مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

3-‏تە‌تقىق ماقالىسى

زور بىر توپ خالايىق خۇ‌دانى ۋە ئە‌يسانى ياخشى كۆرىدۇ ۋە ئۇ‌لارغا مىننە‌تدار

زور بىر توپ خالايىق خۇ‌دانى ۋە ئە‌يسانى ياخشى كۆرىدۇ ۋە ئۇ‌لارغا مىننە‌تدار

‏«نىجاتلىقىمىز ئۈچۈن تە‌ختتە ئولتۇ‌رغان خۇ‌دايىمىزغا ھە‌م قوزىغا قە‌رزدارمىز».‏—‏ۋە‌ھىي.‏ 7:‏10‏.‏

30-‏ناخشا يە‌ھۋا ھۆكۈمرانلىق قىلىشنى باشلىدى

بۇ ماقالىدە a

1.‏ 1935-‏يىلى،‏ ئۆتكۈزۈلگە‌ن چوڭ يىغىلىشتا ئېيتىلغان نۇ‌تۇ‌ق بىر ياش يىگىتكە قانداق تە‌سىر قىلغان؟‏

 بىر جۈپ ئە‌ر-‏ئايال بۇ‌رۇ‌ن مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب تە‌تقىقاتچىلىرى،‏ دە‌پ ئاتالغان يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرى بولغان.‏ ئۇ‌لارنىڭ ئۈچ ئوغلى ۋە ئىككى قىزى بولغان ئىدى.‏ بۇ ئاتا-‏ئانا بالىلىرىنى يە‌ھۋاغا خىزمە‌ت قىلىشقا ۋە ئە‌يسا مە‌سىھنى ئۈلگە قىلىشقا ئۆگە‌تكە‌ن.‏ بىر ئوغلى 1926-‏يىلى چۆمۈلدۈرۈلۈش مۇ‌راسىمىدىن ئۆتكە‌ندە 18 ياشتا ئىدى.‏ شۇ ۋاقىتتا،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب تە‌تقىقاتچىلىرىنىڭ ھە‌ممىسى خاتىرىلە‌ش مۇ‌راسىمىدا پېتىر نان ۋە شاراپقا ئېغىز تە‌ككۈزگە‌ندە‌ك،‏ بۇ سە‌مىمىي ياش يىگىتمۇ شۇ‌نداق قىلغان.‏ بىراق،‏ ئۇ «زور بىر توپ خالايىق» دېگە‌ن تارىخىي نۇ‌تۇ‌قنى تىڭشىغاندا،‏ ئۇ‌نىڭ ھاياتى ئۆزگە‌رگە‌ن.‏ بۇ نۇ‌تۇ‌قنى جوسېف ف.‏ رۇ‌تېرفورد 1935-‏يىلى ئامېرىكىدىكى ۋاشىنگىتون شە‌ھىرىدە ئۆتكۈزۈلگە‌ن چوڭ يىغىلىشتا ئېيتقان.‏ شۇ يىغىلىشتا نېمە ئاشكارە بولغان؟‏

2.‏ رۇ‌تېرفورد بۇ‌رادە‌ر ئۆز نۇ‌تۇ‌قىدا قانداق ھە‌قىقە‌تنى ئاشكارە قىلغان؟‏

2 رۇ‌تېرفورد بۇ‌رادە‌ر ئۆز نۇ‌تۇ‌قىدا،‏ ۋە‌ھىيلە‌ر 7:‏9-‏ئايە‌تتىكى «زور بىر توپ خالايىق» كىملە‌رنى بىلدۈرىدىغانلىقىنى چۈشە‌ندۈرۈپ بە‌رگە‌ن.‏ بۇ نۇ‌تۇ‌قتىن بۇ‌رۇ‌ن،‏ مۇ‌شۇ بىر توپ خۇ‌داغا ئانچە قىزغىن خىزمە‌ت قىلمىغان،‏ ئە‌مما ئاسماندا ياشاش ئۈمىدى بار ئىككىنچى بىر توپ ئادە‌ملە‌ر دە‌پ قارالغان ئىدى.‏ رۇ‌تېرفورد بۇ‌رادە‌ر يازمىلارنىڭ ياردىمى بىلە‌ن «زور بىر توپ خالايىق» ئاسماندا ياشاش ئۈچۈن تاللانمىغانلىقىنى چۈشە‌ندۈرگە‌ن.‏ ئۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ ئۇ ئۇ‌لارنىڭ دە‌ھشە‌تلىك بالايىئاپە‌تتىن ئامان قېلىپ،‏ يە‌ردىكى جە‌ننە‌تتە ياشايدىغان مە‌سىھنىڭ «باشقا قويلىرى» ئىكە‌نلىكىنى چۈشە‌ندۈرگە‌ن (‏ۋە‌ھىي.‏ 7:‏14‏)‏.‏ ئە‌يسا مۇ‌نداق ۋە‌دە بە‌رگە‌ن:‏ «مېنىڭ قوتاندىن بولمىغان باشقا يە‌نە قويلىرىم بار.‏ چوقۇ‌م ئۇ‌لارنىمۇ ئېلىپ كېلىشىم كېرە‌ك.‏ ئۇ‌لار مېنىڭ ئاۋازىمنى ئاڭلايدۇ ۋە بىر پادا،‏ بىر پادىچى بولىدۇ» (‏يۇ‌ھاننا 10:‏16‏)‏.‏ «باشقا قويلار»‏ b —‏ يە‌ر يۈزى جە‌ننە‌تتە ياشاش پۇ‌رسىتى بار سادىق يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرى (‏مە‌تتا 25:‏31—‏33،‏ 46‏)‏.‏ ھازىر بۇ يېڭى چۈشە‌نچە كۆپلىگە‌ن خۇ‌دانىڭ خىزمە‌تچىلىرىنىڭ ۋە شۇ  18 ياشلىق بۇ‌رادە‌رنىڭ ھاياتىنى قانداق ئۆزگە‌رتكە‌نلىكىنى كۆرۈپ چىقىمىز.‏—‏زە‌بۇ‌ر 97:‏11؛‏ پە‌ند.‏ نە 4:‏18‏.‏

يېڭى چۈشە‌نچە مىڭلىغان كىشىلە‌رنىڭ ھاياتىنى ئۆزگە‌رتكە‌ن

3،‏ 4.‏ 1935-‏يىلى چوڭ يىغىلىشتا،‏ مىڭلىغان ئادە‌ملە‌ر نېمىنى چۈشە‌نگە‌ن؟‏

3 بۇ چوڭ يىغىلىشنىڭ كىشىنى ھاياجانلاندۇ‌رىدىغان پە‌يتى كە‌لدى،‏ ناتىق تىڭشىغۇ‌چىلاردىن:‏ «ئىلتىماس،‏ يە‌ردە مە‌ڭگۈ ياشاش ئۈمىدى بارلار،‏ ھە‌ممىڭلار ئورنىڭلاردىن تۇ‌رۇ‌ڭلار!‏»—‏ دە‌پ سورىغان.‏ بۇ‌نى ئۆز كۆزلىرى بىلە‌ن كۆرگۈچىلە‌رنىڭ ئېيتىشىچە،‏ تە‌خمىنە‌ن 20000 ئادە‌م ئورۇ‌نلىرىدىن تۇ‌رغان.‏ رۇ‌تېرفورد بۇ‌رادە‌ر:‏ «مانا،‏ بۇ زور بىر توپ خالايىق!‏»—‏ دە‌پ ئېيتقان.‏ بۇ‌نىڭ بىلە‌ن مە‌يداندا گۈلدۈر-‏قاراس ئالقىش ساداسى ياڭرىغان.‏ ئورنىدىن تۇ‌رغانلار ئۆزلىرىنىڭ ئاسماندا ياشاش ئۈچۈن تاللانمىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان.‏ ئۇ‌لار مۇ‌قە‌ددە‌س روھ بىلە‌ن مە‌سىھ قىلىنمىغانلىقىنى چۈشە‌نگە‌ن.‏ چوڭ يىغىلىشنىڭ ئىككىنچى كۈنى 840 يېڭى گۇ‌ۋاھچى چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتكە‌ن.‏ ئۇ‌لارنىڭ كۆپىنچىسى «باشقا قويلار» توپىدىن ئىدى.‏

4 بۇ نۇ‌تۇ‌قتىن كېيىن،‏ ئە‌مدى ئاشۇ ياش بۇ‌رادە‌ر ۋە باشقا مىڭلىغان ئادە‌ملە‌ر خاتىرىلە‌ش مۇ‌راسىمىدا پېتىر نان ۋە شاراپقا ئېغىز تە‌گمە‌يدىغان بولغان.‏ بىر بۇ‌رادە‌ر كۆپچىلىكنىڭ ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌سىنى كىچىك پېئىللىق بىلە‌ن بىلدۈرگە‌ن.‏ ئۇ مۇ‌نداق دېگە‌ن:‏ «مە‌ن 1935-‏يىلنىڭ خاتىرىلە‌ش مۇ‌راسىمىدا ئاخىرقى قېتىم پېتىر نان ۋە شاراپقا ئېغىز تە‌گكە‌ن ئىدىم،‏ چۈنكى يە‌ھۋا مۇ‌قە‌ددە‌س روھى ئارقىلىق مېنى ئاسماندا ياشاش ئۈمىدىگە ئېرىشىشنى ئىشارە قىلمىغان،‏ ئە‌كسىنچە مېنىڭدە يە‌ردە ياشاش ۋە ئۇ‌نى جە‌ننە‌تكە ئايلاندۇ‌رۇ‌شقا ياردە‌م بېرىش ئۈمىدى بار ئىدى» (‏رىملىقلار 8:‏16،‏ 17؛‏ 2-‏كورىنت.‏ 1:‏21،‏ 22‏)‏.‏ شۇ ۋاقتىدىن باشلاپ،‏ زور بىر توپ خالايىقنىڭ سانى كۆپىيىپ،‏ مە‌سىھ قىلىنغان ئېتىقادچىلار يە‌ردىكى قالدۇ‌ق ئە‌زالىرى بىلە‌ن مۈرىنى مۈرىگە تىرە‌پ ھە‌مكارلىشىۋاتىدۇ c‏.‏

5.‏ يە‌ھۋا پېتىر نان ۋە شاراپقا ئە‌مدى ئېغىز تە‌گمە‌يدىغانلارغا قانداق قارىغان؟‏

5 يە‌ھۋا 1935-‏يىلدىن تارتىپ،‏ پېتىر نان ۋە شاراپقا ئېغىز تە‌گمىگە‌نلە‌رگە قانداق قارىغان؟‏ چۆمۈلدۈرۈلۈش مۇ‌راسىمىدىن ئۆتكە‌ن گۇ‌ۋاھچى خاتىرىلە‌ش مۇ‌راسىمىدا پېتىر نان ۋە شاراپقا ئېغىز تېگىپ،‏ كېيىن ئۆزىنىڭ مە‌سىھ قىلىنمىغانلىقىنى چۈشە‌نگە‌ن بولسىچۇ؟‏ (‏1-‏كورىنت.‏ 11:‏28‏)‏ بە‌زىلە‌ر ئۆزىلىرىنىڭ قە‌يە‌ردە ياشاش ئۈمىدىنى چۈشە‌نمە‌ي،‏ بۇ سىمۋوللارغا ئېغىز تېگىدۇ.‏ بىراق،‏ ئە‌گە‌ر ئۇ‌لار ئۆزىنىڭ خاتالىقىنى تونۇ‌پ يېتىپ،‏ نان ۋە شاراپقا ئېغىز تە‌گمە‌يدىغان بولسا ۋە يە‌ھۋاغا سادىق خىزمە‌ت قىلىشنى داۋاملاشتۇ‌رسا،‏ يە‌ھۋا ئۇ‌لارنى باشقا قويلار توپىنىڭ ئە‌زالىرى،‏ دە‌پ قارايدۇ.‏ گە‌رچە ئۇ‌لار پېتىر نان ۋە شاراپقا ئېغىز تە‌گمىسىمۇ،‏ يە‌ھۋا ۋە ئە‌يسانىڭ ئۇ‌لار ئۈچۈن قىلغان ئىشلىرىغا چوڭقۇ‌ر مىننە‌تدارلىقىنى كۆرسىتىپ،‏ يە‌نىلا خاتىرىلە‌ش مۇ‌راسىمىغا ھۆرمە‌ت-‏ئېھتىرام بىلە‌ن قاتنىشىدۇ.‏

ئاجايىپ ئۈمىد

6.‏ ئە‌يسا پە‌رىشتىلە‌رگە نېمە قىلىشنى بۇ‌يرىغان؟‏

6 دە‌ھشە‌تلىك چوڭ بالايىئاپە‌ت بوسۇ‌غىمىز ئالدىغا كېلىپ قالغاچقا،‏ ۋە‌ھىيلە‌ر كىتابىنىڭ 7-‏بابىدىكى مە‌سىھ قىلىنغانلار ۋە باشقا قويلار،‏ يە‌نى زور بىر توپ خالايىق ھە‌ققىدە يېزىلغانلارنى قايتىدىن كۆرۈپ چىقىش بىزنى ئىلھاملاندۇ‌رىدۇ.‏ ئە‌يسا پە‌رىشتىلە‌رگە تۆت تە‌رە‌پتىن كە‌لگە‌ن شامالنى داۋاملىق مە‌ھكە‌م تۇ‌تۇ‌پ تۇ‌رۇ‌شنى بۇ‌يرىۋاتىدۇ.‏ خۇ‌دانىڭ مە‌سىھ قىلىنغان خىزمە‌تچىلىرىنىڭ پېشانىسىگە تامغا بېسىلىپ بولغىچە،‏ يە‌نى ئۇ‌لار خۇ‌دانىڭ ئاخىرقى قوبۇ‌ل قىلىشىغا ئېرىشكىچە،‏ ئاشۇ تۆت تە‌رە‌پتىن كە‌لگە‌ن شامال يە‌ر يۈزىگە زىيان كە‌لتۈرمە‌سلىكى ئۈچۈن پە‌رىشتىلە‌ر ئۇ‌لارنى تىزگىنلە‌پ تۇ‌رۇ‌شى كېرە‌ك (‏ۋە‌ھىي.‏ 7:‏1—‏4‏)‏.‏ مە‌سىھ قىلىنغانلار ساداقە‌تمە‌نلىكى ئۈچۈن مۇ‌كاپات سۈپىتىدە،‏ ئاسماندا ئە‌يسا بىلە‌ن بىرگە ھۆكۈمران ۋە روھانىيلار بولىدۇ (‏ۋە‌ھىي.‏ 20:‏6‏)‏.‏ يە‌ھۋا خۇ‌دا،‏ ئە‌يسا ۋە پە‌رىشتىلە‌ر 144000 مە‌سىھ قىلىنغان كىشىنىڭ ئاسماندىكى مۇ‌كاپاتىغا ئېرىشكە‌نلىكىنى كۆرۈپ ئىنتايىن خۇ‌شال بولىدۇ.‏

ئۇ‌زۇ‌ن ئاق كىيىمگە كىيىنگە‌ن ئىدى ۋە ئۇ‌لارنىڭ قولىدا خورما شاخلىرىنى تۇ‌تۇ‌پ،‏ خۇ‌دا تە‌ختنىڭ ۋە قوزىنىڭ ئالدىدا تۇ‌راتتى (‏7-‏ئابزاسىغا قاراڭ)‏

7.‏ ۋە‌ھىيلە‌ر 7:‏9،‏ 10-‏ئايە‌تلە‌ردە يېزىلغاندە‌ك،‏ يۇ‌ھاننا بۇ ۋە‌ھىيدە كىملە‌رنى كۆرگە‌ن ۋە ئۇ‌لار نېمە قىلغان؟‏ (‏مۇ‌قاۋىدىكى رە‌سىمگە قاراڭ)‏

7 ئە‌لچى يۇ‌ھاننا مۇ‌شۇ 144000 پادىشاھ ھە‌م روھانىينى كۆرگە‌ندىن كېيىن،‏ ھاياجانلاندۇ‌رىدىغان بىر ئىشنى،‏ يە‌نى ئارماگېدوندىن ئۆتۈپ،‏ ئامان قالغان «زور بىر توپ خالايىقنى» كۆرگە‌ن.‏ 144000 كىشىدىن ئىبارە‌ت بۇ كىچىك توپقا ئوخشىمايدىغان يېرى،‏ زور بىر توپ خالايىقنىڭ قانچىلىك چوڭ ۋە سانى قانچىلىك كۆپ ئىكە‌نلىكى ئېنىق ئە‌مە‌س ‏(‏ۋە‌ھىيلە‌ر 7:‏9،‏ 10-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ ئۇ‌لارنىڭ ئاق كىيىم كىيگە‌نلىكى يە‌ھۋا ۋە ئە‌يساغا بولغان ساداقە‌تمە‌نلىكىنى ساقلاپ،‏ شە‌يتاننىڭ دۇ‌نياسىدىن ئۆزىنى پاك ساقلاپ قالغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ (‏ياقۇ‌پ 1:‏27‏)‏.‏ «ئۇ‌لار ئۈنلۈك ئاۋاز بىلە‌ن:‏ ‹نىجاتلىقىمىز ئۈچۈن تە‌ختتە ئولتۇ‌رغان [يە‌ھۋا] خۇ‌دايىمىزغا ھە‌م [ئە‌يسا] قوزىغا قە‌رزدارمىز›،‏—‏ دە‌پ ۋارقىرىشاتتى».‏ ئۇ‌لارنىڭ قولىدىكى خورما شاخلىرى يە‌ھۋا تە‌يىنلىگە‌ن ئە‌يسا مە‌سىھ ئۆزلىرىنىڭ پادىشاھى ئىكە‌نلىكىنى خۇ‌شاللىق بىلە‌ن ئېتىراپ قىلغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.‏—‏يۇ‌ھاننا 12:‏12،‏ 13-‏نى سېلىشتۇ‌رۇ‌ڭ.‏

8.‏ ۋە‌ھىيلە‌ر 7:‏11،‏ 12-‏ئايە‌تلە‌ردە‏،‏ خۇ‌دانىڭ ئاسماندىكى ئائىلىسى توغرىسىدا نېمە يېزىلغان؟‏

8 ۋە‌ھىيلە‌ر 7:‏11،‏ 12-‏نى ئوقۇ‌ڭ.‏ ئاسماندىكىلە‌ر زور بىر توپ خالايىقنى كۆرگە‌ندە نېمە ئىش يۈز بە‌رگە‌ن؟‏ ئە‌لچى يۇ‌ھاننا يە‌ھۋانىڭ ئاسماندىكى ئائىلىسى زور بىر توپ خالايىقنى كۆرگە‌ندە،‏ خۇ‌دانى مە‌دھىيىلە‌پ خۇ‌شال بولغان.‏ زور بىر توپ خالايىق دە‌ھشە‌تلىك چوڭ بالايىئاپە‌تتىن ئامان-‏ئېسە‌ن ئۆتكە‌ندە،‏ يە‌ھۋانىڭ ئاسماندىكى ئائىلىسى بۇ ۋە‌ھىينىڭ ئە‌مە‌لگە ئاشقانلىقىنى كۆرۈپ زور شاد-‏خۇ‌راملىققا چۆمۈشىدۇ.‏

9.‏ ۋە‌ھىيلە‌ر 7:‏13—‏15-‏ئايە‌تلە‌رگە ئاساسە‌ن،‏ زور بىر توپ خالايىق ھازىرنىڭ ئۆزىدە نېمە قىلىدۇ؟‏

9 ۋە‌ھىيلە‌ر 7:‏13—‏15-‏نى ئوقۇ‌ڭ.‏ ئە‌لچى يۇ‌ھاننا:‏ زور بىر توپ خالايىقنى «كىيىملىرىنى قوزىنىڭ قېنىدا يۇ‌يۇ‌پ،‏ ئاقارتقانلار»،‏—‏ دە‌يدۇ.‏ بۇ ئۇ‌لارنىڭ پاك ۋىجدانغا ئىگە ئىكە‌نلىكىنى ۋە يە‌ھۋا ئۇ‌لاردىن خۇ‌رسە‌ن بولغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ (‏يە‌شايا 1:‏18‏)‏.‏ ئۇ‌لار ئە‌يسانىڭ تۆلە‌م قۇ‌ربانلىقىغا ئىشە‌نچ قىلىپ،‏ يە‌ھۋا بىلە‌ن يېقىن مۇ‌ناسىۋە‌تتە بولۇ‌پ،‏ ئۇ‌نىڭغا ئۆز ھاياتىنى بېغىشلاپ،‏ چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتكە‌ن مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىلىرىدۇ‌ر (‏يۇ‌ھاننا 3:‏36؛‏ 1-‏پېتر.‏ 3:‏21‏)‏.‏ شۇ‌ڭا،‏ ئۇ‌لار روھىي ئىبادە‌تخانىنىڭ يە‌ردىكى ھويلىسىدا كېچە-‏كۈندۈز مۇ‌قە‌ددە‌س خىزمە‌تنى قىلىش ئۈچۈن «خۇ‌دانىڭ تە‌ختى ئالدىدا» تۇ‌رۇ‌ش شان-‏شە‌رىپىگە ئىگە.‏ ھازىرنىڭ ئۆزىدىمۇ ئۇ‌لار خۇ‌دا پادىشاھلىقىنى بىرىنچى ئورۇ‌نغا قويۇ‌پ،‏ قىزغىنلىق بىلە‌ن ۋە‌ز قىلىش ۋە شاگىرت تە‌ييارلاش ئىشىنىڭ كۆپ قىسمىنى قىلىۋاتىدۇ.‏—‏مە‌تتا 6:‏33؛‏ 24:‏14؛‏ 28:‏19،‏ 20‏.‏

دە‌ھشە‌تلىك بالايىئاپە‌تتىن چىقىۋاتقان باشقا قويلارنىڭ يە‌نى،‏ زور بىر توپ خالايىقنىڭ خۇ‌شال ئە‌زالىرى (‏10-‏ئابزاسقا قاراڭ)‏

10.‏ زور بىر توپ خالايىق نېمىگە ئىشە‌نچ قىلىدۇ ۋە خۇ‌دا ۋە‌دىسىنىڭ قانداق ئە‌مە‌لگە ئاشىدىغانلىقىنى كۆرىدۇ؟‏

10 زور بىر توپ خالايىق دە‌ھشە‌تلىك بالايىئاپە‌تتىن ئامان قېلىپ،‏ يە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ ئۇ‌لارغا غە‌مخورلۇ‌ق قىلىدىغانلىقىغا ئىشە‌نچ قىلىدۇ.‏ چۈنكى،‏ «تە‌ختتە ئولتۇ‌رغۇ‌چى [يە‌ھۋا] ئۆز چېدىرىنى ئۇ‌لارنىڭ ئۈستىگە يايىدۇ».‏ ئە‌مدى،‏ باشقا قويلار شۇ‌نچە ئارزۇ قىلغان خۇ‌دانىڭ ۋە‌دىسىنىڭ تولۇ‌ق ئە‌مە‌لگە ئاشىدىغانلىقىنى كۆرىدۇ:‏ «خۇ‌دا ئۇ‌لارنىڭ كۆزلىرىدىكى ھە‌ر بىر تامچە ياشنى ئېرتىدۇ ۋە ئۆلۈم يە‌نە بولمايدۇ،‏ نە ماتە‌م،‏ نە پە‌رياد ۋە ئازاب-‏ئوقۇ‌بە‌ت باشقا بولمايدۇ».‏—‏ۋە‌ھىي.‏ 21:‏3،‏ 4‏.‏

11،‏ 12.‏ (‏1)‏ ۋە‌ھىيلە‌ر 7:‏16،‏ 17-‏ئايە‌تلە‌ردە كۆرسىتىلگە‌ندە‌ك،‏ زور بىر توپ خالايىق قانداق بە‌رىكە‌تلە‌رنى كۈتمە‌كتە؟‏ (‏2)‏ باشقا قويلار نېمە قىلىشى كېرە‌ك ۋە نېمە ئۇ‌لارنى شۇ‌نداق قىلىشقا دە‌ۋە‌ت قىلىدۇ؟‏

11 ۋە‌ھىيلە‌ر 7:‏16،‏ 17-‏نى ئوقۇ‌ڭ.‏ ھازىر خۇ‌دانىڭ بە‌زى خىزمە‌تچىلىرى ئېغىر ئىقتىسادىي ئە‌ھۋال ۋە ئىچكى ئۇ‌رۇ‌ش تۈپە‌يلى ئاچارچىلىق ئازابىنى چېكىدۇ.‏ باشقىلار بولسا،‏ ئىمان-‏ئېتىقادى سە‌ۋە‌بلىك تۈرمىلە‌رگە تاشلىنىدۇ.‏ بۇ‌نىڭغا قارىماستىن،‏ زور بىر توپ خالايىقنىڭ ئە‌زالىرى بۇ رە‌زىل دۇ‌نيا تۈزۈلمىسى ۋە‌يران قىلىنغاندا قۇ‌تۇ‌لۇ‌پ ئامان قالىدۇ.‏ شۇ چاغدا،‏ ئۇ‌لاردا جىسمانىي ۋە روھىي ئوزۇ‌ق-‏تۈلۈك مول بولىدۇ ۋە ئۇ‌لار يە‌ھۋادىن يول-‏يورۇ‌ق ئالىدۇ.‏ شە‌يتاننىڭ دۇ‌نياسى ۋە‌يران قىلىنغاندا،‏ زور بىر توپ خالايىق خۇ‌دانىڭ ئە‌للە‌ر ئۈستىگە تۆكىدىغان قاتتىق ئىسسىققا ئوخشاش غە‌زىپىدىن قۇ‌تۇ‌لۇ‌پ قالىدۇ.‏ دە‌ھشە‌تلىك چوڭ بالايىئاپە‌ت ئاياقلاشقاندىن كېيىن،‏ ئە‌يسا يە‌ردە ئامان قالغان كىشىلە‌رنى «ھاياتلىق سۈيىنىڭ بۇ‌لاقلىرىغا» يېتە‌كلە‌يدۇ.‏ تە‌سە‌ۋۋۇ‌ر قىلىپ كۆرۈڭ:‏ زور بىر توپ خالايىق ئۆزگىچە پۇ‌رسە‌تكە ئىگە.‏ يە‌ر يۈزىدە بۇ‌رۇ‌ن ياشىغان مىلياردلىغان ئادە‌ملە‌رگە ئوخشىمايدىغان يېرى،‏ ئۇ‌لار ھە‌رگىزمۇ ئۆلمە‌سلىكى مۇ‌مكىن.‏—‏يۇ‌ھاننا 11:‏26‏.‏

12 باشقا قويلار ئاجايىپ ئۈمىدى ئۈچۈن يە‌ھۋا ۋە ئە‌يساغا بە‌كمۇ مىننە‌تدار.‏ گە‌رچە ئۇ‌لار ئاسماندا ياشاش ئۈچۈن تاللانمىغان بولسىمۇ،‏ يە‌ھۋا ئۇ‌لارنى بە‌ك قە‌دىرلە‌يدۇ.‏ مۇ‌شۇ ئىككى توپنىڭ ئە‌زالىرى يە‌ھۋا خۇ‌دانى مە‌دھىيىلە‌يدۇ ۋە ئە‌يساغا مىننە‌تدار بولىدۇ.‏ بۇ‌نى قىلىشنىڭ بىر ئۇ‌سۇ‌لى —‏ خاتىرىلە‌ش مۇ‌راسىمىغا قاتنىشىش.‏

يە‌ھۋاغا ۋە مە‌سىھكە چىن يۈرە‌كتىن مىننە‌تدار بولۇ‌ڭ

خاتىرىلە‌ش مۇ‌راسىمىدا بىر-‏بىرىمىزگە بېرىۋاتقان پېتىر نان ۋە شاراپ،‏ ئە‌يسا بىزنىڭ مە‌ڭگۈ ياشىشىمىز ئۈچۈن،‏ ئۆز جېنىنى بە‌رگە‌نلىكىنى ئېسىمىزگە سالىدۇ (‏13—‏15-‏ئابزاسلارغا قاراڭ)‏

13،‏ 14.‏ نېمە ئۈچۈن ھە‌ر بىر مە‌سىھ قىلىنغانلار ۋە باشقا قويلار خاتىرىلە‌ش مۇ‌راسىمىغا قاتنىشىشى كېرە‌ك؟‏

13 يېقىنقى يىللاردا خاتىرىلە‌ش مۇ‌راسىمىغا قاتناشقانلارنىڭ تە‌خمىنە‌ن 1000دىن بىرى پېتىر نان ۋە شاراپقا ئېغىز تېگىۋاتىدۇ.‏ بۇ پۈتۈن دۇ‌نيادىكى جامائە‌تلە‌رنىڭ كۆپىنچىسىدە خاتىرىلە‌ش مۇ‌راسىمىدا پېتىر نان ۋە شاراپقا ئېغىز تېگىدىغان كىشىنىڭ يوقلىقىنى بىلدۈرىدۇ.‏ دېمە‌ك،‏ بۇ خاتىرىلە‌ش مۇ‌راسىمىغا قاتنىشىدىغانلارنىڭ كۆپىنچىسى يە‌ردە ياشاش ئۈمىدىگە ئىگە بولغانلار.‏ ئۇ‌نداقتا،‏ ئۇ‌لار نېمە ئۈچۈن خاتىرىلە‌ش مۇ‌راسىمىغا قاتنىشىدۇ؟‏ خاتىرىلە‌ش مۇ‌راسىمىغا قاتنىشىدىغانلار توي قىلماقچى بولغان يىگىتنىڭ دوستلىرىغا ئوخشاش.‏ ئۇ‌لار توي قىلماقچى بولغان قىز-‏يىگىتكە ئۆز مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببىتىنى بىلدۈرۈش ۋە ئۇ‌لارنى قوللاپ-‏قۇ‌ۋۋە‌تلە‌ش ئارزۇ-‏ئىستىكىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن شۇ تويغا بارىدۇ.‏ خۇ‌ددى شۇ‌نىڭدە‌ك،‏ ‏«باشقا قويلار» قاتارىدا بولغانلار مە‌سىھ ئە‌يسا ۋە مە‌سىھ قىلىنغان ئېتىقادچىلارغا بولغان سۆيگۈسى ۋە ھۆرمە‌ت-‏ئېھتىرامىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن خاتىرىلە‌ش مۇ‌راسىمىغا قاتنىشىدۇ.‏ شۇ‌نداقلا ئۇ‌لار شۇ مۇ‌راسىمغا قاتنىشىپ،‏ يە‌ردە مە‌ڭگۈ ياشاش پۇ‌رسىتىنى يارىتىدىغان تۆلە‌م قۇ‌ربانلىقىغا مىننە‌تدارلىقىنى كۆرسىتىدۇ.‏

14 باشقا قويلارنىڭ خاتىرىلە‌ش مۇ‌راسىمىغا قاتنىشىشنىڭ سە‌ۋە‌بى —‏ ئە‌يسانىڭ ئە‌مىرىگە بويسۇ‌نۇ‌ش.‏ ئە‌يسا ساداقە‌تمە‌ن ئە‌لچىلىرى بىلە‌ن مۇ‌شۇ خاتىرىلە‌شنى ئۇ‌يۇ‌شتۇ‌رۇ‌پ،‏ مۇ‌نداق دېگە‌ن:‏ «مېنى ئە‌سلە‌ش ئۈچۈن بۇ‌نى قىلىپ تۇ‌رۇ‌ڭلار» (‏1-‏كورىنت.‏ 11:‏23—‏26‏)‏.‏ مە‌سىھ قىلىنغانلاردىن بىرى يە‌ر يۈزىدە ھاياتلا بولسا،‏ باشقا قويلار خاتىرىلە‌ش مۇ‌راسىمىنى ئۆتكۈزۈشنى داۋاملاشتۇ‌رىدۇ.‏ باشقا قويلار ھە‌رقانداق ئادە‌منى ئۇ‌لار بىلە‌ن بىللە خاتىرىلە‌ش مۇ‌راسىمىغا قاتنىشىشقا تە‌كلىپ قىلىدۇ.‏

15.‏ خاتىرىلە‌ش مۇ‌راسىمىدا شە‌خسە‌ن ئۆزۈمىز خۇ‌دانى قانداق مە‌دھىيىلە‌يمىز ۋە مە‌سىھكە قانداق مىننە‌تدار بولىمىز؟‏

15 خاتىرىلە‌ش مۇ‌راسىمىدا بىزنىڭ خۇ‌دانى مە‌دھىيىلە‌ش پۇ‌رسىتىمىز بار.‏ ئۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ شۇ مۇ‌راسىمدا ھە‌م يە‌ھۋاغا ۋە ئە‌يساغىمۇ ئۆز سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببىتىمىز ۋە مىننە‌تدارلىقىمىزنى دۇ‌ئادا ۋە ناخشىدا ئىپادىلە‌ش مۇ‌مكىنچىلىكىمىز بار.‏ «خۇ‌دا ۋە مە‌سىھ سىز ئۈچۈن نېمە قىلغانلىقىنى قە‌دىرلە‌ڭ!‏» ناملىق نۇ‌تۇ‌قنى بۇ يىلى ئاڭلايمىز.‏ بۇ يە‌ھۋا خۇ‌داغا ۋە ئە‌يسا مە‌سىھكە بولغان مىننە‌تدارلىقىمىزنى چوڭقۇ‌رلاشتۇ‌رىدۇ.‏ پېتىر نان ۋە شارابنى قولدىن-‏قولغا سۇ‌نۇ‌پ بىر-‏بىرىمىزگە بە‌رگە‌ندە،‏ بۇ‌لار ئە‌يسانىڭ تېنىنى ۋە قېنىنى بىلدۈرىدىغانلىقىنى،‏ ناتىق ھە‌ممە قاتناشقۇ‌چىلارنىڭ ئېسىگە سالىدۇ.‏ ناتىق بىزگە،‏ يە‌ھۋا ئۆز ئوغلىنى ئۆلۈشكە يول قويغاچقا،‏ بىز مە‌ڭگۈ ياشىيالايدىغانلىقىمىزنى ئېسىمىزگە سالىدۇ (‏مە‌تتا 20:‏28‏)‏.‏ ئاسماندىكى ئاتىمىزنى ۋە ئۇ‌نىڭ ئوغلىنى ياخشى كۆرىدىغانلارنىڭ ھە‌ممىسى خاتىرىلە‌ش مۇ‌راسىمىغا قاتنىشىشنى خالايدۇ.‏

يە‌ھۋا سىزگە بە‌رگە‌ن ئۈمىد ئۈچۈن مىننە‌تدار بولۇ‌ڭ

16.‏ مە‌سىھ قىلىنغانلار بىلە‌ن باشقا قويلارنىڭ قانداق ئوخشاشلىقى بار؟‏

16 يە‌ھۋا مە‌سىھ قىلىنغانلار ۋە باشقا قويلارنىڭ ئارىسىدىكى پە‌رققە قارىماي،‏ ھە‌ر ئىككىلىسىنى قە‌دىرلە‌يدۇ.‏ ھە‌ر ئىككى توپ ئۇ‌نىڭ ئۈچۈن ئوخشاشلا قە‌دىر-‏قىممە‌تلىك.‏ ھە‌قىقە‌تە‌ن،‏ يە‌ھۋا ئۆز سۆيۈملۈك ئوغلىنىڭ ھاياتى ئارقىلىق مە‌سىھ قىلىنغانلار ۋە باشقا قويلار ئۈچۈن ئوخشاشلا تۆلە‌م تۆلىگە‌ن.‏ ئىككى توپنىڭ پە‌رقى —‏ ئۇ‌لارنىڭ ئۈمىدى ھە‌ر تۈرلۈك.‏ ھە‌ر ئىككى توپ خۇ‌داغا ۋە مە‌سىھكە ساداقە‌تمە‌ن بولۇ‌پ قېلىشى كېرە‌ك (‏زە‌بۇ‌ر 31:‏23‏)‏.‏ ئۇ‌نتۇ‌ماڭلار،‏ خۇ‌دانىڭ مۇ‌قە‌ددە‌س روھى ھە‌ممىمىزگە تە‌ڭ تە‌سىر قىلىدۇ.‏ دېمە‌ك،‏ يە‌ھۋا ئاتىمىز كېرە‌ك ۋاقتىدا مۇ‌قە‌ددە‌س روھنى ھە‌ر بىرىنىڭ ئېھتىياجلىرىغا قاراپ بېرىدۇ.‏

17.‏ يە‌ردىكى مە‌سىھ قىلىنغانلارنىڭ قالدۇ‌ق ئە‌زالىرى نېمىنى كۈتىدۇ؟‏

17 مە‌سىھ قىلىنغان ئېتىقادچىلار ئاسماندا ياشاش ئۈمىدى بىلە‌ن تۇ‌غۇ‌لمايدۇ.‏ بۇ ئۈمىدنى يە‌ھۋا ئۇ‌لارغا بە‌رگە‌ن.‏ ئۇ‌لار ئۆز ئۈمىدى ھە‌ققىدە ئويلايدۇ،‏ دۇ‌ئا قىلىدۇ ۋە ئاسماندىكى مۇ‌كاپاتقا ئېرىشىشنى تۆت كۆزى بىلە‌ن كۈتىدۇ.‏ ئۇ‌لارنىڭ روھىي تېنى قانداق بولىدىغانلىقىنى ھە‌تتا كۆز ئالدىغا كە‌لتۈرە‌لمە‌يدۇ (‏فىلىپى.‏ 3:‏20،‏ 21؛‏ 1-‏يۇ‌ھاننا 3:‏2‏)‏.‏ لېكىن،‏ ئۇ‌لار يە‌ھۋا خۇ‌دا،‏ مە‌سىھ ئە‌يسا،‏ پە‌رىشتىلە‌ر ۋە تىرىلدۈرۈلگە‌ن مە‌سىھ قىلىنغانلار بىلە‌ن كۆرۈشۈشنى ئىنتىزارلىق بىلە‌ن كۈتمە‌كتە.‏ ئۇ‌لار ئاسماندىكى پادىشاھلىقتا ئۇ‌لار بىلە‌ن بىللە بولۇ‌شنى خالايدۇ.‏

18.‏ باشقا قويلار نېمىنى كۈتىدۇ؟‏

18 باشقا قويلارنىڭ يە‌ردە مە‌ڭگۈ ياشاش ئۈمىدى بار.‏ بۇ ھە‌ممە ئادە‌ملە‌ر ئۈچۈن تە‌بىئىي نە‌رسە (‏ۋە‌ز 3:‏11‏)‏.‏ ئۇ‌لار پۈتكۈل يە‌ر يۈزىنى جە‌ننە‌تكە ئايلاندۇ‌رۇ‌شقا ياردە‌م بېرە‌لە‌يدىغان كۈننى تاقە‌تسىزلىك بىلە‌ن كۈتمە‌كتە.‏ ئۇ‌لار ئۆيلە‌رنى سالىدىغان،‏ باغلارنى بە‌رپا قىلىدىغان ۋە مۇ‌كە‌ممە‌ل،‏ ساغلام بالىلارنى چوڭ قىلىدىغان كۈننى ئىنتىزارلىق بىلە‌ن كۈتىدۇ (‏يە‌شايا 65:‏21—‏23‏)‏.‏ ئۇ‌لار يە‌ھۋانىڭ سان-‏ساناقسىز ياراتمىلىرىنى،‏ يە‌نى يە‌ر-‏زېمىننى،‏ تاغلارنى،‏ ئورمانلارنى ۋە دېڭىزلارنى تە‌تقىق قىلىشنى تاقە‌تسىزلىك بىلە‌ن كۈتىدۇ.‏ ھە‌ممىدىن مۇ‌ھىمى،‏ ئۇ‌لار ياراتقۇ‌چى يە‌ھۋا بىلە‌ن بولغان مۇ‌ناسىۋىتىنىڭ كۈندىن-‏كۈنگە كۈچىيىپ،‏ تېخىمۇ يېقىن بولۇ‌شىنى خۇ‌شاللىق بىلە‌ن كۈتمە‌كتە.‏

19.‏ خاتىرىلە‌ش مۇ‌راسىمى ھە‌ر بىرىمىزگە قانداق مۇ‌مكىنچىلىك يارىتىپ بېرىۋاتىدۇ ۋە بۇ يىل بۇ مۇ‌راسىم قاچان ئۆتكۈزۈلىدۇ؟‏

19 يە‌ھۋا ئۇ‌نىڭغا ئۆزىنى بېغىشلىغان ھە‌ر بىر خىزمە‌تچىسىگە كېلە‌چە‌ك ئۈچۈن ئاجايىپ ئۈمىد بە‌رگە‌ن (‏يە‌رە‌م.‏ 29:‏11‏)‏.‏ خاتىرىلە‌ش مۇ‌راسىمى ھە‌ر قايسىمىزغا يە‌ھۋا ۋە ئە‌يسانىڭ مە‌ڭگۈ ھاياتتىن ھۇ‌زۇ‌رلىنىشىمىز ئۈچۈن قىلغان نۇ‌رغۇ‌ن ئىشلىرىغا مىننە‌تدار بولۇ‌شىمىزغا مۇ‌مكىنچىلىك يارىتىپ بېرىۋاتىدۇ.‏ بۇ خاتىرىلە‌ش مۇ‌راسىمى ھە‌قىقىي مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىلىرىنىڭ ھە‌ر يىلى ئۆتكۈزىدىغان يىغىلىشى.‏ بۇ يىغىلىش 2021-‏يىل،‏ 27-‏مارت،‏ شە‌نبە كۈنى كۈن پاتقاندىن كېيىن ئۆتكۈزىلىدۇ.‏ بۇ يىلى نۇ‌رغۇ‌نلىرى مۇ‌شۇ ۋە‌قە‌نى ئە‌ركىن-‏ئازادە ئۆتكۈزۈشى مۇ‌مكىن.‏ باشقىلىرى بولسا،‏ قارشىلىقلارغا قارىماستىن ئۇ‌نىڭغا قاتنىشىدۇ.‏ بە‌زىلە‌ر بۇ خاتىرىلە‌شنى تۈرمىدە ئۆتكۈزىدۇ.‏ ھە‌ر بىرىمىز ئە‌ستىن شۇ‌نى چىقارمايلىكى،‏ يە‌ھۋا خۇ‌دا،‏ مە‌سىھ ئە‌يسا،‏ پە‌رىشتىلە‌ر ۋە تىرىلدۈرۈلگە‌ن مە‌سىھ قىلىنغان ئېتىقادچىلار بىزگە قاراپ تۇ‌رىدۇ.‏ شۇ‌ڭا،‏ ھە‌رقانداق جامائە‌ت،‏ توپ ياكى ئادە‌م بولسۇ‌ن،‏ خاتىرىلە‌ش مۇ‌راسىمىنى ياخشى ئۆتكۈزگە‌ي!‏

49-‏ناخشا يە‌ھۋا —‏ بىزنىڭ پاناھگاھىمىز

a2021-‏يىلى،‏ 27-‏مارت يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرى ئۈچۈن ئالاھىدە بىر كۈن.‏ شۇ كۈنى كە‌چقۇ‌رۇ‌نلىقى بىز ئە‌يسانىڭ ئۆلۈمىنى خاتىرىلە‌ش مۇ‌راسىمىغا قاتنىشىمىز.‏ بۇ مۇ‌راسىمغا كە‌لگە‌نلە‌رنىڭ كۆپىنچىسى ئە‌يسا مە‌سىھ «باشقا قويلار»،‏ دە‌پ ئاتىغان توپقا مە‌نسۇ‌پ.‏ 1935-‏يىلى بۇ توپ ھە‌ققىدە قانداق ھاياجانلىق ھە‌قىقە‌ت ئاشكارىلانغان ئىدى؟‏ ئۇ‌لار دە‌ھشە‌تلىك بالايىئاپە‌تتىن كېيىن قانداق ئاجايىپ كېلە‌چە‌كنى كۈتۈۋاتىدۇ؟‏ خاتىرىلە‌ش مۇ‌راسىمىغا قاتنىشىدىغان «باشقا قويلار» يە‌ھۋا خۇ‌داغا ۋە ئە‌يسا مە‌سىھكە مىننە‌تدارلىقنى قانداق كۆرسىتە‌لە‌يدۇ؟‏

b سۆز-‏ئىبارە مە‌نىسى:‏ «باشقا قويلار»‏ ئاخىر زاماندا يىغىلىپ بىر جە‌م بولغان ئادە‌ملە‌رنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.‏ ئۇ‌لار مە‌سىھ ئە‌يساغا ئە‌گىشىدۇ ۋە يە‌ردىكى جە‌ننە‌تتە ياشاش پۇ‌رسىتىگە ئىگە.‏ ‏«زور بىر توپ خالايىق»‏ دە‌ھشە‌تلىك چوڭ بالايىئاپە‌ت مە‌زگىلىدە مە‌سىھ ئىنسانىيە‌تنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈم قىلغاندا،‏ ئامان قالىدىغان باشقا قويلارنىڭ ئە‌زالىرىنى بىلدۈرىدۇ.‏

c سۆز-‏ئىبارە مە‌نىسى:‏ «قالدۇ‌ق ئە‌زالار»‏ دېگە‌ن سۆز خاتىرىلە‌ش مۇ‌راسىمىدا پېتىر نان ۋە شاراپقا ئېغىز تە‌گكە‌ن مە‌سىھ قىلىنغان ئېتىقادچىلارنىڭ يە‌ر يۈزىدىكى قالدۇ‌ق ئە‌زالىرىنى بىلدۈرىدۇ.‏