مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

1-‏تە‌تقىق ماقالىسى

تىنچ-‏خاتىرجە‌ملىكنى ساقلاپ،‏ يە‌ھۋاغا تايىنىڭ!‏

تىنچ-‏خاتىرجە‌ملىكنى ساقلاپ،‏ يە‌ھۋاغا تايىنىڭ!‏

2021-‏يىلنىڭ ئايىتى:‏ «تىنچ-‏خاتىرجە‌ملىكنى ساقلاپ ماڭا تايانساڭلار،‏ كۈچلۈك بولىسىلە‌ر».‏—‏يە‌شايا 30:‏15‏.‏

152-‏ناخشا كۈچىمىز،‏ ئۈمىدىمىز ۋە يار-‏يۆلىكىمىز

بۇ ماقالىدە a

1.‏ داۋۇ‌ت پادىشاھقا ئوخشاش بىز نېمىنى سورىشىمىز مۇ‌مكىن؟‏

 بىز ھە‌ممىمىز تىنچ-‏خاتىرجە‌م ۋە بىخە‌تە‌ر ھايات كە‌چۈرۈشنى خالايمىز.‏ بىرمۇ ئادە‌م غە‌م-‏تە‌شۋىش ئىچىدە ياشاشنى خالىمايدۇ.‏ بە‌زى ۋاقىتلاردا بىز غە‌م-‏تە‌شۋىش بىلە‌ن كۈرە‌ش قىلىشىمىز مۇ‌مكىن.‏ شۇ‌ڭا،‏ يە‌ھۋانىڭ بە‌زى خىزمە‌تچىلىرى داۋۇ‌ت پادىشاھقا ئوخشاش مۇ‌نداق سورىشى مۇ‌مكىن:‏ «قاچانغىچە ھە‌ر كۈنى غە‌م-‏ئە‌ندىشە قىلىپ،‏ يۈرىكىم قان يىغلاپ يۈرىمە‌ن؟‏»—‏زە‌بۇ‌ر 13:‏2‏.‏

2.‏ بۇ ماقالىدە نېمىنى كۆرۈپ چىقىمىز؟‏

2 غە‌م-‏تە‌شۋىشتىن پۈتۈنلە‌ي قۇ‌تۇ‌لالمىساقمۇ،‏ بۇ‌نداق ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌نى تىزگىنلە‌ش ئۈچۈن بار كۈچىمىزنى چىقىرالايمىز.‏ بۇ ماقالىدە،‏ بۇ‌نداق غە‌م-‏ئە‌ندىشىلە‌رنى پە‌يدا قىلىدىغان بە‌زى نە‌رسىلە‌رنى مۇ‌ھاكىمە قىلىمىز.‏ ئاندىن،‏ قىيىنچىلىقلىرىمىزنى ھە‌ل قىلغاندا،‏ تىنچ-‏خاتىرجە‌ملىكىمىزنى ساقلاش ئۈچۈن بىز قىلالايدىغان ئالتە ئە‌مە‌لىي ئۇ‌سۇ‌لنى كۆرۈپ چىقىمىز.‏

بىزنى غە‌م-‏ئە‌ندىشىگە سالىدىغان سە‌ۋە‌بلە‌ر

3.‏ نېمە بىزنى غە‌م-‏تە‌شۋىشكە سالىدۇ ۋە بىز ئۇ‌لارنى ئۆزىمىز قانچىلىك كونترول قىلالايمىز؟‏

3 بىزنى غە‌م-‏ئە‌ندىشىلە‌رگە سالىدىغان ئىشلار كۆپ بولۇ‌شى مۇ‌مكىن،‏ ئۆزىمىز شۇ‌نداق ئىشلارنىڭ بە‌زىلىرىنىڭ يۈز بېرىشىدىن ساقلىنالايمىز.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ ئوزۇ‌ق-‏تۈلۈك ۋە كىيىم-‏كېچە‌ك باھاسى ۋە ئۆي ئىجارە ھە‌ققى يىلدىن يىلغا ئۆزگۈرۈپ تۇ‌رىدۇ،‏ بۇ مە‌سىلىلە‌ر بىزنىڭ كونتروللىقىمىز ئاستىدا ئە‌مە‌س.‏ يە‌نە خىزمە‌تداشلىرىمىز ياكى ساۋاقداشلىرىمىز ھە‌مىشە بىزنى جىنسىي ئە‌خلاقسىزلىق ياكى يالغانچىلىق قىلىشقا ئېزىقتۇ‌رۇ‌شى مۇ‌مكىن،‏ بىز ئۇ‌لارنى كونترول قىلالمايمىز.‏ شۇ‌نداقلا يە‌نە يۇ‌رتىمىزدا يۈز بېرىۋاتقان جىنايە‌تلە‌رنى توختىتالمايمىز.‏ بىز مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب پرىنسىپلىرىغا ماس ھايات كە‌چۈرمە‌يدىغان ئادە‌ملە‌رگە تولغان دۇ‌نيادا ياشاۋاتقاچقا،‏ بىزمۇ مۇ‌شۇ قىيىنچىلىقلارغا دۇ‌چ كېلىمىز.‏ بۇ دۇ‌نيانىڭ خۇ‌داسى شە‌يتان،‏ بە‌زى ئادە‌ملە‌رنىڭ «بۇ دۇ‌نيانىڭ غە‌م-‏ئە‌ندىشىلىرى» سە‌ۋە‌بلىك،‏ يە‌ھۋاغا خىزمە‌ت قىلمايدىغانلىقىنى بىلىدۇ (‏مە‌تتا 13:‏22؛‏ 1-‏يۇ‌ھاننا 5:‏19‏)‏.‏ شۇ‌ڭا،‏ بۇ دۇ‌نيانىڭ ئادە‌ملە‌رنى غە‌م-‏تە‌شۋىشكە سالىدىغان قىيىنچىلىقلارغا تولغانلىقىغا ھە‌يران قالمايمىز!‏

4.‏ غە‌م-‏ئە‌ندىشىلە‌رگە پېتىپ قالغاندا،‏ بىز نېمە ھە‌ققىدە ئويلىشىمىز مۇ‌مكىن؟‏

4 غە‌م-‏ئە‌ندىشىلە‌رگە شۇ‌نچە چوڭقۇ‌ر پېتىپ قالىمىزكى،‏ ھە‌تتا باشقا ھېچنە‌رسىنى ئويلىيالماي قېلىشىمىز مۇ‌مكىن.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ ئېھتىياجلىرىمنى تە‌مىنلە‌ش ئۈچۈن يېتە‌رلىك پۇ‌ل تاپالمايمە‌ن ياكى ئاغرىپ قالسام ئىشقا بارالمايمە‌ن،‏ ھە‌تتا ئۇ‌نىڭدىن ئايرىلىپ قالىمە‌ن،‏ دە‌پ ئە‌نسىرىشىمىز مۇ‌مكىن.‏ بە‌لكىم،‏ خۇ‌دانىڭ قانۇ‌نىنى بۇ‌زۇ‌پ قويۇ‌پ،‏ ئۇ‌نىڭغا ساداقە‌تمە‌نلىكىمنى ساقلاپ قالالمايمە‌ن،‏ دە‌پ غە‌م-‏ئە‌ندىشە قىلىدىغاندىمىز.‏ يېقىن-‏ئارىدا شە‌يتاننىڭ قول ئاستىدىكى ئادە‌ملە‌ر خۇ‌دانىڭ خە‌لقىگە ھۇ‌جۇ‌م قىلىدۇ،‏ شۇ‌ڭا بۇ‌نىڭغا قانداق ئىنكاس قايتۇ‌رىمىز،‏ دە‌پ غە‌م-‏تە‌شۋىشكە چۈشىشىمىز مۇ‌مكىن.‏ ئۆزۈمىزدىن مۇ‌نداق سورىساق بولىدۇ:‏ «شۇ‌نداق مە‌سىلىلە‌ر توغرۇ‌لۇ‌ق غە‌م-‏ئە‌ندىشە قىلىشىم توغرىمۇ ياكى خاتامۇ؟‏»‏

5.‏ ئە‌يسا ئۆز ئە‌گە‌شكۈچىلىرىگە «غە‌م-‏ئە‌ندىشە قىلماڭلار» دېگە‌ندە،‏ نېمىنى كۆزدە تۇ‌تۇ‌پ شۇ‌نداق دېگە‌ن؟‏

5 ئە‌يسا ئۆز ئە‌گە‌شكۈچىلىرىگە «غە‌م-‏ئە‌ندىشە قىلماڭلار» دېگە‌نلىكىنى  بىلىمىز (‏مە‌تتا 6:‏25‏)‏.‏ بۇ ھېچنېمىدىن غە‌م قىلماسلىقىمىزنى بىلدۈرە‌مدۇ؟‏ ياق،‏ بىلدۈرمە‌يدۇ.‏ ئۇ‌نتۇ‌ماڭ،‏ قە‌دىمقى زاماندىكى خۇ‌دانىڭ ساداقە‌تمە‌ن خىزمە‌تچىلىرىدىمۇ غە‌م-‏ئە‌ندىشىلە‌ر بولغان،‏ بىراق يە‌ھۋا ئۇ‌لاردىن يە‌نىلا مە‌منۇ‌ن بولغان b (‏1-‏پادىشاھ.‏ 19:‏4؛‏ زە‌بۇ‌ر 6:‏3‏)‏.‏ شە‌ك-‏شۈبھىسىزكى،‏ ئە‌يسا بىزنى تىنچ-‏خاتىرجە‌ملىكنى ساقلاشقا دە‌ۋە‌ت قىلغان.‏ ئۇ تۇ‌رمۇ‌شىمىزدىكى قىيىنچىلىقلار توغرۇ‌لۇ‌ق ھە‌ددىدىن زىيادە غە‌م قىلماسلىقىمىزنى خالىغان،‏ چۈنكى بۇ خۇ‌داغا خىزمە‌ت قىلىشىمىزغا يامان تە‌سىر قىلىدىغانلىقىنى بىلگە‌ن.‏ قانداق ئۇ‌سۇ‌للار بىلە‌ن غە‌م-‏تە‌شۋىش تۇ‌يغۇ‌لىرىمىزنى كونترول قىلالايمىز؟‏ —‏ «‏ بۇ‌نى قانداق قىلالايمىز؟‏‏» ناملىق رامكىغا قاراڭ.‏

تىنچ-‏خاتىرجە‌ملىكنى ساقلاشقا ياردە‌م بېرىدىغان ئالتە نە‌رسە

‏(‏6-‏ئابزاسقا قاراڭ)‏ c

6.‏ فىلىپىلىكلە‌ر 4:‏6،‏ 7-‏ئايە‌تلە‌رگە ئاساسە‌ن،‏ نېمە بىزگە تىنچ-‏خاتىرجە‌ملىك بېرىدۇ؟‏

6 ‏(‏1)‏ دائىم دۇ‌ئا قىلىش.‏ بېسىم ئاستىدا بولغان خۇ‌دا خىزمە‌تچىلىرى يە‌ھۋاغا سە‌مىمىي دۇ‌ئا قىلىپ،‏ ئۆزىنى يېنىك ھېس قىلالايدۇ (‏1-‏پېتر.‏ 5:‏7‏)‏.‏ يە‌ھۋا دۇ‌ئالىرىڭىزغا مۇ‌نداق جاۋاب بېرىدۇ،‏ «ھە‌رقانداق [ئىنساننىڭ] ئوي-‏پىكىردىن ئۈستۈن تۇ‌رىدىغان خۇ‌دانىڭ تىنچلىقى»غا ئېرىشە‌لە‌يسىز ‏(‏فىلىپىلىكلە‌ر 4:‏6،‏ 7-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ يە‌ھۋا مۇ‌قە‌ددە‌س روھ ئارقىلىق قە‌لبىڭىزگە تىنچ-‏خاتىرجە‌ملىك بېرىدۇ.‏—‏گالاتىيا.‏ 5:‏22‏.‏

7.‏ دۇ‌ئا قىلغاندا بىز نېمىنى ئە‌ستە تۇ‌تۇ‌شىمىز كېرە‌ك؟‏

7 يە‌ھۋاغا دۇ‌ئا قىلغاندا،‏ ئىچ-‏باغرىڭىزنى تۆكۈڭ.‏ ئېنىق دۇ‌ئا قىلىڭ.‏ دۇ‌ئادا ئۆز قىيىنچىلىقلىرىڭىزنى ۋە ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌لىرىڭىزنى ئۇ‌نىڭغا ئېيتىپ چۈشە‌ندۈرۈپ بېرىڭ.‏ ئە‌گە‌ر بۇ قىيىنچىلىقنى ھە‌ل قىلىشنىڭ يولى بار بولسا،‏ ئۇ‌نى توغرا ھە‌ل قىلىش ئۈچۈن خۇ‌دادىن دانالىق ۋە كۈچ سوراڭ.‏ ئە‌گە‌ر بۇ قىيىنچىلىقنى ھە‌ل قىلىش قولىڭىزدىن كە‌لمىسە،‏ ئۇ چاغدا يە‌ھۋا خۇ‌دادىن غە‌م قىلماسلىققا ياردە‌م سوراڭ.‏ سىز دۇ‌ئالىرىمىزدا ئېھتىياجلىق نە‌رسىلە‌رنى ئېنىق ئېيتسىڭىز،‏ ۋاقىت ئۆتۈپ،‏ يە‌ھۋا بۇ دۇ‌ئالىرىڭىزغا قانداق جاۋاب بە‌رگە‌نلىكىنى كۆرىسىز.‏ ئە‌گە‌ر ئۇ دۇ‌ئالىرىڭىزغا دە‌رھال جاۋاب بە‌رمىسە،‏ دۇ‌ئا قىلىشنى توختاتماڭ.‏ ئۇ دۇ‌ئايىڭىزدا ئېھتىياجلىق نە‌رسىلە‌رنى ئېنىق ئېيتىشىڭىزنى ھە‌م توختاتماي دۇ‌ئا قىلىشىڭىزنى خالايدۇ.‏—‏لۇ‌قا 11:‏8—‏10‏.‏

8.‏ دۇ‌ئالىرىمىزدا نېمىنى تىلغا ئېلىشىمىز كېرە‌ك؟‏

8 يە‌ھۋاغا دۇ‌ئا قىلغاندا،‏ ئۇ‌نىڭغا غە‌م-‏تە‌شۋىشلىرىڭىزنى ئېيتىپلا قويماي،‏ مىننە‌تدارلىقىڭىزنى بىلدۈرۈشنى ئۇ‌نتۇ‌ماڭ.‏ قىيىنچىلىقلىرىڭىزنىڭ چېچىڭىزدىن تولا بولۇ‌شىغا قارىماستىن،‏ ئېرىشىۋاتقان بە‌رىكە‌تلىرىڭىز ھە‌ققىدە ئويلاڭ.‏ چوڭقۇ‌ر ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌لىرىڭىزنى سۆزلە‌ر بىلە‌ن ئىپادىلىيە‌لمىسىڭىز،‏ ئېسىڭىزدە بولسۇ‌نكى،‏ يە‌ھۋا خۇ‌دا سىزنىڭ:‏ «ياردە‌م بە‌رگىنە!‏»—‏ دېگە‌ن ئاددىي ئۆتۈنۈشىڭىزگە جاۋاب بېرىدۇ.‏—‏2-‏تارىخ.‏ 18:‏31؛‏ رىملىقلار 8:‏26‏.‏

‏(‏9-‏ئابزاسقا قاراڭ)‏ d

9.‏ ھە‌قىقىي بىخە‌تە‌رلىككە قانداق ئېرىشكىلى بولىدۇ؟‏

9 ‏(‏2)‏ ئۆزىڭىزنىڭ دانالىقىغا ئە‌مە‌س،‏ يە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ دانالىقىغا تايىنىش‏.‏ مىلادىدىن ئىلگىرىكى سە‌ككىزىنچى ئە‌سىردە،‏ يە‌ھۇ‌دا خە‌لقى ئاسسۇ‌رىيە‌لىكلە‌رنىڭ ھۇ‌جۇ‌م قىلىشىدىن قورققان.‏ يە‌ھۇ‌دا خە‌لقى ئاسسۇ‌رىيە‌لىكلە‌رنىڭ قۇ‌لى بولۇ‌پ قېلىشنى خالىمىغاچ،‏ ئۇ‌لار بۇ‌تلارغا سە‌جدە قىلىدىغان مىسىرلىقلاردىن ياردە‌م سورىغان (‏يە‌شايا 30:‏1،‏ 2‏)‏.‏ يە‌ھۋا مىسىرلىقلارغا تايىنىشنىڭ يە‌ھۇ‌دا خە‌لقىگە پاجىئە‌لىك ئاقىۋە‌ت ئېلىپ كېلىدىغانلىقى ھە‌ققىدە ئاگاھلاندۇ‌رغان (‏يە‌شايا 30:‏7،‏ 12،‏ 13‏)‏.‏ يە‌شايا پە‌يغە‌مبە‌ر ئارقىلىق يە‌ھۋا ھە‌قىقىي بىخە‌تە‌رلىككە قانداق ئېرىشكىلى بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان.‏ ئۇ مۇ‌نداق دېگە‌ن:‏ «تىنچ-‏خاتىرجە‌ملىكنى ساقلاپ،‏ [يە‌ھۋاغا] تايانساڭلار،‏ كۈچلۈك بولىسىلە‌ر».‏—‏يە‌شايا 30:‏15‏.‏

10.‏ قايسى بە‌زى ۋە‌زىيە‌تلە‌ردە يە‌ھۋاغا بولغان ئىشە‌نچىڭىزنى كۆرسىتە‌لە‌يسىز؟‏

10 يە‌ھۋاغا ئىشە‌نچىمىزنى قانداق كۆرسىتە‌لە‌يمىز؟‏ بە‌زى مىساللارنى كۆرۈپ چىقايلى.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ سىزنى يۇ‌قىرى مائاشلىق ئىشقا تە‌كلىپ قىلدى دە‌يلى،‏ بىراق بۇ ئىش كۆپ ۋاقىتنى تە‌لە‌پ قىلىدۇ ۋە روھىي ئىشلار بىلە‌ن مە‌شغۇ‌ل بولۇ‌شىڭىزغا كاشىلا بولىدۇ.‏ ياكى بولمىسا،‏ ئىشىڭىزدا خۇ‌داغا خىزمە‌ت قىلمايدىغان ئادە‌م سىزگە ئاشىق بولۇ‌پ،‏ ئۆز كۆڭلىنى ئىپادىلە‌يدۇ.‏ تە‌سە‌ۋۋۇ‌ر قىلىپ كۆرۈڭ،‏ ئائىلىڭىزدىكى ئە‌ڭ سۆيۈملۈك ئادىمىڭىز سىزدىن «مېنى ياكى خۇ‌دايىڭنى» ئىككىدىن بىرنى تاللا،‏ دە‌پ بېسىم قىلىدۇ.‏ مۇ‌نداق ھە‌ربىر ۋە‌زىيە‌تتە قارار چىقىرىش قىيىن بولىدۇ،‏ لېكىن يە‌ھۋا ھە‌ربىر ۋە‌زىيە‌تتە كېرە‌كلىك يول-‏يورۇ‌قنى بېرىدۇ (‏مە‌تتا 6:‏33؛‏ 10:‏37؛‏ 1-‏كورىنت.‏ 7:‏39‏)‏.‏ ئۇ‌نداقتا سىزگە سوئال،‏ يە‌ھۋاغا تايىنىپ،‏ ئۇ‌نىڭ يول-‏يورۇ‌قىغا ئە‌مە‌ل قىلامسىز؟‏

‏(‏11-‏ئابزاسقا قاراڭ)‏ e

11.‏ بىز قارشىلىقلارغا ئۇ‌چرىغاندا،‏ تىنچ-‏خاتىرجە‌ملىكنى ساقلاش ئۈچۈن مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى قايسى مىساللارنى تە‌تقىق قىلساق بولىدۇ؟‏

11 ‏(‏3)‏ ياخشى ۋە يامان ئۈلگىلە‌ردىن ساۋاق ئېلىش‏.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا يە‌ھۋاغا تايىنىشنىڭ ۋە تىنچ-‏خاتىرجە‌ملىكنى ساقلاپ قېلىشنىڭ مۇ‌ھىملىقىنى كۆرسىتىدىغان مىساللار بار.‏ بۇ مىساللارنى تە‌تقىق قىلغاندا،‏ خۇ‌دانىڭ خىزمە‌تچىلىرىنىڭ قارشىلىقلارغا قارىماي،‏ تىنچ-‏خاتىرجە‌ملىكنى ساقلاپ قېلىشىغا نېمە ياردە‌م بە‌رگە‌نلىكىگە دىققە‌ت قىلىڭ.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ يە‌ھۇ‌دىيلارنىڭ ئالىي سوتى ئە‌لچىلە‌رنىڭ ۋە‌ز قىلىشىنى مە‌نئىي قىلغاندا،‏ ئۇ‌لار قورقۇ‌پ كە‌تمىگە‌ن.‏ ئە‌كسىنچە،‏ ئۇ‌لار باتۇ‌رلۇ‌ق بىلە‌ن مۇ‌نداق دېگە‌ن:‏ «بىز ھۆكۈمران سۈپىتىدە ئىنسانلارغا ئە‌مە‌س،‏ بە‌لكى خۇ‌داغا بويسۇ‌نۇ‌شىمىز كېرە‌ك» (‏ئە‌لچى.‏ 5:‏29‏)‏.‏ ھە‌تتا ئۇ‌لار قامچىلانغاندىن كېيىنمۇ،‏ ھودۇ‌قۇ‌پ قورقۇ‌پ كە‌تمىگە‌ن.‏ نېمە ئۈچۈن؟‏ چۈنكى،‏ ئۇ‌لار يە‌ھۋانىڭ ئۆزلىرى تە‌رە‌پتە ئىكە‌نلىكىنى بىلگە‌ن.‏ خۇ‌دا ئۇ‌لاردىن مە‌منۇ‌ن بولغان ئىدى.‏ شۇ‌نداق قىلىپ،‏ ئۇ‌لار خۇ‌ش خە‌ۋە‌رنى ئېيتىشنى داۋاملاشتۇ‌رغان (‏ئە‌لچى.‏ 5:‏40—‏42‏)‏.‏ شۇ‌نىڭغا ئوخشاش،‏ شاگىرت ئىستىپانمۇ ئۆلۈمى ئالدىدا،‏ تىنچ-‏خاتىرجە‌ملىكنى ساقلىغان بولۇ‌پ،‏ «يۈزى خۇ‌ددى پە‌رىشتىنىڭ يۈزىدە‌ك» نۇ‌رلۇ‌ق كۆرۈنگە‌ن (‏ئە‌لچى.‏ 6:‏12—‏15‏)‏.‏ نېمە ئۈچۈن؟‏ چۈنكى،‏ ئۇ يە‌ھۋانىڭ ئۇ‌نىڭدىن رازى ئىكە‌نلىكىگە ئىشە‌نچى كامىل بولغان.‏

12.‏ 1-‏پېترۇ‌س 3:‏14 ۋە 4:‏14-‏ئايە‌تلە‌رگە ئاساسە‌ن،‏ نېمە ئۈچۈن زىيانكە‌شلىككە ئۇ‌چرىساقمۇ،‏ خۇ‌شال بولالايمىز؟‏

12 يە‌ھۋانىڭ ئە‌لچىلە‌رنى قوللاپ-‏قۇ‌ۋۋە‌تلىگە‌نلىكىگە،‏ ئۇ‌لاردا ئېنىق ئىسپاتلار بولغان.‏ ئۇ ئۇ‌لارغا مۆجىزە قىلىش كۈچىنى بە‌رگە‌ن (‏ئە‌لچى.‏ 5:‏12—‏16؛‏ 6:‏8‏)‏.‏ بۈگۈنكى كۈنلە‌ردە ئۇ بىزلە‌رگە مۆجىزە قىلىش كۈچىنى بە‌رمە‌يدۇ.‏ شۇ‌نداق بولسىمۇ،‏ بىز ھە‌ققانىيلىق يولىدا ماڭغىنىمىز ئۈچۈن زىيانكە‌شلىككە ئۇ‌چرىغاندا،‏ ئۇ بىزدىن خۇ‌رسە‌ن بولىدىغانلىقىغا ۋە ئۇ‌نىڭ روھى بىز بىلە‌ن بىللە بولىدىغانلىقىغا يە‌ھۋا ئۆز سۆزى ئارقىلىق بىزنى ئىشە‌ندۈرىدۇ ‏(‏1-‏پېترۇ‌س 3:‏14؛‏ 4:‏14-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ شۇ‌ڭا،‏ كە‌لگۈسىدە زىيانكە‌شلىككە ئۇ‌چرىساق،‏ قانداق قىلىمىز،‏ دە‌پ غە‌م-‏تە‌شۋىش قىلىپ يۈرۈشنىڭ ئورنىغا،‏ يە‌ھۋانىڭ بىزنى قوللاپ-‏قۇ‌ۋۋە‌تلە‌پ،‏ قۇ‌تقۇ‌زۇ‌شقا قادىر ئىكە‌نلىكىگە بولغان ئىشە‌نچىمىزنى مۇ‌ستە‌ھكە‌ملە‌ش ئۈچۈن بىز بۈگۈنكى كۈندە نېمە قىلىشىمىز كېرە‌ك دېگە‌نگە كۆڭۈل بۆلۈشىمىز كېرە‌ك.‏ ئۆتمۈشتىكى ئە‌لچىلە‌رگە ئوخشاش ئە‌يسانىڭ ۋە‌دىسىگە چوقۇ‌م ئىشىنىشىمىز كېرە‌ك.‏ ئۇ مۇ‌نداق دېگە‌ن:‏ «سىلە‌رگە شۇ‌نداق سۆز قابىلىيىتى ۋە دانالىق بېرىمە‌نكى،‏ بارلىق دۈشمە‌نلىرىڭلار بىرلىشىپ سىلە‌رگە قارشى چىقالمايدۇ ۋە ئىنكارمۇ قىلالمايدۇ».‏ بىزدە مۇ‌نداق كاپالە‌ت بار:‏ «پە‌قە‌ت سە‌ۋر-‏تاقە‌تلىك بولساڭلار،‏ جېنىڭلارنى ساقلاپ قالىسىلە‌ر» (‏لۇ‌قا 21:‏12—‏19‏)‏.‏ شۇ‌نى ھېچقاچان ئۇ‌نتۇ‌ماڭكى،‏ يە‌ھۋا ئۆزىگە ساداقە‌تمە‌نلىكنى ساقلاپ ئۆلۈپ كە‌تكە‌ن خىزمە‌تچىلىرىنى تىرىلدۈرۈش ئۈچۈن ئۇ‌لار ھە‌ققىدىكى ئۇ‌ششاق-‏چۈششە‌ك تە‌پسىلاتلارنى ئېسىدە ساقلايدۇ.‏

13.‏ يە‌ھۋا خۇ‌داغا تايانمىغان ۋە تىنچ-‏خاتىرجە‌ملىكنى ساقلىيالمىغان ئادە‌ملە‌رنىڭ مىساللىرىنى تە‌تقىق قىلىپ قانداق ساۋاققا ئىگە بولالايمىز؟‏

13 يە‌ھۋاغا تايانمىغان ۋە تىنچ-‏خاتىرجە‌ملىكنى ساقلىيالمىغان ئادە‌ملە‌رنىڭ مىساللىرىدىنمۇ ساۋاقلارغا ئىگە بولالايمىز.‏ بۇ سە‌لبىي ئۈلگىلە‌رنى تە‌تقىق قىلىش بىزنىڭ ئۇ‌لار ئۆتكۈزگە‌ن خاتالىقلارنى قايتىلماسلىقىمىزغا ياردە‌م بېرىدۇ.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ يە‌ھۇ‌دا پادىشاھى ئاسا ئۇ‌نىڭغا قارشى زور بىر قوشۇ‌ن ھۇ‌جۇ‌م قىلىپ كە‌لگە‌ندە،‏ يە‌ھۋاغا تايانغان ۋە ئۇ‌نىڭ بە‌رىكە‌تلىشىگە ئېرىشىپ،‏ جە‌ڭدە غە‌لبە قازانغان (‏2-‏تارىخ.‏ 14:‏9—‏12‏)‏.‏ بىراق،‏ كېيىنرە‌ك ئاسا پادىشاھقا ئىسرائىل پادىشاھى بائاشا كىچىكرە‌ك قوشۇ‌ن بىلە‌ن قارشى چىققاندا،‏ ئۇ ئىلگىرىكىدە‌ك يە‌ھۋا تايىنىپ،‏ قۇ‌تقۇ‌زۇ‌لۇ‌شنىڭ ئورنىغا،‏ ھە‌ق تۆلە‌پ سۇ‌رىيە‌لىكلە‌ردىن ھە‌ربىي ياردە‌م سورىغان (‏2-‏تارىخ.‏ 16:‏1—‏3‏)‏.‏ ئۇ ھاياتىنىڭ ئاخىرىدا ئېغىر كېسە‌لگە دۇ‌چار بولغاندىمۇ،‏ يە‌ھۋانىڭ ياردىمىگە تايانمىغان.‏—‏2-‏تارىخ.‏ 16:‏12‏.‏

14.‏ ئاسانىڭ خاتالىقلىرىدىن نېمىنى ئۆگىنە‌لە‌يمىز؟‏

14 باشتا ئاسا قىيىنچىلىقلارغا دۇ‌چ كە‌لگە‌ندە،‏ يە‌ھۋا خۇ‌داغا كۆز تىككە‌ن.‏ ئە‌مما،‏ كېيىنرە‌ك ئاسا خۇ‌دادىن ياردە‌م سورىماي،‏ مە‌سىلىلە‌رنى ئۆز ئالدىغا ھە‌ل قىلىشنى خالىغان.‏ قارىماققا،‏ ئاسانىڭ ئىسرائىل پادىشاھلىقىغا قارشى تۇ‌رۇ‌ش پىلانى،‏ يە‌نى سۇ‌رىيە‌لىكلە‌ردىن ياردە‌م سوراش ئۆزلىرى ئۈچۈن ئە‌ڭ ياخشى ئامالدە‌ك كۆرۈنگە‌ن.‏ بىراق،‏ ئۇ‌لارنىڭ تىنچلىقى ئۇ‌زۇ‌ن داۋام قىلمىغان.‏ يە‌ھۋا خۇ‌دا ئۆز پە‌يغە‌مبىرى ئارقىلىق پادىشاھ ئاساغا مۇ‌نداق دېگە‌ن:‏ «سە‌ن خۇ‌دايىڭ يە‌ھۋاغا ئە‌مە‌س،‏ سۈرىيە پادىشاھىغا تاياندىڭ.‏ شۇ‌ڭا،‏ سۇ‌رىيە پادىشاھىنىڭ قوشۇ‌نى قولۇ‌ڭدىن قېچىپ قۇ‌تۇ‌لدى» (‏2-‏تارىخ.‏ 16:‏7‏)‏.‏ بىز خۇ‌دانىڭ سۆزىدىكى كۆرسە‌تمىلە‌رگە قۇ‌لاق سالماي،‏ ئۆزۈمىزگە ھە‌ددىدىن زىيادە ئىشە‌نچ قىلىپ،‏ مە‌سىلىلە‌رنى ئۆز ئالدىمىزغا ھە‌ل قىلىشتىن قە‌تئىي پە‌خە‌س بولۇ‌شىمىز كېرە‌ك.‏ ھە‌تتا تېز قارار چىقىرىش كېرە‌ك بولسىمۇ،‏ تىنچ-‏خاتىرجە‌ملىكنى ساقلاپ يە‌ھۋاغا تايىنىشىمىز كېرە‌ك،‏ شۇ چاغدا ئۇ توغرا قارار چىقىرىشىمىزغا ياردە‌م بېرىدۇ.‏

‏(‏15-‏ئابزاسقا قاراڭ)‏ f

15.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ئوقۇ‌غاندا نېمە قىلىشىمىز كېرە‌ك؟‏

15 ‏(‏4)‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى ئايە‌تلە‌رنى ئە‌ستە ساقلاش.‏ تىنچ-‏خاتىرجە‌ملىكنى ساقلاش ۋە يە‌ھۋاغا تايىنىشنىڭ قانچىلىك مۇ‌ھىم ئىكە‌نلىكىنى كۆرسىتىدىغان مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى ئايە‌تلە‌رنى ئوقۇ‌غاندا،‏ ئۇ‌لارنى ئېسىڭىزدە ساقلىۋېلىشقا تىرىشىڭ.‏ بۇ ئايە‌تلە‌رنى يادقا ئېلىۋېلىش ئۈچۈن ئۇ‌لارنى ئۈنلۈك ئوقۇ‌ش ياكى يېزىۋالغان ئايە‌تلە‌رنى دائىم ئوقۇ‌پ تۇ‌رۇ‌ش پايدىلىق بولىدۇ.‏ يە‌ھۋا يە‌شۇ‌ئاغا دانا بولۇ‌ش ئۈچۈن قانۇ‌ننى تۆۋە‌ن ئاۋازدا دائىم ئوقۇ‌ش كېرە‌كلىكىنى ئېيتقان.‏ يە‌شۇ‌ئانىڭ تە‌ۋراتتىن ئوقۇ‌غانلىرى ئۇ‌نىڭغا قورقماسلىققا ۋە خۇ‌دا خە‌لقىگە يېتە‌كچىلىك قىلىشقا ياردە‌م بە‌رگە‌ن (‏يە‌شۇ‌ئا 1:‏8،‏ 9‏)‏.‏ ئادە‌تتە ئە‌ندىشىگە ۋە قورقۇ‌نچقا سالىدىغان ۋە‌زىيە‌تلە‌رگە ئۇ‌چرىغاندا،‏ خۇ‌دا سۆزىدىكى كۆپلىگە‌ن ئايە‌تلە‌ر سىزگە تىنچ-‏خاتىرجە‌ملىك بېرىدۇ.‏—‏زە‌بۇ‌ر 27:‏1—‏3؛‏ پە‌ند.‏ نە 3:‏25،‏ 26‏.‏

‏(‏16-‏ئابزاسقا قاراڭ)‏ g

16.‏ يە‌ھۋا بىزگە ئېتىقادداشلىرىمىز ئارقىلىق تىنچ-‏خاتىرجە‌ملىكنى ساقلاپ قېلىشقا ۋە ئۇ‌نىڭغا تايىنىشقا قانداق ياردە‌م بېرىدۇ؟‏

16 ‏(‏5)‏ خۇ‌دا خە‌لقى بىلە‌ن ئارىلىشىش.‏ يە‌ھۋا بىزگە ئېتىقادداشلىرىمىز ئارقىلىق تىنچ-‏خاتىرجە‌ملىكنى ساقلاپ قېلىشقا ۋە ئۇ‌نىڭغا تايىنىشقا ياردە‌م بېرىدۇ.‏ يىغىلىشلىرىمىزدا سە‌ھنىدىن ئېيتىلغان مە‌سلىھە‌تلە‌ردىن،‏ قېرىنداشلارنىڭ جاۋابلىرى ۋە ئىلھام بېرىدىغان گە‌پ-‏سۆزلىرى بىزگە تە‌سە‌للىي بېرىدۇ (‏ئىبرانىي.‏ 10:‏24،‏ 25‏)‏.‏ جامائە‌تتىكى ئىشە‌نچىلىك دوستلارغا غە‌م-‏تە‌شۋىشلىرىمىزنى ئېيتقاندا يېنىكلىشىپ قالىمىز.‏ چۈنكى،‏ دوست ئېيتقان «ياخشى سۆز» غە‌م-‏ئە‌ندىشىنى باسار.‏—‏پە‌ند.‏ نە 12:‏25‏.‏

‏(‏17-‏ئابزاسقا قاراڭ)‏ h

17.‏ ئىبرانىيلار 6:‏19-‏ئايە‌تكە ئاساسە‌ن،‏ ئېغىر ۋاقىتلاردا خۇ‌دا پادىشاھلىقىغا بولغان ئۈمىدىمىز بىزگە تىنچ-‏خاتىرجە‌ملىكنى ساقلاشقا قانداق ياردە‌م بېرىدۇ؟‏

17 ‏(‏6)‏ ئۈمىدنى مە‌ھكە‌م ساقلاش.‏ ئېغىر ۋاقىتلاردا خاتىرجە‌ملىكنى ساقلاشقا ياردە‌م بېرىدىغان خۇ‌دا پادىشاھلىقىغا باغلىغان ئۈمىدىمىز «ھاياتىمىز ئۈچۈن كېمە لە‌ڭگىرىدە‌ك» بولىدۇ ‏(‏ئىبرانىيلار 6:‏19-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ يە‌ھۋا ۋە‌دە قىلغان كېلە‌چە‌كتە سە‌لبىي ئوي-‏پىكىرلە‌ر بولمايدىغانلىقى ھە‌ققىدە ئويلىنىڭ (‏يە‌شايا 65:‏17‏)‏.‏ ئۆزىڭىزنى ئازاب-‏ئوقۇ‌بە‌تسىز يە‌نە ئازاب-‏ئوقۇ‌بە‌تلە‌ر بولمايدىغان يېڭى دۇ‌نيادا تە‌سە‌ۋۋۇ‌ر قىلىڭ (‏مىكاھ 4:‏4‏)‏.‏ باشقىلارغا ئۈمىدىڭىز توغرىسىدا ئېيتسىڭىز،‏ ئۆز ئۈمىدىڭىزنى تېخىمۇ مۇ‌ستە‌ھكە‌ملىيە‌لە‌يسىز.‏ ۋە‌ز خىزمە‌تتە ۋە شاگىرت تە‌ييارلاش ئىشىدا قولۇ‌ڭىزدىن كە‌لگە‌ننىڭ ھە‌ممىسىنى قىلىڭ.‏ بۇ‌نى قىلسىڭىز،‏ ‹پۈتۈن ئۈمىدىڭىز ئە‌مە‌لگە ئېشىشى ئۈچۈن .‏ .‏ .‏ ئاخىرىغىچە› ئىشە‌نچىڭىز مۇ‌ستە‌ھكە‌م بولىدۇ.‏—‏ئىبرانىي.‏ 6:‏11‏.‏

18.‏ كېلە‌چە‌كتە بىز قانداق قىيىنچىلىقلارغا دۇ‌چ كېلىمىز ۋە ئۇ‌لارغا بە‌رداشلىق بېرىش ئۈچۈن نېمە قىلىشىمىز كېرە‌ك؟‏

18 زاماننىڭ ئاخىرى يېقىنلىشىۋاتقانسېرى،‏ بىزنى غە‌م-‏تە‌شۋىشكە سالىدىغان كۆپ قىيىنچىلىقلارغا دۇ‌چ كېلىشىمىز مۇ‌مكىن.‏ 2021-‏يىلنىڭ يىللىق ئايىتى بۇ قىيىنچىلىقلارغا بە‌رداشلىق بېرىشكە ۋە تىنچ-‏خاتىرجە‌ملىكنى ساقلىشىمىزغا ياردە‌م بېرىدۇ.‏ بۇ‌نى ئۆز كۈچىمىز بىلە‌ن ئە‌مە‌س،‏ يە‌ھۋاغا تايىنىپ قىلالايمىز.‏ كېلىڭ،‏ 2021-‏يىلىدا،‏ يە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ ۋە‌دىسىگە ئىشىنىدىغانلىقىمىزنى ئىش-‏ھە‌رىكە‌تلىرىمىز بىلە‌ن كۆرسىتە‌يلى:‏ ‏«تىنچ-‏خاتىرجە‌ملىكنى ساقلاپ ماڭا تايانساڭلار،‏ كۈچلۈك بولىسىلە‌ر»‏‏.‏‏—‏يە‌شايا 30:‏15‏.‏

49-‏ناخشا يە‌ھۋا —‏ بىزنىڭ پاناھگاھىمىز

a ‏2021-‏يىلىنىڭ ئايىتى،‏ يە‌ھۋاغا ئىشىنىشنىڭ قانچىلىك مۇ‌ھىم ئىكە‌نلىكىنى كۆرسىتىدۇ.‏ سە‌ۋە‌بى،‏ بىزنى ھازىر ۋە كېلە‌چە‌كتە غە‌م-‏تە‌شۋىشكە سالىدىغان قىيىنچىلىقلارغا دۇ‌چ كېلىمىز.‏ بۇ ماقالىدە،‏ مۇ‌شۇ يىللىق ئايە‌تتىكى ئە‌مە‌لىي مە‌سلىھە‌تلە‌رنى قوللىنىش ئۈچۈن نېمە قىلالايدىغانلىقىمىزنى كۆرۈپ چىقىمىز.‏

b بە‌زى سادىق قېرىنداشلار ھە‌ددىدىن زىيادە غە‌م-‏قايغۇ ياكى ۋە‌ھىمە ھېس قىلغاچ،‏ ئازاب-‏ئوقۇ‌بە‌ت چېكىدۇ.‏ شۇ‌ڭا،‏ بۇ بىر خىل كېسە‌للىك تۈرى.‏ بۇ ئە‌لۋە‌تتە ئە‌يسا ئېيتقان غە‌م-‏ئە‌ندىشىلە‌ردىن پە‌رقلىق.‏

c سۈرە‌تتە:‏ 1.‏ بىر كۈننىڭ ئىچىدە قېرىندىشىمىز غە‌م-‏تە‌شۋىشلىرى ھە‌ققىدە قىزغىن دۇ‌ئا قىلىۋاتىدۇ.‏

d سۈرە‌تتە:‏ 2.‏ ئۇ ئىشتا چۈشلۈك تاماق ۋاقتىدا،‏ دانالىققا ئىگە بولۇ‌ش ئۈچۈن مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ئوقۇ‌ۋاتىدۇ.‏

e سۈرە‌تتە:‏ 3.‏ ئۇ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىن ئوقۇ‌غان ياخشى ۋە يامان ئۈلگىلە‌ر ئۈستىدىن ئويلىنىۋاتىدۇ.‏

f سۈرە‌تتە:‏ 4.‏ يادىدا ساقلىۋېلىش ئۈچۈن ئىلھام بېرىدىغان ئايە‌تنى توڭلاتقۇ‌غا چاپلاۋاتىدۇ.‏

g سۈرە‌تتە:‏ 5.‏ دوستلىرى بىلە‌ن خىزمە‌تتە بولغانلىقىدىن مە‌منۇ‌ن بولىۋاتىدۇ.‏

h سۈرە‌تتە:‏ 6.‏ كېلە‌چە‌ك ھە‌ققىدە ئويلاپ،‏ ئۈمىدىنى مۇ‌ستە‌ھكە‌ملە‌ۋاتىدۇ.‏