مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

تە‌رجىمىھال

ئە‌ھمىيە‌تلىك ھايات كە‌چۈرۈش ئۈچۈن ئىزدە‌ندىم

ئە‌ھمىيە‌تلىك ھايات كە‌چۈرۈش ئۈچۈن ئىزدە‌ندىم

مە‌ن ئوتتۇ‌را دېڭىزدا كېمە بىلە‌ن سە‌پە‌ر قىلىۋاتاتتىم.‏ دېڭىزنىڭ ئوتتۇ‌رىسىدا كونا كېمىنىڭ ئاستى تېشىلىپ،‏ تۆشۈكتىن سۇ كىرىپ كېتىۋاتقانلىقىنى بايقىدىم.‏ كېيىن بوران چىقىپ،‏ دولقۇ‌نلار كۆتۈرۈلۈشكە باشلىدى.‏ مە‌ن قورقۇ‌پ كە‌تتىم.‏ شۇ‌نچە يىللار ئۆتۈپ،‏ تۇ‌نجى قېتىم دۇ‌ئا قىلدىم.‏ ئۆز ھاياتىم ۋە قانداقلارچە شۇ كېمىدە بولۇ‌پ قالغانلىقىم ھە‌ققىدە باشتىن باشلاپ ئېيتىپ بېرە‌ي.‏

يە‌تتە ياش ۋاقتىمدا ئائىلىمىزدىكىلە‌ر بىلە‌ن برازىلىيىدە ياشىدۇ‌ق

مە‌ن 1948-‏يىلى گوللاندىيىدە تۇ‌غۇ‌لغان ئىدىم.‏ كېيىنكى يىلى ئائىلىمىزدىكىلە‌ر برازىلىيىنىڭ سان-‏پاۋلۇ‌س شە‌ھىرىگە كۆچۈپ بارغان.‏ ئاتا-‏ئانام چىركاۋغا بېرىشنى تاشلىمايتى.‏ بىز ھە‌ر كۈنى كە‌چلىك تاماقتىن كېيىن بىرلىكتە مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ئوقۇ‌يتۇ‌ق.‏ 1959-‏يىلى ئامېرىكىغا كۆچۈپ،‏ ماسساچۇ‌سېتس شتاتىدا ياشىدۇ‌ق.‏

دادام ئائىلىمىزدىكى سە‌ككىز كىشىنى بېقىش ئۈچۈن،‏ تىرىشىپ جاپالىق ئىشلىگە‌ن.‏ ئۇ شە‌ھە‌رلە‌رنى ئارىلاپ،‏ ئۆيمۇ-‏ئۆي يۈرۈپ مال ساتقۇ‌چى،‏ يول قۇ‌رۇ‌لۇ‌ش ئىشچىسى ۋە خە‌لقئارا ئاۋىئاتسىيە شىركىتىدە ۋاكالىتە‌ن ساتقۇ‌چى دېگە‌ندە‌ك نۇ‌رغۇ‌ن خىزمە‌تلە‌رنى قىلغان.‏ ئۇ ئاۋىئاتسىيە شىركىتىدە ئىشلىگە‌ندە،‏ ئائىلىمىزدىكىلە‌ر ھە‌ممىمىز شاد-‏خۇ‌راملىققا چۆمدۇ‌ق،‏ چۈنكى بىز نۇ‌رغۇ‌ن جايلارغا ساياھە‌تكە بارالايتۇ‌ق.‏

تولۇ‌ق ئوتتۇ‌را مە‌كتە‌پتە ئوقۇ‌ۋاتقاندا،‏ دائىم:‏ «چوڭ بولسام،‏ نېمە ئىش قىلسام بولار؟‏»—‏ دە‌پ ئويلايتىم.‏ بە‌زى دوستلىرىم ئۇ‌نىۋېرسىتېتقا بېرىشنى تاللىدى،‏ يە‌نە بە‌زىلىرى ئە‌سكە‌رلىككە كە‌تتى.‏ بىراق،‏ مە‌ن ئە‌سكە‌رلىككە بېرىشنى خالىمايتتىم،‏ سە‌ۋە‌بى مە‌ن ئادە‌تتە باشقىلار بىلە‌ن تاكاللىشىپ،‏ ئۇ‌رۇ‌ش-‏جېدە‌ل قىلىشنى ياخشى كۆرمە‌يتتىم.‏ مە‌ن ئە‌سكە‌رلىككە بارماسلىق ئۈچۈن ئۇ‌نىۋېرسىتېتقا ئوقۇ‌شقا كىرىشنى تاللىدىم.‏ بىراق،‏ مېنىڭ ئە‌ڭ ياخشى كۆرىدىغىنىم،‏ باشقىلارغا ياردە‌م بېرىش ئىدى،‏ سە‌ۋە‌بى مە‌ن شۇ‌نداق قىلسام،‏ ئە‌ھمىيە‌تلىك ھايات كە‌چۈرە‌لە‌يمە‌ن دە‌پ ئويلايتىم.‏

ئۇ‌نىۋېرسىتېتتىكى ھاياتىم

نۇ‌رغۇ‌ن يىللار ھاياتنىڭ ئە‌ھمىيىتى توغرۇ‌لۇ‌ق ئىزدە‌ندىم

ئۇ‌نىۋېرسىتېتتا،‏ مە‌ن ئىنسانشۇ‌ناسلىق ئىلىمىنى ئۆگىنىشكە ئىشتىياق قىلدىم،‏ چۈنكى ھاياتلىقنىڭ قانداق پە‌يدا بولغانلىقىغا بە‌كمۇ قىزىقاتتىم.‏ بىزگە تە‌درىجىي تە‌رە‌ققىيات نە‌زە‌رىيىسىنى ئۆگە‌تكە‌ن ئىدى ۋە ئوقۇ‌تقۇ‌چىلىرىمىز بىزنىڭ شۇ نە‌زىرىيىگە ئىشىنىشىمىزنى خالىغان ئىدى.‏ ئە‌مما،‏ بە‌زى چۈشە‌ندۈرۈشلە‌ر مە‌ن ئۈچۈن مە‌نتىقىگە ئۇ‌يغۇ‌ن ئە‌مە‌س ۋە قايىل قىلارلىق دە‌لىل-‏ئىسپاتى يوق ئىدى.‏

ئۆگە‌نگە‌ن دە‌رسلە‌ردە،‏ بىزگە ياخشى ئە‌خلاق-‏ئۆلچە‌ملىرىنى ئۆگە‌تمىگە‌ن.‏ ئە‌كسىچە،‏ ئوقۇ‌شىمىزدا ئۇ‌تۇ‌ق قازىنىش ئۈچۈن ھە‌رقانداق ئىشنى قىلىشتىن ۋاز كە‌چمە‌سلىكنى ئۆگە‌تكە‌ن.‏ مە‌ن دوستلىرىم بىلە‌ن تۈرلۈك ئويۇ‌ن-‏تاماشىلارغا قاتنىشىپ،‏ زە‌ھە‌ر چېكىپ،‏ خۇ‌شال ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌لارغا چۆمدۈم.‏ بىراق،‏ بۇ خۇ‌شاللىقىم ئۇ‌زۇ‌نغا بارمىدى.‏ مە‌ن ئۆز-‏ئۆزۈمدىن شۇ‌نداق سورىدىم:‏ «بۇ مە‌ن ئۈچۈن ئە‌ھمىيە‌تلىك ھايات كە‌چۈرۈشنىڭ يولىمۇ؟‏»‏

شۇ چاغلاردا مە‌ن بوستون شە‌ھىرىگە كۆچۈپ كە‌تتىم ۋە ئۇ يە‌ردىكى بىر ئۇ‌نىۋېرسىتېتقا ئوقۇ‌شقا كىردىم.‏ ئوقۇ‌شقا كېرە‌كلىك پۇ‌لنى توپلاش ئۈچۈن يازلىق تە‌تىلدە بىر ئىشقا كىردىم.‏ شۇ يە‌ردە بىرىنچى قېتىم يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىسىنى ئۇ‌چراتتىم.‏ شۇ خىزمە‌تدىشىم ماڭا دانىيال كىتابىنىڭ 4-‏بابىدىكى «يە‌تتە دە‌ۋر» ھە‌ققىدىكى بېشارە‌تنى ئېيتىپ بېرىپ،‏ بىزنىڭ ئاخىرقى كۈنلە‌ردە ياشاۋاتقانلىقىمىزنى چۈشە‌ندۈرۈپ بە‌ردى (‏دانىيال 4:‏13—‏17‏)‏.‏ مە‌ن ئۇ‌نىڭ بىلە‌ن مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ھە‌ققىدە سۆھبە‌تلىشىشنى داۋاملاشتۇ‌رسام،‏ ئۆگە‌نگە‌نلىرىمگە ئىشىنىشىم ۋە ھاياتىمنى چوقۇ‌م ئۆزگە‌رتىشىم كېرە‌كلىكىنى چۈشىنىپ يە‌تتىم.‏ شۇ‌ڭا،‏ دائىم شۇ خىزمە‌تدىشىمدىن قېچىپ يۈردۈم.‏

ئۇ‌نىۋېرسىتېتتا،‏ مېنى جە‌نۇ‌بىي ئامېرىكىدا پىدائىي ياردە‌م بېرىش خىزمىتىگە تە‌ييارلايدىغان دە‌رسلە‌رگە قاتناشتىم.‏ مە‌ن باشقىلارغا ئىنسانپە‌رۋە‌رلىك ياردىمى بېرىش خىزمىتىنى قىلسام،‏ ھاياتىم مە‌نىلىك ئۆتىدۇ دە‌پ ئويلىغان ئىدىم.‏ بىراق،‏ شۇ ئىشنى قىلساممۇ،‏ ھاياتىم مە‌نىلىك ئۆتمە‌يدىغانلىقىنى ھېس قىلدىم.‏ شۇ‌ڭا،‏ ئۈمىدسىزلىنىپ،‏ ئوقۇ‌ش مە‌ۋسۇ‌مى ئاياقلاشقاندا،‏ ئۇ‌نىۋېرسىتېتنى تاشلاپ كە‌تتىم.‏

ھاياتىمنى مە‌نىلىك ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن داۋاملىق ئىزدىنىپ،‏ باشقا دۆلە‌تلە‌رگە باردىم

1970-‏يىلى دادام ئىشلىگە‌ن ئاۋىئاتسىيە شىركىتىدە ئىشلە‌ش ئۈچۈن گوللاندىيىنىڭ ئامستېردام شە‌ھىرىگە كۆچۈپ باردىم.‏ خىزمىتىم سە‌ۋە‌بلىك،‏ مە‌ن ئافرىقا،‏ ئامېرىكا،‏ ياۋروپا ۋە يىراق شە‌رقتىكى نۇ‌رغۇ‌ن دۆلە‌تلە‌رگە بېرىپ كۆردۈم.‏ ناھايىتى تېزلا شۇ‌نى تونۇ‌پ يە‌تتىمكى،‏ مە‌ن قايسىلا دۆلە‌تكە بارماي،‏ ئۇ يە‌ردە كىشىلە‌ر ئېغىر قىيىنچىلىقلارغا دۇ‌چ كە‌لگە‌ن ۋە ھېچكىم ئۇ قىيىنچىلىقلارنى ھە‌ل قىلالمىغان ئىدى.‏ مە‌ن يە‌نىلا ھاياتىمدا مۇ‌ھىم ئىشنى تاماملاشنى خالىغاچ،‏ ئامېرىكىغا قايتىپ بېرىپ،‏ بوستوندىكى ئىلگىرى ئوقۇ‌غان ئۇ‌نىۋېرسىتېتقا قايتا ئوقۇ‌شقا كىرىشنى قارار قىلدىم.‏

ئۇ‌نىۋېرسىتېتقا قايتقاندىن كېيىن ئۇ‌زۇ‌ن ئۆتمە‌ي،‏ ھايات ھە‌ققىدىكى سوئاللىرىمغا جاۋاب تېپىشىمغا ئۆگە‌نگە‌نلىرىمنىڭ ياردە‌م بېرە‌لمە‌يدىغانلىقىنى تونۇ‌پ يە‌تتىم.‏ نېمە قىلىشىمنى بىلە‌لمە‌ي قالدىم.‏ مە‌ن ئىنسانشۇ‌ناسلىق ئىلمىي پروفېسسورۇ‌مدىن مە‌سلىھە‌ت سورىدىم.‏ ئۇ‌نىڭ بە‌رگە‌ن جاۋابى مېنى ھە‌يران قالدۇ‌ردى:‏ «نېمە ئۈچۈن ئوقۇ‌شنى داۋاملاشتۇ‌رىسە‌ن؟‏ بولدى،‏ ئۇ‌نىۋېرسىتېتتا ئوقۇ‌ماي كە‌ت!‏».‏ ئۇ پروفېسسورنىڭ بۇ مە‌سلىھىتىگە قۇ‌لاق سالغىنىمدىن ئىنتايىن خۇ‌شالمە‌ن.‏ شۇ‌ڭا،‏ مە‌ن ئۇ‌نىۋېرسىتېتنى تاشلاپ كە‌تتىم.‏ ئىككىنچى قايتا بارمىدىم.‏

مە‌ن ھاياتىمنىڭ يە‌نىلا مە‌نىسىز ئۆتۈپ كېتىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدىم.‏ شۇ‌ڭا،‏ جە‌مئىيە‌تتىكى قائىدە-‏تۈزۈملە‌رنى رە‌ت قىلىپ،‏ قارىماققا تىنچلىقنى ۋە مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌تنى تە‌شە‌ببۇ‌س قىلىدىغان بىر گۇ‌رۇ‌پپا كىشىلە‌رگە قوشۇ‌لدۇ‌م.‏ بە‌زى دوستلىرىم بىلە‌ن بىرلىكتە يولدىن ئۆتكە‌ن ماشىنىلارنى توختىتىپ،‏ شۇ‌لارغا چىقىۋېلىپ،‏ ئامېرىكىنى كېسىپ ئۆتۈپ تاكى مېكسىكىنىڭ ئاكاپۇ‌لكو شە‌ھىرىگىچە باردۇ‌ق.‏ بىز ئادە‌تتە كىشىلە‌رنىڭ تۇ‌رمۇ‌ش كە‌چۈرۈش قائىدە-‏تۈزۈملىرىگە قارشى تۇ‌رۇ‌پ،‏ قارىماققا قىيىنچىلىقلىرى ۋە غە‌م-‏ئە‌ندىشىلىرى يوقتە‌ك ھايات كە‌چۈرۈۋاتقان كىشىلە‌ر بىلە‌ن بىللە ياشىدۇ‌ق.‏ بىراق،‏ شۇ‌لار بىلە‌ن بىللە ياشىغاندا،‏ ئۇ‌زۇ‌ن ئۆتمە‌ي ئۇ‌لارنىڭ ھايات كە‌چۈرۈش يولى مە‌نىسىز ۋە خۇ‌شاللىقىنىڭ ئۇ‌زۇ‌نغا داۋاملاشمايدىغانلىقىنى بايقىدىم.‏ يە‌نە ئۇ‌لارنىڭ ئارىسىدىكى كۆپىنچە كىشىلە‌رنىڭ سە‌مىمىيە‌تسىز ۋە ۋاپاسىز ئادە‌ملە‌ر ئىكە‌نلىكىنىمۇ كۆردۈم.‏

داۋاملىق ئىزدىنىش ئۈچۈن يە‌لكە‌نلىك كېمىدە سە‌پە‌ر قىلدىم

دوستىم بىلە‌ن بىرگە جە‌ننە‌ت كە‌بى بىر ئارالنى ئىزدىدۇ‌ق

شۇ چاغدا بالىلىق چاغلىرىمدىكى ئارزۇ-‏ئارمانلىرىم ھە‌ققىدە قايتا ئويلىنىشقا باشلىدىم.‏ مە‌ن ماتروس ئە‌مە‌س،‏ بە‌لكى كاپىتان سۈپىتىدە دېڭىزدا سە‌پە‌ر قىلىشنى خالىغان ئىدىم.‏ شۇ‌نداق قىلىش ئۈچۈن يە‌لكە‌نلىك كېمە سېتىۋېلىشىم كېرە‌ك ئىدى.‏ توم ئىسىملىك بىر دوستىمنىڭمۇ شۇ‌نداق ئارزۇ-‏ئارمىنى بولغاچ،‏ بىز بىرلىكتە دۇ‌نيانى كېزىشنى قارار قىلدۇ‌ق.‏ مە‌ن جە‌مئىيە‌تنىڭ قائىدە-‏تۈزۈملىرىدىن ئە‌ركىن بولغان تروپىك بە‌لباغدىكى گۈزە‌ل بىر ئارالنى تېپىشنى خالىغان ئىدىم.‏

توم ئىككىمىز ئىسپانىيىنىڭ بارسېلوناغا يېقىن ئارېنس-‏دې-‏مار دېگە‌ن يېرىگە باردۇ‌ق.‏ ئۇ يە‌ردە،‏ بىز 9 مېتىر 40 سانتىمېتىر ئۇ‌زۇ‌نلۇ‌قتىكى «لىگرا» ناملىق يە‌لكە‌نلىك كېمىنى سېتىۋالدۇ‌ق.‏ ئوكيانلاردا بىخە‌تە‌ر سە‌پە‌ر قىلىشىمىز ئۈچۈن بۇ كىچىك كېمىنى قايتا ياساپ چىقتۇ‌ق.‏ بىز بارىدىغان يە‌رلىرىمىزگە ئالدىرىمىغاچ،‏ كېمىنىڭ ماتورىنى چىقىرىپ تاشلاپ،‏ شۇ بوش يە‌رنى ئىچىملىك سۇ ساقلايدىغان جاي سۈپىتىدە ئىشلە‌تتۇ‌ق.‏ كېمىنىڭ كىچىك پورتلارغا ئاسانراق كىرىپ-‏چىقىشى ئۈچۈن،‏ ئىككى دانە 5 مېتىرلىق پالاق تە‌ييارلىدۇ‌ق.‏ كېيىن،‏ بىز ئاخىرى ھىندى ئوكياندىكى سېيشېل ئاراللىرىغا سە‌پە‌رگە چىقتۇ‌ق.‏ پىلانىمىز بولسا،‏ ئافرىقىنىڭ غە‌ربىي قىرغىقىنى بويلاپ،‏ جە‌نۇ‌بىي ئافرىقىنىڭ ئۈمىد تۇ‌مشۇ‌قىنى ئايلىنىپ ئۆتۈش ئىدى.‏ سە‌پىرىمىزدە توغرا يۆنىلىشتە مېڭىش ئۈچۈن،‏ بە‌زى خە‌رىتە،‏ كىتابلار ۋە يۆنىلىشنى بە‌لگىلە‌يدىغان ئاددىي ئە‌سۋابلارنى ئىشلە‌تتۇ‌ق ۋە يۇ‌لتۇ‌زلارغا قارىدۇ‌ق.‏ بىز يۆنىلىشنى ئىنتايىن توغرا بە‌لگىلىيە‌لىگە‌ن ئىدۇ‌ق،‏ بۇ‌نىڭغا بە‌كمۇ ھە‌يران قالدىم.‏

ئۇ‌زۇ‌ن ئۆتمە‌ي،‏ بىز بۇ كونا ياغاچ كېمىنىڭ ئوكيانلاردا سە‌پە‌ر قىلىشىمىزغا چىدىمايدىغانلىقىنى تونۇ‌پ يە‌تتۇ‌ق.‏ كېمىگە ھە‌ر سائە‌تتە 22 لىتىر سۇ كىرىپ كېتە‌تتى!‏ كىرىش قىسمىدا تىلغا ئالغاندە‌ك،‏ بوران-‏چاپقۇ‌ندا مە‌ن قاتتىق قورقۇ‌پ كە‌تكە‌ن ۋە شۇ‌نچە يىللار ئۆتۈپ تۇ‌نجى قېتىم دۇ‌ئا قىلغان ئىدىم.‏ خۇ‌داغا ۋە‌دە بېرىپ،‏ ئە‌گە‌ر بىزنى ئامان قالدۇ‌رسا،‏ ئۇ ھە‌ققىدە ئۆگىنىشنى ۋە‌دە قىلدىم.‏ شۇ بوران-‏چاپقۇ‌ن توختىدى،‏ مە‌نمۇ ۋە‌دە‌مدە تۇ‌ردۇ‌م.‏

مە‌ن كېمىدە مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ئوقۇ‌شنى باشلىدىم.‏ ئوتتۇ‌را دېڭىزنىڭ ئوتتۇ‌رىسىدا كېمىدە ئولتۇ‌رۇ‌پ،‏ ئۇ‌چىۋاتقان تۈرلۈك بېلىقلار،‏ دېلفىنلار ۋە يىراقتىكى ئۇ‌پۇ‌ق سىزىقىغا قاراش ھە‌قىقە‌ت كىشىنىڭ قە‌لبىنى ھاياجانغا سالىدۇ.‏ كېچە ئاسمىنىدىكى سان-‏ساناقسىز يۇ‌لتۇ‌زلارغا قاراپ،‏ خۇ‌دانىڭ ئىنسانلارغا كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىغا تېخىمۇ ئىشە‌ندىم.‏

بىر قانچە ھە‌پتە دېڭىزدا يۈرگە‌ندىن كېيىن،‏ قايتا ئىسپانىيىنىڭ پورت شە‌ھىرى ئالاكانتاغا قايتىپ كە‌لدۇ‌ق.‏ ياخشىراقنى سېتىۋېلىش ئۈچۈن،‏ كېمىمىزنى ساتماقچى بولدۇ‌ق.‏ بۇ‌نداق كونا،‏ ماتورى يوق،‏ ئاستىدىن سۇ كىرىپ كېتىدىغان تۆشۈكى بار كېمىنى سېتىۋالىدىغانلارنى تېپىش ئاسان ئە‌مە‌س ئىدى.‏ يە‌نە بىر تە‌رە‌پتىن،‏ بۇ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ئوقۇ‌ش ئۈچۈن ياخشى بىر پۇ‌رسە‌ت بولدى.‏

مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى كۆپرە‌ك ئوقۇ‌غانسېرى،‏ بۇ كىتابنىڭ شاد-‏خۇ‌رام ھايات كە‌چۈرۈشكە ياردە‌م بېرىدىغان كۆرسە‌تمىلە‌رگە تولغانلىقىنى كۆرۈپ يېتىشكە باشلىدىم.‏ مە‌ن مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنىڭ ئە‌دە‌پ-‏ئە‌خلاق ئۆلچە‌م-‏قائىدىلىرىگە ماس،‏ پاك ھايات كە‌چۈرۈش توغرىسىدا ئېنىق كۆرسە‌تمىلە‌رنى بېرىدىغانلىقىدىن بە‌ك تە‌سىرلە‌ندىم.‏ شۇ‌نىڭ بىلە‌ن بىر ۋاقىتتا،‏ نېمە ئۈچۈن شۇ‌نچە كۆپ كىشىلە‌ر،‏ ھە‌تتا مە‌نمۇ،‏ ئۆزلىرىمىزنى ئە‌يسانىڭ ئە‌گە‌شكۈچىلىرى دە‌پ ئاتىساقمۇ،‏ بىراق مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى ھە‌قىقە‌ت سۆزلىرىگە پە‌رۋا قىلمايدىغانلىقىمىزدىن شۇ‌نچە ھە‌يران بولدۇ‌م.‏

ھاياتىمنى پاسكىنىچىلىقلاردىن تازىلاش ئۈچۈن مۇ‌ھىم قە‌دە‌ملە‌رنى بېسىشنى قارار قىلدىم.‏ زە‌ھە‌ر چېكىشنى تاشلىدىم.‏ مە‌ن چوقۇ‌م مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنىڭ يۇ‌قىرى ئە‌خلاق ئۆلچە‌ملىرىگە ماس ھايات كە‌چۈرىدىغان ئادە‌ملە‌ر بار دە‌پ ئويلىدىم ۋە شۇ‌لار بىلە‌ن كۆرۈشۈشنى ئارزۇ قىلدىم.‏ شۇ‌ڭا،‏ ئىككىنچى قېتىم دۇ‌ئا قىلىپ،‏ خۇ‌دادىن ئۇ‌لارنى تېپىشىمغا ياردە‌م بېرىشنى سورىدىم.‏

ھە‌ق دىننى تېپىش ئۈچۈن ئىزدە‌ندىم

مە‌ن ئۈچۈن ھە‌ر بىر دىننى تە‌كشۈرۈپ كۆرۈپ،‏ تاكى ھە‌قنى تاپقىچە ئىزدىنىش مە‌نتىقىگە ئۇ‌يغۇ‌ندە‌ك كۆرۈندى.‏ مە‌ن ئالاكانتا شە‌ھىرىنىڭ كوچىلىرىدا يۈرگە‌ندە،‏ نۇ‌رغۇ‌ن دىنىي ئىمارە‌تلە‌رنى كۆردۈم.‏ ئە‌مما كۆپىنچىلىرىدە بۇ‌تلار قويۇ‌لغان بولۇ‌پ،‏ ناھايىتى ئاسانلا ئۇ‌لارنىڭ توغرا دىن ئە‌مە‌سلىكىگە كۆز يە‌تكۈزدۈم.‏

بىر يە‌كشە‌نبە كۈنى چۈشتىن كېيىن دېڭىزغا قاراپ تۇ‌رغان تاغ باغرىدا،‏ ياقۇ‌پ 2:‏1—‏5-‏ئايە‌تنى ئوقۇ‌پ قالدىم.‏ ئۇ يە‌ردە،‏ كىشىلە‌ر باي بولغىنى ئۈچۈن ئۇ‌لارنى ياخشى كۆرۈش خاتا،‏—‏ دە‌پ يېزىلغانىدى.‏ كېمىگە قايتىپ كېلىۋاتقىنىمدا،‏ يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرىنىڭ پادىشاھلىق زالى دە‌پ يېزىلغان،‏ دىنىي يىغىلىش ئۆتكۈزىدىغان جايغا ئوخشاپ كېتىدىغان بىر ئىمارە‌تنى كۆردۈم.‏

مە‌ن:‏ «شۇ‌لارنى سىناپ باقاي.‏ ئۇ‌لار ماڭا قانداق مۇ‌ئامىلە قىلىدىكىن»،‏—‏ دە‌پ ئويلىدىم.‏ شۇ‌نىڭ بىلە‌ن،‏ ئۇ‌لارنىڭ يىغىلىش زالىغا يالاڭئاياق،‏ ساقاللىرىم ئۆسۈپ كە‌تكە‌ن ۋە يىرتىق ئىشتان كىيگە‌ن ھالە‌تتە كىردىم.‏ ياردە‌مچى مېنى بىر ئورۇ‌نغا ئولتۇ‌رغۇ‌زدى.‏ يېنىمدا ئولتۇ‌رغان چوڭ ياشتىكى بىر ئايال نۇ‌تۇ‌ق ئېيتقۇ‌چىنىڭ تىلغا ئالغان ئايە‌تلىرىنى تېپىشىمغا ياردە‌م بە‌ردى.‏ يىغىلىشتىن كېيىن قېشىمغا كېلىپ،‏ قىزغىن سالاملاشقانلار مېنى بە‌كمۇ ھە‌يران قالدۇ‌ردى.‏ بىر كىشى مېنى سۆھبە‌تلىشىشكە ئۆيىگە تە‌كلىپ قىلدى.‏ بىراق،‏ مە‌ن تېخى مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى پۈتۈنلە‌ي ئوقۇ‌پ بولمىغان ئىدىم.‏ شۇ‌ڭا،‏ مە‌ن:‏ «مە‌ن تە‌ييار بولغاندا سىزگە ئېيتىمە‌ن»،‏—‏ دېدىم.‏ شۇ چاغدا مە‌ن بارلىق يىغىلىشلارغا قاتنىشىشقا باشلىدىم.‏

بىرقانچە ھە‌پتە ئۆتكە‌ندىن كېيىن،‏ ئۇ كىشىنىڭ ئۆيىگە باردىم.‏ ئۇ مېنىڭ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ھە‌ققىدىكى سوئاللىرىمغا جاۋاب بە‌ردى.‏ بىر ھە‌پتىدىن كېيىن،‏ ئۇ كىشى ماڭا بىر سومكا ناھايىتى ياخشى كىيىم كېچە‌كلە‌رنى بە‌ردى.‏ ئۇ ماڭا:‏ «بۇ كىيىم-‏كېچە‌كنىڭ ئېگىسى ئۇ‌رۇ‌ش قىلىشنى ئۆگە‌نمە‌ي،‏ ئە‌كسىچە مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنىڭ بىر-‏بىرىڭلارغا مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت كۆرسىتىڭلار دېگە‌ن بۇ‌يرۇ‌قىغا ئە‌مە‌ل قىلغىنى ئۈچۈن تۈرمىدە»،‏—‏ دېدى (‏يە‌شايا 2:‏4؛‏ يۇ‌ھاننا 13:‏34،‏ 35‏)‏.‏ مە‌ن ئە‌مدى ئىلگىرى ئۆزۈم ئىزدە‌پ يۈرگە‌ن مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى ئە‌خلاق-‏ئۆلچە‌م قائىدىلىرىگە ماس ھايات كە‌چۈرىدىغان ئادە‌ملە‌رنى تاپقانلىقىمغا ئىشە‌ندىم.‏ ئە‌مدى مە‌قسىتىم جە‌ننە‌ت كە‌بى بىر ئارالنى ئىزدە‌ش ئە‌مە‌س،‏ بە‌لكى مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى چوڭقۇ‌ر تە‌تقىق قىلىپ چۈشىنىش بولدى.‏ شۇ‌ڭا،‏ مە‌ن گوللاندىيىگە قايتتىم.‏

جان بېقىش ئۈچۈن بىر ئىش ئورنىنى ئىزدىدىم

مېنىڭ يولدىن ئۆتكە‌ن ماشىنىلارنى توسۇ‌پ گوللاندىيىنىڭ گرونىنگېن شە‌ھىرىگە يېتىۋېلىشىمغا تۆت كۈن ۋاقىت كە‌تتى.‏ ئۇ يە‌ردە ياشاش ئۈچۈن بىر ئىش ئورنى تېپىشقا مۇ‌ھتاج بولدۇ‌م.‏ بىر ياغاچچىلىق دۇ‌كىنىدا ئىشقا ئېلىش جە‌دۋىلىدە،‏ دىنىي ئېتىقادىمنى سورىغان بىر بوش يە‌ر بار ئىدى.‏ مە‌ن:‏ «يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىسى»،‏—‏ دە‌پ يازدىم.‏ دۇ‌كاننىڭ خوجايىنى شۇ سۆزلە‌رنى ئوقۇ‌غاندا،‏ چىرايى ئۆزگە‌رگە‌نلىكىگە دىققە‌ت قىلدىم.‏ ئۇ ماڭا:‏ «مە‌ن تېلېفون قىلىمە‌ن»،‏—‏ دېدى.‏ بىراق تېلېفون قىلمىدى.‏

يە‌نە بىر ياغاچچىلىق دۇ‌كىنىغا باردىم.‏ خوجايىندىن:‏ «ئىشچى كېرە‌كمۇ؟‏»—‏ دە‌پ سورىدىم.‏ ئۇ مېنىڭدىن ئوقۇ‌ش پۈتتۈرۈش گۇ‌ۋاھنامە‌م ۋە خىزمە‌ت تە‌جرىبە‌م بار-‏يوقلىقىنى سورىدى.‏ مە‌ن بىر ياغاچ كېمىنى قايتا ياساپ چىققانلىقىمنى چۈشە‌ندۈردىم.‏ ئۇ ماڭا:‏ ‏«بۈگۈن چۈشتىن كېيىن ئىشنى باشلىساڭ بولىدۇ.‏ ئە‌مما،‏ بىر شە‌رت بار.‏ مېنىڭ دۇ‌كىنىمدا ھە‌رقانداق بىر ئاۋارىچىلىق پە‌يدا قىلىشىڭنى خالىمايمە‌ن.‏ چۈنكى،‏ مە‌ن يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىسى.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب پرىنسىپلىرى بويىچە ياشايمە‌ن»،‏—‏ دېدى.‏ ئۇ‌نىڭ سۆزى مېنى بە‌كمۇ ھە‌يران قالدۇ‌ردى.‏ مە‌ن ئۇ‌نىڭغا قاراپ:‏ «مە‌نمۇ»،‏—‏ دېدىم.‏ مە‌ن چاچ-‏ساقاللىرىمنى ئۇ‌زۇ‌ن قويۇ‌ۋالغان ئىدىم.‏ ناھايىتى ئېنىقكى،‏ ئۇ مېنىڭ يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىسى ئە‌مە‌سلىكىمنى بىلگە‌ن ئىدى.‏ ئۇ ماڭا:‏ «ئۇ‌نداقتا،‏ سە‌ن بىلە‌ن مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ئۆگىنىمە‌ن»،‏—‏ دېدى.‏ مە‌ن خۇ‌شاللىق بىلە‌ن ئۇ‌نىڭ تە‌كلىپىنى قوبۇ‌ل قىلدىم.‏ دە‌سلە‌پتە بارغان دۇ‌كاندىكى خوجايىن نېمە ئۈچۈن ماڭا تېلېفون قىلمىغانلىقىنى ھازىر ئېنىق چۈشە‌ندىم.‏ يە‌ھۋا دۇ‌ئالىرىمغا قۇ‌لاق سېلىپ جاۋاب بە‌رگە‌ن ئىدى (‏زە‌بۇ‌ر 37:‏4‏)‏.‏ مە‌ن بۇ‌رادە‌رنىڭ دۇ‌كىنىدا بىر يىل ئىشلىدىم،‏ شۇ جە‌رياندا ئۇ‌نىڭ بىلە‌ن مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ئۆگە‌ندىم.‏ 1974-‏يىلى مە‌ن چۆمدۈرۈلۈشتىن ئۆتتۈم.‏

ئاخىرى ئە‌ھمىيە‌تلىك ھايات كە‌چۈرۈشنىڭ يولىنى تاپتىم!‏

بىر ئايدىن كېيىن پىدائىي ۋە‌ز خىزمىتىنى باشلىدىم.‏ بۇ مېنى زور خۇ‌شاللىققا ئېرىشتۈردى.‏ كېيىنكى ئايدا،‏ مە‌ن ئىسپان تىلىدا يېڭىدىن باشلانغان گۇ‌رۇ‌پپىغا ياردە‌م بېرىش ئۈچۈن ئامىستېردامغا كۆچتۈم.‏ مە‌ن ئىسپان ۋە پورتۇ‌گال تىللىرىدا مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ئۆگىنىشىنى ئۆتكۈزۈپ خۇ‌شاللىقىم ئىچ-‏ئىچىمگە پاتماي قالدى.‏ 1975-‏يىلى،‏ ماي ئېيىدا مە‌خسۇ‌س پىدائىي ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چى بولۇ‌پ خىزمە‌ت قىلىش شان-‏شە‌رىپىگە ئېرىشتىم.‏

بىر كۈنى بىزنىڭ ئىسپان تىلىدىكى جامائە‌ت يىغىلىشىمىزغا ئىنە‌كە ئىسىملىك بىر مە‌خسۇ‌س پىدائىي ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چى ئۆزى بىلە‌ن مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ئۆگىنىۋاتقان بىر بولىۋىيىلىك ئايالنى تونۇ‌شتۇ‌رۇ‌شقا كە‌لدى.‏ ئىنە‌كە بىلە‌ن مە‌ن بىر-‏بىرىمىزگە خە‌ت يېزىپ،‏ ئۆزئارا تونۇ‌شۇ‌شنى قارار قىلدۇ‌ق.‏ ئۇ‌زۇ‌ن ئۆتمە‌ي ئوخشاش مە‌قسە‌تلىرىمىز بارلىقىنى تونۇ‌پ يە‌تتۇ‌ق.‏ 1976-‏يىلى توي قىلدۇ‌ق ۋە داۋاملىق 1982-‏يىلغىچە مە‌خسۇ‌س پىدائىي ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چى بولۇ‌پ خىزمە‌ت قىلدۇ‌ق ۋە شۇ يىلى گىلىئاد مە‌كتىپىنىڭ 73-‏قارارلىق سىنىپىغا ئوقۇ‌شقا تە‌كلىپ قىلىندۇ‌ق.‏ بىر شە‌رقىي ئافرىقىغا خىزمە‌تكە تە‌يىنلە‌نگىنىمىزدىن بە‌كمۇ ھە‌يران قالدۇ‌ق ۋە خۇ‌شال بولدۇ‌ق.‏ كېنىيىنىڭ مومباسا شە‌ھىرىدە 5 يىل خىزمە‌ت قىلدۇ‌ق.‏ 1987-‏يىلى،‏ بىز تانزانىيىگە ئە‌ۋە‌تىلدۇ‌ق.‏ ئۇ يە‌ردە ۋە‌ز قىلىش چە‌كلىمىسى ئېلىۋېتىلگە‌نىدى.‏ تانزانىيىدە 26 يىل تۇ‌رغاندىن كېيىن،‏ بىز كېنىيىگە قايتىپ كە‌لدۇ‌ق.‏

شە‌رقىي ئافرىقىدا كىشىلە‌رگە مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ھە‌قىقىتىنى ئۆگىتىش ئايالىم ئىككىمىزنى زور خۇ‌شاللىققا ئېرىشتۈردى

كە‌متە‌ر كىشىلە‌رگە مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ھە‌قىقىتىنى ئۆگىتىش ئارقىلىق ھە‌قىقىي مە‌نىلىك تۇ‌رمۇ‌ش كە‌چۈردۇ‌ق.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ مومباسادا ۋە‌ز قىلغاندا،‏ مە‌ن تۇ‌نجى قېتىم بىر كىشى بىلە‌ن مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ئۆگىنىشىنى باشلىغانىدىم.‏ مە‌ن ئۇ‌نىڭغا ئىككى ژۇ‌رنالنى بە‌رگە‌ندىن كېيىن،‏ ئۇ ماڭا:‏ «مە‌ن بۇ‌لارنى تۈگە‌تسە‌م،‏ ئۇ‌نىڭدىن كېيىن نېمە ئىش قىلىمە‌ن؟‏»—‏ دە‌پ سورىدى.‏ كېيىنكى ھە‌پتىسى،‏ مە‌ن ئۇ‌نىڭ بىلە‌ن سۋاھىلى تىلىدا يېڭىلا نە‌شىردىن چىققان «يە‌ر يۈزىدىكى جە‌ننە‌تتە مە‌ڭگۈ ياشىيالايسىز» دېگە‌ن كىتابنى ئىشلىتىپ،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب تە‌تقىقى ئۆتكۈزۈشنى باشلىدىم.‏ بىر يىلدىن كېيىن،‏ ئۇ چۆمدۈرۈلۈشتىن ئۆتۈپ،‏ پىدائىي ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چى بولدى.‏ شۇ‌نىڭدىن باشلاپ،‏ ئۇ ۋە ئۇ‌نىڭ ئايالى يۈزگە يېقىن كىشىنىڭ ئۆزىنى يە‌ھۋاغا بېغىشلاپ،‏ چۆمدۈرۈلۈشتىن ئۆتۈشىگە ياردە‌م بە‌ردى.‏

ئىنە‌كە ئىككىمىز يە‌ھۋانىڭ ئۆز خىزمە‌تچىلىرىنى ئاجايىپ مە‌نىلىك ھايات بىلە‌ن بە‌رىكە‌تلە‌يدىغانلىقىنى ئۆز بېشىمىزدىن ئۆتكۈزدۇ‌ق

مە‌ن تۇ‌نجى قېتىم ھاياتنىڭ ئە‌ھمىيىتىنى چۈشە‌نگە‌ندە،‏ ئۆزۈمنى خۇ‌ددى قىممە‌ت-‏باھالىق بىر مە‌رۋايىتنى تېپىۋېلىپ،‏ ئۇ‌نى قولدىن چىقىرىپ قويمىغان سودىگە‌رگە ئوخشاش ھېس قىلدىم (‏مە‌تتا 13:‏45،‏ 46‏)‏.‏ مە‌ن باشقىلارغا ھاياتنىڭ ھە‌قىقىي مە‌نىسىنى تېپىشقا ياردە‌م بېرىش ئۈچۈن،‏ ئۆز ھاياتىمنى پىدا قىلىشنى خالايمە‌ن.‏ قە‌دىرلىك ئايالىم بىلە‌ن مە‌ن،‏ يە‌ھۋانىڭ ئۆز خە‌لقىنىڭ ئە‌ھمىيە‌تلىك ھايات كە‌چۈرۈشىگە ياردە‌م بېرىدىغانلىقىنى ئۆز كۆزۈمىز بىلە‌ن كۆردۇ‌ق.‏