مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

46-‏تە‌تقىق ماقالىسى

جاسارە‌تلىك بولۇ‌ڭ،‏ يە‌ھۋا ياردە‌مچىڭىزدۇ‌ر

جاسارە‌تلىك بولۇ‌ڭ،‏ يە‌ھۋا ياردە‌مچىڭىزدۇ‌ر

‏«سە‌ندىن ئە‌سلا ئايرىلمايمە‌ن،‏ سېنى ئە‌سلا تاشلىمايمە‌ن».‏—‏ئىبرانىي.‏ 13:‏5‏.‏

33-‏ناخشا ئۇ‌لاردىن قورقماڭلار!‏

بۇ ماقالىدە a

1.‏ بېشىمىزغا ئېغىر كۈن چۈشۈپ،‏ ئۆزۈمىزنى يالغۇ‌ز قالغاندە‌ك ھېس قىلغاندا،‏ نېمە بىزگە تە‌سە‌للى بېرىدۇ؟‏ (‏زە‌بۇ‌ر 118:‏5—‏7‏)‏

 بېشىڭىزغا ئېغىر كۈن چۈشۈپ،‏ يېنىڭىزدا ياردە‌م بېرىدىغان ھېچكىم يوق،‏ ئۆزىڭىزنى يالغۇ‌ز ھېس قىلغان ۋاقتىڭىز بولغانمۇ؟‏ نۇ‌رغۇ‌ن ئادە‌ملە‌ر،‏ شۇ جۈملىدىن يە‌ھۋانىڭ سادىق خىزمە‌تچىلىرىمۇ شۇ‌نداق ھېس قىلغان (‏1-‏پادىشاھ.‏ 19:‏14‏)‏.‏ ئە‌گە‌ر شۇ‌نداق ئە‌ھۋالغا چۈشۈپ قالسىڭىز،‏ يە‌ھۋانىڭ «سە‌ندىن ئە‌سلا ئايرىلمايمە‌ن،‏ سېنى ئە‌سلا تاشلىمايمە‌ن» دېگە‌ن ۋە‌دىسىنى ئە‌ستىن چىقارماڭ.‏ شۇ‌ڭا،‏ بىز ئىشە‌نچ بىلە‌ن:‏ «يە‌ھۋا —‏ مېنىڭ ياردە‌مچىمدۇ‌ر،‏ قورقمايمە‌ن»،‏—‏ دە‌پ ئېيتالايمىز (‏ئىبرانىي.‏ 13:‏5،‏ 6‏)‏.‏ ئە‌لچى پاۋلۇ‌س بۇ سۆزلە‌رنى مىلادى 61-‏يىلى يە‌ھۇ‌دىيە‌دىكى ئېتىقادداشلىرىغا يازغان.‏ ئۇ‌نىڭ بۇ سۆزلىرى زە‌بۇ‌ر يازغۇ‌چىسىنىڭ سۆزلىرىنى ئېسىمىزگە سالىدۇ‏.‏—‏زە‌بۇ‌ر 118:‏5—‏7-‏نى ئوقۇ‌ڭ.‏

2.‏ بۇ ماقالىدە،‏ بىز نېمىنى كۆرۈپ چىقىمىز ۋە نېمە ئۈچۈن؟‏

2 زە‌بۇ‌ر يازغۇ‌چىسىغا ئوخشاش،‏ ئە‌لچى پاۋلۇ‌س ھە‌م ھاياتىدا يە‌ھۋانىڭ ئۆزىگە ياردە‌مچى ئىكە‌نلىكىنى بىلگە‌ن.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ ئۇ ئىبرانىيلار خە‌ت يېزىشتىن ئىككى يىل ئىلگىرى،‏ دېڭىزدا سە‌پە‌ر قىلغاندا،‏ خە‌تە‌رلىك بوران-‏چاپقۇ‌نغا ئۇ‌چرىغان (‏ئە‌لچى.‏ 27:‏4،‏ 15،‏ 20‏)‏.‏ سە‌پە‌ر قىلىشتىن ئاۋۋال ۋە سە‌پە‌ر جە‌ريانىدا،‏ يە‌ھۋا ئۇ‌نىڭغا ھە‌رخىل ئۇ‌سۇ‌للار ئارقىلىق ياردە‌مچى ئىكە‌نلىكىنى كۆرسە‌تكە‌ن.‏ ھازىر بۇ ئۇ‌سۇ‌للارنىڭ ئۈچىنى كۆرۈپ چىقىمىز.‏ يە‌ھۋا ئۇ‌نىڭغا ئە‌يسا ھە‌م پە‌رىشتىلە‌ر،‏ بە‌زى ھوقۇ‌قدار ئادە‌ملە‌ر ۋە ئېتىقادداشلار ئارقىلىق ياردە‌م بە‌رگە‌ن.‏ ئە‌لچى پاۋلۇ‌س ھاياتىدا بېشىدىن كە‌چۈرگە‌ن ئاشۇ ۋە‌قە‌لە‌رنى كۆرۈپ چىقىش،‏ خۇ‌دانىڭ دۇ‌ئالىرىمىزغا جاۋاب بېرىدىغانلىقى ھە‌ققىدە قىلغان ۋە‌دىسىگە بولغان ئىشە‌نچىمىزنى مۇ‌ستە‌ھكە‌ملە‌شكە ياردە‌م قىلىدۇ.‏

ئە‌يسا مە‌سىھ ۋە پە‌رىشتىلە‌رنىڭ ياردىمى

3.‏ پاۋلۇ‌س نېمە ھە‌ققىدە ئە‌نسىرىگە‌ن ۋە نېمە ئۈچۈن؟‏

3 پاۋلۇ‌س ياردە‌مگە مۇ‌ھتاج بولغان.‏ تە‌خمىنە‌ن مىلادى 56-‏يىلى بىر توپ ئادە‌ملە‌ر پاۋلۇ‌سنى يېرۇ‌سالىمدىكى مە‌ركىزىي ئىبادە‌تخانىدىن سۆرە‌پ چىقىپ،‏ ئۆلتۈرۈشكە ئۇ‌رۇ‌نغان.‏ ئە‌تىسى پاۋلۇ‌سنى ئالىي كېڭە‌شنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كە‌لگە‌ندە،‏ ئۇ‌نى دۈشمە‌نلىرى ئۇ‌ياق-‏بۇ‌ياققا تارتىپ پارچە-‏پارچە قىلىۋە‌تكىلى ئاز قالغان (‏ئە‌لچى.‏ 21:‏30—‏32؛‏ 22:‏30؛‏ 23:‏6—‏10‏)‏.‏ دە‌ل شۇ پە‌يتتە،‏ پاۋلۇ‌س بە‌لكىم مۇ‌نداق ئە‌نسىرىگە‌ن:‏ «بۇ‌نداق ھاقارە‌تلە‌رگە قانچە ئۇ‌زۇ‌ن ۋاقىت چىدىيالايمە‌ن؟‏»‏

4.‏ يە‌ھۋا ھە‌زرىتى ئە‌يسا ئارقىلىق پاۋلۇ‌سقا قانداق ياردە‌م بە‌رگە‌ن؟‏

4 ئە‌لچى پاۋلۇ‌س قانداق ياردە‌مگە ئېرىشكە‌ن؟‏ تۇ‌تقۇ‌ن قىلىنغان كە‌چتە،‏ پاۋلۇ‌سنىڭ ئالدىدا ھە‌زرىتى ئە‌يسا پە‌يدا بولۇ‌پ:‏ «جۈرئە‌تلىك بول!‏ مە‌ن توغرۇ‌لۇ‌ق يېرۇ‌سالىمدا گۇ‌ۋاھلىق بە‌رگىنىڭدە‌ك،‏ رىمدا ھە‌م گۇ‌ۋاھلىق بېرىشىڭ كېرە‌ك»،‏—‏ دېگە‌نىدى (‏ئە‌لچى.‏ 23:‏11‏)‏.‏ نېمە دېگە‌ن دە‌ل ۋاقتىدا بېرىلگە‌ن ئىلھام،‏-‏ھە!‏ ئە‌يسا پاۋلۇ‌سنى يېرۇ‌سالىمدا گۇ‌ۋاھلىق بە‌رگىنى ئۈچۈن ماختىغان.‏ ئۇ ئە‌لچى پاۋلۇ‌سقا رىم شە‌ھىرىگە ئامان-‏ئېسە‌ن يېتىپ كېلىپ،‏ شۇ يە‌ردىمۇ گۇ‌ۋاھلىق بېرىسە‌ن،‏ دە‌پ ۋە‌دە بە‌رگە‌ن.‏ پاۋلۇ‌س بۇ‌نداق كاپالە‌تنى ئالغاندىن كېيىن،‏ ئۆزىنى چوقۇ‌م دادىسىنىڭ قۇ‌چىقىدا ئولتۇ‌رغان كىچىك بالىدە‌ك ھېس قىلغان.‏

پە‌رىشتە ئە‌لچى پاۋلۇ‌سنى قاتتىق بوران-‏چاپقۇ‌ندا كېمىدىكىلە‌رنىڭ ھە‌ممىسى ئامان قالىدىغانلىقىغا ئىشە‌ندۈرىۋاتىدۇ (‏5-‏ئابزاسقا قاراڭ)‏

5.‏ يە‌ھۋا پە‌رىشتە ئارقىلىق پاۋلۇ‌سقا قانداق ياردە‌م بە‌رگە‌ن؟‏ (‏مۇ‌قاۋىدىكى رە‌سىمگە قاراڭ)‏

5 پاۋلۇ‌س يە‌نە قانداق قىيىنچىلىقلارنى بېشىدىن ئۆتكۈزگە‌ن؟‏ يېرۇ‌سالىمدا يۈز بە‌رگە‌ن مۇ‌شۇ ۋە‌قە‌لە‌ردىن تە‌خمىنە‌ن ئىككى يىل ئۆتكە‌ندىن كېيىن،‏ پاۋلۇ‌س ئىتالىيىگە يولغا چىققان كېمىدە بولغان.‏ كېمە شىددە‌تلىك بوران-‏چاپقۇ‌نغا ئۇ‌چرىغاندا،‏ كېمىچىلە‌ر ۋە يولۇ‌چىلار ھە‌ممىسى ئۆلىدىغان بولدۇ‌ق،‏ دە‌پ ئويلىغان.‏ بىراق،‏ پاۋلۇ‌س قورقمىغان.‏ نېمە ئۈچۈن؟‏ ئۇ كېمىدىكى كىشىلە‌رنىڭ ھە‌ممىسىگە مۇ‌نداق دېگە‌ن:‏ «مېنىڭ ئىگە‌م،‏ مە‌ن ئىبادە‌ت قىلىدىغان خۇ‌دا بۇ كېچە بىر پە‌رىشتىسىنى يېنىمغا ئە‌ۋە‌تتى.‏ ئۇ ماڭا شۇ‌نداق دېدى:‏ ‹ئە‌ي پاۋلۇ‌س،‏ قورقمىغىن.‏ سە‌ن چوقۇ‌م قە‌يسە‌رنىڭ ئالدىدا تۇ‌رۇ‌شۇ‌ڭ كېرە‌ك.‏ خۇ‌دا سە‌ن بىلە‌ن سە‌پە‌ر قىلغانلارنىڭ ھە‌ممىسىنى ساڭا تاپشۇ‌ردى›».‏ يە‌ھۋا ئە‌لچى پاۋلۇ‌سقا ھە‌زرىتى ئە‌يسا ئارقىلىق بۇ‌رۇ‌ن ئېيتقان ۋە‌دىسىنى قايتىلاش ئۈچۈن پە‌رىشتىنى ئە‌ۋە‌تكە‌ن.‏ يە‌ھۋا ۋە‌دە بە‌رگە‌ندە‌ك،‏ پاۋلۇ‌س رىمغا يېتىپ كە‌لگە‌ن.‏—‏ئە‌لچى.‏ 27:‏20—‏25؛‏ 28:‏16‏.‏

6.‏ ئە‌يسانىڭ بە‌رگە‌ن قايسى ۋە‌دىسى بىزگە كۈچ-‏مە‌دە‌ت بېرىدۇ ۋە نېمە ئۈچۈن؟‏

6 بىز قانداق ياردە‌مگە ئېرىشىمىز؟‏ ئە‌يسا پاۋلۇ‌سنى قوللاپ-‏قۇ‌ۋۋە‌تلىگە‌ندە‌ك،‏ بىزنىمۇ قوللاپ-‏قۇ‌ۋۋە‌تلە‌يدۇ.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ ئە‌يسا ئە‌گە‌شكۈچىلىرىگە مۇ‌نداق ۋە‌دە بېرىدۇ:‏ «مە‌ن بۇ دۇ‌نيانىڭ ئاخىرىغىچە ھە‌ر كۈنى سىلە‌ر بىلە‌ن بىللە بولىمە‌ن» (‏مە‌تتا 28:‏20‏)‏.‏ نېمە ئۈچۈن ئە‌يسانىڭ سۆزلىرى بىزگە كۈچ-‏مە‌دە‌ت بېرىدۇ؟‏ چۈنكى،‏ بە‌زى كۈنلە‌رنى بېشىمىزدىن ئۆتكۈزۈش ئېغىر كېلىدۇ.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ يېقىنلىرىمىز ئۆلۈپ كە‌تكە‌ندە،‏ بىز بىرنە‌چچە كۈن ئە‌مە‌س،‏ بىرقانچە يىللارغىچە قايغۇ-‏ھە‌سرە‌ت چېكىمىز.‏ باشقىلار بولسا،‏ قېرىلىق سە‌ۋە‌بلىك ئېغىر كۈنلە‌رنى باشتىن ئۆتكۈزۈشكە توغرا كېلىدۇ.‏ يە‌نە بە‌زىلە‌ر چۈشكۈنلۈككە چۈشۈپ،‏ ئېغىر كۈنلە‌رگە دۇ‌چ كېلىدۇ.‏ شۇ‌نداق بولسىمۇ،‏ بىز ئە‌يسانىڭ ‏«ھە‌ر كۈنى»‏‏،‏ شۇ جۈملىدىن ھاياتىمىزدىكى قاراڭغۇ‌لۇ‌ق قاپلىغان كۈنلە‌ردە «سىلە‌ر بىلە‌ن بىللە بولىمە‌ن» دېگە‌ن سۆزلىرىدىن ئۆزىمىزگە كۈچ-‏مە‌دە‌ت تاپىمىز.‏—‏مە‌تتا 11:‏28—‏30‏.‏

پە‌رىشتىلە‌ر خۇ‌ش خە‌ۋە‌رنى يە‌تكۈزۈشىمىز ئۈچۈن بىزنى قوللاپ-‏قۇ‌ۋۋە‌تلە‌يدۇ ۋە يول-‏يورۇ‌ق بېرىدۇ (‏7-‏ئابزاسقا قاراڭ)‏

7.‏ ۋە‌ھىيلە‌ر 14:‏6-‏ئايە‌تكە ئاساسە‌ن،‏ بۈگۈنكى كۈندە يە‌ھۋا بىزگە قانداق ياردە‌م بېرىدۇ؟‏

7 خۇ‌دا سۆزى بىزنى يە‌ھۋانىڭ ئۆز پە‌رىشتىلىرى ئارقىلىق بىزگە ياردە‌م بېرىدىغانلىقىغا ئىشە‌ندۈرىدۇ (‏ئىبرانىي.‏ 1:‏7،‏ 14‏)‏.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ «ھە‌ر بىر مىللە‌ت،‏ قە‌بىلە،‏ تىل ۋە خە‌لققە» «پادىشاھلىق خۇ‌ش خە‌ۋىرى» يە‌تكۈزۈشىمىز ئۈچۈن،‏ پە‌رىشتىلە‌ر بىزنى قوللاپ-‏قۇ‌ۋۋە‌تلە‌يدۇ ۋە يول-‏يورۇ‌ق بېرىدۇ.‏—‏مە‌تتا 24:‏13،‏ 14؛‏ ۋە‌ھىيلە‌ر 14:‏6-‏نى ئوقۇ‌ڭ.‏

ھوقۇ‌قدار ئادە‌ملە‌رنىڭ ياردىمى

8.‏ يە‌ھۋا ھوقۇ‌قدار ئادە‌ملە‌ر ئارقىلىق پاۋلۇ‌سقا قانداق ياردە‌م بە‌رگە‌ن؟‏

8 ئە‌لچى پاۋلۇ‌س قانداق ياردە‌مگە ئېرىشكە‌ن؟‏ مىلادى 56-‏يىلى،‏ ئە‌يسا ئە‌لچى پاۋلۇ‌سنى رىم شە‌ھىرىگە بارىدىغانلىقىغا ئىشە‌ندۈرگە‌ن.‏ ئە‌مما،‏ بە‌زى يە‌ھۇ‌دىيلار ئۇ‌نىڭغا تۇ‌يۇ‌قسىز ھۇ‌جۇ‌م قىلىپ،‏ ئۆلتۈرمە‌كچى بولغان ئىدى.‏ رىم قوشۇ‌نىنىڭ قوماندانى كلاۋدىيۇ‌س لىسىياس بۇ‌نى بىلىپ،‏ پاۋلۇ‌سنى قۇ‌تۇ‌لدۇ‌رۇ‌پ قېلىشقا ھە‌رىكە‌ت قىلغان.‏ ئۇ‌زۇ‌ن ئۆتمە‌ي،‏ ئۇ پاۋلۇ‌سنى نۇ‌رغۇ‌ن ئە‌سكە‌رلە‌رنىڭ ھىمايىسىدە يېرۇ‌سالىمدىن 105 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى قە‌يسە‌رىيە شە‌ھىرىگە ئە‌ۋە‌تكە‌ن.‏ شۇ يە‌ردە،‏ ۋالىي فېلىكس پاۋلۇ‌سنى «ھىرودنىڭ خانلىق سارىيىدا ئە‌سكە‌رلە‌رنىڭ نازارە‌ت قىلىشىنى بۇ‌يرىدى».‏ شۇ‌ڭا،‏ پاۋلۇ‌سنى ئۆلتۈرمە‌كچى بولغان يە‌ھۇ‌دىيلار ئۇ‌نىڭغا قول تە‌گكۈزە‌لمىگە‌نىدى.‏—‏ئە‌لچى.‏ 23:‏12—‏35‏.‏

9.‏ ۋالىي فېستۇ‌س ئە‌لچى پاۋلۇ‌سقا قانداق ياردە‌م بە‌رگە‌ن؟‏

9 مىلادى 58-‏يىلى،‏ پاۋلۇ‌س قە‌يسە‌رىيە شە‌ھىرىدە تېخى قاماقتا ئىدى.‏ فېلىكسنىڭ ئورنىغا فېستۇ‌س ۋالىي بولغان.‏ يە‌ھۇ‌دىيلار ۋالىي فېستۇ‌ستىن ئە‌لچى پاۋلۇ‌سنىڭ يېرۇ‌سالىمدىكى سوت قىلىنىشىنى سورىغان.‏ لېكىن،‏ فېستۇ‌س بۇ ئۆتۈنۈشنى رە‌ت قىلغان.‏ بە‌لكىم،‏ ۋالىي ئۇ‌لارنىڭ پاۋلۇ‌سنى يولدا ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن سۈيقە‌ست پىلانلىغانلىقىنى بىلگە‌ن.‏—‏ئە‌لچى.‏ 24:‏27—‏25:‏5‏.‏

10.‏ پاۋلۇ‌س قە‌يسە‌رگە ئە‌رز قىلىمە‌ن دېگە‌ندە،‏ ۋالىي فېستۇ‌س قانداق جاۋاب قايتۇ‌رغان؟‏

10 كېيىنرە‌ك،‏ پاۋلۇ‌سنى قە‌يسە‌رىيىدە سوتلىغان.‏ فېستۇ‌س يە‌ھۇ‌دىيلارنىڭ كۆڭلىدىن چىقىشنى خالىغاچ،‏ پاۋلۇ‌ستىن:‏ «يېرۇ‌سالىمغا بېرىپ،‏ بۇ ئىشلار توغرۇ‌لۇ‌ق مېنىڭ ئالدىمدا سوتلىنىشنى خالامسە‌ن؟‏»،‏—‏ دە‌پ سورىغان.‏ پاۋلۇ‌س يېرۇ‌سالىمدا ئۆلتۈرۈلۈشى مۇ‌مكىنلىكىنى بىلگە‌ن.‏ ئۇ يە‌نە ئامان قېلىش ئۈچۈن نېمە قىلالايدىغانلىقىنى،‏ يە‌نى رىم شە‌ھىرىگە بېرىپ،‏ ۋە‌ز قىلىشنى داۋاملاشتۇ‌رىدىغانلىقىنى بىلگە‌ن.‏ ئۇ:‏ «قە‌يسە‌رگە ئە‌رز قىلىمە‌ن!‏»—‏ دېدى.‏ فېستۇ‌س ئۆز مە‌سلىھە‌تچىلىرى بىلە‌ن سۆزلىشىپ،‏ كېيىن پاۋلۇ‌سقا:‏ «سە‌ن قە‌يسە‌ر ئە‌رز قىلىشنى ئېيتىڭ،‏ شۇ‌ڭا قە‌يسە‌رنىڭ ئالدىغا بارىسە‌ن»،‏—‏ دېدى.‏ فېستۇ‌سنىڭ رىمغا ئە‌ۋە‌تىش قارارى پاۋلۇ‌سنى دۈشمە‌نلىرىدىن قوغداپ قالغان.‏ ئۇ‌زۇ‌ن ئۆتمە‌ي،‏ پاۋلۇ‌س رىمدا بولۇ‌پ،‏ ئۇ‌نى ئۆلتۈرمە‌كچى بولغان يە‌ھۇ‌دىيلارنىڭ قولىدىن ئامان قالغان.‏—‏ئە‌لچى.‏ 25:‏6—‏12‏.‏

11.‏ يە‌شايانىڭ ئېيتقان قايسى سۆزلىرى پاۋلۇ‌سنى ئويلاندۇ‌رۇ‌پ قويغان بولۇ‌شى مۇ‌مكىن؟‏

11 پاۋلۇ‌س ئىتالىيىگە سە‌پە‌رگە چىقىشىنى كۈتۈۋاتقاندا،‏ يە‌شايا پە‌يغە‌مبە‌رنىڭ يە‌ھۋاغا قارشى چىققۇ‌چىلارغا بە‌رگە‌ن ئاگاھلاندۇ‌رۇ‌شى توغرۇ‌لۇ‌ق ئويلىغان بولۇ‌شى مۇ‌مكىن.‏ ئۇ مۇ‌نداق يازغان:‏ «پىلان تۈزۈڭلار،‏ لېكىن ئۇ كارغا كە‌لمە‌س!‏ خالىغىنىڭلارنى سۆزلە‌ڭلار،‏ ئە‌مما ئۇ ئە‌مە‌لگە ئاشماس،‏ چۈنكى،‏ خۇ‌دا بىز بىلە‌ن بىللە» (‏يە‌شايا 8:‏10‏)‏.‏ ئە‌لچى پاۋلۇ‌س خۇ‌دا ئۇ‌نىڭغا ياردە‌م بېرىدىغانلىقىنى بىلگە‌ن ۋە بۇ ئۇ‌نىڭ ئالدىدىكى سىناقلارغا قە‌تئىي بە‌رداشلىق بېرىش ئىرادىسىنى چوقۇ‌م كۈچە‌يتكە‌ن.‏

ئىلگىرىكىگە ئوخشاش،‏ بۈگۈنمۇ يە‌ھۋا ھوقۇ‌قدارلار ئارقىلىق خىزمە‌تچىلىرىنى قوغدايدۇ (‏12-‏ئابزاسقا قاراڭ)‏

12.‏ يۇ‌لىيۇ‌س پاۋلۇ‌سقا قانداق مۇ‌ئامىلە قىلغان ۋە نە‌تىجىدە پاۋلۇ‌س نېمىنى كۆرۈپ يە‌تكە‌ن بولۇ‌شى مۇ‌مكىن؟‏

12 مىلادى 58-‏يىلى،‏ پاۋلۇ‌س ئىتالىيىگە سە‌پە‌ر قىلىشنى باشلىغان.‏ ئۇ مە‌ھبۇ‌س سۈپىتىدە،‏ رىم قوشۇ‌نىنىڭ يۇ‌لىيۇ‌س ئىسىملىك يۈز بېشىنىڭ قول ئاستىدا بولغان.‏ شۇ كۈندىن باشلاپ،‏ پاۋلۇ‌سنىڭ ھاياتى يۇ‌لىيۇ‌سنىڭ قولىدا بولغان.‏ ئۇ پاۋلۇ‌سقا قانداق مۇ‌ئامىلە قىلغان؟‏ ئە‌تىسى ئۇ‌لار بىرىنچى دېڭىز پورتىغا كېلىپ توختىغاندا،‏ «يۇ‌لىيۇ‌س پاۋلۇ‌سقا ئادە‌مگە‌رچىلىك قىلىپ،‏ دوستلىرىنىڭ يېنىغا بېرىپ،‏ ئېھتىياجلىق نە‌رسىلىرىنى غە‌ملىۋېلىشىغا رۇ‌خسە‌ت قىلدى».‏ كېيىنرە‌ك،‏ يۇ‌لىيۇ‌س پاۋلۇ‌سنىڭ ھاياتىنى ساقلاپ قالغان ئىدى.‏ قانداق قىلىپ؟‏ ئە‌سكە‌رلە‌ر كېمىدىكى ھە‌ممە مە‌ھبۇ‌سلارنى ئۆلتۈرۈۋېتە‌يلى دېگە‌ندە،‏ يۇ‌لىيۇ‌س ئۇ‌لارنى قۇ‌تۇ‌لدۇ‌رۇ‌پ قالغان.‏ نېمە ئۈچۈن؟‏ ئۇ:‏ «پاۋلۇ‌سنى قۇ‌تقۇ‌زۇ‌شنى خالاپ،‏ ئۇ‌لارنىڭ شۇ‌نداق قىلىشىغا يول قويمىدى».‏ بە‌لكىم،‏ پاۋلۇ‌س يە‌ھۋانىڭ مۇ‌شۇ مېھرىبان يۈز بېشىنى ئىشلىتىپ،‏ ئۆزىنى قوغداپ قالغانلىقىنى كۆرۈپ يە‌تكە‌ن.‏—‏ئە‌لچى.‏ 27:‏1—‏3،‏ 42—‏44‏.‏

‏(‏13-‏ئابزاسقا قاراڭ)‏

13.‏ يە‌ھۋا ھوقۇ‌قدارلارنى قانداق ئىشلىتىشى مۇ‌مكىن؟‏

13 بىز قانداق ياردە‌مگە ئېرىشىمىز؟‏ يە‌ھۋانىڭ ئۇ‌نىڭ ئىرادىسىگە ماس كە‌لگە‌ندە،‏ ئۇ مۇ‌قە‌ددە‌س روھى ئارقىلىق ھوقۇ‌قدار كىشىلە‌ر تە‌سىر قىلىدۇ.‏ ئۇ‌لار خۇ‌دانىڭ خاھىشى بويىچە ئىش قىلىدۇ.‏ سۇ‌لايمان پادىشاھ مۇ‌نداق يازغان:‏ «پادىشاھنىڭ كۆڭلى خۇ‌ددى يە‌ھۋانىڭ قولىدىكى ئېقىن سۇ‌غا ئوخشاشتۇ‌ر،‏ ئۇ ئۆزى خالىغان تە‌رە‌پكە ئۇ‌نى باشلار» (‏پە‌ند.‏ نە 21:‏1‏)‏.‏ بۇ ھېكمە‌تلىك سۆز نېمىنى بىلدۈرىدۇ؟‏ ئادە‌ملە‌ر ئېقىن سۈيىنى ئۇ‌لارنىڭ پىلانىغا ماس يۆنىلىشكە باشلاش ئۈچۈن ئېرىق-‏ئۆستە‌ڭلە‌رنى كولىيالايدۇ.‏ شۇ‌نىڭغا ئوخشاش،‏ يە‌ھۋا ئۆز روھىنى ئىشلىتىپ،‏ ھوقۇ‌قدارلارنىڭ ئوي-‏پىكىرلىرىنى ئۇ‌نىڭ ئىرادىسىگە ماس يۆنىلىشكە بۇ‌رىيالايدۇ.‏ شۇ‌نداق ۋە‌زىيە‌تكە دۇ‌چ كە‌لگە‌ندە،‏ ھوقۇ‌قدارلارنىڭ قە‌لبىدە خۇ‌دا خە‌لقى ئۈچۈن پايدىلىق قارار چىقىرىش ئىستىكى پە‌يدا بولىدۇ.‏—‏ئە‌زرا 7:‏21،‏ 25،‏ 26-‏نى سېلىشتۇ‌رۇ‌ڭ.‏

14.‏ ئە‌لچىلە‌ر 12:‏5-‏ئايە‌تلە‌رگە ئاساسلانغاندا،‏ كىم ئۈچۈن دۇ‌ئا قىلالايمىز؟‏

14 بىز نېمە قىلالايمىز؟‏ «پادىشاھلار ۋە بارلىق مە‌رتىۋىلىك ئە‌مە‌لدارلار» ھاياتىمىزغا ۋە ۋە‌ز خىزمىتىمىزگە تە‌سىر قىلىدىغان قارارلارنى چىقارغاندا،‏ ئۇ‌لار ئۈچۈن دۇ‌ئا قىلالايمىز (‏1-‏تىموت.‏ 2:‏1،‏ 2؛‏ نە‌ھە‌م.‏ 1:‏11‏)‏.‏ بىرىنچى ئە‌سىردىكى مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىلىرىگە ئوخشاش،‏ بىزمۇ تۈرمىگە قامالغان قېرىنداشلار ئۈچۈن جان-‏دىلىمىز بىلە‌ن خۇ‌داغا دۇ‌ئا قىلىمىز ‏(‏ئە‌لچىلە‌ر 12:‏5-‏نى ئوقۇ‌ڭ؛‏ ئىبرانىي.‏ 13:‏3‏)‏.‏ شۇ‌نداقلا يە‌نە،‏ تۈرمىدە ئولتۇ‌رغان قېرىنداشلىرىمىز ئۈستىدىن نازارە‌ت قىلىدىغانلار ئۈچۈنمۇ دۇ‌ئا قىلالايمىز.‏ يۈز بېشى يۇ‌لىيۇ‌سقا ئوخشاش،‏ ئۇ‌لارنىڭ كۆڭلىمۇ تۈرمىدە ئولتۇ‌رغان ئېتىقادداشلىرىمىزغا «ئادە‌مگە‌رچىلىك» قىلىشقا مايىل بولۇ‌شى ئۈچۈن،‏ يە‌ھۋادىن دۇ‌ئادا ئۇ‌لارنىڭ ئوي-‏پىكىرلىرىگە تە‌سىر قىلىشنى سورىيالايمىز.‏—‏ئە‌لچى.‏ 27:‏3‏.‏

ئېتىقادداشلارنىڭ ياردىمى

15،‏ 16.‏ يە‌ھۋا ئارىستارخۇ‌س بىلە‌ن لۇ‌قا ئارقىلىق پاۋلۇ‌سقا قانداق ياردە‌م بە‌رگە‌ن؟‏

15 بىز قانداق ياردە‌مگە ئېرىشىمىز؟‏ ئە‌لچى پاۋلۇ‌س رىم سە‌پىرى ئۈستىدە،‏ يە‌ھۋا ئۇ‌نىڭغا ياردە‌م بېرىش ئۈچۈن پات-‏پات ئېتىقادداشلارنى قوللانغان.‏ بىرنە‌چچە مىساللارنى كۆرۈپ چىقايلى.‏

16 پاۋلۇ‌سنىڭ ئىككى سادىق دوستلىرى ئارىستارخۇ‌س بىلە‌ن لۇ‌قا،‏ ئۇ‌نىڭ بىلە‌ن بىرگە رىمغا بېرىشنى قارار قىلغان b‏.‏ ھە‌تتا ئۇ‌لارغا ئە‌يسا ئۆزى ئۇ‌لارنىڭ رىمغىچە ئامان-‏ئېسە‌ن يېتىپ بېرىشىنى ۋە‌دە قىلمىغان بولسىمۇ،‏ ئۇ‌لار بۇ خە‌تە‌رلىك سە‌پە‌ردە پاۋلۇ‌س بىلە‌ن بىللە بولۇ‌شنى خالىغان.‏ ئۇ‌لارنىڭ ھاياتى ئامان قالىدىغانلىقىنى پە‌قە‌ت سە‌پە‌ر داۋامىدا بىلىگە‌ن.‏ شۇ‌ڭا،‏ قە‌يسە‌رىيىدە ئارىستارخۇ‌س بىلە‌ن لۇ‌قا كېمىگە ئولتارغاندا،‏ پاۋلۇ‌س بۇ ئىككى جاسارە‌تلىك ئېتىقاددىشى قىلغان ياردە‌م ئۈچۈن مىننە‌تدارلىقىنى بىلدۈرۈپ،‏ ئۇ‌لار ھە‌ققىدە يە‌ھۋاغا سە‌مىمىي دۇ‌ئا قىلغان بولۇ‌شى مۇ‌مكىن.‏—‏ئە‌لچى.‏ 27:‏1،‏ 2،‏ 20—‏25‏.‏

17.‏ يە‌ھۋا ئېتىقادداشلار ئارقىلىق پاۋلۇ‌سقا قانداق ياردە‌م بە‌رگە‌ن؟‏

17 مۇ‌شۇ سە‌پە‌ر جە‌ريانىدا،‏ پاۋلۇ‌سنىڭ ئېتىقادداشلىرى ئۇ‌نىڭغا بىرنە‌چچە قېتىم ياردە‌م بە‌رگە‌ن.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ كېمە سىدون شە‌ھىرىدىكى پورتقا كېلىپ توختىغاندا،‏ يۇ‌لىيۇ‌س پاۋلۇ‌سقا «دوستلىرىنىڭ يېنىغا بېرىپ،‏ ئېھتىياجلىق نە‌رسىلىرىنى غە‌ملىۋېلىشىغا رۇ‌خسە‌ت قىلدى».‏ كېيىنرە‌ك،‏ پاۋلۇ‌س ئىككى ھە‌مراھى بىلە‌ن پۇ‌تېيولى شە‌ھىرىدە ئېتىقادچىلارنى تاپقان ۋە قېرىنداشلار ئۇ‌لارنى يە‌تتە كۈن شۇ يە‌ردە تۇ‌رۇ‌پ قېلىشقا تە‌كلىپ قىلغان.‏ ئېتىقادداشلار پاۋلۇ‌س ۋە ئىككى ھە‌مراھىنى مېھمان قىلىپ،‏ ئۇ‌لارنىڭ ئېھتىياجلىرىنى قانائە‌تلە‌ندۈرگە‌ن.‏ پاۋلۇ‌س بولسا،‏ بۇ قېرىنداشلارغا ئىلھاملاندۇ‌رىدىغان سۆزلە‌رنى ئېيتىپ بە‌رگە‌ندە،‏ ئۇ‌لار شاد-‏خۇ‌راملىققا چۆمگە‌ن (‏ئە‌لچىلە‌ر 15:‏2،‏ 3-‏نى سېلىشتۇ‌رۇ‌ڭ)‏.‏ شۇ ئىلھام بېرىدىغان زىيارە‌تتىن كېيىن،‏ پاۋلۇ‌س ۋە ئىككى ھە‌مراھى سە‌پىرىنى داۋاملاشتۇ‌رغان.‏—‏ئە‌لچى.‏ 27:‏3؛‏ 28:‏13،‏ 14‏.‏

ئە‌لچى پاۋلۇ‌سقا ئوخشاش،‏ بىزمۇ ئېتىقادداشلار ئارقىلىق يە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ ياردىمىگە ئېرىشە‌لە‌يمىز (‏18-‏ئابزاسقا قاراڭ)‏

18.‏ پاۋلۇ‌سنى خۇ‌داغا شۈكۈر ئېيتىشقا ۋە غە‌يرە‌تلىك بولۇ‌شقا نېمە دە‌ۋە‌ت قىلغان؟‏

18 رىمغا كېتىپ بارغاندا،‏ پاۋلۇ‌س ئۈچ يىل بۇ‌رۇ‌ن رىمدىكى جامائە‌تكە يازغان خېتى ھە‌ققىدە ئويلىغان بولۇ‌شى مۇ‌مكىن:‏ «شۇ‌نچە يىللاردىن بېرى،‏ سىلە‌رنى يوقلاپ بېرىش ئارزۇ‌يۇ‌م بار» (‏رىملىقلار 15:‏23‏)‏.‏ ئە‌مما،‏ ئۇ رىمغا مە‌ھبۇ‌س سۈپىتىدە كېلىشىنى خىيالىغا كە‌لتۈرە‌لمىگە‌نىدى.‏ پاۋلۇ‌س رىمدىكى قېرىنداشلىرىنىڭ ئۇ‌نى قارشى ئېلىش ئۈچۈن يولدا كۈتۈپ تۇ‌رغانلىقىنى كۆرۈپ،‏ قانچىلىك ئىلھام ئالغانلىقىنى تە‌سە‌ۋۋۇ‌ر قىلىپ كۆرۈڭە!‏ «ئۇ‌لارنى كۆرۈپ،‏ پاۋلۇ‌س خۇ‌داغا شۈكۈر ئېيتتى ۋە تېخىمۇ جاسارە‌تكە تولدى» (‏ئە‌لچى.‏ 28:‏15‏)‏.‏ ئۇ‌لارنىڭ شۇ يە‌ردە بولغىنى ئۈچۈن پاۋلۇ‌سنىڭ خۇ‌داغا شۈكۈر ئېيتقىنىغا دىققە‌ت ئاغدۇ‌رۇ‌ڭ.‏ نېمە ئۈچۈن؟‏ چۈنكى،‏ ئۇ يە‌ھۋا خۇ‌دا ئېتىقادداشلىرى ئارقىلىق ئۇ‌نىڭغا يە‌نە ياردە‌م بە‌رگە‌نلىكىنى كۆرگە‌ن.‏

‏(‏19-‏ئابزاسقا قاراڭ)‏

19.‏ 1-‏پېترۇ‌س 4:‏10-‏ئايىتىدە يېزىلغاندە‌ك،‏ يە‌ھۋا مۇ‌ھتاجلارغا بىز ئارقىلىق قانداق ياردە‌م بېرە‌لە‌يدۇ؟‏

19 بىز نېمە قىلالايمىز؟‏ سىز جامائىتىڭىزدە،‏ تە‌بىئىي ئاپە‌ت تۈپە‌يلى قىيىنچىلىقلارنى تارتىۋاتقان،‏ ئاغرىۋاتقان ياكى باشقا قىيىن ئە‌ھۋالىغا دۇ‌چ كېلىۋاتقان قېرىنداشلارنى بىلە‌مسىز؟‏ ياكى بولمىسا،‏ ئۇ‌لار يېقىنلىرىدىن ئايرىلىپ قالغاندۇ.‏ ئە‌گە‌ر بىز بىرسىنىڭ ياردە‌مگە مۇ‌ھتاج ئىكە‌نلىكىنى بىلسە‌ك،‏ يە‌ھۋادىن ئۇ‌نىڭغا بىر ياخشى سۆزنى ئېيتىشقا ياكى ئىشنى قىلىشقا ياردە‌م سورىساق بولىدۇ.‏ گە‌پ-‏سۆزلىرىمىز ۋە ئىش-‏ھە‌رىكە‌تلىرىمىز قېرىنداشلىرىمىز دە‌ل مۇ‌ھتاج ۋاقىتتا ئۇ‌لارغا ئىلھام-‏مە‌دە‌ت بېرىشى مۇ‌مكىن ‏(‏1-‏پېترۇ‌س 4:‏10-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏ c‏.‏ بىز ياردە‌م بە‌رگە‌ن قېرىنداشلار يە‌ھۋانىڭ:‏ «سە‌ندىن ئە‌سلا ئايرىلمايمە‌ن،‏ سېنى ئە‌سلا تاشلىمايمە‌ن» دېگە‌ن ۋە‌دىسىگە قايتىدىن تولۇ‌ق ئىشە‌نچ باغلىيالايدۇ.‏ بۇ ۋە‌دە سىزنى بە‌كمۇ خۇ‌شال قىلىدۇ،‏ شۇ‌نداق ئە‌مە‌سمۇ؟‏!‏

20.‏ نېمە ئۈچۈن «يە‌ھۋا مېنىڭ ياردە‌مچىمدۇ‌ر» دە‌پ ئىشە‌نچىلىك ئېيتالايمىز؟‏

20 پاۋلۇ‌س ۋە ئۇ‌نىڭ ھە‌مراھلىرىغا ئوخشاش،‏ ھايات سە‌پىرىمىزدە ئېغىر كۈنلە‌رنى باشتىن ئۆتكۈزىمىز.‏ شۇ‌نىڭ بىلە‌ن بىر ۋاقىتتا،‏ يە‌ھۋا بىز بىلە‌ن بولغاچقا،‏ بىز جاسارە‌تلىك بولالايدىغانلىقىمىزنى بىلىمىز.‏ ئە‌يسا ۋە پە‌رىشتىلە‌ر ئارقىلىق خۇ‌دا بىزگە ياردە‌م بېرىدۇ.‏ شۇ‌نىڭدە‌ك يە‌نە ئۇ‌نىڭ ئىرادىسىگە ماس بولسا،‏ يە‌ھۋا ھوقۇ‌قدارلار ئارقىلىق بىزگە ياردە‌م بېرە‌لە‌يدۇ.‏ نۇ‌رغۇ‌نلىرىمىز يە‌ھۋا مۇ‌قە‌ددە‌س روھى ئارقىلىق خىزمە‌تچىلىرىنىڭ يۈرىكىگە تە‌سىر قىلىپ،‏ ئۇ‌لار باشقا خىزمە‌تچىلىرىگە ياردە‌م بە‌رگە‌نلىكىنى ئۆز كۆزۈمىز بىلە‌ن كۆردۇ‌ق.‏ شۇ‌ڭا،‏ پاۋلۇ‌سقا ئوخشاش،‏ بىز ھە‌م:‏ «يە‌ھۋا مېنىڭ ياردە‌مچىمدۇ‌ر،‏ مە‌ن قورقمايمە‌ن.‏ ئىنسان ماڭا نېمە قىلالىسۇ‌ن؟‏»،‏—‏ دە‌پ ئىشە‌نچىلىك ئېيتالايمىز.‏—‏ئىبرانىي.‏ 13:‏6‏.‏

26-‏ناخشا خۇ‌دا بىلە‌ن يۈر!‏

a يە‌ھۋانىڭ ئە‌لچى پاۋلۇ‌سنىڭ قىيىنچىلىقلارغا بە‌رداشلىق بېرىشىگە قانداق ئۈچ ئۇ‌سۇ‌لدا ياردە‌م بە‌رگە‌نلىكىنى مۇ‌ھاكىمە قىلىمىز.‏ يە‌ھۋانىڭ ئۆتمۈشتە قانداق ياردە‌م قىلغانلىقىنى مۇ‌ھاكىمە قىلىش بۈگۈنكى كۈندىمۇ ھاياتىمىزدىكى قىيىنچىلىقلارغا دۇ‌چ كە‌لگە‌ندە،‏ يە‌ھۋانىڭ بىزگە ياردە‌م قىلىدىغانلىقىغا بولغان ئىشە‌نچىمىزنى كۈچە‌يتىدۇ.‏

b ئارىستارخۇ‌س بىلە‌ن لۇ‌قا ئاللىقاچان بىر قانچە ئاي پاۋلۇ‌سقا ھە‌مراھ بولغان.‏ بۇ ئىشە‌نچىلىك كىشىلە‌ر يە‌نە پاۋلۇ‌س رىمدا قاماقتا ئولتارغاندا ئۇ‌نىڭ قېشىدا بولغان.‏—‏ئە‌لچى.‏ 16:‏10—‏12؛‏ 20:‏4؛‏ كولوسى.‏ 4:‏10،‏ 14‏.‏