پۈتۈن ۋۇجۇدىڭىز بىلەن ۋەزىپىڭىزنى ئورۇنلاشقا ئۆزىڭىزنى بېغىشلاڭ!
جان-جىگەر دوستىڭىزدىن ئىلھام بېرىدىغان خەتنى تاپشۇرۇۋالغاندا ئۆزىڭىزنى قانداق ھېس قىلىسىز؟ مەسىھنىڭ شاگىرتى تىموتىي ئەلچى پاۋلۇستىن كەلگەن شۇنداق خەتنى ئالغان، ھازىر بىز ئۇنى 2-تىموتىي دەپ بىلىمىز. شەك-شۈبھىسىزكى، تىموتىي جان دوستىنىڭ يازغان خېتىنى ئوقۇش ئۈچۈن تىنچ بىر جاينى ئىزدىگەن. بەلكىم، تىموتىي: «پاۋلۇسنىڭ ئىشلىرى قانداق بولۇۋاتقاندۇ؟ مېنىڭ ۋەزىپىلىرىمنى ئورۇنلاشقا ياردەم بېرىدىغان نەسىھەتلەرنى يېزىپ قويغانمىدۇ؟ بۇ خەت باشقىلارغا ياردەم بېرىش خىزمىتىمدە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشقا ياردەم بېرەلەمدۇ؟»— دەپ ئويلىغان بولۇشى مۇمكىن. كۆرگىنىمىزدەك، تىموتىي بۇ خەتتە مۇشۇ سوئاللارنىڭ جاۋابلىرىنى ۋە ئۇنىڭدىنمۇ مۇھىم نەرسىلەرنى تاپقان. ھازىر مۇشۇ خەتتە تاپقىلى بولىدىغان بىرنەچچە پايدىلىق مەسلىھەتلەرگە دىققەتنى قارىتايلى.
«ھەممە نەرسىگە چىداپ، سەۋر-تاقەت قىلىۋاتىمەن»
تىموتىي بۇ خەتنى ئوقۇشقا باشلىغاندىلا، پاۋلۇس بىلەن بولغان يېقىن مۇناسىۋىتى ئېسىگە چۈشكەن. پاۋلۇس ئۇنى ئىللىق سۆز بىلەن «قەدىرلىك ئوغلۇم» دەپ ئاتىغان (2-تىموت. 1:2). تىموتىي بۇ خەتنى مىلادى 65-يىلى تاپشۇرۇۋالغاندا، ئۇ تەخمىنەن 30 ياشتا بولغان. شۇ چاغلاردا ئۇ تەجرىبىلىك ئاقساقال بولۇپ خىزمەت قىلىۋاتاتتى. ئۇ پاۋلۇس بىلەن بىرگە ئون نەچچە يىل ھەمكارلىشىپ، كۆپ نەرسىلەرنى ئۆگەنگەن.
تىموتىي پاۋلۇسنىڭ سىناقلارغا ساداقەتمەنلىك بىلەن بەرداشلىق بېرىۋاتقانلىقىنى بىلگەندە ئىلھام ئالغان. پاۋلۇس رىمدا مەھبۇس بولۇپ، پات-ئارىدا ئۆلتۈرۈلەتتى (2-تىموت. 1:15، 16؛ 4:6—8). پاۋلۇسنىڭ «ھەممە نەرسىگە چىداپ، سەۋر-تاقەت قىلىۋاتىمەن» دېگەن سۆزلىرىدىن، تىموتىي ئۇنىڭ جەسۇرلۇقىنى كۆرگەن (2-تىموت. 2:8—13). تىموتىيغا ئوخشاش، بىزمۇ پاۋلۇسنىڭ ئاجايىپ چىدامچانلىق ئۈلگىسىدىن ئۆزۈمىزگە كۈچ ئالىمىز.
«خۇدادىن كەلگەن سوۋغاتنى ئوتتەك يالقۇنلىتىپ» تۇرۇڭ
پاۋلۇس تىموتىينى خۇدا بەرگەن ۋەزىپىنى بەك قەدىرلەشكە دەۋەت قىلغان. پاۋلۇس تىموتىينىڭ ئۆزىدە بار بولغان «خۇدادىن كەلگەن سوۋغاتنى ئوتتەك يالقۇنلىتىپ» تۇرۇشىنى خالىغان (2-تىموت. 1:6). پاۋلۇس مۇشۇ جۈملىدە، گرېكچە «قارىسما» دېگەن سۆزنى قوللانغان بولۇپ، «سوۋغات» دەپ تەرجىمە قىلىنغان. بۇ گرېكچە سۆز، ئادەتتە بىرەر نەرسىگە ھەقسىز ئېرىشىش ياكى سوۋغاتقا لايىق بولمىسىمۇ بىكاردىن ئېرىشىش دېگەننى بىلدۈرىدۇ. تىموتىي جامائەتكە ئالاھىدە خىزمەت بىلەن ئەۋەتىلگەندە، بۇ سوۋغاتقا ئېرىشكەن.—1-تىموت. 4:14.
تىموتىي بۇ سوۋغاتنى قانداق ئىشلەتكەن؟ تىموتىي «ئوتتەك يالقۇنلىتىپ» دېگەن سۆز-ئىبارىنى ئوقۇغاندا، ئۆيىدىكى ئوچاقتا لاۋۇلداپ كۆيۈۋاتقان كۆمۈرنىڭ چوغقا ئايلانغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلغان بولۇشى مۇمكىن. مۇشۇ كۆمۈر چوغىنى داۋاملىق كۆيۈشى ۋە ئىسسىقلىق بېرىشى ئۈچۈن ئۇلارنى ئارىلاشتۇرۇپ تۇرۇشى كېرەك. بىر لۇغەتتە «ئانازوپىرېئو» دېگەن گرېكچە پېئىل، «ئوتنى قايتا ياقماق، ئەسلىگە كەلتۈرمەك، ئوتقا پۇۋلەش»، يەنى باشقىچە ئېيتقاندا «قانداقتۇ بىر ئىشىنى ھاياجان ۋە قىزغىنلىق بىلەن قىلىش» دېگەننى بىلدۈرىدۇ. دېمەك، ئەلچى پاۋلۇس تىموتىيغا: «پۈتۈن ۋۇجۇدۇڭ بىلەن خىزمەتنى ئورۇنلاشقا ئۆزۈڭنى بېغىشلا»،— دەپ مەسلىھەت بەرگەن. بەلكىم، بىزمۇ تىموتىيغا ئوخشاش بار كۈچىمىزنى چىقىرىپ، قىزغىنلىق بىلەن خىزمىتىمىزنى ئورۇنلاش كېرەكلىكىنى چۈشىنىمىز.
«بۇ قىممەتلىك ئامانەتنى ساقلىغىن»
تىموتىي ئەلچى پاۋلۇسنىڭ خېتىنى داۋاملىق ئوقۇۋاتقاندا، خىزمىتىدە ئۇتۇقلۇق بولۇشقا ياردەم بېرىدىغان يەنە بىر نەرسىنى بايقىغان. پاۋلۇس مۇنداق يازغان: «بىزدە ماكانلاشقان مۇقەددەس روھنىڭ ياردىمى بىلەن بۇ قىممەتلىك ئامانەتنى ساقلىغىن» (2-تىموت. 1:14). ئامانەت دېگىنىمىز نېمە؟ تىموتىيغا نېمە تاپشۇرۇلغان؟ ئالدىنقى ئايەتتە پاۋلۇس «ساغلام سۆزلەر»، يەنى مۇقەددەس يازمىلار ئارقىلىق بېرىلگەن ھەقىقەت ھەققىدە ئېيتقان (2-تىموت. 1:13). تىموتىي ئەيسانىڭ شاگىرتى بولۇش سۈپىتىدە، جامائەتنىڭ ئىچى ۋە سىرتىدا ھەقىقەتنى ئېيتىشى كېرەك ئىدى (2-تىموت. 4:1—5). ئۇنىڭدىن باشقا، تىموتىي خۇدانىڭ قويلىرىنى بېقىش ئۈچۈن ئاقساقال بولۇپ تەيىنلەنگەن (1-پېتر. 5:2). تىموتىي يەھۋانىڭ مۇقەددەس روھىغا ۋە ئۇنىڭ سۆزىگە تايىنىپ، ئۆزى ئۆگەتكەن ھەقىقەتنى قوغدىغان.—2-تىموت. 3:14—17.
بۈگۈن بىزگە ئىشەنچ قىلىپ، تاپشۇرۇلغان ھەقىقەتنى باشقىلارغا ئېيتىمىز (مەتتا 28:19، 20). ئاجايىپ ھەقىقەتلەرگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن دائىم دۇئا قىلىڭ ۋە ئۇنىڭ سۆزىنى تەتقىق قىلىشنى ئادەتكە ئايلاندۇرۇڭ (رىملىقلار 12:11، 12؛ 1-تىموت. 4:13، 15، 16). شۇنداقلا بىز يەنە قوشۇمچە ۋەزىپىگە ئىگە بولۇشىمىز مۇمكىن. مەسىلەن، مەيلى تولۇق ۋاقىتلىق خىزمەت ياكى ئاقساقال بولۇپ خىزمەت قىلايلى، شۇنداق قىممەتلىك ۋەزىپىلەر كەمتەر بولۇشقا ۋە بۇلارنى خۇداسىز قىلالمايدىغانلىقىنى چۈشىنىشكە ياردەم بېرىدۇ. شۇڭا، «سوۋغاتنى» قەدىرلىسەك ۋە يەھۋا خۇدانىڭ ياردىمىگە تايانساق، ئۇنى قوغدىيالايمىز.
«نەرسىلەرنى ئىشەنچىلىك ئادەملەرگە ئامانەت قىلغىن»
تىموتىي ئۆزى قىلغان ئىشنى باشقىلارغا ئۆگىتىشى كېرەك ئىدى. بۇ ئۇنىڭ مۇھىم بىر ۋەزىپىسى بولغان. شۇ سەۋەبتىن پاۋلۇس مۇنداق يازغان: «مەندىن ئاڭلىغان نەرسىلەرنى ئىشەنچىلىك ئادەملەرگە ئامانەت قىلغىن، ئۇلارمۇ باشقىلارغا تەلىم بېرىشكە لاياقەتلىك بولسۇن» (2-تىموت. 2:2). تىموتىي بۇرادەرلەردىن ئالغان بىلىملەرنى باشقىلارغا ئۆگەتكەن. بۈگۈنكى جامائەتلەردىكى ھەر بىر ئاقساقال بۇنى قىلىشقا ئىنتىلىشى كېرەك. بۇ بەك مۇھىم. ياخشى ئاقساقال ئۆز ۋەزىپىسىگە مۇناسىۋەتلىك بىلىملەرنى باشقىلاردىن قىزغىنىپ يوشۇرمايدۇ. ئەكسىنچە، ئۇنىڭ ئورنىغا باشقىلارنى ئۆز ۋەزىپىلىرىنى ئورۇنلاشقا ئۆگىتىدۇ. ئۇ ئادەملەر ئۇنىڭدىن كۆپرەك بىلىۋالىدۇ ياكى ئۇنىڭدىن بۇ ئىشنى ياخشىراق قىلىدۇ دەپ قورقمايدۇ. شۇڭا، ئاقساقال ۋەزىپىنى ئورۇنلاشنىڭ پەقەت ئاساسىي قەدەم-باسقۇچلىرىنى ئەمەس، تەپسىلىي تولۇق قىلىشنى ئۆگىتىدۇ. ئۇ ئۆگىتىۋاتقان بۇرادەرلەرنىڭ روھىي جەھەتتىن ئۆسۈشىنى، شۇ جۈملىدىن ئىشلار ئۈستىدىن توغرا ھۆكۈم قىلىش ۋە چۈشىنىش قابىلىيەتلىرىنى يېتىلدۈرۈشىنى خالايدۇ. شۇنداق قىلىپ، ئۇ ئۆگەتكەن «ئىشەنچىلىك ئادەملەر» جامائەتكە تېخىمۇ كۆپ پايدا ئېلىپ كېلىدۇ.
شەك-شۈبھىسىزكى، تىموتىي پاۋلۇسنىڭ ئۇنىڭغا ئەۋەتكەن خېتىنى بەك قەدىرلىگەن. بىز تىموتىي پاۋلۇسنىڭ خېتىدىكى قىممەتلىك نەسىھەتنى قايتا-قايتا ئوقۇپ، ئۆز ۋەزىپىسىنى ياخشىراق ئورۇنلاش ئۈچۈن ئۇنى قانداق ئەمەلىي قوللىنىشقا بولىدىغانلىقى ھەققىدە ئويلىغانلىقىنى ئاسانلا تەسەۋۋۇر قىلالايمىز.
بىزمۇ بۇ مەسلىھەتكە پۈتۈن ۋۇجۇدىمىز بىلەن ئەمەل قىلىشنى خالايمىز. بۇنى قانداق قىلالايمىز؟ ھەقىقەتنى قوغداش ۋە ئالغان بىلىملەرنى باشقىلارغا ئۆگىتىش ئۈچۈن ئالغان سوۋغاتنى «ئوتتەك يالقۇنلىتىپ» تۇرۇش ئۈچۈن بار كۈچىمىزنى چىقىرىشىمىز كېرەك. شۇنداق قىلغىنىمىزدا، پاۋلۇسنىڭ تىموتىيغا ئېيتقىنىدەك، بىزمۇ تاپشۇرۇلغان ۋەزىپىنى ئادا قىلالايمىز.—2-تىموت. 4:5.