مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

35-‏تە‌تقىق ماقالىسى

ياشانغان قېرىنداشلىرىمىزنى قە‌دىرلە‌ڭ

ياشانغان قېرىنداشلىرىمىزنى قە‌دىرلە‌ڭ

‏«ئاقارغان چاچ گۈزە‌للىك تاجىدۇ‌ر».‏—‏پە‌ند.‏ نە 16:‏31‏.‏

4-‏ناخشا خۇ‌دا ئالدىدا ياخشى نام-‏ئاتاق تىكلە‌ش

بۇ ماقالىدە a

1،‏ 2.‏ (‏1)‏ پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 16:‏31-‏ئايە‌تكە ئاساسلانغاندا،‏ ياشانغان ساداقە‌تمە‌ن قېرىنداشلىرىمىزغا قانداق كۆزقاراشتا بولۇ‌شىمىز كېرە‌ك؟‏ (‏2)‏ بۇ ماقالىدە،‏ قايسى سوئاللارغا جاۋاب تاپىمىز؟‏

 ئادە‌تتە،‏ تە‌بىئىي ھالە‌تتىكى ئالماس پارقىرىمايدۇ ياكى كۆزۈمىزگە ئانچە چېلىقمايدۇ.‏ شۇ‌ڭا،‏ بىر كىشى تە‌بىئىي ھالە‌تتىكى ئالماسنى كۆرسە،‏ ئۇ‌نىڭ نېمە ئىكە‌نلىكىنى بىلمە‌سلىگى،‏ ھە‌تتا بۇ قىممە‌تلىك گۆھە‌رنى دە‌سسە‌پ ئۆتۈپ كېتىشى مۇ‌مكىن.‏

2 مە‌لۇ‌م جە‌ھە‌تتىن،‏ ساداقە‌تمە‌ن ياشانغان قېرىنداشلىرىمىز ئاشۇ ئالماسقا ئوخشايدۇ.‏ ئۇ‌لار قىممە‌تلىك غە‌زنىدۇ‌ر.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلاردا ئۇ‌لارنىڭ ئاق-‏چاچلىرى تاجىغا سېلىشتۇ‌رۇ‌لغان (‏پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 16:‏31-‏نى ئوقۇ‌ڭ‏؛‏ 20:‏29‏)‏.‏ بىز ئاشۇ غە‌زنە كە‌بى قېرىنداشلىرىمىزنى كۆزگە ئاسان چېلىقتۇ‌رماسلىقىمىز مۇ‌مكىن.‏ ياشلار ئاشۇ ياشانغانلارنىڭ قە‌درىنى چۈشە‌نسە،‏ ماددىي بايلىقلاردىنمۇ كۆپرە‌ك بايلىقلارغا ئېرىشە‌لە‌يدۇ.‏ بۇ ماقالىدە،‏ ئۈچ سوئالغا جاۋاب تاپىمىز:‏ نېمە ئۈچۈن يە‌ھۋا ساداقە‌تمە‌ن قېرىنداشلىرىمىزنى غە‌زنىدە‌ك كۆرىدۇ؟‏ ئۇ‌لارنىڭ يە‌ھۋانىڭ تە‌شكىلاتىدا قانداق رولى بار؟‏ ئۇ‌لارنىڭ قالدۇ‌رغان ئۈلگىلىرىدىن كۆپرە‌ك ئۆگىنىش ئۈچۈن نېمە قىلساق بولىدۇ؟‏

نېمە ئۈچۈن يە‌ھۋا ساداقە‌تمە‌ن قېرىنداشلىرىمىزنى غە‌زنىدە‌ك كۆرىدۇ؟‏

ياشانغان ساداقە‌تمە‌ن قېرىنداشلار يە‌ھۋا خۇ‌دا ۋە ئۇ‌نىڭ خە‌لقى ئۈچۈن قە‌دىرلىك (‏3-‏ئابزاسقا قاراڭ)‏

3.‏ زە‌بۇ‌ر 92:‏12—‏15-‏ئايە‌تلە‌رگە ئاساسلانغاندا،‏ نېمە ئۈچۈن يە‌ھۋا ياشانغان سادىق خىزمە‌تچىلە‌رنى قە‌دىرلە‌يدۇ؟‏

3 ياشانغان سادىق خىزمە‌تچىلە‌ر خۇ‌دا ئۈچۈن قە‌دىر-‏قىممە‌تلىكتۇ‌ر.‏ يە‌ھۋا ئۇ‌لارنىڭ ئىچكى دۇ‌نياسىنى،‏ يە‌نى ئۇ‌لارنىڭ قانداق گۈزە‌ل پە‌زىلە‌تلىرىنىڭ بارلىقىنى بىلىدۇ ۋە شۇ‌لارنى قە‌دىرلە‌يدۇ.‏ ئۇ‌لار ئۇ‌زۇ‌ن يىل جە‌ريانىدا توپلىغان دانالىقىنى ياشلارغا ئۆگە‌تسە،‏ يە‌ھۋا خۇ‌رسە‌ن بولىدۇ (‏ئايۇ‌پ 12:‏12؛‏ پە‌ند نە.‏ 1:‏1—‏4‏)‏.‏ ئۇ يە‌نە ئۇ‌لارنىڭ سە‌ۋر-‏تاقىتىنى قە‌دىرلە‌يدۇ (‏مالاك.‏ 3:‏16‏)‏.‏ ئۇ‌لارنىڭ ھاياتى قىيىنچىلىقسىز ئۆتكە‌ن ئە‌مە‌س،‏ ئە‌مما خۇ‌داغا بولغان ئىمان-‏ئېتىقادى ھېچقاچان تە‌ۋرە‌نمىگە‌ن.‏ ئۇ‌لارنىڭ كېلە‌چە‌ككە بولغان ئۈمىدى،‏ ھە‌قىقە‌تنى تۇ‌نجى قېتىم ئاڭلىغان ۋاقىتقا قارىغاندا،‏ تېخىمۇ كۈچە‌يگە‌ن.‏ يە‌ھۋا ئۇ‌لاردىن سۆيىنىدۇ،‏ سە‌ۋە‌بى ئۇ‌لار قېرىسىمۇ،‏ داۋاملىق ئۇ‌نىڭ ئىسىمىنى جاكارلاۋاتىدۇ‏.‏—‏زە‌بۇ‌ر 92:‏12—‏15-‏نى ئوقۇ‌ڭ.‏

4.‏ ياشىنىپ قالغان قېرىنداشلىرىمىزغا نېمە ئىلھام بېرە‌لە‌يدۇ؟‏

4 ئە‌گە‌ر ياشىنىپ بولۇ‌پ قالسىڭىز،‏ شۇ‌نىڭغا ئىشىنىڭكى،‏ يە‌ھۋا ئۆتمۈشتە قىلغان ئىشلىرىڭىزنى ئۇ‌نتۇ‌پ قالمايدۇ (‏ئىبرانىي.‏ 6:‏10‏)‏.‏ سىز ئىلگىرى قىزغىنلىق بىلە‌ن ۋە‌ز خىزمە‌تنى قوللاپ-‏قۇ‌ۋۋە‌تلىدىڭىز،‏ بۇ‌نىڭدىن ئاسماندىكى ئاتىمىز بە‌كمۇ سۆيىنىدۇ.‏ ھە‌تتا سىزنى ئازابلىغان تۈرلۈك سىناقلارغا بە‌رداشلىق بە‌ردىڭىز.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنىڭ ھە‌ققانىي ئۆلچە‌ملىرىگە ماس ھايات كە‌چۈردىڭىز.‏ تاپشۇ‌رۇ‌لغان ئېغىر ۋە‌زىپىلە‌رنى ساداقە‌تمە‌نلىك بىلە‌ن ئورۇ‌نلىدىڭىز ۋە باشقىلارغا ئۆگە‌تتىڭىز.‏ يە‌ھۋانىڭ تە‌شكىلاتىدىكى كۆپلىگە‌ن ئۆزگۈرۈشلە‌رنى پۈتۈن كۈچىڭىز بىلە‌ن قوللاپ-‏قۇ‌ۋۋە‌تلە‌پ كە‌لدىڭىز.‏ تولۇ‌ق ۋاقىتلىق خىزمە‌ت قىلىشقا تىرىشىۋاتقانلارغا ئىلھام بە‌ردىڭىز.‏ يە‌ھۋا ساداقە‌تمە‌نلىكىڭىزنى ساقلاپ كېلىۋاتقانلىقىڭىزدىن،‏ بە‌كمۇ سۆيىنىدۇ .‏ يە‌ھۋا شۇ‌نداق ۋە‌دە بە‌رگە‌ن:‏ « تاشلىماس ئۆزىنىڭ سادىق بە‌ندىسىنى» (‏زە‌بۇ‌ر 37:‏28‏)‏.‏ ئۇ سىزگە مۇ‌نداق ۋە‌دە بېرىۋاتىدۇ:‏ «چېچىڭلار ئاق كىرىپ كە‌تسىمۇ،‏ مە‌ن سىلە‌رنى كۆتۈرۈپ يۈرىمە‌ن» (‏يە‌شايا 46:‏4‏)‏.‏ شۇ‌ڭا،‏ سىز ياشىنىپ بولسىڭىز،‏ ھە‌رگىزمۇ ئە‌مدى يە‌ھۋانىڭ تە‌شكىلاتىدا مېنىڭ ھېچ كېرىكىم يوق دە‌پ ئويلىماڭ.‏ سىز ھە‌قىقە‌تە‌ن قە‌دىرلىك!‏

ياشانغانلارنىڭ يە‌ھۋانىڭ تە‌شكىلاتىدا مۇ‌ھىم رولى بار

5.‏ ياشانغان قېرىنداشلار نېمىنى ئە‌ستىن چىقارماسلىقى كېرە‌ك؟‏

5 گە‌رچە ياشانغانلارنىڭ ئىلگىرىكىدە‌ك جىسمانىي كۈچ-‏قۇ‌ۋۋىتى بولمىسىمۇ،‏ ئە‌مما ئۇ‌زۇ‌ن يىللار داۋامىدا غە‌زنىدە‌ك توپلانغان مول تە‌جرىبىلىرى بار.‏ شۇ تە‌جرىبىلىرى ئارقىلىق ئۇ‌لار يە‌ھۋانىڭ تە‌شكىلاتىدا ئۆز ھە‌سسىسىنى قوشالايدۇ.‏ ھازىر كۆرۈپ چىقىدىغان ئۆتمۈشتىكى ۋە ھازىرقى زاماندىكى خىزمە‌تچىلىرىنىڭ مىسالى،‏ يە‌ھۋانى ڭ داۋاملىق ياشانغانلارغا ۋە‌زىپىلە‌رنى تاپشۇ‌رىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.‏

6،‏ 7.‏ يە‌ھۋاغا ساداقە‌تمە‌نلىك بىلە‌ن خىزمە‌ت قىلغان ياشانغان خىزمە‌تچىلە‌رنى،‏ خۇ‌دا قانداق بە‌رىكە‌تلىگە‌نلىكىنى ئېيتىپ بېرىڭ.‏

6 ياشىنىپ قالغاندىمۇ يە‌ھۋاغا قىزغىنلىق بىلە‌ن خىزمە‌ت قىلغان سادىق كىشىلە‌رنىڭ مىساللىرىنى مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىن تاپالايمىز.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ يە‌ھۋانىڭ پە‌يغە‌مبىرى مۇ‌سا،‏ ئىسرائىللارنىڭ يېتە‌كچىسى بولۇ‌پ،‏ خىزمە‌ت قىلىشقا باشلىغاندا 80 ياشلاردا ئىدى.‏ يە‌ھۋا يە‌نە 90 ياشتىن ئاشقان دانىيال ئارقىلىق پە‌يغە‌مبە‌رلىك سۆزلىرىنى يە‌تكۈزگە‌ن.‏ ئە‌لچى يۇ‌ھاننا ۋە‌ھىي كىتابىنى يازغاندا،‏ بە‌لكىم 90 ياشلاردىن ئاشقان.‏

7 باشقىلارغا ئانچە تونۇ‌شلۇ‌ق بولمىغان ۋە كىشىلە‌رنىڭ دىققىتىنى تارتمىغان نۇ‌رغۇ‌ن ساداقە‌تمە‌ن ئادە‌ملە‌ر بولغان.‏ ئە‌مما،‏ ئۇ‌لار يە‌ھۋانىڭ نە‌زىرىدىن چە‌تتە قالمىغان ۋە ئۇ‌لارنىڭ ساداقىتى مۇ‌كاپاتلانغان.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا سىمون ئىسىملىك «ھە‌ققانىي ۋە ئىخلاسمە‌ن» كىشى ھە‌ققىدە،‏ پە‌قە‌ت بىر قانچە جۈملە سۆزلە‌ر بار.‏ بىراق،‏ يە‌ھۋا ئۇ‌نى ياخشى بىلگە‌ن ۋە ئۇ‌نىڭغا بوۋاق ئە‌يسانى كۆرۈش ۋە شۇ بوۋاق ۋە ئۇ‌نىڭ ئانىسى ھە‌ققىدە،‏ بېشارە‌تلە‌رنى بىلىش شان-‏شە‌رىپىنى بە‌رگە‌ن (‏لۇ‌قا 2:‏22،‏ 25—‏35‏)‏.‏ 84 ياشلىق ئايال پە‌يغە‌مبە‌ر ھاننا ھە‌ققىدە ئويلاپ باقايلى.‏ ئۇ ئىبادە‌تخانىغا بېرىشنى تاشلىمىغان.‏ يە‌ھۋا ئۇ‌نى ئالاھىدە بە‌رىكە‌تلە‌پ،‏ بوۋاق ئە‌يسانى كۆرۈشكە مۇ‌يە‌سسە‌ر قىلغان.‏ كۆرگىنىمىزدە‌ك،‏ يە‌ھۋا سىمون ۋە ھاننانى قە‌دىرلىگە‌ن.‏—‏لۇ‌قا 2:‏36—‏38‏.‏

قېرىندىشىمىز لۇ‌ئىس .‏ دىدۇ‌ر ھازىر 80 ياشتىن ئاشقان بولسىمۇ،‏ ساداقە‌تمە‌نلىك بىلە‌ن خىزمە‌ت قىلىۋاتىدۇ (‏8-‏ئابزاسقا قاراڭ)‏

8،‏ 9.‏ تۇ‌ل قالغان قېرىنداشلىرىمىز داۋاملىق ئۆز ھە‌سسىسىنى قانداق قوشالايدۇ؟‏ بىر مىسال كە‌لتۈرۈڭ.‏

8 بۈگۈنكى كۈندە ساداقە‌تمە‌نلىك بىلە‌ن خىزمە‌ت قىلىۋاتقان ياشانغانلار،‏ ياشلار ئۈچۈن ناھايىتى ياخشى ئۈلگە قالدۇ‌رغان.‏ لۇ‌ئىس ئىسىملىك بىر قېرىنداشنىڭ مىسالنى كۆرۈپ باقايلى.‏ ئۇ 21 يېشىدا،‏ كانادادا مە‌خسۇ‌س پىدائىي ۋە‌ز ئېيتىش خىزمىتىنى باشلىغان.‏ كېيىن،‏ ئۇ يولدىشى جون بىلە‌ن،‏ نۇ‌رغۇ‌ن يىللار جامائە‌تلە‌رنى زىيارە‌ت قىلىش خىزمىتىگە قاتناشقان.‏ كېيىنرە‌ك،‏ ئۇ‌لار كانادا بە‌يتە‌لدە 20 يىل خىزمە‌ت قىلغان.‏ لۇ‌ئىس 58 ياشتا بولغاندا،‏ جون بىلە‌ن ئۇ‌نى ئۇ‌كرائىنادا خىزمە‌ت قىلىشقا تە‌كلىپ قىلغان.‏ ئۇ‌لار تە‌كلىپنى قوبۇ‌ل قىلغانمۇ؟‏ ياكى بىز ياشىنىپ قالدۇ‌ق،‏ باشقا دۆلە‌تكە بېرىپ خىزمە‌ت قىلالايمىزمۇ،‏ دە‌پ ئويلىغانمۇ؟‏ ئۇ‌لار تە‌كلىپنى قوبۇ‌ل قىلغان،‏ جون ئۇ‌كرائىنا بە‌يتە‌ل كومىتېتىدا خىزمە‌تكە تە‌يىنلە‌نگە‌ن.‏ 7 يىلدىن كېيىن،‏ جون ئۆلۈپ كە‌تكە‌ن،‏ ئە‌مما لۇ‌ئىس،‏ ئۆز خىزمىتىنى داۋاملاشتۇ‌رۇ‌شنى قارار قىلغان.‏ ھازىر لۇ‌ئىس 81 ياشتا،‏ داۋاملىق يە‌ھۋاغا ساداقە‌تمە‌نلىك بىلە‌ن خىزمە‌ت قىلىۋاتىدۇ،‏ ئۇ‌كرائىنا بە‌يتە‌لدىكىلە‌رنىڭ ھە‌ممىسى ئۇ‌نى بە‌كمۇ ياخشى كۆرىدۇ.‏

9 لۇ‌ئىسقا ئوخشاش تۇ‌ل قالغان قېرىنداشلار،‏ بە‌لكىم ئۆز ئە‌رلىرى ھايات ۋاقتىدىكىدە‌ك باشقىلارنىڭ نە‌زە‌رىگە چۈشمە‌سلىكى مۇ‌مكىن،‏ ئە‌مما ئۇ‌لار تۇ‌ل قالسىمۇ،‏ داۋاملىق قە‌دىرلىنىدۇ.‏ تۇ‌ل قالغان قېرىنداشلىرىمىز،‏ نۇ‌رغۇ‌ن يىللار ئۆز ئە‌رلىرىنى قوللاپ-‏قۇ‌ۋۋە‌تلىگە‌نلىكى ۋە ھازىرمۇ ساداقە‌تمە‌نلىكىنى ساقلاپ كېلىۋاتقىنى ئۈچۈن،‏ يە‌ھۋا ئۇ‌لارنى قە‌دىرلە‌يدۇ (‏1-‏تىموت.‏ 5:‏3‏)‏.‏ ئۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ شۇ قېرىنداشلىرىمىز ياشلارغا كۆپ ئىلھام بېرە‌لە‌يدۇ.‏

10.‏ قېرىندىشىمىز تونى قانداق ياخشى ئۈلگە قالدۇ‌رغان؟‏

10 ياشانغانلاردىن خە‌ۋە‌ر ئېلىش مە‌ركىزىدە ياشايدىغان ياشىنىپ قالغان قېرىنداشلىرىمىز،‏ بىز ئۈچۈن خۇ‌ددى روھىي غە‌زنىلە‌ردە‌ك.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ تونى ئىسىملىك بۇ‌رادىرىمىز شۇ‌نداق يە‌ردە ياشاۋاتىدۇ،‏ ئۇ 1942-‏يىلى 20 يېشىدا ئامېرىكىدا سۇ‌غا چۆمۈلدۈرۈلگە‌ن.‏ شۇ‌نىڭدىن ئۇ‌زۇ‌ن ئۆتمە‌ي،‏ ئۇ بىتە‌رە‌پلىكنى ساقلاشتا سىناققا دۇ‌چ كە‌لگە‌ن ۋە ئاخىرىدا ئىككى يېرىم يىل تۈرمىدە ياتقان.‏ ئۇ ئايالى خىلدا بىلە‌ن بىرلىكتە ئىككى پە‌رزە‌نتىنى ھە‌قىقە‌تتە چوڭ قىلغان.‏ نۇ‌رغۇ‌ن يىللار جە‌ريانىدا،‏ تونى ئۈچ جامائە‌تتە رىياسە‌تچى ئاقساقال بولۇ‌پ خىزمە‌ت قىلغان،‏ ھە‌مدە ئۇ‌نىڭغا رايونلۇ‌ق چوڭ يىغىلىشقا مە‌سئۇ‌ل بولۇ‌ش خىزمىتى تاپشۇ‌رۇ‌لغان.‏ ئۇ تۈرمىلە‌رگە بېرىپ يىغىلىشلارنى ۋە مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب تە‌تقىق ئۆگۈنۈشلىرىنى ئۆتكۈزگە‌ن.‏ قېرىندىشىمىز تونى ھازىر 98 ياشتا بولسىمۇ،‏ يە‌ھۋاغا خىزمە‌ت قىلىشنى توختىتىپ قويغىنى يوق.‏ ئۇ يە‌رلىك جامائە‌تتىكى قېرىنداشلار بىلە‌ن ھە‌مكارلىشىپ،‏ يە‌ھۋاغا قولىدىن كېلىشىچە خىزمە‌ت قىلىشنى داۋاملاشتۇ‌رىۋاتىدۇ.‏

11.‏ ياشانغانلاردىن خە‌ۋە‌ر ئېلىش مە‌ركىزىدە تۇ‌رۇ‌ۋاتقان قېرىنداشلارنى قە‌دىرلە‌يدىغانلىقىمىزنى،‏ قانداق كۆرسىتە‌لە‌يمىز؟‏

11 ياشانغانلاردىن خە‌ۋە‌ر ئېلىش مە‌ركىزىدە،‏ تۇ‌رۇ‌ۋاتقان قېرىنداشلارنى قە‌دىرلە‌يدىغانلىقىمىزنى قانداق كۆرسىتە‌لە‌يمىز؟‏ مۇ‌مكىنچىلىك بولغاندا،‏ ئاقساقاللار ياشانغانلارنىڭ جامائە‌ت يىغىلىشلىرىغا ۋە ۋە‌ز خىزمە‌تكە قاتنىشىشىغا ياردە‌م بېرە‌لە‌يدۇ.‏ بىز ئۇ‌لارنى يوقلاش ياكى ۋىدىئولۇ‌ق سۆھبە‌تلىشىش ئارقىلىق،‏ شە‌خسە‌ن كۆڭۈل بۆلۈۋاتقانلىقىمىزنى كۆرسىتە‌لە‌يمىز.‏ ئۆزى قاتنىشىدىغان جامائە‌تتىن يىراق جايدىكى ياشانغانلاردىن خە‌ۋە‌ر ئېلىش مە‌ركىزىدە تۇ‌رۇ‌ۋاتقان قېرىنداشلارغا،‏ ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈشنى خالايمىز.‏ ئە‌گە‌ر دىققە‌تچان بولمىساق،‏ ئۇ‌لار ئاسانلا نە‌زىرىمىزدىن چە‌تتە قالىدۇ.‏ بە‌لكىم،‏ ئۇ‌لاردىن بە‌زىلىرى ئۆز قىيىنچىلىقلىرى ھە‌ققىدە ئېيتىشتىن خىجىل بولۇ‌شى ياكى باشقىلارغا ئېيتىشنىڭ كېرىكى يوق دە‌پ ئويلىشى مۇ‌مكىن.‏ بىز ۋاقىت چىقىرىپ،‏ ئۇ‌لار بىلە‌ن سۆھبە‌تلە‌شسە‌ك،‏ ئۇ‌لار يە‌ھۋانىڭ تە‌شكىلاتىدا خۇ‌شال-‏خۇ‌رام خىزمە‌ت قىلغان چاغلىرى ھە‌ققىدە ئېيتىپ بېرىدۇ.‏ ئۇ‌لاردىن بىز كۆپ نە‌رسىلە‌رنى ئۆگىنە‌لە‌يمىز.‏

12.‏ جامائىتىمىزدە غە‌زنە كە‌بى ياشانغان قېرىنداشلار بارمۇ؟‏

12 جامائىتىمىزدىكى ياشانغان ساداقە‌تمە‌ن قېرىنداشلارنىڭ ئاجايىپ ئۈلگىلىرى ھە‌ققىدە ئاڭلىغىنىمىزدا ھە‌يران قېلىشىمىز مۇ‌مكىن.‏ خارىئېت ئىسىملىك قېرىندىشىمىز ئامېرىكىنىڭ نيۇ-‏جېرىزىي شىتاتىدا ئۆز جامائىتىدە،‏ نە‌چچە ئون يىل ساداقە‌تمە‌نلىك بىلە‌ن يە‌ھۋاغا خىزمە‌ت قىلغان.‏ كېيىنرە‌ك،‏ ئۇ ئۆز قىزى بىلە‌ن ياشاش ئۈچۈن،‏ باشقا يە‌رگە كۆچۈپ بارغان.‏ يېڭى جامائە‌تتىكى بۇ‌رادە‌رلە‌ر ۋاقىت چىقىرىپ،‏ ئۇ‌نىڭ بىلە‌ن تونۇ‌شقان ۋە ئۇ‌نىڭ خۇ‌ددى غە‌زنە كە‌بى قە‌دىر-‏قىممە‌تلىك ئىكە‌نلىكىنى كۆرۈپ يە‌تكە‌ن.‏ ئۇ 1925-‏يىللىرى تۇ‌نجى قېتىم ھە‌قىقە‌تنى ئاڭلىغان،‏ ئۇ شۇ زامانلاردا ۋە‌ز خىزمە‌تتە يۈز بە‌رگە‌ن ئىش ۋە‌قە‌لە‌رنى ئېيتىپ بېرىپ،‏ ئۇ‌لارنى ئىلھاملاندۇ‌رغان.‏ شۇ چاغدا،‏ ئۇ ھە‌ر دائىم يېنىغا چىش چوتكىسىنى سېلىۋالغان،‏ سە‌ۋە‌بى ئۇ ۋە‌ز خىزمە‌تتە بولغاندا قولغا ئېلىنىپ تۈرمىگە تاشلىنىشى مۇ‌مكىن ئىدى.‏ ھە‌قىقە‌تە‌ن 1933-‏يىلى،‏ ئۇ ئىككى قېتىم بىر ھە‌پتىدىن تۈرمىدە ياتقان.‏ ئۇ تۈرمىدە ياتقان چاغلاردا،‏ گۇ‌ۋاھچى ئە‌مە‌س يولدىشى ئۇ‌نى قوللاپ-‏قۇ‌ۋۋە‌تلە‌پ،‏ ئۈچ پە‌رزە‌نتىدىن خە‌ۋە‌ر ئالغان.‏ شۇ‌نىڭدىن كۆرۈۋالالايمىزكى،‏ خارىئېتقا ئوخشاش ساداقە‌تمە‌ن ياشانغان قېرىنداشلار،‏ ھە‌قىقە‌تە‌ن قە‌دىرلىشىمىزگە ئە‌رزىيدۇ!‏

13.‏ يە‌ھۋانىڭ تە‌شكىلاتىدا ياشانغان قېرىنداشلارنىڭ قانداق رولى بارلىقى ھە‌ققىدە نېمە ئۆگە‌ندۇ‌ق؟‏

13 يە‌ھـۋانىڭ تە‌شكىلاتىدا ياشانغان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ مۇ‌ھىم رولى بار.‏ ئۇ‌لار يە‌ھۋانىڭ ئۆز تە‌شكىلاتىنى ۋە شە‌خسە‌ن ئۇ‌لارنى ھە‌رخىل يوللار بىلە‌ن قانداق بە‌رىكە‌تلىگە‌نلىكىنى ئۆز كۆزى بىلە‌ن كۆرگە‌ن.‏ ئۇ‌لار ئۆتكۈزگە‌ن خاتالىقلاردىن مۇ‌ھىم ساۋاقلارنى ئالغان.‏ ئۇ‌لارنى دانالىق ئېقىپ چىقىۋاتقان بۇ‌لاق كە‌بى كۆرۈپ،‏ ئۇ‌لارنىڭ تە‌جرىبىلىرىدىن ئۆگىنىشكە تىرىشىڭ (‏پە‌ند نە.‏ 18:‏4‏)‏.‏ ئە‌گە‌ر ۋاقىت چىقىرىپ ئۇ‌لار بىلە‌ن تونۇ‌شسىڭىز،‏ كۆپ نە‌رسىلە‌رنى ئۆگىنە‌لە‌يسىز ۋە ئىمان-‏ئېتىقادىڭىز كۈچىيىدۇ!‏

ياشانغانلار قالدۇ‌رغان ئۈلگىلە‌ردىن كۆپرە‌ك ئۆگىنە‌يلى

خۇ‌ددى ئېلىشا پە‌يغە‌مبە‌ر ئىلياس پە‌يغە‌مبە‌ردىن ئۆگە‌نگىنىدە‌ك،‏ قېرىنداشلىرىمىز ئۇ‌زۇ‌ن ۋاقىت يە‌ھۋاغا سادىق خىزمە‌ت قىلغان قېرىنداشلارنىڭ تە‌جرىبىلىرىدىن ئۆگىنە‌لە‌يدۇ (‏14،‏ 15-‏ئابزاسلارغا قاراڭ)‏

14.‏ تە‌كرار قانۇ‌ن 32:‏7 ياشلارنى نېمە قىلىشقا دە‌ۋە‌ت قىلىدۇ؟‏

14 ياشانغانلار بىلە‌ن مۇ‌ڭدىشىش ئۈچۈن تە‌شە‌ببۇ‌سكار بولۇ‌ڭ ‏(‏تە‌كرار قانۇ‌ن 32:‏7-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ بە‌لكىم،‏ ئۇ‌لارنىڭ كۆزى ھازىر ياخشى كۆرمە‌يدۇ،‏ يول مېڭىشى قىيىن ۋە ئۈنلۈك سۆزلىيە‌لمە‌يدۇ،‏ بىراق ئۇ‌لارنىڭ يۈرىكى تېخىچە ياش ۋە ئۇ‌لار يە‌ھۋانىڭ ئالدىدا ياخشى نام-‏ئاتاق تىكلىگە‌ن (‏ۋە‌ز 7:‏1‏)‏.‏ يە‌ھۋا نېمە ئۈچۈن ئۇ‌لارنى قە‌دىرلە‌يدىغانلىقىنى ئە‌ستىن چىقارماي،‏ داۋاملىق ئۇ‌لارغا ھۆرمە‌ت كۆرسىتە‌يلى.‏ ئېلىشانى ئۈلگە قىلايلى.‏ ئۇ ئىلياسنىڭ ھاياتىنىڭ ئاخىرقى كۈنلە‌ردە ئۇ‌نىڭدىن ئايرىلماسلىقنى قە‌تئىي قارار قىلغان.‏ ئۇ ئۈچ قېتىم شۇ‌نداق دېگە‌ن:‏ «سېنىڭدىن ھە‌رگىز ئايرىلمايمە‌ن».‏—‏2-‏پادىشاھ.‏ 2:‏2،‏ 4،‏ 6‏.‏

15.‏ بىز ياشانغانلاردىن قانداق سوئاللارنى سورىساق بولىدۇ؟‏

15 ھۆرمە‌ت بىلە‌ن ياشانغانلاردىن سوئاللارنى سوراش ئارقىلىق،‏ سە‌مىمىي كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىڭىزنى كۆرسىتىڭ (‏پە‌ند.‏ نە 1:‏5؛‏ 20:‏5؛‏ 1-‏تىموت.‏ 5:‏1،‏ 2‏)‏.‏ ئۇ‌لاردىن مۇ‌نداق سوراپ بېقىڭ:‏ «ياش ۋاقتىڭىزدا ھە‌قىقە‌تنى تاپقىنىڭىزغا،‏ نېمە سىزنى قايىل قىلغان؟‏» «ھاياتىڭىزدا باشتىن كە‌چۈرگە‌ن قانداق ئىشلار يە‌ھۋاغا يېقىنلىشىشىڭىزغا ياردە‌م بە‌رگە‌ن؟‏» «يە‌ھۋاغا خۇ‌شاللىق بىلە‌ن خىزمە‌ت قىلىشنى داۋاملاشتۇ‌رۇ‌شقا نېمە ياردە‌م بە‌رگە‌ن؟‏» (‏1-‏تىموت.‏ 6:‏6–‏8‏)‏.‏ ئۇ‌لار ئۆزى بېشىدىن ئۆتكۈزگە‌ن ئىش-‏ۋە‌قە‌لە‌رنى ئېيتىپ بە‌رگە‌ندە،‏ دىققە‌ت بىلە‌ن تىڭشاڭ.‏

16.‏ ياشانغانلار بىلە‌ن ياشلار ئۆزئارا سۆھبە‌تلە‌شسە،‏ ئۇ‌لار قانداق ئىلھام ئالالايدۇ؟‏

16 ياشانغانلار ۋە ياشلار ئۆزئارا سۆھبە‌تلە‌شكە‌ندە،‏ ھە‌ر ئىككىلىسى ئىلھام ئالالايدۇ (‏رىملىقلار 1:‏12‏)‏.‏ ياشلار يە‌ھۋانىڭ ساداقە‌تمە‌ن خىزمە‌تچىلىرىگە قانداق كۆڭۈل بۆلگە‌نلىكىنى ئاڭلىغاندا،‏ ئۇ‌لارنىڭ ئىمان-‏ئېتىقادى كۈچىيىدۇ.‏ ياشانغانلار بولسا،‏ ئۆزلىرىنى قە‌دىرلىگە‌ندە‌ك ھېس قىلىدۇ.‏ ئۇ‌لار ياشلارغا خۇ‌شاللىق بىلە‌ن،‏ يە‌ھۋانىڭ ئۆزلىرىنى قانداق بە‌رىكە‌تلىگە‌نلىكىنى ئېيتىپ بېرىدۇ.‏

17.‏ نېمە ئۈچۈن ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئە‌گىشىپ،‏ ساداقە‌تمە‌ن ياشانغان قېرىنداشلارنى تېخىمۇ گۈزە‌ل بولۇ‌پ كېتىدۇ،‏ دە‌يمىز؟‏

17 ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئە‌گىشىپ،‏ ئادە‌ملە‌رنىڭ چىراي گۈزە‌للىكى كېتىپ قالىدۇ،‏ بىراق يە‌ھۋاغا سادىق بولغانلار يىللارنىڭ ئۆتۈشىگە ئە‌گىشىپ،‏ ئۇ‌نىڭ ئالدىدا تېخىمۇ گۈزە‌لىشىدۇ (‏1-‏سالونىكا.‏ 1:‏2،‏ 3‏)‏.‏ نېمە ئۈچۈن شۇ‌نداق دە‌يمىز؟‏ سە‌ۋە‌بى،‏ يىللارنىڭ ئۆتۈشىگە ئە‌گىشىپ،‏ ئۇ‌لار مۇ‌قە‌ددە‌س روھنىڭ،‏ ئۇ‌لارنى شە‌كىلگە كە‌لتۈرۈشىگە يول بېرىپ،‏ گۈزە‌ل پە‌زىلە‌تلە‌رنى يېتىلدۈرگە‌ن.‏ بىز ئاشۇ ئە‌زىز ياشانغان قېرىنداشلىرىمىزنى تېخىمۇ ياخشى تونۇ‌پ،‏ ئۇ‌لارنى ھۆرمە‌تلە‌پ،‏ ئۇ‌لاردىن ئۆگە‌نگە‌نسېرى،‏ ئۇ‌لارنى بىباھا غە‌زنە كە‌بى قە‌دىرلە‌يدىغان بولىمىز!‏

18.‏ كېيىنكى ماقالىدە،‏ نېمە ھە‌ققىدە مۇ‌ھاكىمە قىلىمىز؟‏

18 پە‌قە‌ت ياشلار ياشانغان قېرىنداشلارنى قە‌دىرلە‌پلا قالماي،‏ بە‌لكى ياشانغانلارمۇ ياشلارنى قە‌دىرلىگە‌ندىلا جامائە‌ت گۈللە‌پ كۈچىيىدۇ.‏ كېيىنكى ماقالىدە،‏ ياشانغانلار جامائە‌تتىكى ياشلارنى قە‌دىرلىگە‌نلىكىنى قانداق كۆرسىتە‌لە‌يدىغانلىقى ھە‌ققىدە مۇ‌ھاكىمە قىلىمىز.‏

24-‏ناخشا كۆزۈڭ بولسۇ‌ن مۇ‌كاپاتتا!‏

a ياشانغان سادىق قېرىنداشلىرىمىز خۇ‌ددى قىممە‌تلىك غە‌زنىگە ئوخشاش.‏ تۆۋە‌ندىكى سوئاللارنى مۇ‌ھاكىمە قىلىمىز.‏ ئۇ‌لارنى قە‌دىرلىگە‌نلىكىمىزنى ۋە ھۆرمە‌تلىگە‌نلىكىمىزنى قانداق كۆرسىتە‌لە‌يمىز؟‏ ياشانغان قېرىنداشلارنىڭ دانالىقى ۋە تە‌جرىبىلىرىدىن تېخىمۇ كۆپرە‌ك پايدىلىنىش ئۈچۈن نېمە قىلالايمىز؟‏ يە‌ھۋانىڭ تە‌شكىلاتىدا ئۇ‌لارنىڭ قانداق رولى بار؟‏