11-تەتقىق ماقالىسى
چۆمۈلدۈرۈلگەندىن كېيىن، «يېڭى تەبىئەتنى» داۋاملىق كىيىڭلار
«يېڭى تەبىئەتنى كىيىڭلار».—كولوسى. 3:10.
11-ناخشا يەھۋانىڭ كۆڭلىنى خۇش قىلىش
بۇ ماقالىدە a
1. مىجەز-خۇلقىمىزغا ئاساسلىقى نېمە تەسىر كۆرسىتىدۇ؟
بىز پەقەت بىرنەچچە كۈن ئاۋۋال ياكى نەچچە ئون يىل بۇرۇن سۇغا چۆمۈلدۈرۈلگەن بولايلى، ھەممىمىز يەھۋا ياقتۇرىدىغان مىجەز-خۇلقلارغا ئىگە بولۇشنى خالايمىز. بۇنداق ئادەم بولۇش ئۈچۈن ئوي-پىكرىمىزنى كونترول قىلىشىمىز كېرەك. نېمە ئۈچۈن؟ چۈنكى، مىجەز-خۇلقىمىزغا ئاساسلىقى ئوي-پىكىرلىرىمىز كۆپ تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئەگەر بىز دائىم تېنىمىزنىڭ ئارزۇ-ھەۋەسلىرى خالىغان ئىشلارنى ئويلىساق، يامان گەپ-سۆز ياكى ئىشلارنى قىلىمىز (ئەفەس. 4:17–19). ئەكسىنچە، ئەگەر مېڭىمىز ياخشى ئوي-پىكىرلەرگە تولسا، ياراتقۇچىمىز يەھۋانى خۇرسەن قىلدىغان گەپ-سۆز ۋە ئىشلارنى قىلىشىمىز مۇمكىن.—گالاتىيا. 5:16.
2. بۇ ماقالىدە قايسى سوئاللارغا جاۋاب ئالىمىز؟
2 ئالدىنقى ماقالىدە تىلغا ئېلىنغاندەك، بىز بارلىق يامان ئوي-خىياللارنىڭ كالىمىزغا كىرىشىنى توسالمايمىز. ئەمما، بىز شۇنداق ئوي-پىكىرلەرگە ئەگىشىپ، ئىش قىلماسلىقنى تاللىيالايمىز. بىز چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئىلگىرى، يەھۋا ئۆچ كۆرىدىغان ئۇسۇلدا سۆزلەش ۋە ئىش قىلىشنى توختىتىشىمىز كېرەك. بۇ كونا تەبىئەتنى چۆرۈپ تاشلاشنىڭ بىرىنچى ۋە ئەڭ مۇھىم قەدىمىدۇر. يەھۋانى تولۇق خۇرسەن قىلىش ئۈچۈن، يەنە «يېڭى تەبىئەتنى كىيىڭلار»، دېگەن بۇيرۇققا چوقۇم بويسۇنۇشىمىز لازىم (كولوسى. 3:10). بۇ ماقالىدە تۆۋەندىكى سوئاللارغا جاۋاب ئالىمىز: «يېڭى تەبىئەت» دېگەن نېمە؟ يېڭى تەبىئەتنى كىيىش ۋە ئۇنى داۋاملىق ساقلاش ئۈچۈن نېمە قىلالايمىز؟
يېڭى تەبىئەت دېگەن نېمە؟
3. گالاتىيالىقلار 5:22، 23-ئايەتلەرگە ئاساسلانغاندا، يېڭى تەبىئەت دېگەن نېمە ۋە بىر ئادەم ئۇنى قانداق كىيىدۇ؟
3 يېڭى تەبىئەت يەھۋانىڭ پەزىلەتلىرىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان ئۇسۇلدا ئوي-پىكىر ۋە ئىش قىلىشنى بىلدۈرىدۇ. يېڭى تەبىئەتنى كىيگەن بىر ئادەم خۇدانىڭ روھىنىڭ مېۋىسىنى نامايان قىلىدۇ ۋە مۇقەددەس روھنىڭ ئۇنىڭ ئوي-خىيالى، ھېس-تۇيغۇلىرى ۋە ئىش-ھەرىكەتلىرىگە تەسىر قىلىشىغا يول بېرىدۇ (گالاتىيالىقلار 5:22، 23-نى ئوقۇڭ). مەسىلەن، ئۇ يەھۋا ۋە ئۇنىڭ خەلقىنى سۆيىدۇ (مەتتا 22:36–39). سىناقلارغا بەرداشلىق بەرگەندىمۇ خۇشاللىقىنى ساقلايدۇ (ياقۇپ 1:2–4). ئۇ تىنچلىقپەرۋەر (مەتتا 5:9). باشقىلار بىلەن ئالاقە قىلغاندا، سەۋرچان ۋە مېھرىبان (كولوسى. 3:13). ئۇ ياخشى ئىشنى سۆيىدۇ ۋە ئۇنى قىلىدۇ (لۇقا 6:35). ئۇ ئۆز ئىش-ھەرىكەتلىرى ئارقىلىق ئەرشتىكى ئاتىسىغا بولغان كۈچلۈك ئىمان-ئېتىقادىنىڭ بارلىقىنى ئىسپاتلايدۇ (ياقۇپ 2:18). باشقىلار ھاقارەتلىگەندە ياكى جېدەللەشمەكچى بولغاندا، ئۇ ئۆزىنى تۇتۇۋېلىپ، مۇلايىملىقنى ساقلايدۇ.—1-كورىنت. 9:25، 27؛ تىتۇس 3:2.
4. يېڭى تەبىئەتنى كىيىش ئۈچۈن، نېمىشقا گالاتىيالىقلار 5:22، 23- ۋە باشقا ئايەتلەردە تىلغا ئېلىنغان بارلىق پەزىلەتلەرنى يېتىلدۈرۈشىمىز لازىم؟ چۈشەندۈرۈڭ.
4 يېڭى تەبىئەتنى كىيىش ئۈچۈن، گالاتىيالىقلار 5:22، 23-ئايەتلەردە ۋە مۇقەددەس كىتابتىكى باشقا ئايەتلەردە تىلغا ئېلىنغان بارلىق پەزىلەتلەرنى يېتىلدۈرۈشىمىز لازىم b. بۇ سۈپەتلەر بىر قېتىمدا، بىرىنى كىيىدىغان ئايرىم-ئايرىم بۆلەك ئەمەس. ئەمەلىيەتتە، بۇ سۈپەتلەرنىڭ تەرەپلىرىنى باشقا سۈپەتلەردىن تاپقىلى بولىدۇ. مەسىلەن، ئەگەر قوشنىڭىزنى ھەقىقىي سۆيسىڭىز، ئۇنىڭغا سەۋرچان ۋە مېھرىبانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىسىز. ھەقىقىي ياخشى ئادەم بولۇش ئۈچۈن چوقۇم مۇلايىم بولۇشىڭىز ۋە ئۆزىنى كونترول قىلىشىڭىز كېرەك.
يېڭى تەبىئەتنى قانداق كىيەلەيمىز؟
ئەيساغا ئوخشاش ئوي-پىكىر قىلىشنى ئۆگەنگەنسېرى، ئۇنىڭ پەزىلەتلىرىنى تېخىمۇ ياخشىراق ئۈلگە قىلالايمىز (5، 8، 10، 12، 14-ئابزاسلارغا قاراڭ)
5. ئوي-پىكىرىمىز مەسىھنىڭكىگە ئوخشاش بولۇش دېگەن نېمە بىلدۈرىدۇ ۋە نېمە ئۈچۈن ئەيسانىڭ ھاياتى ھەققىدە ئۆگىنىشىمىز كېرەك؟ (1-كورىنتلىقلار 2:16)
5 1-كورىنتلىقلار 2:16-نى ئوقۇڭ. يېڭى تەبىئەتنى كىيىش ئۈچۈن، بىزنىڭ ئوي-پىكىرىمىز ئەيسا مەسىھنىڭكىگە ئوخشاش بولۇشى كېرەك. باشقىچە ئېيتقاندا، بىز چوقۇم ئەيسادەك ئوي-پىكىر قىلىشنى ئۆگىنىشىمىز، ئاندىن ئۇنى ئۈلگە قىلىشىمىز لازىم. ئەيسا مەسىھ مۇقەددەس روھنىڭ مېۋىسىنى مۇكەممەل نامايان قىلغان ئىدى. خۇددى نۇقسانسىز ئەينەككە ئوخشاش، ئۇ يەھۋانىڭ پەزىلەتلىرىنى ئەينەن ئەكس ئەتتۈرىدۇ (ئىبرانىي. 1:3). بىز قانچە كۆپ ئەيساغا ئوخشاش ئوي-پىكىر قىلغانسېرى، ئۇنىڭغا ئوخشاش ئىش-ھەرىكەت قىلىمىز ۋە ئۇنىڭ مىجەز-خۇلق، يەنى تەبىئىتىنى شۇنچە مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەكس ئەتتۈرەلەيمىز.—فىلىپى. 2:5.
6. يېڭى تەبىئەتنى كىيىشكە تىرىشقاندا، قايسى پاكىتلارنى ئەستە ساقلىشىمىز كېرەك؟
6 بىز ئەيسانى ئەگىشەلەيمىزمۇ، دەپ گۇمان قىلىشىمىز مۇمكىن؟ بەلكىم شۇنداق ئويلايمىز: «ئەيسا مۇكەممەل. مەن ھەرگىزمۇ پۈتۈنلەي ئۇنىڭغا ئوخشاش بولالمايمەن!». ئەگەر شۇنداق ھېس قىلسىڭىز، مۇشۇ پاكىتلارنى ئېسىڭىزدە تۇتۇڭ: بىرىنچى، سىز يەھۋا ۋە ئەيسانىڭ ئوبرازىدا يارىتىلغان. شۇڭا، سىز ئۇلارنى ئۈلگە قىلىشنى تاللىسىڭىز بولىدۇ ۋە ھېچ بولمىغاندا مەلۇم دەرىجىدە مۇۋەپپەقىيەت قازىنالايسىز (يارىت. 1:26). ئىككىنچى، خۇدانىڭ مۇقەددەس روھى كائىناتتىكى ئەڭ كۈچلۈك كۈچتۇر. ئۇنىڭ ياردىمىدە، سىز ئۆزىڭىز قىلالمايدىغان ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرالايسىز. ئۈچىنچى، يەھۋا ھازىرنىڭ ئۆزىدە روھنىڭ مېۋىسىنى مۇكەممەل نامايان قىلىشىڭىزنى تەلەپ قىلمايدۇ. ئەمەلىيەتتە، مېھىر-شەپقەتلىك ئاتىمىز يەر يۈزىدە ياشاش ئۈمىتى بارلارنىڭ مۇكەممەل بولۇشى ئۈچۈن 1000 يىل ۋاقىت بېرىدۇ (ۋەھىي. 20:1–3). يەھۋانىڭ ھازىر بىزدىن تەلەپ قىلىدىغىنى بولسا، كۈچىمىزنىڭ يېتىشىچە تىرىشىش ۋە ئۇنىڭغا تايىنىش!
7. ھازىر نېمىنى مۇھاكىمە قىلىمىز؟
7 ئەيسانى قانداق ئۈلگە قىلالايمىز؟ بىز خۇدا روھىنىڭ مېۋىسىنىڭ تۆت تەرەپتىن قىسقىچە مۇھاكىمە قىلىپ چىقىمىز. ھەربىر ئەھۋالدا، ئەيسانىڭ شۇ پەزىلەتلەرنى نامايان قىلىش ئۇسۇلىدىن نېمىلەرنى ئۆگىنەلەيدىغانلىقىمىزنى كۆرىمىز. شۇنداق قىلغىنىمىزدا، يېڭى تەبىئەتنى كىيىش ئۈچۈن قايسى جەھەتتىن ياخشى قىلغانلىقىمىزنى تەكشۈرۈشكە ياردەم بېرىدىغان بەزى سوئاللار ئۈستىدە مۇلاھىزە قىلىمىز.
8. ئەيسا سۆيگۈ-مۇھەببىتىنى قانداق كۆرسەتكەن؟
8 ئەيسانىڭ يەھۋاغا بولغان چوڭقۇر سۆيگۈ-مۇھەببىتى، ئۆزىنى يەھۋا ۋە بىز ئۈچۈن قۇربانلىق قىلىشقا ئۈندىگەن (يۇھاننا 14:31؛ 15:13). ئەيسا ئۆزىنىڭ يەر يۈزىدىكى ھاياتى ئارقىلىق ئىنسانلارغا بولغان چوڭقۇر مۇھەببىتىنى ئىسپاتلىغان. بەزىلەر ھەتتا ئۇنىڭغا قارشى تۇرسىمۇ، ئۇ ھەر كۈنى كىشىلەرگە كۆيۈنۈپ، ئۇلارغا ئىچ ئاغرىتقان. ئۇنىڭ كىشىلەرگە سۆيگۈ-مۇھەببەت كۆرسىتىشىنىڭ مۇھىم بىر يولى، خۇدا پادىشاھلىقى توغرۇلۇق ئۇلار تەلىم بېرىش بولغان (لۇقا 4:43، 44). يەنە ئۇ گۇناھكارلارنىڭ قولىدا ئازاب چېكىپ، ئۆلتۈرۈلۈشكە رازى بولۇش ئارقىلىق خۇداغا ۋە ئىنسانلارغا بولغان چوڭقۇر سۆيگۈ-مۇھەببىتىنى ئىپادىلىگەن. شۇ ئارقىلىق، ئۇ بىز ھەممىمىزنىڭ مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشىشىگە يول ئاچقان.
9. سۆيگۈ-مۇھەببەت كۆرسىتىشتە ئەيسانى قانداق ئۈلگە قىلالايمىز؟
9 بىز ئەرشتىكى ئاتىمىز يەھۋانى سۆيگەچ، ئۆزۈمىزنى ئۇنىڭغا بېغىشلاپ، سۇغا چۆمۈلدۈرۈلدۇق. شۇڭا، بىز كىشىلەرگە خۇددى ئەيساغا ئوخشاش مۇئامىلە قىلىش ئارقىلىق يەھۋاغا بولغان سۆيگۈ-مۇھەببىتىمىزنى كۆرسىتىشىمىز كېرەك. ئەلچى يۇھاننا مۇنداق يازغان: «كۆرۈپ تۇرغان قېرىندىشىنى سۆيمىگەن كىشى، كۆرۈپ باقمىغان خۇدانى قانداقمۇ سۆيەلىسۇن؟» (يۇھاننا 1-خ. 4:20) ئۆزۈمىزدىن مۇنداق سوراپ كۆرسەك بولىدۇ: «مەن كىشىلەرنى چىن قەلبىمدىن سۆيۈمەنمۇ؟ باشقىلار بىلەن ئالاقىدە بولغاندا، ئۇلار ماڭا قوپاللىق قىلسىمۇ، مەن كۆيۈمچانمۇ؟ سۆيگۈ-مۇھەببەت مېنى ۋاقتىم ۋە بايلىقلىرىمنى ئىشلىتىپ، باشقىلارنىڭ يەھۋا ھەققىدە ئۆگىنىشىگە ياردەم بېرىشكە دەۋەت قىلامدۇ؟ ھەتتا كۆپ ساندىكى كىشىلەر تىرىشچانلىقىمنى قەدىرلىمىسىمۇ ياكى ماڭا قارشى چىقسىمۇ، مەن بۇنى قىلىشنى خالايمەنمۇ؟ مەن شاگىرت يېتىشتۈرۈش خىزمىتىگە كۆپرەك ۋاقىت سەرپ قىلىشنىڭ يوللىرىنى تاپالىدىممۇ؟»—ئەفەس. 5:15، 16.
10. ئەيسا تىنچلىقپەرۋەر ئادەم ئىكەنلىكىنى قانداق كۆرسەتكەن؟
10 ئەيسا تىنچلىقپەرۋەر ئادەم بولغان. كىشىلەر ئۇنىڭغا ناچار مۇئامىلە قىلغاندا، ئۇ يامانلىقنى يامانلىققا قايتۇرمايلا قالماي، يەنە باشقا ئىشلارنى قىلغان. ئۇ تەشەببۇسكارلىق بىلەن تىنچلىق ئورنىتىپ، باشقىلارنى تالاش-تارتىشلارنى ھەل قىلىشقا ئىلھاملاندۇرغان. مەسىلەن، ئۆز ئىبادەتلىرىنى يەھۋانىڭ قوبۇل قىلىشىنى خالىغان كىشى، چوقۇم ئۆز قېرىندىشى بىلەن تىنچلىق ئورنىتىشى كېرەكلىكىنى ئۇلارغا ئۆگەتكەن (مەتتا 5:9، 23، 24). ئۇ ئەلچىلىرى ئارىسىدا كىمنىڭ ئۇلۇغراق ئىكەنلىكى توغرىسىدىكى تالاش-تارتىشنى ھەل قىلىشقا كۆپ قېتىم ياردەم بەرگەن.—لۇقا 9:46–48؛ 22:24–27.
11. تىنچلىقپەرۋەر بولۇش ئۈچۈن نېمە قىلالايمىز؟
11 تىنچلىقپەرۋەر بولۇش ئۈچۈن، بىز پەقەت جېدەل-ماجىرا كەلتۈرۈپ چىقىرىشتىن ساقلىنىپ قالماي، يەنە تەشەببۇسكارلىق بولۇپ باشقىلار بىلەن تىنچلىق ئورنىتىشىمىز ۋە قېرىنداشلىرىمىزنىمۇ كېلىشمەسلىكلەرنى ھەل قىلىشقا ئىلھاملاندۇرۇشىمىز كېرەك (فىلىپى. 4:2، 3؛ ياقۇپ 3:17، 18). ئۆزۈمىزنى مۇشۇ سوئاللارنى سوراپ كۆرسەك بولىدۇ: باشقىلار بىلەن تىنچلىقنى ساقلاش ئۈچۈن قانداق قۇربانلىقنى بېرىشكە تەييارمەن؟ بىر قېرىنداش كۆڭلۈمنى ئاغرىتقاندا، ئۇنىڭغا ئۆچمەنلىك ساقلاپ يۈرىمەنمۇ؟ تەن قارشى تەرەپنىڭ تىنچ-ئىناقلىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئالدىمغا تەشەببۇسكارلىق بىلەن كېلىشىنى كۈتىۋاتىمەنمۇ ياكى قارىماققا قارشى تەرەپ بۇ مەسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولسىمۇ، بىرىنچى قەدەمنى مەن تاشلايمەنمۇ؟ زۆرۈر تېپىلغاندا، ئارىسىدا كېلىشمەسلىك بولغانلارنى ئۆز-ئارا تىنچلىق ئورنىتىشقا ئىلھاملاندۇرىمەنمۇ؟
12. ئەيسا مېھرىبانلىقىنى قانداق كۆرسەتكەن؟
12 ھەزرىتى ئەيسا مېھرىبان كىشى بولغان (مەتتا 11:28–30). ئۇ قىيىن ئەھۋاللاردىمۇ مۇلايىم بىلەن باشقىلارغا يول قويۇش ئارقىلىق مېھرىبانلىقىنى كۆرسەتكەن. مەسىلەن، ئەيسادىن فىنىكىيىلىك بىر ئايال بالىسىنى ساقايتىشنى ئۆتۈنگەندە، ئۇ دەسلەپتە ئايالنىڭ ئۆتۈنۈشىنى رەت قىلغان، ئەمما ئايال كۈچلۈك ئىشەنچىنى كۆرسەتكەندە، مېھرىبانلىق بىلەن ئايالنىڭ بالىسىنى ساقايتقان ئىدى (مەتتا 15:22–28). گەرچە ئەيسا ئىنتايىن مېھرىبان بولسىمۇ، ئۇ ھېس-تۇيغۇلىرىغا تايىنىپ ئىش قىلمىغان؛ زۆرۈر بولغاندا، ئۆزى سۆيگەن كىشىلەرگە كەسكىن نەسىھەت بەرگەن. مەسىلەن، پېترۇس ئەيسانى يەھۋانىڭ ئىرادىسىنى ئورۇنلاشتىن توسماقچى بولغاندا، ئەيسا ئۇنى باشقا شاگىرتلارنىڭ ئالدىدا ئەيىبلىگەن ئىدى (ماركۇس 8:32، 33). ئۇ بۇنى پېترۇسنىڭ يۈزىنى تۆكۈش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئۇنى تەربىيىلەش ۋە باشقا شاگىرتلارنى تەكەببۇرلۇق قىلماسلىققا ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈن قىلغان. شەك-شۈبھىسىزكى، پېترۇس بىر ئاز خىجىللىق ھېس قىلغان، شۇنداقتىمۇ ئۇ بۇ تەربىيىنىڭ پايدىسىنى كۆرگەن.
13. بىز قانداق قىلىپ سەمىمىي مېھرىبانلىق كۆرسىتەلەيمىز؟
13 ئۆزىڭىز سۆيگەن كىشىلەرگە سەمىمىي مېھرىبانلىق كۆرسىتىش ئۈچۈن، بەزىدە ئۇلارغا ئوچۇق-ئاشكارە، ئۇدۇل سۆزلەشكە توغرا كېلىدۇ. شۇنداق قىلغىنىڭىزدا، خۇدا سۆزىدىكى پرىنسىپلارغا ئاساسلىنىپ، نەسىھەت بېرىش ئارقىلىق ئەيسانى ئۈلگە قىلىڭ. باشقىلارغا مۇلايىم بولۇڭ؛ ئىجابىي كۆزقاراشتا بولۇڭ؛ يەھۋانى سۆيىدىغان ۋە سىزنى سۆيىدىغانلارنىڭ مېھىر-مۇھەببەتلىك نەسىھەت سۆزلىرىڭىزگە قۇلاق سالىدىغانلىقىغا ئىشىنىڭ. ئۆزىڭىزدىن: «مەن سۆيىدىغان كىشىلەردىن بىرى خاتا ئىش قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسەم، ئۇنىڭغا خاتالىقىنى كۆرسىتىپ بېرىشكە جۈرئەت قىلالايمەنمۇ؟ ئەگەر مەن نەسىھەت بېرىشكە توغرا كەلسە، مۇلايىملىق بىلەن سۆزلەيمەنمۇ ياكى قوپال سۆزلەيمەنمۇ؟ نەسىھەت بېرىشتىكى مەقسىتىم نېمە؟ بۇنداق قىلىشىم، بۇ كىشىدىن رەنجىگىنىم ئۈچۈنمۇ ياكى ئۇنىڭغا غەمخورلۇق قىلىش ئۈچۈنمۇ؟»، دەپ سوراپ كۆرۈڭ.
14. ئەيسا قانداق قىلىپ ياخشىلىق قىلغان ؟
14 ئەيسا نېمە ياخشى ئىكەنلىكىنى بىلىپلا قالماي، يەنە ئۇنى قىلغان. ئەيسا ئۆز ئاتىسىنى سۆيگەن، شۇڭا ئۇ ھەمىشە توغرا نىيەت-مەقسەت بىلەن توغرا ئىشلارنى قىلىدۇ. ئەيسانىڭ ئۈلگىسىدىن شۇنى كۆرەلەيمىزكى، ياخشى ئادەم ھەرقاچان باشقىلارغا ياخشىلىق قىلىش ئۈچۈن پۇرسەت ئىزدەيدۇ ۋە ياخشىلىق قىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، نېمە توغرا ئىكەنلىكىنى بىلىش يېتەرلىك ئەمەس، چوقۇم توغرا نىيەت-مەقسەت بىلەن قىلىشىمىز كېرەك. بەزىلەر: «خاتا نىيەت-مەقسەت بىلەنمۇ توغرا ئىش قىلىشقا بولامدۇ؟»— دەپ سورىشى مۇمكىن. شۇنداق، قىلىشقا بولىدۇ. مەسىلەن، ئەيسا بەزى كىشىلەرنىڭ كەمبەغەللەر سەدىقە بېرىپ، قىلغان ئىشىنى ھەممىلا ئادەمگە بىلدۈرۈشنى خالايدىغانلىقىنى ئېيتقان. قارىماققا، بۇ ياخشى ئىشتەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمما يەھۋانى خۇرسەن قىلمايدۇ.—مەتتا 6:1–4.
15. ھەقىقىي ياخشىلىق قىلىش ئۈچۈن نېمە قىلالايمىز؟
15 ھەقىقەتەن ياخشى ئادەم بولۇش ئۈچۈن بىز توغرا ئىشنى توغرا نىيەت بىلەن قىلىشىمىز كېرەك. شۇڭا ئۆزىڭىزدىن: «مەن نېمىنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى پەقەتلا بىلىمەنمۇ ياكى توغرا ئىشنى قىلىمەنمۇ؟ توغرا ئىشلارنى قىلىشتىكى مەقسىتىم نېمە؟»— دەپ سوراپ كۆرۈڭ.
يېڭى تەبىئىتىمىزنى قانداق ساقلاپ قالالايمىز؟
16. بىز ھەر كۈنى نېمە قىلىشىمىز كېرەك، نېمە ئۈچۈن؟
16 بىز ھەرگىزمۇ، سۇغا چۆمۈلدۈرۈپ، ئەمدى يېڭى تەبىئەتنى كىيدۇق، ھەممە ئىش پۈتتى دەپ ئويلىماسلىقىمىز كېرەك. بىز بۇ چىرايلىق يېڭى كىيىمنى ئاسراپ ساقلىشىمىز لازىم. بۇنى قانداق قىلالايمىز؟ بۇنى ھەر كۈنى خۇدانىڭ روھىنىڭ مېۋىسىنى نامايان قىلىش پۇرسەتلىرىنى ئىزدەش ئارقىلىق قىلالايمىز. نېمە ئۈچۈن؟ چۈنكى، يەھۋا ئۆزىنىڭ روھىنى ئىشلىتىپ ئۆز ئىرادىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ. شۇڭا، قانچە كۆپ تىرىشىپ، تۈرلۈك گۈزەل پەزىلەتلەرنى نامايان قىلساق، ئۇنىڭ روھىنىڭ ھەرىكەت كۈچى بىزگە تېخىمۇ كۆپ ياردەم بېرىدۇ (يارىت. 1:2). دېمەك، روھنىڭ مېۋىسى بىزنى ھەرىكەت قىلدۇرالايدۇ ۋە چوقۇم قىلدۇرۇشى كېرەك. مەسىلەن، مەسىھنىڭ شاگىرتى ياقۇپ: «ئىش-ھەرىكەتسىز ئىمان ھەم ئۆلۈكتۇر»، دەپ يازغان ئىدى (ياقۇپ 2:26). خۇدانىڭ روھىنىڭ مېۋىسىگە تەۋە بارلىق خۇسۇسىيەتلەر ئوخشاش. ھەر قېتىم روھنىڭ مېۋىسىنى نامايان قىلغىنىمىزدا، خۇدانىڭ روھىنىڭ بىزنى يېتەكلەۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىمىز.
17. بەزىدە روھنىڭ مېۋىسىنى نامايان قىلالمىساق، چوقۇم نېمە قىلىشىمىز كېرەك؟
17 ھەتتا نۇرغۇن يىللار ھەقىقەتتە بولغان ئېتىقادچىلارمۇ بەزىدە مۇقەددەس روھنىڭ مېۋىسىنى نامايان قىلالماسلىقى مۇمكىن. مۇھىمى، بەل قويۋەتمەسلىك كېرەك. بۇ مىسالنى كۆرۈپ باقايلى. ئەگەر ئۆزىڭىز ياقتۇرىدىغان كىيىمنى يىرتىپ قويدىڭىز دەيلى، دەرھال ئۇنى تاشلىۋېتەمسىز؟ ياق! بەلكىم، ئۇنى ئاۋايلاپ ياماپ قويىسىز.كېيىن تېخىمۇ ئېھتىياتچان بولىسىز. خۇددى شۇنىڭغا ئوخشاش، مەلۇم بىرىگە مېھرىبانلىق، سەۋر-تاقەت ياكى سۆيگۈ-مۇھەببەت كۆرسىتەلمىگەن بولسىڭىز، ئۈمىدسىزلىنىپ كەتمەڭ. سەمىمىيلىك بىلەن كەچۈرۈم سوراش شۇ كىشى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى قايتا ئەسلىگە كەلتۈرۈشىڭىزگە ياردەم بېرىدۇ. كەلگۈسىدە ئوخشاش خاتالىقنى قايتا تەكرارلىماسلىققا قارارىڭىز قەتئىي بولسۇن!
18. بىز نېمىگە قەتئىي ئىشىنەلەيمىز؟
18 ئەيسا قالدۇرغان ئۈلگىسى ئۈچۈن كۆپ مىننەتدارمىز! بىز ئۇنىڭ ئوي-پىكىرلىرى ياكى كۆزقارىشىنى ئۈلگە قىلغانسېرى، ئىش-ھەرىكەتلىرىمىز بارغانسېرى ئۇنىڭكىگە ئوخشايدۇ. بۇ ئارقىلىق يېڭى تەبىئەت، يەنى يېڭى مىجەز-خۇلقنى تېخىمۇ نامايان قىلالايمىز. بۇ تەتقىق ماقالىسىدە، بىز مۇقەددەس روھنىڭ مېۋىسىنىڭ پەقەت تۆت خۇسۇسىيەتلىرىنى كۆردۇق. سىز ۋاقىت چىقىرىپ، روھنىڭ مېۋىسىنىڭ باشقا خۇسۇسىيەتلىرىنىمۇ تەتقىق قىلىپ، ئاشۇ پەزىلەتلەرنى قانداق نامايان قىلىۋاتقانلىقىڭىز ھەققىدە ئويلىنىپ كۆرۈڭ. سىز بۇ ماۋزۇ ھەققىدىكى ماقالىلەرنىڭ تىزىملىكىنى «يەھۋا گۇۋاھچىلىرىنىڭ ئىزدىنىش كۆرسەتمىسى» ئاستىدىكى، «مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرىنىڭ ھاياتى» دېگەن ماۋزۇ ئاستىدىن، «روھنىڭ مېۋىسى» دېگەن كىچىك ماۋزۇنى تاپالايسىز. شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنەلەيمىزكى، ئەگەر كۈچىمىزنىڭ بارىچە تىرىشچانلىق كۆرسەتسەك، يەھۋا بىزنىڭ يېڭى تەبىئەتنى كىيىپ، ئۇنى ئۈستىمىزدىن سالماي ساقلىشىڭىزغا چوقۇم ياردەم بېرىدۇ.
29-ناخشا ساداقەتمەنلىكنى ساقلاپ يۈرۈش
a مەيلى كىم بولايلى، ئۆتمۈشىمىز قانداق بولسا-بولسۇن، بىز «يېڭى تەبىئەتنى» كىيەلەيمىز. شۇنداق قىلىش ئۈچۈن، بىز چوقۇم ئوي-پىكىر قىلىش ئۇسۇلىمىزنى داۋاملىق ئۆزگەرتىپ، ئەيسا مەسىھكە ئوخشاش بولۇشقا تىرىشىشىمىز لازىم. بۇ ماقالىدە، ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئوي-پىكىرى ۋە ئىش-ھەرىكەتلىرى توغرۇلۇق مىساللارنى كۆرۈپ چىقىمىز. بۇ يەنە بىزگە سۇغا چۆمۈلدۈرۈلگەندىن كېيىن، داۋاملىق ئەيسانى قانداق ئۈلگە قىلالايدىغانلىقىمىزنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
b گالاتىيالىقلار 5:22، 23-ئايەتلەر، خۇدانىڭ روھى بىزنىڭ يېتىلدۈرۈشىمىزگە ياردەم بېرەلەيدىغان ئېسىل سۈپەتلەرنىڭ تولۇق تىزىملىكىنى تەمىنلىمەيدۇ. بۇ ھەقتە مۇھاكىمە قىلىش ئۈچۈن، «كۈزىتىش مۇنارىنىڭ» 2020-يىل، ئىيۇن سانىدىكى «ئوقۇرمەنلەرنىڭ سوئاللىرى» دېگەن سەھىپىگە قاراڭ.