8-تەتقىق ماقالىسى
نەسىھىتىڭىز كۆڭۈلنى خۇشال قىلامدۇ؟
«خۇشبۇي ماي ۋە ئىسرىق كۆڭۈلنى خۇش قىلار؛ جان-جىگەر دوستنىڭ سەمىمىي مەسلىھىتى ھەم كۆڭۈلنى سۆيۈندۈرەر».—پەند. نە 27:9.
53-ناخشا «ئىناق بىللە خىزمەت قىلىش»
بۇ ماقالىدە a
1، 2. بىر بۇرادەر مەسلىھەت بېرىش ھەققىدە قانداق ساۋاققا ئىگە بولغان؟
نۇرغۇن يىللار ئىلگىرى، ئىككى ئاقساقال دائىم جامائەت يىغىلىشىغا قاتناشمايدىغان بىر قېرىنداشنى يوقلاپ بارغان. ئاقساقاللاردىن بىرى مۇقەددەس كىتابتىن بەزى ئايەتلەرنى كۆرسىتىپ، قېرىنداشنى يىغىلىشقا قاتنىشىشقا ئىلھاملاندۇرغان. شۇ ئاقساقال بۇ قېرىنداشنى ئىلھاملاندۇردۇق،— دەپ ئويلىغان. ئەمما، ئۇلار قايتىش ئالدىدا، ئويلىمىغان يەردىن قېرىنداش ئۇلارغا: «مېنىڭدىن قانداق قىيىنچىلىقىڭىز بار؟ كۈنلىرىڭىز قانداق ئۆتۈۋاتىدۇ دەپ سوراپ قويمايسىلەرغۇ؟»،— دېگەن. ئاقساقاللار شۇ قېرىنداشنىڭ ھال-ئەھۋالى ۋە قىيىنچىلىقلىرى ھەققىدە سورىماستىن، نەسىھەتلەرنى بەرگەن ئىدى. نەتىجىدە، ئۇ قېرىنداش ئاقساقاللارنىڭ نەسىھىتىنى پايدىسىز، دەپ قارىغان.
2 شۇ قېرىنداشقا ئايەتلەرنى كۆرسەتكەن ئاقساقال ئەسلەپ مۇنداق دەيدۇ: «مەن دەسلەپتە بۇ قېرىنداش نەسىھەت ئۈچۈن مىننەتدار بولمىدى دەپ ئويلىدىم. ئەمما، ئەستايىدىل ئويلانغاندىن كېيىن، مەن تېگىشلىك بارلىق ئايەتلەرنى كۆرسەتكەن بولساممۇ، سوراشقا تېگىشلىك، مەسىلەن، يېقىندىن بۇيان قانداق ئەھۋالىڭىز؟ مەن سىزگە قانداق ياردەم بېرەلەيمەن؟ دېگەندەك سوئاللارنى سورىمىغانلىقىمنى تونۇپ يەتتىم». شۇ ئاقساقال بۇنىڭدىن قىممەتلىك ساۋاققا ئىگە بولغان. ئۇ ھازىر ئىنتايىن كۆيۈمچان پادىچى ۋە قېرىنداشلارغا كۆپ ياردەم بېرىدۇ.
3. جامائەتتە كىم مەسلىھەت بېرىشى كېرەك؟
3 پادىچىلار سۈپىتىدە، ئاقساقاللارنىڭ زۆرۈر تېپىلغاندا قېرىنداشلارغا نەسىھەت بېرىش مەسئۇلىيىتى بار. بىراق، جامائەتتىكى باشقا ئېتىقادچىلارمۇ باشقىلارغا نەسىھەت بېرىشى كېرەك. مەسىلەن، بىز دوستلىرىمىزغا مۇقەددەس كىتابقا ئاساسلانغان بەزى نەسىھەتلەرنى بېرىشىمىز مۇمكىن (زەبۇر 141:5؛ پەند. نە 25:12). پىشىپ يېتىلگەن ياشتا چوڭراق قېرىنداش ياشراق قېرىنداشلارغا تىتۇس 2:3–5-ئايەتلەردە تىلغا ئېلىنغان ئىشلار ھەققىدە مەسلىھەت بېرەلەيدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، ئاتا-ئانىلار دائىم پەرزەنتلىرىگە نەسىھەت قىلىپ، توغرا-خاتانى پەرقلەندۈرۈشنى ئۆگىتىشى لازىم. دېمەك، بۇ ماقالە ئاساسلىقى ئاقساقاللار ئۈچۈن يېزىلغان بولسىمۇ، بىز ھەممىمىزگە پايدىلىقتۇر. ئۇلار ئەمەلىي، ئىلھام بېرىدىغان ۋە كۆڭۈلنى كۆتىرىدىغان ئۇسۇلدا نەسىھەت بېرىشنى ئۆگىنىشىمىزگە ياردەم بېرىدۇ.—پەند. نە 27:9.
4. بۇ ماقالىدە قايسى سوئاللارنى مۇھاكىمە قىلىمىز؟
4 بۇ ماقالىدە، نەسىھەت بېرىش ھەققىدە تۆت سوئالنى مۇھاكىمە قىلىمىز: (1) نەسىھەت بېرىشتىكى مەقسەت نېمە؟ (2) ھەقىقەتەن نەسىھەت بېرىش زۆرۈرمۇ؟ (3) نەسىھەتنى كىم بېرىشى كېرەك؟ (4) قانداق ئۇسۇلدا ئۈنۈملۈك نەسىھەت بېرەلەيسىز؟
نەسىھەت بېرىشتىكى مەقسەت نېمە؟
5. نېمە ئۈچۈن ئاقساقاللار مېھىر-مۇھەببەت بىلەن نەسىھەت بەرسە، باشقىلار ئۇنى ئاسانراق قوبۇل قىلالايدۇ؟ (1-كورىنتلىقلار 13:4، 7)
5 ئاقساقاللار ئېتىقادچى قېرىنداشلىرىنى ياخشى كۆرىدۇ. ئۇلار خاتا يولغا مېڭىشقا باشلىغان بىرسىگە نەسىھەت بېرىش ئارقىلىق، ئۆزلىرىنىڭ سۆيگۈ-مۇھەببىتىنى ئىپادىلەيدۇ (گالاتىيا. 6:1). لېكىن، ئاقساقال بىرسىگە نەسىھەت قىلىشتىن ئىلگىرى، پاۋلۇسنىڭ مېھىر-مۇھەببەت ھەققىدە ئېيتقان مۇنۇ سۆزلىرىنى ئويلاپ كۆرسە ياخشى بولىدۇ: «ھەممە نەرسىگە بەرداشلىق بېرىدۇ، ھەممە نەرسىگە ئىشىنىدۇ، ھەممە نەرسىگە ئۈمىد باغلايدۇ، ھەممە نەرسىگە چىدايدۇ» (1-كورىنتلىقلار 13:4، 7-نى ئوقۇڭ). بۇ ئايەتلەر ھەققىدە چوڭقۇر ئويلىنىش، ئاقساقاللارنىڭ مەسلىھەت بېرىشتىكى مەقسىتى نېمە ئىكەنلىكىنى تەكشۈرۈشىگە ۋە قېرىندىشىغا سۆيگۈ-مۇھەببەت بىلەن نەسىھەت بېرىشىگە ياردەم بېرىدۇ. نەسىھەتنى ئاڭلىغۇچى ئاقساقالنىڭ غەمخورلۇقىنى ھېس قىلسا، ئۇ نەسىھەتنى ئاسانراق قوبۇل قىلىدۇ.—رىملىقلار 12:10.
6. پاۋلۇس قانداق ياخشى ئۈلگە قالدۇرغان؟
6 ئەلچى پاۋلۇس ئاقساقاللار ئۈچۈن ياخشى ئۈلگە قالدۇرغان. مەسىلەن، سالونىكىدىكى قېرىنداشلارغا نەسىھەت بېرىش زۆرۈر بولغاندا، پاۋلۇس ئۇلارغا نەسىھەت بېرىشتىن ئىككىلىنىپ قالمىغان. ئەمما، ئۇلارغا يازغان خەتلىرىدە، پاۋلۇس ئالدى بىلەن ئۇلارنىڭ ئېتىقادى، ئەجىر-مېھنىتى ۋە سەۋرچانلىقىنى ماختىغانىدى. ئۇندىن باشقا، ئۇ ئۇلارنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە ئويلىنىدىغانلىقىنى، تۇرمۇشىنىڭ جاپالىق ئىكەنلىكىنى ۋە زىيانكەشلىككە بەرداشلىق بېرىۋاتقانلىقىنى بىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان (1-سالونىكا. 1:3؛ 2-سالونىكا. 1:4). پاۋلۇس ھەتتا ئۇلارنىڭ باشقا يەردىكى مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرى ئۈچۈن ياخشى ئۈلگە ئىكەنلىكىنى ئېيتقان (1-سالونىكا. 1:8، 9). پاۋلۇس چىن قەلبىدىن ئۇلارنى ماختىغاندا، ئۇلار چوقۇم بەك خۇشال بولغاندۇ،— ھە! شەك-شۈبھىسىزكى، پاۋلۇس قېرىنداشلىرىنى بەك ياخشى كۆرگەن. شۇ سەۋەب، ئۇنىڭ سالونىكىلىقلارغا يازغان ھەر ئىككىلا خېتىدىكى نەسىھەت سۆزلىرى قېرىنداشلىرىنىڭ قەلبىگە چوڭقۇر تەسىر قىلغان.—1-سالونىكا. 4:1، 3–5، 11؛ 2-سالونىكا. 3:11، 12.
7. نېمە ئۈچۈن بەزى كىشىلەر نەسىھەتكە سەلبىي ئىنكاس قايتۇرىدۇ؟
7 ئەگەر توغرا ئۇسۇلدا نەسىھەت بەرمىسەك، نېمە ئىش بولۇشى مۇمكىن؟ تەجرىبىلىك بىر ئاقساقال: «بەزىلەر بېرىلگەن نەسىھەتتە خاتالىق بولغىنى ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى نەسىھەتنىڭ بېرىلىش ئۇسۇلى ئۇلارنى بىئارام قىلغانلىقى ئۈچۈن سەلبىي ئىنكاس قايتۇرىدۇ»،— دەيدۇ. بۇنىڭدىن نېمىنى ئۆگىنەلەيمىز؟ ئەگەر بىز ئاچچىقلىنىپ ئەمەس، بەلكى مېھىر-مۇھەببەت بىلەن، كۆيۈنۈپ نەسىھەت بەرسەك، نەسىھەتنى ئاڭلىغۇچى ئۇنى ئاسانراق قوبۇل قىلىدۇ.
ھەقىقەتەن نەسىھەت بېرىش زۆرۈرمۇ؟
8. ئاقساقال بىرسىگە مەسلىھەت بېرىش-بەرمەسلىكنى قارار قىلىشتىن ئاۋۋال، ئۆز-ئۆزىدىن قايسى سوئاللارنى سوراپ كۆرۈشى كېرەك؟
8 ئاقساقال باشقىلارغا نەسىھەت بېرىشكە ئالدىرىماسلىقى كېرەك. ئۇ نەسىھەت بېرىشتىن بۇرۇن، چوقۇم ئۆز-ئۆزىدىن مۇنداق سوراپ كۆرسە بولىدۇ: «مەن راستىنلا بىر نەرسە دېيىشىم كېرەكمۇ؟ ئۇ ھەقىقەتەن بىر ئىشنى خاتا قىلدىمۇ؟ ئۇنىڭ قىلغىنى مۇقەددەس كىتابقا زىتمۇ ياكى شۇ ئىشقا قارىتا ئۇنىڭ كۆزقارىشى بىلەن مېنىڭ كۆزقارىشىم ئارىسىدا پەرق بارمۇ؟». ئاقساقاللار ئويلىماي ئالدىراپ سۆزلەشتىن ساقلانسا، دانا ئىش قىلغان بولىدۇ (پەند. نە 29:20). ئەگەر ئاقساقال بىر كىشىنىڭ مۇقەددەس كىتاب پرىنسىپلىرىغا خىلاپلىق قىلغان-قىلمىغانلىقى ۋە ئۇنىڭغا نەسىھەت بېرىش-بەرمەسلىك ھەققىدە ئىككىلەنسە، ئۇ باشقا بىر ئاقساقال بىلەن مەسلىھەتلەشسە بولىدۇ.—2-تىموت. 3:16، 17.
9. ئەگەر بىر كىشىنىڭ كىيىنىشى ۋە ياسىنىشى توغرىسىدا مەسلىھەت بەرمەكچى بولساق، پاۋلۇستىن نېمىنى ئۆگىنەلەيمىز؟ (1-تىموتىي 2:9، 10)
9 مۇنداق ۋەزىيەتنى تەسەۋۋۇر قىلىپ باقايلى. مەسىلەن، ئاقساقال مەلۇم بىر ئېتىقادچىنىڭ كىيىنىشىدە مەسىلە بار دەپ قارىسا، ئۇ ئالدى بىلەن ئۆز-ئۆزىدىن: «مېنىڭ نەسىھەت بېرىشىمگە مۇقەددەس كىتابقا ئاساسلانغان سەۋەبىم بارمۇ؟»، دەپ سوراپ كۆرسە بولىدۇ. شۇ ئاقساقال ئۆزىنىڭ شەخسىي كۆزقارىشىنى ئېيتىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، باشقا بىر ئاقساقال ياكى پىشىپ يېتىلگەن ئېتىقادچىدىن كۆزقاراشلىرىنى سورىسا بولىدۇ. ئۇلار بىرلىكتە پاۋلۇسنىڭ كىيىنىش ۋە ياسىنىش ھەققىدىكى نەسىھەت سۆزلىرىگە قاراپ چىقىدۇ (1-تىموتىي 2:9، 10-نى ئوقۇڭ). پاۋلۇس كىيىنىش ھەققىدە بەزى مۇھىم قائىدە-پرىنسىپنى ئوتتۇرغا قويغان. ئەمما، نېمە بولىدۇ ياكى نېمە بولمايدۇ، دەپ ئۇزۇن بىر تىزىملىكنى تۈزمىگەن. ئەكسىچە، مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرىنى مۇۋاپىق، ئەخلاقلىق ۋە يارىشىملىق كىيىنىشكە دەۋەت قىلغان. ئۇ مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرى، مۇقەددەس كىتاب پرىنسىپلىرىغا زىت بولمىسىلا، ئۆز خاھىشىغا ئاساسەن قانداق كىيىنىشنى تاللىيالايدىغانلىقىنى تونۇپ يەتكەنىدى. بىر كىشىنىڭ كىيىنىشى ھەققىدە مەسلىھەت بېرىش-بەرمەسلىكىنى قارار قىلىشتىن ئاۋۋال، ئاقساقاللار شۇ كىشىنىڭ ئەخلاقلىق، يارىشىملىق كىيىنگەن-كىيىنمىگەنلىكى ھەققىدە ئوخشاش بىر پىكىرگە كېلىشى كېرەك.
10. باشقىلارنىڭ چىقارغان قارارىنى ھۆرمەتلەشكە نېمە ياردەم بېرىدۇ؟
10 شۇنى ئەستە تۇتۇش بەك مۇھىمكى، پىشىپ يېتىلگەن ئىككى ئېتىقادچى ئوخشاش بىر ئىشقا پەرقلىق كۆزقاراشتا بولۇشى مۇمكىن. ئەمما، بۇ ئۇلارنىڭ بىرىنىڭ توغرا، يەنە بىرىنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەيدۇ. بىز ئۆزۈمىزنىڭ توغرا-خاتاغا بولغان كۆزقارىشىنى باشقىلارغا زورلاپ تاڭماسلىقىمىز كېرەك.—رىملىقلار 14:10.
نەسىھەتنى كىم بېرىشى كېرەك؟
11، 12. نەسىھەت بېرىشكە توغرا كەلسە، ئاقساقاللار قانداق سوئاللار ئۈستىدە ئويلىنىشى كېرەك؟ نېمە ئۈچۈن؟
11 ئەگەر نەسىھەت بېرىش زۆرۈر بولسا، ئۇنداقتا نەسىھەتنى كىم بېرىشى كېرەك؟ مەسىلەن، بىر توي قىلغان ئايال قېرىنداش ياكى كىچىك بالىغا نەسىھەت بېرىشكە توغرا كەلسە، ئالدى بىلەن بۇنى ئائىلە باشلىقى بىلەن مەسلىھەتلىشىش كېرەك. بەلكىم، ئائىلە باشلىقى بۇ مەسىلىنى ئۆزى بىر تەرەپ قىلالايدۇ b ياكى ئاقساقال نەسىھەت بەرگەندە، ئائىلە باشلىقى شۇ يەردە بولۇشنى خالايدۇ. 3-ئابزاستا تىلغا ئالغاندەك، بەزى ئەھۋاللاردا، ياشتا چوڭراق قېرىنداش ياشراق قېرىنداشقا نەسىھەت بەرسە، تېخىمۇ مۇۋاپىق بولىدۇ.
12 ئۇنىڭدىن باشقا، ئاقساقاللار: «بۇ نەسىھەتنى مەن بەرسەم ياخشىمۇ ياكى باشقىلار بەرسە ياخشىراق بولامدۇ؟»،— دەپ ئويلاپ كۆرسە بولىدۇ. بەلكىم، باشقا بىرى بەرسە، تېخىمۇ مۇۋاپىق بولۇشى مۇمكىن. مەسىلەن، ئۆزىنى ئەرزىمەس، تۆۋەن كۆرىدىغان بىرسىگە، ئىلگىرى شۇنداق ھېس-تۇيغۇلار بىلەن كۈرەش قىلغان بىر ئاقساقال نەسىھەت بەرسە، ئۇ كىشى نەسىھەتنى ئاسانراق قوبۇل قىلىشى مۇمكىن. شۇنداقتىمۇ، ئوخشاش ئىشنى باشتىن ئۆتكۈزگەن بولسۇن ياكى بولمىسۇن، زۆرۈر تېپىلغاندا بارلىق ئاقساقاللار نەسىھەت بېرىشى كېرەك. چۈنكى، مۇقەددەس كىتابتا ئاقساقاللارنىڭ قېرىنداشلارنى ئىلھاملاندۇرۇش ۋە نەسىھەت بېرىش مەسئۇلىيىتى بارلىقى يېزىلغان.
قانداق ئۇسۇلدا ئۈنۈملۈك نەسىھەت بېرەلەيسىز؟
13، 14. نېمە ئۈچۈن ئاقساقاللار باشقىلارنى دىققەت بىلەن ئاڭلىشى كېرەك؟
13 ئاڭلاشقا تەييار تۇرۇڭ. ئاقساقال باشقىلارغا نەسىھەت بەرمەكچى بولغاندا، ئۆزىدىن مۇنداق سوراپ كۆرۈشى كېرەك: «مەن ئۇنىڭ ئەھۋالىنى چۈشىنىمەنمۇ؟ ئۇ قانداق تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتىدۇ؟ ئۇنىڭ مەن بىلمەيدىغان قىيىنچىلىقلىرى بارمۇ؟ ئۇ ھازىر نېمىگە ئەڭ ئېھتىياجلىق؟».
14 نەسىھەت بەرگۈچى چوقۇم ياقۇپ 1:19-ئايەتتىكى مۇنۇ پرىنسىپنى ئەستە ساقلىشى كېرەك: «ھەر بىر كىشى چوقۇم ئاڭلاشقا ئالدىرىسۇن، سۆزلەشكە ئالدىرىمىسۇن ۋە ئاسان ئاچچىقلانمىسۇن». بىر ئاقساقال مەن ئۇنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە ھەممىدىن خەۋەردار، دەپ ئويلىشى مۇمكىن. ئەمما، راستىنلا شۇنداقمۇ؟ پەندى-نەسىھەت 18:13-ئايەت، بىزنى مۇنداق ئاگاھلاندۇرىدۇ: «سۆزنى ئاڭلىماي تۇرۇپ جاۋاب بەرگەن كىشى ئەخمەقلىقتۇر ۋە خىجالەتتە قالار». بىر كىشىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى بىلىش ئۈچۈن، ئەڭ ياخشىسى شۇ كىشىنىڭ ئۆزىدىن بىۋاسىتە سوراش كېرەك. بىز سۆزلەشتىن بۇرۇن، ئۇنىڭ سۆزلىرىنى دىققەت بىلەن ئاڭلىشىمىز لازىم. ماقالىنىڭ كىرىش قىسمىدا تىلغا ئېلىنغان ئاقساقال ئېسىڭىزدىمۇ؟ ئۇ قېرىنداشنى يوقلاپ بارغاندا، دەسلەپتە ئۆزى تەييارلاپ كەلگەن ئوي-پىكىر ھەققىدە ئېيتىشنىڭ ئورنىغا، ئۇنىڭدىن: «قانداق ئەھۋالىڭىز؟ سىزگە قانداق ياردەم بېرەلەيمەن؟»،— دەپ سورىشى كېرەكلىكىنى تونۇپ يەتكەن ئىدى. ئەگەر ئاقساقاللار ۋاقىت چىقىرىپ ئەھۋال ئىگەللىسە، قېرىنداشلىرىغا كۆپرەك ياردەم بېرىپ، ئۇلارنى ئىلھاملاندۇرالايدۇ.
15. ئاقساقاللار پەندى-نەسىھەت 27:23-ئايەتتىكى پرىنسىپنى قانداق قوللىنالايدۇ؟
15 پادا بىلەن ياخشىراق تونۇشۇڭ. ماقالىنىڭ بېشىدا تىلغا ئېلىنغاندەك، باشقىلارغا ئۈنۈملۈك نەسىھەت بېرىش ئۈچۈن، بىرقانچە ئايەتنى ئوقۇش، بىر-ئىككى تەكلىپ-پىكىر ياكى مەسلىھەتنى بېرىش يېتەرلىك ئەمەس. قېرىنداشلىرىمىز بىزنىڭ ئۇلارغا كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىمىزنى، ئۇلارنى چۈشىنىدىغانلىقىمىزنى ۋە ئۇلارغا ياردەم قىلىشنى خالايدىغانلىقىمىزنى ھېس قىلىشى لازىم (پەندى-نەسىھەت 27:23-نى ئوقۇڭ). شۇڭلاشقا، ئاقساقاللار قېرىنداشلار بىلەن يېقىن دوستلۇق ئورنىتىشقا پۈتۈن كۈچى بىلەن تىرىشىشى كېرەك.
16. ئاقساقاللارنىڭ ئۈنۈملۈك نەسىھەت بېرىشىگە نېمە ياردەم بېرىدۇ؟
16 ئاقساقاللار قېرىنداشلارغا خاتا تەسىرات بېرىپ قويماسلىق، يەنى بىز خاتالىق ئۆتكۈزۈپ قويغاندىلا ئاقساقاللار نەسىھەت بېرىش ئۈچۈن بىز بىلەن سۆھبەتلىشىدۇ، دېگەن ئويغا كەلتۈرۈپ قويماسلىقى لازىم. بۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇلار دائىم قېرىنداشلىرى بىلەن پاراڭلىشىپ تۇرۇشى مۇھىم. بولۇپمۇ، قېرىنداشلار قىيىنچىلىققا يولۇققاندا، ئاقساقاللار سەمىمىي كۆڭۈل بۆلۈشى كېرەك. تەجرىبىلىك بىر ئاقساقال مۇنداق دەيدۇ: «ئەگەر شۇنداق قىلسىڭىز، قېرىنداشلىرىڭىز بىلەن يېقىن دوستلۇق ئورنىتىسىز. شۇنىڭ بىلەن، نەسىھەت بېرىشكە توغرا كەلگەندە، شۇنداق قىلىش سىزگە ئاسان بولىدۇ. شۇ چاغدا، نەسىھەت ئاڭلىغۇچىمۇ ئۇنى ئاسانراق قوبۇل قىلىدۇ».
17. ئاقساقاللار، بولۇپمۇ قايسى ۋاقىتتا سەۋرچان ۋە مېھرىبان بولۇشى كېرەك؟
17 سەۋرچان ۋە مېھرىبان بولۇڭ. ئەگەر بىرسى دەسلەپتە مۇقەددەس كىتابتىكى سۆزلەرنى ھاياتىدا ئەمەلىي قوللىنىشنى خالىمىسا، سەۋرچان ۋە مېھرىبان بولۇڭ. بەرگەن نەسىھەتنى بىر قېرىنداش دەرھال قوبۇل قىلمىسا ياكى ئەمەلىي قوللانمىسا، ئاقساقال ھەرگىزمۇ تېرىكىپ ئاچچىقلانماسلىقى كېرەك. ئەيسا ھەققىدە مۇقەددەس كىتابتا مۇنداق يېزىلغان: «ئېزىلگەن قومۇشنى سۇندۇرماس، ئۆچەي دەپ پىلدىرلاپ تۇرغان چىراغنى ئۆچۈرمەس» (مەتتا 12:20). شۇڭا، ئاقساقال شەخسىي دۇئاسىدا يەھۋادىن، شۇ كىشى ئۆزىنىڭ نېمە ئۈچۈن نەسىھەتكە مۇھتاجلىقىنى چۈشىنىپ يېتىشىگە ۋە ئۇنى قوبۇل قىلىشىغا ياردەم بېرىشنى سورىسا بولىدۇ. قېرىنداشنىڭ بېرىلگەن مەسلىھەت ئۈستىدە ئويلىنىشىغا بىر ئاز ۋاقىت كېتىشى مۇمكىن. ئەگەر ئاقساقال سەۋرچان ۋە مېھرىبان بولسا، نەسىھەت ئاڭلىغۇچى نەسىھەتنىڭ بېرىلىش ئۇسۇلىغا ئانچە بەك كۆڭۈل بۆلمەي، ئۇنىڭ مەزمۇنىغا دىققەت ئاغدۇرىدۇ. ئەلۋەتتە، ئاقساقاللارنىڭ نەسىھىتى ھەردائىم مۇقەددەس كىتابقا ئاساسلىنىشى كېرەك.
18. (1) نەسىھەت بېرىشكە توغرا كەلگەندە، نېمىنى ئەستە ساقلىشىمىز كېرەك؟ (2) رامكىدىكى رەسىمدە، ئاتا-ئانا نېمە ھەققىدە سۆزلىشىۋاتىدۇ؟
18 ئۆتكۈزگەن خاتالىقىڭىزدىن ئۆگىنىڭ. بىز نامۇكەممەل بولغاچ، بۇ ماقالىدە بېرىلگەن مەسلىھەتلەرنى مۇكەممەل دەرىجىدە ئەمەلىي قوللىنالمايدىغانلىقىمىز ناھايىتى ئېنىق (ياقۇپ 3:2). بەزى خاتالىقلارنى ئۆتكۈزىمىز، بىراق شۇنداق قىلساق، خاتالىقلاردىن ئۆزۈمىزگە ساۋاق ئېلىشقا تىرىشىشىمىز كېرەك. ئەگەر قېرىنداشلىرىمىز سۆيگۈ-مۇھەببىتىمىزنى ھېس قىلسىلا، ئېھتىياتسىزلىقتىن ئۇلارنىڭ كۆڭلىگە كېلىدىغان بىرەر سۆز ياكى بىرەر ئىشنى قىلىپ قالساقمۇ، ئۇلار بىزنى ئاسانراق كەچۈرىۋېتىدۇ.—« ئاتا-ئانىلار ئۈچۈن ئەسكەرتىش»، دېگەن رامكىغىمۇ قاراڭ.
بىز نېمىنى ئۆگەندۇق؟
19. قېرىنداشلارنىڭ كۆڭلىنى قانداق خۇشال قىلالايمىز؟
19 بىز كۆرۈپ چىققىنىمىزدەك، كىشىلەرگە ئۈنۈملۈك نەسىھەت بېرىش ئاسان ئەمەس. بىز نامۇكەممەل، نەسىھەتنى ئاڭلىغان كىشىلەرمۇ مۇكەممەل ئەمەس. شۇڭا، بۇ ماقالىدە مۇھاكىمە قىلغان پرىنسىپلارنى ئەستە ساقلىشىمىز بەك مۇھىم. چوقۇم نەسىھەت بېرىشتىكى مەقسىتىمىز توغرا بولۇشى كېرەك. بىز يەنە ھەقىقەتەن نەسىھەت بېرىش زۆرۈر ياكى ئەمەسلىكى ۋە نەسىھەتنى كىم بەرسە، ئەڭ مۇۋاپىق بولىدىغانلىقى ھەققىدە ئويلىشىمىز لازىم. نەسىھەت بېرىشتىن بۇرۇن، نەسىھەت ئاڭلىغۇچىدىن بەزى سوئاللارنى سوراپ، سۆزلىرىنى دىققەت بىلەن تىڭشاڭ. شۇندىلا، ئۇنىڭ قانداق قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى چۈشىنەلەيسىز. ئۆزىڭىزنى ئۇنىڭ ئورنىغا قويۇپ، ئويلاپ كۆرۈڭ. مۇلايىم بولۇڭ، قېرىنداشلار بىلەن يېقىن دوستلۇق ئورنىتىڭ. ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، مەقسىتىمىز پەقەت ئۈنۈملۈك نەسىھەت بېرىشلا ئەمەس، يەنە نەسىھەت ئاڭلىغۇچىنىڭ كۆڭلىنى خۇشال قىلىشتۇر.—پەند. نە 27:9.
42-ناخشا «ئاجىزلارغا ياردەم قىل»
a باشقىلارغا نەسىھەت بېرىش ھەمىشە ئاسان ئەمەس. ئەمما، شۇنداق قىلىشقا توغرا كەلگەندە، باشقىلارغا ياردەم بېرىپ، ئۇلارنى ئىلھاملاندۇرۇش ئۈچۈن قانداق ئۇسۇلدا نەسىھەت بەرسەك بولىدۇ؟ بۇ ماقالە، بولۇپمۇ ئاقساقاللارنىڭ نەسىھەتنى ئاڭلىغۇچىلارنىڭ كۆڭلىنى خۇش قىلىدىغان نەسىھەتلەرنى بېرىشنى ئۆگىنىشىگە ياردەم بېرىدۇ.
b «كۈزىتىش مۇنارى»، 2021-يىل، فېۋرال سانىدىكى «جامائەتتىكى باشچىلىققا بولغان كۆزقاراش»، دېگەن ماقالىگە قاراڭ.