مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

ئوقۇ‌رمە‌نلە‌رنىڭ سوئاللىرى

ئوقۇ‌رمە‌نلە‌رنىڭ سوئاللىرى

پاۋلۇ‌سنىڭ:‏ «قانۇ‌ن ئارقىلىق،‏ قانۇ‌نغا نىسبە‌تە‌ن ئۆلدۈم»،‏ دېگە‌ن سۆزلىرى نېمىنى بىلدۈرىدۇ؟‏—‏گالاتىيا.‏ 2:‏19‏.‏

پاۋلۇ‌س مۇ‌نداق دە‌پ يازغان:‏ «خۇ‌دانىڭ ئالدىدا ياشاش ئۈچۈن قانۇ‌ن ئارقىلىق،‏ قانۇ‌نغا نىسبە‌تە‌ن ئۆلدۈم».‏—‏گالاتىيا.‏ 2:‏19‏.‏

پاۋلۇ‌سنىڭ يازغان مۇ‌شۇ سۆزلىرى رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ گالاتىيا ئۆلكىسىدىكى جامائە‌تلە‌رگە يازغان خېتىدىكى ئاساسىي مە‌قسىتىگە ماس كە‌لگە‌ن.‏ شۇ يە‌ردىكى ئە‌يسانىڭ بە‌زى شاگىرتلىرى ساختا يېتە‌كچىلە‌رنىڭ تە‌سىرىگە ئۇ‌چرىغان.‏ ئاشۇ كىشىلە‌ر قۇ‌تقۇ‌زۇ‌لۇ‌شقا ئېرىشىش ئۈچۈن بىر كىشى تە‌ۋرات قانۇ‌نىغا بويسۇ‌نۇ‌شى بولۇ‌پمۇ،‏ خە‌تنە قىلىنىشى كېرە‌ك،‏ دە‌پ تە‌لىم بە‌رگە‌ن.‏ بىراق،‏ ئە‌مدى پاۋلۇ‌س خۇ‌دانىڭ ئۆز خىزمە‌تچىلىرىدىن خە‌تنە قىلىشنى تە‌لە‌پ قىلمايدىغانلىقىنى بىلگە‌ن.‏ پاۋلۇ‌س قايىل قىلارلىق ئۇ‌سۇ‌لدا،‏ ئاشۇ يالغان تە‌لىملە‌رنى رە‌ت قىلغان ۋە قېرىنداشلارنىڭ ئە‌يسا مە‌سىھنىڭ تۆلە‌م قۇ‌ربانلىقىغا بولغان ئىشە‌نچىسىنى كۈچە‌يتكە‌ن.‏—‏گالاتىيا.‏ 2:‏4؛‏ 5:‏2‏.‏

مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا ناھايىتى ئېنىق قىلىپ،‏ بىر ئادە‌م ئۆلگە‌ندە،‏ ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌لىرى بولمايدۇ ۋە ئە‌تراپتىكى ھېچنە‌رسە ئۇ‌نىڭغا تە‌سىر قىلالمايدۇ،‏ دە‌پ ئۆگىتىدۇ (‏ۋە‌ز 9:‏5‏)‏.‏ پاۋلۇ‌س «قانۇ‌نغا نىسبە‌تە‌ن ئۆلدۈم»،‏ دېيىش ئارقىلىق ئە‌مدى ئۇ تە‌ۋرات قانۇ‌نى ئاستىدا ئە‌مە‌سلىكىنى ئېيتماقچى بولغان.‏ «خۇ‌دانىڭ ئالدىدا ياشاش ئۈچۈن»،‏ پاۋلۇ‌س تۆلە‌م قۇ‌ربانلىقىغا ئىشىنىشى كېرە‌كلىكىنى تونۇ‌پ يە‌تكە‌ن.‏

قانۇ‌ن ئارقىلىق پاۋلۇ‌سنىڭ ۋە‌زىيىتى ئۆزگە‌رگە‌ن.‏ قانداق؟‏ ئۇ بۇ‌نى چۈشە‌ندۈرۈپ،‏ مۇ‌نداق دېگە‌ن:‏ «ئىنسانلار تە‌ۋرات قانۇ‌نىغا ئە‌مە‌ل قىلىش ئارقىلىق ئە‌مە‌س،‏ بە‌لكى ئە‌يسا مە‌سىھكە ئىشىنىش ئارقىلىق ھە‌ققانىي ئادە‌م دە‌پ جاكارلىنىدۇ» (‏گالاتىيا.‏ 2:‏16‏)‏.‏ دېمە‌ك،‏ قانۇ‌ن مۇ‌ھىم بىر رولنى ئوينىغان.‏ پاۋلۇ‌س گالاتىيالىقلارغا:‏ «ئۇ بولسىمۇ خۇ‌دا ئە‌ۋە‌تىشكە ۋە‌دە قىلغان ئىبراھىمنىڭ ئە‌ۋلادى،‏ يە‌نى ئە‌يسا مە‌سىھ كە‌لگۈچە گۇ‌ناھنىڭ نېمە ئىكە‌نلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىشتۇ‌ر»،‏—‏ دە‌پ چۈشە‌ندۈرگە‌ن (‏گالاتىيا.‏ 3:‏19‏)‏.‏ نامۇ‌كە‌ممە‌ل،‏ گۇ‌ناھكار ئىنسانلار قانۇ‌نغا مۇ‌كە‌ممە‌ل ھالدا بويسۇ‌نالمايدۇ.‏ شۇ‌ڭا،‏ قانۇ‌ن ئۇ‌لار ئاخىرىدا بىر مۇ‌كە‌ممە‌ل قۇ‌ربانلىققا مۇ‌ھتاج بولىدىغانلىقىنى ئېنىق كۆرسە‌تكە‌ن.‏ دېمە‌ك،‏ قانۇ‌ن كىشىلە‌رگە ۋە‌دە قىلىنغان ئە‌ۋلاد،‏ بۇ مە‌سىھ ئە‌يسا ئىكە‌نلىكىنى تونۇ‌پ يېتىشىگە ياردە‌م بە‌رگە‌ن.‏ ئە‌گە‌ر كىشىلە‌ر ئە‌يسا مە‌سىھكە ئىشە‌نسە،‏ ئۇ‌لار خۇ‌دا ئالدىدا ھە‌ققانىي،‏ دە‌پ جاكارلىناتتى (‏گالاتىيا.‏ 3:‏24‏)‏.‏ پاۋلۇ‌س تە‌ۋرات قانۇ‌نى ئارقىلىق ئە‌يسانى قوبۇ‌ل قىلىپ،‏ ئۇ‌نىڭغا ئىشە‌نگە‌ن.‏ شۇ‌ڭا،‏ پاۋلۇ‌س ھە‌ققانىي،‏ دە‌پ جاكارلاندى.‏ دېمە‌ك،‏ پاۋلۇ‌س «قانۇ‌نغا نىسبە‌تە‌ن» ئۆلگە‌ن ۋە «خۇ‌دانىڭ ئالدىدا» ياشىيالىغان.‏ ئە‌مدى قانۇ‌ن ئە‌مە‌س،‏ بە‌لكى خۇ‌دا ئۇ‌نىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈمرانلىق قىلغان.‏

پاۋلۇ‌س رىملىقلارغا يازغان خېتىدىمۇ شۇ‌نىڭغا ئوخشاش ئوي-‏پىكىرنى ئىپادىلىگە‌ن:‏ «تە‌ۋرات قانۇ‌نى كېيىن قوشۇ‌لغان بولۇ‌پ،‏ مە‌قسىتى ۋە‌دە قىلىنغان ئە‌ۋلاد كە‌لگۈچە جىنايە‌تنىڭ نېمە ئىكە‌نلىكىنى ئېنىق ئاشكارا قىلىشتۇ‌ر» (‏رىملىقلار 7:‏4،‏ 6‏)‏.‏ مۇ‌شۇ ئايە‌تلە‌ردە ۋە گالاتىيالىقلار 2:‏19-‏ئايە‌تتە‏،‏ شۇ ئېنىق كۆرۈنۈپ تۇ‌رىدۇ‌كى،‏ پاۋلۇ‌س قانۇ‌ن بويىچە ھۆكۈم قىلىنغان گۇ‌ناھكار سۈپىتىدە ئۆلۈش توغرىسىدا ئە‌مە‌س،‏ ئە‌كسىنچە شۇ قانۇ‌ندىن ئازاد بولۇ‌ش توغرۇ‌لۇ‌ق ئېيتقان.‏ ئە‌مدى تە‌ۋرات قانۇ‌نى پاۋلۇ‌سنى ۋە باشقا خۇ‌دا خىزمە‌تچىلىرىنى ئۆز كۈچى ئاستىغا ئالالمايدۇ.‏ ئۇ‌لار مە‌سىھنىڭ تۆلە‌م قۇ‌ربانلىقىغا ئىشىنىش ئارقىلىق ئازادلىققا ئېرىشكە‌ن.‏