مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

10-‏تە‌تقىق ماقالىسى

كونا تە‌بىئىتىڭىزنى چۆرۈپ تاشلىۋىتە‌لە‌يسىز

كونا تە‌بىئىتىڭىزنى چۆرۈپ تاشلىۋىتە‌لە‌يسىز

‏«كونا تە‌بىئىتىڭلارنى ئىشلىرى بىلە‌ن قوشۇ‌پ سېلىپ تاشلاڭلار».‏—‏كولوسى.‏ 3:‏9‏.‏

34-‏ناخشا ئىسمىمىزغا ماس ياشايلى!‏

بۇ ماقالىدە a

1.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ئۆگىنىشنى باشلاشتىن بۇ‌رۇ‌ن ھاياتىڭىز قانداق ئىدى؟‏

 يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرى بىلە‌ن مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ئۆگىنىشنى باشلاشتىن ئىلگىرى،‏ قانداق ھايات كە‌چۈرگە‌ن ئېدىڭىز؟‏ كۆپىنچىمىز ئۆتمۈشىمىزنى ئە‌سلە‌شنى ياخشى كۆرمە‌يمىز.‏ چۈنكى،‏ بىزنىڭ كۆز قارىشىمىز ۋە مىجە‌ز-‏خۇ‌لقىمىز بۇ دۇ‌نيانىڭ قىممە‌ت قارىشىغا،‏ يە‌نى توغرا-‏خاتا ئۆلچە‌ملىرىنىڭ تە‌سىرىگە ئۇ‌چرىغان بولۇ‌شى مۇ‌مكىن.‏ ئە‌گە‌ر راستىنلا شۇ‌نداق بولسا،‏ بىز «ئۈمىدسىز ۋە خۇ‌داسىز» ياشىغان (‏ئە‌فە‌س.‏ 2:‏12‏)‏.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى تە‌تقىق قىلىپ ئۆگە‌نگە‌ندىن كېيىن،‏ ھايات كە‌چۈرۈش ئۇ‌سۇ‌لىمىز ئۆزگە‌ردى!‏

2.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى تە‌تقىق قىلىشنى باشلىغاندىن كېيىن،‏ قانداق ئىشلارنى بايقىدىڭىز؟‏

2 سىز مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ئۆگە‌نگە‌ندە،‏ سىزنى ئىنتايىن ياخشى كۆرىدىغان ئاسماندىكى ئاتىڭىزنىڭ بارلىقىنى بايقىدىڭىز.‏ ئە‌گە‌ر سىز يە‌ھۋانى خۇ‌رسە‌ن قىلماقچى ۋە ئۇ‌نىڭغا ئىبادە‌ت قىلىدىغان چوڭ ئائىلىنىڭ بىر ئە‌زاسى بولماقچى بولسىڭىز،‏ ھايات كە‌چۈرۈش ئۇ‌سۇ‌لىڭىز،‏ كۆز قارىشىڭىزدا كۆپلىگە‌ن ئۆزگە‌رتىشلە‌رنى قىلىشىڭىز كېرە‌كلىكىنى تونۇ‌پ يە‌تتىڭىز.‏ سىز يە‌ھۋا توغرا دېگە‌ن ئىشلارنى قىلىش بىلە‌ن بىرگە،‏ خاتا دېگە‌ن ئىشلاردىن يىراق قېچىشنى ئۆگىنىشىڭىز كېرە‌ك.‏—‏ئە‌فە‌س.‏ 5:‏3–‏5‏.‏

3.‏ كولوسىلىقلارغا 3:‏9،‏ 10-‏ئايە‌تلە‌رگە ئاساسە‌ن،‏ يە‌ھۋا بىزنىڭ نېمە قىلىشىمىزنى خالايدۇ ۋە بۇ ماقالىدە نېمىلە‌رنى مۇ‌ھاكىمە قىلىمىز؟‏

3 بىزنىڭ ياراتقۇ‌چىمىز ۋە ئە‌رشتىكى ئاتىمىز يە‌ھۋانىڭ ئۆز ئائىلىسىدىكىلە‌رنىڭ قانداق ئىبادە‌ت قىلىشى كېرە‌كلىكىنى بە‌لگىلە‌ش ھوقۇ‌قى بار.‏ ئۇ بىز چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئىلگىرى،‏ كونا تە‌بىئىتىمىزنى بۇ‌رۇ‌نقى قىلمىشلار بىلە‌ن بىللە چۆرۈپ تاشلاشنى تە‌لە‌پ قىلىدۇ b ‏(‏كولوسلىقلار 3:‏9،‏ 10-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ بۇ ماقالە سۇ‌غا چۆمۈلدۈرۈلمە‌كچى بولغانلارنىڭ تۆۋە‌ندىكى ئۈچ سوئالغا جاۋاب تېپىشىغا ياردە‌م بېرىدۇ:‏ (‏1)‏ «كونا تە‌بىئە‌ت» دېگە‌ن نېمە؟‏ (‏2)‏ نېمە ئۈچۈن يە‌ھۋا بىزنى ئۇ‌نى چۆرۈپ تاشلاشقا دە‌ۋە‌ت قىلىدۇ؟‏ (‏3)‏ شۇ‌نداق قىلىش ئۈچۈن نېمە قىلالايمىز؟‏ ئاللىقاچان سۇ‌غا چۆمۈلدۈرۈلگە‌نلە‌ر ئۈچۈن بولسا،‏ بۇ تە‌تقىق ماقالىسى ئىلگىرى تاشلىۋە‌تكە‌ن كونا تە‌بىئىتىمىزدىكى مىجە‌ز-‏خۇ‌لقلارنىڭ قايتا پە‌يدا بولۇ‌شىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ياردە‌م بېرىدۇ.‏

كونا تە‌بىئە‌ت دېگە‌ن نېمە؟‏

4.‏ «كونا تە‌بىئىتى» تە‌رىپىدىن كونترول قىلىنغان ئادە‌م قانداق ھە‌رىكە‌ت قىلىدۇ؟‏

4 كونا تە‌بىئىتى تە‌رىپىدىن كونترول قىلىنغان ئادە‌م ئادە‌تتە تە‌ننىڭ خاھىشلىرىغا بېرىلىپ،‏ يە‌نى گۇ‌ناھلىق ئىشلارنى ئويلايدۇ ۋە قىلىدۇ.‏ ئۇ شە‌خسىيە‌تچى،‏ تېز ئاچچىقلىنىشى،‏ مىننە‌تدارسىز ۋە تە‌كە‌ببۇ‌ر بولۇ‌شى مۇ‌مكىن.‏ ئۇ شە‌ھۋانىي ماتېرىئاللارنى كۆرۈش ۋە ئە‌خلاقسىزلىق ياكى زوراۋانلىق مە‌زمۇ‌ن قىلىنغان كىنو-‏فىلىملە‌رنى كۆرۈشتىن ھۇ‌زۇ‌رلىنىشى مۇ‌مكىن.‏ شە‌ك-‏شۈبھىسىزكى،‏ ئۇ‌نىڭ بە‌زى ياخشى مىجە‌ز-‏خۇ‌لقلىرى بار،‏ ئۇ بە‌لكىم ئۆزى يامان گە‌پ-‏سۆزلە‌ر ياكى ئىشلارنى قىلغاندا،‏ ئۆزىنى گۇ‌ناھكاردە‌ك ھېس قىلىشى مۇ‌مكىن.‏ ئە‌مما،‏ ئۇ‌نىڭ ئوي-‏پىكىر ۋە ئىش-‏ھە‌رىكىتىنى ئۆزگە‌رتىش ئارزۇ-‏ئىستىگى كۈچلۈك ئە‌مە‌س.‏—‏گالاتىيا.‏ 5:‏19–‏21؛‏ 2-‏تىموت.‏ 3:‏2–‏5‏.‏

بىز كونا تە‌بىئە‌تنى سېلىپ تاشلىغاندا،‏ يامان ئوي-‏پىكىرلە‌ر ۋە ئادە‌تلە‌ر يە‌نە بىزنى كونترول قىلالمايدۇ (‏5-‏ئابزاسقا قاراڭ)‏ g

5.‏ بىزنىڭ كونا تە‌بىئىتىمىزنى پۈتۈنلە‌ي چۆرۈپ تاشلىشىمىز مۇ‌مكىنمۇ؟‏ چۈشە‌ندۈرۈڭ (‏ئە‌لچىلە‌ر 3:‏19‏)‏.‏

5 بىز مۇ‌كە‌ممە‌ل ئە‌مە‌س،‏ شۇ‌ڭا ھېچقايسىمىز قە‌لبىمىز ۋە مېڭىمىزدىكى بارلىق يامان ئوي-‏پىكىرلە‌ر ۋە خاھىشلارنى پۈتۈنلە‌ي چىقىرىپ تاشلىيالمايمىز.‏ بە‌زى ۋاقىتلاردا ئۆزۈمىز پۇ‌شايمان قىلىدىغان گە‌پ-‏سۆزنى ياكى ئىشنى قىلىپ سالىمىز (‏يە‌رە‌م.‏ 17:‏9؛‏ ياقۇ‌پ 3:‏2‏)‏.‏ ئە‌مما،‏ بىز كونا تە‌بىئە‌تنى چۆرۈپ تاشلىغاندا،‏ تە‌ننىڭ خاھىشلىرى ۋە ئىشلىرى بىزنى يە‌نە كونترول قىلالمايدۇ.‏ بىز باشقىچە بىر ئادە‌م بولىمىز.‏—‏يە‌شايا 55:‏7؛‏ ئە‌لچىلە‌ر 3:‏19-‏نى ئوقۇ‌ڭ.‏

6.‏ نېمە ئۈچۈن يە‌ھۋا بىزنى كونا تە‌بىئىتمىزدىكى خاتا ئوي-‏خىيال ۋە ناچار ئادە‌تلىرىمىزنى تاشلاشقا ئۈندە‌يدۇ؟‏

6 يە‌ھۋا بىزنى خاتا ئوي-‏خىيال ۋە ناچار ئادە‌تلە‌رنى تاشلاشقا ئۈندە‌يدۇ،‏ چۈنكى ئۇ بىزنى سۆيىدۇ ۋە بىزنىڭ شاد-‏خۇ‌رام ھايات كە‌چۈرۈشىمىزنى بە‌ك خالايدۇ (‏يە‌شايا 48:‏17،‏ 18‏)‏.‏ ئۇ خاتا ئارزۇ-‏ھە‌ۋە‌سلىرىگە قارشى كۈرە‌ش قىلمىغانلارنىڭ ئۆزىگە ۋە ئۆزگىلە‌رگە ئازار بېرىدىغانلىقىنى بىلىدۇ.‏ بىزنىڭ ئۆزۈمىزگە ۋە باشقىلارغا ئازار بە‌رگە‌نلىكىمىزنى كۆرگە‌ندە،‏ ئۇ‌نىڭ كۆڭلى ئازابلىنىدۇ.‏

7.‏ رىملىقلار 12:‏1،‏ 2-‏ئايە‌تلە‌رگە ئاساسە‌ن،‏ بىزنىڭ قانداق تاللىشىمىز بار؟‏

7 بە‌زى دوستلىرىمىز ۋە ئائىلە ئە‌زالىرىمىز دە‌سلە‌پتە مىجە‌ز-‏خۇ‌لقلىرىمىزنى ئۆزگە‌رتىشكە ئۇ‌رۇ‌نغانلىقىمىزنى كۆرۈپ،‏ بىزنى مە‌سخىرە قىلىشى مۇ‌مكىن (‏1-‏پېتر.‏ 4:‏3،‏ 4‏)‏.‏ بە‌لكىم،‏ ئۇ‌لار:‏ بىز نېمە قىلىشنى خالىساق،‏ شۇ‌نداق قىلىش ھوقۇ‌قىمىز بار،‏ باشقىلارنىڭ بىزگە نېمە قىلىشنى ئۆگىتىشىگە رۇ‌خسە‌ت بە‌رمە‌سلىكىمىز كېرە‌ك،‏ دە‌يدۇ.‏ ئە‌مما،‏ يە‌ھۋانىڭ ئۆلچە‌ملىرىنى رە‌ت قىلغانلار ئە‌مە‌لىيە‌تتە ئە‌ركىن ئە‌مە‌س.‏ ئە‌كسىچە،‏ ئۇ‌لار شە‌يتاننىڭ تە‌سىرى ئاستىدىكى دۇ‌نيانىڭ ئۆزلىرىنى كونترول قىلىشىغا يول بە‌رگە‌ن ‏(‏رىملىقلار 12:‏1،‏ 2-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ ھە‌ممىمىز بىر تاللاشقا دۇ‌چ كېلىمىز:‏ گۇ‌ناھ ۋە شە‌يتاننىڭ دۇ‌نياسىنىڭ تە‌سىرىدە كونا تە‌بىئىتىمىز بىلە‌ن ياشاۋېرىمىز ياكى يە‌ھۋانىڭ بىزنى ھازىر ياخشى بىر كىشىگە ئۆزگە‌رتىشىگە يول بېرىمىز.‏—‏يە‌شايا 64:‏8‏.‏

كونا تە‌بىئە‌تنى قانداق سېلىپ تاشلىيالايسىز؟‏

8.‏ خاتا ئوي-‏پىكىر ۋە ناچار ئادە‌تلە‌ردىن يىراق بولۇ‌شىمىزغا نېمە ياردە‌م بېرە‌لە‌يدۇ؟‏

8 يە‌ھۋا بىزنىڭ خاتا ئوي-‏پىكىر ۋە ناچار ئادە‌تلىرىمىزدىن يىراق بولۇ‌شىمىزغا ئۈچۈن ۋاقىت ۋە كۈچ كېتىدىغانلىقىنى بىلىدۇ (‏زە‌بۇ‌ر 103:‏13،‏ 14‏)‏.‏ شۇ‌نداقتىمۇ،‏ يە‌ھۋا ئۆز سۆزى،‏ روھى ۋە تە‌شكىلاتى ئارقىلىق بىزگە ئۆزۈمىزنى ئۆزگە‌رتىش ئۈچۈن كېرە‌كلىك ئە‌قىل-‏پاراسە‌ت،‏ كۈچ-‏قۇ‌ۋۋە‌ت ۋە ئىلھام-‏مە‌دە‌ت بېرىدۇ.‏ شە‌ك-‏شۈبھىسىزكى،‏ ئۇ ئاللىقاچان سىزگە ياردە‌م بە‌رگە‌ن.‏ ئە‌مدى سىز كونا تە‌بىئىتىڭىزنى چۆرۈپ تاشلاپ،‏ ھە‌تتا سۇ‌غا چۆمۈلدۈرۈلۈشكە لاياقە‌تلىك بولۇ‌ش ئۈچۈن قايسى بە‌زى قە‌دە‌ملە‌رنى باسالايدىغانلىقىڭىزنى كۆرۈپ چىقايلى.‏

9.‏ خۇ‌دانىڭ سۆزى سىزگە قانداق ياردە‌م بېرە‌لە‌يدۇ؟‏

9 مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىن پايدىلىنىپ،‏ ئۆز-‏ئۆزىڭىزنى ئە‌ستايىدىل تە‌كشۈرۈڭ.‏ خۇ‌دانىڭ سۆزى خۇ‌ددى ئە‌ينە‌ك ئوخشاش.‏ ئۇ سىزنىڭ ئويلاش،‏ سۆزلە‌ش ۋە ھە‌رىكە‌ت قىلىش ئۇ‌سۇ‌لىڭىزنى تە‌ھلىل قىلىشىڭىزغا ياردە‌م بېرە‌لە‌يدۇ (‏ياقۇ‌پ 1:‏22–‏25‏)‏.‏ سىز بىلە‌ن مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب تە‌تقىق ئۆگىنىشىنى ئۆتكۈزىۋاتقان كىشى ياكى باشقا ئىماندا پىشىپ يېتىلگە‌ن يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرى سىزگە مە‌سلىھە‌تلە‌رنى بېرە‌لە‌يدۇ.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ ئۇ‌لار مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ئارقىلىق سىزنىڭ ئارتۇ‌قچىلىق ۋە كە‌مچىلىك تە‌رە‌پلىرىڭىزنى ئېنىقلىشىڭىزغا ياردە‌م بېرىدۇ.‏ ئۇ‌لار سىزگە ناچار ئادە‌تلە‌رنى قانداق يېڭىش توغرىسىدا ئە‌مە‌لىي مە‌سلىھە‌تلە‌رنى بېرىدىغان مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابقا ئاساسلانغان مە‌لۇ‌ماتلارنى قانداق تېپىشنى ئۆگىتىدۇ.‏ ئۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ يە‌ھۋا سىزگە ياردە‌م بېرىشكە ھە‌ر ۋاقىت تە‌ييار.‏ ئۇ سىزگە قانداق ياردە‌م قىلىشنى ئە‌ڭ ياخشى بىلىدۇ.‏ ئۇ كۆڭلۈڭىزدىكىنى بىلىدۇ (‏پە‌ند.‏ نە 14:‏10؛‏ 15:‏11‏)‏.‏ شۇ‌ڭا،‏ ھە‌ر كۈنى ئۇ‌نىڭغا دۇ‌ئا قىلىش ۋە ئۇ‌نىڭ سۆزىنى تە‌تقىق قىلىپ ئۆگىنىشنى ئادە‌تكە ئايلاندۇ‌رۇ‌ڭ.‏

10.‏ ئېلىنىڭ مىسالىدىن نېمىنى ئۆگە‌ندىڭىز؟‏

10 يە‌ھـۋانىڭ ئۆلـچە‌م-‏قائىدىلىرىنىڭ ئـە‌ڭ ياخشىلىقىغا ئىشىنىڭ.‏ يە‌ھۋا بىزدىن قىلىشنى تە‌لە‌پ قىلغان بارچە ئىشلار بىز ئۈچۈن پايدىلىقتۇ‌ر.‏ ئۇ‌نىڭ ئۆلچە‌ملىرى بويىچە ياشايدىغانلار ئۆز-‏ئۆزىنى ھۆرمە‌تلە‌يدۇ؛‏ مە‌نىلىك ھايات كە‌چۈرۈپ،‏ ھە‌قىقىي شات-‏خوراملىققا ئېرىشىدۇ (‏زە‌بۇ‌ر 19:‏7–‏11‏)‏.‏ بۇ‌نىڭ ئە‌كسىچە،‏ يە‌ھۋانىڭ ئۆلچە‌ملىرىنى رە‌ت قىلغانلار تە‌ننىڭ خاھىشى بىلە‌ن ياشاپ،‏ يامان ئاقىۋە‌تكە دۇ‌چار بولىدۇ.‏ ئېلى ئىسىملىك بىر كىشىنىڭ خۇ‌دانىڭ ئۆلچە‌ملىرىنى رە‌ت قىلىپ،‏ نېمىلە‌رنى دېگە‌نلىكىگە دىققە‌ت قىلىپ باقايلى.‏ ئۇ‌نى چوڭ قىلغان ئاتا-‏ئانا يە‌ھۋانى سۆيىدىغان كىشىلە‌ر بولغان.‏ ئە‌مما،‏ ئېلى ئۆسمۈرلۈك چېغىدا يامانلار بىلە‌ن ئارىلىشىشنى تاللىغان.‏ ئۇ زە‌ھە‌رلىك چېكىملىك چېكىش،‏ جىنسىي ئە‌خلاقسىزلىق ۋە ئوغرىلىقلارنى قىلىشقا باشلىغان.‏ ئېلى ئۆزىنىڭ بارغانسېرى قە‌ھرى-‏غە‌زە‌پ ۋە زوراۋان بولۇ‌پ كېتىۋاتقانلىقىنى بايقىغانلىقىنى ئېيتىپ،‏ شۇ‌نى ئېتىراپ قىلغان:‏ «ئېنىق ئېيتقاندا،‏ ئە‌يسانىڭ ئە‌گە‌شكۈچىلىرى قىلىشتىن ساقلىنىشى كېرە‌ك،‏ دە‌پ ئۆگىتىلگە‌ن يامان ئىشلارنىڭ ھە‌ممىسىنى قىلدىم».‏ بىراق،‏ ئېلى ياش ۋاقىتلىرىدا ئۆگە‌نگە‌نلىرىنى ئۇ‌نتۇ‌پ قالمىغان ئىدى.‏ ئاخىرىدا،‏ ئۇ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى قايتا ئۆگىنىشكە باشلىغان.‏ ئۇ ئۆزىنىڭ يامان ئادە‌تلىرىنى تاشلاش ئۈچۈن كۆپ تىرىشچانلىق كۆرسە‌تكە‌ن ۋە 2000-‏يىلى سۇ‌غا چۆمۈلدۈرۈلگە‌ن.‏ ئۇ يە‌ھۋانىڭ ئۆلچە‌ملىرى بويىچە ياشاشنىڭ قانداق پايدىسىنى كۆرگە‌ن؟‏ ئېلى مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «ھازىر كۆڭلۈم تىنچ-‏خاتىرجە‌م ۋە ۋىجدانىم پاك»‏ c‏.‏ مۇ‌شۇ مىسالدىن كۆرگىنىمىزدە‌ك،‏ يە‌ھۋانىڭ ئۆلچە‌ملىرىنى رە‌ت قىلغانلار ئۆز-‏ئۆزىگە ئازار بېرىدۇ.‏ شۇ‌نداقتىمۇ،‏ يە‌ھۋا ھە‌تتا ئۇ‌لارنىڭ ئۆزىنى ئۆزگە‌رتىشىگە ياردە‌م بېرىشكە تە‌ييار.‏

11.‏ يە‌ھۋا نېمىلە‌رنى ئۆچ كۆرىدۇ؟‏

11 يە‌ھۋا ئۆچ كۆرىدىغان ئىشلارنى ئۆچ كۆرۈشنى ئۆگىنىڭ.‏ (‏زە‌بۇ‌ر 97:‏10‏)‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا،‏ يە‌ھۋانىڭ «تە‌كە‌ببۇ‌رلۇ‌ق بىلە‌ن قارايدىغان كۆزلە‌ر،‏ يالغانچى تىل،‏ بىگۇ‌ناھلارنىڭ قېنىنى تۆكىدىغان قوللار»نى ئۆچ كۆرىدىغانلىقى كۆرسىتىلگە‌ن (‏پە‌ند.‏ نە 6:‏16،‏ 17‏)‏.‏ يە‌نە ئۇ ھە‌ققىدە شۇ‌نداق سۆزلە‌ر يېزىلغان:‏ «قانخور ۋە ھىيلىگە‌ر كىشىلە‌ردىن يىرگىنە‌ر» (‏زە‌بۇ‌ر 5:‏6‏)‏.‏ يە‌ھۋا بۇ‌نداق ئىللە‌تلە‌رنى ۋە ئىش-‏ھە‌رىكە‌تلە‌رنى ئىنتايىن ئۆچ كۆرىدۇ.‏ ئۇ نۇ‌ھنىڭ زامانىدا يە‌ر يۈزىنى زوراۋانلىق بىلە‌ن تولدۇ‌رغان بارچە رە‌زىل كىشىلە‌رنى ھالاك قىلغان (‏يارىت.‏ 6:‏13‏)‏.‏ باشقا بىر مىسالنى كۆرۈپ باقايلى.‏ يە‌ھۋا مالاكى پە‌يغە‌مبە‌ر ئارقىلىق ھىيلىگە‌رلىك بىلە‌ن بېگۇ‌ناھ ھە‌مراھىدىن ئاجرىشىپ،‏ نىكاھىنى بۇ‌زغان ۋاپاسىزلارنى ئۆچ كۆرىدىغانلىقىنى ئېيتقانىدى.‏ خۇ‌دا ئۇ‌لارنىڭ ئىبادە‌تلىرىنى رە‌ت قىلىدۇ ۋە قىلمىشلىرى ئۈچۈن ئۇ‌لاردىن ھېساب ئالىدۇ.‏—‏مالاك.‏ 2:‏13–‏16؛‏ ئىبرانىي.‏ 13:‏4‏.‏

يە‌ھۋا يامان دېگە‌ن ئىشنى قىلىش بولسا خۇ‌ددى سېسىق قالغان تاماقنى يېگە‌ندە‌ك يىرگىنىچلىكتۇ‌ر (‏11،‏ 12-‏ئابزاسلارغا قاراڭ)‏

12.‏ «رە‌زىل نە‌رسىنى ئۆچ كۆرۈش» دېگە‌ن نېمە؟‏

12 يە‌ھۋا بىزگە «يامانلىقتىن يىرگىنىڭلار» دە‌يدۇ (‏رىملىقلار 12:‏9‏)‏.‏ «يىرگىنچ» سۆزى كۈچلۈك ئىنكاس ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌سىنى تە‌سۋىرلە‌يدۇ.‏ بۇ بىر نە‌رسىنى قاتتىق ئۆچ كۆرۈش،‏ ئۇ‌نىڭدىن بىزار بولۇ‌ش دېگە‌ننى بىلدۈرىدۇ.‏ ئە‌گە‌ر سىزدىن سېسىپ قالغان بىر تە‌خسە تاماقنى يېيىشنى تە‌لە‌پ قىلسا،‏ قانداق ئىنكاس قايتۇ‌رىدىغانلىقىڭىزنى تە‌سە‌ۋۋۇ‌ر قىلىپ بېقىڭ.‏ بۇ‌نى ئويلاشنىڭ ئۆزى كۆڭلۈڭىزنى بىئارام قىلىشى مۇ‌مكىن.‏ خۇ‌ددى شۇ‌نىڭغا ئوخشاش،‏ يە‌ھۋا يامان دېگە‌ن ئىشنى،‏ ھە‌تتا ئويلاشتىنمۇ يىرگىنىشىمىز كېرە‌ك.‏

13.‏ نېمە ئۈچۈن چوقۇ‌م ئوي-‏پىكىرىمىزنى قوغدىشىمىز كېرە‌ك؟‏

13 ئوي-‏پىكىرىڭىزنى قوغداڭ.‏ ئوي-‏پىكىرىمىز ئىش-‏ھە‌رىكىتىمىزگە تە‌سىر قىلىدۇ.‏ شۇ‌ڭلاشقا،‏ ئە‌يسا بىزگە ئېغىر گۇ‌ناھقا يېتە‌كلە‌يدىغان ئوي-‏پىكىرنى رە‌ت قىلىشنى ئۆگە‌تكە‌ن (‏مە‌تتا 5:‏21،‏ 22،‏ 28،‏ 29‏)‏.‏ بىز ئاسماندىكى ئاتىمىزنى خۇ‌رسە‌ن قىلىشنى خالايمىز.‏ شۇ‌نداق ئىكە‌ن،‏ كاللىمىزدا پە‌يدا بولغان ھە‌رقانداق يامان ئوي-‏خىيالنى دە‌رھال رە‌ت قىلىشىمىز ئىنتايىن مۇ‌ھىم!‏

14.‏ گە‌پ-‏سۆزلىرىمىز نېمىنى ئاشكارىلايدۇ ۋە قانداق سوئاللارغا جاۋاب بېرىشىمىز كېرە‌ك؟‏

14 گە‌پ-‏سۆزۈڭىزنى كونترول قىلىڭ.‏ ئە‌يسا مە‌سىھ:‏ «ئېغىزدىن چىققان نە‌رسىلە‌ر كۆڭۈلدىن چىقىدۇ،‏ ئىنساننى ئە‌نە شۇ‌لار ناپاك قىلىدۇ»،‏—‏ دېگە‌ن (‏مە‌تتا 15:‏18‏)‏.‏ شۇ‌نداق،‏ بىزنىڭ ئېغىزىمىزدىن چىققان سۆزلە‌ر ئىچكى دۇ‌نيامىزنىڭ قانداق ئىكە‌نلىكىنى ئاشكارىلايدۇ.‏ شۇ‌ڭا،‏ ئۆز-‏ئۆزىڭىزدىن مۇ‌نۇ سوئاللارنى سوراپ كۆرۈڭ:‏ «راست گە‌پ قىلسام،‏ كۆپ ئاۋارىچىلىققا قالىدىغان بولساممۇ،‏ يالغان سۆزلە‌شنى رە‌ت قىلامدىم؟‏ توي قىلغان ئادە‌م بولغاچ،‏ يات جىنسلىقلار بىلە‌ن كۆز-‏قاش ئوينىتىشتىن ئېھتىيات قىلىمە‌نمۇ؟‏ مە‌ن ئە‌خلاقسىز گە‌پ-‏سۆزلە‌رنى قىلىشتىن پۈتۈنلە‌ي ساقلىنامدىم؟‏ باشقىلار مېنى رە‌نجىتكە‌ندە،‏ ئېغىر-‏بېسىقلىق بىلە‌ن جاۋاب قايتۇ‌رامدىم؟‏».‏ بۇ سوئاللار ئۈستىدە ئە‌ستايىدىل ئويلىنىش سىز ئۈچۈن پايدىلىق ئىكە‌نلىكىنى بايقايسىز.‏ تون چاپاننى يىڭنە تىكىشلىرى بىر-‏بىرىگە ئۇ‌لاپ تۇ‌رغاندە‌ك،‏ يامان گە‌پ-‏سۆزلە‌ر كونا تە‌بىئە‌تنى تۇ‌تۇ‌پ تۇ‌رىدۇ.‏ دېمە‌ك،‏ كونا تە‌بىئىتىمىزنى يىتىپ تاشلاشنى خالىساق،‏ پۈتۈن كۈچىڭىز بىلە‌ن ھاقارە‌تلىك،‏ يالغان ۋە ئە‌خلاقسىز گە‌پ-‏سۆزلە‌رنى ئىشلىتىشنى توختىتىشىمىز لازىم.‏

15.‏ كونا تە‌بىئىتىمىزنى تۈۋرۈك ياغاچقا مىخلاش نېمىنى بىلدۈرىدۇ؟‏

15 زۆرۈر ئىشنى قىلىشقا تە‌ييار تۇ‌رۇ‌ڭ.‏ ئە‌لچى پاۋلۇ‌س بىر تە‌مسىلنى ئىشلىتىپ،‏ بىزگە ھايات كە‌چۈرۈش ئۇ‌سۇ‌لىمىزنى ئۆزگە‌رتىشنىڭ بە‌ك مۇ‌ھىملىقىنى ئۆگە‌تكە‌ن.‏ ئۇ كونا تە‌بىئىتىمىزنى چوقۇ‌م تۈۋرۈك ياغاچقا مىخلىشىمىز كېرە‌كلىكىنى يازغان ئىدى (‏رىملىقلار 6:‏6‏)‏.‏ باشقىچە ئېيتقاندا،‏ بىز مە‌سىھنىڭ ئۈلگىسىگە ئە‌گىشىشنى خالايمىز.‏ بىز يە‌ھۋا ئۆچ كۆرىدىغان كۆزقاراش ۋە ئادە‌تلە‌رنى تاشلىشىمىز لازىم.‏ پاك ۋىجدانغا ۋە مە‌ڭگۈلۈك ھايات ئۈمىدىگە ئېرىشىش ئۈچۈن چوقۇ‌م بۇ قە‌دە‌ملە‌رنى بېسىشىمىز زۆرۈر (‏يۇ‌ھاننا 17:‏3؛‏ 1-‏پېتر.‏ 3:‏21‏)‏.‏ ئېسىڭىزدە بولسۇ‌نكى،‏ يە‌ھۋا بىزنى خۇ‌شال قىلىش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ئۆلچە‌ملىرىنى ئۆزگە‌رتمە‌يدۇ.‏ ئە‌كسىچە،‏ بىز ئۇ‌نىڭ ئۆلچە‌ملىرىگە ماس ياشاش ئۈچۈن ئۆزۈمىزنى ئۆزگە‌رتىشىمىز لازىم.‏—‏يە‌شايا 1:‏16–‏18؛‏ 55:‏9‏.‏

16.‏ نېمە ئۈچۈن تە‌ننىڭ ئاجىزلىقلىرىغا قارشى كۈرە‌ش قىلىشنى قە‌تئىي داۋاملاشتۇ‌رۇ‌شىڭىز كېرە‌ك؟‏

16 تە‌ننىڭ خاتا ئارزۇ-‏ھە‌ۋە‌سلىرىگە قارشى تۇ‌رۇ‌شنى داۋاملاشتۇ‌رۇ‌ڭ.‏ سىز سۇ‌غا چۆمۈلدۈرۈلگە‌ندىن كېيىنمۇ،‏ داۋاملىق تە‌ننىڭ خاھىشىغا قارشى كۈرە‌ش قىلىشىڭىز كېرە‌ك.‏ ماۋرىسىيو ئىسىملىك كىشىنىڭ كە‌چۈرمىشلىرىگە دىققە‌ت قىلىڭ.‏ ئۇ ياش ۋاقىتلىرىدا ئۇ‌خشاش جىنسلىقىلار بىلە‌ن ئە‌خلاقسىز تۇ‌رمۇ‌ش كە‌چۈرۈشكە باشلىغان.‏ ئاخىرىدا،‏ ئۇ يە‌ھۋانىڭ خە‌لقىنى ئۇ‌چرىتىپ،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى تە‌تقىق قىلىشنى باشلىغان.‏ ئۇ ھايات كە‌چۈرۈش ئۇ‌سۇ‌لىنى ئۆزگە‌رتىپ،‏ 2002-‏يىلى سۇ‌غا چۆمۈلدۈرۈلگە‌ن.‏ گە‌رچە ھازىر يە‌ھۋاغا خىزمە‌ت قىلغىنىغا ئۇ‌زۇ‌ن يىل بولغان بولسىمۇ،‏ ماۋرىسىيو مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «مە‌ن شۇ‌نى ئېتىراپ قىلىشىم كېرە‌ككى،‏ مە‌ن بە‌زىدە نامۇ‌ۋاپىق ئارزۇ-‏ھە‌ۋە‌سلە‌رگە قارشى كۈرە‌ش قىلىشىم كېرە‌ك».‏ ئۇ بۇ‌نىڭ ئۇ‌نى ئۈمىدسىزلە‌ندۈرىشىگە يول بە‌رمە‌يدۇ.‏ ئە‌كسىچە،‏ ئۇ مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «مە‌ن شۇ ئارزۇ-‏ھە‌ۋە‌سلە‌رگە ئە‌گە‌شمە‌سلىكنى تاللاش ئارقىلىق،‏ يە‌ھۋانى خۇ‌رسە‌ن قىلالايدىغانلىقىمنى بىلگە‌چ،‏ كۆڭلۈم تە‌سە‌للى تاپىدۇ d‏.‏

17.‏ نە‌بىخانىڭ كە‌چۈرمىشلىرىدىن نېمىلە‌رنى ئۆگە‌ندىڭىز؟‏

17 دۇ‌ئا قىلىپ يە‌ھۋادىن ياردە‌م سوراڭ ۋە ئۆز كۈچىڭىزگە تايانماي،‏ ئۇ‌نىڭ روھىغا تايىنىڭ.‏ (‏گالاتىيا.‏ 5:‏22؛‏ فىلىپى.‏ 4:‏6‏)‏.‏ ئە‌گە‌ر كونا مىجە‌ز-‏خۇ‌لقىمىزنى تاشلاپ،‏ ئۇ‌نىڭدىن يىراق تۇ‌رۇ‌شنى خالىساق،‏ چوقۇ‌م كۆپ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىمىز كېرە‌ك.‏ نە‌بىخا ئىسىملىك بىر ئايالنىڭ كە‌چۈرمىشلىرىنى كۆرۈپ باقايلى.‏ ئە‌مدىلا ئالتە ياشقا كىرگە‌ندە،‏ دادىسى ئۇ‌نى تاشلىۋە‌تكە‌نىدى.‏ ئۇ:‏ «بۇ ماڭا روھىي ۋە ھېسسىي جە‌ھە‌تتىن ئېغىر زە‌ربە بولغان»،‏—‏ _دە‌يدۇ.‏ يېشىنىڭ چوڭىيىشىغا ئە‌گىشىپ،‏ نە‌بىخا بارغانسېرى ئاچچىقچان ۋە تىلى زە‌ھە‌ردە‌ك قوپال ئايال بولغان.‏ ئۇ زە‌ھە‌رلىك چېكىملىكلە‌رنى سېتىشقا باشلىغان ۋە قولغا ئېلىنىپ بىرقانچە يىل تۈرمىدە ياتقان.‏ تۈرمىنى زىيارە‌ت قىلىپ،‏ ۋە‌ز ئېيتقان گۇ‌ۋاھچىلار ئۇ‌نىڭ بىلە‌ن بىللە مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب تە‌تقىق ئۆگىنىشنى باشلىغان.‏ شۇ‌نىڭ بىلە‌ن،‏ نە‌بىخا ھە‌يران قالارلىق چوڭ ئۆزگە‌رتىشلە‌رنى قىلغان ئۇ مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «بە‌زى يامان ئادە‌تلىرىمنى تاشلاش ئاسان بولدى،‏ ئە‌مما تاماكا تاشلاشتا بە‌ك قىينالدىم».‏ نە‌بىخا بىر يىلدىن كۆپرە‌ك جاپالىق كۈرە‌ش قىلىپ،‏ تاماكىنى ئاخىرى تاشلىغان ئىدى.‏ بۇ‌نى قانداق قىلالىغان؟‏ ئۇ مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «تاماكىنى تاشلاشقا ياردە‌م سوراپ يە‌ھۋاغا توختىماي دۇ‌ئا قىلدىم».‏ ئۇ ھازىر باشقىلارغا:‏ «مە‌ن يە‌ھۋانى خۇ‌رسە‌ن قىلىش ئۈچۈن ئۆزۈمنى ئۆزگە‌رتە‌لىگە‌ن ئىكە‌نمە‌ن،‏ ھە‌رقانداق كىشىنىڭ ھە‌م شۇ‌نداق قىلالايدىغانلىقىغا ئىشىنىمە‌ن!‏»—‏ دە‌يدۇ e‏.‏

سۇ‌غا چۆمۈلدۈرۈلۈشكە لاياقە‌تلىك بولالايسىز!‏

18.‏ 1-‏كورىنتلىقلار 6:‏9–‏11-‏ئايە‌تلە‌رگە ئاساسلانغاندا،‏ خۇ‌دانىڭ نۇ‌رغۇ‌نلىغان خىزمە‌تچىلىرى نېمە قىلالىغان؟‏

18 بىرىنچى ئە‌سىردە،‏ يە‌ھۋا تە‌رىپىدىن ئە‌يسا مە‌سىھ بىلە‌ن بىرلىكتە پادىشاھلار بولۇ‌شقا تاللانغان بە‌زى ئە‌رلە‌ر ۋە ئاياللار ئىلگىرى يامان ئادە‌تلە‌رگە قۇ‌ل بولۇ‌پ ياشىغان ئىدى.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ ئۇ‌لار زىناخورلار،‏ ئوخشاش جىنسلىقلار بىلە‌ن جىنسىي مۇ‌ناسىۋە‌ت قىلغۇ‌چىلار ۋە ئوغرىلار ئىدى.‏ ئە‌مما،‏ خۇ‌دانىڭ مۇ‌قە‌ددە‌س روھىنىڭ ياردىمىدە،‏ ئۇ‌لار مىجە‌ز-‏خۇ‌لقلىرىنى ئۆزگە‌رتە‌لىگە‌ن ‏(‏1-‏كورىنتلىقلار 6:‏9–‏11-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ خۇ‌ددى شۇ‌نىڭدە‌ك بۈگۈنكى كۈندىمۇ،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب مىليونلىغان كىشىلە‌رنىڭ ھاياتىنى ئۆزگە‌رتىشىگە ياردە‌م بېرىۋاتىدۇ f‏.‏ ئۇ‌لار ئۆزلىرىدە چوڭقۇ‌ر يىلتىز تارتقان يامان ئادە‌تلە‌رنى قومۇ‌رۇ‌پ تاشلىدى.‏ ئۇ‌لارنىڭ مىسالى شۇ‌نى ئىسپاتلايدۇ‌كى،‏ سىزمۇ مىجە‌ز-‏خۇ‌لقلىرىڭىزنى ئۆزگە‌رتىپ،‏ يامان ئادە‌تلە‌رنى تاشلاپ،‏ سۇ‌غا چۆمۈلدۈرۈشكە لاياقە‌تلىك بولالايسىز!‏

19.‏ كېيىنكى ماقالىدە نېمىنى مۇ‌ھاكىمە قىلىمىز؟‏

19 سۇ‌غا چۆمۈلدۈرۈلۈشنى خالايدىغانلار كونا تە‌بىئە‌ت،‏ يە‌نى مىجە‌ز-‏خۇ‌لقىنى چۆرۈپ تاشلاشتىن باشقا،‏ يە‌نە يېڭى تە‌بىئە‌تنى كىيىش ئۈچۈن چوقۇ‌م تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى كېرە‌ك.‏ كېيىنكى ماقالىدە،‏ يېڭى تە‌بىئە‌تنى قانداق كىيە‌لە‌يمىز ۋە شۇ‌نداق قىلىشىمىزغا باشقىلار قانداق ياردە‌م بېرە‌لە‌يدۇ دېگە‌نلە‌رنى مۇ‌ھاكىمە قىلىمىز.‏

6-‏ناخشا خۇ‌دا خىزمە‌تچىسىنىڭ دۇ‌ئاسى

a چۆمدۈرۈلۈش لاياقىتىگە ئىگە بولۇ‌ش ئۈچۈن،‏ چوقۇ‌م ئۆزۈمىزنىڭ مىجە‌ز-‏خۇ‌لقلىرىنى ئۆزگە‌رتىشىمىز كېرە‌ك.‏ بۇ ماقالە بىزگە كونا تە‌بىئە‌تنىڭ نېمە ئىكە‌نلىكى،‏ نېمە ئۈچۈن شۇ كونا تە‌بىئە‌تلىرىمىزنى تاشلىشىمىز كېرە‌كلىكى ۋە شۇ‌نى قانداق قىلالايدىغانلىقىمىزنى كۆرۈپ يېتىشىمىزگە ياردە‌م بېرىدۇ.‏ كېيىنكى ماقالىدە،‏ ھە‌تتا چۆمۈلدۈرۈلگە‌ندىن كېيىن،‏ داۋاملىق يېڭى تە‌بىئە‌تنى كىيىش ئۈچۈن نېمە قىلالايدىغانلىقىمىزنى ئۆگىنىمىز.‏

b سۆز-‏ئىبارە مە‌نىسى:‏ «كونا تە‌بىئە‌تنى سېلىپ تاشلاش»‏ يە‌ھۋانىڭ كۆڭلىنى رە‌نجىتىدىغان كۆزقاراش ۋە خاھىشلاردىن يىراق تۇ‌رۇ‌شنى كۆرسىتىدۇ.‏ ئۇ‌نى سۇ‌غا چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن بۇ‌رۇ‌ن باشلاش كېرە‌ك.‏​—‏ئە‌فە‌س.‏ 4:‏22‏.‏

c كۆپرە‌ك تە‌پسىلاتلارنى بىلىش ئۈچۈن «كۈزىتىش مۇ‌نارى»،‏ 2012-‏يىل،‏ 1-‏ئاپرېل سانىدا نە‌شىر قىلىنغان «‏مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ھاياتنى ئۆزگە‌رتىدۇ _ مە‌ن يە‌ھۋاغا قايتىشىم كېرە‌ك ئىدى‏» دېگە‌ن ماقالىنى ئوقۇ‌ڭ‏.‏

d كۆپرە‌ك تە‌پسىلاتلارنى بىلىش ئۈچۈن «كۈزىتىش مۇ‌نارى»،‏ 2012-‏يىل،‏ 1-‏ماي سانىدا نە‌شىر قىلىنغان «‏مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ھاياتنى ئۆزگە‌رتىدۇ _ ئۇ‌لار ماڭا بە‌ك ياخشى مۇ‌ئامىلە قىلدى‏» دېگە‌ن ماقالىنى ئوقۇ‌ڭ.‏

e كۆپرە‌ك تە‌پسىلاتلارنى بىلىش ئۈچۈن «كۈزىتىش مۇ‌نارى»،‏ 2012-‏يىل،‏ 1-‏ئۆكتە‌بىر سانىدا نە‌شىر قىلىنغان «‏مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ھاياتنى ئۆزگە‌رتىدۇ _ مە‌ن ئاچچىقچان،‏ تىلى زە‌ھە‌ردە‌ك قوپال ئايال ئېدىم‏» دېگە‌ن ماقالىنى ئوقۇ‌ڭ‏.‏

f ‏«‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ھاياتنى ئۆزگە‌رتىدۇ‏» دېگە‌ن رامكىغا قاراڭ.‏

g سۈرە‌تتە:‏ يامان ئوي-‏پىكىرلە‌ر ۋە ئادە‌تلە‌رنى تاشلاش خۇ‌ددى كونا كىيىمنى سېلىپ،‏ سېلىپ تاشلىغانغا ئوخشاش