مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

26-‏تە‌تقىق ماقالىسى

شاگىرت تە‌ييارلاش ئىشىغا ياردە‌م بېرە‌لە‌مسىز؟‏

شاگىرت تە‌ييارلاش ئىشىغا ياردە‌م بېرە‌لە‌مسىز؟‏

‏«خۇ‌دا … سىلە‌ردە ئارزۇ-‏ئىستە‌كنى كۈچە‌يتىپ،‏ كۈچ-‏قۇ‌درە‌ت بېرىدۇ».‏—‏فىلىپى.‏ 2:‏13‏.‏

44-‏ناخشا خۇ‌شاللىق بىلە‌ن ھوسۇ‌ل يىغىمىز

بۇ ماقالىدە a

1.‏ يە‌ھۋا سىز ئۈچۈن نېمىلە‌رنى قىلغان؟‏

 سىز ھە‌قىقە‌تنى قانداق تونۇ‌غان؟‏ دە‌سلە‌پتە،‏ بە‌لكىم ئاتا-‏ئانىڭىز،‏ خىزمە‌تدىشىڭىز،‏ سىنىپدىشىڭىزدىن ياكى بولمىسا ئۆيمۇ-‏ئۆي ۋە‌ز قىلغان گۇ‌ۋاھچىلاردىن خۇ‌ش خە‌ۋە‌رنى ئاڭلىغانسىز (‏ماركۇ‌س 13:‏10‏)‏.‏ كېيىن،‏ بىرى كۆپ ۋاقىت سە‌رپ قىلىپ،‏ سىز بىلە‌ن مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى تە‌تقىق قىلىش ئۈچۈن كۆپ كۈچ چىقارغان.‏ تە‌تقىق قىلىش جە‌ريانىدا،‏ سىز يە‌ھۋانى ياخشى كۆرۈشكە باشلىدىڭىز ۋە ئۇ‌نىڭمۇ سىزنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى بىلدىڭىز.‏ يە‌ھۋا سىزنى ھە‌قىقە‌تكە جە‌لپ قىلدى ۋە ھازىر سىزنىڭ ئە‌يسانىڭ شاگىرتى سۈپىتىدە مە‌ڭگۈ ياشاش ئۈمىدىڭىز بار (‏يۇ‌ھاننا 6:‏44‏)‏.‏ يە‌ھۋا بىرسىنى دە‌ۋە‌ت قىلىپ،‏ سىزگە ھە‌قىقە‌تنى ئۆگە‌تكە‌ن ۋە سىزنى ئۆز خىزمە‌تچىسى سۈپىتىدە قوبۇ‌ل قىلغان.‏ بۇ‌نىڭ ئۈچۈن چوقۇ‌م بە‌كمۇ مىننە‌تدار بولدىڭىز.‏

2.‏ بۇ ماقالىدە نېمىلە‌رنى مۇ‌ھاكىمە قىلىمىز؟‏

2 ھە‌قىقە‌تنى بىلدۇ‌ق،‏ ئە‌مدى باشقىلارنىڭمۇ ھاياتلىق يولىدا مېڭىشىغا ياردە‌م بېرىش ئىمتىيازىمىز بار.‏ بە‌لكىم،‏ بىز ئۈچۈن ئۆيمۇ-‏ئۆي ۋە‌ز قىلىش ئاسان،‏ ئە‌مما مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ئۆگىنىشىنى باشلاش ۋە ئۇ‌نى ئۆتكۈزۈش قىيىن.‏ سىزمۇ شۇ‌نداق ھېس قىلامسىز؟‏ ئە‌گە‌ر شۇ‌نداق بولسا،‏ مۇ‌شۇ ماقالىدە،‏ سىزگە ياردە‌م بېرىدىغان مە‌سلىھە‌تلە‌ر بار.‏ ھازىر بولسا،‏ نېمە بىزنى شاگىرت تە‌ييارلاشقا دە‌ۋە‌ت قىلىدىغانلىقىنى ۋە مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب تە‌تقىقى ئۆتكۈزۈشكە بىزنى ئىككىلە‌ندۈرىدىغان قىيىنچىلىقلارنى قانداق يېڭە‌لە‌يدىغانلىقىمىزنى مۇ‌ھاكىمە قىلىمىز.‏ ئاۋۋال،‏ نېمە ئۈچۈن بىز پە‌قە‌ت خۇ‌ش خە‌ۋە‌رنى ئېيتقۇ‌چىلارلا ئە‌مە‌س،‏ بە‌لكى ئۇ‌نى ئۆگە‌تكۈچىلە‌ر ھە‌م بولۇ‌شىمىز كېرە‌كلىكىنى كۆرە‌يلى.‏

ئە‌يسا بىزگە ۋە‌ز ئېيتىشنى ۋە تە‌لىم بېرىشنى بۇ‌يرىغان

3.‏ نېمە ئۈچۈن ۋە‌ز قىلىمىز؟‏

3 ئە‌يسا يە‌ر يۈزىدە بولغاندا،‏ ئۆز ئە‌گە‌شكۈچىلىرىگە ئىككى تۈرلۈك ۋە‌زىپىنى تاپشۇ‌رغان.‏ بىرىنچى،‏ ئۇ شاگىرتلىرىغا پادىشاھلىق ھە‌ققىدىكى خۇ‌ش خە‌ۋە‌رنى ۋە‌ز قىلىشنى ئېيتقان ۋە ئۇ‌نى قانداق قىلالايدىغانلىقىنى ئۆز ئۈلگىسى بىلە‌ن كۆرسە‌تكە‌ن (‏مە‌تتا 10:‏7؛‏ لۇ‌قا 8:‏1‏)‏.‏ ئە‌يسا ئۆز شاگىرتلىرىغا،‏ خۇ‌دا پادىشاھلىقى توغرىسىدىكى خۇ‌ش خە‌ۋە‌رنى تىڭشايدىغان ھە‌م تىڭشىمايدىغان ئادە‌ملە‌رنىڭ بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى (‏لۇ‌قا 9:‏2—‏5‏)‏.‏ ئۇ خۇ‌ش خە‌ۋە‌رنىڭ بارلىق مىللە‌تلە‌رگە ئاڭلىتىلىشى ھە‌ققىدە ئېيتىپ،‏ ۋە‌ز خىزمىتىنىڭ كە‌ڭ كۆلە‌مدە ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى بېشارە‌ت قىلغان (‏مە‌تتا 24:‏14؛‏ ئە‌لچى.‏ 1:‏8‏)‏.‏ ئادە‌ملە‌ر ۋە‌ز خىزمە‌تكە قانداق ئىنكاس قايتۇ‌رۇ‌شىدىن قە‌تئىينە‌زە‌ر،‏ شاگىرتلار خۇ‌دا پادىشاھلىقى ۋە ئۇ‌نىڭ نېمىلە‌رنى ئە‌مە‌لگە ئاشۇ‌رىدىغانلىقى ھە‌ققىدە ۋە‌ز قىلىشقا بۇ‌يرۇ‌لغان.‏

4.‏ مە‌تتا 28:‏18—‏20-‏ئايە‌تلە‌رگە ئاساسلانغاندا،‏ بىز پادىشاھلىق ھە‌ققىدە ۋە‌ز قىلىشتىن باشقا،‏ يە‌نە نېمە قىلىشىمىز كېرە‌ك؟‏

4 ئىككىنچى،‏ ئە‌يسا شاگىرتلىرىغا،‏ ئۆزى بۇ‌يرىغان بارلىق ئىشلارغا ئە‌مە‌ل قىلىشنى شاگىرت بولۇ‌شنى خالايدىغانلارغا ئۆگىتىشنى ئېيتقان.‏ بە‌زىلە‌ر ئېيتقاندە‌ك،‏ ۋە‌ز قىلىش ۋە باشقىلارنى ئۆگىتىش ئىشىنى،‏ ئە‌يسا پە‌قە‌ت بىرىنچى ئە‌سىردىكى شاگىرتلىرىغا تاپشۇ‌رغانمۇ؟‏ ياق.‏ ئە‌يسا بىزنىڭ كۈنلىرىمىزگىچە،‏ يە‌نى زاماننىڭ ئاخىرىغىچە بۇ مۇ‌ھىم خىزمە‌تنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقىنى ئېيتقان ‏(‏مە‌تتا 28:‏18—‏20-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ بە‌لكىم،‏ ئە‌يسا 500-‏دىن كۆپرە‌ك شاگىرتلارغا كۆرۈنگە‌ندە،‏ ئاشۇ بۇ‌يرۇ‌قنى بە‌رگە‌ن (‏1-‏كورىنت.‏ 15:‏6‏)‏.‏ ئە‌يسا بارلىق شاگىرتلىرىدىن باشقىلارنىڭ ياراتقۇ‌چى يە‌ھۋا ھە‌ققىدە ئۆگىنىشىگە ياردە‌م بېرىشنى تە‌لە‌پ قىلغان.‏ ئۇ بۇ‌نى بىر ۋە‌ھىي ئارقىلىق يۇ‌ھانناغا ئېنىق كۆرسە‌تكە‌ن.‏—‏ۋە‌ھىي.‏22:‏17‏.‏

5.‏ 1-‏كورىنتلىقلار 3:‏6—‏9-‏ئايە‌تلە‌ردە‏،‏ پاۋلۇ‌س ۋە‌ز خىزمە‌ت بىلە‌ن تە‌لىم بېرىشنىڭ ئارىسىدىكى باغلىنىشنى نېمە بىلە‌ن سېلىشتۇ‌رغان؟‏

5 ئە‌لچى پاۋلۇ‌س شاگىرت تە‌ييارلاش ئىشىنى دېھقانچىلىق ئىشى بىلە‌ن سېلىشتۇ‌رۇ‌پ،‏ بىز پە‌قە‌ت ئۇ‌رۇ‌قنى چېچىپلا قويماي،‏ تېخىمۇ كۆپرە‌ك ئىش قىلىشىمىز كېرە‌كلىكىنى كۆرسە‌تكە‌ن.‏ پاۋلۇ‌س مۇ‌نداق يازغان:‏ «مە‌ن تېرىدىم،‏ ئاپوللوس سۇ‌غاردى،‏ … سىلە‌ر بولساڭلار خۇ‌داغا مە‌نسۇ‌پ ئە‌جىر قىلىنىۋاتقان ئېتىزلار» ‏(‏1-‏كورىنتلىقلار 3:‏6—‏9-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ دېمە‌ك،‏ بىز خۇ‌داغا مە‌نسۇ‌پ ئېتىزىدا ئىشلە‌ۋاتقان ئىشچىلار سۈپىتىدە،‏ پە‌قە‌ت ئۇ‌رۇ‌قنى چېچىپلا قويماي،‏ ئۇ‌نىڭغا يە‌نە سۇ قۇ‌يىمىز ۋە داۋاملىق تېرىغان ئۇ‌رۇ‌قنىڭ قانداق ئۆسۈۋاتقانلىقىنى تە‌كشۈرۈپ تۇ‌رىمىز (‏يۇ‌ھاننا 4:‏35‏)‏.‏ يە‌نە شۇ‌نىمۇ ئېنىق بىلىمىزكى،‏ خۇ‌دا ئۆزى ئۇ‌رۇ‌قنى ئۆستۈرگۈچىدۇ‌ر.‏

6.‏ بىز باشقىلارغا ئۆگە‌تكە‌ندە،‏ چوقۇ‌م ئۇ‌لارنىڭ نېمە قىلىشىغا ياردە‌م بېرىشىمىز كېرە‌ك؟‏

6 بىز مە‌ڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشتۈرىدىغان ھە‌قىقە‌تنى قوبۇ‌ل قىلىشقا مايىل كىشىلە‌رنى ئىزدە‌يمىز (‏ئە‌لچى.‏ 13:‏48‏)‏.‏ شۇ‌نداق كىشىلە‌رنىڭ ئە‌يسانىڭ شاگىرتى بولۇ‌شىغا ياردە‌م بېرىش ئۈچۈن،‏ ئۇ‌لارنىڭ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى ھە‌قىقە‌تنى (‏1)‏ چۈشىنىشىگە،‏ (‏2)‏ قوبۇ‌ل قىلىشىغا ھە‌م (‏3)‏ ھاياتىدا ئە‌مە‌لىي قوللىنىشىغا ياردە‌م بېرىشىمىز كېرە‌ك (‏يۇ‌ھاننا 17:‏3؛‏ كولوسى.‏ 2:‏6،‏ 7؛‏ 1-‏سالونىكا.‏ 2:‏13‏)‏.‏ جامائە‌تنىڭ بارلىق ئە‌زالىرى ھە‌قىقە‌تنى يېڭىدىن تونۇ‌غانلارغا مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت كۆرسىتىش ۋە قارشى ئېلىش ئارقىلىق ئۈلگە كۆرسىتە‌لە‌يدۇ (‏يۇ‌ھاننا 13:‏35‏)‏.‏ ئادە‌ملە‌رنىڭ قە‌لبىدە چوڭقۇ‌ر يىلتىز تارتقان كۆزقاراشلىرى ۋە ئۆرپ-‏ئادە‌تلىرىنى ئۆزگە‌رتىشىگە ياردە‌م بېرىش ئۈچۈن،‏ كۆپ ۋاقىت ۋە كۈچ چىقىرىشقا توغرا كېلىشى مۇ‌مكىن (‏2-‏كورىنت.‏ 10:‏4،‏ 5‏)‏.‏ ھە‌ر بىر كىشىنىڭ مۇ‌شۇ قە‌دە‌ملە‌رنى بېسىشىغا ياردە‌م بېرىش ئۈچۈن،‏ نە‌چچە ئايلاپ ۋاقىت سە‌رپ قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.‏ شۇ‌ندىلا،‏ ئۇ ئاخىرى چۆمۈلدۈرۈلۈشكە لايە‌قە‌تلىك بولالايدۇ.‏ بىراق،‏ شۇ‌نداق ئۆزگۈرۈشلە‌رنى قىلىش بە‌ك مۇ‌ھىم.‏

مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت بىزنى شاگىرت تە‌ييارلاشقا دە‌ۋە‌ت قىلىدۇ

7.‏ نېمە بىزنى ۋە‌ز قىلىش ۋە شاگىرت تە‌ييارلاش ئىشىغا دە‌ۋە‌ت قىلىدۇ؟‏

7 نېمە ئۈچۈن ۋە‌ز قىلىپ،‏ شاگىرت تە‌ييارلاش ئىشى بىلە‌ن بە‌نت بولىمىز؟‏ بىرىنچى،‏ بىز يە‌ھۋانى سۆيىمىز‏.‏ ۋە‌ز قىلىش ۋە شاگىرت تە‌ييارلاش بۇ‌يرۇ‌قىغا بويسۇ‌نۇ‌پ،‏ قولۇ‌ڭىزدىن كە‌لگىنىچە خۇ‌داغا بولغان سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببىتىڭىزنى كۆرسىتە‌لە‌يسىز (‏1-‏يۇ‌ھاننا 5:‏3‏)‏.‏ ئويلاپ بېقىڭ:‏ يە‌ھۋاغا بولغان مۇ‌ھە‌ببىتىڭىز،‏ ئاللىقاچان سىزنى ئۆيمۇ-‏ئۆي ۋە‌ز قىلىشقا دە‌ۋە‌ت قىلغان.‏ شۇ بۇ‌يرۇ‌ققا بويسۇ‌نۇ‌ش ئاسان بولغانمۇ؟‏ بە‌لكىم،‏ ئاسانغا چۈشمىگە‌ن.‏ تۇ‌نجى ئىشىكنى قاققىنىڭىزدا،‏ سىز جىددىيلە‌شكە‌نمۇ؟‏ شە‌ك-‏شۈبھىسىزكى شۇ‌نداق بولغان.‏ بىراق،‏ سىز بۇ خىزمە‌تنى ئە‌يسانىڭ تاپشۇ‌رغانلىقىنى بىلگە‌چ،‏ شۇ بۇ‌يرۇ‌ققا بويسۇ‌نغان.‏ ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئە‌گىشىپ،‏ ۋە‌ز خىزمە‌تكە قاتنىشىش ياكى ۋە‌ز قىلىش سىز ئۈچۈن ئاسانراق بولغان.‏ ئۇ‌نداقتا،‏ ھازىر مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب تە‌تقىق ئۆگىنىشى باشلاشنى ئويلىسىڭىزچۇ،‏ جىددىيلىشىپ كېتە‌مسىز؟‏ بە‌لكىم.‏ ئە‌مما،‏ يە‌ھۋا خۇ‌دادىن ياردە‌م سوراڭ.‏ ئۇ سىزگە جاسارە‌ت بېرىپ،‏ شاگىرت تە‌ييارلاش ئارزۇ-‏ئىستىكىڭىزنىڭ كۈچىيىشىگە ياردە‌م بېرىدۇ.‏

8.‏ ماركۇ‌س 6:‏34-‏ئايە‌تتە يېزىلغاندە‌ك،‏ نېمە يە‌نە بىزنى باشقىلارغا ئۆگىتىشكە ئۈندىيە‌لە‌يدۇ؟‏

8 ئىككىنـچى،‏ قوشنىلىرىمىزغا بولغان مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت ئۇ‌لارغا ھە‌قىقە‌تنى ئۆگىتىشكە دە‌ۋە‌ت قىلىدۇ.‏ ئە‌يسا شاگىرتلىرى بىلە‌ن ئە‌تىدىن كە‌چكىچە ۋە‌ز قىلىپ چارچاپ كە‌تكە‌ن ۋە ئارام ئالىدىغان بىر جاينى تېپىشقا مۇ‌ھتاج بولۇ‌پ تۇ‌رغاندا،‏ بىر توپ كىشىلە‌ر ئۇ‌لارنى ئىزدە‌پ كە‌لگە‌ن.‏ ئە‌يسا ئۇ‌لارغا ئىچى ئاغرىتىپ،‏ كۆپ نە‌رسىلە‌رنى ئۆگىتىشكە باشلىغان ‏(‏ماركۇ‌س 6:‏34-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ نېمە ئۈچۈن ئۇ ھېرىپ چارچىسىمۇ خىزمە‌ت قىلغان؟‏ سە‌ۋە‌بى،‏ ئە‌يسا شۇ بىر توپ كىشىلە‌رنىڭ كۆڭلىنى چۈشە‌نگە‌ن.‏ ئۇ‌لارنىڭ شۇ‌نچە كۆپ ئازاب-‏ئوقۇ‌بە‌تلە‌رنى چېكىۋاتقانلىقىنى ۋە ئۈمىدكە مۇ‌ھتاج ئىكە‌نلىكىنى كۆرۈپ،‏ ئۇ‌لارغا ياردە‌م بېرىشنى خالىغان ئىدى.‏ بۈگۈنكى كۈندە،‏ كىشىلە‌ر كۆپ ئازاب-‏ئوقۇ‌بە‌تلە‌رنى چېكىۋاتىدۇ ۋە ئۈمىدكە مۇ‌ھتاج.‏ قارىماققا،‏ ئۇ‌لار خۇ‌شال-‏خۇ‌رام كۆرۈنسىمۇ،‏ بىراق ئۇ‌لار پادىچىسى يوق پادىغا ئوخشايدۇ.‏ ئە‌لچى پاۋلۇ‌س شۇ‌نداق كىشىلە‌رنى خۇ‌داسىز ۋە ئۈمىدسىز،‏ دە‌پ تە‌سۋىرلىگە‌ن (‏ئە‌فە‌س.‏ 2:‏12‏)‏.‏ ئۇ‌لار ھالاكە‌تكە ئېلىپ بارىدىغان يولدا كېتىۋاتىدۇ (‏مە‌تتا 7:‏13‏)‏.‏ بىز ياشاۋاتقان رايوندىكى ئادە‌ملە‌رنىڭ ھە‌ق خۇ‌دانى تونۇ‌شقا قانچىلىك مۇ‌ھتاجلىقىنى ئويلىساق،‏ مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت ۋە رە‌ھىم-‏شە‌پقە‌ت بىزنى ئۇ‌لارغا ياردە‌م بېرىشكە ئۈندە‌يدۇ.‏ ئۇ‌لارغا ياردە‌م بېرىشنىڭ ئە‌ڭ ياخشى ئۇ‌سۇ‌لى —‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب تە‌تقىق ئۆگىنىشىنى ئۆتكۈزۈش.‏

9.‏ فىلىپىلىكلە‌ر 2:‏13-‏ئايە‌تكە ئاساسلانغاندا،‏ يە‌ھۋا سىزگە قانداق ياردە‌م بېرە‌لە‌يدۇ؟‏

9 مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ئۆگىنىشىنى ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن،‏ كۆپ ۋاقىت كېتىدىغانلىقىنى بىلگە‌چ،‏ ئۆگىنىش باشلاشتىن ئىككىلىنىپ قالىدىغانسىز.‏ ئە‌گە‌ر شۇ‌نداق بولسا،‏ ئۆز ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌لىرىڭىزنى يە‌ھۋاغا ئېيتىپ بېرىڭ.‏ ئۆگىنىشنى خالايدىغانلارنى تېپىش ۋە تە‌تقىق ئۆگىنىشى باشلاش ئارزۇ‌يىڭىزنى كۈچە‌يتىش ئۈچۈن ئۇ‌نىڭدىن ياردە‌م سوراڭ ‏(‏فىلىپىلىكلە‌ر 2:‏13-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ ئە‌لچى يۇ‌ھاننا،‏ خۇ‌دانىڭ ئۆز ئىرادىسىگە ماس كېلىدىغان دۇ‌ئالارغا قۇ‌لاق سالىدىغانلىقىنى ئېيتقان (‏1-‏يۇ‌ھاننا 5:‏14،‏ 15‏)‏.‏ شۇ‌ڭا،‏ سىز باشقىلارغا ھە‌قىقە‌تنى ئۆگىتىش ئارزۇ-‏ئىستىكىڭىزنى كۈچە‌يتىشكە،‏ يە‌ھۋانىڭ ياردە‌م بېرىدىغانلىقىغا ئىشە‌نچ قىلىڭ.‏

باشقا قىيىنچىلىقلارنى يېڭىش

10،‏ 11.‏ نېمە ئۈچۈن مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ئۆگىنىشىنى ئۆتكۈزۈشتىن ئىككىلىنىپ قېلىشىڭىز مۇ‌مكىن؟‏

10 باشقىلارغا ئۆگىتىشنىڭ بە‌كمۇ مۇ‌ھىملىقىنى بىلىمىز.‏ بىراق،‏ شۇ‌نداق قىلىش ئاسانغا چۈشمە‌سلىكى مۇ‌مكىن.‏ ھازىر قانداق بە‌زى قىيىنچىلىقلارغا دۇ‌چ كېلىدىغانلىقىمىز ۋە ئۇ‌لارنى قانداق يېڭە‌لە‌يدىغانلىقىمىز ھە‌ققىدە مۇ‌ھاكىمە قىلىپ باقايلى.‏

11 ئۆزۈمىز خالىغاندە‌ك كۆپرە‌ك قىلالماسلىقىمىز مۇ‌مكىن.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ بە‌زى قېرىنداشلار ياشىنىپ قالغان ۋە سالامە‌تلىكى ناچار.‏ سىزمۇ شۇ‌نداق ئە‌ھۋالدىمۇ؟‏ ئە‌گە‌ر شۇ‌نداق بولسا،‏ بىز ۋابا (‏تاجىسىمان ۋىرۇ‌س)‏ كېسىلىدىن چىقارغان ساۋاقلاردىن بىرىنى كۆرۈپ باقايلى.‏ بىز شۇ‌نى بايقىدۇ‌ق،‏ تېلېفون بىلە‌ن ئۈنۈملۈك مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ئۆگىنىشىنى ئۆتكۈزە‌لە‌يمىز.‏ دېمە‌ك،‏ ئۆيىمىزدە ئولتۇ‌رۇ‌پ،‏ ئۆگىنىش باشلاش ياكى ئۆتكۈزۈش ئاسانراق بولىدۇ.‏ يە‌نە بىر ئە‌ۋزە‌للىكى بار.‏ بە‌زىلە‌ر مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ئۆگىنىشنى خالايدۇ،‏ بىراق قېرىنداشلار ئادە‌تتە ۋە‌ز قىلغاندا،‏ شۇ ئۆگىنىشنى خالىغۇ‌چىلارنىڭ ۋاقتى بولماي قالىدۇ.‏ مە‌يلى قانداقلا بولسۇ‌ن،‏ ئۇ‌لارنىڭ ئە‌تىگە‌ن ياكى كە‌چقۇ‌رۇ‌ن ۋاقتى بولۇ‌شى مۇ‌مكىن.‏ شۇ ۋاقىتلاردا ئۆگىنىشنى ئۆتكۈزۈشكە ۋاقىت چىقىرالامسىز؟‏ ئە‌يسا كېچىدە نىكودىمۇ‌سقا تە‌لىم بە‌رگە‌ن،‏ شۇ ۋاقىت ئۇ‌نىڭ ئۈچۈن قولاي بولغان.‏—‏يۇ‌ھاننا 3:‏1،‏ 2‏.‏

12.‏ ياخشى بىر ئۆگە‌تكۈچى بولۇ‌شىمىزغا ئىشە‌نچ تۇ‌رغۇ‌زۇ‌شقا قايسى ئامىللار ياردە‌م بېرە‌لە‌يدۇ؟‏

12 مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ئۆگىنىشى ئۆتكۈزۈش قولۇ‌مدىن كە‌لمە‌يدۇ،‏ دە‌پ ئويلىشىڭىز مۇ‌مكىن.‏ باشقىلار بىلە‌ن ئۆگىنىش ئۆتكۈزە‌لىشىم ئۈچۈن،‏ ئاۋۋال كۆپرە‌ك بىلىم ئېلىپ،‏ ماھارىتىمنى ئاشۇ‌رۇ‌شۇ‌م كېرە‌ك،‏ دە‌پ ئويلىشىڭىز مۇ‌مكىن.‏ ئە‌گە‌ر شۇ‌نداق بولسا،‏ ئۆزىڭىزگە بولغان ئىشە‌نچىڭىزنى تۇ‌رغۇ‌زۇ‌شىڭىزغا ياردە‌م بېرە‌لە‌يدىغان ئۈچ ئامىلنى كۆرۈپ باقايلى.‏ بىرىنچى،‏ يە‌ھۋا سىزنى باشقىلارغا ئۆگىتە‌لە‌يدۇ،‏ دە‌پ قارايدۇ (‏2-‏كورىنت.‏ 3:‏5‏)‏.‏ ئىككىنچى،‏ ئاسماندا ۋە يە‌ردە بارلىق ھوقۇ‌ققا ئىگە بولغان ئە‌يسا سىزگە ئۆگىتىشنى بۇ‌يرۇ‌ق قىلغان (‏مە‌تتا 28:‏18‏)‏.‏ ئۈچىنچى،‏ باشقىلارنىڭ ياردىمىگە تايىنالايسىز.‏ ئە‌يسا نېمە دېيىشنى ئاتىسىدىن ئۆگە‌نگە‌ن،‏ سىزمۇ شۇ‌نداق قىلالايسىز (‏يۇ‌ھاننا 8:‏28؛‏ 12:‏49‏)‏.‏ سىز ۋە‌ز خىزمە‌ت توپىغا يېتە‌كچىلىك قىلىدىغان ئاقساقالدىن،‏ تە‌جرىبىسى مول پىدائىي ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چى ياكى ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چىدىن ئۆگىنىشنى باشلاش ۋە ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن ياردە‌م سوراڭ.‏ ياخشى ئۆگە‌تكۈچى بولۇ‌شنىڭ بىر يولى —‏ باشقا ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چىلارنىڭ ئۆگىنىشىگە قاتنىشىش.‏

13.‏ نېمە ئۈچۈن يېڭى ئۇ‌سۇ‌لغا ئادە‌تلىنىشكە تە‌ييار بولۇ‌شىمىز كېرە‌ك؟‏

13 يېڭى ئۇ‌سۇ‌للارنى ۋە قوراللارنى ئىشلىتىشكە ئادە‌تلىنىش قىيىن بولۇ‌شى مۇ‌مكىن.‏ ھازىر ئۆگىنىش ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن،‏ ئاساسلىقى «مە‌ڭگۈ شاد-‏خۇ‌رام ياشاڭ!‏» دېگە‌ن كىتابنى قوللىنىمىز.‏ بۇ كىتاب تە‌ييارلىق قىلىشنى تە‌لە‌پ قىلىدۇ.‏ ئۇ بىز ئىلگىرى ئۆتكۈزگە‌ن تە‌تقىق ئۆگىنىشلىرىدىن پە‌رقلىنىدۇ.‏ ئابزاسلار ئازراق،‏ ئە‌مما ئۆگە‌نگۈچىلە‌ر بىلە‌ن كۆپرە‌ك سۆھبە‌تلىشىشكە مۇ‌مكىنچىلىك بار.‏ بىز ئۆگە‌تكە‌ندە،‏ فىلىملە‌ر ۋە «‏JW Library®‏» پروگراممىسىغا ئوخشاش پايدىلىنىش قوراللىرىنى ئىشلىتىمىز.‏ ئە‌گە‌ر شۇ قوراللارنى ئىشلىتىشتە قىينالسىڭىز،‏ ياردە‌م بېرە‌لە‌يدىغان قېرىنداشلاردىن سوراڭ.‏ دە‌سلە‌پتە يېڭى ئۇ‌سۇ‌لغا ئادە‌تلىنىش ئاسانغا توختىمايدۇ.‏ ئە‌مما،‏ مۇ‌نداق سۆز بار،‏ «سە‌ۋە‌ب قىلساڭ،‏ سېۋە‌تتە سۇ توختايدۇ».‏ شۇ‌ڭا،‏ يە‌ھۋانىڭ ۋە باشقىلارنىڭ ياردىمى بىلە‌ن يېڭى ئۇ‌سۇ‌لغا ئادە‌تلىنىشنىڭ ئاسان،‏ ھە‌تتا مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب تە‌تقىق ئۆگىنىشىنىڭ كۆڭۈللۈك بولىدىغانلىقىنى بايقايسىز.‏ بىر پىدائىي ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چى ئېيتقاندە‌ك،‏ «بۇ ئۇ‌سۇ‌لدا تە‌تقىق ئۆتكۈزۈش ئۆگە‌نگۈچى ھە‌م ئۆگە‌تكۈچىگە زور خۇ‌شاللىق بېغىشلايدۇ».‏

14.‏ ۋە‌ز قىلىش قىيىن رايونلاردا خىزمە‌ت قىلغاندا،‏ نېمىنى ئە‌ستە ساقلىشىمىز كېرە‌ك ۋە 1-‏كورىنتلىقلار 3:‏6،‏ 7-‏ئايە‌تلە‌ر‏،‏ بىزگە قانداق تە‌سە‌للى بېرىدۇ؟‏

14 بە‌لكىم،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ئۆگىنىشىنى باشلاش قىيىن رايوندا ياشايمىز.‏ قارىماققا،‏ ئادە‌ملە‌ر ئېيتىۋاتقان خە‌ۋىرىمىزگە پە‌رقلىق ئىنكاس قايتۇ‌رىدۇ ياكى قارشى چىقىدۇ.‏ شۇ‌نداق رايونلاردا ئىجابىي كۆز قاراشنى ساقلاشقا نېمە ياردە‌م بېرىدۇ؟‏ ئېسىڭىزدە بولسۇ‌نكى،‏ ھازىر تېز ئۆزگۈرۈۋاتقان دۇ‌نيادا ئادە‌ملە‌رنىڭ ۋە‌زىيىتىمۇ ئۆزگۈرۈۋاتىدۇ.‏ ئىلگىرى قىزىقىش كۆرسە‌تمىگە‌ن بىرى،‏ ھازىر ئۆزىنىڭ روھىي ئېھتىياجى بارلىقىنى چۈشە‌نگە‌ن بولۇ‌شى مۇ‌مكىن (‏مە‌تتا 5:‏3‏)‏.‏ ئىلگىرى دائىم بىزنى رە‌ت قىلغانلار،‏ كېيىن مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ئۆگىنىشىنى باشلىغان.‏ بىز يە‌نە يە‌ھۋا مول ھوسۇ‌لنىڭ ئېگىسى ئىكە‌نلىكىنى بىلىمىز (‏مە‌تتا 9:‏38‏)‏.‏ ئۇ بىزنىڭ داۋاملىق ئۇ‌رۇ‌ق چېچىپ،‏ ئۇ‌نى سۇ‌غۇ‌رۇ‌پ تۇ‌رۇ‌شىمىزنى خالايدۇ.‏ ئە‌مما،‏ ئۇ ئۆزى ئۇ‌نى ئۆستۈرۈشكە مە‌سئۇ‌ل (‏1-‏كورىنت.‏ 3:‏6،‏ 7‏)‏.‏ ھە‌تتا،‏ ھازىر مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب تە‌تقىق ئۆگىنىشىنى خالايدىغان بىرىنى تاپالمىغان بولساقمۇ،‏ يە‌ھۋا نە‌تىجىسىنى ئە‌مە‌س،‏ چىقارغان تىرىشچانلىقىمىزنى مۇ‌كاپاتلايدۇ.‏ بۇ‌نى ئە‌ستە ساقلاش بىزگە كۆپ تە‌سە‌للى بىرىدۇ b‏.‏

شاگىرت تە‌ييارلاش ئىشىدىكى خۇ‌شاللىقتىن بە‌ھرىمان بولۇ‌ڭ

ۋە‌ز قىلىش ۋە تە‌لىم بېرىش خىزمىتىمىز ئادە‌منىڭ ھاياتىنى ئۆزگە‌رتىشىگە قانداق ياردە‌م بېرىدۇ؟‏ (‏15—‏17-‏ئابزاسلارغا قاراڭ)‏ c

15.‏ بىرى مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ئۆگىنىشنى قوبۇ‌ل قىلىپ،‏ ئۆگە‌نگە‌نلىرى بويىچە ئىش قىلىشقا باشلىسا،‏ يە‌ھۋا قانداق ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌دا بولىدۇ؟‏

15 بىر كىشى مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ھە‌قىقىتىنى قوبۇ‌ل قىلىپ،‏ باشقىلار بىلە‌ن ئورتاقلاشسا،‏ يە‌ھۋا بە‌كمۇ خۇ‌شال بولىدۇ (‏پە‌ند.‏ نە 23:‏15،‏ 16‏)‏.‏ خۇ‌دا بۈگۈنكى كۈندە ئۆز خە‌لقىنىڭ قىزغىنلىق بىلە‌ن ۋە‌ز قىلىپ،‏ باشقىلارغا ئۆگىتىۋاتقانلىقىنى كۆرگىنىدە،‏ ئۇ‌نىڭ كۆڭلى بە‌كمۇ سۆيىنىدۇ.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ 2020-‏يىلى،‏ دۇ‌نيادا تارقالغان ۋاباغا قارىماستىن،‏ ئۇ‌نىڭ خە‌لقى 7705765 كىشى بىلە‌ن ئۆگىنىش ئۆتكۈزدى،‏ 241994 كىشى يە‌ھۋاغا ئۆزىنى بېغىشلاپ،‏ سۇ‌غا چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتتى.‏ يېڭى شاگىرتلار ھە‌م تېخىمۇ كۆپ شاگىرتلارنى تە‌ييارلاش ئۈچۈن مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب تە‌تقىق ئۆگىنىشلىرىنى ئۆتكۈزىدۇ (‏لۇ‌قا 6:‏40‏)‏.‏ بىز شاگىرت تە‌ييارلاش ئىشىغا قاتناشقاندا،‏ يە‌ھۋانىڭ كۆڭلى خۇ‌رسە‌ن بولىدىغانلىقىغا ئىشە‌نچىمىز كامىل.‏

16.‏ قانداق مە‌قسە‌ت قويالايمىز؟‏

16 شاگىرت تە‌ييارلاش ئاسان ئىش ئە‌مە‌س.‏ ئە‌مما،‏ خۇ‌دانىڭ ياردىمى بىلە‌ن،‏ ئە‌يسانىڭ شاگىرتى بولۇ‌شنى خالىغۇ‌چىلارغا ئاسماندىكى ئاتىمىزنى سۆيۈشنى ئۆگىتىشتە ئۆز ھە‌سسىمىزنى قوشالايمىز.‏ ھېچ بولمىغاندا،‏ بىر كىشى بىلە‌ن تە‌تقىق ئۆگىنىشى باشلاش ئۈچۈن مە‌قسە‌ت قويالايمىزمۇ؟‏ بىز ھە‌ر بىر ئۇ‌چراتقان ئادە‌منى تە‌تقىق ئۆگىنىشىگە تە‌كلىپ قىلىش پۇ‌رسىتىنى قولدىن بە‌رمىسە‌ك،‏ نە‌تىجىسى بىزنى ھە‌يران قالدۇ‌رۇ‌شى مۇ‌مكىن.‏ بىز شۇ‌نىڭغا ئىشىنىمىزكى،‏ يە‌ھۋا تىرىشچانلىقىمىزنى بە‌رىكە‌تلە‌يدۇ.‏

17.‏ ئە‌گە‌ر بىرى بىلە‌ن ئۆگىنىشنى ئۆتكۈزسە‌ك،‏ قانداق ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌دا بولىمىز؟‏

17 كىشىلە‌رگە ۋە‌ز قىلىپ‏،‏ ھە‌قىقە‌تنى ئۆگىتىش بىز ئۈچۈن چوڭ شان-‏شە‌رە‌پ!‏ بۇ بىزنى ھە‌قىقىي شاد-‏خۇ‌راملىققا ئېرىشتۈرىدۇ.‏ تېسالونىكىدىكى كىشىلە‌رنىڭ شاگىرت بولۇ‌شىغا ياردە‌م بە‌رگە‌ن ئە‌لچى پاۋلۇ‌س ئۆز ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌لىرىنى مۇ‌نداق ئىپادىلىگە‌ن:‏ «ھە‌زرىتى ئە‌يسانىڭ ھازىر بولۇ‌ش پە‌يتىدە،‏ بىزنىڭ ئۈمىدىمىز،‏ خۇ‌شاللىقىمىز ۋە پە‌خىرلىنىدىغان تاجىمىز كىم؟‏ سىلە‌ر ئە‌مە‌سمۇ؟‏ سىلە‌ر ھە‌قىقە‌تە‌ن بىزنىڭ شان-‏شە‌رىپىمىز ۋە خۇ‌شاللىقىمىز» (‏1-‏سالونىكا.‏ 2:‏19،‏ 20؛‏ ئە‌لچى.‏ 17:‏1—‏4‏)‏.‏ قېرىندىشىمىز ستېفانى بىلە‌ن يولدىشى كۆپ ئادە‌ملە‌رنىڭ ھە‌قىقە‌تنى تونۇ‌پ،‏ چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتۈشىگە ياردە‌م بە‌رگە‌ن.‏ ئۇ شۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «ئادە‌ملە‌رنىڭ يە‌ھۋاغا ئۆزىنى بېغىشلىشىغا ياردە‌م بېرىشتىنمۇ ئارتۇ‌ق خۇ‌شاللىنارلىق ئىش يوقتۇ‌ر!‏»‏

142-‏ناخشا ھە‌رخىل ئىنسانلارغا ۋە‌ز قىلىمىز

a يە‌ھۋا بىزگە ئادە‌ملە‌رگە ۋە‌ز قىلىشنىلا ئە‌مە‌س،‏ بە‌لكى ئۇ‌لارغا ئە‌يسانىڭ بۇ‌يرۇ‌قلىرىغا ئە‌مە‌ل قىلىشنى ئۆگىتىش ئىمتىيازىنىمۇ بە‌رگە‌ن.‏ نېمە بىزنى شۇ‌نداق قىلىشقا دە‌ۋە‌ت قىلىدۇ؟‏ ۋە‌ز قىلىش ۋە شاگىرت تە‌ييارلاش ئىشىدا قانداق قىيىنچىلىقلارغا دۇ‌چ كېلىمىز؟‏ ئاشۇ قىيىنچىلىقلارنى قانداق يېڭە‌لە‌يمىز؟‏ ھازىر مۇ‌شۇ سوئاللارغا جاۋاب تاپىمىز.‏

b شاگىرت تە‌ييارلاش ئىشىدا قانداق مۇ‌ھىم رولىڭىز بارلىقىنى ئە‌سكە سېلىش ئۈچۈن،‏ «كۈزىتىش مۇ‌نارى» 2021-‏يىل،‏ مارت ئېيىدىكى «‏بىز ھە‌ممىمىز ئۆگە‌نگۈچىلە‌رنىڭ چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتۈشىگە ياردە‌م بېرە‌لە‌يمىز‏»،‏ دېگە‌ن ماقالىسىگە قاراڭ.‏

c سۈرە‌تتە:‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى تە‌تقىق قىلغان بىرىنىڭ ھاياتىدىكى ئۆزگۈرۈشلە‌رگە قاراڭ:‏ دە‌سلە‌پتە بىر كىشى يە‌ھۋانى تونۇ‌مىغان،‏ قارىماققا ھاياتى مە‌نىسىز.‏ كېيىن گۇ‌ۋاھچىلىرى ۋە‌ز خىزمە‌تتە ئۇ‌نىڭ بىلە‌ن ئۇ‌چراشقان ۋە ئۇ ئۆگىنىشنى قوبۇ‌ل قىلغان.‏ ئۇ‌نىڭ ئۆگىنىشى ئۇ‌نى ئۆزىنى بېغىشلاپ،‏ چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتۈشكە يېتە‌كلىگە‌ن.‏ ۋاقىت-‏سائىتى كە‌لگە‌ندە،‏ ئۇ‌مۇ باشقىلارغا ئە‌يسانىڭ شاگىرتى بولۇ‌شقا ياردە‌م بە‌رگە‌ن.‏ ئاخىرىدا ئۇ‌لار ھە‌ممىسى جە‌ننە‌تتە شاد-‏خۇ‌رام ياشايدۇ.‏