مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

38-‏تە‌تقىق ماقالىسى

روھىي ئائىلىڭىزگە يېقىنلىشىڭ

روھىي ئائىلىڭىزگە يېقىنلىشىڭ

‏«مېنىڭ ئاتامنىڭ،‏ سىلە‌رنىڭ ئاتاڭلارنىڭ .‏ .‏ .‏ يېنىغا قايتىپ» چىقىمە‌ن‏.‏‏—‏يۇ‌ھاننا 20:‏17‏.‏

152-‏ناخشا كۈچىمىز،‏ ئۈمىدىمىز ۋە يار-‏يۆلىكىمىز

بۇ ماقالىدە a

1.‏ ساداقە‌تمە‌ن ئىنسانلار يە‌ھۋا بىلە‌ن قانداق مۇ‌ناسىۋە‌ت ئورنىتالايدۇ؟‏

 يە‌ھۋا خۇ‌داغا ئىبادە‌ت قىلىدىغان ئېتىقادچىلارنىڭ ئائىلىسىدە،‏ ئە‌يسا «بارچە يارىتىلغان مە‌ۋجۇ‌داتلارنىڭ تۇ‌نجىسىدۇ‌ر» ۋە يە‌نە سان-‏ساناقسىز پە‌رىشتىلە‌ر بار (‏كولوسى.‏ 1:‏15؛‏ زە‌بۇ‌ر 103:‏20‏)‏.‏ ھە‌زرىتى ئە‌يسا يە‌ر يۈزىدە بولغاندا،‏ ساداقە‌تمە‌ن ئىنسانلارنىڭ يە‌ھۋانى ئاتام دە‌پ چاقىرالايدىغانلىقىنى كۆرسە‌تكە‌ن.‏ ئۇ ئۆز شاگىرتلىرىغا سۆزلىگە‌ندە،‏ يە‌ھۋانى «مېنىڭ ئاتام ۋە سىلە‌رنىڭ ئاتاڭلار» دە‌پ تىلغا ئالغان (‏يۇ‌ھاننا 20:‏17‏)‏.‏ بىز يە‌ھۋاغا ئۆزۈمىزنى بېغىشلاپ سۇ‌غا چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتكە‌ندە،‏ مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌تكە تولغان ئېتىقادچىلارنىڭ چوڭ ئائىلىسىنىڭ بىر ئە‌زاسى بولىمىز.‏—‏ماركۇ‌س 10:‏29،‏ 30‏.‏

2.‏ بۇ ماقالىدە،‏ نېمىنى مۇ‌ھاكىمە قىلىمىز؟‏

2 بە‌زىلە‌ر ئۈچۈن يە‌ھۋانى مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌تلىك ئاتىدە‌ك كۆرۈش قىيىن.‏ باشقىلار ئېتىقادچى قېرىنداشلارغا بولغان مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببىتىنى قانداق ئىپادىلە‌شنى بىلمە‌سلىكى مۇ‌مكىن.‏ بۇ ماقالىدە،‏ يە‌ھۋانى ئاتا دە‌پ چاقىرىشىمىزغا ۋە ئۇ‌نىڭغا يېقىنلىشىشىمىزغا ئە‌يسانىڭ قانداق ياردە‌م بېرىدىغانلىقىنى كۆرۈپ چىقىمىز.‏ يە‌نە يە‌ھۋانى ئۈلگە قىلىپ ئېتىقادچى قېرىنداشلىرىمىزغا قانداق مۇ‌ئامىلە قىلىشنىڭ يوللىرىنى ئۆگىنىمىز.‏

يە‌ھۋا ئۇ‌نىڭغا يېقىنلىشىشنى خالايدۇ

3.‏ ئۈلگىلىك دۇ‌ئا بىزنى يە‌ھۋاغا قانداق يېقىنلاشتۇ‌رىدۇ؟‏

3 يە‌ھۋا مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌تلىك ئاتا.‏ ئە‌يسا ئۆزىگە ئوخشاش،‏ بىزنىڭمۇ يە‌ھۋانى قوپال بۇ‌يرۇ‌قۋاز ئە‌مە‌س،‏ بە‌لكى مۇ‌لايىم،‏ كۆيۈمچان،‏ ئاسان پاراڭلاشقىلى بولىدىغان ئاتىدە‌ك كۆرۈشىمىزنى خالىغان.‏ بۇ‌نى ئە‌يسانىڭ شاگىرتلىرىغا قانداق دۇ‌ئا قىلىشنى ئۆگە‌تكىنىدىن كۆرە‌لە‌يمىز.‏ ئۇ ئۈلگىلىك دۇ‌ئانى «ئاتىمىز» دېگە‌ن سۆز بىلە‌ن باشلىغان (‏مە‌تتا 6:‏9‏)‏.‏ ئە‌يسا بىزنى يە‌ھۋانى «ھە‌ممىگە قادىر»،‏ «ياراتقۇ‌چى»،‏ «مە‌ڭگۈلۈك پادىشاھ» دېگە‌ندە‌ك ھە‌ر خىل نام-‏ئۇ‌نۋانلار بىلە‌ن ئاتاشقا ئۈندىيە‌لە‌يتتى (‏يارىت.‏ 49:‏25؛‏ يە‌شايا 40:‏28؛‏ 1-‏تىموت.‏ 1:‏17‏)‏.‏ بىراق،‏ ئە‌يسا يېقىن مۇ‌ناسىۋە‌تنى كۆرسىتىدىغان «ئاتا» سۆزىنى ئىشلە‌تكە‌ن.‏

4.‏ يە‌ھۋا بىزنىڭ ئۆزىگە يېقىنلىشىشىمىزنى خالايدىغانلىقىنى قە‌يە‌ردىن بىلىمىز؟‏

4 بە‌زىلىرىمىز كىچىكىمىزدىن ئاتا مېھرىنى كۆرمە‌ي چوڭ بولغاچ،‏ بىز ئۈچۈن يە‌ھۋانى مېھىر-‏شە‌پقە‌تلىك ئاتىدە‌ك قوبۇ‌ل قىلىش قىيىنغا چۈشىشى مۇ‌مكىن.‏ يە‌ھۋا بىزنىڭ شۇ‌نداق ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌لىرىمىزنى چۈشىنىدۇ.‏ بۇ‌نى بىلىش بىز ئۈچۈن چوڭ بىر تە‌سە‌للى.‏ ئۇ بىزگە يېقىنلىشىشنى خالايدۇ.‏ شۇ‌ڭا،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب بىزنى ئۈندە‌پ شۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «خۇ‌داغا يېقىنلىشىڭلار،‏ شۇ‌ندىلا ئۇ ھە‌م سىلە‌رگە يېقىنلىشىدۇ» (‏ياقۇ‌پ 4:‏8‏)‏.‏ يە‌ھۋا بىزنى ئىنتايىن ياخشى كۆرىدۇ.‏ ئۇ بىز ئارزۇ قىلىپ كە‌لگە‌ن ئاتا مېھرىنى بىزگە يە‌تكۈزىدۇ.‏

5.‏ لۇ‌قا 10:‏22-‏ئايە‌تكە ئاساسلانغاندا،‏ يە‌ھۋاغا يېقىنلىشىشىمىزغا ئە‌يسا قانداق بېرە‌لە‌يدۇ؟‏

5 ئە‌يسا بىزنىڭ يە‌ھۋاغا يېقىنلىشىشىمىزغا ياردە‌م بېرە‌لە‌يدۇ.‏ ئۇ يە‌ھۋانى ياخشى بىلگە‌چ،‏ ھە‌ر بىر سۆز-‏ھە‌رىكە‌تلىرىدە،‏ ئۇ‌نىڭ پە‌زىلە‌تلىرىنى مۇ‌كە‌ممە‌ل ئە‌كس ئە‌تتۈرگە‌ن.‏ ئۇ:‏ «مېنى كۆرگە‌ن كىشى،‏ ئاتامنى ھە‌م كۆرگە‌ن بولىدۇ»،‏—‏ دېگە‌ن (‏يۇ‌ھاننا 14:‏9‏)‏.‏ ئە‌يسا ئۇ خۇ‌ددى ئاكىمىزدە‌ك،‏ ئاسماندىكى ئاتىمىزنى ھۆرمە‌تلە‌شنى ۋە بويسۇ‌نۇ‌شنى،‏ ئۇ‌نى خۇ‌رسە‌ن قىلمايدىغان ئىشلاردىن يىراق تۇ‌رۇ‌شنى ۋە ئۇ‌نىڭ قوبۇ‌ل قىلىشىغا ئېرىشىشنى ئۆگىتىدۇ.‏ بىراق،‏ بولۇ‌پمۇ يە‌ر يۈزىدە بولغاندا،‏ ئە‌يسانىڭ گە‌پ-‏سۆزلىرى ۋە قىلغان ئىشلىرى يە‌ھۋانىڭ قانچىلىك مېھىر-‏شە‌پقە‌تلىك ۋە سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببە‌تكە تولغان ئاتا ئىكە‌نلىكىنى چۈشىنىشىمىزگە ياردە‌م بېرىدۇ ‏(‏لۇ‌قا 10:‏22-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ تۆۋە‌ندە،‏ بە‌زى مىساللارنى كۆرۈپ باقايلى.‏

مېھىر-‏شە‌پقە‌تلىك ئاتا سۈپىتىدە،‏ يە‌ھۋا ئۆز ئوغلىغا كۈچ-‏مە‌دە‌ت بېرىش ئۈچۈن بىر پە‌رىشتىنى ئە‌ۋە‌تكە‌ن (‏6-‏ئابزاسقا قاراڭ)‏ b

6.‏ يە‌ھۋا ئە‌يسانىڭ دۇ‌ئالىرىغا قۇ‌لاق سالغانلىقىنى قە‌يە‌ردىن بىلىمىز؟‏ مىسال كە‌لتۈرۈڭ.‏

6 يە‌ھۋا ئۆز پە‌رزە‌نتلىرىنى دىققە‌ت بىلە‌ن تىڭشايدۇ.‏ يە‌ھۋا تۇ‌نجى ئوغلىنىڭ سۆزىگە قانداق قۇ‌لاق سالغانلىقىنى كۆرۈپ باقايلى.‏ ئۆز ئوغلى يە‌ر يۈزىدە بولغاندا قىلغان دۇ‌ئالىرىغا،‏ يە‌ھۋا ھە‌رقاچان قۇ‌لاق سالغان (‏لۇ‌قا 5:‏16‏)‏.‏ ئە‌يسا مە‌سىھ 12 ئە‌لچىسىنى تاللاشقا ئوخشاش مۇ‌ھىم قارارلارنى چىقىرىش ئالدىدا دۇ‌ئا قىلغاندا،‏ ئۇ قۇ‌لاق سالغان (‏لۇ‌قا 6:‏12،‏ 13‏)‏.‏ يە‌نە ئوغلىنىڭ غە‌م-‏تە‌شۋىشكە چۈشكە‌ندە قىلغان دۇ‌ئالىرىغا قۇ‌لاق سالغان.‏ يە‌ھۇ‌دا ئە‌يساغا ساتقۇ‌نلۇ‌ق قىلىپ،‏ ئۇ‌نى تۇ‌تۇ‌پ بېرىشتىن ئاۋۋال،‏ ئۇ ئۆز ئاتىسىغا يۈز بېرىدىغان ئىشلار ھە‌ققىدە ئىخلاس بىلە‌ن دۇ‌ئا قىلغان.‏ يە‌ھۋا ئۇ‌نىڭ دۇ‌ئاسىغا قۇ‌لاق سېلىپلا قالماي،‏ بە‌لكى يە‌نە سۆيۈملۈك ئوغلىغا كۈچ-‏مە‌دە‌ت بېرىش ئۈچۈن بىر پە‌رىشتىسىنى ئە‌ۋە‌تكە‌ن.‏—‏لۇ‌قا 22:‏41—‏44‏.‏

7.‏ يە‌ھۋا دۇ‌ئالىرىمىزغا قۇ‌لاق سالىدىغانلىقىنى بىلگە‌ندە،‏ قانداق ھېس-‏تۇ‌يغىدا بولىمىز؟‏

7 بۈگۈنكى كۈندە،‏ يە‌ھۋا داۋاملىق ئۆز خىزمە‌تچىلىرىنىڭ دۇ‌ئالىرىغا قۇ‌لاق سالىدۇ ۋە ئۆز ۋاقتىدا ئە‌ڭ ياخشى يول بىلە‌ن جاۋاب قايتۇ‌رىدۇ (‏زە‌بۇ‌ر 116:‏1،‏ 2‏)‏.‏ يە‌ھۋانىڭ ئۆز دۇ‌ئالىرىغا قانداق جاۋاب قايتۇ‌رۇ‌ۋاتقانلىقىنى كۆرگە‌ن،‏ ھىندىستاندىكى بىر قېرىنداشنىڭ مىسالىنى كۆرۈپ باقايلى.‏ ئۇ ئۇ‌زۇ‌ن ۋاقىت،‏ زىيادە غە‌م-‏تە‌شۋىش ئىچىدە ياشىغان ۋە مۇ‌شۇ ئىش ھە‌ققىدە يە‌ھۋاغا يالۋۇ‌رۇ‌پ دۇ‌ئا قىلغان.‏ ئۇ مۇ‌نداق يازدى:‏ «JW تېلېۋىزىيىسى 2019-‏يىل،‏ 5-‏ئايدىكى پروگراممىسى غە‌م-‏ئە‌ندىشىلە‌رگە قانداق تاقابىل تۇ‌رۇ‌ش ھە‌ققىدە بولۇ‌پ،‏ ئۇ دە‌ل مېنىڭ ئۈچۈن تە‌ييارلانغان ئىدى.‏ مۇ‌شۇ يول بىلە‌ن يە‌ھۋا دۇ‌ئالىرىمغا جاۋاب بە‌ردى».‏

8.‏ ئە‌يساغا بولغان سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببىتىنى،‏ يە‌ھۋا قايسى ئۇ‌سۇ‌لدا ئىپادىلىگە‌ن؟‏

8 يە‌ھۋا ئە‌يساغا غە‌مخورلۇ‌ق قىلىپ،‏ ئۇ‌نىڭغا مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت كۆرسە‌تكە‌ندە‌ك،‏ بىزگىمۇ غە‌مخورلۇ‌ق قىلىپ،‏ مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت كۆرسىتىدۇ (‏يۇ‌ھاننا 5:‏20‏)‏.‏ ئە‌يسا يە‌ر يۈزىدە ياشىغاندا،‏ يە‌ھۋا ئۇ‌نىڭ روھىي،‏ ھېسسىي ۋە جىسمانىي جە‌ھە‌تتىكى بارلىق ئېھتىياجلىرىنى قامدىغان.‏ ئۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ يە‌ھۋا ئۆز ئوغلىغا بولغان سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببىتىنى ۋە ئۇ‌نىڭدىن خۇ‌رسە‌ن ئىكە‌نلىكىنى ئېيتىپ تۇ‌رغان (‏مە‌تتا 3:‏16،‏ 17‏)‏.‏ ئاسماندىكى مېھىر-‏شە‌پقە‌تلىك ئاتىسى دائىم ئۇ‌نىڭ بىلە‌ن بىللە بولغاچ،‏ ئە‌يسا ھېچقاچان ئۆزىنى يالغۇ‌ز ھېس قىلمىغان.‏—‏يۇ‌ھاننا 8:‏16‏.‏

9.‏ يە‌ھۋانىڭ بىزنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى قانداق بىلىمىز؟‏

9 خۇ‌ددى ئە‌يساغا ئوخشاش،‏ بىزمۇ يە‌ھۋانىڭ سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببىتىنى ھېس قىلىۋاتىمىز.‏ يە‌ھۋا بىزنى ئۆزىگە جە‌لپ قىلدى ۋە ھېسسىي جە‌ھە‌تتىكى ئېھتىياجلىرىمىزنى قامداش ۋە خۇ‌شال-‏خۇ‌رام بولۇ‌شىمىز ئۈچۈن مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌تكە ۋە ئىناق-‏ئىتتىپاقلىققا تولغان بىر روھىي ئائىلىنى بە‌ردى (‏يۇ‌ھاننا 6:‏44‏)‏.‏ ئۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ كۈچلۈك ئىمان-‏ئېتىقادىمىزنى ساقلىشىمىز ئۈچۈن،‏ يە‌ھۋا روھىي ئوزۇ‌قلارنى بە‌ردى.‏ ھە‌تتا،‏ ئۇ كۈندىلىك تۇ‌رمۇ‌شىمىزغا كېرە‌كلىك ماددىي ئېھتىياجلىرىمىزنى تە‌مىنلە‌پ بېرىۋاتىدۇ (‏مە‌تتا 6:‏31،‏ 32‏)‏.‏ يە‌ھۋانىڭ بىزگە بولغان سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببىتى ھە‌ققىدە چوڭقۇ‌ر ئويلانغانسېرى،‏ ئۇ‌نىڭغا بولغان سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببىتىمىزمۇ ئاشىدۇ.‏

روھىي ئائىلىمىزنى يە‌ھۋا سۆيگە‌ندە‌ك سۆيۈڭ

10.‏ يە‌ھۋانىڭ قېرىنداشلىرىمىزغا كۆرسە‌تكە‌ن مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببىتىدىن نېمىلە‌رنى ئۆگىنە‌لە‌يمىز؟‏

10 يە‌ھۋا قېرىنداشلىرىمىزنى سۆيىدۇ.‏ بىراق،‏ بىز ئۈچۈن،‏ ئۇ‌لارنىڭ بىزگە كۆرسە‌تكە‌ن مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببىتىنى ھېس قىلىش ۋە ئۆزۈمىزنىڭ شۇ‌لارغا بولغان سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببىتىنى ئىپادىلە‌ش ئاسانغا چۈشمە‌سلىكى مۇ‌مكىن.‏ سە‌ۋە‌بى،‏ بىز ئوخشىمايدىغان مە‌دە‌نىيە‌ت ۋە ئارقا كۆرۈنىشىگە ئىگە.‏ بىز ھە‌ممىمىز خاتالىقلارنى ئۆتكۈزىمىز،‏ باشقىلارنى تېرىكتۈرىمىز ياكى ئۈمىدسىزلە‌ندۈرىمىز.‏ ئە‌مما،‏ روھىي ئائىلىمىزگە سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببىتىمىزنى ئىپادىلە‌ش ئۈچۈن داۋاملىق تىرىشچانلىق كۆرسىتە‌لە‌يمىز.‏ شۇ‌نداق قىلىش ئۈچۈن،‏ ھە‌ر دائىم ئاسماندىكى ئاتىمىزنى ئۈلگە قىلىپ،‏ قېرىنداشلىرىمىزغا مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت كۆرسىتە‌يلى (‏ئە‌فە‌س.‏ 5:‏1،‏ 2؛‏ 1-‏يۇ‌ھاننا 4:‏19‏)‏.‏ ھازىر ئاتىمىز يە‌ھۋانى قانداق ئۈلگە قىلالايدىغانلىقىمىزنى كۆرۈپ باقايلى.‏

11.‏ ئە‌يسا مە‌سىھ،‏ يە‌ھۋانىڭ «رە‌ھىم-‏شە‌پقىتىنى» قانداق كۆرسە‌تكە‌ن؟‏

11 يە‌ھۋا رە‌ھىم-‏شە‌پقە‌تلىك ئاتا (‏لۇ‌قا 1:‏78‏)‏.‏ مېھىر-‏شە‌پقە‌تلىك ئىنسان باشقىلارنىڭ ئازاب-‏ئوقۇ‌بە‌ت چېكىۋاتقانلىقىنى كۆرگە‌ندە ئۇ‌لارغا ھېسداشلىق بىلدۈرىدۇ.‏ ئۇ‌لارغا ياردە‌م ۋە تە‌سە‌للى بېرىشنىڭ يوللىرىنى ئىزدە‌يدۇ.‏ ئە‌يسا ئادە‌ملە‌رگە ھېسداشلىق قىلىپ،‏ يە‌ھۋانىڭ ئۇ‌لارغا كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى كۆرسە‌تكە‌ن (‏يۇ‌ھاننا 5:‏19‏)‏.‏ ئە‌يسا بىر توپ ئادە‌ملە‌رنى كۆرگە‌ندە قانداق ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌دا بولغانلىقى ھە‌ققىدە مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «توپلاشقان ئادە‌ملە‌رنى كۆرۈپ،‏ ئۇ ئۇ‌لارغا ئىچ ئاغرىتتى،‏ چۈنكى ئۇ‌لار تاشلىۋېتىلگە‌ن پادىچىسى يوق قويلاردە‌ك تارقىلىپ كە‌تكە‌ن ۋە ئېزىلگە‌ن ئىدى» (‏مە‌تتا 9:‏36‏)‏.‏ ئە‌يسا ئۇ‌لارغا ھېسداشلىق قىلىپلا قالماي،‏ ئۇ‌لارغا ياردە‌م بېرىش ئۈچۈن ھە‌رىكە‌ت قىلغان.‏ ئۇ ئاغرىقلارنى ساقايتىپ،‏ جاپاكە‌شلە‌ر ۋە ئېغىر يۈكنى ئۈستىگە ئالغانلارغا ئاراملىق بېرىش ئۈچۈن ياردە‌م قولىنى سۇ‌نغان.‏—‏مە‌تتا 11:‏28—‏30؛‏ 14:‏14‏.‏

يە‌ھۋانى ئۈلگە قىلىپ قېرىنداشلىرىمىزغا رە‌ھىم شە‌پقە‌ت ۋە سېخىيلىق كۆرسىتە‌يلى (‏12—‏14-‏ئابزاسلارغا قاراڭ)‏ c

12.‏ مېھىر-‏شە‌پقىتىمىزنى باشقىلارغا قانداق كۆرسىتە‌لە‌يمىز؟‏ مىسال كە‌لتۈرۈڭ.‏

12 بىز قېرىنداشلىرىمىزغا مېھىر-‏شە‌پقە‌ت كۆرسىتىشتىن بۇ‌رۇ‌ن،‏ ئۇ‌لار قانداق قىيىنچىلىقلارغا دۇ‌چ كېلىۋاتقانلىقى ھە‌ققىدە ئويلىنىشىمىز كېرە‌ك.‏ بىر ئايال قېرىندىشىمىزنىڭ سالامە‌تلىكىنى ناچار دە‌يلى،‏ ئۇ ھېچقاچان ئۆز قىيىنچىلىقلىرىنى باشقىلارغا ئېيتمايدۇ.‏ بىراق،‏ ئۇ‌نىڭغا ياردە‌م قولىمىزنى سۇ‌نساق،‏ ئۇ خۇ‌شال بولۇ‌شى مۇ‌مكىن.‏ شۇ‌ڭا،‏ ئۆزۈمىزدىن شۇ‌نداق سوراپ كۆرسە‌ك بولىدۇ:‏ ئۆز ئائىلىسىنىڭ ماددىي ئېھتىياجىنى قامداشقا،‏ ئۇ‌نىڭ كۈچى يېتە‌مدۇ؟‏ تاماق تە‌ييارلىشى ۋە ئۆي ئىشلىرىغا ياردە‌م بېرىپ،‏ ئازغىنە بولسىمۇ يۈكىنى يېنىكلىتە‌لە‌يمە‌نمۇ؟‏ بىر بۇ‌رادە‌رنى خىزمىتىدىن ئايرىلىپ قالدى دە‌يلى.‏ يېڭى بىر خىزمە‌تنى تاپقۇ‌چە،‏ ئائىلىسىدىن خە‌ۋە‌ر ئېلىشىغا ياردىمى بولۇ‌شى ئۈچۈن،‏ ئۇ‌نىڭغا ئېيتماي ئازغىنە پۇ‌لىنى سوۋغات سۈپىتدە بېرە‌لە‌يمىزمۇ؟‏

13،‏ 14.‏ يە‌ھۋانى ئۈلگە قىلىپ،‏ سېخىيلىقىمىزنى قانداق كۆرسىتە‌لە‌يمىز؟‏

13 يە‌ھۋا سېخىي ئاتىمىز (‏مە‌تتا 5:‏45‏)‏.‏ قېرىنداشلىرىمىزنىڭ بىزدىن ياردە‌م سورىشىنى كۈتۈپ ئولتۇ‌رماي،‏ يە‌ھۋانى ئۈلگە قىلىپ،‏ تە‌شە‌ببۇ‌سكارلىق بىلە‌ن ئۇ‌لارغا مېھرى-‏شە‌پقە‌ت كۆرسىتىشىمىز كېرە‌ك.‏ بىز ھېچقاچان ھە‌ر كۈنى قۇ‌ياشنىڭ كۆتۈرۈلۈشى ئۈچۈن دۇ‌ئا قىلمايمىز.‏ شۇ‌نداقتىمۇ،‏ ھە‌ممە جانلىقلارنىڭ ھايات كە‌چۈرۈشى،‏ ھە‌تتا يە‌ھۋاغا مىننە‌تدار بولمىغانلار ئۈچۈنمۇ،‏ ئۇ سېخىيلىق بىلە‌ن قۇ‌ياش نۇ‌رىنى چاچقۇ‌زىدۇ.‏ ئېھتىياجلىرىمىزنى قامداش ئارقىلىق،‏ بىزگە بولغان سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببىتىنى كۆرسىتىپ كېلىۋاتىدۇ.‏ شۇ‌نداق مېھىرىبان ۋە سېخىي خۇ‌دايىمىزنى بە‌ك ياخشى كۆرىمىز.‏

14 نۇ‌رغۇ‌ن قېرىنداشلىرىمىز ئاسماندىكى ئاتىمىزنى ئۈلگە قىلىپ،‏ تە‌شە‌ببۇ‌سكارلىق بىلە‌ن سېخىيلىق كۆرسىتىۋاتىدۇ.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ 2013-‏يىلى دە‌ھشە‌تلىك قارا-‏بوران خايان فىلىپپىنغا زور ۋە‌يرانچىلىقلارنى ئېلىپ كە‌لدى.‏ نۇ‌رغۇ‌ن قېرىنداشلىرىمىز ئۆي-‏ماكانلىرىدىن ۋە مال-‏مۈلۈكلىرىدىن ئايرىلدى.‏ ئە‌مما،‏ دۇ‌نيانىڭ جاي-‏جايلىرىدىكى روھىي ئائىلە ئە‌زالىرىمىز ئۇ‌لارغا تېزلىكتە ياردە‌م قولىنى سۇ‌ندى.‏ كۆپلىگە‌ن قېرىنداشلار ئىقتىسادى ياردە‌م بە‌ردى ياكى قۇ‌رۇ‌لۇ‌ش ئىشلىرىغا قاتناشتى.‏ نە‌تىجىدە،‏ ئۇ‌لار بىر يىل ئىچىدە 750 كۆپرە‌ك ئۆيلە‌رنى رېمونت قىلدى ياكى قايتا ياساپ چىقتى.‏ تاجسىمان ۋىرۇ‌س مە‌زگىلىدە،‏ گۇ‌ۋاھچىلار قېرىنداشلىرىمىزغا ياردە‌م بېرىش ئۈچۈن كۆپ كۈچ چىقاردى.‏ روھىي ئائىلىمىزدىكى قېرىنداشلىرىمىزغا دە‌رھال ياردە‌م قولىمىزنى سۇ‌نساق،‏ ئۇ‌لارنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىمىزنى كۆرسىتىمىز.‏

15،‏ 16.‏ لۇ‌قا 6:‏36-‏ئايە‌تكە ئاساسلانغاندا،‏ ئاسماندىكى ئاتىمىزنى ئۈلگە قىلىش ئۈچۈن نېمە قىلىشىمىز كېرە‌ك؟‏

15 يە‌ھۋا رە‌ھىمدىل ۋە كە‌چۈرۈمچان ئاتىمىز (‏لۇ‌قا 6:‏36-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ ھە‌ر كۈنى بىز ئاسماندىكى ئاتىمىزنىڭ رە‌ھىمدىللىقىنى ھېس قىلىۋاتىمىز (‏زە‌بۇ‌ر 103:‏10—‏14‏)‏.‏ ئە‌يسانىڭ ئە‌گە‌شكۈچىلىرى نامۇ‌كە‌ممە‌ل بولسىمۇ،‏ ئۇ ئۇ‌لارغا رە‌ھىمدىل ۋە كە‌چۈرۈمچان بولغان.‏ ئۇ ئۆز ھاياتىنى ھە‌تتا گۇ‌ناھلىرىمىز ئۈچۈن قۇ‌ربانلىققا بە‌رگە‌ن (‏1-‏يۇ‌ھاننا 2:‏1،‏ 2‏)‏.‏ يە‌ھۋا ۋە ئە‌يسانىڭ رە‌ھىمدىللىقى ۋە كە‌چۈرۈمچانلىقى بىزنى ئۇ‌لارغا يېقىنلاشتۇ‌رىدۇ.‏

16 بىز كە‌چۈرۈمچان بولساق روھىي ئائىلىمىزنىڭ مۇ‌ھە‌ببە‌ت رىشتىسىنى كۈچە‌يتىمىز (‏ئە‌فە‌س.‏ 4:‏32‏)‏.‏ بە‌زىدە باشقىلارنى كە‌چۈرۈش ئاسان ئە‌مە‌س،‏ شۇ‌نداقتىمۇ كە‌چۈرۈشكە تىرىشىمىز كېرە‌ك.‏ بىر قېرىندىشىمىزنىڭ كە‌چۈرۈمچان بولۇ‌شنى ئۆگىنىشىگە،‏ كۈزىتىش مۇ‌نارىدىكى «بىر-‏بىرىڭلارنى چىن دىلدىن كە‌چۈرۈڭلار» دېگە‌ن بىر ماقالە ياردە‌م بە‌رگە‌ن.‏ ئۇ شۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «بۇ ماقالىنى ئوقۇ‌پ،‏ باشقىلارنى كە‌چۈرۈش ماڭا قانداق ياردە‌م بېرىدىغانلىقىنى چۈشە‌ندىم.‏ شۇ‌نى چۈشىنىپ يە‌تتىمكى،‏ كە‌چۈرۈمچان بولۇ‌ش باشقىلار ئۆتكۈزگە‌ن خاتالىقلارنى ئاقلاش ياكى يە‌تكۈزگە‌ن زىيانلىرىغا پە‌رۋا قىلماسلىقنى بىلدۈرمە‌يدۇ.‏ ئە‌كسىچە،‏ كە‌چۈرۈمچان بولۇ‌ش شۇ‌نداق خاتالىقلارنى ئۇ‌نتۇ‌پ،‏ ئاداۋە‌ت ساقلىماي،‏ كۆڭلىمىزنى تىنچ-‏خاتىرجە‌م ساقلاشنى بىلدۈرىدۇ».‏ بىز قېرىنداشلىرىمىزنى كە‌چۈرسە‌ك،‏ ئۇ‌لارغا بولغان سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببىتىمىزنى كۆرستىپ،‏ ئاسماندىكى ئاتىمىز يە‌ھۋانى ئۈلگە قىلغان بولىمىز.‏

يە‌ھۋانىڭ ئائىلىسىدىكى ئورنىڭىزنى قە‌دىرلە‌ڭ

ياشلارمۇ ياشانغانلارمۇ ئۆز قېرىنداشلىرىغا مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت كۆرسىتىپ كېلىۋاتىدۇ (‏17-‏ئابزاسقا قاراڭ)‏ d

17.‏ مە‌تتا 5:‏16-‏ئايە‌تكە ئاساسلانغاندا،‏ ئاسماندىكى ئاتىمىزغا شان-‏شە‌رە‌پ كە‌لتۈرۈش ئۈچۈن نېمە قىلالايمىز؟‏

17 دۇ‌نيانىڭ جاي-‏جايلىرىدىكى قېرىنداشلاردىن تە‌شكىل تاپقان،‏ مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت تولغان چوڭ ئائىلىنىڭ ئە‌زاسى بولۇ‌ش بىز ئۈچۈن ئاجايىپ شان-‏شە‌رە‌پتۇ‌ر.‏ ئە‌لۋە‌تتە،‏ بىز تېخىمۇ نۇ‌رغۇ‌ن كىشىلە‌رنىڭ بىزگە قوشۇ‌لۇ‌پ،‏ خۇ‌داغا ئىبادە‌ت قىلىشىنى خالايمىز.‏ شۇ‌نى ئە‌ستە تۇ‌تقان ھالدا،‏ بىز يە‌ھۋانىڭ خە‌لقى ياكى ئاسماندىكى ئاتىمىزنىڭ نامىغا داغ كە‌لتۈرىدىغان ھە‌رقانداق ئىشلارنى قىلىشتىن ئۆزۈمىزنى يىراق تۇ‌تۇ‌شىمىز كېرە‌ك.‏ بىز ياخشى ئىش ھە‌رىكە‌تلىرىمىز ئارقىلىق،‏ كىشىلە‌رنى خۇ‌ش خە‌ۋە‌رگە جە‌لپ قىلىشنى خالايمىز‏.‏—‏مە‌تتا 5:‏16-‏نى ئوقۇ‌ڭ.‏

18.‏ قورقماي گۇ‌ۋاھلىق بېرىشىمىزگە نېمە ياردە‌م بېرىدۇ؟‏

18 ئاسماندىكى ئاتىمىزغا بويسۇ‌نۇ‌پ ياشىساق،‏ بە‌زىدە باشقىلارنىڭ تە‌نقىدلىشىگە،‏ ھە‌تتا زىيانكە‌شلىكىگە دۇ‌چ كېلىشىمىز مۇ‌مكىن.‏ باشقىلارغا ئىمان-‏ئېتىقادىمىز ھە‌ققىدە سۆز قىلىشتىن قورقساق،‏ بىز نېمە قىلساق بولىدۇ؟‏ يە‌ھۋا ۋە ئوغلىنىڭ بىزگە ياردە‌م بېرىدىغانلىقىغا ئىشە‌نسە‌ك بولىدۇ.‏ ئە‌يسا ئۆز شاگىرتلىرىغا نېمە دېيىش،‏ قانداق سۆزلە‌ش ھە‌ققىدە غە‌م-‏قىلماسلىقنى ئېيتقان.‏ نېمە ئۈچۈن؟‏ ئە‌يسا چۈشە‌ندۈرۈپ مۇ‌نداق دېگە‌ن:‏ «نېمە دېيىش كېرە‌كلىكى ئاشۇ سائە‌تتە سىلە‌رگە بېرىلىدۇ.‏ يە‌نى سىلە‌ر ئۆزلۈكۈڭلاردىن سۆزلىمە‌يسىلە‌ر،‏ بە‌لكى ئاتاڭلارنىڭ ياردىمىدە سۆزلە‌يسىلە‌ر».‏—‏مە‌تتا 10:‏19،‏ 20‏.‏

19.‏ جاسارە‌ت بىلە‌ن گۇ‌ۋاھلىق بە‌رگە‌ن بىرىنىڭ مىسالىنى ئېتىپ بېرىڭ.‏

19 روبېرتنىڭ مىسالىنى كۆرۈپ باقايلى.‏ ئۇ‌نىڭ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ئۆگە‌نگىنىگە تېخى ئۇ‌زۇ‌ن بولمىغاچ،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ھە‌ققىدىكى بىلىمى چە‌كلىك ئىدى.‏ ئۇ جە‌نۇ‌بىي ئافرىقىدىكى بىر ھە‌ربىي سوتقا تارتىلغاندا،‏ سوت ئالدىدا ئۆزىنىڭ ئېتىقادچى قېرىنداشلىرىنى سۆيگۈنى ئۈچۈن،‏ بىتە‌رە‌پلىكنى ساقلاپ قېلىشنى خالايدىغانلىقىنى جاسارە‌ت بىلە‌ن چۈشە‌ندۈرگە‌ن.‏ ئۇ ئۆزىنىڭ روھىي ئائىلىسىدىكى ئورنىنى قە‌دىرلىگە‌ن ئىدى!‏ سوتچى تۇ‌يۇ‌قسىز ئۇ‌نىڭدىن «كىملە‌ر سېنىڭ قېرىندىشىڭ؟‏»—‏ دە‌پ سورىغان.‏ بۇ روبېرت ئۈچۈن كۈتۈلمىگە‌ن بىر سوئال ئىدى،‏ بىراق ئۇ دە‌رھال شۇ كۈندىكى كۈندىلىك ئايە‌تنى ئېسىگە ئالغان.‏ ئۇ مە‌تتا 12:‏50-‏ئايە‌ت ئىدى:‏ «كىمكى ئاسماندىكى ئاتامنىڭ ئىرادىسىنى ئورۇ‌نلىسا،‏ شۇ مېنىڭ ئاكا-‏ئۇ‌كام،‏ ئاچا-‏سىڭلىم ۋە ئانامدۇ‌ر».‏ ھە‌تتا مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ئۆگە‌نگىنىگە ئانچە ئۇ‌زۇ‌ن بولمىغان بولسىمۇ،‏ روبېرتنىڭ كۈتۈلمىگە‌ن بۇ ئۇ‌دۇ‌ل سوئالغا ۋە باشقا بىر قانچە سوئاللارغا جاۋاب بېرىشىگە يە‌ھۋا ئۆز روھىي ئارقىلىق ياردە‌م بە‌رگە‌ن.‏ يە‌ھۋا چوقۇ‌م روبېرتتىن بە‌كمۇ پە‌خىرلە‌نگە‌ن!‏ شۇ‌نىڭدە‌ك،‏ بىزمۇ ئۇ‌نىڭغا تايىنىپ،‏ ھە‌ر تۈرلۈك قىيىن ۋە‌زىيە‌تلە‌ردە جاسارە‌ت بىلە‌ن ۋە‌ز ئېيتساق،‏ ئۇ بىزدىنمۇ پە‌خىرلىنىدۇ.‏

20.‏ بىز چوقۇ‌م نېمە قىلىشنى قە‌تئىي قارار قىلىشىمىز كېرە‌ك؟‏ (‏يۇ‌ھاننا 17:‏11،‏ 15‏)‏

20 بىز مېھىر مۇ‌ھە‌ببە‌تكە تولغان روھىي ئائىلىگە تە‌ۋە،‏ بۇ بە‌رىكە‌تنى داۋاملىق قە‌دىرلە‌يلى.‏ بىزنىڭ ئۆزۈمىز ئارزۇ قىلغاندە‌ك ئاتىمىز ۋە شۇ‌نچە كۆپ ئۆزىنى بېغىشلىغان روھىي قېرىنداشلىرىمىز بار.‏ بىز چوقۇ‌م ھە‌ر قاچان ئۇ‌نىڭ ئۈچۈن مىننە‌تدار بولۇ‌شىمىز كېرە‌ك.‏ شە‌يتان ۋە ئۇ‌نىڭ رە‌زىل ئە‌گە‌شكۈچىلىرى بىزنى يە‌ھۋانىڭ سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببىتىدىن گۇ‌مانلاندۇ‌رۇ‌شقا ۋە ئارىمىزدىكى بىرلىكنى بۇ‌زۇ‌شقا تىرىشىدۇ.‏ بىراق،‏ ئە‌يسا بىز ئۈچۈن دۇ‌ئا قىلىپ،‏ ئاتىمىزدىن بىزنى قوغداشنى سورىغان.‏ يە‌ھۋا بۇ دۇ‌ئاغا جاۋاب بېرىۋاتىدۇ،‏ شۇ‌ڭا ھازىر روھىي ئائىلىمىزنىڭ بىرلىكى بۇ‌زۇ‌لماي ساقلىنىۋاتىدۇ ‏(‏يۇ‌ھاننا 17:‏11،‏ 15-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ بىزمۇ ئە‌يساغا ئوخشاش،‏ ئاسماندىكى ئاتىمىزنىڭ سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببىتى ۋە قوللاپ-‏قۇ‌ۋۋە‌تلىشىدىن ھە‌رگىزمۇ گۇ‌مان قىلمايلى.‏ قە‌تئىي قارارغا كېلىپ داۋاملىق روھىي ئائىلىمىزگە يېقىنلىشايلى!‏

31-‏ناخشا بىز يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرى

a بىز مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌تكە تولغان ئېتىقادچى قېرىنداشلىرىمىز بىلە‌ن روھىي ئائىلىنىڭ ئە‌زالىرى بولۇ‌ش ئالاھىدە شان-‏شە‌رىپىگە ئىگە بولغىنىمىزدىن بە‌ك خۇ‌رسە‌ن.‏ ئارىمىزدا بولغان سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت رىشتىسىنى كۈچە‌يتىشنى ھە‌ممىمىز خالايمىز.‏ شۇ‌نداق قىلىشنىڭ ئىككى يولى بار:‏ (‏1)‏ ئاسماندىكى سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببە‌تكە تولغان ئاتىمىزنىڭ بىزگە قىلىدىغان مۇ‌ئامىلىسىنى ئۈلگە قىلىش،‏ (‏2)‏ ئە‌يسا مە‌سىھ ۋە ئېتىقادچى قېرىنداشلىرىمىزنى ئۈلگە قىلىش.‏

b سۈرە‌تتە:‏ گېتسىمانە باغچىسىدا ئە‌يسانى قوللاپ-‏قۇ‌ۋۋە‌تلە‌ش ئۈچۈن،‏ يە‌ھۋا بىر پە‌رىشتىنى ئە‌ۋە‌تكە‌ن‏.‏

c سۈرە‌تتە:‏ تاجسىمان ۋىرۇ‌س مە‌زگىلىدە،‏ قېرىنداشلار يېمە‌كلىكلە‌رنى تە‌ييارلاش ۋە تارقىتىش ئىشلىرىغا قاتنىشىۋاتىدۇ.‏

d سۈرە‌تتە:‏ بىر ئاتا-‏ئانا ئۆز قىزىنىڭ تۈرمىدىكى بىر بۇ‌رادە‌رگە ئىلھام بېرىدىغان خە‌تنى ئە‌ۋە‌تىشىگە ياردە‌م بېرىۋاتىدۇ.‏