مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

48-‏تە‌تقىق ماقالىسى

‏«مۇ‌قە‌ددە‌س بولۇ‌ڭلار!‏»‏

‏«مۇ‌قە‌ددە‌س بولۇ‌ڭلار!‏»‏

‏«پۈتۈن يۈرۈش-‏تۇ‌رۇ‌شىڭلاردا مۇ‌قە‌ددە‌س بولۇ‌ڭلار».‏—‏1-‏پېتر.‏ 1:‏15‏.‏

29-‏ناخشا ساداقە‌تمە‌نلىكنى ساقلاپ يـۈرۈش

بۇ ماقالىدە a

1.‏ ئە‌لچى پېترۇ‌س ئېتىقادچى قېرىنداشلىرىغا قانداق نە‌سىھە‌ت بە‌رگە‌ن،‏ نېمە ئۈچۈن ئۇ‌نىڭ نە‌سىھىتىگە قۇ‌لاق سېلىش مۇ‌مكىن ئە‌مە‌ستە‌ك كۆرىنىدۇ؟‏

 مە‌يلى ئاسماندا ياكى يە‌ر يۈزىدە ياشاش ئۈمىدىگە ئىگە بولايلى،‏ ئە‌لچى پېترۇ‌سنىڭ بىرىنچى ئە‌سىردىكى مە‌سىھ قىلىنغان ئېتىقادچىلارغا بە‌رگە‌ن نە‌سىھە‌ت سۆزلىرىنى مۇ‌ھاكىمە قىلساق،‏ پايدىلىق نە‌رسىلە‌رنى ئۆگىنە‌لە‌يمىز.‏ پېترۇ‌س مۇ‌نداق دېگە‌ن:‏ «سىلە‌رنى چاقىرغان مۇ‌قە‌ددە‌س بولغۇ‌چىغا ئوخشاش،‏ سىلە‌رمۇ پۈتۈن يۈرۈش-‏تۇ‌رۇ‌شىڭلاردا مۇ‌قە‌ددە‌س بولۇ‌ڭلار.‏ سە‌ۋە‌بى،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلاردا يېزىلغان:‏ «مۇ‌قە‌ددە‌س بولۇ‌ڭلار،‏ چۈنكى مە‌ن مۇ‌قە‌ددە‌ستۇ‌رمە‌ن» (‏1-‏پېتر.‏ 1:‏15،‏ 16‏)‏.‏ بۇ سۆزلە‌ردىن پاك-‏مۇ‌قە‌ددە‌سلىكنىڭ ئە‌ڭ ئالىي ئۈلگىسى يە‌ھۋانى ئۈلگە قىلالايدىغانلىقىمىزنى كۆرە‌لە‌يمىز.‏ بىز بارلىق يۈرۈش-‏تۇ‌رۇ‌شىمىزدا مۇ‌قە‌ددە‌س بولالايمىز ۋە چوقۇ‌م شۇ‌نداق بولۇ‌شىمىز كېرە‌ك.‏ ئە‌مما،‏ بىز نامۇ‌كە‌ممە‌ل بولغاچ،‏ شۇ‌نداق قىلىش مۇ‌مكىن ئە‌مە‌ستە‌ك تۇ‌يۇ‌لىدۇ.‏ شۇ‌نداقتىمۇ،‏ ئە‌لچى پېترۇ‌س بە‌زى خاتالىقلارنى ئۆتكۈزگە‌ن بولسىمۇ،‏ ئۇ‌نىڭ مىسالى «مۇ‌قە‌ددە‌س» بولالايدىغانلىقىمىزنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.‏

2.‏ بۇ ماقالىدە قايسى سوئاللارغا جاۋاب تاپىمىز؟‏

2 بۇ ماقالىدە تۆۋە‌ندىكى سوئاللارغا جاۋاب تاپىمىز:‏ مۇ‌قە‌ددە‌س سۆزى نېمىنى بىلدۈرىدۇ؟‏ يە‌ھۋانىڭ مۇ‌قە‌ددە‌سلىكى ھە‌ققىدە مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب بىزگە نېمىلە‌رنى ئۆگىتىدۇ؟‏ قانداق قىلىپ يۈرۈش-‏تۇ‌رۇ‌شىمىزدا مۇ‌قە‌ددە‌س بولالايمىز؟‏ مۇ‌قە‌ددە‌س بولۇ‌ش بىلە‌ن يە‌ھۋا بىلە‌ن يېقىن مۇ‌ناسىۋە‌تتە بولۇ‌ش ئوتتۇ‌رىسىدا قانداق باغلىنىشى بار؟‏

مۇ‌قە‌ددە‌س سۆزى نېمىنى بىلدۈرىدۇ؟‏

3.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س ئادە‌م دېگە‌ن سۆزنى ئاڭلىغاندا،‏ نۇ‌رغۇ‌ن كىشىلە‌ر كۆز ئالدىغا كىمنى كە‌لتۈرىدۇ؟‏ مۇ‌قە‌ددە‌س بولۇ‌ش ھە‌ققىدە توغرا بىلىمنى قە‌يە‌ردىن تاپالايمىز؟‏

3 نۇ‌رغۇ‌ن كىشىلە‌ر مۇ‌قە‌ددە‌س ئادە‌م دېگە‌ن سۆزنى ئاڭلىغاندا ھە‌ر دائىم چىرايىدا كۈلكە يوق،‏ ئۇ‌چىسىغا دىننىي كىيىملە‌رنى كىيگە‌ن،‏ قاپىقى تۈرۈلگە‌ن بىر كىشىنى كۆز ئالدىغا كە‌لتۈرىدۇ.‏ ئە‌مما،‏ مۇ‌نداق ئوي-‏خىيالدا بولۇ‌ش توغرا ئە‌مە‌س.‏ چۈنكى تە‌ڭرىمىز يە‌ھۋا مۇ‌قە‌ددە‌ستۇ‌ر،‏ ئۇ شاد-‏خۇ‌رام خۇ‌دا دە‌پ تە‌سۋىرلە‌نگە‌ن (‏1-‏تىموت.‏ 1:‏11‏)‏.‏ ئۇ‌نىڭغا ئىبادە‌ت قىلغۇ‌چىلارمۇ شاد-‏خۇ‌رام بە‌ختلىكتۇ‌ر (‏زە‌بۇ‌ر 144:‏15‏)‏.‏ بىرىنچى ئە‌سىردە ئالاھىدە كىيىملە‌رنى كىيىپ،‏ باشقىلارنىڭ دىققىتىنى ئۆزىگە تارتىش ئۈچۈن،‏ ياخشى ئىشلارنى قىلغان كىشىلە‌رنى ئە‌يسا قاتتىق ئە‌يىبلىگە‌ن ئىدى (‏مە‌تتا 6:‏1؛‏ ماركۇ‌س 12:‏38‏)‏.‏ بىز ئە‌يسانىڭ ھە‌قىقىي شاگىرتلىرى سۈپىتىدە،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىن مۇ‌قە‌ددە‌س بولۇ‌ش نېمىنى بىلدۈرىدىغانلىقىنى بىلىمىز.‏ شۇ‌نىڭغا ئىشىنىمىزكى،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س ۋە مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌تلىك خۇ‌دا بىزنى ھە‌رگىزمۇ قولىمىزدىن كە‌لمە‌يدىغان ئىشنى قىلىشقا بۇ‌يرۇ‌مايدۇ.‏ شۇ‌ڭلاشقا،‏ يە‌ھۋا سىلە‌ر چوقۇ‌م مۇ‌قە‌ددە‌س بولۇ‌ڭلار دېسە،‏ ناھايىتى ئېنىقكى ئۇ‌نى قىلىش بىزنىڭ قولىمىزدىن كېلىدۇ.‏ ئە‌لۋە‌تتە،‏ ئە‌گە‌ر بارلىق يۈرۈش-‏تۇ‌رۇ‌شىمىزدا مۇ‌قە‌ددە‌س بولماقچى بولساق،‏ ئالدى بىلە‌ن مۇ‌قە‌ددە‌س بولۇ‌شنىڭ مە‌نىسىنى چۈشىنىشىمىز كېرە‌ك.‏

4.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلاردىكى «مۇ‌قە‌ددە‌س» سۆزى نېمىنى بىلدۈرىدۇ؟‏

4 مۇ‌قە‌ددە‌س سۆزى نېمىنى بىلدۈرىدۇ؟‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا،‏ «مۇ‌قە‌ددە‌س» سۆزى ئاساسلىقى ئە‌خلاقىي ۋە دىنىي جە‌ھە‌تتىن پاك ياكى پاكىزە بولۇ‌شنى بىلدۈرىدۇ.‏ بۇ ئىبارە يە‌نە خۇ‌داغا خىزمە‌ت قىلىش ئۈچۈن ئايرىپ قويۇ‌ش دېگە‌ننىمۇ بىلدۈرىدۇ.‏ باشقىچە ئېيتقاندا،‏ ئە‌گە‌ر بىز ئە‌خلاق ئۆلچە‌ملىرى بىلە‌ن ياشاپ،‏ يە‌ھۋا قوبۇ‌ل قىلىدىغان ئۇ‌سۇ‌لدا ئۇ‌نىڭغا ئىبادە‌ت قىلساق ۋە ئۇ‌نىڭ بىلە‌ن يېقىن دوستلۇ‌ق ئورناتساق،‏ بىز مۇ‌قە‌ددە‌س سانىلىمىز.‏ بىزنى بە‌كمۇ ھە‌يران قالدۇ‌رىدىغىنى،‏ يە‌ھۋا خۇ‌دا پۈتۈنلە‌ي مۇ‌قە‌ددە‌س،‏ بىز بولساق،‏ نامۇ‌كە‌ممە‌ل.‏ بىراق،‏ ئۇ يە‌نىلا بىز بىلە‌ن دوست بولۇ‌شنى خالايدۇ.‏

‏«يە‌ھۋا مۇ‌قە‌ددە‌س،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س،‏ مۇ‌قە‌ددە‌ستۇ‌ر!‏»‏

5.‏ ساداقە‌تمە‌ن پە‌رىشتىلە‌ردىن يە‌ھۋا ھە‌ققىدە نېمىنى ئۆگىنە‌لە‌يمىز؟‏

5 پە‌رۋە‌ردىگار مۇ‌تلە‌ق مۇ‌قە‌ددە‌ستۇ‌ر.‏ ئۇ‌نىڭ تە‌ختى يېنىدىكى سىرافلار يۇ‌قىرى ئاۋازدا:‏ «مۇ‌قە‌ددە‌س،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س،‏ مۇ‌قە‌ددە‌ستۇ‌ر قوشۇ‌نلارنىڭ سە‌ركە‌ردىسى يە‌ھۋا!‏»—‏ دە‌يدۇ (‏يە‌شايا 3:‏6‏)‏.‏ بۇ پە‌رىشتىلە‌ر مۇ‌قە‌ددە‌س،‏ چۈنكى ئۇ‌لار مۇ‌قە‌ددە‌س تە‌ڭرى بىلە‌ن يېقىن مۇ‌ناسىۋە‌تتە بولۇ‌ش ئۈچۈن چوقۇ‌م مۇ‌قە‌ددە‌س بولۇ‌شى كېرە‌ك.‏ ئە‌مە‌لىيە‌تتە،‏ بىر پە‌رىشتە مە‌لۇ‌م بىر يە‌ردە بولسا،‏ ھە‌تتا شۇ يە‌رنى مۇ‌قە‌ددە‌س قىلالايدۇ.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ پە‌رىشتە كۆيۈۋاتقان تىكە‌نلىك چاتقال ئارىسىدا مۇ‌ساغا كۆرۈنگە‌ندە،‏ ئۇ يە‌ر مۇ‌قە‌ددە‌س جايغا ئايلانغانىدى.‏—‏چىق.‏ 3:‏2–‏5؛‏ يە‌شۇ.‏ 5:‏15‏.‏

باش روھانىينىڭ سە‌للىسى ئۈستىدىكى ئالتۇ‌ن قاداققا «مۇ‌قە‌ددە‌سلىك يە‌ھۋاغا مە‌نسۇ‌پ» دېگە‌ن خە‌تلە‌ر ئۇ‌يۇ‌لغان (‏6،‏ 7-‏ئابزاسلىرىغا قاراڭ)‏

6،‏ 7.‏ (‏1)‏ چىقىش 15:‏1،‏ 11-‏ئايە‌تكە ئاساسلانغاندا،‏ مۇ‌سا خۇ‌دانىڭ مۇ‌قە‌ددە‌س ئىكە‌نلىكىنى قانداق تە‌كىتلىگە‌ن؟‏ (‏2)‏ خۇ‌دا ئۆزىنىڭ مۇ‌قە‌ددە‌سلىكىنى ئىسرائىللارنىڭ ئېسىگە سېلىپ تۇ‌رۇ‌ش ئۈچۈن نېمە قىلغان؟‏ (‏مۇ‌قاۋىدىكى رە‌سىمگە قاراڭ)‏

6 ئىسرائىللارنى قىزىل دېڭىزدىن ئۆتكۈزگە‌ندىن كېيىن،‏ مۇ‌سا ئۇ‌لارغا خۇ‌داسى يە‌ھۋانىڭ مۇ‌قە‌ددە‌س ئىكە‌نلىكىنى تە‌كىتلىگە‌نىدى ‏(‏چىقىش 15:‏1،‏ 11-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ ھە‌رخىل يالغان ئىلاھلارغا چوقۇ‌نىدىغان مىسىرلىقلار مۇ‌قە‌ددە‌سلىكتىن بە‌ك يىراق ئىدى.‏ قانانلىقلارمۇ ئوخشاش،‏ چۈنكى ئۇ‌لارنىڭ ئىبادە‌ت قائىدە-‏يوسۇ‌نلىرى بالىلارنى قۇ‌ربانلىق قىلىش ۋە ھە‌رخىل يىرگىنچلىك جىنسىي ئە‌خلاقسىزلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالاتتى (‏لاۋى.‏ 18:‏3،‏ 4،‏ 21–‏24؛‏ تە‌كرار.‏ قا 18:‏9،‏ 10‏)‏.‏ ئە‌مما،‏ يە‌ھۋا ئاشۇ كىشىلە‌ر چوقۇ‌نىدىغان يالغان ئىلاھلارغا ئوخشىمىغان.‏ ئۇ ھە‌رگىزمۇ ئۆزىگە ئىبادە‌ت قىلغۇ‌چىلاردىن ئۇ‌لارنى پە‌سلە‌شتۇ‌رىدىغان رە‌زىل ئىشلارنى قىلىشنى تە‌لە‌پ قىلمايدۇ.‏ ئۇ مۇ‌قە‌ددە‌سلىكنىڭ مە‌نبە‌سىدۇ‌ر.‏ بۇ‌نى ئىسرائىل خە‌لقىگە ئە‌سلىتىش ئۈچۈن باش روھانىينىڭ سە‌للىسى ئۈستىدىكى ئالتۇ‌ن قاداققا «يە‌ھۋا مۇ‌قە‌ددە‌ستۇ‌ر!‏» دېگە‌ن خە‌تلە‌ر ئويۇ‌لغان.‏—‏چىق.‏ 28:‏36–‏38‏.‏

7 شۇ ئالتۇ‌ن قاداقنى كۆرگە‌ن ھە‌ر بىر كىشى يە‌ھۋانىڭ ھە‌قىقە‌تە‌ن مۇ‌قە‌ددە‌س ئىكە‌نلىكىنى ئېنىق بىلگە‌ن.‏ ئە‌مما،‏ ئە‌گە‌ر بىر ئىسرائىل ئالىي روھانىيغا يېقىنلىشالمىغانلىقى سە‌ۋە‌بلىك،‏ بۇ ئالتۇ‌ن قاداقنى ئۆز كۆزى بىلە‌ن كۆرۈش پۇ‌رسىتى بولمىغان بولسا،‏ يە‌ھۋانىڭ مۇ‌قە‌ددە‌س ئىكە‌نلىكىنى بىلە‌مدۇ؟‏ ئە‌لۋە‌تتە بىلىدۇ!‏ تە‌ۋرات ئوقۇ‌لغاندا،‏ ئىسرائىلدىكى ئە‌ر ياكى ئاياللار ۋە بالىلارنىڭ ئاڭلاش پۇ‌رسىتى بار ئىدى (‏تە‌كرار.‏ قا 31:‏9–‏12‏)‏.‏ ئە‌گە‌ر سىز شۇ ۋاقىتتا ئۇ يە‌ردە بولسىڭىز،‏ مۇ‌نۇ سۆزلە‌رنى ئاڭلىغان بولاتتىڭىز:‏ ‏«مە‌ن سىلە‌رنىڭ خۇ‌دايىڭلار يە‌ھۋا،‏ سىلە‌ر چوقۇ‌م .‏ .‏ .‏ مۇ‌قە‌ددە‌س بولۇ‌ڭلار،‏ چۈنكى مە‌ن مۇ‌قە‌ددە‌ستۇ‌رمە‌ن»،‏ «مە‌ن ئۈچۈن مۇ‌قە‌ددە‌س بولۇ‌ڭلار،‏ چۈنكى مە‌ن،‏ يە‌ھۋا،‏ مۇ‌قە‌ددە‌سمە‌ن».‏—‏لاۋى.‏ 11:‏44،‏ 45؛‏ 20:‏7،‏ 26‏.‏

8.‏ لاۋىيلار 19:‏2؛‏ 1 ۋە 1-‏پېترۇ‌س 1:‏14–‏16-‏ئايە‌تلە‌ردىن نېمىنى ئۆگىنە‌لە‌يمىز؟‏

8 لاۋىيلار 19:‏2-‏ئايە‌تتىكى بۇ‌يرۇ‌ققا دىققە‌ت ئاغدۇ‌رۇ‌پ باقايلى.‏ يە‌ھۋا مۇ‌ساغا شۇ‌نداق دېگە‌ن:‏ «سە‌ن ئىسرائىل ئوغۇ‌للىرىنىڭ بارچە جامائىتىگە سۆز قىلىپ،‏ ئۇ‌لارغا ئېيتقىن:‏ «سىلە‌ر چوقۇ‌م مۇ‌قە‌ددە‌س بولۇ‌ڭلار،‏ چۈنكى مە‌ن خۇ‌دايىڭلار يە‌ھۋا مۇ‌قە‌ددە‌ستۇ‌رمە‌ن».‏ ئە‌لچى پېترۇ‌س مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىلىرىگە مۇ‌قە‌ددە‌س بولۇ‌ش ھە‌ققىدە نە‌سىھە‌ت قىلغاندا،‏ شۇ سۆزلە‌رنى نە‌قىل كە‌لتۈرگە‌ن ‏(‏1-‏پېترۇ‌س 1:‏14–‏16-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ بۈگۈنكى كۈندە،‏ بىزدىن مۇ‌سانىڭ قانۇ‌نىغا بويسۇ‌نۇ‌پ ياشاش تە‌لە‌پ قىلىنمايدۇ.‏ شۇ‌نداقتىمۇ،‏ پېترۇ‌سنىڭ سۆزىدىن شۇ‌نى كۆرۈۋالالايمىزكى،‏ بىز يە‌نىلا لاۋىيلار 19:‏2-‏ئايە‌تتىكى سۆزلە‌ردىن،‏ يە‌ھۋا مۇ‌قە‌ددە‌س ئىكە‌نلىكىنى ۋە ئۇ‌نى سۆيىدىغان كىشىلە‌رنىڭ چوقۇ‌م مۇ‌قە‌ددە‌س بولۇ‌شى كېرە‌كلىكىنى ئۆگىنە‌لە‌يمىز.‏ مە‌ڭگۈلۈك ياشاش ئۈمىدىمىز مە‌يلى ئاسماندا ياكى يە‌ر يۈزىدە بولسۇ‌ن،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س بولۇ‌ش ئۈچۈن تىرىشىشىمىز كېرە‌ك.‏—‏1-‏پېترۇ‌س 1:‏4؛‏ 2-‏پېترۇ‌س 3:‏13‏.‏

بارلىق يۈرۈش-‏تۇ‌رۇ‌شىڭلاردا مۇ‌قە‌ددە‌س بولۇ‌ڭلار

9.‏ لاۋىيلار 19-‏بابنى مۇ‌ھاكىمە قىلىش ئارقىلىق قانداق پايدىلىق نە‌رسىلە‌رنى ئۆگىنە‌لە‌يمىز؟‏

9 بىز مۇ‌قە‌ددە‌س خۇ‌دانى خۇ‌رسە‌ن قىلىشنى خالايمىز،‏ شۇ‌ڭا مۇ‌قە‌ددە‌س بولۇ‌ش ئۈچۈن نېمە قىلىشىمىز كېرە‌كلىكىنى بىلىشكە تىرىشىمىز.‏ يە‌ھۋا بىزگە نېمە قىلىشىمىز ھە‌ققىدە بە‌زى ئېنىق مە‌سلىھە‌تلە‌رنى لاۋىيلار كىتابى 19-‏بابتا كۆرسىتىپ بېرىدۇ.‏ ئىبرانىي تە‌تقىقاتچى ئالىم ماركۇ‌س كالىچ شۇ‌نداق يازغان:‏ «بۇ 19-‏باب،‏ لاۋىيلار كىتابىدىكى،‏ شۇ‌نىڭدە‌ك پۈتۈن تە‌ۋراتتىكى بە‌ش كىتاب ئىچىدىكى ئە‌ڭ مۇ‌ھىم بىر باب بولۇ‌شى مۇ‌مكىن».‏ لاۋىيلار 19-‏بابنىڭ بېشىدىكى:‏ «سىلە‌ر چوقۇ‌م مۇ‌قە‌ددە‌س بولۇ‌ڭلار»،‏—‏ دېگە‌ن سۆزلە‌رنى ئە‌ستە تۇ‌تقاچ،‏ بۇ بابتىكى باشقا ئايە‌تلە‌رگە دىققە‌ت قىلىپ كۆرسە‌ك،‏ كۈندىلىك تۇ‌رمۇ‌شتىكى ھە‌ر ساھە‌گە باغلىنىشلىق ئايە‌تلە‌ر بار.‏ ھازىر تۆۋە‌ندىكى ئايە‌تلە‌رنى تە‌ھلىل قىلىپ،‏ شۇ قائىدە-‏پرىنسىپلارنى ھاياتىمىزدا قانداق قوللىنالايدىغانلىقىمىزنى ئۆگىنىمىز.‏

لاۋىيلار 19:‏3-‏ئايە‌تتىكى ئاتا-‏ئانىنى ھۆرمە‌تلە‌ش ھە‌ققىدىكى بۇ‌يرۇ‌ق،‏ مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىلىرىنى نېمە ھە‌ققىدە ئويلىنىشقا دە‌ۋە‌ت قىلىدۇ؟‏ (‏10—‏12-‏ئابزاسلارغا قاراڭ)‏ c

10،‏ 11.‏ لاۋىيلار 19:‏3-‏ئايە‌ت‏،‏ نېمە قىلىشىمىز كېرە‌كلىكىنى ئېيتىدۇ ۋە بۇ نېمە ئۈچۈن مۇ‌ھىم؟‏

10 يە‌ھۋا ئىسرائىللارنى مۇ‌قە‌ددە‌س بولۇ‌شقا بۇ‌يرۇ‌غاندىن كېيىن سۆزىنى داۋاملاشتۇ‌رۇ‌پ:‏ «سىلە‌ر ھە‌ربىرىڭلار چوقۇ‌م ئاناڭلارنى ۋە ئاتاڭلارنى ھۆرمە‌تلە‌ڭلار‏،‏ .‏ .‏ .‏ مە‌ن خۇ‌دايىڭلار يە‌ھۋا»،‏—‏ دېگە‌ن.‏—‏لاۋى.‏ 19:‏2،‏ 3‏.‏

11 بۇ بۇ‌يرۇ‌ق ناھايىتى مۇ‌ھىم.‏ بىز بۇ‌نىڭغا ئە‌ستايىدىل ئە‌مە‌ل قىلىشىمىز كېرە‌ك.‏ بىر قېتىم بىر يىگىت ئە‌يسادىن:‏ «مە‌ن قانداق ياخشى ئىشلارنى قىلسام،‏ مە‌ڭگۈلۈك ھاياتلىققا ئېرىشىمە‌ن؟‏»—‏ دە‌پ سورىغان ئىدى.‏ ئە‌يسا جاۋابە‌ن،‏ ئاتا-‏ئانىسىنى ھۆرمە‌تلىشى كېرە‌كلىكىنى ئېيتقان (‏مە‌تتا 19:‏16–‏19‏)‏.‏ ئە‌يسا يە‌نە پە‌رىسىيلە‌رنى ۋە تە‌ۋرات ئۇ‌ستازلىرىنى ئە‌يىبلىگە‌ن.‏ سە‌ۋە‌بى،‏ ئۇ‌لار ئاتا-‏ئانىسىنى بېقىش مە‌سئۇ‌لىيىتىدىن ئۆزىنى قاچۇ‌راتتى.‏ بۇ‌نداق بولغاندا،‏ ئۇ‌لار خۇ‌دانىڭ ئە‌مرىنى يوققا چىقىراتتى (‏مە‌تتا 15:‏3–‏6‏)‏.‏ خۇ‌دانىڭ بۇ ئە‌مرى ئون پە‌رماننىڭ بە‌شىنچىسى ۋە لاۋىيلار كىتابى 19-‏باب 3-‏ئايە‌تتىمۇ تىلغا ئېلىنغان (‏چىق.‏ 20:‏12‏)‏.‏ ئېسىڭلاردا بولسۇ‌نكى،‏ لاۋىيلار 19:‏2-‏ئايە‌تتە‏،‏ يە‌ھۋا:‏ «سىلە‌ر چوقۇ‌م مۇ‌قە‌ددە‌س بولۇ‌ڭلار،‏ چۈنكى مە‌ن خۇ‌دايىڭلار يە‌ھۋا مۇ‌قە‌ددە‌ستۇ‌رمە‌ن»،‏—‏ دە‌پ يېزىلغان.‏ 3-‏ئايە‌تتە:‏ «ئاناڭلار بىلە‌ن ئاتاڭلارنى ھۆرمە‌تلە‌ڭلار»،‏—‏ دېگە‌ن بۇ‌يرۇ‌ق بېرىلگە‌ن.‏

12.‏ لاۋىيلار 19:‏3-‏ئايە‌تتىكى بۇ‌يرۇ‌ققا ئە‌مە‌ل قىلىش ئۈچۈن ئۆز-‏ئۆزۈمىزدىن قانداق سوئالنى سوراپ كۆرسە‌ك بولىدۇ؟‏

12 يە‌ھۋانىڭ ئە‌مر-‏پە‌رمانلىرىغا بويسۇ‌نۇ‌ش ئۈچۈن ئۆز-‏ئۆزۈمىزدىن شۇ‌نداق سوراپ كۆرسە‌ك بولىدۇ:‏ «ئاتا-‏ئانامغا ھۆرمە‌ت كۆرسىتىش ئۈچۈن نېمە قىلىۋاتىمە‌ن؟‏» ئە‌گە‌ر ئۆزىڭىزنىڭ يېتە‌رلىك قىلالمىغانلىقىڭىزنى بايقىسىڭىز،‏ ھازىر ياخشىراق قىلىشنى قارار قىلسىڭىز بولىدۇ.‏ گە‌رچە ئۆتمۈشنى ئۆزگە‌رتە‌لمىسىڭىزمۇ،‏ ئاتا-‏ئانىڭىزغا بۇ‌نىڭدىن كېيىن تېخىمۇ كۆپرە‌ك كۆڭۈل بۆلۈشنى قارار قىلالايسىز.‏ بە‌لكىم،‏ ئۇ‌لار بىلە‌ن كۆپرە‌ك ۋاقىت ئۆتكۈزۈپ،‏ ئۇ‌لارنى ماددىي ياكى ھېسسىي جە‌ھە‌تتىن قوللاپ-‏قۇ‌ۋۋە‌تلىيە‌لە‌يسىز.‏ ئە‌مدى ئۇ‌لارنىڭ داۋاملىق يە‌ھۋاغا يېقىنلىشىشىغا ۋە ئۇ‌نىڭغا خىزمە‌ت قىلىشىغا ياردە‌م بېرە‌لە‌يسىز.‏ بۇ ئارقىلىق،‏ سىز لاۋىيلار 19:‏3-‏ئايە‌تتىكى ئە‌مىرىگە بويسۇ‌نالايسىز.‏

13.‏ (‏1)‏ لاۋىيلار 19:‏3-‏ئايە‌تتە يە‌نە قايسى ئە‌مىر تىلغا ئېلىنغان؟‏ (‏2)‏ لۇ‌قا 4:‏16—‏18-‏ئايە‌تلە‌ردە يېزىلغانلارغا ئاساسلانغاندا،‏ بۈگۈنكى كۈندە ئە‌يسانى قانداق ئۈلگە قىلالايمىز؟‏

13 مۇ‌قە‌ددە‌س بولۇ‌ش ھە‌ققىدە،‏ لاۋىيلار 19:‏3-‏ئايە‌تتە باشقا بىر نە‌رسە،‏ يە‌نى دە‌م ئېلىش كۈنى ئورۇ‌نلاشتۇ‌رۇ‌شى تىلغا ئېلىنغان.‏ ئە‌لۋە‌تتە،‏ ئە‌يسانىڭ ئە‌گە‌شكۈچىلىرىنىڭ مۇ‌سا قانۇ‌نىغا بويسۇ‌نۇ‌پ،‏ ھە‌ر ھە‌پتىدە دە‌م ئېلىش كۈنىنى ئۆتكۈزۈشىنىڭ ھاجىتى يوق.‏ ئە‌مما،‏ ئىسرائىللارنىڭ دە‌م ئېلىش كۈنىنى قانداق ئۆتكۈزگە‌نلىكى ۋە ئۇ‌لارنىڭ بۇ ئورۇ‌نلاشتۇ‌رۇ‌شتىن قانداق پايدا ئالغانلىقى ھە‌ققىدە مۇ‌لاھىزە قىلساق،‏ نۇ‌رغۇ‌ن نە‌رسىلە‌رنى ئۆگىنە‌لە‌يمىز b‏.‏ دە‌م ئېلىش كۈنى كىشىلە‌ر خىزمىتىنى تاشلاپ،‏ ئارام ئېلىپ،‏ خۇ‌داغا ئىبادە‌ت قىلغانىدى.‏ شۇ سە‌ۋە‌بتىن،‏ ئە‌يسا ناسىرە‌دىكى ئىبادە‌تخانىغا بېرىپ،‏ خۇ‌دانىڭ سۆزىنى ئوقاتتى (‏چىق.‏ 31:‏12—‏15؛‏ لۇ‌قا 4:‏16—‏18-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ يە‌ھۋا لاۋىيلار 19:‏3-‏ئايە‌تتە‏:‏ «چوقۇ‌م مېنىڭ شابات كۈنلىرىمنى تۇ‌تۇ‌ڭلار»،‏—‏ دېگە‌نىدى.‏ بۇ بۇ‌يرۇ‌ق بىزنى روھىي ئىشلارغا كۆپرە‌ك دىققە‌ت ئاغدۇ‌رۇ‌ش ئۈچۈن ۋاقىت چىقىرىشقا دە‌ۋە‌ت قىلىدۇ.‏ سىز مۇ‌شۇ تە‌رە‌پتىن ئۆزگە‌رتىشلە‌رنى قىلىشىڭىز كېرە‌كلىكىنى ھېس قىلدىڭىزمۇ؟‏ ئە‌گە‌ر روھىي ئىشلارغا دىققىتىڭىزنى قارىتىش ئۈچۈن دائىم ۋاقىت ئاجراتسىڭىز،‏ يە‌ھۋا بىلە‌ن دوستلۇ‌ق مۇ‌ناسىۋىتىڭىزنى كۈچە‌يتە‌لە‌يسىز.‏ بۇ مۇ‌قە‌ددە‌س بولۇ‌شنىڭ مۇ‌ھىم قە‌دىمى.‏

يە‌ھۋا بىلە‌ن بولغان دوستلۇ‌قىڭلارنى كۈچە‌يتىڭلار

14.‏ لاۋىيلار 19-‏بابتا قايسى مۇ‌ھىم ھە‌قىقە‌ت قايتا-‏قايتا تە‌كىتلە‌نگە‌ن؟‏

14 لاۋىيلار 19-‏بابتا‏،‏ قايتا-‏قايتا تە‌كىتلە‌نگە‌ن بىر مۇ‌ھىم ھە‌قىقە‌ت بىزنىڭ مۇ‌قە‌ددە‌س بولۇ‌شىمىزغا ياردە‌م بېرە‌لە‌يدۇ.‏ 4-‏ئايە‌تنىڭ ئاخىرىدا مۇ‌نداق دېيىلگە‌ن:‏ «مە‌ن ئۆزۈم خۇ‌دايىڭلار پە‌رۋە‌ردىگاردۇ‌رمە‌ن».‏ بۇ‌نىڭغا ئوخشاش ئىپادىلە‌ر،‏ بۇ بابتا 16 قېتىم ئۇ‌چرايدۇ.‏ بۇ بىزگە ئون پە‌رماننىڭ بىرىنچىسىنى ئېسىمىزگە سالىدۇ:‏ «مە‌ن خۇ‌دايىڭ يە‌ھۋا.‏ مە‌ندىن باشقا خۇ‌دايىڭ بولمىسۇ‌ن» (‏چىق.‏ 20:‏2،‏ 3‏)‏.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س بولۇ‌شنى خالايدىغان ھە‌ر بىر مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىسى چوقۇ‌م ھېچقانداق بىر نە‌رسە ياكى كىشىنىڭ ئۆزىنىڭ يە‌ھۋا بىلە‌ن بولغان مۇ‌ناسىۋىتىنى بۇ‌زۇ‌شىغا يول بە‌رمە‌سلىكى كېرە‌ك.‏ چۈنكى،‏ بىز يە‌ھۋانىڭ ئىسىمى بىلە‌ن يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرى دە‌پ ئاتالغاچ،‏ ئۇ‌نىڭ ئىسىمىغا ھاقارە‌ت ياكى داغ كە‌لتۈرىدىغان ھە‌ر-‏قانداق نە‌رسىدىن يىراق تۇ‌رۇ‌شنى قە‌تئىي بە‌ل باغلىشىمىز كېرە‌ك.‏—‏ لاۋى.‏ 19:‏12؛‏ يە‌شايا 57:‏15‏.‏

15.‏ لاۋىيلار 19-‏بابتىكى قۇ‌ربانلىققا مۇ‌ناسىۋە‌تلىك ئايە‌تلە‌ر بىزنى نېمە قىلىشقا ئۈندىشى كېرە‌ك؟‏

15 ئىسرائىللار يە‌ھۋانىڭ نۇ‌رغۇ‌ن قانۇ‌نلىرىغا بوي سۇ‌نۇ‌ش ئارقىلىق ئۇ‌نىڭ ئۆزلىرىنىڭ خۇ‌داسى ئىكە‌نلىكىنى قوبۇ‌ل قىلغانلىقىنى كۆرسە‌تكە‌ن.‏ لاۋىيلار 18:‏4-‏ئايە‌ت مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «سىلە‌ر چوقۇ‌م ھۆكۈملىرىمنى ئىجرا قىلىڭلار،‏ سىلە‌ر چوقۇ‌م قانۇ‌نلىرىمغا بويسۇ‌نۇ‌پ،‏ شۇ بويىچە مېڭىڭلار.‏ مە‌ن خۇ‌دايىڭلار يە‌ھۋا».‏ 19-‏بابتا،‏ يە‌نە بە‌زى ئە‌مر-‏پە‌رمانلار بېرىلگە‌ن.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ 5—‏8،‏ 21،‏ 22-‏ئايە‌تلە‌ردە،‏ ھايۋانلارنى قۇ‌ربانلىق قىلىش ھە‌ققىدە ئە‌مىر-‏پە‌رمانلار كۆرسىتىلگە‌ن.‏ ئىسرائىللار قۇ‌ربانلىق قىلغاندا،‏ يە‌ھۋانىڭ مۇ‌قە‌ددە‌س نە‌رسىلىرىنى ناپاك قىلماسلىقى كېرە‌كلىكى بە‌لگىلە‌نگە‌نىدى.‏ بۇ ئايە‌تلە‌ر نېمە قىلىشقا دە‌ۋە‌ت قىلىدۇ؟‏ ئۇ‌لار بىزنى يە‌ھۋانى خۇ‌رسە‌ن قىلىشقا ئۈندىشى كېرە‌ك ۋە ئىبرانىيلار 13:‏15-‏ئايە‌تلە‌ردە تىلغا ئېلىنغاندە‌ك،‏ يە‌ھۋا قوبۇ‌ل قىلىدىغان ئۇ‌سۇ‌لدا ئۇ‌نىڭغا مە‌دھىيە قۇ‌ربانلىقلىرىنى سۇ‌نۇ‌شقا دە‌ۋە‌ت قىلىشى كېرە‌ك.‏

16.‏ خۇ‌داغا خىزمە‌ت قىلىدىغان ئادە‌ملە‌ر بىلە‌ن خىزمە‌ت قىلمايدىغانلار ئارىسىدا قانداق پە‌رق بار؟‏

16 مۇ‌قە‌ددە‌س بولۇ‌ش ئۈچۈن بىز باشقىلاردىن پە‌رقلىق بولۇ‌شتىن قورقماسلىقىمىز كېرە‌ك.‏ بۇ ئاسانغا چۈشمە‌سلىكى مۇ‌مكىن.‏ چۈنكى،‏ بە‌زىدە سىنىپداشلىرىمىز،‏ سودا-‏تىجارە‌تتىكى شېرىكلىرىمىز،‏ ئوخشاش ئېتىقادتا ئە‌مە‌س ئۇ‌رۇ‌ق-‏تۇ‌غقانلىرىمىز ياكى باشقا كىشىلە‌ر بىزدىن ئە‌يسا مە‌سىھنىڭ ئە‌گە‌شكۈچىلىرىگە ماس كە‌لمە‌يدىغان ئىشلارنى قىلىشنى تە‌لە‌پ قىلىشى مۇ‌مكىن.‏ بىز شۇ‌نداق ئە‌ھۋالدا مۇ‌ھىم بىر تاللاشقا دۇ‌چ كېلىمىز.‏ توغرا تاللاش قىلىشىمىزغا نېمە ياردە‌م بېرە‌لە‌يدۇ؟‏ لاۋىيلار 19:‏19-‏ئايە‌تتە‏،‏ بىزگە ياردە‌م بېرىدىغان بىر پرىنسىپ بار.‏ بۇ ئايە‌تتە شۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «ئىككى خىل يىپتىن توقۇ‌لغان كىيىمنى كىيمىگىن».‏ بۇ ئە‌مىر-‏پە‌رمان ئىسرائىللارنى ئە‌تراپتىكى باشقا مىللە‌تلە‌ردىن پە‌رقلىق قىلغان.‏ ئە‌لۋە‌تتە بۈگۈنكى كۈندە بىز تە‌ۋرات قانۇ‌نى ئاستىدا ئە‌مە‌س.‏ شۇ‌ڭا،‏ پاختا رە‌خت بىلە‌ن سۈنئىي تالالىق رە‌ختنى ئارىلاشتۇ‌رۇ‌پ تىكىلگە‌ن كىيىملە‌رنى كىيىشكە قارشى تۇ‌رمايمىز.‏ ئە‌مما،‏ باشقىلارنىڭ ئىمان-‏ئېتىقادى ۋە ئىش-‏ھە‌رىكىتى مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب پرىنسىپلىرىغا خىلاپ بولسا،‏ گە‌رچە ئۇ‌لار بىزنىڭ سىنىپداشلىرىمىز،‏ تىجارە‌تتىكى شېرىكلىرىمىز ياكى ئۇ‌رۇ‌ق-‏تۇ‌غقانلىرىمىز بولسىمۇ،‏ ئۇ‌لاردىن پە‌رقلىق بولۇ‌شنى خالايمىز.‏ ئە‌لۋە‌تتە بىز ئائىلىمىزنى ياخشى كۆرىمىز،‏ ئە‌تراپىمىزدىكى يېقىنلىرىمىزغا كۆڭۈل بۆلىمىز،‏ بىراق ھاياتىمىزدىكى مۇ‌ھىم ئىشلارغا كە‌لگە‌ندە،‏ بىز يە‌ھۋانىڭ خە‌لقى سۈپىتىدە ئۆزۈمىزنى ئۇ‌لاردىن پە‌رقلىق تۇ‌تۇ‌شنى خالايمىز.‏ ئېسىڭىزدە بولسا،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س بولۇ‌ش —‏ كىشىنى خۇ‌داغا خىزمە‌ت قىلىش ئۈچۈن ئايرىپ قويۇ‌ش دېگە‌ننىمۇ بىلدۈرىدۇ.‏ دېمە‌ك،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س بولۇ‌ش بە‌ك مۇ‌ھىم!‏ بۇ‌نىڭ ئۈچۈن ئۆزۈمىزنى خۇ‌داغا ئايرىپ قويۇ‌شقا تىرىشىشىمىز كېرە‌ك.‏—‏2-‏كورىنت.‏ 6:‏14–‏16؛‏ 1-‏پېتر.‏ 4:‏3،‏ 4‏.‏

خۇ‌دا خە‌لقى لاۋىيلار 19:‏23—‏25-‏ئايە‌تلە‌ردىن نېمىنى ئۆگىنىشى كېرە‌ك ئىدى؟‏ سىز شۇ ئايە‌تلە‌ردىن نېمىنى ئۆگە‌ندىڭىز؟‏ (‏17،‏ 18-‏ئابزاسلارغا قاراڭ)‏ d

17،‏ 18.‏ لاۋىيلار 19:‏23—‏25-‏ئايە‌تلە‌ردىن قانداق مۇ‌ھىم نە‌رسىلە‌رنى ئۆگىنە‌لە‌يمىز؟‏

17 «مە‌ن خۇ‌دايىڭلار يە‌ھۋا» دېگە‌ن بۇ ئىبارە،‏ يە‌ھۋا بىلە‌ن بولغان مۇ‌ناسىۋىتىنى قە‌دىرلىشى كېرە‌كلىكىنى،‏ ئىسرائىللارنىڭ ئېسىگە سېلىپ تۇ‌رغان.‏ لاۋىيلار 19:‏23—‏25-‏ئايە‌تلە‌ردە‏،‏ بۇ‌نىڭ بىر يولى كۆرسىتىلگە‌ن ‏(‏ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ ئۇ‌لار ۋە‌دە قىلىنغان زېمىنغا كىرگە‌ندە،‏ شۇ سۆزلە‌ر ئۇ‌لار ئۈچۈن نېمىنى بىلدۈرىدىغانلىقىنى مۇ‌ھاكىمە قىلىپ باقايلى.‏ ئە‌گە‌ر ئۇ‌لار مېۋىلىك دە‌رە‌خ تىكسە،‏ ئالدىنقى ئۈچ يىلدا بە‌رگە‌ن مېۋىلە‌رنى يېيىشكە بولمايتتى.‏ تۆتىنچى يىلى بە‌رگە‌ن مېۋىلە‌رنىڭ ھە‌ممىسىنى يە‌ھۋاغا سۇ‌نۇ‌شى كېرە‌ك ئىدى.‏ بە‌شىنچى يىلى بە‌رگە‌ن مېۋىلە‌ردىن ئۇ‌لار يېسە بولاتتى.‏ بۇ ئە‌مىر-‏پە‌رمان ئىسرائىللارغا ئۆز مە‌نپە‌ئىتىنى ئە‌ڭ مۇ‌ھىم ئورۇ‌نغا قويماسلىقى كېرە‌كلىكىنى چۈشە‌ندۈرگە‌ن.‏ ئۇ‌لار يە‌ھۋانىڭ كۆرسە‌تمىلىرى بويىچە ھايات كە‌چۈرۈشى،‏ يە‌نى يە‌ھۋاغا پاك ئىبادە‌ت قىلىشنى بىرىنچى ئورۇ‌نغا قويۇ‌شى زۆرۈر بولغان.‏ يە‌ھۋا ئۇ‌لارنى ئاچ قويمىغان،‏ شۇ‌ڭا ئۇ‌لارنىڭ كۆڭلى توق بولغان.‏ خۇ‌دا ئۇ‌لارنى سېخىيلىق بىلە‌ن قۇ‌ربانلىقلارنى ئۇ‌نىڭغا ئىبادە‌ت قىلىدىغان جايغا ئېلىپ كېلىشكە ئۈندىگە‌ن.‏

18 لاۋىيلار 19:‏23—‏25-‏ئايە‌تلە‌ردىكى ئە‌مىر-‏پە‌رمان،‏ بىزگە ئە‌يسانىڭ تاغدىكى ۋە‌ز نە‌سىھىتىدىكى مۇ‌شۇ سۆزلە‌رنى ئە‌سلىتىدۇ:‏ «نېمە يە‌يمىز ۋە نېمە ئىچىمىز دە‌پ .‏.‏.‏ غە‌م-‏ئە‌ندىشە قىلماڭلار».‏ ئە‌يسا سۆزىدە يە‌نە:‏ «ئاسماندىكى ئاتاڭلار سىلە‌رنىڭ بۇ نە‌رسىلە‌رنىڭ ھە‌ممىسىگە مۇ‌ھتاجلىقىڭلارنى بىلىدۇ»،‏—‏ دېگە‌ن (‏مە‌تتا 6:‏25،‏ 26،‏ 32‏)‏.‏ قۇ‌شلارغىمۇ غە‌مخورلۇ‌ق قىلغان يە‌ھۋا خۇ‌دا چوقۇ‌م بىزگىمۇ غە‌مخورلۇ‌ق قىلىدۇ.‏ بىز شۇ‌نىڭغا قە‌تئىي ئىشىنە‌لە‌يمىزكى،‏ ئېتىقادچى قېرىنداشلىرىمىزغا ياردە‌م بە‌رسە‌ك،‏ خۇ‌شاللىق بىلە‌ن جامائە‌تكە ئىئانە بە‌رسە‌ك،‏ يە‌ھۋا سېخىيلىقىمىزنى ھېچقاچان ئۇ‌نتۇ‌پ قالمايدۇ.‏ ئۇ بىزنى چوقۇ‌م مۇ‌كاپاتلايدۇ (‏مە‌تتا 6:‏2–‏4‏)‏.‏ بىز سېخىي-‏مە‌رد بولساق،‏ لاۋىيلار 19:‏23—‏25-‏ئايە‌تلە‌ردىكى ھە‌قىقە‌تنى چۈشە‌نگە‌نلىكىمىزنى ئېنىق كۆرسىتىمىز.‏

19.‏ بۇ ماقالىدە،‏ لاۋىيلار 19-‏بابتىكى بە‌زى ئايە‌تلە‌رنى مۇ‌ھاكىمە قىلىپ نېمىلە‌رنى ئۆگە‌ندىڭىز؟‏

19 لاۋىيلار 19-‏بابتىكى بە‌زى ئايە‌تلە‌رنى مۇ‌ھاكىمە قىلغاندىن كېيىن،‏ قايسى جە‌ھە‌تلە‌ردە مۇ‌قە‌ددە‌س بولالايدىغانلىقىمىزنى كۆرۈپ چىقتۇ‌ق.‏ بىز بارلىق يۈرۈش-‏تۇ‌رۇ‌شىمىزدا پاك بولساق،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س خۇ‌دا يە‌ھۋانى ئۈلگە قىلغان بولىمىز (‏1-‏پېتر.‏ 1:‏15‏)‏.‏ يە‌ھۋاغا ئىبادە‌ت قىلمايدىغان نۇ‌رغۇ‌ن كىشىلە‌ر بىزنىڭ ياخشى يۈرۈش-‏تۇ‌رۇ‌شىمىزنى كۆرە‌لە‌يدۇ.‏ ئۇ‌لارنىڭ بە‌زىلىرى بۇ‌نىڭدىن چوڭقۇ‌ر تە‌سىرلىنىپ،‏ خۇ‌داغا شان-‏شە‌رە‌پ ئېيتىدۇ (‏1-‏پېتر.‏ 2:‏12‏)‏.‏ بىراق،‏ لاۋىيلار 19-‏بابتىن‏،‏ يە‌نە باشقا قىممە‌تباھا روھىي غە‌زنىلە‌رگە ئېرىشە‌لە‌يمىز.‏ كېيىنكى ماقالىدە،‏ ئە‌لچى پېترۇ‌س بىزنى دە‌ۋە‌ت قىلغاندە‌ك،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س بولۇ‌ش ئۈچۈن يە‌نە نېمىلە‌رنى قىلالايدىغانلىقىمىزنى مۇ‌ھاكىمە قىلىمىز.‏

1-‏ناخشا يە‌ھۋانىڭ ئېسىل پە‌زىلە‌تلىرى

a بىز يە‌ھۋانى سۆيىمىز ۋە ئۇ‌نى خۇ‌رسە‌ن قىلىشنى خالايمىز.‏ يە‌ھۋا مۇ‌قە‌ددە‌ستۇ‌ر ۋە ئۆزىگە ئىبادە‌ت قىلغۇ‌چىلاردىن مۇ‌قە‌ددە‌س بولۇ‌شنى تە‌لە‌پ قىلىدۇ.‏ نامۇ‌كە‌ممە‌ل ئىنسانلار ئۈچۈن مۇ‌قە‌ددە‌س بولۇ‌ش راستىنلا مۇ‌مكىنمۇ؟‏ ھە‌ئە،‏ مۇ‌مكىن.‏ ئە‌لچى پېترۇ‌سنىڭ ئېتىقادچى قېرىنداشلىرىغا بە‌رگە‌ن نە‌سىھە‌ت سۆزلىرى ۋە يە‌ھۋانىڭ ئۆتمۈشتە ئىسرائىل خە‌لقىگە بە‌رگە‌ن يول-‏يورۇ‌قلىرىنى مۇ‌ھاكىمە قىلىش،‏ بىزنىڭ قانداق قىلىپ بارلىق يۈرۈش-‏تۇ‌رۇ‌شىمىزدا مۇ‌قە‌ددە‌س بولۇ‌شنى ئۆگىنىشىمىزگە ياردە‌م بېرىدۇ.‏

b شابات كۈنى (‏دە‌م ئېلىش كۈنى)‏ ۋە ئۇ‌نىڭدىن نېمىنى ئۆگىنە‌لە‌يدىغانلىقىمىز ھە‌ققىدە بىلىش ئۈچۈن،‏ كۈزىتىش مۇ‌نارى،‏ 2019-‏يىل،‏ دېكابىر سانىدىكى «‏ئىشلە‌شنىڭ ۋە دە‌م ئېلىشنىڭ ۋاقىت-‏سائىتى بار‏» دېگە‌ن ماقالىگە قاراڭ.‏

c سۈرە‌تتە:‏ بىر ئوغۇ‌ل ئاتا-‏ئانىلىرى بىلە‌ن دائىم پاراڭلىشىپ تۇ‌رۇ‌ش ئۈچۈن،‏ ئايالى ۋە بالىسىنى ئېلىپ،‏ ئۇ‌لارنى يوقلاشقا بارىدۇ.‏

d سۈرە‌تتە:‏ بىر ئىسرائىل دېھقان ئۆزى ئۆستۈرگە‌ن مېۋە دە‌رىخىگە قاراۋاتىدۇ.‏