سىز ياخشى خىزمەتداشمۇ؟
مەن ئۇنىڭ يېنىدىكى ئۇستا ھۈنەرۋەن ئىدىم. . . . ھەردائىم ئۇنىڭ ھۇزۇرىدا شادلىناتتىم» (پەند. نە 8:30). بۇ ئايەتتە تەسۋىرلەنگەندەك، خۇدانىڭ ئوغلى يەر يۈزىگە كېلىشتىن ئاۋۋال، ئاتىسى بىلەن ئاسماندا مىليونلارچە يىل بىرگە خىزمەت قىلغان. يەنە بۇ ئايەتتە، ئەيسانىڭ ھېس-تۇيغۇلىرى ئىپادىلەنگەن، يەنى ئۇ يەھۋانىڭ خىزمەتدىشى بولۇشتىن ئىنتايىن زور خۇشاللىق تاپقان.
ئاسماندا ئەيسا ئاتىسىنىڭ ئېسىل پەزىلەتلىرىدىن ئۈلگە ئېلىپ، ياخشى خىزمەتداش بولۇشنى ئۆگەنگەن. ئۇ يەر يۈزىگە كەلگەندە، ئۆزى بىلەن بىرگە خىزمەت قىلغانلارغا ياخشى خىزمەتداش بولۇشنىڭ ئۈلگىسىنى قالدۇرغان. ئۇنىڭ ئۈلگىسىنى مۇھاكىمە قىلساق، بىز ياخشى خىزمەتچى بولۇشىمىزغا ياردەم بېرىدىغان ئۈچ پرىنسىپنى ئۆگىنەلەيمىز. شۇ پرىنسىپلار ئېتىقادچى قېرىنداشلىرىمىز بىلەن تېخىمۇ ئىناق-ئىتتىپاق ئۆتۈشىمىزگە ياردەم بېرىدۇ.
1-پرىنسىپ: ئۆز-ئارا ھۆرمەت كۆرسىتىش
ياخشى خىزمەتچى كەمتەرلىك كۆرسىتىدۇ. ئۇ ئۆز خىزمەتدىشىنىڭ مۇھىملىقىغا ئەھمىيەت بېرىپ، باشقىلارنىڭ دىققىتىنى ئۆزىگە قارىتىشقا ھەرىكەت قىلمايدۇ. ئەيسا كەمتەرلىكنى ئۆز ئاتىسىدىن ئۆگەنگەنىدى. گەرچە «ياراتقۇچى» دېگەن نام-ئۇنۋانغا پەقەت يەھۋا لايىق بولسىمۇ، ئۇ بۇ مۇھىم خىزمەتكە ئەيسانىڭمۇ قاتناشقانلىقىنى كىشىلەرنىڭ بىلىشىنى خالايدۇ. خۇدا: ئىنساننى ئۆزىمىزنىڭ ئوبرازىدا يارىتايلى دېگەن (يارىت. 1:26).يەھۋانىڭ بۇ سۆزىدىن، ئەيسا ئۆز ئاتىسىنىڭ قانچىلىك كەمتەر ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ يەتكەن.—زەبۇر 18:35.
يەر يۈزىدە بولغاندا، ئەيسامۇ كەمتەرلىكنى كۆرسەتكەن. باشقىلار ئۇنى ماختىغاندا، ئۇ ھەمىشە شان-شەرەپنى ئاتىسى خۇداغا بەرگەن (ماركۇس 10:17، 18؛ يۇھاننا 7:15، 16). ئۇ شاگىرتلىرى بىلەن بولغاندا، شاگىرتلىرى ئۆزلىرىنى ئەركىن-ئازادە ھېس قىلغان. ئەيسا شاگىرتلىرىنى قۇللار ئەمەس، دوستلار سۈپىتىدە كۆرگەن (يۇھاننا 15:15). ئۇ ھەتتا شاگىرتلىرىنىڭ پۇتىنى يۇيۇپ، ئۇلارغا كەمتەر بولۇشنى ئۆگەتكەن (يۇھاننا 13:5، 12—14). بىزمۇ خىزمەتداشلىرىمىز بولغان ئېتىقادچى قېرىنداشلىرىمىزنى ھۆرمەتلىشىمىز ۋە ئۇلارنىڭ مەنپەئىتىنى ئۆزۈمىزنىڭ مەنپەئىتىدىن يۇقىرى ئورۇنغا قويۇشىمىز كېرەك. ئەگەر بىز ئۆزئارا ھۆرمەت كۆرسەتسەك، خىزمەتداشلىرىمىزنىڭ ماختاشقا سازاۋەر بولۇشىدىن ئەنسىرىمەيمىز ۋە يەھۋا ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپرەك ئىشلارنى قىلالايمىز.—رىملىقلار 12:10.
كەمتەر ئادەم يەنە «پىلانلار ... مەسلىھەتچى كۆپ بولسا، ئەمەلگە ئاشار» دېگەن نەسىھەت سۆزىنى ياخشى چۈشىنىدۇ (پەند. نە 15:22). قانچىلىك تەجرىبىلىك ۋە قابىلىيەتلىك بولۇشىمىزدىن قەتئىينەزەر، شۇنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىز كېرەككى، ھېچكىم ھەممە نەرسىنى بىلمەيدۇ. ھەتتا، ئەيسامۇ ئۆزى بىلمەيدىغان بەزى نەرسىلەر بار ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغانىدى (مەتتا 24:36). ئۇ نامۇكەممەل شاگىرتلىرىنىڭ نېمىنى بىلىدىغانلىقىغا ۋە نېمىنى ئويلايدىغانلىقىغا قىزىققان (مەتتا 16:13—16). ئەيسانىڭ ئەگەشكۈچىلىرى ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغاندا، ئۆزلىرىنى ئەركىن-ئازادە ھېس قىلغىنى ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس! شۇنىڭغا ئوخشاش، ئەگەر بىز كەمتەر بولۇپ، ئۆزۈمىزنىڭ ھەممىلا نەرسىنى بىلمەيدىغانلىقىمىزنى ئېتىراپ قىلساق ۋە باشقىلارنىڭ تەكلىپ-پىكىرلىرىنى ئاڭلىساق، ئىناق-ئىتتىپاقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىشلىرىمىز مۇۋەپپەقىيەتلىك بولىدۇ.
بولۇپمۇ، ئاقساقاللار بىرلىكتە خىزمەت قىلغاندا، ئەيسانىڭ كەمتەرلىكىنى ئۈلگە قىلىپ، بىر-بىرىنى ھۆرمەتلىشى كېرەك. ئۇلار شۇنى ئۇنتۇپ قالماسلىقى كېرەككى، مۇقەددەس روھ ئاقساقاللار كېڭىشىدىكى ھەرقانداق بىر ئاقساقالغا تەسىر قىلالايدۇ. ئەگەر ئاقساقاللار يىغىلىشىدا، ھەممىلا ئاقساقال ئۆز ئوي-پىكىرلىرىنى ئەركىن-ئازادە ئوتتۇرغا قويالىسا، ئۆزئارا تىنچ-ئىناقلىقنى ساقلاشقا تىرىشسا، ئۇلار بىرلىكتە جامائەتكە پايدىلىق قارارلارنى چىقىرالايدۇ.
2-پرىنسىپ: غەرەز ئۇقىدىغان كىشى ئىكەنلىكىڭلار ھەممە ئادەمگە ئايان بولسۇن
ياخشى خىزمەتداش ئۆز خىزمەتداشلىرى بىلەن ئىشلىگەندە، ئۆزئارا ماسلىشىپ، يول قويۇپ، ئۆزىنىڭ غەرەز ئۇقىدىغان كىشى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. ئەيسا ئاسماندىكى ئاتىسىنىڭ غەرەز ئۇقىدىغانلىقىنى كۆرۈشنىڭ نۇرغۇن پۇرسەتلىرىگە ئىگە بولغانىدى. مەسىلەن، يەھۋا ئۇنى ئىنسانلارنىڭ گۇناھلىرى ئۈچۈن تۆلەم بېرىپ، ئۇلارنى ئۆلۈمدىن قۇتقۇزۇشقا ئەۋەتكەن.—يۇھاننا 3:16.
زۆرۈر تېپىلغاندا ياكى مۇۋاپىق ئەھۋالدا، ئەيسا باشقىلارغا يول قويۇپ، غەرەز ئۇقىدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن. مەسىلەن، ئۇ پەقەت ئىسرائىل خەلقىگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن ئەۋەتىلگەن بولسىمۇ، بىر قېتىم فىنىكىيەلىك ئايالغا ياردەم قىلغان (مەتتا 15:22—28). ئۇ ئۆز شاگىرتلىرىغىمۇ شۇنداق مۇئامىلە قىلغان. گەرچە يېقىن دوستى پېترۇس ئەيسانى ئوچۇق-ئاشكارا ئىنكار قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇ ئۇنى كەچۈرۈشكە تەييار بولغان. كېيىن، ئۇ يەنە پېترۇسقا مۇھىم خىزمەتنى تاپشۇرغان (لۇقا 22:32؛ يۇھاننا 21:17؛ ئەلچى. 2:14؛ 8:14—17؛ 10:44، 45). ئەيسانىڭ مىسالىدىن شۇنى ئېنىق كۆرەلەيمىزكى، بىز باشقىلارغا يول قويۇش ئارقىلىق، ئۆزۈمىزنىڭ غەرەز ئۇقىدىغان كىشى ئىكەنلىكىنى ھەممە ئادەمگە ئايان قىلىشىمىز كېرەك.—فىلىپى. 4:5.
غەرەز ئۇقىدىغان كىشى ھەرقانداق كىشىلەر بىلەن مەتتا 11:19). ئەيساغا ئوخشاش، بىزمۇ ئوخشىمىغان كىشىلەر بىلەن ھەمكارلىشىپ، ياخشى خىزمەتداش بولالايمىزمۇ؟ لۇيىس ئىسىملىك بىر بۇرادەر جامائەتلەرنى زىيارەت قىلىش ۋە بەيتەلدە ئىشلەش جەريانىدا كېلىپ چىقىشى ھەرخىل قېرىنداشلار بىلەن خىزمەتداش بولغان. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «نامۇكەممەل كىشىلەر بىلەن بىرگە ئىشلەش، خۇددى ھەرخىل شەكىلدىكى تاشلار بىلەن تام ياسىغانغا ئوخشاش، تاشلارنىڭ شەكلى بىر-بىرىگە ئوخشىمىغاچ، تامنى ياساش ئۈچۈن كۆپ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشكە توغرا كېلىدۇ. ئەمما، ئاخىرىدا تامنى تۈز ياساپ چىقىشقا بولىدۇ. شۇڭا، دائىم تامنىڭ تۈز بولۇشى ئۈچۈن، ئۆزۈمنى شۇنىڭغا ماسلىشىشقا تەييارلاشقا تىرىشتىم». بۇ بۇرادەر ھەقىقەتەن ئۆزىنىڭ غەرەز ئۇقىدىغان كىشى ئىكەنلىكىنى ئايان قىلغان!
ئىشلەش ئۈچۈن ماسلىشىشقا تەييار بولىدۇ. ئەيسا ئەتراپىدىكى كىشىلەر بىلەن ياخشى مۇناسىۋەتتە بولغان. ئەمما، ئۇنىڭغا دۈشمەنلىك قىلىدىغانلار، ئۇنىڭغا ھەسەت قىلىپ: «باجگىرلار ۋە گۇناھكارلارنىڭ دوستى»،— دەپ ئۇنى ئەيىبلىگەن (ياخشى بىر خىزمەتداش باشقىلارنى باشقۇرۇش ئۈچۈن مەلۇماتلارنى قەستەن يوشۇرمايدۇ
جامائىتىمىزدە غەرەز ئۇقىدىغان كىشى ئىكەنلىكىمىزنى ئايان قىلىشنىڭ قانداق پۇرسەتلىرى بار؟ مەسىلەن، ئۆزۈمىزنىڭ ۋەز خىزمەت توپى بىلەن بىرگە خىزمەت قىلغاندا، پۇرسەتلىرىمىز بولىدۇ. بىز بەلكىم ئائىلىدە ئوخشىمايدىغان مەسئۇلىيىتى بار ياكى پەرقلىق ياشتىكى قېرىنداشلار بىلەن خىزمەت قىلىشىمىز مۇمكىن. باشقىلارنىڭ ۋەز خىزمەتتە تېخىمۇ خۇشاللىق تېپىشىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن، ئۆزۈمىزنىڭ ۋەز قىلىش ئۇسۇللىرىنى ئۆزگەرتىش ياكى باشقىلار بىلەن ماسلىشىشقا تەييار بولۇپ، غەرەز ئۇقىدىغان كىشى ئىكەنلىكىمىزنى ئايان قىلىشقا تىرىشىمىزمۇ؟
3-پرىنسىپ: باشقىلار بىلەن بۆلۈشۈشكە تەييار تۇرۇڭ
ياخشى خىزمەتداش ئۆز شېرىكلىرى بىلەن بۆلۈشۈشكە تەييار تۇرىدۇ (1-تىموت. 6:18). ئەيسا ئاسماندا ئاتىسىنىڭ قېشىدا بىللە خىزمەت قىلغاندا، ئۇ چوقۇم يەھۋانىڭ ھېچنېمىنى يوشۇرمىغانلىقىغا چوقۇم دىققەت قىلغان. يەھۋا ئاسماننى ئورناتقاندا، ئەيسا ئۇ يەردە بولۇپ، ئاتىسىدىن ئۆگەنگەن (پەند. نە 8:27). كېيىن، ھەزرىتى ئەيسا يەر يۈزىگە كەلگەندە، ئاتىسىدىن ئاڭلىغانلىرىنىڭ ھەممىسىنى خۇشاللىق بىلەن شاگىرتلىرىغا ئېيتىپ بەرگەن (يۇھاننا 15:15). مۇشۇ ئۈلگىنى ئەستە تۇتقان ھالدا، بىزمۇ ئۆزۈمىزنىڭ بىلىمى ۋە تەجرىبىسىنى خىزمەتداشلىرىمىز بىلەن بۆلۈشۈشكە تەييار تۇرۇشىمىز كېرەك. ياخشى خىزمەتداش: «باشقىلارمۇ بىلىشكە تېگىشلىك بىلىم ياكى مەلۇماتلارنى، ئۇلار بىلسە، مەن ئۇلارنى باشقۇرالماي قالىمەن»،— دەپ ئەنسىرەپ، بىلگەنلىرىنى باشقىلاردىن قەستەن يوشۇرمايدۇ. ئەكسىچە، خۇشاللىق بىلەن ئۆگەنگەنلىرىنى باشقىلار بىلەن بۆلۈشۈشنى خالايدۇ.
خىزمەتداشلىرىمىز بىلەن بىلىم ۋە تەجرىبىلىرىمىزنى بۆلۈشۈپلا قالماي، ئىلھام-مەدەت بېرىدىغان سۆزلەرنىمۇ ئېيتساق بولىدۇ. باشقىلار جاپالىق ئەمگىكىمىزگە دىققەت قىلىپ، چىن كۆڭلىدىن بىزگە رەھمەت ئېيتسا، بىز تەسىرلىنىمىز، شۇنداق ئەمەسمۇ؟ ئەيسا شاگىرتلىرىنىڭ ياخشى تەرەپلىرىگە دىققەت قىلىپ، ئۇلارنى ئالاھىدە ماختىغانىدى (مەتتا 25:19—23-نى سېلىشتۇرۇڭ؛ لۇقا 10:17—20). ئۇ شاگىرتلىرىغا سىلەر مېنىڭدىن ئۇلۇغ ئىشلارنى قىلىسىلەر دېگەن (يۇھاننا 14:12). ئۆلۈمىدىن ئاۋۋالقى كېچىسى، ئۇ سادىق ئەلچىلىرىنى ماختىغان ۋە مۇنداق دېگەن: «مەن سىناقلارنى بېشىمدىن ئۆتكۈزگەندە، سىلەر باشتىن-ئاخىر مەن بىلەن بىللە بولدۇڭلار» (لۇقا 22:28). بۇ سۆزلەر ئەلچىلەرنى قانچىلىك ئىلھاملاندۇرغانلىقى ۋە ئۇلارنى ئەيسانى ئۈلگە قىلىشقا دەۋەت قىلغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلىپ كۆرۈڭ. ئەگەر بىز ۋاقىت چىقىرىپ، ئۆز خىزمەتداشلىرىمىزنى ماختىساق، ئۇلار چوقۇم خۇشال بولىدۇ ۋە تېخىمۇ تىرىشىپ خىزمەت قىلىدۇ.
ياخشى بىر خىزمەتداش بولالايسىز
كايودې ئىسىملىك بىر بۇرادەر شۇنداق دەيدۇ: «ياخشى خىزمەتداش بولۇش ئۈچۈن مۇكەممەل بولۇش شەرت ئەمەس. ئەمما، ئۇ ئەتراپىدىكى كىشىلەرنى خۇشال قىلىشى ۋە ئۇلارنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش ئۈچۈن تىرىشىشى كېرەك». سىزمۇ شۇنداق خىزمەتداشمۇ؟ سىز بىلەن بىللە خىزمەت قىلىدىغان قېرىنداشلاردىن ئۇلارنىڭ ھېس-تۇيغۇلىرىنى سوراپ كۆرسىڭىز بولىدۇ. خۇددى ئەيسانىڭ شاگىرتلىرى ئۇنىڭ بىلەن بىللە خىزمەت قىلىشنى ياخشى كۆرگەندەك، ئەگەر ئېتىقادچى قېرىنداشلار سىز بىلەن ئىشلەشنى ياخشى كۆرسە، سىزمۇ ئەلچى پاۋلۇسقا ئوخشاش: «بىز پەقەت سىلەرنىڭ خۇشاللىقىڭلار ئۈچۈن، سىلەر بىلەن بىرگە خىزمەت قىلىدىغان خىزمەتداشلار»،— دېيەلەيسىز.—2-كورىنت. 1:24.