مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

50-‏تە‌تقىق ماقالىسى

‏«ئۆلگە‌نلە‌ر قانداق تىرىلىدۇ؟‏»‏

‏«ئۆلگە‌نلە‌ر قانداق تىرىلىدۇ؟‏»‏

‏«ئە‌ي ئۆلۈم،‏ سېنىڭ غە‌لىبە‌ڭ قېنى؟‏ ئە‌ي ئۆلۈم،‏ سېنىڭ نە‌شتىرىڭ قېنى؟‏»‏‏—‏1-‏كورىنت.‏ 15:‏55‏.‏

1-‏ناخشا يە‌ھۋانىڭ ئېسىل پە‌زىلە‌تلىرى

بۇ ماقالىدە a

1،‏ 2.‏ نېمە ئۈچۈن ئە‌يسانىڭ ئە‌گە‌شكۈچىلىرىنىڭ ھە‌ممىسى ئاسماندا ياشاش ئۈچۈن تىرىلىش ھە‌ققىدە ئۆگىنىشى كېرە‌ك؟‏

 يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرىنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ يە‌ردە مە‌ڭگۈ ياشاش ئۈمىدى بار.‏ مە‌سىھ قىلىنغان ئېتىقادچىلارنىڭ يە‌ردىكى قالدۇ‌قلىرى ئاسماندا ياشاشقا ئۈمىد باغلايدۇ.‏ بۇ مە‌سىھ قىلىنغانلار ئۆزلىرىنىڭ ئاسماندىكى ھاياتى قانداق بولىدىغانلىقىنى بىلىشنى بە‌كمۇ قىزىقىدۇ.‏ يە‌ردە ياشاش ئۈمىدى بارلارمۇ بۇ‌نىڭغا قىزىقىدۇ.‏ بۇ ماقالىدىن،‏ ئاسماندىكى ھاياتقا تىرىلىش يە‌ردە مە‌ڭگۈ ياشاش ئۈمىدى بارلارغا بە‌رىكە‌تلە‌رنى ئە‌كېلىدىغانلىقىنى بىلىمىز.‏ شۇ‌ڭا،‏ ئاسماندا ياكى يە‌ردە ياشاش ئۈمىدىمىز بولۇ‌شىدىن قە‌تئىينە‌زە‌ر،‏ بىز ئاسماندىكى تىرىلىشكە قىزىقىشىمىز كېرە‌ك.‏

2 خۇ‌دا بىرىنچى ئە‌سىردە،‏ ئە‌يسانىڭ بە‌زى شاگىرتلىرىنى ئاسماندا ياشاش ئۈمىدى ھە‌ققىدە يېزىشقا روھلاندۇ‌رغان.‏ ئە‌لچى يۇ‌ھاننا مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «بىز ئە‌مدى خۇ‌دانىڭ پە‌رزە‌نتلىرىمىز،‏ لېكىن كېلە‌چە‌كتە قانداق بولىدىغانلىقىمىز تېخى ئېنىق ئە‌مە‌س.‏ ئە‌مما،‏ ئۇ ئۆزى ئاشكارا بولغاندا،‏ بىزمۇ ئۇ‌نىڭغا ئوخشاش بولىدىغانلىقىمىزنى بىلىمىز.‏ چۈنكى،‏ بىز ئۇ‌نى ئۆز قىياپىتىدە كۆرىمىز» (‏1-‏يۇ‌ھاننا 3:‏2‏)‏.‏ شۇ‌ڭا،‏ مە‌سىھ قىلىنغانلار ئاسمانغا روھىي تە‌ندە كۆتۈرۈلگە‌ندە،‏ ئۇ‌لارنىڭ تېنى قانداق بولىدىغانلىقىنى بىلمە‌يدۇ.‏ لېكىن،‏ ئۇ‌لار مۇ‌كاپاتقا ئېرىشىپ،‏ يە‌ھۋا خۇ‌دانى ئۆز كۆزلىرى بىلە‌ن كۆرىدۇ.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ئاسماندا ياشاش ئۈچۈن تىرىلىش توغرىسىدا تە‌پسىلىي چۈشە‌ندۈرۈپ بە‌رمە‌يدۇ،‏ بىراق ئە‌لچى پاۋلۇ‌س بۇ ھە‌ققىدە بە‌زى مە‌لۇ‌ماتلارنى ئايان قىلغان.‏ ئە‌يسا مە‌سىھ «بارلىق ھۆكۈمە‌تلە‌ر،‏ ھوقۇ‌قدارلار ۋە كۈچلە‌رنى يوق قىلىپ»،‏ مە‌سىھ قىلىنغانلار ئۇ‌نىڭ بىلە‌ن بىرگە بولىدۇ.‏ شۇ‌نداقلا،‏ ئۇ‌لار «ئە‌ڭ ئاخىرقى دۈشمە‌ن ئۆلۈمنى يوق» قىلىدۇ.‏ ئاخىرىدا،‏ ئە‌يسا بىلە‌ن مە‌سىھ قىلىنغانلار ئۆزلىرىنى ھە‌م باشقا بارلىق نە‌رسىلە‌رنى يە‌ھۋاغا تىز پۈكتۈرىدۇ (‏1-‏كورىنت.‏ 15:‏24—‏28‏)‏.‏ شۇ چاغدا قە‌لبىمىزنىڭ قانچىلىك ھاياجانغا تولىدىغانلىقىنى تە‌سە‌ۋۋۇ‌ر قىلىپ كۆرۈڭە!‏ b

3.‏ 1-‏كورىنتلىقلار 15:‏30—‏32-‏ئايە‌تلە‌ردە يېزىلغاندە‌ك،‏ پاۋلۇ‌سنىڭ تىرىلىشكە بولغان ئىشە‌نچىسى ئۇ‌نىڭ نېمە قىلىشىغا ياردە‌م بە‌رگە‌ن؟‏

3 پاۋلۇ‌سنىڭ تىرىلىشكە بولغان ئىشە‌نچىسى ھە‌رخىل قىيىنچىلىقلارغا بە‌رداشلىق بېرىشكە ياردە‌م بە‌رگە‌ن ‏(‏1-‏كورىنتلىقلار 15:‏30—‏32‏)‏.‏ ئۇ كورىنتلىقلارغا ھە‌ر كۈنى ئۆلۈم خە‌تىرىدە تۇ‌رۇ‌ۋاتقانلىقىنى ئېيتقان.‏ يە‌نە ئۇ ئە‌فە‌ستە ھايۋانلار بىلە‌ن جە‌ڭ قىلىغانلىقىنى ئېيتقان.‏ بە‌لكىم،‏ ئۇ ئە‌فە‌ستىكى مە‌يداندا ئۆزىنىڭ ياۋايى ھايۋاناتلار بىلە‌ن چېلىشقانلىقىنى ئېيتقان (‏2-‏كورىنت.‏ 1:‏8؛‏ 4:‏10؛‏ 11:‏23‏)‏.‏ يە بولمىسا،‏ ئۇ ياۋايى ھايۋاناتلارغا ئوخشاش دۈشمە‌نلىك قىلىدىغان يە‌ھۇ‌دىيلار ياكى باشقا ئادە‌ملە‌ر ھە‌ققىدە ئېيتقان بولۇ‌شى مۇ‌مكىن (‏ئە‌لچى.‏ 19:‏26—‏34؛‏ 1-‏كورىنت.‏ 16:‏9‏)‏.‏ مە‌يلى قانداق بولسۇ‌ن،‏ پاۋلۇ‌س خە‌ۋپ-‏خە‌تە‌رلە‌رگە دۇ‌چ كېلىشىگە قارىماستىن،‏ كېلە‌چە‌ككە ئىجابىي كۆز-‏قاراشتا بولغان.‏—‏2-‏كورىنت.‏ 4:‏16—‏18‏.‏

پائالىيىتىمىز چە‌كلە‌نگە‌ن دۆلە‌تتە ياشايدىغان بىر ئائىلە كىشىلىرى ئالدىدا ئۆزلىرىنى كۈتۈۋاتقان خۇ‌دانىڭ بە‌رىكە‌تلىرىگە قە‌تئىي ئىشىنىدۇ (‏4-‏ئابزاسىغا قاراڭ)‏

4.‏ تىرىلىشكە بولغان ئۈمىدىمىز بىزنى قانداق مۇ‌ستە‌ھكە‌ملە‌يدۇ؟‏ (‏مۇ‌قاۋىدىكى رە‌سىمگە قاراڭ)‏

4 بىز بۈگۈن خە‌تە‌رلىك ۋاقىتتا ياشاۋاتىمىز.‏ بە‌زى قېرىنداشلىرىمىز جىنايە‌تچىلە‌رنىڭ قۇ‌ربانى بولۇ‌پ قالغان.‏ يە‌نە بە‌زىلە‌ر بولسا،‏ ئۇ‌رۇ‌شلار بولۇ‌ۋاتقان يە‌ردە ياشاپ،‏ بىخە‌تە‌رلىكنى ھېس قىلمايدۇ.‏ يە‌نە باشقىلىرى بولسا،‏ بىزنىڭ پائالىيىتىمىز چە‌كلە‌نگە‌ن ياكى مە‌نئىي قىلىنغان دۆلە‌تلە‌ردە ھاياتىغا ۋە ئە‌ركىنلىكىگە تە‌ۋە‌ككۈل قىلىپ،‏ يە‌ھۋاغا خىزمە‌ت قىلىدۇ.‏ بۇ قېرىنداشلارنىڭ ھە‌ممىسى يە‌ھۋاغا ئىبادە‌ت قىلىش ئۈچۈن بار كۈچىنى چىقىرىپ،‏ بىزگە ئۈلگە قالدۇ‌رىدۇ.‏ ئۇ‌لار ھازىر ھاياتىدىن ئايرىلىپ قالسىمۇ،‏ يە‌ھۋا ئۇ‌لارنى كېلە‌چە‌كتە تېخىمۇ ياخشى نە‌رسىلە‌رگە ئېرىشتۈرىدىغانلىقىنى بىلىدۇ.‏

5.‏ قانداق ناتوغرا كۆز قاراش تىرىلىشكە بولغان ئىشە‌نچىمىزنى ئاجىزلاشتۇ‌رالايدۇ؟‏

5 ئە‌لچى پاۋلۇ‌س قېرىنداشلارنى،‏ بە‌زىلە‌رنىڭ «ئە‌گە‌ر ئۆلگە‌نلە‌ر تىرىلمىسە،‏ ئۇ‌نداقتا «كېلىڭلار،‏ يە‌پ-‏ئىچە‌يلى،‏ بە‌رىبىر ئە‌تە ئۆلۈپ كېتىمىز» دە‌يدىغان ناتوغرا كۆز قارىشىدىن ئاگاھلاندۇ‌رغان.‏ كىشىلە‌ر يە‌شايا پە‌يغە‌مبە‌رنىڭ ۋاقتىدىن باشلاپ ئاللىقاچان شۇ‌نداق كۆز قاراشتا بولۇ‌پ كە‌لگە‌ن.‏ بە‌لكىم،‏ پاۋلۇ‌س ئىسرائىللارنىڭ كۆز قارىشى ھە‌ققىدە يېزىلغان يە‌شايا 22:‏13-‏ئايە‌تنى نە‌قىل كە‌لتۈرگە‌ن.‏ ئۇ‌لار يە‌ھۋاغا يېقىنلىشىشنىڭ ئورنىغا،‏ شاد-‏خۇ‌رام تۇ‌رمۇ‌ش كە‌چۈرۈشكە كۆز تىككە‌ن.‏ دېمە‌ك،‏ ئىسرائىللارنىڭ «بۈگۈن ھاياتتىن ھۇ‌زۇ‌ر ئالايلى،‏ ئە‌تە ئۆلىمىز»،‏ دېگە‌ن كۆز قارىشى بۈگۈن كۈندىمۇ كە‌ڭ تارقالغان.‏ مە‌يلى قانداق بولمىسۇ‌ن،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا ئىسرائىللارنىڭ بۇ ناتوغرا كۆز قارىشى يامان ئاقىۋە‌ت ئېلىپ كە‌لگە‌نلىكى ھە‌ققىدە يېزىلغان.‏—‏2-‏تارىخ.‏ 36:‏15—‏20‏.‏

6.‏ تىرىلىشكە بولغان ئۈمىدىمىز دوستلارنى تاللاشقا قانداق تە‌سىر قىلىشى كېرە‌ك؟‏

6 ئېنىقكى،‏ يە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ ئۆلگە‌نلە‌رنى تىرىلدۈرە‌لە‌يدىغانلىقىنى بىلىش بىزنىڭ دوست تاللىشىمىزغا تە‌سىر قىلىشى لازىم.‏ كورىنتتىكى قېرىنداشلار تىرىلىشنى رە‌ت قىلغانلار بىلە‌ن ئارىلىشىشتىن پە‌خە‌س بولۇ‌شى كېرە‌ك ئىدى.‏ بۇ بىز ئۈچۈن ساۋاق:‏ ئە‌گە‌ر كېلە‌چە‌كتە نېمە بولىدىغانلىقى ھە‌ققىدە ئويلىمايدىغانلار ۋە پە‌قە‌ت كۆڭۈل ئېچىشقا قىزىقىدىغانلار بىلە‌ن قويۇ‌ق ئارىلاشساق،‏ ئۇ‌لار بىزگە يامان تە‌سىر قىلىدۇ.‏ بۇ‌نداق كىشىلە‌ر بىلە‌ن ئارىلىشىش كۆز قارىشىمىز ۋە ياخشى ئادە‌تلىرىمىزنى بۇ‌زالايدۇ.‏ شۇ‌نداق ئادە‌ملە‌ر بىزنى،‏ ھە‌تتا خۇ‌دا ئۆچ كۆرىدىغان نە‌رسىلە‌رنى قىلىشقا باشلاپ كېتىشى مۇ‌مكىن.‏ شۇ‌ڭا،‏ پاۋلۇ‌س:‏ «ئە‌قىل-‏ھوشۇ‌ڭلارنى تېپىپ،‏ توغرا ئىش قىلىڭلار ۋە گۇ‌ناھتىن قول ئۈزۈڭلار»،‏—‏ دە‌پ قاتتىق ئاگاھلاندۇ‌رغان.‏—‏1-‏كورىنت.‏ 15:‏33،‏ 34‏.‏

تىرىلگە‌ن ئادە‌منىڭ تېنى قانداق بولىدۇ؟‏

7.‏ 1-‏كورىنتلىقلار 15:‏35—‏38-‏ئايە‌تلە‌ردە يېزىلغاندە‌ك،‏ تىرىلىش ھە‌ققىدە بە‌زى ئادە‌ملە‌ر قانداق سوئال قويىدۇ؟‏

7 1-‏كورىنتلىقلار 15:‏35—‏38-‏نى ئوقۇ‌ڭ.‏ «تىرىلىش يوق» دە‌پ گۇ‌مان قىلغان ئادە‌ملە‌ر ئادە‌تتە مۇ‌نداق سورىشى مۇ‌مكىن:‏ «ئۆلگە‌نلە‌ر قانداق تىرىلىدۇ؟‏» پاۋلۇ‌سنىڭ جاۋابى ھە‌ققىدە پۇ‌ختا ئويلىنىشىمىز كېرە‌ك،‏ چۈنكى بۈگۈن كۆپلىگە‌ن ئادە‌ملە‌رنىڭ ھاياتقا ۋە ئۆلۈمگە بولغان كۆز قارىشى ھە‌رتۈرلۈك.‏ لېكىن،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب نېمىنى ئۆگىتىدۇ؟‏

پاۋلۇ‌س ئۆسۈملۈك ئۇ‌رۇ‌قى ياكى بۇ‌غداينىڭ دېنى توغرىسىدىكى مىسال ئارقىلىق خۇ‌دانىڭ تىرىلگە‌نلە‌رگە لايىق تە‌ن بېرە‌لە‌يدىغانلىقىنى كۆرسە‌تكە‌ن (‏8-‏ئابزاسقا قاراڭ)‏

8.‏ ئاسماندىكى ھاياتقا تىرىلىشنى چۈشىنىشىمىزگە نېمە ياردە‌م بېرە‌لە‌يدۇ؟‏

8 بىرسى ئۆلگە‌ندە ئۇ‌نىڭ تېنى چىرىپ كېتىدۇ.‏ كائىناتنى يوقلۇ‌قتىن بارلىققا كە‌لتۈرگە‌ن ياراتقۇ‌چى خۇ‌دا ئىنساننىمۇ تىرىلدۈرۈپ،‏ ئۇ‌نىڭغا لايىق تە‌ننى بېرە‌لە‌يدۇ (‏يارىت.‏ 1:‏1؛‏ 2:‏7‏)‏.‏ خۇ‌دانىڭ ئادە‌منى ئۇ‌نىڭ ئۆلۈمىدىن ئاۋۋال بولغان تېنى بىلە‌ن تىرىلدۈرۈشىنىڭ ھاجىتى يوقلىقىنى پاۋلۇ‌س بىر مىسال بىلە‌ن چۈشە‌ندۈرگە‌ن.‏ ئۆسۈملۈك ئۇ‌رۇ‌قى ياكى بۇ‌غداي دېنى ھە‌ققىدە ئويلاپ باقايلى.‏ ئۇ‌رۇ‌قنى يە‌رگە تېرىغاندا،‏ ئۇ ئۈنۈپ يېڭى ئۆسۈملۈككە ئايلىنىدۇ.‏ ئۆسۈملۈك ئۇ‌ششاق ئۇ‌رۇ‌قلاردىن بە‌ك كۆپ پە‌رقلىنىدۇ.‏ ئە‌لچى پاۋلۇ‌س بۇ سېلىشتۇ‌رۇ‌ش ئارقىلىق ياراتقۇ‌چىمىزنىڭ ئۆزى خالىغان تە‌ننى بېرە‌لە‌يدىغانلىقىنى كۆرسە‌تكە‌ن.‏

9.‏ 1-‏كورىنتلىقلار 15:‏39—‏41-‏ئايە‌تلە‌ردە‏،‏ تە‌نلە‌رنىڭ ھە‌ر خىل بولىدىغانلىقى ھە‌ققىدە نېمە يېزىلغان؟‏

9 1-‏كورىنتلىقلار 15:‏39—‏41-‏نى ئوقۇ‌ڭ.‏ پاۋلۇ‌س خۇ‌دانىڭ ھە‌ممە تە‌ن ئىگىلىرىنى بىر خىل قىلىپ ياراتمىغانلىقىنى تىلغا ئالغان.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ كالىلار،‏ قۇ‌شلار ۋە بېلىقلارنىڭ تېنى ھە‌ر خىل.‏ ئۇ يە‌نە ئاسماندىكى قۇ‌ياش بىلە‌ن ئاينىڭ ئارىسىدىكى پە‌رقنى كۆرىمىز ۋە «بىر يۇ‌لتۇ‌ز بىلە‌ن يە‌نە بىر يۇ‌لتۇ‌زنىڭ شان-‏شە‌رىپى بىر-‏بىرىدىن پە‌رقلىق» دېگە‌ن.‏ بۇ پە‌رقنى ئۆز كۆزۈمىز بىلە‌ن كۆرە‌لمىسە‌كمۇ،‏ ئالىملارنىڭ ئېيتىشىچە،‏ چوڭ،‏ كىچىك،‏ قىزىل،‏ ئاق ۋە سېرىق بىر-‏بىرىگە ئوخشىمايدىغان يۇ‌لتۇ‌زلار بار.‏ شۇ‌نداقلا پاۋلۇ‌س:‏ «ئاسمان جىسىملىرى ۋە يە‌ر جىسىملىرى بار»،‏—‏ دە‌پ ئېيتقان.‏ ئۇ نېمە دېمە‌كچى بولغان؟‏ يە‌ردە جىسمانىي تە‌نلە‌ر،‏ ئە‌مما ئاسماندا پە‌رىشتىلە‌رگە ئوخشاش روھىي تە‌نلە‌ر بارلىقى ھە‌ققىدە دېمە‌كچى بولغان.‏

10.‏ ئاسماندىكى ھاياتقا تىرىلگە‌نلە‌رنىڭ تېنى قانداق بولىدۇ؟‏

10 پاۋلۇ‌سنىڭ كېيىنكى سۆزلىرىگە دىققە‌ت قىلىڭ:‏ «ئۆلۈكلە‌رنىڭ تىرىلدۈرۈلىشىمۇ بۇ‌نىڭغا ئوخشايدۇ.‏ چىرىيدىغان ھالە‌تتە ئۇ‌رۇ‌ق تېرىلىدۇ،‏ چىرىمە‌يدىغان ھالە‌تتە تىرىلىدۇ».‏ ئە‌لۋە‌تتە،‏ ئادە‌م ئۆلگە‌ندىن كېيىن،‏ تېنى چىرىپ،‏ توپىغا ئايلىنىدۇ (‏يارىت.‏ 3:‏19‏)‏.‏ ئۇ‌نداقتا،‏ ئۇ قانداق قىلىپ «چىرىمە‌يدىغان ھالە‌تتە تىرىلىدۇ»؟‏ ئىلياس،‏ ئېلىشا ۋە ئە‌يسا ئادە‌ملە‌رنى يە‌ردە تىرىلدۈرگە‌ن.‏ لېكىن،‏ پاۋلۇ‌س بۇ ئايە‌تتە يە‌ردىكى تىرىلىش توغرۇ‌لۇ‌ق ئېيتمىغان.‏ بۇ يە‌ردە پاۋلۇ‌س ئاسماندا ياشاش ئۈچۈن «روھىي» تە‌ندە تىرىلگە‌ن ئادە‌م ھە‌ققىدە ئېيتقان.‏—‏1-‏كورىنت.‏ 15:‏42—‏44‏.‏

11،‏ 12.‏ ئە‌يسا تىرىلگە‌ندە ئۇ‌نىڭدا قانداق ئۆزگۈرۈشلە‌ر بولغان ۋە مە‌سىھ قىلىنغانلار قانداق ئوخشاش نە‌رسىلە‌رنى باشتىن كە‌چۈرىدۇ؟‏

11 ئە‌يسا يە‌ردە بولغاندا،‏ ئۇ‌نىڭ جىسمانىي تېنى بولغان.‏ بىراق،‏ ئۇ تىرىلگە‌ندە،‏ «ھاياتلىق بېرىدىغان روھ» بولۇ‌پ ئاسمانغا قايتقان.‏ شۇ‌نىڭغا ئوخشاش،‏ مە‌سىھ قىلىنغانلارمۇ روھىي تە‌ندە ياشاش ئۈچۈن تىرىلىدۇ.‏ پاۋلۇ‌س مۇ‌نداق چۈشە‌ندۈرگە‌نىدى:‏ «ھازىر تۇ‌پراقتىن يارىتىلغان ئادە‌مگە قانداق ئوخشاش بولساق،‏ كېلە‌چە‌كتە ئاسماندىكى بىرىگە شۇ‌نداق ئوخشاش بولىمىز».‏—‏1-‏كورىنت.‏ 15:‏45—‏49‏.‏

12 پاۋلۇ‌سنىڭ تىرىلىش توغرىسىدىكى مۇ‌ھاكىمىسىنىڭ ئە‌ڭ مۇ‌ھىم نۇ‌قتىسىغا كە‌لدۇ‌ق.‏ ئە‌ڭ مۇ‌ھىمى،‏ ئە‌يسا ئىنسان تېنىدە تىرىلمىگە‌ن.‏ پاۋلۇ‌س بۇ‌نى ئېنىق چۈشە‌ندۈرگە‌ن:‏ «گۆش ۋە قان خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقىغا مىراسلىق قىلالمايدۇ» (‏1-‏كورىنت.‏ 15:‏50‏)‏.‏ ئە‌لچى ۋە باشقا مە‌سىھ قىلىنغانلار چىرىيدىغان گۆش ھە‌م قاندىن ئىبارە‌ت بولغان تە‌ندە ئاسماندا ياشاش ئۈچۈن تىرىلمە‌يدۇ.‏ ئۇ‌لار قاچان تىرىلىدۇ؟‏ پاۋلۇ‌س بۇ تىرىلىش كېلە‌چە‌كتە بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان.‏ ئۇ‌لار ئۆلگە‌ندىن كېيىن دە‌رھال تىرىلمىگە‌ن.‏ پاۋلۇ‌س كورىنتلىقلارغا 1-‏خە‌تنى يازغاندا،‏ بە‌زى شاگىرتلار مە‌سىلە‌ن،‏ ئە‌لچى ياقۇ‌پ «ئۆلۈم ئۇ‌يقۇ‌سىدا» بولۇ‌پ قالغان (‏ئە‌لچى.‏ 12:‏1،‏ 2‏)‏.‏ باشقا ئە‌لچىلە‌ر ۋە باشقا مە‌سىھ قىلىنغانلارمۇ تېخى «ئۆلۈم ئۇ‌يقۇ‌سىدا» بولمىغان.‏—‏1-‏كورىنت.‏ 15:‏6‏.‏

ئۆلۈم ئۈستىدىن غە‌لىبە

13.‏ مە‌سىھنىڭ ھازىر بولۇ‌ش ۋاقتىدا نېمە بولىدۇ؟‏

13 ئە‌يسا ۋە پاۋلۇ‌س تارىختىكى ئالاھىدە بىر ۋاقىت،‏ يە‌نى مە‌سىھنىڭ ھازىر بولۇ‌شى توغرۇ‌لۇ‌ق پە‌يغە‌مبە‌رلىك سۆزى ئېيتقان.‏ بۇ ھازىر بولۇ‌ش جە‌ريانىدا ئۇ‌رۇ‌شلار،‏ يە‌ر تە‌ۋرە‌شلە‌ر،‏ يۇ‌قۇ‌ملۇ‌ق كېسە‌للىكلە‌ر ۋە باشقا يامان ئىش-‏ۋە‌قە‌لە‌ر يۈز بېرىدۇ.‏ بىز بۇ پە‌يغە‌مبە‌رلىك سۆزلە‌رنىڭ 1914-‏يىلىدىن باشلاپ ئە‌مە‌لگە ئاشقانلىقىنى كۆرۈۋاتىمىز.‏ بۇ بېشارە‌تنىڭ يە‌نە مۇ‌ھىم بىر قىسىمى كېلە‌چە‌كتە ئورۇ‌نلىنىشى كېرە‌ك.‏ ئە‌يسا پادىشاھلىق ھە‌ققىدىكى خۇ‌ش خە‌ۋە‌ر «بارچە مىللە‌تلە‌رگە يە‌تكۈزۈلۈشى ئۈچۈن پۈتۈن دۇ‌نيادا ۋە‌ز قىلىنىدۇ ۋە ئاندىن كېيىن ئاخىرى كېلىدۇ» دە‌پ ئېيتقان (‏مە‌تتا 24:‏3،‏ 7—‏14‏)‏.‏ پاۋلۇ‌س مە‌سىھنىڭ ھازىر بولۇ‌ش ۋاقتىدا،‏ «ئۆلۈم ئۇ‌يقۇ‌سىدا» بولغان مە‌سىھ قىلىنغانلارنىڭ تىرىلىشىنىڭ ۋاقتىمۇ بولىدىغانلىقى ھە‌ققىدە ئېيتقان.‏—‏1-‏سالونىكا.‏ 4:‏14—‏16؛‏ 1-‏كورىنت.‏ 15:‏23‏.‏

14.‏ مە‌سىھنىڭ ھازىر بولۇ‌ش ۋاقتىدا ئۆلۈپ كە‌تكە‌ن مە‌سىھ قىلىنغانلارغا نېمە بولىدۇ؟‏

14 بۈگۈن يە‌ردىكى ھاياتنى ئاخىرلاشتۇ‌رغان مە‌سىھ قىلىنغان ئېتىقادچىلار دە‌رھاللا ئاسماندىكى ھاياتقا تىرىلىدۇ.‏ بۇ‌نى پاۋلۇ‌سنىڭ،‏ 1-‏كورىنتلىقلار 15:‏51،‏ 52-‏ئايە‌تلە‌ردىكى سۆزلىرى تە‌ستىقلايدۇ:‏ «بىز ھە‌ممىمىز ئۆلۈم ئۇ‌يقۇ‌سىدا بولمايمىز،‏ بىراق ھە‌ممىمىز ئۆزگە‌رتىلىمىز.‏ بۇ ئە‌ڭ ئاخىرقى كاناي چېلىنغاندا،‏ كۆزنى يۇ‌مۇ‌پ ئاچقۇ‌چە بىر دە‌مدە يۈز بېرىدۇ».‏ بۇ سۆزلە‌ر ھازىرمۇ ئورۇ‌نلانماقتا.‏ ئە‌يسانىڭ قېرىنداشلىرى تىرىلگە‌ندىن كېيىن،‏ خۇ‌شاللىققا چۆمىدۇ.‏ ئۇ‌لار ئە‌يسا بىلە‌ن دائىم بىللە بولىدۇ.‏—‏1-‏سالونىكا.‏ 4:‏17‏.‏

‏«كۆزنى يۇ‌مۇ‌پ ئاچقۇ‌چە» ئۆزگە‌رتىلگە‌نلە‌ر مە‌سىھنىڭ رە‌زىللە‌رنى يوق قىلىشىغا ياردە‌م بېرىدۇ (‏15-‏ئابزاسقا قاراڭ)‏

15.‏ كۆزنى يۇ‌مۇ‌پ ئاچقۇ‌چە ئۆزگە‌رتىلگە‌نلە‌ر نېمە ئىش قىلىدۇ؟‏

15 «كۆزنى يۇ‌مۇ‌پ ئاچقۇ‌چە» ئۆزگە‌رتىلگە‌نلە‌ر ئاسماندا نېمە ئىش قىلىدىغانلىقى مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا يېزىلغان.‏ ئە‌يسا ئۇ‌لارغا مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «كىم غە‌لىبە قىلسا ۋە ئاخىرغىچە مېنىڭ ئە‌مە‌للىرىنى تۇ‌تسا،‏ ئۇ‌نىڭغا خە‌لقلە‌ر ئۈستىدىن ھۆكۈمرانلىق قىلىش ھوقۇ‌قىنى بېرىمە‌ن.‏ مە‌ن ئۇ‌نىڭغا ئاتامدىن ئالغانغا ئوخشاش ھوقۇ‌قنى بېرىمە‌ن.‏ ئۇ تۆمۈر كالتە‌ك بىلە‌ن كىشىلە‌رگە ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ،‏ ئۇ‌لارنى خۇ‌ددى ساپال قاچىلاردە‌ك پارچە-‏پارچە سۇ‌ندۇ‌رۇ‌پ تاشلايدۇ» (‏ۋە‌ھىي.‏ 2:‏26،‏ 27‏)‏.‏ ئۇ‌لار قوشۇ‌ننىڭ سە‌ردارى ئە‌يساغا ئە‌گىشىپ،‏ تۆمۈر كالتە‌ك بىلە‌ن خە‌لقلە‌رنى باشقۇ‌رىدۇ.‏—‏ۋە‌ھىي.‏ 19:‏11—‏15‏.‏

16.‏ نۇ‌رغۇ‌ن ئادە‌ملە‌ر ئۆلۈمنى ئۈستىدىن قانداق غە‌لىبە قازىنىدۇ؟‏

16 ئېنىقكى،‏ مايلانغانلار ئۆلۈمنى يېڭىدۇ (‏1-‏كورىنت.‏ 15:‏54—‏57‏)‏.‏ ئۇ‌لارنىڭ تىرىلىشى ئۇ‌لارغا ئارماگېدون ئۇ‌رۇ‌شىغا قاتنىشىپ،‏ يە‌ردىكى ھە‌ممە رە‌زىللىكنى يوق قىلىشقا ئىمكانىيە‌ت يارىتىدۇ.‏ مىليونلىغان ئە‌ر ۋە ئاياللار بولسا،‏ دە‌ھشە‌تلىك چوڭ بالايىئاپە‌تتىن ئامان قېلىپ يېڭى دۇ‌نيادا ياشايدۇ (‏ۋە‌ھىي.‏ 7:‏14‏)‏.‏ يە‌ردە ئامان قالغانلار ئۆلۈمنىڭ ئۈستىدىن يە‌نە بىر غە‌لىبە قىلىنغانلىقىنى،‏ يە‌نى مىلياردلىغان ئۆلۈكلە‌رنىڭ تىرىلىشىنى ئۆز كۆزى بىلە‌ن كۆرە‌لە‌يدۇ.‏ بۇ‌نىڭ ھە‌ممىسى يۈز بە‌رگە‌ندە،‏ قانچىلىك شاد-‏خۇ‌راملىققا چۆمىدىغانلىقىمىزنى تە‌سە‌ۋۋۇ‌ر قىلىپ كۆرۈڭە!‏ (‏ئە‌لچى.‏ 24:‏15‏)‏.‏ يە‌ھۋاغا ئاخىرغىچە سادىق بولۇ‌پ قالغانلار ئادە‌م-‏ئاتىدىن مىراس ئالغان ئۆلۈم ئۈستىدىن ھە‌م غە‌لىبە قازىنىدۇ.‏ ئۇ‌لار مە‌ڭگۈ ياشىيالايدۇ.‏

17.‏ 1-‏كورىنتلىقلار 15:‏58-‏ئايە‌ت‏،‏ بىزنى نېمە قىلىشقا دە‌ۋە‌ت قىلىدۇ؟‏

17 بۈگۈنكى كۈندە ياشاۋاتقان ھە‌ر بىر ئە‌يسانىڭ ئە‌گە‌شكۈچىسى پاۋلۇ‌سنىڭ كورىنتلىقلارغا يازغان تىرىلىش ھە‌ققىدىكى ئىلھام بېرىدىغان سۆزلىرىگە مىننە‌تدار بولۇ‌شى كېرە‌ك.‏ پاۋلۇ‌س قولىمىزدىن كېلىشىچە «رە‌بنىڭ ئىشى بىلە‌ن» مە‌شغۇ‌ل بولۇ‌ش توغرۇ‌لۇ‌ق نە‌سىھە‌ت بە‌رگە‌ن.‏ بۇ نە‌سىھە‌تكە قۇ‌لاق سېلىشىمىزغا نۇ‌رغۇ‌ن سە‌ۋە‌بلە‌ر بار ‏(‏1-‏كورىنتلىقلار 15:‏58-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ ئە‌گە‌ر بىز بۇ ئىشنى سادىق ۋە قىزغىن قىلساق،‏ كېلە‌چە‌كتىكى شاد-‏خۇ‌رام تۇ‌رمۇ‌شقا ئېرىشىشكە ئۈمىد باغلىيالايمىز.‏ كېلە‌چە‌كتىكى ھاياتىمىزنىڭ قانچىلىك مە‌نىلىك بولىدىغانلىقىنى ھازىر تە‌سە‌ۋۋۇ‌ر قىلالمايمىز.‏ بۇ ھايات خۇ‌دا ئۈچۈن قىلغان ئە‌مگىكىمىز بىكار بولمىغانلىقىنى دە‌لىللە‌يدۇ.‏

55-‏ناخشا سادىقلار كۆرە‌ر مە‌ڭگۈلۈك ھاياتنى

a1-‏كورىنتلىقلار 15-‏بابنىڭ ئىككىنچى قىسمىدا تىرىلىش،‏ بولۇ‌پمۇ مايلانغانلارنىڭ تىرىلىشى ھە‌ققىدە تە‌پسىلاتلار بار.‏ ئە‌مما،‏ ئە‌لچى پاۋلۇ‌سنىڭ يازغانلىرى باشقا قويلار ئۈچۈنمۇ مۇ‌ھىم.‏ بۇ ماقالە تىرىلىشكە بولغان ئۈمىدىمىز ھازىرقى ھاياتىمىزغا قانداق تە‌سىر قىلىشى كېرە‌كلىكىنى ۋە كېلە‌چە‌كتە خۇ‌شال-‏خۇ‌رام ھاياتقا ئىگە بولۇ‌شىمىزغا ياردە‌م بېرىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.‏

b بۇ سان ژۇ‌رنالنىڭ «‏ئوقۇ‌رمە‌نلە‌رنىڭ سوئاللىرى‏» دېگە‌ن ماقالىدە،‏ ئە‌لچى پاۋلۇ‌سنىڭ 1-‏كورىنتلىقلار 15:‏29-‏ئايە‌تتىكى سۆزلىرى چۈشە‌ندۈرۈلىدۇ.‏