مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

43-‏تە‌تقىق ماقالىسى

بە‌ل قويۇ‌ۋە‌تمە‌ڭ!‏

بە‌ل قويۇ‌ۋە‌تمە‌ڭ!‏

‏«ياخشىلىق قىلىشتىن ۋاز كە‌چمە‌يلى».‏—‏گالاتىيا.‏ 6:‏9‏.‏

44-‏ناخشا خۇ‌شاللىق بىلە‌ن ھوسـۇ‌ل يىغىـش

بۇ ماقالىدە a

1.‏ نېمە ئۈچۈن يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىسى بولغىنىمىزدىن خۇ‌شال بولىمىز ۋە بۇ‌نىڭدىن پە‌خىرلىنىمىز؟‏

 بىز يە‌ھۋانىڭ خە‌لقى!‏ باشقىلارغا ۋە‌ز قىلىش ۋە ئۇ‌لارغا ھە‌قىقە‌تنى ئۆگىتىش ئارقىلىق يە‌ھۋانىڭ گۇ‌ۋاھچىسى ئىكە‌نلىكىمىزنى ئىسپاتلايمىز.‏ بىز يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىسى بولغىنىمىز ئۈچۈن بە‌ك خۇ‌شالمىز ۋە بۇ‌نىڭدىن پە‌خىرلىنىمىز.‏ مە‌ڭگۈلۈك ھاياتلىققا يېتە‌كلە‌يدىغان ھە‌قىقە‌تنى قوبۇ‌ل قىلىشقا مايىل بولغانلارنىڭ ئە‌يسانىڭ ئە‌گە‌شكۈچىسى بولۇ‌شىغا ياردە‌م بېرە‌لىگىنىمىزدە،‏ شاد-‏خۇ‌راملىققا چۆمىمىز (‏ئە‌لچى.‏ 13:‏48‏)‏.‏ بىزمۇ خۇ‌ددى ئە‌يسا مە‌سىھكە ئوخشاش خۇ‌رسە‌ن بولىمىز.‏ شاگىرتلىرى قايتىپ كېلىپ،‏ ۋە‌ز خىزمە‌تتىكى مۇ‌ۋە‌پپە‌قىيە‌تلىرىنى ئېيتقاندا،‏ ئە‌يسا مۇ‌قە‌ددە‌س روھنىڭ تە‌سىرىدە خۇ‌شال-‏خۇ‌راملىققا چۆمگە‌ن.‏—‏لۇ‌قا 10:‏1،‏ 17،‏ 21‏.‏

2.‏ ۋە‌ز خىزمە‌ت بىز ئۈچۈن بە‌ك مۇ‌ھىم ئىكە‌نلىكىنى قانداق كۆرسىتە‌لە‌يمىز؟‏

2 ۋە‌ز خىزمىتى بىز ئۈچۈن ئىنتايىن مۇ‌ھىم.‏ پاۋلۇ‌س تىموتىينى ئىلھاملاندۇ‌رۇ‌پ،‏ مۇ‌نۇ سۆزلە‌رنى قىلغان:‏ «ئۆزۈڭگە ھە‌مدە بە‌رگە‌ن تە‌لىمىڭگە دىققە‌ت قىلغىن.‏ بۇ‌نداق قىلىشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇ‌ر.‏ چۈنكى،‏ شۇ‌نداق قىلساڭ،‏ ئۆزۈڭنى ۋە ساڭا قۇ‌لاق سالغانلارنى قۇ‌تقۇ‌زۇ‌سە‌ن» (‏1-‏تىموت.‏ 4:‏16‏)‏.‏ دېمە‌ك،‏ ۋە‌ز خىزمىتىمىز كىشىلە‌رنىڭ ھاياتىنى قۇ‌تقۇ‌زالايدۇ.‏ بىز ئۆز ئىش-‏ھە‌رىكە‌تلىرىگە دىققە‌ت قىلىشىمىز كېرە‌ك،‏ چۈنكى بىز خۇ‌دا پادىشاھلىقىنىڭ پۇ‌قرالىرى.‏ بىز ھە‌ردائىم ئىش-‏ھە‌رىكىتىمىزدە خۇ‌داغا شان-‏شە‌رە‌پ ئېلىپ كېلىشنى ۋە ئۆزۈمىز يە‌تكۈزۈۋاتقان خۇ‌ش خە‌ۋە‌رگە ئىشىنىدىغانلىقىمىزنى كۆرسىتىشنى خالايمىز (‏فىلىپى.‏ 1:‏27‏)‏.‏ ۋە‌ز خىزمىتىگە چىقىشتىن ئاۋۋال ياخشى تە‌ييارلىق قىلىش ۋە باشقىلارغا گۇ‌ۋاھلىق بېرىشتىن بۇ‌رۇ‌ن،‏ دۇ‌ئالىرىمىزدا يە‌ھۋانىڭ بە‌رىكە‌تلىشىنى سوراش ئارقىلىق ئۆزۈمىزنىڭ تە‌لىملىرىگە دىققە‌ت قىلغانلىقىمىزنى كۆرسىتىمىز.‏

3.‏ بە‌زىلە‌ر پادىشاھلىق خۇ‌ش خە‌ۋىرىگە قانداق ئىنكاس قايتۇ‌رۇ‌شى مۇ‌مكىن؟‏ مىسال كە‌لتۈرۈڭ.‏

3 ھە‌تتا بىز پۈتۈن كۈچىمىز بىلە‌ن تىرىشچانلىق كۆرسە‌تسە‌كمۇ،‏ ياشاۋاتقان رايونىمىزدىكى كىشىلە‌ر پادىشاھلىق خۇ‌ش خە‌ۋىرىگە قۇ‌لاق سالماسلىقى مۇ‌مكىن.‏ گېئورگ لىندال ئىسىملىك بۇ‌رادە‌رنىڭ مىسالىنى كۆرۈپ باقايلى.‏ ئۇ 1929-‏يىلدىن 1947-‏يىلغىچە،‏ ئىسلاندىيىدە يالغۇ‌ز ۋە‌ز خىزمىتىنى قىلغان.‏ ئۇ ئون مىڭلارچە كىتاب-‏ژۇ‌رناللارنى تارقاتقان.‏ ئە‌مما،‏ بىرمۇ كىشى ھە‌قىقە‌تنى قوبۇ‌ل قىلمىغان.‏ ئۇ شۇ‌نداق يازغان:‏ «بە‌زىلە‌ر قارىماققا ھە‌قىقە‌تكە قارشى چىقتى،‏ بىراق كۆپىنچىلىرى ھە‌تتا قۇ‌لاق سېلىپ بېقىشقىمۇ قىزىقمىغان».‏ گە‌رچە گىلىئاد مە‌كتىپىنى تاماملىغان ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چىلار ياردە‌مگە كە‌لگە‌ن بولسىمۇ،‏ شۇ‌نىڭدىن 9 يىل ئۆتۈپ،‏ بە‌زى ئىسلاندىيىلىكلە‌ر يە‌ھۋاغا ئۆزىنى بېغىشلاپ،‏ سۇ‌غا چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتكە‌ن.‏

4.‏ كىشىلە‌ر ئېيتىۋاتقان خۇ‌ش خە‌ۋىرىمىزگە قۇ‌لاق سالمىسا،‏ قانداق ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌دا بولۇ‌شىمىز مۇ‌مكىن؟‏

4 باشقىلار ئېيتىۋاتقان خۇ‌ش خە‌ۋىرىمىزگە قىزىقمىغاندا ئۈمىدسىزلىنىپ كېتىمىز.‏ شۇ‌نداق ۋە‌زىيە‌تتە ئۆزۈمىزنى پاۋلۇ‌سقا ئوخشاش ھېس قىلىشىمىز مۇ‌مكىن.‏ كۆپىنچە يە‌ھۇ‌دىيلار ئە‌يسانى مە‌سىھ سۈپىتىدە قوبۇ‌ل قىلىشنى رە‌ت قىلغاندا،‏ پاۋلۇ‌س شۇ‌نداق سۆزلە‌رنى قىلغان:‏ «كۆڭلۈمدە غە‌م-‏قايغۇ‌لار كۆپ ۋە تۈگىمە‌س دە‌ردىم بار» (‏رىملىقلار 9:‏1–‏3‏)‏.‏ بە‌لكىم،‏ سىز بىرى بىلە‌ن مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب تە‌تقىق ئۆگىنىشىنى ئۆتكۈزۈۋاتىسىز.‏ شۇ ئۆگىنىۋاتقان كىشى ئۈچۈن دۇ‌ئا قىلدىڭىز ۋە ئۇ‌نىڭغا ياخشىراق تە‌لىم بېرىش ئۈچۈن كۆپ تىرىشچانلىق كۆرسە‌تتىڭىز.‏ بىراق،‏ ئۇ ئۆگە‌نگە‌نلىرىنى ئە‌مە‌لىي تۇ‌رمۇ‌شىدا قوللانماي،‏ ئۇ‌نىڭ بىلە‌ن ئۆتكۈزىۋاتقان ئۆگىنىشنى توختىتىشىڭىزغا توغرا كە‌لگە‌ندۇ ياكى ھازىرغىچە ھېچبىر كىشىنىڭ سۇ‌غا چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتۈشىگە شە‌خسە‌ن ياردە‌م قىلىپ باقمىغانسىز.‏ بۇ يە‌ھۋانىڭ ۋە‌ز خىزمىتىڭىزدىن خۇ‌رسە‌ن ئە‌مە‌سلىكىنى كۆرسىتە‌مدۇ؟‏ ياق.‏ ۋە‌ز خىزمىتىمىزنىڭ ئۇ‌تۇ‌قلۇ‌ق بولغانلىقىنى نېمە كۆرسىتىدۇ؟‏ باشقىلارغا ۋە‌ز ئېيتقاندا،‏ چوقۇ‌م نېمىگە تە‌ييار بولۇ‌شىمىز كېرە‌ك؟‏ بۇ ماقالىدە،‏ مۇ‌شۇ ئىككى سولغا جاۋاب تاپىمىز.‏

ۋە‌ز خىزمىتىمىزنىڭ ئۇ‌تۇ‌قلۇ‌ق بولغانلىقىنى نېمە كۆرسىتىدۇ؟‏

5.‏ نېمە ئۈچۈن يە‌ھۋانىڭ ئىرادىسىنى ئورۇ‌نلاش ئۈچۈن قىلغان ئىشلىرىمىز ھە‌مىشە بىز ئۈمىد قىلغاندە‌ك بولماسلىقى مۇ‌مكىن؟‏

5 مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب،‏ خۇ‌دانىڭ ئىرادىسىنى ئورۇ‌نلىغانلارنىڭ «قىلغان ھە‌ممە ئىشلىرى ئوڭۇ‌شلۇ‌ق بولار»،‏—‏ دە‌يدۇ (‏زە‌بۇ‌ر 1:‏3‏)‏.‏ بىراق،‏ بۇ ھە‌رگىزمۇ يە‌ھۋانىڭ ئىرادىسىنى ئورۇ‌نلاش ئۈچۈن قىلغان ھە‌ر بىر ئىشىمىز،‏ بىز ئۈمىد قىلغاندە‌ك ئوڭۇ‌شلۇ‌ق بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرمە‌يدۇ.‏ بىز ئۆزىمىز ۋە ئە‌تراپىمىزدىكى كىشىلە‌ر نامۇ‌كە‌ممە‌ل بولغانلىقى سە‌ۋە‌بلىك،‏ ھاياتىمىز «جاپا-‏مۇ‌شە‌ققە‌تكە تولغان» (‏ئايۇ‌پ 14:‏1‏)‏.‏ بۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ بە‌لكىم قارشى چىققۇ‌چىلار بە‌زىدە ۋە‌ز خىزمىتىمىزنى توختىتىپ قويۇ‌شى مۇ‌مكىن (‏1-‏كورىنت.‏ 16:‏9؛‏ 1-‏سالونىكا.‏ 2:‏18‏)‏.‏ ئۇ‌نداقتا،‏ يە‌ھۋا مۇ‌ۋە‌پپە‌قىيە‌ت قازانغانلىقىمىزنى قانداق باھالايدۇ؟‏ مۇ‌شۇ سوئالغا جاۋاب بېرىشىمىزگە ياردە‌م بېرىدىغان مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى بە‌زى پرىنسىپلارنى كۆرۈپ باقايلى.‏

يۈزمۇ-‏يۈز سۆھبە‌تلىشىش،‏ خە‌ت يېزىش ياكى تېلېفون قىلىش بولسۇ‌ن،‏ قانداق ئۇ‌سۇ‌لدا ۋە‌ز قىلىشىمىزدىن قە‌تئىينە‌زە‌ر،‏ يە‌ھۋا كۆرسە‌تكە‌ن تىرىشچانلىقىمىزنى قە‌دىرلە‌يدۇ.‏ (‏6-‏ئابزاسقا قاراڭ)‏

6.‏ قىلغان خىزمىتىمىزنىڭ مۇ‌ۋە‌پپە‌قىيە‌تلىك بولغان-‏بولمىغانلىقىنى،‏ يە‌ھۋا قانداق باھالايدۇ؟‏

6 يە‌ھۋا كۈچىمىزنىڭ يېتىشىچە ئۇ‌نىڭغا خىزمە‌ت قىلىۋاتقانلىقىمىزنى ۋە بە‌ل قويۇ‌ۋە‌تمە‌ي داۋاملىق تىرىشىۋاتقانلىقىمىزنى كۆرۈپ تۇ‌رىدۇ.‏ ئېيتقان خە‌ۋىرىمىزگە باشقىلارنىڭ قانداق ئىنكاس قايتۇ‌رۇ‌شىدىن قە‌تئىي نە‌زە‌ر قىزغىنلىق بىلە‌ن ۋە‌ز قىلىمىز،‏ چۈنكى بىز يە‌ھۋانى چىن قە‌لبىمىزدىن سۆيىمىز.‏ شۇ‌نداق قىلساق،‏ يە‌ھۋانىڭ نە‌زە‌رىدە مۇ‌ۋە‌پپە‌قىيە‌ت قازانغان بولىمىز.‏ پاۋلۇ‌س شۇ‌نداق يازغان:‏ «چۈنكى،‏ خۇ‌دا ئادالە‌تسىز ئە‌مە‌س،‏ ئۇ سىلە‌رنىڭ ئۆتمۈشتە ۋە ھازىر مۇ‌قە‌ددە‌س كىشىلە‌رگە خىزمە‌ت قىلىپ،‏ ئۇ‌نىڭ ئىسىمى ئۈچۈن كۆرسە‌تكە‌ن سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببىتىڭلارنى ۋە قىلغان ئىشلىرىڭلارنى ئۇ‌نتۇ‌مايدۇ» (‏ئىبرانىي.‏ 6:‏10‏)‏.‏ بىز ھە‌تتا كۆپ تىرىشچانلىق كۆرسە‌تكە‌ن بولساقمۇ،‏ بىر كىشى مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ئۆگىنىپ چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتمىگە‌ن بولسىمۇ،‏ ياراتقۇ‌چىمىز سىڭدۈرگە‌ن ئە‌جىرىمىزنى ۋە كۆرسە‌تكە‌ن سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببىتىمىزنى ئېسىدە ساقلايدۇ.‏ سىڭدۈرگە‌ن ئە‌جىر-‏مېھنىتىمىزنىڭ كۈتكە‌ندە‌ك نە‌تىجىسى بولمىسا،‏ پاۋلۇ‌سنىڭ مۇ‌نۇ سۆزى بىزگە تە‌سە‌للى بېرىدۇ:‏ «رە‌ببىمىزنىڭ يولىدا قىلغان ئە‌جىر-‏مېھنىتىڭلار بېھۇ‌دە كە‌تمە‌يدۇ».‏—‏1-‏كورىنت.‏ 15:‏58‏.‏

7.‏ پاۋلۇ‌سنىڭ ئۆز ۋە‌ز خىزمىتى ھە‌ققىدە ئېيتقانلىرىدىن نېمىنى ئۆگىنە‌لە‌يمىز؟‏

7 ئە‌لچى پاۋلۇ‌س ماھىر بىر ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چى بولغان.‏ ئۇ نۇ‌رغۇ‌نلىغان شە‌ھە‌رلە‌ردە يېڭى جامائە‌تلە‌رنى قۇ‌رغان.‏ بىراق،‏ بە‌زىلە‌ر ئۇ‌نى ياخشى تە‌لىم بە‌رگۈچى ئە‌مە‌س دە‌پ ئە‌يىبلىگە‌ندە،‏ ئۇ ئۆزى قانچىلىك ئادە‌منىڭ ئە‌يسانىڭ شاگىرتى بولۇ‌شىغا ياردە‌م بە‌رگە‌نلىكىنى تىلغا ئالمىغان.‏ ئە‌كسىنچە،‏ ئۇ ئاشۇ كىشىلە‌رنىڭ ئۆزىنى پاۋلۇ‌ستىن يۇ‌قىرى قويۇ‌شقا تىرىشقاندا،‏ ئۇ‌لارغا ھە‌دىيە بېرىپ،‏ شۇ‌نداق سۆزلە‌رنى يازغان:‏ «ئۇ‌لاردىن كۆپرە‌ك خىزمە‌ت قىلدىم» (‏2-‏كورىنت.‏ 11:‏23‏)‏.‏ خۇ‌ددى پاۋلۇ‌ستە‌ك،‏ چوقۇ‌م شۇ‌نى ئە‌ستە ساقلىشىمىز كېرە‌ككى،‏ يە‌ھۋا ئۈچۈن ئە‌ڭ مۇ‌ھىمى،‏ بىز بە‌ل قويۇ‌ۋە‌تمە‌ي،‏ داۋاملىق تىرىشىپ ئۇ‌نىڭغا خىزمە‌ت قىلىشىمىز كېرە‌ك.‏

8.‏ ۋە‌ز خىزمىتىمىزدە،‏ چوقۇ‌م نېمىنى ئە‌ستە ساقلىشىمىز كېرە‌ك؟‏

8 يە‌ھۋا ۋە‌ز خىزمىتىمىزدىن سۆيىنىدۇ.‏ ئە‌يسا 70 شاگىرتىنى پادىشاھلىق خۇ‌ش خە‌ۋىرىنى يە‌تكۈزۈشكە ئە‌ۋە‌تكە‌ن،‏ ئۇ‌لار خۇ‌شال-‏خۇ‌رام قايتىپ كە‌لگە‌نىدى.‏ ئۇ‌لارنىڭ شۇ‌نداق خۇ‌شال بولۇ‌شىغا نېمە سە‌ۋە‌ب بولغان؟‏ ئۇ‌لار شۇ‌نداق دېگە‌ن:‏ «سىزنىڭ ئىسىمىڭىزنى تىلغا ئالساق،‏ ھە‌تتا جىنلارمۇ بىزگە بويسۇ‌ندى».‏ بىراق،‏ ئە‌يسا ئۇ‌لارنىڭ ئوي-‏پىكىرىنى تۈزىتىپ شۇ‌نداق دېگە‌ن:‏ «لېكىن،‏ سىلە‌ر جىنلارنىڭ بويسۇ‌نغانلىقى بىلە‌ن خۇ‌شال بولۇ‌پ كە‌تمە‌ڭلار،‏ بە‌لكى ئىسىمىڭلارنىڭ ئاسماندا يېزىلغانلىقى بىلە‌ن خۇ‌شال بولۇ‌ڭلار» (‏لۇ‌قا 10:‏17—‏20‏)‏.‏ ئە‌يسا شاگىرتلىرىنىڭ ۋە‌ز خىزمە‌تتە ھە‌ر دائىم شۇ‌نداق خۇ‌شاللىق تاپالمايدىغانلىقىنى بىلگە‌ن.‏ ئە‌مە‌لىيە‌تتە،‏ بىز دە‌سلە‌پتە خۇ‌ش خە‌ۋە‌رگە قۇ‌لاق سالغانلاردىن قانچىسى ئە‌يسانىڭ شاگىرتى بولىدىغانلىقىنى بىلمە‌يمىز.‏ شاگىرتلار شۇ‌نى چۈشۈنۈپ يېتىشى كېرە‌ك بولغان،‏ يە‌نى ئۇ‌لار يە‌تكۈزگە‌ن خە‌ۋە‌رگە كىشىلە‌رنىڭ قۇ‌لاق سېلىشى خۇ‌شاللىق تېپىشنىڭ يالغۇ‌زلا يولى ئە‌مە‌س ئىدى.‏ بە‌لكى،‏ يە‌ھۋانىڭ ئىرادىسىنى ئورۇ‌نلاش ئۈچۈن كۆرسە‌تكە‌ن تىرىشچانلىقىدىن،‏ ئۇ‌نىڭ ئىنتايىن مە‌منۇ‌ن ئىكە‌نلىكىنى بىلىش،‏ ئۇ‌لارغا زور خۇ‌شاللىق ئېلىپ كېلە‌لە‌يتتى.‏

9.‏ گالاتىيالىقلار 6:‏7—‏9-‏ئايە‌تلە‌رگە ئاساسلانغاندا،‏ ئە‌گە‌ر ۋە‌ز خىزمە‌تتە بە‌ل قويۇ‌ۋە‌تمىسە‌ك،‏ نە‌تىجىدە نېمىگە ئېرىشىمىز؟‏

9 ئە‌گە‌ر بىز ۋە‌ز خىزمە‌تتە بە‌ل قويۇ‌ۋە‌تمىسە‌ك،‏ مە‌ڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشىمىز.‏ چىن قە‌لبىمىزدىن،‏ قىزغىنلىق بىلە‌ن پادىشاھلىق ھە‌قىقە‌ت ئۇ‌رۇ‌قىنى تېرىپ،‏ پە‌رۋىش قىلغىنىمىزدا،‏ يە‌ھۋانىڭ روھىنىڭ ھاياتىمىزغا تە‌سىر قىلىشىغا يول قويۇ‌پ،‏ روھقا تېرىغان بولىمىز.‏ بىر كىشىنىڭ سۇ‌غا چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتۈپ،‏ يېڭى شاگىرت بولۇ‌شىغا ياردە‌م بە‌رگە‌ن بولايلى-‏بولمايلى،‏ داۋاملىق بە‌ل قويۋە‌تمە‌ي ياكى بوشاشماي ۋە‌ز خىزمە‌تنى داۋاملاشتۇ‌رساق،‏ يە‌ھۋا ۋە‌دە قىلغان مە‌ڭگۈلۈك ھاياتلىق ھوسۇ‌لىنى يىغىمىز.‏—‏گالاتىيالىقلار 6:‏7—‏9-‏نى ئوقۇ‌ڭ.‏

باشقىلارغا ۋە‌ز ئېيتقاندا،‏ نېمىگە تە‌ييار بولۇ‌شىمىز كېرە‌ك؟‏

10.‏ ئادە‌ملە‌رنىڭ خۇ‌ش خە‌ۋە‌رنى قوبۇ‌ل قىلىش-‏قىلماسلىقى نېمىگە باغلىق؟‏

10 ئادە‌ملە‌رنىڭ خۇ‌ش خە‌ۋە‌رنى قوبۇ‌ل قىلىش-‏قىلماسلىقى ئۇ‌لارنىڭ يۈرىكىنىڭ قانداق ئىكە‌نلىكىگە باغلىق.‏ ئە‌يسا بۇ ھە‌قىقە‌تنى چۈشە‌ندۈرۈش ئۈچۈن،‏ ئۇ‌رۇ‌ق چاچقۇ‌چى ھە‌ققىدىكى تە‌مسىلنى ئېيتىپ بە‌رگە‌ن.‏ ئۇ‌رۇ‌ق چاچقۇ‌چى ئوخشىمايدىغان ھە‌رخىل يە‌رگە ئۇ‌رۇ‌ق چاچقان،‏ پە‌قە‌ت بىر يە‌ر مول ھوسۇ‌لنى بە‌رگە‌ن (‏لۇ‌قا 8:‏5—‏8‏)‏.‏ ئە‌يسا ئېيتقاندە‌ك،‏ ھە‌رخىل يە‌ر خۇ‌دانىڭ سۆزىگە ئوخشىمايدىغان ئىنكاسلارنى قايتۇ‌رغان كىشىلە‌رنىڭ يۈرىكىگە تە‌مسىل قىلىنغان (‏لۇ‌قا 8:‏11—‏15‏)‏.‏ خۇ‌ددى شۇ ئۇ‌رۇ‌ق چاچقۇ‌چىدە‌ك،‏ ئۆز خىزمىتىمىزنىڭ قانداق نە‌تىجە بېرىشىنى،‏ بىز قارار قىلالمايمىز.‏ سە‌ۋە‌بى،‏ ئۇ كىشىلە‌رنىڭ يۈرىكىنىڭ قانداق بولۇ‌شىغا باغلىق.‏ ئە‌لچى پاۋلۇ‌س ئېيتقاندە‌ك:‏ ھە‌ر بىر كىشى ئۆز ئە‌مگىكىنىڭ نە‌تىجىسىگە ئە‌مە‌س،‏ بە‌لكى قىلغان ئە‌مگىكىگە قاراپ،‏ مۇ‌كاپاتقا ئېرىشىدۇ.‏—‏1-‏كورىنت.‏ 3:‏8‏.‏

گە‌رچە نۇ‌ھ ئۇ‌زۇ‌ن يىللار سادىقلىق بىلە‌ن ۋە‌ز قىلغان بولسىمۇ،‏ كېمىگە ئۇ‌نىڭ ئائىلىسىدىن باشقا ھېچكىم كىرمىگە‌ن.‏ ئە‌مما،‏ ئۇ يە‌ھۋاغا ئىشە‌نچ قىلغان ۋە خۇ‌دا تاپشۇ‌رغان ۋە‌زىپىنى ئورۇ‌نلىغان (‏11-‏ئابزاسىغا قاراڭ)‏

11.‏ ئادە‌ملە‌ر نۇ‌ھنىڭ سۆزىگە قۇ‌لاق سالمىغان بولسىمۇ،‏ يە‌ھۋا نېمە ئۈچۈن نۇ‌ھتىن خۇ‌رسە‌ن بولغان؟‏ (‏مۇ‌قاۋىدىكى رە‌سىمگە قاراڭ)‏

11 قە‌دىمدىن بۇ‌يان،‏ يە‌ھۋانىڭ نۇ‌رغۇ‌ن خىزمە‌تچىلىرى قۇ‌لاق سالمىغان كىشىلە‌رگە ۋە‌ز قىلىپ كە‌لگە‌ن.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ نۇ‌ھ تە‌خمىنە‌ن 40 ياكى 50 يىلچە كىشىلە‌رنى ھە‌قىقە‌تكە دە‌ۋە‌ت قىلغان (‏2-‏پېتر.‏ 2:‏5‏)‏.‏ شە‌ك-‏شۈبھىسىزكى،‏ ئۇ ئۆزى يە‌تكۈزگە‌ن خە‌ۋە‌رگە باشقىلارنىڭ قۇ‌لاق سېلىشىنى بە‌ك ئارزۇ قىلغان.‏ بىراق،‏ يە‌ھۋا كىشىلە‌رنى قۇ‌لاق سالىدۇ،‏ دە‌پ ئېيتمىغانىدى.‏ ئە‌كسىنچە،‏ ئۇ نۇ‌ھقا كېمە ياساشنى بۇ‌يرۇ‌پ،‏ شۇ‌نداق دېگە‌ن:‏ «سە‌ن،‏ ئوغۇ‌للىرىڭ،‏ ئايالىڭ،‏ ئوغۇ‌للىرىڭنىڭ ئاياللىرى بىرگە كېمىگە كىرىڭلار» (‏يارىت.‏ 6:‏18‏)‏.‏ يە‌ھۋا نۇ‌ھقا كېمىنىڭ چوڭ-‏كىچىكلىكى ھە‌ققىدە ئېيتقاندا،‏ نۇ‌ھ بە‌لكىم ئۇ‌نىڭ سۆزىگە قۇ‌لاق سالىدىغانلارنىڭ كۆپ بولمايدىغانلىقىنى چۈشىنىپ يە‌تكە‌ن،‏ چۈنكى كېمىدە ئارتۇ‌ق ئورۇ‌ن يوق ئىدى (‏يارىت.‏ 6:‏15‏)‏.‏ بىز بىلگە‌ندە‌ك،‏ ئۇ‌نىڭ سۆزىگە ئائىلىسىكىلە‌ردىن باشقا ھېچكىم قۇ‌لاق سالمىغان (‏يارىت.‏ 7:‏7‏)‏.‏ نۇ‌ھنىڭ ۋە‌ز خىزمىتىنى،‏ يە‌ھۋا نە‌تىجىسىز بولغان دە‌پ قارىغانمۇ؟‏ ئە‌لۋە‌تتە،‏ ياق!‏ ئۇ‌نىڭ نە‌زە‌رىدە نۇ‌ھ مۇ‌ۋە‌پپە‌قىيە‌تلىك ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چى بولغان.‏ سە‌ۋە‌بى،‏ يە‌ھۋانىڭ ئېيتقانلىرىنى نۇ‌ھ سادىقلىق بىلە‌ن ئورۇ‌نلىغانىدى.‏—‏يارىت.‏ 6:‏22‏.‏

12.‏ كىشىلە‌ر يە‌رە‌مىيا يە‌تكۈزگە‌ن خە‌ۋە‌رگە قۇ‌لاق سالمىغان،‏ ھە‌تتا قارشى چىققان بولسىمۇ،‏ ئۇ خۇ‌شاللىق تېپىش ئۈچۈن نېمە قىلغان؟‏

12 يە‌نە شۇ‌نىڭدە‌ك،‏ يە‌رە‌مىيا پە‌يغە‌مبە‌ر يە‌تكۈزگە‌ن خە‌ۋىرىگە ئادە‌ملە‌رنىڭ قۇ‌لاق سالمىغانلىقى،‏ ھە‌تتا قارشى چىقىشىغا قارىماي،‏ تە‌خمىنە‌ن 40 يىلدىن كۆپرە‌ك ۋە‌ز قىلغان.‏ شۇ قارشى چىققۇ‌چىلارنىڭ مە‌سخىرە قىلىپ كە‌مسىتىشى سە‌ۋە‌بلىك،‏ ئۇ ئىنتايىن ئۈمىدسىزلە‌نگە‌نكى،‏ ھە‌تتا ئۆز ۋە‌زىپىسىدىن ۋاز كېچىشنى ئويلىغانىدى (‏يە‌رە‌م.‏ 20:‏8،‏ 9‏)‏.‏ بىراق،‏ يە‌رە‌مىيا ھە‌رگىز بە‌ل قويۇ‌ۋە‌تمىگە‌ن!‏ ئۇ‌نىڭ سە‌لبىي ئوي-‏پىكىرلە‌رگە قارشى تۇ‌رۇ‌پ،‏ ۋە‌ز خىزمىتىدە خۇ‌شاللىق تېپىشىغا نېمە ياردە‌م بە‌رگە‌ن؟‏ يە‌رە‌مىيا ئىككى مۇ‌ھىم نە‌رسىنى ئېسىدە چىڭ تۇ‌تقان.‏ بىرىنچىسى،‏ ئۇ ئارزۇ-‏ئۈمىدكە تولغان كە‌لگۈسى ھە‌ققىدىكى خۇ‌دانىڭ خە‌ۋىرىنى كىشىلە‌رگە يە‌تكۈزۈۋاتىدۇ (‏يە‌رە‌م.‏ 29:‏11‏)‏.‏ ئىككىنچىسى،‏ يە‌ھۋا بۇ خە‌ۋە‌رنى ئۆز خە‌لقىگە يە‌تكۈزۈش ئۈچۈن ئۇ‌نى تاللىدى (‏يە‌رە‌م.‏ 15:‏16‏)‏.‏ بىزمۇ بۇ دۇ‌نيا كىشىلىرىگە ئۈمىد بېرىدىغان خە‌ۋە‌رنى يە‌تكۈزۈۋاتىمىز ۋە ئۇ‌نىڭ گۇ‌ۋاھچىسى سۈپىتىدە يە‌ھۋانىڭ ئىسىمىنى ئىنسانلارغا بىلدۈرۈۋاتىمىز.‏ بىز پۈتۈن دىققىتىمىزنى مۇ‌شۇ ئىككى مۇ‌ھىم نە‌رسىگە قاراتساق،‏ يە‌تكۈزۈۋاتقان خە‌ۋىرىمىزگە باشقىلار قانداق ئىنكاس قايتۇ‌رۇ‌شتىن قە‌تئىينە‌زە‌ر،‏ خۇ‌شاللىق تاپالايمىز.‏

13.‏ ماركۇ‌س 4:‏26—‏29-‏ئايە‌تلە‌ردىكى‏،‏ ئە‌يسانىڭ تە‌مسىلىدىن نېمىنى ئۆگىنىمىز؟‏

13 روھىي جە‌ھە‌تتىن ئۆسۈش ئاستا-‏ئاستا بولىدۇ.‏ ئە‌يسا بۇ ھە‌قىقە‌تنى چۈشە‌ندۈرۈش ئۈچۈن،‏ ئۇ‌خلاۋاتقان ئۇ‌رۇ‌ق چاچقۇ‌چى ھە‌ققىدە تە‌مسىل ئېيتىپ بە‌رگە‌ن ‏(‏ماركۇ‌س 4:‏26—‏29-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ ئۇ‌رۇ‌ق چاچقۇ‌چى ئۇ‌رۇ‌قلىرىنى چاچقاندىن كېيىن،‏ ئاشۇ ئۇ‌رۇ‌قلار ئاستا-‏ئاستا ئۆسىدۇ.‏ ئۇ‌رۇ‌ق چاچقۇ‌چى ئۇ‌نى تېزراق ئۆستۈرۈش ئۈچۈن ھېچ قىلالمايدۇ.‏ خۇ‌ددى شۇ ئۇ‌رۇ‌ق چاچقۇ‌چىغا ئوخشاش،‏ سىزمۇ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ئۆگىنىۋاتقان كىشىلە‌رنىڭ روھىي جە‌ھە‌تتىن ئۆسۈشىنى كۆرۈشتىن ئىلگىرى،‏ بىر مە‌زگىل كۈتۈشىڭىزگە توغرا كېلىدۇ.‏ خۇ‌ددى بىر دېھقان ئۆسۈملۈكلە‌رنى ئۆزى ئۈمىد قىلغاندە‌ك تېز ئۆستۈرە‌لمىگە‌نگە ئوخشاش،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى بىز بىلە‌ن ئۆگىنىۋاتقانلارمۇ،‏ بىز ئۈمىد قىلىۋاتقاندە‌ك روھىي جە‌ھە‌تتىن تېز ئۆسمە‌سلىكى مۇ‌مكىن.‏ شۇ‌ڭا،‏ ئۇ‌لارنىڭ روھىي جە‌ھە‌تتىن ئۆسۈشىگە،‏ سىز ئۈمىد قىلغاندىنمۇ كۆپرە‌ك ۋاقىت كە‌تسە،‏ ھە‌رگىز ئۈمىدسىزلە‌نمە‌ڭ ياكى ۋاز كە‌چمە‌ڭ.‏ خۇ‌ددى دېھقانچىلىق ئىشلىرىغا ئوخشاش،‏ شاگىرتلارنى تە‌ييارلاش ئىشىمۇ سە‌ۋر-‏تاقە‌تنى تە‌لە‌پ قىلىدۇ.‏—‏ياقۇ‌پ 5:‏7،‏ 8‏.‏

14.‏ كىشىلە‌ر خۇ‌ش خە‌ۋە‌رگە قۇ‌لاق سېلىشتىن بۇ‌رۇ‌ن،‏ بىر مە‌زگىل كۈتۈشكە توغرا كېلىدىغانلىقىنى قايسى مىسال كۆرسىتىدۇ؟‏

14 بە‌زى رايونلاردا،‏ بىر كىشىنىڭ چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتۈشىنى بىر قانچە يىللار كۈتۈشكە توغرا كېلىدۇ.‏ 1959-‏يىلى،‏ كانادانىڭ كۋېبېك ئۆلكىسىدىكى كىچىك بىر شە‌ھە‌ر-‏بازىرىغا پىدائىي ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چى بولۇ‌شقا تە‌يىنلە‌نگە‌ن گلادېس ۋە رۇ‌بې ئالېن ئىسىملىك قېرىنداشلارنىڭ مىسالىنى كۆرۈپ باقايلى.‏ مە‌ھە‌للىدىكىلە‌رنىڭ بېسىمى ۋە كاتولىك چىركاۋسىنىڭ تە‌سىرىدە،‏ ئادە‌ملە‌ر پادىشاھلىق خۇ‌ش خە‌ۋىرىگە قۇ‌لاق سېلىشنى خالىمىغانىدى.‏ گلادېس ئە‌سلە‌پ شۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «بىز ھە‌ر كۈنى 8 سائە‌ت ئىشىك قېقىپ،‏ ئىككى يىلچە خۇ‌ش خە‌ۋە‌ر ئېيتقان بولساقمۇ،‏ ھېچ بىر كىشى ئىشىكىنى ئاشمىغان.‏ كىشىلە‌ر ئىشىكى ئالدىغا كېلىپ بىزنى كۆرگە‌ندە،‏ ئىشىكىنى ئاچماي ئارقىسىغا قايتىپ كېتە‌تتى.‏ بىراق،‏ بىز ۋاز كە‌چمىدۇ‌ق!‏».‏ ۋاقىت ئۆتۈپ،‏ ئادە‌ملە‌رنىڭ كۆزقارىشى ئۆزگىرىپ،‏ شۇ كىچىك شە‌ھە‌ردىكى ئادە‌ملە‌ر خۇ‌ش خە‌ۋە‌رگە قۇ‌لاق سېلىشقا باشلىغان.‏ ھازىر شۇ يە‌ردە ئۈچ جامائە‌ت بار.‏—‏يە‌شايا 60:‏22‏.‏

15.‏ 1-‏كورىنتلىقلار 3:‏6،‏ 7-‏ئايە‌تلە‌ردىن‏،‏ شاگىرت تە‌ييارلاش ئىشى ھە‌ققىدە نېمىنى ئۆگىنە‌لە‌يمىز؟‏

15 شاگىرت تە‌ييارلاش ئىشى جامائە‌تنىڭ ئىشىدۇ‌ر.‏ بىر كىشىنىڭ سۇ‌غا چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتۈشىگە ياردە‌م بېرىش ئۈچۈن،‏ جامائە‌تتىكى ھە‌ر بىر كىشى ئۆز ھە‌سسىسىنى قوشالايدۇ ‏(‏1-‏كورىنتلىقلار 3:‏6،‏ 7-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ بىر ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چى قىزىقىش كۆرسە‌تكە‌ن كىشىگە بىر ۋاراقچە ياكى ژۇ‌رنالنى قالدۇ‌رغان.‏ كېيىن،‏ ئۆزىنىڭ ۋاقتى چىقماي،‏ ئۇ باشقا قېرىنداشلاردىن قىزىققۇ‌چىنى قايتا يوقلاشقا بېرىپ-‏كېلىشنى سورىغان.‏ شۇ بارغان قېرىنداش قىزىققۇ‌چى بىلە‌ن مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب تە‌تقىق ئۆگىنىشىنى باشلىغان.‏ كېيىن،‏ ئۇ جامائە‌تتىكى خېلى كۆپ قېرىنداشلارنى ئۆگىنىشىگە قاتنىشىشقا تە‌كلىپ قىلغان.‏ ئۆگىنىشكە قاتناشقان ھە‌ر بىرى تۈرلۈك يوللار بىلە‌ن شۇ ئۆگە‌نگۈچىگە ئىلھام بە‌رگە‌ن.‏ ئاشۇ ئۆگىنىشكە قاتناشقان ھە‌ر بىر قېرىنداش ھە‌قىقە‌ت ئۇ‌رۇ‌قىنىڭ سۇ‌غۇ‌رلۇ‌شىغا ياردە‌م بېرىدۇ.‏ شۇ ئۇ‌سۇ‌لدا،‏ بىر كىشى چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتكە‌ندە،‏ ئۇ‌رۇ‌ق چاچقۇ‌چى ۋە ھوسۇ‌ل يىققۇ‌چىلار ئۆزلىرى سىڭدۈرگە‌ن ئە‌جىر-‏مېھنە‌ت ئۈچۈن خۇ‌شال بولۇ‌شىدۇ.‏—‏يۇ‌ھاننا 4:‏35—‏38‏.‏

16.‏ ئە‌گە‌ر تە‌ن-‏سالامە‌تلىكىڭىز ياخشى بولماي ياكى كۈچ ماغدۇ‌رسىز بولسىڭىزمۇ،‏ نېمە ئۈچۈن ۋە‌ز خىزمە‌تتە خۇ‌شاللىق تاپالايسىز؟‏

16 ئە‌گە‌ر سالامە‌تلىكىڭىز ياخشى بولماي ياكى دائىم كۈچ ماغدۇ‌رسىز بولغاچ،‏ ۋە‌ز قىلىش ۋە تە‌لىم بېرىش خىزمىتىنى ئىلگىرىكىدە‌ك قىلالمىسىڭىزچۇ؟‏ روھىي مول ھوسۇ‌ل يىغىش ئىشىدا،‏ سىز يە‌نىلا ئۆز ھە‌سسىڭىزنى قوشالايسىز.‏ پادىشاھ داۋۇ‌تنىڭ مىسالىنى ئويلاپ كۆرە‌يلى.‏ ئۇ ۋە ئۇ‌نىڭ ئادە‌ملىرى ئامالە‌كلە‌رنىڭ قولىدىن ئۆز ئائىلىسىدىكىلە‌رنى قۇ‌تقۇ‌زۇ‌پ،‏ بۇ‌لاپ كېتىلگە‌ن مال-‏مۈلۈكلە‌رنى قايتۇ‌رۇ‌پ كە‌لگە‌ن.‏ 200 كىشى ھېرىپ ھالىدىن كە‌تكە‌چ،‏ جە‌ڭگە بارماي كۆپچىلىكنىڭ قالغان نە‌رسە-‏كېرە‌كلىرىنى ساقلاپ تۇ‌رغان.‏ جە‌ڭدە غە‌لبە قىلىپ،‏ قايتىپ كە‌لگە‌ندىن كېيىن،‏ داۋۇ‌ت جە‌ڭ ئولجىسىنى ھە‌ممىسى بىلە‌ن تە‌ڭ بۆلۈشۈشنى بۇ‌يرىغان (‏1-‏سام.‏ 30:‏21–‏25‏)‏.‏ بۇ مىسال بىزگە دۇ‌نيا يۈزلۈك شاگىرت تە‌ييارلاش ئىشى ھە‌ققىدە بە‌زى نە‌رسىلە‌رنى ئۆگىتىدۇ.‏ بىز ۋە‌ز ئېيتىش ۋە تە‌لىم بېرىش خىزمىتىدە قولىمىزدىن كېلىشىچە ئۆز ھە‌سسىمىزنى قوشساق،‏ ھە‌ر قېتىم يېڭى بىر كىشى يە‌ھۋانى تونۇ‌پ،‏ سۇ‌غا چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتكە‌ندە،‏ ھە‌ممىمىز ئاشۇ خۇ‌شاللىقتىن ئورتاق بە‌ھرىمە‌ن بولىمىز.‏

17.‏ نېمە ئۈچۈن يە‌ھۋاغا مىننە‌تدار بولۇ‌شىمىز كېرە‌ك؟‏

17 بىزنىڭ يە‌ھۋاغا قىلغان خىزمىتىمىزدىن،‏ ئۇ بە‌ك سۆيىنىدۇ.‏ بۇ‌نىڭ ئۈچۈن ئۇ‌نىڭغا مىننە‌تدارمىز.‏ يە‌ھۋا شۇ‌نى بىلىدۇ‌كى،‏ بىز باشقىلارنى يە‌تكۈزۈۋاتقان خە‌ۋىرىمىزگە قۇ‌لاق سېلىشقا ۋە ئۇ‌نىڭغا ئىبادە‌ت قىلىشقا مە‌جبۇ‌رلىيالمايمىز.‏ بىراق،‏ ئۇ‌نىڭ خىزمىتىمىزنى قىلىش ئۈچۈن قانچىلىك تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقىنىمىزنى ۋە ئۇ‌نى بە‌ك ياخشى كۆرىدىغانلىقىمىزنى،‏ ئۇ كۆرۈپ تۇ‌رىدۇ ھە‌م بىزنى مۇ‌كاپاتلايدۇ.‏ ئۇ يە‌نە بىزگە،‏ قانداق قىلىپ كە‌ڭ كۆلە‌ملىك شاگىرت تە‌ييارلاش ئىشىدا خۇ‌شاللىق تاپالايدىغانلىقىمىزنى ئۆگىتىدۇ (‏يۇ‌ھاننا 14:‏12‏)‏.‏ ئە‌گە‌ر بە‌ل قويۇ‌ۋە‌تمىسە‌ك،‏ خۇ‌دانىڭ بىزدىن خۇ‌رسە‌ن بولىدىغانلىقىغا ئىشىنە‌لە‌يمىز.‏

47-‏ناخشا خۇ‌ش خە‌ۋە‌رنى جاكـارلا!‏

a ئادە‌ملە‌ر خۇ‌ش خە‌ۋە‌رگە قىزىقىش كۆرسىتىپ،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ئۆگىنىشنى باشلىسا،‏ بىز خۇ‌شال بولىمىز.‏ ئە‌مما،‏ شۇ‌نداق قىلمىسا،‏ ئۈمىدسىزلىنىپ كېتىمىز.‏ ئە‌گە‌ر سىز بىلە‌ن مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ئۆگىنىۋاتقان كىشى روھىي جە‌ھە‌تتىن ئالغا ئىلگىرىلىمىسىچۇ ياكى ئە‌گە‌ر سىز شە‌خسە‌ن تېخىغىچە بىر كىشىنىڭ سۇ‌غا چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتۈشىگە ياردە‌م بە‌رمىگە‌ن بولسىڭىزچۇ؟‏ بۇ يە‌ھۋاغا خىزمە‌ت قىلىش ئۈچۈن يېتە‌رلىك كۈچ چىقارمىغانلىقىڭىزنى بىلدۈرە‌مدۇ؟‏ نېمە ئۈچۈن ۋە‌ز خىزمىتىمىزدە مۇ‌ۋە‌پپە‌قىيە‌ت قازىنالايمىز ۋە باشقىلار خۇ‌ش خە‌ۋە‌رگە قۇ‌لاق سالسۇ‌ن-‏سالمىسۇ‌ن،‏ خۇ‌شاللىقىمىزنى قانداق ساقلىيالايمىز دېگە‌نلە‌رنى،‏ بۇ ماقالىدە مۇ‌ھاكىمە قىلىمىز.‏