مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

45-‏تە‌تقىق ماقالىسى

لاۋىيلار كىتابىدىن باشقىلارغا قانداق مۇ‌ئامىلە قىلىشنى ئۆگىنە‌لە‌يمىز

لاۋىيلار كىتابىدىن باشقىلارغا قانداق مۇ‌ئامىلە قىلىشنى ئۆگىنە‌لە‌يمىز

‏«باشقىلارنى ئۆزۈڭنى سۆيگە‌ندە‌ك سۆيگىن»‏‏.‏—‏ لاۋى.‏ 19:‏18‏.‏

25-‏ناخشا ھە‌قىقىي شاگىرت بولۇ‌شنىڭ بە‌لگىسى

بۇ ماقالىدە a

1،‏ 2.‏ ئالدىنقى ماقالىدە،‏ نېمىلە‌رنى ئۆگە‌ندۇ‌ق؟‏ بۇ ماقالىدە،‏ نېمىلە‌رنى ئۆگىنىمىز؟‏

 ئالدىنقى ماقالىدە،‏ لاۋىيلار كىتابى 19-‏بابتىن بە‌زى ئە‌مە‌لىي قوللىنىدىغان پرىنسىپلارنى ئۆگە‌ندۇ‌ق.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ لاۋىيلار 19:‏3-‏ئايە‌تتە‏،‏ يە‌ھۋا ئىسرائىللارغا ئاتا-‏ئانىلىرىنى ھۆرمە‌تلە‌شنى بۇ‌يرىغان.‏ بۈگۈن بىز ئوخشاش پرىنسىپلارنى ئىشلىتىپ،‏ ئاتا-‏ئانىلىرىمىزنىڭ جىسمانىي،‏ ھېس-‏تۇ‌يغۇ ۋە روھىي جە‌ھە‌تتىكى ئېھتىياجلىرىغا كۆڭۈل بۆلۈشىمىز كېرە‌ك.‏ ئوخشاش ئايە‌تتە،‏ يە‌نە دە‌م ئېلىش كۈنىگە ئە‌مە‌ل قىلىشنىڭ مۇ‌ھىملىقى تە‌كىتلە‌نگە‌ن.‏ گە‌رچە ئە‌يسانىڭ ئە‌گە‌شكۈچىلىرى دە‌م ئېلىش كۈنىگە ئە‌مە‌ل قىلمىسىمۇ،‏ ئۇ‌لار ھە‌مىشە خۇ‌داغا ئىبادە‌ت قىلىش ئۈچۈن ۋاقىت ئورۇ‌نلاشتۇ‌رۇ‌شى كېرە‌ك.‏ شۇ‌نداق قىلىش ئارقىلىق،‏ بىز مۇ‌قە‌ددە‌س بولۇ‌ش ئۈچۈن،‏ لاۋىيلار 19:‏2 ۋە 1-‏پېترۇ‌س 1:‏15-‏ئايە‌تتىكى كۆرسە‌تمىلە‌رگە ئە‌مە‌ل قىلىشقا تىرىشىۋاتقانلىقىمىزنى كۆرسىتىمىز.‏

2 بۇ ماقالىدە،‏ لاۋىيلار كىتابى 19-‏بابتىكى باشقا ئايە‌تلە‌رنى،‏ جۈملىدىن جىسمانىي جە‌ھە‌تتىن مېيىپ كىشىلە‌رگە قانداق مۇ‌ئامىلە قىلىش،‏ سودا-‏تىجارە‌ت ئىشلىرىدا سە‌مىمىي بولۇ‌ش ۋە باشقىلارغا قانداق سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت كۆرسىتىش ھە‌ققىدە مۇ‌ھاكىمە قىلىمىز.‏ خۇ‌دايىمىز مۇ‌قە‌ددە‌س بولغاچ،‏ بىزمۇ مۇ‌قە‌ددە‌س بولۇ‌شنى خالايمىز.‏ ئۇ‌نداقتا،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س بولۇ‌ش ئۈچۈن ھازىر نېمە قىلىش كېرە‌كلىكىنى بىر-‏بىرلە‌پ كۆرۈپ چىقايلى.‏

جىسمانىي جە‌ھە‌تتىن مېيىپ كىشىلە‌رگە غە‌مخورلۇ‌ق قىلىڭ

لاۋىيلار 19:‏14-‏ئايە‌ت‏،‏ گاس ياكى قارغۇ كىشىلە‌رگە قانداق مۇ‌ئامىلە قىلىشقا ئۈندە‌يدۇ؟‏ (‏3–‏5-‏ئابزاسلارغا قاراڭ)‏ c

3،‏ 4.‏ لاۋىيلار 19:‏14-‏ئايە‌تكە ئاساسلانغاندا،‏ ئىسرائىللار گاس ۋە قارغۇ كىشىلە‌رگە قانداق مۇ‌ئامىلە قىلىشى كېرە‌ك؟‏

3 لاۋىيلار 19:‏14-‏نى ئوقۇ‌ڭ.‏ يە‌ھۋا ئۆز خە‌لقىدىن مېيىپ ئادە‌ملە‌رگە ياخشى مۇ‌ئامىلە قىلىشنى تە‌لە‌پ قىلىدۇ.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ ئۇ ئىسرائىللارغا:‏ «گاس كىشىنى تىللىمىغىن»،‏—‏ دېگە‌ن.‏ ئۇ‌لار گاسلارغا تە‌ھدىت سالماسلىقى ۋە يامان گە‌پ قىلماسلىقى كېرە‌ك ئىدى.‏ بۇ گاس بىر ئادە‌م ئۈچۈن بە‌كمۇ زالىملىق قىلغانلىق بولىدۇ.‏ چۈنكى،‏ ئۇ كىشى ھېچنېمىنى ئاڭلىيالمىغاچقا،‏ ئۆزىنى قوغدىيالمايدۇ.‏

4 ئۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ 14-‏ئايە‌تتە،‏ خۇ‌دا يە‌نە ئۆز خە‌لقىگە:‏ «قارىغۇ كىشىنىڭ ئالدىغا پۇ‌تلىشاڭغۇ نە‌رسىنى قويمىغىن»،‏—‏ دە‌پ بۇ‌يرىغانىدى.‏ بىر پايدىلىنىش كىتابىدا شۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «قە‌دىمقى ئوتتۇ‌را شە‌رىقتە مېيىپ كىشىلە‌ر دائىم ئېزىلىشكە ياكى خورلاشقا ئۇ‌چرىغان».‏ بە‌زى رە‌ھىم-‏شە‌پقە‌تسىز كىشىلە‌ر قە‌ستە‌ن ئۇ‌لارغا ئازار بېرىپ ياكى قارغۇ‌لارنى زاڭلىق قىلىپ ئويناش ئۈچۈن،‏ ئۇ‌لارنىڭ ئالدىغا پۇ‌تلىكاشاڭ بولىدىغان نە‌رسىلە‌رنى قويغان.‏ ئۇ‌نداق قىلمىشلار ھە‌قىقە‌تە‌ن كىشىنىڭ غە‌زىپىنى قوزغايدۇ.‏ شۇ‌ڭلاشقا،‏ خۇ‌دا لاۋىيلار 19:‏14-‏ئايە‌تتىكى قانۇ‌ننى چىقىرىپ،‏ ئىسرائىللارنىڭ مېيىپ،‏ ئاجىز كىشىلە‌رگە ھېسداشلىق قىلىشى كېرە‌كلىكىنى چۈشىنىشىگە ياردە‌م بە‌رگە‌ن.‏

5.‏ جىسمانىي جە‌ھە‌تتىن مېيىپ كىشىلە‌رگە قانداق ھېسداشلىق قىلالايمىز؟‏

5 ئە‌يسا جىسمانىي جە‌ھە‌تتىن مېيىپ كىشىلە‌رگە ھېسداشلىق كۆرسە‌تكە‌ن.‏ ئۇ يە‌ھيا چۆمۈلدۈرگۈچىگە مۇ‌نداق خە‌ۋە‌رنى يە‌تكۈزۈشكە ئادە‌م ئە‌ۋە‌تكە‌ن:‏ «كورنىڭ كۆزلىرى ئېچىلىۋاتىدۇ.‏ توكۇ‌ر مېڭىۋاتىدۇ،‏ ماخاۋلار كېسىلىدىن ساقىيىۋاتىدۇ،‏ گاس كىشى ئاڭلاۋاتىدۇ،‏ ئۆلۈك تىرىلىۋاتىدۇ» (‏لۇ‌قا 7:‏20—‏22؛‏ 18:‏43‏)‏.‏ ئە‌يسانىڭ مۆجىزىلىرىنى كۆرگە‌ن كىشىلە‌ر خۇ‌دانى مە‌دھىيىلىگە‌ن ئىدى.‏ بىز خۇ‌شاللىق بىلە‌ن ئە‌يسانى ئۈلگە قىلىپ،‏ جىسمانىي جە‌ھە‌تتىن مېيىپ كىشىلە‌رگە مېھرىبانلىق،‏ ھېسداشلىق ۋە سە‌ۋرچانلىق بىلە‌ن مۇ‌ئامىلە قىلىشنى خالايمىز.‏ ئىنسانلارنى ساقايتىدىغان مۆجىزە كۆرسىتىش كۈچ-‏قۇ‌درىتى بىزگە بېرىلمىگە‌ن.‏ بىراق،‏ كە‌لگۈسى جە‌ننە‌تتە جىسمانىي ياكى روھىي جە‌ھە‌تتىن قارغۇ كىشىلە‌رنىڭ بولمايدىغانلىقى ۋە ھە‌ممە كىشىنىڭ مۇ‌كە‌ممە‌ل بولۇ‌پ،‏ يە‌ھۋا بىلە‌ن يېقىن مۇ‌ناسىۋە‌تتە بولىدىغانلىقى ھە‌ققىدىكى خۇ‌ش خە‌ۋە‌رنى يە‌تكۈزۈش شان-‏شە‌رىپى بېرىلگە‌ن (‏لۇ‌قا 4:‏18‏)‏.‏ بۈگۈنكى كۈندە نۇ‌رغۇ‌ن كىشىلە‌ر ئاللىقاچان بۇ خۇ‌ش خە‌ۋە‌رنى ئاڭلاپ،‏ خۇ‌دانى چىن كۆڭلىدىن مە‌دھىيىلە‌ۋاتىدۇ.‏

سودا-‏تىجارە‌ت ئىشلىرىدا سە‌مىمىي بولۇ‌ڭ

6.‏ لاۋىيلار 19-‏بابتىكى بە‌زى ئايە‌تلە‌ر،‏ ئون ئە‌مر-‏پە‌رماننى ياخشىراق چۈشىنىشىمىزگە قانداق ياردە‌م بېرىدۇ؟‏

6 لاۋىيلار 19-‏بابتىكى بە‌زى ئايە‌تلە‌ر،‏ ئون ئە‌مر-‏پە‌رماننى ياخشىراق چۈشىنىشىمىزگە ياردە‌م بېرىدۇ.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ سە‌ككىزىنچى ئە‌مردە،‏ «ئوغرىلىق قىلمىغىن» دېيىلگە‌ن (‏چىق.‏ 20:‏15‏)‏.‏ ئە‌مما،‏ بە‌زى كىشىلە‌ر:‏ ‏«باشقىلارغا تە‌ۋە نە‌رسىلە‌رنى ئالمىساملا،‏ بۇ ئە‌مرگە ئە‌مە‌ل قىلىمە‌ن»،‏—‏ دە‌پ ئويلىشى مۇ‌مكىن.‏ بىراق،‏ ئۇ بە‌لكىم باشقا ئۇ‌سۇ‌للار بىلە‌ن شۇ بۇ‌يرۇ‌ققا خىلاپلىق قىلىپ،‏ ئوغرىلىشى مۇ‌مكىن.‏

7.‏ قانداق ئۇ‌سۇ‌للار بىلە‌ن سودىگە‌ر سە‌ككىزىنچى ئە‌مرگە خىلاپلىق قىلىشى مۇ‌مكىن؟‏

7 بىر سودىگە‌ر ھېچقاچان ئۆزىگە تە‌ۋە بولمىغان نە‌رسىنى ئالمىغانلىقىدىن پە‌خىرلىنىشى مۇ‌مكىن.‏ ئە‌مما،‏ ئۇ سودا-‏تىجارىتىدە راستچىلمۇ؟‏ لاۋىيلار 19:‏35،‏ 36-‏ئايە‌تلە‌ردە‏،‏ يە‌ھۋا شۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «ئۇ‌زۇ‌نلۇ‌ق،‏ ئېغىرلىق ياكى ھە‌جىمنى ئۆلچىگە‌ندە،‏ ناھە‌قلىق قىلماڭلار؛‏ تارازا،‏ تارازا تاشلىرى،‏ قۇ‌رۇ‌ق ۋە سۇ‌يۇ‌ق نە‌رسىلە‌رنى ئۆلچە‌يدىغان كە‌مچىلە‌ر چوقۇ‌م توغرا بولسۇ‌ن».‏ ئە‌گە‌ر بىر سودىگە‌ر ناتوغرا تارازا ۋە ئۆلچىگۈچىلە‌رنى قوللىنىپ،‏ ئۆز خېرىدارلىرىنى ئالدىسا،‏ بۇ ئۇ‌لاردىن ئوغرىلىغانغا ئوخشاش بولىدۇ.‏ بىز لاۋىيلار 19-‏بابتىكى باشقا ئايە‌تلە‌رنى تە‌پسىلىي كۆرۈپ چىقساق،‏ بۇ‌نى ئېنىق كۆرە‌لە‌يمىز.‏

لاۋىيلار 19:‏11—‏13-‏ئايە‌تلە‌ر‏،‏ بىر مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىسىنى سودا-‏تىجارە‌ت ئىشلىرىدا ئۆزلىرىنى تە‌كشۈرۈپ كۆرۈشكە قانداق دە‌ۋە‌ت قىلىدۇ؟‏ (‏8–‏10-‏ئابزاسلارغا قاراڭ)‏ d

8.‏ لاۋىيلار 19:‏11—‏13-‏ئايە‌تلە‌ر‏،‏ ئىسرائىللارغا سە‌ككىزىنچى ئە‌مرنىڭ ئارقىسىدىكى پرىنسىپلارنى قوللىنىشىغا قانداق ياردە‌م بە‌رگە‌ن؟‏ بىز ئۇ‌نىڭدىن نېمىلە‌رنى ئۆگىنە‌لە‌يمىز؟‏

8 لاۋىيلار 19:‏11—‏13-‏نى ئوقۇ‌ڭ.‏ 11-‏ئايە‌ت شۇ‌نداق سۆزلە‌ر بىلە‌ن باشلىنىدۇ:‏ «سىلە‌ر ئوغرىلىق قىلماڭلار».‏ 13-‏ئايە‌تتە،‏ ئوغرىلىقنى سە‌مىمىيە‌تسىز سودا-‏تىجارە‌ت ئىشلىرى بىلە‌ن باغلاپ شۇ‌نداق دېگە‌ن:‏ «باشقىسىنىڭ ھە‌ققىنى يە‌پ بۇ‌لاڭچىلىق قىلمىغىن».‏ دېمە‌ك،‏ ئە‌گە‌ر ئادە‌م سودا ئىشلىرىدا باشقىلارنى ئالدىسا،‏ ئۇ ئوغرىلىق ۋە بۇ‌لاڭچىلىق قىلغانغا ئوخشاش بولىدۇ.‏ ئون ئە‌مرنىڭ سە‌ككىزىنچىسىدە ئوغرىلىق قىلماسلىق ھە‌ققىدە بۇ‌يرۇ‌ق بېرىلگە‌ن بولسىمۇ،‏ لاۋىيلار كىتابىدىكى مە‌زمۇ‌نلار ئىسرائىللارغا بۇ بۇ‌يرۇ‌قنىڭ ئارقىسىغا يوشۇ‌رۇ‌نغان پرىنسىپلارنى قانداق ئىشلىتىشنى چۈشىنىشىگە ياردە‌م بە‌رگە‌ن.‏ بىز يە‌ھۋانىڭ سە‌مىمىيە‌تسىزلىككە ۋە ئوغرىلىققا قانداق كۆزقاراشتا ئىكە‌نلىكىنى ئە‌ستايىدىل ئويلىنىشىمىز كېرە‌ك.‏ ئۆز-‏ئۆزۈمىزدىن مۇ‌نداق سوراپ كۆرسە‌ك بولىدۇ:‏ لاۋىيلار 19:‏11—‏13-‏ئايە‌تلە‌رنى ئوقۇ‌غاندىن كېيىن،‏ بولۇ‌پمۇ ھاياتىمدا سودا-‏تىجارە‌ت ۋە خىزمە‌تتە ئۆزگۈرۈشلە‌رنى قىلىشىم كېرە‌كلىكىنى كۆرۈپ يە‌تتىممۇ؟‏

9.‏ لاۋىيلار 19:‏13-‏ئايە‌تتىكى قانۇ‌ن ئىشچىلارنى قانداق قوغدىغان؟‏

9 باشقىلارنى خىزمە‌تكە ئالغان مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىسى سە‌مىمىي بولۇ‌شنىڭ يە‌نە بىر تە‌رىپىگە دىققە‌ت قىلىشى كېرە‌ك.‏ لاۋىيلار 19:‏13-‏ئايە‌تتە مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «مە‌دىكارنىڭ ھە‌ققىنى ئە‌تىسى ئە‌تىگە‌نگىچە بە‌رمە‌ي،‏ كېچىچە يېنىڭدا قوندۇ‌رۇ‌پ قالمىغىن».‏ قە‌دىمقى زاماندا،‏ ئىسرائىلدا دېھقانچىلىق ساھە‌سىدە ئىشچىلارنى ياللاپ ئىشلە‌تكە‌نلە‌ر چوقۇ‌م شۇ كۈنى كە‌چتە ئۇ‌لارنىڭ ئىش ھە‌ققىنى بېرىشى كېرە‌ك ئىدى.‏ ئە‌گە‌ر ئىشچىغا شۇ كۈنى كە‌چ ئىش-‏ھە‌ققى بېرىلمىسە،‏ ئۇ ئۆز ئائىلىسى ئۈچۈن يېمە‌ك-‏ئىچمە‌ك سېتىۋالالماسلىقى مۇ‌مكىن ئىدى.‏ بۇ‌نىڭ سە‌ۋە‌بىنى چۈشە‌ندۈرۈپ،‏ يە‌ھۋا مۇ‌نداق دېگە‌ن:‏ «چۈنكى ئۇ نامرات ۋە ئىش ھە‌ققىگە تايىنىپ جان ساقلايدۇ».‏—‏تە‌كرار.‏ قا 24:‏14،‏ 15؛‏ مە‌تتا 20:‏8‏.‏

10.‏ لاۋىيلار 19:‏13-‏ئايە‌تتىن نېمىلە‌رنى ئۆگىنە‌لە‌يمىز؟‏

10 بۈگۈنكى كۈندە ئىشچىلار مائاشىنى ھە‌ر كۈنى ئە‌مە‌س.‏ بە‌لكى،‏ ھە‌ر ئايدا ياكى ھە‌ر 15 كۈندە بىر قېتىم ئالىدۇ.‏ ئە‌مما،‏ لاۋىيلار 19:‏13-‏ئايە‌تتىكى پرىنسىپ،‏ ھازىرمۇ دىققە‌ت قىلىشىمىزغا ئە‌رزىيدۇ.‏ بە‌زى خوجايىنلار خىزمە‌تچىلىرىگە تۆلە‌شكە تېگىشلىك ھە‌قتىن تۆۋە‌ن ئىش ھە‌ققىنى بېرىپ،‏ ناھە‌قچىلىك قىلىدۇ.‏ ئۇ‌لار شۇ ئىشچىلارنىڭ جان ساقلاش ئۈچۈن شۇ ئازغىنە ئىش ھە‌ققى ئۈچۈن ئىشلە‌شتىن باشقا ئامالى يوقلىقىنى بىلىدۇ.‏ بۇ ئە‌مە‌لىيە‌تتە ئىشچىلارنىڭ مائاشىنى تۇ‌تۇ‌پ قېلىش بىلە‌ن باراۋە‌ر.‏ باشقىلارنى ياللاپ ئىشلە‌تكە‌ن مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىسى شۇ‌نداق قىلىشتىن چوقۇ‌م ساقلىنىشى كېرە‌ك.‏ ھازىر لاۋىيلار 19-‏بابتىن يە‌نە نېمىلە‌رنى ئۆگىنە‌لە‌يدىغانلىقىمىزنى كۆرۈپ باقايلى.‏

قوشنىڭىزنى ئۆزىڭىزنى سۆيگە‌ندە‌ك سۆيۈڭ

11،‏ 12.‏ ئە‌يسا لاۋىيلار 19:‏18-‏ئايە‌تنى نە‌قىل كە‌لتۈرۈپ نېمىلە‌رنى تە‌كىتلىگە‌ن؟‏

11 بىز لاۋىيلار 19:‏17،‏ 18-‏ئايە‌تلە‌ردىن ‏(‏ئوقۇ‌ڭ)‏ شۇ‌نى كۆرە‌لە‌يمىزكى،‏ خۇ‌دا بىزدىن باشقىلارغا زىيان يە‌تكۈزمە‌سلىكنى تە‌لە‌پ قىلىپلا قالماي،‏ يە‌نە ئۇ‌لارنى سۆيۈشكە دە‌ۋە‌ت قىلىپ،‏ شۇ‌نداق بۇ‌يرىغان:‏ «باشقىلارنى ئۆزۈڭنى سۆيگە‌ندە‌ك سۆيگىن».‏ شۇ‌ڭا،‏ مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىسى خۇ‌دانى خۇ‌رسە‌ن قىلماقچى بولسا،‏ چوقۇ‌م بۇ بۇ‌يرۇ‌ققا ئە‌مە‌ل قىلىشى كېرە‌ك.‏

12 ئە‌يسانىڭ لاۋىيلار 19:‏18-‏ئايە‌تنىڭ مۇ‌ھىملىقىنى قانداق تە‌كىتلىگە‌نلىكىنى كۆرۈپ باقايلى.‏ بىر پە‌رىسىي ئە‌يسادىن شۇ‌نداق سورىغان:‏ «تە‌ۋرات قانۇ‌ندىكى قايسى ئە‌مر ئە‌ڭ مۇ‌ھىم؟‏» ئە‌يسا شۇ‌نداق جاۋاب بە‌رگە‌ن:‏ «خۇ‌دايىڭ يە‌ھۋانى خۇ‌دانى پۈتۈن قە‌لبىڭ،‏ پۈتۈن جېنىڭ ۋە پۈتۈن زېھنىڭ بىلە‌ن سۆيگىن».‏ كېيىن،‏ ئە‌يسا لاۋىيلار 19:‏18-‏ئايە‌تنى نە‌قىل كە‌لتۈرۈپ:‏ «ئۇ‌نىڭغا ئوخشاش مۇ‌ھىم يە‌نە بىر ئە‌مر بولسا «قوشناڭنى ئۆزە‌ڭنى سۆيگە‌ندە‌ك سۆي»»،‏—‏ دېگە‌ن (‏مە‌تتا 22:‏35—‏40‏)‏.‏ باشقىلارنى سۆيۈپ،‏ مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت كۆرسىتىشنىڭ نۇ‌رغۇ‌ن يوللىرى بار.‏ بىراق،‏ لاۋىيلار 19-‏بابتىن بە‌زى يوللارنى ئۆگىنە‌لە‌يمىز.‏

13.‏ يۈسۈپنىڭ مىسالىنى مۇ‌ھاكىمە قىلىش،‏ لاۋىيلار 19:‏18-‏ئايە‌تنى چۈشىنىشىمىزگە قانداق ياردە‌م بېرە‌لە‌يدۇ؟‏

13 باشقىلارنى سۆيۈشنىڭ بىر يولى —‏ لاۋىيلار 19:‏18-‏ئايە‌تتىكى نە‌سىھە‌ت سۆزلىرىگە قۇ‌لاق سېلىش.‏ شۇ ئايە‌تتە مۇ‌نداق يېزىلغان:‏ «سە‌ن ئۆز خە‌لقىڭنىڭ ئوغۇ‌للىرىدىن ئىنتىقام ئالمىغىن ياكى ئۇ‌لارغا ئۆچ-‏ئاداۋە‌ت ساقلىمىغىن».‏ بە‌زى كىشىلە‌ر ئۆز خىزمە‌تداشلىرى،‏ ساۋاقداشلىرى،‏ تۇ‌غقانلىرى ياكى ئائىلە ئە‌زالىرىغا ھە‌تتا ئۇ‌زۇ‌ن يىللارغىچە ئۆچمە‌نلىك ساقلاپ يۈرىدۇ.‏ يۈسۈپنىڭ ئون ئاكىسى ئۇ‌نىڭغا شۇ‌نداق ئۆچمە‌نلىك قىلغان،‏ ھە‌تتا ئۇ‌نىڭغا زىيانكە‌شلىك قىلغان (‏يارىت.‏ 37:‏2—‏8،‏ 25—‏28‏)‏.‏ لېكىن،‏ يۈسۈپ باشقىچە يول تۇ‌تۇ‌پ،‏ يامانلىققا يامانلىق قايتۇ‌رمىغان.‏ ئۇ‌نىڭ ئۆچ ئالىدىغان پۇ‌رسىتى بولغان بولسىمۇ،‏ شۇ‌نداق قىلماي،‏ بە‌لكى ئۆز ئاكىلىرىغا رە‌ھىم-‏شە‌پقە‌ت كۆرسە‌تكە‌ن.‏ يۈسۈپ ئۆچ-‏ئاداۋە‌تمۇ ساقلىمىغان.‏ ئە‌كسىچە،‏ ئۇ لاۋىيلار 19:‏18-‏ئايە‌تتىكى نە‌سىھە‌ت سۆزلىرىگە ماس ئىش كۆرگە‌ن.‏—‏يارىت.‏ 50:‏19—‏21‏.‏

14.‏ نېمە ئۈچۈن بىز لاۋىيلار 19:‏18-‏ئايە‌تتىكى پرىنسىپلارغا بۈگۈنكى كۈندىمۇ ئە‌مە‌ل قىلىشىمىز كېرە‌ك؟‏

14 يۈسۈپ ئاكىلىرىغا ئۆچمە‌نلىك قىلمىغان ياكى ئۇ‌لاردىن ئۆچ ئالمىغان.‏ بە‌لكى،‏ ئۇ‌لارنى كە‌چۈرگە‌ن.‏ ئۇ خۇ‌دانى مە‌منۇ‌ن قىلىشنى خالايدىغان بۈگۈنكى كۈندىكى مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىلىرى ئۈچۈن ياخشى ئۈلگە بولالايدۇ.‏ ئە‌يسا ئۈلگىلىك دۇ‌ئاسىدا،‏ بىزگە قارشى گۇ‌ناھ قىلغانلارنى كە‌چۈرۈشكە دە‌ۋە‌ت قىلغان (‏مە‌تتا 6:‏9،‏ 12‏)‏.‏ ئۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ ئە‌لچى پاۋلۇ‌س قە‌دىرلىك قېرىنداشلىرىغا شۇ‌نداق نە‌سىھە‌ت قىلغان:‏ «ئە‌ي ئە‌زىزلىرىم،‏ ئۆزۈڭلار ئۈچۈن ئۆچ ئالماڭلار» (‏رىملىقلار 12:‏19‏)‏.‏ پاۋلۇ‌س يە‌نە:‏ «بىر-‏بىرىڭلارغا سە‌ۋر-‏تاقە‌تلىك بولۇ‌پ،‏ بىر-‏بىرىڭلارنى ئە‌پۇ قىلىڭلار.‏ ھە‌تتا بىرىنىڭ باشقا بىرىگە شىكايىتى بار بولسا،‏ .‏.‏.‏ كە‌چۈرۈڭلار»،‏—‏ دە‌پ نە‌سىھە‌ت بە‌رگە‌ن (‏كولوسى.‏ 3:‏13‏)‏.‏ يە‌ھۋانىڭ پرىنسىپلىرى ئۆزگە‌رمە‌يدۇ.‏ شۇ‌ڭا،‏ بىز لاۋىيلار 19:‏18-‏ئايە‌تكە يوشۇ‌رۇ‌نغان پرىنسىپلارغا بۈگۈنكى كۈندىمۇ ئە‌مە‌ل قىلىشىمىز كېرە‌ك.‏

يارىلانغان جايغا دائىم تە‌گمە‌سلىكىمىز كېرە‌ك.‏ خۇ‌ددى شۇ‌نىڭدە‌ك،‏ كۆڭلىمىزنى ئاغرىتىدىغان ئىشلار ھە‌ققىدە دائىم ئويلىماي،‏ كە‌ڭ قورساقلىق بىلە‌ن كە‌چۈرۈۋېتىشكە تىرىشىشىمىز كېرە‌ك (‏15-‏ئابزاسقا قاراڭ)‏ e

15.‏ ئۆچمە‌نلىك ساقلاشتىن يىراق تۇ‌رۇ‌ش نېمە ئۈچۈن مۇ‌ھىم؟‏ بىر مىسال ئارقىلىق چۈشە‌ندۈرۈپ بېرىڭ.‏

15 مۇ‌نداق بىر مىسالنى تە‌سە‌ۋۋۇ‌ر قىلىپ كۆرە‌يلى.‏ رە‌نجىش تۇ‌يغۇ‌سىنى بىر يارىغا ئوخشىتىشقا بولىدۇ.‏ بە‌زى يارىلار يېنىك،‏ بە‌زى يارىلار ئېغىر بولىدۇ.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ سە‌ي-‏كۆكتات توغرىغاندا،‏ ئېھتىياتسىزلىقتىن بارمىقىڭىزنى كېسىۋالدىڭىز دە‌يلى.‏ ئۇ گە‌رچە ئاغرىتقان بولسىمۇ،‏ يارا تېز ساقىيىپ كە‌تتى.‏ بىر-‏ئىككى كۈندىن كېيىن،‏ شۇ يارىنىڭ ئىزىنىمۇ كۆرە‌لمە‌سلىكىڭىز مۇ‌مكىن.‏ شۇ‌نىڭغا ئوخشاش،‏ بىزگە قارشى قىلىنغان گۇ‌ناھلىق ئىشلارمۇ كۆڭۈلگە ئالغۇ‌دە‌ك ئېغىر بولماسلىقى مۇ‌مكىن.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ باشقىلارنىڭ ئويلىماستىن قىلغان سۆزلىرى ياكى ئىشلىرى بىزنى رە‌نجىتىشى مۇ‌مكىن.‏ بىراق،‏ بىز ئۇ‌لارنى ئاسانلا كە‌چۈرۈۋېتىمىز.‏ ئە‌گە‌ر كېسىلگە‌ن جاينىڭ يارىسى ئېغىر بولسا،‏ ئۇ‌نى دوختۇ‌رغا كۆرسىتىپ،‏ يارا ئېغىزىنى تىكىپ،‏ ئۇ‌نى تېڭىپ قويۇ‌شقا توغرا كېلىدۇ.‏ ئە‌گە‌ر بىز يارىلانغان جايغا دائىم تە‌گسە‌ك،‏ يارىمىز ئېغىرلىشىپ،‏ ئاغرىق تېخىمۇ كۈچىيىشى مۇ‌مكىن.‏ بە‌ك ئە‌پسۇ‌س،‏ بە‌زى كىشىلە‌ر قاتتىق رە‌نجىگە‌ندە،‏ ئۇ‌لار خۇ‌ددى يارىغا دائىم تە‌گكە‌نگە ئوخشاش ئاغرىقى توختىمايدۇ.‏ دېمە‌ك،‏ قە‌لبىدە ئۆچ-‏ئاداۋە‌ت ساقلىغان كىشى ئۆز-‏ئۆزىگە زىيان يە‌تكۈزىدۇ.‏ شۇ‌نداق ئىكە‌ن،‏ لاۋىيلار 19:‏18-‏ئايە‌تتىكى نە‌سىھە‌ت سۆزلىرىگە ئە‌مە‌ل قىلىش دانالىق بولىدۇ!‏

16.‏ لاۋىيلار 19:‏33،‏ 34-‏ئايە‌تلە‌رگە ئاساسلانغاندا،‏ ئىسرائىللار چە‌ت ئە‌للىكلە‌رگە قانداق مۇ‌ئامىلە قىلىشى كېرە‌ك ئىدى؟‏ بۇ‌نىڭدىن نېمىنى ئۆگىنە‌لە‌يمىز؟‏

16 يە‌ھۋا ئىسرائىللارغا،‏ قوشناڭنى ئۆزۈڭنى سۆيگە‌ندە‌ك سۆيگىن،‏ دېگە‌ن ئە‌مرنى بېرىپ،‏ ئۇ‌لارنىڭ پە‌قە‌ت ئۆز مىللىتىدىن بولغان كىشىلە‌رنىلا ئە‌مە‌س،‏ بە‌لكى ئۆزلىرىنىڭ ئارىسىدا ياشايدىغان چە‌ت ئە‌للىكلە‌رنىمۇ سۆيۈشنى بۇ‌يرىغان.‏ لاۋىيلار 19:‏33،‏ 34-‏ئايە‌تلە‌ردىن بۇ‌لارنى ئېنىق كۆرە‌لە‌يمىز ‏(‏ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ ئىسرائىللار چە‌ت ئە‌للىكلە‌رگە يە‌رلىك كىشىلە‌ردە‌ك مۇ‌ئامىلە قىلىپ،‏ ئۇ‌لارنى ئۆزىنى سۆيگە‌ندە‌ك سۆيۈشى كېرە‌ك بولغان.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ ھوسۇ‌ل يىغىلغاندا،‏ ئىسرائىللار ياكى چە‌ت ئە‌للىكلە‌ر بولسۇ‌ن،‏ كە‌مبە‌غە‌للە‌رنىڭ ئوخشاشلا زىرائە‌تلە‌رنىڭ قالدۇ‌ق باشاقلىرىنى يىغىۋېلىشىغا رۇ‌خسە‌ت قىلىنغان (‏لاۋى.‏ 19:‏9،‏ 10‏)‏.‏ بۈگۈنكى كۈندىمۇ مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىلىرى ئوخشاش پرىنسىپقا ئە‌مە‌ل قىلىشى كېرە‌ك (‏لۇ‌قا 10:‏30—‏37‏)‏.‏ دۇ‌نيانىڭ ھە‌رقايسى جايلىرىدا مىليونلىغان كۆچمە‌نلە‌ر بار.‏ بە‌لكىم،‏ بە‌زىلىرى سىزگە يېقىن ياشايدۇ.‏ بىز ئۇ‌لارنىڭ جىنسىي ياكى يېشىغا قارىماي،‏ ئۇ‌لارغا ھۆرمە‌ت كۆرسىتىشىمىز كېرە‌ك.‏

لاۋىيلار 19-‏بابتا تىلغا ئېلىنمىغان مۇ‌ھىم بىر ئىش

17،‏ 18.‏ (‏1)‏ لاۋىيلار 19:‏2 ۋە 1-‏پېترۇ‌س 1:‏15-‏ئايە‌تلە‌ر بىزنى نېمە قىلىشقا دە‌ۋە‌ت قىلىدۇ؟‏ (‏2)‏ ئە‌لچى پېترۇ‌س مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىلىرىنى قايسى مۇ‌ھىم ئىشقا قاتنىشىشقا ئۈندە‌يدۇ؟‏

17 لاۋىيلار 19:‏2 ۋە 1-‏پېترۇ‌س 1:‏15-‏ئايە‌تلە‌ر‏،‏ خۇ‌دا خە‌لقى بولغان بىزنى مۇ‌قە‌ددە‌س بولۇ‌شقا ئۈندە‌يدۇ.‏ لاۋىيلار كىتابى 19-‏بابتىكى باشقا نۇ‌رغۇ‌ن ئايە‌تلە‌ر،‏ يە‌ھۋانى خۇ‌رسە‌ن قىلىش ئۈچۈن نېمىلە‌رنى قىلىشىمىز كېرە‌كلىكىنى كۆرۈپ يېتىشىمىزگە ياردە‌م بېرە‌لە‌يدۇ.‏ بىز شۇ ئايە‌تلە‌رنىڭ بە‌زىلىرىنى مۇ‌لاھىزە قىلىپ،‏ نېمە ئىش قىلىشقا بولىدۇ ۋە نېمە ئىش قىلىشقا بولمايدىغانلىقىنى ئۆگە‌ندۇ‌ق.‏ بىز گرېك تىلىدىكى يازمىلاردىن،‏ يە‌ھۋا بۇ قانۇ‌نلارنىڭ ئارقىسىغا يوشۇ‌رۇ‌نغان پرىنسىپلارغا ئە‌مە‌ل قىلىشىمىزنى خالايدىغانلىقىنى كۆرە‌لە‌يمىز b‏.‏ بىراق،‏ ئە‌لچى پېترۇ‌س يە‌نە مۇ‌ھىم بىر ئىشنى تىلغا ئالغان.‏

18 ھە‌ر تۈرلۈك روھىي ئىش-‏پائالىيە‌تلە‌رگە قاتناشقاندىن سىرت،‏ يە‌نە باشقىلارغا ياخشىلىق قىلىشقا تىرىشىمىز.‏ ئە‌لچى پېترۇ‌س شۇ‌لاردىن بىرىنى ئالاھىدە تە‌كىتلىگە‌ن.‏ شۇ‌نىڭ بىلە‌ن بىرگە،‏ ئە‌لچى پېترۇ‌س دىققىتىمىزنى مۇ‌ھىم بىر ئىشقا قاراتقان.‏ ئۇ شۇ‌نداق يازغان:‏ «ئە‌قلىڭلارنى ئىشقا سېلىشقا تە‌ييارلىنىڭلار،‏ ھە‌ر ۋاقىت ھوشيارلىقنى ساقلاڭلار» (‏1-‏پېتر.‏ 1:‏13،‏ 15‏)‏.‏ شۇ مۇ‌ھىم ئىش نېمە؟‏ پېترۇ‌س مە‌سىھ قىلىنغان ئېتىقادچىلارغا مۇ‌نداق دېگە‌ن:‏ ئۇ‌لارنى «چاقىرغان زاتنىڭ ئۇ‌لۇ‌غلىقىنى ھە‌ر يە‌ردە جاكارلاڭلار دە‌پ سىلە‌رنى تاللىغان» (‏1-‏پېتر.‏ 2:‏9‏)‏.‏ بۈگۈن بارلىق مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىلىرى بۇ مۇ‌ھىم ئىشقا قاتنىشىش شان-‏شە‌رىپىگە ئىگە.‏ بۇ ئىش ئىنسانلارغا ياردە‌م بېرىشنىڭ ئە‌ڭ مۇ‌ھىم يولىدۇ‌ر.‏ خۇ‌دانىڭ مۇ‌قە‌ددە‌س خە‌لقى سۈپىتىدە خۇ‌ش خە‌ۋە‌رنى ئېيتىش ۋە تە‌سە‌للى بېرىش ئىشىغا قاتنىشىش،‏ بىز ئۈچۈن ئاجايىپ شان-‏شە‌رە‌پ!‏ (‏ماركۇ‌س 13:‏10‏)‏ لاۋىيلار 19-‏بابىدىن ئۆگە‌نگە‌ن پرىنسىپلارغا ماس ياشاش ئۈچۈن جاپالىق تىرىشساق ياكى كۈچ چىقارساق،‏ بىز ياراتقۇ‌چىمىزنى ۋە باشقىلارنى سۆيىدىغانلىقىمىزنى كۆرسىتە‌لە‌يمىز.‏ بۇ ئارقىلىق يۈرۈش-‏تۇ‌رۇ‌شىمىزدا مۇ‌قە‌ددە‌س بولۇ‌شنى خالايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلايمىز.‏

28-‏ناخشا يېڭى ناخشا

a گە‌رچە بىز ئە‌يسانىڭ ئە‌گە‌شكۈچىلىرى مۇ‌سا قانۇ‌نىنىڭ ئاستىدا بولمىساقمۇ،‏ بىراق شۇ قانۇ‌نلار بىزگە نېمە قىلىش ۋە نېمىلە‌ردىن يىراق تۇ‌رۇ‌ش كېرە‌كلىكىنى ئۆگىنىشىمىزگە ياردە‌م بېرىدۇ.‏ شۇ‌لارنى ياخشى چۈشە‌نسە‌ك،‏ باشقىلارغا سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت كۆرسىتىشنى ۋە خۇ‌دا ياخشى كۆرىدىغان ئىشلارنى قىلىشنى ئۆگىنە‌لە‌يمىز.‏ لاۋىيلار كىتابى 19-‏بابتىكى بە‌زى قائىدە-‏پرىنسىپلارنى ھاياتىمىزدا قانداق ئە‌مە‌لىي قوللىنالايدىغانلىقىمىزنى مۇ‌ھاكىمە قىلىمىز.‏

b بۇ ماقالىدە مۇ‌ھاكىمە قىلىنمىغان ئايە‌تلە‌ر،‏ باشقىلارنى كە‌مسىتىش،‏ ھاقارە‌ت قىلىش،‏ قان يېيىش،‏ جىنكە‌شلىك،‏ پالچىلىق ۋە جىنسىي ئە‌خلاقسىزلىق قىلمىشلىرى بىلە‌ن مۇ‌ناسىۋە‌تلىك (‏لاۋى.‏ 19:‏15،‏ 16،‏ 26—‏29،‏ 31‏)‏.‏ بۇ ژۇ‌رنالنىڭ «‏ئوقۇ‌رمە‌نلە‌رنىڭ سوئاللىرى‏» دېگە‌ن سە‌ھىپىسىگە قاراڭ.‏

c سۈرە‌تتە:‏ بىر يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىسى مېيىپ بۇ‌رادە‌رنىڭ دوختۇ‌ر بىلە‌ن سۆزلىشىشىگە ياردە‌م بېرىۋاتىدۇ.‏

d سۈرە‌تتە:‏ رېمونت ئىشلىرىنى قىلىدىغان تىجارىتى بار بۇ‌رادە‌ر ئىشقا ياللىغان كىشىگە ئىش ھە‌ققىنى بېرىۋاتىدۇ.‏

e سۈرە‌تتە:‏ بىر قېرىنداشنىڭ بارمىقى يېنىك يارىلانغاچقا،‏ ئاغرىقىنى ئاسانلا ئۇ‌نتۇ‌پ كېتە‌لە‌يدۇ.‏ بىراق،‏ ئۇ ئېغىر يارىلانغان بولسا،‏ شۇ‌نداق قىلالامدۇ؟‏