مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

52-‏تە‌تقىق ماقالىسى

ئۈمىدسىزلىككە قارشى كۈرە‌ش

ئۈمىدسىزلىككە قارشى كۈرە‌ش

‏«يۈكۈڭنى يە‌ھۋاغا تاشلار»‏‏.‏‏—‏زە‌بۇ‌ر 55:‏22‏.‏

38-‏ناخشا يۈكۈڭنى يە‌ھۋاغا تاشلا!‏

بۇ ماقالىدە a

1.‏ ئۈمىدسىزلىك بىزگە قانداق تە‌سىر قىلىدۇ؟‏

 ھە‌ر كۈنى قىيىنچىلىقلارغا دۇ‌چ كېلىمىز ۋە ئۇ‌لارغا بە‌رداشلىق بېرىش ئۈچۈن قولىمىزدىن كە‌لگە‌ننىڭ ھە‌ممىسىنى قىلىمىز.‏ راستىنى ئېيتقاندا،‏ ئۈمىدۋار بولساق،‏ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىشىمىز ئاسانراق بولىدۇ.‏ شۇ‌ڭا،‏ ئۈمىدسىزلىككە ئىشە‌نچىمىزنى،‏ جاسارىتىمىزنى ۋە خۇ‌شاللىقىمىزنى ئوغرىلاۋاتقان ئوغرىدە‌ك قارىشىمىز كېرە‌ك.‏ پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت كىتابىدا مۇ‌نداق دە‌پ يېزىلغان:‏ «بېشىڭغا ئېغىر كۈن چۈشكە‌ندە،‏ جاسارە‌تسىز بولساڭ،‏ ئاجىزلىشار كۈچۈڭ» (‏پە‌ند.‏ نە 24:‏10‏)‏.‏ ئېنىقكى،‏ ئۈمىدسىزلىك ھاياتىمىزدىكى قىيىنچىلىقلارنى مۇ‌ۋە‌پپە‌قىيە‌تلىك ھە‌ل قىلىشتا كېرە‌كلىك بولغان كۈچ-‏قۇ‌ۋۋىتىمىزنى خورتىۋېتىدۇ.‏

2.‏ نېمە سە‌ۋە‌بتىن بىز ئۈمىدسىزلىككە چۈشىمىز ۋە بۇ ماقالىدە نېمىنى كۆرۈپ چىقىمىز؟‏

2 بىز كۆرۈنىدىغان ياكى كۆرۈنمە‌يدىغان نۇ‌رغۇ‌ن نە‌رسىلە‌ردىن ئۈمىدسىزلىنىپ قالىمىز.‏ ئۇ‌لارنىڭ بە‌زىلىرى ئىچكى ۋە بە‌زىلىرى تاشقى سە‌ۋە‌بلە‌ر.‏ بۇ نامۇ‌كە‌ممە‌للىك،‏ كە‌مچىلىك ۋە ناچار سالامە‌تلىكنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى مۇ‌مكىن.‏ يە‌نە بۇ‌نىڭ ئىچىگە،‏ يە‌ھۋاغا خىزمە‌ت قىلىشتا خالىغان ۋە‌زىپىگە ئېرىشە‌لمە‌سلىك ياكى قارىماققا كۆپۈنچە ئادە‌ملە‌ر بىپە‌رۋا يۈرۈيدىغان رايوندا ۋە‌ز قىلىش كىرىدۇ.‏ بۇ ماقالىدە،‏ ئۈمىدسىزلىككە قارشى كۈرە‌ش قىلىشتا بىزگە ياردە‌م بېرە‌لە‌يدىغان نە‌رسىلە‌رنى مۇ‌ھاكىمە قىلىمىز.‏

كە‌مچىلىكلە‌ر ۋە ئاجىزلىقلارغا قارشى كۈرە‌ش قىلغاندا

3.‏ كە‌مچىلىكلىرىمىزگە تە‌ڭپۇ‌ڭ كۆز قاراشتا بولۇ‌شقا نېمە ياردە‌م بېرىدۇ؟‏

3 كە‌مچىلىكلىرىمىز ۋە ئاجىزلىقلىرىمىزغا تە‌ڭپۇ‌ڭ كۆز قاراشتا بولۇ‌ش ئاسان ئە‌مە‌س.‏ خاتالىقلىرىمىز تۈپە‌يلى،‏ يە‌ھۋا بىزنىڭ يېڭى دۇ‌نيادا بولۇ‌شىمىزنى خالىمايدۇ دە‌پ ئويلىشىمىز مۇ‌مكىن.‏ بۇ‌نداق كۆز قاراشتا بولغانلار ئۆزىگە زىيان يە‌تكۈزىدۇ.‏ كە‌مچىلىكلىرىمىزگە قانداق قارىشىمىز كېرە‌ك؟‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ئە‌يسا مە‌سىھتىن باشقا ھە‌ممە ئادە‌ملە‌رنى گۇ‌ناھكار،‏ دە‌يدۇ (‏رىملىقلار 3:‏23‏)‏.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنىڭ مۇ‌ئە‌للىپى مۇ‌كە‌ممە‌ل بولۇ‌شىمىزنى تە‌لە‌پ قىلمايدۇ ۋە كە‌مچىلىكلىرىمىزنى ئىزدىمە‌يدۇ.‏ ئە‌كسىنچە،‏ ئۇ بىزگە ياردە‌م بېرىشنى خالايدىغان كۆيۈمچان ۋە سە‌ۋرچان ئاتىمىزدۇ‌ر.‏ ئۇ ئاجىزلىقلىرىمىز ۋە ئۆز-‏ئۆزۈمىزگە بولغان ناتوغرا كۆز قارىشىمىزغا قارشى كۈرە‌ش قىلىۋاتقانلىقىمىزنى كۆرگە‌ندە،‏ بىزگە ياردە‌م بېرىشكە تە‌ييار.‏—‏رىملىقلار 7:‏18،‏ 19‏.‏

يە‌ھۋا بىز ئۆتمۈشتە قىلغان ۋە ھازىر قىلىۋاتقان ياخشى ئىشلىرىمىزنى بىلىدۇ (‏5-‏ئابزاسقا قاراڭ)‏ e

4،‏ 5.‏ ئىككى قېرىنداشنىڭ ئۈمىدسىزلىك بىلە‌ن كۈرە‌ش قىلىشىغا.‏ 1-‏يۇ‌ھاننا 3:‏19،‏ 20-‏ئايە‌تلە‌ر قانداق ياردە‌م بە‌رگە‌ن؟‏

4 دېبورا بىلە‌ن مارىيانىڭ مىسالىنى كۆرۈپ چىقايلى b‏.‏ ئائىلىسىدىكىلە‌ر دېبوراغا كىچىك چېغىدا ياخشى مۇ‌ئامىلە قىلمىغاچقا،‏ ئۇ ئۆزىنى يارامسىز ھېس قىلغان.‏ ئۇ‌لار ئۇ‌نى بە‌كمۇ ئاز ماختىغان.‏ شۇ سە‌ۋە‌بتىن،‏ ئۇ ئۆزىگە قارىتا ناچار كۆز قاراشتا بولۇ‌شنى باشلىغان.‏ ھە‌تتا،‏ ئۇ كىچىك خاتالىقلارنى ئۆتكۈزگە‌ندە،‏ قولۇ‌مدىن ھېچ ئىش كە‌لمە‌يدۇ دە‌پ ئويلىغان.‏ مارىيا ئىسىملىك قېرىنداشمۇ ئوخشاش قىيىنچىلىققا دۇ‌چ كە‌لگە‌ن.‏ ئۇ‌نى ئۇ‌رۇ‌ق-‏تۇ‌غقانلىرى ھاقارە‌تلىگە‌ن.‏ نە‌تىجىدە،‏ ئۇ ھېچنېمىگە ئە‌رزىمە‌س بىر ئادە‌م بولۇ‌پ قالدىم،‏ دېگە‌ن ئوي-‏پىكىرى بىلە‌ن كۈرە‌ش قىلغان.‏ ھە‌تتا ئۇ چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتكە‌ندىن كېيىنمۇ،‏ ئۆزىنى يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىسى بولۇ‌شقا لايىق ئە‌مە‌س دە‌پ ئويلىغان.‏

5 بۇ ئىككى قېرىنداش يە‌ھۋا خۇ‌داغا خىزمە‌ت قىلىشنى توختاتمىغان.‏ نېمە ئۈچۈن؟‏ بىرىنچىدىن،‏ ئۇ‌لار قىزغىن دۇ‌ئالار ئارقىلىق ئۆز يۈكىنى يە‌ھۋاغا تاشلىغان (‏زە‌بۇ‌ر 55:‏22‏)‏.‏ ئۇ‌لار شۇ‌نى چۈشە‌نگە‌نكى،‏ ئاسماندىكى كۆيۈمچان ئاتىمىز بېشىمىزدىن ئۆتكۈزگە‌نلە‌رنىڭ ۋە سە‌لبىي ئوي-‏پىكىرلىرىمىزنىڭ بىزگە قانداق تە‌سىر قىلغانلىقىنى بىلىدۇ.‏ ئە‌مما،‏ ئۇ يۈرىكىمىزدە بىز كۆرە‌لمە‌يدىغان ياخشى سۈپە‌تلىرىمىزنى كۆرىدۇ.‏—‏1-‏يۇ‌ھاننا 3:‏19،‏ 20-‏نى ئوقۇ‌ڭ.‏

6.‏ قايتىدىن گۇ‌ناھ قىلىپ قويغان ئادە‌م نېمە قىلىشى مۇ‌مكىن؟‏

6 بە‌زىلە‌ر سىڭىپ كە‌تكە‌ن ئادە‌تلە‌ر بىلە‌ن كۈرە‌ش قىلىۋاتقاندا قايتىدىن گۇ‌ناھ قىلىپ قويۇ‌پ،‏ ئۆزىدىن ئۈمىدسىزلىنىشى مۇ‌مكىن.‏ ئە‌لۋە‌تتە،‏ بىز گۇ‌ناھ قىلغاندا،‏ ئۆزۈمىزنى ئە‌يىبلە‌ش تە‌بىئىي ئىش (‏2-‏كورىنت.‏ 7:‏10‏)‏.‏ بىراق،‏ ئۆزۈمىزنى بىكاردىن-‏بىكار:‏ «مە‌ن ھېچ نېمىگە يارىماس.‏ يە‌ھۋا مېنى ھېچقاچان كە‌چۈرمە‌يدۇ»،‏—‏ دە‌پ ئە‌يىبلىمە‌سلىكىمىز كېرە‌ك.‏ بۇ‌نداق سە‌لبىي ئوي-‏پىكىرلە‌ر ھە‌قىقە‌تكە ئاساسلانمىغان ۋە يە‌ھۋاغا خىزمە‌ت قىلىشنى توختىتىشىمىزغا سە‌ۋە‌ب بولۇ‌شى مۇ‌مكىن.‏ پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 24:‏10-‏ئايە‌تتىن ئوقۇ‌غانلىرىمىزنى ئېسىڭىزدە تۇ‌تۇ‌ڭ،‏ ئاجىز بولۇ‌شنىڭ سە‌ۋە‌بى —‏ ئۈمىدسىزلىنىش.‏ شۇ‌ڭا،‏ ئىشىڭىزنى يە‌ھۋا بىلە‌ن بىللە ھە‌ل قىلىش ئۈچۈن ئۇ‌نىڭغا دۇ‌ئا قىلىپ،‏ كە‌چۈرۈم قىلىشىنى سوراڭ (‏يە‌شايا 1:‏18‏)‏.‏ ئۇ سە‌مىمىي توۋا قىلغانلىقىڭىزنى كۆرۈپ،‏ سىزنى كە‌چۈرىدۇ.‏ ئۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ ئاقساقاللار بىلە‌ن سۆزلىشىڭ.‏ ئۇ‌لار سە‌ۋرچانلىق بىلە‌ن سىزنىڭ روھىي جە‌ھە‌تتىن ساغلام بولۇ‌شىڭىزغا ياردە‌م بېرىدۇ.‏—‏ياقۇ‌پ 5:‏14،‏ 15‏.‏

7.‏ ئە‌گە‌ر ئۆزىمىزنى ئۆزگە‌رتىش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىۋاتقان بولساق،‏ نېمە ئۈچۈن ئۈمىدسىزلە‌نمە‌سلىكىمىز كېرە‌ك؟‏

7 فرانسىيىدە ياشايدىغان جېين-‏لۇ‌ك ئىسىملىك ئاقساقال ئاجىزلىقلىرى بىلە‌ن كۈرە‌ش قىلىۋاتقانلارغا مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «يە‌ھۋانىڭ كۆز ئالدىدا ھە‌ققانىي ئادە‌م —‏ ئۇ ھېچقاچان خاتالاشمايدىغان ئادە‌م ئە‌مە‌س،‏ بە‌لكى ئۆتكۈزگە‌ن خاتالىقلىرى ئۈچۈن دائىم توۋا قىلىپ،‏ ئۆزگە‌رتىش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىدىغان ئادە‌م» (‏رىملىقلار 7:‏21—‏25‏)‏.‏ ئە‌گە‌ر ئاجىزلىقىڭىز بىلە‌ن كۈرە‌ش قىلىۋاتقان بولسىڭىز،‏ ئۆزىڭىزنى ئە‌يىبلىمە‌ڭ.‏ ھە‌ممىمىز خاتالىقلارنى ئۆتكۈزىمىز،‏ شۇ‌ڭا بىز خۇ‌دانىڭ تۆلە‌م قۇ‌ربانلىقى ئارقىلىق كۆرسە‌تكە‌ن مېھىر-‏شە‌پقىتىگە مۇ‌ھتاج.‏—‏ئە‌فە‌س.‏ 1:‏7؛‏ 1-‏يۇ‌ھاننا 4:‏10‏.‏

8.‏ كۆڭلۈمىز چۈشكە‌ندە،‏ كىمدىن ياردە‌م سورىساق بولىدۇ؟‏

8 جامائە‌تتىكى قېرىنداشلىرىمىز بىزگە ئىلھام بېرە‌لە‌يدۇ.‏ سىز دە‌ردىڭىزنى ئېيتىشنى خالىسىڭىز،‏ ئۇ‌لار سىزنى كۆڭۈل قويۇ‌پ تىڭشىشى ۋە رىغبە‌تلە‌ندۈرىدىغان سۆزلە‌رنى ئېيتىشى مۇ‌مكىن (‏پە‌ند.‏ نە 12:‏25؛‏ 1-‏سالونىكا.‏ 5:‏14‏)‏.‏ ئۈمىدسىزلىككە قارشى كۈرە‌ش قىلىپ كېلىۋاتقان جوي ئىسىملىك نىگېرىيىدە ياشايدىغان قېرىنداش مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «ئېتىقادداشلىرىم بولمىغان بولسا،‏ قە‌يە‌ردە بولاتتىمكىن،‏ بىلمە‌يمە‌ن؟‏ قېرىنداشلىرىمنىڭ ئىلھام-‏مە‌دە‌تلىرى يە‌ھۋانىڭ دۇ‌ئالىرىمغا جاۋاب بە‌رگە‌نلىكىنىڭ ئىسپاتى.‏ ھە‌تتا مە‌ن ئۇ‌لاردىن كۆڭلى چۈشكە‌نلە‌رگە ئىلھام بېرىشنى ئۆگە‌ندىم».‏ شۇ‌نى ئۇ‌نتۇ‌ماسلىقىمىز كېرە‌ككى،‏ قېرىنداشلار بىزنىڭ ئىلھامغا قاچان مۇ‌ھتاج ئىكە‌نلىكىمىزنى بىلمە‌سلىكى مۇ‌مكىن.‏ شۇ‌ڭا،‏ ئۆزۈمىز روھىي جە‌ھە‌تتىن يېتىلگە‌ن قېرىنداشقا بېرىپ،‏ دە‌ردىمىزنى تۆكۈپ،‏ نېمىگە مۇ‌ھتاج ئىكە‌نلىكىمىزنى ئېيتايلى.‏

كېسە‌لگە قارشى كۈرە‌ش قىلغاندا

9.‏ زە‌بۇ‌ر 41:‏3 ۋە 94:‏19-‏ئايە‌تلە‌ر‏،‏ بىزگە قانداق كۈچ-‏غە‌يرە‌ت بېرىدۇ؟‏

9 يە‌ھۋادىن ياردە‌م سوراڭ.‏ ئۆزۈمىزنى يامان ھېس قىلغاندا،‏ بولۇ‌پمۇ سوزۇ‌لما خاراكتېرلىك كېسە‌لگە گىرىپتار بولساق،‏ ئىجابىي كۆز قاراشنى ساقلاش ئاسان ئە‌مە‌س.‏ گە‌رچە ھازىر يە‌ھۋا مۆجىزە ئارقىلىق بىزنى ساقايتمىسىمۇ،‏ بىزگە تە‌سە‌للى بېرىپ،‏ ھە‌ممىسىنى باشتىن كە‌چۈرۈشىمىزگە كۈچ-‏مە‌دە‌ت بېرىدۇ ‏(‏زە‌بۇ‌ر 41:‏3؛‏ 94:‏19-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ بىز ئۆي ئىشلىرىمىزغا ياكى دۇ‌كاندىن كېرە‌كلىك نە‌رسىلە‌رنى ئېلىشقا ياردە‌مگە مۇ‌ھتاج بولساق،‏ يە‌ھۋا ئېتىقادداشلىرىمىزنى دە‌ۋە‌ت قىلالايدۇ.‏ ئۇ يە‌نە قېرىنداشلىرىمىزنى بىز بىلە‌ن بىللە دۇ‌ئا قىلىشقا ئۈندىشى مۇ‌مكىن.‏ ياكى ئۇ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىن ئۆزۈمىز تېپىۋالغان تە‌سە‌للى بېرىدىغان ئوي-‏پىكىرلە‌رنى،‏ مە‌سىلە‌ن كېلە‌چە‌كتە يېڭى دۇ‌نيادا ئاغرىق،‏ ئازاب-‏ئوقۇ‌بە‌ت بولمايدىغان ۋاقىتنى ۋە مۇ‌كە‌ممە‌ل ھايات كە‌چۈرۈش ئۈمىدىنى ئېسىمىزگە سالىدۇ.‏—‏رىملىقلار 15:‏4‏.‏

10.‏ ئېساگ پاجىئە‌لىك ۋە‌قە‌گە يولۇ‌ققاندىن كېيىن،‏ نېمە ئۈچۈن ئۈمىدسىزلىككە پېتىپ قالمىغان؟‏

10 نىگېرىيىدە ياشايدىغان ئېساگ پاجىئە‌لىك بىر ۋە‌قە‌گە يولۇ‌قۇ‌پ،‏ پالە‌چ بولۇ‌پ قالغان.‏ دوختۇ‌رى ئېساگقا ئە‌مدى ئۇ‌نىڭ قايتا ماڭالمايدىغانلىقىنى ئېيتقان.‏ ئۇ مۇ‌نداق دېگە‌ن:‏ «كۆڭلۈم يېرىم بولۇ‌پ،‏ روھۇ‌م چۈشۈپ كە‌تتى».‏ ئۇ ئۈمىدسىزلىك پاتقىقىغا پېتىپ قالغانمۇ؟‏ ياق.‏ ئۇ‌نىڭغا نېمە ياردە‌م بە‌رگە‌ن؟‏ ئۇ:‏ «مە‌ن ئايالىم بىلە‌ن يە‌ھۋاغا دۇ‌ئا قىلىشنى ۋە مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ئوقۇ‌شنى ھېچقاچان توختاتمىدۇ‌ق.‏ بىز يە‌نە خۇ‌دا بە‌رگە‌ن بە‌رىكە‌تلە‌رنى،‏ يە‌نى يېڭى دۇ‌نيادا ياشاش ئۈمىدىمىزنى ئۇ‌نتۇ‌ماسلىققا بە‌ل باغلىدۇ‌ق»،‏—‏ دېگە‌ن.‏

ئىمكانىيىتى چە‌كلىك قېرىنداشلارمۇ گۇ‌ۋاھلىق بېرىش ئۈچۈن يوللارنى تاپالايدۇ ھە‌مدە ۋە‌ز خىزمىتىدىن خۇ‌شاللىق تاپالايدۇ.‏ر (‏11—‏13-‏ئابزاسلارغا قاراڭ)‏

11.‏ سىندى ئاغرىۋاتقاندا خۇ‌شاللىقىنى قانداق ساقلاپ قالالىغان؟‏

11 مېكسىكىدا ياشايدىغان سىندىغا،‏ دوختۇ‌رلار ئۇ‌نىڭ كېسىلى سە‌ۋە‌بلىك ئۆلۈپ كېتىشى مۇ‌مكىنلىكىنى ئېيتقان.‏ ئۇ بۇ‌نىڭغا بە‌رداشلىق بېرىش ئۈچۈن نېمە قىلغان؟‏ ئۇ داۋالىنىۋاتقاندا،‏ ھە‌ر كۈنى گۇ‌ۋاھلىق بېرىش ئۈچۈن ئۆز ئالدىغا مە‌قسە‌ت قويغان.‏ ئۇ مۇ‌نداق دېگە‌ن:‏ «مە‌ن شۇ‌نداق قىلىپ،‏ ئۆزۈمنىڭ ئوپېراتسىيە‌سىگە ۋە قاتتىق ئاغرىۋاتقىنىمغا ئە‌مە‌س،‏ باشقىلارغا كۆڭۈل بۆلىدىغان بولدۇ‌م.‏ ئالدىمغا شۇ‌نداق مە‌قسە‌ت قويدۇ‌م:‏ دوختۇ‌ر ۋە سېستىرالار بىلە‌ن سۆزلە‌شكە‌ندە،‏ ئۇ‌لارنىڭ ئائىلىسى توغرۇ‌لۇ‌ق سورايتتىم.‏ ئاندىن ئۇ‌لاردىن نېمە ئۈچۈن شۇ‌نچىلىك قىيىن ئىشنى تاللىغانلىقىنى سورايتتىم.‏ شۇ چاغدا،‏ ئۇ‌لارنىڭ قە‌لبىگە تە‌سىر قىلالايدىغان ماۋزۇ‌لارنى تاللاش ئاسان بولاتتى.‏ ئۇ‌لارنىڭ بە‌زىلىرى:‏ «قانداق ئە‌ھۋالىڭىز؟‏»،‏—‏ دە‌پ ھال-‏ئە‌ھۋال سورايدىغان بىمارلارنىڭ بە‌كمۇ ئازلىقىنى ئېيتاتتى.‏ نۇ‌رغۇ‌نلىرى ئۇ‌لارغا كۆڭۈل بۆلگىنىم ئۈچۈن ماڭا رە‌ھمىتىنى ئېيتاتتى.‏ ھە‌تتا،‏ بە‌زىلىرى تېلېفون نۇ‌مۇ‌رى ۋە ئادرېسىنى بېرە‌تتى.‏ يە‌ھۋانىڭ ماڭا مۇ‌شۇ ئېغىر كۈنلە‌رنى باشتىن كە‌چۈرۈشۈمگە ياردە‌م بېرىدىغانلىقىنى بىلدىم.‏ ئۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ ئۇ ماڭا قانچىلىك خۇ‌شاللىق بە‌رگە‌نلىكىگە ئۆزۈممۇ بە‌ك ھە‌يران قالدىم».‏—‏پە‌ند.‏ نە 15:‏15‏.‏

12،‏ 13.‏ بە‌زى ئاغرىپ قالغانلار ۋە تېنى ئاجىزلار قانداق گۇ‌ۋاھلىق بېرىدۇ ۋە نە‌تىجىسى قانداق بولۇ‌شى مۇ‌مكىن؟‏

12 كېسە‌ل ۋە ئاجىز ئادە‌ملە‌ر ۋە‌ز قىلىش ئۈچۈن ئۆزلىرى خالىغاندە‌ك كۈچ چىقىرىشتا چە‌كلىمىگە دۇ‌چ كېلىدىغانلىقىنى بىلگە‌چ،‏ ئۇ‌لار ئۈمىدسىزلىنىپ كۆڭلى يېرىم بولۇ‌شى مۇ‌مكىن.‏ بۇ‌نىڭغا قارىماستىن،‏ ئۇ‌لارنىڭ كۆپىنچىسى گۇ‌ۋاھلىق بېرىش ئۇ‌سۇ‌للىرىنى تاپىدۇ.‏ ئامېرىكىدىكى لورېل ئىسىملىك قېرىندىشىمىز 37 يىل جە‌ريانىدا سۈنئىي تۆمۈر-‏ئۆپكە بىلە‌ن ياشىغان،‏ يە‌نى نە‌پە‌س ئېلىشىغا ياردە‌م بېرىدىغان تىببىي ئاپپارات ئىچىدە ياتقان ئىدى.‏ ئۇ راك كېسىلى،‏ چوڭ ئوپېراتسىيىلە‌ر ۋە سوزۇ‌لما خاراكتېرلىك تېرە كېسە‌للىكلىرىنى باشتىن كە‌چۈرگە‌ن.‏ لېكىن،‏ بۇ ئېغىر ئە‌ھۋال ئۇ‌نىڭ ۋە‌ز قىلىشىغا توسالغۇ بولالمىغان.‏ ئۇ سېستىرالار ۋە باشقا تىببىي خادىملارغا گۇ‌ۋاھلىق بېرە‌تتى.‏ نە‌تىجىسى قانداق بولغان؟‏ ئۇ كە‌م دېگە‌ندە 17 كىشىنىڭ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىن يە‌ھۋا ھە‌ققىدە توغرا بىلىم ئېلىشىغا ياردە‌م بە‌رگە‌ن c‏.‏

13 فرانسىيىدە ياشايدىغان رىچارد ئىسىملىك ئاقساقال،‏ ئۆز ئۆيلىرىدە ياكى بىمارلارغا قارايدىغان ساغلاملىق مە‌ركە‌زلىرىدە ئورۇ‌ن تۇ‌تۇ‌پ يېتىپ قالغانلارغا مۇ‌نداق مە‌سلىھە‌ت بە‌رگە‌ن:‏ «مە‌ن بە‌زى كىتاب-‏ژۇ‌رناللارنى تىزىپ قويۇ‌شنى مە‌سلىھە‌ت بېرىمە‌ن.‏ بۇ‌نداق تىزىپ قويۇ‌لغان ماتېرىياللار ئادە‌ملە‌رنىڭ قىزىقىشىنى ئويغىتىدۇ ۋە سۆھبە‌تلە‌رنى باشلاشقا پۇ‌رسە‌ت يارىتىدۇ.‏ مۇ‌نداق سۆھبە‌تلە‌ر ئە‌مدى ئۆيمۇ-‏ئۆي ۋە‌ز قىلالمايدىغان قە‌دىرلىك قېرىنداشلىرىمىزنى ئىلھاملاندۇ‌رالايدۇ».‏ يە‌نە ئۆيىدىن چىقالمايدىغان قېرىنداشلار خە‌ت يېزىش ۋە تېلېفون ئارقىلىقمۇ گۇ‌ۋاھلىق بېرە‌لە‌يدۇ.‏

جامائە‌تتىكى شە‌رە‌پلىك ۋە‌زىپىلە‌رگە ئېرىشە‌لمىگە‌ندە

14.‏ داۋۇ‌ت پادىشاھ قانداق ئاجايىپ ئۈلگە كۆرسە‌تكە‌ن؟‏

14 يېشىمىز،‏ تە‌ن سالامە‌تلىكىمىز ياكى باشقا ئىمكانىيە‌تلىرىمىزنىڭ چە‌كلىمىسى تۈپە‌يلىدىن،‏ بىز جامائە‌تتىكى بە‌زى شان-‏شە‌رە‌پلىك ۋە‌زىپىلە‌رگە ئېرىشە‌لمە‌سلىكىمىز مۇ‌مكىن.‏ بىز شۇ‌نداق ۋە‌زىيە‌تتە بولۇ‌پ قالساق،‏ داۋۇ‌ت پادىشاھنىڭ ئۈلگىسىدىن ساۋاق ئالالايمىز.‏ داۋۇ‌ت پادىشاھ ئىبادە‌تخانا سېلىشنى ئارزۇ قىلغان.‏ لېكىن،‏ يە‌ھۋا ئىبادە‌تخانىنى سېلىشقا ئۇ‌نى تاللىمىغانلىقىنى ئېيتقان.‏ بىراق،‏ داۋۇ‌ت خۇ‌دا تاللىغان ئادە‌منى چىن يۈرە‌كتىن قوللاپ-‏قۇ‌ۋۋە‌تلىگە‌ن.‏ ھە‌تتا ئۇ ئىبادە‌تخانا قۇ‌رۇ‌لۇ‌شى ئۈچۈن مە‌ردلىك بىلە‌ن ئالتۇ‌ن-‏كۈمۈشلە‌رنى بېرىپ،‏ ئۆز ھە‌سسىسىنى قوشقان.‏ ئۇ ھە‌قىقە‌تە‌ن بىز ئۈچۈن ئاجايىپ ياخشى ئۈلگە!‏—‏2-‏سام.‏ 7:‏12،‏ 13؛‏ 1-‏تارىخ.‏ 29:‏1،‏ 3—‏5‏.‏

15.‏ يۇ‌گېس ئىسىملىك بۇ‌رادە‌ر ئۈمىدسىزلىكنى قانداق يە‌ڭگە‌ن؟‏

15 فرانسىيىدە ياشايدىغان يۇ‌گېس ئىسىملىك بۇ‌رادە‌رنىڭ سالامە‌تلىكى ناچار بولغاچقا،‏ ئاقساقاللىق ۋە‌زىپىسىنى ئورۇ‌ندىيالمىغان ۋە ھە‌تتا ئاددىي ئىشلارنىمۇ قىلالمىغان.‏ ئۇ مۇ‌نداق دېگە‌ن:‏ «مە‌ن باشتا قاتتىق ئۈمىدسىزلىنىپ،‏ ئۆزۈمنى ئە‌رزىمە‌س ھېس قىلدىم.‏ ئە‌مما،‏ ۋاقىت ئۆتۈپ،‏ قىلالمايدىغان ئىشلار توغرۇ‌لۇ‌ق غە‌م قىلماسلىقنىڭ مۇ‌ھىم ئىكە‌نلىكىنى چۈشە‌ندىم.‏ كېيىن،‏ يە‌ھۋاغا قولۇ‌مدىن كە‌لگىنىچە خىزمە‌ت قىلالىغانلىقىمدىن خۇ‌شال بولدۇ‌م.‏ مە‌ن بە‌ل قويۇ‌ۋە‌تمىدىم.‏ ھېرىپ چارچىغان گىدېئون ۋە ئۇ‌نىڭ ئۈچ يۈز ئە‌سكىرىگە ئوخشاش،‏ مە‌ن داۋاملىق كۈرە‌ش قىلىمە‌ن».‏—‏ھاكىم.‏ 8:‏4‏.‏

16.‏ پە‌رىشتىلە‌رنىڭ مىسالىدىن نېمىنى ئۆگىنە‌لە‌يمىز؟‏

16 سادىق پە‌رىشتىلە‌ر ياخشى ئۈلگە كۆرسىتىۋاتىدۇ.‏ ئاخاب پادىشاھ ھۆكۈمرانلىق قىلغاندا،‏ يە‌ھۋا پە‌رىشتىلە‌ردىن يامان پادىشاھنى ئالداشنىڭ يوللىرىنى تېپىشنى سورىغان.‏ پە‌رىشتىلە‌رنىڭ بە‌زىلىرى ئۆز ئۆي-‏پىكىرلىرىنى ئوتتۇ‌رغا قويۇ‌شقان.‏ بىراق،‏ خۇ‌دا بىر پە‌رىشتىنى تاللاپ،‏ ئۇ‌نىڭ ئىشى ئوڭۇ‌شلۇ‌ق بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان (‏1-‏پادىشاھ.‏ 22:‏19—‏22‏)‏.‏ بە‌لكىم،‏ باشقا سادىق پە‌رىشتىلە‌ر ئۈمىدسىزلىنىپ:‏ «بىكاردىن-‏بىكار ئېغىزىمنى ئۇ‌پرىتىپ سۆزلە‌پتىمە‌ن»،‏—‏ دە‌پ ئويلىغانمىدۇ؟‏ ئە‌لۋە‌تتە،‏ ئۇ‌لار شۇ‌نداق ئويلىمىغان.‏ پە‌رىشتىلە‌ر ھە‌قىقە‌تە‌ن كە‌متە‌ر ۋە ئۇ‌لار ھە‌ممە شان-‏شە‌رە‌پنى يە‌ھۋاغا بېرىشنى خالايدۇ.‏—‏ھاكىم.‏ 13:‏16—‏18؛‏ ۋە‌ھىي.‏ 19:‏10‏.‏

17.‏ ئە‌گە‌ر بىرە‌ر شان-‏شە‌رە‌پلىك ۋە‌زىپىلە‌رگە ئىگە بولمىغاچ،‏ ئۈمىدسىزلىنىپ كۆڭلۈمىز يېرىم بولسا،‏ نېمە قىلىشىمىز كېرە‌ك؟‏

17 خۇ‌دانىڭ نامى بىلە‌ن ئاتىلىش ۋە ئۇ‌نىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە گۇ‌ۋاھلىق بېرىش چوڭ شان-‏شە‌رە‌پ ئىكە‌نلىكىنى ئە‌ستە تۇ‌تۇ‌ڭ.‏ ۋە‌زىپىلە‌ر بۈگۈن بار،‏ ئە‌تە يوق،‏ لېكىن خۇ‌دانىڭ ئالدىدىكى قە‌دىر-‏قىممىتىمىز ئۇ‌لارغا باغلىق ئە‌مە‌س.‏ ئە‌گە‌ر كە‌متە‌ر بولساق،‏ بىز يە‌ھۋا ۋە ئېتىقادداشلىرىمىز ئۈچۈن قە‌دىرلىك بولىمىز.‏ شۇ‌ڭا،‏ كە‌متە‌ر ياكى كىچىك پېئىل بولۇ‌پ قېلىش ئۈچۈن يە‌ھۋادىن يالۋۇ‌رۇ‌پ،‏ ياردە‌م سوراڭ.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلاردىكى كۆپلىگە‌ن كە‌متە‌ر ۋە كىچىك پېئىل ئادە‌ملە‌رنىڭ ياخشى ئۈلگىلىرى ھە‌ققىدە ئويلىنىڭ.‏ ئىمكانىيە‌تنىڭ بارىچە،‏ قېرىنداشلىرىڭىزغا خىزمە‌ت قىلىشقا تە‌ييار بولۇ‌ڭ.‏—‏زە‌بۇ‌ر 138:‏6؛‏ 1-‏پېتر.‏ 5:‏5‏.‏

خىزمىتىڭىز نە‌تىجىسىز بولۇ‌پ كۆرۈنسە

18،‏ 19.‏ ۋە‌ز خىزمىتىڭىز ئۈنۈمسىز كۆرۈنسە،‏ خۇ‌شاللىقنى قانداق تاپالايسىز؟‏

18 ۋە‌ز قىلىۋاتقان رايون ئۈنۈمسىزدە‌ك كۆرۈنسە ياكى ئۆيمۇ-‏ئۆي ۋە‌ز قىلغاندا ئادە‌ملە‌ر ئۆيلىرىدە بولمىغاچ،‏ ئۈمىدسىزلىنىپ كۆڭلىڭىز يېرىم بولۇ‌پ باققانمۇ؟‏ مۇ‌نداق ۋە‌زىيە‌تتە خۇ‌شاللىقنى ساقلاش ياكى تېخىمۇ خۇ‌شال بولۇ‌شنىڭ سە‌ۋە‌بلىرىنى تېپىش ئۈچۈن نېمە قىلىشىڭىز كېرە‌ك؟‏ «‏ ۋە‌ز خىزمە‌تتىن كۆپرە‌ك خۇ‌شاللىق تېپىش ئۇ‌سۇ‌للىرى‏» ناملىق رامكىدا ئە‌مە‌لىي مە‌سلىھە‌تلە‌ر بار.‏ ۋە‌ز خىزمە‌تكە توغرا كۆز قاراشتا بولۇ‌شمۇ مۇ‌ھىم.‏ بۇ نېمىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؟‏

19 دىققىتىڭىزنى خۇ‌دانىڭ ئىسىمىنى مە‌دھىيىلە‌شكە ۋە پادىشاھلىقىنى جاكارلاشقا ئاغدۇ‌رۇ‌ڭ.‏ ئە‌يسا ھاياتلىققا يېتە‌كلە‌يدىغان يولنى ئاز ئادە‌منىڭ تاپىدىغانلىقىنى ئېنىق چۈشە‌ندۈرگە‌ن (‏مە‌تتا 7:‏13،‏ 14‏)‏‏.‏ بىز ۋە‌ز قىلغاندا،‏ ياراتقۇ‌چى يە‌ھۋا،‏ مە‌سىھ ئە‌يسا ۋە پە‌رىشتىلە‌ر بىلە‌ن ھە‌مكارلىشىش شان-‏شە‌رىپىگە ئىگە (‏مە‌تتا 28:‏19،‏ 20؛‏ 1-‏كورىنت.‏ 3:‏9؛‏ ۋە‌ھىي.‏ 14:‏6،‏ 7‏)‏.‏ يە‌ھۋا ئۆزىگە لايىق ئادە‌ملە‌رنى جە‌لپ قىلىدۇ (‏يۇ‌ھاننا 6:‏44‏)‏.‏ ئە‌گە‌ر بىر ئادە‌م بۇ قېتىم ئېيتقان سۆزلىرىڭىزگە قۇ‌لاق سالمىسا،‏ بە‌لكىم كېلە‌ركى قېتىم قۇ‌لاق سېلىپ قالار.‏

20.‏ يە‌رە‌مىيا 20:‏8،‏ 9-‏ئايە‌تلە‌ردىن ئۈمىدسىزلىككە قارشى كۈرە‌ش قىلىش توغرىسىدا نېمىنى بىلە‌لە‌يمىز؟‏

20 بىز يە‌رە‌مىيا پە‌يغە‌مبە‌ردىن نۇ‌رغۇ‌ن نە‌رسىلە‌رنى ئۆگىنە‌لە‌يمىز.‏ ئۇ ئىنتايىن قىيىن بىر رايوندا ۋە‌ز قىلغان.‏ ئادە‌ملە‌ر ئە‌تىدىن كە‌چ كىرگىچە ئۇ‌نى ھاقارە‌تلە‌پ،‏ مە‌سخىرە قىلغان ‏(‏يە‌رە‌مىيا 20:‏8،‏ 9-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ ئۇ بىر پە‌يتتە،‏ ئۈمىدسىزلىنىپ كە‌تكە‌نكى،‏ ھە‌تتا ۋە‌ز قىلىشنى توختىتىشنى خالىغان.‏ بىراق،‏ ئۇ نېمە ئۈچۈن بە‌ل قويۇ‌ۋە‌تمىگە‌ن؟‏ چۈنكى،‏ خۇ‌دانىڭ سۆزى يە‌رە‌مىيانىڭ قە‌لبىدە ئوتتە‌ك لاۋۇ‌لداپ،‏ ئۇ‌نى تۇ‌تۇ‌پ قالالمىغان.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ھە‌ر كۈنى ئوقۇ‌ساق ۋە ئۇ‌نىڭ ئۈستىدىن مۇ‌لاھىزە قىلساق،‏ بىزمۇ يە‌رە‌مىياغا ئوخشاش بولالايمىز.‏ نە‌تىجىدە،‏ قە‌لبىمىز خۇ‌شاللىققا تولۇ‌پ،‏ خىزمىتىمىز ئۈنۈملۈك بولىدۇ.‏—‏يە‌رە‌م.‏ 15:‏16‏.‏ d

 21.‏ ئۈمىدسىزلىك ئۈستىدىن قانداق غە‌لىبە قازىنالايسىز؟‏

21 يۇ‌قىرىدا تىلغا ئېلىنغان دېبورا مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «ئۈمىدسىزلىنىش —‏ شە‌يتاننىڭ قولىدىكى خە‌تە‌رلىك قورال بولۇ‌شى مۇ‌مكىن».‏ ئە‌مما،‏ شە‌يتان ۋە ئۇ‌نىڭ قوراللىرىغا قارىغاندا،‏ يە‌ھۋا چە‌كسىز كۈچ-‏قۇ‌درە‌تلىكتۇ‌ر.‏ ئۈمىدسىزلىنىشىمىزنىڭ سە‌ۋە‌بى مە‌يلى قانداق بولسۇ‌ن،‏ يە‌ھۋادىن ئۇ‌نىڭ قوللاپ-‏قۇ‌ۋۋە‌تلىشىنى سوراڭ.‏ ئۇ كە‌مچىلىكلىرىمىز ۋە ئاجىزلىقلىرىمىزنى يېڭىشكە ياردە‌م بېرىدۇ.‏ ئاغرىۋاتقان ۋاقتىڭىزدا،‏ ئۇ سىزگە يار-‏يۆلە‌ك بولىدۇ.‏ ئۇ ۋە‌زىپىلىرىڭىزگە بولغان تە‌ڭپۇ‌ڭلۇ‌قنى ھە‌مدە ۋە‌ز خىزمىتىڭىزگە بولغان ئىجابىي كۆز قاراشنى ساقلىشىڭىزغا ياردە‌م بېرىدۇ.‏ ئاسماندىكى كۆيۈمچان ئاتىڭىزغا دە‌ردىڭىزنى ئوچۇ‌ق ئېيتىپ بېرىڭ.‏ ئۇ‌نىڭ ياردىمى بىلە‌ن ئۈمىدسىزلىك ئۈستىدىن غە‌لىبە قازىنالايسىز.‏

6-‏ناخشا خۇ‌دا خىزمە‌تچىسىنىڭ دۇ‌ئاسى

a بە‌زىدە ھە‌ممىمىزنىڭ چۈشكۈنلۈككە چۈشىدىغان ۋاقىتلىرى بولىدۇ.‏ بۇ ماقالىدە چۈشكۈنلۈككە چۈشكە‌ندە،‏ بىز نېمە قىلالايدىغانلىقىمىزنى ۋە يە‌ھۋانىڭ ياردىمى بىلە‌ن ئۈمىدسىزلىكنى يېڭە‌لە‌يدىغانلىقىمىزنى كۆرۈپ چىقىمىز.‏

b بۇ ماقالىدىكى بە‌زى ئىسىملار ئۆزگە‌رتىلگە‌ن.‏

c ئۇ‌نىڭ تە‌رجىمىھالىنى «ئويغىنىش!‏» ژۇ‌رنىلى،‏ 1993-‏يىل،‏ 22-‏يانۋار سانىدىن ئوقۇ‌يالايسىز.‏

d ‏«ۋە‌ز خىزمە‌تتىن كۆپرە‌ك خۇ‌شاللىق تېپىش ئۇ‌سۇ‌للىرى» ناملىق رامكىدا ۋە‌ز خىزمىتىمىزنى ياخشىلاشقا ياردە‌م بېرىدىغان بە‌زى ئە‌مە‌لىي مە‌سلىھە‌تلە‌ر بار.‏

e سۈرە‌تتە:‏ بىر چاغلاردا ئۈمىدسىزلە‌نگە‌ن قېرىنداش،‏ ئۆتمۈشتە قىلغان خىزمىتى توغرۇ‌لۇ‌ق ئويلىنىۋاتىدۇ ۋە يە‌ھۋاغا دۇ‌ئا قىلىۋاتىدۇ.‏ يە‌ھۋانىڭ ئۇ‌نىڭ قىلغان ۋە قىلىۋاتقانلىرىنى ئۇ‌نتۇ‌پ قالمىغانلىقىغا ئىشىنىۋاتىدۇ.‏