مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

36-‏تە‌تقىق ماقالىسى

ياشلارنى قە‌دىرلە‌ڭ

ياشلارنى قە‌دىرلە‌ڭ

‏«يىگىتلە‌رنىڭ كۈچ-‏قۇ‌ۋۋىتى ئۇ‌لارنىڭ شان-‏شۆھرىتىدۇ‌ر»‏‏.‏‏—‏پە‌ند.‏ نە 20:‏29‏.‏

11-‏ناخشا يە‌ھۋانىڭ كۆڭلىنى خۇ‌ش قىلىش

بۇ ماقالىدە a

1.‏ ياشىنىپ قالغىنىمىزغا ئە‌گىشىپ،‏ ئۆزۈمىزگە قانداق مە‌قسە‌تلە‌رنى قويالايمىز؟‏

 بىز ياشىنىپ قالغانسېرى،‏ بە‌لكىم يە‌ھۋاغا ياش ۋاقتىمدىكىدە‌ك خىزمە‌ت قىلالايمە‌نمۇ دە‌پ ئە‌نسىرىشىمىز مۇ‌مكىن.‏ گە‌رچە ھازىر ياش ۋاقتىمىزدىكىدە‌ك جىسمانىي كۈچ-‏قۇ‌ۋۋىتىمىز بولمىسىمۇ،‏ ئۆزۈمىز توپلىغان مول تە‌جرىبىلە‌ر ۋە ماھارە‌تلە‌ر ئارقىلىق،‏ ياشلارنىڭ يە‌ھۋانىڭ تە‌شكىلاتىدا كۆپرە‌ك خىزمە‌ت قىلىش ۋە يېڭى ۋە‌زىپىلە‌رنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىشىغا ياردە‌م بېرە‌لە‌يمىز.‏ ئۇ‌زۇ‌ن ۋاقىت ئاقساقال بولۇ‌پ،‏ خىزمە‌ت قىلغان بىر بۇ‌رادە‌ر شۇ‌نداق دە‌يدۇ،‏ «مە‌ن ياشىنىپ ئىلگىرىكىدە‌ك خىزمە‌ت قىلىشقا كۈچۈم يە‌تمە‌يۋاتقانلىقىنى ھېس قىلغىنىمدا،‏ ياش بۇ‌رادە‌رلە‌رنىڭ ۋە‌زىپىلە‌رنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىشقا تە‌ييار بولغىنىدىن بە‌كمۇ مىننە‌تدار بولدۇ‌م».‏

2.‏ بۇ ماقالىدە،‏ نېمىلە‌رنى مۇ‌ھاكىمە قىلىمىز؟‏

2 ئالدىنقى ماقالىدە،‏ ياشلار ياشانغانلار بىلە‌ن يېقىن دوست بولسا،‏ نېمىلە‌رنى ئۆگىنە‌لە‌يدىغانلىقىنى كۆرۈپ چىققان ئىدۇ‌ق.‏ بۇ ماقالىدە،‏ كىچىك پېئىللىق،‏ كە‌متە‌رلىك،‏ مىننە‌تدارلىق،‏ سېخىيلىققا ئوخشاش پە‌زىلە‌تلە‌ر ياشانغانلارغا ياشلار بىلە‌ن بىرلىكتە خىزمە‌ت قىلىشقا قانداق ياردە‌م بېرە‌لە‌يدىغانلىقىنى ۋە نە‌تىجىدە پۈتۈن جامائە‌تنىڭ قانداق بە‌رىكە‌تكە ئېرىشە‌لە‌يدىغانلىقىنى كۆرۈمىز.‏

كىچىك پېئىل بولۇ‌ڭ

3.‏ فىلىپىلىكلە‌ر 2:‏3،‏ 4-‏ئايە‌تلە‌رگە ئاساسلانغاندا،‏ كىچىك پېئىل بولۇ‌شى دېگە‌ن نېمە ۋە ئۇ خۇ‌دانىڭ بىر خىزمە‌تچىسىگە قانداق ياردە‌م بېرە‌لە‌يدۇ؟‏

3 ياشانغانلار ياشلارغا ياردە‌م بېرىشنى خالىسا،‏ كىچىك پېئىل بولۇ‌شى كېرە‌ك.‏ كىچىك پېئىل كىشى باشقىلارنى ئۆزىدىن يۇ‌قىرى كۆرىدۇ ‏(‏فىلىپىلىكلە‌ر 2:‏3،‏ 4-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ كىچىك پېئىللىقنى كۆرسىتىدىغان ئادە‌ملە‌ر شۇ‌نى تونۇ‌پ يېتىدۇ‌كى،‏ مە‌لۇ‌م بىر ۋە‌زىپىنى ئورۇ‌نداشنىڭ ئۈنۈملۈك يولى ياكى مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب پرىنسىپى يالغۇ‌ز بىرلا ئە‌مە‌سلىكىنى ياخشى چۈشىنىدۇ.‏ شۇ‌ڭا،‏ ئۇ‌لار بىر ۋە‌زىپىنى باشقىلارنىڭمۇ ئۆزىگە ئوخشاشلا ئۇ‌سۇ‌لدا ئورۇ‌ندىشىنى كۈتمە‌يدۇ (‏ۋە‌ز 7:‏10‏)‏.‏ ئۇ‌لار ئۆزلىرىنىڭ توپلىغان قىممە‌تلىك تە‌جرىبىلىرىنى ياشلارغا بېرە‌لە‌يدۇ،‏ بىراق ئۇ‌لار بۇ دۇ‌نيانىڭ ۋە‌زىيىتى ئۆزگىرىپ تۇ‌رىدىغانلىقىنى ۋە يېڭى ۋە‌زىيە‌تكە ئۆزلىرىنى تە‌ييارلاشنىڭ زۆرۈرلىكىنى چۈشىنىشى كېرە‌ك.‏—‏1-‏كورىنت.‏ 7:‏31‏.‏

ياشانغانلار سېخىيلىق بىلە‌ن ئۆز تە‌جرىبىلىرىنى باشقىلار بىلە‌ن بۆلۈشىۋاتىدۇ (‏4،‏ 5-‏ئابزاسلارغا قاراڭ)‏ b

4.‏ ياشانغان رايونغا مە‌سئۇ‌ل ئاقساقاللار قە‌دىمقى لاۋىيلارغا ئوخشاش كۆزقاراشنى قانداق كۆرسىتە‌لە‌يدۇ؟‏

4 كىچىك پېئىل ياشىنىپ قالغان قېرىنداشلار ئۆزلىرىنىڭ ئىلگىرىكىدە‌ك كۆپ خىزمە‌ت قىلالمايدىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىدۇ.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ ياشانغان رايونغا مە‌سئۇ‌ل ئاقساقاللارنىڭ مىسالىنى كۆرۈپ باقايلى.‏ ئۇ‌لار 70 ياشقا يە‌تكە‌ندە،‏ باشقا ۋە‌زىپىگە تە‌يىنلە‌نگە‌ن.‏ بە‌لكىم،‏ بۇ ئۇ‌لارغا قىيىن بولغان.‏ ئە‌مما،‏ ئۇ‌لار باشقا قېرىنداشلارغا ياردە‌م بېرىشتىن خۇ‌شاللىق تاپقان.‏ ئۇ‌لار بۇ ۋە‌زىپىنى بە‌كمۇ ياخشى كۆرگە‌چ،‏ ئۇ‌لارنىڭ قە‌لبىدە كۆپرە‌ك باشقىلارغا خىزمە‌ت قىلىش ئىستىگى تا ھازىرغىچە كۈچلۈك.‏ بىراق،‏ ئۇ‌لار ياشلارنىڭ شۇ خىزمە‌تنى ياخشىراق قىلالايدىغانلىقىنى چۈشىنىدۇ.‏ شۇ‌ڭا،‏ ئۇ‌لار قە‌دىمقى ئىسرائىلدىكى لاۋىيلارغا ئوخشاش كۆزقاراشنى كۆرسە‌تكە‌ن،‏ شۇ زامانلاردا لاۋىيلار ئىبادە‌ت چېدىردا خىزمە‌ت قىلىشنى 50 ياشقىچە داۋام قىلاتتى.‏ شۇ ياشانغان لاۋىيلار ئۆزلىرى قانداق خىزمە‌تكە تە‌يىنلىنىشتىن قە‌تئىينە‌زە‌ر خۇ‌شال بولغان.‏ ئۇ‌لار قىزغىنلىق بىلە‌ن قولىدىن كە‌لگىنىچە قىلغان ۋە ياشلارغا ياردە‌م بە‌رگە‌ن (‏سانلار 8:‏25،‏ 26‏)‏.‏ ئىلگىرى رايونغا مە‌سئۇ‌ل ئاقساقال بولۇ‌پ خىزمە‌ت قىلغانلار،‏ بۈگۈنكى كۈندە گە‌رچە جامائە‌تلە‌رنى زىيارە‌ت قىلىش خىزمىتىنى قىلالمىسىمۇ،‏ بىراق ئۆزى تە‌يىنلە‌نگە‌ن جامائە‌تكە كۆپ ياردە‌م ۋە ئىلھام بېرە‌لە‌يدۇ.‏

5.‏ دان ۋە كېيتىنىڭ قالدۇ‌رغان ئۈلگىلىرىدىن سىز نېمە ئۆگىنە‌لە‌يسىز؟‏

5 23 يىل رايونغا مە‌سئۇ‌ل ئاقساقال بولۇ‌پ خىزمە‌ت قىلغان داننىڭ مىسالىنى كۆرۈپ باقايلى.‏ ئۇ 70 ياشقا يە‌تكە‌ندە،‏ ئايالى كېيتى بىلە‌ن مە‌خسۇ‌س پىدائىي ۋە‌ز خىزمە‌تكە تە‌يىنلە‌نگە‌ن.‏ ئۇ‌لار يېڭى ۋە‌زىپىسىدە خۇ‌شاللىق تېپىش ئۈچۈن نېمە ئىش قىلغان؟‏ داننىڭ ئېيتىپ بېرىشىچە،‏ ھازىر ئۇ ئىلگىرىكىدىنمۇ ئالدىراش بولغان!‏ ئۇ جامائە‌تتە ئۆز ۋە‌زىپىسىنى ئورۇ‌نلىغاندىن باشقا،‏ بۇ‌رادە‌رلە‌رنىڭ ياردە‌مچى خىزمە‌تچى بولۇ‌شقا لاياقە‌تلىك بولۇ‌شىغا،‏ باشقىلارنىڭ چوڭ شە‌ھە‌ردە ۋە تۈرمىلە‌ردە گۇ‌ۋاھلىق بېرىشنى ئۆگىنىشىگە ياردە‌م بېرىدۇ.‏ ئە‌زىز ياشانغانلار،‏ سىلە‌ر تولۇ‌ق ۋاقىت خىزمە‌ت قىلىۋاتقان بولۇ‌ڭلار ياكى بولماڭلار،‏ باشقىلارغا كۆپ ياردە‌م بېرە‌لە‌يسىلە‌ر.‏ بۇ‌نىڭ ئۈچۈن،‏ ئۆز ۋە‌زىيىتىڭلارغا ماس يېڭى مە‌قسە‌تلە‌رنى قويۇ‌پ،‏ ئۆزۈڭلار قىلالمايدىغان ئىشقا ئە‌مە‌س،‏ بە‌لكىم قولۇ‌ڭلاردىن كېلىدىغان ئىشلارغا دىققىتىڭلارنى قارىتىڭلار.‏

كە‌متە‌ر بولۇ‌ڭ

6.‏ نېمە ئۈچۈن كە‌متە‌ر بولۇ‌ش مۇ‌ھىم؟‏ مىسال ئارقىلىق چۈشە‌ندۈرۈڭ.‏

6 كە‌متە‌ر ئادە‌م ئۆز قابىلىيە‌تلىرىنىڭ چە‌كلىك ئىكە‌نلىكىنى ئېتىراپ قىلىدۇ (‏پە‌ند نە.‏ 11:‏2‏)‏.‏ ئۇ ئۆزىگە ھە‌ددىدىن زىيادە تە‌لە‌پچان بولۇ‌پ،‏ قولىدىن كە‌لمە‌يدىغان ئىشقا ئۆزىنى زورلىمايدۇ.‏ نە‌تىجىدە،‏ ئۇ خۇ‌شاللىقنى يوقۇ‌تۇ‌پ قويماي،‏ داۋاملىق تىرىشىپ خىزمە‌ت قىلىدۇ.‏ كە‌متە‌ر ئادە‌منى ۋېلىسىپىت مىنىپ دۆڭگە قاراپ كېتىۋاتقان كىشىگە ئوخشىتىشقا بولىدۇ.‏ ئۇ كىشى داۋاملىق ئوخشاش تېزلىكتە ماڭمايدۇ،‏ بە‌لكى ئاستىراق سۈرە‌ت بىلە‌ن مېڭىشى مۇ‌مكىن.‏ ئە‌مما،‏ ئالغا ئىلگىرىلە‌شنى توختىتىپ قويمايدۇ.‏ خۇ‌ددى شۇ‌نىڭغا ئوخشاش،‏ كە‌متە‌ر ئادە‌م قاچان ئاستىلاش ۋە ئۆزىنى ئۆزگە‌رتىشنى بىلىدۇ،‏ شۇ ئارقىلىق ئۇ يە‌ھۋاغا قىزغىنلىق بىلە‌ن خىزمە‌ت قىلىدۇ ۋە باشقىلارغا ياردە‌م بېرىدۇ.‏—‏فىلىپى.‏ 4:‏5‏.‏

7.‏ بارزىللاي كە‌متە‌رلىكنى قانداق كۆرسە‌تتى؟‏

7 80 ياشلىق بارزىلاينىڭ مىسالى ھە‌ققىدە ئويلاپ كۆرە‌يلى.‏ ئۇ‌نى پادىشاھ داۋۇ‌ت ئۆز پادىشاھلىق سارىيىغا تە‌كلىپ قىلغاندا،‏ ئۇ كە‌متە‌رلىك بىلە‌ن پادىشاھنىڭ تە‌كلىپىنى رە‌ت قىلغان.‏ سە‌ۋە‌بى،‏ ئۇ ئۆزىنىڭ ياشىنىپ،‏ كۈچ-‏ماغدۇ‌رىدىن قالغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان ۋە ئۆز ئورنىغا ياش كىمخامنى تە‌ۋسىيە قىلغان (‏2-‏سام.‏ 19:‏35–‏37‏)‏.‏ خۇ‌ددى بارزىلايدە‌ك،‏ بۈگۈنكى كۈندىمۇ ياشانغان بۇ‌رادە‌رلە‌ر ياشلارغا خىزمە‌ت قىلىش پۇ‌رسىتىنى،‏ خۇ‌شاللىق بىلە‌ن ئۆتۈنۈپ بېرىدۇ.‏

خۇ‌دا سۇ‌لايماننىڭ ئىبادە‌تخانىنى سالىدىغانلىقىنى قارار قىلغاندا،‏ داۋۇ‌ت پادىشاھ كە‌متە‌رلىك بىلە‌ن شۇ قارارنى قوبۇ‌ل قىلغان (‏8-‏ئابزاسقا قاراڭ)‏

8.‏ ئىبادە‌تخانا سېلىشنى ئارزۇ قىلغان داۋۇ‌ت پادىشاھ كە‌متە‌رلىكنى قانداق كۆرسە‌تكە‌ن؟‏

8 پادىشاھ داۋۇ‌ت ھە‌م كە‌متە‌رلىكنىڭ ئېسىل ئۈلگىسىنى قالدۇ‌رغان.‏ ئۇ يە‌ھۋا ئۈچۈن بىر ئىبادە‌تخانا سېلىشنى چىن قە‌لبىدىن بە‌كمۇ ئارزۇ قىلغان.‏ بىراق،‏ يە‌ھۋا ئۇ‌نىڭغا بۇ ئىمتىيازنى ياش سۇ‌لايمانغا بېرىدىغانلىقىنى ئېيتقاندا،‏ داۋۇ‌ت خۇ‌دانىڭ بۇ قارارىنى قوبۇ‌ل قىلغان ۋە قۇ‌رۇ‌لۇ‌ش ئىشىنى پۈتۈن كۈچى بىلە‌ن قوللاپ-‏قۇ‌ۋۋە‌تلىگە‌ن (‏1-‏تارىخ.‏ 17:‏4؛‏ 22:‏5‏)‏.‏ سۇ‌لايمان «ياش ۋە تە‌جرىبىسىز» بولغاچ،‏ داۋۇ‌ت بۇ قۇ‌رۇ‌لۇ‌ش ئىشىنى مە‌ن ياخشىراق قىلالايمە‌ن دە‌پ ئويلىمىغان (‏1-‏تارىخ.‏ 29:‏1‏)‏.‏ داۋۇ‌ت شۇ‌نى ئېنىق بىلگە‌نكى،‏ بۇ قۇ‌رۇ‌لۇ‌شنىڭ تاماملىنىشى ھە‌رگىزمۇ قۇ‌رۇ‌لۇ‌ش ئىشىغا يېتە‌كچىلىك قىلىدىغانلارنىڭ يېشى ياكى تە‌جرىبىسىگە ئە‌مە‌س،‏ يە‌ھۋانىڭ بە‌رىكە‌تلىشىگە باغلىق.‏ بۈگۈنكى كۈندىمۇ داۋۇ‌تنى ئۈلگە قىلغان ياشانغان بۇ‌رادە‌رلە‌ر،‏ گە‌رچە ئۇ‌لارنىڭ ۋە‌زىپىلىرى ئۆزگە‌رگە‌ن بولسىمۇ،‏ قىزغىنلىق بىلە‌ن ئۆز خىزمىتىنى قىلىۋاتىدۇ.‏ ئۇ‌لار ئۆزلىرى ئىلگىرى قىلغان ئىشلارنى قىلىۋاتقان ياشلارنى يە‌ھۋانىڭ بە‌رىكە‌تلە‌يدىغانلىقىنى بىلىدۇ.‏

9.‏ بە‌يتە‌ل كومىتېتىدىكى بىر بۇ‌رادە‌ر كە‌متە‌رلىكنى قانداق كۆرسە‌تكە‌ن؟‏

9 شىگو ئىسىملىك بۇ‌رادە‌ر بۈگۈنكى كۈندە كە‌متە‌رلىكنىڭ ئۈلگىسىنى قالدۇ‌رغان.‏ ئۇ،‏ 1976-‏يىلى،‏ 30 يېشىدا بە‌يتە‌ل كومىتېتىدا خىزمە‌تكە تە‌يىنلە‌نگە‌ن.‏ 2004-‏يىلى،‏ بە‌يتە‌ل كومىتېتىنىڭ رىياسە‌تچىسى سۈپىتىدە خىزمە‌ت قىلغان.‏ كېيىنرە‌ك،‏ ئۇ ياشىنىپ كۈچىدىن قالغانلىقىنى،‏ ئۆز ۋە‌زىپىسىنى ئىلگىرىكىدە‌ك قىلالمايدىغانلىقىنى تونۇ‌پ يە‌تكە‌ن.‏ ئۇ ئۆزى قىلىۋاتقان خىزمە‌تنى ياشراق بىرىنىڭ ئۆز قولىغا ئېلىشى ھە‌ققىدە دۇ‌ئا قىلغان.‏ گە‌رچە شىگو ھازىر رىياسە‌تچى سۈپىتىدە خىزمە‌ت قىلمىسىمۇ،‏ ئە‌مما بە‌يتە‌ل كومىتېتىنىڭ بىر ئە‌زاسى سۈپىتىدە خىزمىتىنى داۋاملاشتۇ‌رىۋاتىدۇ.‏ بارزىللاي،‏ داۋۇ‌ت پادىشاھ ۋە شىگونىڭ مىساللىرىدىن كۆرگىنىمىزدە‌ك،‏ كىچىك پېئىل،‏ كە‌متە‌ر كىشى ياشلارنىڭ تە‌جرىبىسىنىڭ كە‌مچىل بولۇ‌شىغا ئە‌مە‌س،‏ بە‌لكى ئۇ‌لارنىڭ كۆپرە‌ك نە‌رسىلە‌رنى ئۆگىنە‌لە‌يدىغانلىقىغا نە‌زە‌ر سالىدۇ.‏ ئۇ‌لارنى ئۆزىنىڭ رىقابە‌تچىلىرى ئە‌مە‌س،‏ ئە‌كسىچە خىزمە‌تداشلىرى سۈپىتىدە كۆرىدۇ.‏—‏پە‌ند.‏ نە 20:‏29‏.‏

مىننە‌تدارلىق بىلدۈرۈڭ

10.‏ جامائە‌تتە ياشانغان بۇ‌رادە‌رلە‌ر ياشلارغا قانداق كۆز قاراشتا بولىدۇ؟‏

10 ياشانغان بۇ‌رادە‌رلە‌ر ياشلارنى يە‌ھۋادىن كە‌لگە‌ن ھە‌دىيە سۈپىتىدە كۆرۈپ،‏ ئۇ‌لارنىڭ قىلغان ئىشلىرى ئۈچۈن،‏ مىننە‌تدارلىق بىلدۈرىدۇ.‏ ئۇ‌لار ئۆزلىرىنىڭ كۈچ-‏قۇ‌ۋۋىتىنىڭ ئاجىزلىشىغا ئە‌گىشىپ،‏ جامائە‌تتە ۋە‌زىپىلە‌رنى ئۆز ئۈستىگە ئالالايدىغان ۋە ئېلىشقا تە‌ييار بولغان كۈچ-‏قۇ‌ۋۋە‌تكە تولغان ياشلارنى كۆرگىنىدە،‏ ئۇ‌لاردىن بە‌كمۇ مىننە‌تدار بولىدۇ.‏

11.‏ رۇ‌ت 4:‏13—‏16-‏ئايە‌تلە‌رگە ئاساسلانغاندا،‏ ياشانغانلار مىننە‌تدارلىق بىلە‌ن ياشلارنىڭ ياردىمىنى قوبۇ‌ل قىلسا،‏ قانداق بە‌رىكە‌تلە‌رگە ئېرىشىدۇ؟‏

11 مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلاردىكى نائومىنىڭ مىسالىنى كۆرۈپ باقايلى،‏ ئۇ ياش بىرىنىڭ ياردىمىنى مىننە‌تدارلىق بىلە‌ن قوبۇ‌ل قىلغان.‏ دە‌سلە‌پتە نائومى،‏ تۇ‌ل قالغان كېلىنى رۇ‌تنى ئائىلىسىگە قايتىپ كېتىشىگە دە‌ۋە‌ت قىلغان.‏ رۇ‌ت نائومى بىلە‌ن بە‌يتلە‌ھە‌مگە بىللە قايتىمە‌ن دە‌پ قە‌تئىي تۇ‌رۇ‌پلىۋالغاچ،‏ ئۇ خۇ‌شاللىق بىلە‌ن رۇ‌تنىڭ ياردىمىنى قوبۇ‌ل قىلغان (‏رۇ‌ت 1:‏7،‏ 8،‏ 18‏)‏.‏ نە‌تىجىدە ھە‌ر ئىككى ئايال بە‌رىكە‌تكە ئېرىشكە‌ن!‏ ‏(‏رۇ‌ت 4:‏13—‏16-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏ كىچىك پېئىللىق ياشانغانلارنى نائومىدىن ئۈلگە ئېلىشقا دە‌ۋە‌ت قىلىدۇ.‏

12.‏ پاۋلۇ‌س ئۆز مىننە‌تدارلىقىنى قانداق بىلدۈرگە‌ن؟‏

12 ئە‌لچى پاۋلۇ‌س باشقىلارنىڭ ياردىمى ئۈچۈن مىننە‌تدارلىق بىلدۈرگە‌ن.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ ئۇ فىلىپى شە‌ھىرىدىكى ئېتىقادچىلارنىڭ ئۆزىگە ماددىي ياردە‌ملە‌رنى ئە‌ۋە‌تكىنى ئۈچۈن رە‌ھمە‌ت ئېيتقان (‏فىلىپى.‏ 4:‏16‏)‏.‏ ئۇ تىموتىينىڭ ئۆزىگە قىلغان ياردىمى ئۈچۈن مىننە‌تدارلىقىنى ئىپادىلىگە‌ن (‏فىلىپى.‏ 2:‏19—‏22‏)‏.‏ پاۋلۇ‌س رىمغا مە‌ھبۇ‌س سۈپىتىدە ئە‌ۋە‌تىلگە‌ندە،‏ ئۇ‌نىڭغا ئىلھام بېرىشكە كە‌لگە‌نلە‌ر ئۈچۈن خۇ‌داغا مىننە‌تدار بولغان (‏ئە‌لچى.‏ 28:‏15‏)‏.‏ پاۋلۇ‌س جۇ‌شقۇ‌ن،‏ كۈچ-‏قۇ‌ۋۋە‌تكە تولغان كىشى ئىدى،‏ ئۇ نە‌چچە مىڭ كىلومېتىر سە‌پە‌ر قىلىپ،‏ ۋە‌ز قىلغان ۋە جامائە‌تلە‌رگە ئىلھام بە‌رگە‌ن.‏ ئە‌مما،‏ ئۇ كىچىك پېئىللىق بىلە‌ن باشقا ئېتىقادچىلارنىڭ ياردىمىنى قوبۇ‌ل قىلغان.‏

13.‏ ياشلار ئۈچۈن مىننە‌تدار ئىكە‌نلىكىنى ياشانغانلار قانداق كۆرسىتە‌لە‌يدۇ؟‏

13 ياشانغانلار جامائىتىڭلاردىكى ياشلار ئۈچۈن مىننە‌تدارلىقىڭلارنى كۆرسىتىشنىڭ نۇ‌رغۇ‌ن يوللىرى بار.‏ ئە‌گە‌ر سىلە‌ر بىر جايغا بېرىپ-‏كېلىش،‏ كېرە‌كلىك نە‌رسىلە‌رنى سېتىۋېلىش ياكى جىسمانىي كۈچ تە‌لە‌پ قىلىدىغان ئىشلارنى قىلىشتا ياردە‌مگە مۇ‌ھتاج بولساڭلار،‏ ياشلارنىڭ ياردىمىنى مىننە‌تدارلىق بىلە‌ن قوبۇ‌ل قىلىڭلار.‏ شۇ‌لارنىڭ ياردىمىنى يە‌ھۋانىڭ سىلە‌رگە كۆرسە‌تكە‌ن مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببىتى دە‌پ بىلىڭلار.‏ بە‌لكىم،‏ سىلە‌ر ياردە‌م قولىنى سۇ‌نغانلار بىلە‌ن يېقىن دوست بولالايسىلە‌ر.‏ شۇ دوستۇ‌ڭلارنىڭ يە‌ھۋاغا تېخىمۇ يېقىنلىشىشىغا ياردە‌م بېرىشكە تىرىشىڭلار،‏ ئۇ‌لارنىڭ جامائە‌تتە تىرىشىپ خىزمە‌ت قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرگىنىڭلاردىن خۇ‌شال ئىكە‌نلىكىڭلارنى ئۇ‌لارغا ئېيتىڭلار.‏ ۋاقىت چىقىرىپ ئۇ‌لار بىلە‌ن سۆھبە‌تلىشىپ،‏ ئۆز ھاياتىڭلاردا باشتىن ئۆتكۈزگە‌ن تە‌جرىبە‌ڭلارنى سۆزلە‌پ بېرىڭلار.‏ شۇ‌نداق قىلغىنىڭلاردا،‏ يە‌ھۋانىڭ جامائە‌تكە ياشلارنى جە‌لپ قىلغانلىقى ئۈچۈن تە‌شە‌ككۈر ئېيتقىنىڭلارنى كۆرسىتىسىلە‌ر.‏—‏كولوسى.‏ 3:‏15؛‏ يۇ‌ھاننا 6:‏44؛‏ 1-‏سالونىكا.‏ 5:‏18‏.‏

سېخىي بولۇ‌ڭ

14.‏ پادىشاھ داۋۇ‌ت ئۆز سېخىيلىقىنى قانداق كۆرسە‌تكە‌ن؟‏

14 داۋۇ‌تنىڭ ئۈلگىسىنى كۆرۈپ باقايلى،‏ ياشانغانلار داۋۇ‌تنى ئۈلگە قىلىپ،‏ سېخىيلىق كۆرسىتىشى كېرە‌ك.‏ ئىبادە‌تخانا قۇ‌رۇ‌لۇ‌شى ئۈچۈن سۇ‌لايمان شان-‏شە‌رە‌پكە ئېرىشسىمۇ،‏ داۋۇ‌ت ئۆز غە‌زىنىسىدىكى بايلىقلارنى قوشۇ‌مچە ئىئانە قىلغان (‏1-‏تارىخ.‏ 22:‏11–‏16؛‏ 29:‏3،‏ 4‏)‏.‏ خۇ‌داغا ئىبادە‌ت قىلىدىغان ئىمارە‌تلە‌رنى سېلىش ئىشلىرىغا قاتنىشىشقا جىسمانىي كۈچ-‏قۇ‌ۋۋىتىمىز يە‌تمىسە،‏ بىز قولىمىزدىن كېلىشىچە ئىئانىلە‌رنى بېرىش ئارقىلىق،‏ شۇ قۇ‌رۇ‌لۇ‌ش ئىشلىرىنى داۋاملىق قوللاپ-‏قۇ‌ۋۋە‌تلىيە‌لە‌يمىز.‏ ئۇ‌زۇ‌ن يىللار توپلىغان تە‌جرىبىلىرىمىزنى ياشلار بىلە‌ن بۆلۈشۈپ،‏ ئۇ‌لارغا ياردە‌م بېرە‌لە‌يمىز.‏

15.‏ ئە‌لچى پاۋلۇ‌س سېخىيلىق بىلە‌ن تىموتىيغا نېمىلە‌رنى ئۆگە‌تكە‌ن؟‏

15 پاۋلۇ‌سنىڭ سېخىيلىق ئۈلگىسىنى كۆرۈپ باقايلى.‏ ئۇ خۇ‌ش خە‌ۋە‌رنى ۋە‌ز قىلىش سە‌پىرىدە،‏ تىموتىينى ئۆزىگە ھە‌مراھ بولۇ‌شقا تە‌كلىپ قىلغان،‏ ئۇ ئۆزىنىڭ ۋە‌ز قىلىش ۋە تە‌لىم بېرىش ئۇ‌سۇ‌لىنى بۇ ياش يىگىتكە سېخىيلىق بىلە‌ن ئۆگە‌تكە‌ن (‏ئە‌لچى.‏ 16:‏1—‏3‏)‏.‏ پاۋلۇ‌سنىڭ كۆرسە‌تمىلىرى تىموتىينىڭ ماھىر ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چى بولۇ‌شىغا ياردە‌م بە‌رگە‌ن (‏1-‏كورىنت.‏ 4:‏17‏)‏.‏ كېيىن،‏ تىموتىي پاۋلۇ‌سنىڭ ئۆگە‌تكە‌نلىرىنى ئىشلىتىپ،‏ باشقىلارنىمۇ ۋە‌ز قىلىش ۋە تە‌لىم بېرىشكە ئۆگە‌تكە‌ن.‏

16.‏ بۇ‌رادە‌رىمىز شىگو نېمە ئۈچۈن باشقىلارنى تە‌ربىيىلە‌پ يېتىشتۈرگە‌ن؟‏

16 ياشانغانلار بۈگۈنكى كۈندە ياشلارنى ئىلگىرى ئۆزلىرى قىلغان خىزمە‌تنى قىلىشقا ئۆگە‌تسە،‏ ئە‌مدى ئۆزلىرىنىڭ كېرىكى قالمايدۇ دە‌پ ئە‌نسىرىمە‌يدۇ.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ يۇ‌قىرىدا تىلغا ئېلىنغان قېرىندىشىمىز شىگو،‏ بە‌يتە‌ل كومىتېتىدىكى ياشراق بۇ‌رادە‌رلە‌رنى تە‌ربىيىلە‌پ يېتىشتۈرگە‌ن.‏ شۇ‌نداق قىلىش ئارقىلىق،‏ ئۇ ئۆزى ياشاۋاتقان دۆلە‌تتىكى ۋە‌ز ئېيتىش خىزمىتىگە ياردە‌م بە‌رگە‌ن.‏ نە‌تىجىدە،‏ ئۇ ئە‌مدى بە‌يتە‌ل كومىتېتىدا رىياسە‌تچى سۈپىتىدە خىزمە‌ت قىلىشقا كۈچى يە‌تمىگە‌ندە،‏ ئۆزى تە‌ربىيىلە‌پ يېتىشتۈرگە‌ن بۇ‌رادە‌ر ئۇ‌نىڭ خىزمىتىنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان.‏ قېرىندىشىمىز شىگو،‏ 45 يىلدىن كۆپرە‌ك بە‌يتە‌ل كومىتېتىدا خىزمە‌ت قىلىپ توپلىغان مول تە‌جرىبىلىرىدىن پايدىلىنىپ ياشراق بۇ‌رادە‌رلە‌رگە ياردە‌م بېرىدۇ.‏ شىگوغا ئوخشاش بۇ‌رادە‌رلە‌رنىڭ بولغىنى يە‌ھۋانىڭ خە‌لقى ئۈچۈن چوڭ بە‌رىكە‌ت!‏

17.‏ لۇ‌قا 6:‏38-‏ئايە‌تكە ماس ياشانغانلار باشقىلارغا نېمىنى بېرە‌لە‌يدۇ؟‏

17 ياشانغان قېرىنداشلار،‏ سىلە‌ر ھاياتنى ئە‌ڭ مە‌نىلىك ئۆتكۈزۈشنىڭ يولى،‏ يە‌ھۋاغا ئىشە‌نچ ۋە ساداقە‌ت بىلە‌ن خىزمە‌ت قىلىش ئىكە‌نلىكىنى ئىسپاتلىدىڭلار.‏ سىلە‌ر ئۆز ئۈلگە‌ڭلار ئارقىلىق،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب پرىنسىپلىرىنى ئۆگىنىشكە ۋە ئۇ‌لارنى ھاياتتا ئە‌مە‌لىي قوللىنىشقا ئە‌رزىيدىغانلىقىنى كۆرسە‌تتىڭلار.‏ ئۆتمۈشتە مول تە‌جرىبىلە‌رنى توپلىغان بولساڭلارمۇ،‏ ۋە‌زىيە‌تنىڭ ئۆزگۈرۈشىگە ماسلىشىشنىڭ زۆرۈرلىكىنى چۈشە‌ندىڭلار.‏ يېقىندا چۆمدۈرۈلۈشتىن ئۆتكە‌ن ياشانغان قېرىنداشلار،‏ سىلە‌رمۇ جامائە‌تتە باشقىلارغا كۆپ ياردە‌م بېرە‌لە‌يسىلە‌ر.‏ ياشىنىپ قالغاندا،‏ سىلە‌ر يە‌ھۋانى تونۇ‌پ قانچىلىك خۇ‌شاللىققا ئېرىشكە‌نلىكىڭلارنى ياشلارغا ئېيتىپ بېرە‌لە‌يسىلە‌ر.‏ توپلىغان تە‌جرىبە‌ڭلار ۋە ھاياتتا ئالغان ساۋاقلىرىڭلارنى ئېيتىپ بە‌رگە‌ندە،‏ ياشلار خۇ‌شاللىق بىلە‌ن قۇ‌لاق سالىدۇ.‏ ئە‌گە‌ر غە‌زىنە كە‌بى توپلىغان تە‌جرىبە‌ڭلارنى ئايىماي،‏ باشقىلار بىلە‌ن بۆلۈشسە‌ڭلار،‏ يە‌ھۋا سىلە‌رنى مول بە‌رىكە‌تلە‌يدۇ‏.‏—‏لۇ‌قا 6:‏38-‏نى ئوقۇ‌ڭ.‏

18.‏ ياشانغانلار بىلە‌ن ياشلار بىر بىرىگە قانداق ياردە‌م بېرە‌لە‌يدۇ؟‏

18 ياشانغانلار بىلە‌ن ياشلار يېقىن دوست بولغاندا،‏ ئۇ‌لار ئۆزئارا ئىلھام بېرە‌لە‌يدۇ (‏رىملىقلار 1:‏12‏)‏.‏ ياشانغانلار ياكى ياشلار بولسۇ‌ن،‏ ھە‌ر ئىككىلىسىنىڭ قە‌دىرلە‌شكە تېگىشلىك تە‌رىپى بار.‏ ياشانغانلار ئۇ‌زۇ‌ن يىللار داۋامىدا مول تە‌جرىبە ۋە دانالىقنى توپلىغان بولسا،‏ ياشلار جۇ‌شقۇ‌ن ۋە كۈچ-‏قۇ‌ۋۋە‌تكە تولغان.‏ ئۇ‌لار دوست بولۇ‌پ،‏ بىرلىكتە خىزمە‌ت قىلغاندا ئاسماندىكى ئاتىمىزغا شان-‏شە‌رە‌پ ئېلىپ كېلىدۇ ۋە جامائە‌ت ئۈچۈن بە‌رىكە‌ت بولىدۇ.‏

53-‏ناخشا ئىنـاق بىللە خىزمە‌ت قىلىـش

a يە‌ھۋانىڭ تە‌شكىلاتىنى قوللاپ-‏قۇ‌ۋۋە‌تلە‌ش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقان ياشلارنىڭ كۆپ بولۇ‌شى جامائە‌تلىرىمىز ئۈچۈن بە‌رىكە‌ت.‏ جامائە‌تتىكى ياشانغانلار ئۆزلىرىنىڭ كېلىپ چىقىشى ۋە مە‌دە‌نىيىتىگە قارىماي،‏ يە‌ھۋاغا پۈتۈن كۈچى بىلە‌ن خىزمە‌ت قىلىشقا ئۆزىنى بېغىشلىغان ياشلارغا ياردە‌م بېرە‌لە‌يدۇ.‏

b سۈرە‌تتە:‏ بىر رايونغا مە‌سئۇ‌ل ئاقساقال 70 ياشقا يە‌تكە‌ندە،‏ ئايالى بىلە‌ن يېڭى بىر ۋە‌زىپىگە تە‌يىنلە‌نگە‌ن.‏ ئۇ‌لار ھازىر ئۆزلىرى خىزمە‌ت قىلىۋاتقان جامائە‌تتە باشقىلارغا ياردە‌م بېرىۋاتىدۇ.‏