مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

2-‏تە‌تقىق ماقالىسى

ئە‌يسا ياخشى كۆرگە‌ن شاگىرتتىن ئالىدىغان ساۋاقلىرىمىز

ئە‌يسا ياخشى كۆرگە‌ن شاگىرتتىن ئالىدىغان ساۋاقلىرىمىز

‏«داۋاملىق بىر-‏بىرىمىزگە سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت كۆرسىتە‌يلى،‏ چۈنكى سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت خۇ‌دادىندۇ‌ر»‏‏.‏—‏1-‏يۇ‌ھاننا 4:‏7‏.‏

3-‏ناخشا ‏«خۇ‌دا ئۆزى مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌تتۇ‌ر»‏

بۇ ماقالىدە a

1.‏ خۇ‌دانىڭ مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببىتى بىزلە‌رگە نېمىلە‌رنى ھېس قىلدۇ‌رىدۇ؟‏

 ئە‌لچى يۇ‌ھاننا:‏ «خۇ‌دا ئۆزى مۇ‌ھە‌ببە‌تتۇ‌ر»،‏—‏ دە‌پ يازغان (‏1-‏يۇ‌ھاننا 4:‏8‏)‏.‏ بۇ ئاددىي بىر جۈملە سۆز ئاساسىي ھە‌قىقە‌تنى ئېسىمىزگە سالىدۇ:‏ خۇ‌دا ھاياتنىڭ مە‌نبە‌سى،‏ شۇ‌نداقلا سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببە‌تنىڭ مە‌نبە‌سىدۇ‌ر.‏ يە‌ھۋا بىزنى ياخشى كۆرىدۇ!‏ ئۇ‌نىڭ مۇ‌ھە‌ببىتى بىزنى بىخە‌تە‌ر،‏ شاد-‏خۇ‌رام ۋە قانائە‌ت تاپقاندە‌ك ھېس قىلدۇ‌رىدۇ.‏

2.‏ مە‌تتا 22:‏37—‏40-‏ئايە‌تلە‌رگە ئاساسە‌ن،‏ قانداق ئىككى ئە‌ڭ مۇ‌ھىم ئە‌مر بار ۋە نېمە ئۈچۈن ئىككىنچى ئە‌مرنى ئورۇ‌نلاش قىيىن بولۇ‌شى مۇ‌مكىن؟‏

2 مە‌سىھىيلە‌ردىن مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌تنى چوقۇ‌م كۆرسىتىش تە‌لە‌پ قىلىنىدۇ.‏ بۇ ئە‌مر ‏(‏مە‌تتا 22:‏37–‏40-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ يە‌ھۋا خۇ‌دانى ياخشى بىلگە‌ندە،‏ ئۇ‌نىڭ بىرىنچى ئە‌مرىنى ئورۇ‌نلاش بىز ئۈچۈن ئاسان بولۇ‌شى مۇ‌مكىن.‏ سە‌ۋە‌بى،‏ يە‌ھۋا مۇ‌كە‌ممە‌ل،‏ مېھرىبان ۋە غە‌مخور خۇ‌دادۇ‌ر.‏ بىراق،‏ ئىككىنچى ئە‌مرنى ئورۇ‌نلاش بىز ئۈچۈن قىيىن بولۇ‌شى مۇ‌مكىن.‏ نېمە ئۈچۈن؟‏ چۈنكى،‏ ئە‌ڭ يېقىن ئادە‌ملىرىمىز،‏ يە‌نى ئېتىقادداشلىرىمىز نامۇ‌كە‌ممە‌ل.‏ بە‌زىدە ئۇ‌لار كۆڭلۈمىزنى ئاغرىتىدىغان گە‌پ-‏سۆز ياكى ئىش-‏ھە‌رىكە‌تلە‌رنى قىلىشى مۇ‌مكىن.‏ يە‌ھۋا مۇ‌شۇ‌نداق قىيىنچىلىقلارغا دۇ‌چ كېلىدىغانلىقىمىزنى بىلىپ،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنىڭ بە‌زى يازغۇ‌چىلىرىنى نېمە ئۈچۈن ۋە قانداق بىر-‏بىرىمىزگە سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببە‌تنى كۆرسىتىش كېرە‌كلىكى ھە‌ققىدە ئېنىق مە‌سلىھە‌تنى يېزىشقا روھلاندۇ‌رغان.‏ ئۇ‌لارنىڭ بىرى ئە‌لچى يۇ‌ھاننا بولغان ئىدى.‏—‏1-‏يۇ‌ھاننا 3:‏11،‏ 12‏.‏

3.‏ يۇ‌ھاننا مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت توغرىسىدا نېمە ئېيتقان؟‏

3 يۇ‌ھاننا يازغان يازمىلاردا خۇ‌دانىڭ ھە‌قىقىي خىزمە‌تچىلىرى سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت كۆرسىتىشى لازىملىقىنى تە‌كىتلىگە‌ن.‏ ھە‌قىقە‌تە‌ن،‏ ئىنجىلنىڭ باشقا ئۈچ يازغۇ‌چىسىغا قارىغاندا،‏ ئە‌لچى يۇ‌ھاننا ئە‌يسانىڭ ھاياتى ھە‌ققىدە يازغاندا،‏ «مۇ‌ھە‌ببە‌ت» دېگە‌ن سۆزنى كۆپ قېتىم قوللانغان.‏ ئۇ يۇ‌ھاننا بايان قىلغان خۇ‌ش خە‌ۋە‌ر كىتابىنى ۋە ئۈچ پارچە خە‌تنى يازغاندا،‏ تە‌خمىنە‌ن يۈز ياشتا ئىدى.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س روھنىڭ ئىلھامى بىلە‌ن يېزىلغان شۇ يازمىلار مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىسىنىڭ بارچە ئىشلىرىغا سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت تە‌سىر قىلىشى كېرە‌كلىكىنى كۆرسىتىدۇ (‏1-‏يۇ‌ھاننا 4:‏10،‏ 11‏)‏.‏ ئە‌مما،‏ بۇ‌نى چۈشىنىپ يېتىش ئۈچۈن يۇ‌ھانناغا ۋاقىت كېرە‌ك بولغان ئىدى.‏

4.‏ يۇ‌ھاننا ھە‌ردائىم مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت كۆرسە‌تكە‌نمۇ؟‏

4 يۇ‌ھاننا ياش چېغىدا دائىم مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت كۆرسە‌تمىگە‌ن.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ بىر كۈنى ئە‌يسا شاگىرتلىرى بىلە‌ن سامارىيە‌دىن ئۆتۈپ يېرۇ‌سالىمغا قاراپ سە‌پە‌ر قىلغان.‏ سامارىيە‌دىكى بىر يېزىنىڭ كىشىلىرى ئۇ‌لارغا مېھماندوستلۇ‌ق كۆرسە‌تمىگە‌ن.‏ شۇ چاغدا يۇ‌ھاننا نېمە قىلغان؟‏ ئۇ‌مۇ شۇ يېزىنىڭ خە‌لقىنى كۆيدۈرۈۋېتىش ئۈچۈن ئاسماندىن ئوت چۈشۈرۈشنى سوراش ھە‌ققىدە ئە‌يسادىن سورىغان (‏لۇ‌قا 9:‏52—‏56‏)‏.‏ يە‌نە بىر ۋە‌زىيە‌تتە،‏ يۇ‌ھاننا باشقا ئە‌لچىلە‌رگە مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت كۆرسە‌تمىگە‌ن.‏ ئۇ ئاكىسى ياقۇ‌پ بىلە‌ن ئانىسىنى ئە‌يسادىن ئۇ‌لارغا خۇ‌دا پادىشاھلىقىدا يۇ‌قىرى مە‌رتىۋىلىك ئورۇ‌ن بېرىشنى سوراشقا كۆندۈرگە‌ن.‏ ئە‌لچىلە‌ر يۇ‌ھاننا ۋە ياقۇ‌پنىڭ قىلغان ئىشىنى بىلگە‌ندە،‏ ئۇ‌لار قاتتىق غە‌زە‌پلە‌نگە‌ن (‏مە‌تتا 20:‏20،‏ 21،‏ 24‏)‏.‏ لېكىن،‏ يۇ‌ھاننانىڭ ھە‌ممە كە‌مچىلىكلىرىگە قارىماستىن،‏ ئە‌يسا ئۇ‌نى ياخشى كۆرگە‌ن.‏—‏يۇ‌ھاننا 21:‏7‏.‏

5.‏ مۇ‌شۇ ماقالىدە،‏ نېمىنى كۆرۈپ چىقىمىز؟‏

5 بۇ ماقالىدە،‏ يۇ‌ھاننانىڭ مىسالىنى ۋە ئۇ يازغان مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت ھە‌ققىدىكى بە‌زى ئوي-‏پىكىرلە‌رنى كۆرۈپ چىقىمىز.‏ ئاندىن قېرىنداشلىرىمىزغا مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌تنى قانداق كۆرسىتە‌لە‌يدىغانلىقىمىزنى ئۆگىنىمىز.‏ ھە‌مدە ئائىلىنىڭ بېشى بولغۇ‌چىنىڭ ئۆز ئائىلىسىنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى قانداق كۆرسىتە‌لە‌يدىغانلىقىنى كۆرىمىز.‏

مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌تنى ئە‌مە‌لىيە‌تتە كۆرسىتىش

يە‌ھۋا ئۆز مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببىتىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن،‏ ئۆز ئوغلىنىڭ جېنىنى بىز ئۈچۈن پىدا قىلىشقا يە‌رگە ئە‌ۋە‌تتى (‏6،‏ 7-‏ئابزاسلارغا قاراڭ)‏

6.‏ يە‌ھۋا بىزگە بولغان مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببىتىنى قانداق روشە‌ن كۆرسە‌تكە‌ن؟‏

6 بىز مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت،‏ دېگە‌ن سۆزنى ئاڭلىغاندا ئىللىق ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌لار بىلە‌ن ئىپادىلە‌نگە‌ن يېقىملىق سۆزلە‌ر پات-‏پات ئېسىمىزگە كېلىدۇ.‏ بىراق،‏ ئۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ چىن مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت ئىش-‏ھە‌رىكە‌تلە‌ر ئارقىلىق ئىپادىلىنىشى كېرە‌ك (‏ياقۇ‌پ 2:‏17،‏ 26-‏نى سېلىشتۇ‌رۇ‌ڭ)‏.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ يە‌ھۋا خۇ‌دا بىزنى ياخشى كۆرىدۇ (‏1-‏يۇ‌ھاننا 4:‏19‏)‏.‏ ئۇ ئۆز مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببىتىنى مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى گۈزە‌ل سۆزلە‌ر ئارقىلىق ئىپادىلە‌يدۇ (‏زە‌بۇ‌ر 25:‏10؛‏ رىملىقلار 8:‏38،‏ 39‏)‏.‏ لېكىن،‏ خۇ‌دا پە‌قە‌ت سۆزلىرى بىلە‌نلا ئە‌مە‌س،‏ بە‌لكى ئىش-‏ھە‌رىكە‌تلىرى بىلە‌ن بىزنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىغا ئىشە‌ندۈرىدۇ .‏ يۇ‌ھاننا مۇ‌نداق دە‌پ يازغان:‏ «خۇ‌دا بىزگە بولغان مۇ‌ھە‌ببىتىنى شۇ‌نداق ئاشكارە قىلدىكى،‏ بىزنى ھاياتلىققا ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن بىردىن-‏بىر يالغۇ‌ز ئوغلىنى بۇ دۇ‌نياغا ئە‌ۋە‌تتى» (‏1-‏يۇ‌ھاننا 4:‏9‏)‏.‏ يە‌ھۋا ئۆز سۆيۈملۈك ئوغلىنىڭ ئازاب چېكىشىگە ۋە بىز ئۈچۈن ئۆلۈشىگە يول قويغان (‏يۇ‌ھاننا 3:‏16‏)‏.‏ شۇ‌ڭا،‏ يە‌ھۋانىڭ بىزنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىغا گۇ‌مان قىلمايمىز.‏

7.‏ ئە‌يسا بىزگە بولغان مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببىتىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن نېمە قىلغان؟‏

7 ئە‌يسا ئۆز شاگىرتلىرىنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىغا ئىشە‌ندۈرگە‌ن (‏يۇ‌ھاننا 13:‏1؛‏ 15:‏15‏)‏.‏ ئە‌يسا ئۆز شاگىرتلىرىنى ۋە بىزنى قاتتىق ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى پە‌قە‌ت سۆزلىرى بىلە‌نلا ئە‌مە‌س،‏ بە‌لكى ئىش-‏ھە‌رىكە‌تلىرى بىلە‌ن ئىسپاتلىغان.‏ ئە‌يسا:‏ «ئۆز جېنىنى دوستلىرى ئۈچۈن پىدا قىلغان كىشىنىڭ مۇ‌ھە‌ببىتىدىن چوڭقۇ‌رراق مۇ‌ھە‌ببە‌ت ھېچكىمدە يوقتۇ‌ر»،‏—‏ دە‌پ ئېيتقان (‏يۇ‌ھاننا 15:‏13‏)‏.‏ يە‌ھۋا بىلە‌ن ئە‌يسا بىز ئۈچۈن نېمە قىلغانلىرى ھە‌ققىدە ئويلىغاندا،‏ ئۇ بىزگە قانداق تە‌سىر قىلىشى كېرە‌ك؟‏

8.‏ 1-‏يۇ‌ھاننا 3:‏18-‏ئايە‌تكە ئاساسە‌ن،‏ بىز نېمە قىلىشىمىز كېرە‌ك؟‏

8 بىـز يـە‌ھۋا بىلـە‌ن ئە‌يسـاغا بولغـان مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببىتىمىزنى،‏ ئۇ‌لارغا بويسۇ‌نۇ‌ش ئارقىلىق ئىسپاتلايمىز (‏يۇ‌ھاننا 14:‏15؛‏1-‏يۇ‌ھاننا 5:‏3‏)‏.‏ ئە‌يسا بىر-‏بىرىمىزنى سۆيۈشنى بۇ‌يرىغان (‏يۇ‌ھاننا 13:‏34،‏ 35‏)‏.‏ بىز ئېتىقادداشلىرىمىزغا بولغان مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببىتىمىزنى پە‌قە‌ت سۆزلىرىمىز بىلە‌نلا ئە‌مە‌س،‏ بە‌لكى ئىش-‏ھە‌رىكە‌تلىرىمىز بىلە‌نمۇ كۆرسىتىشىمىز لازىم ‏(‏1-‏يۇ‌ھاننا 3:‏18-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ ئېتىقادداشلىرىمىزغا بولغان مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببىتىمىزنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن نېمە قىلالايمىز؟‏

قېرىنداشلىرىمىزنى ياخشى كۆرۈش

9.‏ مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت ئە‌لچى يۇ‌ھاننانى نېمە قىلىشقا دە‌ۋە‌ت قىلغان؟‏

9 ئە‌لچى يۇ‌ھاننا دادىسى بىلە‌ن قېلىپ،‏ ئائىلىسىنىڭ بېلىقچىلىق تىجارىتى بىلە‌ن شۇ‌غۇ‌للىنىپ پۇ‌ل تاپالايتتى.‏ بىراق،‏ بۇ‌نىڭ ئورنىغا،‏ ئۇ ھاياتىنى باشقىلارغا يە‌ھۋا ۋە ئە‌يسا توغرىسىدىكى ھە‌قىقە‌تنى ئۆگىتىشكە بېغىشلىغان.‏ يۇ‌ھاننانىڭ تاللىغان ھايات يولى ئاسان بولمىغان.‏ يۇ‌ھاننا زىيانكە‌شلىككە ئۇ‌چراپ،‏ ئازاب چە‌ككە‌ن ۋە مىلادى بىرىنچى ئە‌سىرنىڭ ئاخىرى ياشانغان چېغىدا،‏ سۈرگۈن قىلىنغان ئىدى (‏ئە‌لچى.‏ 3:‏1؛‏ 4:‏1—‏3؛‏ 5:‏18؛‏ ۋە‌ھىي.‏ 1:‏9‏)‏.‏ ھە‌تتا،‏ ئۇ ئە‌يسا توغرۇ‌لۇ‌ق ۋە‌ز قىلالمىغان بولسىمۇ،‏ لېكىن باشقىلار ھە‌ققىدە ئويلىغانلىقىنى ئىسپاتلىغان.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ ئۇ پاتموس ئارىلىدا بولغاندا،‏ ئېتىقادداشلىرىنىڭ يېقىندا نېمە ئىش يۈز بېرىدىغانلىقىنى بىلىشى ئۈچۈن،‏ ئۆزى كۆرگە‌ن ۋە‌ھىينى يېزىپ،‏ جامائە‌تلە‌رگە ئە‌ۋە‌تكە‌ن (‏ۋە‌ھىي.‏ 1:‏1‏)‏.‏ بە‌لكىم،‏ ئۇ پاتموس ئارىلىدىكى سۈرگۈندىن ئازاد بولغاندىن كېيىن،‏ ئە‌يسانىڭ ھاياتى ۋە خىزمىتى ھە‌ققىدىكى ئىنجىلنىڭ بىر كىتابىنى يازغان.‏ يە‌نە ئۇ قېرىنداشلىرىغا ئىلھام بېرىپ،‏ ئۇ‌لارنىڭ ئېتىقادىنى كۈچە‌يتىش ئۈچۈن ئۈچ پارچە خە‌تنى يازغان.‏ سىز ئە‌لچى يۇ‌ھاننانىڭ پىداكارلىقىدىن قانداق ئۈلگە ئالالايسىز؟‏

10.‏ ئادە‌ملە‌رنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىڭىزنى قانداق ئىسپاتلىيالايسىز؟‏

10 سىز ئادە‌ملە‌رنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىڭىزنى ھايات كە‌چۈرۈش ئۇ‌سۇ‌لىڭىز ئارقىلىق ئىسپاتلىيالايسىز.‏ شە‌يتاننىڭ دۇ‌نياسى بار ۋاقتىمىزنى ۋە كۈچىمىزنى پۇ‌ل تېپىش ھە‌م نام-‏ئاتاققا ئېرىشىش ئۈچۈن سە‌رپ قىلىشقا دە‌ۋە‌ت قىلىدۇ.‏ بۇ‌نىڭ ئورنىغا،‏ دۇ‌نيانىڭ جاي-‏جايلىرىدىكى بارچە پىداكار ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چىلار خۇ‌ش خە‌ۋە‌رنى يە‌تكۈزۈش ۋە ئادە‌ملە‌رنىڭ يە‌ھۋا خۇ‌داغا يېقىنلىشىشىغا ياردە‌م بېرىش ئۈچۈن ئىمكانىيىتىنىڭ بارىچە ئۆز ۋاقتىنى سە‌رپ قىلىۋاتىدۇ.‏ بە‌زىلە‌ر ھە‌تتا ۋە‌ز قىلىش ۋە شاگىرت تە‌ييارلاش ئىشىغا ئۆز ۋاقتىنى تولۇ‌ق ئاجراتماقتا.‏

بىز ئېتىقادداشلىرىمىزغا ۋە ئائىلىمىزگە بولغان مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببىتىمىزنى ئىش-‏ھە‌رىكە‌تلىرىمىز ئارقىلىق ئىسپاتلايمىز (‏11،‏ 17-‏ئابزاسلارغا قاراڭ)‏ b

11.‏ كۆپلىگە‌ن ساداقە‌تمە‌ن ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چىلار يە‌ھۋانى ۋە قېرىنداشلىرىنى سۆيىدىغانلىقىنى قانداق ئىسپاتلايدۇ؟‏

11 كۆپلىگە‌ن ساداقە‌تمە‌ن يە‌ھۋانىڭ خىزمە‌تچىلىرى ئۆزىنىڭ ۋە ئائىلىسىنىڭ ماددىي ئېھتىياجىنى قامداش ئۈچۈن تولۇ‌ق ۋاقىت ئىشلىشى زۆرۈر.‏ بۇ‌نىڭغا قارىماستىن،‏ بۇ سادىق ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چىلار خۇ‌دا تە‌شكىلاتىنى ھە‌رخىل ئۇ‌سۇ‌للار ئارقىلىق قولىدىن كە‌لگىنىچە قوللاپ-‏قۇ‌ۋۋە‌تلە‌يدۇ.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ بە‌زىلىرىنىڭ تە‌بىئىي ئاپە‌تلە‌ردە ياردە‌م بېرىشكە ئىمكانىيىتى بار.‏ باشقا بىرلىرى بولسا،‏ قۇ‌رۇ‌لۇ‌ش ئىشلىرىغا قاتنىشالايدۇ ياكى ھە‌ركىم ئىئانە قىلىش ئارقىلىق دۇ‌نيا يۈزلۈك ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئىش-‏پائالىيە‌تلە‌رنى قوللاپ-‏قۇ‌ۋۋە‌تلىيە‌لە‌يدۇ.‏ ئۇ‌لار خۇ‌دانى ۋە يېنىدىكى كىشىلە‌رنى ياخشى كۆرگە‌چ،‏ بۇ‌نى قىلىدۇ.‏ شۇ‌نداقلا قېرىنداشلىرىمىزنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىمىزنى ھېرىپ-‏چارچىشىمىزغا قارىماستىن،‏ ھە‌ر ھە‌پتىدىكى جامائە‌ت يىغىلىشلىرىغا قاتنىشىش ئارقىلىق كۆرسىتە‌لە‌يمىز.‏ ھە‌تتا بىز خىجىل بولساقمۇ،‏ جاۋابلارنى بېرىشكە تىرىشىمىز.‏ ھە‌ممىمىز شە‌خسىي قىيىنچىلىقلىرىمىزغا قارىماستىن،‏ يىغىلىشنىڭ ئالدىدا ۋە ئۇ‌نىڭدىن كېيىن باشقىلارنى ئىلھاملاندۇ‌رىمىز (‏ئىبرانىي.‏ 10:‏24،‏ 25‏)‏.‏ ئېتىقادداشلىرىمىزنىڭ قىلغان ئىشلىرى ئۈچۈن بە‌كمۇ مىننە‌تدارمىز!‏

12.‏ ئە‌لچى يۇ‌ھاننا قېرىنداشلىرىغا بولغان مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببىتىنى يە‌نە قانداق ئۇ‌سۇ‌ل ئارقىلىق كۆرسە‌تكە‌ن؟‏

12 ئە‌لچى يۇ‌ھاننا قېرىنداشلىرىغا بولغان مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببىتىنى پە‌قە‌ت ئۇ‌لارنى ماختاش ئارقىلىقلا ئە‌مە‌س،‏ بە‌لكى ئۇ‌لارغا نە‌سىھە‌ت بېرىش ئارقىلىقمۇ كۆرسە‌تكە‌ن.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ ئە‌لچى يۇ‌ھاننا ئۆز خە‌تلىرىدە قېرىنداشلىرىنى ئېتىقادى ۋە ياخشى ئىشلىرى ئۈچۈن ماختىغان ھە‌م ئۇ‌لارغا گۇ‌ناھ ھە‌ققىدە ئوچۇ‌ق-‏ئاشكارە نە‌سىھە‌ت بە‌رگە‌ن (‏1-‏يۇ‌ھاننا 1:‏8—‏2:‏1؛‏ 1:‏13،‏ 14‏)‏.‏ ئۇ‌نىڭغا ئوخشاش،‏ بىزمۇ قېرىنداشلىرىمىزنى قىلغان ئىشلىرى ئۈچۈن ماختىشىمىز كېرە‌ك.‏ ئە‌مما،‏ ئە‌گە‌ر بىرسىنىڭ ناتوغرا كۆز قارىشى ياكى يامان ئادىتى پە‌يدا بولسا،‏ بۇ توغرىسىدا مېھرىبانلىق بىلە‌ن ئۇ‌نىڭغا ئېيتىپ،‏ مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت كۆرسىتە‌لە‌يمىز.‏ ئە‌لۋە‌تتە،‏ دوستقا نە‌سىھە‌ت بېرىش ئۈچۈن جاسارە‌ت كېرە‌ك،‏ بىراق مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب دوستلارمۇ بىر-‏بىرىنى ئۆتكۈرلە‌شتۈرە‌لە‌يدۇ ياكى توغرا يولغا سالالايدۇ دە‌پ ئۆگىتىدۇ.‏—‏پە‌ند.‏ نە 27:‏17‏.‏

13.‏ قانداق ئىش-‏ھە‌رىكە‌تلە‌ردىن نېرى تۇ‌رۇ‌شىمىز كېرە‌ك؟‏

13 بە‌زىدە قېرىنداشلىرىمىزغا بولغان مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببىتىمىزنى بە‌زى ئىش-‏ھە‌رىكە‌تلە‌ردىن بېرى تۇ‌رۇ‌ش ئارقىلىق كۆرسىتە‌لە‌يمىز.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ باشقىلارنىڭ سۆزلىرىگە تېزلا رە‌نجىپ قالمايمىز.‏ ھازىر بولسا،‏ ئە‌يسانىڭ يە‌ردىكى ئاخىرقى كۈنلىرىدە،‏ قانداق ۋە‌قە يۈز بە‌رگە‌نلىكىنى كۆرۈپ چىقايلى.‏ ئە‌يسا ئۆز شاگىرتلىرىغا مە‌ڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشىش ئۈچۈن ئۇ‌نىڭ تېنىنى يېيىش ۋە قېنىنى ئىچىش كېرە‌كلىكىنى ئېيتقان (‏يۇ‌ھاننا 6:‏53—‏57‏)‏.‏ بۇ سۆزلە‌ر شاگىرتلارنى شۇ‌نچىلىك چۆچۈتكە‌نكى،‏ ھە‌تتا ئۇ‌لارنىڭ كۆپىنچىسى ئە‌يسانى تاشلاپ كە‌تكە‌ن.‏ بىراق،‏ ئە‌يسانىڭ ھە‌قىقىي دوستلىرى بولسا،‏ شۇ جۈملىدىن ئە‌لچى يۇ‌ھاننا ئۇ‌نداق قىلمىغان.‏ ئۇ‌لار ئە‌يساغا ئە‌گىشىشنى توختاتمىغان.‏ بە‌لكىم ئۇ‌لارمۇ ئە‌يسانىڭ ئېيتقان سۆزلىرىنى چۈشە‌نمىگە‌ن ۋە ئۆزلىرى ھە‌يران بولغان.‏ بىراق،‏ ئە‌يسانىڭ بۇ سادىق دوستلىرى ئۇ‌نىڭ سۆزلىرىنى ناتوغرا دە‌پ ئويلىمىغان ۋە ئۇ‌نىڭدىن خاپا بولمىغان.‏ ئە‌كسىنچە،‏ ئۇ‌لار ئە‌يسانىڭ سۆزلىرى راست ئىكە‌نلىكىنى بىلىپ،‏ ئۇ‌نىڭغا ئىشە‌نگە‌ن (‏يۇ‌ھاننا 6:‏60،‏ 66—‏69‏)‏.‏ دوستلارنىڭ سۆزلىرىنى كۆڭلىمىزگە ئالماسلىقىمىز ناھايىتى مۇ‌ھىم!‏ خاپا بولۇ‌شنىڭ ئورنىغا،‏ دوستلارغا كېلىشمە‌سلىكنى بىر تە‌رە‌پ قىلىشقا پۇ‌رسە‌ت بېرىڭ.‏—‏پە‌ند.‏ نە 18:‏13؛‏ ۋە‌ز 7:‏9‏.‏

14.‏ نېمە ئۈچۈن قېرىنداشلىرىمىزنى ئۆچ كۆرمە‌سلىكىمىز زۆرۈر؟‏

14 ئە‌لچى يۇ‌ھاننا قېرىنداشلىرىمىزنى ئۆچ كۆرۈشتىنمۇ ئاگاھلاندۇ‌رغان.‏ ئە‌گە‌ر بىز مۇ‌شۇ نە‌سىھە‌تكە قۇ‌لاق سالمىساق،‏ ئاسانلا شە‌يتاننىڭ قولىغا چۈشۈپ قالىمىز (‏1-‏يۇ‌ھاننا 2:‏11؛‏ 3:‏15‏)‏.‏ مىلادى بىرىنچى ئە‌سىرنىڭ ئاخىرىدا،‏ خۇ‌دانىڭ خە‌لقى ئارىسىدا ئۆچمە‌نلىك ۋە بۆلگۈنچىلىك پە‌يدا قىلىش ئۈچۈن شە‌يتان قولىدىن كە‌لگە‌ننىڭ ھە‌ممىسىنى قىلغان.‏ ئە‌لچى يۇ‌ھاننا ئۆز خە‌تلىرىنى يازغاندا،‏ شە‌يتاننىڭ روھىنى كۆرسە‌تكە‌ن كىشىلە‌ر ئاللىقاچان جامائە‌تكە كىرگە‌ن.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ دىئوترېپىس بىر جامائە‌تتە ئېغىر بۆلگۈنچىلىكنى پە‌يدا قىلغان (‏ 3-‏يۇ‌ھاننا 9،‏ 10‏)‏.‏ ئۇ يېتە‌كچى كېڭە‌ش جامائە‌تلە‌رگە ئە‌ۋە‌تكە‌ن ئاقساقاللارنى ھۆرمە‌تلىمىگە‌ن.‏ دىئوترېپىس ئۆزى ياقتۇ‌رمايدىغان بۇ‌رادە‌رلە‌رنى قوبۇ‌ل قىلماقچى بولغان قېرىنداشلارنى توسۇ‌پ،‏ ھە‌تتا ئۇ‌لارنى جامائە‌تتىن قوغلاپ چىقىرىشقا تىرىشقان.‏ نېمە دېگە‌ن ھاكاۋۇ‌ر كىشى!‏ شە‌يتان بۈگۈنكى كۈندىمۇ،‏ خۇ‌دانىڭ خە‌لقىنى بۆلۈۋېتىش ۋە ئۆزىگە باش ئە‌گدۈرۈش ئۈچۈن بار كۈچنى سالىدۇ.‏ كېلىڭلار،‏ ئۆچمە‌نلىكنىڭ جامائىتىمىزنى بۆلۈۋېتىشىگە ھېچقاچان يول بە‌رمە‌يلى!‏

ئائىلىڭىزنى ياخشى كۆرۈڭ

ئە‌يسا ئۆز ئانىسىنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي ئېھتىياجلىرىنى قانائە‌تلە‌ندۈرۈشنى يۇ‌ھانناغا تاپشۇ‌رغان.‏ بۈگۈنكى كۈندىمۇ ئائىلە بېشى ئۆز ئائىلىسىنىڭ ئېھتىياجلىرىنى قامدىشى لازىم (‏15،‏ 16-‏ئابزاسلارغا قاراڭ)‏

15.‏ ئائىلە باشلىرى نېمىنى ئە‌ستىن چىقارماسلىقى كېرە‌ك؟‏

15 ئائىلە بېشى ئۆز ئائىلىسىنى سۆيىدىغانلىقىنى ئىسپاتلاشنىڭ مۇ‌ھىم ئۇ‌سۇ‌للىرىدىن بىرى —‏ ئائىلىسىنىڭ ماددىي ئېھتىياجىنى قامداش (‏1-‏تىموت.‏ 5:‏8‏)‏.‏ بىراق،‏ ئۇ شۇ‌نى ئە‌ستىن چىقارماسلىقى كېرە‌ككى،‏ ماددىي نە‌رسىلە‌ر ئائىلىسىنىڭ روھىي جە‌ھە‌تتىكى ئېھتىياجىنى قانائە‌تلە‌ندۈرە‌لمە‌يدۇ (‏مە‌تتا 5:‏3‏)‏.‏ ئە‌يسانىڭ ئائىلە باشلىقلىرىغا قالدۇ‌رغان ئۈلگىسىنى كۆرۈپ باقايلى.‏ يۇ‌ھاننا بايان قىلغان خۇ‌ش خە‌ۋە‌ر كىتابىدا،‏ ئە‌يسا تۈۋرۈككە مىخلىنىپ،‏ ھە‌تتا ئۆلۈمى ئالدىدا ئۆز ئائىلىسىنىڭ غېمىنى يېگە‌نلىكى يېزىلغان.‏ تۈۋرۈك ئالدىدا يۇ‌ھاننا بىلە‌ن ئە‌يسانىڭ ئانىسى مە‌ريە‌م تۇ‌رغان ئىدى.‏ ئە‌يسا قاتتىق ئاغرىق ئازابىغا قارىماستىن،‏ ئۆز ئانىسىغا غە‌مخورلۇ‌ق قىلىشنى يۇ‌ھانناغا تاپشۇ‌رغان (‏يۇ‌ھاننا 19:‏26،‏ 27‏)‏.‏ ئە‌لۋە‌تتە،‏ ئە‌يسانىڭ ئانىسىنىڭ ئېھتىياجىنى قامدايدىغان ئىنىلىرى بىلە‌ن سىڭىللىرى بولغان،‏ بىراق ئۇ‌لارنىڭ بىرىمۇ شۇ ۋاقىتتا ئۇ‌نىڭ شاگىرتى بولمىغان.‏ شۇ‌ڭا،‏ ئە‌يسا ئانىسى مە‌ريە‌منىڭ ماددىي ۋە روھىي ئېھتىياجلىرىنىمۇ قامدايدىغان كىشىنىڭ بولۇ‌شىنى خالىغان.‏

16.‏ ئە‌لچى يۇ‌ھاننانىڭ نۇ‌رغۇ‌ن قانداق ۋە‌زىپىلىرى بولغان؟‏

16 ئە‌لچى يۇ‌ھاننانىڭ ۋە‌زىپىلىرى بە‌ك نۇ‌رغۇ‌ن بولغان.‏ ئۇ ئە‌لچىلە‌رنىڭ بىرى بولۇ‌پ،‏ ۋە‌ز قىلىش ئىشىغا يېتە‌كچىلىك قىلغان.‏ بە‌لكىم،‏ يۇ‌ھاننانىڭ ئايالى بولغان.‏ شۇ‌ڭا،‏ ئۇ ئائىلىسىنىڭ ماددىي ھە‌م مە‌نىۋىي ئېھتىياجلىرىنى قامداشتا تە‌ڭپۇ‌ڭلۇ‌قنى ساقلىشى كېرە‌ك ئىدى (‏1-‏كورىنت.‏ 9:‏5‏)‏.‏ بۈگۈنكى كۈندە ئائىلە باشلىرى بۇ‌نىڭدىن قانداق ساۋاق ئالىدۇ؟‏

17.‏ ئائىلە بېشىنىڭ ئۆز ئائىلىسىنىڭ روھىي ئېھتىياجلىرىنى قانائە‌تلە‌ندۈرۈشى نېمە ئۈچۈن مۇ‌ھىم؟‏

17 ئائىلە بېشى سۈپىتىدە،‏ بۇ‌رادە‌ر بىرنە‌چچە مۇ‌ھىم ۋە‌زىپىلە‌رگە ئىگە بولۇ‌شى مۇ‌مكىن.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ ئۇ ئۆز يۈرۈش-‏تۇ‌رۇ‌شى بىلە‌ن يە‌ھۋانى مە‌دھىيىلىشى ئۈچۈن،‏ ئىشتا تىرىشچان بولۇ‌شى لازىم (‏ئە‌فە‌س.‏ 6:‏5،‏ 6؛‏ تىتۇ‌س 2:‏9،‏ 10‏)‏.‏ يە‌نە ئۇ‌نىڭ جامائە‌تتە كۆپلىگە‌ن ۋە‌زىپىلىرى بولۇ‌شى مۇ‌مكىن.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ ئۇ ئېتىقادداشلارغا ئىلھام بېرىپ،‏ غە‌مخورلۇ‌ق كۆرسىتىدۇ ھە‌م ۋە‌ز قىلىش ئىشىدا يېتە‌كچىلىك قىلىدۇ.‏ شۇ‌نىڭ بىلە‌ن بىرگە،‏ ئۇ ئايالى ۋە بالىلىرى بىلە‌ن مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى دائىم ئوقۇ‌پ تە‌تقىق قىلىشى زۆرۈر.‏ ئائىلە بېشى ئائىلە ئە‌زالىرىنىڭ جىسمانىي،‏ ھېسسىي ۋە روھىي ئېھتىياجلىرىنى قانائە‌تلە‌ندۈرۈش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسە‌تكە‌ندە،‏ ئۇ‌لار بۇ‌نىڭ ئۈچۈن بە‌كمۇ مىننە‌تدار بولىدۇ.‏—‏ئە‌فە‌س.‏ 5:‏28،‏ 29؛‏ 6:‏4‏.‏

‏«سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببىتىمدە قالىسىلە‌ر»‏

18.‏ ئە‌لچى يۇ‌ھاننا نېمىگە كۈچلۈك ئىشە‌نچ باغلىغان؟‏

18 ئە‌لچى يۇ‌ھاننانىڭ ئۆمرى ئۇ‌زۇ‌ن بولغان ۋە ھاياتىدا كۆپ ۋە‌قە‌لە‌رنى باشتىن كە‌چۈرگە‌ن.‏ ئۇ ئۇ‌نىڭ ئېتىقادىنى ئاجىزلاشتۇ‌رىدىغان كۆپلىگە‌ن قىيىنچىلىقلارغا دۇ‌چ كە‌لگە‌ن.‏ لېكىن،‏ ئۇ ئە‌يسانىڭ ئە‌مرلىرىنى،‏ شۇ جۈملىدىن قېرىنداشلارنى ياخشى كۆرۈش ئە‌مرىنى ھە‌ردائىم قولىدىن كېلىشىچە ئورۇ‌نلىغان.‏ نە‌تىجىدە،‏ يۇ‌ھاننانىڭ يە‌ھۋا ۋە ئە‌يسانىڭ ئۇ‌نى ياخشى كۆرىدىغانلىقىغا ۋە قىيىنچىلىقلارغا بە‌رداشلىق بېرىشى ئۈچۈن كۈچ بېرىدىغانلىقىغا ئىشە‌نچى كامىل بولغان (‏يۇ‌ھاننا 14:‏15—‏17؛‏ 15:‏10؛‏ 1-‏يۇ‌ھاننا 4:‏16‏)‏.‏ نە شە‌يتان،‏ نە ئۇ‌نىڭ دۇ‌نياسى يۇ‌ھاننانىڭ سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببە‌تنى ھېس قىلىشى،‏ ئىپادىلىشى ۋە كۆرسىتىشىگە توسالغۇ‌لۇ‌ق قىلالمىغان.‏

19.‏ 1-‏يۇ‌ھاننا 4:‏7-‏ئايە‌ت‏،‏ بىزنى نېمىگە دە‌ۋە‌ت قىلىدۇ ۋە نېمە ئۈچۈن؟‏

19 بىز يۇ‌ھانناغا ئوخشاش،‏ ھېچ كىمنى ياخشى كۆرمە‌يدىغان شە‌يتان باشقۇ‌رۇ‌ۋاتقان دۇ‌نيادا ياشاۋاتىمىز (‏1-‏يۇ‌ھاننا 3:‏1،‏ 10‏)‏.‏ گە‌رچە شە‌يتان قېرىنداشلىرىمىزغا سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت كۆرسىتىشنى توختىتىشىمىزنى خالايدۇ،‏ ئە‌مما ئۇ‌نىڭغا يول بە‌رمىسە‌ك،‏ ئۇ بىزنى بۇ‌نى قىلىشقا مە‌جبۇ‌رلىيالمايدۇ.‏ قېرىنداشلىرىمىزغا مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببىتىمىزنى گە‌پ-‏سۆز ئارقىلىق ئىپادىلە‌شكە ۋە ئىش-‏ھە‌رىكە‌تلە‌ر ئارقىلىق ئىسپاتلاشقا بە‌ل باغلايلى.‏ شۇ چاغدا،‏ يە‌ھۋانىڭ ئائىلىسىنىڭ ئە‌زاسى بولۇ‌شتىن ھۇ‌زۇ‌رلىنىمىز ۋە ھە‌قىقىي ئە‌ھمىيە‌تلىك ھايات كە‌چۈرىمىز‏.‏—‏1-‏يۇ‌ھاننا 4:‏7-‏نى ئوقۇ‌ڭ.‏

11-‏ناخشا يە‌ھۋانىڭ كۆڭلىنى خۇ‌ش قىلايلى

a ئە‌لچى يۇ‌ھاننا مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا،‏ «ئە‌يسانىڭ ياخشى كۆرگە‌ن شاگىرتى» دە‌پ ئاتالغان (‏يۇ‌ھاننا 21:‏7‏)‏.‏ ئۇ ياش چېغىدا كۆپ ئاجايىپ ياخشى خىسلە‌تلە‌رگە ئىگە بولغان.‏ يىللار ئۆتۈپ،‏ يە‌ھۋا ئۇ‌نى قوللىنىپ،‏ مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت توغرىسىدا كۆپ نە‌رسىلە‌رنى يازدۇ‌رغان.‏ بۇ ماقالىدە يۇ‌ھاننانىڭ يازغانلىرىنى ۋە ئۇ‌نىڭ مىسالىدىن قانداق ساۋاق ئالالايدىغانلىقىمىزنى كۆرۈپ چىقىمىز.‏

b سۈرە‌تتە:‏ ئىشلە‌مچان ئائىلە بېشى تە‌بىئىي ئاپە‌تلە‌ردە ياردە‌م بېرىدۇ،‏ دۇ‌نيا يۈزلۈك ۋە‌ز قىلىش ئىشىنى ئىئانە قىلىش ئارقىلىق قوللايدۇ ۋە باشقىلارنى ئۇ‌نىڭ ئائىلىسى بىلە‌ن ئۆتكۈزۈلگە‌ن ئائىلىۋى ئىبادە‌تكە قاتنىشىشقا تە‌كلىپ قىلىدۇ.‏