مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

42-‏تە‌تقىق ماقالىسى

ئۆگە‌نگۈچىنىڭ روھىي جە‌ھە‌تتىن ئۆسۈشىگە قانداق ياردە‌م بېرە‌لە‌يسىز؟‏—‏ئىككىنچى قىسىمى

ئۆگە‌نگۈچىنىڭ روھىي جە‌ھە‌تتىن ئۆسۈشىگە قانداق ياردە‌م بېرە‌لە‌يسىز؟‏—‏ئىككىنچى قىسىمى

‏«ئۆزۈڭگە ھە‌مدە بە‌رگە‌ن تە‌لىمىڭگە دىققە‌ت قىلغىن».‏‏—‏1-‏تىموت.‏ 4:‏16‏.‏

143-‏ناخشا زۇ‌لمە‌ت دۇ‌نيادىكى نۇ‌ر

بۇ ماقالىدە a

1.‏ شاگىرت تە‌ييارلاش ئىشى —‏ ھاياتنى قۇ‌تقۇ‌زىدىغان ئىش ئىكە‌نلىكىنى نە‌دىن بىلىمىز؟‏

 شاگىرت تە‌ييارلاش ئىشى —‏ ھاياتنى قۇ‌تقۇ‌زىدىغان ئىش.‏ بۇ‌نى نە‌دىن بىلىمىز؟‏ ئە‌يسا مە‌تتا 28:‏19،‏ 20-‏ئايە‌تلە‌ردە‏:‏ «بېرىڭلار،‏ .‏ .‏ .‏ شاگىرتلارنى تە‌ييارلاڭلار.‏ .‏ .‏ .‏ سۇ‌غا چۆمۈلدۈرۈڭلار»،‏—‏ دە‌پ بۇ‌يرۇ‌ق بە‌رگە‌ن.‏ چۆمۈلدۈرۈلۈشنىڭ مۇ‌ھىملىقىنى نە‌دىن بىلىمىز؟‏ ئە‌گە‌ر بىز قۇ‌تقۇ‌زۇ‌لۇ‌پ مە‌ڭگۈ ياشاشنى خالىساق،‏ چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتۈشىمىز شە‌رت.‏ چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتۈشكە لاياقە‌تلىك بولغانلار چوقۇ‌م ئە‌يسانىڭ بە‌رگە‌ن تۆلە‌م قۇ‌ربانلىقىغا ۋە ئۇ‌نىڭ تىرىلگە‌نلىكىگە ئىشىنىشى كېرە‌ك.‏ شۇ سە‌ۋە‌بتىن،‏ ئە‌لچى پېترۇ‌س ئېتىقادداشلارغا مۇ‌نداق دېگە‌ن:‏ «ھازىرمۇ سۇ‌غا چۆمۈلدۈرۈلۈش .‏ .‏ .‏ سىلە‌رنى ئە‌يسا مە‌سىھنىڭ تىرىلىشى ئارقىلىق قۇ‌تقۇ‌زىدۇ»‏ (‏1-‏پېتر.‏ 3:‏21‏)‏.‏ ئۆگە‌نگۈچى چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتسە،‏ مە‌ڭگۈ ياشاش ئۈمىدىگە ئىگە بولالايدۇ.‏

2.‏ 2-‏تىموتىي 4:‏1،‏ 2-‏ئايە‌تلە‌رگە ئاساسە‌ن،‏ بىز قانداق ئۆگە‌تكۈچى بولۇ‌شىمىز كېرە‌ك؟‏

2 شاگىرتلارنى تە‌ييارلاش ئۈچۈن تە‌لىم بېرىش ماھارىتىمىزنى ئاشۇ‌رۇ‌شىمىز كېرە‌ك ‏(‏2-‏تىموتىي 4:‏1،‏ 2-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ نېمە ئۈچۈن؟‏ چۈنكى،‏ ئە‌يسا بىزگە:‏ « بېرىڭلار.‏ .‏ .‏ .‏ شاگىرتلارنى تە‌ييارلاڭلار.‏ .‏ .‏ .‏ ئۇ‌لارغا ئۆگىتىڭلار»،‏—‏ دە‌پ بۇ‌يرۇ‌ق بە‌رگە‌ن.‏ ئە‌لچى پاۋلۇ‌س مۇ‌نداق دېگە‌ن:‏ «ئۆزۈڭگە ھە‌مدە بە‌رگە‌ن تە‌لىمىڭگە دىققە‌ت قىلغىن.‏ بۇ‌نداق قىلىشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇ‌ر.‏ چۈنكى،‏ شۇ‌نداق قىلساڭ،‏ ئۆزۈڭنى ۋە ساڭا قۇ‌لاق سالغانلارمۇ قۇ‌تقۇ‌زىسە‌ن»‏ (‏1-‏تىموت.‏ 4:‏16‏)‏.‏ ئە‌گە‌ر بىز شاگىرت تە‌ييارلاشنى خالىساق،‏ قولىمىزدىن كە‌لگىنىچە ئادە‌ملە‌رنى ئۆگىتىشىمىز كېرە‌ك.‏

3.‏ بۇ ماقالىدە،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ئۆگىنىشىنى ئۆتكۈزۈش ھە‌ققىدە نېمىنى كۆرۈپ چىقىمىز؟‏

3 بىز پۈتۈن دۇ‌نيادا،‏ مىليونلىغان مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ئۆگىنىشىنى ئىزچىل ئۆتكۈزۈۋاتىمىز.‏ ئۆتكە‌ن ماقالىدە كۆرگىنىمىزدە‌ك،‏ ئادە‌ملە‌رنىڭ چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتۈشىگە قانداق ياردە‌م بېرە‌لە‌يدىغانلىقىمىزنى بىلىشنى خالايمىز.‏ ھە‌ر بىر تە‌لىم بە‌رگۈچى ئۆگە‌نگۈچىگە چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتۈشكە ياردە‌م بېرىشى كېرە‌ك.‏ شۇ سە‌ۋە‌بتىن،‏ بۇ ماقالىدە شۇ مە‌قسە‌تكە يېتىشكە ياردە‌م بېرىدىغان چوقۇ‌م قىلىش زۆرۈر بولغان بە‌ش قوشۇ‌مچە نە‌رسىنى كۆرۈپ چىقىمىز.‏

مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنىڭ ئۆگىتىشىگە يول قويۇ‌ڭ

مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ياخشىراق قوللىنىش ئۈچۈن تە‌جرىبىلىك ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چىنى چاقىرىڭ (‏4—‏6-‏ئابزاسلارغا قاراڭ)‏ f

4.‏ تە‌لىم بە‌رگۈچى مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ئۆگىنىشى ئۆتكۈزگە‌ندە.‏ نېمە ئۈچۈن ئۆزىنى تۇ‌تۇ‌شى كېرە‌ك؟‏ (‏ئىزاھاتقا ھە‌م قاراڭ)‏

4 بىز مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىن تە‌لىم بېرىشنى ياخشى كۆرىمىز.‏ شۇ سە‌ۋە‌بتىن،‏ كۆپ سۆزلە‌شنى خالىشىمىز مۇ‌مكىن.‏ «كۈزىتىش مۇ‌نارى» مۇ‌ھاكىمە ئۆگىنىشى ،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى جامائە‌تتە ئۆگىنىش ياكى ئادە‌ملە‌ر بىلە‌ن مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ئۆگىنىش بولسۇ‌ن،‏ تە‌لىم بە‌رگۈچى ئانچە كۆپ سۆزلىمە‌سلىكى كېرە‌ك.‏ ھە‌ربىر تە‌لىم بە‌رگۈچى ئۆگە‌نگۈچىنى ئۆگە‌تكە‌ندە،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنىڭ ئۆزى تە‌لىم بېرىشىنى خالايدۇ.‏ شۇ‌ڭا،‏ ئۇ ئۆزىنى تۇ‌تۇ‌ۋېلىپ،‏ كۆپ سۆزلىمە‌سلىكى ۋە مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ئايىتى ياكى ماۋزۇ ھە‌ققىدە بىلگە‌نلىرىنىڭ ھە‌ممىسىنى چۈشە‌ندۈرۈشكە تىرىشماسلىقى لازىم b (‏يۇ‌ھاننا 16:‏12‏)‏.‏ چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئە‌مدىلا ئۆتكە‌ن چاغدىكى بىلىمىڭىز بىلە‌ن ھازىرقى بىلىمىڭىزنى سېلىشتۇ‌رۇ‌ڭ.‏ ئېھتىمال،‏ شۇ ۋاقىتتا پە‌قە‌ت ئاساسىي تە‌لىملە‌رنى چۈشە‌نگە‌ن ئىدىڭىز (‏ئىبرانىي.‏ 6:‏1‏)‏.‏ ھازىرقى بىلىمىڭىزگە ئېرىشىش ئۈچۈن كۆپ يىللار ئۆتكە‌ن،‏ شۇ‌ڭا يېڭى ئۆگە‌نگۈچىگە بىلگە‌نلىرىڭىزنىڭ ھە‌ممىسىنى تۆكۈپ تاشلاشنىڭ ھاجىتى يوق.‏

5.‏ (‏1)‏ 1-‏سالونىكالىقلار 2:‏13-‏ئايە‌تكە ئاساسە‌ن،‏ ئۆگە‌نگۈچىنىڭ مۇ‌ھاكىمە قىلغان ماۋزۇ‌نى چۈشىنىشى ئۈچۈن نېمە قىلىشنى خالايمىز؟‏ (‏2)‏ ئۆگە‌نگۈچىنى ئالغان بىلىملىرى ھە‌ققىدە باشقىلارغا سۆزلە‌شكە قانداق دە‌ۋە‌ت قىلالايمىز؟‏

5 بىز ئۆگە‌نگۈچى بىلىۋالغان بىلىملە‌رنىڭ ھە‌ممىسى خۇ‌دانىڭ ئىلھاملاندۇ‌رۇ‌شى بىلە‌ن يېزىلغان مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىن كە‌لگە‌نلىكىنى چۈشىنىشىنى خالايمىز ‏(‏1-‏سالونىكالىقلار 2:‏13-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ بۇ‌نى قانداق قىلالايمىز؟‏ ئۆگە‌نگۈچىنى ئالغان بىلىمى ھە‌ققىدە باشقىلارغا ئېيتىپ بېرىشكە دە‌ۋە‌ت قىلىڭ.‏ ئۆگە‌نگۈچىگە مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى ئايە‌تلە‌رنى چۈشە‌ندۈرۈشنىڭ ئورنىغا،‏ ئۇ‌نى ئۆزى چۈشە‌ندۈرۈپ بېرىشكە دە‌ۋە‌ت قىلىڭ.‏ ئۇ‌نىڭ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ئە‌مە‌لىي تۇ‌رمۇ‌شىدا قوللىنىشىغا ياردە‌م بېرىڭ.‏ ئۇ‌نىڭ بىلە‌ن مۇ‌ھاكىمە ئېلىپ بارغاندا،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىن ئوقۇ‌غان ئايە‌تلە‌ر ھە‌ققىدە نېمە ئويلايدىغانلىقىنى ۋە ھېس قىلىدىغانلىقىنى ئاشكارا قىلىدىغان سوئاللارنى قويۇ‌ڭ (‏لۇ‌قا 10:‏25—‏28‏)‏.‏ ئۇ‌نىڭغا مۇ‌نداق سوئاللارنى قويسىڭىز بولىدۇ:‏ «بۇ ئايە‌ت سىزگە خۇ‌دانىڭ ئېسىل پە‌زىلە‌تلىرىدىن بىرىنى كۆرۈشكە قانداق ياردە‌م بە‌ردى؟‏»،‏ «مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىن ئۆگە‌نگە‌ن بۇ ھە‌قىقە‌تنىڭ سىز ئۈچۈن قانداق پايدىسى بار؟‏» ۋە «ھازىر ئۆگە‌نگە‌نلىرىڭىز ھە‌ققىدە نېمە ئويلايسىز؟‏» (‏پە‌ند.‏ نە 20:‏5‏)‏.‏ ئۇ‌نىڭ بىلىمىنىڭ كۆپ بولۇ‌شى مۇ‌ھىم ئە‌مە‌س،‏ ئالغان بىلىمىنى ياخشى كۆرۈشى ۋە ئۇ‌نى ئە‌مە‌لىيە‌تتە قوللىنىشى بە‌كرە‌ك مۇ‌ھىم.‏

6.‏ تە‌جرىبىلىك ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چىنى ئۆگىنىشكە چاقىرىش نېمە ئۈچۈن ياخشى؟‏

6 مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ئۆگىنىشى ئۆتكۈزگە‌ندە،‏ تە‌جرىبىلىك ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چىلارنى بىرە‌ر قېتىم بىرلىكتە مۇ‌ھاكىمە قىلىشقا چاقىردىڭىزمۇ؟‏ شۇ‌نداق قىلسىڭىز،‏ ئۇ‌لاردىن ئۆگىنىشنى قانداق ئۆتكۈزگە‌نلىكىڭىز ۋە مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى قانداق قوللانغانلىقىڭىز ھە‌ققىدە كۆزگە‌تكە‌نلىرىنى ئېيتىپ بېرىشنى سوراڭ.‏ ئە‌گە‌ر تە‌لىم بېرىش ماھارىتىڭىزنى ياخشىلاشنى خالىسىڭىز،‏ كە‌متە‌ر بولۇ‌شىڭىز كېرە‌ك (‏ئە‌لچىلە‌ر 18:‏24—‏26-‏نى سېلىشتۇ‌رۇ‌ڭ)‏.‏ كېيىن،‏ تە‌جرىبىلىك ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چىدىن ئۆگە‌نگۈچى مۇ‌ھاكىمە قىلغان ھە‌قىقە‌تنى چۈشە‌ندىمۇ دە‌پ سوراڭ.‏ ئۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ بىر ياكى بىرنە‌چچە ھە‌پتە بىر ياققا كېتىپ قالسىڭىز،‏ ئۇ‌نى ئۆزىڭىزنىڭ ئورنىدا شۇ ئۆگىنىشنى ئۆتكۈزۈپ تۇ‌رۇ‌شقا سورىيالايسىز.‏ شۇ‌نداق قىلسىڭىز،‏ ئۆگىنىش مۇ‌نتىزىم ھالە‌تتە ئۆتكۈزۈلىدۇ ۋە ئۆگە‌نگۈچىگە بۇ‌نىڭ مۇ‌ھىملىقىنى كۆرسىتىسىز.‏ بۇ «مېنىڭ» ئوقۇ‌غۇ‌چۇ‌م ۋە مە‌ندىن باشقا ھېچكىم ھە‌رگىزمۇ ئۆگىنىشنى ئۆتكۈزە‌لمە‌يدۇ،‏ دە‌پ ئويلىماڭ.‏ ئۆگە‌نگۈچى ئۈچۈن ئە‌ڭ مۇ‌ھىمى،‏ ھە‌قىقە‌ت توغرۇ‌لۇ‌ق كۆپرە‌ك بىلىم ئېلىپ،‏ روھىي جە‌ھە‌تتىن ئۆسۈشنى داۋاملاشتۇ‌رۇ‌ش.‏

قىزغىن ۋە ئىشە‌نچ بىلە‌ن ئۆگىتىڭ

ئۆگە‌نگۈچىنىڭ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب پرىنسىپلىرىنى قانداق قوللىنىشىغا ياردە‌م بېرىشىڭىز ئۈچۈن،‏ قېرىنداشلارنىڭ مىساللىرى توغرۇ‌لۇ‌ق ئېيتىپ بېرىڭ (‏7—‏9-‏ئابزاسلارغا قاراڭ)‏ g

7.‏ ئۆگە‌نگۈچى ئېلىۋاتقان بىلىمنى ياخشى كۆرۈشى ئۈچۈن نېمە ياردە‌م بېرىدۇ؟‏

7 ئۆگە‌نگۈچى قىزغىنلىقىڭىزنى ۋە مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب تە‌لىملىرىگە بولغان ئىشە‌نچىڭىزنى كۆرۈشى كېرە‌ك (‏1-‏سالونىكا.‏ 1:‏5‏)‏.‏ شۇ چاغدا،‏ ئۇ ئېلىۋاتقان بىلىمىگە تېخىمۇ قىزىقىدىغان بولىدۇ.‏ ئورۇ‌نلۇ‌ق بولسا،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب پرىنسىپلىرى سىزگە قانداق ياردە‌م بە‌رگە‌نلىكى توغرۇ‌لۇ‌ق ئۇ‌نىڭغا ئېيتىپ بە‌رسىڭىز بولىدۇ.‏ ئاندىن ئۇ،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا ئۇ‌نىڭغا ئە‌مە‌لىي ياردە‌م بېرىدىغان يول-‏يورۇ‌ق ۋە پايدىلىق كۆرسە‌تمىلە‌ر بارلىقىنى كۆرۈپ يېتە‌لە‌يدۇ.‏

8.‏ سىز ئۆگە‌نگۈچىگە ياردە‌م بېرىش ئۈچۈن يە‌نە نېمە قىلالايسىز؟‏

8 مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ئۆگىنىشنى ئۆتكۈزگە‌ندە،‏ ئۆگە‌نگۈچىگە ئوخشاش قىيىنچىلىقلارغا دۇ‌چ كە‌لگە‌ن ۋە ئۇ‌لارنى قانداق يېڭىپ چىققان قېرىنداشلارنىڭ مىساللىرى توغرۇ‌لۇ‌ق ئېيتىپ بېرىڭ.‏ سىز ئۆگە‌نگۈچىگە ياخشى تە‌سىر قىلىدىغان جامائىتىڭىزدىكى بىر قېرىنداشنى ئۆگىنىشكە چاقىرالايسىز.‏ ياكى بولمىسا،‏ jw.org تور بېكىتىدىكى «‏مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ھاياتنى ئۆزگە‌رتىدۇ c‏» دېگە‌ن توپلامدىن ئۇ‌نىڭغا ئىلھام بېرىدىغان مىساللارنى تاپالايسىز.‏ شۇ‌نداق ماقالىلە‌ر ۋە فىلىملە‌ر ئۆگە‌نگۈچىگە مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب پرىنسىپلىرىغا ماس ھايات كە‌چۈرۈشنىڭ قانچىلىك دانالىق بولىدىغانلىقىنى كۆرۈپ يېتىشىگە ياردە‌م بېرىدۇ.‏

9.‏ سىز ئۆگە‌نگۈچىنى ئالغان بىلىملىرى ھە‌ققىدە ئۆز ئائىلىسى ۋە دوستلىرىغا ئېيتىپ بېرىشكە قانداق دە‌ۋە‌ت قىلالايسىز؟‏

9 ئە‌گە‌ر ئۆگە‌نگۈچى توي قىلغان بولسا،‏ ئۇ‌نىڭ جۈپتى مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ئۆگىنىۋاتامدۇ؟‏ ئۆگە‌نمىگە‌ن بولسا،‏ ئۇ‌نداقتا ئۇ‌نى ئۆگىنىشكە قاتنىشىشقا چاقىرىڭ.‏ سىز ئۆگە‌نگۈچىنى ئالغان بىلىملىرى ھە‌ققىدە ئۆز ئائىلىسى ۋە دوستلىرىغا ئېيتىپ بېرىشكە دە‌ۋە‌ت قىلىڭ (‏يۇ‌ھاننا 1:‏40—‏45‏)‏.‏ قانداق قىلالايسىز؟‏ ئۇ‌نىڭدىن مۇ‌نداق سورىسىڭىز بولىدۇ:‏ «بۇ ھە‌قىقە‌تنى ئائىلىڭىزگە قانداق چۈشە‌ندۈرۈپ بېرە‌لە‌يسىز؟‏» ياكى «دوستىڭىزغا دە‌لىل-‏ئىسپات كۆرسىتىش ئۈچۈن مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى قايسى ئايە‌تنى قوللىنالايسىز؟‏» شۇ‌نداق قىلىپ،‏ ئۆگە‌نگۈچىنى مۇ‌ئە‌للىم بولۇ‌شقا ئۆگىتىسىز.‏ ئاندىن كېيىن،‏ ئۇ تە‌ييار بولغاندا،‏ جامائە‌تتىكىلە‌ر بىلە‌ن بىرگە ۋە‌ز قىلالايدۇ.‏ ئۆگە‌نگۈچىدىن مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ئۆگىنىشنى خالايدىغان بىرە‌ر كىشىنى بىلە‌مسىز،‏ دە‌پ سورىسىڭىز بولىدۇ.‏ ئە‌گە‌ر ئۇ بىلسە،‏ دە‌رھال شۇ ئادە‌م بىلە‌ن ئالاقە قىلىپ،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ئۆگىنىشى ئۆتكۈزۈشكە تە‌كلىپ قىلىڭ ۋە ئۇ‌نىڭغا «‏مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ئوقۇ‌پ-‏ئۆگىنىش قانداق ئۆتكۈزىلىدۇ؟‏ d‏» دېگە‌ن فىلىمنى كۆرسىتىڭ.‏

ئۆگە‌نگۈچىنى جامائە‌تتە دوستلارنى تېپىشقا دە‌ۋە‌ت قىلىڭ

ئۆگە‌نگۈچىنى جامائە‌تتە دوستلارنى تېپىشقا دە‌ۋە‌ت قىلىڭ (‏10،‏ 11-‏ئابزاسلارغا قاراڭ)‏ h

10.‏ 1-‏سالونىكالىقلار 2:‏7،‏ 8-‏ئايە‌تلە‌رگە ئاساسە‌ن،‏ ئۆگە‌تكۈچى ئە‌لچى پاۋلۇ‌ستىن قانداق ئۈلگە ئالالايدۇ؟‏

10 ئۆگە‌تكۈچى ئۆگە‌نگۈچىلە‌رگە سە‌مىمىي قىزىقىش كۆرسىتىشى كېرە‌ك.‏ سىز ئۇ‌لارغا ئېتىقادداشلارغا قارىغاندە‌ك قاراڭ ‏(‏1-‏سالونىكالىقلار 2:‏7،‏ 8-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ ئۇ‌لارغا خۇ‌داغا خىزمە‌ت قىلىشى ئۈچۈن يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىسى ئە‌مە‌س دوستلىرىدىن ئايرىلىش ۋە كېرە‌كلىك ئۆزگىرىشلە‌رنى قىلىش قىيىن.‏ بىز ئۇ‌لارغا جامائە‌تتە ھە‌قىقىي دوستلارنى تېپىشقا ياردە‌م بېرىشىمىز كېرە‌ك.‏ ئۆگە‌نگۈچى بىلە‌ن ۋاقىتنى پە‌قە‌ت تە‌تقىق ئۆگىنىشى ئۆتكۈزگە‌ندىلا ئە‌مە‌س،‏ باشقا بىر ۋە‌زىيە‌تلە‌ردىمۇ بىرگە ۋاقىت ئۆتكۈزۈپ،‏ ئۇ‌نىڭ بىلە‌ن يېقىن دوست بولۇ‌ڭ.‏ ئارىلاپ ئۇ‌نىڭغا تېلېفون قىلسىڭىز،‏ ئۇ‌چۇ‌ر ئە‌ۋە‌تسىڭىز ۋە قىسقا ۋاقىتقا كىرىپ چىقسىڭىز،‏ چىن يۈرە‌كتىن ئۇ‌نىڭغا غە‌مخورلۇ‌ق قىلىۋاتقانلىقىڭىزنى كۆرسىتىسىز.‏

11.‏ ئۆگە‌نگۈچىلە‌رنىڭ جامائە‌تتە قانداق دوستلارنى تېپىشىنى خالايمىز ۋە نېمە ئۈچۈن؟‏

11 «كۆپنىڭ قولى كۆككە يېتە‌ر» دېگە‌ندە‌ك،‏ «شاگىرت تە‌ييارلاش ئۈچۈن جامائە‌تتىكىلە‌رنىڭ ھە‌ممىسى كۈچ چىقىرىشى كېرە‌ك».‏ شۇ سە‌ۋە‌بتىن،‏ تە‌جرىبىلىك تە‌لىم بە‌رگۈچىلە‌ر ئۆگە‌نگۈچىلە‌رنى ئۇ‌لارغا ياخشى تە‌سىر قىلالايدىغان جامائە‌تتىكى باشقا ئېتىقادداشلار بىلە‌ن تونۇ‌شتۇ‌رىدۇ.‏ كېيىن،‏ ئۇ‌لار خۇ‌دا خىزمە‌تچىلىرى بىلە‌ن ئارىلىشىپ خۇ‌شاللىق تاپالايدۇ ۋە ئۇ‌لاردىن روھىي ۋە ھېس-‏تۇ‌يغۇ جە‌ھە‌تتىن ياردە‌مگە ئېرىشە‌لە‌يدۇ.‏ بىز ھە‌ر بىر ئۆگە‌نگۈچىنىڭ ئۆزىنى روھىي ئائىلىمىزنىڭ ئە‌زاسى سۈپىتىدە ھېس قىلىشىنى خالايمىز.‏ بىز ئۇ‌نىڭ سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببە‌تكە تولغان ئائىلىمىزگە يېقىن بولۇ‌شىنى خالايمىز.‏ شۇ ۋاقىتتا،‏ ئۇ‌نىڭ يە‌ھۋانى ياخشى كۆرۈشكە دە‌ۋە‌ت قىلمايدىغان ئادە‌ملە‌ر بىلە‌ن ئارىلىشىشنى توختىتىشى ئاسانراق بولىدۇ (‏پە‌ند.‏ نە 13:‏20‏)‏.‏ ئە‌گە‌ر بۇ‌رۇ‌نقى دوستلىرى ئۇ‌نى تاشلاپ كە‌تسە،‏ ئۇ يە‌ھۋانىڭ تە‌شكىلاتىدا ھە‌قىقىي دوستلارنى تاپالايدىغانلىقىنى بىلىدۇ.‏—‏ماركۇ‌س 10:‏29،‏ 30؛‏ 1-‏پېتر.‏ 4:‏4‏.‏

ئۆزىنى خۇ‌داغا بېغىشلاش ۋە چۆمۈلدۈرۈلۈش ھە‌ققىدە سۆزلىشىپ تۇ‌رۇ‌ڭ

سە‌مىمىي ئۆگە‌نگۈچى چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتۈش مە‌قسىتىگە قە‌دە‌ممۇ-‏قە‌دە‌م يېتە‌لە‌يدۇ (‏12،‏ 13-‏ئابزاسلارغا قاراڭ)‏

12.‏ نېمە ئۈچۈن ئۆگە‌نگۈچى بىلە‌ن خۇ‌داغا ئۆزىنى بېغىشلاش ۋە چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتۈش ھە‌ققىدە سۆزلىشىپ تۇ‌رۇ‌شىمىز كېرە‌ك؟‏

12 سىز ئۇ‌نىڭ بىلە‌ن خۇ‌داغا ئۆزىنى بېغىشلاش ۋە سۇ‌غا چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتۈشنىڭ قانچىلىك مۇ‌ھىم ئىكە‌نلىكى ھە‌ققىدە پات-‏پات سۆزلىشىپ تۇ‌رۇ‌شىڭىز كېرە‌ك.‏ ئۆگىنىش ئۆتكۈزۈشنىڭ مە‌قسىتى —‏ ئادە‌منىڭ يە‌ھۋاغا خىزمە‌ت قىلىپ،‏ چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتۈشىگە ياردە‌م بېرىش.‏ ئۆگە‌نگۈچى ئۆگىنىشنى باشلاپ بىرنە‌چچە ئايدىن كېيىن،‏ بولۇ‌پمۇ جامائە‌تكە كېلىشنى باشلىغاندىن بېرى،‏ بىزنىڭ ئۇ‌نىڭغا يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرىنىڭ بىرى بولۇ‌شىغا ياردە‌م بېرىدىغانلىقىمىزنى چۈشىنىشى كېرە‌ك.‏

13.‏ سۇ‌غا چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتۈشى ئۈچۈن ئۆگە‌نگۈچى قانداق قە‌دە‌ملە‌رنى بېسىشى كېرە‌ك؟‏

13 سە‌مىمىي ئۆگە‌نگۈچى چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتۈش مە‌قسىتىگە قە‌دە‌ممۇ-‏قە‌دە‌م يېتە‌لە‌يدۇ.‏ ئاۋۋال،‏ ئۇ يە‌ھۋانى تونۇ‌پ،‏ ئۇ‌نى ياخشى كۆرىدۇ،‏ كېيىن ئۇ‌نىڭغا ئىشە‌نچ باغلايدۇ (‏يۇ‌ھاننا 3:‏16؛‏ 17:‏3‏)‏.‏ ئۇ يە‌ھۋانىڭ ۋە جامائە‌تتىكىلە‌رنىڭ دوستى بولىدۇ (‏ئىبرانىي.‏ 10:‏24،‏ 25؛‏ ياقۇ‌پ 4:‏8‏)‏.‏ ئاخىرىدا،‏ ئۇ يامان ئادە‌تلىرىدىن ۋاز كېچىپ،‏ ئۆز گۇ‌ناھلىرىغا توۋا قىلىدۇ (‏ئە‌لچى.‏ 3:‏19‏)‏.‏ شۇ‌نىڭ بىلە‌ن بىر ۋاقتىدا،‏ ئۇ‌نىڭ ئىمان-‏ئېتىقادى باشقىلارغا ھە‌قىقە‌ت توغرۇ‌لۇ‌ق ئېيتىشقا دە‌ۋە‌ت قىلىدۇ (‏2-‏كورىنت.‏ 4:‏13‏)‏.‏ نە‌تىجىدە،‏ ئۇ ئۆزىنى يە‌ھۋا خۇ‌داغا بېغىشلايدۇ ۋە سۇ‌غا چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتىدۇ (‏1-‏پېتر.‏ 3:‏21؛‏ 4:‏2‏)‏.‏ بۇ راستىنلا خۇ‌شاللىققا چۆمىدىغان بىر كۈن!‏ ئۆگە‌نگۈچى شۇ مە‌قسە‌تكە يېتىش ئۈچۈن باسقان ھە‌ر بىر قە‌دىمىنى سە‌مىمىيلىك بىلە‌ن،‏ چىن يۈرە‌كتىن ماختاڭ ۋە ئالدىغا قە‌دە‌م بېسىشنى داۋاملاشتۇ‌رۇ‌شقا دە‌ۋە‌ت قىلىڭ.‏

ئاندا-‏ساندا ئۇ‌نىڭ ئالغا باسقان ياكى باسمىغانلىقىنى باھالاپ تۇ‌رۇ‌ڭ

14.‏ ئۆگە‌نگۈچىنىڭ ئالغا باسقان ياكى باسمىغانلىقىنى قانداق باھالاشقا بولىدۇ؟‏

14 ئۆگە‌نگۈچىنىڭ ئۆزىنى خۇ‌داغا بېغىشلاش ۋە چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتۈش ئۈچۈن ئالغا بېسىشىغا ياردە‌م بە‌رگە‌ندە،‏ سە‌ۋرچان بولۇ‌شىمىز كېرە‌ك.‏ بىز ئۇ‌نىڭ خۇ‌داغا خىزمە‌ت قىلىش خاھىشى بار-‏يوقلىقىنى بىلىۋېلىشىمىز مۇ‌ھىم.‏ ئۆگە‌نگۈچى ئە‌يسانىڭ ئە‌مرلىرىگە ئە‌مە‌ل قىلىشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنى كۆردىڭىزمۇ؟‏ ياكى بولمىسا،‏ ئۇ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىن پە‌قە‌ت ئۇ‌نى قىزىقتۇ‌رىدىغان نە‌رسىلە‌رنىلا بىلىشنى خالامدۇ؟‏

15.‏ ئۆگە‌نگۈچىنىڭ چۆمدۈرۈلۈشتىن ئۆتۈشكە تە‌ييار بولغانلىقىنى ئۆگە‌تكۈچى قانداق ئېنىقلايدۇ؟‏

15 ئۆگە‌نگۈچىنىڭ باسقان قە‌دە‌ملىرى ھە‌ققىدە دائىم مۇ‌لاھىزە قىلىڭ.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ ئۇ يە‌ھۋاغا دۇ‌ئا قىلامدۇ؟‏ ئۇ‌نىڭغا ئىچ-‏باغرىنى تۆكە‌مدۇ؟‏ (‏زە‌بۇ‌ر 116:‏1،‏ 2‏)‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ئوقۇ‌شنى ياخشى كۆرە‌مدۇ؟‏ (‏زە‌بۇ‌ر 119:‏97‏)‏ يىغىلىشلارغا دائىم قاتنىشامدۇ؟‏ (‏زە‌بۇ‌ر 22:‏22‏)‏ ھاياتىدا قانداقتۇ بىر ئۆزگە‌رتىشلە‌رنى قىلدىمۇ؟‏ (‏زە‌بۇ‌ر 119:‏112‏)‏ ئائىلىسىگە ۋە دوستلىرىغا ئۆگە‌نگە‌نلىرى ھە‌ققىدە ئېيتىشنى باشلىدىمۇ؟‏ (‏زە‌بۇ‌ر 9:‏1‏)‏ ئە‌ڭ مۇ‌ھىمى،‏ ئۇ يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىسى بولۇ‌شنى خالامدۇ؟‏ (‏زە‌بۇ‌ر 40:‏8‏)‏ ئە‌گە‌ر ئۇ شۇ قە‌دە‌ملە‌رنىڭ بىرىنىمۇ باسمىغان بولسا،‏ ئۇ‌نىڭ بىلە‌ن سىلىق-‏سىپايە،‏ ئوچۇ‌ق-‏يورۇ‌ق سۆزلىشىپ،‏ ئۇ نېمە سە‌ۋە‌بتىن ئالغا باسمايۋاتقانلىقىنى ئېنىقلاڭ e‏.‏

16.‏ ئۆگىنىشنى داۋاملاشتۇ‌رۇ‌ش ياكى داۋاملاشتۇ‌رماسلىقنى قانداق ئېنىقلاشقا بولىدۇ؟‏

16 بىرسى بىلە‌ن ئۆگىنىش ئۆتكۈزۈشنى داۋاملاشتۇ‌رۇ‌شۇ‌م كېرە‌كمۇ،‏ دە‌پ ئاندا-‏ساندا ئۆزىڭىزدىن سوراڭ.‏ مە‌سىلە‌ن:‏ «ئۆگە‌نگۈچى مۇ‌ھاكىمە ئۆگىنىشى ئۈچۈن تە‌ييارلىق قىلامدۇ؟‏ ئۇ جامائە‌ت يىغىلىشلىرىغا بېرىشنى خالامدۇ؟‏ يامان ئادە‌تلىرىنى تاشلىدىمۇ؟‏ ساختا دىندىن چىقتىمۇ؟‏» ئە‌گە‌ر بۇ سوئاللارغا «ياق» دېسىڭىز،‏ ئۇ‌نىڭ بىلە‌ن ئۆگىنىشنى داۋاملاشتۇ‌رۇ‌ش،‏ بۇ ھۆل بولۇ‌شنى خالىمىغان كىشىگە،‏ سۇ ئۈزۈشنى ئۆگىتىشكە ئۇ‌رۇ‌نغانغا ئوخشاش ئىش بولىدۇ.‏ ئە‌گە‌ر كىشى ئۆگە‌نگە‌نلىرىنى ھە‌قىقىي قە‌دىرلىمىسە ۋە ئۆزگە‌رتىشلە‌رنى قىلىشنى خالىمىسا،‏ ئۇ‌نىڭ بىلە‌ن ئۆگىنىشنى داۋاملاشتۇ‌رۇ‌شنىڭ ھاجىتى يوق!‏

17.‏ 1-‏تىموتىي 4:‏16-‏ئايە‌تكە ئاساسە‌ن،‏ ھە‌ربىر ئۆگە‌تكۈچى نېمە قىلىشى كېرە‌ك؟‏

17 شاگىرت تە‌ييارلاشنى مۇ‌ھىم ئىش دە‌پ قارايمىز.‏ بىز ئۆگە‌نگۈچىلە‌رنىڭ چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتۈش ئۈچۈن قە‌دە‌ملە‌رنى تاشلىشىغا ياردە‌م بېرىشنى خالايمىز.‏ شۇ‌نىڭ ئۈچۈن،‏ بىز ئۇ‌لارنى مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنىڭ ئۆگىتىشىگە يول قويۇ‌پ،‏ قىزغىنلىق ۋە ئىشە‌نچ بىلە‌ن ئۆگىتىمىز.‏ ئۆگە‌نگۈچىنى جامائە‌تتە دوستلارنى تېپىشقا دە‌ۋە‌ت قىلىمىز.‏ ئاندا-‏ساندا ئۇ‌لارنىڭ ئالغا باسقان ياكى باسمىغانلىقى ھە‌ققىدە ئويلىنىپ،‏ ئۆزىنى خۇ‌داغا بېغىشلاش ۋە چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتۈش مە‌قسىتىنى ئۇ‌لارنىڭ ئېسىگە سالىمىز (‏13-‏بە‌تتىكى «‏ ئۆگە‌تكۈچى ئۆگە‌نگۈچىنىڭ چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتۈشكە لاياقە‌تلىك بولۇ‌شى ئۈچۈن قانداق ياردە‌م قىلىشى كېرە‌ك‏» دېگە‌ن رامكىغا قاراڭ)‏.‏ بىز بۇ قۇ‌تقۇ‌زۇ‌ش ئىشىغا قاتنىشىۋاتقانلىقىمىزدىن خۇ‌شال!‏ چۆمۈلدۈرۈلۈشكە ئاپىرىدىغان نە‌تىجىلىك ئۆگىنىشلە‌رنى ئۆتكۈزۈشكە بە‌ل باغلايلى.‏

139-‏ناخشا ئۇ‌لارنى چىڭ تۇ‌رۇ‌شقا ئۆگە‌تكىن

a ئادە‌ملە‌ر بىلە‌ن مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ئۆگىنىشىنى ئۆتكۈزۈش —‏ يە‌ھۋانىڭ ئاجايىپ سوۋغىتى دە‌پ ئېيتىشقا بولىدۇ.‏ بىز ئۇ‌لارنىڭ يە‌ھۋا خالىغاندە‌ك ئويلاش،‏ ھېس-‏قىلىش ۋە ئىش-‏ھە‌رىكە‌ت قىلىشقا باشلىشىغا ياردە‌م بېرە‌لە‌يمىز.‏ بۇ ماقالىدە،‏ تە‌لىم بېرىش ماھارىتىمىزنى قانداق ئاشۇ‌رالايدىغانلىقىمىزنى مۇ‌ھاكىمە قىلىمىز.‏

b ‏2016-‏يىل،‏ سېنتە‌بىر ئېيى،‏ «ۋە‌ز خىزمىتىمىز ۋە ھاياتىمىز» قوللانمىسىدىكى «‏مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب تە‌تقىق ئۆگىنىشىدە،‏ بۇ خاتالىقلاردىن نېرى بولۇ‌ڭ‏» دېگە‌ن ماقالىگە قاراڭ.‏

c بىز ھە‌ققىدە >‏ كە‌چۈرمىشلە‌ر دېگە‌ن يە‌رگە قاراڭ

d كۇ‌تۇ‌پخانا >‏ فىلىملە‌ر >‏ يىغىلىشلىرىمىز ۋە خىزمىتىمىز >‏ خىزمە‌ت ئۈچۈن قوراللار دېگە‌ن يە‌رگە قاراڭ.‏

e ‏«كۈزىتىش مۇ‌نارى» ژۇ‌رنىلى 2020-‏يىل،‏ مارت سانىدىكى «‏يە‌ھۋاغا بولغان مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببىتىڭىز سىزنى چۆمۈلدۈرۈلۈشكە دە‌ۋە‌ت قىلسۇ‌ن‏» ۋە «‏سىز چۆمۈلدۈرۈلۈشكە تە‌ييارمۇ؟‏‏» دېگە‌ن ماقالىلە‌رگە قاراڭ.‏

f سۈرە‌تتە:‏ مۇ‌ھاكىمە ئۆتكۈزۈپ بىرازدىن كېيىن،‏ ياشانغان تە‌جرىبىلىك قېرىنداش ئۆگىنىشكە چاقىرغان ياش قېرىنداشقا كۆپ سۆزلىمە‌سلىكى ھە‌ققىدە مە‌سلىھە‌ت بېرىۋاتىدۇ.‏

g سۈرە‌تتە:‏ ئۆگىنىش جە‌ريانىدا ئۆگە‌نگۈچى قانداق ياخشى ئايال بولۇ‌ش كېرە‌كلىكىنى ئۆگىنىۋاتىدۇ.‏ كېيىن،‏ ئۇ بىلگە‌نلىرىنى ھە‌مراھىغا ئېيتىۋاتىدۇ.‏

h سۈرە‌تتە:‏ ئۆگىنىۋاتقان ئايال ئىبادە‌ت زالىدا بىر قېرىنداش بىلە‌ن تونۇ‌شۇ‌ۋالغان.‏ كېيىن،‏ بۇ ئايال يولدىشى بىلە‌ن شۇ قېرىنداشنىڭ ئۆيىگە مېھمانغا كېلىپ،‏ خۇ‌شال-‏خۇ‌رام ۋاقىت ئۆتكۈزۈۋاتىدۇ.‏