مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

قايتا يە‌ھۋا بىلە‌ن دوستلۇ‌ق مۇ‌ناسىۋىتىڭىزنى تىكلە‌ڭ

قايتا يە‌ھۋا بىلە‌ن دوستلۇ‌ق مۇ‌ناسىۋىتىڭىزنى تىكلە‌ڭ

ھە‌ر يىلى قويلار كە‌بى نۇ‌رغۇ‌ن قە‌دىر-‏قىممە‌تلىك قېرىنداشلار مە‌سىھ جامائىتىگە قايتىپ كېلىۋاتىدۇ.‏ ھە‌ر بىرى قايتىپ كېلىمە‌ن دېگە‌ندە،‏ ئاسماندا قانچىلىك خۇ‌شاللىق بولىدىغانلىقىنى تە‌سە‌ۋۋۇ‌ر قىلىپ كۆرۈڭ (‏لۇ‌قا 15:‏7،‏ 10‏)‏.‏ شۇ‌نىڭغا قە‌تئىي ئىشىنىڭكى،‏ ئە‌گە‌ر سىز جامائە‌تكە قايتا قوبۇ‌ل قىلىنسىڭىز،‏ ئە‌يسا،‏ پە‌رىشتىلە‌ر،‏ يە‌ھۋا سىزنىڭ ھە‌قىقە‌ت يولىغا قايتىپ كە‌لگىنىڭىزنى كۆرگە‌ندە،‏ ئىنتايىن خۇ‌شال بولىدۇ.‏ بىراق،‏ قايتا يە‌ھۋا بىلە‌ن دوستلۇ‌ق مۇ‌ناسىۋىتىڭىزنى تىكلە‌ش جە‌ريانىدا،‏ بە‌زى قىيىنچىلىقلارغا دۇ‌چ كېلىشىڭىز مۇ‌مكىن.‏ ئۇ‌لارنى يېڭىشىڭىزغا نېمە ياردە‌م بېرىدۇ؟‏

قانداق قىيىنچىلىقلارغا دۇ‌چ كېلىشىڭىز مۇ‌مكىن؟‏

نۇ‌رغۇ‌ن قېرىنداشلار جامائە‌تكە قايتا كە‌لگە‌ندىن كېيىن،‏ سە‌لبىي ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌لىرى بىلە‌ن كۈرە‌ش قىلىدۇ.‏ بە‌لكىم،‏ پادىشاھ داۋۇ‌تنىڭ قانداق ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌دا بولغانلىقىنى بىلىسىز.‏ ھە‌تتا ئۇ‌نىڭ گۇ‌ناھى كە‌چۈرۈمگە ئېرىشكە‌ندىن كېيىنمۇ،‏ ئۇ‌نىڭ ئىلگىرىكى خاتالىقلىرى كۆڭلىنى بىئارام قىلغان (‏زە‌بۇ‌ر 40:‏12؛‏ 65:‏3‏)‏.‏ بىرى يە‌ھۋانىڭ ھە‌قىقە‌ت يولىغا قايتىپ كە‌لگە‌ندىن كېيىنمۇ،‏ ئۇ‌زۇ‌ن يىللارغىچە ۋىجدان ئازابى تارتىپ،‏ نومۇ‌س ھېس قىلىشى مۇ‌مكىن.‏ 20 يىلدىن كۆپرە‌ك جامائە‌تتىن چىقىرىلغان ئىزابېل:‏ a «يە‌ھۋانىڭ مېنى كە‌چۈرىدىغانلىقىغا ئىشىنىش ئىنتايىن قىيىن بولغان»،‏—‏ دېگە‌ن.‏ ئە‌گە‌ر شۇ‌نداق ئۈمىدسىزلىك ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌سىدا ياشىسىڭىز،‏ يە‌ھۋا بىلە‌ن بولغان دوستلۇ‌ق مۇ‌ناسىۋىتىڭىز يە‌نە ئاجىزلىشىپ كېتىپ قالىدۇ (‏پە‌ند نە.‏ 24:‏10‏)‏.‏ شۇ‌نداق بولۇ‌شىغا قە‌تئىي يول بە‌رمە‌ڭ.‏

بە‌زىلە‌ر قايتا يە‌ھۋا بىلە‌ن يېقىن دوستلۇ‌ق مۇ‌ناسىۋە‌تنى تىكلە‌ش ئۈچۈن،‏ زۆرۈر بولغان ئىشلارنى قىلالماسلىقتىن ئە‌نسىرە‌يدۇ.‏ جامائە‌تكە قايتىپ كە‌لگە‌ن ئانتون:‏ «مە‌ن ئىلگىرى يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىسى سۈپىتىدە قانداق ھايات كە‌چۈرگە‌نلىكىمنى ئۇ‌نتۇ‌پ قالغاندە‌ك ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌دا بولدۇ‌م»،‏—‏ دېگە‌ن.‏ شۇ‌نداق ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌لار سە‌ۋە‌بلىك،‏ بە‌زىلە‌ر ئۆزلىرىنىڭ يە‌ھۋاغا كۆپرە‌ك خىزمە‌ت قىلالىشىدىن ئىككىلىنىپ قېلىشى مۇ‌مكىن.‏

مە‌سىلە‌ن،‏ بىر كىشىنىڭ ئۆيى قاتتىق بوران-‏چاپقۇ‌ندا ئۆرۈلۈپ چۈشتى.‏ قايتا ياساپ چىقىش نۇ‌رغۇ‌ن ۋاقىت ۋە كۈچ تە‌لە‌پ قىلىدىغانلىقىنى ئويلىغاندا،‏ كىشى ئۈستىگە ئېغىر يۈكنى ئارتىپ قويغاندە‌ك ھېس قىلىشى مۇ‌مكىن.‏ خۇ‌ددى شۇ‌نىڭدە‌ك،‏ ئېغىر گۇ‌ناھ ئۆتكۈزۈپ،‏ يە‌ھۋا بىلە‌ن بولغان دوستلۇ‌ق مۇ‌ناسىۋىتىڭىز بۇ‌زۇ‌لغان بولسا،‏ قايتا ئۇ‌نىڭ بىلە‌ن دوستلۇ‌قنى ئە‌سلىگە كە‌لتۈرۈش ئۈچۈن،‏ كۆپ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىڭىز كېرە‌كلىكىنى ھېس قىلىشىڭىز مۇ‌مكىن.‏ شۇ‌نداق بۇ‌نى يالغۇ‌ز قىلالمايسىز.‏

يە‌ھۋا بىزنى چاقىرىپ:‏ «كېلىڭلار،‏ ئارىمىزدىكى دە‌ۋانى ھە‌ل قىلايلى»،‏—‏ دە‌يدۇ (‏يە‌شايا 1:‏18‏)‏.‏ سىز ئاللىقاچان ئىشلارنى ھە‌ل قىلىش ئۈچۈن،‏ كۆپ تىرىشچانلىق كۆرسە‌تتىڭىز.‏ سىز يە‌ھۋانىڭ قانىتى ئاستىغا قايتىپ كە‌لدىڭىز.‏ ئۇ سىزنى بىر مىسال سۈپىتىدە ئىشلىتىپ،‏ شە‌يتاننىڭ يالغانچى ئىكە‌نلىكىنى ئىسپاتلايدۇ.‏—‏پە‌ند نە.‏ 27:‏11.‏

يە‌ھۋانىڭ ھە‌قىقە‌ت يولىغا قايتىش ئارقىلىق،‏ سىز ئاللىقاچان يە‌ھۋاغا يېقىنلاشتىڭىز،‏ ئۇ‌مۇ سىزگە يېقىنلىشىدىغانلىقىنى ۋە‌دە قىلىدۇ (‏ياقۇ‌پ 4:‏8‏)‏.‏ سىزنىڭ جامائە‌تكە قايتىپ كە‌لگە‌نلىكىڭىزنى باشقىلارنىڭ كۆرۈشى ياخشى ئىش.‏ بىراق،‏ باشقىمۇ ئىشلارنى قىلىش زۆرۈر.‏ سىز ئاسماندىكى ئاتىڭىز ۋە دوستىڭىز يە‌ھۋاغا بولغان سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببىتىڭىزنى داۋاملىق كۈچە‌يتىشىڭىز كېرە‌ك.‏ بۇ‌نى قانداق قىلالايسىز؟‏

يېتە‌لىگىدە‌ك مە‌قسە‌تلە‌رنى قويۇ‌ڭ

يېتە‌لىگىدە‌ك مە‌قسە‌تلە‌رنى قويۇ‌شقا تىرىشىڭ.‏ بە‌لكىم،‏ يە‌ھۋا ۋە ئۇ ۋە‌دە قىلغان كە‌لگۈسى جە‌ننە‌ت ھە‌ققىدە ئالغان بىلىملىرىڭىز ھېلىھە‌م ئېسىڭىزدە بولۇ‌شى مۇ‌مكىن.‏ بىراق،‏ ھازىر سىز داۋاملىق ۋە‌ز قىلىش،‏ جامائە‌ت يىغىلىشلىرىغا بېرىش ۋە قېرىنداشلار بىلە‌ن ئارىلىشىپ ۋاقىت ئۆتكۈزۈشتە‌ك ياخشى ئادە‌تلە‌رنى قايتا يېتىلدۈرۈشىڭىز زۆرۈر.‏ ھازىر بىر قانچە مە‌قسە‌تلە‌رنى كۆرۈپ چىقايلى.‏

دائىم يە‌ھۋاغا دۇ‌ئا قىلىڭ.‏ ئاسماندىكى ئاتىڭىز،‏ سىز داۋاملىق ۋىجدان ئازابى تارتسىڭىز،‏ ئۇ‌نىڭغا دۇ‌ئا قىلىش سىز ئۈچۈن قىيىن بولىدىغانلىقىنى ياخشى چۈشىنىدۇ (‏رىملىقلار 8:‏26‏)‏.‏ بىراق،‏ دۇ‌ئا قىلىشنى توختاتماڭ،‏ يە‌ھۋاغا ئۇ‌نىڭ بىلە‌ن دوست بولۇ‌شنى بە‌كمۇ خالايدىغانلىقىڭىزنى ئېيتىڭ (‏رىملىقلار 12:‏12‏)‏.‏ ئاندرېي ئە‌سلە‌پ شۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «مە‌ن ۋىجدان ئازابى تارتىپ،‏ نومۇ‌س ھېس قىلغان.‏ بىراق،‏ ھە‌ر قېتىم دۇ‌ئا قىلغاندىن كېيىن،‏ ئۆزۈمنى ياخشىراق ھېس قىلىپ،‏ كۆڭۈل خاتىرجە‌ملىكىگە ئېرىشتىم».‏ ئە‌گە‌ر قانداق دۇ‌ئا قىلىشنى بىلمىسىڭىز،‏ گۇ‌ناھىغا توۋا قىلغان پادىشاھ داۋۇ‌ت يازغان زە‌بۇ‌رنىڭ 51 ۋە 65-‏بابلىرىدىكى سۆزلە‌ر ئۈستىدە چوڭقۇ‌ر ئويلىنىڭ.‏

داۋاملىق مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى تە‌تقىق قىلىڭ.‏ بۇ‌نداق قىلىش،‏ سىزنى روھىي ئوزۇ‌قلۇ‌ققا ئېرىشتۈرۈپ،‏ يە‌ھۋاغا بولغان سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببىتىڭىزنى كۈچە‌يتىشىڭىزگە ياردە‌م بېرىدۇ (‏زە‌بۇ‌ر 19:‏7–‏11‏)‏.‏ فىلىپ:‏ «دە‌سلە‌پتە،‏ مە‌ن روھىي ئىشلارنى بىرىنچى ئورۇ‌نغا قويۇ‌شنى ئادە‌تكە ئايلاندۇ‌رالمىغاچ،‏ روھىي جە‌ھە‌تتىن ئاجىزلىشىپ،‏ يە‌ھۋانىڭ كۆڭلىنى ئاغرىتقان ئىدىم.‏ مە‌ن ئوخشاش خاتالىقنى قايتا تە‌كرارلاشنى خالىمىدىم.‏ شۇ‌ڭا،‏ روھىي سالامە‌تلىكىمنى قوغداش ئۈچۈن،‏ شە‌خسىي تە‌تقىق قىلىشنى قارار قىلدىم»،‏—‏ دە‌يدۇ.‏ سىزمۇ شۇ‌نداق قىلالايسىز.‏ ئە‌گە‌ر شە‌خسىي تە‌تقىق قىلىش ئۈچۈن قايسى ماۋزۇ سىز ئۈچۈن مۇ‌ۋاپىق كېلىدىغانلىقىنى بىلمىسىڭىز،‏ روھىي جە‌ھە‌تتىن يېتىلگە‌ن دوستىڭىزدىن ياردە‌م سوراڭ.‏

جامائە‌تتىكى قېرىنداشلار بىلە‌ن قايتىدىن دوستلۇ‌ق مۇ‌ناسىۋىتىڭىزنى تىكلە‌ڭ.‏ جامائە‌تكە قايتىپ كە‌لگە‌ن بە‌زىلە‌ر،‏ قېرىنداشلار ئۇ‌نىڭغا ئاچچىقلىنىدۇ،‏—‏ دە‌پ ئويلايدۇ.‏ لارىسا مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «مە‌ن بە‌ك نومۇ‌س قىلغان.‏ مە‌ن جامائە‌تتىكى قېرىنداشلارنىڭ كۆڭلىنى ئاغرىتىپ،‏ ئۇ‌لارنى ئۈمىدسىزلە‌ندۈردۈم دە‌پ ئويلىغان.‏ ئۇ‌زۇ‌ن ۋاقىتقىچە شۇ‌نداق ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌دا بولدۇ‌م».‏ شۇ‌نىڭغا ئىشىنىڭكى،‏ ئاقساقاللار ۋە روھىي جە‌ھە‌تتىن يېتىلگە‌ن قېرىنداشلار سىزنىڭ قايتا يە‌ھۋا بىلە‌ن دوستلۇ‌ق مۇ‌ناسىۋە‌تنى تىكلىشىڭىزگە ياردە‌م بېرىشنى بە‌ك خالايدۇ (‏«‏ ئاقساقاللار نېمە قىلالايدۇ؟‏‏» دېگە‌ن رامكىغا قاراڭ)‏.‏ ئۇ‌لار جامائە‌تكە قايتىپ كە‌لگىنىڭىزگە خۇ‌شال بولغان ۋە سىزنىڭمۇ خۇ‌شال بولۇ‌شىڭىزنى خالايدۇ.‏—‏پە‌ند نە.‏ 17:‏17.‏

سىزنى جامائە‌تكە نېمە يېقىنلاشتۇ‌رالايدۇ؟‏ جامائە‌تتىكى قېرىنداشلار بىلە‌ن بارلىق ئىبادە‌ت يىغىلىشلىرىغا قاتنىشىپ،‏ ئۇ‌لار بىلە‌ن ۋە‌ز خىزمە‌تكە بىللە چىقىڭ.‏ بۇ سىزگە قانداق ياردە‌م بېرىدۇ؟‏ فېلىكىس شۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «جامائە‌ت مېنىڭ قايتىپ كېلىشىمنى كۈتكە‌نىدى.‏ مە‌ن ئۆزۈمنى ياخشى كۆرۈلگە‌ندە‌ك ھېس قىلدىم.‏ قېرىنداشلارنىڭ ھە‌ممىسى ماڭا ياردە‌م بە‌ردى،‏ ئۆزۈمنىڭ جامائە‌تكە قايتا قوبۇ‌ل قىلىنغانلىقىمنى،‏ يە‌ھۋانىڭ مېنى كە‌چۈرگە‌نلىكىنى ۋە داۋاملىق ئۇ‌نىڭغا خىزمە‌ت قىلالايدىغانلىقىمنى ھېس قىلىپ يە‌تتىم» (‏«‏ سىز نېمە قىلالايسىز؟‏‏» دېگە‌ن رامكىغا قاراڭ)‏.‏

ھە‌رگىز بە‌ل قويۇ‌ۋە‌تمە‌ڭ!‏

يە‌ھۋا بىلە‌ن قايتا دوستلۇ‌ق مۇ‌ناسىۋىتىڭىزنى تىكلە‌ۋاتقاندا،‏ شە‌يتان سىزنى روھىي جە‌ھە‌تتىن ئاجىزلاشتۇ‌رۇ‌ش ئۈچۈن،‏ قىيىنچىلىقلارنى خۇ‌ددى يامغۇ‌رلۇ‌ق بوران-‏چاپقۇ‌نغا ئوخشاش ياغدۇ‌رۇ‌ۋېتىشنى خالايدۇ (‏لۇ‌قا 4:‏13‏)‏.‏ ھازىرنىڭ ئۆزىدە روھىي ئۆي-‏ماكانىڭىزنى،‏ يە‌نى يە‌ھۋا بىلە‌ن بولغان دوستلۇ‌قىڭىزنى مۇ‌ستە‌ھكە‌ملە‌شكە تە‌ييار بولۇ‌ڭ.‏

يە‌ھۋا ئۆز قويلىرى ھە‌ققىدە شۇ‌نداق ۋە‌دە بە‌رگە‌ن:‏ «يوقاپ كە‌تكە‌نلە‌رنى ئىزدە‌يمە‌ن،‏ ئېزىقىپ يولدىن چىققانلارنى قايتۇ‌رۇ‌پ كېلىمە‌ن.‏ زە‌خمىلە‌نگە‌ننىڭ يارىسىنى تېگىپ قويىمە‌ن.‏ ئاجىزلارنى كۈچلە‌ندۈرىمە‌ن» (‏ھە‌زە‌ك.‏ 34:‏16‏)‏.‏ يە‌ھۋا نۇ‌رغۇ‌ن خىزمە‌تچىلىرىنىڭ قايتا ئۆزى بىلە‌ن بولغان مۇ‌ناسىۋىتىنى ياخشىلىشىغا ياردە‌م بە‌رگە‌ن.‏ شۇ‌نىڭغا ئىشىنىڭكى،‏ ئۇ سىزنىڭ ئۇ‌نىڭ بىلە‌ن بولغان مۇ‌ناسىۋىتىڭىزنى تېخىمۇ كۈچە‌يتىشىڭىزگە ياردە‌م بېرىشنى خالايدۇ.‏

a بۇ ماقالىدىكى ئىسىملار ئۆزگە‌رتىلگە‌ن.‏