مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

تە‌رجىمىھال

‏«يە‌ھۋا خۇ‌دا مېنى ئۇ‌نتۇ‌پ قالمىدى»‏

‏«يە‌ھۋا خۇ‌دا مېنى ئۇ‌نتۇ‌پ قالمىدى»‏

مە‌ن جە‌نۇ‌بىي ئامېرىكدىكى گايانا دۆلىتىنىڭ ئاھالىسى تە‌خمىنە‌ن 2000چە كىشى بولغان ئورېئاللا يېزىسىدا ياشاۋاتىمە‌ن.‏ بۇ يېزا بە‌كمۇ چە‌ت بىر جايدا.‏ ئۇ‌نىڭغا پە‌قە‌ت كىچىك ئايروپلان ياكى كېمە بىلە‌نلا يېتىپ بارالايسىز.‏

مە‌ن 1983-‏يىلى توغۇ‌لغان.‏ ھاياتىمنىڭ دە‌سلە‌پكى يىللىرى،‏ بالىلىق چېغىم باشقا بالىلارغا ئوخشاش ياخشى بولغان ئىدى.‏ لېكىن،‏ ئون ياشقا كىرگە‌ندە پۈتۈن تېنىمدە قاتتىق ئاغرىقلارنى ھېس قىلىشقا باشلىدىم.‏ تە‌خمىنە‌ن ئىككى يىلدىن كېيىن،‏ بىر كۈنى ئە‌تىگە‌ندە ئويغانغىنىمدا،‏ مە‌ن مىدىرلىيالماي قالدىم.‏ قانچىلىك تىرىشساممۇ،‏ پۇ‌تلۇ‌رۇ‌مدا ماغدۇ‌رىم بولمىدى.‏ شۇ كۈندىن باشلاپ،‏ مە‌ن ماڭالمىدىم.‏ مېنىڭ كېسىلىم بويۇ‌منىڭ ئۆسۈشىگە توسالغۇ بولدى.‏ مېنىڭ بويۇ‌م ئۆسمە‌ي،‏ شۇ پېتىچە قالدى.‏

ئىككى يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىسى كېلىشتىن ئاۋۋال،‏ مە‌ن بىر نە‌چچە ئاي ئاغرىپ،‏ ئۆيدىن چىقالمايۋاتاتتىم.‏ ئادە‌تتە بىرە‌ر كىشى كە‌لگە‌ندە مە‌ن ئۆزۈمنى يوشۇ‌رۇ‌شقا تىرىشاتتىم.‏ لېكىن،‏ شۇ كۈنى كە‌لگە‌ن گۇ‌ۋاھچىلارنىڭ بىرى بىلە‌ن پاراڭلاشتىم.‏ ئۇ‌لار جە‌ننە‌ت توغرۇ‌لۇ‌ق سۆزلىگە‌ندە،‏ مە‌ن بە‌ش ياش ۋاقتىمدا ئاڭلىغانلىرىم ئېسىمگە چۈشتى.‏ شۇ ۋاقىتتا،‏ سۇ‌رىنامدا ياتئە‌ل خە‌لقى ئارىسىدا ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چى [مىسسىئونېر] بولۇ‌پ خىزمە‌ت قىلغان جېترو ئايدا بىر قېتىم يېزىمىزغا كېلە‌تتى ۋە مېنىڭ دادام بىلە‌ن مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ئۆگىنىشنى ئۆتكۈزە‌تتى.‏ جېترو ماڭا مېھرىبانلارچە مۇ‌ئامىلە قىلاتتى.‏ مە‌ن ئۇ‌نى ياخشى كۆرە‌تتىم.‏ ئۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ بوۋام بىلە‌ن مومام يېزىمىزدا ئۆتكۈزۈلگە‌ن يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرىنىڭ بە‌زى جامائە‌ت يىغىلىشلىرىغا مېنى ئۆزلىرى بىلە‌ن ئېلىپ باراتتى.‏ ئاشۇ ئىككى گۇ‌ۋاھچىنىڭ بىرى فلورېنس مېنىڭدىن كۆپرە‌ك بىلىم ئېلىشنى خالامسە‌ن،‏ دە‌پ سورىغاندا،‏ مە‌ن ئۇ‌نىڭغا «ھە‌ئە» دېدىم.‏

فلورېنس يولدىشى جە‌ستە‌س بىلە‌ن قايتا كېلىپ،‏ مېنىڭ بىلە‌ن مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ئۆگىنىشنى باشلىدى.‏ خە‌ت تونۇ‌مايدىغانلىقىمنى بايقىغاندا،‏ ئۇ‌لار ئوقۇ‌شنى ئۆگىنىشىمگە ياردە‌م بە‌ردى.‏ بىر مە‌زگىلدىن كېيىن،‏ مە‌ن ئۆزۈم ئوقۇ‌شنى باشلىدىم.‏ بىر كۈنى شۇ ئە‌ر-‏ئايال ماڭا ئۇ‌لارنىڭ سۇ‌رېنامدا خىزمە‌ت قىلىشقا تە‌يىنلە‌نگە‌نلىكىنى ئېيتتى.‏ بە‌كمۇ ئە‌پسۇ‌س،‏ ئورېئاللادا داۋاملىق مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ئۆگىتىدىغان بىرمۇ ئادە‌م يوق ئىدى.‏ لېكىن،‏ بە‌ختكە يارىشا،‏ يە‌ھۋا مېنى ئۇ‌نتۇ‌پ قالمىغان.‏

ئۇ‌زۇ‌ن ئۆتمە‌ي،‏ فىلويد ئىسمىلىك پىدائىي ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چى ئورېئاللاغا كۆچۈپ كە‌لدى.‏ ئۇ ۋە‌ز قىلغاندا مېنى ئۇ‌چراشتۇ‌ردى.‏ ئۇ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ئۆگىنىشى توغرىسىدا ئېيتقاندا،‏ مە‌ن كۈلۈمسىرىدىم.‏ ئۇ:‏ «نېمىشقا كۈلۈمسىرە‌يسىز؟‏»—‏ دە‌پ سورىدى.‏ مە‌ن ئۇ‌نىڭغا «خۇ‌دا بىزدىن نېمە تە‌لە‌پ قىلىدۇ؟‏»،‏ دېگە‌ن كىتابچىنى پۈتتۈرگە‌نلىكىمىنى ۋە ئە‌مدى «مە‌ڭگۈلۈك ھاياتقا يېتە‌كلە‌يدىغان بىلىم»‏ a‏،‏ دېگە‌ن كىتابنى ئۆگىنىشنى باشلىغانلىقىمنى ئېيتتىم.‏ ئۆگىنىش نېمە ئۈچۈن توختاپ قالغانلىقىنى چۈشە‌ندۈردۈم.‏ فىلويد «بىلىم»،‏ دېگە‌ن كىتابنىڭ قالغان قىسمىنى مېنىڭ بىلە‌ن ئۆگىنىشنى ئۆتكۈزە‌تتى.‏ ئە‌مما،‏ كېيىن ئۇ‌مۇ باشقا يە‌رگە تە‌يىنلە‌ندى.‏ مە‌ن يە‌نە مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ئوقۇ‌تقۇ‌چىسىز قالدىم.‏

لېكىن،‏ 2004-‏يىلى ئىككى مە‌خسۇ‌س پىدائىي ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چى يە‌شۇ‌ئا ۋە گرانۋىل ئورېئاللادا خىزمە‌ت قىلىشقا تە‌يىنلە‌نگە‌ن.‏ ئۇ‌لار ۋە‌ز قىلغاندا مېنى ئۇ‌چراشتۇ‌ردى.‏ ئۇ‌لار مېنىڭدىن مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى:‏ «ئۆگە‌نگىڭ بارمۇ؟‏»—‏ دە‌پ سورىغاندا،‏ مە‌ن كۈلۈمسىرىدىم.‏ مە‌ن ئۇ‌لاردىن «بىلىم»،‏ دېگە‌ن كىتابتىن باشلاپ ئۆگىنىشنى سورىدىم.‏ مە‌ن ئۇ‌لارنىڭ ئىلگىرىكى ئوقۇ‌تقۇ‌چىلار ئۆگە‌تكە‌نگە ئوخشاش نە‌رسىلە‌رنى ئۆگىتدىغان-‏ئۆگە‌تمە‌يدىغانلىقىنى كۆرۈپ باقماقچى بولدۇ‌م.‏ گرانۋىل ماڭا يېزىدا جامائە‌ت يىغىلىشلىرى ئۆتكۈزىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.‏ ئون يىلغا يېقىن مە‌ن ئۆيدىن چىقالمىغان بولساممۇ،‏ شۇ يىغىلىشلارغا بېرىشنى خالىدىم.‏ شۇ‌ڭا،‏ گرانۋىل مېنى چاقلىق ئورۇ‌ندۇ‌ققا ئولتۇ‌رغۇ‌زۇ‌پ ئىبادە‌ت زالىغا ئېلىپ باردى.‏

ۋاقىت ئۆتۈپ،‏ گرانۋىل مېنى ۋە‌ز ئېيتقىلارنى تە‌ربىيلە‌ش مە‌كتىپىگە قاتنىشىشقا دە‌ۋە‌ت قىلدى.‏ ئۇ ماڭا:‏ «سىز ھە‌رىكە‌ت قىلالمىغان بىلە‌ن،‏ لېكىن سۆزلىيە‌لە‌يسىز.‏ بىر كۈنى سىز نۇ‌تۇ‌ق ئېيتىسىز.‏ بۇ چوقۇ‌م بولىدۇ»‏‏،‏—‏ دېدى.‏ ئۇ‌نىڭ ئىلھام بېرىدىغان سۆزلىرى ئۆزۈمگە ئىشە‌نچ قىلىشىمغا ياردە‌م بە‌ردى.‏

مە‌ن گرانۋىل بىلە‌ن ۋە‌ز قىلىشنى باشلىدىم.‏ ئە‌مما،‏ بۇ يېزىدىكى پاتقاقچىلىق يوللار چاقلىق ئورۇ‌نداق ئۈچۈن بە‌كمۇ ئوڭغۇ‌ل-‏دوڭغۇ‌ل ئىدى.‏ شۇ‌ڭا،‏ مە‌ن گرانۋىلدىن مېنى بىر چاقلىق قول ھارۋىسىغا ئولتۇ‌رغۇ‌زۇ‌پ ئىشتىرىشنى سورىدىم.‏ بۇ ئىش ياخشى بولدى.‏ 2005-‏يىلى،‏ ئاپرېل ئېيىدا مە‌ن چۆمدۈرۈلۈشتىن ئۆتتۈم.‏ ئۇ‌زاق ئۆتمە‌ي،‏ بۇ‌رادە‌رلە‌ر مېنى كىتاب-‏ماتېرىياللار ۋە ئىبادە‌ت زالىدىكى ئاۋاز كۈچە‌يتىش ئاپپاراتىغا مە‌سئۇ‌ل بولۇ‌شنى ئۆگە‌تتى.‏

كېيىن،‏ بە‌كمۇ ئېچىنارلىق يېرى،‏ 2007-‏يىلى مېنىڭ دادام كېمىدىن چۈشۈپ كېتىپ،‏ كېمە ماتورىنىڭ پېقىرغۇ‌چىسى يارلاندۇ‌رۇ‌پ،‏ بىرنە‌چچە كۈندىن كېيىن ئۆلۈپ كە‌تتى.‏ ئائىلىمىز قاتتىق قايغۇ‌ردى.‏ گرانۋىل بۇ‌رادە‌ر بىز بىلە‌ن دۇ‌ئا قىلىپ،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىن تە‌سە‌للى بېرىدىغان ئۈزۈندىلە‌رنى ئوقۇ‌پ بە‌ردى.‏ ئىككى يىلدىن كېيىن،‏ بىز يە‌نە بىر شۇ‌م خە‌ۋە‌رنى ئاڭلىدۇ‌ق.‏ گرانۋىلنىڭ كېمىسى كە‌چقۇ‌رۇ‌ن ئۆرۈلۈپ چۆكۈپ كە‌تكە‌ن ۋە ئىككى كۈندىن كېيىن ئۇ‌نىڭ جە‌سىتى تېپىلغان ئىدى.‏

بىزنىڭ كىچىك،‏ قايغۇ‌لۇ‌ق جامائىتىمىزدە بىرمۇ ئاقساقال ياكى خىزمە‌ت ياردە‌مچىسى قالمىدى.‏ گرانۋىل بۇ‌رادە‌رنىڭ ئۆلۈمى بىزگە قاتتىق زە‌بە بولدى.‏ ئۇ مېنىڭ جان دوستىم ئىدى.‏ ئۇ مېنىڭ روھىي ۋە جىسمانىي جە‌ھە‌تتىن ئېھتىياجلىرىمغا چىن كۆڭلىدىن غە‌مخورلۇ‌ق قىلغان.‏ ئۇ‌نىڭ ئۆلۈمىدىن كۆپ ئۆتمە‌ي،‏ ماڭا «كۈزىتىش مۇ‌نارى» تە‌تقىق ماقالىسىنى ئوقۇ‌ش تاپشۇ‌رۇ‌لغان ئىدى.‏ مە‌ن بىرنە‌چچە ئابزاسلارنى ئوقۇ‌غاندىن كېيىن،‏ مېنى قاتتىق يىغا تۇ‌تۇ‌پ،‏ كۆز يېشىم تارام-‏تارام ئاقتى.‏ شۇ‌ڭا،‏ ماڭا سە‌ھنىدىن چۈشۈپ كېتىشىمگە توغرا كە‌لدى.‏

باشقا جامائە‌تتىن بۇ‌رادە‌رلە‌ر ئورېئاللاغا بىزگە ياردە‌م بېرىش ئۈچۈن كە‌لگە‌ندە،‏ مە‌ن ئۆزۈمنى ياخشىراق ھېس قىلىشقا باشلىدىم.‏ ئۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ بە‌يتە‌ل كوجو ئىسىملىك مە‌خسۇ‌س پىدائىي ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چىنى ئە‌ۋە‌تتى.‏ ئاپام بىلە‌ن ئىنىم مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ئۆگىنىشنى باشلىدى ۋە چۆمدۈرۈلۈشتىن ئۆتتى،‏ بۇ مېنى بە‌كمۇ خۇ‌شال قىلدى.‏ كېيىن،‏ مە‌ن 2015-‏يىلى مارت ئېيىدا خىزمە‌ت ياردە‌مچىسى بولۇ‌پ تە‌يىنلە‌ندىم.‏ ئۇ‌زۇ‌ن ئۆتمە‌ي،‏ مە‌ن بىرىنچى نۇ‌تۇ‌قنى ئېيتتىم.‏ شۇ كۈنى گرانۋىلنىڭ نۇ‌رغۇ‌ن يىل بۇ‌رۇ‌ن،‏ ماڭا:‏ «بىر كۈنى سىز نۇ‌تۇ‌ق ئېيتىسىز.‏ بۇ چوقۇ‌م بولىدۇ»،‏‏—‏ دېگە‌ن سۆزلىرىنى كۈلۈمسىرە‌پ ۋە يىغلاپ ئېسىمگە ئالدىم.‏

JW ئىنتېرنېت تېلېۋىزىيىسى ئارقىلىق،‏ ماڭا ئوخشاش ئە‌ھۋالغا دۇ‌چ كە‌لگە‌ن باشقا قېرىنداشلىرىم ھە‌ققىدە بىلدىم.‏ لېكىن،‏ ئۇ‌لار پالە‌چ بولۇ‌پ چە‌كلە‌نگە‌ن ئىمكانىيە‌تلىرىگە قارىماستىن،‏ ئە‌ھمىيە‌تلىك ۋە خۇ‌شال ھايات كە‌چۈرىدۇ.‏ مە‌نمۇ يە‌نە بە‌زى ئىشلارنى قىلالايمە‌ن.‏ يە‌ھۋاغا بار كۈچىمنى چىقىرىپ خىزمە‌ت قىلىش ئىستىكىم،‏ مېنى پىدائىي ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چى بولۇ‌شقا دە‌ۋە‌ت قىلدى.‏ 2019-‏يىلى سېنتە‌بىردە ئاجايىپ بىر خۇ‌ش خە‌ۋە‌رنى ئاڭلىدىم!‏ شۇ ئايدا،‏ 40 قېرىنداش بار جامائىتىمىزدە،‏ مە‌ن ئاقساقال بولۇ‌پ تە‌يىنلە‌نگە‌نلىكىمنى بىلدىم.‏

مېنىڭ بىلە‌ن ئوقۇ‌پ،‏ ۋە‌ز خىزمىتىمگە قاتنىشىشىمغا ياردە‌م بە‌رگە‌ن قە‌دىرلىك قېرىنداشلىرىم ئۈچۈن رە‌ھمە‌ت ئېيتىمە‌ن.‏ ئە‌ڭ مۇ‌ھىمى،‏ يە‌ھۋانىڭ مېنى ئۇ‌نتۇ‌پ قالمىغانلىقى ئۈچۈن بە‌كمۇ مىننە‌تدارمە‌ن.‏

a يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرى نە‌شىر قىلىغان كىتاب،‏ بىراق ھازىر نە‌شىر قىلىنمايدۇ.‏