33-تەتقىق ماقالىسى
يەھۋاغا قولۇڭىزدىن كېلىشىچە خىزمەت قىلغىنىڭىزدىن خۇشال بولۇڭ
«كۆز ئالدىڭدا بار نەرسە، ئارزۇ-ئۈمىدنى قوغلاپ يۈرۈشتىن ياخشىدۇر».—ۋەز 6:9.
28-ناخشا يېڭى ناخشا
بۇ ماقالىدە a
1. يەھۋاغا قولدىن كېلىشىچە كۆپرەك خىزمەت قىلىش ئۈچۈن، كۆپلىگەن قېرىنداشلار قانداق تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتىدۇ؟
بۇ رەزىل دۇنيانىڭ ئاخىرلىشىشىغا ئاز قالغانسېرى، قىلىدىغان ئىشلىرىمىزمۇ كۆپ (مەتتا 24:14؛ لۇقا 10:2؛ 1-پېتر. 5:2). ھەممىمىز يەھۋاغا قولىمىزدىن كەلگىنىچە خىزمەت قىلىشنى خالايمىز. شۇڭا، بەزىلەر يېڭى تېررىتورىيىدە خىزمەت قىلىشقا كۆچۈۋاتىدۇ. بەزىلەر پىدائىي ۋەز ئېيتقۇچى سۈپىتىدە خىزمەت قىلىشنى ئۈمىد قىلىدۇ. باشقىلىرى بەيتەلدە خىزمەت قىلىش ياكى يەھۋاغا ئىبادەت قىلىشتا زۆرۈر بولغان بىنالارنى سېلىش قۇرۇلۇشىغا ياردەم بېرىشنى ئۈمىد قىلىدۇ. كۆپلىگەن بۇرادەرلەر خىزمەت ياردەمچىسى ياكى ئاقساقال سۈپىتىدە خىزمەت قىلىشقا لايىق بولۇش ئۈچۈن تىرىشىدۇ (1-تىموت. 3:1، 8). يەھۋا ئۆز خەلقى ئارىسىدا بۇنداق تەييارلىق روھىنى كۆرگەندە، ئۇنىڭ كۆڭلى قانچىلىك خۇرسەن بولىدۇ، ھە!—زەبۇر 110:3؛ يەشايا 6:8.
2. بەزى كۆزلىگەن روھىي مەقسىتىمىزگە يېتەلمىگەندە، ئۆزىمىزنى قانداق ھېس قىلىشىمىز مۇمكىن؟
2 ئەگەر بىز كۆپ ۋاقتىمىزنى سەرپ قىلىپ، كۆزلىگەن روھىي مەقسەتلىرىمىزگە يېتەلمىگەندە، بەلكىم ئۈمىدسىزلىنىشكە باشلايمىز. ياشىنىپ قالغىنىمىز ياكى باشقا سەۋەبلەر تۈپەيلى، يەھۋانىڭ تەشكىلاتىدا بەزى ئىشلارنى قىلالمىساق، كۆڭلۈمىز يېرىم بولۇشى مۇمكىن (پەند نە. 13:12). مېلىسسا b دەل شۇنداق ئىشنى باشتىن كەچۈرگەن. ئۇ بەيتەلدە خىزمەت قىلىش ياكى پادىشاھلىق ۋەز ئېيتقۇچىلارنى تەربىيىلەش مەكتىپىگە بېرىشنى شۇنچىلىك ئارزۇ قىلغان ئىدى. بىراق، ئۇ شۇنداق دەيدۇ: «ئاشۇ ئۆلچەملەرگە ماس كەلمىدىم. ھازىر مەن ئۈچۈن ئاشۇ ئىمتىيازلار پەقەتلا ئارزۇ-ئارمان. بەزىدە بەك ئۈمىدسىزلىنىپ كېتىمەن».
3. بەزى ئىمتىيازلارغا ئېرىشىشكە لايىق بولۇش ئۈچۈن، نېمە ئىش قىلىشقا توغرا كېلىشى مۇمكىن؟
3 بەزىلەر ياش، تەن-سالامەتلىكى ياخشى بولسىمۇ، بەزى ئىمتىيازلارغا ئېرىشىشكە لايىق بولۇشى ئۈچۈن روھىي جەھەتتىن يېتىلىشى زۆرۈر. دېمەك، ئۇلار بەزى پەزىلەتلەرنى يېتىلدۈرگەنلىكىنى كۆرسىتىشى كېرەك. ئۇلار بىر تەرەپتىن ئەقىللىق، كەسكىن ۋە قىزغىن بولسىمۇ، يەنە بىر تەرەپتىن سەۋر-تاقەتلىك، ئەستايىدىل ۋە ئىززەت-ھۆرمەت كۆرسىتىشنى ئۆگىنىشى لازىم. ئەگەر سىز زۆرۈر بولغان پەزىلەتلەرنى يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن ئالاھىدە تىرىشچانلىق كۆرسەتسىڭىز، بۇرادەرلەر سىزگە ۋەزىپىلەرنى بېرىشى مۇمكىن. نىكنىڭ مىسالىنى كۆرۈپ باقايلى. ئۇ 20 يېشىدا، ياردەمچى خىزمەتچى سۈپىتىدە تەيىنلەنمىگەنلىكى ئۈچۈن قاتتىق ئۈمىدسىزلەنگەن. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «ئۆزۈمدە چوقۇم بىر كەمچىلىك بار دەپ ھېس قىلدىم». ئەمما، نىك بەل قويۇۋەتمىگەن. ئۇ جامائەتتە ھەمدە ۋەز خىزمەتتە قولدىن كېلىشىچە ئەڭ ياخشىسىنى قىلىشقا تىرىشقان. ھازىر ئۇ بەيتەل كومىتېتىنىڭ بىر ئەزاسى سۈپىتىدە خىزمەت قىلىۋاتىدۇ.
4. بۇ ماقالىدە، نېمىنى مۇھاكىمە قىلىمىز؟
4 كۆزلىگەن بىر روھىي مەقسىتىڭىزگە تېخى يېتەلمىگەچ، ئۈمىدسىزلەندىڭىزمۇ؟ شۇنداق بولسا، ئۆز ھېس-تۇيغۇلىرىڭىزنى يەھۋاغا ئېيتىپ بېرىڭ (زەبۇر 37:5—7). ئۇنىڭدىن باشقا، ئېتىقادتا يېتىلگەن قېرىنداشلاردىن ئۆزىڭىزنىڭ خۇداغا خىزمەت قىلىشى ئۈچۈن، قايسى پەزىلەتلەرنى يېتىلدۈرۈشىڭىز كېرەكلىكى ھەققىدە مەسلىھەت سوراپ، ئۇلارنىڭ بەرگەن مەسلىھىتىنى ئەمەلىي قوللىنىشقا قولۇڭىزدىن كەلگىنىچە تىرىشىپ كۆرۈڭ. شۇنداق قىلسىڭىز، ئىمتىيازغا ئېرىشىشىڭىز ياكى كۆزلىگەن مەقسىتىڭىزگە يېتىشىڭىز مۇمكىن. بىراق، يۇقىرىدا تىلغا ئالغان مېلىسسانىڭ ۋەزىيىتىگە ئوخشاش، سىز ئارزۇ قىلغان ئىمتىيازغا ھازىرنىڭ ئۆزىدە ئېرىشەلمەسلىكىڭىز مۇمكىن. شۇنداق ۋەزىيەتتە بولسىڭىز، خۇشاللىقىڭىزنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن نېمە قىلالايسىز؟ بۇ سوئالغا جاۋاب تېپىش ئۈچۈن، بۇ ماقالىدە تۆۋەندىكىلەرنى مۇھاكىمە قىلىمىز: (1) نېمە سىزگە خۇشاللىق ئاتا قىلىدۇ؟ (2) قانداق قىلىپ خۇشاللىقىڭىز ئۈستىگە خۇشاللىق قوشالايسىز؟ (3) خۇشاللىقىڭىز ئۈستىگە خۇشاللىق قوشۇش ئۈچۈن قانداق مەقسەتلەرنى قويسىڭىز بولىدۇ؟
نېمە سىزگە خۇشاللىق ئاتا قىلىدۇ؟
5. خۇشال بولۇشىمىز ئۈچۈن نېمىگە دىققەت قارىتىشىمىز كېرەك؟ (ۋەز 6:9)
5 ۋەز 6:9-ئايەتتە (ئوقۇڭ) كۆرسىتىلگەندەك، نېمە بىزنىڭ خۇشاللىق تېپىشىمىزغا ياردەم بېرىدۇ؟ بىر كىشى ئۆزىدە بار نەرسىلەرگە رازى بولسا، يەنى ھازىرقى ۋەزىيىتىگە قانائەت قىلسا خۇشاللىق تاپىدۇ. ئەكسىچە كىشى ئۆزىدە يوق نەرسىلەرگە ئىنتىلسە، ھەرگىزمۇ قانائەت ھېس قىلالمايدۇ. دېمەك، بۇنىڭدىن نېمىنى ئۆگىنەلەيمىز؟ خۇشاللىق تېپىش ئۈچۈن بىز چوقۇم ئۆزۈمىزدە بار نەرسىلەرگە ۋە ھازىر يېتەلەيدىغان مەقسەتلەرگە دىققىتىمىزنى قارىتىشىمىز كېرەك.
6. بىز ھازىر قايسى تەمسىلنى كۆرۈپ چىقىمىز ۋە شۇ تەمسىلدىن نېمىنى ئۆگىنىمىز؟
6 ئۆزىڭىزدە بار نەرسىلەرگە رازى بولۇش ھەقىقەتەن مۇمكىنمۇ؟ ئەلۋەتتە، مۇمكىن! ئۆزۈمىزدە بار نەرسىلەرگە رازى بولۇپ، ھەقىقىي خۇشاللىق تاپالايمىز. مەتتا 25:14—30-ئايەتلەردە، ئەيسانىڭ تالانت ھەققىدە ئېيتقان تەمسىلىدە، قانداق خۇشاللىق تاپالايدىغانلىقىمىز چۈشەندۈرۈلگەن. بىز قانداق خۇشاللىق تېپىش، ھەتتا ھازىرقى شارائىتىمىزدا خۇشاللىقىمىز ئۈستىگە خۇشاللىق قوشۇش ھەققىدە ئۆگىنىمىز.
خۇشاللىقىڭىز ئۈستىگە خۇشاللىق قوشۇڭ
7. ئەيسانىڭ تالانتلار ھەققىدىكى تەمسىلىنى قىسقىچە ئېيتىپ بېرىڭ.
7 تەمسىلدە، بىر كىشى سەپەرگە چىقماقچى بولغان. سەپەرگە چىقىشنىڭ ئالدىدا ئۇ چاكارلىرىنى چاقىرىپ، ھەر بىرىگە تىجارەت قىلىش ئۈچۈن تالانتلارنى بەرگەن. ئۇلارنىڭ قابىلىيەتلىرىگە قاراپ، ئۇ بىرىنچى چاكىرىغا 5 تالانت، يەنە بىرىگە 2 تالانت، ئۈچىنچىسىگە 1 تالانت بەرگەن c. دەسلەپكى ئىككى چاكار خوجايىنى بەرگەن پۇللارنى ئىشلىتىپ، كۆپرەك پۇل تېپىشقا تىرىشقان. بىراق، ئۈچىنچىسى بولسا، ھېچ ئىش قىلمىغان. نەتىجىدە، خوجايىن ئۇنى خىزمىتىدىن بوشاتقان.
8. تەمسىلدىكى بىرىنچى چاكار نېمە ئۈچۈن خۇشال بولالىغان؟
8 بىرىنچى چاكار خۇجايىنى ئۆزىگە 5 تالانت بەرگىنىدىن ئىنتايىن خۇشال بولغان. بۇ ناھايىتى كۆپ پۇل بولغاچ، شۇنىڭدىن خوجايىننىڭ بۇ چاكىرىغا تولۇق ئىشەنچ قىلغانلىقى كۆرۈنۈپ تۇراتتى. ئۇنداقتا، ئىككىنچى چاكارچۇ؟ ئۇ بىرىنچى چاكاردەك كۆپ تالانتقا ئېرىشمىگىنى ئۈچۈن ئۈمىدسىزلەنسە بولالاتتى. بىراق، ئۇ نېمە قىلغان؟
ئەيسانىڭ تەمسىلىدىكى ئىككىنچى چاكاردىن قانداق ساۋاق ئالالايمىز؟ 1. خوجايىن ئۇنىڭغا ئىككى تالانت بەرگەن 2. ئۇ تىرىشىپ، خوجايىنى ئۈچۈن كۆپرەك پۇل تاپقان 3. خوجايىنىنىڭ تالانتىنى ئىككى ھەسسە كۆپەيتتى (9—11-ئابزاسلارغا قاراڭ)
9. ئىككىنچى چاكار ھەققىدە ئەيسا نېمە دېمىگەن؟ (مەتتا 25:22، 23)
9 مەتتا 25:22، 23-نى ئوقۇڭ. ئىككىنچى چاكار پەقەت 2 تالانتقا ئېرىشكىنى ئۈچۈن، كۆڭلى يېرىم بولغانلىقى ياكى نارازى بولغانلىقى ھەققىدە ئەيسا ھېچنېمە دېمىگەن. ئۇ شۇ چاكارنىڭ شىكايەت قىلىپ: «مەنمۇ 5 تالانتقا ئېرىشكەن چاكاردەك قابىلىيەتلىك ئىدىمغۇ؟ نېمە ئۈچۈن خوجايىن مەندىن خۇرسەن بولمىدى؟ مەن بۇ 2 تالانتنى كۆمۈپ قويۇپ، ئۆز ئائىلەم ئۈچۈن ئىشلەيچۇ!»— دېگەنلىكىنى ئېيتمىغان.
10. ئىككىنچى چاكار قولىدا بار ئىككى تالانتنى نېمە قىلغان؟
10 خۇددى بىرىنچى چاكارغا ئوخشاش، ئىككىنچى چاكارمۇ ئۆزىگە تاپشۇرۇلغان مەسئۇلىيەتكە ئەستايىدىل قاراپ، تىرىشىپ ئۆز خوجايىنىغا خىزمەت قىلغان. نەتىجىدە، ئۇ خوجايىن بەرگەن ئىككى تالانتنى تۆت تالانت قىلغان. خوجايىن چاكارنىڭ كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقى ئۈچۈن ئۇنى مۇكاپاتلىغان. خوجايىن چاكاردىن خۇرسەن بولۇپلا قالماي، يەنە ئۇنىڭغا تېخىمۇ كۆپرەك ۋەزىپىلەرنى تاپشۇرغان!
11. خۇشاللىقىڭىز ئۈستىگە خۇشاللىقنى قانداق قوشالايسىز؟
11 مۇشۇ تەمسىلدىكىگە ئوخشاش، بىز يەھۋاغا خىزمەت قىلىشتا ئۆزۈمىزگە تاپشۇرۇلغان ۋەزىپىنى كۆڭۈل قويۇپ ئورۇنلاش ئارقىلىق، خۇشاللىقىمىز ئۈستىگە خۇشاللىق قوشالايمىز. ۋەز خىزمەتنىڭ ۋە جامائەتنىڭ تۈرلۈك ئىش-پائالىيەتلىرىگە قىزغىن قاتنىشىڭ (ئەلچى. 18:5؛ ئىبرانىي. 10:24، 25). جامائەت يىغىلىشلىرىغا ئالدىنئالا تەييارلىق قىلىپ بېرىڭ. شۇندىلا باشقىلارغا ئىلھام بېرىدىغان جاۋابلارنى بېرەلەيسىز. ھەپتە ئارلىقىدىكى يىغىلىشتا، سىزگە ئوقۇغۇچىلار تاپشۇرۇقى بېرىلسە، ئەستايىدىل تەييارلىق قىلىڭ. ئەگەر جامائەتتە بىر ئىشنى قىلىش ئۈچۈن سىزدىن ياردەم سورىسا، سۆزىڭىزدە تۇرۇپ ۋاقىتقا ئەمەل قىلىڭ. سىزگە تاپشۇرۇلغان ۋەزىپىنى مۇھىم ئەمەس، ئۇنىڭغا كۆپ ۋاقىت سەرپ قىلىشىمنىڭ ھاجىتى يوق، دەپ ئويلىماڭ. ئۆز خىزمىتىڭىزدە ماھىر بولۇشقا تىرىشىڭ (پەند نە. 22:29). روھىي ئىش-پائالىيەتلەر ۋە تاپشۇرۇلغان ۋەزىپىڭىزنى قانچە كۆڭۈل قويۇپ قىلغانسېرى، شۇ ئىشلىرىڭىزدا تېخىمۇ ماھىر بولۇپ خۇشاللىقىڭىز ئۈستىگە خۇشاللىق قوشالايسىز (گالاتىيا. 6:4). باشقىلار سىز ئېرىشىشنى ئۈمىد قىلغان ئىمتىيازغا ئېرىشكەندە، سىزنىڭ ئۇلار بىلەن بىرگە خۇشال بولۇشىڭىز ئاسانراق بولىدۇ.—رىملىقلار 12:15؛ گالاتىيا. 5:26.
12. ئىككى قېرىندىشىمىز كۆپرەك خۇشاللىق تېپىش ئۈچۈن نېمە ئىش قىلغان؟
12 يۇقىرىدا تىلغا ئالغان بەيتەلدە خىزمەت قىلىش ياكى پادىشاھلىق ۋەز ئېيتقۇچىلىرىنى تەربىيىلەش مەكتىپىگە قاتنىشىشنى ئارزۇ قىلغان مېلىسسا يادىڭىزدىمۇ؟ گەرچە ئۇ كۆزلىگەن مەقسىتىگە يېتەلمىگەن بولسىمۇ، شۇنداق دېگەن: «مەن پىدائىي ۋەز خىزمىتىگە ۋە تۈرلۈك ئۇسۇلدا ۋەز قىلىشقا قاتناشتىم. بۇ مېنىڭ خۇشاللىقىمغا خۇشاللىق قوشتى». نىك ياردەمچى خىزمەتچى سۈپىتىدە تەيىنلەنمىگەندە، ئۈمىدسىزلىكنى قانداق يەڭگەن؟ مەن ئۆزۈمدە بار ئىمتىيازلارغا دىققىتىمنى قاراتتىم، ۋەز خىزمىتىگە كۆپرەك قاتناشتىم ۋە جامائەت يىغىلىشلىرىدا ئىلھام بېرىدىغان جاۋابلارنى بېرىشكە تىرىشتىم. مەن يەنە بەيتەلدە خىزمەت قىلىش ئۈچۈن ئىلتىماسنى تولدۇردۇم ۋە كېيىنكى يىلى بەيتەلگە چاقىرىلدىم.
13. ئىشلارنى كۆڭۈل قويۇپ قىلسىڭىز، نەتىجىسى قانداق بولىدۇ؟ (ۋەز 2:24)
13 ھازىر تاپشۇرۇلغان ۋەزىپىلەرنى كۆڭۈل قويۇپ قىلسىڭىز، سىز كېلەچەكتە تېخىمۇ كۆپرەك ۋەزىپىلەرگە ئېرىشەمسىز؟ بەلكىم، نىكقا ئوخشاش ئېرىشىسىز. ئەمما، خۇددى مېلىسساغا ئوخشاش ئېرىشەلمىسىڭىز، يەھۋاغا ھازىر قىلىۋاتقان ئىشىڭىزدىن مەمنۇن بولۇپ، خۇشاللىقىڭىز ئۈستىگە خۇشاللىق قوشالايسىز (ۋەز 2:24-نى ئوقۇڭ). كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىڭىزنىڭ ئۇستازىمىز ئەيسا مەسىھنى خۇشال قىلىدىغانلىقىنى بىلىش، بىزگە تېخىمۇ زور خۇشاللىق بېغىشلايدۇ.
خۇشاللىق ئۈستىگە خۇشاللىق قوشۇش ئۈچۈن مەقسەتلەرنى قويۇڭ
14. بىز ئالدىمىزغا مەقسەتلەرنى قويغاندا، نېمىلەرنى ئەستە ساقلىشىمىز كېرەك؟
14 ئۆزىڭىزگە تاپشۇرۇلغان ۋەزىپىگە دىققەت قارىتىش — يەھۋاغا تېخىمۇ كۆپرەك خىزمەت قىلىشنىڭ پۇرسەتلىرىنى ئىزدەشنى توختىتىشنى بىلمەيدۇ. بىز ئالدىمىزغا روھىي مەقسەتلەرنى قويۇشىمىز كېرەك. شۇ ئارقىلىق ۋەز خىزمەتتە تېخىمۇ ئۈنۈملۈكرەك بولالايمىز ۋە قېرىنداشلىرىمىزغا ياردەم بېرەلەيمىز. دىققىتىمىزنى ئۆزۈمىزگە قاراتماي، بەلكى پەم-پاراسەت ۋە كەمتەرلىك بىلەن باشقىلارغا خىزمەت قىلىشقا قاراتساق، كۆزلىگەن مەقسەتلىرىمىزگە يېتىمىز.—پەند نە. 11:2؛ ئەلچى. 20:35.
15. قانداق مەقسەتلەر خۇشاللىقىمىز ئۈستىگە خۇشاللىق قوشالايدۇ؟
15 ئۆزىڭىزگە قانداق مەقسەتلەرنى قويسىڭىز بولىدۇ؟ ئەگەر قانداق مەقسەتنى قويۇشنى بىلمىسىڭىز، يەھۋادىن ئەقىل-پاراسەت سوراپ دۇئا قىلىڭ (پەند نە. 16:3؛ ياقۇپ 1:5). بۇ ماقالىدىكى بىرىنچى ئابزاستا، ياردەمچى پىدائىي ۋەز ئېيتقۇچى ياكى پىدائىي ۋەز ئېيتقۇچى بولۇش، بەيتەلدە خىزمەت قىلىش ياكى خۇداغا ئىبادەت قىلىشتا زۆرۈر بولغان بىنالارنى سېلىش ئىشلىرىغا ياردەم بېرىشتەك مەقسەتلەر تىلغا ئېلىنغان. سىزمۇ شۇنداق مەقسەتلەردىن بىرىنى قويۇش ئۈچۈن تىرىشىپ باقتىڭىزمۇ؟ بەلكىم، سىزنىڭ يېڭى تىلنى ئۆگىنىپ، ئۆز رايونىڭىزدا ياكى باشقا رايونغا كۆچۈپ، ۋەز قىلىش ئىمكانىيىتىڭىز بار بولۇشى مۇمكىن. بەزى مەقسەتلەرنى قويۇش ئۈچۈن، «يەھۋانىڭ ئىرادىسىنى ئورۇنلايدىغان تەشكىلات» ناملىق كىتابنىڭ 10-بابىنى ئوقۇسىڭىز ياكى ئاقساقاللار بىلەن سۆھبەتلەشسىڭىز بولىدۇ d. مەقسەتلىرىمىزگە يېتىش ئۈچۈن تىرىشساق، باشقىلار روھىي جەھەتتىن ئۆسۈپ يېتىلىۋاتقىنىمىزنى كۆرەلەيدۇ ۋە خۇشاللىقىمىز ئۈستىگە خۇشاللىق قوشۇلىدۇ.
16. كۆزلىگەن بىر مەقسىتىڭىزگە ھازىرنىڭ ئۆزىدە يېتەلمىسىڭىز، نېمە قىلسىڭىز بولىدۇ؟
16 ئەگەر مۇشۇ ماقالىدە تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن مەقسەتلەردىن بىرىگە يېتىش، ھازىرنىڭ ئۆزىدە مۇمكىن بولمىسىچۇ؟ ئۇنداقتا ئۆزىڭىز يېتەلىگىدەك يېڭى بىر مەقسەتنى قويۇشقا تىرىشىپ كۆرۈڭ. شۇنداق قىلىشنىڭ بەزى يوللىرىنى كۆرۈپ باقايلى.
سىز يېتەلەيدىغان قانداق بەزى مەقسەتلەر بار؟ (17-ئابزاسلارغا قاراڭ) f
17. 1-تىموتىي 4:13، 15-ئايەتلەرگە ئاساسەن، ياخشى تەلىم بەرگۈچى بولۇش ئۈچۈن، بۇرادەر نېمە قىلسا بولىدۇ؟
17 1-تىموتىي 4:13، 15-نى ئوقۇڭ. ئەگەر سىز چۆمۈلدۈرۈلگەن بۇرادەر بولسىڭىز، سۆزلەش ۋە تەلىم بېرىش ماھارىتىڭىزنى ئۆستۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ. نېمە ئۈچۈن؟ سەۋەبى، ئوقۇش، سۆزلەش ۋە تەلىم بېرىش ماھارىتىڭىزنى جان دىلىڭىز بىلەن ئاشۇرسىڭىز، تىڭشىغۇچىلىرىڭىز پايدىسىنى كۆرىدۇ. ئوقۇش ۋە تەلىم بېرىش ماھارىتىمىزنى ئۆستۈرەيلى، دېگەن كىتابچىدىكى ھەر بىر ماھارەت ئۈستىدە تەتقىق قىلىپ، ئۇنى ئەمەلىي قوللىنىش ئۈچۈن مەقسەت قويۇڭ. ھەر قېتىم بىر ماھارەتنى تەتقىق قىلىپ، ئۆيىڭىزدە مەشىق قىلىڭ ۋە نۇتۇق ئېيتقاندا، شۇ ماھارەتنى ئەمەلىي قوللىنىڭ. مەخسۇس مەسلىھەت بەرگۈچى ياكى سۆز قىلىش ۋە تەلىم بېرىش ئۈچۈن چىن دىلىدىن ئەجىر سىڭدۈرۈۋاتقان باشقا ئاقساقاللاردىن مەسلىھەت سوراڭ e (1-تىموت. 5:17). دىققىتىڭىزنى پەقەت ماھارەت ئۆگىنىشكە قاراتماي، بەلكى تىڭشىغۇچىلىرىڭىزنىڭ ئاڭلىغانلىرىنى ھاياتىدا ئەمەلىي قوللىنىشىغا ۋە ئىمان-ئېتىقادىنى كۈچەيتىشىگە ياردەم بېرىشكە قارىتىڭ. شۇنداق قىلسىڭىز، ئۆزىڭىزنى ۋە ئۆزگىلەرنى خۇشال قىلالايسىز.
سىز يېتەلەيدىغان قانداق بەزى مەقسەتلەر بار؟ (18-ئابزاسلارغا قاراڭ) g
18. ۋەز خىزمەتتە كۆزلىگەن مەقسەتلەرگە يېتىشىمىزگە نېمە ياردەم بېرەلەيدۇ؟
18 ھەممىمىزگە ۋەز قىلىپ، شاگىرتلارنى تەييارلاش ۋەزىپىسى تاپشۇرۇلغان (مەتتا 28:19، 20؛ رىملىقلار 10:14). تاپشۇرۇلغان مۇھىم ئىشنى ئورۇنلاش ئۈچۈن، ماھارىتىڭىزنى ئۆستۈرۈشنى خالامسىز؟ «تەلىم بېرىش» كىتابچىسىنى تەتقىق قىلىپ، ئۆگەنگەنلىرىڭىزنى ئەمەلىي قوللىنىش ئۈچۈن ئېنىق مەقسەتلەرنى قويۇڭ. سىز مەسىھىي ھاياتىمىز ۋە خىزمىتىمىز — يىغىلىش قوللانمىسى ۋە ھەپتە ئارىلىقىدا كۆرسىتىلگەن ئۈلگىلىك سۆھبەتلەر فىلىمىدىن قوشۇمچە قوللىنىشچان مەسلىھەتلەرگە ئېرىشەلەيسىز. تۈرلۈك ئۇسۇللارنى سىناپ كۆرۈپ، ئۆزىڭىزگە ئەڭ لايىقىنى تاللاڭ. مۇشۇ مەسلىھەتلەرگە قۇلاق سېلىپ، ماھارەتلىك ۋەز ئېيتقۇچى بولغىنىڭىزدا، چەكسىز خۇشاللىققا چۆمىسىز.—2-تىموت. 4:5.
سىز يېتەلەيدىغان قانداق بەزى مەقسەتلەر بار؟ (19-ئابزاسلارغا قاراڭ) h
19. خۇدانى خۇرسەن قىلىدىغان پەزىلەتلەرنى يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن نېمە قىلالايسىز؟
19 مۇھىم مەقسەتلەردىن بىرى — خۇدانى خۇرسەن قىلىدىغان پەزىلەتلەرنى يېتىلدۈرۈش ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇماڭ (گالاتىيا. 5:22، 23؛ كولوسى. 3:12؛ 2-پېتر. 1:5_8). بۇ مەقسەتكە قانداق يېتەلەيسىز؟ مەسىلەن، سىز كۈچلۈك ئىمان-ئېتىقادنى يېتىلدۈرۈشنى خالايسىز، دەيلى. تەشكىلاتىمىز نەشىر قىلغان ماقالىلەردىن ئىمان-ئېتىقادنى كۈچەيتىش ھەققىدە ئەمەلىي مەسلىھەتلەرنى تاپالايسىز. تۈرلۈك سىناقلاردا ئىمان-ئېتىقادتا چىڭ تۇرغان قېرىنداشلارنىڭ ئۈلگىسىنى «JW ئىنتېرنېت تېلېۋىزىيىسى» دىكى سۆھبەتلەر ۋە ۋەقەلەر دېگەن سەھىپىدىن تاپالايسىز. شۇ قېرىنداشلارنىڭ ئۈلگىلىرىنى ئۆزىڭىزگە قانداق ئۆرنەك قىلالايدىغانلىقىڭىز ھەققىدە چوڭقۇر ئويلىنىڭ.
20. خۇشاللىقىمىزغا خۇشاللىق قوشۇش ۋە ئۈمىدسىزلىك ھېس-تۇيغۇلىرىنى ئازايتىش ئۈچۈن نېمە قىلالايمىز؟
20 شەك-شۈبھىسىزكى، ھەممىمىز ھازىرقىغا قارىغاندا، كۆپرەك يەھۋاغا خىزمەت قىلىشنى ئارزۇ قىلىمىز. خۇدانىڭ يېڭى دۇنياسىدا، ھەممىمىزنىڭ ئۆزۈمىز ئارزۇ قىلغاندەك ئۇنىڭغا خىزمەت قىلىش ئىمكانىيەتلىرى بولىدۇ. ھازىر ئۆزىمىزدە بار بولغان پۇرسەتلەرنى قەدىرلەيلى. شۇ ئارقىلىق خۇشاللىقىڭىزغا خۇشاللىق قوشۇپ، ئۈمىدسىزلىك ھېس-تۇيغۇلىرىڭىزنى ئازايتالايمىز. ئەڭ مۇھىمى، بىز شاد-خۇرام خۇدايىمىز يەھۋانى مەدھىيىلەيمىز ۋە ئۇنىڭغا شان-شەرەپ ئېلىپ كېلەلەيمىز (1-تىموت. 1:11). شۇڭا، ئۆزۈمىزدە ھازىر بار ئىمتىيازدىن خۇشال بولايلى.
45-ناخشا ئالغا باس!
a بىز يەھۋانى بەكمۇ ياخشى كۆرگەچ، قولىمىزدىن كەلگىنىچە ئۇنىڭغا خىزمەت قىلىشنى خالايمىز. شۇ سەۋەب، بەلكىم كۆپرەك خىزمەت قىلىش ياكى جامائەتتە ئىمتىيازلارغا لايىق بولۇش ئۈچۈن تىرىشىمىز. بىراق، شۇنچە تىرىشچانلىق كۆرسەتكىنىمىزگە قارىماي، ئەگەر بەزى مەقسەتلىرىمىزگە يېتەلمەي قالساقچۇ؟ قىزغىنلىق بىلەن يەھۋاغا خىزمەت قىلىپ، خۇشاللىقىمىزنى ساقلاپ قېلىشقا نېمە ياردەم بېرىدۇ؟ جاۋابىنى ئەيسانىڭ بىر تەمسىلىدىن تاپالايمىز.
b بەزى ئىسىملار ئۆزگەرتىلگەن.
c سۆز-ئىبارە مەنىسى: بىر تالانت بولسا، ئادەتتە بىر كىشىنىڭ 20 يىل ئىشلەپ تاپقان پۇلىسىغا تەڭ.
d سۇغا چۆمۈلدۈرۈلگەن بۇرادەرلەر ياردەمچى خىزمەتچى ياكى ئاقساقاللار سۈپىتىدە خىزمەت قىلىشقا لايەقەتلىك بولۇش ئۈچۈن، تىرىشىشقا دەۋەت قىلىنىدۇ. «يەھۋانىڭ ئىرادىسىنى ئورۇنلايدىغان تەشكىلات» ناملىق كىتابنىڭ 5 ۋە 6-بابلىرىدىن، شۇ لاياقەتكە ئىگە بولۇش ھەققىدە ئوقالايسىز.
e سۆز-ئىبارە مەنىسى: مەخسۇس مەسلىھەت بەرگۈچى جامائەتتە ھەرقانداق نۇتۇق ئېيتىشقا تەيىنلەنگەن ئاقساقاللار ياكى خىزمەت ياردەمچىلىرىگە زۆرۈر بولغاندا، شەخسەن مەسلىھەت بېرىشكە تەيىنلەنگەن ئاقساقال.
f سۈرەتتە: بىر بۇرادەر ياخشىراق تەلىم بەرگۈچى بولۇش مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن بىر كىتابچىدىن ئىزدىنىۋاتىدۇ.
g سۈرەتتە: بىر قېرىندىشىمىز نارەسمىي ۋەز قىلىش ئۈچۈن مەقسەتلەرنى قويغاندىن كېيىن، ئۆزىگە مۇلازىمەت قىلىۋاتقان كۈتكۈچى قىزغا ئالاقىلىشىش كارتىسىنى بېرىۋاتىدۇ.
h سۈرەتتە: كۆپرەك سېخىيلىق كۆرسىتىشنى مەقسەت قىلغان بىر قېرىندىشىمىز باشقا قېرىنداشنى ھەيران قالدۇردى.