مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

32-‏تە‌تقىق ماقالىسى

ياراتقۇ‌چىغا بولغان ئېتىقادىڭىزنى كۈچە‌يتىڭ

ياراتقۇ‌چىغا بولغان ئېتىقادىڭىزنى كۈچە‌يتىڭ

‏«ئېتىقاد … كۆزگە كۆرۈنمە‌س نە‌رسىلە‌رنىڭ ئېنىق دە‌لىل-‏ئىسپاتلىرىغا قايىل بولۇ‌شتۇ‌ر».‏—‏ئىبرانىيلار 11:‏1‏.‏

15-‏ناخشا مە‌ۋجۇ‌داتلار نامايان قىلار يە‌ھۋانىڭ شان-‏شە‌رىپىنى

بۇ ماقالىدە a

1.‏ ياراتقۇ‌چى ھە‌ققىدە قانداق تە‌لىملە‌رگە ئىگە بولدىڭىز؟‏

 سىز يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىسىنىڭ ئائىلىسىدە چوڭ بولغان بولسىڭىز،‏ بە‌لكىم كىچىكىڭىزدىن يە‌ھۋا ھە‌ققىدە ئۆگە‌ندىڭىز.‏ يە‌ھۋا ياراتقۇ‌چى،‏ ئۇ‌نىڭ ئاجايىپ ئېسىل پە‌زىلە‌تلىرى بار ۋە ئۇ يە‌ر يۈزىنى جە‌ننە‌تكە ئايلاندۇ‌رۇ‌شنى خالايدۇ،‏ دېگە‌ن تە‌لىملە‌رنى ياخشى بىلىسىز.‏—‏يارىت.‏ 1:‏1؛‏ ئە‌لچى.‏ 17:‏24—‏27‏.‏

2.‏ ياراتقۇ‌چىغا ئىشىنىدىغانلارغا قارىتا بە‌زى ئادە‌ملە‌ر قانداق كۆزقاراشتا؟‏

2 شۇ‌نداقتىمۇ نۇ‌رغۇ‌ن كىشىلە‌ر خۇ‌دانىڭ مە‌ۋجۇ‌تلۇ‌قىغا،‏ ئۇ‌نىڭ بارلىق نە‌رسىلە‌رنى ياراتقانلىقىغا ئىشە‌نمە‌يدۇ.‏ ئە‌كسىنچە،‏ ئۇ‌لار ھاياتلىق تاسادىپىي ۋە كېيىن ئاددىي جانلىق شە‌كلىدىن ئاستا-‏ئاستا مۇ‌رە‌ككە‌پ بولغان ھاياتلىق شە‌كلىگە تە‌رە‌ققىي قىلغان دە‌پ ئىشىنىدۇ.‏ شۇ‌لارنىڭ بە‌زىلىرى ئالىي مە‌لۇ‌ماتلىق كىشىلە‌ر.‏ ئۇ‌لار شۇ‌نداق دېيىشىدۇ:‏ ئىلىم-‏پە‌ن مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنىڭ خاتالىقىنى ئىسپاتلىدى ۋە ياراتقۇ‌چىغا پە‌قە‌ت ئاجىز،‏ پە‌رۋاسىز ۋە نادان ئادە‌ملە‌ر ئىشىنىدۇ.‏

3.‏ ئۆز ئىمان-‏ئېتىقادىمىزنى كۈچە‌يتىش نېمە ئۈچۈن مۇ‌ھىم؟‏

3 بە‌زى ئالىي مە‌لۇ‌ماتلىق كىشىلە‌رنىڭ كۆزقارىشى يە‌ھۋانىڭ مېھىر-‏شە‌پقە‌تلىك ياراتقۇ‌چىمىز ئىكە‌نلىكىگە بولغان ئىشە‌نچىمىزنى تە‌ۋرىتە‌مدۇ؟‏ بۇ بىزنىڭ نېمە ئۈچۈن يە‌ھۋانىڭ ياراتقۇ‌چى ئىكە‌نلىكىگە ئىشىنىدىغانلىقىمىز بىلە‌ن زىچ باغلىنىشلىق.‏ ياراتقۇ‌چىغا ئىشىنىشىمىز شۇ تە‌لىملە‌رنى ئاڭلىغانلىقىمىز ئۈچۈنمۇ ياكى دە‌لىل-‏ئىسپاتلارنى ئىزدە‌پ،‏ ئۆزۈمىزنى قايىل قىلغانلىقىمىز ئۈچۈنمۇ؟‏ (‏1-‏كورىنت.‏ 3:‏12_15‏)‏.‏ قانچە ئۇ‌زۇ‌ن يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىسى بولغان بولايلى،‏ ھە‌ممىمىز داۋاملىق ئىمان-‏ئېتىقادىمىزنى كۈچە‌يتىشىمىز كېرە‌ك.‏ خۇ‌دانىڭ سۆزىگە قارشى چىققۇ‌چىلارنىڭ قۇ‌رۇ‌ق پە‌لسە‌پە ۋە يالغان سە‌پ-‏سە‌پتىلىرى بىزنى ئازدۇ‌رالمايدۇ (‏كولوسى.‏ 2:‏8؛‏ ئىبرانىي.‏ 11:‏6‏)‏.‏ بۇ ماقالىدە،‏ (‏1)‏ نېمە ئۈچۈن كۆپ ئادە‌ملە‌ر ياراتقۇ‌چىنىڭ مە‌ۋجۇ‌تلۇ‌قىغا ئىشە‌نمە‌يدۇ؟‏ (‏2)‏ ياراتقۇ‌چىڭىز يە‌ھۋاغا بولغان ئىمانىڭىزنى قانداق كۈچە‌يتە‌لە‌يسىز؟‏ ۋە (‏3)‏ ئېتىقادىڭىزنىڭ داۋاملىق مۇ‌ستە‌ھكە‌م بولۇ‌شى ئۈچۈن نېمە قىلالايسىز؟‏ دېگە‌نلە‌رنى مۇ‌ھاكىمە قىلىمىز.‏ بۇ بىزگە ياردە‌م بېرىدۇ.‏

نېمە ئۈچۈن كۆپ ئادە‌ملە‌ر ياراتقۇ‌چىنىڭ مە‌ۋجۇ‌تلۇ‌قىغا ئىشە‌نمە‌يدۇ

4.‏ ئىبرانىيلار 11:‏1-‏ئايە‌تكە ئاساسلانغاندا،‏ ھە‌قىقىي ئىمان-‏ئېتىقاد نېمىگە ئاساسلىنىدۇ؟‏

4 بە‌زى ئادە‌ملە‌ر شۇ‌نداق ئويلايدۇ‌كى،‏ ئىمان-‏ئېتىقاد بۇ دە‌لىل-‏ئىسپاتسىز قارغۇ‌لارچە ئىشىنىش.‏ ئە‌مما،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابقا ئاساسلانغاندا،‏ ھە‌قىقىي ئىمان-‏ئېتىقاد قارغۇ‌لارچە ئىشىنىش ئە‌مە‌س ‏(‏ئىبرانىيلار 11:‏1-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ دىققە‌ت قىلسىڭىز،‏ يە‌ھۋانى،‏ ئە‌يسا مە‌سىھنى ۋە ئاسماندىكى پادىشاھلىقنى كۆرە‌لمىسە‌كمۇ،‏ ئۇ‌لارغا بولغان ئىشە‌نچىمىز قايىل قىلارلىق دە‌لىل-‏ئىسپاتلارغا ئاساسلانغان (‏ئىبرانىي.‏ 11:‏3‏)‏.‏ بىر بىئوخىمىيە تە‌تقىقاتى قىلىدىغان يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىسى شۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرىنىڭ ئېتىقادى ئاساسسىز ئە‌مە‌س.‏ ئۇ‌لار ئىلىم-‏پە‌ندە دە‌لىللە‌نگە‌ن ئىسپاتلارغا پە‌رۋاسىزلىق قىلمايدۇ».‏

5.‏ نېمە ئۈچۈن شۇ‌نچە كۆپ ئادە‌ملە‌ر ياراتقۇ‌چى يوق،‏ ھايات ئۆزلىكىدىن باشلانغان،‏ دېگە‌ن كۆزقاراشقا دە‌پ ئىشىنىدۇ؟‏

5 بە‌زىلە‌ر ياراتقۇ‌چىنىڭ مە‌ۋجۇ‌تلۇ‌قىغا قايىل قىلارلىق ئىسپاتلار بولسا،‏ نېمە ئۈچۈن يە‌نە نۇ‌رغۇ‌ن ئادە‌ملە‌ر خۇ‌دا ھېچقانداق ھاياتلىقنى ياراتمىغان؟‏—‏ دە‌يدۇ.‏ شۇ‌نداق ئادە‌ملە‌ر ھېچقاچان ئۆزى ئۈچۈن دە‌لىللە‌رنى ئىزدە‌پ كۆرمىگە‌ن.‏ ھازىر يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىسى بولغان روبېرت شۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «ئىلگىرى مە‌كتە‌پتە يارىتىلىش ھە‌ققىدە ھېچقاچان ئاڭلىمىغاچ،‏ يارىتىلىش تە‌لىماتىنى خاتا دە‌پ ئويلىغان ئېدىم.‏ بىر يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىسى بىلە‌ن سۆھبە‌تلىشىپ قالدىم.‏ ماڭا خۇ‌دانىڭ ھە‌ممە نە‌رسىنى ياراتقانلىقى ھە‌ققىدە مە‌نتىقىگە ئۇ‌يغۇ‌ن ۋە قايىل قىلارلىق ئىسپاتلارنى مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىن كۆرسە‌تتى b‏» ‏(‏«‏ ئاتا-‏ئانىلار ئۈچۈن مە‌سلىھە‌ت‏» دېگە‌ن رامكىغا قاراڭ)‏.‏

6.‏ نېمە ئۈچۈن بە‌زىلە‌ر ياراتقۇ‌چىنىڭ مە‌ۋجۇ‌تلىقىغا ئىشە‌نمە‌يدۇ؟‏

6 بە‌زىلە‌ر ياراتقۇ‌چىنىڭ مە‌ۋجۇ‌تلۇ‌قىغا ئىشە‌نمە‌يدۇ.‏ سە‌ۋە‌بى،‏ ئۇ‌لار:‏ «مە‌ن ئۇ‌نى كۆرمىسە‌م،‏ ئۇ‌نىڭغا قانداق ئىشىنە‌لە‌يمە‌ن»،‏—‏ دە‌يدۇ.‏ بىراق،‏ ئە‌مە‌لىيە‌تتە ئۇ‌لار كۆرمە‌يدىغان نە‌رسىگە ئىشىنىدۇ.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ ئۇ‌لار شامالنى كۆرمە‌يدۇ،‏ ئە‌مما ئۇ‌نىڭ ھە‌قىقە‌تە‌ن مە‌ۋجۇ‌ت ئىكە‌نلىكىگە ئىسپاتى بار.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا تىلغا ئالغان،‏ ئېتىقاد ‏«كۆزگە كۆرۈنمە‌يدىغان نە‌رسىلە‌رنىڭ»‏ ئېنىق دە‌لىل-‏ئىسپاتلىرىغا قايىل بولۇ‌شتۇ‌ر (‏ئىبرانىي.‏ 11:‏1‏)‏.‏ ئۆزۈمىزنى قايىل قىلىش ئۈچۈن ئىزدىنىپ تە‌تقىق قىلىشقا ۋاقىت چىقىرىش كېرە‌ك.‏ نۇ‌رغۇ‌نلىغان ئادە‌ملە‌ر شۇ‌نداق قىلىشنى خالىمايدۇ.‏ بىر كىشى دە‌لىل-‏ئىسپاتلارنى ئىزدىمىسە،‏ بە‌لكىم خۇ‌دا يوق،‏ دە‌پ خۇ‌لاسە قىلىدۇ.‏

7.‏ خۇ‌دانىڭ كائىناتنى ياراتقانلىقىنى بارلىق بىلىم ئىگىلىرى رە‌ت قىلامدۇ؟‏ چۈشە‌ندۈرۈپ بېرىڭ.‏

7 دە‌لىل-‏ئىسپاتلار ھە‌ققىدە ئىزدە‌نگە‌ندىن كېيىن،‏ بە‌زى ئالىملار كائىناتنى خۇ‌دانىڭ ياراتقانلىقىغا ئىشە‌نگە‌ن c‏.‏ يۇ‌قىرىدا تىلغا ئالغان روبېرتقا ئوخشاش،‏ بە‌زىلە‌ر ياراتقۇ‌چى يوق دە‌پ ئويلىغان.‏ سە‌ۋە‌بى،‏ ئۇ‌نىۋېرسىتېتلاردا يارىتىلىش ھە‌ققىدە ھېچقانداق تە‌لىم بە‌رمىگە‌ن.‏ خۇ‌ددى ئاشۇ ئالىملارغا ئوخشاش يۇ‌قىرى بىلىمگە ئىگە بولساقمۇ،‏ ھە‌ممىمىز چوقۇ‌م خۇ‌داغا بولغان ئېتىقادىمىزنى مۇ‌ستە‌ھكە‌ملىشىمىز كېرە‌ك.‏ ھېچكىم بىز ئۈچۈن بۇ‌نى قىلالمايدۇ.‏

ياراتقۇ‌چىغا بولغان ئېتىقادىڭىزنى كۈچە‌يتىڭ

8،‏ 9.‏ (‏1)‏ ھازىر بىز نېمىلە‌رنى كۆرۈپ چىقىمىز؟‏ (‏2)‏ مە‌ۋجۇ‌داتلار ھە‌ققىدە بىلىم ئېلىش سىزگە قانداق ياردە‌م بېرە‌لە‌يدۇ؟‏

8 ياراتقۇ‌چىغا بولغان ئېتىقادىڭىزنى قانداق كۈچە‌يتە‌لە‌يسىز؟‏ تۆت ئۇ‌سۇ‌لىنى كۆرۈپ چىقايلى.‏

9 مە‌ۋجۇ‌داتلار ھە‌ققىدە بىلىۋېلىڭ.‏ ھايۋانلار،‏ ئۆسۈملۈكلە‌ر،‏ ئاسماندىكى يۇ‌لتۇ‌زلارنى كۈزىتىش ئارقىلىق،‏ ياراتقۇ‌چىغا بولغان ئېتىقادىڭىزنى كۈچە‌يتە‌لە‌يسىز (‏زە‌بۇ‌ر 19:‏1؛‏ يە‌شايا 40:‏26‏)‏.‏ ئۇ‌لار ھە‌ققىدە كۆپرە‌ك بىلىم ئالغانسېرى،‏ يە‌ھۋانىڭ ياراتقۇ‌چى ئىكە‌نلىكىگە بولغان ئىشە‌نچىڭىز تېخىمۇ كۈچىيىدۇ.‏ بىزنىڭ نە‌شرى ماتېرىياللىرىمىزدا يارىتىلىش ھە‌ققىدىكى تۈرلۈك تە‌پسىلاتلارنى چۈشە‌ندۈرىدىغان ماقالىلە‌ر بار.‏ گە‌رچە بۇ ماقالىلە‌رنى چۈشىنىش قىيىن بولسىمۇ،‏ تاشلاپ ئۆتۈپ كە‌تمە‌ڭ.‏ چۈشۈنە‌لىشىڭىزچە ئوقۇ‌شقا تىرىشىڭ.‏ يېقىنقى بىرقانچە يىللاردا،‏ رايونلۇ‌ق چوڭ يىغىلىشلاردا يارىتىلىش ھە‌ققىدە كىشىنى ھاياجانلاندۇ‌رىدىغان فىلىملە‌ر كۆرسىتىلگە‌ن.‏ jw.org تور بېكىتىدىن شۇ فىلىملە‌رنى كۆرە‌لە‌يسىز.‏

10.‏ ياراتقۇ‌چىنىڭ مە‌ۋجۇ‌تلىقىنى ئىسپاتلايدىغان بىر مىسالنى كۆرسىتىڭ (‏رىملىقلار 1:‏20‏)‏.‏

10 ئە‌تراپىڭىزدىكى نە‌رسىلە‌ر ھە‌ققىدە ئۆگە‌نگە‌ندە،‏ ياراتقۇ‌چى توغرىسىدا بىزگە نېمىلە‌رنى ئاشكارە قىلىدىغانلىقىغا دىققە‌ت قىلىڭ ‏(‏رىملىقلار 1:‏20-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ قۇ‌ياش يە‌ر يۈزىدىكى جانلىقلار ئۈچۈن كېرە‌كلىك ئىسسىقلىق ۋە نۇ‌رلارنى تارقىتىدۇ.‏ بىراق،‏ قۇ‌ياش بە‌زى زىيانلىق نۇ‌رلارنى چاچىدۇ.‏ بىز ئىنسانلار شۇ زىيانلىق نۇ‌رلاردىن قوغدىنىشىمىز كېرە‌ك ھە‌م قوغدىلىپ كېلىۋاتىمىز.‏ ئاتموسفېرادا ماكانىمىز يە‌ر شارىنى قوغدايدىغان بىر گاز قە‌ۋىتى بار.‏ ئۇ زىيانلىق نۇ‌رلارنى سۈزۈپ قالالايدۇ.‏ زىيانلىق نۇ‌ر كۈچە‌يگە‌نسېرى ياكى ئوزون گازىمۇ كۆپىيىدۇ.‏ بارلىق ئىشلارنىڭ ئارقىسىدا مېھرىبان،‏ دانا ياراتقۇ‌چىنىڭ بارلىقىغا ئىشە‌نمە‌مسىز؟‏

11.‏ ياراتقۇ‌چىغا بولغان ئېتىقادىڭىزنى كۈچە‌يتىش ئۈچۈن قە‌يە‌ردىن دە‌لىل-‏ئىسپاتلارنى تاپالايسىز؟‏ (‏«‏ تۆۋە‌ندىكىلە‌ر ئىمان-‏ئېتىقادىڭىزنى كۈچە‌يتىشكە ياردە‌م بېرىدىغان نە‌شرى ماتېرىياللار‏» دېگە‌ن رامكىغا قاراڭ)‏

11‏«كۈزىتىش مۇ‌نارى ماتېرىياللىرى كۆرسە‌تكۈچى» ۋە jw.org تور بېكىتىدىن ئىزدىنىش ئارقىلىق،‏ يارىتىلىشقا بولغان ئىشە‌نچىمىزنى كۈچە‌يتىدىغان نۇ‌رغۇ‌ن دە‌لىل-‏ئىسپاتلارنى تاپالايسىز.‏ بە‌لكىم،‏ سىز ماقالىلە‌رنى ئوقۇ‌ش ياكى «‏ئاجايىپ ياراتمىلار‏» دېگە‌ن بىر قاتار فىلىملە‌رنى كۆرۈش بىلە‌ن باشلىيالايسىز.‏ ھايۋاناتلار ۋە باشقا ياراتمىلار ھە‌ققىدە قىسقا ۋە ئاجايىپ دە‌لىل-‏ئىسپاتلار كۆرسىتىلگە‌ن.‏ تە‌تقىقاتچىلارنىڭ تە‌بىئە‌تتە بايقىغان شۇ نە‌رسىلە‌رنى قانداق ئۆرنە‌ك قىلغانلىقى ھە‌ققىدە مىساللار بار.‏

12.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى تە‌تقىق قىلغاندا،‏ قايسى بە‌زى نە‌رسىلە‌رگە دىققە‌ت قارىتىشىمىز كېرە‌ك؟‏

12 مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلارنى تە‌تقىق قىلىڭ.‏ يۇ‌قىرىدا تىلغا ئالغان بىئوخىمىيە ئالىمى ياراتقۇ‌چىنىڭ مە‌ۋجۇ‌تلىقىنى دە‌سلە‌پتە رە‌ت قىلغان بولسىمۇ،‏ كېيىن ۋاقىت ئۆتۈپ ياراتقۇ‌چىنىڭ بارلىقىغا ئىشە‌نگە‌ن.‏ ئۇ مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «ئىمان-‏ئېتىقادىم پە‌قە‌تلا ئىلىم-‏پە‌ن تە‌تقىقاتىمغا ئاساسلانغان ئە‌مە‌س،‏ بە‌لكى يە‌نە مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ئە‌ستايىدىل تە‌تقىق قىلىشقا ھە‌م ئاساسلانغان».‏ بە‌لكىم،‏ سىزنىڭ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ھە‌ققىدە ئاللىقاچان توغرا بىلىمىڭىز بار.‏ شۇ‌نداقتىمۇ ياراتقۇ‌چىغا بولغان ئىمان ئېتىقادىڭىزنى كۈچە‌يتىش ئۈچۈن،‏ خۇ‌دانىڭ سۆزىنى تە‌تقىق قىلىشنى داۋاملاشتۇ‌رۇ‌شىڭىز زۆرۈر (‏يە‌شۇ‌ئا 1:‏8؛‏ زە‌بۇ‌ر 119:‏97‏)‏.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا تە‌پسىلىي تە‌سۋىرلە‌نگە‌ن تارىخىي ۋە‌قە‌لە‌رگە دىققە‌ت قىلىڭ.‏ ئۇ‌نىڭدىكى بېشارە‌تلە‌ر ۋە شۇ بېشارە‌تلە‌رنىڭ قانداق ئە‌مە‌لگە ئاشقانلىقى ھە‌ققىدە ئە‌ستايىدىل ئويلىنىپ كۆرۈڭ.‏ شۇ‌نداق قىلىش كۆيۈمچان،‏ دانا ياراتقۇ‌چىمىزنىڭ بىزنى ياراتقانلىقىغا ۋە بىزگە مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ئە‌ۋە‌تكە‌نلىكىگە بولغان ئىشە‌نچىڭىزنى كۈچە‌يتىدۇ.‏—‏2-‏تىموت.‏ 3:‏14؛‏ 2-‏پېتر.‏ 1:‏21‏.‏

13.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىن دانا مە‌سلىھە‌تلە‌رنى تېپىشقا بولىدىغانلىقىنى قايسى مىساللار كۆرسىتىدۇ؟‏

13 خۇ‌دانىڭ سۆزىنى تە‌تقىق قىلغاندا،‏ ئۇ‌نىڭدىكى مە‌سلىھە‌تلە‌رنىڭ قانداق ياردىمى بارلىقىغا دىققە‌ت قىلىڭ.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ئۇ‌زۇ‌ن زامانلار ئىلگىرى پۇ‌لپە‌رە‌سلىكنىڭ زىيانلىق ئىكە‌نلىكىنى ۋە نۇ‌رغۇ‌ن ئازاب-‏ئوقۇ‌بە‌تلە‌رنى كە‌لتۈرە‌لە‌يدىغانلىقى ھە‌ققىدە ئاگاھلاندۇ‌رغان (‏1-‏تىموت.‏ 6:‏9،‏ 10؛‏ پە‌ند.‏ نە 28:‏20؛‏ مە‌تتا 6:‏24‏)‏.‏ ئاشۇ ئاگاھلاندۇ‌رۇ‌شنىڭ بۈگۈنكى كۈندە بىز ئۈچۈن پايدىسى بارمۇ؟‏ بىر كىتابتا بۈگۈنكى كۈندىكى كىشىلە‌رنى شۇ‌نداق تە‌سۋىرلە‌نگە‌ن:‏ «ئادە‌تتە پۇ‌لپە‌رە‌س ئادە‌ملە‌رنىڭ خۇ‌شاللىقنى يوقىتىدىغان ۋە ئۈمىدسىزلىنىدىغان ۋاقىتلىرى كۆپ بولغان.‏ شۇ‌نداقلا كۆپرە‌ك پۇ‌ل تېپىشنى خالىغان كىشىلە‌رنىڭمۇ روھىي ۋە جىسمانىي ساغلاملىقى ناچارلىشىپ كە‌تكە‌ن».‏ دېمە‌ك،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنىڭ پۇ‌لغا ئامراق بولۇ‌شتىن ساقلىنىش ھە‌ققىدىكى ئاگاھلاندۇ‌رۇ‌شى نە‌قە‌دە‌ر پايدىلىق.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىن سىزگە ياردە‌م بە‌رگە‌ن يە‌نە قايسى نە‌سىھە‌تلە‌رنى ئە‌سكە ئالالايسىز؟‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى مە‌سلىھە‌تلە‌رنى قە‌دىرلىگە‌نسېرى،‏ كۆيۈمچان ياراتقۇ‌چىمىز بە‌رگە‌ن مە‌ڭگۈلۈك دانالىققا تېخىمۇ كۆپرە‌ك تايىنىدىغان بولىمىز (‏ياقۇ‌پ 1:‏5‏)‏.‏ نە‌تىجىدە،‏ شاد-‏خۇ‌رام،‏ تىنچ-‏ئامان تۇ‌رمۇ‌ش كە‌چۈرە‌لە‌يمىز.‏—‏يە‌شايا 48:‏17،‏ 18‏.‏

14.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى تە‌تقىق قىلسىڭىز،‏ يە‌ھۋا ھە‌ققىدە نېمىنى بىلە‌لە‌يسىز؟‏

14 يە‌ھۋانى ياخشىراق تونۇ‌ش مە‌قسىتىدە مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى تە‌تقىق قىلىڭ (‏يۇ‌ھاننا 17:‏3‏)‏.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى تە‌تقىق قىلغىنىڭىزدا،‏ يە‌ھۋانىڭ خاسلىقى بىلە‌ن ئۇ‌نىڭ پە‌زىلە‌تلىرى ھە‌ققىدە بىلە‌لە‌يسىز.‏ ئە‌تراپىڭىزدىكى ياراتمىلار ھە‌ققىدە بىلىم ئالغاندا،‏ ئاشۇ ئوخشاش پە‌زىلە‌تلە‌رنى كۆرە‌لە‌يسىز.‏ يە‌ھۋانىڭ پە‌زىلە‌تلىرى ھە‌ققىدە بىلگە‌نسېرى،‏ ئۇ‌نىڭ ھە‌قىقىي مە‌ۋجۇ‌ت شە‌خس ئىكە‌نلىكىگە ئىشىنە‌لە‌يسىز (‏چىق.‏ 34:‏6،‏ 7؛‏ زە‌بۇ‌ر 145:‏8،‏ 9‏)‏.‏ يە‌ھۋا ھە‌ققىدە كۆپرە‌ك تونۇ‌شۇ‌شقا ئىگە بولسىڭىز،‏ ئىمان-‏ئېتىقادىڭىز كۈچىيىپ،‏ ئۇ‌نىڭغا بولغان سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببىتىڭىز ئاشىدۇ ۋە ئۇ‌نىڭ بىلە‌ن بولغان دوستلىقىڭىز مۇ‌ستە‌ھكە‌ملىنىدۇ.‏

15.‏ باشقىلارغا ئۆز ئىمان-‏ئېتىقادىڭىز ھە‌ققىدە ئېيتىشنىڭ سىز ئۈچۈن قانداق پايدىسى بار؟‏

15 خۇ‌داغا بولغان ئىمان-‏ئېتىقادىڭىز ھە‌ققىدە باشقىلارغا ئېيتىپ بېرىڭ.‏ شۇ‌نداق قىلسىڭىز،‏ سىزنىڭ ئىمان-‏ئېتىقادىڭىز كۈچىيىدۇ.‏ بىراق،‏ ئە‌گە‌ر سىزگە گۇ‌ۋاھلىق بە‌رگە‌ن بىرى خۇ‌دانىڭ مە‌ۋجۇ‌تلىقى ھە‌ققىدە بىر سوئال قويسا،‏ ئە‌گە‌ر ئۇ‌نىڭغا قانداق جاۋاب بېرىشنى بىلمىسىڭىز،‏ نېمە قىلىشىڭىز بولىدۇ؟‏ بىزنىڭ نە‌شرى ماتېرىياللىرىمىزدىن مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابقا ئاساسلانغان جاۋابنى تېپىشقا تىرىشىڭ.‏ كېيىن،‏ ئۇ‌نىڭ بىلە‌ن شۇ ھە‌ققىدە سۆھبە‌تلىشىڭ (‏1-‏پېتر.‏ 3:‏15‏)‏.‏ سىز يە‌نە تە‌جرىبىسى مول بىر گۇ‌ۋاھچىدىن ياردە‌م سورىسىڭىز بولىدۇ.‏ سىزگە سوئال قويغان كىشى مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىن بە‌رگە‌ن جاۋابىڭىزنى قوبۇ‌ل قىلسۇ‌ن ياكى قىلمىسۇ‌ن،‏ قىلغان ئىزدىنىشلىرىڭىزنىڭ پايدىسى بار.‏ سىزنىڭ ئىمان-‏ئېتىقادىڭىز مۇ‌ستە‌ھكە‌ملىنىدۇ.‏ نە‌تىجىدە،‏ خۇ‌دا يوق دە‌يدىغانلارنىڭ قارىماققا دانا،‏ مە‌نتىقىگە ئۇ‌يغۇ‌ندە‌ك كۆرۈنگە‌ن يالغان ئوي-‏پىكىرلىرى ئىمان-‏ئېتىقادىڭىزنى تە‌ۋرىتە‌لمە‌يدۇ.‏

ئىمان-‏ئېتىقادىڭىزنى داۋاملىق كۈچلۈك ساقلاڭ!‏

16.‏ ئە‌گە‌ر داۋاملىق ئېتىقادىمىزنى كۈچە‌يتىپ،‏ ئۇ‌نى مۇ‌ستە‌ھكە‌م ساقلىمىساق،‏ بىزگە نېمە ئىش بولۇ‌شى مۇ‌مكىن؟‏

16 مە‌يلى قانچە ئۇ‌زۇ‌ن ۋاقىت يە‌ھۋاغا خىزمە‌ت قىلغان بولايلى،‏ بىز چوقۇ‌م ئۇ‌نىڭغا بولغان ئىمان-‏ئېتىقادىمىزنى كۈچە‌يتىشىمىز ۋە داۋاملىق مۇ‌ستە‌ھكە‌م ساقلىشىمىز كېرە‌ك.‏ نېمە ئۈچۈن ئىمان-‏ئېتىقادىمىز ئاجىزلىشىپ كېتىدۇ؟‏ ئېسىڭىزدە بولسا،‏ ئېتىقاد كۆزگە كۆرۈنمە‌يدىغان نە‌رسىلە‌ر ھە‌ققىدىكى دە‌لىل-‏ئىسپاتلارغا ئاساسلانغان.‏ بىز بىر نە‌رسىنى كۆرمىسە‌ك،‏ بە‌لكىم ئاسانلا ئۇ‌نتۇ‌پ قالىمىز.‏ شۇ‌ڭا،‏ پاۋلۇ‌س ئېتىقاد ئاجىز بولسا،‏ گۇ‌ناھنىڭ بىزنى ئاسانلا چىرمىۋالىدىغانلىقىنى ئېيتقان (‏ئىبرانىي.‏ 12:‏1‏)‏.‏ ئۇ‌نداقتا،‏ مۇ‌شۇ تۇ‌زاققا چۈشۈپ قالماسلىق ئۈچۈن،‏ نېمە قىلالايمىز؟‏—‏2-‏سالونىكا.‏ 1:‏3‏.‏

17.‏ ئىمان-‏ئېتىقادىمىزنى داۋاملىق ساقلىشىمىزغا نېمە ياردە‌م بېرىدۇ؟‏

17 ئاۋۋال،‏ يە‌ھۋادىن مۇ‌قە‌ددە‌س روھنى سوراڭ.‏ نېمە ئۈچۈن؟‏ چۈنكى،‏ ئىشە‌نچ ياكى ئېتىقاد مۇ‌قە‌ددە‌س روھنىڭ مېۋىلىرىدىن بىرى (‏گالاتىيا.‏ 5:‏22،‏ 23‏)‏.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س روھنىڭ ياردىمىسىز ياراتقۇ‌چىمىزغا بولغان ئىمان-‏ئېتىقادىمىزنى كۈچە‌يتىش ۋە ئۇ‌نى مۇ‌ستە‌ھكە‌م ساقلاش مۇ‌مكىن ئە‌مە‌س.‏ داۋاملىق يە‌ھۋادىن مۇ‌قە‌ددە‌س روھنى سورىساق،‏ ئۇ بىزگە بېرىدۇ (‏لۇ‌قا 11:‏13‏)‏.‏ بىز ھە‌تتا ئىشە‌نچ ۋە ئىمان-‏ئېتىقادىمىزنى كۈچە‌يتكىن،‏ دە‌پ دۇ‌ئا قىلالايمىز.‏—‏لۇ‌قا 17:‏5‏.‏

18.‏ زە‌بۇ‌ر 1:‏2،‏ 3-‏ئايە‌تلە‌رگە ئاساسلانغاندا،‏ بىز بۈگۈنكى كۈندە قانداق ھە‌دىيىگە ئىگە بولدۇ‌ق؟‏

18 خۇ‌دا سۆزىنى ئوقۇ‌شنى ۋە شە‌خسىي تە‌تقىق قىلىشنى داۋاملاشتۇ‌رۇ‌ڭ (‏زە‌بۇ‌ر 1:‏2،‏ 3-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ مۇ‌شۇ زە‌بۇ‌ر يېزىلغاندا،‏ تە‌ۋرات قانۇ‌نىنىڭ تولۇ‌ق نۇ‌سخىسى ساناقلىق ئادە‌ملە‌رنىڭ قولىدا بار ئىدى.‏ بىراق،‏ پادىشاھ ۋە روھانىيلار يازمىلارنى ئوقۇ‌يالايتتى.‏ ئۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ ھە‌ر يە‌تتە يىلدا تە‌ۋرات قانۇ‌نىنى ئۈنلۈك ئوقۇ‌پ،‏ ئە‌رلە‌ر،‏ ئاياللار،‏ بالىلار ۋە ئىسرائىلدا ياشايدىغان چە‌ت ئە‌للىكلە‌رنى تىڭشاشقا ئورۇ‌نلاشتۇ‌رۇ‌لغان ئىدى (‏تە‌كرار.‏ قا 31:‏10_12‏)‏.‏ ئە‌يسانىڭ زامانىدا،‏ ئورام يازمىلار پە‌قە‌ت ئازغىنە ئادە‌ملە‌رنىڭ قولىدا ياكى يە‌ھۇ‌دىي ئىبادە‌تخانىلىرىدا بار ئىدى.‏ ئە‌مما،‏ بىزنىڭ كۈنىمىزدە كۆپچىلىك ئىنسانلارنىڭ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ئوقۇ‌ش ئىمكانىيىتى بار.‏ بۇ ئاجايىپ بىر ھە‌دىيە!‏ شۇ سوۋغاتقا بولغان مىننە‌تدارلىقىمىزنى قانداق كۆرسىتە‌لە‌يمىز.‏

19.‏ ئىمان-‏ئېتىقادىمىزنى مۇ‌ستە‌ھكە‌م ساقلىشىمىز ئۈچۈن نېمە قىلىشىمىز زۆرۈر؟‏

19 دائىم خۇ‌دا سۆزىنى قولدىن چۈشە‌رمە‌ي ئوقۇ‌ش ئارقىلىق،‏ ئاشۇ سوۋغاتقا بولغان مىننە‌تدارلىقىمىزنى كۆرسىتە‌لە‌يمىز.‏ خۇ‌دا سۆزىنى پە‌قە‌ت ۋاقتىمىز چىققاندىلا ئوقۇ‌پ قويماي،‏ بە‌لكى ئوقۇ‌ش ۋە تە‌تقىق قىلىش ئۈچۈن پىلان تۈزۈشىمىز كېرە‌ك.‏ ئۈزۈلدۈرمە‌ي تە‌تقىق قىلىشنى ئادە‌تكە ئايلاندۇ‌رۇ‌ش ئارقىلىق،‏ ئىمان ئېتىقادىمىزنى مۇ‌ستە‌ھكە‌م ساقلالايمىز.‏

20.‏ نېمە قىلىشقا قارارىمىز قە‌تئىي بولۇ‌شىمىز كېرە‌ك؟‏

20 بۇ دۇ‌نيانىڭ ئۆزىنى ئە‌قىللىق،‏ بىلىملىك چاغلايدىغان كىشىلىرىگە قارىغاندا،‏ بىزنىڭ ئوخشىمايدىغان يېرىمىز،‏ خۇ‌دا سۆزىگە بولغان تە‌ۋرە‌نمە‌س ئىمان-‏ئېتىقادىمىز بار (‏مە‌تتا 11:‏25،‏ 26‏)‏.‏ ئاشۇ مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلارنى تە‌تقىق قىلىش نە‌تىجىسىدە،‏ بىز نېمە ئۈچۈن يە‌ر يۈزىنىڭ ئە‌ھۋالى كۈندىن كۈنگە يامانلىشىپ كېتىۋاتىدۇ ۋە يە‌ھۋا كە‌لگۈسىدە نېمە قىلماقچى دېگە‌نلە‌رنى چۈشە‌ندۈرۈپ بېرە‌لە‌يمىز.‏ ئە‌مما،‏ ئىمان-‏ئېتىقادىمىزنى مۇ‌ستە‌ھكە‌ملە‌ش ئۈچۈن قە‌تئىي بولايلى ۋە نۇ‌رغۇ‌ن كىشىلە‌رنىڭ ھە‌قىقە‌تنى تونۇ‌پ،‏ ياراتقۇ‌چىغا ئىمان-‏ئېتىقادىنى كۈچە‌يتىشىگە ياردە‌م بېرە‌يلى (‏1-‏تىموت.‏ 2:‏3،‏ 4‏)‏.‏ يە‌ر يۈزىدىكى بارلىق جان ئىگىلىرى بىرلىكتە:‏ «پە‌رۋە‌ردىگارىمىز ۋە خۇ‌دايىمىز!‏ شان-‏شە‌رە‌پ،‏ ھۆرمە‌ت ۋە قۇ‌درە‌تكە لايىقسە‌ن.‏ چۈنكى،‏ ھە‌ممىنى سە‌ن ياراتتىڭ»،‏ دە‌پ توۋلايدىغان ۋاقىتنى تە‌قە‌ززالىق بىلە‌ن كۈتە‌يلى.‏—‏ۋە‌ھىي.‏ 4:‏11‏.‏

138-‏ناخشا يە‌ھۋا —‏ سېنىڭ ئىسىمىڭ

a مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلار يە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ ياراتقۇ‌چى ئىكە‌نلىكىنى ئېنىق ئېيتىدۇ.‏ بىراق،‏ نۇ‌رغۇ‌ن ئادە‌ملە‌ر بۇ‌نىڭغا ئىشە‌نمە‌يدۇ.‏ ئۇ‌لار ھاياتلىق ئۆزلىكىدىن پە‌يدا بولغان دېگە‌ن كۆزقاراشتا چىڭ تۇ‌رىدۇ.‏ ئە‌گە‌ر خۇ‌داغا ۋە ئۇ‌نىڭ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابىغا بولغان ئېتىقادىمىزنى مۇ‌ستە‌ھكە‌ملە‌ش ئۈچۈن تىرىشساق،‏ ئۇ‌لارنىڭ شۇ‌نداق كۆزقاراشلىرى ئىمان-‏ئېتىقادىمىزنى تە‌ۋرىتە‌لمە‌يدۇ.‏ بۇ ماقالىدە،‏ ئىمان-‏ئېتىقادىمىزنى قانداق مۇ‌ستە‌ھكە‌ملىيە‌لە‌يدىغانلىقىمىزنى كۆرۈپ چىقىمىز.‏

b دۇ‌نيانىڭ ھە‌رقايسى جايلىرىدىكى مە‌كتە‌پلە‌ردە،‏ ئوقۇ‌تقۇ‌چىلار خۇ‌دانىڭ ھە‌ممە نە‌رسىنى ياراتقانلىقى ھە‌ققىدە ھە‌تتا مۇ‌مكىنچىلىكنىڭ بارلىقىنىمۇ تىلغا ئالمايدۇ.‏ بە‌زى مائارىپچىلار شۇ‌نداق قىلىش ياكى ياراتقۇ‌چىنىڭ بارلىقىنى تىلغا ئېلىش ئوقۇ‌غۇ‌چىلارنىڭ دىنىي ئە‌ركىنلىكىگە توسقۇ‌نلۇ‌ق قىلغانلىق بولىدۇ،‏—‏ دېيىشىدۇ.‏

c ‏«كۈزىتىش مۇ‌نارى ماتېرىياللىرى كۆرسە‌تكۈچى»دىن بە‌زى مۇ‌تە‌خە‌سسىسلە‌ر ياكى تە‌تقىقاتچىلارنىڭ يارىتىش تە‌لىماتىغا ئىشىنىدىغانلىقى ھە‌ققىدىكى كۆزقاراشلىرىنى تاپالايسىز.‏ «ئىلىم-‏پە‌ن» دېگە‌ن ماۋزۇ ئاستىدىكى «تە‌تقىقاتچىلار يارىتىلىشقا ئىشىنىدۇ» دېگە‌ن كىچىك ماۋزۇ‌غا قاراڭ.‏ شۇ‌لارنىڭ بە‌زىلىرىنىڭ كۆزقاراشلىرىنى jw.org تور بېكىتىدىن كۆرە‌لە‌يسىز (‏كۇ‌تۇ‌پخانا >‏ فىلىملە‌ر >‏ سۆھبە‌تلە‌ر ۋە ۋە‌قە‌لە‌ر >‏ ھاياتلىقنىڭ پە‌يدا بولۇ‌شى ھە‌ققىدىكى كۆزقاراشلار)‏.‏