51-تەتقىق ماقالىسى
داۋاملىق «ئۇنىڭ سۆزىگە قۇلاق سېلىڭلار!»
«بۇ مېنىڭ سۆيۈملۈك ئوغلۇم، ئۇنىڭدىن خۇرسەنمەن. ئۇنىڭ سۆزىگە قۇلاق سېلىڭلار!»—مەتتا 17:5.
32-ناخشا تەۋرەنمەي چىڭ تۇرايلى!
بۇ ماقالىدە a
1، 2. (1) يەھۋا ئۈچ ئەلچىگە نېمە قىلىشنى بۇيرىغان؟ ئۇلار بۇ بۇيرۇققا بويسۇندىمۇ؟ (2) بۇ ماقالىدە، نېمىلەرنى مۇھاكىمە قىلىمىز؟
مىلادى 32-يىلى، ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىدىن كېيىن ئەلچىلەردىن پېترۇس، ياقۇپ ۋە يۇھاننا ئاجايىپ ھەيران قالارلىق كۆرۈنۈشنى كۆرگەن. ئېگىز تاغدا، بەلكىم ھېرمون تېغىنىڭ بىر يېرىدە ئەيسانىڭ قىياپىتى ئۆزگەرگەنلىكىنى كۆرگەنىدى. مۇقەددەس كىتابتا شۇنداق يېزىلغان: «[ئەيسانىڭ] يۈزى قۇياش كەبى پارلىدى ۋە كىيىملىرى نۇردەك ئاپپاق يورۇدى» (مەتتا 17:1—4). شۇ كۆرۈنۈش ئاخىرلىشاي دېگەندە، ئەلچىلەر خۇدانىڭ: «بۇ مېنىڭ سۆيۈملۈك ئوغلۇم، ئۇنىڭدىن خۇرسەنمەن. ئۇنىڭ سۆزىگە قۇلاق سېلىڭلار!»— دېگەن ئاۋازىنى ئاڭلىغان (مەتتا 17:5). بۇ ئۈچ ئەلچى ئۆمۈر بويى ئەيسانىڭ سۆزلىرىگە قۇلاق سالغانلىقىنى ھاياتىدا كۆرسەتكەن. بىز ئۇلارنىڭ ئۈلگىسىگە ئەگىشىشنى خالايمىز.
2 ئالدىنقى ماقالىدە، بىز ياخشى پادىچى ئەيسانىڭ ئاۋازىغا قۇلاق سېلىپ، چوقۇم نېمىلەرنى قىلىشنى توختىتىش كېرەكلىكىنى ئۆگەنگەن ئىدۇق. بۇ ماقالىدە بولسا، ئەيسا ئېيتقان ئىككى ئىشنى چوقۇم قىلىشىمىز كېرەكلىكىنى مۇھاكىمە قىلىمىز.
تار دەرۋازىدىن كىرىڭلار
3. مەتتا 7:13، 14-ئايەتكە ئاساسلانغاندا، بىز نېمە قىلىشىمىز كېرەك؟
3 مەتتا 7:13، 14-نى ئوقۇڭ. ئەيسا ئوخشىمىغان ئىككى يولغا باشلايدىغان ئىككى دەرۋازىنى تىلغا ئالغان. بىرى كەڭ يول، يەنە بىرى تار يول. ئۈچىنچى يول يوق. بىز چوقۇم بۇ ئىككى يولنىڭ قايسىسىدا مېڭىشنى تاللىشىمىز كېرەك. بۇ تاللاش ئىنتايىن مۇھىم. چۈنكى، توغرا يولنى تاللىغاندىلا، مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشەلەيمىز.
4. «كەڭ» يولنى قانداق تەسۋىرلەپ بېرەلەيسىز؟
4 شۇنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىز كېرەككى، بۇ ئىككى يول بىر-بىرىگە پۈتۈنلەي ئوخشىمايدۇ. «كەڭ» يولدا مېڭىش ئاسان ۋە نۇرغۇن كىشىلەر بۇ يولدا ماڭىدۇ. بەك ئەپسۇس، نۇرغۇن كىشىلەر بۇ يولدا كۆپچىلىككە ئەگىشىپ ماڭىدۇ. ئۇلار بۇ يول شەيتاننىڭ قول ئاستىدا ئىكەنلىكىنى بىلمەيدۇ. ئەمەلىيەتتە، بۇ يول ئۆلۈمگە يېتەكلەيدۇيۇھاننا .—1-كورىنت. 6:9، 10؛ 1-يۇھاننا 5:19.
5. بەزىلەر «تار» يولنى تېپىش ۋە ئۇنىڭدا مېڭىشنى باشلاش ئۈچۈن قانداق تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىۋاتىدۇ؟
5 بۇ «كەڭ» يولنىڭ قارمۇ-قارىشى بولغان «تار» يول ھەم بار. ئەيسا شۇ تار يولنى ئاز ساندىكى كىشىلەرنىڭ تاپىدىغانلىقىنى ئېيتقان. نېمە ئۈچۈن؟ سەۋەبى كېيىنكى ئايەتتە كۆرسىتىلگەن، يەنى ئەيسا ئۆز ئەگەشكۈچىلىرىنى ساختا پەيغەمبەرلەردىن ئاگاھلاندۇرغان (مەتتا 7:15). نۇرغۇن ئادەملەر دۇنيادا نەچچە ئون مىڭلىغان دىنلار بار ۋە ئۇلارنىڭ ھەممىسى ھەقىقەتنى ئۆگىتىمىز دەپ جاكارلايدۇ. دىنلارنىڭ سانى شۇنچە كۆپ بولغاچ، مىليونلىغان ئادەملەر گاڭگىراپ، ئۈمىدسىزلىنىپ قالغان. نەتىجىدە، ئۇلار ھاياتقا يېتەكلەيدىغان يولنى ئىزدەشكىمۇ ئۇرۇنۇپ باقمايدۇ. ئەمەلىيەتتە بولسا، بۇ يولنى تېپىشقا بولىدۇ. ئەيسا شۇنداق دېگەن: «ئەگەر مېنىڭ تەلىمىم بويىچە ئىش كۆرسەڭلار، مېنىڭ ھەقىقىي شاگىرتلىرىم بولىسىلەر. سىلەر ھەقىقەتنى تونۇپ يېتىسىلەر ۋە ھەقىقەت سىلەرنى ئازاد قىلىدۇ» (يۇھاننا 8:31، 32). سىزنى ھەقىقەتەن ماختاشقا ئەرزىيدۇ. سەۋەبى، سىز نۇرغۇن كىشىلەرگە ئەگىشىپ مېڭىشنىڭ ئورنىغا، ھەقىقەتنى تېپىشقا تىرىشىۋاتىسىز. سىز خۇدانىڭ سۆزى ئۈستىدە ئەستايىدىل ئىزدىنىپ، ئۇنىڭ بىزدىن نېمىلەرنى كۈتىدىغانلىقىنى چۈشەندىڭىز ۋە ئەيسانىڭ تەلىملىرىگە قۇلاق سېلىشقا تىرىشىۋاتىسىز. مەسىلەن، ساختا دىندىن ۋاز كېچىپ، شۇ دىنغا مۇناسىۋەتلىك بايراملارنى تەبرىكلەشنى توختىتىش كېرەكلىكىنى ئۆگەندىڭىز. سىز يەنە يەھۋانىڭ تەلىپىگە ماس ياشاش ۋە ئۇ ياقتۇرمايدىغان ئىشلارنى قىلىشنى توختىتىش ئۈچۈن، نۇرغۇن سىناقلارغا دۇچ كېلىدىغانلىقىڭىزنى ئۆگەندىڭىز (مەتتا 10:34—36). سىز ئۈچۈن ئاشۇ ئۆزگىرىشلەرنى قىلىش ئاسانغا چۈشمىگەن بولۇشى مۇمكىن. ئەمما، سىز ۋاز كەچمىدىڭىز. چۈنكى، ئاسماندىكى ئاتىڭىزنى سۆيۈپ، ئۇنى خۇرسەن قىلماقچى بولدىڭىز. ياراتقۇچى يەھۋا سىزدىن چوقۇم پەخىرلىنىدۇ.—پەند. نە 27:11.
تار يولدا مېڭىشنى قانداق داۋاملاشتۇرالايسىز؟
خۇدانىڭ نەسىھىتى ۋە ئۆلچەم-قائىدىلىرى «تار» يولدا مېڭىشنى داۋاملاشتۇرۇشىمىزغا ياردەم بېرىدۇ (6—8-ئابزاسلارغا قاراڭ) d
6. زەبۇر 119:9، 10، 45، 133-ئايەتلەرگە ئاساسلانغاندا، تار يولدا مېڭىشنى داۋاملاشتۇرۇشىمىزغا نېمە ياردەم بېرىدۇ؟
6 تار يولدا مېڭىشنى باشلىغان بولساق، شۇ مېڭىشنى داۋاملاشتۇرۇشقا نېمە ياردەم بېرىدۇ؟ مۇنداق بىر مىسال توغرۇلۇق ئويلاپ كۆرەيلى: تار تاغ يولىدا قوغدايدىغان تۈۋرۈك پەنجىرلەر بار. ئۇلار شوپۇرلارنى قىياغا بەك يېقىن مېڭىشتىن، ھەتتا قىيادىن چۈشۈپ كېتىشتىن ساقلايدۇ. شۇڭا، ھېچبىر شوپۇر بۇ تۈۋرۈك پەنجىرلەرنىڭ مېڭىش ئەركىنلىكىنى چەكلەپ قويغانلىقىدىن نارازى بولۇپ ئاغرىنمايدۇ. ياراتقۇچى يەھۋا مۇقەددەس كىتابتا بەلگۈلىگەن ئۆلچەم-قائىدىلەر دەل يول بويىدىكى تۈۋرۈك پەنجىرلەرگە ئوخشايدۇ. ئۇلار بىزنى قوغداپ، ھاياتلىققا يېتەكلەيدىغان تار يولدا مېڭىشنى داۋاملاشتۇرۇشىمىزغا ياردەم بېرىدۇ.—زەبۇر 119:9، 10، 45، 133-نى ئوقۇڭ.
7. ياشلار تار يول ھەققىدە نېمىلەرنى ئويلىشى كېرەك؟ ياشلار تار يولغا قانداق كۆزقاراشتا بولۇشى كېرەك؟
7 ياشلار، سىلەر بەزىدە يەھۋانىڭ ئۆلچەم-قائىدىلىرىنى بەك ئېغىر يۈكتەك ھېس قىلامسىلەر؟ شەيتان سىلەرنىڭ شۇنداق ئويلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىدۇ. كەڭ يولدا مېڭىۋاتقانلار قارىماققا ئىنتايىن خۇشالدەك كۆرىنىدۇ. شەيتان ئۇلارنىڭ قىلىۋاتقان ئىشلىرىغا، دائىم دىققەت قىلىپ، ھەۋەس قىلىشىڭلارنى خالايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، خۇدانىڭ ئۆلچەم-قائىدىلىرى ھاياتتىن ھۇزۇرلىنىشتىن چەكلەيدۇ، دېگەن ئوي-پىكىردە بولۇشىڭلارنى خالايدۇ b. ساۋاقدىشىڭلار ۋە ئىنتېرنېتتا كۆرگەن كىشىلەر ھاياتتىن ھۇزۇر ئېلىپ، سىلەردىن ياخشىراق ياشاۋاتقاندەك ھېس-تۇيغۇدا بولۇشىڭلارنى خالايدۇ. شۇنى ئەستە ساقلاڭلاركى، كەڭ يول قانداق ئاخىرقى نۇقتىغا باشلايدىغانلىقىنى، ئىنسانلارنىڭ بىلىشىنى شەيتان خالىمايدۇ. ئەمما، تار يولدا مېڭىشنى داۋاملاشتۇرساڭلار، كەلگۈسىڭلارنىڭ پارلاق بولىدىغانلىقىنى، يەھۋا ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىدۇ.—زەبۇر 37:29؛ يەشايا 35:5، 6؛ 65:21—23.
8. ئولافنىڭ مىسالىدىن ياشلار نېمىنى ئۆگىنەلەيدۇ؟
8 ئولاف c ئىسىملىك بىر قېرىندىشىمىزنىڭ مىسالىدىن نېمىنى ئۆگىنەلەيدىغانلىقىمىزنى كۆرۈپ باقايلى. سىنىپداشلىرى ئۇنى جىنسىي ئەخلاقسىزلىق قىلىشقا ئازدۇرغان. ئەمما، ئۇ ئۆزىنىڭ يەھۋا گۇۋاھچىسى ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ، مۇقەددەس كىتابتىكى يۇقىرى ئەخلاق ئۆلچەملىرىگە ماس ياشايدىغانلىقىنى چۈشەندۈرگەندە، بەزى قىز سىنىپداشلىرى ئۇنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭغا تېخىمۇ بېسىم قىلىشقا باشلىغان. لېكىن، ئولاف توغرا يولدا مېڭىشنى قەتئىي قارار قىلغان. ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇ باشقا بېسىملارغا دۇچ كەلگەن. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ھەممىسى مېنى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇپ، بىلىم ئېلىشقا قايىل قىلىشقا ئۇرۇندى. ئۇلار يۇقىرى بىلىم ئالماي تۇرۇپ، ھاياتىمدا مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمايدىغانلىقىمنى ئېيتىشتى». ئولافنىڭ شۇنداق بېسىملارغا قارشى تۇرۇشقا نېمە ياردەم بەرگەن؟ ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «مەن جامائەتتىكى قېرىنداشلار بىلەن يېقىن دوستلۇق مۇناسىۋەت ئورناتتىم. ئۇلار ئائىلەمدىكىلەردەك ماڭا يېقىن بولدى. مەن يەنە مۇقەددەس كىتابنى تېخىمۇ ئەستايىدىل تەتقىق قىلىپ ئۆگىنىشكە باشلىدىم. قانچە چوڭقۇر تەتقىق قىلغانسېرى، ئۆگەنگەنلىرىمنىڭ ھەقىقەت ئىكەنلىكىگە شۇنچە قايىل بولدۇم. نەتىجىدە، مەن يەھۋاغا ئۆزۈمنى بېغىشلاپ، چۆمدۈرۈلۈشتىن ئۆتۈشنى قارار قىلدىم».
9. ھاياتلىق يولدا مېڭىشنى داۋاملاشتۇرۇشنى خالايدىغانلار چوقۇم نېمە قىلىشى كېرەك؟
9 شەيتان بىزنىڭ ھاياتلىققا يېتەكلەيدىغان يولنى تاشلاپ كېتىپ، كۆپچىلىككە قوشۇلۇپ «ھالاكەتكە ئېلىپ بارىدىغان» يولدا مېڭىشىمىزنى ئۈمىد قىلىدۇ (مەتتا 7:13). ئەمما، بىز داۋاملىق ئەيساغا قۇلاق سېلىپ، تار يولدا مېڭىش بىزنى قوغدايدۇ دەپ قارىساق، بۇ يولدا مېڭىشنى داۋاملاشتۇرالايمىز. ھازىر ئەيسا چوقۇم قىلىشىمىز كېرەكلىكىنى ئېيتقان يەنە بىر ئىشنى كۆرۈپ باقايلى.
قېرىنداشلىرىڭىز بىلەن يارىشىۋېلىڭ
10. مەتتا 5:23، 24-ئايەتلەرگە ئاساسلانغاندا، ئەيسا نېمە قىلىشىمىز كېرەكلىكىنى ئېيتقان؟
10 مەتتا 5:23، 24-نى ئوقۇڭ. ئەيسا يەھۇدىيلار ئۈچۈن بىر بەك مۇھىم ئىش ھەققىدە سۆز قىلغان ئىدى. بىر ۋەزىيەتنى تەسەۋۋۇر قىلىپ كۆرۈڭ: بىر كىشى ئىبادەتخانىغا كېلىپ، قۇربانلىقلىرىنى روھانىيغا بەرمەكچى بولغاندا، تۇيۇقسىز بىر قېرىندىشىنىڭ ئۆزىدىن نارازى ئىكەنلىكىنى ئېسىگە ئالدى. شۇنىڭ بىلەن، ئۇ قۇربانلىققا ئەكەلگەن جانىۋارنى ئىبادەتخانىدا قالدۇرۇپ، ئالدى بىلەن بىر ئىشنى قىلىشى كېرەك ئىدى. يەھۋا خۇداغا قۇربانلىق ئېلىپ كېلىشتىن مۇھىمراق ئىش بارمۇ؟ ئەيسا: «بېرىپ ئاۋۋال قېرىندىشىڭ بىلەن يارىشىۋال»،— دېيىش ئارقىلىق نېمىنىڭ بەكرەك مۇھىم ئىكەنلىكىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەرگەن.
ياقۇپنى ئۈلگە قىلىپ، كەمتەر بولۇپ قېرىندىشىڭىز بىلەن يارىشىۋېلىشقا تىرىشامسىز؟ (11، 12-ئابزاسلارغا قاراڭ) e
11. ياقۇپ ئاكىسى ئەساۋ بىلەن يارىشىۋېلىش ئۈچۈن قانداق تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن؟
11 ياقۇپنىڭ ھاياتىدىكى بىر ۋەقەنى كۆرۈپ چىقساق، يارىشىۋېلىش توغرۇلۇق مۇھىم ساۋاقلارغا ئىگە بولالايمىز. ياقۇپ تۇغۇلغان يۇرتىدىن ئايرىلىپ، 20 يىلدىن كېيىن خۇدا ئۆز پەرىشتىسى ئارقىلىق ئۆز يۇرتىغا قايتىپ كېتىشنى بۇيرىغان (يارىت. 31:11، 13، 38). ئەمما، بىر قىيىنچىلىق پەيدا بولغان. ئاكىسى ئەساۋ ياقۇپنى ئۆلتۈرمەكچى بولغان ئىدى (يارىت. 27:41). ياقۇپ بەك قورققان، سەۋەبى ئەساۋنىڭ يەنىلا ئۇنىڭغا ئۆچ-ئاداۋەت ساقلىۋاتقانلىقىدىن ئەنسىرىگەن (يارىت. 32:7). ياقۇپ ئاكىسى بىلەن يارىشىۋېلىش ئۈچۈن نېمە قىلغان؟ ئۇ ئاۋۋال يەھۋاغا ئىخلاس بىلەن دۇئا قىلغان. ئاندىن كېيىن، ئاكىسىغا سېخىيلىق بىلەن سوۋغاتلارنى ئەۋەتكەن (يارىت. 32:9—15). ئۇ ئاكىسىنى كۆرگەندە، ئۇنىڭغا ھۆرمەت كۆرسەتكەن. ئۇ ئەساۋغا پەقەت بىر قېتىم ياكى ئىككى قېتىم ئەمەس، يەتتە قېتىم باش ئېگىپ، تازىم قىلغان. ياقۇپ كەمتەرلىك بىلەن ئاكىسىنى ھۆرمەتلەيدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن. شۇنىڭ بىلەن، ئۇلار يارىشىۋالغان.—يارىت. 33:3، 4.
12. ياقۇپنىڭ مىسالىدىن نېمىنى ئۆگىنىمىز؟
12 ياقۇپ ئاكىسى ئەساۋ بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن قانداق تەييارلىق قىلغانلىقى ۋە كۆرۈشكەندە ئاكىسىغا قانداق مۇئامىلە قىلغانلىقىدىن مۇھىم بىر نەرسىگە ئۆگىنەلەيمىز. ياقۇپ كەمتەرلىك بىلەن يەھۋادىن ياردەم سورىغان. ئاندىن كېيىن، ئۇ دۇئاسىغا ماس ھەرىكەت قىلىپ، ئاكىسىنى كۆرگەندە خۇشاللىق بىلەن يارىشىۋېلىش ئۈچۈن بارچە كۈچى بىلەن تىرىشقانىدى. ئۇلار كۆرۈشكەندە، كىمنىڭ توغرا، كىمنىڭ ناتوغرا ئىكەنلىكى ھەققىدە تاللاش-تارتىش قىلمىغان. چۈنكى، ياقۇپنىڭ مەقسىتى ئاكىسى بىلەن يارىشىۋېلىش ئىدى. ياقۇپنى قانداق ئۈلگە قىلالايمىز؟
باشقىلار بىلەن يارىشىۋېلىش ئۈچۈن نېمە قىلىش كېرەك؟
13، 14. قېرىنداشلىرىمىزنى رەنجىتىپ قويساق، چوقۇم نېمە ئىش قىلىشىمىز كېرەك؟
13 ئەگەر بىز ھاياتلىققا يېتەكلەيدىغان يولدا داۋاملىق ماڭماقچى بولساق، چوقۇم قېرىنداشلىرىمىز بىلەن ئىناق-ئىتتىپاق ئۆتۈشىمىز كېرەك (رىملىقلار 12:18). ئەگەر قېرىنداشلىرىمىزنى رەنجىتىپ قويغانلىقىمىزنى بايقىساق، نېمە قىلىشىمىز كېرەك؟ خۇددى ياقۇپقا ئوخشاش، بىز يەھۋاغا سەمىمىي دۇئا قىلىپ، قېرىنداشلىرىمىز بىلەن يارىشىۋېلىش ئۈچۈن چىقارغان تىرىشچانلىقىمىزنى بەرىكەتلىشىنى ئۆتۈنۈپ سورىشىمىز كېرەك.
14 بىز يەنە ئۆزۈمىز ھەققىدە چوڭقۇر ئويلىنىپ كۆرۈشكە ۋاقىت چىقىرىشىمىز لازىم. ئۆز-ئۆزۈمىزدىن شۇنداق سوئاللارنى سوراپ كۆرسەك بولىدۇ: مەن تەكەببۇرلۇق قىلماي، كەمتەرلىك بىلەن كەچۈرۈم سوراپ، يارىشىۋېلىشنى خالايمەنمۇ؟ ئەگەر مەن قېرىنداشلىرىم بىلەن يارىشىۋېلىش ئۈچۈن تەشەببۇسكار بولسام، يەھۋا خۇدا ۋە ئەيسا مەسىھ قانداق ھېس-تۇيغۇدا بولىدۇ؟ بۇ سوئاللارغا بەرگەن جاۋابىمىز، بىزنى ئەيساغا قۇلاق سېلىپ، كەمتەرلىك بىلەن ئېتىقادچى قېرىنداشلىرىمىزغا يېقىنلىشىشقا ۋە ئۇلار بىلەن يارىشىۋېلىشقا دەۋەت قىلىدۇ. شۇنداق قىلساق، ياقۇپنى ئۈلگە قىلغان بولىمىز.
15. ئەفەسلىكلەر 4:2، 3-ئايەتتىكى پرىنسىپ، قېرىنداشلىرىمىز بىلەن يارىشىۋېلىشقا قانداق ياردەم بېرەلەيدۇ؟
15 ئەگەر ياقۇپ ئەساۋ بىلەن كۆرۈشكەندە، كىم توغرا، كىم خاتا ئىكەنلىكىنى تالاش-تارتىش قىلغان بولسا، ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولىدۇ. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا جېدەل-ماجىرا چىققان بولاتتى. بىز قېرىنداشلىرىمىز بىلەن بىر كېلىشمەسلىكنى ھەل قىلىشقا بارغاندا، چوقۇم كەمتەر ۋە مۇلايىم بولۇشىمىز كېرەك (ئەفەسلىكلەر 4:2، 3-نى ئوقۇڭ). پەندى-نەسىھەت 18:19-ئايەتتە مۇنداق دەپ يېزىلغان: «رەنجىگەن قېرىندىشىنىڭ كۆڭلىنى ئېلىش مۇستەھكەم شەھەرنى ئېلىشتىن مۈشكۈلدۇر، ئارىسىدىكى جېدەل-ماجىرا قورغان توساقلىرىنىڭ بالداقلىرى كەبىدۇر». كەمتەرلىك بىلەن كەچۈرۈم سوراش، بىزنىڭ مۇستەھكەم شەھەرگە كىرەلىشىمىزگە ياردەم بېرىدۇ.
16. بىز يەنە نېمە ھەققىدە ئويلىنىشىمىز كېرەك ۋە نېمە ئۈچۈن؟
16 بىز يەنە نېمە دېيىش ۋە قانداق دېيىش ھەققىدە ئويلاپ كۆرۈشىمىز كېرەك. ئەتراپلىق تەييارلىق قىلغاندىن كېيىن، بىز كۆڭلىنى رەنجىتىپ قويغان قېرىنداشقا بېرىپ، ئۇنىڭ بىلەن مۇناسىۋىتىمىزنى قايتا ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە تىرىشىشىمىز كېرەك. دەسلەپتە رەنجىگەن قېرىنداش كۆڭلىمىزنى ئاغرىتىدىغان سۆزلەرنى قىلىشى مۇمكىن. ئەگەر دەرھاللا ئاچچىقلانساق ياكى ئۆزۈمىزنى ئاقلاشقا ئۇرۇنساق، تالاش-تارتىش قىلماي ئارىمىزدىكى كېلىشمەسلىكنى تىنچ ھەل قىلالايمىزمۇ؟ ئەلۋەتتە، ئۇنداق قىلالمايمىز. ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، قېرىندىشىڭىز بىلەن يارىشىۋېلىپ، تىنچ-ئىناقلىقنى ساقلاش، كىم توغرا، كىم خاتا توغرۇلۇق تالاش-تارتىش قىلىشتىنمۇ مۇھىمراق.—1-كورىنت. 6:7.
17. گىلبېرىتنىڭ مىسالىدىن نېمىنى ئۆگەندىڭىز؟
17 گىلبېرت ئىسىملىك بۇرادەرنىڭ ئىناقلىقنى ساقلاش ئۈچۈن قانچىلىك كۈچ چىقارغانلىقىنى كۆرۈپ باقايلى. ئۇ شۇنداق دەيدۇ: «قىزىم بىلەن ئارىمىزدا بىر مەزگىل سوغاقچىلىق پەيدا بولغان. مەن ئىككى يىلدىن كۆپرەك ئۇنىڭ بىلەن يارىشىۋېلىش ئۈچۈن، ئوچۇق-ئاشكارا ۋە مۇلايىملىق بىلەن سۆھبەتلىشىشكە تىرىشتىم». گىلبېرت يەنە نېمە قىلغان؟ ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «ھەر قېتىم قىزىم بىلەن پاراڭلىشىشتىن ئاۋۋال، مەن دۇئا قىلاتتىم ۋە ئۆزۈمنى ئالدىن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە تەييارلايتتىم. شۇنداق بولغاندا، ئۇ بىرەر يامان گەپ قىلسىمۇ، مەن دەرھاللا ئاچچىقلانمايتتىم. ھەمدە ئۇنى كەچۈرۈشكە تەييار ئىدىم. توغرا-خاتا توغرىسىدا تاللاش-تارتىش قىلماسلىقنى ئۆگەندىم، مەقسىتىم قىزىم بىلەن يارىشىۋېلىش ئىكەنلىكىنى چۈشەندىم». نەتىجىسى قانداق بولغان؟ گىلبېرت سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ مۇنداق دەيدۇ: «مەن ھازىر ئائىلەمدىكىلەرنىڭ ھەممىسى بىلەن ئىناق ئۆتۈۋاتىمەن. شۇڭا، كۆڭلۈم تىنچ-خاتىرجەم».
18، 19. ئەگەر باشقىلارنى رەنجىتىپ قويغان بولساق، چوقۇم نېمە قىلىشنى قەتئىي قارار قىلىشىمىز كېرەك ۋە نېمە ئۈچۈن؟
18 ئەگەر ئېتىقادچى قېرىندىشىڭىزنى رەنجىتىپ قويغانلىقىڭىزنى بايقىسىڭىز، چوقۇم نېمە قىلىشىڭىز كېرەك؟ ئەيسانىڭ سۆزىگە قۇلاق سېلىپ، ئامالنىڭ بارىچە يارىشىۋېلىشقا تىرىشىڭ. بۇ توغرۇلۇق دۇئا قىلىڭ. يەھۋادىن مۇقەددەس روھىنى سوراڭ. ئۇ تىنچ-ئىناقلىقنى ساقلىشىڭىزغا ياردەم بېرىدۇ. يارىشىۋېلىش ئۈچۈن قولۇڭىزدىن كېلىشىچە كۈچ چىقارسىڭىز، ئەيسانىڭ سۆزىگە قۇلاق سېلىپ، ھەقىقىي خۇشاللىققا ئېرىشەلەيسىز.—مەتتا 5:9.
19 «جامائەتنىڭ بېشى» بولغان ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق، يەھۋا بىزنى يېتەكلەپ، مېھرىبانلىق كۆرسىتىپ كېلىۋاتقانلىقىغا ھەقىقەتەن مىننەتدارمىز (ئەفەس. 5:23). ھەممىمىز ئەلچى پېترۇس، ياقۇپ ۋە يۇھانناغا ئوخشاش، ھاياتىمىزدا ئەيسانىڭ سۆزىگە قۇلاق سېلىشنى قەتئىي قارار قىلايلى (مەتتا 17:5). بىز كۆڭلىنى رەنجىتكەن قېرىنداشلار بىلەن يارىشىۋېلىش ئۈچۈن نېمە قىلىشىمىز كېرەكلىكىنى ئۆگەندۇق. شۇنداق قىلساق، ھاياتلىققا يېتەكلەيدىغان تار يولدا مېڭىشنى داۋاملاشتۇرالايمىز. كەلگۈسىدە تۈگىمەس-پۈتمەس خۇشاللىققا ئېرىشىمىز.
35-ناخشا رەھمەت خۇدا سەۋرچانلىقىڭغا
a ئەيسا بىزنى ھاياتلىققا يېتەكلەيدىغان يولدا مېڭىش ئۈچۈن تار دەرۋازىدىن كىرىشكە بۇيرىغان. ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇ ئېتىقادچى قېرىنداشلىرىمىز بىلەن ئارىمىزدا تىنچ-ئىناقلىقنى ساقلىشىمىز كېرەكلىكىنىمۇ ئېيتقان. نېمە ئۈچۈن ئەيسانىڭ بۇيرۇقى بويىچە قىلىشىمىز كېرەك؟ قانداق قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كېلىشىمىز مۇمكىن ۋە ئۇلارنى قانداق يېڭەلەيمىز؟
b «ياشلارنى قىزىقتۇرىدىغان 10 سوئال» دېگەن كىتابچىنىڭ، «تەڭداشلارنىڭ بېسىمىغا قانداق قارشى تۇرالايمەن؟» دېگەن 6-سوئالغا قاراڭ. يەنە «تەڭداشلىرىڭىزنىڭ بېسىمىغا بەرداشلىق بېرىڭ!» دېگەن قىسقا فىلىمنى www.pr418.com تور بېكىتىدىن كۆرۈڭ. (مۇقەددەس كىتاب تەلىملىرى > ئۆسمۈرلەر دېگەن يەرگە قاراڭ)
c بەزى ئىسىملار ئۆزگەرتىلگەن.
d سۈرەتتە: خۇدا ئورناتقان قوغدايدىغان تۈۋرۈك پەنجىرلەر قويۇلغان «تار» يولدا مېڭىشنى داۋاملاشتۇرۇش ئارقىلىق، بىز تۆۋەندىكىدەك خەتەرلەردىن، يەنى شەھۋانىي مەزمۇندىكى نەرسىلەردىن، جىنسىي ئەخلاقسىزلىقتىن ۋە ھاياتتا يۇقىرى بىلىم ئېلىشنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇش بېسىمىدىن خالى بولالايمىز.
e سۈرەتتە: ياقۇپ ئۆز ئاكىسى بىلەن يارىشىۋېلىش ئۈچۈن، ئۇنىڭ ئالدىدا تەكرار-تەكرار تازىم قىلىۋاتىدۇ.