مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

13-‏تە‌تقىق ماقالىسى

يە‌ھۋا بىزنى قانداق ھىمايە قىلىدۇ؟‏

يە‌ھۋا بىزنى قانداق ھىمايە قىلىدۇ؟‏

‏«ھە‌زرىتىمىز ئىشە‌نچىلىكتۇ‌ر.‏ ئۇ سىلە‌رنى مۇ‌ستە‌ھكە‌ملە‌يدۇ ۋە ياۋۇ‌زدىن قوغدايدۇ».‏—‏2-‏سالونىكا.‏ 3:‏3‏.‏

18-‏ناخشا خۇ‌دانىڭ چىن مۇ‌ھە‌ببىتى

بۇ ماقالىدە a

1.‏ نېمە ئۈچۈن ئە‌يسا ئۆز شاگىرتلىرىنى ھىمايە قىلىشنى ئاتىسىدىن ئۆتۈنگە‌ن؟‏

 ئە‌يسا يە‌ر يۈزىدىكى ھاياتىنىڭ ئە‌ڭ ئاخىرقى كېچىسىدە،‏ شاگىرتلىرى دۇ‌چ كېلىدىغان بارلىق قىيىنچىلىقلار توغرۇ‌لۇ‌ق ئويلىغان.‏ ئە‌يسا شاگىرتلىرىنى بە‌كمۇ ياخشى كۆرگە‌چ،‏ ئۇ ئۆز ئاتىسىدىن ئۇ‌لارنى شە‌يتاندىن ساقلاشنى ئۆتۈنگە‌ن (‏يۇ‌ھاننا 17:‏14،‏ 15‏)‏.‏ ئە‌يسا ئاسمانغا قايتقاندىن كېيىن،‏ شە‌يتان ئىبلىسنىڭ داۋاملىق يە‌ھۋا خۇ‌داغا خىزمە‌ت قىلىشنى خالايدىغانلارغا قارشى جە‌ڭ قىلىدىغانلىقىنى بىلگە‌ن.‏ ئېنىقكى،‏ يە‌ھۋانىڭ خە‌لقى ھىمايىگە مۇ‌ھتاج.‏

2.‏ نېمە ئۈچۈن بىز يە‌ھۋانىڭ دۇ‌ئالىرىمىزغا جاۋاب بېرىدىغانلىقىغا ئىشە‌نچ قىلالايمىز؟‏

2 يە‌ھۋا ئۆز ئوغلىنى سۆيگە‌چ،‏ ئۇ‌نىڭ دۇ‌ئاسىغا جاۋاب بە‌رگە‌ن.‏ ئە‌گە‌ر يە‌ھۋانى خۇ‌شال قىلىش ئۈچۈن بار كۈچىمىزنى چىقارساق،‏ ئۇ بىزگە مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت كۆرسىتىدۇ،‏ ياردە‌م ۋە ھىمايە سوراپ قىلغان دۇ‌ئالىرىمىزغا چوقۇ‌م جاۋاب بېرىدۇ.‏ يە‌ھۋا بىر مېھرىبان ئاتا بولغاچقا،‏ ئۆز پە‌رزە‌نتلىرىگە داۋاملىق غە‌مخورلۇ‌ق قىلماقتا.‏ ئە‌گە‌ر يە‌ھۋا ئاتىمىز شۇ‌نداق قىلمىسا،‏ بۇ ئۇ‌نىڭ ئىسىمىغا داغ كە‌لتۈرۈپ،‏ ئابرويىنى چۈشۈرە‌تتى.‏

3.‏ بۈگۈنكى كۈندە بىز نېمە ئۈچۈن يە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ ھىمايىسىگە مۇ‌ھتاج؟‏

3 شە‌يتان ئاسماندىن قوغلىنىپ،‏ قە‌ھرى-‏غە‌زە‌پ بىلە‌ن يە‌رگە چۈشكە‌چكە،‏ ھازىر بىز يە‌ھۋانىڭ ھىمايىسىگە بە‌ك مۇ‌ھتاج (‏ۋە‌ھىي.‏ 12:‏12‏)‏.‏ شە‌يتان بە‌زى كىشىلە‌رنى شۇ‌نىڭغا ئىشە‌ندۈرىدۇ‌كى،‏ ئۇ‌لار خۇ‌دانىڭ خىزمە‌تچىلىرىگە زىيانكە‌شلىك قىلسا،‏ ئۆزلىرىنى خۇ‌داغا خىزمە‌ت قىلىۋاتىمە‌ن،‏ دە‌پ ئويلايدۇ (‏يۇ‌ھاننا 16:‏2‏)‏.‏ خۇ‌داغا ئىشە‌نمە‌يدىغان باشقىلار بولسا،‏ بىز مۇ‌شۇ دۇ‌نيانىڭ ئېقىمىغا ئە‌گىشىپ ياشىمىغاچقا،‏ بىزگە زىيانكە‌شلىك قىلىدۇ.‏ بىراق،‏ ئادە‌ملە‌رنىڭ بىزگە قانداق مۇ‌ئامىلە قىلىشىدىن قە‌تئىينە‌زە‌ر،‏ بىز قورقمايمىز.‏ نېمە ئۈچۈن؟‏ چۈنكى،‏ خۇ‌دا سۆزىدە مۇ‌نداق دە‌پ يېزىلغان:‏ «ھە‌زرىتىمىز ئىشە‌نچىلىكتۇ‌ر.‏ ئۇ سىلە‌رنى مۇ‌ستە‌ھكە‌ملە‌يدۇ ۋە ياۋۇ‌زدىن قوغدايدۇ» (‏2-‏سالونىكا.‏ 3:‏3‏)‏.‏ يە‌ھۋا بىزنى قانداق قوغدايدۇ؟‏ كېلىڭلار،‏ ئىككى ئۇ‌سۇ‌لىنى كۆرۈپ باقايلى.‏

يە‌ھۋا بىزنى قوغدىنىش قوراللىرى بىلە‌ن تە‌مىنلە‌يدۇ

4.‏ ئە‌فە‌سلىكلە‌ر 6:‏13—‏17-‏ئايە‌تلە‌رگە ئاساسلانغاندا،‏ يە‌ھۋا بىزنى قوغداش ئۈچۈن بىزگە نېمە بە‌رگە‌ن؟‏

4 يە‌ھۋا خۇ‌دا بىزنى شە‌يتاننىڭ ھۇ‌جۇ‌مىدىن ھىمايە قىلىش ئۈچۈن بىزگە قوغدىنىش قوراللىرىنى بە‌رگە‌ن ‏(‏ئە‌فە‌سلىكلە‌ر 6:‏13—‏17-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ بۇ قوغدىنىش قوراللىرى بە‌ك كۈچلۈك ۋە بىزنى ياخشى ھىمايە قىلالايدۇ.‏ بىراق،‏ بۇ قوغدىنىش قوراللىرىنىڭ ھە‌ر بىرىنى كىيىپ،‏ يېشىۋە‌تمە‌ي يۈرگە‌ن چاغدىلا،‏ ئۇ‌لار بىزنى قوغدىيالايدۇ.‏ بۇ قوغدىنىش قوراللىرىنىڭ ھە‌ربىرى نېمىنى بىلدۈرىدۇ؟‏ كېلىڭلار،‏ ھازىر ئۇ‌لارنى تە‌پسىلىي كۆرۈپ چىقايلى.‏

5.‏ ھە‌قىقە‌ت بە‌لبېغى دېگە‌ن نېمە ۋە بىز ئۇ‌نى نېمە ئۈچۈن باغلىشىمىز كېرە‌ك؟‏

5 ھە‌قىقە‌ت بە‌لبېغى مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى ھە‌قىقە‌تلە‌رنى بىلدۈرىدۇ.‏ نېمە ئۈچۈن ھە‌قىقە‌ت بە‌لبېغىنى باغلىشىمىز كېرە‌ك؟‏ چۈنكى،‏ شە‌يتان يالغانچىلىقنىڭ ئاتىسىدۇ‌ر (‏يۇ‌ھاننا 8:‏44‏)‏.‏ شە‌يتان نە‌چچە مىڭ يىللار داۋامىدا،‏ ئالداش ماھارىتىنى ئاشۇ‌رۇ‌پ،‏ پۈتۈن دۇ‌نيانى ئازدۇ‌رۇ‌پ كە‌لمە‌كتە (‏ۋە‌ھىي.‏ 12:‏9‏)‏.‏ بىراق،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى ھە‌قىقە‌تلە‌ر بىزنى يالغانچىلىققا ئالدىنىپ قېلىشتىن قوغدايدۇ.‏ بىز يە‌ھۋا خۇ‌دا توغرۇ‌لۇ‌ق بىلىم ئالساق،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س روھ ۋە ھە‌قىقە‌تكە ماس ئىبادە‌ت قىلساق ۋە ھە‌ر بىر ئىشتا ئۆزۈمىزنى سە‌مىمىي راستچىل تۇ‌تساق،‏ ھە‌قىقە‌ت بە‌لبېغىنى باغلىغان بولىمىز.‏—‏يۇ‌ھاننا 4:‏24؛‏ ئە‌فە‌س.‏ 4:‏25؛‏ ئىبرانىي.‏ 13:‏18‏.‏

بە‌لباغ:‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى ھە‌قىقە‌تلە‌ر

6.‏ ھە‌ققانىيلىق ساۋۇ‌تى دېگە‌ن نېمە ۋە نېمە ئۈچۈن ئۇ‌نى كىيىشىمىز كېرە‌ك؟‏

6 ھە‌ققانىيلىق ساۋۇ‌تى يە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ يۇ‌قىرى ئە‌خلاق ئۆلچە‌ملىرىنى بىلدۈرىدۇ.‏ نېمە ئۈچۈن بىز ھە‌ققانىيلىق ساۋۇ‌تىنى كىيىشىمىز زۆرۈر؟‏ ساۋۇ‌ت ئە‌سكە‌رنىڭ يۈرىكىنى ئوقيا ئوقلىردىن قوغدىغاندە‌ك،‏ ھە‌ققانىيلىق ساۋۇ‌تىمۇ قە‌لبىمىزنى بۇ دۇ‌نيانىڭ يامان تە‌سىرىدىن قوغدايدۇ (‏پە‌ند.‏ نە 4:‏23‏)‏.‏ يە‌ھۋا بىزنىڭ ئۇ‌نى پۈتۈن قە‌لب بىلە‌ن سۆيۈشىمىزنى ۋە خىزمە‌ت قىلىشىمىزنى خالايدۇ (‏مە‌تتا 22:‏36،‏ 37‏)‏.‏ شە‌يتان بىزنى چىن يۈرە‌كتىن يە‌ھۋاغا خىزمە‌ت قىلىشتىن توختىتىش ئۈچۈن،‏ يە‌ھۋا ئۆچ كۆرىدىغان نە‌رسىلە‌رنى ياخشى كۆرۈشكە دە‌ۋە‌ت قىلىدۇ (‏ياقۇ‌پ 4:‏4؛‏ 1-‏يۇ‌ھاننا 2:‏15،‏ 16‏)‏.‏ ئە‌گە‌ر شە‌يتاننىڭ بۇ ھىيلە-‏مىكىرى نە‌تىجىسىز بولسا،‏ ئۇ بىزنى قورقۇ‌تۇ‌پ،‏ يە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ ئۆلچە‌ملىرىنى بۇ‌زىدىغان ئىشلارنى قىلدۇ‌رۇ‌شقا ئۇ‌رۇ‌نىدۇ.‏

ساۋۇ‌ت:‏ يە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ يۇ‌قىرى ئە‌خلاقىي ئۆلچە‌ملىرى

7.‏ ھە‌ققانىيلىق ساۋۇ‌تىنى قانداق كىيە‌لە‌يمىز؟‏

7 ھە‌ققانىيلىق ساۋۇ‌تىنى كىيگە‌ن كىشى،‏ يە‌ھۋانىڭ نېمە ياخشى،‏ نېمە يامان ئىكە‌نلىكىگە بولغان كۆز قارىشىنى قوبۇ‌ل قىلىپ،‏ شۇ ئۆلچە‌ملە‌رگە ماس ھايات كە‌چۈرىدۇ (‏زە‌بۇ‌ر 97:‏10‏)‏.‏ بە‌زىلە‌ر يە‌ھۋانىڭ ئۆلچە‌ملىرى ئە‌ركىنلىكىمىزنى چە‌كلە‌يدۇ،‏ دە‌پ ئويلايدۇ.‏ بىراق،‏ ئە‌گە‌ر بىز مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ئۆلچە‌ملىرىگە ماس ھايات كە‌چۈرۈشنى توختاتساق،‏ بىز ئۇ‌رۇ‌ش ۋاقتىدا ساۋۇ‌تىنى بە‌ك ئېغىر،‏ دە‌پ يېشىپ تاشلىغان ئە‌سكە‌رگە ئوخشاپ قالىمىز.‏ بۇ نېمە دېگە‌ن ئە‌خمىقانە ئىش،‏ ھە!‏ يە‌ھۋانى سۆيىدىغان ئادە‌م ئۈچۈن ئۇ‌نىڭ قانۇ‌نلىرى ئېغىر يۈك ئە‌مە‌س،‏ بە‌لكى ھاياتنى ساقلاپ قالىدىغان يولباشچىلىقتۇ‌ر.‏—‏1-‏يۇ‌ھاننا 5:‏3‏.‏

8.‏ پۇ‌تۇ‌ڭلارغا تىنچلىق ھە‌ققىدىكى خۇ‌ش خە‌ۋە‌رنى ۋە‌ز قىلىش تە‌ييارلىقىنى كىيىش دېگە‌ن نېمىنى بىلدۈرىدۇ؟‏

8 ئە‌لچى پاۋلۇ‌س پۇ‌تۇ‌ڭلارغا تىنچلىق ھە‌ققىدىكى خۇ‌ش خە‌ۋە‌رنى ۋە‌ز قىلىش تە‌ييارلىقىنى كىيىڭلار،‏ دە‌پ ئۈندىگە‌ن.‏ باشقىچە ئېيتقاندا،‏ چوقۇ‌م خۇ‌دا پادىشاھلىقى توغرۇ‌لۇ‌ق خۇ‌ش خە‌ۋە‌رنى ۋە‌ز قىلىشقا ھە‌ردائىم تە‌ييار بولۇ‌شىمىز كېرە‌ك.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى خۇ‌ش خە‌ۋە‌رنى باشقىلارغا ئېيتساق،‏ ئېتىقادىمىز كۈچىيىدۇ.‏ دۇ‌نيانىڭ جاي-‏جايلىرىدىكى خۇ‌دا خە‌لقى باشقىلارغا خۇ‌ش خە‌ۋە‌رنى ئېيتىشنىڭ ھە‌ر بىر پۇ‌رسىتىدىن خۇ‌شاللىق بىلە‌ن پايدىلىنىدۇ.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ ئىشتا،‏ مە‌كتە‌پتە،‏ سودا-‏سېتىق قىلىدىغان جايلاردا،‏ ئۆيمۇ-‏ئۆي ۋە‌ز قىلغاندا،‏ بىر نە‌رسىلە‌رنى سېتىۋالغاندا،‏ يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىسى ئە‌مە‌س ئۇ‌رۇ‌ق-‏تۇ‌غقانلىرىنى يوقلىغاندا ۋە تونۇ‌ش ياكى ناتونۇ‌ش ئادە‌ملە‌ر بىلە‌ن سۆھبە‌تلە‌شكە‌ندە خۇ‌ش خە‌ۋە‌رنى ئېيتىدۇ.‏ بۇ‌نى كۆرۈش ھە‌قىقە‌تە‌ن بىزگە كۆپ ئىلھام بېرىدۇ.‏ ئە‌گە‌ر بىز بە‌ك قورقۇ‌پ كېتىپ،‏ ۋە‌ز قىلىشنى توختاتساق،‏ ئۇ‌رۇ‌ش ۋاقتىدا چورۇ‌قىنى سېلىپ تاشلىغان ئە‌سكە‌رگە ئوخشاش بولۇ‌پ قالىمىز.‏ شۇ‌نداق ئە‌سكە‌رنىڭ پۇ‌تلىرى ئوڭايلا يارلىنىدۇ.‏ نە‌تىجىدە،‏ شۇ‌نداق ئە‌سكە‌ر دۈشمە‌نلە‌رنىڭ ھۇ‌جۇ‌مىغا تاقابىل تۇ‌رالمايدۇ ۋە ئۆز قوماندانىنىڭ بۇ‌يرۇ‌قلىرىغا بويسۇ‌نالماي قالىدۇ.‏

چورۇ‌ق:‏ ھە‌رقاچان خۇ‌ش خە‌ۋە‌رنى ۋە‌ز قىلىشقا تە‌ييار تۇ‌رۇ‌ش روھى

9.‏ نېمە ئۈچۈن بىز ئېتىقادنىڭ يوغان قالقىنىنى چىڭ تۇ‌تۇ‌شىمىز كېرە‌ك؟‏

9 ئېتىقادنىڭ يوغان قالقىنى يە‌ھۋاغا بولغان ئىمان-‏ئېتىقادىمىزنى بىلدۈرىدۇ.‏ خۇ‌دا ئۆزىنىڭ ھە‌ممە ۋە‌دىلىرىنى ئە‌مە‌لگە ئاشۇ‌رىدىغانلىقىغا ئىشە‌نچىمىز كامىل.‏ شۇ‌نداق ئېتىقاد ياۋۇ‌زنىڭ بارلىق ئوتلۇ‌ق ئوقلىرىنى ئۆچۈرۈشىمىزگە ياردە‌م بېرىدۇ.‏ نېمە ئۈچۈن بۇ يوغان قالقاننى ئېلىپ يۈرۈشىمىز كېرە‌ك؟‏ چۈنكى،‏ ئۇ بىزنى ھە‌قىقە‌تتىن يۈز ئۆرۈگە‌نلە‌رنىڭ تە‌لىملىرىنىڭ تە‌سىرىدىن ياكى تە‌نقىد قىلغۇ‌چىلارنىڭ مە‌سخىرە قىلىپ ئۈمىدسىزلە‌ندۈرۈشىدىن ھىمايە قىلىدۇ.‏ ئىمان-‏ئېتىقاد بولمىسا يە‌ھۋانىڭ ئۆلچە‌ملىرىنى بۇ‌زۇ‌شقا قايىل قىلىدىغان ئادە‌ملە‌رگە قارشى كۈرە‌ش قىلىشقا كۈچ چىقىرالمايمىز.‏ ئە‌مما،‏ ھە‌ر قېتىم ئىشتا ياكى مە‌كتە‌پتە خۇ‌دا ئۆچ كۆرىدىغان ئىشلارنى رە‌ت قىلىش ئارقىلىق ئىمان-‏ئېتىقادىمىزنى ھىمايە قىلىمىز (‏1-‏پېتر.‏ 3:‏15‏)‏.‏ ھە‌ر قېتىم يە‌ھۋاغا خىزمە‌ت قىلىشقا كاشىلا قىلىدىغان يۇ‌قىرى مائاشلىق ئىشنى رە‌ت قىلىش ئارقىلىقمۇ ئىمان-‏ئېتىقادىمىزنى ھىمايە قىلىمىز (‏ئىبرانىي.‏ 13:‏5،‏ 6‏)‏.‏ قارشىلىقلارغا قارىماستىن،‏ يە‌ھۋاغا خىزمە‌ت قىلساق،‏ ئېتىقادنىڭ يوغان قالقىنى بىزنى ھىمايە قىلىدۇ.‏—‏1-‏سالونىكا.‏ 2:‏2‏.‏

قالقان:‏ يە‌ھۋاغا ۋە ئۇ‌نىڭ ۋە‌دىلىرىگە بولغان ئىشە‌نچ

10.‏ قۇ‌تقۇ‌زۇ‌ش دۇ‌بۇ‌لغىسى دېگە‌ن نېمە ۋە نېمە ئۈچۈن ئۇ‌نى كىيىپ يۈرۈشىمىز كېرە‌ك؟‏

10 قۇ‌تقۇ‌زۇ‌ش دۇ‌بۇ‌لغىسى يە‌ھۋا خۇ‌دا بېرىدىغان ئۈمىد.‏ بۇ ئۈمىد خۇ‌دانىڭ ئىرادىسىنى ئورۇ‌نلايدىغان كىشىلە‌رنى مۇ‌كاپاتلايدۇ ۋە ھە‌تتا بىز ئۆلۈپ كە‌تسە‌كمۇ،‏ ئۇ بىزنى قايتا تىرىلدۈرىدۇ،‏ دېگە‌نلە‌رنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ (‏1-‏سالونىكا.‏ 5:‏8؛‏ 1-‏تىموت.‏ 4:‏10؛‏ تىتۇ‌س 1:‏1،‏ 2‏)‏.‏ دۇ‌بۇ‌لغا ئە‌سكە‌رنىڭ بېشىنى قوغدىغاندە‌ك،‏ قۇ‌تقۇ‌زۇ‌شقا بولغان ئۈمىدىمىزمۇ ئوي-‏پىكىرىمىزنى ھىمايە قىلىدۇ.‏ قانداق قىلىپ؟‏ ئۇ بىزنى خۇ‌دانىڭ ۋە‌دىلىرىگە كۆز تىكىشكە دە‌ۋە‌ت قىلىدۇ ۋە قىيىنچىلىقلارنىڭ بىزنى بېسىپ چۈشۈشىگە قارشى تۇ‌رۇ‌شىمىزغا ياردە‌م بېرىدۇ.‏ قۇ‌تقۇ‌زۇ‌ش دۇ‌بۇ‌لغىسىنى قانداق كىيىپ يۈرە‌لە‌يمىز؟‏ ئوي-‏پىكىرلىرىمىزنى خۇ‌دانىڭ پىكىر قىلىش تە‌رزىگە ماس كە‌لتۈرۈش ئارقىلىق قىلالايمىز.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ بىز ئۈمىدىمىزنى ئۆزگىرىشچان بايلىققا ئە‌مە‌س،‏ خۇ‌داغا باغلايمىز.‏—‏زە‌بۇ‌ر 26:‏2؛‏ 104:‏34؛‏ 1-‏تىموت.‏ 6:‏17‏.‏

دۇ‌بۇ‌لغا:‏ مە‌ڭگۈلۈك ھاياتقا بولغان ئۈمىد

11.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س روھ قىلىچى دېگە‌ن نېمە ۋە نېمە ئۈچۈن ئۇ‌نى ئىشلىتىشىمىز كېرە‌ك؟‏

11 مۇ‌قە‌ددە‌س روھ قىلىچى بولسا خۇ‌دا سۆزى مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى بىلدۈرىدۇ.‏ بۇ قىلىچ تۈرلۈك يالغانچىلىقلارنى ئاشكارىلاش ۋە كىشىنى ساختا تە‌لىملە‌رنىڭ ھە‌م زىيانلىق ئادە‌تلە‌رنىڭ قۇ‌للىقىدىن قۇ‌تقۇ‌زۇ‌ش كۈچىگە ئىگە (‏2-‏كورىنت.‏ 10:‏4،‏ 5؛‏ 2-‏تىموت.‏ 3:‏16،‏ 17؛‏ ئىبرانىي.‏ 4:‏12‏)‏.‏ ئە‌گە‌ر مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى شە‌خسىي تە‌تقىق قىلىپ ئۆگە‌نسە‌ك ۋە خۇ‌دا تە‌شكىلاتىدىن ئالغان تە‌لىملە‌رنى قوللانساق،‏ بۇ قىلىچنى توغرا ئىشلىتىشنى ئۆگىنىمىز (‏2-‏تىموت.‏ 2:‏15‏)‏.‏ يە‌ھۋا شۇ قوغدىنىش قوراللىرىدىن سىرت،‏ يە‌نە باشقا ئۇ‌سۇ‌ل ئارقىلىقمۇ بىزنى قوغدايدۇ.‏ ئۇ قانداق ئۇ‌سۇ‌ل؟‏

قىلىچ:‏ خۇ‌دانىڭ سۆزى مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب

كۈرە‌ش قىلىشتا بىز يالغۇ‌ز ئە‌مە‌س

12.‏ بىز يە‌نە نېمىگە مۇ‌ھتاج ۋە نېمە ئۈچۈن؟‏

12 تە‌جرىبىلىك ئە‌سكە‌ر چوڭ بىر قوشۇ‌نغا يالغۇ‌ز ئۆزى قارشى جە‌ڭ قىلالمايدىغانلىقىنى ياخشى بىلىدۇ.‏ ئۇ باشقا ئە‌سكە‌رلە‌رنىڭ ياردىمىگە مۇ‌ھتاج.‏ خۇ‌ددى شۇ‌نىڭغا ئوخشاش،‏ بىزمۇ شە‌يتان ۋە ئۇ‌نىڭ تە‌رە‌پدارلىرىغا قارشى يالغۇ‌ز جە‌ڭ قىلالمايمىز.‏ بىز بۇ‌رادە‌رلىرىمىزنىڭ قوللاپ-‏قۇ‌ۋۋە‌تلىشىگە بە‌ك مۇ‌ھتاج.‏ يە‌ھۋا بىزگە ياردە‌م بېرىشكە تە‌ييار بولغان پۈتۈن دۇ‌نيادىكى ئېتىقادچى قېرىنداشلارنى بە‌رگە‌ن.‏—‏1-‏پېتر.‏ 2:‏17‏.‏

13.‏ 2-‏تىموتىي 2:‏3-‏ئايە‌تكە ئاساسلانغاندا،‏ جامائە‌ت يىغىلىشلىرىنىڭ قانداق پايدىسى بار؟‏

13 جامائە‌ت يىغىلىشلىرىغا قاتنىشىش ئارقىلىق بىز باشقىلارنىڭ قوللاپ-‏قۇ‌ۋۋە‌تلىشىگە ئېرىشىمىز ‏(‏ئىبرانىيلار 10:‏24،‏ 25-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ بە‌زىدە ھە‌ممىمىز چۈشكۈنلۈككە چۈشىمىز.‏ شۇ‌نداق ۋاقىتلاردا بىز جامائە‌ت يىغىلىشلىرىدىن ئىلھام ئالالايمىز.‏ جامائە‌تتە ئېتىقادداشلىرىمىزنىڭ سە‌مىمىي ۋە چىن يۈرە‌كتىن چىققان جاۋابلىرى بىزنى روھلاندۇ‌رىدۇ.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابقا ئاساسلانغان نۇ‌تۇ‌قلار ۋە سە‌ھنىدە كۆرسە‌تكە‌ن ئۈلگىلە‌ر بىزنى داۋاملىق يە‌ھۋا خۇ‌داغا خىزمە‌ت قىلىشقا ئۈندە‌يدۇ.‏ يىغىلىشنىڭ ئالدىدىكى ۋە كە‌ينىدىكى ئىلھام بېرىدىغان سۆھبە‌تلە‌ر بىزگە تە‌سە‌للى بېرىدۇ (‏1-‏سالونىكا.‏ 5:‏14‏)‏.‏ بۇ‌نىڭدىن تاشقىرى جامائە‌ت يىغىلىشىدا باشقىلارغا ياردە‌م بېرىش ئىمكانىيىتىمىز بار.‏ بۇ بولسا،‏ بىزنى تېخىمۇ خۇ‌شال قىلىدۇ (‏ئە‌لچى.‏ 20:‏35؛‏ رىملىقلار 1:‏11،‏ 12‏)‏.‏ جامائە‌ت يىغىلىشلىرى بىزگە يە‌نە باشقا تە‌رە‌پتىنمۇ ياردە‌م بېرىدۇ.‏ يىغىلىشلار بىزگە ۋە‌ز قىلىش ۋە تە‌لىم بېرىش ماھارىتىمىزنى تېخىمۇ ئاشۇ‌رۇ‌شقا ياردە‌م بېرىدۇ.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ تە‌لىم بېرىش قوراللىرىدىن ئۈنۈملۈكرە‌ك پايدىلىنىشنى ئۆگىنىمىز.‏ شۇ‌نىڭ ئۈچۈن،‏ جامائە‌ت يىغىلىشلىرىغا ياخشى تە‌ييارلىنىڭ.‏ يىغىلىش ۋاقتىدا پروگراممىنى دىققە‌ت قويۇ‌پ تىڭشاڭ.‏ يىغىلىشتىن كېيىن بولسا،‏ ئالغان بىلىملىرىڭىزنى ئە‌مە‌لىيە‌تتە قوللىنىڭ.‏ شۇ‌نداق قىلسىڭىز،‏ سىز ئە‌يسانىڭ ياخشى جە‌ڭچىسى بولالايسىز.‏—‏2-‏تىموت.‏ 2:‏3‏.‏

14.‏ بىزگە يە‌نە كىم ياردە‌م بېرە‌لە‌يدۇ؟‏

14 بىزنى يە‌نە مىليونلىغان قۇ‌درە‌تلىك پە‌رىشتىلە‌ر قوللاپ-‏قۇ‌ۋۋە‌تلە‌يدۇ.‏ پە‌قە‌ت بىرلا پە‌رىشتىنىڭ قانچىلىك كۈچ-‏قۇ‌درە‌تكە ئىگە ئىكە‌نلىكى ھە‌ققىدە ئويلاپ كۆرۈڭە!‏ (‏يە‌شايا 37:‏36‏)‏ ئە‌مدى بولسا،‏ پە‌رىشتىلە‌رنىڭ قۇ‌درە‌تلىك قوشۇ‌نى قانداق ئىشلارنى قىلالايدىغانلىقىنى تە‌سە‌ۋۋۇ‌ر قىلىپ كۆرۈڭ.‏ ھېچ بىر ئادە‌م ياكى جىن يە‌ھۋانىڭ قۇ‌درە‌تلىك قوشۇ‌نىنى يېڭە‌لمە‌يدۇ.‏ يە‌ھۋا ھە‌ممىگە قادىر خۇ‌دا.‏ شۇ‌ڭا،‏ ئە‌گە‌ر يە‌ھۋا بىلە‌ن بولساق،‏ دۈشمە‌نلىرىمىزنىڭ سانى قانچە بولۇ‌شىدىن قە‌تئىينە‌زە‌ر،‏ بىز ھە‌رقاچان ئۇ‌لاردىن كۈچلۈكرە‌ك بولىمىز (‏ھاكىم.‏ 6:‏16‏)‏.‏ بۇ سۆزلە‌رنىڭ ھە‌قىقە‌ت ئىكە‌نلىكىگە ھېچ گۇ‌مان قىلماڭ.‏ خىزمە‌تداشلىرىڭىز،‏ سىنىپداشلىرىڭىز ياكى گۇ‌ۋاھچى ئە‌مە‌س ئۇ‌رۇ‌ق-‏تۇ‌غقانلىرىڭىزنىڭ ئېيتقان سۆزلىرى ياكى قىلغان ئىش-‏ھە‌رىكە‌تلىرى سىزنى قورقۇ‌تسا،‏ مۇ‌شۇ مۇ‌ھىم ئوي-‏پىكىرلە‌رنى ئە‌ستە ساقلاڭ.‏ ئېسىڭىزدە بولسۇ‌ن،‏ بۇ جە‌ڭدە سىز يالغۇ‌ز ئە‌مە‌س،‏ سە‌ۋە‌بى سىز يە‌ھۋانىڭ كۆرسە‌تمىلىرىگە ئە‌مە‌ل قىلىۋاتىسىز.‏

يە‌ھۋا بىزنى داۋاملىق ھىمايە قىلىدۇ

15.‏ يە‌شايا 54:‏15،‏ 17-‏ئايە‌تكە ئاساسلانغاندا،‏ نېمە ئۈچۈن خۇ‌دا خە‌لقىنىڭ ۋە‌ز قىلىشىنى ھېچ كىم توختىتالمايدۇ؟‏

15 شە‌يتاننىڭ قول ئاستىدىكى بۇ دۇ‌نيانىڭ بىزنى ئۆچ كۆرۈشىگە نۇ‌رغۇ‌ن سە‌ۋە‌بلىرى بار.‏ بىز سىياسىي بىتە‌رە‌پلىكنى قە‌تئىي ساقلايمىز ۋە ھېچقانداق ئۇ‌رۇ‌شلارغا قاتناشمايمىز.‏ بىز خۇ‌دا ئىسىمى توغرۇ‌لۇ‌ق جاكارلايمىز،‏ خۇ‌دا پادىشاھلىقى تىنچلىقنىڭ بىردىن-‏بىر ئۈمىدى،‏ دە‌پ ۋە‌ز قىلىمىز ۋە ئۇ‌نىڭ ھە‌ققانىي ئۆلچە‌ملىرىگە بويسۇ‌نىمىز.‏ بىز بۇ دۇ‌نيانىڭ ھۆكۈمرانىنىڭ قاتىل ۋە يالغانچى ئىكە‌نلىكىنى كىشىلە‌رگە ئاشكارە قىلىمىز (‏يۇ‌ھاننا 8:‏44‏)‏.‏ بىز شە‌يتان دۇ‌نياسىنىڭ پات يېقىندا چوقۇ‌م ۋە‌يران قىلىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلىمىز.‏ بىراق،‏ شە‌يتان ۋە ئۇ‌نىڭ تە‌رە‌پدارلىرى ۋە‌ز ئىشىمىزنى ھېچقاچان توختىتالمايدۇ.‏ ئە‌كسىنچە،‏ بىز ئىمكانىيىتىمىزنىڭ بارىچە يە‌ھۋا خۇ‌دانى مە‌دھىيىلە‌شنى داۋاملاشتۇ‌رىمىز.‏ شە‌يتان قانچىلىك كۈچلۈك بولسىمۇ،‏ ئە‌مما ئۇ خۇ‌دا پادىشاھلىقى ھە‌ققىدىكى خۇ‌ش خە‌ۋە‌رنىڭ دۇ‌نيانىڭ بۇ‌لۇ‌ڭ پۇ‌شقاقلىرىغىچە ۋە‌ز قىلىنىشىنى توختىتالمىدى.‏ چۈنكى،‏ يە‌ھۋا ئۆزى بۇ ئىشنى ھىمايە قىلىدۇ‏.‏—‏يە‌شايا 54:‏15،‏ 17-‏نى ئوقۇ‌ڭ.‏

16.‏ دە‌ھشە‌تلىك بالايىئاپە‌ت مە‌زگىلىدە يە‌ھۋا ئۆز خە‌لقىنى قانداق قۇ‌تقۇ‌زىدۇ؟‏

16 پات يېقىندا قانداق ۋە‌قە‌لە‌رنىڭ يۈز بېرىشىنى كۈتۈۋاتىمىز؟‏ دە‌ھشە‌تلىك بالايىئاپە‌ت مە‌زگىلىدە،‏ يە‌ھۋا بىزنى ئىككى ئۇ‌سۇ‌ل بىلە‌ن قۇ‌تقۇ‌زىدۇ.‏ ئاۋۋال،‏ ئۇ يە‌ر يۈزىدىكى پادىشاھلارنى ساختا دىنلار ئىمپېرىيىسى بولغان بۈيۈك بابىلنى ۋە‌يران قىلىشقا قايىل قىلغان چاغدا،‏ ئۇ ئۆز سادىق خىزمە‌تچىلىرىنى قۇ‌تقۇ‌زىدۇ (‏ۋە‌ھىي.‏ 17:‏16—‏18؛‏ 18:‏2،‏ 4‏)‏.‏ كېيىن،‏ ئارماگېدون ئۇ‌رۇ‌شىدا شە‌يتان دۇ‌نياسىنىڭ قالغان قىسىملىرىنى يوق قىلغاندا،‏ ئۆز خە‌لقىنى قۇ‌تقۇ‌زىدۇ.‏—‏ۋە‌ھىي.‏ 7:‏9،‏ 10؛‏ 16:‏14،‏ 16‏.‏

17.‏ يە‌ھۋا خۇ‌دا بىلە‌ن بولغان يېقىن مۇ‌ناسىۋە‌ت بىزگە قانداق ياردە‌م بېرىدۇ؟‏

17 ئە‌گە‌ر يە‌ھۋا خۇ‌دا بىلە‌ن يېقىن مۇ‌ناسىۋە‌تتە بولساق،‏ شە‌يتان بىزگە مە‌ڭگۈ زىيان يە‌تكۈزە‌لمە‌يدۇ.‏ ئە‌كسىنچە،‏ شە‌يتاننىڭ ئۆزى مە‌ڭگۈگە يوق قىلىنىدۇ (‏رىملىقلار 16:‏20‏)‏.‏ كېلىڭلار،‏ ئۈستىمىزگە قوغدىنىش قوراللىرىنى پۈتۈنلە‌ي كىيىپ،‏ ئۇ‌لارنى يېشىۋە‌تمە‌ي داۋاملىق تە‌ييار تۇ‌رايلى!‏ شە‌يتان ۋە ئۇ‌نىڭ دۇ‌نياسىغا يالغۇ‌ز قارشى جە‌ڭ قىلىشقا ئۇ‌رۇ‌نماڭ.‏ ئېتىقادداشلىرىڭىزنى قوللاپ-‏قۇ‌ۋۋە‌تلە‌ڭ ۋە يە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ كۆرسە‌تمىلىرىگە ئە‌مە‌ل قىلىڭ.‏ ئە‌گە‌ر شۇ‌نداق قىلسىڭىز،‏ ئاسماندىكى مېھرىبان ئاتىڭىزنىڭ سىزنى كۈچلە‌ندۈرىدىغانلىقىغا ۋە ھىمايە قىلىدىغانلىقىغا ئىشە‌نچ قىلالايسىز.‏—‏يە‌شايا 41:‏10‏.‏

46-‏ناخشا يە‌ھۋا —‏ پادىشاھىمىز!‏

a مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا ۋە‌دە قىلىنغاندە‌ك،‏ يە‌ھۋا خۇ‌دا بىزنى مۇ‌ستە‌ھكە‌ملە‌يدۇ ۋە پە‌قە‌ت روھىي جە‌ھە‌تتىن ھىمايە قىلىپلا قويماي،‏ بە‌لكى ئۇ‌زاق مە‌زگىل داۋام قىلىدىغان زىيانكە‌شلىكتىن قوغدايدۇ.‏ بۇ ماقالىدە تۆۋە‌ندىكى سوئاللارغا جاۋاب تاپىمىز:‏ بىز نېمە ئۈچۈن خۇ‌دانىڭ قوغدىشىغا مۇ‌ھتاج؟‏ يە‌ھۋا بىزنى قانداق ھىمايە قىلىدۇ؟‏ ئۇ‌نىڭ ھىمايىسى ئاستىدا بولۇ‌ش ئۈچۈن بىز نېمە قىلىشىمىز كېرە‌ك؟‏