مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

4-‏تە‌تقىق ماقالىسى

مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت رىشتىسىنى كۈچە‌يتىڭ!‏

مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت رىشتىسىنى كۈچە‌يتىڭ!‏

‏«قېرىنداشلىق سۆيگۈ رىشتىسى بىلە‌ن بىر-‏بىرىڭلارنى چىن قە‌لبىڭلاردىن سۆيۈڭلار».‏—‏رىملىقلار 12:‏10‏.‏

25-‏ناخشا ھە‌قىقىي شاگىرت بولۇ‌شنىڭ بە‌لگۈسى

بۇ ماقالىدە a

1.‏ بۈگۈنكى كۈندە ئادە‌ملە‌رنىڭ مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌تسىز بولۇ‌پ كە‌تكە‌نلىكى نېمىدىن كۆرىنىدۇ؟‏

 مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب،‏ ئاخىر زاماندا «مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌تسىز» ئادە‌ملە‌رنىڭ كۆپ بولىدىغانلىقى ھە‌ققىدە ئالدىن-‏ئالا ئېيتقان (‏2-‏تىموت.‏ 3:‏1،‏ 3‏)‏.‏ بۈگۈنكى كۈندە،‏ بۇ بېشارە‌تنىڭ ئورۇ‌نلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋاتىمىز.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ مىليونلىغان ئە‌ر-‏ئاياللار ئاجرىشىپ كېتىۋاتىدۇ،‏ شۇ‌ڭا ئۇ‌لار بىر-‏بىرىگە ئۆچ،‏ ئۇ‌لارنىڭ بالىلىرى بولسا،‏ ھېچكىم ئۇ‌لارنى ياخشى كۆرمە‌يدىغاندە‌ك ھېس قىلىۋاتىدۇ.‏ ھە‌تتا بىر ئۆيدىكى ئائىلە ئە‌زالىرى يات ئادە‌ملە‌ردە‌ك ياشىشى مۇ‌مكىن.‏ بىر تۇ‌رمۇ‌ش مە‌سلىھە‌تچىسى:‏ «ئاپىسى،‏ دادىسى ۋە بالىلىرى كومپيۇ‌تېر،‏ قول كومپيۇ‌تېر،‏ يانفون ياكى ئېلېكترونلۇ‌ق ئويۇ‌نلارغا بېشى بىلە‌ن كىرىپ كېتىپ،‏ بىر-‏بىرى بىلە‌ن ئارىلاشمايدىغان بولدى.‏ گە‌رچە بۇ ئائىلىلە‌ر بىر ئۆيدە تۇ‌رسىمۇ،‏ بىر-‏بىرىنى ياخشى بىلمە‌يدۇ»،‏—‏ دە‌پ ئېيتقان.‏

2،‏ 3.‏ (‏1)‏ رىملىقلار 12:‏10-‏ئايە‌تكە ئاساسە‌ن،‏ بىز كىمگە مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌تنى كۆرسىتىشىمىز كېرە‌ك؟‏ (‏2)‏ بۇ ماقالىدە،‏ نېمىنى كۆرۈپ چىقىمىز؟‏

2 بىز بۇ دۇ‌نيادىكى كىشىلە‌رگە ئوخشاش مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببىتىمىزنىڭ سوۋۇ‌پ كېتىشىنى خالىمايمىز (‏رىملىقلار 12:‏2‏)‏.‏ ئە‌كسىنچە،‏ بىز ئۆز ئائىلە ئە‌زالىرىمىزغا بولغان سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببە‌تنى يېتىلدۈرۈپلا قويماي،‏ بە‌لكى ئېتىقادداشلىرىمىزغا بولغان مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌تنىمۇ يېتىلدۈرۈشىمىز كېرە‌ك ‏(‏رىملىقلار 12:‏10-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ ئائىلە ئە‌زالىرىمىزنى سۆيگە‌ندە‌ك،‏ بىز ئېتىقادداشلىرىمىزنى دە‌ل شۇ‌نداق سۆيىشىمىز كېرە‌ك.‏ ئېتىقادداشلىرىمىزنى قېرىنداشلارچە قىزغىن سۆيسە‌ك،‏ بىز ھە‌قىقىي ئىبادە‌تنىڭ مۇ‌ھىم بىر قىسمى بولغان ئىناق-‏ئىتتىپاقلىقنى ساقلاشقا ئۆز ھە‌سسىمىزنى قوشىمىز.‏—‏مىكاھ 2:‏12‏.‏

3 مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌تنى داۋاملىق يېتىلدۈرۈشىمىز ۋە كۆرسىتىشىمىز ئۈچۈن مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى ئۈلگىلە‌ردىن نېمىنى ئۆگىنە‌لە‌يدىغانلىقىمىزنى كۆرۈپ چىقايلى.‏

يە‌ھۋا ناھايىتى مېھىر-‏شە‌پقە‌تلىك خۇ‌دادۇ‌ر

4.‏ ياقۇ‌پ 5:‏11-‏ئايە‌ت‏،‏ يە‌ھۋانىڭ مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببىتى ھە‌ققىدە نېمە ئېيتىدۇ؟‏

4 مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب يە‌ھۋانىڭ ئېسىل پە‌زىلە‌تلىرىنى روشە‌ن كۆرسىتىپ بېرىدۇ.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ ئۇ‌نىڭدا «خۇ‌دا ئۆزى مۇ‌ھە‌ببە‌تتۇ‌ر» دە‌پ يېزىلغان (‏1-‏يۇ‌ھاننا 4:‏8‏)‏.‏ بۇ‌نى بىلگە‌ندە،‏ ئۇ‌نىڭ بىلە‌ن دوست بولۇ‌شنى خالايمىز.‏ ئۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب يە‌ھۋا ناھايىتى «مېھىر-‏شە‌پقە‌تلىك» خۇ‌دا ئىكە‌نلىكىنى كۆرسىتىدۇ ‏(‏ياقۇ‌پ 5:‏11-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏ b ‏.‏ بۇ يە‌ھۋانىڭ بىزگە بولغان چوڭقۇ‌ر سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببىتىنى ئىپادىلە‌يدىغان ئاجايىپ بىر ئۇ‌سۇ‌لى!‏

5.‏ يە‌ھۋا رە‌ھىمدىللىقىنى قانداق كۆرسىتىدۇ ۋە ئۇ‌نىڭدىن قانداق ئۈلگە ئالالايمىز؟‏

5 ياقۇ‌پ 5:‏11-‏ئايە‌تتە‏،‏ يە‌ھۋانىڭ مېھىر-‏شە‌پقىتى بىلە‌ن ئۇ‌نىڭ رە‌ھىمدىللىقى تىلغا ئېلىنىدۇ.‏ بۇ ئېسىل پە‌زىلە‌ت بىزنى ئۇ‌نىڭغا يېقىنلاشتۇ‌رىدۇ (‏چىق.‏ 34:‏6‏)‏.‏ يە‌ھۋانىڭ ئۆز رە‌ھىمدىللىقىنى كۆرسىتىشىنىڭ بىر يولى —‏ ئۆتكۈزگە‌ن خاتالىقلىرىمىزنى كە‌چۈرۈش (‏زە‌بۇ‌ر 51:‏1‏)‏.‏ رە‌ھىمدىللىق قىلىش خاتا قىلغان ئادە‌منى كە‌چۈرۈپ قويۇ‌شلا ئە‌مە‌س.‏ رە‌ھىمدىللىق ئىنتايىن كۈچلۈك ھە‌رىكە‌تلە‌ندۈرگۈچى ھېس-‏تۇ‌يغۇ،‏ چۈنكى رە‌ھىمدىل ئادە‌م بىرسىنىڭ ئېغىر ئە‌ھۋالغا چۈشۈپ قالغانلىقىنى كۆرگە‌ندە،‏ ئۇ‌نىڭغا كۆيۈنۈپ ياردە‌م قىلىشقا تىرىشىدۇ.‏ يە‌ھۋا ئۆزىنىڭ ياردە‌م بېرىش ئارزۇ‌سىنى بىر ئانىنىڭ بالىسىغا بولغان مېھرىبانلىقىدىن كۈچلۈكرە‌ك ئىكە‌نلىكىنى تە‌سۋىرلە‌يدۇ (‏يە‌شايا 49:‏15‏)‏.‏ بىز قىيىنچىلىققا ئۇ‌چرىغاندا،‏ يە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ رە‌ھىمدىللىقى ئۇ‌نى بىزگە ياردە‌م بېرىشكە دە‌ۋە‌ت قىلىدۇ (‏زە‌بۇ‌ر 37:‏39؛‏ 1-‏كورىنت.‏ 10:‏13‏)‏.‏ ئېتىقادداشلىرىمىز كۆڭلۈمىزنى ئاغرىتقاندا،‏ ئۇ‌لارنى ئە‌پۇ قىلىپ،‏ ئاداۋە‌ت ساقلىمىساق،‏ رە‌ھىمدىللىقنى كۆرسىتە‌لە‌يمىز (‏ئە‌فە‌س.‏ 4:‏32‏)‏.‏ رە‌ھىمدىللىقنى كۆرسىتىشنىڭ يە‌نە بىر مۇ‌ھىم ئۇ‌سـۇ‌لى —‏ قىيىنچـىلىقلارغا دۇ‌چ كە‌لـگە‌ن ئېتىقادچى قېرىنداشلىرىمىزنى قوللاپ-‏قۇ‌ۋۋە‌تلە‌ش.‏ مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت بىزنى باشقىلارغا رە‌ھىمدىللىق كۆرسىتىشكە دە‌ۋە‌ت قىلغاندا،‏ بىز مېھىر-‏شە‌پقە‌تنىڭ ئە‌ڭ ئاجايىپ ئۈلگىسى يە‌ھۋا خۇ‌دانى ئۈلگە قىلىمىز.‏—‏ئە‌فە‌س.‏ 5:‏1‏.‏

يوناتاننىڭ كۆڭلى داۋۇ‌تقا باغلانغان

6.‏ يوناتان بىلە‌ن داۋۇ‌ت بىر-‏بىرىگە قانداق قىزغىن مېھىر-‏شە‌پقە‌ت كۆرسە‌تكە‌ن؟‏

6 مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا رە‌ھىمدىللىقنى كۆرسە‌تكە‌ن نامۇ‌كە‌ممە‌ل ئادە‌ملە‌ر توغرىسىدا يېزىلغان.‏ يوناتان بىلە‌ن داۋۇ‌تنىڭ مىسالىنى كۆرۈپ چىقايلى.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا:‏ «داۋۇ‌ت بىلە‌ن سائۇ‌ل سۆزلىشىپ بولغاندا،‏ يوناتاننىڭ كۆڭلى داۋۇ‌تقا شۇ‌نداق باغلاندىكى،‏ ئۇ‌نى ئۆز جېنىدە‌ك سۆيدى»،‏—‏ دە‌پ يېزىلغان (‏1-‏سام.‏ 18:‏1‏)‏.‏ داۋۇ‌ت پادىشاھ سائۇ‌لنىڭ ئورنىغا پادىشاھ بولۇ‌پ تە‌يىنلە‌نگە‌ن.‏ ئاندىن كېيىن،‏ سائۇ‌ل داۋۇ‌تقا ئىچ تارلىق قىلىپ ئۇ‌نى ئۆلتۈرۈشكە ئۇ‌رۇ‌نغان.‏ سائۇ‌لنىڭ ئوغلى يوناتان دادىسى داۋۇ‌تنى ئۆلتۈرۈشكە ئۇ‌رۇ‌نغاندا،‏ دادىسىنى قوللىمىغان.‏ ئۇ‌لار دوستلۇ‌قنى ساقلاپ،‏ ھە‌ر دائىم بىر-‏بىرىنى قوللايدىغانلىقى ھە‌ققىدە ۋە‌دە بېرىشكە‌ن.‏—‏1-‏سام.‏ 20:‏42‏.‏

گە‌رچە يوناتان داۋۇ‌تتىن بە‌ك چوڭ بولسىمۇ،‏ ئۇ‌لار يېقىن دوست بولغان (‏6—‏9-‏ئابزاسلارغا قاراڭ)‏

7.‏ يوناتان بىلە‌ن داۋۇ‌تنىڭ دوستلۇ‌ق ئورنىتىشىغا توسالغۇ‌لۇ‌ق قىلىدىغان نە‌رسىلە‌ردىن بىرى نېمە بولۇ‌شى مۇ‌مكىن ئىدى؟‏

7 گە‌رچە يوناتان بىلە‌ن داۋۇ‌ت ئارىسىدا دوستلۇ‌ق ئورنىتىشقا توسقۇ‌نلۇ‌ق قىلىدىغان نۇ‌رغۇ‌ن نە‌رسىلە‌رنىڭ بولۇ‌شىغا قارىماي،‏ ئۇ‌لارنىڭ دوستلۇ‌ق مۇ‌ناسىۋىتى ھە‌يران قالارلىق دە‌رىجىدە يېقىن ۋە كۈچلۈك بولغان.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ يوناتان داۋۇ‌تتىن تە‌خمىنە‌ن 30 ياش چوڭ بولغان.‏ يوناتان بۇ تە‌جرىبىسى ئاز ۋە ياش يىگىت بىلە‌ن ھېچ ئورتاقلىقىم يوق،‏ دېگە‌ن خۇ‌لاسىگە كېلە‌لە‌يتتى.‏ لېكىن،‏ يوناتان داۋۇ‌تقا شۇ‌نداق كۆز قاراشتا بولمىغان،‏ ئە‌كسىنچە ئۇ ئۇ‌نىڭغا ھۆرمە‌ت-‏ئېھتىرام كۆرسە‌تكە‌ن.‏

8.‏ نېمە ئۈچۈن يوناتان داۋۇ‌تنىڭ شۇ‌نچە ياخشى دوستى بولالىغان؟‏

8 يوناتان داۋۇ‌تقا كۆرە‌لمە‌سلىك قىلالايتتى.‏ پادىشاھ سائۇ‌لنىڭ ئوغلى يوناتان تە‌ختكە ۋارىسلىق قىلىش ھوقۇ‌قى بار ئىكە‌نلىكىنى ئېيتىپ،‏ ئۆز سۆزىدە چىڭ تۇ‌رۇ‌ۋېلىشى مۇ‌مكىن ئىدى (‏1-‏سام.‏ 20:‏31‏)‏.‏ بىراق،‏ يوناتان كە‌متە‌ر ۋە يە‌ھۋاغا ساداقە‌تمە‌ن كىشى بولغان.‏ شۇ‌ڭا،‏ ئۇ يە‌ھۋانىڭ داۋۇ‌تنى كە‌لگۈسىدىكى پادىشاھ قىلىپ تاللىغانلىقىنى قە‌تئىي قوللاپ-‏قۇ‌ۋۋە‌تلىگە‌ن.‏ گە‌رچە بۇ سائۇ‌لنىڭ غە‌زىپىنى قوزغىغان بولسىمۇ،‏ يوناتان داۋۇ‌تقا ساداقە‌تمە‌ن بولۇ‌پ قالغان.‏—‏1-‏سام.‏ 20:‏32—‏34‏.‏

9.‏ يوناتان داۋۇ‌تنى رىقابە‌تچى دە‌پ قارىغانمۇ؟‏ چۈشە‌ندۈرۈپ بېرىڭ.‏

9 يوناتان داۋۇ‌تقا مېھىر-‏شە‌پقە‌ت كۆرسە‌تكە‌ن،‏ شۇ‌ڭا ئۇ ئۇ‌نى ئۆزىنىڭ رىقابە‌تچىسى دە‌پ قارىمىغان.‏ يوناتان ماھارە‌تلىك ئوقيا ئاتقۇ‌چى ۋە جاسارە‌تلىك جە‌ڭچى بولغان.‏ ئۇ دادىسى سائۇ‌ل بىلە‌ن «بۈركۈتلە‌ردىن چاققانراق» ۋە «شىرلاردىن كۈچلۈكرە‌ك» دېگە‌ن نام-‏ئابرويغا ئېرىشكە‌ن (‏2-‏سام.‏ 1:‏22،‏ 23‏)‏.‏ شۇ‌ڭلاشقا،‏ يوناتان ئۆز قە‌ھرىمانلىقى توغرۇ‌لۇ‌ق ماختىنالايتتى.‏ بىراق،‏ يوناتان داۋۇ‌تتىن ياخشىراق ئادە‌م بولۇ‌شقا تىرىشمىغان ۋە ئۇ‌نىڭ ياخشى ئىشلىرىغا ھە‌سە‌تخورلۇ‌ق قىلمىغان.‏ ئە‌كسىنچە،‏ يوناتان داۋۇ‌تنىڭ جاسارىتى ۋە يە‌ھۋاغا تايانغانلىقىغا قاراپ زوقلانغان.‏ ئېنىقكى،‏ داۋۇ‌ت غولىياتنى ئۆلتۈرگە‌ندىن كېيىن،‏ يوناتان داۋۇ‌تنى ئۆزىنى سۆيگە‌ندە‌ك سۆيۈشكە باشلىغان.‏ بىز ئېتىقادداشلىرىمىزغا دە‌ل شۇ‌نداق سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببە‌تنى قانداق كۆرسىتە‌لە‌يمىز؟‏

بۈگۈنكى كۈندە قېرىنداشلارچە قىزغىن سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببە‌تنى قانداق كۆرسىتە‌لە‌يمىز؟‏

10.‏ «بىر-‏بىرىڭلارنى چىن يۈرە‌كتىن قىزغىن سۆيۈڭلار» دېگە‌ن سۆزلە‌ر نېمىنى بىلدۈرىدۇ؟‏

10 مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب بىزگە:‏ «بىر-‏بىرىڭلارنى چىن يۈرە‌كتىن قىزغىن سۆيۈڭلار»،‏—‏ دە‌يدۇ (‏1-‏پېتر.‏ 1:‏22‏)‏.‏ يە‌ھۋا بىزگە ئۈلگە قالدۇ‌رغان.‏ ئۇ‌نىڭ بىزگە بولغان سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببىتى ئىنتايىن كۈچلۈك،‏ چۈنكى ئۇ‌نىڭغا سادىق بولساق،‏ ھېچ نە‌رسە بۇ سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت رىشتىمىزنى ئۈزە‌لمە‌يدۇ (‏رىملىقلار 8:‏38،‏ 39‏)‏.‏ «قىزغىن» دە‌پ تە‌رجىمە قىلىنغان گرېك سۆزى بىرسىنىڭ باشقىلارنى ياخشى كۆرۈشى ئۈچۈن قىلغان ناھايىتى زور تىرىشچانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.‏ بە‌زىدە ئېتىقادداشلىرىمىزغا سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببىتىمىزنى كۆرسىتىش ئاسان ئە‌مە‌س.‏ باشقىلار بىزنى رە‌نجىتكە‌ندە،‏ «سۆيگۈ بىلە‌ن بىر-‏بىرىڭلارغا كە‌ڭ قۇ‌رساق بولۇ‌ڭلار.‏ ئىناقلىقنىڭ رىشتىسى بىلە‌ن روھنىڭ بىرلىكىنى ساقلاشقا تىرىشىڭلار» دېگە‌ن سۆزلە‌رگە داۋاملىق ئە‌مە‌ل قىلىشىمىز كېرە‌ك (‏ئە‌فە‌س.‏ 4:‏1—‏3‏)‏.‏ ‏«ئىناقلىقنىڭ رىشتىسى»نى ساقلاشقا تىرىشساق،‏ ئېتىقادداشلارنىڭ خاتالىقلىرىنى كۆڭلىمىزگە ئالمايمىز.‏ ئېتىقادداشلىرىمىزغا يە‌ھۋانىڭ كۆز قارىشى بىلە‌ن قاراشقا قولىمىزدىن كە‌لگىنىچە تىرىشىمىز.‏—‏1-‏سام.‏ 16:‏7؛‏ زە‌بۇ‌ر 130:‏3‏.‏

ئېۋودىيا ۋە سىنتىخە بىر ئوي،‏ بىر پىكىردە بولۇ‌شقا دە‌ۋە‌ت قىلىنىپ،‏ بە‌زىدە بىر-‏بىرى بىلە‌ن چىقىشىپ ئۆتۈش قىيىن بولۇ‌شى مۇ‌مكىنلىكى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇ‌رۇ‌لغان (‏11-‏ئابزاسقا قاراڭ)‏

11.‏ نېمە ئۈچۈن بە‌زىدە سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببە‌تنى يېتىلدۈرۈش ئاسانغا چۈشمە‌يدۇ؟‏

11 ئېتىقادداشلارغا،‏ بولۇ‌پمۇ ئۇ‌لارنىڭ قىلغان خاتالىقلىرىدىن خە‌ۋە‌ر تاپقاندا،‏ ئۇ‌لارغا قىزغىن سۆيگۈ كۆرسىتىش ئاسان ئە‌مە‌س.‏ ئېنىقكى،‏ بىرىنچى ئە‌سىردىكى بە‌زى مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىلىرىگىمۇ ئاسانغا چۈشمىگە‌ن.‏ ئېۋودىيا ۋە سىنتىخە ئۈچۈن پاۋلۇ‌س بىلە‌ن مۈرىنى-‏مۈرىگە تىرە‌پ بىرلىكتە خىزمە‌ت قىلىشى ئاسان بولغان.‏ لېكىن،‏ قانداقتۇ بىرە‌ر سە‌ۋە‌ب تۈپە‌يلى ئۇ‌لارنىڭ بىر-‏بىرى بىلە‌ن چىقىشىپ ئۆتۈشى قىيىنغا توختىغان.‏ شۇ‌ڭا،‏ پاۋلۇ‌س ئۇ‌لارنى «رە‌بدە ئوخشاش ئوي-‏پىكىردە بولۇ‌ڭلار!‏» دە‌پ ئاگاھلاندۇ‌رغان.‏—‏فىلىپى.‏ 4:‏2،‏ 3‏.‏

ياشانغان ۋە ياش ئاقساقاللار بىر-‏بىرى بىلە‌ن يېقىن دوست بولالايدۇ (‏12-‏ئابزاسقا قاراڭ)‏

12.‏ بۈگۈنكى كۈندە ئېتىقادداشلىرىمىزغا بولغان سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببە‌تنى قانداق يېتىلدۈرە‌لە‌يمىز؟‏

12 بۈگۈنكى كۈندە ئېتىقادداشلىرىمىزغا بولغان سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببە‌تنى قانداق يېتىلدۈرە‌لە‌يمىز؟‏ ئېتىقادداشلارنى يېقىنراق تونۇ‌ساق،‏ ئۇ‌لارنى چۈشىنىشكە ۋە ئۇ‌لارغا مېھىر-‏شە‌پقە‌تنى كۆرسىتىشكە ئوڭايراق بولىدۇ.‏ مە‌يلى ئۇ‌لارنىڭ يېشى چوڭراق ياكى مە‌دە‌نىيىتى ھە‌رخىل بولسۇ‌ن،‏ ئۇ‌لار بىلە‌ن يېقىن دوست بولالايمىز.‏ ئېسىڭىزدە بولسۇ‌ن،‏ يوناتان داۋۇ‌تتىن تە‌خمىنە‌ن 30 ياش چوڭ بولغان،‏ لېكىن ئۇ ئۇ‌نىڭ بىلە‌ن يېقىن دوستلۇ‌قنى ئورناتقان.‏ جامائىتىڭىزدە سىزدىن چوڭ ياكى كىچىك ئېتىقادداشلار بىلە‌ن دوست بولالامسىز؟‏ شۇ‌نداق قىلسىڭىز «پۈتۈن قېرىنداشلارنى» سۆيىدىغانلىقىڭىزنى كۆرسىتە‌لە‌يسىز.‏—‏1-‏پېتر.‏ 2:‏17‏.‏

‏(‏12-‏ئابزاسقا قاراڭ)‏ c

13.‏ نېمە ئۈچۈن جامائە‌تتىكىلە‌رنىڭ ھە‌ممىسى بىلە‌ن يېقىن دوست بولۇ‌ش مۇ‌مكىن ئە‌مە‌س؟‏

13 ئېتىقادداشلارغا سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت كۆرسىتىش جامائە‌تتىكىلە‌رنىڭ ھە‌ممىسى بىلە‌ن يېقىن دوست بولۇ‌شنى بىلدۈرە‌مدۇ؟‏ ياق،‏ بۇ مۇ‌مكىن ئە‌مە‌س.‏ بە‌زىلىرى بىلە‌ن ئورتاق قىزىقىشقا ئىگە بولغاچقا،‏ ئۇ‌لارغا باشقىلارغا قارىغاندا يېقىنراق بولۇ‌پ كېتىشىمىزنىڭ ھېچ يامىنى يوق.‏ ئە‌يسا ھە‌ممە ئە‌لچىلىرىنى «دوستلىرىم» دە‌پ ئاتىغان،‏ بىراق ئە‌لچى يۇ‌ھاننانى ئالاھىدە يېقىن كۆرە‌تتى (‏يۇ‌ھاننا 13:‏23؛‏ 15:‏15؛‏ 20:‏2‏)‏.‏ ھالبۇ‌كى،‏ ئە‌يسا ئە‌لچى يۇ‌ھاننانىڭ ئە‌ڭ سۆيۈملۈك ئە‌لچىسى ئىكە‌نلىكىنى كۆرسە‌تمىگە‌ن.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ يۇ‌ھاننا ۋە ئۇ‌نىڭ ئاكىسى ياقۇ‌پ ئە‌يسادىن خۇ‌دا پادىشاھلىقىدا مە‌رتىۋە ئورنىنى سورىغاندا،‏ ئۇ ئۇ‌لارغا:‏ «ئوڭ ياكى سول تە‌رىپىمدە ئولتۇ‌رىدىغانلارنى تاللاش ھوقۇ‌قى ماڭا بېرىلمىدى،‏ بۇ ئورۇ‌نلار كىملە‌ر ئۈچۈن تە‌ييارلانغان بولسا،‏ شۇ‌لار ئولتۇ‌رىدۇ»،‏—‏ دېگە‌ن (‏ماركۇ‌س 10:‏35—‏40‏)‏.‏ يېقىن دوستلىرىمىزنىڭ بىرسىنى ئە‌ڭ يېقىنىمىز دە‌پ كۆرسە‌تمىسە‌ك،‏ ئە‌يسانى ئۈلگە قىلىمىز (‏ياقۇ‌پ 2:‏3،‏ 4‏)‏.‏ ئە‌گە‌ر ئە‌يسانى ئۈلگە قىلمىساق،‏ جامائە‌تتە بۆلگۈنچىلىكنى پە‌يدا قىلىدىغان بولىمىز.‏—‏يە‌ھۇ‌دا 17—‏19.‏

14.‏ فىلىپىلىكلە‌ر 2:‏3-‏ئايە‌تكە ئاساسلانغاندا،‏ نېمە ئۆزۈمىزنى شۇ رىقابە‌تچىلىك روھىدىن قوغداشقا ياردە‌م بېرىدۇ؟‏

14 بىز بىر-‏بىرىمىزگە قىزغىن سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت كۆرسە‌تسە‌ك،‏ جامائە‌تنى رىقابە‌تچىلىك روھىدىن قوغدايمىز.‏ ئېسىمىزگە ئالايلى،‏ يوناتان داۋۇ‌تقا ھە‌سە‌تخورلۇ‌ق قىلمىغان ۋە ئۇ‌نىڭ ئورنىغا پادىشاھ بولۇ‌شقا تىرىشمىغان.‏ بىز ھە‌ممىمىز يوناتاننى ئۈلگە قىلالايمىز.‏ ئېتىقادچى قېرىنداشلىرىمىزنى ئۇ‌لارنىڭ قابىلىيىتى ئۈچۈن رىقابە‌تچىمىز دە‌پ قارىماي،‏ «كە‌متە‌رلىك بىلە‌ن باشقىلارنى ئۆزۈڭلاردىن يۇ‌قىرى كۆرۈڭلار» دېگە‌ن سۆزلە‌رگە ئە‌مە‌ل قىلىمىز ‏(‏فىلىپىلىكلە‌ر 2:‏3-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ ئە‌ستىن چىقارماڭ،‏ ھە‌رقايسىمىز جامائە‌تكە ياردە‌م بېرىشتە ئۆز ھە‌سسىمىزنى قوشالايمىز.‏ ئۆزۈمىزگە كە‌متە‌رلىك بىلە‌ن قارىساق،‏ ئېتىقادچى قېرىنداشلارنىڭ ياخشى تە‌رە‌پلىرىنى كۆرىمىز ۋە ئۇ‌لارنىڭ ساداقە‌تمە‌نلىك ئۈلگىسىدىن پايدا ئالىمىز.‏—‏1-‏كورىنت.‏ 12:‏21—‏25‏.‏

15.‏ تانىيا ۋە ئۇ‌نىڭ ئائىلىسى بېشىدىن ئۆتكۈزگە‌ن ۋە‌قە‌دىن قانداق ساۋاق ئالىمىز؟‏

15 بىز تۇ‌يۇ‌قسىز سىناقلارغا دۇ‌چ كە‌لگە‌ندە،‏ يە‌ھۋا قېرىنداشلارنىڭ بىزگە كۆرسە‌تكە‌ن مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببىتى ۋە ئە‌مە‌لىي ياردىمى ئارقىلىق تە‌سە‌للى بېرىدۇ.‏ ئامېرىكىدا ئۆتكۈزۈلگە‌ن «مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت مە‌ڭگۈ داۋاملىشىدۇ»،‏ دە‌پ ئاتالغان 2019-‏يىلنىڭ خە‌لقئارالىق چوڭ يىغىلىشنىڭ شە‌نبە كۈنىدىكى پروگراممىسىغا قاتناشقان بىر ئائىلىنىڭ بېشىدىن نېمە ئۆتكۈزگە‌نلىكىنى كۆرۈپ چىقايلى.‏ ئۈچ بالىنىڭ ئانىسى تانىيا مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «بىز مېھمانخانىغا قايتىپ كېلىۋاتقاندا،‏ باشقا بىر ماشىنا كونتروللىقىنى يوقۇ‌تۇ‌پ،‏ يولىمىزغا چىقىپ كېتىپ،‏ ماشىنىمىزغا ئۇ‌رۇ‌لدى.‏ ھېچكىم يارىلانمىغان بولسىمۇ،‏ لېكىن بىز ماشىنىدىن چىقىپ،‏ يولدا ھاڭ-‏تاڭ بولۇ‌پ قالدۇ‌ق.‏ بىرسى بىزنى كۆرۈپ قېلىپ،‏ بىخە‌تە‌رلىكىمىز ئۈچۈن ئۆز ماشىنىسىغا ئولتۇ‌رۇ‌شقا چاقىردى.‏ بۇ چوڭ يىغىلىشتىن كېلىۋاتقان بىر بۇ‌رادە‌ر ئىدى.‏ توختىغان يالغۇ‌ز بىرلا ئۇ ئە‌مە‌س.‏ شۋېتسىيە‌دىن كە‌لگە‌ن بە‌ش قېرىنداشمۇ توختىدى.‏ بۇ قېرىنداشلار قىزىمنى ۋە مېنى ئىللىق قۇ‌چاقلىغاندىن كېيىن،‏ بىز ئۆزۈمىزنى ياخشى ھېس قىلدۇ‌ق.‏ ئۇ‌لار بىزنى ھە‌ممىسى ياخشى بولىدىغانلىقىغا ۋە بىزنى تاشلاپ كە‌تمە‌يدىغانلىقىغا ئىشە‌ندۈردى.‏ جىددىي قۇ‌تقۇ‌زۇ‌ش خادىملىرى كە‌لگە‌ندىن كېيىنمۇ،‏ ئۇ‌لار بىز بىلە‌ن قېلىپ،‏ بىزدە كېرە‌كلىك نە‌رسىلە‌رنىڭ بولۇ‌شىغا كاپالە‌تلىك قىلدى.‏ ئېغىر ئە‌ھۋالدا يە‌ھۋانىڭ مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببىتىنى ھېس قىلدۇ‌ق.‏ بۇ ۋە‌قە ئېتىقادداشلىرىمىزغا بولغان مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببىتىمىزنى تېخىمۇ كۈچە‌يتتى ۋە يە‌ھۋاغا بولغان مىننە‌تدارلىقىمىزنى تېخىمۇ چوڭقۇ‌رلاشتۇ‌ردى».‏ مۇ‌ھتاج بولغاندا،‏ ئېتىقاددىشىڭىز مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت كۆرسە‌تكە‌ن ۋاقىتنى ئېسىڭىزگە ئالالامسىز؟‏

16.‏ نېمە سە‌ۋە‌بتىن بىر-‏بىرىمىزگە سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت كۆرسىتىشىمىز زۆرۈر؟‏

16 بىر-‏بىرىمىزگە كۆرسە‌تكە‌ن مېھىر-‏شە‌پقە‌ت قانداق نە‌تىجىگە ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ئويلاپ كۆرۈڭ.‏ قىيىنچىلىقلارغا دۇ‌چ كە‌لگە‌ن قېرىنداشلىرىمىزغا تە‌سە‌للى بېرىمىز.‏ بىز خۇ‌دا خە‌لقىنىڭ ئارىسىدىكى ئىناق-‏ئىتتىپاقلىقنى كۈچە‌يتىمىز.‏ بىز ئە‌يسانىڭ شاگىرتلىرى ئىكە‌نلىكىمىزنى ئىسپاتلايمىز ۋە بۇ سە‌مىمىي ئادە‌ملە‌رنى ھە‌قىقىي ئىبادە‌تكە جە‌لپ قىلىدۇ.‏ ھە‌ممىدىن ئاۋۋال،‏ «رە‌ھىم-‏شە‌پقە‌تلىك ئاتا ۋە بارچە تە‌سە‌للىنىڭ مە‌نبە‌سى بولغان» تە‌ڭرى يە‌ھۋاغا شان-‏شە‌رە‌پ كە‌لتۈرىمىز (‏2-‏كورىنت.‏ 1:‏3‏)‏.‏ ھە‌ر قايسىمىز قىزغىن سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببە‌تنى يېتىلدۈرۈپ،‏ ئۆز-‏ئارا قېرىنداشلارچە سۆيگۈنى كۆرسىتە‌يلى!‏

35-‏ناخشا رە‌ھمە‌ت خۇ‌دا سە‌ۋرچانلىقىڭغا

a ئە‌يسا شاگىرتلارنىڭ ئۆز-‏ئارا بىر-‏بىرىگە بولغان مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببىتى بىلە‌ن تونۇ‌لىدىغانلىقىنى ئېيتقان.‏ بىز ھە‌ممىمىز ئە‌يسانىڭ بۇ ئە‌مرىگە ماس ھايات كە‌چۈرۈشكە تىرىشىمىز.‏ ئائىلە ئە‌زالىرىمىزنى سۆيگە‌ندە‌ك ئېتىقادچى قېرىنداشلىرىمىزنىمۇ سۆيۈشنى ئۆگىنىشىمىز لازىم.‏ بۇ ماقالە،‏ ئېتىقادچى قېرىنداشلىرىمىزغا بولغان مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت رىشتىسىنى مۇ‌ستە‌ھكە‌ملە‌شكە ياردە‌م بېرىدۇ.‏

b ياقۇ‌پ 5:‏11-‏ئايە‌ت‏،‏ «بىز سە‌ۋر-‏تاقە‌ت كۆرسە‌تكە‌نلە‌رنى بە‌ختلىك دە‌پ ئاتايمىز.‏ سىلە‌ر ئايۇ‌پنىڭ سە‌ۋر-‏تاقىتى ھە‌ققىدە ئاڭلىدىڭلار ۋە يە‌ھۋانىڭ ئۇ‌نى قانداق بە‌رىكە‌تلىگە‌نلىكىنى كۆردۈڭلار.‏ يە‌ھۋا ھە‌قىقە‌تە‌ن مېھىر-‏شە‌پقە‌تلىك ۋە رە‌ھىمدىل خۇ‌دادۇ‌ر».‏

c سۈرە‌تتە:‏ ياشانغان ئاقساقال ئۇ‌نىڭ تە‌جرىبىسىدىن پايدا ئالغان ياش ئاقساقالنى ئۆيىدە ئىللىق قارشى ئېلىۋاتىدۇ.‏ ئۇ ۋە ئۇ‌لارنىڭ ئاياللىرى بىر-‏بىرىگە مېھماندوستلۇ‌ق ھە‌م مە‌ردلىك كۆرسىتىۋاتىدۇ.‏