ئېسىڭىزدە بارمۇ؟
سىز مۇشۇ يىلدىكى «كۈزىتىش مۇنارى» ژۇرناللىرىنى كۆڭۈل قويۇپ ئوقۇدىڭىزمۇ؟ تۆۋەندىكى سوئاللارغا جاۋاب بېرەلەمسىز؟
ياقۇپ 5:11-ئايەت، يەھۋانىڭ مېھىر-شەپقىتى ۋە رەھىمدىللىقى ھەققىدە نېمە دەيدۇ؟
بىز شۇنى ياخشى بىلىمىزكى، يەھۋانىڭ ئۆز رەھىمدىللىقىنى كۆرسىتىشىنىڭ بىر يولى — ئۆتكۈزگەن خاتالىقلىرىمىزنى كەچۈرۈش. ياقۇپ 5:11-ئايەتتە يېزىلغاندەك، يەھۋا خۇدانىڭ مېھىر-مۇھەببىتى ئۇنى بىزگە ياردەم بېرىشكە دەۋەت قىلىدۇ. يەھۋانى ئۈلگە قىلساق، ياخشى قىلغان بولىمىز. —كم21.01. 21-ب.
نېمە ئۈچۈن يەھۋا باشچىلىقنى ئورۇنلاشتۇرغان؟
يەھۋا ئۆز ئائىلىسىنى ياخشى كۆرگەچ، باشچىلىقنى ئورناتقان. خۇدا ئورۇنلاشتۇرغان باشچىلىق پرىنسىپى، ئۇنىڭ ئائىلىسىنىڭ تىنچلىق ۋە تەرتىپ ئىچىدە ئۆزئارا ھەمكارلىشىشىغا ئىمكانىيەت يارىتىپ بېرىدۇ. بۇ ئورۇنلاشتۇرۇشقا ماس ئىش قىلغان ھەر بىر ئائىلە ئەزاسى ئاخىرقى قارارنى كىم چىقىرىدىغانلىقىنى ۋە كىم ئۇنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغانلىقىنى ياخشى بىلىدۇ. —كم21.02. 3-ب.
نېمە ئۈچۈن خۇدا خىزمەتچىلىرى توردا ئىجتىمائىي ئالاقە قىلىپ، ئۇچۇرلارنى ئەۋەتكەندە پەخەس بولۇشى كېرەك؟
ئەگەر بىرى ئىجتىمائىي ئالاقە پروگراممىلىرىنى ئىشلەتسە، پەخەس بولۇشى كېرەك. تور ئارقىلىق ئالاقە قىلىش توپى بەك چوڭ بولسا، كىم بىلەن پاراڭلىشىشنى تاللاش بەك قىيىن بولغاچ، ئالاھىدە ئېھتىياتچان بولۇش كېرەك (1-تىموت. 5:13). تور ئالاقە پروگراممىلىرى ئارقىلىق ئېنىق تەكشۈرۈلمىگەن خەۋەرلەرنى تارقاتساق ياكى ئالاقىلىشىش تىزىملىكىدىكى قېرىنداشلاردىن پايدىلىنىپ، پۇل تېپىشقا ئۇرۇنساق، بۇ ھەم خەتەرلىك ئىش. —كم21.03. 31-ب.
نېمە ئۈچۈن خۇدا ئۆز ئوغلىنىڭ ئازاب-ئوقۇبەت چېكىشىگە يول قويغان؟ بۇنىڭ قانداق سەۋەبلىرى بار؟
يەھۇدىيلارنى لەنەتتىن ئازاد قىلىش ئۈچۈن، ئەيسا تۈۋرۈككە مىخلىنىشى كېرەك ئىدى (گالاتىيا. 3:10، 13). يەھۋا مەسىھ ئەيسانى باش روھانىي سۈپىتىدە كەلگۈسىدە خىزمەت قىلىشقا تەييارلىماقچى بولغان. ئەيسا ئۆز ساداقەتمەنلىكىنى ساقلاپ، بىزنىڭمۇ ساداقەتمەنلىكنى ساقلاپ قالالايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىغان (ئايۇپ 1:9—11). —كم21.04. 16، 17-ب.
ۋەز خىزمەتتە ئادەملەرنى تېپىش قىيىن بولسا، نېمە قىلسىڭىز بولىدۇ؟
بىز ئادەملەر ئۆيىدە بولىدىغان ۋاقىتتا ۋەز قىلساق، كۆپرەك ئادەملەرنى تاپالايمىز. ئوخشىمىغان جايلاردا ئادەملەرنى تېپىشقا تىرىشىڭ. ئوخشىمىغان ئۇسۇلدا ۋەز قىلىڭ، مەسىلەن خەت يېزىڭ. —كم21.05. 15، 16-ب.
پاۋلۇسنىڭ: «قانۇن ئارقىلىق، قانۇنغا نىسبەتەن ئۆلدۈم» دېگەن سۆزلىرى نېمىنى بىلدۈرىدۇ؟ (گالاتىيا. 2:19)
قانۇن كىشىلەرگە ئىنسانلارنىڭ نامۇكەممەل، گۇناھكار ئىكەنلىكىنى ئاشكارا قىلغان ۋە ۋەدە قىلىنغان ئەۋلادنىڭ مەسىھ ئەيسا ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتىشىگە ياردەم بەرگەن (گالاتىيا. 3:19، 24). پاۋلۇس تەۋرات قانۇنى ئارقىلىق ئەيسانى قوبۇل قىلغان. شۇ ئارقىلىق، پاۋلۇس تەۋرات قانۇنغا نىسبەتەن ئۆلگەن ۋە ئەمدى تەۋرات قانۇنىنىڭ چەكلىمىسى ئاستىدا بولمىغان. —كم21.06. 31-ب.
سەۋر-تاقەت كۆرسىتىشتە يەھۋا قانداق ئېسىل ئۈلگە كۆرسەتتى؟
يەھۋا ئۆز ئىسىمىغا ھاقارەت قىلىنغانلىقىغا، ئۇنىڭ ھۆكۈمرانلىق ھوقۇقىغا قارشى چىققانلىقىغا، ئۇنىڭ بەزى پەرزەنتلىرى ئىسىيان كۆتەرگەنلىكىگە، شەيتان توختىماي يالغانچىلىق قىلىۋاتقانلىقىغا، يەھۋا ئەزىزلىگەن خىزمەتچىلەر ئازاب-ئوقۇبەت چېكىۋاتقانلىقىغا، ئۇ يېقىن دوستلىرىدىن ئايرىلغانلىقىغا، رەزىل ئىنسانلارنىڭ باشقىلارنى ئېزىشىگە، ئىنسانلار بارغانسېرى ئەخلاقسىز ھايات كەچۈرۈۋاتقانلىقىغا ۋە ئىنسانلار مەۋجۇداتلارنى ۋەيران قىلىۋاتقانلىقىغا سەۋرچانلىق كۆرسىتىپ كېلىۋاتىدۇ. —كم21.07. 9—12 ب.
يۈسۈپنىڭ مىسالىدىن سەۋرچان بولۇش ھەققىدە نېمىنى ئۆگىنەلەيمىز؟
يۈسۈپ ئاكىلىرىنىڭ يامان مۇئامىلىسىگە ئۇچرىغاندا، بەرداشلىق بەرگەن. نەتىجىدە، ئۇ يالغان ئەيىبلىنىپ، ئۇزۇن يىللار مىسىردا تۈرمىدە ياتقان. —كم21.08. 12-ب.
ھاگاي 2:6—9، 20—22-ئايەتلەردە، قانداق سىمۋوللۇق تەۋرىتىش ھەققىدە يېزىلغان؟
ئەللەر پادىشاھلىق خۇش خەۋىرىنى رەت قىلغان بولسىمۇ، ئەمما كۆپلىگەن ئادەملەر ھەقىقەتكە جەلپ قىلىنىۋاتىدۇ. پات-ئارىدا ئەللەر يوق قىلىنىپ، زىل-زىلىگە كەلتۈرۈلىدۇ. —كم21.09. 15—19 ب.
نېمە ئۈچۈن ۋەز خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرۇشىمىز كېرەك؟
ۋەز خىزمەتتە تىرىشچانلىق كۆرسەتسەك، يەھۋانىڭ كۆڭلى بەك سۆيۈنىدۇ. بەل قويۇۋەتمەي، ۋەز خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرساق، يەھۋا خۇدا ۋەدە قىلغان مەڭگۈلۈك ھاياتلىق ھوسۇلىنى يىغىمىز. —كم21.10. 25، 26-ب.
لاۋىيلار 19-باب، «پۈتۈن يۈرۈش-تۇرۇشىڭلاردا مۇقەددەس بولۇڭلار» دېگەن مەسلىھەتنى ئەمەلىي قوللىنىشقا قانداق ياردەم بېرىدۇ؟ (1-پېتر. 1:15)
ئەلچى پېترۇس لاۋىيلار 19:2-ئايەتنى نەقىل كەلتۈرگەن. لاۋىيلار 19-بابتا، ھەر تۈرلۈك ئىشلاردا قانداق مۇقەددەس بولۇش كېرەكلىكى ھەققىدە يېزىلغان. —كم21.12. 3، 4-ب.