مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

ئوقۇ‌رمە‌نلە‌رنىڭ سوئاللىرى

ئوقۇ‌رمە‌نلە‌رنىڭ سوئاللىرى

پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 24:‏16-‏ئايە‌تتە‏:‏ «ھە‌ققانىي كىشى يە‌تتە قېتىم يىقىلىپ چۈشسىمۇ،‏ يە‌نە ئورنىدىن قوپار»،‏—‏ دە‌پ يېزىلغان.‏ بۇ ئايە‌ت قايتا-‏قايتا گۇ‌ناھ قىلىپ،‏ خۇ‌دادىن كە‌چۈرۈم سورىغان كىشىگە قارىتىلغانمۇ؟‏

ئە‌مە‌لىيە‌تتە،‏ بۇ ئايە‌تتە شۇ‌نداق ئوي-‏پىكىر يوق.‏ بۇ ئايە‌ت قايتا-‏قايتا قىيىنچىلىقلارغا دۇ‌چ كېلىدىغان ياكى چۈشكۈنلۈككە چۈشىدىغان ۋە كېيىن ئە‌سلىگە كېلىدىغان ئادە‌منى كۆرسىتىدۇ.‏

بۇ ئايە‌تنىڭ ئالدى ۋە كە‌ينىدىكى باشقا ئايە‌تلە‌رنى كۆرۈپ چىقايلى.‏ «ھە‌ققانىي ئادە‌منىڭ ئۆيىگە يېقىن جايدا يامانلىق قىلىش ئۈچۈن يۇ‌رۇ‌شۇ‌نۇ‌پ ياتما،‏ ئۇ‌نىڭ ئارامگاھىنى ۋە‌يران قىلما.‏ ھە‌ققانىي كىشى يە‌تتە قېتىم يىقىلىپ چۈشسىمۇ،‏ يە‌نە ئورنىدىن قوپار؛‏ بىراق،‏ رە‌زىل ئادە‌ملە‌ر پالاكە‌تكە ئۇ‌چراپ يىقىلىپ چۈشە‌ر‏.‏ دۈشمىنىڭ يىقىلىپ چۈشسە،‏ خۇ‌شال بولۇ‌پ كە‌تمە،‏ ئۇ پۇ‌تلىشىپ كە‌تسە،‏ كۆڭلۈڭ سۆيۈنۈپ كە‌تمىسۇ‌ن».‏—‏پە‌ند.‏ نە 24:‏15–‏17‏.‏

بە‌زىلە‌ر 16-‏ئايە‌ت گۇ‌ناھقا پېتىپ قالغان،‏ لېكىن توۋا قىلىپ،‏ خۇ‌دا بىلە‌ن قايتا يېقىن مۇ‌ناسىۋە‌تتە بولالايدىغان ئادە‌منى كۆرسىتىدۇ،‏ دە‌پ ھېسابلايدۇ.‏ ئە‌نگلىيىدىكى ئىككى دىنىي رە‌ھبە‌رلە‌ر ئۆتمۈشتىكى ۋە ھازىرقى دىنىي ئۇ‌ستازلارنىڭ ئېيتقانلىرىنى چۈشە‌ندۈرۈپ مۇ‌نداق دېگە‌ن:‏ «ياخشى ئادە‌م ئېغىر گۇ‌ناھ قىلسىمۇ،‏ لېكىن خۇ‌دانى داۋاملىق ياخشى كۆرىدۇ،‏ ھە‌ر قېتىم ئۇ توۋا قىلغاچقا،‏ خۇ‌دانىڭ رازىلىقىغا ئېرىشىدۇ».‏ گۇ‌ناھقا قارشى كۈرە‌ش قىلىشنى خالىمايدىغان ئادە‌م دىنىي ئۇ‌ستازلارنىڭ شۇ‌نداق چۈشە‌ندۈرۈشىنى ياقتۇ‌رىدۇ.‏ شۇ‌نداق ئادە‌ملە‌ر،‏ ھە‌تتا يۈز قېتىم گۇ‌ناھ قىلىپ قويسىمۇ،‏ خۇ‌دا ئۇ‌لارنى دائىم كە‌چۈرىۋېتىدۇ دە‌پ ئويلايدۇ.‏

لېكىن،‏ 16-‏ئايە‌تتە تامامە‌ن باشقىچە ئوي-‏پىكىر يېزىلغان.‏

16،‏ 17-‏ئايە‌تلە‌ردىكى «يىقىلىش» دېگە‌ن ئىبرانىيچە سۆزنى ھە‌ر خىل ۋە‌زىيە‌تلە‌ردە قوللىنىشقا بولىدۇ.‏ يىقىلىش دېگە‌ن سۆزنىڭ ئۇ‌دۇ‌ل مە‌نىسى،‏ مە‌سىلە‌ن،‏ كالىنىڭ يولدا يىقىلىشى،‏ بىرسىنىڭ ئۆگىزىدىن يىقىلىشى ياكى كىچىككىنە بىر نە‌رسىنىڭ يە‌رگە چۈشىشى (‏تە‌كرار.‏ قا 22:‏4،‏ 8؛‏ ئاموس 9:‏9‏)‏.‏ بۇ سۆزنىڭ كۆچمە مە‌نىسىمۇ بار:‏ «يە‌ھۋا بىر ئادە‌منىڭ ماڭغان يولىدىن خۇ‌رسە‌ن بولسا،‏ ئۇ ئۇ‌نىڭ قە‌دە‌ملىرىنى مە‌زمۇ‌ت قىلار.‏ ئۇ كىشى يىقىلىپ قالسىمۇ،‏ يېتىپ قالماس،‏ چۈنكى يە‌ھۋا ئۆز قولى بىلە‌ن يۆلە‌پ تۇ‌رار».‏—‏زە‌بۇ‌ر 37:‏23،‏ 24؛‏ پە‌ند.‏ نە 11:‏5؛‏ 13:‏17؛‏ 17:‏20‏.‏

ئە‌مما،‏ ئېدۋارد خ.‏ پىلامپېر ئىسىملىك پروفېسسورنىڭ سۆزلىرىگە دىققە‌ت قىلىڭ:‏ «بۇ ئىبرانىيچە سۆز [«يىقىلىش»] ھېچقاچان گۇ‌ناھقا پېتىش دېگە‌ن مە‌نىدە ئىشلىتىلمە‌يدۇ».‏ يە‌نە باشقا بىر ئالىم 16-‏ئايە‌ت ھە‌ققىدە مۇ‌نداق دېگە‌ن:‏ «ئادە‌ملە‌ر خۇ‌دانىڭ خە‌لقىگە زىيانكە‌شلىك قىلسا،‏ ئاخىرىدا تىرىشچانلىقى بىكار بولۇ‌پ،‏ ئۆزى نومۇ‌ستا قالىدۇ.‏ چۈنكى خۇ‌دانىڭ خە‌لقى جە‌زمە‌ن قايتا ئورنىدىن تۇ‌رىدۇ،‏ دۈشمە‌نلىك قىلغۇ‌چىلار چوقۇ‌م مە‌غلۇ‌پ بولىدۇ».‏

شۇ‌ڭا،‏ يۇ‌قىرىدا ئېيتىلغاندە‌ك،‏ پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 24:‏16-‏ئايە‌تتىكى «يىقىلىش» دېگە‌ن سۆز گۇ‌ناھ قىلىشنى بىلدۈرمە‌يدۇ.‏ ئە‌كسىنچە،‏ بۇ ئايە‌ت بېشىغا قايتا-‏قايتا كە‌لگە‌ن قىيىنچىلىقلارنى كۆرسىتىدۇ.‏ بۈگۈنكى رە‌زىل دۇ‌نيادا ھە‌ققانىي ئادە‌ملە‌رنىڭ سالامە‌تلىكى ناچارلىشىپ كېتىشى ياكى باشقا قىيىنچىلىقلارغا دۇ‌چ كېلىشى مۇ‌مكىن.‏ ئېھتىمال،‏ ئۇ ھە‌تتا ھۆكۈمە‌تلە‌ر تە‌رە‌پتىن زىيانكە‌شلىكىگە دۇ‌چ كېلىدۇ.‏ بىراق،‏ ئۇ خۇ‌دانىڭ ئۇ‌نىڭ ئۈچۈن قورام تاش ئىكە‌نلىكىگە ۋە قىيىنچىلىقلارنى يېڭىشكە ياردە‌م بېرىدىغانلىقىغا ئىشىنە‌لە‌يدۇ.‏ يە‌ھۋا ئۆز خىزمە‌تچىلىرىنى قوللاپ-‏قۇ‌ۋۋە‌تلىگە‌نلىكىنى قانچە قېتىم ئۆز كۆزىڭىز بىلە‌ن كۆرگە‌نلىكىڭىزنى ئويلاپ بېقىڭ.‏ نېمە ئۈچۈن؟‏ «يە‌ھۋا يىقىلىپ كېتىۋاتقانلارنىڭ ھە‌ممىسىگە يار-‏يۆلە‌ك بولار،‏ بە‌للىرى پۈكۈلگە‌نلە‌رنىڭ ھە‌ممىسىنى ئورنىدىن تۇ‌رغۇ‌زار» دېگە‌ن سۆزلە‌رگە ئىشىنىمىز.‏—‏زە‌بۇ‌ر 41:‏1–‏3؛‏ 145:‏14–‏19‏.‏

‏«ھە‌ققانىي» ئادە‌م باشقىلار قىيىنچىلىقلارغا دۇ‌چ كە‌لگە‌ندە خۇ‌شال بولمايدۇ.‏ ئە‌كسىنچە،‏ ئۇ مۇ‌نۇ سۆزلە‌رنى بىلگىنى ئۈچۈن تە‌سە‌للىي تاپىدۇ:‏ «خۇ‌دادىن قورقىدىغانلارنىڭ ئە‌ھۋالى ياخشى بولىدىغانلىقىنى بىلىمە‌ن؛‏ چۈنكى ئۇ‌لار ئۇ‌نىڭدىن ئە‌يمىنىپ قورقىدۇ».‏—‏ۋە‌ز 8:‏11–‏13؛‏ ئايۇ‌پ 31:‏3–‏6؛‏ زە‌بۇ‌ر 27:‏5،‏ 6‏.‏