مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

22-‏تە‌تقىق ماقالىسى

مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ئۆگە‌نگۈچىلە‌رنىڭ چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتۈشىگە ياردە‌م بېرىڭ

مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ئۆگە‌نگۈچىلە‌رنىڭ چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتۈشىگە ياردە‌م بېرىڭ

‏«ھە‌ر بىرىڭلار … سۇ‌غا چۆمۈلدۈرۈلۈڭلار».‏—‏ئە‌لچى.‏ 2:‏38‏.‏

10-‏ناخشا ‏«مانا مە‌ن،‏ ئە‌ۋە‌ت مېنى!‏»‏

بۇ ماقالىدە a

1.‏ بىرىنچى ئە‌سىردە،‏ ئە‌يسانىڭ شاگىرتلىرى يېرۇ‌سالىمغا كە‌لگە‌ن تۈرلۈك مە‌ملىكە‌ت كىشىلىرىگە نېمە دېگە‌ن؟‏

 نۇ‌رغۇ‌ن دۆلە‌تلە‌ردىن كە‌لگە‌ن،‏ ھە‌رخىل تىللاردا سۆزلە‌يدىغان ئادە‌ملە‌ر يېرۇ‌سالىمدا توپلانغان ئىدى.‏ شۇ كۈنى ھە‌يران قالارلىق ئىش يۈز بە‌رگە‌ن.‏ بىر توپ ئاددىي يە‌ھۇ‌دىيلار يېرۇ‌سالىمغا كە‌لگە‌ن تۈرلۈك مە‌ملىكە‌ت كىشىلىرىنىڭ تىللىرىدا سۆزلە‌شكە باشلىغان ئىدى.‏ يە‌ھۇ‌دىيلارنىڭ سۆزلىرى شۇ ئادە‌ملە‌رنى ھە‌يران قالدۇ‌رغان،‏ ئە‌مما پېترۇ‌سنىڭ سۆزلىرى تېخىمۇ ھە‌يران قالارلىق ئىدى.‏ ئۇ‌لار ئە‌يسا مە‌سىھكە ئىشە‌نچ باغلاش ئارقىلىق قۇ‌تقۇ‌زۇ‌لۇ‌شقا ئېرىشە‌لە‌يدىغانلىقىنى ئاڭلىغان.‏ پېترۇ‌س ئېيتقان شۇ سۆزلە‌ر ئۇ‌لارغا قاتتىق تە‌سىر قىلغاچ،‏ ئۇ‌لار ھاياجانلىنىپ مۇ‌نداق سورىغان:‏ «بىز نېمە قىلىشىمىز كېرە‌ك؟‏».‏ پېترۇ‌س ئۇ‌لارغا:‏ «ھە‌ر بىرىڭلار … سۇ‌غا چۆمۈلدۈرۈلۈڭلار»،‏—‏ دېگە‌ن.‏—‏ئە‌لچى.‏ 2:‏37،‏ 38‏.‏

بىر بۇ‌رادە‌ر ئايالى بىلە‌ن بىرلىكتە بىر ياش يىگىت بىلە‌ن «مە‌ڭگۈ شاد-‏خۇ‌رام ياشاڭ!‏»،‏ دېگە‌ن كىتابنىڭ باسما نە‌شىرىنى ئىشلىتىپ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى تە‌تقىق قىلىۋاتىدۇ (‏2-‏ئابزاسىغا قاراڭ)‏

2.‏ بۇ ماقالىدە،‏ نېمىنى كۆرۈپ چىقىمىز؟‏ (‏مۇ‌قاۋىدىكى رە‌سىمگە قاراڭ)‏

2 تېخىمۇ ھە‌يران قالارلىق بىر ئىش يۈز بېرىپ،‏ تە‌خمىنە‌ن 3000 چە كىشى شۇ كۈنى چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتۈپ،‏ ئە‌يسانىڭ شاگىرتى بولغان.‏ بۇ ئە‌يسانىڭ ئۆز شاگىرتلىرىغا بۇ‌يرۇ‌غان شاگىرت تە‌ييارلاش ئىشىنىڭ ئە‌ڭ چوڭ باشلىنىشى بولغان.‏ شۇ ئىش 21-‏ئە‌سىر،‏ يە‌نى بىزنىڭ كۈنىمىزگىمۇ يېتىپ كە‌لدى.‏ بىز كىشىگە بىرقانچە سائە‌ت سۆزلە‌پلا،‏ ئۇ‌نى سۇ‌غا چۆمۈلدۈرۈلۈشكە تە‌ييار قىلالمايمىز.‏ بىر كىشىگە چۆمۈلدۈرۈشتىن ئۆتۈش ئۈچۈن بىرنە‌چچە ئاي،‏ ھە‌تتا بىر يىل ياكى كۆپرە‌ك ۋاقىت كېتىشى مۇ‌مكىن.‏ شاگىرتلارنى تە‌ييارلاش ئىشى كۆپ تىرىشچانلىقنى تە‌لە‌پ قىلىدۇ.‏ ئە‌گە‌ر ھازىر سىز بىرسى بىلە‌ن مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ئۆگىنىۋاتقان بولسىڭىز،‏ بۇ‌نى ياخشى بىلىسىز.‏ بۇ ماقالىدە،‏ سىز بىلە‌ن ئۆگىنىۋاتقان كىشىنىڭ چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتۈشىگە قانداق ياردە‌م بېرە‌لە‌يدىغانلىقىڭىزنى كۆرۈپ چىقىمىز.‏

ئۆگە‌نگە‌نلىرىنى ئە‌مە‌لىي قوللىنىشىغا ياردە‌م بېرىڭ

3.‏ مە‌تتا 28:‏19،‏ 20-‏ئايە‌تلە‌ردە كۆرسىتىلگە‌ندە‌ك،‏ ئۆگە‌نگۈچى چۆمدۈرۈلۈشتىن ئۆتۈش ئۈچۈن چوقۇ‌م نېمە قىلىشى كېرە‌ك؟‏

3 سۇ‌غا چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئاۋۋال،‏ ئۆگە‌نگۈچى ئۆزى ئۆگە‌نگە‌ن ھە‌قىقە‌تلە‌رنى ھاياتىدا ئە‌مە‌لىي قوللىنىشى كېرە‌ك ‏(‏مە‌تتا 28:‏19،‏ 20-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ كىشى ئۆگە‌نگە‌نلىرىنى ئە‌مە‌لىي قوللانسا،‏ ئە‌يسانىڭ تە‌مسىلىدىكى ئۇ‌لىنى چوڭقۇ‌ر قېزىپ،‏ تاش ئۈستىگە ئۆي سالغان ئە‌قىللىق كىشىگە ئوخشايدۇ (‏مە‌تتا 7:‏24،‏ 25؛‏ لۇ‌قا 6:‏47،‏ 48‏)‏.‏ بىز ئۆگىنىۋاتقان كىشىنىڭ ئۆگە‌نگە‌نلىرىنى ھاياتىدا ئە‌مە‌لىي قوللىنىشىغا قانداق ياردە‌م بېرە‌لە‌يمىز؟‏ تۆۋە‌ندىكى ئۈچ مە‌سلىھە‌تنى كۆرۈپ چىقايلى.‏

4.‏ ئۆگە‌نگۈچىنىڭ چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتۈش مە‌قسىتىگە يېتىش ئۈچۈن داۋاملىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىگە قانداق ياردە‌م بېرە‌لە‌يمىز؟‏ (‏«‏ ئۆگە‌نگۈچىنىڭ مە‌قسە‌تلە‌رنى قويۇ‌شىغا ۋە ئۇ‌لارغا يېتىشىگە ياردە‌م بېرىڭ‏»،‏ دېگە‌ن رامكىغا قاراڭ)‏

4 ئۆگە‌نگۈچىنىڭ مە‌قسە‌تلە‌رنى قويۇ‌شىغا ياردە‌م بېرىڭ.‏ نېمە ئۈچۈن شۇ‌نداق قىلىشىڭىز كېرە‌ك؟‏ مۇ‌نداق بىر مىسالنى كە‌لتۈرە‌يلى.‏ ئە‌گە‌ر سىز ئۇ‌زۇ‌ن سە‌پە‌رگە ئاتلانسىڭىز،‏ بىرقانچە يە‌ردە توختاپ،‏ چىرايلىق جايلارغا نە‌زە‌ر سېلىشىڭىز مۇ‌مكىن.‏ شۇ چاغدا،‏ شۇ ئۇ‌زۇ‌ن سە‌پىرىڭىزدە ھارغىنلىقنى ھېس قىلمايسىز.‏ خۇ‌ددى شۇ‌نىڭغا ئوخشاش،‏ ئۆگە‌نگۈچى قىسقا ۋاقىتتا يېتە‌لە‌يدىغان مە‌قسە‌تلە‌رنى قويسا،‏ چۆمۈلدۈرۈلۈش مە‌قسىتىگە يېتە‌لە‌يدىغانلىقىنى ھېس قىلالايدۇ.‏ ئۆگە‌نگۈچىنىڭ چۆمۈلدۈرۈلۈش مە‌قسىتىگە يېتىشىگە ياردە‌م بېرىش ئۈچۈن،‏ «مە‌ڭگۈ شاد-‏خۇ‌رام ياشاڭ!‏»،‏ دېگە‌ن كىتابنىڭ،‏ «يە‌تمە‌كچى بولغان مە‌قسە‌ت» دېگە‌ن رامكىسىنى ئىشلىتىڭ.‏ ھە‌ر بىر دە‌رسنىڭ ئاخىرىدا ئۆگىنىۋاتقان كىشى بىلە‌ن ئۆگە‌نگە‌نلىرىنىڭ يە‌تمە‌كچى بولغان مە‌قسە‌تلىرى بىلە‌ن قانداق باغلىنىشى بارلىقى ھە‌ققىدە پاراڭلىشىڭ.‏ ئە‌گە‌ر سىز ئۆگە‌نگۈچى ئۈچۈن باشقا بىر مە‌قسە‌تنى كۆڭلىڭىزگە پۈككە‌ن بولسىڭىز،‏ «يە‌نە باشقىلار»،‏ دېگە‌ن بوش ئورۇ‌نغا يېزىپ قويۇ‌ڭ.‏ ئۆگە‌نگۈچى بىلە‌ن ئۇ‌نىڭ قىسقا ياكى ئۇ‌زۇ‌نراق ۋاقىتتا يە‌تمە‌كچى بولغان مە‌قسە‌تلىرى ھە‌ققىدە پاراڭلىشىش ئۈچۈن دائىم شۇ رامكىنى ئىشلىتىڭ.‏

5.‏ ماركۇ‌س 10:‏17—‏22-‏ئايە‌تلە‌ردە يېزىلغاندە‌ك،‏ ئە‌يسا باي بىر كىشىگە نېمە قىلىشنى ئېيتقان ۋە نېمە ئۈچۈن؟‏

5 ئۆگە‌نگۈچىنىڭ ھاياتىدا ئۆزگۈرۈشلە‌رنى قىلىشىغا ياردە‌م بېرىڭ (‏ماركۇ‌س 10:‏17—‏22-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ ئە‌يسا باي كىشىنىڭ ئۆزىگە تە‌ئە‌للۇ‌ق بولغان ھە‌ممە بايلىقلىرىنى سېتىۋېتىشى قىيىن بولىدىغانلىقىنى بىلگە‌ن (‏ماركۇ‌س 10:‏23‏)‏.‏ ئە‌مما،‏ ئە‌يسا ئاشۇ كىشىگە ھاياتىدا بىر چوڭ ئۆزگۈرۈش قىلىشى كېرە‌كلىكىنى ئېيتقان.‏ نېمە ئۈچۈن؟‏ سە‌ۋە‌بى،‏ ئە‌يسا ئۇ‌نى ياخشى كۆرگە‌ن.‏ بە‌زىدە بىز ئۆگە‌نگۈچىلە‌رنى ئالغان بىلىملىرىنى ئە‌مە‌لىي قوللىنىشقا دە‌ۋە‌ت قىلىشقا ئالدىرىمايمىز.‏ سە‌ۋە‌بى،‏ ئۇ‌لارنىڭ ئۆزگۈرۈشلە‌رنى قىلىشقا تېخى تە‌ييار ئە‌مە‌سلىكىنى كۆرۈمىز.‏ كىشىلە‌رنىڭ كۆنگە‌ن ئادە‌تلىرىنى تاشلاپ،‏ يېڭى مىجە‌ز-‏خۇ‌لۇ‌قنى يېتىلدۈرۈشىگە ۋاقىت كېتىدۇ (‏كولوسى.‏ 3:‏9،‏ 10‏)‏.‏ بىراق،‏ ئۆزگە‌رتىشلە‌ر ھە‌ققىدە قانچە بالدۇ‌ر ئۇ‌نىڭ بىلە‌ن ئوچۇ‌ق پاراڭلاشسىڭىز،‏ ئۆگە‌نگۈچى ئۆزگۈرۈشلە‌رنى شۇ‌نچە بالدۇ‌ر باشلىشى مۇ‌مكىن.‏ شۇ‌نداق سۆھبە‌تلىشىش ئارقىلىق ئۇ‌نىڭغا كۆڭۈل بۆلۈۋاتقانلىقىڭىزنى كۆرسىتە‌لە‌يسىز.‏—‏زە‌بۇ‌ر 141:‏5؛‏ پە‌ند.‏ نە 27:‏17‏.‏

6.‏ نېمە ئۈچۈن ئۆگە‌نگۈچىنىڭ ئوي-‏پىكىرلىرىنى بىلىش ئۈچۈن سوئاللارنى سورىشىمىز كېرە‌ك؟‏

6 ئۆگىنىۋاتقان ماۋزۇ ھە‌ققىدە ئۆگە‌نگۈچىنىڭ ئوي-‏پىكىرى ياكى كۆزقارىشىنى بىلىش ئۈچۈن سوئاللارنى سوراش بە‌ك مۇ‌ھىم.‏ شۇ‌نداق سوئاللار ئارقىلىق ئۆگە‌نگۈچىنىڭ نېمىنى چۈشە‌نگە‌نلىكىنى ۋە نېمىگە ئىشىنىدىغانلىقىنى كۆرە‌لە‌يسىز.‏ ئە‌گە‌ر دائىم شۇ‌نداق قىلسىڭىز،‏ كە‌لگۈسىدە ئۇ‌نىڭ بىلە‌ن قوبۇ‌ل قىلىش قىيىن بولغان ماۋزۇ‌لار ھە‌ققىدە پاراڭلىشىش ئوڭايراق بولىدۇ.‏ «مە‌ڭگۈ شاد-‏خۇ‌رام ياشاڭ!‏»،‏ دېگە‌ن كىتابتا شۇ‌نداق كۆزقاراشلارنى بىلىشكە ياردە‌م بېرىدىغان نۇ‌رغۇ‌ن سوئاللار بار.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ 04-‏دە‌رستە‏:‏ «سىز يە‌ھۋانىڭ شە‌خسىي ئىسىمىنى ئىشلە‌تسىڭىز،‏ ئۇ ئۆزىنى قانداق ھېس قىلىدۇ؟‏» 09-‏دە‌رستە بولسا:‏ «سىز نېمىلە‌ر ھە‌ققىدە دۇ‌ئا قىلىشنى خالايسىز؟‏»،‏ دېگە‌ن سوئاللار بار.‏ دە‌سلە‌پتە ئۆگە‌نگۈچىنىڭ شۇ سوئاللارغا قانداق جاۋاب بېرىش ھە‌ققىدە ئويلىنىشىغا ۋاقىت كېتىدۇ.‏ سىز شۇ‌نىڭغا مۇ‌ناسىۋە‌تلىك كە‌لتۈرۈلگە‌ن ئايە‌تلە‌ر ۋە رە‌سىملە‌رنى قوللىنىپ،‏ ئۇ‌نىڭ قانداق ئويلىنىشنى ئۆگىنىشىگە ياردە‌م بېرە‌لە‌يسىز.‏

7.‏ بىز باشقىلارنىڭ ھايات تە‌جرىبىلىرىنى قانداق ئۈنۈملۈك ئىشلىتە‌لە‌يمىز؟‏

7 ئۆگىنىۋاتقان كىشى ئۆزىنىڭ نېمە قىلىشى كېرە‌كلىكىنى چۈشە‌نگە‌ندە،‏ باشقىلارنىڭ باشتىن ئۆتكۈزگە‌ن تە‌جرىبىلىرىدىن پايدىلىنىپ،‏ ئۇ‌نى ئۆزگۈرۈشلە‌رنى قىلىشقا دە‌ۋە‌ت قىلىڭ.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ ئۇ‌نىڭ يىغىلىشلارغا قاتنىشىشى قىيىن بولسا،‏ 14-‏دە‌رستىكى «ئىزدىنىپ كۆرۈڭ»،‏ دېگە‌ن سە‌ھىپىدىكى «‏يە‌ھۋا ماڭا كۆڭۈل بۆلدى‏» دېگە‌ن فىلىمنى ئۇ‌نىڭغا كۆرسىتە‌لە‌يسىز.‏ «مە‌ڭگۈ شاد-‏خۇ‌رام ياشاڭ!‏»،‏ دېگە‌ن كىتابتىكى نۇ‌رغۇ‌ن دە‌رسلە‌ردە «چوڭقۇ‌رراق قېزىڭ» ياكى «ئىزدىنىپ كۆرۈڭ»،‏ دېگە‌ن سە‌ھىپىلە‌ردىن شۇ‌نداق تە‌جرىبە-‏ساۋاقلارنى تاپالايسىز b‏.‏ ئۆگە‌نگۈچىگە «ئۇ قىلالىسا،‏ سىزمۇ قىلالايسىز»،‏ دە‌پ ئۇ‌نى باشقىلار بىلە‌ن سېلىشتۇ‌رۇ‌شتىن پە‌خە‌س بولۇ‌ڭ.‏ ئۇ ئۆزى شۇ‌نداق خۇ‌لاسىگە كە‌لسۇ‌ن.‏ شۇ‌ڭا،‏ سىز فىلىمدىكى كىشىنىڭ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى تە‌لىملە‌رنى ھاياتىدا قوللىنىشىغا نېمە ياردە‌م بە‌رگە‌نلىكى ھە‌ققىدە ئۆگە‌نگۈچى بىلە‌ن پاراڭلىشىڭ.‏ بە‌لكىم،‏ سىز فىلىمدىكى كىشىنىڭ توغرا قارار چىقىرىشىغا ياردە‌م بە‌رگە‌ن پايدىلىق نە‌رسە ياكى مۇ‌ھىم ئايە‌تلە‌رنى ئۇ‌نىڭغا كۆرسىتىپ بېرە‌لە‌يسىز.‏ پۇ‌رسە‌تلا تېپىلسا،‏ يە‌ھۋانىڭ ئاشۇ كىشىگە قانداق ياردە‌م بە‌رگە‌نلىكىنى تە‌كىتلە‌پ تۇ‌رۇ‌ڭ.‏

8.‏ ئۆگە‌نگۈچىنىڭ يە‌ھۋانى سۆيۈشىگە قانداق ياردە‌م بېرە‌لە‌يمىز؟‏

8 ئۆگە‌نگۈچىنىڭ يە‌ھۋانى سۆيۈشىگە ياردە‌م بېرىڭ.‏ بۇ‌نى قانداق قىلالايسىز؟‏ ئۆگىنىۋاتقان كىشىنىڭ يە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پە‌زىلە‌تلىرى ھە‌ققىدە كۆپرە‌ك بىلىم ئېلىشىغا ياردە‌م بېرىدىغان پۇ‌رسە‌تلە‌رنى ئىزدە‌ڭ.‏ يە‌ھۋا ئۆزىنى سۆيگە‌نلە‌رنى قوللاپ-‏قۇ‌ۋۋە‌تلە‌يدىغان خۇ‌شال خۇ‌دا ئىكە‌نلىكىنى شۇ كىشىنىڭ تونۇ‌پ يېتىشىگە ياردە‌م بېرىڭ (‏1-‏تىموت.‏ 1:‏11؛‏ ئىبرانىي.‏ 11:‏6‏)‏.‏ ئۇ‌نىڭغا ئۆگە‌نگە‌نلىرىنى ئە‌مە‌لىي ئىشلىتىشنىڭ پايدىسىنى كۆرسىتىڭ ۋە يە‌ھۋانىڭ ئۇ‌نى سۆيىدىغانلىقىنى چۈشە‌ندۈرۈڭ (‏يە‌شايا 48:‏17،‏ 18‏)‏.‏ ئۇ‌نىڭ يە‌ھۋاغا بولغان مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببىتى چوڭقۇ‌رلاشقانسېرى،‏ ئۇ كېرە‌كلىك ئۆزگۈرۈشلە‌رنى قىلىشنى خالايدۇ.‏—‏1-‏يۇ‌ھاننا 5:‏3‏.‏

جامائە‌تتىكى قېرىنداشلار بىلە‌ن تونۇ‌شتۇ‌رۇ‌ڭ

9.‏ كىشىنىڭ چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتكە‌ن ئېتىقادچى بولۇ‌شى ئۈچۈن،‏ قۇ‌ربانلىقلارنى بېرىشىگە ماركۇ‌س 10:‏29،‏ 30-‏ئايە‌تلە‌ر قانداق ياردە‌م بېرە‌لە‌يدۇ؟‏

9 ئۆگىنىۋاتقان كىشى چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتۈش ئۈچۈن بە‌زى قۇ‌ربانلىقلارنى بېرىشكە توغرا كېلىدۇ.‏ ئە‌يسانىڭ تە‌مسىلىدىكى باي كىشىگە ئوخشاش،‏ بە‌زى ئۆگە‌نگۈچىلە‌ر بە‌لكىم،‏ ماددىي نە‌رسىلە‌رنى قۇ‌ربان قىلىشى كېرە‌ك.‏ ئە‌گە‌ر قىلىۋاتقان ئىشى مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب پرىنسىپلىرىغا ماس كە‌لمىسە،‏ باشقا ئىش تېپىشقا توغرا كېلىدۇ.‏ نۇ‌رغۇ‌نلىرى بە‌لكىم،‏ يە‌ھۋانى سۆيمە‌يدىغان دوستلىرىدىن ئايرىلىدۇ.‏ يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرىنى ياخشى كۆرمە‌يدىغان ئائىلە ئە‌زالىرى بە‌زىلە‌ردىن ۋاز كېچىشى مۇ‌مكىن.‏ ئە‌يسا بە‌زى ئادە‌ملە‌رگە شۇ‌نداق قۇ‌ربانلىقلارنى بېرىش قىيىن كېلىدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى.‏ بىراق،‏ ئۇ ئۆزىگە ئە‌گە‌شكە‌نلە‌رنىڭ نائۈمىد قالمايدىغانلىقىنى ۋە‌دە قىلغان.‏ ئۇ‌لار مۇ‌كاپاتلىنىپ،‏ مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌تكە تولغان روھىي ئائىلىگە ئېرىشە‌لە‌يدۇ ‏(‏ماركۇ‌س 10:‏29،‏ 30-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ ئۆگە‌نگۈچىگە مۇ‌شۇ ئاجايىپ روھىي ئائىلىگە ئېرىشە‌لىشىگە قانداق ياردە‌م بېرە‌لە‌يسىز؟‏

10.‏ مانۇ‌ئىلنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدىن نېمىنى ئۆگە‌ندىڭىز؟‏

10 ئۆگە‌نگۈچى بىلە‌ن دوستلۇ‌قنى كۈچە‌يتىڭ.‏ ئۇ‌نىڭغا كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىڭىزنى كۆرسىتىش بە‌ك مۇ‌ھىم.‏ نېمە ئۈچۈن؟‏ مېكسىكىلىق بۇ‌رادە‌ر مانۇ‌ئىل ئۆزىنىڭ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ئۆگە‌نگە‌ن چاغلىرىنى ئە‌سلە‌پ،‏ مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «ھە‌ر قېتىم ئۆگىنىشتىن ئاۋۋال،‏ مە‌ن بىلە‌ن ئۆگىنىدىغان قېرىنداش ھال-‏ئە‌ھۋالىمنى سوراتتى.‏ بۇ ئۆزۈمنى ئە‌ركىن-‏ئازادە ھېس قىلىشىمغا ياردە‌م بېرە‌تتى.‏ شۇ‌ڭا،‏ ئۇ‌نىڭ بىلە‌ن ھە‌رقانداق ماۋزۇ‌دا ئوچۇ‌ق پاراڭلىشاتتىم.‏ ئۇ‌نىڭ ماڭا ھە‌قىقە‌تە‌ن كۆڭۈل بۆلۈۋاتقانلىقىنى ھېس قىلالىغان ئىدىم».‏

11.‏ بىز ئۆگە‌نگۈچىلە‌ر بىلە‌ن ۋاقىت ئۆتكۈزسە‌ك،‏ ئۇ‌لارغا قانداق پايدىسى تېگىشى مۇ‌مكىن؟‏

11 ئە‌يسا مە‌سىھ ئۆز شاگىرتلىرى بىلە‌ن ۋاقىت ئۆتكۈزگە‌ندە‌ك،‏ سىزمۇ ئۆگىنىۋاتقان كىشى بىلە‌ن ۋاقىت ئۆتكۈزۈڭ (‏يۇ‌ھاننا 3:‏22‏)‏.‏ ئە‌گە‌ر مۇ‌ۋاپىق كۆرسىڭىز،‏ ئۇ روھىي ئۆسكە‌ن بولسا،‏ ئۇ‌نى ئۆيىڭىزگە چايغا ياكى تاماققا،‏ يا بولمىسا JW ئىنتېرنېت تېلېۋىزىيىسىدىكى ئايلىق پروگراممىنى كۆرۈشكە تە‌كلىپ قىلىڭ.‏ بە‌لكىم،‏ ئۇ ھېيت-‏بايرام مە‌زگىللىرىدە يالغۇ‌ز قالغاندا،‏ شۇ‌نداق تە‌كلىپىڭىز ئۈچۈن بە‌ك مىننە‌تدار بولۇ‌شى مۇ‌مكىن.‏ ئۇ‌گاندادىكى قېرىندىشىمىز كازېبۋې مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى تە‌تقىق قىلغان ۋاقىتتىلا ئە‌مە‌س،‏ مە‌ن بىلە‌ن ئۆگىنىش قىلغان قېرىنداش بىلە‌ن ۋاقىت ئۆتكۈزگە‌ن چاغلاردىمۇ يە‌ھۋا توغرۇ‌لۇ‌ق كۆپ نە‌رسىلە‌رنى بىلىۋالدىم.‏ خۇ‌دانىڭ ئۆز خە‌لقىگە قانچىلىك كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى ۋە ئۇ‌لارنىڭ قانچىلىك خۇ‌شال ئىكە‌نلىكىنى كۆردۈم.‏ مە‌نمۇ شۇ‌نداق شاد-‏خۇ‌رام ياشاشنى خالىغان ئىدىم».‏

مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ئۆگىنىشىڭىزگە باشقا قېرىنداشلارنى تە‌كلىپ قىلسىڭىز،‏ ئۆگە‌نگۈچىنىڭ جامائە‌ت يىغىلىشلارغا قاتنىشىشى ئوڭايراق بولىدۇ (‏12-‏ئابزاسقا قاراڭ)‏ c

12.‏ نېمە ئۈچۈن مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ئۆگىنىشىگە ھە‌رتۈرلۈك قېرىنداشلارنى تە‌كلىپ قىلىشىمىز كېرە‌ك؟‏

12 ئۆگىنىشكە ھە‌ر تۈرلۈك قېرىنداشلارنى تە‌كلىپ قىلىڭ.‏ بە‌زىدە،‏ يالغۇ‌ز بارسام ياكى ئۆتكە‌ن قېتىم بارغان قېرىنداش بىلە‌ن بارسام،‏ ئاسانراق بولىدۇ،‏ دە‌پ ئويلىشىمىز مۇ‌مكىن.‏ گە‌رچە بۇ ئاسانراق بولسىمۇ،‏ ئە‌گە‌ر ئوخشىمايدىغان قېرىنداشلار بىلە‌ن بارىدىغان بولساق،‏ ئۆگە‌نگۈچىگە كۆپرە‌ك پايدىسى تېگىدۇ.‏ مولداۋىيىدە ياشايدىغان قېرىندىشىمىز دمېترىي مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «تە‌تقىق ئۆگنىشىمگە قاتنىشىشقا كە‌لگە‌ن ھە‌ر بىر قېرىنداش ئۆزىچە ئۇ‌سۇ‌لدا بىر چۈشە‌نچىنى يورۇ‌تۇ‌پ بېرە‌تتى.‏ بۇ ماڭا ئۆگە‌نگە‌نلىرىم ئۈستىدە ئوخشىمايدىغان يوللار بىلە‌ن مۇ‌لاھىزە قىلىشقا ياردە‌م بە‌ردى.‏ مە‌ن ئاللىقاچان كۆپلىگە‌ن قېرىنداشلارنى كۆرگە‌چ،‏ تۇ‌نجى قېتىم جامائە‌ت يىغىلىشىغا قاتناشقاندا،‏ ئۆزۈمنى ئە‌ركىن ھېس قىلىپ،‏ خىجىل بولمىدىم».‏

13.‏ نېمە ئۈچۈن ئۆگە‌نگۈچىلە‌رنىڭ جامائە‌ت يىغىلىشلىرىغا قاتنىشىشىغا ياردە‌م بېرىشىمىز كېرە‌ك؟‏

13 ئۆگە‌نگۈچىنىڭ جامائە‌ت يىغىلىشىغا قاتنىشىشىغا ياردە‌م بېرىڭ.‏ نېمە ئۈچۈن؟‏ سە‌ۋە‌بى،‏ يە‌ھۋا ئۆزىگە ئىبادە‌ت قىلغۇ‌چىلارنىڭ جە‌م بولۇ‌شنى بۇ‌يرىغان.‏ بۇ ئىبادىتىمىزنىڭ بىر قىسمى (‏ئىبرانىي.‏ 10:‏24،‏ 25‏)‏.‏ ئۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ بىزنىڭ قېرىنداشلىرىمىز روھىي ئائىلىمىزنىڭ ئە‌زالىرى.‏ ئۇ‌لار بىلە‌ن جە‌م بولغىنىمىزدا،‏ خۇ‌ددى تە‌ملىك تاماقلاردىن بىرلىكتە بە‌ھرىمە‌ن بولغانغا ئوخشاش بولىمىز.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ئۆگىنىۋاتقان كىشىنىڭ يىغىلىشلارغا قاتنىشىشىغا ياردە‌م بە‌رگىنىڭىزدە،‏ ئۇ‌نىڭ چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتۈشى ئۈچۈن ئە‌ڭ مۇ‌ھىم قە‌دە‌ملە‌رنى بېسىشىغا ياردە‌م بېرىسىز.‏ بىراق،‏ يىغىلىشقا قاتنىشىش ئۆگە‌نگۈچى ئۈچۈن قىيىن بولۇ‌شى مۇ‌مكىن.‏ ئۇ دۇ‌چ كە‌لگە‌ن ھە‌رقانداق قىيىنچىلىقلارغا بە‌رداشلىق بېرىشكە،‏ «مە‌ڭگۈ شاد-‏خۇ‌رام ياشاڭ!‏»،‏ دېگە‌ن كىتاب قانداق ياردە‌م بېرە‌لە‌يدۇ؟‏

14.‏ ئۆگە‌نگۈچىلە‌رنىڭ جامائە‌ت يىغىلىشلىرىغا قاتنىشىشىغا قانداق ياردە‌م بېرە‌لە‌يسىز؟‏

14 «مە‌ڭگۈ شاد-‏خۇ‌رام ياشاڭ!‏»،‏ دېگە‌ن كىتابنىڭ 10-‏دە‌رسىنى ئىشلىتىش ئۆگە‌نگۈچىگە ئىلھام بېرىشىڭىزگە ياردە‌م بېرىدۇ.‏ مۇ‌شۇ كىتاب نە‌شىر قىلىنىشتىن ئاۋۋال،‏ بە‌زى تە‌جرىبىلىك ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چىلار بۇ دە‌رسنىڭ ياردىمى بىلە‌ن ئۆز ئۆگە‌نگۈچىلىرىنىڭ جامائە‌ت يىغىلىشلىرىغا قاتنىشىشىغا ئۈنۈملۈك ياردە‌م بېرە‌لىگە‌ن.‏ ئە‌لۋە‌تتە 10-‏دە‌رسكىچە كۈتۈشنىڭ ھاجىتى يوق.‏ مۇ‌مكىن بولسا،‏ بالدۇ‌رراق جامائە‌ت يىغىلىشلىرىغا تە‌كلىپ قىلىڭ.‏ ئوخشىمىغان كىشىلە‌ر ئوخشىمىغان قىيىنچىلىقلارغا دۇ‌چ كېلىشى مۇ‌مكىن.‏ شۇ‌ڭا،‏ ئۇ‌لارنىڭ ئېھتىياجىغا دىققە‌ت قىلىپ،‏ ئۇ‌لارغا قانداق ياردە‌م بېرە‌لە‌يدىغانلىقىڭىزغا كۆز يە‌تكۈزۈڭ.‏ ئۇ دە‌رھاللا كە‌لمە‌سلىكى مۇ‌مكىن.‏ شۇ‌ڭا،‏ ئۈمىدسىزلە‌نمە‌ي،‏ سە‌ۋرچانلىق بىلە‌ن ئۇ‌نى داۋاملىق تە‌كلىپ قىلىڭ.‏

ئۇ‌لارنىڭ قورقۇ‌نچنى يېڭىشىغا ياردە‌م بېرىڭ

15.‏ ئۆگە‌نگۈچىلە‌ر نېمىدىن قورقۇ‌شى مۇ‌مكىن؟‏

15 سىز ئۆز ۋاقتىدا يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىسى بولۇ‌شتىن قورققانمۇ؟‏ بە‌لكىم سىز،‏ مە‌ن ھە‌رگىزمۇ ۋە‌ز ئېيتالمايمە‌ن،‏ دە‌پ ئويلىغان بولغۇ‌يتىڭىز.‏ بە‌لكىم،‏ ئائىلە‌مدىكىلە‌ر ياكى دوستلىرىم ماڭا قارشى چىقىدۇ،‏ دە‌پ قورققانسىز.‏ ئە‌گە‌ر شۇ‌نداق بولسا،‏ سىز ئۆگىنىۋاتقان كىشىنىڭ ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌لىرىنى چۈشىنە‌لە‌يسىز.‏ ئە‌يسا بە‌زى ئادە‌ملە‌رنىڭ شۇ‌نداق قورقۇ‌نچتا بولىدىغانلىقىنى بىلگە‌ن.‏ بىراق،‏ ئۇ ئۆز ئە‌گە‌شكۈچىلىرىنىڭ قورقۇ‌نچقا چۈشۈپ،‏ يە‌ھۋاغا خىزمە‌ت قىلىشنى توختاتماسلىققا دە‌ۋە‌ت قىلغان (‏مە‌تتا 10:‏16،‏ 17،‏ 27،‏ 28‏)‏.‏ ئە‌يسا ئۆز ئە‌گە‌شكۈچىلىرىنىڭ قورقۇ‌نچنى يېڭىشىگە قانداق ياردە‌م بە‌رگە‌ن ۋە بىز ئۇ‌نىڭدىن ئۈلگە ئالالايمىز؟‏

16.‏ ئۆگە‌نگۈچىلە‌رنىڭ ئۆز ئېتىقادىنى باشقىلار بىلە‌ن بۆلۈشۈشىگە قانداق ياردە‌م بېرە‌لە‌يسىز؟‏

16 ئۆگە‌نگۈچىلە‌رگە ئۆز ئېتىقادىنى باشقىلارغا چۈشە‌ندۈرۈشنى ئۆگىتىڭ.‏ ئە‌يسا شاگىرتلىرىنى ۋە‌ز قىلىشقا ئە‌ۋە‌تكە‌ندە،‏ بە‌لكىم ئۇ‌لار جىددىيلە‌شكە‌ن.‏ ئە‌يسا قە‌يە‌ردە ۋە‌ز قىلىشنى ۋە قانداق خە‌ۋە‌رنى يە‌تكۈزۈشنى ئۇ‌لارغا ئۆگىتىپ ياردە‌م بە‌رگە‌ن (‏مە‌تتا 10:‏5—‏7‏)‏.‏ ئە‌يسانى قانداق ئۈلگە قىلالايسىز؟‏ ئۇ‌لارنىڭ قە‌يە‌ردە ۋە‌ز قىلالايدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىڭ.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ ئۇ‌نىڭدىن مۇ‌نداق دە‌پ سورىسىڭىز بولىدۇ:‏ «مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى ھە‌قىقە‌ت سىز تونۇ‌يدىغان بىرسىگە ياردە‌م بېرە‌لە‌مدۇ؟‏» ئۇ‌نىڭ باشقىلارغا ئاددىي بىر ئۇ‌سۇ‌لدا ۋە‌ز قىلىشنى ئۆگىنىشىگە ياردە‌م بېرىڭ.‏ مۇ‌مكىن بولسا،‏ «مە‌ڭگۈ شاد-‏خۇ‌رام ياشاڭ!‏»،‏ دېگە‌ن كىتابتىكى «بە‌زىلە‌ر مۇ‌نداق دە‌يدۇ» ۋە «بە‌زىلە‌ر شۇ‌نداق سورايدۇ»،‏ دېگە‌ن رامكىلارنى ئىشلە‌تسىڭىز بولىدۇ.‏ شۇ‌نداق قىلغاندا،‏ دىققىتىڭىزنى ئۇ‌نىڭ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ئىشلىتىپ،‏ باشقىلارغا ئاددىي ۋە چۈشىنىشلىك جاۋابلارنى بېرىشنى ئۆگىنىشىگە قارىتىڭ.‏

17.‏ ئۆگە‌نگۈچىنىڭ يە‌ھۋاغا ئىشە‌نچ باغلىشىغا ياردە‌م بە‌رگە‌ندە،‏ مە‌تتا 10:‏19،‏ 20،‏ 29—‏31-‏ئايە‌تلە‌ردىن قانداق پايدىلىنالايمىز؟‏

17 ئۆگە‌نگۈچىنىڭ يە‌ھۋاغا ئىشە‌نچ باغلىشىغا ياردە‌م بېرىڭ.‏ ئە‌يسا ئۆز شاگىرتلىرىنى يە‌ھۋانىڭ ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى بىلگە‌چ،‏ ئۇ‌نىڭ ئۇ‌لارغا ياردە‌م بېرىدىغانلىقىنى ئېيتقان ‏(‏مە‌تتا 10:‏19،‏ 20،‏ 29—‏31-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ سىزمۇ يە‌ھۋانىڭ ئۆگە‌نگۈچىڭىزگە ياردە‌م بېرىدىغانلىقىنى،‏ ئۇ‌نىڭ ئېسىگە سېلىڭ.‏ يە‌تمە‌كچى بولغان مە‌قسە‌تلىرى ھە‌ققىدە ئۇ‌نىڭ بىلە‌ن بىللە دۇ‌ئا قىلىپ،‏ يە‌ھۋاغا تايىنىشىغا ياردە‌م بېرىڭ.‏ پولشادىكى قېرىندىشىمىز فرانسىزېك شۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «مە‌ن بىلە‌ن ئۆگە‌نگە‌ن قېرىنداش،‏ مېنىڭ مە‌قسە‌تلىرىمنى تىلغا ئېلىپ،‏ دۇ‌ئا قىلاتتى.‏ يە‌ھۋانىڭ ئۇ‌نىڭ دۇ‌ئالىرىغا جاۋاب بە‌رگىنىنى كۆرگە‌ندە،‏ مە‌نمۇ دە‌رھال دۇ‌ئا قىلىشقا باشلىدىم.‏ مە‌ن يېڭى خىزمىتىمدىن رۇ‌خسە‌ت سوراپ،‏ جامائە‌ت يىغىلىشلىرىغا ۋە چوڭ يىغىلىشىلارغا قاتنىشىشقا توغرا كە‌لگە‌ندە،‏ يە‌ھۋانىڭ ياردە‌م بە‌رگە‌نلىكىنى ھېس قىلدىم».‏

18.‏ يە‌ھۋا باشقىلارغا مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ئۆگىتىۋاتقان ئۆز خىزمە‌تچىلىرىگە قانداق قارايدۇ؟‏

18 يە‌ھۋا مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ئۆگىنىۋاتقان كىشىلە‌رگە بە‌ك كۆڭۈل بۆلىدۇ.‏ ئۇ شۇ‌نىڭ بىلە‌ن بىرگە،‏ باشقىلارغا ئۆزىگە يېقىنلىشىش ئۈچۈن تىرىشىپ ياردە‌م بېرىۋاتقان خىزمە‌تچىلىرىنى بىلىدۇ ھە‌م ياخشى كۆرىدۇ (‏يە‌شايا 52:‏7‏)‏.‏ ئە‌گە‌ر ھازىرچە سىز بىلە‌ن مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ئۆگىنىدىغان بىرى بولمىسىمۇ،‏ باشقا قېرىنداشلارنىڭ ئۆگىنىشىگە قاتنىشىش ئارقىلىق ئۆگە‌نگۈچىلە‌رنىڭ چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتۈشىگە ياردە‌م بېرە‌لە‌يسىز.‏

144-‏ناخشا ھايات بېرىدىغان خە‌ۋە‌ر

a بىز ئە‌يسانىڭ ئادە‌ملە‌رگە ئۆز ئە‌گە‌شكۈچىسى بولۇ‌شقا قانداق ياردە‌م بە‌رگە‌نلىكى ۋە ئۇ‌نى قانداق ئۈلگە قىلالايدىغانلىقىمىزنى كۆرۈپ چىقىمىز.‏ «مە‌ڭگۈ شاد-‏خۇ‌رام ياشاڭ!‏»،‏ دېگە‌ن يېڭى كىتابنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىنى كۆرۈپ چىقىمىز.‏ بۇ كىتاب،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ئۆگە‌نگۈچىلە‌رنىڭ چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتۈشىگە ياردە‌م بېرىش مە‌قسىتىدە يېزىلغان.‏

b باشقىلارنىڭ ھايات تە‌جرىبىلىرىنى «‏®JW Library‏» پروگراممىسىدىكى «زىيارە‌ت ۋە ۋە‌قە‌لە‌ر» دېگە‌ن سە‌ھىپىدىن تاپالايسىز.‏

c سۈرە‌تتە:‏ بىر ياش يىگىت بىلە‌ن مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ئۆگىنىۋاتقان ئە‌ر-‏ئايال.‏ باشقا ۋاقىتلاردا ئوخشىمايدىغان بۇ‌رادە‌ر شۇ ئۆگىنىشكە قاتنىشىۋاتىدۇ.‏