مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

47-‏تە‌تقىق ماقالىسى

سىز نە‌سىھە‌تلە‌رنى قوبۇ‌ل قىلىشقا تە‌ييارمۇ؟‏

سىز نە‌سىھە‌تلە‌رنى قوبۇ‌ل قىلىشقا تە‌ييارمۇ؟‏

‏«ئە‌ڭ ئاخىرىدا،‏ ئە‌ي قېرىنداشلار،‏ داۋاملىق خۇ‌شال بولۇ‌ڭلار،‏ تۈزىتىشنى قوبۇ‌ل قىلىڭلار».‏‏—‏2-‏كورىنت.‏ 13:‏11‏.‏

32-‏ناخشا تە‌ۋرە‌نمە‌ي چىڭ تۇ‌رايلى!‏

بۇ ماقالىدە a

1.‏ مە‌تتا 7:‏13،‏ 14-‏ئايە‌تلە‌رگە ئاساسە‌ن،‏ بىز قايسى سە‌پە‌رگە چىقتۇ‌ق؟‏

 ھە‌ممىمىز سە‌پە‌رگە چىقتۇ‌ق.‏ مە‌قسىتىمىز —‏ يە‌ھۋانىڭ سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت بىلە‌ن يۈرگۈزىدىغان ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدىكى يېڭى دۇ‌نيادا ياشاش.‏ ھە‌ر كۈنى بىز ھاياتقا يېتە‌كلە‌يدىغان يولدا مېڭىشقا تىرىشىمىز.‏ ئە‌يسا ئېيتقاندە‌ك،‏ بۇ يول تار ھە‌م بە‌زىدە بۇ يولدا ماڭماق تە‌س ‏(‏مە‌تتا 7:‏13،‏ 14-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ بىز نامۇ‌كە‌ممە‌ل،‏ شۇ‌ڭا بۇ يولدىن ئاسانلا چىقىپ كېتىپ قالىمىز.‏—‏گالاتىيا.‏ 6:‏1‏.‏

2.‏ بۇ ماقالىدە،‏ نېمىنى كۆرۈپ چىقىمىز؟‏ (‏شۇ‌نداقلا «‏ كە‌متە‌رلىك قە‌دە‌ملىرىمىزنى تۈزىتىشكە ياردە‌م بېرىدۇ‏» ناملىق رامكىغا قاراڭ)‏

2 ئە‌گە‌ر ھاياتقا يېتە‌كلە‌يدىغان تار يولدا مېڭىشنى خالىساق،‏ بىز ئوي-‏پىكىر،‏ كۆز قاراش ۋە ئىش-‏ھە‌رىكە‌تلىرىمىزنى ئۆزگە‌رتىشكە تە‌ييار بولۇ‌شىمىز كېرە‌ك.‏ ئە‌لچى پاۋلۇ‌س داۋاملىق «تۈزىتىشنى قوبۇ‌ل قىلىڭلار» دە‌پ،‏ كورىنت شە‌ھىرىدە ياشىغان ئېتىقادداشلارنى ئۆزگۈرۈشكە دە‌ۋە‌ت قىلغان (‏2-‏كورىنت.‏ 13:‏11‏)‏.‏ بىزمۇ بۇ نە‌سىھە‌تكە ئە‌مە‌ل قىلىشىمىز كېرە‌ك.‏ بۇ ماقالىدە،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ئۆزگۈرۈشلە‌رنى قىلىشىمىزغا ۋە روھىي جە‌ھە‌تتىن يېتىلگە‌ن دوستلار ھايات يولىدا داۋاملىق مېڭىشىمىزغا قانداق ياردە‌م بېرە‌لە‌يدىغانلىقىنى كۆرۈپ چىقىمىز.‏ ئۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ بىز يە‌ھۋانىڭ تە‌شكىلاتىنىڭ يېتە‌كچىلىكىگە بويسۇ‌نۇ‌ش نېمە ئۈچۈن قىيىن بولۇ‌شى مۇ‌مكىنلىكىنى مۇ‌ھاكىمە قىلىمىز.‏ يە‌نە كە‌متە‌رلىك بىزنىڭ يە‌ھۋاغا خىزمە‌ت قىلىشتا خۇ‌شاللىقىمىزنى يوقاتماي،‏ ئۆزگۈرۈشلە‌رنى قىلىشقا قانداق ياردە‌م بېرىدىغانلىقىنى كۆرىمىز.‏

خۇ‌دا سۆزىنىڭ سىزنى تۈزىتىشىگە يول قويۇ‌ڭ

3.‏ خۇ‌دا سۆزى قانداق ياردە‌م بېرىدۇ؟‏

3 ئۆزۈمىزنىڭ ئوي-‏پىكىرلىرى ۋە ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌لىرىنى تە‌كشۈرۈشكە تىرىشقاندا،‏ قىيىنچىلىققا دۇ‌چ كېلىمىز.‏ قە‌لبىمىز ئالدامچى،‏ شۇ‌ڭا ئۇ بىزنى نېمىگە دە‌ۋە‌ت قىلىدىغانلىقىنى چۈشىنىش قىيىن بولۇ‌شى مۇ‌مكىن (‏يە‌رە‌م.‏ 17:‏9‏)‏.‏ «خاتا كۆز قاراش» ئارقىلىق ئۆزۈمىزنى ئالداش ئاسان (‏ياقۇ‌پ 1:‏22‏)‏.‏ شۇ‌ڭا،‏ ئۆزۈمىزنى تە‌كشۈرۈش ۋە يوشۇ‌رۇ‌ن ئوي-‏پىكىرلىرىمىز ھە‌م نىيە‌تلىرىمىزنى ئاشكارا قىلىش ئۈچۈن خۇ‌دا سۆزىنى قوللىنىشىمىز كېرە‌ك (‏ئىبرانىي.‏ 4:‏12،‏ 13‏)‏.‏ خۇ‌ددى رېنتىگېن ئاپپاراتى كە‌بى خۇ‌دا سۆزىمۇ قە‌لبىمىزنى تە‌كشۈرۈپ كۆرۈشكە ياردە‌م بېرىدۇ.‏ ئە‌گە‌ر مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ۋە خۇ‌داغا ۋە‌كىللىك قىلغۇ‌چىلارنىڭ بە‌رگە‌ن نە‌سىھىتىنىڭ پايدىسىنى كۆرۈشنى خالىساق،‏ كە‌متە‌ر بولۇ‌شىمىز لازىم.‏

4.‏ سائۇ‌ل پادىشاھنىڭ تە‌كە‌ببۇ‌ر بولۇ‌پ كە‌تكە‌نلىكى نېمىدىن كۆرىنىدۇ؟‏

4 پادىشاھ سائۇ‌لنىڭ مىسالى كە‌متە‌رلىك يېتىشمىسە نېمە ئىش يۈز بېرە‌لە‌يدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.‏ سائۇ‌ل شۇ‌نچىلىك تە‌كە‌ببۇ‌ر بولۇ‌پ كە‌تكە‌نكى،‏ ھە‌تتا ئۆزىنىڭ ئوي-‏پىكرىنى ۋە ئىش-‏ھە‌رىكە‌تلىرىنى ئۆزگە‌رتىش كېرە‌كلىكىنى ئېتىراپ قىلمىغان (‏زە‌بۇ‌ر 36:‏1،‏ 2؛‏ ھاباق.‏ 2:‏4‏)‏.‏ بۇ يە‌ھۋا ئۇ‌نىڭغا ئامالە‌كلە‌ر ئۈستىدىن غە‌لىبە قازانغاندىن كېيىن نېمە قىلىش كېرە‌كلىكى ھە‌ققىدە ئېنىق كۆرسە‌تمىسىنى بە‌رگە‌ندە روشە‌ن بولغان.‏ ئە‌مما،‏ سائۇ‌ل خۇ‌دانىڭ ئېنىق كۆرسە‌تمىسىگە ئىتائە‌ت قىلمىغان.‏ سامۇ‌ئىل ئۇ‌نىڭ ئىتائە‌تسىزلىكى ھە‌ققىدە ئېيتقاندا،‏ سائۇ‌ل ئۆتكۈزگە‌ن خاتالىقىنى بوينىغا ئالمىغان.‏ ئە‌كسىنچە،‏ ئۇ بۇ ئۇ‌نچە ئېغىر خاتالىق ئە‌مە‌س ۋە ئۆزىنى باشقىلار شۇ‌نداق قىلىشقا مە‌جبۇ‌رلىغان،‏ دە‌پ ئۆزىنى ئاقلاشقا تىرىشقان (‏1-‏سام.‏ 15:‏13—‏24‏)‏.‏ بۇ‌ندىن بۇ‌رۇ‌ن،‏ سائۇ‌ل شۇ‌نىڭغا ئوخشاش ھە‌رىكە‌ت قىلغان (‏1-‏سام.‏ 13:‏10—‏14‏)‏.‏ ئە‌پسۇ‌س،‏ سائۇ‌ل ئۆز قە‌لبىدە ھاكاۋۇ‌رلۇ‌قنىڭ يىلتىز تارتىشىغا يول بە‌رگە‌ن.‏ ئۇ ئۆز ئوي-‏پىكىرلىرىنى ئۆزگە‌رتمىگە‌چ،‏ يە‌ھۋا ئۇ‌نى ئە‌يىبلىگە‌ن ۋە رە‌ت قىلغان.‏

5.‏ سائۇ‌لنىڭ مىسالىدىن قانداق ساۋاق ئالالايمىز؟‏

5 سائۇ‌لنىڭ مىسالىدىن ساۋاق ئېلىش ئۈچۈن ئۆزۈمىزدىن بىرنە‌چچە سوئاللارنى سوراپ كۆرسە‌ك ياخشى:‏ «خۇ‌دا سۆزىدىكى نە‌سىھە‌تلە‌رنى ئوقۇ‌غىنىمدا،‏ ئۆزۈمنى ئاقلاش ئادىتىم بارمۇ؟‏ ئىتائە‌تسىزلىكنى ئۇ‌نچە چوڭ خاتالىق ئە‌مە‌س دە‌پ قارايمە‌نمۇ؟‏ ئۆز گۇ‌ناھىمنى باشقىلارغا ئارتىپ قويىمە‌نمۇ؟‏» سوئاللارنىڭ بىرىگە «ھە‌ئە» دە‌پ جاۋاب بە‌رسە‌ك،‏ ئۆزۈمىزنىڭ ئوي-‏پىكىرى ۋە كۆز قارىشىنى ئۆزگە‌رتىشىمىز لازىم.‏ بولمىسا،‏ قە‌لبىمىز شۇ‌نچىلىك تە‌كە‌ببۇ‌ر بولىدۇ‌كى،‏ ھە‌تتا يە‌ھۋا بىزنى دوستۇ‌م ئە‌مە‌س،‏ دە‌پ رە‌ت قىلىدۇ.‏—‏ياقۇ‌پ 4:‏6‏.‏

6.‏ سائۇ‌ل پادىشاھ بىلە‌ن داۋۇ‌ت پادىشاھنىڭ ئارىسىدا قانداق پە‌رق بارلىقىنى چۈشە‌ندۈرۈپ بېرىڭ.‏

6 سائۇ‌ل پادىشاھ بىلە‌ن «يە‌ھۋانىڭ قانۇ‌نلىرىدىن» سـۆيۈنگە‌ن،‏ ئـۇ‌نىڭ ئـىز باسـارى داۋۇ‌ت پادىشاھنىڭ ئارىسىدىكى پە‌رقنى كۆرۈڭ (‏زە‌بۇ‌ر 1:‏1—‏3‏)‏.‏ داۋۇ‌ت يە‌ھۋا تە‌كە‌ببۇ‌رلارغا قارشى چىقىپ،‏ كە‌متە‌ر ئادە‌ملە‌رنى ئامان قالدۇ‌رىدىغانلىقىنى بىلگە‌ن (‏2-‏سام.‏ 22:‏28‏)‏.‏ شۇ‌ڭا،‏ داۋۇ‌ت ئۆزىنىڭ ئوي-‏پىكىرلىرىنى خۇ‌دانىڭ قانۇ‌نىنىڭ ئۆزگە‌رتىشىگە يول قويغان.‏ ئۇ مۇ‌نداق يازغان:‏ «ماڭا نە‌سىھە‌ت بە‌رگە‌ن يە‌ھۋانى مە‌دھىيىلە‌يمە‌ن.‏ ھە‌تتا كېچىدە،‏ تۈزىتە‌ر مېنى قە‌لبىمدىكى ئوي-‏پىكىرلىرىم».‏—‏زە‌بۇ‌ر 16:‏7‏.‏

خۇ‌دا سۆزى

بىز يولدىن چە‌تنە‌پ كە‌تكە‌ندە،‏ خۇ‌دا سۆزى بىزنى ئاگاھلاندۇ‌رىدۇ.‏ كە‌متە‌ر بولساق،‏ خۇ‌دا سۆزىنىڭ ناتوغرا ئوي-‏پىكرىمىزنى ئۆزگە‌رتىشىگە يول بېرىمىز (‏7-‏ئابزاسقا قاراڭ)‏

7.‏ كە‌متە‌ر بولساق نېمە قىلالايمىز؟‏

7 كە‌متە‌ر بولساق،‏ خۇ‌دانىڭ سۆزىنى يامان ئىشلارنى قىلىشتىن بۇ‌رۇ‌ن،‏ ناتوغرا ئوي-‏پىكىرلىرىمىزنى ئۆزگە‌رتىشكە يول بېرىمىز.‏ خۇ‌دا سۆزى خۇ‌ددى بىرىنىڭ ئاۋازىدە‌ك،‏ بىزگە مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «مانا يول،‏ بۇ يولدا مېڭىڭلار».‏ بۇ سۆزلە‌ر كېتىۋاتقان يولىمىزدىن ئوڭ ياكى سولغا چە‌تنە‌پ كە‌تكە‌ندە،‏ بىزنى ئاگاھلاندۇ‌رىدۇ (‏يە‌شايا 30:‏21‏)‏.‏ يە‌ھۋاغا قۇ‌لاق سېلىپ،‏ نۇ‌رغۇ‌ن جە‌ھە‌تتىن پايدا-‏مە‌نپە‌ئە‌تكە ئېرىشە‌لە‌يمىز (‏يە‌شايا 48:‏17‏)‏.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ كىمدۇ-‏بىرسىنىڭ تۈزىتىشىنى قوبۇ‌ل قىلىشتىن خىجىللىق ھېس قىلمايمىز.‏ شۇ‌نىڭ بىرگە،‏ يە‌ھۋاغا تېخىمۇ يېقىنلىشىمىز،‏ چۈنكى ئۇ بىزنى ئۆزىنىڭ سۆيۈملۈك ئوغلىدە‌ك كۆرىدىغانلىقىنى بىلىمىز.‏—‏ئىبرانىي.‏ 12:‏7‏.‏

8.‏ ياقۇ‌پ 1:‏22—‏25-‏ئايە‌تلە‌ردە ئېيتىلغاندە‌ك،‏ خۇ‌دا سۆزىنى ئە‌ينە‌ك سۈپىتىدە قانداق قوللىنالايمىز؟‏

8 خۇ‌دا سۆزى خۇ‌ددى ئە‌ينە‌ككە ئوخشاش ‏(‏ياقۇ‌پ 1:‏22—‏25-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ ھە‌ر كۈنى ئە‌تىگە‌ندە،‏ كۆپىنچىمىز ئۆيدىن چىقىشتىن ئاۋۋال ئە‌ينە‌ككە قارايمىز.‏ سە‌ۋە‌بى،‏ بىرسى بىزنى كۆرۈشتىن ئاۋۋال بىز ئە‌ينە‌ككە قاراپ،‏ تاشقى كۆرۈنىشىمىزنى تۈزىتىمىز.‏ بۇ‌نىڭغا ئوخشاش،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ھە‌ر كۈنى ئوقۇ‌غاندا،‏ ئوي-‏پىكىرىمىز بىلە‌ن كۆز قارىشىمىزنى قانداق ئۇ‌سۇ‌لدا ئۆزگە‌رتىشكە بولىدىغانلىقىنى كۆرە‌لە‌يمىز.‏ نۇ‌رغۇ‌نلار ھە‌ر كۈنى ئە‌تىگە‌ندە ئۆيدىن چىقىشتىن ئاۋۋال كۈندىلىك ئايە‌تنى ئوقۇ‌پ چىقىشنىڭ پايدىسىنى كۆرىدۇ.‏ ئۇ‌لار ئوقۇ‌غانلىرىنىڭ ئوي-‏پىكىرىگە تە‌سىر قىلىشىغا يول بېرىدۇ.‏ كېيىن،‏ ئۇ‌لار شۇ كۈنى جە‌ريانىدا،‏ خۇ‌دا سۆزىدىكى نە‌سىھە‌تنى ئە‌مە‌لىي قوللىنىش پۇ‌رسە‌تلىرىنى ئىزدە‌يدۇ.‏ ئۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ بىزدە ھە‌ر كۈنى خۇ‌دا سۆزىنى ئوقۇ‌ش ۋە ئۇ‌لار ئۈستىدىن چوڭقۇ‌ر پىكىر يۈرگۈزۈشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۆگىنىش ئادىتى بولۇ‌شى كېرە‌ك.‏ بۇ ئاددىي كۆرۈنسىمۇ،‏ بىراق بۇ تار يولدا مېڭىشىمىزغا ياردە‌م بېرە‌لە‌يدىغان ئە‌ڭ مۇ‌ھىم نە‌رسىلە‌رنىڭ بىرى.‏

روھىي جە‌ھە‌تتىن يېتىلگە‌ن دوستلارنى تىڭشاڭ

روھىي جە‌ھە‌تتىن يېتىلگە‌ن دوستلار

روھىي جە‌ھە‌تتىن يېتىلگە‌ن دوستلار مېھرىبانلىق بىلە‌ن بىزنى ئاگاھلاندۇ‌رۇ‌شى مۇ‌مكىن.‏ دوستىڭىزنىڭ قورقماي يۈزمۇ-‏يۈز سىزنى تۈزە‌تكىنىگە مىننە‌تدارمۇ‌سىز؟‏ (‏9-‏ئابزاسقا قاراڭ)‏

9.‏ دوستىڭىز سىزنى قاچان تۈزىتىشى مۇ‌مكىن؟‏

9 سىز ئىلگىرى يە‌ھۋا بىلە‌ن بولغان مۇ‌ناسىۋىتىڭىزنى ۋە‌يران قىلىدىغان يولدا مېڭىشقا باشلىغانمۇ؟‏ (‏زە‌بۇ‌ر 73:‏2،‏ 3‏)‏ ئە‌گە‌ر روھىي جە‌ھە‌تتىن يېتىلگە‌ن دوستىڭىز دادىللىق بىلە‌ن سىزنى تۈزە‌تكە‌ندە،‏ ئۇ‌نى تىڭشاپ،‏ بە‌رگە‌ن نە‌سىھىتى بويىچە يول تۇ‌تتىڭىزمۇ؟‏ ئە‌گە‌ر شۇ‌نداق قىلغان بولسىڭىز،‏ توغرا ئىش قىلدىڭىز ھە‌م دوستىڭىزنىڭ بە‌رگە‌ن ئاگاھلاندۇ‌رۇ‌شى ئۈچۈن بە‌ك مىننە‌تدار بولغانسىز.‏—‏پە‌ند.‏ نە 1:‏5‏.‏

10.‏ دوستىڭىز سىزنى تۈزە‌تكە‌ندە،‏ قانداق ئىنكاس قايتۇ‌رۇ‌ش توغرا بولىدۇ؟‏

10 خۇ‌دا سۆزى «دوست سالغان جاراھە‌ت ۋاپادارلىقتىندۇ‌ر،‏ دۈشمە‌ننىڭ سۆيۈشلىرى ھىيلىگە‌رلىكتىندۇ‌ر» دېگە‌ننى ئېسىمىزگە سالىدۇ (‏پە‌ند.‏ نە 27:‏6‏)‏.‏ بۇ نېمىنى بىلدۈرىدۇ؟‏ بىر مىسالنى كۆرۈپ چىقايلى:‏ سىز ماشىنىلارغا تولغان كوچىدىن ئۆتمە‌كچى بولدىڭىز دە‌يلى.‏ تېلېفوندا پاراڭلىشىپ،‏ ئوڭ-‏سولغا قارىمايلا قە‌دە‌م باستىڭىز.‏ شۇ چاغدا،‏ دوستىڭىز قولىڭىزدىن قاتتىق تارتىپ،‏ سىزنى يولنىڭ چېتىگە چىقىرىۋالىدۇ.‏ ئۇ قولىڭىزنى شۇ‌نداق قاتتىق تارتقان بولۇ‌پ،‏ ھە‌تتا قولىڭىزنى يارىلاندۇ‌رۇ‌پ قويىدۇ.‏ ئە‌مما،‏ سىزنى ماشىنا سوقۇ‌ۋېتىشتىن ساقلاپ قالىدۇ.‏ يارىلانغان قولىڭىز نە‌چچە كۈنگىچە ئاغرىسىمۇ،‏ دوستىڭىزنىڭ شۇ‌نداق قىلغىنى ئۈچۈن خاپا بولامسىز؟‏ ئە‌لۋە‌تتە،‏ خاپا بولمايسىز.‏ بە‌لكى ئۇ‌نىڭغا بە‌ك مىننە‌تدار بولىسىز.‏ بۇ‌نىڭغا ئوخشاش،‏ ئە‌گە‌ر دوستىڭىز سىزنىڭ خۇ‌دانىڭ ھە‌ققانىي ئۆلچە‌ملىرىگە ماس گە‌پ-‏سۆز ياكى ئىش-‏ھە‌رىكە‌ت قىلمىغانلىقىڭىزنى ئېيتسا،‏ بېشىدا ئېغىر كېلىشى مۇ‌مكىن.‏ بىراق،‏ ئۇ‌نىڭ نە‌سىھىتىگە رە‌نجىمە‌ڭ.‏ بۇ نادانلىق بولىدۇ (‏ۋە‌ز 7:‏9‏)‏.‏ بۇ‌نىڭ ئورنىغا،‏ دوستىڭىزنىڭ دادىللىق بىلە‌ن شۇ‌نى يۈزىڭىزگە ئېيتقىنىغا مىننە‌تدار بولۇ‌ڭ.‏

11.‏ بە‌زىلە‌ر مېھرىبان دوستلىرىنىڭ نە‌سىھىتىنى نېمە سە‌ۋە‌بتىن رە‌ت قىلىشى مۇ‌مكىن؟‏

11 بە‌زىلە‌ر مېھرىبان دوستلىرىنىڭ نە‌سىھىتىنى نېمە سە‌ۋە‌بتىن رە‌ت قىلىشى مۇ‌مكىن؟‏ تە‌كە‌ببۇ‌رلۇ‌ق سە‌ۋە‌بلىك.‏ تە‌كە‌ببۇ‌ر ئادە‌م «قۇ‌لاقلىرىغا خۇ‌ش ياقىدىغان سۆزلە‌رنى ئاڭلاش»نى ياخشى كۆرىدۇ.‏ ئۇ‌لار «ھە‌قىقە‌تنى ئاڭلىمايدۇ» (‏2-‏تىموت.‏ 4:‏3،‏ 4‏)‏.‏ ئۇ‌لارغا نە‌سىھە‌تنىڭ ھاجىتى يوق،‏ سە‌ۋە‌بى ئۇ‌لار ئۆزىنى باشقىلاردىن ئە‌قىللىقراق ھە‌م مۇ‌ھىمراق دە‌پ ئويلايدۇ.‏ لېكىن،‏ ئە‌لچى پاۋلۇ‌س:‏ «كىشى ھېچنېمە ئە‌مە‌س تۇ‌رۇ‌پ،‏ ئۆزىنى قالتىس بىرى دە‌پ ئويلىسا،‏ ئۆز-‏ئۆزىنى ئالدىغان بولىدۇ»،‏—‏ دېگە‌ن (‏گالاتىيا.‏ 6:‏3‏)‏.‏ سۇ‌لايمان پادىشاھ بۇ‌نى بە‌ك ياخشى چۈشە‌ندۈرگە‌ن:‏ «قېرى،‏ ئاگاھلاندۇ‌رۇ‌شقا قۇ‌لاق سېلىشنى خالىمايدىغان نادان پادىشاھتىن،‏ كە‌مبە‌غە‌ل،‏ ئە‌مما دانا يىگىت ياخشىدۇ‌ر».‏—‏ۋە‌ز 4:‏13‏.‏

12.‏ گالاتىيالىقلار 2:‏11—‏14-‏ئايە‌تلە‌ردە يېزىلغاندە‌ك،‏ ئە‌لچى پېترۇ‌سنىڭ مىسالىدىن نېمىنى ئۆگىنە‌لە‌يمىز؟‏

12 ئە‌لچى پاۋلۇ‌س كۆپچىلىكنىڭ ئالدىدا ئە‌لچى پېترۇ‌سقا نە‌سىھە‌ت بە‌رگە‌ندە،‏ پېترۇ‌سنىڭ قانداق ئىنكاس قايتۇ‌رغانلىقىغا دىققە‌ت قىلىڭ ‏(‏گالاتىيالىقلار 2:‏11—‏14-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ پاۋلۇ‌سنىڭ نە‌سىھە‌ت بېرىش ئۇ‌سۇ‌لى ۋە قە‌يە‌ردە نە‌سىھە‌ت بە‌رگە‌نلىكىگە كۆڭۈل بۆلگە‌ن بولسا،‏ پېترۇ‌س ئۇ‌نىڭدىن خاپا بولغان بولاتتى.‏ ئە‌مما،‏ پېترۇ‌س دانا ئادە‌م بولغان.‏ ئۇ نە‌سىھىتىنى قوبۇ‌ل قىلىپ،‏ پاۋلۇ‌سقا كۆڭلىدە ئاداۋە‌ت ساقلىمىغان.‏ ئە‌كسىنچە،‏ ئۇ كېيىنرە‌ك پاۋلۇ‌سنى «قە‌دىرلىك قېرىندىشىمىز» دېگە‌ن.‏—‏2-‏پېتر.‏ 3:‏15‏.‏

13.‏ نە‌سىھە‌ت بە‌رگە‌ندە،‏ بىز نېمىنى ئە‌ستە تۇ‌تۇ‌شىمىز كېرە‌ك؟‏

13 سىز دوستىڭىزغا بىر نە‌سىھە‌ت بېرىش كېرە‌كلىكىنى ھېس قىلسىڭىز،‏ نېمىنى ئېسىڭىزدە تۇ‌تۇ‌شىڭىز كېرە‌ك؟‏ ئۇ‌نىڭ بىلە‌ن سۆزلىشىشتىن ئاۋۋال ئۆزىڭىزدىن:‏«مە‌ن ‏«ھە‌ددىدىن زىيادە ئادىل» بولۇ‌پ كە‌تتىمۇ؟‏»،‏—‏ دە‌پ سورىسىڭىز بولىدۇ (‏ۋە‌ز 7:‏16‏)‏.‏ ھە‌ددىدىن زىيادە ھە‌ققانىي ئادە‌م يە‌ھۋانىڭ ئۆلچە‌ملىرى بويىچە ئە‌مە‌س،‏ ئۆزىنىڭ ئۆلچە‌ملىرى بويىچە باشقىلارنى ئە‌يىبلە‌يدۇ.‏ بۇ‌نداق ئادە‌م رە‌ھىمسىز بولۇ‌شى مۇ‌مكىن.‏ ئۆز-‏ئۆزىڭىزنى تە‌كشۈرگە‌ندىن كېيىن،‏ يە‌نىلا دوستىڭىز بىلە‌ن سۆزلىشىش كېرە‌كلىكىنى كۆرسىڭىز،‏ دوستىڭىزغا ئۆز خاتالىقىنى چۈشىنىشىگە ياردە‌م بېرىشى ئۈچۈن مە‌سىلىنى ئايدىڭلاشتۇ‌رىدىغان كۆز قاراشنى ئوتتۇ‌رغا قويىدىغان سوئاللاردىن پايدىلىنىپ،‏ ئۇ‌نىڭ خاتالىقىنى كۆرۈپ يېتىشكە ياردە‌م بېرىڭ.‏ دوستىڭىز سىزنىڭ ئالدىڭىزدا ئە‌مە‌س،‏ يە‌ھۋانىڭ ئالدىدا جاۋابكار ئىكە‌نلىكىنى ئە‌ستە تۇ‌تۇ‌پ،‏ سۆزلىرىڭىزنىڭ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابقا ئاساسلانغانلىقىغا كۆز يە‌تكۈزۈڭ (‏رىملىقلار 14:‏10‏)‏.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنىڭ دانالىقىغا تايىنىڭ ۋە بىرسىگە نە‌سىھە‌ت بە‌رگە‌ندە،‏ ئە‌يسانىڭ ھە‌مدە‌رتلىكىدىن ئۈلگە ئېلىڭ (‏پە‌ند.‏ نە 3:‏5؛‏ مە‌تتا 12:‏20‏)‏.‏ نېمە ئۈچۈن؟‏ چۈنكى،‏ بىز باشقىلارغا قانداق مۇ‌ئامىلە قىلىدىغان بولساق،‏ يە‌ھۋا بىزگىمۇ شۇ‌نداق مۇ‌ئامىلە قىلىدۇ.‏—‏ياقۇ‌پ 2:‏13‏.‏

يە‌ھۋانىڭ تە‌شكىلاتى بە‌رگە‌ن كۆرسە‌تمىلە‌رگە ئە‌مە‌ل قىلىڭ

يە‌ھۋانىڭ تە‌شكىلاتى

يە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ تە‌شكىلاتى مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى نە‌سىھە‌تكە ئە‌مە‌ل قىلىشقا ياردە‌م بېرىدىغان فىلىملە‌ر،‏ ماتېرىياللار ۋە جامائە‌ت يىغىلىشلىرى بىلە‌ن تە‌مىنلە‌يدۇ.‏ بە‌زى ۋاقىتلاردا،‏ يېتە‌كچى كېڭە‌ش ۋە‌ز ئىشى توغرۇ‌لۇ‌ق چىقارغان قارارلىرىنى تە‌كشۈرۈپ تۇ‌رىدۇ (‏14-‏ئابزاسقا قاراڭ)‏

14.‏ يە‌ھۋانىڭ تە‌شكىلاتى بىزنى نېمىلە‌ر بىلە‌ن تە‌مىنلە‌يدۇ؟‏

14 يە‌ھۋا تە‌شكىلاتىنىڭ يە‌ردىكى قىسمى ئارقىلىق بىزنى ھايات يولىدا يېتە‌كلە‌يدۇ.‏ بۇ تە‌شكىلات مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى نە‌سىھە‌تكە ئە‌مە‌ل قىلىشقا ياردە‌م بېرىدىغان فىلىملە‌ر،‏ كىتاب-‏ماتېرىياللار ۋە جامائە‌ت يىغىلىشلىرى بىلە‌ن تە‌مىنلە‌يدۇ.‏ بۇ‌لار ئىشە‌نچىلىك ۋە مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلارغا ئاساسلانغان.‏ يېتە‌كچى كېڭە‌ش ۋە‌ز قىلىش ئىشىنى قانداق ياخشى ئورۇ‌نلاش ھە‌ققىدە قارار چىقىرىشتا مۇ‌قە‌ددە‌س روھقا تايىنىدۇ.‏ بۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ يېتە‌كچى كېڭە‌ش ۋە‌ز ئىشىغا مۇ‌ناسىۋە‌تلىك چىقارغان قارارلىرىنى دائىم تە‌كشۈرۈپ تۇ‌رىدۇ.‏ چۈنكى،‏ «بۇ دۇ‌نيانىڭ سە‌ھنىسى ئۆزگىرىۋاتىدۇ»،‏ شۇ‌ڭا،‏ خۇ‌دانىڭ تە‌شكىلاتى يېڭى ئۆزگۈرۈشلە‌رگە ماسلىشىپ تۇ‌رۇ‌شى كېرە‌ك.‏—‏1-‏كورىنت.‏ 7:‏31‏.‏

15.‏ بە‌زى ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چىلار قانداق قىيىنچىلىقلارغا دۇ‌چ كە‌لگە‌ن؟‏

15 يە‌ھۋانىڭ تە‌شكىلاتى مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب تە‌لىملىرى ھە‌ققىدە يېڭى چۈشە‌نچە ياكى ئە‌خلاقىي ئۆلچە‌ملە‌رگە ماس ياشاش توغرۇ‌لۇ‌ق كۆرسە‌تمە بە‌رگە‌ندە،‏ بىز ئۇ‌لارنى قوبۇ‌ل قىلىمىز ۋە ئە‌مە‌لىي قوللىنىمىز.‏ خۇ‌دانىڭ تە‌شكىلاتىدىكى ئۆزگۈرۈشلە‌ر ھاياتىمىزنىڭ ھە‌ر بىر ساھە‌سىگە تە‌سىر قىلغاندا قانداق ئىنكاس قايتۇ‌رىمىز؟‏ مە‌سىلە‌ن،‏ بۇ يېقىنقى بىر نە‌چچە يىللاردا،‏ ئىبادە‌ت زاللىرىنى سېلىش ۋە ئۇ‌لارنى ئاسراپ ساقلاش خىراجىتى تېز ئۆسۈۋاتىدۇ.‏ شۇ‌ڭا،‏ يېتە‌كچى كېڭە‌ش ئىبادە‌ت زاللىرىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش ھە‌ققىدە كۆرسە‌تمە بە‌رگە‌ن.‏ نە‌تىجىدە،‏ بە‌زى جامائە‌تلە‌ر قوشۇ‌لۇ‌پ بىرلىشىپ،‏ بە‌زى جايلاردىكى ئىبادە‌ت زاللىرى سېتىلغان.‏ توپلانغان پۇ‌للار ئىبادە‌ت زاللىرىغا بە‌كرە‌ك مۇ‌ھتاج بولغان جايلارغا ئىشلىتىلمە‌كتە.‏ ئە‌گە‌ر ئىبادە‌ت زاللىرى سېتىلىۋاتقان ۋە جامائە‌تلە‌ر بىرلە‌شتۈرۈلگە‌ن رايوندا ياشىسىڭىز،‏ سىزگە يېڭى شارائىتقا ماسلىشىش قىيىن بولۇ‌شى مۇ‌مكىن.‏ سە‌ۋە‌بى،‏ بە‌زى ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چىلارغا ئە‌مدى جامائە‌ت يىغىلىشىغا بېرىش ئۈچۈن ئۇ‌زاقراق يول مېڭىشقا توغرا كېلىدۇ.‏ ئىبادە‌ت زاللىرى قۇ‌رۇ‌لۇ‌شىغا ۋە ئۇ‌لارنى ئاسراپ ساقلاشقا قاتنىشىپ،‏ تە‌ر تۆككە‌نلە‌ر بولسا،‏ نېمە ئۈچۈن بۇ ھازىر سېتىلىۋاتىدۇ دە‌پ ھە‌يران قېلىۋاتىدۇ.‏ ئۇ‌لارنىڭ چىقارغان ۋاقتى ھە‌م كۈچى بىكارغا كە‌تتى دە‌پ قارىشى مۇ‌مكىن.‏ شۇ‌نداقتىمۇ،‏ ئۇ‌لار يېڭى كۆرسە‌تمىلە‌رگە بويسۇ‌نىدۇ،‏ شۇ‌ڭا ئۇ‌لار ماختاشقا لايىق.‏

16.‏ كولوسىلىقلار 3:‏23،‏ 24-‏ئايە‌تتىكى نە‌سىھە‌تنى قوللىنىش خۇ‌شاللىقنى ساقلاپ قېلىشقا قانداق ياردە‌م بېرىدۇ؟‏

16 يە‌ھۋا ئۈچۈن خىزمە‌ت قىلىۋاتقانلىقىمىزنى ۋە تە‌شكىلاتىنى ئۆزى باشقۇ‌رۇ‌ۋاتقانلىقىنى ئېسىمىزدە تۇ‌تساق،‏ خۇ‌شاللىقىمىزنى يوقىتىپ قويمايمىز ‏(‏كولوسىلىقلار 3:‏23،‏ 24-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏‏.‏ داۋۇ‌ت پادىشاھ ئىبادە‌تخانىنىڭ قۇ‌رۇ‌لۇ‌شى ئۈچۈن پۇ‌ل-‏مېلىنى ھە‌دىيە قىلىشتا،‏ ياخشى بىر ئۈلگە كۆرسە‌تكە‌ن.‏ ئۇ:‏ «مە‌ن كىم ئىدىم،‏ خە‌لقىم كىم ئىدى.‏ قانداقمۇ ئۆز كۈچىمىز بىلە‌ن ساڭا ئىختىيارى ھە‌دىيە‌لە‌رنى كە‌لتۈرە‌لە‌يمىز؟‏ ئە‌سلى ھە‌ممە نە‌رسە سە‌ندىن كە‌لگە‌ن.‏ بىز سېنىڭ قولۇ‌ڭدىن ئالغان نە‌رسىنى ئۆزۈڭگە قايتۇ‌رۇ‌ۋاتىمىز».‏—‏ دېگە‌نىدى (‏1-‏تارىخ.‏ 29:‏14‏)‏.‏ بىز يە‌ھۋادىن ئالغان نە‌رسىنى ئۇ‌نىڭغا قايتۇ‌رۇ‌پ بېرىمىز.‏ بۇ‌نىڭغا قارىماستىن،‏ يە‌ھۋانىڭ ۋە‌ز ئىشىنى قىلىشقا ۋاقتىمىز،‏ كۈچىمىز ۋە پۇ‌لىمىزنى چىقارغاندا،‏ بىز ئۇ‌نى بە‌ك خۇ‌شال قىلىمىز.‏—‏2-‏كورىنت.‏ 9:‏7‏.‏

تار يولدا مېڭىڭ

17.‏ بە‌زىدە قە‌دە‌ملىرىڭىزنى تۈزىتىشكە توغرا كېلىدىغان بولسىمۇ،‏ نېمە ئۈچۈن روھىڭىزنى چۈشۈرمە‌سلىكىڭىز كېرە‌ك؟‏

17 ھاياتلىققا يېتە‌كلە‌يدىغان تار يولدا مېڭىش ئۈچۈن ئە‌يسانىڭ ئىزى بىلە‌ن توپ-‏توغرا مېڭىش كېرە‌ك (‏1-‏پېتر.‏ 2:‏21‏)‏.‏ ئە‌گە‌ر بە‌زى قە‌دە‌ملىرىڭىزنى تۈزىتىشكە توغرا كېلىدىغانلىقىنى بايقىسىڭىز،‏ روھىڭىزنى چۈشۈرمە‌ڭ.‏ ئۆزگۈرۈشلە‌رنى قىلىش كېرە‌كلىكىنى ئېتىراپ قىلسىڭىز،‏ يە‌ھۋانىڭ كۆرسە‌تمىلىرىگە ئە‌مە‌ل قىلىشنى خالايدىغانلىقىڭىزنى كۆرسىتىسىز.‏ ياراتقۇ‌چىمىز يە‌ھۋا بىزنىڭ نامۇ‌كە‌ممە‌ل ئىكە‌نلىكىمىزنى ياخشى بىلىدۇ،‏ شۇ‌ڭا ئۇ بىزدىن مۇ‌كە‌ممە‌ل تۈردە ئە‌يسادىن ئۈلگە ئېلىشىمىزنى كۈتمە‌يدۇ.‏

18.‏ مە‌قسىتىمىزگە يېتىپ بېرىش ئۈچۈن نېمە قىلىشىمىز كېرە‌ك؟‏

18 كېلە‌چە‌ككە كۆز تىكىپ،‏ ئوي-‏پىكىرىمىز،‏ كۆز قارىشىمىز ۋە ئىش-‏ھە‌رىكە‌تلىرىمىزنى ئۆزگە‌رتىشكە تە‌ييار بولايلى (‏پە‌ند.‏ نە 4:‏25؛‏ لۇ‌قا 9:‏62‏)‏.‏ داۋاملىق كە‌متە‌رلىكنى ساقلاپ،‏ شاد-‏خۇ‌رام بولايلى ۋە ئوي-‏پىكىرلىرىمىزنى توغرىلاپ تۇ‌رايلى (‏2-‏كورىنت.‏ 13:‏11‏)‏.‏ شۇ چاغدىلا،‏ «سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت ۋە تىنچلىقنىڭ خۇ‌داسى» بىز بىلە‌ن بولىدۇ.‏ ئۇ بىزگە خۇ‌شال بولۇ‌شقا ياردە‌م قىلىدۇ ۋە يېڭى دۇ‌نيادىكى مە‌ڭگۈ ھاياتلىقنى بېرىدۇ.‏

29-‏ناخشا ساداقە‌تمە‌نلىكنى ساقلاپ يۈرۈش

a بە‌زىلىرىمىز ئۈچۈن ئوي-‏پىكىر،‏ كۆز قاراش ۋە ئىش-‏ھە‌رىكە‌تلىرىمىزنى ئۆزگە‌رتىش قىيىن بولۇ‌شى مۇ‌مكىن.‏ بۇ ماقالە،‏ نېمە ئۈچۈن بىز ھە‌ممىمىز ئۆزگۈرۈشىمىز كېرە‌كلىكىنى ۋە بۇ‌نى قىلغاندا،‏ داۋاملىق خۇ‌شاللىقنى ساقلاش ئۈچۈن قانداق قىلالايدىغانلىقىمىزنى چۈشە‌ندۈرۈپ بېرىدۇ.‏

b سۈرە‌تتە:‏ ياش بۇ‌رادە‌ر ناتوغرا قارار چىقارغاندا،‏ نېمە بولغانلىقى ھە‌ققىدە ئېيتىپ بېرىۋاتقاندا،‏ يېشى چوڭ بۇ‌رادە‌ر (‏ئوڭدا)‏ ئۇ‌نى دىققە‌ت قويۇ‌پ تىڭشاپ،‏ ئۇ‌نىڭغا قانداقتۇ بىر نە‌سىھە‌ت بېرىش كېرە‌كلىكىنى ئېنىقلاۋاتىدۇ.‏