مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

51-‏تە‌تقىق ماقالىسى

يە‌ھۋا روھى ئېزىلگە‌نلە‌رنى قۇ‌تقۇ‌زىدۇ!‏

يە‌ھۋا روھى ئېزىلگە‌نلە‌رنى قۇ‌تقۇ‌زىدۇ!‏

‏«يە‌ھۋا كۆڭلى سۇ‌نۇ‌قلارغا يېقىندۇ‌ر،‏ روھى ئېزىلگە‌نلە‌رنى قۇ‌تقۇ‌زار».‏‏—‏زە‌بۇ‌ر 34:‏18‏.‏

51-‏ناخشا يېپىش چىڭ يە‌ھۋاغا!‏

بۇ ماقالىدە a

1،‏ 2.‏ بۇ ماقالىدە،‏ نېمىنى كۆرۈپ چىقىمىز؟‏

 بە‌زىدە ھاياتىمىز قىسقا ۋە جاپا-‏مۇ‌شە‌ققە‌تلە‌رگە تولغان دە‌پ ئويلىشىمىز مۇ‌مكىن (‏ئايۇ‌پ 14:‏1‏)‏.‏ شۇ‌ڭا،‏ بە‌زى چاغلاردا ئۈمىدسىزلىنىپ كېتىمىز.‏ يە‌ھۋانىڭ كۆپلىگە‌ن قە‌دىمقى زاماندىكى خىزمە‌تچىلىرى شۇ‌نداق ھېس تۇ‌يغۇ‌دا بولغان،‏ ھە‌تتا بە‌زىلىرى ئۆلۈمىنى تىلىگە‌ن (‏1-‏پادىشاھ.‏ 19:‏2—‏4؛‏ ئايۇ‌پ 3:‏1—‏3،‏ 11؛‏ 7:‏15،‏ 16‏)‏.‏ ئۇ‌لارنىڭ ئىشە‌نچ باغلىغان خۇ‌داسى يە‌ھۋا قايتا-‏قايتا ئۇ‌لارنى بە‌زىلە‌پ،‏ ئىلھام-‏مە‌دە‌تلە‌رنى بە‌رگە‌ن.‏ ئۇ‌لارنىڭ بېشىدىن ئۆتكە‌ن ئىش-‏ۋە‌قە‌لە‌ر بىزگە تە‌سە‌للى بېرىدۇ ۋە كۆپ نە‌رسىلە‌رنى ئۆگىتىدۇ.‏—‏رىملىقلار 15:‏4‏.‏

2 بۇ ماقالىدە،‏ قىيىنچىلىقلارنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈپ،‏ ئۈمىدسىزلىنىپ روھى چۈشكە‌ن يە‌ھۋانىڭ بە‌زى خىزمە‌تچىلىرىنىڭ مىساللىرىنى مۇ‌ھاكىمە قىلىمىز.‏ ئۇ‌لار:‏ ياقۇ‌پنىڭ ئوغلى يۈسۈپ،‏ تۇ‌ل ئايال نائومى ۋە ئۇ‌نىڭ كېلىنى رۇ‌ت،‏ 73-‏زە‌بۇ‌رنى يازغان بىر لاۋىي ۋە ئە‌لچى پېترۇ‌س.‏ يە‌ھۋا ئۇ‌لارغا قانداق كۈچ-‏مە‌دە‌ت بە‌رگە‌ن؟‏ ئۇ‌لارنىڭ ئۈلگىسىدىن بىز شە‌خسە‌ن نېمىنى ئۆگىنە‌لە‌يمىز؟‏ بۇ سوئاللارنىڭ جاۋابى «يە‌ھۋا كۆڭلى سۇ‌نۇ‌قلارغا يېقىندۇ‌ر،‏ روھى ئېزىلگە‌نلە‌رنى قۇ‌تقۇ‌زار» دېگە‌نلە‌رگە ئىشە‌ندۈرىدۇ.‏—‏زە‌بۇ‌ر 34:‏18‏.‏

يۈسۈپ رە‌ھىمسىزلىك ۋە ئادالە‌تسىزلىكنى باشتىن ئۆتكۈزگە‌ن

3،‏ 4.‏ يۈسۈپ ياش ۋاقتىدا قانداق ئە‌ھۋالغا دۇ‌چار بولغان؟‏

3 يۈسۈپ 17 ياشقا كىرگە‌ندە،‏ خۇ‌دادىن كە‌لگە‌ن ئىككى چۈشنى كۆرگە‌ن.‏ بۇ چۈشلە‌ر كۈنلە‌رنىڭ بىرىدە يۈسۈپ ئائىلىسى ئالدىدا ھۆرمە‌تكە سازاۋە‌ر بىر ئادە‌م بولىدىغانلىقىنى كۆرسە‌تكە‌ن (‏يارىت.‏ 37:‏5—‏10‏)‏.‏ بىراق،‏ يۈسۈپ چۈش كۆرگە‌ندىن كېيىن بىراز ۋاقىت ئۆتۈپ،‏ ئۇ‌نىڭ ھاياتى تامامە‌ن ئۆزگە‌رگە‌ن.‏ ئۇ‌نى ئۆچ كۆرگە‌ن ئاكىلىرى ئۇ‌نى سېتىۋېتىپ،‏ ئۇ مىسىرلىق ئە‌مە‌لدار پوتىفارنىڭ قۇ‌لى بولۇ‌پ قالغان (‏يارىت.‏ 37:‏21—‏28‏)‏.‏ يۈسۈپ شۇ‌نچە تىزلا،‏ دادىسىنىڭ ئە‌ڭ سۆيۈملۈك ئوغلىدىن ساختا ئىلاھلارغا ئىبادە‌ت قىلغان مىسىرلىق ئە‌مە‌لدار پوتىفارنىڭ قۇ‌لىغا ئايلانغان.‏—‏يارىت.‏ 39:‏1‏.‏

4 كېيىن ئۇ‌نىڭ ئە‌ھۋالى تېخىمۇ ناچارلاشقان ئىدى.‏ پوتىفارنىڭ ئايالى يۈسۈپنى نومۇ‌سىمغا تە‌گمە‌كچى بولدى،‏ دە‌پ ئە‌يىبلىگە‌ن.‏ پوتىفار ئايالىنىڭ ئە‌يىبلە‌شلىرىنى تە‌كشۈرمە‌ي،‏ يۈسۈپنى زىندانغا تاشلاپ،‏ پۇ‌ت-‏قوللىرىغا زە‌نجىر سېلىپ قويغان (‏يارىت.‏ 39:‏14—‏20؛‏ زە‌بۇ‌ر 105:‏17،‏ 18‏)‏.‏ ياش يۈسۈپ،‏ نومۇ‌سىمغا تە‌گمە‌كچى بولدى،‏ دە‌پ ئە‌يىبلە‌نگە‌نلىكى ۋە بۇ ئىش يە‌ھۋانىڭ ئىسىمىغا داغ كە‌لتۈرە‌لە‌يدىغانلىقى ھە‌ققىدە ئويلىغاندا،‏ ئۇ ئۆزىنى قانداق ھېس قىلغانلىقىنى تە‌سە‌ۋۋۇ‌ر قىلىپ كۆرۈڭ.‏ بۇ چوقۇ‌م يۈسۈپنىڭ چۈشكۈنلۈككە چۈشۈشكە سە‌ۋە‌بى بولغان.‏

5.‏ يۈسۈپ ئۈمىدسىزلىكنى قانداق يە‌ڭگە‌ن؟‏

5 يۈسۈپ قۇ‌ل بولغان،‏ كېيىن زىندانغا تاشلانغاندا،‏ ئۇ ئۆز ۋە‌زىيىتىنى ئۆزگە‌رتىش ئۈچۈن ھېچ نېمە قىلالمىغان.‏ ئە‌مما،‏ ئۇ‌نىڭ كۆڭلىنىڭ ئورنىغا چۈشۈشىگە نېمە ياردە‌م بە‌رگە‌ن؟‏ ئۇ ئە‌مدى قىلالمايدىغان ئىشلارغا ئە‌مە‌س،‏ ئۇ‌نىڭغا تاپشۇ‌رۇ‌لغان ئىشلارنى پۈتۈن ۋۇ‌جۇ‌دى بىلە‌ن ئورۇ‌نلاشقا دىققىتىنى ئاغدۇ‌رغان.‏ ئە‌ڭ ئاۋۋال،‏ يۈسۈپنىڭ ھاياتىدا يە‌ھۋا ئە‌ڭ مۇ‌ھىم شە‌خس بولغان.‏ شۇ‌ڭا،‏ يە‌ھۋا يۈسۈپنىڭ قولى تە‌ككە‌ن بارلىق ئىشلارنى بە‌رىكە‌تلىگە‌ن.‏—‏يارىت.‏ 39:‏21—‏23‏.‏

6.‏ يۈسۈپنىڭ چۈشلىرى ئۇ‌نىڭغا قانداق ئىلھام بە‌رگە‌ن؟‏

6 ئۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ يۈسۈپ ئىلگىرى كۆرگە‌ن بېشارە‌تلىك چۈشلىرى ھە‌ققىدە ئويلانغاندا،‏ ئۇ‌نىڭدىن ئىلھام تاپقان.‏ بۇ چۈشلە‌ر ئۇ‌نىڭ ئۆز ئائىلىسىنى كۆرىدىغانلىقىنى ۋە ئە‌ھۋالىنىڭ ياخشى بولۇ‌پ كېتىدىغانلىقىنى كۆرسە‌تكە‌ن.‏ ھە‌ممە ئىشلار نە‌ق شۇ‌نداق يۈز بە‌رگە‌ن ئىدى.‏ يۈسۈپ 37 ياش ئە‌تراپىدا بولغاندا،‏ ئۇ‌نىڭ بېشارە‌تلىك چۈشلىرى ھە‌يران قالارلىق دە‌رىجىدە ئە‌مە‌لگە ئېشىشقا باشلىغان.‏—‏يارىت.‏ 37:‏7،‏ 9،‏ 10؛‏ 42:‏6،‏ 9‏.‏

7.‏ 1-‏پېترۇ‌س 5:‏10-‏ئايە‌تكە ئاساسە‌ن سىناقلارغا بە‌رداشلىق بېرىشىمىزگە نېمە ياردە‌م بېرىدۇ؟‏

7 بىز ئۈچۈن ساۋاق.‏ يۈسۈپ باشتىن ئۆتكۈزگە‌ن ئىشلار بۇ دۇ‌نيانىڭ رە‌ھىمسىز ئىكە‌نلىكىنى ۋە ئادە‌ملە‌رنىڭ بىزگە ئادالە‌تسىز مۇ‌ئامىلە قىلىدىغانلىقىنى ئېسىمىزگە سالىدۇ.‏ ھە‌تتا،‏ ئېتىقادچى قېرىندىشىمىزمۇ بىزگە ئادالە‌تسىز مۇ‌ئامىلە قىلىشى مۇ‌مكىن.‏ بىراق،‏ يە‌ھۋانى قورام تېشىم ھە‌م نىجاتكارىم دە‌پ قارىساق،‏ چۈشكۈنلۈككە بېرىلمە‌يمىز ۋە ئۇ‌نىڭغا خىزمە‌ت قىلىشىمىزنى توختاتمايمىز (‏زە‌بۇ‌ر 62:‏6،‏ 7؛‏ 1-‏پېتر.‏ 5:‏10-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ ئە‌سكە ئېلىڭ،‏ يە‌ھۋا يۈسۈپكە ئاشۇ بېشارە‌تلىك چۈشنى كۆرسە‌تكە‌ندە،‏ ئۇ 17 ياش ئە‌تراپىدا بولۇ‌شى مۇ‌مكىن.‏ بۇ مىسال يە‌ھۋا ئۆزىنىڭ ياش خىزمە‌تچىلىرىگىمۇ ئىشە‌نچ قىلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.‏ بۈگۈنكى كۈندە يۈسۈپكە ئوخشاش ياشلار كۆپ.‏ ئۇ‌لارنىڭمۇ يۈسۈپكە ئوخشاش يە‌ھۋاغا بولغان ئېتىقادى كۈچلۈك.‏ ئۇ‌لار داۋاملىق خۇ‌داغا ساداقە‌تمە‌ن بولغاچ،‏ ھە‌تتا بە‌زىبىرلىرى ئادالە‌تسىز مۇ‌ئامىلىگە ئۇ‌چراپ تۈرمىگە تاشلانغان.‏—‏زە‌بۇ‌ر 110:‏3‏.‏

كۆپ قايغۇ-‏ھە‌سرە‌تلە‌رنى چە‌ككە‌ن ئىككى ئايال

8.‏ نائومى ۋە رۇ‌تقا نېمە بولغان؟‏

8 قاتتىق ئاچارچىلىق تۈپە‌يلىدىن،‏ نائومى ۋە ئۇ‌نىڭ ئائىلىسى يە‌ھۇ‌دا زېمىنىدىكى ئۆينى تاشلاپ كېتىپ،‏ موئاب زېمىنىدا مۇ‌ساپىر بولۇ‌پ ياشىغان.‏ شۇ يە‌ردە،‏ ئېرى ئە‌لىمە‌لە‌ك ئۆلۈپ كېتىپ،‏ نائومى ئىككى ئوغلى بىلە‌ن قالغان.‏ ۋاقىت ئۆتۈپ ئىككى ئوغلى موئابلىق ئاياللار رۇ‌ت ۋە ئورپا بىلە‌ن توي قىلغان.‏ تە‌خمىنە‌ن ئون يىلدىن كېيىن،‏ نائومىنىڭ ئوغۇ‌للىرى ئە‌ۋلاد قالدۇ‌رماي ئۆلۈپ كە‌تكە‌ن (‏رۇ‌ت 1:‏1—‏5‏)‏.‏ بۇ يالغۇ‌ز قالغان ئۈچ ئايالنىڭ قاتتىق قايغۇ-‏ھە‌سرە‌تلىرىنى تە‌سە‌ۋۋۇ‌ر قىلىڭ.‏ ئە‌لۋە‌تتە،‏ رۇ‌ت ۋە ئورپا قايتىدىن ئۆي-‏ئوچاقلىق بولالايتتى.‏ ئۇ‌نداقتا،‏ ياشانغان نائومىغا كىم غە‌مخورلۇ‌ق قىلىدۇ؟‏ نائومى قاتتىق قايغۇ‌غا پېتىپ،‏ مۇ‌نداق دېگە‌ن:‏ «مېنى نائومى دە‌پ چاقىرماي،‏ مارا دە‌پ چاقىرىڭلار.‏ چۈنكى،‏ ھە‌ممىگە قادىر بولغۇ‌چى ھاياتىمنى ئاچچىق قىلدى».‏ بېشىغا ئېغىر كۈن چۈشكە‌ن نائومى ئۆز يۇ‌رتى بە‌يتلە‌ھە‌مگە قايتىشنى قارار قىلغان،‏ رۇ‌تمۇ ئۇ‌نىڭغا ئە‌گىشىپ ماڭغان.‏—‏رۇ‌ت 1:‏7،‏ 18—‏20‏.‏

خۇ‌دا ئۆز خىزمە‌تچىلىرىنىڭ قايغۇ‌نى ۋە ئۈمىدسىزلىكنى يېڭىشىغا ياردە‌م بېرىدۇ،‏ بۇ‌نى نائومى ۋە رۇ‌ت ئۆز كۆزى بىلە‌ن كۆرگە‌ن.‏ ئۇ سىزگىمۇ شۇ‌نداق ياردە‌م بېرە‌لە‌مدۇ؟‏ر (‏8—‏13-‏ئابزاسلارغا قاراڭ)‏ b

9.‏ رۇ‌ت 1:‏16،‏ 17،‏ 22-‏ئايە‌تلە‌رگە ئاساسە‌ن،‏ رۇ‌ت نائومىغا قانداق يار-‏يۆلە‌ك بولغان؟‏

9 نائومىغا كۆرسىتىلگە‌ن مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت ئۈمىدنى ئۈزمە‌سلىككە ياردە‌م بە‌رگە‌ن.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ رۇ‌ت نائومى بىلە‌ن قېلىپ،‏ ئۇ‌نىڭغا بولغان مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببىتىنى كۆرسە‌تكە‌ن ‏(‏رۇ‌ت 1:‏16،‏ 17،‏ 22-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ بە‌يتلە‌ھە‌مدە رۇ‌ت ئۆزى ۋە نائومى ئۈچۈن ئارپا باشاقلىرىنى يىغىپ جاپالىق ئە‌مگە‌ك قىلغان.‏ نە‌تىجىدە،‏ بۇ ياش ئايال باشقىلارنىڭ ئالدىدا ياخشى نام-‏ئابرويغا ئېرىشكە‌ن.‏—‏رۇ‌ت 3:‏11؛‏ 4:‏15‏.‏

10.‏ يە‌ھۋا رۇ‌ت بىلە‌ن نائومىغا ئوخشاش مۇ‌ھتاجلىقتا قالغانلارغا مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌تنى قانداق كۆرسە‌تكە‌ن؟‏

10 يە‌ھۋا نائومى بىلە‌ن رۇ‌تقا ئوخشاش مۇ‌ھتاجلىقتا قالغانلارنى تە‌مىنلە‌ش ئۈچۈن ئىسرائىللىقلارغا غە‌مخورلۇ‌قنى كۆرسىتىدىغان قانۇ‌ن بە‌رگە‌ن.‏ ئۇ ئۆز خە‌لقىگە كە‌مبە‌غە‌للە‌رنىڭ باشاقلارنى يىغىۋېلىشى ئۈچۈن،‏ ئورما ئورۇ‌غاندا،‏ ئېتىز قىرلىرىدىكى باشاقلارنى قالدۇ‌رۇ‌پ قويۇ‌ش ھە‌ققىدە قانۇ‌ن چۈشۈرگە‌ن (‏لاۋى.‏ 19:‏9،‏ 10‏)‏.‏ شۇ‌ڭا،‏ رۇ‌ت بىلە‌ن نائومى تىلە‌مچىلىك قىلىشقا مە‌جبۇ‌ر بولمىغان.‏ ئۇ‌لار ھالال ئە‌مگە‌ك قىلىپ،‏ ھۆرمە‌تكە سازاۋە‌ر بولغان.‏

11،‏ 12.‏ بوئاز رۇ‌ت بىلە‌ن نائومىنى قانداق بە‌ختلىك قىلغان؟‏

11 رۇ‌ت ئاشلىق يىغقان ئېتىزنىڭ ئىگىسى بوئاز ئىسىملىك بىر باي كىشى ئىدى.‏ بوئاز رۇ‌تنىڭ ئۆز قېينانىسى نائومىغا كۆرسە‌تكە‌ن ۋاپادارلىقى ۋە مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببىتىدىن بە‌ك تە‌سىرلە‌نگە‌ن،‏ شۇ‌ڭا ھە‌تتا ئۇ‌لارنىڭ ئائىلە جە‌مە‌تىنىڭ مىراس يېرىنى قايتۇ‌رۇ‌پ سېتىۋېلىپ،‏ رۇ‌تنى ئاياللىققا ئالغان (‏رۇ‌ت 4:‏9—‏13‏)‏.‏ ئۇ‌لار ئوبىد ئىسىملىك ئوغۇ‌ل پە‌رزە‌نت كۆرگە‌ن،‏ ئۇ داۋۇ‌ت پادىشاھنىڭ بوۋىسى بولغان ئىدى.‏—‏رۇ‌ت 4:‏17‏.‏

12 نائومى كىچىك ئوبىدنى باغرىغا باسقاندا،‏ ئۇ‌نىڭ يە‌ھۋاغا قانچىلىك مىننە‌تدار بولغانلىقىنى كۆز ئالدىڭىزغا كە‌لتۈرۈپ كۆرۈڭ!‏ ئە‌مما،‏ ئە‌ڭ ياخشى خۇ‌ش خە‌ۋە‌ر ئۇ‌لارنى تېخى ئالدىدا كۈتمە‌كتە.‏ ئۇ‌لار تىرىلگە‌ندە،‏ ئوبىد ۋە‌دە قىلىنغان ئە‌يسا مە‌سىھنىڭ ئە‌جدادى بولغانلىقىنى بىلگە‌ندە،‏ قانچىلىك خۇ‌شاللىققا چۆمىدىغانلىقىنى تە‌سە‌ۋۋۇ‌ر قىلىڭ!‏

13.‏ رۇ‌ت بىلە‌ن نائومىنىڭ مىسالىدىن قانداق مۇ‌ھىم ساۋاق ئالالايمىز؟‏

13 بىز ئۈچۈن ساۋاق.‏ سىناقلارنى بېشىمىزدىن ئۆتكۈزگە‌ندە،‏ كۆڭلۈمىز يېرىم بولۇ‌شى،‏ ھە‌تتا ئۈمىدسىزلىنىپ كېتىشىمىز مۇ‌مكىن.‏ بە‌لكىم،‏ قىيىنچىلىقلاردىن بېشىمىزنى كۆتۈرە‌لمە‌ي قالىمىز.‏ شۇ‌نداق ۋاقىتلاردا،‏ ئاسماندىكى ئاتىمىزغا پۈتۈن ۋۇ‌جۇ‌دىمىز بىلە‌ن تايىنىپ،‏ ئېتىقادداشلار بىلە‌ن تېخىمۇ يېقىن مۇ‌ناسىۋە‌تتە بولۇ‌شىمىز مۇ‌ھىم.‏ ئە‌لۋە‌تتە،‏ يە‌ھۋا بىزدە قىيىنچىلىقلار بولمايدۇ،‏ دە‌پ ۋە‌دە بە‌رمىگە‌ن.‏ خۇ‌دا شۇ ۋاقىتتا نائومىغا ئۇ‌نىڭ ئېرى ۋە بالىلىرىنى قايتۇ‌رۇ‌پ بە‌رمىگە‌ن.‏ ئە‌مما،‏ يە‌ھۋا روھىي ئائىلىمىزنىڭ سادىق سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببىتى ئارقىلىق بىزنىڭ قىيىنچىلىقلارغا بە‌رداشلىق بېرىشىمىزگە ياردە‌م بېرە‌لە‌يدۇ.‏—‏پە‌ند.‏ نە 17:‏17‏.‏

خۇ‌دانىڭ يولىدىن چىقىپ كېتىشكە تاسلا قالغان بىر لاۋىي

زە‌بۇ‌ر 73-‏بابنىڭ يازغۇ‌چىسى،‏ يە‌ھۋاغا خىزمە‌ت قىلمىغانلارنىڭ گۈللە‌پ راۋاج تاپقىنىغا قاراپ،‏ خۇ‌دا يولىدىن چىقىپ كېتىشكە تاسلا قالغان (‏14—‏16-‏ئابزاسلارغا قاراڭ)‏

14.‏ نېمە ئۈچۈن بىر لاۋىي چۈشكۈنلۈككە چۈشكە‌ن؟‏

14 زە‌بۇ‌ر 73-‏بابنىڭ يازغۇ‌چىسى لاۋىي ئە‌ۋلادىدىن بولغان بىرى ئىدى.‏ شۇ‌ڭا،‏ ئۇ مە‌ركىزىي ئىبادە‌تخانىدا خىزمە‌ت قىلىشتە‌ك شان-‏شە‌رە‌پلىك ۋە‌زىپىگە ئىگە بولغان.‏ ئە‌مما،‏ ھاياتىدىكى مە‌لۇ‌م بىر پە‌يتتە ئۇ چۈشكۈنلۈككە چۈشكە‌ن ئىدى.‏ نېمە ئۈچۈن؟‏ ئۇ رە‌زىل ۋە ھاكاۋۇ‌رلارنىڭ يامانلىقىغا ئە‌مە‌س،‏ بە‌لكى ئۇ‌لارنىڭ تۇ‌رمۇ‌شى گۈللە‌پ،‏ راۋاج تاپقىنىغا كۆرە‌لمە‌سلىك قىلىشنى باشلىغان (‏زە‌بۇ‌ر 73:‏2—‏9،‏ 11—‏14‏)‏.‏ قارىماققا،‏ ئۇ‌لارنىڭ ھە‌ممە نە‌رسىسى تە‌ل كۆرۈنگە‌ن،‏ ئۇ ئۇ‌لارنىڭ تۇ‌رمۇ‌شىنى باياشات،‏ راھە‌ت-‏پاراغە‌تكە تولغان،‏ غە‌م-‏قايغۇ‌سى يوق دە‌پ ئويلىغان.‏ بۇ‌لارنى كۆرگە‌ن زە‌بۇ‌ر يازغۇ‌چىسى،‏ قاتتىق ئۈمىدسىزلىنىپ،‏ ھە‌تتا ئۇ مۇ‌نداق دېگە‌ن:‏ «دېمە‌ك مە‌ن قە‌لبىمنى بىكاردىن-‏بىكار پاك تۇ‌تۇ‌پتىمە‌ن،‏ بىگۇ‌ناھ تۇ‌رۇ‌پ،‏ بىھۇ‌دە قوللۇ‌رۇ‌منى يۇ‌يۇ‌پ يۈرۈپتىمە‌ن».‏ ئە‌مە‌لىيە‌تتە،‏ ئۇ خۇ‌دا يولىدىن چىقىپ كېتىشكە تاسلا قالغانىدى.‏

15.‏ زە‌بۇ‌ر 73:‏16—‏19،‏ 22—‏25-‏ئايە‌تلە‌رگە ئاساسە‌ن،‏ بىر لاۋىي چۈشكۈنلۈكنى قانداق يە‌ڭگە‌ن؟‏

15 زە‌بۇ‌ر 73:‏16—‏19،‏ 22—‏25-‏نى ئوقۇ‌ڭ.‏ ئۇ لاۋىي «خۇ‌دانىڭ مۇ‌قە‌ددە‌س ئىبادە‌تخانىسىغا» كىرگە‌ن.‏ شۇ يە‌ردە،‏ ئېتىقادداشلىرى ئارىسىدا بولۇ‌پ،‏ تىنچ-‏خاتىرجە‌م ئولتۇ‌رۇ‌پ،‏ ئىخلاس بىلە‌ن دۇ‌ئا قىلىپ،‏ ئۆز ئە‌ھۋالى توغرىسىدا مۇ‌لاھىزە قىلالىغان.‏ نە‌تىجىدە،‏ ئۇ ئۆزىنىڭ ئە‌قىلسىزلىق قىلغانلىقىنى ۋە خۇ‌دادىن ئايرىۋېتىدىغان خە‌تە‌رلىك يولغا كىرىپ كېتىۋاتقانلىقىنى چۈشىنىشكە باشلىغان.‏ ئۇ يە‌نە گۇ‌ناھ قىلغۇ‌چىلارنىڭ تېيىلغاق يە‌ردە تۇ‌رغانلىقىنى ۋە ئۇ‌لارنىڭ يىقىلىپ پارە-‏پارە بولىدىغانلىقىنى كۆرۈپ يە‌تكە‌ن.‏ ئە‌مدى ئۇ‌نىڭ ھە‌سە‌تخورلۇ‌قتىن ۋە چۈشكۈنلۈكتىن قۇ‌تۇ‌لۇ‌شى ئۈچۈن،‏ ئۇ يە‌ھۋا خۇ‌داغا ئوخشاش كۆز قاراشتا بولۇ‌شى كېرە‌ك ئىدى.‏ ئۇ بۇ‌نداق قىلغىنىدا،‏ كۆڭلى قايتا ئورنىغا چۈشۈپ،‏ خۇ‌شاللىق تاپقان.‏ ئۇ مۇ‌نداق دېگە‌ن:‏ «يە‌ر يۈزىدە [يە‌ھۋادىن] باشقا ئىنتىزار بولىدىغان ھېچكىمىم يوق».‏

16.‏ لاۋىينىڭ مىسالىدىن قانداق ساۋاق ئالىمىز؟‏

16 بىز ئۈچۈن ساۋاق.‏ ھېچقاچان رە‌زىل ئادە‌ملە‌رنىڭ گۈللىنىپ راۋاج تاپقاندە‌ك كۆرۈنگە‌ن ھاياتىغا ئىچ تارلىق قىلمايلى.‏ ئۇ‌لارنىڭ مال-‏دۇ‌نياسى ئالدامچى،‏ خۇ‌ددى كۆڭلە‌ڭگىدە‌ك تېزلا ئۆتۈپ كېتىپ،‏ ئۇ‌لار مە‌ڭگۈ ياشىيالمايدۇ (‏ۋە‌ز 8:‏12،‏ 13‏)‏.‏ ئە‌گە‌ر ئۇ‌لارغا ئىچ تارلىق قىلسىڭىز،‏ چۈشكۈنلۈككە بېرىلىپ،‏ روھىي جە‌ھە‌تتىن ئاجىزلىشىپ كېتىسىز.‏ رە‌زىللە‌رنىڭ گۈللە‌نگە‌ندە‌ك كۆرۈنگە‌ن ھاياتىغا ھە‌سە‌ت قىلىۋاتقانلىقىڭىزنى بايقىسىڭىز،‏ شۇ لاۋىي كىشىدە‌ك ئىش تۇ‌تۇ‌ڭ.‏ يە‌ھۋانىڭ مېھرىبانلىق بىلە‌ن بە‌رگە‌ن نە‌سىھىتىگە قۇ‌لاق سېلىڭ ۋە ئۇ‌نىڭ ئىرادىسىنى ئورۇ‌نلاۋاتقان ئادە‌ملە‌ر بىلە‌ن قويۇ‌ق ئارىلىشىڭ.‏ ئە‌گە‌ر يە‌ھۋانى ھە‌ممە نە‌رسىدىن بە‌كرە‌ك ياخشى كۆرسىڭىز،‏ ھە‌قىقىي بە‌ختكە ئېرىشىسىز ھە‌م «ھە‌قىقىي ھايات» يولدىن تېيىلىپ،‏ چىقىپ كە‌تمە‌يسىز.‏—‏1-‏تىموت.‏ 6:‏19‏.‏

پېترۇ‌سنىڭ ئاجىزلىقى ئۇ‌نى ئۈمىدسىزلە‌ندۈرگە‌ن

پېترۇ‌سنىڭ ئۆزىگە كېلىشىگە،‏ خۇ‌داغا خىزمە‌ت قىلىشىغا نېمە ياردە‌م بە‌رگە‌نلىكى توغرۇ‌لۇ‌ق ئويلىغاندا،‏ ئۆزۈمىزگىمۇ ۋە باشقىلارغىمۇ ياردە‌م بېرە‌لە‌يمىزر (‏17—‏19-‏ئابزاسلارغا قاراڭ)‏

17.‏ پېترۇ‌سنىڭ ئۈمىدسىزلىنىشىگە نېمىلە‌ر سە‌ۋە‌بلە‌ر بولغان؟‏

17 ئە‌لچى پېترۇ‌س جانلىق،‏ جۇ‌شقۇ‌ن بىر ئادە‌م بولغان.‏ بىراق،‏ ئۇ بە‌زىدە ھېسسىياتىنى تېز ئىپادىلە‌پ،‏ ئويلانماي سۆز قىلغان ئىدى.‏ نە‌تىجىدە،‏ ئۇ ئېيتقان سۆزلىرىگە ۋە قىلغان ئىشلىرىغا پۇ‌شايمان قىلاتتى.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ ئە‌يسا ئە‌لچىلىرىگە ئازاب تارتىشى ۋە ئۆلتۈرۈلۈشى ھە‌ققىدە ئېيتقاندا،‏ پېترۇ‌س ئۇ‌نى ئە‌يىبلىگە‌ندە‌ك سۆز قىلىپ:‏ «بۇ ئىشلار بېشىڭىزغا ئە‌سلا كە‌لمە‌يدۇ»،‏—‏ دېگە‌ن (‏مە‌تتا 16:‏21—‏23‏)‏.‏ ئە‌يسا پېترۇ‌سنى تۈزە‌تكە‌ن.‏ كېيىن بىر توپ ئادە‌م ئە‌يسانى تۇ‌تۇ‌شقا كە‌لگە‌ندە،‏ پېترۇ‌س ئالدى-‏كە‌ينىنى ئويلىمايلا باش روھانىينىڭ خىزمە‌تكارىنىڭ قۇ‌لىقىنى چېپىۋە‌تكە‌ن (‏يۇ‌ھاننا 18:‏10،‏ 11‏)‏.‏ ئە‌يسا پېترۇ‌سنى يە‌نە تۈزە‌تكە‌ن.‏ پېترۇ‌س ئە‌يساغا،‏ سىزنى باشقا ئە‌لچىلە‌ر تاشلاپ كە‌تسىمۇ،‏ مە‌ن ھە‌رگىزمۇ تاشلاپ كە‌تمە‌يمە‌ن دە‌پ ماختانغان (‏مە‌تتا 26:‏33‏)‏.‏ لېكىن،‏ پېترۇ‌س ئۆزى ئويلىغاندە‌ك كۈچلۈك بولمىغان.‏ دە‌ل شۇ كۈنى كە‌چتە ئۇ قورقۇ‌نچ سە‌ۋە‌بلىك،‏ ئۇ‌ستازى ئە‌يسادىن ئۈچ قېتىم تېنىپ كە‌تكە‌ن.‏ شۇ‌ڭا،‏ ئۇ قاتتىق ئۈمىدسىزلىنىپ،‏ ئۇ تاشقىرىغا چىقىپ،‏ ئۆكسۈپ يىغلاپ كە‌تكە‌ن (‏مە‌تتا 26:‏69—‏75‏)‏.‏ ئۇ ئە‌يسا مېنى چوقۇ‌م كە‌چۈرمە‌يدۇ دە‌پ ئويلىغان بولۇ‌شى مۇ‌مكىن.‏

18.‏ ئە‌يسا پېترۇ‌سنىڭ چۈشكۈنلۈككە بېرىلمە‌سلىكىگە قانداق ياردە‌م بە‌رگە‌ن؟‏

18 پېترۇ‌س چۈشكۈنلۈككە بېرىلمە‌ي،‏ يە‌ھۋاغا خىزمە‌ت قىلىشنى توختاتمىغان.‏ ئۇ خاتالاشقاندىن كېيىن،‏ ئۆزىگە كېلىپ باشقا ئە‌لچىلە‌ر بىلە‌ن خۇ‌داغا خىزمە‌ت قىلىشنى داۋاملاشتۇ‌رغان (‏يۇ‌ھاننا 21:‏1—‏3؛‏ ئە‌لچى.‏ 1:‏15،‏ 16‏)‏.‏ ئۇ‌نىڭ ئۆزىگە كېلىشىگە نېمە ياردە‌م بە‌رگە‌ن؟‏ بىرىنچىدىن،‏ ئە‌يسا ئۆلۈمىدىن ئىلگىرى،‏ پېترۇ‌سنىڭ ئېتىقادى ئاجىزلاشماسلىقى توغرىسىدا قىزغىن دۇ‌ئا قىلغان.‏ ئۇ يە‌نە پېترۇ‌س توۋا قىلىپ،‏ تۈز يولغا قايتقاندىن كېيىن،‏ ئۇ‌نى قېرىنداشلىرىنى مۇ‌ستە‌ھكە‌ملە‌شكە دە‌ۋە‌ت قىلغان.‏ ئە‌يسانىڭ چىن يۈرە‌كتىن قىلغان دۇ‌ئاسىغا يە‌ھۋا جاۋاب بە‌رگە‌ن.‏ كېيىنرە‌ك،‏ بە‌لكىم ئە‌يسا شە‌خسە‌ن پېترۇ‌سقا كۆرۈنۈپ،‏ ئۇ‌نىڭغا ئىلھام بە‌رگە‌ن (‏لۇ‌قا 22:‏32؛‏ 24:‏33،‏ 34؛‏ 1-‏كورىنت.‏ 15:‏5‏)‏.‏ بىر قېتىم ئە‌لچىلە‌ر كېچىچە ھېچقانداق بېلىق تۇ‌تالماي قايتقان ئىدى.‏ ئە‌يسا تاڭ سە‌ھە‌ردە ئە‌لچىلە‌رگە كۆرۈنۈپ،‏ پېترۇ‌سنىڭ ئۇ‌نىڭغا بولغان مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببىتىنى كۆرسىتىشىگە مۇ‌مكىنچىلىك بە‌رگە‌ن.‏ ئە‌يسا قە‌دىرلىك دوستىنى كە‌چۈرۈپ،‏ ئۇ‌نىڭغا كۆپ ئىشلارنى تاپشۇ‌رغان.‏—‏يۇ‌ھاننا 21:‏15—‏17‏.‏

19.‏ ئۆزۈمىزنى ھېچ يارىماس دە‌پ ئويلىغاندا،‏ زە‌بۇ‌ر 103:‏13،‏ 14-‏ئايە‌تلە‌ر قانداق ياردە‌م بېرىدۇ؟‏

19 بىز ئۈچۈن ساۋاق.‏ ئە‌يسانىڭ پېترۇ‌سقا قىلغان مۇ‌ئامىلىسىدىن ئۇ‌نىڭ مېھرىبانلىقىنى ۋە ئاتىسىنىڭ ئېسىل-‏پە‌زىلە‌تلە‌رنى ياخشى ئە‌كس ئە‌تتۈرگە‌نلىكىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ.‏ شۇ‌ڭا،‏ بىز خاتالىقلارنى ئۆتكۈزگە‌ندە،‏ مە‌ن ھېچ يارىماس دە‌پ ئۆزۈمىزگە ھۆكۈم چىقارماسلىقىمىز كېرە‌ك.‏ ئېسىمىزدە تۇ‌تايلى،‏ شە‌يتان دە‌ل شۇ‌نداق ئويلىشىمىزنى خالايدۇ.‏ ئە‌كسىنچە،‏ يە‌ھۋانىڭ بىزنى ياخشى كۆرۈشى ۋە كە‌مچىلىكلىرىمىزنى چۈشىنىشى ۋە كە‌چۈرۈشىنى خالايدىغانلىقى ھە‌ققىدە چوڭقۇ‌ر مۇ‌لاھىزە قىلىشىمىز لازىم.‏ بىزنى خاپا قىلىدىغانلارغىمۇ،‏ خۇ‌ددى يە‌ھۋاغا ئوخشاش مۇ‌ئامىلە قىلىشىمىز كېرە‌ك.‏—‏زە‌بۇ‌ر 103:‏13،‏ 14-‏نى ئوقۇ‌ڭ.‏

20.‏ كېلە‌ركى ماقالىدە نېمىنى كۆرۈپ چىقىمىز؟‏

20 يۈسۈپ،‏ نائومى،‏ رۇ‌ت،‏ بىر لاۋىي كىشى ۋە پېترۇ‌سنىڭ مىساللىرى شۇ‌نى ئېنىق كۆرسىتىدۇ‌كى:‏ «يە‌ھۋا كۆڭلى سۇ‌نۇ‌قلارغا يېقىندۇ‌ر» (‏زە‌بۇ‌ر 34:‏18‏)‏.‏ ئۇ بىزگە سىناقلارنى بېشىمىزدىن ئۆتكۈزۈشكە ۋە كۆڭلىمىزنىڭ چۈشكۈن بولۇ‌شىغا يول قويىدۇ.‏ ئە‌مما،‏ يە‌ھۋانىڭ ياردىمى بىلە‌ن سىناقلارغا بە‌رداشلىق بە‌رگە‌ندە،‏ ئىشە‌نچىمىز تېخىمۇ مۇ‌ستە‌ھكە‌ملىنىدۇ (‏1-‏پېتر.‏ 1:‏6،‏ 7‏)‏.‏ كېلە‌ركى ماقالىدە،‏ ئېغىر ئە‌ھۋال ياكى گۇ‌ناھ تۈپە‌يلى كۆڭلى سۇ‌نغانلارنى يە‌ھۋانىڭ قانداق قوللاپ-‏قۇ‌ۋۋە‌تلە‌يدىغانلىقىنى كۆرۈپ چىقىمىز.‏

23-‏ناخشا يە‌ھۋا بىزنىڭ كۈچىمىز

a يۈسۈپ،‏ نائومى،‏ رۇ‌ت،‏ بىر لاۋىي ۋە ئە‌لچى پېترۇ‌سنىڭ ئۈمىدسىزلىنىپ روھى چۈشكە‌ن ۋاقىتلىرى بولغان.‏ ھازىر يە‌ھۋا ئۇ‌لارغا قانداق تە‌سە‌للى ۋە كۈچ-‏مە‌دە‌ت بە‌رگە‌نلىكىنى كۆرۈپ چىقىمىز.‏ يە‌نە ئۇ‌لارنىڭ ئۈلگىسىدىن ۋە خۇ‌دانىڭ مېھرىبانلىق بىلە‌ن ئۇ‌لارغا قىلغان ياردىمىدىن نېمىنى ئۆگىنە‌لە‌يدىغانلىقىمىزنى مۇ‌ھاكىمە قىلىمىز.‏

b سۈرە‌تتە:‏ نائومى،‏ رۇ‌ت ۋە ئورپا ئە‌رلىرى ئۆلگە‌چ،‏ قايغۇ‌غا پېتىپ ئۈمىدسىزلىنىۋاتىدۇ.‏ كېيىنرە‌ك نائومى،‏ رۇ‌ت ۋە بوئاز ئوبىد تۇ‌غۇ‌لغىنىغا خۇ‌شال بولۇ‌ۋاتىدۇ.‏