مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

5-‏تە‌تقىق ماقالىسى

‏«ھە‌ممە ئە‌رنىڭ بېشى ئە‌يسا مە‌سىھتۇ‌ر»‏

‏«ھە‌ممە ئە‌رنىڭ بېشى ئە‌يسا مە‌سىھتۇ‌ر»‏

‏«ھە‌ممە ئە‌رنىڭ بېشى ئە‌يسا مە‌سىھتۇ‌ر».‏—‏1-‏كورىنت.‏ 11:‏3‏.‏

2-‏ناخشا تە‌شە‌ككۈر،‏ يە‌ھۋا!‏

بۇ ماقالىدە a

1.‏ ئە‌ر كىشىنىڭ ئايالىغا ۋە بالىلىرىغا مۇ‌ئامىلە قىلىشىغا نېمە تە‌سىر قىلىشى مۇ‌مكىن؟‏

 ‏«باشچىلىق» سىز ئۈچۈن نېمىنى بىلدۈرىدۇ؟‏ بە‌زى ئە‌رلە‌ر ئايالى ۋە بالىلىرىغا مۇ‌ئامىلە قىلىشتا ئۆزلىرىنىڭ ئۆرپ-‏ئادىتى،‏ مە‌دە‌نىيىتى ۋە كېلىپ چىقىشىنىڭ تە‌سىرىگە ئۇ‌چرايدۇ.‏ ياۋرۇ‌پادا ياشاۋاتقان يانىتا ئىسىملىك قېرىندىشىمىزنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ باقايلى.‏ ئۇ:‏ «مېنىڭ يۇ‌رتۇ‌مدا ئاياللار ئە‌ر كىشىلە‌ردىن تۆۋە‌ن تۇ‌رىدۇ ۋە ئۇ‌لارغا خۇ‌ددى قۇ‌للارغا ئوخشاش مۇ‌ئامىلە قىلىش كېرە‌ك،‏ دېگە‌ن ئۆرپ-‏ئادە‌ت سىڭىپ كە‌تكە‌ن»،‏—‏ دە‌يدۇ.‏ ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان ليۇ‌ك ئىسىملىك بۇ‌رادە‌ر:‏ «بە‌زى ئاتىلار ئۆز ئوغۇ‌للىرىغا ئايال كىشىنىڭ پىكىرى مۇ‌ھىم ئە‌مە‌س،‏ شۇ‌ڭا ئۇ‌لارنىڭ ھە‌رقانداق گېپىگە قۇ‌لاق سېلىشنىڭ ھاجىتى يوق،‏ دە‌پ ئۆگىتىدۇ»،‏—‏ دە‌يدۇ.‏ لېكىن،‏ يە‌ھۋا ئە‌ر كىشىنىڭ ئايالىغا شۇ‌نداق مۇ‌ئامىلە قىلىشىنى خالىمايدۇ (‏ماركۇ‌س 7:‏13-‏نى سېلىشتۇ‌رۇ‌ڭ)‏.‏ ئۇ‌نداقتا،‏ ئە‌ر كىشى ياخشى ئائىلە بېشى بولۇ‌شنى قانداق ئۆگىنە‌لە‌يدۇ؟‏

2.‏ ئائىلە بېشى نېمىنى بىلىشى كېرە‌ك ۋە نېمە ئۈچۈن؟‏

2 ئە‌ر كىشى ياخشى ئائىلە بېشى بولۇ‌شى ئۈچۈن ئاۋۋال يە‌ھۋا ئۇ‌نىڭدىن نېمە تە‌لە‌پ قىلىدىغانلىقىنى ياخشى چۈشىنىشى كېرە‌ك.‏ شۇ‌نداقلا ئۇ نېمە ئۈچۈن يە‌ھۋا بە‌زى كىشىلە‌رگە باشقىلارنىڭ ئۈستىدىن باشچىلىق قىلىش ھوقۇ‌قىنى بە‌رگە‌نلىكىنى ۋە ئۆزىنىڭ يە‌ھۋا خۇ‌دا بىلە‌ن ئە‌يسا مە‌سىھدىن قانداق ئۈلگە ئالالايدىغانلىقىنى بىلىشى لازىم.‏ ئە‌ر كىشىنىڭ بۇ‌نى بىلىش نېمە ئۈچۈن شۇ‌نچە بە‌ك مۇ‌ھىم؟‏ چۈنكى،‏ يە‌ھۋا ئائىلە بېشىغا مە‌لۇ‌م دە‌رىجىدە چە‌ك قويۇ‌لغان ھوقۇ‌قنى بە‌رگە‌ن ۋە ئۇ‌لارنىڭ بۇ‌نى توغرا ئىشلىتىشىنى كۈتمە‌كتە.‏—‏لۇ‌قا 12:‏48‏.‏

ياراتقۇ‌چى يە‌ھۋا ئۆزىنىڭ ئاسماندىكى ۋە يە‌ردىكى ئائىلىسىنى قانداق تە‌شكىللىگە‌ن؟‏

3.‏ 1-‏كورىنتلىقلار 11:‏3-‏ئايە‌تتىن‏،‏ باشچىلىق پرىنسىپى ھە‌ققىدە نېمىنى ئۆگىنىمىز؟‏

3 1-‏كورىنتلىقلار 11:‏3-‏نى ئوقۇ‌ڭ.‏ بۇ ئايە‌تتە،‏ يە‌ھۋا ئۆزىنىڭ ئاسماندىكى ۋە يە‌ردىكى ئائىلىسىنى قانداق تە‌شكىللىگە‌نلىكى يېزىلغان.‏ باشچىلىق ئىككى مۇ‌ھىم نە‌رسىدىن،‏ يە‌نى ھوقۇ‌ق ۋە جاۋابكارلىقتىن ئىبارە‌ت.‏ يە‌ھۋا ئۇ بارلىق ھوقۇ‌قدارنىڭ «بېشى» ياكى ئە‌ڭ ئالىي ھۆكۈمرانىدۇ‌ر ۋە ئۇ‌نىڭ ئالدىدا ھە‌ممە بالىلىرى،‏ يە‌نى پە‌رىشتىلە‌رمۇ،‏ ئىنسانلارمۇ ھېساب بېرىدۇ (‏رىملىقلار 14:‏10؛‏ ئە‌فە‌س.‏ 3:‏14،‏ 15‏)‏.‏ يە‌ھۋا جامائە‌تنىڭ ئۈستىدىن باشچىلىق قىلىش ھوقۇ‌قىنى ئە‌يساغا بە‌رگە‌ن.‏ ئە‌مما،‏ ئە‌يسا بىزگە قىلغان مۇ‌ئامىلىسى ئۈچۈن خۇ‌دانىڭ ئالدىدا جاۋاب بېرىدۇ (‏1-‏كورىنت.‏ 15:‏27‏)‏.‏ يە‌ھۋا ئە‌ر كىشىگە ئايالى ۋە بالىلىرىنىڭ ئۈستىدىن باشچىلىق قىلىش ھوقۇ‌قىنى بە‌رگە‌ن،‏ ئە‌مما ئۇ ئائىلىسىگە قىلغان مۇ‌ئامىلىسى ئۈچۈن يە‌ھۋا خۇ‌دا ۋە ئە‌يسا مە‌سىھنىڭ ئالدىدا جاۋاب بېرىدۇ.‏—‏1-‏پېتر.‏ 3:‏7‏.‏

4.‏ يە‌ھۋا خۇ‌دا ۋە ئە‌يسا مە‌سىھ قانداق ھوقۇ‌ققا ئىگە؟‏

4 يە‌ھۋا ئاسماندىكى ۋە يە‌ردىكى ئائىلىسىنىڭ بېشى بولغانلىقتىن،‏ ئۇ‌نىڭ ئۆز بالىلىرىغا قانۇ‌نلارنى بە‌لگىلە‌پ بېرىش ھوقۇ‌قى بار ھە‌م ئۇ ئۆزى ئۇ‌لارنىڭ بۇ قانۇ‌نلارغا بويسۇ‌نۇ‌شىغا كاپالە‌تلىك قىلىدۇ (‏يە‌شايا 33:‏22‏)‏.‏ جامائە‌تنىڭ بېشى سۈپىتىدە ئە‌يسانىڭمۇ قائىدە-‏قانۇ‌نلارنى ئورنىتىش ھوقۇ‌قى بار ۋە ئۇ‌لارنى ئىجرا قىلىدۇ.‏—‏گالاتىيا.‏ 6:‏2؛‏ كولوسى.‏ 1:‏18—‏20‏.‏

5.‏ ئائىلە بېشى قانداق ھوقۇ‌ققا ئىگە ۋە ئۇ‌نىڭغا قانداق چە‌ك قويۇ‌لغان؟‏

5 يە‌ھۋا بىلە‌ن ئە‌يسانىڭ ئورۇ‌نلاشتۇ‌رۇ‌شىغا ئاساسە‌ن،‏ ئائىلە بېشى ئۆز ئائىلىسى ئۈستىدىن باشچىلىق قىلىش ھوقۇ‌قىغا ئىگە (‏رىملىقلار 7:‏2؛‏ ئە‌فە‌س.‏ 6:‏4‏)‏.‏ ئە‌مما،‏ ئۇ‌نىڭ ھوقۇ‌قى چە‌كلىك.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ ئۇ‌نىڭ قائىدە-‏تۈزۈملىرى خۇ‌دا سۆزىدىكى پرىنسىپلارغا ئاساسلىنىشى كېرە‌ك (‏پە‌ند.‏ نە 3:‏5،‏ 6‏)‏.‏ ئائىلە بېشىنىڭ پە‌قە‌ت ئۆزىنىڭ ئائىلە ئە‌زالىرى ئۈچۈنلا قائىدە-‏تۈزۈملە‌رنى ئورنىتىش ھوقۇ‌قى بار (‏رىملىقلار 14:‏4‏)‏.‏ ئۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ ئۇ‌نىڭ ئوغۇ‌ل-‏قىزلىرى چوڭ بولۇ‌پ ئۆيىدىن كېتىپ قالغاندا،‏ ئائىلە بېشىنىڭ يېتە‌كچىلىكى ئاستىدا بولمايدۇ،‏ شۇ‌نداقتىمۇ ئۇ‌لار داۋاملىق ئائىلە بېشىنى ھۆرمە‌تلە‌يدۇ.‏—‏مە‌تتا 19:‏5‏.‏

يە‌ھۋا نېمە ئۈچۈن باشچىلىقنى ئورۇ‌نلاشتۇ‌رغان؟‏

6.‏ يە‌ھۋا نېمە ئۈچۈن باشچىلىقنى ئورۇ‌نلاشتۇ‌رغان؟‏

6 يە‌ھۋا ئۆز ئائىلىسىنى ياخشى كۆرگە‌چ،‏ باشچىلىقنى ئورناتقان.‏ بۇ ئۇ‌نىڭ سوۋغىتى.‏ يە‌ھۋا ئورۇ‌نلاشتۇ‌رغان باشچىلىق پرىنسىپى ئۇ‌نىڭ ئائىلىسىنىڭ تىنچلىق ۋە تە‌رتىپ ئىچىدە ئۆزئارا ھە‌مكارلىشىشىغا ئىمكانىيە‌ت يارىتىپ بېرىدۇ (‏1-‏كورىنت.‏ 14:‏33،‏ 40‏)‏.‏ ئە‌گە‌ر ئائىلىدە باشچىلىق قىلىدىغان ھوقۇ‌قدار شە‌خس بولمىغان بولسا،‏ يە‌ھۋانىڭ ئائىلىسى تە‌رتىپسىز ۋە بە‌ختسىز بولاتتى.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ كىم ئاخىرقى قارارنى چىقىرىدىغانلىقىنى ۋە كىم ئۇ‌نى ئە‌مە‌لگە ئاشۇ‌رىدىغانلىقىنى ھېچكىم بىلە‌لمە‌ي قالاتتى.‏

7.‏ ئە‌فە‌سلىكلە‌ر 5:‏25،‏ 28-‏ئايە‌تلە‌رگە ئاساسە‌ن،‏ يە‌ھۋا ئە‌ر كىشىلە‌رنىڭ ئاياللىرىغا قانداق مۇ‌ئامىلە قىلىشىنى خالايدۇ؟‏

7 ئە‌گە‌ر خۇ‌دا ئورۇ‌نلاشتۇ‌رغان باشچىلىق شۇ‌نچە ياخشى بولغان بولسا،‏ ئۇ‌نداقتا نېمە ئۈچۈن شۇ‌نچە كۆپ ئاياللار ئە‌رلىرىنىڭ مۇ‌ئامىلىسىنى رە‌ھىمسىز ۋە ئۆزلىرىنى قاتتىق كونترول قىلىدۇ،‏ دە‌پ ئويلايدۇ؟‏ چۈنكى كۆپلىگە‌ن ئە‌ر كىشىلە‌ر يە‌ھۋانىڭ ئائىلىگە بولغان ئۆلچە‌م-‏قائىدىلىرىنى رە‌ت قىلىپ،‏ يە‌رلىك ئۆرپ-‏ئادە‌تلە‌رگە ئە‌مە‌ل قىلىشنى تاللايدۇ.‏ شە‌خسىيە‌تچى ئە‌ر كىشى ئۆز خاھىشلىرىنى قانائە‌تلە‌ندۈرۈش ئۈچۈن ئايالىنى خورلايدۇ.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ ئە‌ر كىشى ئۆزىنى ئايالىدىن يۇ‌قىرى قويۇ‌ش ئۈچۈن ئۆزىگە بولغان ھۆرمىتىنى ئاشۇ‌رۇ‌شقا ياكى باشقىلارغا «يېرىم خۇ‌دا» ئىكە‌نلىكىنى ئىسپاتلاشقا ئۇ‌رۇ‌نىدۇ.‏ ئۇ،‏ ئايالىمنى مېنى ياخشى كۆرۈشكە كۆندۈرە‌لمىسە‌ممۇ،‏ ئۇ‌نىڭ يۈرىكىنى موجۇ‌ۋالالايمە‌ن،‏ دە‌پ ئويلايدۇ.‏ شۇ ئارقىلىق ئۇ ئايالىنىڭ ماڭغان-‏تۇ‌رغىنىنى تە‌كشۈرۈپ كونترول قىلىدۇ b‏.‏ ئە‌ر كىشىلە‌رنىڭ بۇ‌نداق ئوي-‏پىكىر قىلىش تە‌رزى ۋە ئىش-‏ھە‌رىكە‌تلىرى ناتوغرا.‏ ئۇ‌لار ئاياللارنى ھۆرمە‌تلىمە‌يدۇ ۋە ئۇ‌لارنىڭ شۇ‌نداق قىلمىشلىرى يە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ ئىرادىسىگە تامامە‌ن زىت‏.‏—‏ئە‌فە‌سلىكلە‌ر 5:‏25،‏ 28-‏نى ئوقۇ‌ڭ.‏

ياخشى ئائىلە بېشى بولۇ‌شنى قانداق ئۆگىنىشكە بولىدۇ؟‏

8.‏ ئە‌ر ياخشى ئائىلە بېشى بولۇ‌شنى قانداق ئۆگىنىدۇ؟‏

8 ئە‌ر كىشى يە‌ھۋا ۋە ھە‌زرىتى ئە‌يسانىڭ باشچىلىق قىلىشىدىن ئۈلگە ئېلىپ،‏ ياخشى ئائىلە بېشى بولالايدۇ.‏ يە‌ھۋا ئاتىمىز ۋە ئە‌يسا مە‌سىھنىڭ پە‌قە‌ت ئىككى ئېسىل پە‌زىلىتىنى كۆرۈپ چىقايلى.‏ ئائىلە بېشى ئايالىغا ۋە بالىلىرىغا قارىتا بۇ ئىككى پە‌زىلە‌تنى قانداق كۆرسىتە‌لە‌يدىغانلىقىغا دىققە‌ت قىلايلى.‏

9.‏ يە‌ھۋا خۇ‌دا كە‌متە‌رلىكنى قانداق كۆرسىتىدۇ؟‏

9 كە‌متە‌رلىك.‏ يە‌ھۋا پۈتۈن كائىناتتىكى ئە‌ڭ دانا شە‌خستۇ‌ر.‏ بۇ‌نىڭغا قارىماستىن،‏ ئۇ ئۆز خىزمە‌تچىلىرىنىڭ ئوي-‏پىكىرىگە قۇ‌لاق سالىدۇ (‏يارىت.‏ 18:‏23،‏ 24،‏ 32‏)‏.‏ ئۇ‌نىڭ ھوقۇ‌قى ئاستىدا بولغان خىزمە‌تچىلىرىنىڭ تە‌كلىپ پىكىرىنى قوبۇ‌ل قىلىدۇ (‏1-‏پادىشاھ.‏ 22:‏19—‏22‏)‏.‏ يە‌ھۋا مۇ‌كە‌ممە‌ل خۇ‌دا ،‏ بىراق ئۇ بىز قىلالمايدىغان نە‌رسىلە‌رنى تە‌لە‌پ قىلمايدۇ.‏ بۇ‌نىڭ ئورنىغا،‏ خىزمە‌تچىلىرىنىڭ ئۇ‌تۇ‌قلۇ‌ق خىزمە‌ت قىلىشىغا ياردە‌م بېرىدۇ (‏زە‌بۇ‌ر 113:‏6،‏ 7‏)‏.‏ ئە‌مە‌لىيە‌تتە،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا يە‌ھۋا «ياردە‌مچىمدۇ‌ر» دە‌پ تە‌سۋىرلە‌نگە‌ن (‏زە‌بۇ‌ر 27:‏9؛‏ ئىبرانىي.‏ 13:‏6‏)‏.‏ داۋۇ‌ت پادىشاھ ئۆزىگە تاپشۇ‌رۇ‌لغان ئۇ‌لۇ‌غ ئىشنى يە‌ھۋا كە‌متە‌ر بولغانلىقى ۋە ياردە‌م بە‌رگە‌نلىكى سە‌ۋە‌بلىك قىلالىدىم،‏ دە‌پ ئېتىراپ قىلغان.‏—‏2-‏سام.‏ 22:‏36‏.‏

10.‏ ئە‌يسا كە‌متە‌رلىكنى قانداق كۆرسە‌تكە‌ن؟‏

10 ئە‌يسانىڭ مىسالىنى كۆرۈپ چىقايلى.‏ ئە‌يسا شاگىرتلىرىنىڭ ئۇ‌ستازى بولسىمۇ،‏ ئۇ‌لارنىڭ پۇ‌تلىرىنى يۇ‌يغان.‏ يە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابقا مۇ‌شۇ ۋە‌قە‌نى يازدۇ‌رۇ‌پ ساقلاپ قالغانلىقىنىڭ سە‌ۋە‌بى نېمە؟‏ شە‌ك-‏شۈبھىسىزكى،‏ يە‌ھۋا بولۇ‌پمۇ ئائىلە بېشى بولغۇ‌چىلارغا ئۈلگە بولىدىغان ئېنىق مىسالنى بە‌رگە‌ن.‏ ئە‌يسا مۇ‌نداق دېگە‌ن:‏ «مېنىڭ سىلە‌رگە قىلغىنىمنى سىلە‌رمۇ بىر-‏بىرىڭلارغا قىلىڭلار دە‌پ،‏ سىلە‌رگە ئۈلگە كۆرسە‌تتىم» (‏يۇ‌ھاننا 13:‏12—‏17‏)‏.‏ ئە‌يسا زور ھوقۇ‌ققا ئىگە بولسىمۇ،‏ باشقىلار ئۇ‌نىڭغا خىزمە‌ت قىلىدۇ،‏ دە‌پ كۈتمىگە‌ن.‏ ئە‌كسىنچە،‏ ئۇ ئۆزى باشقىلارغا خىزمە‌ت قىلغان.‏—‏مە‌تتا 20:‏28‏.‏

ئائىلە بېشى ئۆي ئىشلىرىنى قىلىپ ۋە ئائىلىسىنىڭ روھىي ئېھتىياجلىرىنى قانائە‌تلە‌ندۈرۈپ،‏ كە‌متە‌رلىك ھە‌م مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌تنى كۆرسىتە‌لە‌يدۇ (‏11،‏ 13-‏ئابزاسلارغا قاراڭ)‏

11.‏ ئائىلە بېشى يە‌ھۋا ۋە ئە‌يسانىڭ قالدۇ‌رغان كە‌متە‌رلىك ئۈلگىسىدىن نېمىنى ئۆگىنە‌لە‌يدۇ؟‏

11 بىز ئۈچۈن ساۋاق.‏ ئائىلە بېشى كە‌متە‌رلىكنى نۇ‌رغۇ‌ن ئۇ‌سۇ‌للار ئارقىلىق كۆرسىتە‌لە‌يدۇ.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ ئۇ ئايالى ۋە بالىلىرىدىن مۇ‌كە‌ممە‌للىكنى كۈتمە‌يدۇ.‏ ئۇ ھە‌تتا ئائىلە ئە‌زالىرىنىڭ ئوي-‏پىكىرى بىلە‌ن كېلىشمىسىمۇ،‏ ئۇ‌لارنى تىڭشايدۇ.‏ ئامېرىكىدا ياشايدىغان مارلى مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «بە‌زىدە ھە‌مراھىم ئىككىمىزنىڭ ئوي-‏پىكىرىمىز ئوخشاش بولمايدۇ.‏ لېكىن ھە‌مراھىم قارار چىقىرىشتىن ئاۋۋال،‏ مېنىڭ ئوي-‏پىكىرىمنى سوراپ پۇ‌ختا ئويلىغاندا،‏ مە‌ن ئۇ‌نىڭ مېنى قە‌دىرلە‌يدىغانلىقىنى ۋە ھۆرمە‌تلە‌يدىغانلىقىنى ھېس قىلىمە‌ن».‏ ئۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ كە‌متە‌ر ئە‌ر،‏ ھە‌تتا ئۇ‌نىڭ يۇ‌رتىدا ئۆي ئىشلىرى ئاياللارنىڭ ئىشى دە‌پ قارالسىمۇ،‏ بۇ ئىشنى قىلىشقا تە‌ييار.‏ بۇ قىيىن بولۇ‌شى مۇ‌مكىن.‏ نېمە ئۈچۈن؟‏ رېيچېل ئىسىملىك قېرىنداش مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «مېنىڭ يۇ‌رتۇ‌مدا ئە‌گە‌ر ئە‌ر ئۆز ئايالىغا قاچا-‏قومۇ‌چلارنى يۇ‌يۇ‌شقا ياكى ئۆينى بېسىقتۇ‌رۇ‌شقا ياردە‌م بە‌رسە،‏ ئۇ‌نىڭ قوشنىلىرى ۋە تۇ‌غقانلىرى «سە‌ن نېمە ئە‌ركە‌ك ئە‌مە‌سمۇ؟‏»—‏ دە‌پ سورىشى مۇ‌مكىن.‏ ئۇ‌لار خوتۇ‌نىنى باشقۇ‌رالمايدۇ دە‌پ ئويلايدۇ».‏ ئە‌گە‌ر سىز ياشاۋاتقان يۇ‌رتتا شۇ‌نداق كۆز قاراش كە‌ڭ تارقالغان بولسىمۇ،‏ ئېسىڭىزدە بولسۇ‌ن،‏ ئە‌يسانىڭ يۇ‌رتىدا ئادە‌ملە‌رنىڭ پۇ‌تلىرىنى يۇ‌يۇ‌ش قۇ‌للار قىلىدىغان ئىشى دە‌پ قارالسىمۇ،‏ ئۇ شاگىرتلىرىنىڭ پۇ‌تلىرىنى يۇ‌يغان.‏ ياخشى ئائىلە بېشى يۇ‌رت خە‌لقى نېمە دە‌يدۇ دە‌پ ئويلىماي،‏ ئۆز ئايالى ۋە بالىلىرىنىڭ بە‌ختىنى ئويلايدۇ.‏ ياخشى ئائىلە بېشىغا كە‌متە‌رلىكتىن باشقا يە‌نە قانداق پە‌زىلە‌ت كېرە‌ك؟‏

12.‏ يە‌ھۋا ۋە ئە‌يسانى مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت نېمە قىلىشقا دە‌ۋە‌ت قىلىدۇ؟‏

12 مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت.‏ يە‌ھۋا نېمىلا قىلسۇ‌ن،‏ ھە‌رقانداق ئىشقا ئۇ‌نى مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت دە‌ۋە‌ت قىلىدۇ (‏1-‏يۇ‌ھاننا 4:‏7،‏ 8‏)‏.‏ ئۇ سۆزى ۋە تە‌شكىلاتى ئارقىلىق بىزنىڭ روھىي ئېھتىياجلىرىمىزنى مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت بىلە‌ن قانائە‌تلە‌ندۈرىدۇ.‏ يە‌ھۋا بىزنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىغا ئىشە‌ندۈرۈش ئارقىلىق بىزگە غە‌مخورلۇ‌ق قىلىدىغانلىقىنى ھېس قىلالىشىمىزغا ياردە‌م قىلىدۇ.‏ ماددىي ئېھتىياجلىرىمىزچۇ؟‏ خۇ‌دا «ھە‌ممە نە‌رسىنى سېخىيلىق بىلە‌ن» بېرىدۇ (‏1-‏تىموت.‏ 6:‏17‏)‏.‏ خاتالىقلارنى ئۆتكۈزگە‌ندە،‏ ئۇ بىزنى تۈزىتىدۇ،‏ لېكىن سۆيۈشنى توختاتمايدۇ.‏ ئۇ بىزنى ياخشى كۆرگە‌چكە،‏ تۆلە‌منى ئورۇ‌نلاشتۇ‌رغان.‏ ئە‌يسا بولسا،‏ بىزنى بە‌كمۇ ياخشى كۆرگە‌چكە،‏ ئۆز جېنىنى پىدا قىلغان (‏يۇ‌ھاننا 3:‏16؛‏ 15:‏13‏)‏.‏ سادىق خىزمە‌تچىلىرىنى ھېچنېمە يە‌ھۋا خۇ‌دا ۋە مە‌سىھ ئە‌يسانىڭ مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببىتىدىن ئايرىۋېتە‌لمە‌يدۇ.‏—‏يۇ‌ھاننا 13:‏1؛‏ رىملىقلار 8:‏35،‏ 38،‏ 39‏.‏

13.‏ ئائىلە بېشىنىڭ ئۆز ئائىلىسىگە مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت كۆرسىتىشى نېمە ئۈچۈن مۇ‌ھىم؟‏ (‏«‏ يېڭىدىن ئۆيلە‌نگە‌ن ئە‌ر كىشى ئايالىغا قانداق ھۆرمە‌ت كۆرسىتە‌لە‌يدۇ؟‏‏» دېگە‌ن رامكىغا قاراڭ)‏

13 بىز ئۈچۈن ساۋاق.‏ ئائىلە بېشىنى ھە‌رقانداق ئىشلارنى قىلىشقا مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت دە‌ۋە‌ت قىلىشى كېرە‌ك.‏ بۇ نېمە ئۈچۈن شۇ‌نچە مۇ‌ھىم؟‏ ئە‌لچى يۇ‌ھاننا:‏ «كۆرۈپ تۇ‌رغان قېرىندىشىنى سۆيمىگە‌ن كىشى،‏ كۆرۈپ باقمىغان خۇ‌دانى قانداقمۇ سۆيە‌لىسۇ‌ن؟‏»—‏ دە‌پ جاۋاب بە‌رگە‌ن (‏1-‏يۇ‌ھاننا 4:‏11،‏ 20‏)‏.‏ ناھايىتى ئېنىقكى،‏ ئائىلىسىنى ياخشى كۆرىدىغان ھە‌مدە يە‌ھۋا ۋە ئە‌يسادىن ئۈلگە ئېلىشنى خالايدىغان ئائىلە بېشى ئۆز ئائىلىسىدىكى ھە‌ر بىر ئە‌زانىڭ خۇ‌دا بىلە‌ن يېقىن مۇ‌ناسىۋە‌ت ئورنىتىشىغا ياردە‌م بېرىدۇ،‏ ئۇ‌لارنىڭ ھېس-‏تۇ‌يغۇ ۋە ماددىي تە‌رە‌پتىكى ئېھتىياجلىرىنى قامدايدۇ (‏1-‏تىموت.‏ 5:‏8‏)‏.‏ ئۇ بالىلىرىغا تە‌لىم-‏تە‌ربىيە بېرىدۇ.‏ يە‌نە ئۇ داۋاملىق يە‌ھۋانى مە‌دھىيىلە‌يدىغان ۋە ئۆز ئائىلىسىگە پايدىلىق بولغان قارارلارنى چىقىرىشنى ئۆگىنىدۇ.‏ ھازىر مۇ‌شۇ تە‌لە‌پلە‌رنى بىر-‏بىرلە‌پ مۇ‌ھاكىمە قىلىمىز ۋە ئائىلە بېشى يە‌ھۋا خۇ‌دانى ۋە مە‌سىھ ئە‌يسانى قانداق ئۈلگە قىلالايدىغانلىقىنى كۆرۈپ چىقىمىز.‏

ئائىلە بېشى نېمە قىلىشى زۆرۈر؟‏

14.‏ ئائىلە بېشى ئائىلىسىنىڭ روھىي ئېھتىياجلىرىنى قانداق قانائە‌تلە‌ندۈرىدۇ؟‏

14 ئائىلىسىنىڭ روھىي ئېھتىياجلىرىنى قانائە‌تلە‌ندۈرۈش.‏ ئە‌يسا ئۆز ئاتىسىنى ئۈلگە قىلىپ،‏ ئۇ‌نىڭ قانىتى ئاستىدا بولغانلارنىڭ روھىي ئېھتىياجلىرىنى قانائە‌تلە‌ندۈرگە‌ن (‏مە‌تتا 5:‏3،‏ 6؛‏ ماركۇ‌س 6:‏34‏)‏.‏ شۇ‌نىڭغا ئوخشاش،‏ ئائىلە بېشىنىڭ ئە‌ڭ مۇ‌ھىم ئىشى —‏ ئائىلىسىنىڭ خۇ‌دا بىلە‌ن يېقىن مۇ‌ناسىۋە‌ت ئورنىتىشىغا ياردە‌م بېرىش (‏تە‌كرار.‏ قا 6:‏6—‏9‏)‏.‏ ئۇ ئۆزىنىڭ ۋە ئائىلىسىنىڭ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ئوقۇ‌پ،‏ تە‌تقىق قىلىشىغا،‏ جامائە‌ت يىغىلىشلىرىغا قاتنىشىشىغا،‏ خۇ‌ش خە‌ۋە‌رنى ئېيتىشىغا ۋە يە‌ھۋا خۇ‌دا بىلە‌ن بولغان دوستلۇ‌قنى ساقلاپ،‏ ئۇ‌نى تېخىمۇ كۈچە‌يتىشىگە كاپالە‌تلىك قىلىدۇ.‏

15.‏ ئائىلە بېشى ئائىلىسىنىڭ ھېس-‏تۇ‌يغۇ تە‌رە‌پتىكى ئېھتىياجلىرىنى قانداق قانائە‌تلە‌ندۈرە‌لە‌يدۇ؟‏

15 ئائىلىسىنىڭ ھېس-‏تۇ‌يغۇ تە‌رە‌پتىكى ئېھتىياجلىرىنى قانائە‌تلە‌ندۈرۈش.‏ يە‌ھۋا باشقىلارنىڭ ئالدىدا ئە‌يسانى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى ئېيتقان (‏مە‌تتا 3:‏17‏)‏.‏ ئە‌يسامۇ شاگىرتلىرىغا گە‌پ-‏سۆزى ۋە ئىش-‏ھە‌رىكە‌تلىرى ئارقىلىق پات-‏پات مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببىتىنى ئىپادىلىگە‌ن.‏ شاگىرتلىرى بولسا،‏ ئۇ‌نى سۆيىدىغانلىقىنى ئېيتقان (‏يۇ‌ھاننا 15:‏9،‏ 12،‏ 13؛‏ 21:‏16‏)‏.‏ ئائىلە بېشى ئايالىغا ۋە بالىلىرىغا ئۇ‌لارنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى ئىش-‏ھە‌رىكە‌تلىرى،‏ مە‌سىلە‌ن،‏ ئۇ‌لار بىلە‌ن بىللە مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى تە‌تقىق قىلىپ ئۆگىنىش ئارقىلىق كۆرسىتە‌لە‌يدۇ.‏ يە‌نە ئۇ ئائىلە ئە‌زالىرىنى سۆيىدىغانلىقىنى ۋە قە‌دىرلە‌يدىغانلىقىنى ئوچۇ‌ق ئېيتىشى لازىم.‏ ئە‌گە‌ر باشقىلارنىڭ ئالدىدا ئورۇ‌نلۇ‌ق بولسا،‏ ئۇ‌لارنى ماختىشى كېرە‌ك.‏—‏پە‌ند.‏ نە 31:‏28،‏ 29‏.‏

ئائىلە بېشى يە‌ھۋانى خۇ‌رسە‌ن قىلىش ئۈچۈن ئائىلىسىنىڭ ماددىي ئېھتىياجلىرىنى قامدىشى كېرە‌ك (‏16-‏ئابزاسقا قاراڭ)‏

16.‏ ئائىلە بېشى يە‌نە نېمە قىلىشى كېرە‌ك ۋە تە‌ڭپۇ‌ڭلۇ‌قنى قانداق ساقلاپ قالالايدۇ؟‏

16 ئائىلـىسىنىڭ مـاددىي تـە‌رە‌پتىكى ئېھتىياجلىرىنى قانائە‌تلە‌ندۈرۈش.‏ يە‌ھۋا ئىسرائىللارنى،‏ ھە‌تتا ئۇ‌نىڭغا بويسۇ‌نمىغانلىقى ئۈچۈن جازالىغان چاغلاردىمۇ،‏ ئۇ‌لارنىڭ ئاساسىي ئېھتىياجلىرىنى قانائە‌تلە‌ندۈرگە‌ن (‏تە‌كرار.‏ قا 2:‏7؛‏ 29:‏5‏)‏.‏ بۈگۈنكى كۈندىمۇ خۇ‌دا بىزنىڭ ئاساسىي ئېھتىياجلىرىمىزنى قانائە‌تلە‌ندۈرىدۇ (‏مە‌تتا 6:‏31—‏33؛‏ 7:‏11‏)‏.‏ شۇ‌نىڭغا ئوخشاش،‏ ئە‌يسا ئۇ‌نىڭ كە‌ينىدىن ئە‌گە‌شكە‌نلە‌رنىڭ قورسىقىنى تويغۇ‌زغان ئىدى (‏مە‌تتا 14:‏17—‏20‏)‏.‏ ئۇ شۇ‌نداقلا ئۇ‌لارنىڭ تە‌ن-‏سالامە‌تلىكىگە كۆڭۈل بۆلگە‌ن (‏مە‌تتا 4:‏24‏)‏.‏ ئائىلە بېشى يە‌ھۋانى خۇ‌رسە‌ن قىلىشى ئۈچۈن ئائىلىسىنىڭ ماددىي ئېھتىياجلىرىنى قامدىشى كېرە‌ك.‏ بىراق،‏ ئۇ تە‌ڭپۇ‌ڭ كۆز قاراشتا بولۇ‌شى لازىم.‏ ئۇ ئائىلىسىنى تە‌مىنلە‌ش ئۈچۈن ئىشقا بېشى بىلە‌ن كىرىپ كە‌تمە‌سلىكى كېرە‌ك.‏ ئە‌گە‌ر ئۇ شۇ‌نداق قىلسا،‏ ئائىلىسىنىڭ روھىي ۋە ھېس-‏تۇ‌يغۇ تە‌رە‌پتىكى ئېھتىياجلىرىنى مۇ‌ۋاپىق تۈردە قانائە‌تلە‌ندۈرە‌لمە‌يدۇ.‏

17.‏ يە‌ھۋا ۋە ئە‌يسا بىزگە تە‌لىم-‏تە‌ربىيە بېرىشتە قانداق ئۈلگە قالدۇ‌رغان؟‏

17 تە‌لىم-‏تە‌ربىيە بېرىش.‏ يە‌ھۋا بىزگە ياردە‌م بېرىشنى خالىغاچقا،‏ تە‌لىم-‏تە‌ربىيە بېرىدۇ (‏ئىبرانىي.‏ 12:‏7—‏9‏)‏.‏ ئە‌يسا ئۆز ئاتىسىغا ئوخشاش ئۇ‌نىڭ ھوقۇ‌قى ئاستىدا بولغانلارغا مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت بىلە‌ن تە‌لىم بېرىدۇ (‏يۇ‌ھاننا 15:‏14،‏ 15‏)‏.‏ ئۇ نە‌سىھە‌ت بە‌رسىمۇ،‏ لېكىن مېھرىبانلىق بىلە‌ن بېرىدۇ (‏مە‌تتا 20:‏24—‏28‏)‏.‏ ئۇ بىزنىڭ نامۇ‌كە‌ممە‌لىكىمىزنى ۋە خاتالىقلارنى ئۆتكۈزۈشكە مايىل ئىكە‌نلىكىمىزنى چۈشىنىدۇ.‏—‏مە‌تتا 26:‏41‏.‏

18.‏ ياخشى ئائىلە بېشى نېمىلە‌رنى ئە‌ستە تۇ‌تۇ‌شى كېرە‌ك؟‏

18 يە‌ھۋا ۋە ئە‌يسانى ئۈلگە قىلىدىغان ئائىلە بېشى ئايالىنىڭ ۋە بالىلىرىنىڭ نامۇ‌كە‌ممە‌للىكىنى ئە‌ستە تۇ‌تىدۇ.‏ ئۇ ئايالى ۋە بالىلىرىغا «قوپال» مۇ‌ئامىلە قىلمايدۇ (‏كولوسى.‏ 3:‏19‏)‏.‏ بۇ‌نىڭ ئورنىغا،‏ ئۇ گالاتىيالىقلار 6:‏1-‏ئايە‌تتە يېزىلغان پرىنسىپقا ئە‌مە‌ل قىلىپ،‏ ئۆزىنىڭمۇ نامۇ‌كە‌ممە‌ل ئىكە‌نلىكىنى ئە‌ستە تۇ‌تۇ‌پ،‏ ئۇ‌لارنى «مۇ‌لايىملىق» بىلە‌ن تۈزىتىشكە تىرىشىدۇ.‏ ئە‌يساغا ئوخشاش،‏ ئۇ تە‌لىم-‏تە‌ربىيە بېرىشنىڭ ئە‌ڭ ياخشى ئۇ‌سۇ‌لى —‏ ئۆز ئۈلگىسى ئارقىلىق ئۆگىتىش كېرە‌كلىكىنى چۈشىنىدۇ.‏—‏1-‏پېتر.‏ 2:‏21‏.‏

19،‏ 20.‏ قارار قىلىشقا توغرا كە‌لگە‌ندە،‏ ئائىلە بېشى يە‌ھۋا ۋە ئە‌يسانى قانداق ئۈلگە قىلالايدۇ؟‏

19 غە‌رە‌زسىز قارار قىلىش.‏ يە‌ھۋا باشقىلار ئۈچۈن ئە‌ڭ ياخشى قارارلارنى قىلىدۇ.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ ئۇ ھاياتلىقنى ئۆزى ئۈچۈن ياخشى بولسۇ‌ن،‏ دە‌پ ئە‌مە‌س،‏ بىزنىڭ ھاياتتىن ھوزۇ‌ر ئېلىپ خۇ‌شاللىقتىن ئورتاق بە‌ھرىمە‌ن بولۇ‌شىمىز ئۈچۈن ياراتقان.‏ ھېچكىم گۇ‌ناھلىرىمىز ئۈچۈن خۇ‌دانى ئۆز ئوغلىنى قۇ‌ربانلىققا بېرىشكە مە‌جبۇ‌رلىمىغان.‏ ئۇ ئۆزى بىزنىڭ پايدىمىز ئۈچۈن مۇ‌شۇ قۇ‌ربانلىقنى بېرىشنى خالىغان (‏رىملىقلار 15:‏3‏)‏.‏ ئە‌يسامۇ باشقىلارنىڭ پايدىسى ئۈچۈن قارارلارنى قىلغان.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ ئە‌يسا قاتتىق ھېرىپ كە‌تسىمۇ،‏ دە‌م ئالماي بىر توپ ئادە‌ملە‌رگە ھە‌قىقە‌تنى ئۆگە‌تكە‌ن.‏—‏ماركۇ‌س 6:‏31—‏34‏.‏

20 ياخشى ئائىلە بېشى ئە‌ڭ قىيىن ئىشلارنىڭ بىرى دانا قارار قىلىش ئىكە‌نلىكىنى بىلىدۇ ۋە بۇ ۋە‌زىپىنى مۇ‌ھىم دە‌پ قارايدۇ.‏ ئۇ پە‌قە‌ت ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌لىرىغا ئاساسلىنىپ،‏ ئالدىراقسانلىق بىلە‌ن قارار چىقىرىشتىن نېرى تۇ‌رۇ‌شقا تىرىشىدۇ.‏ بۇ‌نىڭ ئورنىغا،‏ ئۇ يە‌ھۋانىڭ ئۇ‌نى ئۆگىتىشىگە يول قويىدۇ (‏پە‌ند.‏ نە 2:‏6،‏ 7‏)‏.‏ شۇ‌نداق قىلىپ،‏ ئۇ ئۆزىنىڭ مە‌نپە‌ئىتىنى ئە‌مە‌س،‏ باشقىلارنىڭمۇ مە‌نپە‌ئىتىنى ئويلايدۇ.‏—‏فىلىپى.‏ 2:‏4‏.‏

21.‏ كېلە‌ركى ماقالىدە نېمىنى كۆرۈپ چىقىمىز؟‏

21 يە‌ھۋا ئائىلە بېشى بولغۇ‌چىلارغا قىيىن بىر ۋە‌زىپىنى تاپشۇ‌رغان ۋە ئۇ‌لارنى بۇ‌نى قانداق ئورۇ‌نلىغانلىقى ئۈچۈن ھېساب-‏كىتابقا تارتىدۇ.‏ بىراق،‏ ئە‌گە‌ر ئە‌ر يە‌ھۋا خۇ‌دا ۋە مە‌سىھ ئە‌يسانى ئۈلگە قىلىشقا تىرىشسا،‏ ياخشى ئائىلە بېشى بولىدۇ.‏ ئە‌گە‌ر ئۇ‌نىڭ ئايالى ئۆز ۋە‌زىپىسىنى ياخشى ئورۇ‌نلىسا،‏ ئۇ‌لارنىڭ نىكاھلىق تۇ‌رمۇ‌شى بە‌ختلىك بولىدۇ.‏ ئايال كىشى باشچىلىق ئورۇ‌نلاشتۇ‌رۇ‌شىغا قانداق كۆز قاراشتا بولۇ‌شى كېرە‌ك ۋە ئۇ قانداق قىيىنچىلىقلارغا دۇ‌چ كېلىدۇ؟‏ كېيىنكى ماقالىدە،‏ بۇ سوئالغا جاۋاب تاپىمىز.‏

14-‏ناخشا خۇ‌دا ھە‌ممىنى يېڭىلايدۇ

a ئە‌ر كىشى ئۆيلە‌نگە‌ندە،‏ ئۇ ئۆز ئائىلىسىنىڭ بېشى بولىدۇ.‏ بۇ ماقالىدە،‏ باشچىلىق دېگە‌ن نېمىنى بىلدۈرىدىغانلىقىنى،‏ يە‌ھۋا خۇ‌دا نېمە ئۈچۈن ئۇ‌نى ئورۇ‌نلاشتۇ‌رغانلىقىنى ۋە ئە‌ر كىشى خۇ‌دا بىلە‌ن ئە‌يسانىڭ ئۈلگىسىدىن نېمىنى ئۆگىنە‌لە‌يدىغانلىقىنى كۆرۈپ چىقىمىز.‏ بۇ بىر قاتار ماقالىلە‌رنىڭ ئىككىنچىسىدە،‏ ئە‌ر-‏ئايال ئە‌يسادىن ۋە مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى مىساللاردىن قانداق ساۋاق ئالىدىغانلىقىنى مۇ‌ھاكىمە قىلىمىز.‏ ئۈچىنچى ماقالىدە بولسا،‏ بۇ‌رادە‌رلە‌ر جامائە‌تتىكى ھوقۇ‌قىنى قانداق قوللىنىشى كېرە‌ك،‏ دېگە‌ننى مۇ‌لاھىزە قىلىمىز.‏

b ئېرىنىڭ ئايالىغا بولغان رە‌ھىمسىز مۇ‌ئامىلىسى،‏ ھە‌تتا ئۇ‌نى ئۇ‌رۇ‌پ-‏سوقۇ‌شقا بولىدۇ،‏ دېگە‌ن ئوي-‏پىكىرى كىنولاردا،‏ مە‌شرە‌پلە‌ردە ۋە كۈلكە-‏چاقچاقلاردا كۆرسىتىلىدۇ.‏ شۇ‌نداق ئوي-‏پىكىر كە‌ڭ تارقالغاچ،‏ ئادە‌ملە‌ر ئە‌رنىڭ ئايالى ئۈستىدىن ھۆكۈمرانلىق قىلىشىنى توغرا،‏ دە‌پ ئويلىشى مۇ‌مكىن.‏