مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

10-‏تە‌تقىق ماقالىسى

بىز ھە‌ممىمىز ئۆگە‌نگۈچىلە‌رنىڭ چۆمدۈرۈلۈشتىن ئۆتۈشىگە ياردە‌م بېرە‌لە‌يمىز

بىز ھە‌ممىمىز ئۆگە‌نگۈچىلە‌رنىڭ چۆمدۈرۈلۈشتىن ئۆتۈشىگە ياردە‌م بېرە‌لە‌يمىز

‏«ھە‌ربىر ئە‌زا … پۈتۈن بە‌دە‌ننىڭ … ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ھە‌سسە قوشىدۇ».‏—‏ئە‌فە‌س.‏ 4:‏16‏.‏

21-‏ناخشا رە‌ھىمدىل بولغان بە‌ختلىك

بۇ ماقالىدە a

1،‏ 2.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ئۆگىنىۋاتقان كىشىنىڭ چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتۈشىگە كىملە‌ر ياردە‌م بېرە‌لە‌يدۇ؟‏

 فىجىدا ياشايدىغان ئېيمى ئىسىملىك قېرىنداش مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «مە‌ن مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىن ئۆگە‌نگە‌نلىرىمنى ياخشى كۆردۈم.‏ ئۆگە‌نگە‌نلىرىمنىڭ ھە‌قىقە‌ت ئىكە‌نلىكىنى بىلدىم.‏ بىراق،‏ قېرىنداشلار بىلە‌ن ئارىلاشقاندىن كېيىنلا،‏ كېرە‌كلىك ئۆزگۈرۈشلە‌رنى قىلىپ،‏ چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتتۈم».‏ ئېيمىنىڭ تە‌جرىبىسى مۇ‌ھىم بىر ھە‌قىقە‌تنى كۆرسە‌تكە‌ن:‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ئوقۇ‌غۇ‌چىسى جامائە‌تتىكىلە‌رنىڭ ياردىمىنى ئالغاندا،‏ تېخىمۇ ئالغا ئىلگىرىلە‌پ،‏ چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتۈشى مۇ‌مكىن.‏

2 جامائە‌تنىڭ ئۆسۈشىگە ھە‌ر بىر ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چى ئۆز ھە‌سسىسىنى قوشالايدۇ (‏ئە‌فە‌س.‏ 4:‏16‏)‏.‏ ۋانۇ‌ئاتۇ‌دا ياشايدىغان لېيلانى ئىسمىلىك پىدائىي ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چى مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «بالىنى چوڭ قىلىش ئۈچۈن پۈتۈن يېزا ئادە‌ملىرىنىڭ ياردىمى كېرە‌ك،‏ دېگە‌ن ماقال بار.‏ شاگىرت تە‌ييارلاش ئىشىمۇ مۇ‌شۇ‌نىڭغا ئوخشاش.‏ ئادە‌تتە بىرسىنىڭ ھە‌قىقە‌تكە كېلىشىگە پۈتۈن جامائە‌ت ياردە‌م بېرىدۇ».‏ بالىنىڭ ئۆسۈپ يېتىشىگە ئائىلە ئە‌زالىرى،‏ دوستلىرى ۋە مۇ‌ئە‌للىملىرى ئۆز ھە‌سسىسىنى قوشىدۇ.‏ ئۇ‌لار بالىنى ئىلھاملاندۇ‌رۇ‌ش ۋە ئۇ‌نىڭغا مۇ‌ھىم تە‌لىم-‏تە‌ربىيە بېرىش ئارقىلىق شۇ مە‌قسە‌تكە يېتە‌لە‌يدۇ.‏ شۇ‌نىڭغا ئوخشاش،‏ قېرىنداشلار مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ئۆگىنىۋاتقان كىشىگە مە‌سلىھە‌ت بېرىپ،‏ ئىلھاملاندۇ‌رۇ‌پ ۋە ئۇ‌لارغا ياخشى ئۈلگە كۆرسىتىپ،‏ چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتۈشىگە ياردە‌م بېرە‌لە‌يدۇ.‏—‏پە‌ند.‏ نە 15:‏22‏.‏

3.‏ ئاننا،‏ دورىن ۋە لېيلانى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ سۆزلىرىدىن نېمىنى ئۆگە‌ندىڭىز؟‏

3 نېمە ئۈچۈن مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ئۆگىنىشىنى ئۆتكۈزۈۋاتقان ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چى باشقا ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چىلارنىڭ ياردىمىنى قوبۇ‌ل قىلىشى كېرە‌ك؟‏ مولداۋىيىدە مە‌خسۇ‌س پىدائىي ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چى بولۇ‌پ خىزمە‌ت قىلىۋاتقان ئاننا ئىسىملىك قېرىنداشنىڭ سۆزلىرىگە دىققە‌ت قىلايلى:‏ «بىر ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چى ئۈچۈن ئۆگە‌نگۈچىنىڭ روھىي جە‌ھە‌تتىن ئۆسۈپ،‏ ھە‌ممە ئېھتىياجلىرىنى قانائە‌تلە‌ندۈرۈش بە‌كمۇ قىيىن».‏ شۇ دۆلە‌تتە مە‌خسۇ‌س پىدائىي ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چى بولۇ‌پ خىزمە‌ت قىلىۋاتقان دورىن ئىسىملىك قېرىنداش:‏ «ئادە‌تتە باشقا ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چىلارنىڭ مە‌ن ھېچقاچان ئويلىمىغان سۆزلىرى مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ئۆگىنىۋاتقان كىشىنىڭ يۈرىكىگە تە‌سىر قىلىشى مۇ‌مكىن»،‏—‏ دە‌پ ئېيتقان.‏ لېيلانى يە‌نە بىر سە‌ۋە‌بنى ئېيتىدۇ:‏ «قېرىنداشلارنىڭ ئۆگە‌نگۈچىگە كۆرسە‌تكە‌ن مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببىتى ۋە غە‌مخورلۇ‌قى يە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ خە‌لقى كىم ئىكە‌نلىكىنى ئېنىقلاشقا ياردە‌م بېرە‌لە‌يدۇ».‏—‏يۇ‌ھاننا 13:‏35‏.‏

4.‏ بىز بۇ ماقالىدە نېمىنى مۇ‌ھاكىمە قىلىمىز؟‏

4 بىراق،‏ سىز ئۆزىڭىزدىن:‏ «مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ئۆگىنىشنى ئۆتكۈزمىسە‌م،‏ ئۆگە‌نگۈچىگە شە‌خسە‌ن قانداق ياردە‌م بېرە‌لە‌يمە‌ن؟‏»—‏ دە‌پ سورايدىغانسىز.‏ كېلىڭلار،‏ ئە‌گە‌ر بىرسى بىزنى مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ئۆگىنىشكە چاقىرسا ۋە ئۆگە‌نگۈچى جامائە‌ت يىغىلىشلىرىغا قاتنىشىشنى باشلىسا،‏ بىز نېمە قىلالايدىغانلىقىمىزنى كۆرۈپ چىقايلى.‏ شۇ‌نىڭ بىلە‌ن بىرگە،‏ ئاقساقاللار مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ئۆگىنىۋاتقان كىشىنىڭ چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتۈشىگە قانداق ياردە‌م بېرە‌لە‌يدىغانلىقىنى كۆرىمىز.‏

باشقا ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چىنىڭ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ئۆگىنىشىگە بارغاندا

سىز مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ئۆگىنىشىگە بېرىشتىن ئاۋۋال تە‌تقىق قىلىنىدىغان ماۋزۇ‌غا ئالدىن-‏ئالا تە‌ييارلىق قىلىڭ (‏5—‏7-‏ئابزاسلارغا قاراڭ)‏

5.‏ سىزنى مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ئۆگىنىشىگە چاقىرسا،‏ نېمە قىلىشىڭىز كېرە‌ك؟‏

5 ئادە‌تتە مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ئۆگىنىشىدە،‏ ئۆگىنىۋاتقان كىشىنىڭ خۇ‌دا سۆزىنى چۈشىنىشىگە ياردە‌م بېرىشتە ئۆگە‌تكۈچى قېرىنداش جاۋابكارلىقنى ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ.‏ ئە‌گە‌ر ئۆگە‌تكۈچى سىزنى ئۆزىنىڭ ئۆگىنىشىگە چاقىرسا،‏ ئۆزىڭىزنى ياردە‌م بە‌رگۈچى دە‌پ قارىشىڭىز كېرە‌ك.‏ سىزنىڭ مە‌قسىتىڭىز ئۇ‌نى قوللاپ-‏قۇ‌ۋۋە‌تلە‌ش (‏ۋە‌ز 4:‏9،‏ 10‏)‏.‏ سىز بارغان مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ئۆگىنىشىنىڭ ئۈنۈملۈك بولۇ‌شى ئۈچۈن قانداق ھە‌سسە قوشالايسىز؟‏

6.‏ ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چىنىڭ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ئۆگىنىشىگە بارغاندا،‏ سىز پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 20:‏18-‏ئايە‌تتىكى پرىنسىپنى قانداق قوللىنالايسىز؟‏

6 مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ئۆگىنىشىگە تە‌ييارلىق قىلىڭ.‏ ئاۋۋال ئۆگە‌تكۈچىدىن ئۆگە‌نگۈچى توغرۇ‌لۇ‌ق ئازراق ئېيتىپ بېرىشنى سوراڭ ‏(‏پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 20:‏18-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ سىز ئۇ‌نىڭدىن مۇ‌نداق سورىشىڭىز مۇ‌مكىن:‏ «مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ئۆگىنىۋاتقان كىشىنىڭ كېلىپ چىقىشى قانداق؟‏ قايسى ماۋزۇ‌نى مۇ‌ھاكىمە قىلىمىز؟‏ ئۆگە‌نگۈچىنىڭ نېمىنى چۈشىنىشىنى خالايسىز؟‏ ئۆگىنىشتە نېمە ئېيتىش ياكى ئېيتماسلىق،‏ قىلىش ياكى قىلماسلىق كېرە‌ك؟‏ ئۆگە‌نگۈچىنىڭ روھىي جە‌ھە‌تتىن ئۆسۈشىگە نېمە ياردە‌م بېرە‌لە‌يدۇ؟‏» ئېنىقكى،‏ ئۆگە‌تكۈچى ئۆگە‌نگۈچىنىڭ سىرلىرىنى ئېيتمايدۇ،‏ لېكىن ئۇ ئېيتقان نە‌رسىلە‌ر پايدىلىق بولۇ‌شى مۇ‌مكىن.‏ جوي ئىسىملىك مىسسىئونېر ئۇ‌نىڭ بىلە‌ن بىللە مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ئۆگىنىشىگە بارغان قېرىنداشلارغا شۇ كىشى توغرۇ‌لۇ‌ق ئېيتىپ بېرىدۇ.‏ ئۇ مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «بۇ‌نداق مە‌لۇ‌مات شېرىكىمنىڭ ئۆگە‌نگۈچىگە قىزىقىش كۆرسىتىپ،‏ ئۆگىنىشتە ئۇ قانداق ھە‌سسىسىنى قوشالايدىغانلىقىنى بىلىشىگە ياردە‌م بېرە‌لە‌يدۇ».‏

7.‏ بىرسىنىڭ ئۆگىنىشىگە قاتناشسىڭىز،‏ نېمە ئۈچۈن ئۆگىنىشكە ئالدىن-‏ئالا تە‌ييارلىق قىلىشىڭىز كېرە‌ك؟‏

7 ئە‌گە‌ر بىرسى سىزنى ئۆگىنىشكە چاقىرسا،‏ مۇ‌ھاكىمە قىلىنىدىغان ماۋزۇ‌نى تە‌ييارلىق قىلسىڭىز ياخشى بولىدۇ (‏ئە‌زرا 7:‏10‏)‏.‏ دورىن ئىسىملىك بۇ‌رادە‌ر مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «ئە‌گە‌ر شېرىكىم ئۆگىنىشكە ئالدىن-‏ئالا تە‌ييارلىق قىلسا،‏ مە‌ن بۇ‌نى بە‌ك قە‌دىرلە‌يمە‌ن.‏ شۇ چاغدا،‏ ئۇ ئۆگىنىشتە پايدىلىق ئوي-‏پىكىرلە‌رنى ئېيتالايدۇ».‏ بۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ ئۆگە‌نگۈچى بىزنىڭ ئۆگىنىشكە تە‌ييارلىق قىلىپ كە‌لگە‌نلىكىمىزنى كۆرگە‌ندە،‏ بۇ ئۇ‌نىڭ ئۈچۈن ياخشى ئۈلگە بولىدۇ.‏ ئە‌گە‌ر ئۆگىنىشكە پۇ‌ختا تە‌ييارلىق قىلالمىسىڭىزمۇ،‏ ئاساسىي ئوي-‏پىكىرلە‌رنى تېپىش ئۈچۈن بىراز ۋاقىت چىقارسىڭىز ياخشى بولىدۇ.‏

8.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ئۆگىنىشى ۋاقتىدا،‏ دۇ‌ئايىڭىزنىڭ ئە‌ھمىيىتى بولىدىغانلىقىغا قانداق كۆز يە‌تكۈزە‌لە‌يسىز؟‏

8 دۇ‌ئا قىلىش —‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ئۆگىنىشنىڭ مۇ‌ھىم بىر قىسمى.‏ ئە‌گە‌ر ئۆگە‌تكۈچى سىزدىن دۇ‌ئا قىلىشنى سورىسا،‏ نېمە ئېيتىش ھە‌ققىدە ئالدىن-‏ئالا ئويلاپ كۆرۈڭ.‏ شۇ چاغدا،‏ دۇ‌ئايىڭىز ئە‌ھمىيە‌تلىك بولۇ‌شى مۇ‌مكىن (‏زە‌بۇ‌ر 141:‏2‏)‏.‏ ياپونىيە‌دە ياشايدىغان خانائې ئىسىملىك قېرىندىشىمىز ئۇ‌نىڭ ئۆگە‌تكۈچىسى بىلە‌ن كە‌لگە‌ن قېرىنداشنىڭ دۇ‌ئالىرىنى بۇ كە‌مگىچە ئېسىدە ساقلىغان.‏ ئۇ مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «ئۇ‌نىڭ خۇ‌دا بىلە‌ن بولغان دوستلۇ‌ق مۇ‌ناسىۋىتى بە‌ك كۈچلۈك ئىكە‌نلىكىنى ھېس قىلدىم ۋە ئۇ‌نىڭغا ئوخشاش بولغۇ‌م كە‌لدى.‏ ئۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ ئۇ دۇ‌ئادا مېنىڭ ئىسىمىمنى تىلغا ئالغاندا،‏ مە‌ن ئۆزۈمنى ياخشى كۆرۈلگە‌ندە‌ك ھېس قىلدىم».‏

9.‏ ياقۇ‌پ 1:‏19-‏ئايە‌تكە ئاساسە‌ن،‏ ئۆگىنىشتە ياخشى شېرىك بولۇ‌ش ئۈچۈن نېمە قىلالايسىز؟‏

9 ئۆگىنىشتە ئۆگە‌تكۈچىنى قوللاپ-‏قۇ‌ۋۋە‌تلە‌ڭ.‏ نىگېرىيىدە خىزمە‌ت قىلىۋاتقان ئومامۇ‌ۋوۋبى ئىسىملىك مە‌خسۇ‌س پىدائىي ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چى مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «ياخشى شېرىك ئۆگىنىش ۋاقتىدا زە‌ن قويۇ‌پ تىڭشايدۇ.‏ ئۆگىنىش ۋاقتىدا ئۆگە‌تكۈچى يېتە‌كچىلىكنى ئۆز بوينىغا ئالىدۇ،‏ شېرىك بولسا بۇ‌نى چۈشىنىپ،‏ ئارتۇ‌ق سۆز قىلماي ئۆز ھە‌سسىسىنى قوشىدۇ».‏ شۇ‌ڭا،‏ سىزگە قاچان ۋە نېمە ئېيتىش كېرە‌ك؟‏ (‏پە‌ند.‏ نە 25:‏11‏)‏ ئۆگە‌تكۈچى ئۆگە‌نگۈچى بىلە‌ن سۆزلىشىۋاتقاندا،‏ ئۇ‌لارنىڭ سۆزىنى بۆلمە‌ي،‏ دىققە‌ت قويۇ‌پ تىڭشاڭ ‏(‏ياقۇ‌پ 1:‏19-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ شۇ چاغدىلا سىز ياخشى شېرىك بولۇ‌پ ياردە‌م بېرە‌لە‌يسىز.‏ بىر نە‌رسە ئېيتىشتىن ئاۋۋال ئويلىشىڭىز كېرە‌ك.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ كۆپ سۆزلە‌شنى،‏ ئۆگە‌تكۈچىنىڭ سۆزىنى بۆلۈشنى ياكى باشقا مە‌زمۇ‌نغا ئۆتۈشنى خالىمايسىز.‏ ئە‌مما،‏ ئورۇ‌نلۇ‌ق ئوي-‏پىكىر،‏ رە‌سىم ۋە سوئال ئارقىلىق مە‌زمۇ‌ننى ئېنىقراق چۈشە‌ندۈرۈپ بېرە‌لە‌يسىز.‏ بە‌زى ۋاقىتلاردا ئۆزىڭىزنى ئۆگىنىشكە كۆپ ھە‌سسە قوشالمايدىغاندە‌ك ھېس قىلىشىڭىز مۇ‌مكىن.‏ بىراق،‏ ئۆگە‌نگۈچىنى ماختىسىڭىز،‏ ئۇ‌نىڭغا شە‌خسىي قىزىقىش كۆرسە‌تسىڭىز،‏ ئۇ‌نىڭ روھىي جە‌ھە‌تتىن ئۆسۈشىگە كۆپ ياردە‌م بېرە‌لە‌يسىز.‏

10.‏ كە‌چۈرمىشلىرىڭىز مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ئۆگىنىۋاتقان كىشىگە قانداق ياردە‌م بېرە‌لە‌يدۇ؟‏

10 ئۆز كە‌چۈرمىشلىرىڭىز توغرۇ‌لۇ‌ق ئېيتىپ بېرىڭ.‏ ئە‌گە‌ر مۇ‌ۋاپىق كۆرسىڭىز،‏ سىز ئۆگە‌نگۈچىگە ھە‌قىقە‌تكە قانداق كە‌لگە‌نلىكىڭىزنى،‏ قىيىنچىلىقلارنى قانداق باشتىن ئۆتكۈزگە‌نلىكىڭىزنى ۋە ھاياتىڭىزدا يە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ قانداق ياردە‌م بە‌رگە‌نلىكىنى ئېيتىپ بە‌رسىڭىز بولىدۇ (‏زە‌بۇ‌ر 78:‏4،‏ 7‏)‏.‏ سىزنىڭ باشتىن كە‌چۈرگە‌نلىرىڭىز،‏ دە‌ل ئۇ‌نىڭ ئاڭلىشى كېرە‌ك بولغان نە‌رسە بولۇ‌شى مۇ‌مكىن.‏ بە‌لكىم،‏ بۇ ئۇ‌نىڭ ئىشە‌نچىسىنى كۈچە‌يتىشى ياكى ئۇ‌نى چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتۈشكە دە‌ۋە‌ت قىلىدۇ ۋە ياكى كە‌چۈرمىشلىرىڭىز ئۇ‌نىڭغا دۇ‌چ كېلىۋاتقان سىناقلارنى قانداق يېڭە‌لە‌يدىغانلىقىنى كۆرسىتىشى مۇ‌مكىن (‏1-‏پېتر.‏ 5:‏9‏)‏.‏ برازىلىيىدە ياشاۋاتقان گابرىئېل ئىسىملىك پىدائىي ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چى مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ئۆگىنىشتىن قانداق پايدا ئالغانلىقىنى ئېسىگە ئالىدۇ.‏ ئۇ مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «مە‌ن قېرىنداشلارنىڭ باشتىن ئۆتكۈزگە‌ن كە‌چۈرمىشلىرىنى ئاڭلىغاندا،‏ يە‌ھۋانىڭ بىز دۇ‌چ كە‌لگە‌ن قىيىنچىلىقلارنى بىلىدىغانلىقىنى چۈشە‌ندىم.‏ ئە‌گە‌ر قېرىنداشلار قىيىنچىلىقلارنى يە‌ڭگە‌ن بولسا،‏ مە‌نمۇ شۇ‌نداق قىلالايمە‌ن».‏

ئۆگە‌نگۈچى جامائە‌تكە كە‌لگە‌ندە

بىز ھە‌ممىمىز ئۆگە‌نگۈچىلە‌رنى جامائە‌ت يىغىلىشىغا قاتنىشىشقا دە‌ۋە‌ت قىلالايمىز (‏11-‏ئابزاسقا قاراڭ)‏

11،‏ 12.‏ نېمە ئۈچۈن يىغىلىشلارغا كېلىۋاتقان ئۆگە‌نگۈچىنى قىزغىن قارشى ئېلىشىمىز كېرە‌ك؟‏

11 ئۆگە‌نگۈچى چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتۈشى ئۈچۈن،‏ ئۇ دائىم جامائە‌ت يىغىلىشلىرىغا كېلىپ،‏ ئۇ‌لاردىن پايدا ئېلىشى كېرە‌ك (‏ئىبرانىي.‏ 10:‏24،‏ 25‏)‏.‏ ئادە‌تتە ئۆگە‌تكۈچى ئۇ‌نى بىرىنچى قېتىم يىغىلىشقا چاقىرىدۇ.‏ ئۇ ئىبادە‌تكە قاتنىشىشقا باشلىغاندا،‏ ھە‌ممىمىز ئۇ‌نى داۋاملىق كېلىشكە دە‌ۋە‌ت قىلالايمىز.‏ بۇ‌نى قانداق قىلساق بولىدۇ؟‏

12 ئۆگە‌نگۈچىنى قىزغىن قارشى ئېلىڭ (‏رىملىقلار 15:‏7‏)‏.‏ ئە‌گە‌ر ئۆگە‌نگۈچىنى قىزغىن قارشى ئالساق،‏ ئۇ ئىبادە‌تكە قاتنىشىشقا كېلىشنى خالايدىغان بولىدۇ.‏ ئۇ‌نى خىجالە‌تتە قالدۇ‌رماي،‏ ئىللىق چىراي بىلە‌ن قارشى ئېلىپ،‏ باشقىلار بىلە‌ن تونۇ‌شتۇ‌رۇ‌ڭ.‏ ئۇ‌نىڭغا باشقا بىرسى غە‌مخورلۇ‌ق قىلىۋاتىدۇ،‏ دە‌پ ئويلىماڭ.‏ ئۇ‌نى ئۆگىتىۋاتقان ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چى يىغىلىشقا كېچىكىپ قېلىشى مۇ‌مكىن ياكى ئۇ‌نىڭ باشقا ۋە‌زىپىلىرى بولۇ‌شى مۇ‌مكىن.‏ ئۆگە‌نگۈچىنىڭ ئېيتقانلىرىنى كۆڭۈل قويۇ‌پ تىڭشاڭ ۋە ئۇ‌نىڭغا شە‌خسىي قىزىقىشنى كۆرسىتىڭ.‏ سىزنىڭ ئۇ‌نى ئىللىق قارشى ئېلىشىڭىز ئۇ‌نىڭغا قانداق تە‌سىر قىلالايدۇ؟‏ بىرنە‌چچە يىل بۇ‌رۇ‌ن چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتكە‌ن ۋە ھازىر خىزمە‌ت ياردە‌مچىسى ۋە‌زىپىسىنى قىلىۋاتقان دىمىترىي ئىسىملىك قېرىنداشنىڭ كە‌چۈرمىشلىرىگە دىققە‌ت قىلىپ باقايلى.‏ بىرىنچى قېتىم يىغىلىشقا كە‌لگە‌نلىكىنى ئېسىگە ئېلىپ،‏ ئۇ مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «بىر بۇ‌رادە‌ر مېنىڭ ئىبادە‌ت زالى ئالدىدا ئە‌نسىرە‌پ تۇ‌رغانلىقىمنى كۆرۈپ،‏ مېھرىبانلىق بىلە‌ن مېنى ئىبادە‌ت ئۆينىڭ ئىچىگە كىرىشكە تە‌كلىپ قىلدى.‏ نۇ‌رغۇ‌نلىرى ئالدىمغا سالاملىشىش ئۈچۈن چىقتى.‏ مە‌ن ھە‌يران بولۇ‌پ قالدىم.‏ ماڭا يىغىلىشلار شۇ‌نچىلىك يېقىپ قالدىكى،‏ ھە‌تتا ھە‌ر كۈنى شۇ‌نداق يىغىلىشلارنىڭ ئۆتۈشىنى خالىدىم.‏ مە‌ن باشقا ھېچ يە‌ردە ھېس قىلمىغان نە‌رسىنى ھېس قىلدىم».‏

13.‏ سىزنىڭ يۈرۈش-‏تۇ‌رۇ‌شىڭىز مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ئۆگىنىۋاتقان كىشىگە قانداق تە‌سىر قىلالايدۇ؟‏

13 ياخشى ئۈلگە كۆرسىتىڭ.‏ سىزنىڭ يۈرۈش-‏تۇ‌رۇ‌شىڭىز مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ئۆگىنىۋاتقان كىشىنىڭ ھە‌قىقە‌تنى تاپقانلىقىغا كۆز يە‌تكۈزۈشىگە ياردە‌م بېرە‌لە‌يدۇ (‏مە‌تتا 5:‏16‏)‏.‏ مولداۋىيىدە خىزمە‌ت قىلىۋاتقان ۋىتالىي ئىسىملىك پىدائىي ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چى مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «مە‌ن جامائە‌تتىكى قېرىنداشلارنىڭ قانداق تۇ‌رمۇ‌ش كە‌چۈرۈۋاتقانلىقىنى،‏ ئوي-‏پىكىر يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى ۋە قانداق ئىش-‏ھە‌رىكە‌تلە‌ردە بولۇ‌ۋاتقانلىقىنى كۆردۈم.‏ بۇ مېنى يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرى خۇ‌دانىڭ ھە‌قىقىي خىزمە‌تچىلىرى ئىكە‌نلىكىگە ئىشە‌ندۈردى».‏

14.‏ سىزنىڭ ئۈلگىڭىز باشقىلارنىڭ روھىي جە‌ھە‌تتىن ئۆسۈشىگە قانداق ياردە‌م بېرە‌لە‌يدۇ؟‏

14 ئۆگە‌نگۈچى چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتۈشى ئۈچۈن ئۇ بىلگە‌نلىرىنى ئە‌مە‌لىيە‌تتە قوللىنىشى كېرە‌ك.‏ بۇ‌نى قىلىش ھە‌ردائىم ئاسانغا چۈشمە‌يدۇ.‏ ئە‌مما،‏ ئۆگە‌نگۈچى سىزنىڭ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب پرىنسىپلىرىغا ئە‌مە‌ل قىلىشتىن قانداق پايدا ئالىدىغانلىقىڭىزنى بايقىغاندا،‏ ئۇ سىزنى ئۈلگە قىلىشنى خالايدۇ (‏1-‏كورىنت.‏ 11:‏1‏)‏.‏ يۇ‌قىرىدا تىلغا ئېلىنغان خانائېنىڭ كە‌چۈرمىشلىرىگە دىققە‌ت قىلايلى.‏ ئۇ مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «مە‌ن قېرىنداشلارنىڭ قىلىۋاتقان ئىشلىرىدىن ئۈلگە ئېلىپ،‏ قانداق ئىلھام بېرە‌لە‌يدىغانلىقىمنى،‏ كە‌چۈرۈمچان بولالايدىغانلىقىمنى ۋە مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت كۆرسىتە‌لە‌يدىغانلىقىمنى كۆردۈم.‏ ئۇ‌لار باشقىلار توغرۇ‌لۇ‌ق ھە‌رقاچان ياخشى نە‌رسىلە‌رنى ئېيتاتتى.‏ مە‌ن ئۇ‌لاردىن ئۈلگە ئېلىشنى خالىدىم».‏

15.‏ پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 27:‏17-‏ئايە‌ت‏،‏ جامائە‌ت يىغىلىشلىرىغا داۋاملىق قاتنىشىۋاتقان ئۆگە‌نگۈچى بىلە‌ن دوست بولۇ‌ش كېرە‌كلىكىنى چۈشىنىشكە قانداق ياردە‌م بېرە‌لە‌يدۇ؟‏

15 ئۆگە‌نگۈچى بىلە‌ن دوست بولۇ‌ڭ.‏ ئۆگە‌نگۈچى جامائە‌ت يىغىلىشلىرىغا قاتناشقانسېرى،‏ ئۇ‌نىڭغا داۋاملىق قىزىقىشىڭىزنى كۆرسىتىڭ (‏فىلىپى.‏ 2:‏4‏)‏.‏ ئۇ‌نىڭ بىلە‌ن يېقىنراق تونۇ‌شۇ‌شقا تىرىشىڭ.‏ ئۇ‌نىڭ قىلغان ئۆزگۈرۈشلىرىنى كۆرۈپ خۇ‌شال بولغانلىقىڭىزنى ئېيتسىڭىز بولىدۇ.‏ يە‌نە ئۇ‌نىڭدىن ئۇ‌نىڭ ئائىلىسى،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ئۆگىنىشى ۋە قە‌يە‌ردە ئىشلە‌ۋاتقانلىقى ھە‌ققىدە سورىسىڭىز بولىدۇ.‏ بىراق،‏ ئۇ‌نى خىجالە‌تتە قالدۇ‌رىدىغان سوئاللارنى سورىماڭ.‏ شۇ‌نداق قىلسىڭىز،‏ بىر-‏بىرىڭلارغا يېقىنراق بولىسىلە‌ر.‏ ئۆگە‌نگۈچى بىلە‌ن دوست بولسىڭىز،‏ ئۇ‌نىڭ چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتۈشىگە ياردە‌م بېرە‌لە‌يسىز ‏(‏پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 27:‏17-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ خانائې ھازىر پىدائىي ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چى بولۇ‌پ خىزمە‌ت قىلىۋاتىدۇ.‏ ئۇ جامائە‌ت يىغىلىشىغا بىرىنچى قېتىم كە‌لگە‌ن ۋاقتىنى ئېسىگە ئېلىپ مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «مە‌ن جامائە‌تتە دوستلارنى تاپقاندا،‏ جامائە‌ت يىغىلىشلىرىنى تاقە‌تسىزلىك بىلە‌ن كۈتكە‌ن ۋە ھە‌تتا شۇ‌نچىلىك ھېرىپ كە‌تسە‌ممۇ،‏ ئۇ‌لارغا باراتتىم.‏ مە‌ن يېڭى دوستلار بىلە‌ن ئارىلىشىشنى ياخشى كۆرە‌تتىم ۋە بۇ خۇ‌داغا خىزمە‌ت قىلمايدىغان دوستلار بىلە‌ن ئارىلىشىشنى توختىتىشىمغا ياردە‌م بە‌ردى.‏ مە‌ن يە‌ھۋا خۇ‌دا ۋە قېرىنداشلىرىمغا تېخىمۇ يېقىنراق بولۇ‌شنى خالىدىم.‏ شۇ‌ڭا مە‌ن چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتۈشنى قارار قىلدىم».‏

16.‏ ئۆگە‌نگۈچى جامائە‌تتە ئۆزىنى ياخشى ھېس قىلىشى ئۈچۈن سىز يە‌نە نېمە قىلالايسىز؟‏

16 ئۆگە‌نگۈچى روھىي جە‌ھە‌تتىن ئۆسكە‌نسېرى،‏ ئۇ‌نىڭ ئۆزىنى جامائە‌تنىڭ ئە‌زاسىدە‌ك ھېس قىلىشىغا ياردە‌م بېرىڭ.‏ بۇ‌نى مېھماندوست بولۇ‌ش ئارقىلىق قىلالايسىز (‏ئىبرانىي.‏ 13:‏2‏)‏.‏ مولداۋىيىدە خىزمە‌ت قىلىۋاتقان دېنىس ئىسىملىك بۇ‌رادە‌ر ئۆگە‌نگە‌ن ۋاقتىنى ئېسىگە ئېلىپ مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «ئايالىم ئىككىمىزنى بىرنە‌چچە قېتىم قېرىنداشلار بىلە‌ن ئارىلىشىشقا چاقىردى.‏ بىز يە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ ئۇ‌لارغا قانداق ياردە‌م بە‌رگە‌نلىكىنى ئاڭلىدۇ‌ق.‏ شۇ بىزگە ئىلھام بە‌ردى.‏ شۇ‌نداق ئارىلىشىپ ئۆتۈش بىزنى يە‌ھۋاغا خىزمە‌ت قىلىشقا دە‌ۋە‌ت قىلىدى ۋە ئە‌گە‌ر شۇ‌نداق قىلساق،‏ ئاجايىپ ھايات كە‌چۈرە‌لە‌يدىغانلىقىمىزغا كۆز يە‌تكۈزۈشىمىزگە ياردە‌م بە‌ردى».‏ ئۆگە‌نگۈچى ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چى بولغاندا،‏ ئۇ‌نى ۋە‌ز خىزمە‌تكە چىقىشقا چاقىرسىڭىز بولىدۇ.‏ برازىلىيىدە ياشايدىغان دىئاگو ئىسىملىك ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چى مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «نۇ‌رغۇ‌ن قېرىنداشلار مېنى ۋە‌ز خىزمىتىگە چاقىراتتى.‏ بۇ بولسا،‏ ئۇ‌لار بىلە‌ن يېقىنراق تونۇ‌شۇ‌شنىڭ ئە‌ڭ ياخشى ئۇ‌سۇ‌لى بولغان.‏ شۇ‌نداق قىلىپ،‏ مە‌ن يە‌ھۋا خۇ‌دا ۋە ئە‌يسا مە‌سىھ ھە‌ققىدە كۆپرە‌ك نە‌رسىلە‌رنى بىلدىم ۋە ئۇ‌لارغا تېخىمۇ يېقىن بولغانلىقىمنى ھېس قىلدىم».‏

ئاقساقاللار قانداق ياردە‌م بېرە‌لە‌يدۇ؟‏

ئاقساقاللار،‏ سىلە‌رنىڭ ئۆگە‌نگۈچىلە‌رگە سە‌مىمىي قىزىقىش كۆرسىتىشىڭلار ئۇ‌لارنىڭ روھىي جە‌ھە‌تتىن ئۆسۈشىگە ياردە‌م بېرە‌لە‌يدۇ (‏17-‏ئابزاسقا قاراڭ)‏

17.‏ ئاقساقاللار مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ئۆگىنىۋاتقان ئادە‌ملە‌رگە قانداق ياردە‌م بېرە‌لە‌يدۇ؟‏

17 ئۆگە‌نگۈچىلە‌ر ئۈچۈن ۋاقتىڭىزنى چىقىرىڭ.‏ ئاقساقاللار،‏ سىلە‌رنىڭ ئۆگە‌نگۈچىلە‌رگە بولغان سە‌مىمىي قىزىقىشىڭلار،‏ ئۇ‌لارنىڭ چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتۈشىگە ياردە‌م بېرە‌لە‌يدۇ.‏ جامائە‌ت يىغىلىشلىرىدا ئۇ‌لار بىلە‌ن پات-‏پات پاراڭلىشىپ تۇ‌رامسىز؟‏ ئە‌گە‌ر ئۇ‌لار يىغىلىشلاردا جاۋاب بېرىشكە باشلىغاندا،‏ سىلە‌ر ئۇ‌لارنىڭ ئىسىمىنى ئاتىساڭلار،‏ ئۇ‌لار سە‌مىمىي كۆڭۈل بۆلگىنىڭلارنى ھېس قىلالايدۇ.‏ ئە‌گە‌ر ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چى سىلە‌رنى ئۆگىنىشكە چاقىرسا،‏ ئۇ‌نىڭ بىلە‌ن بېرىش ئۈچۈن ۋاقىت تاپالامسىلە‌ر؟‏ بە‌لكىم،‏ سىلە‌ر ئويلىغاندىنمۇ كۆپرە‌ك ئۇ‌لارغا ياردە‌م بېرە‌يسىلە‌ر.‏ نىگېرىيىدە ياشايدىغان جېكى ئىسىملىك پىدائىي ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چى مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «كۆپلىگە‌ن ئۆگە‌نگۈچىلە‌ر مېنىڭ بىلە‌ن بارغان بۇ‌رادە‌رنىڭ ئاقساقال ئىكە‌نلىكىنى بىلگە‌ندە ھە‌يران قالغان.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ئۆگىنىۋاتقان بىر ئە‌ر كىشى مۇ‌نداق دېگە‌ن:‏ ‹بىزنىڭ دىنىي يېتە‌كچىمىز مېنى ھېچقاچان يوقلاپ كە‌لمىگە‌ن.‏ ئۇ پە‌قە‌ت پۇ‌ل تۆلىگە‌ن باي كىشىلە‌رگىلا باراتتى›».‏ مانا ئە‌مدى بۇ ئۆگە‌نگۈچى جامائە‌ت يىغىلىشلىرىغا بارىدىغان بولدى.‏

18.‏ ئە‌لچىلە‌ر 20:‏28-‏ئايە‌تتە يېزىلغاندە‌ك،‏ ئاقساقاللار ئۆز ۋە‌زىپىلىرىنى قانداق ئورۇ‌نلىيالايدۇ؟‏

18 ئۆگە‌تگۈچىلە‌رنى ئۆگىتىپ،‏ ئۇ‌لارنى قوللاپ-‏قۇ‌ۋۋە‌تلە‌ڭ.‏ ئاقساقاللار،‏ سىلە‌رگە ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چىلارنىڭ ۋە‌ز خىزمە‌تتە ۋە مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب تە‌تقىق ئۆگىنىشىنى ئۆتكۈزۈشتە ماھىر بولۇ‌شىغا ياردە‌م بېرىش ۋە‌زىپىسى تاپشۇ‌رۇ‌لغان ‏(‏ئە‌لچىلە‌ر 20:‏28-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ ئە‌گە‌ر ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چى سىزنىڭ ئالدىڭىزدا مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ئۆگىنىشىنى ئۆتكۈزۈشتىن ئۇ‌يالسا،‏ ئۇ‌نىڭدىن مۇ‌شۇ ئۆگىنىشنى ئۆتكۈزۈشنى سوراڭ.‏ يۇ‌قىرىدا تىلغا ئېلىنغان جېكى مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «ئاقساقاللار ئۆگە‌نگۈچىلىرىم ھە‌ققىدە دائىم سوراپ تۇ‌رىدۇ.‏ مە‌ن مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ئۆگىنىشىنى ئۆتكۈزۈۋاتقاندا،‏ قىيىن مە‌سىلىلە‌رگە دۇ‌چ كە‌لسە‌م،‏ ئاقساقاللار ماڭا پايدىلىق مە‌سلىھە‌تلە‌رنى بېرىدۇ».‏ ئاقساقاللار مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ئۆگىنىشىنى ئۆتكۈزۈۋاتقانلارنى ئىلھاملاندۇ‌رۇ‌ش ئۈچۈن كۆپ ئىشلارنى قىلالايدۇ (‏1-‏سالونىكا.‏ 5:‏11‏)‏.‏ جېكى يە‌نە مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «ئاقساقاللار مېنى ئىلھاملاندۇ‌رۇ‌پ،‏ مېنىڭ ئە‌مگىكىمنى قە‌دىرلە‌يدىغانلىقىنى ئېيتقاندا،‏ مە‌ن خۇ‌شال بولىمە‌ن.‏ بۇ‌نداق سۆزلە‌ر ماڭا ھاۋا ئىسسىق كۈندە ئىچكە‌ن بىر چىنە سوغاق سۇ‌دە‌ك ئىلھام بېرىدۇ.‏ ئۇ‌لارنىڭ مىننە‌تدارلىقى ئۆزۈمگە بولغان ئىشە‌نچىمنى ۋە مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ئۆگىنىشى ئۆتكۈزۈشتىن تاپقان خۇ‌شاللىقىمنى ئاشۇ‌رىدۇ».‏—‏پە‌ند.‏ نە 25:‏25‏.‏

19.‏ ھە‌ممىمىز قانداق خۇ‌شاللىققا ئېرىشە‌لە‌يمىز؟‏

19 ھە‌تتا بىرسى بىلە‌ن مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب تە‌تقىق ئۆگىنىشىنى ئۆتكۈزمىسە‌كمۇ،‏ بىراق ئۇ‌نىڭ روھىي جە‌ھە‌تتىن ئۆسۈشىگە ياردە‌م بېرە‌لە‌يمىز.‏ ئۆگىنىشتە كۆپ سۆزلىمە‌ي،‏ ياخشى تە‌ييارلاپ كە‌لگە‌ن جاۋابلىرىمىز بىلە‌ن ئۆگە‌تكۈچىنى قوللاپ-‏قۇ‌ۋۋە‌تلىيە‌لە‌يمىز.‏ ئۆگە‌نگۈچىلە‌ر ئىبادە‌تكە قاتنىشىشقا كە‌لگە‌ندە،‏ بىز ئۇ‌لار بىلە‌ن دوست بولۇ‌پ،‏ ئۇ‌لارغا ياخشى ئۈلگە كۆرسىتە‌لە‌يمىز.‏ ئاقساقاللار ئۆگە‌نگۈچىلە‌ر ئۈچۈن ۋاقتىنى چىقىرىش،‏ ئۆگە‌تكۈچىلە‌رگە بولسا ماختاش سۆزلىرىنى قىلىش ئارقىلىق ئىلھام بېرە‌لە‌يدۇ.‏ ھە‌قىقە‌تە‌ن،‏ باشقىلارنىڭ يە‌ھۋانى ياخشى كۆرۈپ،‏ ئۇ‌نىڭغا خىزمە‌ت قىلىشىغا ئازغىنە بولسىمۇ ياردە‌م قىلالىساق،‏ بۇ‌نىڭدىن بە‌كمۇ خۇ‌شال بولىمىز،‏ شۇ‌نداق ئە‌مە‌سمۇ؟‏!‏

139-‏ناخشا ئۇ‌لارنى چىڭ تۇ‌رۇ‌شقا ئۆگە‌تكىن

a بە‌لكىم،‏ ھازىر بە‌زى بىرلىرىمىز مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ئۆگىنىشى ئۆتكۈزمە‌يمىز.‏ ئە‌مما،‏ بىز باشقىلارنىڭ ئۆزىنى خۇ‌داغا بېغىشلاپ،‏ چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتۈشىگە ياردە‌م بېرە‌لە‌يمىز.‏ مۇ‌شۇ ماقالىدە،‏ باشقىلارغا مۇ‌شۇ مە‌قسە‌تكە يېتىشكە قانداق ياردە‌م بېرە‌لە‌يدىغانلىقىمىزنى كۆرۈپ چىقىمىز.‏