45-تەتقىق ماقالىسى
باشقىلارنىڭ ئەيسانىڭ بۇيرۇقىغا ئەمەل قىلىشىغا قانداق ياردەم بېرەلەيمىز؟
«شۇ سەۋەبتىن بېرىڭلار، . . . شاگىرتلارنى تەييارلاڭلار. . . مەن سىلەرگە بۇيرىغان ھەممە نەرسىلەرگە ئەمەل قىلىشنى ئۇلارغا ئۆگىتىڭلار».—مەتتا 28:19، 20.
6-ناخشا خۇدا خىزمەتچىسىنىڭ دۇئاسى
بۇ ماقالىدە a
1. مەتتا 28:18—20-ئايەتلەردە، ئەيسا قانداق بۇيرۇق بەرگەن؟
ئەيسا تىرىلگەندىن كېيىن، جەلىلىيەدە جەم بولغان شاگىرتلىرىغا كۆرۈنگەن. ئۇنىڭ شاگىرتلىرىغا ئېيتىدىغان مۇھىم بىر سۆزى بار ئىدى. ئەيسا ئۇلارغا نېمە دېمەكچى بولغان؟ ئۇنىڭ سۆزلىرىنى مەتتا 28:18—20-ئايەتلەردىن ئوقۇيالايمىز.—ئوقۇڭ.
2. قانداق سوئاللارنى كۆرۈپ چىقىمىز؟
2 ئەيسانىڭ شاگىرتلارنى تەييارلاش بۇيرۇقى بۈگۈنكى كۈندىكى خۇدانىڭ ھەربىر خىزمەتچىلىرى ئۈچۈن ھەم كۈچكە ئىگە. ئەيسا بىزگە بەرگەن بۇيرۇق بىلەن باغلىنىشلىق ئۈچ سوئالنى كۆرۈپ چىقىمىز. بىرىنچى، يېڭى شاگىرتلارغا خۇدانىڭ تەلەپلىرىگە ئەمەل قىلىشنى ئۆگىتىشتىن باشقا يەنە نېمە قىلىشىمىز كېرەك؟ ئىككىنچى، جامائەتتىكىلەرنىڭ ھەممىسى مۇقەددەس كىتابنى ئۆگەنگۈچىلەرنىڭ روھىي جەھەتتىن ئۆسۈشىگە ئۆز ھەسسىسىنى قانداق قوشالايدۇ؟ ئۈچىنچى، بىز پائالىيەتسىز ۋەز ئېيتقۇچىلارنىڭ قايتىدىن شاگىرت تەييارلاش ئىشىغا قاتنىشىشىغا قانداق ياردەم بېرەلەيمىز؟
ئۇلارنى ئەمەل قىلىشقا ئۆگىتىڭ
3. ئەيسا قانداق ئېنىق بۇيرۇق بەرگەن؟
3 ئەيسانىڭ بۇيرۇقلىرى ئېنىق. ئۇ بۇيرىغان نەرسىلەرنى ئادەملەرگە ئۆگىتىشىمىز زۆرۈر. بىراق، مۇھىم بىر نەرسىنى ئۇنتۇماسلىقىمىز كېرەك. ئەيسا: «بۇيرىغان ھەممە نەرسىلەرنى ئۇلارغا ئۆگىتىڭلار»،— دەپ ئېيتمىغان. ئەكسىنچە، ئۇ: «بۇيرىغان ھەممە نەرسىلەرگە ئەمەل قىلىشنى ئۇلارغا ئۆگىتىڭلار»،— دەپ ئېيتقان. بۇ ئېنىق كۆرسەتمىنى ئەمەلىيەتتە قوللىنىش ئۈچۈن بىز ئۆگەنگۈچىلەرنى نېمە قىلىشقىلا ئەمەس، بەلكى قانداق قىلىشقا ئۆگىتىشىمىز كېرەك (ئەلچى. 8:31). بۇنى نېمە ئۈچۈن قىلىشىمىز كېرەك؟
4. بۇيرۇققا ئەمەل قىلىش نېمىنى بىلدۈرىدۇ؟ چۈشەندۈرۈپ بېرىڭ.
4 كىشىنى ئەيسانىڭ بۇيرۇقىغا ئەمەل قىلىشقا قانداق ئۆگىتەلەيدىغانلىقىمىزنى تەسەۋۋۇر قىلىش ئۈچۈن بىر مىسال ھەققىدە ئويلاپ باقايلى. ماشىنا ھەيدەشنى ئۆگەتكۈچى ئۆزىنىڭ شاگىرتىغا يول قائىدىلىرىگە ئەمەل قىلىشنى ئادەتتە قانداق ئۆگىتىدۇ؟ ئاۋۋال، ئۇ شاگىرتلىرىغا يول قائىدىلىرىنى ئۆگىتىدۇ. بىراق، شاگىرتلارنى بۇ قائىدىلەرگە ئەمەل قىلىشقا ئۆگىتىش ئۈچۈن يەنە بىر نەرسىنى قىلىشى لازىم. شاگىرت ماشىنىنى ھەيدەۋاتقاندا ۋە بىلىۋالغان نەرسىلەرنى ئەمەلىيەتتە قوللىنىۋاتقاندا، ئۆگەتكۈچى ئۇنىڭغا نەسىھەت بېرىشى كېرەك. بۇ مىسالىدىن نېمىنى بىلەلەيمىز؟
5. (1) يۇھاننا 14:15 ۋە 1-يۇھاننا 2:3-ئايەتلەرگە ئاساسەن، ئۆگەنگۈچىلەرنى نېمە قىلىشقا ئۆگىتىشىمىز كېرەك؟ (2) ئۆگەنگۈچىگە مۇقەددەس كىتاب پرىنسىپلىرىغا ئەمەل قىلىشقا قانداق ياردەم بېرەلەيمىز؟
5 باشقىلار بىلەن مۇقەددەس كىتاب ئۆگىنىشنى ئۆتكۈزگەندە، ئۇلارغا خۇدا بىزدىن نېمە تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى ئۆگىتىمىز. بىراق، يەنە مۇھىم بىر نەرسىنى قىلىشىمىز كېرەك. بىز قىزىققۇچىلارغا ئالغان بىلىملىرىنى كۈندىلىك تۇرمۇشىدا قوللىنىشنى ئۆگىتىشىمىز كېرەك (يۇھاننا 14:15؛ 1-يۇھاننا 2:3-نى ئوقۇڭ). مەسىلەن، بىز ئۇلارغا مەكتەپتە، ئىشتا ياكى دەم ئالغاندا، مۇقەددەس كىتابتىن ئۆگەنگەن قائىدە-پرىنسىپلارنى قانداق قوللانسا بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتەلەيمىز. شۇنداقلا ھاياتىمىزدا بىزنى خەتەرلەردىن قوغدىغان ياكى دانا قارار چىقىرىشىمىزغا ياردەم بەرگەن مۇقەددەس كىتاب پرىنسىپلىرى ھەققىدە ئېيتىپ بەرسەك بولىدۇ. ئۆگەنگۈچىنىڭ قېشىدا، يەھۋاغا دۇئا قىلىپ، ئۇنىڭغا مۇقەددەس روھ ئارقىلىق يول-يورۇق بېرىشنى سورىيالايمىز.—يۇھاننا 16:13.
6. ئەيسانىڭ بۇيرۇقلىرىغا ئەمەل قىلىشنى ئۆگىتىش نېمىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؟
6 ئەيسانىڭ بۇيرۇقلىرىغا ئەمەل قىلىشنى ئۆگىتىش نېمىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؟ بىز ئۆگەنگۈچىنىڭ شاگىرت تەييارلاش ئىستىكىنى كۈچەيتىشىگە ياردەم بېرىشىمىز كېرەك. ۋەز قىلىش ھەققىدە سۆز قىلساق، بەزى ئۆگەنگۈچىلەر قورقۇشى مۇمكىن. ئۆگەنگۈچىنىڭ ئېتىقادى تېخىمۇ مۇستەھكەم بولۇشى ئۈچۈن ئۇنىڭغا مۇقەددەس كىتاب ھەقىقەتلىرىنى سەۋر-تاقەت بىلەن چۈشەندۈرۈشىمىز كېرەك. شۇ چاغدىلا، ئۇنىڭ مىننەتدارلىقى ئۆسۈپ، ۋەز قىلىشقا باشلايدۇ. ئۆگەنگۈچىنىڭ خۇش خەۋەرنى ئېيتىش ئىستىكىنى كۈچەيتىشىگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن قانداق ئۇسۇلنى قوللىنالايمىز؟
7. بىز ئۆگەنگۈچىنىڭ خۇش خەۋەرنى باشقىلارغا ئېيتىش ئىستىكىنى كۈچەيتىشىگە قانداق ياردەم بېرەلەيمىز؟
7 بىز ئۆگەنگۈچىلەردىن مۇنداق سورىساق بولىدۇ: «پادىشاھلىق خۇش خەۋىرىنى قوبۇل قىلىپ، ھاياتىڭىزدا قانداق ئۆزگۈرۈشلەر بولدى؟ قانداق ئويلايسىز، باشقىلار مۇشۇ خەۋەرنى بىلىشى كېرەكمۇ؟ ئۇلارغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن نېمە قىلالايسىز؟»—پەند. نە 3:27؛ مەتتا 9:37، 38. ئۆگەنگۈچىگە تەلىم بېرىش قوراللىرى ئارىسىدىن بىرنەچچە ۋاراقچىنى كۆرسىتىڭ، ئۇ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى، دوستلىرى ۋە خىزمەتداشلىرى ياقتۇرۇپ قالىدۇ، دەپ قارىغانلىرىنى تاللىۋالسۇن. ئۆگەنگۈچىگە ۋاراقچىلاردىن بىرنەچچىنى بېرىڭ. كېيىن، ئۇنىڭغا بۇ ۋاراقچىلارنى باشقىلارغا سىلىق-سىپايىلىك بىلەن قانداق تەۋسىيە قىلسا بولىدىغانلىقىنى ئۆگىتىڭ. ئەلۋەتتە، ئۇ چۆمۈلدۈرۈلمىگەن ۋەز ئېيتقۇچى بولغاندا، بىز ئۇنىڭ بىلەن بىللە ۋەز قىلىشقا چىقىپ، ياردەم بېرىشىمىز كېرەك.—ۋەز 4:9، 10؛ لۇقا 6:40.
جامائەتتىكىلەر ئۆگەنگۈچىگە قانداق قىلىپ ياردەم بېرەلەيدۇ؟
8. نېمە ئۈچۈن ئۆگەنگۈچىلەرنىڭ خۇداغا ۋە قوشنىسىغا كۈچلۈك مېھىر-مۇھەببەتنى يېتىلدۈرۈشى مۇھىم؟ (« بىز ئۆگەنگۈچىلەرنىڭ خۇدانى تېخىمۇ بەكرەك ياخشى كۆرۈشىگە قانداق ياردەم بېرىمىز؟» ناملىق رامكىغا قاراڭ)
8 ئېسىڭىزدە بولسۇن، ئەيسا بىزنى باشقىلارنى «ھەممە نەرسىلەرگە ئەمەل قىلىشنى» ئۆگىتىشكە بۇيرىغان. ئېنىقكى، بۇ خۇدانى سۆيگىن ۋە قوشناڭنى سۆيگىن دېگەن ئىككى ئەمرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ ئىككى ئەمر ۋەز قىلىش ۋە شاگىرت تەييارلاش ئىشى بىلەن زىچ باغلىقتۇر (مەتتا 22:37—39). ئۇلارنىڭ ئارىسىدا قانداق ئورتاقلىق بار؟ خۇش خەۋەرنى باشقىلارغا يەتكۈزۈشكە بىزنى دەۋەت قىلغۇچى سۆيگۈ-مۇھەببەت بولسا، بىزنىڭ يەھۋاغا ۋە يېقىنلىرىمىزغا بولغان مېھىر-مۇھەببىتىمىزدۇر. بىلگىنىمىزدەك، بەزى ئۆگەنگۈچىلەر باشقىلار بىلەن خۇش خەۋەر ھەققىدە سۆھبەتلىشىشتىن بەك قورقىدۇ. بىراق، بىز ئۇلارغا يەھۋانىڭ ياردىمى بىلەن ئىنسانلاردىن قورقۇشنى ئاستا-ئاستا يېڭەلەيدىغانلىقىغا ئىشەندۈرۈشىمىز كېرەك (زەبۇر 18:1—3؛ پەند. نە 29:25). بۇ ماقالىدە، كەلتۈرۈلگەن رامكا ئىچىدە ئۆگەنگۈچىنىڭ خۇداغا بولغان مېھىر-مۇھەببەتنى يېتىلدۈرۈشىگە ياردەم بېرىشىمىزگە يول كۆرسىتىدىغان بىرنەچچە ئۇسۇللار بار. ئۇنىڭدىن باشقا، جامائەتتىكىلەر يېڭى شاگىرتلارنىڭ يەھۋاغا ۋە باشقىلارغا بولغان مېھىر-مۇھەببىتىنى كۈچەيتىشىگە قانداق ياردەم بېرەلەيدۇ؟
9. تەسۋىرلەنگەن مىسالدىن ماشىنا ھەيدەشنى ئۆگىنىۋاتقان كىشى قانداق مۇھىم ساۋاقلارنى ئالىدۇ؟
9 ماشىنا شوپۇرى ھەققىدىكى مىسالنى يەنە بىر قېتىم كۆرۈپ باقايلى. ئۆگەنگۈچى ئوقۇتقۇچىنىڭ قېشىدا ئولتۇرۇپ، ئۇنىڭ سۆزلىرىگە قۇلاق سېلىپ ۋە باشقا ئېھتىياتچان شوپۇرلارغا قاراپ، ماشىنا ھەيدەشنى ئۆگىنەلەيدۇ. مەسىلەن، ئوقۇتقۇچى ئۆگەنگۈچىگە باشقىلارغا تېرىكمەي يول بېرىدىغان ياكى قارىمۇ-قارشى كېلىۋاتقان باشقا شوپۇرلارنىڭ كۆزىنى نۇر چېقىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن ماشىنىسىنىڭ چىراغ نۇرىنى پەسەيتىدىغان بىرەر شوپۇرغا دىققىتىنى ئاغدۇرۇشى مۇمكىن. بۇنداق مىساللاردىن ماشىنا ھەيدەشنى ئۆگىنىۋاتقان كىشى ئەمەلىيەتتە قوللىنىشقا بولىدىغان مۇھىم ساۋاقلارنى ئالىدۇ.
10. ئۆگەنگۈچىلەرنىڭ روھىي جەھەتتىن يېتىلىشىگە نېمە ياردەم بېرىدۇ؟
10 شۇنىڭغا ئوخشاش، ئۆگەنگۈچى ھايات يولىغا قەدەم تاشلىغاندا، ئۆگەتكۈچىسىدىنلا ئەمەس، يەھۋانىڭ باشقا خىزمەتچىلىرىنىڭ ئاجايىپ مىساللىرىدىن ئۆگىنەلەيدۇ. شۇڭا، ئۆگەنگۈچىلەرنىڭ روھىي جەھەتتىن يېتىلىشىگە نېمە ياردەم بېرىدۇ؟ جامائەت يىغىلىشلىرىغا قاتنىشىش. يىغىلىشلاردا مۇقەددەس كىتابتىن ئالغان نەسىھەتلەر ئۇلارنىڭ بىلىمىنى چوڭقۇرلاشتۇرىدۇ، ئېتىقادىنى مۇستەھكەملەيدۇ ۋە خۇداغا بولغان مېھىر-مۇھەببەتنى يېتىلدۈرۈشىگە ياردەم بېرەلەيدۇ (ئەلچى. 15:30—32). بۇنىڭدىن تاشقىرى، يىغىلىشلاردا تەتقىق ئۆگىنىشى ئۆتكۈزۈۋاتقان قېرىنداش ئۆگەنگۈچىنى ئۇنىڭ بىلەن ھەر جەھەتتىن ئوخشاشلىقى بار قېرىنداشلار بىلەن تونۇشتۇرالايدۇ. ئۆگەنگۈچىگە ئېتىقادداشلارنىڭ مىساللىرى قانداق ياردەم بېرەلەيدۇ؟
11. ئۆگەنگۈچى جامائەتتە قانداق ئۈلگىلەرنى كۆرەلەيدۇ ۋە ئۇلار ئۇنىڭغا قانداق تەسىر قىلىدۇ؟
11 ھازىر مۇنداق مىساللارنى كۆرۈپ چىقايلى. مۇقەددەس كىتابنى ئۆگىنىۋاتقان يالغۇز ئانا ئۇنىڭغا ئوخشاش ئەھۋالدا بولغان ئانىنى بايقايدۇ دەيلى. ئۇ قېرىندىشىمىزنىڭ كىچىك بالىلىرى بىلەن ئىبادەتكە قاتنىشىش ئۈچۈن قانچىلىك كۈچ چىقىرىۋاتقانلىقىنى كۆرگەندە، بۇ ئۇنىڭ قەلبىگە تەسىر قىلىدۇ. تاماكا تاشلاشقا تىرىشىۋاتقان ئۆگەنگۈچى، ئىلگىرى ئۇنىڭغا ئوخشاش قىيىنچىلىقنى يەڭگەن قېرىنداش بىلەن تونۇشۇپ قالدى. ئۇ ئۆگەنگۈچىگە، ئۆزىنىڭ يەھۋاغا بولغان چىن سۆيگۈ-مۇھەببىتى ئۇنىڭ بۇيرۇقلىرىغا ئەمەل قىلىشقا دەۋەت قىلغانلىقىنى ئېيتىپ بېرىدۇ (2-كورىنت. 7:1؛ فىلىپى. 4:13). ئاندىن ۋەز ئېيتقۇچى ھاياتى توغرۇلۇق ئۆگەنگۈچىگە ئېيتىپ، «سەنمۇ تاماكا چېكىشنى تاشلىيالايسەن» دېگەندە، ئۇ ئىشەنچكە تولىدۇ. مۇقەددەس كىتابنى ئۆگىنىۋاتقان بىر ئۆسمۈر قىز، يەھۋا گۇۋاھچىسى سۈپىتىدە ھاياتىدىن ھۇزۇرلىنىۋاتقان ۋە باشقىلارغا ياردەم بېرىشكە تەييار بولۇۋاتقان ياش قېرىندىشىمىزنى بايقايدۇ. قېرىندىشىمىزنىڭ خۇشال كەيپىياتىنى كۆرۈپ، ئۆگىنىۋاتقان ئۆسمۈر قىز ئۇنىڭ نېمە ئۈچۈن دائىم خۇشال-خۇرام يۈرۈيدىغانلىقىنى بىلىشنى خالايدۇ.
12. نېمە ئۈچۈن جامائەتتىكىلەرنىڭ ھەربىرى ئۆگەنگۈچىلەرگە ياردەم بېرەلەيدۇ، دەپ ئېيتالايمىز؟
12 ئۆگەنگۈچى پەرقلىق قېرىنداشلار بىلەن تونۇشقاندا، ئۇ ئۇلارنىڭ ئۈلگىلىرىدىن خۇدانى ۋە قوشناڭنى سۆيگىن دېگەن ئەيسانىڭ بۇيرۇقىغا ئەمەل قىلىش نېمىنى بىلدۈرىدىغانلىقىنى چۈشىنىدۇ (يۇھاننا 13:35؛ 1-تىموت. 4:12). يۇقىرىدا ئېيتىلغاندەك، ئۆگەنگۈچىلەر ئۆزلىرىگە ئوخشاش قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلگەن قېرىنداشلاردىن ئۈلگە ئالالايدۇ. ئۇ بۇنداق مىساللاردىن ئۆگىنىپ، ئەيسانىڭ شاگىرتى بولۇش ئۈچۈن كېرەكلىك ئۆزگۈرۈشلەرنى قىلالايدۇ (تەكرار. قا 30:11). جامائەتتىكىلەرنىڭ ھەربىرى ئۆگىنىۋاتقان ئادەمنىڭ روھىي جەھەتتىن يېتىلىشىگە ھەر خىل ئۇسۇللار ئارقىلىق ياردەم بېرەلەيدۇ (مەتتا 5:16). سىز جامائەتكە كېلىۋاتقان ئۆگەنگۈچىنى ئىلھاملاندۇرۇش ئۈچۈن نېمە قىلىسىز؟
پائالىيەتسىز ۋەز ئېيتقۇچىلارنىڭ قايتىدىن ۋەز قىلىشىغا ياردەم بېرىش
13، 14. ئەيسا روھى چۈشكەن شاگىرتلىرىغا قانداق مۇئامىلە قىلغان؟
13 پائالىيەتسىز ۋەز ئېيتقۇچىلارغا ئەيسانىڭ شاگىرت تەييارلاش بۇيرۇقىغا قايتىدىن ئەمەل قىلىشقا ياردەم بېرىشنى خالايمىز. ئەيسانىڭ روھى چۈشكەن ئەلچىلەرگە قىلغان مۇئامىلىسىدىن، بۈگۈن بىزمۇ نېمە قىلالايدىغانلىقىمىزنى كۆرەلەيمىز.
14 ئەيسانىڭ يەردىكى خىزمىتى ئاخىرلىشىۋاتقاندا، يەنى ئۆلتۈرۈلۈش ئالدىدا، «شاگىرتلارنىڭ ھەممىسى ئۇنى تاشلاپ قېچىپ كەتتى» (ماركۇس 14:50؛ يۇھاننا 16:32). شاگىرتلىرى ئۈمىدسىزلەنگەندە، ئەيسا نېمە قىلغان؟ تىرىلىپ كۆپ ئۆتمەي، ئەيسا بەزى شاگىرتلىرىغا مۇنداق دېگەن: «قورقماڭلار! بېرىپ قېرىنداشلىرىمغا [مېنى تىرىلدى دەپ] خەۋەر قىلىڭلار» (مەتتا 28:10). ئەيسا شاگىرتلىرىدىن ۋاز كەچمىگەنىدى. شاگىرتلىرى ئۆزىنى تاشلاپ كېتىشىگە قارىماستىن، ئەيسا ئۇلارنى «قېرىنداشلىرىم» دېگەن. ئاتىسى يەھۋاغا ئوخشاش، ئەيسا مېھرىبان ۋە كەچۈرۈمچان بولغان.—2-پادىشاھ. 13:23.
15. ۋەز قىلىشنى توختاتقان قېرىنداشلار توغرۇلۇق ئويلىغاندا، قانداق ھېس-تۇيغىدا بولىمىز؟
15 ۋەز قىلىشنى توختاتقان ئېتىقادداشلار ئۈچۈن غەم قىلىمىز. ئۇلار بىزنىڭ قېرىنداشلىرىمىز بولغاچقا، ئۇلارنى بەك ياخشى كۆرىمىز! ئۇلار ئۆتمۈشتە سۆيگۈ-مۇھەببەت بىلەن يەھۋاغا نەچچە ئون يىل خىزمەت قىلغانلىقىنى ھەرگىز ئۇنتۇمايمىز ۋە ئۇلارنى قەدىرلەيمىز (ئىبرانىي. 6:10). بىز ھەقىقەتەن ئۇلارنى سېغىنىمىز! (لۇقا 15:4—7). ئەيساغا ئوخشاش ئۇلارغا غەمخورلۇقنى قانداق كۆرسىتەلەيمىز؟
16. پائالىيەتسىز ۋەز ئېيتقۇچىلارغا قانداق غەمخورلۇق قىلالايمىز؟
16 ئۇلارنى يىغىلىشلارغا مېھرىبانلىق بىلەن تەكلىپ قىلىڭ. ئەيسا ئۈمىدسىزلەنگەن ئەلچىلەرنى ئىلھاملاندۇرغان ئۇسۇللارنىڭ بىرى — ئۇلارنى يىغىلىشقا تەكلىپ قىلىش (مەتتا 28:10؛ 1-كورىنت. 15:6). بۇنىڭغا ئوخشاش، بۈگۈنكى كۈندىمۇ ئەگەر پائالىيەتسىز ۋەز ئېيتقۇچىلار جامائەت يىغىلىشلىرىغا تېخىچە كەلمەيۋاتقان بولسا، ئۇلارنى يىغىلىشلارغا بېرىشقا دەۋەت قىلىمىز. ئۇلار تەكلىپىمىزگە جاۋاب بەرگىچە، ئۇلارنى بىرنەچچە قېتىم چاقىرىشىمىز كېرەكلىكىنى چۈشىنىمىز. ئۆزىنىڭ تەكلىپىگە شاگىرتلىرى ئىنكاس قايتۇرغاندا، ئەيسا شەك-شۈبھىسىزكى ئىنتايىن خۇشال بولغان.—مەتتا 28:16 ۋە لۇقا 15:6-نى سېلىشتۇرۇڭ.
17. پائالىيەتسىز ۋەز ئېيتقۇچىلارنىڭ بىرى ئىبادەت زالىغا كەلگەندە نېمە قىلىمىز؟
17 ئۇلارنى ئىللىق قارشى ئېلىڭ. ئەيسا شاگىرتلىرى بىلەن كۆرۈشكەندە، ئۇلار ئۆزلىرىنى ئەركىن-ئازادە ھېس قىلغان. چۈنكى، ئۇ تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۇلارغا سۆزلەشنى باشلىغان (مەتتا 28:18). پائالىيەتسىز ۋەز ئېيتقۇچىلارنىڭ بىرى ئىبادەت زالىغا كەلگەندە نېمە قىلىمىز؟ بىز ئۇلارنى ئىللىق قارشى ئېلىپ، تەشەببۇسكار بولۇشىمىز كېرەك. ئاۋۋال سىز نېمە دېيىشنى بىلمەي ئەنسىرەيدىغانسىز. ئۇلارنى خىجالەتتە قالدۇرۇشنىڭ ئورنىغا، ئۇلارنى كۆرگىنىمىزدىن ناھايىتى خۇشال ئىكەنلىكىمىزنى ئېيتالايمىز.
18. پائالىيەتسىز ۋەز ئېيتقۇچىلارغا ياردەم قولىمىزنى قانداق سوزالايمىز؟
18 ئۇلارنى ئىلھاملاندۇرۇڭ. بەلكىم، ئەيسانىڭ شاگىرتلىرى دۇنيانىڭ ھەممە جايلىرىدا خۇش خەۋەرنى يەتكۈزەلەيمىز دەپ ئويلىغاندۇ. ئەيسا ئۆز ئەگەشكۈچىلىرىنى رىغبەتلەندۈرۈپ مۇنداق دېگەن: «ھەر كۈنى سىلەر بىلەن بىللە بولىمەن» (مەتتا 28:20). ئەيسانىڭ ئېيتقان سۆزلىرى شاگىرتلىرىغا ياردەم بەرگەنمۇ؟ ئەلۋەتتە، بەرگەن. ۋاقىت كۆپ ئۆتمەي، ئۇلار خۇش خەۋەرنى جاكارلاش ۋە تەلىم بېرىش ئىشى بىلەن بەنت بولغان (ئەلچى. 5:42). پائالىيەتسىز ۋەز ئېيتقۇچىلارمۇ ئىلھامغا مۇھتاج. ئۇلار قايتا ۋەز قىلىشنى باشلاشتىن قورقۇشى مۇمكىن. بىز ئۇلارنى ۋەز قىلىشقا يالغۇز بارمايدىغانلىقىغا ئىشەندۈرەلەيمىز. ئۇلار تەييار بولغاندا، بىز ئۇلار بىلەن ۋەز خىزمەتكە چىقالايمىز. قايتىدىن ۋەز خىزمەتكە چىقىشنى باشلىغاندا، ئۇلارغا قىلغان ياردىمىمىزگە مىننەتدار بولىدۇ. پائالىيەتسىز ۋەز ئېيتقۇچىلار ئۇلارغا قىلغان مۇئامىلىمىزنى ۋە كۆز قارىشىمىزنى كۆرگەندە، ئۇلار قايتىدىن قىزغىن بولۇپ، پۈتكۈل جامائەت خۇشاللىق تاپىدۇ.
ئەيسا بىزگە تاپشۇرغان خىزمەتنى تاماملاشنى خالايمىز
19. بىز نېمە قىلىشقا بەل باغلىدۇق ۋە نېمە ئۈچۈن؟
19 ۋەز قىلىش ۋە شاگىرت تەييارلاش ئىشى قانچە ئۇزاققا سوزۇلىدۇ؟ دۇنيانىڭ تۈزۈمىنىڭ ئاخىرى كەلگىچە مۇشۇ ئىش بىلەن بەنت بولىمىز (مەتتا 28:20). ئەيسانىڭ مۇشۇ بۇيرۇقىغا ئەمەل قىلالايمىزمۇ؟ بىز بۇنى قىلىشقا بەل باغلىدۇق! بىز مەڭگۈلۈك ھاياتنى قوبۇل قىلىشقا مايىل بولغان ئادەملەرنى ئىزدەش ئۈچۈن ۋاقتىمىز، كۈچىمىز ۋە ماددىي نەرسىلىرىمىزنى خۇشاللىق بىلەن سەرپ قىلىمىز (ئەلچى. 13:48). بۇنى قىلغىنىمىزدا، ئەيسانى ئۈلگە قىلىمىز. ئۇ: «مېنىڭ تامىقىم مېنى ئەۋەتكۈچىنىڭ ئىرادىسىنى ئورۇنداش ۋە ئۇنىڭ ئىشىنى تاماملاشتۇر»،— دېگەن (يۇھاننا 4:34؛ 17:4). بۇ بىز چىن كۆڭلىمىزدىن خالايدىغان ئارزۇ-ئىستەك. بىزگە تاپشۇرۇلغان ئىشنى تاماملاشنى خالايمىز (يۇھاننا 20:21). بىز باشقىلار، شۇ جۈملىدىن پائالىيەتسىز ۋەز ئېيتقۇچىلار بىلەن بىرگە بۇ ئىشقا قاتنىشىپ، ھەممىگە بەرداشلىق بېرىشىمىزنى خالايمىز.—مەتتا 24:13.
20. فىلىپىلىكلەر 4:13-ئايەتكە ئاساسەن، نېمە ئۈچۈن ئەيسا بەرگەن تاپشۇرۇقنى ئورۇنلاش قولىمىزدىن كېلىدۇ؟
20 ئەلۋەتتە، ئەيسانىڭ بۇيرۇقىغا ئەمەل قىلىش ئاسان ئەمەس. بىراق، بىز يالغۇز ئەمەس. ئەيسا بىز بىلەن بىللە بولىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلغان. بىز «خۇدانىڭ خىزمەتداشلىرىمىز» ۋە مەسىھنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى سۈپىتىدە، شاگىرت تەييارلاش ئىشىنى ئورۇنلاۋاتىمىز (1-كورىنت. 3:9؛ 2-كورىنت. 2:17). شۇڭا، بۇ ئىشنى ئورۇنلاش قولىمىزدىن كېلىدۇ. بۇ تاپشۇرۇقنى ئورۇنلاش ۋە باشقىلارنىڭمۇ شۇنداق قىلىشىغا ياردەم بېرىش نېمە دېگەن ئالاھىدە شان-شەرەپ ھەم خۇشاللىق!—فىلىپىلىكلەر 4:13-نى ئوقۇڭ.
139-ناخشا ئۇلارنى چىڭ تۇرۇشقا ئۆگەتكىن
a ئەيسا ئۆز ئەگەشكۈچىلىرىگە شاگىرتلارنى تەييارلاشنى ۋە ئۇ بۇيرىغان بارلىق نەرسىلەرگە ئەمەل قىلىشنى ئۇلارغا ئۆگىتىشنى بۇيرۇغانىدى. بۇ ماقالىدە، ئەيسانىڭ بۇيرۇقلىرىغا قانداق ئەمەل قىلالايدىغانلىقىمىزنى كۆرۈپ چىقىمىز.
b سۈرەتلەردە: مۇقەددەس كىتاب ئۆگىنىشنى ئۆتكۈزىۋاتقان قېرىنداش ئۆگەنگۈچىگە ئۇ ئۆزىنىڭ خۇداغا بولغان مېھىر-مۇھەببىتىنى كۈچەيتىشى ئۈچۈن قانداق قەدەملەرنى قىلىش كېرەكلىكىنى چۈشەندۈرىۋاتىدۇ. كېيىن، ئۆگەنگۈچى ئۆگەتكۈچى كۆرسەتكەن ئۈچ قەدەملەرنى قوللىنىۋاتىدۇ.