مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

28-‏تە‌تقىق ماقالىسى

رىقابە‌تچىلىكتىن ساقلىنىپ،‏ تىنچ-‏ئىناقلىقنى ئىلگىرى سۈرە‌يلى

رىقابە‌تچىلىكتىن ساقلىنىپ،‏ تىنچ-‏ئىناقلىقنى ئىلگىرى سۈرە‌يلى

‏«شە‌خسىيە‌تچىلىك قىلمايلى.‏ بىر-‏بىرىمىزنى رىقابە‌تچىلىككە ئۈندىمە‌يلى ۋە بىر-‏بىرىمىزگە ھە‌سە‌ت قىلمايلى».‏‏—‏گالاتىيا.‏ 5:‏26‏.‏

53-‏ناخشا ئىناقلىقتا خىزمە‌ت قىلىش

بۇ ماقالىدە a

1.‏ رىقابە‌تچىلىك روھى ئادە‌ملە‌رگە قانداق تە‌سىر قىلىدۇ؟‏

 بۈگۈنكى كۈندە،‏ بۇ دۇ‌نيادا نۇ‌رغۇ‌ن ئادە‌ملە‌ر رىقابە‌تچىلىك روھى تە‌رىپىدىن شە‌خسىيە‌تچىلىككە دە‌ۋە‌ت قىلىنغان.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ بىر سودىگە‌ر باشقا سودىگە‌رلە‌ردىن كۆپرە‌ك مۇ‌ۋە‌پپە‌قىيە‌ت قازىنىشنى خالىغاچ،‏ باشقىلارغا زىيان يە‌تكۈزۈشكە ھە‌رىكە‌ت قىلىدۇ.‏ تە‌نتە‌ربىيە مۇ‌سابىقىسىدە،‏ تە‌نھە‌رىكە‌تچى ئۆزىنىڭ غە‌لىبە قازىنىشى ئۈچۈن باشقىلارنى قە‌ستە‌ن يارىلاندۇ‌رۇ‌شى مۇ‌مكىن.‏ بىر ئوقۇ‌غۇ‌چى داڭلىق ئۇ‌نىۋېرسىتېتقا كىرىش ئۈچۈن،‏ ئىمتىھاندا ئالدامچىلىق قىلىشى مۇ‌مكىن.‏ بىز خۇ‌دا خىزمە‌تچىلىرى سۈپىتىدە،‏ شۇ‌نداق ئىش-‏ھە‌رىكە‌تلە‌رنىڭ خاتا ئىكە‌نلىكىنى چۈشىنىمىز.‏ ئۇ‌لار تە‌ننىڭ ئىشلىرىدۇ‌ر (‏گالاتىيا.‏ 5:‏19—‏21‏)‏.‏ ئە‌مما،‏ ھە‌تتا بە‌زى يە‌ھۋانىڭ خىزمە‌تچىلىرىمۇ،‏ ئۆزلىرى بايقىماي جامائە‌تتە رىقابە‌تچىلىك روھىنى كۈچە‌يتىشى مۇ‌مكىنمۇ؟‏ بۇ بە‌ك مۇ‌ھىم بىر سوئال.‏ سە‌ۋە‌بى،‏ رىقابە‌تچىلىك روھى قېرىنداشلار ئارىسىدىكى ئىناقلىققا تە‌سىر قىلالايدۇ.‏

2.‏ بۇ ماقالىدە،‏ نېمىلە‌رنى قاراشتۇ‌رىمىز؟‏

2 بۇ ماقالىدە،‏ بىز قېرىنداشلىرىمىز بىلە‌ن بە‌سلىشىش روھىنى كۈچە‌يتىدىغان ناچار مىجە‌ز-‏خۇ‌لۇ‌قلار ھە‌ققىدە مۇ‌ھاكىمە قىلىمىز.‏ يە‌نە مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى ساداقە‌تمە‌ن ئە‌ر ۋە ئايال خىزمە‌تچىلە‌رنىڭ مىساللىرىنى كۆرۈمىز.‏ ئۇ‌لار رىقابە‌تچىلىككە بېرىلمىگە‌ن.‏ ئاۋۋال بىز ئۆز نىيە‌تلىرىمىزنى قانداق تە‌كشۈرە‌لە‌يدىغانلىقىمىزنى كۆرۈپ باقايلى.‏

نىيىتىڭىزنى تە‌كشۈرۈپ كۆرۈڭ

3.‏ بىز ئۆز-‏ئۆزۈمىزدىن قايسى سوئاللارنى سوراپ كۆرۈشىمىز كېرە‌ك؟‏

3 ئارىلاپ-‏ئارىلاپ ئۆز نىيە‌تلىرىمىزنى تە‌كشۈرۈپ تۇ‌رساق ياخشى.‏ ئۆز-‏ئۆزۈمىزدىن مۇ‌نداق سوراپ كۆرە‌يلى:‏ ئۆز قە‌دىر-‏قىممىتىمنى ھېس قىلىش ئۈچۈن،‏ ئۆزۈمنى باشقىلار بىلە‌ن سېلىشتۇ‌رىمە‌نمۇ؟‏ جامائە‌تتە تىرىشىپ خىزمە‌ت قىلىشىم،‏ ئۆزۈمنى ئە‌ڭ ياخشى كۆرسىتىش ياكى باشقىلارغا قارىغاندا ياخشىراق بولۇ‌شنى خالىغىنىم ئۈچۈنمۇ؟‏ ۋە ياكى،‏ يە‌ھۋانى خۇ‌رسە‌ن قىلىش ئۈچۈنمۇ؟‏ نېمە ئۈچۈن مۇ‌شۇ سوئاللار توغرۇ‌لۇ‌ق ئويلاش مۇ‌ھىم؟‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب نېمە دە‌يدۇ،‏ قاراپ باقايلى.‏

4.‏ گالاتىيالىقلار 6:‏3،‏ 4-‏ئايە‌تتە تىلغا ئېلىنغاندە‌ك،‏ نېمە ئۈچۈن ئۆزۈمىزنى باشقىلار بىلە‌ن سېلىشتۇ‌رۇ‌شتىن چوقۇ‌م يىراق تۇ‌رۇ‌شىمىز كېرە‌ك؟‏

4 مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب،‏ ئۆزۈمىزنى باشقىلار بىلە‌ن سېلىشتۇ‌رۇ‌شتىن يىراق تۇ‌رۇ‌شقا دە‌ۋە‌ت قىلىدۇ ‏(‏گالاتىيالىقلار 6:‏3،‏ 4-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ نېمە ئۈچۈن؟‏ بىر سە‌ۋە‌بى،‏ ئە‌گە‌ر بىز بىر ئىشنى قېرىنداشلىرىمىزدىن ياخشىراق قىلىۋاتىمە‌ن،‏ دە‌پ ئويلىساق،‏ تە‌كە‌ببۇ‌ر بولۇ‌پ كېتىشىمىز مۇ‌مكىن.‏ يە بولمىسا،‏ باشقىلارنى ئۆزۈمىزدىن ياخشىراق،‏ دە‌پ ئويلىساق،‏ بىز يە‌نە ئۈمىدسىزلىنىشىمىز مۇ‌مكىن.‏ شۇ‌ڭا،‏ مە‌يلى ئۇ‌نداق ياكى بۇ‌نداق ئويلايلى،‏ بۇ دانالىق ئە‌مە‌س (‏رىملىقلار 12:‏3‏)‏.‏ گرېتسىيىدە ياشايدىغان قېرىندىشىمىز كاترىنا b مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «مە‌ن دائىم كۆرۈنۈشى چىرايلىق،‏ ۋە‌ز خىزمە‌تتە ئۈنۈملۈكرە‌ك ۋە باشقىلارنى دوست تۇ‌تۇ‌شقا ماھىر قېرىنداشلار بىلە‌ن ئۆزۈمنى سېلىشتۇ‌رۇ‌شقا ئادە‌تلە‌نگە‌ن ئىدىم.‏ نە‌تىجىدە،‏ ئۆزۈمنى ئە‌رزىمە‌س ھېس قىلاتتىم».‏ بىز بىر نە‌رسىنى ئۇ‌نتۇ‌ماسلىقىمىز كېرە‌ك:‏ بىز چىرايلىق،‏ قابىلىيە‌تلىك ياكى ئاتاقلىق بولغىنىمىز ئۈچۈن ئە‌مە‌س،‏ ئە‌كسىنچە ياراتقۇ‌چىمىزنى سۆيۈشكە تە‌ييار بولۇ‌پ،‏ ئوغلىنىڭ سۆزلىرىگە قۇ‌لاق سالغىنىمىز ئۈچۈن،‏ ئۇ بىزنى ئۆزىگە جە‌لپ قىلغان.‏—‏يۇ‌ھاننا 6:‏44؛‏ 1-‏كورىنت.‏ 1:‏26—‏31‏.‏

5.‏ بۇ‌رادە‌ر خيۇ‌ننىڭ مىسالىدىن نېمىنى ئۆگە‌ندىڭىز؟‏

5 ئۆزۈمىزدىن مۇ‌نداق سوراپ كۆرسە‌ك بولىدۇ:‏ باشقىلار مېنى تىنچلىقپە‌رۋە‌ر،‏ دە‌پ قارامدۇ ياكى دائىم باشقىلار بىلە‌ن تالاش-‏تارتىش قىلىپ يۈرىدىغان ئادە‌م،‏ دە‌پ قارامدۇ؟‏ كورېيىدە ياشايدىغان بۇ‌رادە‌ر خيۇ‌ننىڭ مىسالىنى كۆرە‌يلى.‏ ئىلگىرى،‏ ئۇ بە‌زى ئىمتىيازلارغا ئىگە بولغان بۇ‌رادە‌رلە‌رنى ئۆزىنىڭ رىقابە‌تچىلىرى،‏ دە‌پ قارىغان.‏ «مە‌ن شۇ بۇ‌رادە‌رلە‌رنى تە‌نقىد قىلغان ۋە دائىم ئۇ‌لارنىڭ سۆزلىرىگە قوشۇ‌لمايتتىم.‏ نە‌تىجىدە،‏ شۇ كۆزقارىشىم،‏ جامائە‌تنىڭ بۆلۈنۈشىگە سە‌ۋە‌ب بولغان ئىدى»،‏—‏ دە‌پ ئېتىراپ قىلغان،‏ ئۇ.‏ بە‌زى دوستلىرى ئۇ‌نىڭغا ئۆز كە‌مچىلىكىنى تونۇ‌پ يېتىشى ئۈچۈن ياردە‌م بە‌رگە‌ن.‏ ئۇ كېرە‌كلىك ئۆزگۈرۈشلە‌رنى قىلىپ،‏ جامائە‌تتە ياخشى بىر ئاقساقال بولۇ‌پ خىزمە‌ت قىلىۋاتىدۇ.‏ ئە‌گە‌ر ئۆزۈمىزدە تىنچلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش ئە‌مە‌س،‏ رىقابە‌تچىلىك روھىنىڭ كۈچىيىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلساق،‏ ئۇ‌نى دە‌رھال ئۆزگە‌رتىشىمىز لازىم.‏

شە‌خسىيە‌تچىلىك ۋە ھە‌سە‌تخورلۇ‌ق روھىغا قارشى تۇ‌رۇ‌ڭ

6.‏ گالاتىيالىقلار 5:‏26-‏ئايە‌تتە‏،‏ رىقابە‌تلىشىش روھىنى كۈچە‌يتىدىغان قانداق يېقىمسىز مىجە‌ز-‏خۇ‌لۇ‌قلار تىلغا ئېلىنغان؟‏

6 گالاتىيالىقلار 5:‏26-‏نى ئوقۇ‌ڭ.‏ قانداق يېقىمسىز مىجە‌ز-‏خۇ‌لۇ‌قلار رىقابە‌تلىشىش روھىنى كۆرسىتىشكە دە‌ۋە‌ت قىلىدۇ؟‏ ئۇ‌نىڭ بىرى شە‌خسىيە‌تچىلىك.‏ شە‌خسىيە‌تچى ئادە‌م تە‌كە‌ببۇ‌ر ۋە پە‌قە‌تلا ئۆزىنى ئويلايدىغان كىشىدۇ‌ر.‏ يە‌نە بىر ناچار ئىللە‌ت ھە‌سە‌تخورلۇ‌ق.‏ ھە‌سە‌تخور كىشى پە‌قە‌تلا باشقىلاردا بار بولغان نە‌رسىنىڭ ئۆزىدە بولۇ‌شىنى ئارزۇ قىلىپ قالماي،‏ يە‌نە باشقىلاردا شۇ نە‌رسىنىڭ بولماسلىقىنى ھە‌م خالايدۇ.‏ ئە‌مە‌لىيە‌تتە،‏ ھە‌سە‌تخورلۇ‌ق ئۆچمە‌نلىكنىڭ بىر تۈرى.‏ شۇ‌ڭا،‏ بىز بالايىئاپە‌تكە ئوخشاش بۇ‌نداق ناچار ئىللە‌تلە‌ردىن يىراق تۇ‌رۇ‌شنى خالايمىز.‏

7.‏ شە‌خسىيە‌تچىلىك ۋە ھە‌سە‌تخورلۇ‌ق قانداق زىيان ئېلىپ كېلىدۇ؟‏ مىسال كە‌لتۈرۈڭ.‏

7 شە‌خسىيە‌تچىلىك ۋە ھە‌سە‌تخورلۇ‌ق —‏ بۇ ناچار ئىللە‌تلە‌ر زىيانلىق قۇ‌رۇ‌تلارغا ئوخشايدۇ.‏ ئۆي قانچىلىك چىرايلىق سېلىنغان بولسىمۇ،‏ قۇ‌رۇ‌تلار ئۆينىڭ تۈۋرۈكلىرىنى يە‌پ كە‌تسە،‏ شۇ ئۆي ئاخىر بىر كۈنى ئۆرۈلۈپ چۈشىدۇ.‏ خۇ‌ددى شۇ‌نىڭغا ئوخشاش،‏ يە‌ھۋاغا بىر مە‌زگىل خىزمە‌ت قىلغان بىرى شە‌خسىيە‌تچىلىك ۋە ھە‌سە‌تخورلۇ‌ققا يول قويسا،‏ ئۇ ھالاك بولىدۇ (‏پە‌ند.‏ نە 16:‏18‏)‏.‏ ئۇ خۇ‌داغا خىزمە‌ت قىلىشنى توختىتىدۇ،‏ ئۆزىگىمۇ ۋە باشقىلارغىمۇ زىيان يە‌تكۈزىدۇ.‏ ئۇ‌نداقتا،‏ شە‌خسىيە‌تچىلىك ۋە ھە‌سە‌تخورلۇ‌ققا قانداق قارشى تۇ‌رالايمىز؟‏

8.‏ بىز شە‌خسىيە‌تچىلىككە قانداق قارشى تۇ‌رالايمىز؟‏

8 شە‌خسىيە‌تچىلىككە قارشى تۇ‌رۇ‌ش ئۈچۈن،‏ بىز پاۋلۇ‌سنىڭ فىلىپىلىكلە‌رگە بە‌رگە‌ن مۇ‌نۇ نە‌سىھە‌ت سۆزىنى ئە‌ستە ساقلىشىمىز كېرە‌ك:‏ «ھېچقانداق ئىشنى رىقابە‌تلىشىش ۋە شە‌خسىيە‌تچىلىكتىن قىلماڭلار.‏ ئە‌كسىنچە،‏ كە‌متە‌رلىك بىلە‌ن باشقىلارنى ئۆزۈڭلاردىن يۇ‌قىرى كۆرۈڭلار» (‏فىلىپى.‏ 2:‏3‏)‏.‏ ئە‌گە‌ر بىز باشقىلارنى ئۆزۈمىزدىن يۇ‌قىرى كۆرسە‌ك،‏ بىزدىن ياخشىراق قابىلىيە‌ت ۋە تالانتقا ئىگە بولغانلار بىلە‌ن رىقابە‌تلە‌شمە‌يمىز.‏ ئە‌كسىنچە،‏ ئۇ‌لار بولۇ‌پمۇ شۇ قابىلىيە‌تلىرىنى ئىشلىتىپ،‏ ياراتقۇ‌چىمىز يە‌ھۋانى مە‌دھىيىلە‌پ،‏ ئۇ‌نىڭغا خىزمە‌ت قىلسا،‏ ئۇ‌لار ئۈچۈن ئىنتايىن خۇ‌شال بولىمىز.‏ شۇ‌نىڭدە‌ك،‏ ئە‌گە‌ر شۇ قابىلىيە‌تلىك قېرىنداشلار پاۋلۇ‌سنىڭ نە‌سىھىتىگە قۇ‌لاق سالسا،‏ ئۇ‌لارمۇ ياخشى پە‌زىلە‌تلىرىمىزنى كۆرە‌لە‌يدۇ.‏ شۇ چاغدىلا،‏ جامائە‌تتە تىنچ-‏ئىناقلىق ۋە بىرلىكنى ئىلگىرى سۈرە‌لە‌يمىز.‏

9.‏ ھە‌سە‌تخورلۇ‌ق خاھىشىمىزنى قانداق كونترول قىلالايمىز؟‏

9 كىچـىك-‏پېئىللىـقنى يېتىلـدۈرۈش ۋە ئىمكانىيىتىمىزنىڭ چە‌كلىك ئىكە‌نلىكىنى ئېتىراپ قىلىش ئارقىلىق،‏ ھە‌سە‌تخورلۇ‌ق خاھىشىنى كونترول قىلالايمىز.‏ ئە‌گە‌ر كە‌متە‌ر بولساق،‏ تالانتىمىزنى يـاكـى بـاشـقـىـلاردىـن كـۆپـرە‌ك ئـىـش قىلالايدىغانلىقىمىزنى كۆرسىتىشكە ئۇ‌رۇ‌نمايمىز.‏ ئە‌كسىنچە،‏ ئۆزۈمىزدىن قابىلىيە‌تلىك بولغانلاردىن نېمىلە‌رنى ئۆگىنە‌لە‌يدىغانلىقىمىزغا دىققە‌ت قىلىمىز.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ جامائە‌تتە بىر بۇ‌رادە‌ر ياخشى نۇ‌تۇ‌قلارنى ئېيتىدۇ،‏ دە‌يلى.‏ بىز ئۇ‌نىڭدىن نۇ‌تۇ‌قلارنى قانداق تە‌ييارلايدىغانلىقىنى سورىساق بولىدۇ.‏ ئە‌گە‌ر بىر قېرىندىشىمىز ياخشى ئاشپە‌ز بولسا،‏ ئۇ‌نىڭدىن تە‌ملىك تاماقلارنى ئېتىشنى ئۆگىنىۋالساق بولىدۇ.‏ ياكى بولمىسا،‏ بىر ياش قېرىنداشقا دوستلارنى تېپىش قىيىن بولسا،‏ ئۇ باشقىلار بىلە‌ن ئوڭايلا دوست بولالايدىغانلاردىن ياردە‌م سورىسا بولىدۇ.‏ شۇ‌نداق قىلساق،‏ ئۆزۈمىزنى ھە‌سە‌تخورلۇ‌قتىن ساقلاپ،‏ ماھارىتىمىزنى ئاشۇ‌رالايمىز.‏

مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى ئۈلگىلە‌ردىن ساۋاق ئېلىش

گىدېئون كە‌متە‌ر بولغاچ،‏ ئە‌فرائىملىقلار بىلە‌ن تىنچ-‏ئىناقلىقنى ساقلىغان (‏10—‏12-‏ئابزاسلارغا قاراڭ)‏

10.‏ گىدېئون قانداق قىيىنچىلىقلارغا دۇ‌چ كە‌لگە‌ن؟‏

10 ماناسسە قە‌بىلىسىدىن بولغان گىدېئون بىلە‌ن ئە‌فرائىم قە‌بىلىسىدىن بولغان كىشىلە‌رنىڭ ئارىسىدا يۈز بە‌رگە‌ن ئىشلارنى كۆرە‌يلى.‏ گىدېئون ۋە ئۇ‌نىڭ 300 ئە‌سكىرى،‏ يە‌ھۋانىڭ ياردىمى بىلە‌ن جە‌ڭدە غە‌لىبە قازانغان ئىدى.‏ ئۇ‌لار شۇ جە‌ڭدىن كېيىن،‏ ئىنتايىن پە‌خىرلە‌نسە بولاتتى.‏ ئە‌فرائىملىقلار گىدېئون بىلە‌ن كۆرۈشكە‌ندە،‏ ئۇ‌نى ماختاشنىڭ ئورنىغا،‏ ئۇ‌نىڭ بىلە‌ن تاكاللىشىپ ئاچچىقلانغان.‏ سە‌ۋە‌بى،‏ گىدېئون باشتىن باشلاپ،‏ ئە‌فرائىم قە‌بىلىسىدىكىلە‌رنى خۇ‌دانىڭ دۈشمە‌نلىرىگە قارشى جە‌ڭگە چاقىرمىغان ئىدى.‏ گىدېئون خۇ‌دانىڭ ئىسىمىغا شان-‏شە‌رە‌پ كە‌لتۈرۈپ،‏ ئۇ‌نىڭ خە‌لقىنى قوغدىغان ئىدى.‏ ئە‌مما،‏ ئە‌فرائىملىقلار ھە‌ددىدىن زىيادە ئۆز قە‌بىلىسىنىڭ نام-‏ئابرويىنى قوغداشنى ئويلىغاچ،‏ ئە‌ڭ مۇ‌ھىم نە‌رسىنى ئۇ‌نتۇ‌غان.‏—‏ھاكىم.‏ 8:‏1‏.‏

11.‏ گىدېئون ئە‌فرائىملىقلارغا قانداق جاۋاب قايتۇ‌رغان؟‏

11 گىدېئون كە‌متە‌رلىك بىلە‌ن ئە‌فرائىملىقلارغا شۇ‌نداق دېگە‌ن:‏ « سىلە‌رنىڭ قىلغانلىرىڭلارغا قارىغاندا مېنىڭ قىلغىنىم نېمە ئىدى؟‏» شۇ‌نىڭ بىلە‌ن،‏ ئۇ يە‌ھۋانىڭ ئۇ‌لارنى بە‌رىكە‌تلىگە‌نلىكىنى ئالاھىدە تىلغا ئالغان.‏ نە‌تىجىدە،‏ ئۇ‌لارنىڭ ئاچچىقى بېسىلغان (‏ھاكىم.‏ 8:‏2،‏ 3‏)‏.‏ گىدېئون مە‌غرۇ‌رلۇ‌قنى چە‌تكە قويۇ‌پ،‏ خۇ‌دا خە‌لقى ئارىسىدا تىنچلىقنى ساقلاش ھە‌ققىدە كۆپرە‌ك ئويلىغان.‏

12.‏ ئە‌فرائىملىقلار ۋە گىدېئوننىڭ مىسالىدىن قانداق ساۋاق ئالالايمىز؟‏

12 مۇ‌شۇ مىسالدىن قانداق ساۋاق ئالالايمىز؟‏ بىز ئە‌فرائىملىقلارغا ئوخشاش ئۆز نام-‏ئابرويىمىزنى قوغداشنى ئە‌مە‌س،‏ بە‌لكى يە‌ھۋانىڭ شان-‏شە‌رىپىنى قوغداشنى كۆپرە‌ك ئويلىشىمىز لازىم.‏ بولۇ‌پمۇ،‏ بىز ئائىلە باشلىقلىرى ۋە ئاقساقاللار گىدېئوننىڭ مىسالىدىن بىر نە‌رسىنى ئۆگىنە‌لە‌يمىز.‏ ئە‌گە‌ر بىرسى ئىش-‏ھە‌رىكە‌تلىرىمىزگە نارازىلىقىنى بىلدۈرسە،‏ ئۆزىمىزنى ئۇ‌نىڭ ئورنىغا قويۇ‌پ،‏ ۋە‌زىيە‌تكە قاراشقا تىرىشىشىمىز كېرە‌ك.‏ ئۇ‌نىڭ قىلغان ياخشى ئىشلىرىنى ماختىساق بولىدۇ.‏ بولۇ‌پمۇ،‏ شۇ كىشىنىڭ خاتا قىلغانلىقى ئېنىق بولغاندا،‏ بىزدىن كە‌متە‌ر بولۇ‌ش تە‌لە‌پ قىلىنىدۇ.‏ بىراق،‏ ئۆزۈمىزنىڭ توغرا ئىكە‌نلىكىنى ئىسپاتلاشقا قارىغاندا،‏ ئېتىقادداشلار ئارىسىدىكى ئىناقلىقنى ساقلاش بە‌كرە‌ك مۇ‌ھىم.‏

ھاننا ئىشلىرىنى خۇ‌دانىڭ قولىغا تاپشۇ‌رغاچ،‏ قايتا كۆڭۈل خاتىرجە‌ملىكىگە ئېرىشكە‌ن (‏13،‏ 14-‏ئابزاسلارغا قاراڭ)‏

13.‏ ھاننا قانداق قىيىنچىلىققا دۇ‌چ كە‌لگە‌ن ۋە ئۇ ئۇ‌نى قانداق يە‌ڭگە‌ن؟‏

13 ھاننانىڭ مىسالىنى كۆرۈپ باقايلى.‏ ئۇ ئە‌لقانا ئىسىملىك بىر لاۋىينىڭ ئايالى ئىدى.‏ يولدىشى ئۇ‌نى بە‌ك ياخشى كۆرگە‌ن.‏ ئە‌مما،‏ ئۇ‌نىڭ پىنىننا ئىسىملىك يە‌نە بىر ئايالى بار ئىدى.‏ ئە‌لقانا پىنىنناغا قارىغاندا ھاننانى بە‌كرە‌ك ياخشى كۆرە‌تتى.‏ پىنىننانىڭ پە‌رزە‌نتلىرى بار،‏ ئە‌مما ھاننا بولسا تۇ‌غماس ئىدى.‏ مۇ‌شۇ سە‌ۋە‌ب،‏ پىنىننا ھاننانى مازاق قىلىپ،‏ ئۇ‌نى قاتتىق ئازابلاپ،‏ خاپا قىلاتتى.‏ ھاننانىڭ كۆڭلى بۇ‌زۇ‌لۇ‌پ،‏ «كۆز يېشى قىلىپ،‏ گېلىدىن غىزامۇ ئۆتمە‌يتتى» (‏1-‏سام.‏ 1:‏2،‏ 6،‏ 7‏)‏.‏ بىراق،‏ ھاننانىڭ پىنىننادىن ئۆچ ئالغانلىقى توغرۇ‌لۇ‌ق مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا ھېچنە‌رسە تاپالمايمىز.‏ ئە‌كسىنچە،‏ ئۇ يە‌ھۋاغا ئىچ-‏باغرىنى تۆكۈپ،‏ ئۇ‌نىڭ ياردە‌م بېرىدىغانلىقىغا ئىشە‌نچ قىلغان.‏ پىنىننانىڭ ھانناغا بولغان مۇ‌ئامىلىسى ئۆزگە‌ردىمۇ؟‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا،‏ بۇ توغرۇ‌لۇ‌ق ھېچنە‌رسە ئېيتىلمىغان.‏ بىراق،‏ بىز شۇ‌نى بىلىمىزكى،‏ ھاننا كۆڭۈل خاتىرجە‌ملىكىگە ئېرىشىپ،‏ «ئىلگىرىكىدە‌ك غە‌مكىن كۆرۈنمىدى».‏—‏1-‏سام.‏ 1:‏10،‏ 18‏.‏

14.‏ ھاننانىڭ مىسالىدىن قانداق ساۋاق ئالالايمىز؟‏

14 ھاننانىڭ مىسالىدىن قانداق ساۋاق ئالالايمىز؟‏ ئە‌گە‌ر بىرى سىز بىلە‌ن رىقابە‌تلىشىشكە ئۇ‌رۇ‌نسا،‏ سىز شۇ ۋە‌زىيە‌تنى كونترول قىلالايدىغانلىقىڭىز ئېسىڭىزدە بولسۇ‌ن.‏ ئاشۇ رىقابە‌تكە قاتناشماڭ.‏ يامانلىققا يامانلىق قايتۇ‌رۇ‌شنىڭ ئورنىغا،‏ شۇ كىشى بىلە‌ن تىنچلىقنى ساقلاشقا ھە‌رىكە‌ت قىلىڭ (‏رىملىقلار 12:‏17—‏21‏)‏.‏ ھە‌تتا،‏ ئۇ ئۆزگۈرۈشنى خالىمىسىمۇ،‏ سىز تىنچلىقنى ۋە خۇ‌شال-‏خۇ‌راملىقنى ساقلاپ قالالايسىز.‏

ئاپوللوس بىلە‌ن پاۋلۇ‌س بىر-‏بىرىگە رىقابە‌تچى،‏ دە‌پ قارىمىغان.‏ سە‌ۋە‌بى،‏ ئۇ‌لار ئۆز ئىشلىرىنى يە‌ھۋانىڭ بە‌رىكە‌تلىگە‌نلىكىنى تونۇ‌پ يە‌تكە‌ن (‏15—‏18-‏ئابزاسلارغا قاراڭ)‏

15.‏ ئاپوللوس ۋە پاۋلۇ‌سنىڭ قانداق ئوخشاشلىقلىرى بار ئىدى؟‏

15 ھازىر بولسا ئاپوللوس ۋە ئە‌لچى پاۋلۇ‌ستىن قانداق ساۋاق ئالالايدىغانلىقىمىزنى كۆرە‌يلى.‏ ھە‌ر ئىككىلىسى مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ياخشى بىلگە‌ن ۋە ياخشى تە‌لىم بە‌رگۈچىلە‌ر ئىدى.‏ ھە‌ر ئىككىلىسى نۇ‌رغۇ‌ن شاگىرتلارنى تە‌ييارلىغان.‏ ئە‌مما،‏ ئۇ‌لار بىر-‏بىرىنى رىقابە‌تچى،‏ دە‌پ قارىمىغان.‏

16.‏ ئاپاللوس قانداق ئادە‌م بولغان؟‏

16 ئاپوللوس بىرىنچى ئە‌سىردىكى تە‌لىم-‏تە‌ربىيە مە‌ركىزى بولغان ئىسكە‌ندە‌رىيە شە‌ھىرىدە تۇ‌غۇ‌لغان ئىدى.‏ ئۇ ناھايىتى ياخشى ناتىق بولۇ‌پ،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلارنى ياخشى بىلە‌تتى (‏ئە‌لچى.‏ 18:‏24‏)‏.‏ ئاپوللوس كورىنت شە‌ھىرىدە بولغاندا،‏ جامائە‌تتىكى بە‌زىلە‌ر پاۋلۇ‌س ۋە باشقا بۇ‌رادە‌رلە‌رگە قارىغاندا،‏ ئۇ‌نى بە‌كرە‌ك ياخشى كۆرگە‌نلىكىنى كۆرسە‌تكە‌ن (‏1-‏كورىنت.‏ 1:‏12،‏ 13‏)‏.‏ ئاپاللوس جامائە‌تنى شۇ‌نداق بۆلۈنۈشكە دە‌ۋە‌ت قىلغانمۇ؟‏ ياق،‏ ئۇ‌نداق قىلمىغان.‏ ئە‌مە‌لىيە‌تتە،‏ ئۇ كورىنت شە‌ھىرىدىن كە‌تكە‌ندىن كېيىن،‏ پاۋلۇ‌س ئۇ‌نى شۇ شە‌ھە‌رگە قايتىپ كېلىشكە چاقىرغان (‏1-‏كورىنت.‏ 16:‏12‏)‏.‏ ئە‌گە‌ر ئاپوللوس جامائە‌تتە بۆلۈنۈش پە‌يدا قىلماقچى بولغان بولسا،‏ پاۋلۇ‌س ھە‌رگىزمۇ ئۇ‌نى كورىنتقا قايتىپ بېرىشقا چاقىرمايتتى.‏ ئېنىقكى،‏ ئاپوللوس ئۆز قابىلىيە‌تلىرىنى خۇ‌ش خە‌ۋە‌رنى يە‌تكۈزۈش ۋە قېرىنداشلارنىڭ ئىمان-‏ئېتىقادىنى كۈچە‌يتىش ئۈچۈن ئىشلە‌تكە‌ن.‏ ئېنىقكى،‏ ئۇ كە‌متە‌ر ئادە‌م بولغان.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ ئاكۋىلا بىلە‌ن پرىسكىلا ئۇ‌نىڭغا خۇ‌دانىڭ يولى ھە‌ققىدە توغرا چۈشە‌ندۈرۈپ بە‌رگە‌ندە،‏ ئۇ‌نىڭ خاپا بولغانلىقى توغرۇ‌لۇ‌ق مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا ئېيتىلمىغان.‏—‏ئە‌لچى.‏ 18:‏24—‏28‏.‏

17.‏ پاۋلۇ‌س تىنچ-‏ئىناقلىقنى قانداق ئىلگىرى سۈرگە‌ن؟‏

17 ئە‌لچى پاۋلۇ‌س،‏ ئاپوللوسنىڭ قىلغان ئىشلىرىدىن تولۇ‌ق خە‌ۋە‌ردار بولغان.‏ بىراق،‏ ئۇ باشقىلارنىڭ پاۋلۇ‌سقا قارىغاندا ئاپوللوس ياخشىراق،‏ دە‌پ ئويلىشىدىن ئە‌نسىرىمىگە‌ن.‏ پاۋلۇ‌سنىڭ كورىنت جامائىتىگە بە‌رگە‌ن نە‌سىھە‌تلىرىدىن،‏ ئۇ‌نىڭ كە‌متە‌ر،‏ كىچىك پېئىل ۋە غە‌رە‌ز ئۇ‌قىدىغان ئادە‌م بولغانلىقى كۆرۈنىدۇ.‏ باشقىلارنىڭ «مە‌ن پاۋلۇ‌سنىڭ شاگىرتى»،‏ دە‌پ ئېيتقانلىرىغا ئۇ خۇ‌شال بولمىغان.‏ ئە‌كسىنچە،‏ ئۇ پۈتۈن دىققىتىنى يە‌ھۋا خۇ‌دا ۋە ئە‌يسا مە‌سىھكە قاراتقان.‏—‏1-‏كورىنت.‏ 3:‏3—‏6‏.‏

18.‏ 1-‏كورىنتلىقلار 4:‏6،‏ 7-‏ئايە‌تلە‌رگە ئاساسلانغاندا،‏ ئاپوللوس ۋە پاۋلۇ‌سنىڭ مىسالىدىن قانداق ساۋاق ئالالايمىز؟‏

18 ئاپوللوس ۋە پاۋلۇ‌سنىڭ مىسالىدىن قانداق ساۋاق ئالالايمىز؟‏ بە‌لكىم،‏ بىز تىرىشىپ خۇ‌داغا خىزمە‌ت قىلىپ،‏ كۆپلىگە‌ن ئادە‌ملە‌رنىڭ چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتۈشىگە ياردە‌م بە‌رگە‌ندىمىز.‏ بىراق،‏ بۇ‌نىڭ ھە‌ممىسى يە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ ياردىمى بىلە‌ن بولغانلىقىنى چۈشىنىمىز.‏ ئاپوللوس ۋە پاۋلۇ‌سنىڭ مىسالىدىن يە‌نە بىر نە‌رسىنى ئۆگىنە‌لە‌يمىز:‏ جامائە‌تتە قانچە كۆپ ۋە‌زىپىمىز بولغانسېرى،‏ تىنچ-‏ئىناقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش پۇ‌رسىتىمىز شۇ‌نچە كۆپ بولىدۇ.‏ جامائە‌تتىكى مە‌سئۇ‌لىيە‌تلىك بۇ‌رادە‌رلە‌ر خۇ‌دانىڭ سۆزىگە ئاساسلىنىپ نە‌سىھە‌تلە‌رنى بە‌رسە ۋە باشقىلارنىڭ دىققىتىنى ئۆزلىرىگە ئە‌مە‌س،‏ ئە‌يسا مە‌سىھكە ئاغدۇ‌رسا،‏ ئۇ‌لار جامائە‌تتە تىنچلىق ۋە بىرلىكنى ساقلاپ قالىدۇ.‏ شۇ‌نداق بۇ‌رادە‌رلە‌رنىڭ بار بولغىنىغا،‏ بىز بە‌ك مىننە‌تدار!‏—‏1-‏كورىنتلىقلار 4:‏6،‏ 7-‏نى ئوقۇ‌ڭ.‏

19.‏ ھە‌ربىرىمىز نېمە قىلالايمىز؟‏ (‏«‏ رىقابە‌تلىشىش روھىدىن يىراق تۇ‌رۇ‌ڭ‏»،‏ دېگە‌ن رامكىغا قاراڭ)‏

19 ھە‌ممىمىز دېگۈدە‌ك خۇ‌دادىن كە‌لگە‌ن قابىلىيە‌تلە‌رگە ئىگە.‏ بىز ئاشۇ سوۋغاتنى بىر-‏بىرىمىزگە خىزمە‌ت قىلىش ئۈچۈن ئىشلىتە‌لە‌يمىز (‏1-‏پېتر.‏ 4:‏10‏)‏.‏ بە‌لكىم،‏ «مە‌ن بە‌ك كىچىككىنە ئىشنى قىلدىم»،‏ دە‌پ ئويلىشىمىز مۇ‌مكىن.‏ بىراق،‏ بۇ كىچىككىنە ئىشلىرىمىز خۇ‌ددى چوڭ بىر ئۆينى سېلىشقا ئىشلىتىدىغان ئۇ‌ششاق خىش-‏تاشلارغا ئوخشايدۇ.‏ بىز قە‌لبىمىزدىكى رىقابە‌تلىشىش روھىنى پۈتۈنلە‌ي يىلتىزى بىلە‌ن قومۇ‌رۇ‌پ تاشلىشىمىز كېرە‌ك.‏ ئۇ‌نداقتا،‏ ھە‌ممىمىز جامائە‌تتە تىنچ-‏ئىناقلىق ۋە بىرلىكنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن،‏ قولىمىزدىن كېلىشىچە تىرىشىشقا قە‌تئىي بە‌ل باغلايلى.‏—‏ئە‌فە‌س.‏ 4:‏3‏.‏

1-‏ناخشا يە‌ھۋانىڭ ئېسىل پە‌زىلە‌تلىرى

a خۇ‌ددى بىر كىچىك يېرىق سېغىز ساپال قاچىنى ئاجىز قىلىپ قويغاندە‌ك،‏ رىقابە‌تچىلىك روھى جامائە‌تنى ئاجىزلاشتۇ‌رىدۇ.‏ ئە‌گە‌ر جامائە‌ت كۈچلۈك ۋە ئىناق بولمىسا،‏ خۇ‌داغا ئىبادە‌ت قىلىدىغان تىنچ جاي بولمايدۇ.‏ ھازىر بىز نېمە ئۈچۈن رىقابە‌تچىلىك روھىدىن يىراق تۇ‌رىشىمىز كېرە‌ك ۋە جامائە‌تتە تىنچلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن نېمە قىلالايمىز،‏ دېگە‌نلە‌رنى مۇ‌ھاكىمە قىلىمىز.‏

b بە‌زى ئىسىملار ئۆزگە‌رتىلگە‌ن.‏