تەرجىمىھال
دوختۇر بولۇشتىن ياخشىراق بىر ئىشنى تاپتىم
«سىلەر ئېيتقان نەرسىلەرنى بالىلىق چېغىمدىن ئارزۇ قىلغانمەن!». 1971-يىلى، بۇ سۆزلەرنى ئىككى يېڭى بىمارغا قىزغىنلىق بىلەن ئېيتتىم. مەن يېڭى دوختۇرلۇق لاياقىتىگە ئېرىشىپ، يېقىندىلا تۇنجى شىپاخانىنى ئاچقان ئىدىم. خوش، بۇ بىمارلار كىملەر ۋە قانداق ئارزۇيۇم بار ئىدى؟ كېلىڭ، ئاشۇ سۆھبەت ھاياتىمدا نېمىنىڭ ئەڭ مۇھىم ئىكەنلىكىنى ئېنىقلاشقا قانداق ياردەم بەرگەنلىكىنى ۋە بالىلىق چېغىمدىكى ئارزۇيۇم قانداق ئەمەلگە ئاشقانلىقىغا ئىشەنگىنىمنىڭ سەۋەبىنى ئېيتىپ بېرەي.
1941-يىلى فرانسىيىنىڭ پارىژ شەھىرىدە بايمۇ، گادايمۇ ئەمەس ئائىلىدە دۇنياغا كەلدىم. مەن بىلىم ئېلىشنى ياخشى كۆرەتتىم. لېكىن، 10 يېشىمدا سىل (ئۆپكە) كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ، مەكتەپتە ئوقۇشنى توختىتىشىمغا توغرا كەلگەندە، قانچىلىك ئۈمىدسىزلەنگەنلىكىمنى تەسەۋۋۇر قىلىپ بېقىڭلار! دوختۇرلار ئۆپكەم كۈچەپ قالماسلىقى ئۈچۈن ئورۇن تۇتۇپ يېتىشىم كېرەكلىكىنى ئېيتتى. شۇ سەۋەبتىن، بىرنەچچە ئاي ئۆيدە لۇغەت ئوقۇپ، پارىژ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پەن-مائارىپ رادىئو پروگراممىلىرىنى تىڭشاپ ۋاقىت ئۆتكۈزدۈم. دوختۇر ئاخىرى ماڭا ساقايغىنىمنى ۋە مەكتەپكە بارسام بولىدىغانلىقىنى ئېيتقاندا، خۇشاللىقىمدىن قىن-قىنىمغا پاتماي قالدىم. مەن ئۆز-ئۆزۈمگە: «دوختۇرلار بەك قالتىس ئىش قىلدى!»،— دېدىم. شۇنىڭدىن باشلاپ، مەن كىشىلەرنى ئاغرىقلاردىن ساقايتىشنى ئارزۇ قىلغان ئىدىم. دادام مېنىڭدىن: «چوڭ بولغاندا كىم بولىسەن؟»،— دەپ سورىغىنىدا، مەن دائىم: «دوختۇر بولىمەن»،— دەپ جاۋاب بېرەتتىم. شۇنداق قىلىپ، دوختۇر بولۇش ھاياتىمدا ئەڭ مۇھىم ئىش بولدى.
ئىلىم-پەن خۇداغا يېقىنلاشتۇردى
ئائىلىمىز كاتولىك ئىدى. بىراق، خۇدا توغرۇلۇق ئانچە ياخشى بىلمەيتتىم ۋە كۆپلىگەن سوئاللىرىم جاۋابسىز قالغانىدى. ئۇنىۋېرسىتېتتا تىبابەت ساھەسىدە تەلىم ئېلىشنى باشلىغاندا، ھاياتلىقنىڭ يارىتىلغانلىقىغا ئىشىنىشكە باشلىدىم.
مىكروسكوپتا لالە گۈلى ھۈجەيرىلىرىنى تۇنجى قېتىم كۆرگىنىم تېخى ئېسىمدە. ئاشۇ ھۈجەيرىلەر ئىسسىق ۋە سوغۇقتىن ئۆزلىرىنى قانداق ھىمايە قىلىدىغانلىقىنى كۆرۈپ ھەيران قالدىم. شۇنىڭدەك، سىتوپلازما (ھۈجەيرە ئىچىدىكى ماددا) تۇزنىڭ تەسىرىدىن قورۇلۇپ ۋە پاكىز سۇغا سالغاندا كېڭىيىدىغانلىقىنى كۆردۈم. بۇنداق ۋە سان-ساناقسىز باشقا رېئاكسىيىلەر مىكرو جانلىقلارنى مۇھىت ئۆزگىرىشىگە ماسلىشىش ئىمكانىيىتىنى يارىتىدۇ. ھەربىر ھۈجەيرىنىڭ ئاجايىپ مۇرەككەپلىكىنى كۆرگىنىمدە، ھاياتلىق ئۆز-ئۆزىدىن پەيدا بولمىغانلىقىنى چۈشىنىپ يەتتىم.
ئۇنىۋېرسىتېتتا ئوقۇۋاتقان ئىككىنچى يىلى، خۇدانىڭ مەۋجۇتلىقىنىڭ تېخىمۇ كۆپ ئىسپاتلىرىنى كۆرۈشكە باشلىدىم. بىز ئاناتومىيە دەرسىدە ئىنسان بىلىكىنىڭ تۈزۈلۈشى بارماقلىرىمىزنى ئېگىش ۋە تۈزلەشتە قانداق رول ئوينايدىغانلىقىنى ئۆگەندۇق. مۇسكۇل، بوغۇم ۋە پەيلەرنىڭ ئۆز ئورنىدا بولغىنى ئۆزگىچە مۆجىزە ئىكەن. مەسىلەن، مەن بىلەك مۇسكۇللىرىنىڭ بىرىنى بارماقنىڭ ئىككىنچى سۆڭىكىگە تۇتاشتۇرىدىغان پەيلەرنىڭ ئىككىگە بۆلۈنۈپ، بارماقلارنىڭ ئۇچىغا بارىدىغان پەيلەرنىڭ سىيرىلىشىغا ۋە جايىدا قېلىشىغا ياردەم بېرىدىغان كۆۋرۈكلەرنى ھاسىل قىلىدىغانلىقىنى بىلىۋالدىم. كۈچلۈك توقۇلمىلارمۇ پەيلەرنى بارماق سۆڭىكىگە يېقىن تۇتۇپ تۇرىدۇ. بۇ ھەرىكەتچانلىق بولمىسا، قولدىكى پەيلەر چىڭ ۋە تۈپتۈز تۇرۇپ، بارماقلىرىمىز ياخشى ئىشلىمەي قالاتتى. مەن ئىنسان تېنىنى ياراتقۇچىنىڭ دانالىقىنىڭ چەكسىز ئىكەنلىكىنى ئېنىق چۈشەندىم.
بالىنىڭ دۇنياغا كېلىش جەريانىنى ئۆگەنگىنىمدە، بارغانسېرى ياراتقۇچىنىڭ ئىشلىرىغا تېخىمۇ ھەيران قالغان ئىدىم. مەن شۇنى بىلدىمكى، تۇغۇلۇشىدىن ئىلگىرى ساغلام ھامىلە كىندىك بېغى ئارقىلىق ئانىسىدىن ئوكسىگېن قوبۇل قىلىدۇ. شۇ سەۋەبتىن، ھامىلىنىڭ ئۆپكىسىدىكى كىچىك ھاۋا خالتىلىرىغا تېخى ھاۋا تولمىغان بولىدۇ. تۇغۇلۇشقا بىرنەچچە ھەپتە قالغاندا، ھەر بىر كىچىك ھاۋا خالتىسىنىڭ ئىچى مايلىق ئالاھىدە سۇيۇقلۇققا تولىدۇ. بوۋاق تۇغۇلۇپ تۇنجى نەپىسىنى ئېلىش ئۈچۈن بىر قاتار ھەيران قالارلىق ئىشلار يۈز بېرىدۇ. بالىنىڭ يۈرىكىدىكى تۆشۈك يېپىلىپ، قان ئۆپكىسىگە قاراپ ئاقىدۇ. ئۆپكىنىڭ كىچىك ھاۋا خالتىلىرى تېزلىكتە ھاۋاغا تولۇۋاتقان بۇ مۇھىم پەيتتە، مايلىق ئالاھىدە سۇيۇقلۇقنىڭ ياردىمىدە ھاۋا خالتىلىرىنىڭ يۈزى بىر-بىرىگە چاپلاشمايدۇ. شۇ چاغدا بالا ئۆزى بىمالال نەپەس ئالالايدۇ.
شۇنداق ئاجايىپ مۆجىزىلەرنى ياراتقان شەخس بىلەن يېقىنراق تونۇشۇشنى خالىدىم. شۇنىڭ بىلەن، مەن مۇقەددەس كىتابنى ئەستايىدىل ئوقۇشقا باشلىدىم. 3000 يىل ئىلگىرى، خۇدانىڭ ئىسرائىل خەلقى بىلەن تۈزگەن ئەھدىسىگە كىرگۈزۈلگەن تازىلىق توغرىسىدىكى قانۇنلار مېنى ھەيران قالدۇردى. خۇدا ئىسرائىللارغا تەرەتنى كۆمۈش، سۇ بىلەن يۇيۇنۇپ تۇرۇش ۋە يۇقۇملۇق كېسەللىكنىڭ ئالامەتلىرى كۆرۈلگەن كىشىنى باشقىلاردىن ئايرىپ كۈزىتىشتەك (كارانتىن قىلىش) قانۇنلارنى بەرگەن (لاۋى. 13:50؛ 15:11؛ تەكرار. قا 23:13). قىزىقارلىق يېرى شۇكى، ئالىملار كېسەللىكلەرنىڭ قانداق تارقىلىشىنى يېقىنقى 150 يىل ئىچىدە بايقىغان. ئەمما، مۇقەددەس كىتابتا نەچچە مىڭ يىل ئىلگىرىلا بۇ ھەققىدە ئېيتىلغان. ئۇنىڭدىن باشقا، لاۋىيلار كىتابىدىكى جىنسىي تازىلىق ھەققىدىكى قانۇنلار پۈتۈن ئىسرائىل خەلقىنىڭ ساغلام بولۇشىغا ياردەم بەرگەن (لاۋى. 12:1–6؛ 15:16–24). خۇدا بۇ قانۇنلارنى ئىسرائىللارنىڭ پايدا-مەنپەئىتى ئۈچۈن بەرگەن ۋە ئۇلارغا ئەمەل قىلغانلارنى بەرىكەتلىگەن، دېگەن خۇلاسىگە كەلدىم. مەن شۇ چاغدا، مۇقەددەس كىتابنىڭ ئىسىمى ماڭا نامەلۇم بولغان خۇدا تەرىپىدىن روھلاندۇرۇلغانلىقىغا كۆزۈم يەتتى.
ئايالىمنى ئۇچراتتىم ۋە يەھۋانى تونۇدۇم
ئۇنىۋېرسىتېتتا ئوقۇۋاتقاندا، لىدىيە ئىسىملىك قىز بىلەن تونۇشۇپ، ئۇنىڭغا ئاشىق بولۇپ قالدىم. بىز 1965-يىلى توي قىلدۇق. تېخى ئوقۇشۇم پۈتمىگەن ئىدى. ئۆمۈرلۈك جۈپتۈم لىدىيە بىلەن، 1971-يىلغىچە ئۈچ پەرزەنتلىك بولدۇق. كېيىنرەك، يەنە ئۈچ پەرزەنت كۆردۇق. لىدىيە ھارماي-تالماي، ئىشىمدا ھەم ئائىلىدە مېنى قوللاپ-قۇۋۋەتلىدى.
شىپاخانىنى ئېچىشتىن ئاۋۋال، ئۈچ يىل دوختۇرخانىدا ئىشلىدىم. ئۇنى ئېچىپ ئۇزۇن ئۆتمەي، يۇقىرىدا تىلغا ئالغان بىر جۈپ ئەر-ئايال داۋالىنىشقا كەلگەن ئىدى. ئېرىگە دورا يېزىۋاتقىنىمدا، ئايالى مېنىڭدىن: «دوختۇر، خاپا بولماي، تەركىبىدە قان يوق دورىلارنى يېزىپ بېرىڭە؟!»،— دەپ ئۆتۈندى. مەن ھەيران بولۇپ، «نېمە ئۈچۈن؟»— دەپ ئەلچى. 15:28، 29). كېيىن، ئۇ ئېرى بىلەن بىرلىكتە خۇدا پادىشاھلىقى نېمىلەرنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغانلىقىنى، يەنى ئازاب-ئوقۇبەت، ئۆلۈم ۋە ئاغرىقلارنى يوق قىلىدىغانلىقىنى ئېيتىپ بەردى (ۋەھي. 21:3، 4). مەن خۇشاللىقتىن ئۇلارغا: «سىلەر ئېيتقان نەرسىلەرنى بالىلىق چېغىمدىن ئارزۇ قىلغانمەن! مەن ئادەملەرنى ئازاب-ئوقۇبەتتىن قۇتقۇزۇش ئۈچۈن دوختۇر بولدۇم»،— دېدىم. ئۇلار بىلەن بىر يېرىم سائەت سۆھبەتلىشىپ بەك تەسىرلەندىم. ئاشۇ ئەر-ئايال كەتكەندىن كېيىن، قەلبىمدە ئەمدى كاتولىك بولۇشنى خالىمايمەن دېگەن خۇلاسىگە كەلدىم. مېنى ھەيران قالدۇرغان ياراتقۇچىنىڭ ئىسىمى ئەسلى يەھۋا ئىكەنلىكىنى بىلىۋالدىم.
سورىدىم. ئايال: «بىز يەھۋا گۇۋاھچىلىرى»،— دەپ جاۋاب بەردى. مەن يەھۋا گۇۋاھچىلىرى ۋە ئۇلارنىڭ قانغا بولغان كۆزقارىشى ھەققىدە ھېچقاچان ئاڭلاپ باقماپتىكەنمەن. ئايال مۇقەددەس كىتابنى ئېلىپ، ئايەتلەر ياردىمىدە، نېمە ئۈچۈن داۋالىنىشتا تەركىبىدە قان بولغان دورىلارنى قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بەردى (ئاشۇ جۈپ ئەر-ئايال بىلەن شىپاخانامدا ئۈچ قېتىم كۆرۈشتۈم. ھەر قېتىم ئۇلار بىلەن بىر سائەتتىن كۆپرەك پاراڭلاشتۇق. مۇقەددەس كىتاب توغرۇلۇق كۆپرەك سۆھبەتلىشىش ئۈچۈن، ئۇلارنى ئۆيىمىزگە تەكلىپ قىلدىم. گەرچە لىدىيە مۇقەددەس كىتاب تەتقىق ئۆگىنىشىمىزگە قاتناشقان بولسىمۇ، چىركاۋنىڭ بىزگە ئۆگەتكەن بەزى تەلىماتلىرىنىڭ ناتوغرا ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلمىدى. شۇ سەۋەب، مەن چىركاۋدىكى روھانىينى ئۆيىمىزگە تەكلىپ قىلدىم. مۇقەددەس كىتاب ئاساسىدا، ئۇنىڭ بىلەن يېرىم كېچىگىچە سۆھبەتلەشتۇق. بۇ سۆھبەتتىن كېيىن، لىدىيەنىڭ يەھۋا گۇۋاھچىلىرى ھەقىقەتنى ئۆگىتىدىغانلىقىغا كۆزى يەتتى. شۇنىڭدىن كېيىن، يەھۋا خۇداغا بولغان سۆيگۈ-مۇھەببىتىمىز ئاشتى ۋە 1974-يىلى، ئىككىمىز بىرلىكتە سۇغا چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتتۇق.
يەھۋا خۇدانى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇش
تەڭرىنىڭ ئىنسانلار ئۈچۈن نېمىنى ئىرادە قىلغانلىقى ھەققىدە بىلگەندىن كېيىن، ھاياتىمدا بىرىنچى ئورۇندا نېمە تۇرىدۇ؟،— دەپ ئويلاندىم. لىدىيە ئىككىمىز ياراتقۇچى يەھۋاغا خىزمەت قىلىشنى بىرىنچى ئورۇنغا قويدۇق. پەرزەنتلىرىمىزگە مۇقەددەس كىتابتىكى ئۆلچەملەر بويىچە تەلىم-تەربىيە بېرىشنى قارار قىلدۇق. بىز پەرزەنتلىرىمىزگە خۇدانى ۋە ئىنسانلارنى سۆيۈشنى ئۆگىتىشكە تىرىشاتتۇق. شۇنىڭ ياردىمىدە ئائىلىدە مېھىر-مۇھەببەت رىشتىلىرىمىز تېخىمۇ كۈچەيدى.—مەتتا 22:37–39.
ئۆتمۈشكە نەزەر سالساق، لىدىيە ئىككىمىزنىڭ چىقارغان قارارلىرىمىزنىڭ بىر يەردىن چىققانلىقى بالىلىرىمىزغا قانداق تەسىر قىلغانلىقى ھەققىدە ئويلاپ، دائىم كۈلىمىز. ئۇلار ئەيسا پەيغەمبەرنىڭ «‹ھەئە› دېگەن سۆزۈڭلار، ‹ھەئە› بولسۇن، ‹ياق› دېگەن سۆزۈڭلار ‹ياق› بولسۇن»،— دېگەن سۆزلىرى ئۆيۈمىزدە قائىدە-تۈزۈم بولغانلىقىنى بىلەتتى (مەتتا 5:37). مەسىلەن، 17 ياشلىق چوڭ قىزىمىز دوستلىرى بىلەن دوستلار ئۇچرىشىشىغا بارماقچى بولدى. لىدىيە ئۇنىڭغا رۇخسەت بەرمىدى. شۇنىڭ بىلەن، ئۇنىڭ دوستلىرىدىن بىرى: «ئاپاڭ رۇخسەت بەرمىگەن بولسا، داداڭدىن سوراپ باق»،— دېگەنىدى. قىزىمىز بولسا: «بۇنىڭ ھېچ پايدىسى يوق. ئۇلارنىڭ قارارلىرى دائىم بىر يەردىن چىقىدۇ»،— دەپ جاۋاب بەرگەن. ئېنىقكى، ئالتە بالىمىز بىزنىڭ مۇقەددەس كىتابتىكى پرىنسىپلارغا بىرلىكتە ئەمەل قىلغانلىقىمىزنى كۆرۈپ ئۆستى. ئائىلە ئەزالىرىمىزنىڭ كۆپىنچىسى يەھۋاغا خىزمەت قىلىۋاتىدۇ، بۇنىڭ ئۈچۈن يەھۋاغا بەك مىننەتدارمىز.
ھەقىقەت ھاياتىمدىكى مەقسەتلەرنى ئۆزگەرتكەن بولسىمۇ، دوختۇرلۇق كەسىپىمگە بولغان سۆيگۈ-مۇھەببىتىمنى خۇدا خەلقىگە ياردەم بېرىشتە ئىشلىتىشنى خالىدىم. شۇڭا، پارىژ شەھىرىدىكى بەيتەلدە، كېيىنرەك لۇۋېرىس شەھىرىدىكى يېڭى بەيتەلدە دوختۇر سۈپىتىدە پىدائىي خىزمەت قىلدىم. مەن 50 يىلغا يېقىن بەيتەلدە ياردەم بېرىپ كېلىۋاتىمەن. بۇ مەزگىلدە، مەن بەيتەل ئائىلىسىدىكىلەر ئارىسىدىن كۆپ قەدىرلىك دوستلارنى تاپتىم. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى 90 ياشتىن ئاشقان. بىر كۈنى مەن بەيتەلگە يېڭىدىن كەلگەن بىر ياش بىلەن تونۇشۇپ، ئىنتايىن خۇشال بولدۇم. سەۋەبى، تەخمىنەن 20 يىل بۇرۇن، ئۇنىڭ تۇغۇتخانىدا دۇنياغا كۆز ئېچىشىغا ياردەم بەرگىنىمنى بىلدىم.
يەھۋا ئۆز خەلقىگە قانچىلىك غەمخورلۇق قىلىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم
يىللار ئۆتۈپ، يەھۋاغا بولغان سۆيگۈ-مۇھەببىتىم تېخىمۇ كۈچەيدى. چۈنكى، ئۇ تەشكىلاتى ئارقىلىق ئۆز خەلقىنى قانداق يېتەكلەۋاتقانلىقىنى ۋە ھىمايە قىلىۋاتقانلىقىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم. تەخمىنەن 1980-يىلى، يېتەكچى كېڭەش يەھۋا گۇۋاھچىلىرىنىڭ دوختۇرخانىلار بىلەن ئالاقە ئورنىتىشى ئۈچۈن ئامېرىكىدا بىر پروگرامما ئۇيۇشتۇردى.
1988-يىلى، يېتەكچى كېڭەش بەيتەلدە «دوختۇرخانا ئۇچۇرلىرى بىلەن تەمىنلەش بۆلۈمى» دەپ ئاتىلىدىغان يېڭى بۆلۈمنى قۇردى. دەسلەپتە بۇ بۆلۈم دوختۇرخانىلار بىلەن ئالاقىلىشىش كومىتېتلىرىغا يېتەكچىلىك قىلدى. ئامېرىكىدا تەشكىللەنگەن بۇ كومىتېتلار، كېسەل بولغان گۇۋاھچىلارنىڭ قانغا بولغان كۆز قارىشىنى ھۆرمەتلەيدىغان دوختۇرلارنى تېپىشىغا ياردەم بەرگەنىدى. كېيىنرەك، بۇ ئورۇنلاشتۇرۇش دۇنيانىڭ جاي-جايلىرىدا تەشكىل قىلىنغاندا، فرانسىيىدىمۇ دوختۇرخانىلار بىلەن ئالاقىلىشىش كومىتېتلىرى قۇرۇلدى. يەھۋا گۇۋاھچىلىرى تىببىي ياردەمگە مۇھتاج بولغان قېرىنداشلىرىمىزنى سۆيگۈ-مۇھەببەت بىلەن قوللاپ-قۇۋۋەتلەۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ھاياجانلىنىپ كېتىمەن!
ئارزۇيۇم ئەمەلگە ئاشتى
دوختۇرلۇق كەسىپى مېنىڭ بۈيۈك ئارزۇيۇم بولغان ئىدى. لېكىن، ھاياتىمدا نېمە مۇھىمراق ئىكەنلىكىنى قايتا كۆرۈپ چىققاچ، دوختۇر سۈپىتىدە ئادەملەرگە ياردەم بېرىشكە قارىغاندا، ئۇلارنىڭ ھاياتلىق مەنبەسى بولغان تەڭرى يەھۋانى تونۇشىغا ۋە ئۇنىڭغا خىزمەت قىلىشىغا ياردەم بېرىشنىڭ مۇھىمراق ئىكەنلىكىنى چۈشىنىپ يەتتىم. پېنسىيىگە چىققاندىن كېيىن، لىدىيە ئىككىمىز خۇدا پادىشاھلىقى ھەققىدە خۇش خەۋەر ئېيتىشقا كۆپرەك ۋاقىت چىقىرىپ، پىدائىي ۋەز ئېيتقۇچى بولۇپ خىزمەت قىلدۇق. بۈگۈنكى كۈندىمۇ قۇتقۇزۇش خۇش خەۋىرىنى قولىمىزدىن كېلىشىچە ۋەز قىلىۋاتىمىز.
ئاغرىق كىشىلەرنىڭ ئازابىنى ۋاقتىنچە يىنىكلىتىش ئۈچۈن قولۇمدىن كېلىشىچە تىرىشىمەن. بىراق، ھەتتا ئەڭ ياخشى دوختۇرمۇ بارچە كېسەللىكلەرنى ساقايتىشقا ۋە ئۆلۈمنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا قادىر ئەمەسلىكىنى چۈشىنىپ يەتتىم. شۇڭا، مەن ئازاب-ئوقۇبەت، كېسەللىك ۋە ئۆلۈم بولمايدىغان ۋاقىتنى تاقەتسىزلىك بىلەن كۈتىۋاتىمەن. ئۇچقاندەك يېقىنلىشىۋاتقان يېڭى دۇنيادا، خۇدانىڭ ياراتمىلىرى، شۇ جۈملىدىن ئىنسان تېنىنى قانداق ياراتقانلىقىنى مەڭگۈ تەتقىق قىلماقچىمەن. دەرھەقىقەت، بالىلىق چېغىمدىكى ئارزۇيۇم پەقەت قىسمەن ئەمەلگە ئاشتى. مەن شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى، ئەڭ ياخشى ئىشلارنىڭ ۋاقتى ئەمدى كېلىدۇ!