مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

44-‏تە‌تقىق ماقالىسى

پە‌رزە‌نتلىرىڭىز چوڭ بولغاندا خۇ‌داغا خىزمە‌ت قىلامدۇ؟‏

پە‌رزە‌نتلىرىڭىز چوڭ بولغاندا خۇ‌داغا خىزمە‌ت قىلامدۇ؟‏

‏«ئە‌يسانىڭ بويى ئۆسۈپ،‏ ئە‌قىل-‏پاراسىتى يېتىلىپ،‏ خۇ‌دانىڭ ۋە ئادە‌ملە‌رنىڭ كۆڭلىنى سۆيۈندۈرە‌تتى».‏‏—‏لۇ‌قا 2:‏52‏.‏

41-‏ناخشا يە‌ھۋاغا ياش ۋاقتىڭدىن خىزمە‌ت قىل!‏

بۇ ماقالىدە a

1.‏ ھە‌ركىم قانداق ئە‌ڭ ياخشى قارارنى چىقىرىشى مۇ‌مكىن؟‏

 دائىم ئاتا-‏ئانىلارنىڭ قىلغان قارارى ئۇ‌زۇ‌ن ۋاقىت بالىلىرىنىڭ قە‌لبىگە تە‌سىر قىلىدۇ.‏ ئە‌گە‌ر ئاتا-‏ئانىلار ناتوغرا قارارلارنى چىقارسا،‏ ئۇ‌لار بالىلارغا قىيىنچىلىقلارنى پە‌يدا قىلىدۇ.‏ لېكىن،‏ ئۇ‌لار دانا قارارلارنى چىقارسا،‏ ئۇ‌لار بالىلىرىنىڭ بە‌ختلىك،‏ قانائە‌تلىنە‌رلىك تۇ‌رمۇ‌ش كە‌چۈرۈشىگە ياردە‌م بېرىدۇ.‏ ئە‌لۋە‌تتە،‏ بالىلارمۇ چوقۇ‌م توغرا قارارلارنى چىقىرىشى كېرە‌ك.‏ ھە‌ركىم چىقىرالايدىغان ئە‌ڭ ياخشى قارار —‏ ئاسماندىكى كۆيۈمچان ئاتىغا خىزمە‌ت قىلىش.‏—‏زە‌بۇ‌ر 73:‏28‏.‏

2.‏ ئە‌يسا ۋە ئۇ‌نىڭ ئاتا-‏ئانىسى قانداق توغرا قارار چىقارغان؟‏

2 ئە‌يسانىڭ ئاتا-‏ئانىسى بالىلىرىنىڭ يە‌ھۋاغا خىزمە‌ت قىلىشىغا ياردە‌م بېرىشكە بە‌ل باغلىغان.‏ ئۇ‌لارنىڭ قىلغان قارارى ھاياتىدىكى ئە‌ڭ مۇ‌ھىم مە‌قسە‌تنىڭ يە‌ھۋاغا خىزمە‌ت قىلىش ئىكە‌نلىكىنى دە‌لىللىگە‌نىدى (‏لۇ‌قا 2:‏40،‏ 41،‏ 52‏)‏.‏ ئە‌يسا چىقارغان قارارمۇ،‏ ئۇ‌نىڭ يە‌ھۋانىڭ ئىرادىسىنى ئورۇ‌نلىشىغا ياردە‌م بە‌رگە‌ن (‏مە‌تتا 4:‏1—‏10‏)‏.‏ ئە‌يسا ئۆسۈپ مېھرىبان،‏ سادىق ھە‌م جە‌سۇ‌ر ئادە‌م بولغان.‏ ھە‌رقانداق يە‌ھۋا خۇ‌دانى ياخشى كۆرىدىغان ئاتا-‏ئانىلار ئۆزلىرىنىڭ ئە‌يساغا ئوخشاش بالىسى بولسا،‏ ئۇ‌نىڭدىن پە‌خىرلىنىپ،‏ مە‌منۇ‌ن بولماي قالمايدۇ.‏

3.‏ بۇ ماقالىدە،‏ قانداق سوئاللارغا جاۋاب تاپىمىز؟‏

3 بۇ ماقالىدە،‏ مۇ‌نداق سوئاللارغا جاۋاب تاپىمىز:‏ ئە‌يسا ئۈچۈن يە‌ھۋا خۇ‌دا قانداق ياخشى قارار چىقارغان؟‏ يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرى بولغان ئاتا-‏ئانىلار،‏ ئە‌يسانىڭ ئاتا-‏ئانىلىرى چىقارغان قاراردىن نېمىلە‌رنى ئۆگىنە‌لە‌يدۇ؟‏ ياش يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرى ئە‌يسا چىقارغان قاراردىن نېمىلە‌رنى ئۆگىنە‌لە‌يدۇ؟‏

يە‌ھۋانى ئۈلگە قىلىڭ

4.‏ يە‌ھۋا ئۆز ئوغلى ئۈچۈن قانداق ئاتا-‏ئانىنى تاللىغان؟‏

4 ئە‌يسا ئۈچۈن يە‌ھۋا خۇ‌دا ئاجايىپ ياخشى ئاتا-‏ئانىنى تاللىغان (‏مە‌تتا 1:‏18—‏23؛‏ لۇ‌قا 1:‏26—‏38‏)‏.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا يېزىلغان مە‌ريە‌منىڭ سە‌مىمىي سۆزلىرى،‏ ئۇ‌نىڭ يە‌ھۋاغا ۋە ئۇ‌نىڭ سۆزىگە بولغان چوڭقۇ‌ر سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببىتىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ (‏لۇ‌قا 1:‏46—‏55‏)‏.‏ يۈسۈپنىڭ يە‌ھۋا كۆرسە‌تكە‌ن يول-‏يورۇ‌ق بويىچە ئىش تۇ‌تۇ‌شى،‏ ئۇ‌نىڭ خۇ‌دادىن ئە‌يمىنىدىغانلىقىنى ۋە ئۇ‌نى خۇ‌رسە‌ن قىلىشىنى خالايدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.‏—‏مە‌تتا 1:‏24‏.‏

5،‏ 6.‏ يە‌ھۋا ئۆز ئوغلىنىڭ نېمىلە‌رنى ھېس قىلىشىغا يول بە‌رگە‌ن؟‏

5 بايقىغان بولسىڭىز،‏ يە‌ھۋا ئۇ،‏ ئە‌يسا ئۈچۈن باي ئاتا-‏ئانىنى تاللىمىغان.‏ ئە‌يسا تۇ‌غۇ‌لغاندىن كېيىن،‏ يۈسۈپ بىلە‌ن مە‌ريە‌منىڭ ئە‌كە‌لگە‌ن قۇ‌ربانلىقى،‏ ئۇ‌لارنىڭ كە‌مبە‌غە‌ل ئىكە‌نلىكىنى كۆرسىتىدۇ (‏لۇ‌قا 2:‏24‏)‏.‏ بە‌لكىم،‏ يۈسۈپنىڭ ناسىرە‌دىكى ئۆيىنىڭ قېشىدا كىچىك دۇ‌كانىنى بولغان.‏ شۇ يە‌ردە،‏ ئۇ ياغاچچى بولۇ‌پ ئىشلىگە‌ن.‏ بۇ ئائىلىدە ئاز دېگە‌ندىمۇ يە‌تتە بالا بولغاچ،‏ ئۇ‌لارنىڭ ئائىلىسى چوقۇ‌م بە‌كمۇ ئاددىي-‏ساددا كۈن ئۆتكۈزگە‌ن.‏—‏مە‌تتا 13:‏55،‏ 56‏.‏

6 يە‌ھۋا بە‌زى خېيىم-‏خە‌تە‌ردىن ئە‌يسانى قوغدىغان،‏ بىراق بارلىق قىيىنچىلىقلاردىن ئە‌مە‌س (‏مە‌تتا 2:‏13—‏15‏)‏.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ ئۇ‌نىڭ بە‌زى ئۇ‌رۇ‌ق-‏تۇ‌غقانلىرى ئۇ‌نىڭغا ئىشە‌نمىگە‌ن.‏ ئە‌يسانىڭ تۇ‌غقانلىرى ئارىسىدىكى بە‌زىلە‌ر ئۇ‌نىڭ مە‌سىھ ئىكە‌نلىكىگە ئىشە‌نمىگە‌نلىكى ئۇ‌نى قانچىلىك ئۈمىدسىزلە‌ندۈرگە‌نلىكىنى تە‌سە‌ۋۋۇ‌ر قىلىپ كۆرۈڭ (‏ماركۇ‌س 3:‏21؛‏ يۇ‌ھاننا 7:‏5‏)‏.‏ شۇ‌نىڭدە‌ك يە‌نە،‏ ئە‌يساغا يۈسۈپنىڭ،‏ يە‌نى ئۆگە‌ي دادىسىنىڭ ئۆلۈمى ئېغىر كە‌لگە‌ن بولۇ‌شى مۇ‌مكىن.‏ يۈسۈپ ئۆلۈپ كە‌تكە‌ندە،‏ ئە‌يسا تۇ‌نجى ئوغۇ‌ل بولغاچقا،‏ ئائىلىنىڭ ئىگىلىكىنى ئۆز قولىغا ئېلىشقا توغرا كە‌لگە‌ن (‏ماركۇ‌س 6:‏3‏)‏.‏ ئە‌يسا چوڭراق بولغاندا،‏ ئۇ ئاپىسى ۋە قېرىنداشلىرىغا قانداق غە‌مخورلۇ‌ق قىلىشنى ئۆگە‌نگە‌ن.‏ ئۇ ئائىلىنى پۇ‌ل ۋە كېرە‌كلىك نە‌رسىلە‌ر بىلە‌ن قامداش ئۈچۈن كۆپ تە‌ر تۆكۈپ ئە‌مگە‌ك قىلىشقا توغرا كە‌لگە‌ن.‏ شۇ‌ڭا،‏ ئۇ ئە‌تىگە‌ندىن كە‌چ كىرگىچە جاپالىق ئىشلە‌ش كىشىنى قانچىلىك چارچىتىدىغانلىقىنى ياخشى بىلگە‌ن.‏

ئاتا-‏ئانىلار،‏ بالىلىرىڭلارغا مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىن مە‌سلىھە‌تلە‌رنى ئىزدە‌شنى ئۆگىتىپ،‏ ھاياتىدا دۇ‌چ كېلىدىغان قىيىنچىلىقلارغا تە‌ييارلاڭلار (‏7-‏ئابزاسقا قاراڭ)‏ c

7.‏ (‏1)‏ بالىلىق بولۇ‌شنى خالايدىغان ئە‌ر-‏ئاياللارغا قانداق سوئاللار ياردە‌م بېرىدۇ؟‏ (‏2)‏ پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 2:‏1—‏6-‏ئايە‌تلە‌ر‏،‏ ئاتا-‏ئانىلارنىڭ بالىلىرىنى تە‌ربىيىلىشىگە قانداق ياردە‌م بېرىدۇ؟‏

7 ئە‌گە‌ر سىلە‌ر توي قىلىپ،‏ بالىلىق بولۇ‌شنى ياخشى كۆرسە‌ڭلار،‏ ئۆز-‏ئۆزۈڭلاردىن سوراڭلار:‏ «بىز يۈسۈپ بىلە‌ن مە‌ريە‌مگە ئوخشاش يېڭىدىن تۇ‌غۇ‌لغان بوۋاققا غە‌مخورلۇ‌ق قىلالايدىغان كىچىك پېئىل،‏ روھىي تە‌رە‌پتىن يېتىلگە‌ن ئادە‌ملە‌رمۇ؟‏» (‏زە‌بۇ‌ر 127:‏3،‏ 4‏)‏.‏ ئە‌گە‌ر بالىلىق بولغان بولسىڭىز،‏ ئۆزىڭىزدىن مۇ‌نداق سوراڭ:‏ «مە‌ن بالىلىرىمغا ئە‌مگە‌ك سۆيە‌ر،‏ ئىشچان بولۇ‌شنى ئۆگىتىۋاتىمە‌نمۇ؟‏» (‏ۋە‌ز 3:‏12،‏ 13‏)‏.‏ بالىلىرىمنى شە‌يتاننىڭ دۇ‌نياسىدا دۇ‌چ كېلىدىغان روھىي ۋە جىسمانىي خېيىم-‏خە‌تە‌رلە‌ردىن قوغداش ئۈچۈن قولۇ‌مدىن كە‌لگە‌ننىڭ ھە‌ممىسىنى قىلىۋاتىمە‌نمۇ؟‏ ‏(‏پە‌ند.‏ نە 22:‏3‏)‏.‏ سىز بالىلىرىڭىزنى بېشىغا چۈشكە‌ن بارلىق قىيىنچىلىقلاردىن قوغدىيالمايسىز.‏ بۇ مۇ‌مكىن ئە‌مە‌س.‏ بىراق،‏ سىز مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت بىلە‌ن،‏ ئۇ‌لارنى مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنىڭ نە‌سىھە‌ت سۆزلىرىنى قانداق ئە‌مە‌لىي ئىشلىتىشنى ئۆگىتىش ئارقىلىق،‏ ئاستا-‏ئاستا ئۇ‌لارنى تۇ‌رمۇ‌شتىكى تۈرلۈك قىيىنچىلىقلارغا تە‌ييارلىيالايسىز ‏(‏پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 2:‏1—‏6-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ ئائىلىڭىزدىكىلە‌رنىڭ بىرى يە‌ھۋاغا خىزمە‌ت قىلىشنى توختاتقاندا،‏ بالىلىرىڭىزغا مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىن خۇ‌داغا سادىق بولۇ‌پ قېلىشنىڭ قانچىلىك مۇ‌ھىم ئىكە‌نلىكىنى كۆرسىتىشىڭىز زۆرۈر (‏زە‌بۇ‌ر 31:‏23‏)‏.‏ ئە‌گە‌ر يېقىنلىرىمىز ئۆلۈپ كە‌تسە،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىن بالىلىرىمىزغا قايغۇ-‏ھە‌سرە‌تلە‌ردىن يە‌ڭگىللىتىپ،‏ كۆڭلىگە تە‌سە‌للى بېرىدىغان ئايە‌تلە‌رنى كۆرسىتىڭ.‏—‏2-‏كورىنت.‏ 1:‏3،‏ 4؛‏ 2-‏تىموت.‏ 3:‏16‏.‏

يۈسۈپ بىلە‌ن مە‌ريە‌منى ئۈلگە قىلىڭ

8.‏ تە‌كرار قانۇ‌ن 6:‏6،‏ 7-‏ئايە‌تلە‌رگە ئاساسە‌ن،‏ يۈسۈپ بىلە‌ن مە‌ريە‌م نېمە قىلىش كېرە‌ك ئىدى؟‏

8 يۈسۈپ بىلە‌ن مە‌ريە‌م يە‌ھۋانىڭ ئاتا-‏ئانىلارغا بە‌رگە‌ن يول-‏يورۇ‌قى بويىچە،‏ ئە‌يسانى ئۆستۈرۈپ،‏ ئۇ‌نىڭ خۇ‌دانىڭ ماقۇ‌للىشىغا ئېرىشكە‌ن ئادە‌م بولۇ‌شىغا ياردە‌م بە‌رگە‌ن ‏(‏تە‌كرار قانۇ‌ن 6:‏6،‏ 7-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ يۈسۈپ بىلە‌ن مە‌ريە‌م،‏ يە‌ھۋا خۇ‌دانى چىن قە‌لبىدىن ياخشى كۆرگە‌چكە،‏ ئۇ‌لار بالىلىرىنىڭ يۈرىكىدە شۇ‌نداق مۇ‌ھە‌ببە‌تنى چوڭقۇ‌ر يىلتىز تارتقۇ‌زۇ‌شنى بىرىنچى ئورۇ‌نغا قويغان.‏

9.‏ يۈسۈپ بىلە‌ن مە‌ريە‌م قانداق مۇ‌ھىم قارارنى چىقارغان؟‏

9 يۈسۈپ ئائىلىسىنىڭ روھىي جە‌ھە‌تتىن ئۆسۈشىگە ياردە‌م بېرىش ئۈچۈن بالىلىرى بىلە‌ن بىرلىكتە يە‌ھۋاغا ئىبادە‌ت قىلىشنى قارار قىلغان.‏ ئۇ‌لارنىڭ ھە‌ر ھە‌پتە ناسىرە‌دىكى سىناگوگقا ئىبادە‌ت يىغىلىشى ۋە ھە‌ر يىلى يېرۇ‌سالىمغا ئۆتۈپ كېتىش ھېيتى ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن بارغانلىقى شە‌ك-‏شۈبھىسىزدۇ‌ر (‏لۇ‌قا 2:‏41؛‏ 4:‏16‏)‏.‏ بە‌لكىم،‏ يۈسۈپ ۋە مە‌ريە‌م ئائىلىسى بىلە‌ن يېرۇ‌سالىمغا ماڭغان سە‌پە‌ر ئۈستىدە،‏ يازمىلاردا تىلغان ئېلىنغان جايلاردىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقاندا،‏ ئە‌يساغا ۋە باشقا بالىلىرىغا يە‌ھۋانىڭ خە‌لقى ھە‌ققىدىكى تارىخى ۋە‌قە‌لە‌رنى سۆزلە‌پ بە‌رگە‌ن.‏ ئائىلىدە جان سانى كۆپە‌يگە‌نسېرى،‏ يۈسۈپ بىلە‌ن مە‌ريە‌منىڭ تە‌رتىپلىك ھالدا يە‌ھۋاغا ئىبادە‌ت قىلىشى چوقۇ‌م ئاسانغا چۈشمىگە‌ن.‏ بىراق،‏ ئۇ‌لارنىڭ تىرىشچانلىقى مۇ‌كاپاتسىز قالمىغان.‏ ئۇ‌لار يە‌ھۋا خۇ‌داغا ئىبادە‌ت قىلىشنى بىرىنچى ئورۇ‌نغا قويغاچقا،‏ ئۇ‌لارنىڭ ئائىلىسى يە‌ھۋا بىلە‌ن يېقىن مۇ‌ناسىۋە‌تتە بولغان.‏

10.‏ خۇ‌دادىن ئە‌يمىنىدىغان ئاتا-‏ئانىلار يۈسۈپ بىلە‌ن مە‌ريە‌منىڭ ئۈلگىسىدىن قانداق ساۋاق ئالالايدۇ؟‏

10 خۇ‌دادىن ئە‌يمىنىدىغان ئاتا-‏ئانىلار يۈسۈپ بىلە‌ن مە‌ريە‌منىڭ ئۈلگىسىدىن قانداق ساۋاق ئالالايدۇ؟‏ ئە‌ڭ مۇ‌ھىمى،‏ يە‌ھۋانى ياخشى كۆرىدىغانلىقىڭىزنى يۈرۈش-‏تۇ‌رۇ‌ش ۋە گە‌پ-‏سۆزلىرىڭىز بىلە‌ن كۆرسىتىش ئارقىلىق بالىلىرىڭىزنى ئۆگىتىڭ.‏ سىز بالىلىرىڭىزغا بېرە‌لە‌يدىغان ئە‌ڭ ياخشى سوۋغات —‏ ئۇ‌لارنىڭ يە‌ھۋانى ياخشى كۆرۈشىنى ئۆگىنىشىگە ياردە‌م بېرىشتۇ‌ر.‏ ئە‌ڭ مۇ‌ھىم ساۋاقلارنىڭ بىرى —‏ ئۇ‌لارنىڭ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ئۆگىنىش،‏ دۇ‌ئا قىلىش،‏ يىغىلىشلارغا بېرىش ۋە ۋە‌ز خىزمە‌تكە قاتنىشىش ئۈچۈن ياخشى بىر روھىي ئىشلار جە‌دۋىلى تۈزۈپ،‏ ئۇ‌نىڭغا قانداق ئە‌مە‌ل قىلىشنى ئۆگىتىشتۇ‌ر (‏1-‏تىموت.‏ 6:‏6‏)‏.‏ ئە‌لۋە‌تتە،‏ بالىلىرىڭىزنىڭ ماددىي جە‌ھە‌تتىكى ئېھتىياجلىرىنى تە‌مىنلىشىڭىز كېرە‌ك (‏1-‏تىموت.‏ 5:‏8‏)‏.‏ ئېسىڭىزدە بولسۇ‌نكى،‏ ماددىي نە‌رسىلە‌ر ئە‌مە‌س،‏ بە‌لكى يە‌ھۋا بىلە‌ن بولغان يېقىن مۇ‌ناسىۋە‌ت،‏ شە‌يتاننىڭ بۇ دۇ‌نياسى ۋە‌يران قىلىنغاندا،‏ بالىلىرىڭىزنىڭ ئامان قېلىشى ۋە ئۇ‌نىڭ يېڭى دۇ‌نياسىغا كىرىشىگە ياردە‌م بېرىدۇ.‏—‏ھە‌زە‌ك.‏ 7:‏19؛‏ 1-‏تىموت.‏ 4:‏8‏.‏

ئاتا-‏ئانىلارنىڭ ياخشى قارار چىقىرىپ،‏ بالىلىرىنىڭ يە‌ھۋاغا يېقىن بولۇ‌شىغا ياردە‌م بېرىۋاتقانلىقىنى كۆرۈش كىشىنى بە‌كمۇ خۇ‌شال قىلىدۇ!‏ (‏11-‏ئابزاسقا قاراڭ)‏ d

11.‏ (‏1)‏ 1-‏تىموتىي 6:‏17—‏19-‏ئايە‌تلە‌ردىكى نە‌سىھە‌ت،‏ ئاتا-‏ئانىلار بالىلارنى چوڭ قىلىۋاتقاندا،‏ توغرا قارارلارنى چىقىرىشىغا قانداق ياردە‌م بېرىدۇ؟‏ (‏2)‏ ئائىلە‌ڭلار قانداق مە‌قسە‌تلە‌رنى قويسا بولىدۇ ۋە بۇ قانداق بە‌رىكە‌تلە‌رگە ئېرىشتۈرە‌لە‌يدۇ؟‏ (‏«‏ قانداق مە‌قسە‌تلە‌رگە يېتىشكە ئىنتىلىسىز؟‏‏» دېگە‌ن رامكىغا قاراڭ)‏

11 ئاتا-‏ئانىلارنىڭ ياخشى قارار چىقىرىپ،‏ بالىلىرىنىڭ يە‌ھۋاغا يېقىن بولۇ‌شىغا ياردە‌م بېرىۋاتقانلىقىنى كۆرۈش كىشىنى بە‌كمۇ خۇ‌شال قىلىدۇ!‏ ئۇ‌لار بىرلىكتە دائىم خۇ‌داغا خىزمە‌ت قىلىدۇ ۋە جامائە‌ت يىغىلىشلىرىغا،‏ چوڭ يىغىلىشلارغا قاتنىشىدۇ.‏ ئۇ‌لار بىرگە خۇ‌ش خە‌ۋە‌ر ھە‌ققىدە ۋە‌ز قىلىدۇ.‏ بە‌زى ئائىلىلە‌ر ئاز ۋە‌ز قىلىنغان رايونلارغا بارىدۇ.‏ يە‌نە بە‌زى ئائىلىلە‌ر بە‌يتە‌لنى زىيارە‌ت قىلىشقا بارىدۇ ياكى يە‌ھۋانىڭ تە‌شكىلاتىنىڭ قۇ‌رۇ‌لۇ‌ش ئىشلىرىغا قاتنىشىدۇ.‏ شۇ‌نداق قارارلارنى چىقارغان ئائىلىلە‌ر چوقۇ‌م ئىقتىسادى جە‌ھە‌تتىن قۇ‌ربانلىقلارنى بېرىپ،‏ بە‌زى قىيىنچىلىقلارغا دۇ‌چ كېلىشى مۇ‌مكىن.‏ لېكىن،‏ يە‌ھۋا ئۇ‌لارنى بە‌رگە‌ن قۇ‌ربانلىقلىرى ئۈچۈن مول بە‌رىكە‌تلە‌يدۇ ‏(‏1-‏تىموتىي 6:‏17—‏19-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ ئادە‌تتە،‏ شۇ‌نداق ئائىلىلە‌ردە تە‌لىم-‏تە‌ربىيە ئالغان بالا ياخشى ئادە‌تلە‌رنى يېتىلدۈرۈشنى داۋاملاشتۇ‌رىدۇ ۋە چوڭ بولغاندا ئاتا-‏ئانىسىنىڭ ئۆزىنى شۇ‌نداق تە‌ربىيىلىگە‌نلىكىگە پۇ‌شايمان قىلمايدۇ!‏ b‏—‏پە‌ند.‏ نە 10:‏22‏.‏

ئە‌يسانى ئۈلگە قىلىڭ

12.‏ ئە‌يسا چوڭ بولغاندا،‏ نېمە قىلىشى كېرە‌ك ئىدى؟‏

12 ئە‌يسانىڭ ئاسماندىكى ئاتىسى ھە‌ردائىم توغرا قارار چىقىرىدۇ ۋە ئۇ‌نىڭ يە‌ر يۈزىدىكى ئاتا-‏ئانىسىمۇ دانا قارار چىقارغان.‏ ئە‌مما،‏ ئە‌يسا چوڭ بولغاندا،‏ ئۇ ئۆز ئالدىغا قارار قىلغان (‏گالاتىيا.‏ 6:‏5‏)‏.‏ ھە‌ممىمىزگە ئوخشاش،‏ ئۇ‌مۇ تاللاش ئە‌ركىنلىكى سوۋغىسىغا ئىگە بولغان.‏ ئە‌يسا ئۆزىنىڭ مە‌نپە‌ئىتىنى كۆزلىيە‌لە‌يتتى.‏ لېكىن،‏ ئۇ يە‌ھۋا بىلە‌ن ياخشى مۇ‌ناسىۋە‌تتە بولۇ‌شنى قارار قىلغان (‏يۇ‌ھاننا 8:‏29‏)‏.‏ بۈگۈنكى كۈندە،‏ ئۇ‌نىڭ ئۈلگىسى ياشلارغا قانداق ياردە‌م بېرە‌لە‌يدۇ؟‏

ياشلار،‏ ئاتا-‏ئاناڭلارنىڭ نە‌سىھىتىنى رە‌ت قىلماڭلار (‏13-‏ئابزاسقا قاراڭ)‏ e

13.‏ ئە‌يسا بالىلىق چېغىدا قانداق مۇ‌ھىم قارارنى قىلغان؟‏

13 ئە‌يسا بالىلىق چېغىدا ئاتا-‏ئانىسىغا بويسۇ‌نۇ‌شنى تاللىغان.‏ ئە‌يسا ئاتا-‏ئانىسىغا قارىغاندا،‏ ئۆزىنىڭ بىلىمى كۆپرە‌ك ئىكە‌نلىكىنى چۈشە‌نسىمۇ،‏ ئۇ‌لارنىڭ سۆزىدىن چىقمىغان.‏ ئە‌كسىنچە ئۇ «داۋاملىق ئۇ‌لارغا بويسۇ‌ندى» (‏لۇ‌قا 2:‏51‏)‏.‏ شە‌ك-‏شۈبھىسىزكى،‏ ئە‌يسا ئۆيدە بالىلارنىڭ چوڭى بولغاچ،‏ ئۇ تېگىشلىك مە‌سئۇ‌لىيە‌تنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان.‏ ئە‌لۋە‌تتە،‏ ئۇ ئۆز ئائىلىسىنى بېقىشى ئۈچۈن بېقىپ چوڭ قىلغان دادىسىدىن ياغاچچىلىقنى ئۆگىنىپ،‏ تە‌ر تۆكۈپ جاپالىق ئە‌مگە‌ك قىلغان.‏

14.‏ ئە‌يسا يازمىلارنى ياخشى تە‌تقىق قىلغانلىقىنى نە‌دىن بىلىمىز؟‏

14 ئە‌يسانىڭ ئاتا-‏ئانىسى بە‌لكىم ئۇ‌نىڭغا مۆجىزىلىك تۇ‌غۇ‌لۇ‌شى ۋە ئۇ ھە‌ققىدە خۇ‌دانىڭ پە‌رىشتىلىرى نېمە دېگە‌نلىكىنى ئېيتىپ بە‌رگە‌ن بولۇ‌شى مۇ‌مكىن (‏لۇ‌قا 2:‏8—‏19،‏ 25—‏38‏)‏.‏ بىراق،‏ ئە‌يسا ئاڭلاپلا قويماي،‏ ئۆز ئالدىغا مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى تە‌تقىق قىلغان.‏ ئە‌يسا يازمىلارنى ياخشى تە‌تقىق قىلغانلىقىنى نە‌دىن بىلىمىز؟‏ ئە‌يسا تېخى بالا چېغىدا،‏ يېرۇ‌سالىمدىكى ئۇ‌ستازلار «ئە‌يسانىڭ ئە‌قىل-‏پاراسىتى ۋە جاۋابلىرىغا ھاڭ-‏تاڭ» بولۇ‌پ قالغانلىقىنى بىلىمىز (‏لۇ‌قا 2:‏46،‏ 47‏)‏.‏ ئە‌يسا 12 ياشقىچە خۇ‌دا سۆزنى شۇ‌نچىلىك پۇ‌ختا تە‌تقىق قىلغانكى،‏ يە‌ھۋا ئۇ‌نىڭ ئاتىسى ئىكە‌نلىكىگە كۆزى يە‌تكە‌ن.‏—‏لۇ‌قا 2:‏42،‏ 43،‏ 49‏.‏

15.‏ ئە‌يسا يە‌ھۋانىڭ ئىرادىسىنى ئورۇ‌نلاشنى تاللىغانلىقىنى قانداق كۆرسە‌تكە‌ن؟‏

15 ئە‌يسا ئاتىسى يە‌ھۋانىڭ ئۆزىدىن نېمە قىلىشىنى كۈتىدىغانلىقىنى بىلگە‌ندە،‏ ئۇ يە‌ھۋانىڭ ئىرادىسىنى ئورۇ‌نلاشنى تاللىغان (‏يۇ‌ھاننا 6:‏38‏)‏.‏ ئۇ‌نى كۆپلىگە‌ن ئادە‌ملە‌ر ئۆچ كۆرىدىغانلىقىنى بىلگە‌ن.‏ بۇ‌نىڭغا قارىماستىن،‏ ئە‌يسا يە‌ھۋاغا بويسۇ‌نۇ‌شنى قارار قىلغان.‏ مىلادى 29-‏يىلى،‏ ئە‌يسا چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتكە‌ندە،‏ ئۇ يە‌ھۋانىڭ تە‌لە‌پ قىلغانلىرىغا دىققىتىنى مە‌ركە‌زلە‌شتۈرگە‌ن (‏ئىبرانىي.‏ 10:‏5—‏7‏)‏.‏ ئۇ ئازاب تۈۋرۈكىگە مىخلانغاندا،‏ ئاتىسىنىڭ ئىرادىسىنى ئورۇ‌نلاشنى قە‌تئىي داۋاملاشتۇ‌رۇ‌شنى قارار قىلغان.‏—‏يۇ‌ھاننا 19:‏30‏.‏

16.‏ بالىلار ئە‌يسانىڭ مىسالىدىن قانداق ساۋاق ئالالايدۇ؟‏

16 ئاتا-‏ئانىڭىزغا بويسۇ‌نۇ‌ڭ‏.‏ يۈسۈپ بىلە‌ن مە‌ريە‌مگە ئوخشاش،‏ ئاتا-‏ئانىڭىزمۇ نامۇ‌كە‌ممە‌ل.‏ ئە‌مما،‏ يە‌ھۋا سىزنى ھىمايە قىلىش ۋە تە‌لىم-‏تە‌ربىيە بېرىش ئۈچۈن ئاتا-‏ئانىڭىزنى تە‌يىنلىدى.‏ ئە‌گە‌ر ئۇ‌لارنىڭ مە‌سلىھىتىگە قۇ‌لاق سېلىپ،‏ ھوقۇ‌قىنى ھۆرمە‌تلىسىڭىز،‏ سىزگە ياخشى بولىدۇ.‏—‏ئە‌فە‌س.‏ 6:‏1—‏4‏.‏

17.‏ يە‌شۇ‌ئا 24:‏15-‏ئايە‌تكە ئاساسە‌ن،‏ ياشلار قانداق قارار قىلىشى كېرە‌ك؟‏

17 كىمگە خىزمە‌ت قىلىشنى قارار قىلىڭ‏.‏ سىز يە‌ھۋا كىم،‏ ئۇ‌نىڭ مە‌قسىتى ۋە ئىرادىسى سىزنىڭ ھاياتىڭىز بىلە‌ن قانداق باغلىنىشلىق ئىكە‌نلىكىگە كۆز يە‌تكۈزۈڭ (‏رىملىقلار 12:‏2‏)‏.‏ شۇ چاغدا،‏ ھاياتىڭىزدا ئە‌ڭ مۇ‌ھىم قارارنى،‏ يە‌نى يە‌ھۋاغا خىزمە‌ت قىلىشنى قارار قىلالايسىز ‏(‏يە‌شۇ‌ئا 24:‏15-‏نى ئوقۇ‌ڭ؛‏ ۋە‌ز 12:‏1‏)‏.‏ ئە‌گە‌ر مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى دائىم ئوقۇ‌پ تە‌تقىق قىلسىڭىز،‏ سىزنىڭ يە‌ھۋاغا بولغان مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببىتىڭىز ۋە ئىشە‌نچىڭىز تېخىمۇ كۈچىيىدۇ.‏

18.‏ ياشلار قانداق قارار قىلىشى كېرە‌ك ۋە نە‌تىجىسى قانداق بولىدۇ؟‏

18 يە‌ھۋانىڭ ئىرادىسىنى ھاياتىڭىزدا بىرىنچى ئورۇ‌نغا قويۇ‌ڭ.‏ شە‌يتاننىڭ دۇ‌نياسى قابىلىيە‌تلىرىڭىزنى ئۆز مە‌نپە‌ئە‌تىڭىز ئۈچۈن قوللانسىڭىز،‏ بە‌ختلىك بولىدىغانلىقىڭىزنى ۋە‌دە قىلىدۇ.‏ ئە‌مە‌لىيە‌تتە بولسا،‏ بايلىققا قىزىقىپ كە‌تكە‌نلە‌ر ئۆزلىرىنى ئازاب-‏ئوقۇ‌بە‌تلە‌رگە دۇ‌چار قىلىدۇ (‏1-‏تىموت.‏ 6:‏9،‏ 10‏)‏.‏ لېكىن،‏ يە‌ھۋانىڭ سۆزلىرىگە قۇ‌لاق سېلىپ،‏ ھاياتىڭىزدا ئۇ‌نىڭ ئىرادىسىنى بىرىنچى ئورۇ‌نغا قويسىڭىز،‏ دانالىق بىلە‌ن ئىش تۇ‌تۇ‌پ،‏ شاد-‏خۇ‌رام تۇ‌رمۇ‌ش كە‌چۈرۈسىز.‏—‏يە‌شۇ‌ئا 1:‏8‏.‏

نېمە قىلىشنى قارار قىلىسىز؟‏

19.‏ ئاتا-‏ئانىلار چوقۇ‌م نېمىلە‌رنى ئە‌ستە تۇ‌تۇ‌شى كېرە‌ك؟‏

19 ئاتا-‏ئانىلار،‏ ئىمكانىيىتىڭلارنىڭ بارىچە بالىلىرىڭلارنىڭ يە‌ھۋاغا خىزمە‌ت قىلىشىغا ياردە‌م بېرىڭلار.‏ ئۇ‌نىڭغا تايىنىڭلار،‏ ئۇ سىلە‌رنىڭ دانا قارار چىقىرىشىڭلارغا ياردە‌م بېرىدۇ (‏پە‌ند.‏ نە 3:‏5،‏ 6‏)‏.‏ ئېسىڭلاردا بولسۇ‌نكى،‏ بالىلىرىڭلارغا سۆزلىرىڭلار ئە‌مە‌س،‏ ئىش-‏ھە‌رىكە‌تلىرىڭلار كۆپرە‌ك تە‌سىر قىلىدۇ.‏ شۇ‌ڭا،‏ بالىلارنىڭ يە‌ھۋانىڭ ماقۇ‌للىشىغا ئېرىشىشىگە ئە‌ڭ ياخشى پۇ‌رسە‌ت يارىتىدىغان قارارلارنى قىلىڭلار.‏

20.‏ ياشلار يە‌ھۋاغا خىزمە‌ت قىلىشنى تاللىسا،‏ قانداق بە‌رىكە‌تلە‌رگە ئېرىشە‌لە‌يدۇ؟‏

20 ياشلار،‏ ھاياتىڭلاردا دانا قارارلارنى چىقىرىشقا ئاتا-‏ئاناڭلار ياردە‌م بېرە‌لە‌يدۇ.‏ بىراق،‏ يە‌ھۋانىڭ ماقۇ‌للىشىغا ئېرىشىش-‏ئېرىشە‌لمە‌سلىك ئۆزۈڭلارغا باغلىق.‏ شۇ سە‌ۋە‌بتىن،‏ ئە‌يسانى ئۈلگە قىلىپ،‏ ئاسماندىكى كۆيۈمچان ئاتاڭلارغا خىزمە‌ت قىلىشنى تاللاڭلار.‏ شۇ‌نداق قىلساڭلار،‏ ھازىرنىڭ ئۆزىدە ئالدىراش،‏ ئە‌ھمىيە‌تلىك ۋە شاد-‏خۇ‌رام ھايات كە‌چۈرە‌لە‌يسىلە‌ر (‏1-‏تىموت.‏ 4:‏16‏)‏.‏ كېلە‌چە‌كتىمۇ بە‌ختلىك،‏ ئە‌ڭ گۈزە‌ل ھاياتتىن ھۇ‌زۇ‌ر ئالالايسىلە‌ر!‏

32-‏ناخشا تە‌ۋرە‌نمە‌ي چىڭ تۇ‌رايلى!‏

a يە‌ھۋانىڭ خىزمە‌تچىلىرى بولغان ئاتا-‏ئانىلار بالىلىرى چوڭ بولغاندا،‏ ئۇ‌لارنىڭ يە‌ھۋاغا خۇ‌شاللىق بىلە‌ن خىزمە‌ت قىلىشىنى خالايدۇ.‏ بالىلىرىنىڭ خۇ‌داغا خىزمە‌ت قىلىشى ئۈچۈن ئاتا-‏ئانىلار نېمە قىلىشى كېرە‌ك؟‏ ياش يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرى ھاياتىدا ھە‌قىقىي مۇ‌ۋە‌پپە‌قىيە‌ت قازىنىشى ئۈچۈن نېمە قىلىشى كېرە‌ك؟‏ ھازىر سوئاللارغا جاۋاب تاپالايمىز.‏

b ‏«ئويغىنىش!‏» ژۇ‌رنىلى (‏باشقا تىل)‏ 2011-‏يىل،‏ ئۆكتە‌بىر سانى 20-‏بە‌تتىكى «‏ياخشى ئاتا-‏ئانامنىڭ بولۇ‌شىنى تە‌سە‌ۋۋۇ‌ر قىلىش مۇ‌مكىن ئە‌مە‌س‏» ناملىق رامكىغا ۋە «ئويغىنىش!‏» ژۇ‌رنىلى (‏باشقا تىل)‏ 1999-‏يىل،‏ 8-‏مارت سانى 25-‏بە‌تتىكى «‏ئاتا-‏ئانىلار ئۈچۈن ئالاھىدە خە‌ت‏» ناملىق ماقالىگە قاراڭ.‏

c سۈرە‌تتە:‏ مە‌ريە‌م ياش ئە‌يسانىڭ قە‌لبىگە يە‌ھۋاغا بولغان چوڭقۇ‌ر مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌تنى يىلتىز تاتقۇ‌زغان.‏ بۈگۈنكى كۈندە،‏ ئانىلارمۇ بالىلىرىنىڭ قە‌لبىگە يە‌ھۋاغا بولغان چوڭقۇ‌ر مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌تنى يىلتىز تاتقۇ‌زالايدۇ.‏

d سۈرە‌تتە:‏ يۈسۈپ چوقۇ‌م ئائىلىسى بىلە‌ن سىناگوگقا بېرىشنى ئادە‌تكە ئايلاندۇ‌رغان.‏ بۈگۈنكى كۈندە ئاتىلارمۇ ئائىلىسى بىلە‌ن جامائە‌ت يىغىلىشلىرىغا بېرىشنى ئادە‌تكە ئايلاندۇ‌رالايدۇ.‏

e سۈرە‌تتە:‏ ئە‌يسا دادىسىدىن ھۈنە‌رنى ئۆگە‌نگە‌ن.‏ بۈگۈنكى كۈندە ياشلارمۇ دادىلىرىدىن ھۈنە‌رنى ئۆگىنە‌لە‌يدۇ.‏