9-تەتقىق ماقالىسى
ئەيسانى ئۈلگە قىلىپ، باشقىلارغا ياردەم بېرىڭ!
«بەرمەك ئالماقتىنمۇ زور بەختتۇر».—ئەلچى. 20:35.
25-ناخشا ھەقىقىي شاگىرت بولۇشنىڭ بەلگىسى
بۇ ماقالىدە a
1. خۇدا خەلقى پىداكارلىق بىلەن نېمە ئىش قىلىۋاتىدۇ؟
ئۇزۇن زامانلار ئىلگىرى، مۇقەددەس كىتابتا خۇدانىڭ خەلقى مەسىھنىڭ كۆرسەتمىلىرى بويىچە، پىداكارلىق بىلەن يەھۋانىڭ خىزمىتىنى قىلىدىغانلىقى بېشارەت قىلىنغان ئىدى (زەبۇر 110:3). بۇ بېشارەت ھەقىقەتەن بۈگۈنكى كۈندە ئەمەلگە ئاشتى. ھەر يىلى يەھۋانىڭ خەلقى قىزغىنلىق بىلەن كىشىلەرگە ۋەز ئېيتىش ۋە تەلىم بېرىش ئۈچۈن نەچچە يۈز مىليونلارچە سائەت ۋاقتىنى سەرپ قىلىۋاتىدۇ. ئۇلار بۇنى ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن قىلغاچ، ھەق ئالمايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇلار ئۆز قېرىنداشلىرىنىڭ جىسمانىي، ھېسسىي ۋە روھىي جەھەتتىكى ئېھتىياجلىرىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن ۋاقىت چىقىرىدۇ. جامائەتتە ئاقساقاللار ۋە ياردەمچى خىزمەتچىلەر يىغىلىشلارنىڭ پروگراممىلىرىغا تەييارلىق قىلىش ئۈچۈن پادىنى يوقلاپ، ئۇلارغا ئىلھام-مەدەت بېرىش ئۈچۈن نۇرغۇن ۋاقتىنى سەرپ قىلىدۇ. خۇدا خەلقىنى باشقىلارغا خۇشاللىق بىلەن ياردەم بېرىشكە نېمە دەۋەت قىلىدۇ؟ يەھۋاغا ۋە ئىنسانلارغا بولغان مېھىر-مۇھەببەت.—مەتتا 22:37–39.
2 .رىملىقلار 15:1–3 ئايەتلەرگە ئاساسلانغاندا، ئەيسا بىزگە قانداق ئۈلگە قالدۇرغان؟
2 ئەيسا ھەمىشە ئۆزىنىڭكى ئەمەس، باشقىلارنىڭ مەنپەئىتىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ، بىز ئۈچۈن ئېسىل ئۈلگە قالدۇرغان. بىز ئۇنىڭ ئىزىدىن مېڭىش ئۈچۈن، پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن تىرىشىۋاتىمىز (رىملىقلار 15:1–3-نى ئوقۇڭ). ئۇنى ئۈلگە قىلغانلار نۇرغۇن بەرىكەتلەرگە ئېرىشىدۇ. ئەيسا مۇنداق دېگەن ئىدى: «بەرمەك ئالماقتىنمۇ زور بەخت».—ئەلچى. 20:35.
3. بۇ ماقالىدە نېمىلەرنى مۇھاكىمە قىلىمىز؟
3 بۇ ماقالىدە، ئەيسانىڭ باشقىلارغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن قانداق قۇربانلىقلارنى بەرگەنلىكى ۋە ئۇنى ئۈلگە قىلىش ئۈچۈن نېمە قىلالايدىغانلىقىمىزنى مۇھاكىمە قىلىمىز. بىز يەنە باشقىلارغا ياردەم بېرىش ئارزۇ-ئىستىكىمىزنى قانداق كۈچەيتسەك بولىدىغانلىقىنى ئۆگىنىمىز.
ئەيسانى ئۈلگە قىلىڭ
بىر توپ كىشىلەر ئەيسا بىلەن كۆرۈشكىلى كەلگەندە، ئۇ ھېرىپ-چارچىغىنىغا قارىماي نېمە قىلغان؟ (4-ئابزاسقا قاراڭ)
4. ئەيسا ئۆزىنىڭكى ئەمەس، باشقىلارنىڭ مەنپەئىتىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويغانلىقىنى قانداق كۆرسەتكەن؟
4 ئەيسا ھەتتا ھېرىپ-چارچىغان بولسىمۇ، باشقىلارغا ياردەم بەرگەن. ئويلاپ كۆرۈڭ: بىر كۈنى ھەزرىتى ئەيسا تاغقا چىقىپ، شۇ يەردە كېچىچە دۇئا قىلغان. بەلكىم، ئۇ بەك ھېرىپ-چارچاپ كەتكەن بولۇشى مۇمكىن. نۇرغۇن كىشىلەر كەپەرناھۇمغا يېقىن شۇ تاغلىق رايونغا ئەيسا بىلەن كۆرۈشكىلى كەلگەن. ئەيسا بۇ بىر توپ كىشىلەرنى كۆرگەندە، قانداق ئىنكاس قايتۇرغان؟ ئۇ كىشىلەرنىڭ ئارىسىدىكى كەمبەغەل ۋە كېسەل ئادەملەرگە ئىچ ئاغرىتقان. ئۇ ئۇلارنى كېسەلدىن ساقايتىپلا قالماي، ئۇلارغا تەسەللى بېرىدىغان ئاجايىپ تەسىرلىك نۇتۇقنى ئېيتقان. بۇ نۇتۇق تاغدىكى ۋەز-نەسىھەت دەپ ئاتىلىدۇ.—لۇقا 6:12–20.
بىز قايسى جەھەتتىن ئەيسانىڭ پىداكارلىق روھىنى ئۈلگە قىلالايمىز؟ (5-ئابزاسقا قاراڭ)
5. ئائىلە باشلىقلىرى ھېرىپ-چارچىغاندا، ئەيسانىڭ پىداكارلىق روھىنى قانداق ئۈلگە قىلىدۇ؟
5 ئائىلە باشلىقلىرى ئەيسانى ئۈلگە قىلىشقا تىرىشىدۇ. بىر بۇرادەرنىڭ پۈتۈن كۈن جاپالىق ئىشلەپ، ئۆيىگە ھېرىپ-چارچاپ كەلگەن ھالىتىنى تەسەۋۋۇر قىلىپ بېقىڭ. ئۇ شۇ كۈنى كەچتە ئائىلىۋى ئىبادەتنى ئەمەلدىن قالدۇرماقچى بولسىمۇ، ئەمما يەھۋادىن ئىبادەتنى ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن كۈچ-قۇۋۋەت بېرىشنى ئۆتۈنىدۇ. يەھۋا ئۇنىڭ دۇئاسىغا جاۋاب بېرىدۇ ۋە ئۇلار ئائىلىۋى ئىبادەتنى ئادەتتىكىدەك ئۆتكۈزىدۇ. بالىلار شۇ كۈنى كەچتە ئىنتايىن مۇھىم بىر نەرسىنى، يەنى ئاتا-ئانىسى ئۈچۈن يەھۋاغا ئىبادەت قىلىش ھەممە نەرسىدىن بەك مۇھىم ئىكەنلىكىنى ئۆگىنىدۇ.
6. ئەيسا يالغۇز قالماقچى بولغاندا، باشقىلارغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن ۋاقتىنى قانداق قۇربان قىلغان؟
6 ئەيسا ھەتتا يالغۇز قالماقچى بولغاندا، ۋاقتىنى باشقىلارغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن قۇربان قىلغان. دوستى چۆمۈلدۈرگۈچى يەھيانىڭ كاللىسى كېسىلگەنلىكىنى بىلگەندە، ئەيسا قانداق ھېس-تۇيغۇدا بولغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلالامسىز؟ ئۇ چوقۇم قاتتىق ئازابلانغان. مۇقەددەس كىتاب مۇنداق دەيدۇ: «ئەيسا بۇنى ئاڭلاپ، خىلۋەت بىر جايدا ئۆزى يالغۇز قېلىش ئۈچۈن كېمىگە ئولتۇرۇپ، ئۇ يەردىن ئايرىلدى» (مەتتا 14:10–13). دېمەك، بىز ئۈچۈن ئەيسانىڭ نېمىشقا جىم-جىت بىر جايدا يالغۇز قېلىشنى خالىغانلىقىنى چۈشىنىش تەس ئەمەس. كۆپىنچە ئادەملەر قايغۇ-ھەسرەت چەككەندە يالغۇز قېلىشنى خالايدۇ. بىراق، ئەيسانىڭ يالغۇز قېلىش مۇمكىنچىلىكى بولمىغان. چۈنكى، بىر توپ خالايىق ئاشۇ جىم-جىت جايغا ئەيسادىن بۇرۇن يېتىپ كەلگەن ئىدى. ئەيسا بۇنىڭغا قانداق ئىنكاس قايتۇرغان؟ ئۇ شۇ كىشىلەرنىڭ ئېھتىياجلىرى ھەققىدە ئويلاپ، ئۇلارغا ئىچ ئاغرىتقان ۋە ئۇلارنىڭ ياردەمگە ۋە خۇدادىن كېلىدىغان تەسەللىگە مۇھتاج ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتكەن. شۇڭا، ئۇ دەرھال «ئۇلارغا كۆپ نەرسىلەرنى ئۆگىتىشكە» باشلىغانىدى.—ماركۇس 6:31–34؛ لۇقا 9:10، 11.
7، 8. جامائەتتە قېرىنداشلار ياردەمگە مۇھتاج بولغاندا، كۆيۈمچان ئاقساقاللار ئەيسانى قانداق ئۈلگە قىلىدىغانلىقىنى مىسال كەلتۈرۈڭ.
7 كۆيۈمچان ئاقساقاللار ئەيسانى ئۈلگە قىلىشقا تىرىشىدۇ. بىز ئاقساقاللارنىڭ جاپالىق ئەمگىكى ۋە پىداكارلىقى ئۈچۈن ھەقىقەتەن مىننەتدارمىز! ئەمەلىيەتتە، ئۇلارنىڭ قىلغان نۇرغۇن ئىشلىرىنى جامائەتتىكى قېرىنداشلار كۆرمەيدۇ. مەسىلەن، قېرىنداشلار تىببىي داۋالاشقا جىددىي مۇھتاج بولغاندا، دوختۇرخانىلار بىلەن ئالاقىلىشىش كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى دەرھال ياردەم بېرىدۇ. كۆپىنچە شۇنداق ئىشلار يېرىم كېچىدە يۈز بېرىدۇ. لېكىن، شۇ كۆيۈمچان ئاقساقاللار ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە ئەزالىرى ئاشۇ ئازاب چېكىۋاتقان قېرىنداشلارغا غەمخورلۇق قىلىپ، ئۇلارنىڭ مەنپەئىتىنى ئۆزلىرىنىڭ مەنپەئىتىدىن يۇقىرى ئورۇنغا قويىدۇ.
8 ئۇنىڭدىن باشقا، ئاقساقاللار يەنە پادىشاھلىق يىغىلىش زاللىرى ۋە باشقا قۇرۇلۇش ئىشلىرىغا قىزغىنلىق بىلەن قاتنىشىدۇ. ئۇلار جامائەتتە بىزگە تەلىم بېرىش، ئىلھام-مەدەت ۋە ياردەم بېرىش ئۈچۈن كۆپ ۋاقىت چىقىرىدۇ. بىز بۇ قېرىنداشلارغا ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرگە چىن كۆڭلىمىزدىن رەھمەت ئېيتىمىز. ئۇلارنىڭ پىداكارلىق روھىنى يەھۋا بەرىكەتلىسۇن! ئەلۋەتتە، باشقا ئېتىقادچىلارغا ئوخشاش، ئاقساقاللار تەڭپۇڭلۇقنى ساقلىشى مۇھىم. ئۇلار بەك كۆپ ۋاقىتنى جامائەتكە غەمخورلۇق قىلىشقا سەرپ قىلىپ، ئۆز ئائىلىسىنىڭ ئېھتىياجلىرىغا كۆڭۈل بۆلۈشكە سەل قارىماسلىقى كېرەك.
پىداكارلىق روھىنى يېتىلدۈرۈش
9. فىلىپىلىكلەر 2:4، 5-ئايەتلەرگە ئاساسەن، بارلىق خۇدا خىزمەتچىلىرى قانداق كۆزقاراشنى يېتىلدۈرۈشى كېرەك؟
9 فىلىپىلىكلەر 2:4، 5-نى ئوقۇڭ. ئەلۋەتتە، ئاقساقاللارلا ئەمەس، ھەممىمىز ئەيسانىڭ ئۆزىنى پىدا قىلىش روھىنى ئۈلگە قىلىشىمىز كېرەك. مۇقەددەس كىتاب ئەيسانى ئۆزىنى قۇلدەك تۇتۇپ، باشقىلارغا خىزمەت قىلغان، دەيدۇ (فىلىپى. 2:7). بۇ سۆزلەردىن نېمىلەرنى ئۆگىنەلەيدىغانلىقىمىزنى ئويلاپ باقايلى. ياخشى بىر قۇل ياكى خىزمەتكار ئۆز خوجايىنىنى خۇشال قىلىش ئۈچۈن پۇرسەتلەرنى ئىزدەيدۇ. خۇددى شۇنىڭدەك، بىزمۇ يەھۋانىڭ قۇللىرى ۋە قېرىنداشلار بىلەن خىزمەتداش بولغاچ، ئۇلار ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپرەك ئىشلارنى قىلىشنى خالايمىز. تۆۋەندىكى مەسلىھەتلەر شۇنداق قىلىشىمىزغا ياردەم بېرەلەيدۇ.
10. ئۆز-ئۆزىمىزدىن قانداق سوئاللارنى سوراپ كۆرسەك بولىدۇ؟
10 ئۆز كۆزقارىشىڭىز ھەققىدە ئويلىنىڭ. ئۆزىمىزدىن مۇنداق سوئاللارنى سوراپ كۆرسەك بولىدۇ: «مەن باشقىلارغا ياردەم قىلىش ئۈچۈن ئۆزۈمنى پىدا قىلىشنى قانچىلىك خالايمەن؟ ئەگەر مەندىن ياشانغان بۇرادەرنى يوقلاشنى ياكى ياشانغان ئايال قېرىنداشنى يىغىلىشقا ئاپىرىشنى سورىسا، قانداق جاۋاب بېرەتتىم؟ چوڭ يىغىلىش مەيدانىنى تازىلاشقا ياكى جامائەت يىغىلىش زالىنى ئاسراشقا پىدائىيلار كېرەك بولغاندا، مەن دەرھال ياردەم بېرىشكە تەييارمۇ؟». ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، بىز يەھۋاغا ئۆزىمىزنى بېغىشلىغاندا، بىزدە بار ھەممە نەرسىنى ئۇنىڭغا بېرىشنى ۋەدە قىلغان. ئۇ ۋاقتىمىزنى، كۈچىمىزنى ۋە پۇل-ماللىرىمىزنى ئىشلىتىپ، باشقىلارغا ياردەم بېرىشىمىزنى خالايدۇ. ئۇ پىداكارلىق بىلەن بۇنداق قىلىۋاتقانلىقىمىزنى كۆرگەندە، ئىنتايىن خۇشال بولىدۇ. ئەگەر پىداكارلىق كۆرسىتىش جەھەتتە ئۆزىمىزنى ئۆزگەرتىشىمىز كېرەكلىكىنى بايقىساق، نېمە قىلساق بولىدۇ؟
11. پىداكارلىق روھىنى يېتىلدۈرۈشىمىزگە دۇئا قانداق ياردەم بېرەلەيدۇ؟
11 چىن قەلبىڭىزدىن يەھۋاغا دۇئا قىلىڭ. سىز پىداكارلىق كۆرسىتىش جەھەتتە ئۆزىڭىزنى ئۆزگەرتىشىڭىز كېرەكلىكىنى بايقىدىڭىز دەيلى. ئەمما، شۇنداق قىلىش ئارزۇ-ئىستىكىڭىز كۈچلۈك بولمىسا، چوقۇم چىن قەلبىڭىزدىن يەھۋاغا دۇئا قىلىڭ. سەمىمىي بولۇڭ. يەھۋاغا ھېس-تۇيغۇلىرىڭىزنى ئېيتىپ، ئۇنىڭدىن ئارزۇ ھەم كۈچ-قۇدرەت بېرىشنى سوراڭ.—فىلىپى. 2:13.
12. ياش، سۇغا چۆمۈلدۈرۈلگەن بۇرادەر جامائەتكە قانداق ياردەم بېرەلەيدۇ؟
12 ئەگەر سىز ياش، سۇغا چۆمۈلدۈرۈلگەن بۇرادەر بولسىڭىز، جامائەتكە تېخىمۇ كۆپرەك خىزمەت قىلىش ئارزۇ-ئىستىكىنى يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن يەھۋادىن ياردەم سوراڭ. بەزى دۆلەتلەردە ياردەمچى خىزمەتچىلەرگە قارىغاندا ئاقساقاللار كۆپ ۋە نۇرغۇن ياردەمچى خىزمەتچىلەر ئوتتۇرا ياش ياكى ياشانغان بۇرادەرلەر. تەشكىلاتنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، ئاقساقاللارنىڭ يەھۋانىڭ خەلقىگە غەمخورلۇق قىلىشىغا، تېخىمۇ كۆپ ياش بۇرادەرلەرنىڭ ياردىمى كېرەك. ئەگەر سىز ھەرقانداق ئىشنى قىلىشقا تەييار بولسىڭىز، خۇشاللىق تاپىسىز. نېمە ئۈچۈن؟ چۈنكى، سىز باشقىلارغا ياردەم بېرىپ، يەھۋانى خۇشال قىلالايسىز، ياخشى نام-ئابرويغا ئېرىشىپ، كۆڭلىڭىز قانائەت تاپىدۇ.
يەھۇدىيىدىن كەلگەن مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرى ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتۈپ، پېللا شەھىرىگە قېچىپ كېتىشتى. شەھەرگە بۇرۇنراق كەلگەنلەر، ھازىر كەلگەن ئېتىقادداشلىرىغا ئوزۇق-تۈلۈكلەرنى بېرىۋاتىدۇ (13-ئابزاسىغا قاراڭ)
13، 14. قېرىنداشلارغا ياردەم قىلىش ئۈچۈن نېمە قىلالايمىز؟ (مۇقاۋىدىكى رەسىمگە قاراڭ)
13 باشقىلارنىڭ ئېھتىياجلىرىغا كۆپرەك دىققەت قىلىڭ. ئەلچى پاۋلۇس يەھۇدىيىدە ياشايدىغان مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرىگە مۇنداق نەسىھەت قىلغان: «ياخشىلىق قىلىشنى ۋە باشقىلارنى ئۆزىمىزدە بار بولغاندىن تەڭ بەھرىمەن قىلىشنى ئۇنتۇمايلى. چۈنكى، خۇدا بۇنداق قۇربانلىقلاردىن خۇرسەن بولىدۇ» (ئىبرانىي. 13:16). بۇ نەسىھەت ئۇلارغا بەكمۇ پايدىلىق بولغان. چۈنكى، بۇ خەتنى تاپشۇرۇۋېلىپ ئۇزۇن ئۆتمەي، يەھۇدىيىدىكى مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرىنىڭ ئۆيلىرى ۋە سودا-تىجارەتلىرىدىن ۋاز كېچىپ، مەسىھكە ئەگەشمىگەن ئۇرۇق-تۇغقانلىرىدىن ئايرىلىپ، تاغلارغا قېچىشىغا توغرا كەلگەن (مەتتا 24:16). شۇ چاغدا، شەك-شۈبھىسىزكى ئۇلارنىڭ بىر-بىرىگە ياردەم قولىنى سۇنۇشى ئىنتايىن زۆرۈر بولغان. ئەگەر ئۇلار ئىلگىرى پاۋلۇسنىڭ نەسىھىتىگە قۇلاق سالغان ۋە ئۆزىدە بارىنى باشقىلار بىلەن ئورتاقلاشقان بولسا، بەلكىم ئۇلارنىڭ يېڭى تۇرمۇشقا ئادەتلىنىشى تېخىمۇ ئاسان بولغان.
14 ئېتىقادچى قېرىنداشلىرىمىز ياردەمگە مۇھتاج بولغاندا، ھەردائىم بىزگە ئېيتماسلىقى مۇمكىن. مەسىلەن، بىر بۇرادەر ئايالى ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن قاتتىق قايغۇرىدۇ. بەلكىم، ئۇنىڭ تاماق ئېتىش، ئۆيىنى بېسىقتۇرۇش ياكى سودا-سېتىق ئۈچۈن سىرتقا بېرىپ-كېلىش دېگەندەك ئىشلاردا ياردەمگە ئېھتىياجى بولسىمۇ، باشقىلارنى ئاۋارە قىلماي دەپ، بىزگە ئېيتماسلىقى مۇمكىن. لېكىن، بىز تەشەببۇسكارلىق بىلەن ياردەم قولىمىزنى سۇنساق، ئۇ ئىنتايىن مىننەتدار بولىدۇ. ھەرگىزمۇ باشقا بىرسى ئۇنىڭغا ياردەم قىلىدۇ ياكى ئۇنىڭ ياردەمگە ئېھتىياجى بولسا، دائىم بىزگە ئېيتىدۇ، دەپ ئويلىماسلىقىمىز لازىم. ئۆزىڭىزدىن شۇنداق سوراپ كۆرۈڭ: «ئەگەر مەن شۇنداق ۋەزىيەتتە بولسام، باشقىلارنىڭ ماڭا قانداق ياردەم قىلىشىنى خالايتتىم؟».
15. بىز باشقىلارغا ياردەم بېرىشنى خالىساق، نېمە قىلىشىمىز كېرەك؟
15 باشقىلار سىزدىن بىمالال ياردەم سورىيالىسۇن. شەك-شۈبھىسىزكى، جامائىتىڭىزدە باشقىلارغا ياردەم بېرىشكە ھەرقاچان تەييار تۇرىدىغان قېرىنداشلار بار. ئۇلار سىزنىڭ بىمالال ئۇلاردىن ياردەم سورىشىڭىزنى خالايدۇ. ھەرگىزمۇ ئۇلارنى ئاۋارە قىلىمەن، دەپ ئويلىماڭ. ئۇلار سىزگە ياردەم قولىنى سۇنۇشقا ھەرقاچان تەييار. بىزمۇ ئۇلارغا ئوخشاش بولۇشنى خالايمىز! 45 ياشتىكى ئالېن ئىسىملىك ئاقساقال باشقىلارنىڭ ئۆزىدىن بىمالال ياردەم سورىيالىشىنى خالىغان ئىدى ۋە ئەيسانىڭ ئۈلگىسى ھەققىدە چوڭقۇر ئويلانغان. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «ئەيسامۇ بەك ئالدىراش بولغان، ئەمما چوڭ-كىچىك ياشتىكى كىشىلەر ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ، ئۇنىڭدىن بىمالال ياردەم سورىيالىغان. چۈنكى، ئۇلار ئۆزلىرىگە ئەيسانىڭ ھەقىقىي كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى بىلەتتى. ئەيساغا ئوخشاش، مەنمۇ باشقىلار ماڭا بىمالال يېقىنلىشالايدىغان، مۇلايىم، كۆيۈمچان ئادەم بولۇشنى راستىنلا بەك خالايمەن».
16. زەبۇر 119:59، 60-ئايەتلەرنى ئەمەلىي قوللىنىش، ئەيسانى ئۈلگە قىلىشىمىزغا قانداق ياردەم بېرەلەيدۇ؟
16 بىز ئەيسانى مۇكەممەل ئۈلگە قىلالمىساق، ئۈمىدسىزلىنىشىمىزنىڭ ھاجىتى يوق (ياقۇپ 3:2). ئادەتتە بىر شاگىرت دەسلەپتە ئۇستازىنى مۇكەممەل ئۈلگە قىلالمايدۇ. ئەمما، ئۇ ئۆز خاتالىقىدىن ساۋاق ئېلىپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن ئۇستازىدىن ئۆگەنسە، ئاستا-ئاستا ھۈنەرگە پىشىپ، داۋاملىق ماھارىتىنى ئاشۇرالايدۇ. شۇنىڭغا ئوخشاش، بىز مۇقەددەس كىتابنى شەخسىي تەتقىق قىلىپ، ئۆگەنگەنلىرىمىزنى ئەمەلىي قوللىنىش ۋە كەمچىلىكلىرىمىزنى تۈزىتىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسەتسەك، ئەيسانى تېخىمۇ ياخشىراق ئۈلگە قىلالايمىز.—زەبۇر 119:59، 60-نى ئوقۇڭ.
پىداكارلىق كۆرسىتىشنىڭ پايدىسى
ئەيسانىڭ پىداكارلىق روھىنى ئۈلگە قىلىش ئارقىلىق ئاقساقاللار ياشلارغا ئۈلگە بولالايدۇ (17-ئابزاسقا قاراڭ) b
17، 18. ئەيسانىڭ پىداكارلىق روھىنى ئۈلگە قىلساق، بىز ئۈچۈن قانداق پايدىسى بار؟
17 بىزنىڭ پىداكارلىق روھىمىز باشقىلارنىمۇ پىداكار بولۇشقا دەۋەت قىلالايدۇ. تىم ئىسىملىك بىر ئاقساقال مۇنداق دەيدۇ: «جامائەتتە بەزى ياش بۇرادەرلەر ئالغا بېسىپ، ھازىر ياردەمچى خىزمەتچىلەر بولدى. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ئىنتايىن ياش. ئۇلارنىڭ شۇنداق ئالغا بېسىشىدىكى بىر سەۋەب، ئۇلار باشقىلارنىڭ پىداكارلىق روھىنى كۆرگەن ۋە ئۇلارمۇ شۇلارغا ئوخشاش بولۇشنى خالىغان ئىدى. بۇ ياش بۇرادەرلەر پىداكارلىق بىلەن جامائەتكە كۆپ ياردەم بېرىۋاتىدۇ. ئۇلار ھەقىقەتەن ئاقساقاللارنىڭ ياخشى ياردەمچىلىرىدۇر».
18 بۈگۈن بىز شەخسىيەتچىلىك روھىغا تولغان دۇنيادا ياشاۋاتىمىز. ئەمما، يەھۋانىڭ خەلقى سۈپىتىدە بىز شۇنداق روھتىن يىراق تۇرىمىز. چۈنكى، ئەيسانىڭ ئۆزىنى پىدا قىلىش روھى بىزگە كۈچلۈك تەسىر قىلغان ھەمدە بىز ئۇنى ئۈلگە قىلىشقا بەل باغلىغان. گەرچە بىز ئۇنى مۇكەممەل ئۈلگە قىلالمىساقمۇ، ئەمما ئۇنىڭ قالدۇرغان ئىزىدىن ئەگىشىپ ماڭالايمىز (1-پېتر. 2:21). ئەگەر پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن ئەيسانىڭ پىداكارلىق روھىنى ئۈلگە قىلساق، يەھۋانىڭ ماقۇللىشىغا ئېرىشىپ، كۆڭلىمىز شاد-خۇراملىققا تولىدۇ.
5-ناخشا مەسىھ — بىزنىڭ ئۈلگىمىز
a ئەيسا ھەمىشە ئۆزىنىڭكى ئەمەس، باشقىلارنىڭ مەنپەئىتىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويغان. بىز ئەيسانى ئۈلگە قىلىشنىڭ يوللىرى ھەققىدە مۇھاكىمە قىلىمىز. ئۇنىڭدەك پىداكارلىق كۆرسەتسەك، بىز ئۈچۈن قانداق پايدىسى بارلىقىنى كۆرۈپ چىقىمىز.
b سۈرەتتە: دان ئىسىملىك ياش بۇرادەر ئىككى ئاقساقالنىڭ دوختۇرخانىغا دادىسىنى يوقلاپ كەلگەنلىكىنى كۆردى. ئۇ ئاشۇ كۆيۈمچان ئاقساقاللارنىڭ قالدۇرغان ئۈلگىسىدىن بەك تەسىرلەنگەن. ئۇ جامائەتتە باشقىلارنىڭ ئېھتىياجلىرىغا دىققەت قىلغان. بېن ئىسىملىك يەنە بىر ياش بۇرادەر داننىڭ قىلغان ئىشلىرىغا دىققەت قىلغان. داننىڭ ئۈلگىسىدىن تەسىرلەنگەن بېن يىغىلىش زالىنى تازىلاشقا ياردەم بېرىۋاتىدۇ.