مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

29-‏تە‌تقىق ماقالىسى

يە‌ھۋاغا قولۇ‌ڭىزدىن كە‌لگىنىچە خىزمە‌ت قىلىپ خۇ‌شاللىق تېپىڭ!‏

يە‌ھۋاغا قولۇ‌ڭىزدىن كە‌لگىنىچە خىزمە‌ت قىلىپ خۇ‌شاللىق تېپىڭ!‏

‏«ھە‌ركىم ئۆزىنىڭ ئىشىنى كۆزدىن كە‌چۈرسۇ‌ن.‏ شۇ‌نداق بولغاندا،‏ ئۆزىنى باشقىلار بىلە‌ن سېلىشتۇ‌رماي،‏ پە‌قە‌ت ئۆز ئىشىدىن سۆيۈنىدۇ».‏—‏گالاتىيا.‏ 6:‏4‏.‏

29-‏ناخشا ساداقە‌تمە‌نلىكنى ساقلاپ يۈرە‌يلى

بۇ ماقالىدە a

1.‏ نېمە ئۈچۈن يە‌ھۋا بىزنى باشقىلار بىلە‌ن سېلىشتۇ‌رمايدۇ؟‏

 يە‌ھۋا تۈرلۈك شە‌يئىلە‌رنى ياخشى كۆرىدۇ.‏ بىز بۇ‌نى ئىنسانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان،‏ ئۇ‌نىڭ ئاجايىپ ياراتمىلىرىدىن ئېنىق كۆرە‌لە‌يمىز.‏ ھە‌ر بىرىمىز ئۆزگىچە!‏ ئۇ قە‌لبىڭىزنى،‏ يە‌نى ئىچكى دۇ‌نيارىڭىزنى كۆرە‌لە‌يدۇ (‏1-‏سام.‏ 16:‏7‏)‏.‏ يە‌ھۋا كۈچىڭىز،‏ ئاجىزلىقلىرىڭىز ۋە كېلىپ چىقىشىڭىزغا دىققە‌ت قىلىدۇ.‏ ئۇ قولىڭىزدىن كە‌لمە‌يدىغان ئىشلارنى قىلىشنى سىزدىن تە‌لە‌پ قىلمايدۇ.‏ بىز ئۇ‌نى ئۈلگە قىلىپ،‏ ئۆزىمىزگە ئۇ‌نىڭغا ئوخشاش كۆز قاراشتا بولساق،‏ ساغلام ئوي-‏پىكىردە بولۇ‌پ،‏ ئۆزۈمىز ھە‌ققىدە بە‌ك كۆپ ياكى بە‌ك ئاز ئويلىمايمىز.‏—‏رىملىقلار 12:‏3‏.‏

2.‏ نېمە ئۈچۈن ئۆزۈمىزنى باشقىلار بىلە‌ن سېلىشتۇ‌رۇ‌ش ياخشى ئىش ئە‌مە‌س؟‏

2 ئە‌لۋە‌تتە،‏ بىز ۋە‌ز خىزمە‌تتە ماھىر،‏ ساداقە‌تمە‌ن قېرىنداشلارنىڭ ياخشى ئۈلگىسىگە قاراپ ئۆگىنە‌لە‌يمىز (‏ئىبرانىي.‏ 13:‏7‏)‏.‏ بىز ئۇ‌لارنىڭ ۋە‌ز قىلىش ئۇ‌سۇ‌لىدىن ئۆزۈمىزنىڭ ماھارىتىنى ئۆستۈرە‌لە‌يمىز (‏فىلىپى.‏ 3:‏17‏)‏.‏ بىراق،‏ باشقىلارنىڭ ياخشى ئۈلگىلىرىنى ئۆرنە‌ك قىلىش بىلە‌ن ئۆزىمىزگە باھا بېرىشنىڭ ئارىسىدا پە‌رق بار.‏ شۇ‌نداق سېلىشتۇ‌رۇ‌ش سىزدە ھە‌سە‌تخورلۇ‌ق،‏ ئۈمىدسىزلىك،‏ ھە‌تتا ئۆزىڭىزنى ھېچنە‌رسىگە ئە‌رزىمە‌ستە‌ك ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌لارنى پە‌يدا قىلالايدۇ.‏ ئالدىنقى ماقالىدە ئۆگە‌نگە‌ندە‌ك،‏ باشقىلار بىلە‌ن رىقابە‌تلىشىش روھىي ساغلاملىقىمىزغا زىيان يە‌تكۈزىدۇ.‏ شۇ‌ڭا،‏ يە‌ھۋا مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت بىلە‌ن بىزگە نە‌سىھە‌ت قىلغان:‏ «ھە‌ركىم ئۆزىنىڭ ئىشىنى كۆزدىن كە‌چۈرسۇ‌ن.‏ شۇ‌نداق بولغاندا،‏ ئۆزىنى باشقىلار بىلە‌ن سېلىشتۇ‌رماي،‏ پە‌قە‌ت ئۆز ئىشىدىن سۆيۈنىدۇ».‏—‏گالاتىيا.‏ 6:‏4‏.‏

3.‏ روھىي جە‌ھە‌تتىن ئۆسۈپ يېتىلىش سىزنى قانداق خۇ‌شال-‏خۇ‌راملىققا ئېرىشتۈرە‌لە‌يدۇ؟‏

3 يە‌ھۋا ئىمكانىيىتىڭىزنىڭ بارىچە ئۇ‌نىڭغا ئىبادە‌ت قىلىشىڭىزنى خالايدۇ.‏ سىز چۆمدۈرۈلۈشتىن ئۆتكە‌ن بولسىڭىز،‏ شۇ مە‌قسىتىڭىزگە يە‌تكىنىڭىز ئۈچۈن خۇ‌شال بولالايسىز!‏ سىزنى شۇ‌نداق قىلىشنى قارا قىلىشقا خۇ‌داغا بولغان مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببىتىڭىز ئۈندىگە‌ن.‏ شۇ‌نىڭدىن باشلاپ،‏ روھىي جە‌ھە‌تتىن قانچىلىك ئۆسۈپ يېتىلگىنىڭىز ھە‌ققىدە ئويلىنىپ كۆرۈڭ.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ئوقۇ‌پ،‏ ئۇ‌نى چوڭقۇ‌ر تە‌تقىق قىلىشقا بولغان قىزغىنلىقىڭىز ئاشتىمۇ؟‏ بارغانسېرى چىن قە‌لبىڭىزدىن دۇ‌ئالارنى قىلىۋاتامسىز؟‏ (‏زە‌بۇ‌ر 141:‏2‏)‏ ۋە‌ز خىزمە‌تتە بارغانسېرى ماھىر بولۇ‌پ،‏ ۋە‌ز قىلىش قوراللىرىنى ئۈنۈملۈك ئىشلىتىشكە ئادە‌تلە‌ندىڭىزمۇ؟‏ ئە‌گە‌ر ئائىلىڭىز بولسا،‏ ياخشىراق ئە‌ر،‏ ئايال ياكى ئاتا-‏ئانا بولۇ‌شىڭىزغا،‏ يە‌ھۋا ياردە‌م بە‌ردىمۇ؟‏ مۇ‌شۇ تە‌رە‌پلە‌ردىن قىلغان بارلىق ئۆزگۈرۈشلە‌ر سىزنى خۇ‌شال-‏خۇ‌راملىققا ئېرىشتۈرە‌لە‌يدۇ.‏

4.‏ بۇ ماقالىدە،‏ نېمىلە‌رنى مۇ‌لاھىزە قىلىمىز؟‏

4 بىز باشقىلارنىڭ روھىي جە‌ھە‌تتىن ئۆسۈپ يېتىلىپ،‏ خۇ‌شاللىق تېپىشىغا ياردە‌م بېرە‌لە‌يمىز.‏ يە‌نە ئۇ‌لارنىڭ باشقىلار بىلە‌ن ئۆزلىرىنى سېلىشتۇ‌رماسلىقىغا ياردە‌م بېرە‌لە‌يمىز.‏ مۇ‌شۇ ماقالىدە،‏ بىز ئاتا-‏ئانىلار بالىلارغا،‏ نىكاھتىكى بىر جۈپلە‌ر بىر-‏بىرىگە،‏ جامائە‌تتىكى ئاقساقاللار ئېتىقادچىلارغا قانداق ياردە‌م بېرە‌لە‌يدىغانلىقىنى كۆرە‌لە‌يمىز.‏ ئاخىرىدا ئۆزۈمىزنىڭ قابىلىيىتى ۋە ۋە‌زىيىتىگە قاراپ،‏ مە‌قسە‌تلە‌رنى قويۇ‌شقا ياردە‌م بېرىدىغان بە‌زى ئايە‌تلە‌ر ئۈستىدە مۇ‌لاھىزە قىلىمىز.‏

ئاتا-‏ئانىلار ۋە ئە‌ر-‏ئاياللار قىلالايدىغان ئىشلار

ئاتا-‏ئانىلار ھە‌ر بىر بالىلارنىڭ كۆرسە‌تكە‌ن تىرىشچانلىقىنى ماختاڭلار (‏5،‏ 6-‏ئابزاسلارغا قاراڭ)‏ d

5.‏ ئە‌فە‌سلىكلە‌ر 6:‏4-‏ئايە‌تكە ئاساسلانغاندا،‏ ئاتا-‏ئانىلار نېمە قىلىشتىن ساقلىنىشى كېرە‌ك؟‏

5 ئاتا-‏ئانا بىر بالىسىنى باشقا بالىلىرى بىلە‌ن سېلىشتۇ‌رۇ‌شتىن ياكى ئۇ‌نى قولىدىن كە‌لمىگە‌ن ئىشنى قىلىشقا مە‌جبۇ‌رلاشتىن پە‌خە‌س بولۇ‌شى كېرە‌ك.‏ تولىمۇ تە‌لە‌پچان بولۇ‌ش بالىلارنى چۈشكۈنلە‌شتۈرىدۇ ‏(‏ئە‌فە‌سلىكلە‌ر 6:‏4-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ قېرىندىشىمىز ساچىكو b شۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «مە‌كتە‌پتە ئوقۇ‌تقۇ‌چۇ‌م مېنىڭدىن باشقا ساۋاقداشلىرىمدىن ياخشىراق بولۇ‌شنى تە‌لە‌پ قىلاتتى.‏ ئۆيدە ئاپام ياخشى ئوقۇ‌ش ئارقىلىق مۇ‌ئە‌للىمگە ۋە گۇ‌ۋاھچى ئە‌مە‌س دادامغا گۇ‌ۋاھلىق بېرىشىمنى خالايدىغانلىقىنى ئېيتاتتى.‏ ئاپام مېنىڭدىن ئىمتىھانلاردا يۈز نومۇ‌ر ئېلىشنى تە‌لە‌پ قىلغان.‏ بۇ مۇ‌مكىن بولمايدىغان ئىش ئىدى.‏ گە‌رچە مە‌كتە‌پنى پۈتتۈرگىنىمگە شۇ‌نچە يىللار بولسىمۇ،‏ بە‌زىدە مە‌ن قولۇ‌مدىن كېلىشىچە ئە‌ڭ ياخشى قىلساممۇ،‏ يە‌ھۋانى خۇ‌شال قىلالمىدىم،‏ دە‌پ ھېس قىلىمە‌ن».‏

6.‏ زە‌بۇ‌ر 131:‏1،‏ 2-‏ئايە‌تلە‌ردىن‏،‏ ئاتا-‏ئانىلار نېمىلە‌رنى ئۆگىنە‌لە‌يدۇ؟‏

6 زە‌بۇ‌ر 131:‏1،‏ 2-‏ئايە‌تلە‌رنى ئوقۇ‌ڭ.‏ داۋۇ‌ت كۈچۈم يە‌تمە‌يدىغان غايە‌ت زور ئىشلارغا ئارىلاشمىدىم،‏ يە‌نى قىلمىدىم دېگە‌ن.‏ ئۇ كە‌متە‌ر،‏ كىچىك پېئىل بولۇ‌پ،‏ ئۆز كۆڭلىنى خاتىرجە‌م ساقلىغان.‏ داۋۇ‌تنىڭ شۇ سۆزلىرىدىن ئاتا-‏ئانىلار نېمىنى ئۆگىنە‌لە‌يدۇ؟‏ ئۇ‌لار كە‌متە‌ر بولۇ‌ش ئۈچۈن،‏ ئۆز-‏ئۆزىگە ۋە بالىسىغا ھە‌ددىدىن زىيادە تە‌لە‌پچان بولماسلىقى كېرە‌ك.‏ پە‌رزە‌نتىنىڭ ئۆزىگە لايىق مە‌قسە‌تلە‌رنى قويۇ‌شىغا ياردە‌م بە‌رگە‌ندە،‏ ئۇ‌نىڭ ئارتۇ‌قچىلىق ياكى كە‌مچىلىك تە‌رىپىنى نە‌زە‌ردە تۇ‌تسا،‏ بالىنىڭ ئۆز قە‌دىر-‏قىممىتىنى ھېس قىلىشىغا ياردە‌م بېرە‌لە‌يدۇ.‏ قېرىندىشىمىز مارىنا مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «ئاپام ھە‌رگىزمۇ مېنى بىر قورساق ئۈچ قېرىندىشىم بىلە‌ن ياكى باشقا بالىلار بىلە‌ن سېلىشتۇ‌رمايتتى.‏ ئۇ ماڭا ھە‌ر بىر كىشىنىڭ ئوخشىمايدىغان قابىلىيە‌تلىرى بارلىقىنى ۋە يە‌ھۋانىڭ كۆز ئالدىدا ھە‌ممىمىزنىڭ قە‌دىر-‏قىممە‌تلىك ئىكە‌نلىكىمىزنى ئۆگە‌تكە‌ن.‏ شۇ سە‌ۋە‌ب،‏ مە‌ن كە‌مدىن-‏كە‌م ئۆزۈمنى باشقىلار بىلە‌ن سېلىشتۇ‌رىمە‌ن.‏ ئاپامغا بە‌ك مىننە‌تدارمە‌ن».‏

7،‏ 8.‏ بىر ئە‌ر ئۆز ئايالىغا قانداق ئىززە‌ت-‏ھۆرمە‌ت كۆرسىتە‌لە‌يدۇ؟‏

7 خۇ‌دانىڭ خىزمە‌تچىسى بولغان ئە‌ر ئۆز ئايالىنى ئىززە‌تـلىشى كېـرە‌ك (‏1-‏پـېتر.‏ 3:‏7‏)‏.‏ ئىززە‌تلـە‌ش باشقىلارغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈپ،‏ ئۇ‌لارنى ھۆرمە‌تلە‌شنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.‏ ئە‌ر ئۆز ئايالىنى قە‌دىرلە‌ش ئارقىلىق،‏ ئۇ‌نىڭغا ئىززە‌ت-‏ھۆرمە‌ت كۆرسىتىدۇ.‏ ئۇ ئايالى بېرە‌لىگە‌ندىن ئارتۇ‌ق نە‌رسىنى تە‌لە‌پ قىلمايدۇ،‏ ھە‌رگىزمۇ ئۆز ئايالىنى باشقا ئاياللار بىلە‌ن سېلىشتۇ‌رمايدۇ.‏ ئە‌گە‌ر ئۇ سېلىشتۇ‌رسا،‏ ئايالى قانداق ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌دا بولىدۇ؟‏ قېرىندىشىمىز روزانىڭ يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىسى ئە‌مە‌س يولدىشى ھە‌ردائىم ئۇ‌نى باشقا ئاياللار بىلە‌ن سېلىشتۇ‌رغان.‏ ھە‌مراھىنىڭ قوپال سۆزلىرى ئۇ‌نىڭ كۆڭلىنى رە‌نجىتكە‌ن ۋە ئۆزىنى ھېچكىم ياخشى كۆرمە‌يدىغاندە‌ك ھېس قىلدۇ‌رغان.‏ ئۇ:‏ «مە‌ن يە‌ھۋانىڭ مېنى قە‌دىرلە‌يدىغانلىقىنى ھە‌ردائىم ئۆز-‏ئۆزۈمگە ئە‌سكە‌رتىشىم كېرە‌ك ئىدى»،‏—‏ دېگە‌ن.‏ خۇ‌دا خىزمە‌تچىسى بولسا ئۆز ئايالىنى ئىززە‌تلە‌يدۇ.‏ چۈنكى،‏ ئۇ شۇ‌نداق قىلىشنىڭ ئۆز ئايالى ۋە خۇ‌دا بىلە‌ن بولغان مۇ‌ناسىۋىتىگە تە‌سىر قىلىدىغانلىقىنى ياخشى بىلىدۇ c‏.‏

8 ئۆز ئايالىغا ئىززە‌ت-‏ھۆرمە‌ت كۆرسە‌تكە‌ن ئە‌ر ئۇ‌نى ماختايدۇ ھە‌مدە ئۇ‌نى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى ۋە قە‌دىرلە‌يدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ (‏پە‌ند.‏ نە 31:‏28‏)‏.‏ ئالدىنقى ماقالىدە تىلغا ئالغان كاترىنانىڭ يولدىشى،‏ ئۇ‌نىڭ ئۆزىنى ھېچنېمىگە ئە‌رزىمە‌س ھېس قىلىشتىن ساقلىنىشىغا ياردە‌م بە‌رگە‌ن.‏ بالىلىق چېغىدا،‏ ئاپىسى ئۇ‌نى كە‌مسىتكە‌ن ۋە دائىم دوستلىرى بىلە‌ن سېلىشتۇ‌رغان.‏ شۇ‌ڭا،‏ كاترىنا ئۆزىنى باشقىلار بىلە‌ن سېلىشتۇ‌رۇ‌شقا باشلىغان.‏ ھە‌تتا يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىسى بولغاندىن كېيىنمۇ شۇ‌نداق قىلغان.‏ بىراق،‏ ئېتىقادچى يولدىشى ئۇ‌نىڭ ئاشۇ مايىللىق بىلە‌ن كۈرە‌ش قىلىشىغا ھە‌مدە ئۆزى ھە‌ققىدە توغرا كۆز قاراشنى يېتىلدۈرۈشىگە ياردە‌م بە‌رگە‌ن.‏ كاترىنا:‏ «ئۇ مېنى ياخشى كۆرىدۇ،‏ قىلغان ياخشى ئىشلىرىم ئۈچۈن ماختايدۇ ۋە مېنىڭ ئۈچۈن دۇ‌ئا قىلىدۇ.‏ ئۇ يە‌نە يە‌ھۋانىڭ گۈزە‌ل پە‌زىلە‌تلىرىنى ئېسىمگە سېلىپ،‏ سە‌لبىي ئوي-‏پىكىرىمنى تۈزىتىشكە ياردە‌م بېرىدۇ».‏

كۆيۈمچان ئاقساقاللار ۋە باشقىلار قىلالايدىغان ئىشلار

9،‏ 10.‏ ئاقساقاللار قېرىندىشىمىزنىڭ ئۆزىنى باشقىلار بىلە‌ن سېلىشتۇ‌رىدىغان مايىللىقىنى يېڭىشىغا قانداق ياردە‌م بە‌رگە‌ن؟‏

9 ئاقساقاللار ئۆزىنى باشقىلار بىلە‌ن سېلىشتۇ‌رۇ‌شقا مايىل بولغانلارغا قانداق ياردە‌م بېرە‌لە‌يدۇ؟‏ قېرىندىشىمىز خانۇ‌نىنى بالىلىق چېغىدا باشقىلار كە‌مدىن-‏كە‌م ماختىغان.‏ ئۇ:‏ «مە‌ن خىجىلچان ئىدىم ۋە باشقا بالىلارنى ئۆزۈمدىن ياخشىراق دە‌پ ھېس قىلاتتىم.‏ ئە‌قلىمنى بىلگە‌ندىن باشلاپلا،‏ ئۆزۈمنى باشقىلار بىلە‌ن سېلىشتۇ‌رۇ‌شقا باشلىغان»،‏—‏ دە‌يدۇ.‏ ئۇ ھە‌قىقە‌تنى تونۇ‌غاندىن كېيىنمۇ ئۆزىنى باشقىلار بىلە‌ن سېلىشتۇ‌رغان.‏ نە‌تىجىدە،‏ ئۇ ئۆزىنىڭ قە‌دىر-‏قىممىتى يوقتە‌ك ھېس قىلغان.‏ ئە‌مما،‏ ئۇ ھازىر خۇ‌شال بىر پىدائىي ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چى.‏ ئۇ‌نىڭ كۆز قارىشىنى ئۆزگە‌رتىشىگە نېمە ياردە‌م بە‌رگە‌ن؟‏

10 كۆيۈمچان ئاقساقاللار خانۇ‌نىغا بولغان ئىشە‌نچىسىنى ئىپادىلە‌پ،‏ ئۇ‌نىڭ ساداقە‌تمە‌نلىك ئۈلگىسىنى ماختاپ ياردە‌م بە‌رگە‌ن.‏ ئۇ مۇ‌نداق دېگە‌ن:‏ «بىرقانچە قېتىم ئاقساقاللار مېنىڭدىن ياردە‌مگە مۇ‌ھتاج قېرىنداشلارغا ئىلھام بېرىشنى سورىغان.‏ شۇ ۋە‌زىپىلە‌ر ئۆزۈمنىڭ قە‌دىر-‏قىممىتىمنى ھېس قىلىشقا ياردە‌م بە‌ردى.‏ مە‌ن بە‌زى ياش قېرىنداشلارغا ئىلھام بە‌رگىنىم ئۈچۈن،‏ شۇ كۆيۈمچان ئاقساقاللار رە‌ھمە‌ت ئېيتىپ،‏ 1-‏سالونىكالىقلار 1:‏2،‏ 3-‏ئايە‌تلە‌رنى ئوقۇ‌پ بە‌رگىنى ھازىرمۇ يادىمدا.‏ شۇ چاغدا قە‌لبىم بە‌ك سۆيۈنگە‌ن ئىدى.‏ ئاشۇ كۆيۈمچان پادىچىلارغا چىن قە‌لبىمدىن رە‌ھمە‌ت ئېيتىمە‌ن.‏ ھازىر يە‌ھۋانىڭ تە‌شكىلاتىدا ئۆز ئورنۇ‌منى قە‌دىرلە‌يمە‌ن».‏

11.‏ يە‌شايا 57:‏15-‏ئايە‌تتە تە‌سۋىرلە‌نگە‌ندە‌ك،‏ ئېزىلگە‌ن ۋە ئاجىزلارغا قانداق ياردە‌م بېرە‌لە‌يمىز؟‏

11 يە‌شايا 57:‏15-‏نى ئوقۇ‌ڭ.‏ يە‌ھۋا روھى سۇ‌نۇ‌ق،‏ ئاجىزلارغا بە‌كمۇ كۆڭۈل بۆلىدۇ.‏ پە‌قە‌ت ئاقساقاللار ئە‌مە‌س،‏ ھە‌ممىمىز قە‌دىرلىك قېرىنداشلىرىمىزغا ئىلھام ۋە ياردە‌م بېرە‌لە‌يمىز.‏ ئۇ‌لارغا ئىلھام بېرىشنىڭ بىر ئۇ‌سۇ‌لى —‏ چىن قە‌لبىمىزدىن كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىمىزنى كۆرسىتىش.‏ يە‌ھۋا ئۆزىنىڭ قىممە‌تلىك قويلىرىنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى،‏ بىز ئارقىلىق ئۇ‌لارغا كۆرسىتىشنى خالايدۇ (‏پە‌ند.‏ نە 19:‏17‏)‏.‏ بىزمۇ كە‌متە‌رلىك ۋە كىچىك پېئىللىق بىلە‌ن ئېتىقادداشلىرىمىزغا ياردە‌م بېرە‌لە‌يمىز.‏ باشقىلارنىڭ دىققىتىنى ئۆزۈمىزگە قارىتىشنى خالىمايمىز،‏ سە‌ۋە‌بى باشقىلارنىڭ ھە‌سە‌تخورلۇ‌قىنى قوزغىشىمىز مۇ‌مكىن.‏ شۇ‌ڭا،‏ ئۆز قابىلىيە‌تلىرىمىز ۋە بىلىملىرىمىزنى بىر-‏بىرىمىزگە ئىلھام بېرىشكە ئىشلىتىمىز.‏—‏1-‏پېتر.‏ 4:‏10،‏ 11‏.‏

ئە‌يسا ئۆزىنى باشقا ئادە‌ملە‌ردىن ئۈستۈن قويمىغاچ،‏ شاگىرتلارنى ئۆزىگە جە‌لپ قىلغان.‏ ئە‌يسا دوستلىرى بىلە‌ن خۇ‌شال-‏خۇ‌رام ۋاقىت ئۆتكۈزۈۋاتىدۇ (‏12-‏ئابزاسىغا قاراڭ)‏

12.‏ نېمە ئۈچۈن ئاددىي ئادە‌ملە‌ر ئە‌يسا بىلە‌ن بولۇ‌شنى خالىغان؟‏ (‏مۇ‌قاۋىدىكى رە‌سىمگە قاراڭ)‏

12 ئە‌يسانىڭ ئۆز شاگىرتلىرىغا قانداق مۇ‌ئامىلە قىلغانلىقى ھە‌ققىدە ئويلانساق،‏ باشقىلارغا قانداق مۇ‌ئامىلە قىلىش توغرىسىدا كۆپ نە‌رسىلە‌رنى ئۆگىنە‌لە‌يمىز.‏ ئۇ يە‌ر يۈزىدە ياشىغاندا ئە‌ڭ ئۇ‌لۇ‌غ ئىنسان بولسىمۇ،‏ ئە‌مما مۇ‌لايىم ۋە كە‌متە‌ر ئىدى (‏مە‌تتا 11:‏28—‏30‏)‏.‏ ئە‌يسا ئۆز ئە‌قىل-‏پاراسە‌ت ۋە بىلىمى بىلە‌ن ماختانمىغان.‏ ئۇ ئاددىي سۆز-‏ئىبارە ۋە تە‌مسىللە‌ر بىلە‌ن ئېزىلگە‌نلە‌رنىڭ قە‌لبىگە تە‌سە‌للى بە‌رگە‌ن (‏لۇ‌قا 10:‏21‏)‏.‏ ئۇ تە‌كە‌ببۇ‌ر دىنىي يېتە‌كچىلە‌رگە ئوخشىمىغان ۋە ئادە‌ملە‌رگە خۇ‌دانىڭ ئالدىدا ئۆزىنىڭ قە‌دىر-‏قىممىتى بارلىقىنى ھېس قىلدۇ‌رغان.‏—‏يۇ‌ھاننا 6:‏37‏.‏

13.‏ ئە‌يسانىڭ شاگىرتلىرىغا قىلغان مۇ‌ئامىلىسىدە،‏ ئۇ‌نىڭ مېھرىبانلىقى ۋە سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببىتى قانداق ئە‌كس ئە‌تكە‌ن؟‏

13 ئە‌يسانىڭ شاگىرتلىرىغا قىلغان مۇ‌ئامىلىسىدە،‏ ئۇ‌نىڭ مېھرىبانلىقى ۋە سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببىتى ئە‌كس ئە‌تكە‌ن.‏ ئۇ شاگىرتلىرىنىڭ قابىلىيىتى ۋە ۋە‌زىيىتى پە‌رقلىق ئىكە‌نلىكىنى بىلە‌تتى.‏ شۇ‌ڭا،‏ ئۇ‌لارنىڭ ھە‌ممىسى ئوخشاش ۋە‌زىپىنى ئورۇ‌نلىيالمايتتى.‏ ئۇ‌لار ۋە‌ز خىزمە‌تكە ئوخشاش ۋاقىت سە‌رپ قىلالمايتتى ھە‌مدە ئوخشاش نە‌تىجە يارىتالمايتتى.‏ ئە‌مما،‏ ئۇ ھە‌ر بىرىنىڭ چىن قە‌لبىدىن كۆرسە‌تكە‌ن تىرىشچانلىقىغا مىننە‌تدار بولغان.‏ بۇ‌نى ئە‌يسانىڭ بىر تە‌مسىلىدىن كۆرە‌لە‌يمىز.‏ ئاشۇ تە‌مسىلدە خوجايىن ھە‌ر بىر قۇ‌لىغا قابىلىيىتىگە قاراپ ئىش تاپشۇ‌رغان.‏ ئىككى ئە‌قىللىق قۇ‌لنىڭ بىرى يە‌نە بىرىدىن كۆپرە‌ك پۇ‌ل تاپقان.‏ ئە‌مما،‏ خوجايىن ھە‌ر ئىككىلىسىنى ئوخشاش سۆزلە‌ر بىلە‌ن ماختىغان:‏ «ئاپىرىن،‏ ئە‌ي ياخشى ۋە ئىشە‌نچىلىك قۇ‌ل!‏»—‏مە‌تتا 25:‏14—‏23‏.‏

14.‏ باشقىلارغا مۇ‌ئامىلە قىلىشتا ئە‌يسانى قانداق ئۈلگە قىلالايمىز؟‏

14 ئە‌يسا بىزگە مېھرىبانلىق ۋە سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت بىلە‌ن مۇ‌ئامىلە قىلىدۇ.‏ ئۇ ھە‌ربىرىمىزنىڭ قابىلىيە‌تلىرى ۋە ۋە‌زىيە‌تلىرى ئوخشىمايدىغانلىقىنى بىلىدۇ ۋە قولىمىزدىن كېلىشىچە قىلغىنىمىزدىن خۇ‌رسە‌ن بولىدۇ.‏ بىز ئە‌يسانى ئۈلگە قىلىشىمىز كېرە‌ك.‏ ئېتىقادداشلىرىمىزنىڭ ئۆزىنى قە‌دىرسىز ھېس قىلىشىنى ۋە باشقىلاردە‌ك كۆپ قىلالمىدىم دە‌پ خىجىل بولۇ‌شىنى ھە‌رگىزمۇ خالىمايمىز.‏ ئە‌كسىچە،‏ ئۇ‌لار قولىدىن كېلىشىچە يە‌ھۋاغا خىزمە‌ت قىلغانلىقى ئۈچۈن،‏ ئۇ‌لارنى ماختاشنىڭ پۇ‌رسە‌تلىرىنى ئىزدە‌يمىز.‏

ئۆزىڭىز يېتە‌لىگىدە‌ك مە‌قسە‌تلە‌رنى قويۇ‌ڭ

يېتە‌لىگىدە‌ك مە‌قسە‌تلە‌رنى قويۇ‌ڭ ۋە ئۇ‌نىڭغا يېتىپ خۇ‌شاللىق تېپىڭ (‏15،‏ 16-‏ئابزاسلارغا قاراڭ)‏ e

15،‏ 16.‏ بىر قېرىنداشنىڭ قويغان مە‌قسە‌تلىرى ئۇ‌نىڭغا قانداق ياردە‌م بە‌رگە‌ن؟‏

15 روھىي مە‌قسە‌تلە‌رنى قويساق،‏ ھاياتىمىزنىڭ ئە‌ھمىيىتى بولىدۇ.‏ بىراق،‏ ئە‌ڭ مۇ‌ھىمى باشقىلارنىڭ ئە‌مە‌س،‏ ئۆزۈمىزنىڭ قابىلىيىتى ۋە ۋە‌زىيىتىگە يارىشا مە‌قسە‌تلە‌رنى قويۇ‌شىمىز كېرە‌ك.‏ بىز ئۆز-‏ئۆزۈمىزنى ئۈمىدسىزلە‌ندۈرۈپ،‏ روھىمىزنىڭ چۈشۈپ كېتىشىنى خالىمايمىز (‏لۇ‌قا 14:‏28‏)‏.‏ مىدورى ئىسىملىك پىدائىي ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چىنىڭ مىسالىنى كۆرە‌يلى.‏

16 مىدورىنىڭ دادىسى يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىسى ئە‌مە‌س ئىدى.‏ ئۇ مىدورىنى ئۆزىنىڭ بىر قورساق قېرىنداشلىرى ياكى سىنىپداشلىرى بىلە‌ن سېلىشتۇ‌رغان.‏ «مە‌ن ئۆزۈمنى كېرە‌كسىزدە‌ك ھېس قىلاتتىم»،‏—‏ دە‌يدۇ،‏ مىدورى.‏ بىراق چوڭ بولغاندا،‏ ئۇ ئۆزىگە بولغان ئىشە‌نچىسىنى تۇ‌رغۇ‌زغان.‏ ئۇ:‏ «مە‌ن ھە‌ر كۈنى مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ئوقۇ‌پ،‏ كۆڭۈل خاتىرجە‌ملىكىگە ئېرىشتىم ۋە يە‌ھۋانىڭ مېنى سۆيىدىغانلىقىنى ھېس قىلدىم»،‏—‏ دە‌يدۇ.‏ يە‌نە ئۇ ئۆزىگە يېتە‌لىگىدە‌ك مە‌قسە‌تلە‌رنى قويۇ‌پ،‏ ئۇ‌لارغا يېتىش ئۈچۈن ياردە‌م سوراپ،‏ ئېنىق دۇ‌ئا قىلغان.‏ نە‌تىجىدە،‏ مىدورى قولىدىن كېلىشىچە يە‌ھۋاغا خىزمە‌ت قىلغانلىقىدىن خۇ‌شال بولغان.‏

قولىڭىزدىن كېلىشىچە يە‌ھۋاغا خىزمە‌ت قىلىشنى داۋاملاشتۇ‌رۇ‌ڭ

17.‏ بىز داۋاملىق ئوي-‏پىكىرىمىزنى قانداق يېڭىلىيالايمىز ۋە نە‌تىجىسى قانداق بولىدۇ؟‏

17 سە‌لبىي ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌لار ۋە ئوي-‏پىكىرلە‌ر بىر كېچىدە يوق بولۇ‌پ كە‌تمە‌يدۇ.‏ شۇ‌ڭا،‏ ياراتقۇ‌چىمىز بىزنى ئوي-‏پىكىرىمىزنى داۋاملىق يېڭىلاشقا دە‌ۋە‌ت قىلىدۇ (‏ئە‌فە‌س.‏ 4:‏23،‏ 24‏)‏.‏ شۇ‌نداق قىلىش ئۈچۈن دۇ‌ئا قىلىشىمىز،‏ خۇ‌دا سۆزىنى تە‌تقىق قىلىشىمىز ۋە ئۇ ئۈستىدە چوڭقۇ‌ر ئويلىشىمىز كېرە‌ك.‏ داۋاملىق شۇ‌نداق قىلىڭ ۋە يە‌ھۋادىن كۈچ سوراڭ.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س روھ ئۆزىڭىزنى باشقىلار بىلە‌ن سېلىشتۇ‌رۇ‌ش خاھىشىڭىزنى يېڭىشىڭىزغا ياردە‌م بېرىدۇ.‏ يە‌نە يە‌ھۋا قە‌لبىڭىزدە ئۆسۈپ يېتىلگە‌ن ھە‌سە‌تخورلۇ‌ق ۋە تە‌كە‌ببۇ‌رلۇ‌ق روھىنى تونۇ‌پ يېتىش ۋە ئۇ‌لارنى يىلتىزىدىن قومۇ‌رۇ‌پ تاشلاشقا ياردە‌م بېرىدۇ.‏

18.‏ 2-‏تارىخنامە 6:‏29،‏ 30-‏ئايە‌تلە‌ردىن‏،‏ بىز قانداق تە‌سە‌للى تاپالايمىز؟‏

18 2-‏تارىخنامە 6:‏29،‏ 30-‏نى ئوقۇ‌ڭ.‏ يە‌ھۋا ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌لىرىمىزنى بىلىدۇ.‏ ئۇ بۇ دۇ‌نيانىڭ روھىغا ۋە ئۆزۈمىزنىڭ نامۇ‌كە‌ممە‌للىكىگە قارشى كۈرە‌ش قىلىۋاتقانلىقىمىزنىمۇ بىلىدۇ.‏ بىزنىڭ شۇ‌نداق سە‌لبىي تە‌سىرلە‌ر بىلە‌ن كۈرە‌ش قىلىۋاتقانلىقىمىزنى كۆرگە‌ندە،‏ يە‌ھۋانىڭ بىزگە بولغان سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببىتى تېخىمۇ ئاشىدۇ.‏

19.‏ يە‌ھۋا بىزگە بولغان ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌سىنى قانداق مىسال بىلە‌ن چۈشە‌ندۈرگە‌ن؟‏

19 ئانا بىلە‌ن بوۋاقنىڭ ئوتتۇ‌رىسىدىكى مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت رىشتىسىنى ئىشلىتىپ،‏ يە‌ھۋا ئۆز ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌لىرىنى چۈشە‌ندۈرگە‌ن (‏يە‌شايا 49:‏15‏)‏.‏ رېيچېل ئىسىملىك بىر ئانىنىڭ مىسالىنى كۆرۈپ باقايلى.‏ ئۇ مۇ‌نداق يازغان:‏ «قىزىم ستېفانى ئاي كۈنى توشماي تۇ‌رۇ‌پ تۇ‌غۇ‌لۇ‌پ قالغان.‏ تۇ‌نجى قېتىم ئۇ‌نى كۆرگە‌ندە،‏ ئۇ كىچىك ۋە ئاجىز ئىدى.‏ بالدۇ‌ر تۇ‌غۇ‌لۇ‌پ قالغان بوۋاقلارنى ساقلايدىغان ساندۇ‌قتا بولغاندا،‏ دوختۇ‌رلار ھە‌ر كۈنى ئۇ‌نى قولۇ‌مغا ئېلىشىمغا رۇ‌خسە‌ت بە‌رگە‌ن.‏ ئاشۇ ئىللىق دە‌قىقىلە‌ر ئانا-‏بالىلىق رىشتىمىزنىڭ باغلىنىشىغا ياردە‌م بە‌رگە‌ن.‏ ئۇ ھازىر 6 ياشتا،‏ ئۇ‌نىڭ تېنى باشقا بالىلاردىن كىچىكرە‌ك.‏ ئە‌مما،‏ مە‌ن ئۇ‌نى بە‌كمۇ ياخشى كۆرىمە‌ن.‏ ئۇ ياشاش ئۈچۈن كۆپ قىيىنچىلىقلار بىلە‌ن كۈرە‌ش قىلدى ۋە زور خۇ‌شاللىقلارنى ئېلىپ كە‌لدى».‏ بىز يە‌ھۋاغا چىن قە‌لبىمىزدىن خىزمە‌ت قىلىش ئۈچۈن،‏ قولىمىزدىن كېلىشىچە تىرىشچانلىق كۆرسە‌تسە‌ك،‏ يە‌ھۋا بىزنى بە‌كمۇ ياخشى كۆرىدۇ.‏ بۇ‌نى بىلىش بىزنى شاد-‏خۇ‌راملىققا چۆمدۈرىدۇ!‏

20.‏ يە‌ھۋاغا ئۆزىڭىزنى بېغىشلىغان ئىكە‌نسىز،‏ خۇ‌رسە‌ن بولۇ‌شىڭىزغا قانداق سە‌ۋە‌ب بار؟‏

20 سىز يە‌ھۋانىڭ بىر خىزمە‌تچىسى بولغاچ،‏ ئۇ‌نىڭ ئائىلىسىنىڭ ئۆزگىچە ۋە قە‌دىرلىك بىر ئە‌زاسى.‏ يە‌ھۋانىڭ سىزنى ئۆزىگە جە‌لپ قىلغانلىقىنىڭ سە‌ۋە‌بى،‏ سىز باشقىلاردىن ياخشىراق بولغىنىڭىز ئۈچۈن ئە‌مە‌س.‏ ئۇ سىزنىڭ قە‌لبىڭىزنى كۈزىتىپ،‏ كە‌متە‌ر ۋە ئۇ‌نىڭدىن ئۆگىنىپ ئۆزگۈرۈشكە تە‌ييار ئىكە‌نلىكىڭىزنى كۆرگە‌ن (‏زە‌بۇ‌ر 25:‏9‏)‏.‏ سىز قولىڭىزدىن كە‌لگىنىچە ئۇ‌نىڭغا خىزمە‌ت قىلسىڭىز،‏ ئۇ‌نىڭ كۆڭلى خۇ‌رسە‌ن بولىدىغانلىقىغا ئىشە‌نچىڭىز كامىل بولسۇ‌ن.‏ سە‌ۋرچانلىق ۋە ساداقە‌تمە‌نلىكىڭىز پاك ۋە چىن قە‌لبكە ئىگە بولغىنىڭىزنى كۆرسىتىدۇ (‏لۇ‌قا 8:‏15‏)‏.‏ شۇ‌ڭا،‏ داۋاملىق يە‌ھۋاغا قولىڭىزدىن كە‌لگە‌ن ئە‌ڭ ياخشىسىنى بېرىڭ،‏ شۇ‌ندىلا ئۆز ئىشىڭىزغا قاراپ خۇ‌رسە‌ن بولۇ‌شىڭىزغا سە‌ۋە‌بىڭىز بولىدۇ.‏

23-‏ناخشا يە‌ھۋا —‏ بىزنىڭ كۈچىمىز

a يە‌ھۋا بىزنى باشقىلار بىلە‌ن سېلىشتۇ‌رمايدۇ.‏ ئە‌مما،‏ بە‌زىلىرىمىز شۇ‌نداق قىلىشقا مايىل بولغاچ،‏ ئۆزۈمىزگە سە‌لبىي باھا بېرىشىمىز مۇ‌مكىن.‏ ھازىر باشقىلار بىلە‌ن ئۆزۈمىزنى سېلىشتۇ‌رۇ‌شنىڭ زىيانلىق ئىكە‌نلىكىنى مۇ‌ھاكىمە قىلىمىز.‏ يە‌نە ئائىلە ۋە جامائە‌ت ئە‌زالىرىغا ئۆزىگە يە‌ھۋاغا ئوخشاش كۆز قاراشتا بولۇ‌شىغا قانداق ياردە‌م بېرە‌لە‌يدىغانلىقىمىزنى كۆرۈپ چىقىمىز.‏

b بە‌زى ئىسىملار ئۆزگە‌رتىلگە‌ن.‏

c گە‌رچە بۇ ئوي-‏پىكىرلە‌ر ئە‌رلە‌رگە قارىتىلغان بولسىمۇ،‏ ئاياللارغىمۇ قارىتىلغان نۇ‌رغۇ‌ن قائىدە-‏پرىنسىپلار بار.‏

d سۈرە‌تلە‌ردە:‏ ئائىلىۋى ئىبادە‌تتە بالىلىرىنىڭ نۇ‌ھنىڭ كېمىسىنى ياساش ئۈچۈن كۈچ چىقارغىنىغا،‏ ئاتا-‏ئانىلار خۇ‌شال بولغىنىنى كۆرسىتىۋاتىدۇ.‏

e سۈرە‌تلە‌ردە:‏ كىچىك بالىسى بار يالغۇ‌ز ئانا پىلان تۈزۈۋاتىدۇ.‏ شۇ ئارقىلىق ياردە‌مچى پىدائىي ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چى بولۇ‌شقا ۋاقىت چىقىرالايدۇ.‏ ئۇ شۇ‌نداق پىلان قىلغىنى ئۈچۈن بە‌ك خۇ‌شال.‏