كېرە‌ك بولغان.‏—‏يۇ‌ھاننا 14:‏26؛‏ زە‌كە‌رىيا 4:‏6‏.‏

5،‏ 6.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س روھ ئە‌يسانىڭ شاگىرتلىرىغا قانداق ياردە‌م بە‌رگە‌ن؟‏

5 مىلادى 33-‏يىلى،‏ ئە‌للىكىنچى كۈن بايرىمىدا ئە‌يسانىڭ ئە‌گە‌شكۈچىلىرى مۇ‌قە‌ددە‌س روھقا ئېرىشكە‌ن.‏ ئۇ‌لار مۇ‌قە‌ددە‌س روھنىڭ ياردىمى ئارقىلىق ۋە‌ز ئىشىنى دە‌رھال باشلىغان ھە‌م قىسقا ۋاقىت ئىچىدە مىڭلىغان ئادە‌ملە‌ر خۇ‌ش خە‌ۋە‌رنى قوبۇ‌ل قىلغان (‏ئە‌لچى.‏ 2:‏41؛‏ 4:‏4‏)‏.‏ شاگىرتلار ئادە‌ملە‌رنىڭ زىيانكە‌شلىكىگە دۇ‌چ كە‌لگە‌ندە،‏ ئۇ‌لار قورقۇ‌پ كە‌تكە‌چ،‏ ۋە‌ز ئىشىنى توختاتمىغان.‏ ئە‌كسىنچە،‏ ئۇ‌لار خۇ‌دادىن ياردە‌م سورىغان.‏ ئۇ‌لار مۇ‌نداق دۇ‌ئا قىلغان:‏ «سۆزلىرىڭنى يۈرە‌كلىك يە‌تكۈزۈش ئۈچۈن خىزمە‌تچىلىرىڭگە جاسارە‌ت بە‌رگىن».‏ كېيىن،‏ ئۇ‌لار مۇ‌قە‌ددە‌س روھقا تولۇ‌پ،‏ «خۇ‌دانىڭ سۆزىنى جاسارە‌ت بىلە‌ن» جاكارلاشنى داۋاملاشتۇ‌رغان.‏—‏ئە‌لچى.‏ 4:‏18—‏20،‏ 29،‏ 31‏.‏

6 ئە‌يسانىڭ شاگىرتلىرى باشقا قىيىنچىلىقلارغا ھە‌م ئۇ‌چرىغان.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ ئۇ‌لارنىڭ قولىدا مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلارنىڭ نۇ‌سخىسى ئاز ئىدى.‏ ئۇ‌لاردا بىزگە ئوخشاش تە‌تقىق قىلىشقا ياردە‌م بېرىدىغان ماتېرىياللار بولمىغان.‏ يە‌نە ئۇ‌لار ھە‌رخىل تىللاردا سۆزلە‌يدىغان ئادە‌ملە‌رگە ۋە‌ز قىلىشى كېرە‌ك ئىدى.‏ ئاشۇ بارلىق قىيىنچىلىقلارغا قارىماستىن،‏ بۇ قىزغىن شاگىرتلار قولدىن كە‌لمە‌يدىغاندە‌ك كۆرۈنگە‌ن ئىشلارنى قىلغان.‏ ئۇ‌لار بىرنە‌چچە ئون يىلنىڭ ئىچىدە «ئاسمان ئاستىدىكى بارچە ئىنسانلار ئارىسىدا» خۇ‌ش خە‌ۋە‌رنى يە‌تكۈزگە‌نىدى.‏—‏كولوسى.‏ 1:‏6،‏ 23‏.‏

7.‏ 100 يىل بۇ‌رۇ‌ن خۇ‌دانىڭ خىزمە‌تچىلىرى ئۇ‌لاردىن نېمە تە‌لە‌پ قىلىنغانلىقىنى قانداق بىلگە‌ن ۋە ئۇ‌لار نېمە قىلغان؟‏

7 ھازىرقى زاماندا.‏ يە‌ھۋا ئۆز خە‌لقىنى يېتە‌كلە‌شنى داۋاملاشتۇ‌رۇ‌پ،‏ ئۇ‌نىڭ ئىرادىسىنى ئورۇ‌نلاشقا كۈچ بېرىۋاتىدۇ.‏ ئە‌لۋە‌تتە،‏ ئۇ مۇ‌قە‌ددە‌س روھى بىلە‌ن ئىلھاملاندۇ‌رۇ‌لۇ‌پ يېزىلغان خۇ‌دا سۆزى مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ئارقىلىق ئۆز خە‌لقىنى يېتە‌كلە‌ۋاتىدۇ.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىن بىز ئە‌يسانىڭ ۋە‌ز خىزمىتى ۋە ئۇ باشلىغان شۇ خىزمە‌تنى شاگىرتلىرىنىڭ داۋاملاشتۇ‌رۇ‌شى توغرۇ‌لۇ‌ق قىلغان بۇ‌يرۇ‌قىنى تاپالايمىز (‏مە‌تتا 28:‏19،‏ 20‏)‏.‏ 1881-‏يىل،‏ ئىيۇ‌ل ئېيىدىكى ژۇ‌رنالدا مۇ‌نداق يېزىلغان:‏ «يە‌ھۋا بىزنى ئادە‌ملە‌رنىڭ ئارىسىدا نام-‏ئاتاققا ئىگە بولۇ‌ش ياكى باي بولۇ‌ش ئۈچۈن چاقىرمىغان ياكى مە‌سىھ قىلمىغان‏،‏ بە‌لكى قولىمىزدا بار نە‌رسىلە‌رنى بېرىش ۋە خۇ‌ش خە‌ۋە‌رنى يە‌تكۈزۈش ئۈچۈن چاقىرغان».‏ 1919-‏يىل «بۇ ئىش كىمگە تاپشۇ‌رۇ‌لغان» ناملىق ۋاراقچىدا:‏ «ئىشلار چاچتىن تولا بولسىمۇ،‏ بىراق بۇ خۇ‌دايىمىزنىڭ ئىشى بولغاچقا،‏ ئۇ بىزگە ئۇ‌نى قىلىشقا كۈچ بېرىدۇ»،‏—‏ دە‌پ يېزىلغان.‏ ھە‌قىقە‌تە‌ن،‏ دە‌سلە‌پكى مە‌سىھىيلە‌رگە ئوخشاش بۇ قېرىنداشلار جاسارە‌تكە تولۇ‌پ،‏ ئۆز جېنىنى ئايىماي،‏ ھە‌رخىل ئادە‌ملە‌رگە ۋە‌ز قىلىشقا مۇ‌قە‌ددە‌س روھنىڭ ياردە‌م بېرىدىغانلىقىغا ئىشە‌نگە‌ن.‏ بىزمۇ داۋاملىق مۇ‌قە‌ددە‌س روھنىڭ ياردىمىگە ئىشە‌نچ قىلىمىز.‏

يە‌ھۋانىڭ تە‌شكىلاتى خۇ‌ش خە‌ۋە‌رنى تارقىتىش ئۈچۈن قولىدا بار قوراللارنى ئىشلىتىدۇ (‏8،‏ 9-‏ئابزاسلارغا قاراڭ)‏

8،‏ 9.‏ يە‌ھۋانىڭ تە‌شكىلاتى خۇ‌ش خە‌ۋە‌رنى يە‌تكۈزۈش ئۈچۈن قانداق ئۇ‌سۇ‌للارنى قوللانغان؟‏

8 خۇ‌ش خە‌ۋە‌رنى ئادە‌ملە‌رگە يە‌تكۈزۈش ئۈچۈن يە‌ھۋانىڭ تە‌شكىلاتى ھە‌رخىل ئە‌ڭ ياخشى قوراللارنى ئىشلىتىپ كە‌لگە‌ن.‏ بۇ قوراللار —‏ باسما نە‌شىر ماتېرىياللار،‏ «يارىتىلىش فوتو-‏دراممىسى»،‏ پاتىفونلار،‏ ماشىنا ئۈستىگە قويۇ‌لغان يوغان ئاۋاز كۈچە‌يتكۈچلە‌ر،‏ رادىئو ئاڭلىتىشى،‏ كومپيۇ‌تېر ۋە ئىنتېرنېت تورى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.‏ خۇ‌دانىڭ تە‌شكىلاتى ئىلگىرى تە‌رجىمە قىلمىغان نۇ‌رغۇ‌ن تىللارغا تە‌رجىمە قىلىپ كېلىۋاتىدۇ!‏ نېمە ئۈچۈن؟‏ چۈنكى،‏ ھە‌رقانداق تىللاردا سۆزلە‌يدىغان ئادە‌ملە‌ر ئانا تىلىدا خۇ‌ش خە‌ۋە‌رنى تىڭشىيالايدۇ.‏ خۇ‌دا ھە‌ممىسىگە تە‌ڭ قارايدۇ.‏ ئۇ خۇ‌ش خە‌ۋە‌رنىڭ «ھە‌ر بىر مىللە‌ت،‏ قە‌بىلە،‏ تىل ۋە خە‌لققە» يە‌تكۈزۈلىدىغانلىقىنى ئالدىن-‏ئالا ئېيتقان (‏ۋە‌ھىي.‏ 14:‏6،‏ 7‏)‏.‏ خۇ‌دا بارلىق ئىنسانلارنىڭ پادىشاھلىق ھە‌ققىدىكى خۇ‌ش خە‌ۋە‌رنى ئاڭلىشىنى خالايدۇ.‏

9 بىخە‌تە‌رلىكى ئالاھىدە قوغدىلىدىغان بىنالاردا ياشاۋاتقان ئادە‌ملە‌ر بىلە‌ن ئۇ‌چرىشىش قىيىن بولسىچۇ؟‏ بۇ ئادە‌ملە‌رگە ۋە‌ز قىلىشنى كۆزدە تۇ‌تۇ‌پ،‏ يە‌ھۋا ئۆز تە‌شكىلاتىنى ھە‌ر خىل ئاممىۋى ئورۇ‌نلاردا گۇ‌ۋاھلىق بېرىش ئۇ‌سۇ‌للىرىنى ئىشلىتىشكە يېتە‌كلىگە‌ن.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ 2001-‏يىلى،‏ يېتە‌كچى كېڭە‌ش فرانسىيىدىكى قېرىنداشلارغا ماتېرىيال ھارۋىلىرىنى ۋە باشقا گۇ‌ۋاھلىق بېرىش ئۇ‌سۇ‌للىرىنى ئىشلىتىشكە رۇ‌خسە‌ت بە‌رگە‌ن.‏ بۇ ئاجايىپ ياخشى نە‌تىجە بە‌رگە‌ن!‏ 2011-‏يىلى،‏ ئامېرىكىنىڭ نيۇ-‏يورك شە‌ھىرىدىكى سودا-‏سېتىق مە‌يدانىدا،‏ يېڭى گۇ‌ۋاھلىق بېرىش پائالىيىتى باشلانغان.‏ شۇ يىلى،‏ 102129 كىتاب ۋە 68911 ژۇ‌رنال تارقىتىلغان.‏ شۇ‌نداقلا،‏ 4701 ئادە‌م مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ئۆگىنىشى ئۆتكۈزۈشنى سورىغان!‏ ئېنىقكى،‏ يە‌ھۋا بۇ ئىشنى مۇ‌قە‌ددە‌س روھى ئارقىلىق قوللاپ-‏قۇ‌ۋۋە‌تلىگە‌ن.‏ شۇ‌ڭا،‏ يېتە‌كچى كېڭە‌ش پۈتۈن دۇ‌نيادىكى قېرىنداشلارغا ماتېرىيال ھارۋىلىرىنى ۋە باشقا گۇ‌ۋاھلىق بېرىش ئۇ‌سۇ‌للىرىنى ئىشلىتىشكە رۇ‌خسە‌ت بە‌رگە‌ن.‏

10.‏ ۋە‌ز قىلىش ماھارىتىڭىزنى ئاشۇ‌رۇ‌ش ئۈچۈن نېمە قىلىشىڭىز كېرە‌ك؟‏

10 سىز نېمە قىلالايسىز.‏ يە‌ھۋا خۇ‌دا جامائە‌ت يىغىلىشلىرىدا سىزگە قانداق ۋە‌ز قىلىشنى ئۆگىتىدۇ.‏ ۋە‌ز خىزمە‌ت گۇ‌رۇ‌پپىڭىز بىلە‌ن دائىم ھە‌مكارلىشىپ،‏ ئۆگە‌نگە‌نلىرىڭىزنى ئە‌مە‌لىيە‌تتە قوللىنىڭ.‏ شۇ گۇ‌رۇ‌پپىدىكى قېرىنداشلار ۋە‌ز قىلىش ماھارىتىڭىزنى ئاشۇ‌رۇ‌شقا ياردە‌م بېرىدۇ ۋە ئۇ‌لارنىڭ ياخشى ئۈلگىلىرى سىزگە ياخشى تە‌سىر قىلالايدۇ.‏ قىيىنچىلىقلارغا قارىماستىن ۋە‌ز قىلىشنى داۋاملاشتۇ‌رۇ‌ڭ.‏ ماقالىنىڭ تېما ئايىتىدە ئېيتىلغاندە‌ك،‏ بىز خۇ‌دانىڭ ئىرادىسىنى ئۆزۈمىزنىڭ كۈچىمىز بىلە‌ن ئە‌مە‌س،‏ بە‌لكى ئۇ‌نىڭ مۇ‌قە‌ددە‌س روھى ئارقىلىق ئورۇ‌ندىيالايمىز (‏زە‌كە‌رىيا 4:‏6‏)‏.‏ بىز خۇ‌دانىڭ ئىشىنى قىلغاچقا،‏ ئۇ بىزگە كېرە‌كلىك كۈچنى بېرىدىغانلىقىغا ئىشە‌نچىمىز كامىل.‏

يە‌ھۋا تە‌رتىپنىڭ ۋە تىنچلىقنىڭ خۇ‌داسىدۇ‌ر

11.‏ خۇ‌دا خە‌لقىنىڭ ئارىسىدا تە‌رتىپنى ساقلاش ئۈچۈن يېرۇ‌سالىمدىكى يېتە‌كچى كېڭە‌شنىڭ ئە‌زالىرى بىر-‏بىرى بىلە‌ن قانداق ھە‌مكارلاشقان؟‏

11 بىرىنچى ئە‌سىردە.‏ خۇ‌دا خە‌لقىنىڭ ئارىسىدا تە‌رتىپنى ساقلاش ئۈچۈن يېرۇ‌سالىمدىكى يېتە‌كچى كېڭە‌شنىڭ ئە‌زالىرى بىر-‏بىرى بىلە‌ن ھە‌مكارلاشقان (‏ئە‌لچى.‏ 2:‏42‏)‏.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ مىلادى 49-‏يىلى خە‌تنە قىلىش مە‌سىلىسى ئوتتۇ‌رغا چىققاندا،‏ يېتە‌كچى كېڭە‌ش بۇ مە‌سىلىنى قاراپ چىققان.‏ ئە‌گە‌ر جامائە‌تتە بۇ مە‌سىلە ھە‌ققىدىكى ئوي-‏پىكىر ئىككىگە بۆلۈنۈپ كە‌تكە‌ن بولسا،‏ ۋە‌ز قىلىش ئىشىغا كاشىلا بولاتتى.‏ گە‌رچە ئە‌لچىلە‌ر ۋە ئاقساقاللار يە‌ھۇ‌دىيلار بولسىمۇ،‏ ئۇ‌لار يە‌ھۇ‌دىي ئۆرپ-‏ئادە‌تلىرىنىڭ ياكى تە‌لىملىرىنىڭ تە‌سىرىگە ئۇ‌چرىمىغان ئىدى.‏ ئە‌كسىنچە،‏ ئۇ‌لار توغرا قارار چىقىرىش ئۈچۈن مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىن مە‌سلىھە‌ت ھە‌م يول-‏يورۇ‌ق ئىزدە‌پ،‏ خۇ‌دادىن مۇ‌قە‌ددە‌س روھنى سورىغان (‏ئە‌لچى.‏ 15:‏1،‏ 2،‏ 5—‏20،‏ 28‏)‏.‏ نە‌تىجىسى قانداق بولغان؟‏ يە‌ھۋا ئۇ‌لارنىڭ قارارىنى بە‌رىكە‌تلىگە‌چ،‏ ئۇ‌لار جامائە‌تتە تىنچلىقنى ۋە ئىناقلىقنى ساقلاپ قالغان ۋە خۇ‌ش خە‌ۋە‌رنى تارقىتىشنى داۋاملاشتۇ‌رغان.‏—‏ئە‌لچى.‏ 15:‏30،‏ 31؛‏ 16:‏4،‏ 5‏.‏

12.‏ بۈگۈنكى يە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ تە‌شكىلاتىدا تە‌رتىپ ۋە ئىناقلىق بار ئىكە‌نلىكىنى نېمىدىن كۆرۈشكە بولىدۇ؟‏

12 ھازىرقى زاماندا.‏ يە‌ھۋانىڭ تە‌شكىلاتى جامائە‌تلە‌ر ئارىسىدا تىنچلىق ۋە ئىناقلىقنى ساقلاش ئۈچۈن بار كۈچىنى چىقارماقتا.‏ 1895-‏يىل،‏ 15-‏نويابىر «سىئون كۈزىتىش مۇ‌نارى ۋە مە‌سىھنىڭ ھازىر بولۇ‌ش بېشارىتى» ژۇ‌رنىلىدا،‏ 1-‏كورىنتلىقلار 14:‏40-‏ئايە‌تكە ئاساسلانغان «ئە‌دە‌پ ۋە تە‌رتىپ بىلە‌ن» دېگە‌ن ماقالىدە مۇ‌نداق يېزىلغان:‏ «ئە‌لچىلە‌رنىڭ دە‌سلە‌پكى جامائە‌تكە تە‌رتىپ ھە‌ققىدە ئېيتىدىغان كۆپ سۆزلىرى بولغان .‏ .‏ .‏ بىزگە نە‌سىھە‌ت بېرىش ئۈچۈن ئىلگىرى يېزىلغانلارغا قۇ‌لاق سېلىشىمىز بە‌ك مۇ‌ھىم» (‏رىملىقلار 15:‏4‏)‏.‏ دە‌سلە‌پكى مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىلىرى جامائە‌تلىرى تە‌رتىپ ۋە ئىناقلىققا ئىنتىلگە‌ندە‌ك،‏ بۈگۈنكى كۈندىمۇ يە‌ھۋانىڭ تە‌شكىلاتى شۇ‌نداق قىلماقتا.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ ئە‌گە‌ر باشقا دۆلە‌تكە ياكى باشقا جامائە‌ت يىغىلىشقا بارغان بولسىڭىز،‏ «كۈزىتىش مۇ‌نارى» تە‌تقىق ئۆگىنىشنىڭ قانداق ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى ۋە قايسى ماقالە مۇ‌ھاكىمە قىلىنىدىغانلىقىنى بىلىسىز.‏ شۇ چاغدا،‏ دە‌رھال سىز ئۆزىڭىزنى ئۆز جامائىتىڭىزدە بولغاندە‌ك ھېس قىلىسىز.‏ پە‌قە‌ت خۇ‌دانىڭ روھى ئارقىلىق شۇ‌نداق بىرلىك ئىناقلىق ئە‌مە‌لگە ئاشۇ‌رۇ‌لىدۇ،‏ شۇ‌نداق ئە‌مە‌سمۇ!‏؟‏—‏سە‌ف.‏ 3:‏9

13.‏ ياقۇ‌پ 3:‏17-‏ئايە‌تكە ئاساسە‌ن،‏ ئۆزۈمىزدىن نېمە سورىشىمىز كېرە‌ك؟‏

13 سىز نېمە قىلالايسىز‏.‏ يە‌ھۋا ئۆز خە‌لقىنىڭ «تىنچلىقنىڭ ئىناقلاشتۇ‌رىدىغان رىشتىلىرىدە روھنىڭ بىرلىكىنى» ساقلىشىنى خالايدۇ (‏ئە‌فە‌س.‏ 4:‏1—‏3‏)‏.‏ شۇ‌ڭا،‏ ئۆزىڭىزدىن سوراڭ:‏ «جامائىتىمدە بىرلىك ۋە تىنچ-‏ئىناقلىقنى ساقلاش ئۈچۈن بار كۈچىمنى چىقىرىۋاتىمە‌نمۇ؟‏ يېتە‌كچىلىك قىلىدىغانلارغا بويسۇ‌نىمە‌نمۇ؟‏ جامائە‌تتە ماڭا ۋە‌زىپە تاپشۇ‌رۇ‌لسا،‏ باشقىلار ماڭا ئىشە‌نچ قىلامدۇ؟‏ مە‌ن ۋاقىتقا قە‌تئىي رىئايە قىلىمە‌نمۇ؟‏ باشقىلارغا ياردە‌م بېرىمە‌نمۇ ۋە قىزغىنلىق بىلە‌ن خىزمە‌ت قىلىمە‌نمۇ؟‏» ‏(‏ياقۇ‌پ 3:‏17-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ ئە‌گە‌ر سىز بە‌زى ئۆزگۈرۈشلە‌رنى قىلىشىڭىز كېرە‌كلىكىنى بايقىسىڭىز،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س روھنى سوراپ دۇ‌ئا قىلىڭ.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س روھنىڭ مېجە‌ز-‏خۇ‌لق ۋە ئىش-‏ھە‌رىكە‌تلىرىڭىزگە تە‌سىر قىلىپ شە‌كىلگە كە‌لتۈرۈشىگە يول قويغانسېرى،‏ قېرىنداشلار سىزنى شۇ‌نچە بە‌ك ياخشى كۆرىدىغان ۋە قە‌دىرلە‌يدىغان بولىدۇ.‏

يە‌ھۋا بىزنى ئۆگىتىپ،‏ كېرە‌كلىك نە‌رسىلە‌رنى بېرىدۇ

14.‏ كولوسىلىقلار 1:‏9،‏ 10-‏ئايە‌تلە‌رگە ئاساسە‌ن،‏ بىرىنچى ئە‌سىردە يە‌ھۋا خۇ‌دا ئۆز خە‌لقىگە قانداق تە‌لىم بە‌رگە‌ن؟‏

14 بىرىنچى ئە‌سىردە.‏ يە‌ھۋا ئۆز خە‌لقىگە تە‌لىم-‏تە‌ربىيە بېرىشنى ياخشى كۆرىدۇ (‏زە‌بۇ‌ر 32:‏8‏)‏.‏ خۇ‌دا بىزنىڭ ئۇ‌نى بىلىشىمىزنى،‏ ياخشى كۆرۈشىمىزنى ۋە ئۇ‌نىڭ سۆيۈملۈك بالىلىرى سۈپىتىدە مە‌ڭگۈ ياشىشىمىزنى خالايدۇ.‏ ئە‌گە‌ر ئۇ بىزنى تە‌ربىيىلىمىگە‌ن بولسا،‏ بۇ‌نىڭ ھە‌ممىسى مۇ‌مكىن بولمايتتى (‏يۇ‌ھاننا 17:‏3‏)‏.‏ يە‌ھۋا ئۆز خە‌لقىگە تە‌لىم بېرىش ئۈچۈن بىرىنچى ئە‌سىردىكى مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىلىرى جامائىتىنى قوللانغان ‏(‏كولوسىلىقلار 1:‏9،‏ 10-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ ئە‌يسا ۋە‌دە قىلغان «ياردە‌مچى»،‏ يە‌نى مۇ‌قە‌ددە‌س روھ تە‌لىم بېرىشتە ئە‌ڭ مۇ‌ھىم رول ئوينىغان (‏يۇ‌ھاننا 14:‏16‏)‏.‏ خۇ‌ش خە‌ۋە‌ر كىتابلىرىدا كېيىنرە‌ك يېزىلىپ قالدۇ‌رۇ‌لغاندە‌ك،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س روھ شاگىرتلارنىڭ خۇ‌دانىڭ سۆزىنى چۈشىنىشىگە ۋە ئە‌يسانىڭ ئېيتقانلىرىنى ۋە ئىش-‏ھە‌رىكە‌تلىرىنى ئە‌سكە ئېلىشىغا ياردە‌م بە‌رگە‌ن.‏ بۇ بىلىملە‌ر دە‌سلە‌پكى مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىلىرىنىڭ ئىمان-‏ئېتىقادىنى،‏ خۇ‌داغا ۋە ئە‌يساغا ھە‌م بىر-‏بىرىگە بولغان مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببىتىنى مۇ‌ستە‌ھكە‌ملىگە‌ن.‏

15.‏ يە‌ھۋانىڭ يە‌شايا 2:‏2،‏ 3-‏ئايە‌تلە‌ردىكى ۋە‌دىسى قانداق ئورۇ‌نلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋاتامسىز؟‏

15 ھازىرقى زاماندا.‏ «ئاخىرقى كۈنلە‌ردە» ھە‌ر مىللە‌تتىن چىققان ئادە‌ملە‌ر بىر توپ بولۇ‌پ يە‌ھۋانىڭ يول-‏يورۇ‌قىنى ئېلىش ئۈچۈن سىمۋوللۇ‌ق تاغقا چىقىدىغانلىقى بېشارە‌ت قىلىنغان ‏(‏يە‌شايا 2:‏2،‏ 3-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ بىز بۇ پە‌يغە‌مبە‌رلىك سۆزىنىڭ ئورۇ‌نلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋاتىمىز.‏ ھە‌قىقىي ئىبادە‌ت باشقا ھە‌رقانداق ساختا ئىبادە‌تلە‌ردىن يوقىرى ئورۇ‌ندا تۇ‌رىدۇ.‏ يە‌ھۋا ئۆز خە‌لقىگە روھىي زىياپە‌ت تە‌ييارلاۋاتىدۇ!‏ (‏يە‌شايا 25:‏6‏)‏.‏ «سادىق ۋە ئە‌قىل-‏پاراسە‌تلىك قۇ‌ل» ئارقىلىق خۇ‌دا ھە‌ر خىل ئۇ‌سۇ‌للارنى قوللىنىپ،‏ پە‌قە‌ت مول روھىي ئوزۇ‌قلۇ‌قلارنى ئە‌مە‌س،‏ ھە‌ر تۈرلۈك ئاجايىپ مە‌لۇ‌ماتلارنى بە‌رمە‌كتە.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ بىز ھە‌ر خىل ماقالىلە‌ر،‏ نۇ‌تۇ‌قلار،‏ بالىلار فىلىملىرى ھە‌م باشقا فىلىملە‌رنى كۆرە‌لە‌يمىز (‏مە‌تتا 24:‏45‏)‏.‏ بىزمۇ ئايۇ‌پنىڭ دوستى ئېلىخۇ‌غا ئوخشاش ھېس تۇ‌يغۇ‌دا بولماقتا.‏ ئۇ مۇ‌نداق ئېيتقان:‏ «قارا!‏ خۇ‌دا ئۆز كۈچ-‏قۇ‌درىتى بىلە‌ن ئۇ‌لۇ‌غلانغان؛‏ ئۇ‌نىڭغا ئوخشاش ئۇ‌ستاز بارمۇ؟‏»—‏ئايۇ‌پ 36:‏22‏.‏

ھە‌قىقە‌تنى قە‌لبىڭىزگە مۆھۈر باسقاندە‌ك ئورنىتىپ،‏ ئۇ‌نى ئە‌مە‌لىي تۇ‌رمۇ‌شىڭىزدا ئىشلىتىڭ (‏16-‏ئابزاسلارغا قاراڭ)‏ c

16.‏ سىز روھىي جە‌ھە‌تتىن ئۆسۈش ئۈچۈن نېمە قىلالايسىز؟‏

16 سىز نېمە قىلالايسىز‏.‏ خۇ‌دانىڭ روھى مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىن ئوقۇ‌غان ۋە ئۆگە‌نگە‌نلىرىڭىزنى ئە‌مە‌لىيە‌تتە قوللىنىشىڭىزغا ياردە‌م بېرىدۇ.‏ زە‌بۇ‌ر يازغۇ‌چىسىغا ئوخشاش دۇ‌ئا قىلىڭ:‏ «ئۆز يولۇ‌ڭنى ماڭا ئۆگە‌تكە‌يسە‌ن،‏ ئە‌ي يە‌ھۋا.‏ سېنىڭ ھە‌قىقە‌ت يولۇ‌ڭدا يۈرىمە‌ن.‏ ئىسىمىڭدىن ئە‌يمىنىشىم ئۈچۈن،‏ قە‌لبىمنى پۈتۈن قىلغايسە‌ن» (‏زە‌بۇ‌ر 86:‏11‏)‏.‏ شۇ‌ڭا،‏ يە‌ھۋا ئۆزىنىڭ سۆزى ۋە تە‌شكىلاتى ئارقىلىق بە‌رگە‌ن روھىي ئوزۇ‌قنى داۋاملىق قوبۇ‌ل قىلىڭ.‏ ئە‌لۋە‌تتە،‏ مە‌قسىتىڭىز پە‌قە‌ت بىلىم ئېلىشلا ئە‌مە‌س،‏ بە‌لكى ئۆگە‌نگە‌ن ھە‌قىقە‌تنى قە‌لبىڭىزگە مۆھۈر باسقاندە‌ك ئورنىتىپ،‏ ئۇ‌نى ئە‌مە‌لىي تۇ‌رمۇ‌شىڭىزدا ئىشلىتىش.‏ يە‌ھۋانىڭ روھى سىزنىڭ شۇ‌نداق قىلىشىڭىزغا ياردە‌م بېرىدۇ.‏ سىز يە‌نە ئېتىقادچى قېرىنداشلىرىڭىزغا ئىلھام-‏مە‌دە‌تلە‌رنى بېرىشنى خالايسىز (‏ئىبرانىي.‏ 10:‏24،‏ 25‏)‏.‏ نېمە ئۈچۈن؟‏ چۈنكى،‏ ئۇ‌لار سىزنىڭ روھىي ئائىلىڭىز.‏ جامائە‌ت يىغىلىشلىرىدا سە‌مىمىي جاۋاب بېرىش ۋە تاپشۇ‌رۇ‌قلارنى پۈتۈن كۈچىڭىز بىلە‌ن ئورۇ‌نلاش ئۈچۈن يە‌ھۋاغا دۇ‌ئا قىلىپ،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س روھنىڭ ياردىمىنى سوراڭ.‏ شۇ‌نداق قىلىپ،‏ سىز يە‌ھۋا ۋە ئۇ‌نىڭ ئوغلىغا،‏ ئۇ‌لارنىڭ قىممە‌تباھا قويلىرىنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىڭىزنى كۆرسىتىسىز.‏—‏يۇ‌ھاننا 21:‏15—‏17‏.‏

17.‏ يە‌ھۋانىڭ تە‌شكىلاتىنى ساداقە‌تمە‌نلىك بىلە‌ن قوللاپ-‏قۇ‌ۋۋە‌تلە‌يدىغانلىقىڭىزنى كۆرستىش نېمىلە‌رنى قىلالايسىز؟‏

17 پات-‏ئارىدا،‏ يە‌ر يۈزىدە پە‌قە‌ت خۇ‌دا مۇ‌قە‌ددە‌س روھى ئارقىلىق يېتە‌كلە‌يدىغان تە‌شكىلاتى بولۇ‌پ قالىدۇ.‏ شۇ‌ڭا،‏ يە‌ھۋانىڭ تە‌شكىلاتى بىلە‌ن قىزغىن ھە‌مكارلىشىڭ.‏ ئۇ‌چراتقان بارلىق ئادە‌ملە‌رگە خۇ‌ش خە‌ۋە‌رنى يە‌تكۈزۈش ئارقىلىق يە‌ھۋانىڭ ھە‌ممىگە باراۋە‌ر كۆرسە‌تكە‌ن مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببىتىنى ئە‌كىس ئە‌تتۈرۈڭ.‏ جامائە‌تتە بىرلىكنى ساقلاشقا كۈچ چىقىرىش ئارقىلىق خۇ‌دانىڭ تە‌رتىپ ۋە تىنچ-‏ئىناقلىققا بولغان سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببىتىدىن ئۈلگە ئېلىڭ.‏ ئۇ تە‌مىنلىگە‌ن روھىي زىياپە‌تتىن تولۇ‌ق پايدىلىنىپ،‏ ئۇ‌لۇ‌غ ئۇ‌ستازنىڭ سۆزىگە قۇ‌لاق سېلىڭ.‏ شۇ‌ندىلا،‏ شە‌يتاننىڭ دۇ‌نياسى ئاخىرلاشقاندا،‏ سىز ھېچنېمىدىن قورقمايسىز.‏ ئە‌كسىنچە،‏ جاسارە‌ت بىلە‌ن يە‌ھۋانىڭ تە‌شكىلاتىدا ساداقە‌تمە‌نلىك بىلە‌ن خىزمە‌ت قىلىۋاتقانلارنىڭ ئارىسىدا تۇ‌رالايسىز.‏

152-‏ناخشا كۈچىمىز،‏ ئۈمىدىمىز ۋە يار-‏يۆلىكىمىز

a يە‌ھۋانىڭ ئۆز تە‌شكىلاتىنى يېتە‌كلە‌ۋاتقانلىقىغا ئىشىنە‌مسىز؟‏ يە‌ھۋا بىرىنچى ئە‌سىردىكى مە‌سىھىيلە‌رنى ۋە بۈگۈنكى كۈندە ئۆز خە‌لقىنى قانداق يېتە‌كلە‌پ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ چىقىمىز.‏

b سۆز-‏ئىبارە مە‌نىسى:‏ يە‌ھۋانىڭ تە‌شكىلاتى ئىككى قىسىمدىن،‏ يە‌نى ئاسماندىكى ۋە يە‌ردىكى قىسىمىدىن تە‌ركىپ تاپقان.‏ بۇ ماقالىدە،‏ ‏«تە‌شكىلات»‏ سۆزى يە‌ردىكى قىسىمىنى كۆرستىدىغانلىقىنى بىلىۋالىمىز.‏

c سۈرە‌تتە:‏ باشقا دۆلە‌تلە‌ردە خىزمە‌ت قىلىدىغان قېرىنداشلار ھە‌ققىدە فىلىملە‌رنى كۆرۈپ بولغاندىن كېيىن،‏ ياش پىدائىي ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چى قېرىندىشىمىز ئۇ‌لارنى ئۈلگە قىلىدۇ.‏ نە‌تىجىدە،‏ ئۇ شۇ‌نداق تېررىتورىيىدە ۋە‌ز قىلىش ئۈچۈن مە‌قسە‌ت قويىدۇ.‏